Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

جۇنۇب ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۇپ روزا تۇتۇش

جۇنۇب ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۇپ روزا تۇتۇش

جۇنۇب ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۇپ روزا تۇتۇش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، جۇنۇبلۇقتىن يۇيۇنۇپ بولغۇچە تاڭ ئېتىپ قالسا روزا توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

جۇنۇبلۇق دېگەن يا ھەيز، يا نىپاس بولىدۇ، بۇ ئاياللاردىلا كۆرىلىدۇ. ياكى جىما قىلىش، ئېھتىلام بولۇش ياكى ئويغاق چاغدا شەھۋەت بىلەن مەنىي چىقىش بولىدۇ. بۇ ئەر ۋە ئاياللاردا ئوخشاش كۆرىلىدۇ.

ھەيز بىلەن نىپاس بار ھالەتتە تاڭ ئاتسا روزا تۇتۇش ھارام بولىدۇ، شۇنداق ھالەتتە ئايال كىشى روزا تۇتسا روزىسى توغرا بولماسلىق بىلەن بىللە گۇناھ ئىش قىلغان بولىدۇ، لېكىن تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن قان پۈتۈنلەي توختاپ بولسا، ئاندىن تاڭ ئاتقاندىن كېيىن يۇيۇنسا، بۇ ئەھۋالدا روزىسى توغرا بولىدۇ. چۈنكى، روزا تۇتۇش ئۈچۈن يۇيۇنۇش شەرت ئەمەس، ئەمما ناماز ئوقۇش ئۈچۈن يۇيۇنۇش شەرت.

ئەمما، ھەيز ۋە نىپاستىن باشقا ئەر ۋە ئاياللاردا ئورتاق كۆرۈلىدىغان باشقا جۇنۇبلۇقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا مەسىلەن، جىما ياكى ئېھتىلامدىن كېيىن غۇسۇلدىن بۇرۇن تاڭ ئېتىپ قالسا، تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ.

ھەزرىتى ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالار رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە كەلگەنكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرى بىلەن بىللە بولۇپ جۇنۇب ھالىتىدە تاڭ ئاتقۇزۇپ غۇسۇل قىلىپ روزا تۇتۇۋېرەتتى». ئىمام مۇسلىم ھەزرىتى ئۇممى سەلەمە رىۋايەتىدە: «قازاسىنىمۇ قىلمايتتى» دەپ ئارتۇق رىۋايەت قىلغان.(1)

بۇ ھەدىس تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى بىلدۈرىدۇ:

1. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىدە جىما قىلاتتى. بەزىدە ئۇ تېخى يۇيۇنمىغان جۇنۇب ھالەتتە تاڭ ئېتىپ قالاتتى. (ياكى بامداتقا ئەزان چىقىپ قالاتتى) شۇنداق ھالەتتە ئۇ زات روزا تۇتۇۋېرىپ ئاندىن ئەزان چىقىپ بولغاندىن كېيىن يۇيۇناتتى – دە، روزىسىنى داۋاملاشتۇراتتى، قازا قىلمايتتى.

2. بۇ رامازان روزىسى بولسۇن باشقا چاغلاردىكى روزا بولسۇن، رامازاندەك ۋاجىب روزا بىلەن باشقا نەفلە روزىلار بولسۇن، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئومۇمىي بىر ھۆكۈم. ئىمام ئىبنى كەسىر: «بۇ تۆت ئىمامنىڭ شۇنداقلا ئىلگىرى ۋە كېيىنكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر». دېدى.(2)

3. كېچىدە جىما ياكى باشقا سەۋەبتىن جۇنۇب بولۇپ قالغانلارنىڭ روزىسى توغرا بولىدۇ.

4. جىمادىن يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن روزا تۇتسا توغرا بولسا، باشقا تۈرلۈك جۇنۇبلۇقتا يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن روزا تۇتسا ئەلبەتتە توغرا بولىدۇ.

5. رامازان كېچىلىرىدە تاڭ ئېتىشتىن سەل بۇرۇن جىما قىلىشقا بولىدۇ.

6. جىمادا تاڭ ئېتىپ قالسا (ياكى بامداتقا ئەزان ئوقۇلۇپ قالسا) دەرھال جىمانى توختىتىشى كېرەك. توختىتىۋالسا قازا قىلىش ياكى كەففارەت بېرىش كەتمەيدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى. بىر قىسىم ئالىملار توختىتىۋالسىمۇ قازا قىلىش ۋە كەففارەت بېرىش ۋاجىب بولىدۇ، دەپ قارىغان.(3)

جانابىي ئاللاھنىڭ: ﴿روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر. ئاللاھ ئۆزەڭلارنىڭ ئۆزەڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى (يەنى روزا كېچىسىدە يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى) بىلدى. ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى بۇندىن كېيىن رامازان كېچىلىرىدە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە پۈتكەننى تەلەپ قىلىڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 187) دېگەن ئايەتىمۇ، جۇنۇب ھالەتتە روزا تۇتۇپ ئاندىن غۇسۇلغا دالالەت قىلىدۇ، چۈنكى تاڭ يورۇغانغا قەدەر جىما قىلىش مۇباھ بولىدىكەن روزا تۇتقان كىشى غۇسۇلسىز ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۇپ قېلىشى چوقۇم. شۇڭا، ئۇنىڭ روزىسى توغرا بولۇۋېرىدۇ. جۇنۇبلۇق روزا تۇتۇشقا توسالغۇ بولالمايدۇ.(4)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 12 – رامازان / م. 2011، 12 – ئاۋغۇست

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 92 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————–
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1925، 1926). «مۇسلىم»، (1109).
2. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر» 1/223.
3. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 6/229؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/29؛ ئەلھەتتاب: «مەۋاھىبۇل جەلىل»، 3/45.
4. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/309.

Please follow and like us:
Exit mobile version