نىكاھ يېڭىلاپ تۇرۇش

نىكاھ يېڭىلاپ تۇرۇش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر، ئەر – خوتۇنلار ئارىسىدا ئۇنداق – مۇنداق جېدەل – ماجىرا يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئېنىق ھالدا تالاق يۈز بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا يىلدا بىر قېتىم نىكاھ يېڭىلاش كېرەك دەيدىكەن. بۇنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ نىكاھ يېڭىلاش قانداق ئەھۋاللاردا بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

نىكاھ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھالەتتە بولغان تەقدىردە، تاكى ئۇنى بىكار قىلىدىغان ئېنىق تالاق قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا نىكاھ يېڭىلاش زۆرۈر ئەمەس.

بەزى ئەھۋاللاردا ئالىملار نىكاھنى يېڭىلاشنى مۇۋاپىق كۆرگەن. مەسىلەن:

1. ئەر ياكى ئايالنىڭ ئاغزىدىن كۇفۇر ھېسابلىنىدىغان سۆز چىقىپ قالغان تەقدىردە، بەزى ئالىملار نىكاھنى يېڭىلاپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆرگەن.

2. نىكاھ قىلغان چاغدا ئەر ياكى ئايال ئىككىسىنىڭ بىرى ناماز ئوقۇمايدىغان بولۇپ، كېيىنچە، ناماز ئوقۇيدىغان بولغان بولسا، نىكاھنى يېڭىلىۋېتىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن. بۇ قاراش نامازنى پەقەت ئوقۇمايدىغان كىشى «كافىر» دېگەن قاراشقا تايانغان بولۇپ، بۇ يەنىلا بىرىنچى ئەھۋالدىكى ئاغزىدىن كۇفۇر سۆز چىقىپ كەتكەن ئەھۋالغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، كۇفۇر سۆزنى قىلغاندا نىكاھقا تەسىر يېتىدۇ.

3. ۋەلىينى شەرت قىلغان ئالىملار ۋەلىيسىز نىكاھ قىلغان ئەھۋالدا ۋەلىي بىلەن نىكاھنى قايتىدىن قىلىۋېتىشنى توغرا تاپقان.

دېمەك، كۇفۇر ھالىتىدە ياكى نىكاھنىڭ بىرەر شەرتى توشمىغان ئەھۋالدا قىلىنغان نىكاھ بولسا، كېيىن بۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن نىكاھ يېڭىلاش بار.

ئەمما، باشقا ئەھۋاللاردا ۋۇجۇدقا چىققان توغرا نىكاھ بۇزۇلمىسا ئۇنى يېڭىلاش ھاجەتسىز، يېڭىلايمەن دېسە بۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى، نىكاھقا تەسىرى يوق، ئىككىنچى نىكاھ تەكىتلەش بولىدۇ. يېڭىدىن مەھرى كەتمەيدۇ. لېكىن، يېڭىلىمىغان تۈزۈك.

شۇنداقلا بەزىدە بىر يەردە تولۇق پۈتۈپ بولغان نىكاھنى رەسمىيەت ياكى باشقا سەۋەب تۈپەيلىدىن باشقا ئورۇندا ياكى باشقا بىر شەھەردە قايتىدىن قىلىش كېرەك بولسا، زىيىنى يوق. بۇنىڭدىمۇ ئىككىنچى نىكاھ تەكىتلەش بولىدۇ. يېڭىدىن مەھرى كەتمەيدۇ.

يەنە ئۇزۇن مەزگىل ئايرىلىپ تۇرۇش ياكى بىر يەرگە جەم بولالماسلىق سەۋەبىدىن ئېھتىيات قىلىپ نىكاھ يېڭىلىمىسىمۇ بولىدۇ، يېڭىلىغۇسى كەلسە يېڭىلىسا بۇ ھېچ نەرسىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، چۈنكى بۇ بۇرۇنقى نىكاھنى تەكىتلەشتۇر.

ئەگەر ئايال تەرەپ نىكاھنى يېڭىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا ئەر بۇنىڭغا ماقۇل كەلسە، بۇ نىكاھنى بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولمايدۇ. پەقەتلا تەكىتلەپ قويۇش بولىدۇ.

سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دەرەخنىڭ سايىسىدا بەيئەت قىلغان، شۇ چاغدا ماڭا:

— ئى سەلەمە! بەيئەت قىلمامسەن؟ — دېۋىدى، مەن:

— مەن دەسلەپكىدىلا بەيئەت قىلىپ بولغان، —دېسەم، رەسۇلۇللاھ:

— كېيىنكىسىدىمۇ يەنە قىلغىن، — دېدى.(1)

«مۇسلىم» رىۋايەتىدە «سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 3 قېتىم بەيئەت قىلغان».(2)

يۇقىرىقى ھەدىس شەرھىدە ھافىز ئىبنى ھەجەر ئېيتىدۇ: «ئىبنۇلمۇنەييىر: ‹بۇ ھەدىستىن نىكاھتىكى ۋە باشقا توختاملاردىكى لەۋزنى قايتىلاش دەسلەپكى توختامنى بۇزۇۋەتكەنلىك بولمايدىغانلىقى چىقىدۇ، بۇ ئاشۇنداق دەپ قارىغان شافىئىي مەزھەبتىكىلەرنىڭ قارىشىغا خىلاپتۇر› دېگەن. مەن دەيمەنكى، شافىئىي مەزھەبتىكى توغرا قاراش بولسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئوخشاش قايتىلاش دەسلەپكى توختامنى بىكار قىلىۋەتكەنلىك بولمايدۇ، دېگەن قاراشتۇر».(3)

ئەگەر نىكاھ يېڭىلاشنى تالاق قىلغانلىققا ئىقرار قىلغانلىق دەپ قارىساق، يېڭى نىكاھ قىلغاندا يېڭى تويلۇق بېرىشى ۋاجىب بولىدۇ. بۇ ئەھۋال 3 قېتىم تەكرارلانغان ئەھۋالدا 3 – قېتىمدىن كېيىن ئايالنى قايتا نىكاھ قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، نىكاھ يېڭىلاش ئىشىنى تالاقنى ئىقرار قىلغانلىق ئەمەس، دەپ قاراش لازىم. يۇقىرىقى ھەدىس شۇنىڭغا دەلىل بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 14 – شەئبان / م. 2011، 15 – ئىيۇل

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم،  110 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————
1. «بۇخارىي»، (7208).
2. «مۇسلىم»، (1807).
3. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 13/199.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ