Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

روزىدار ھالەتتە سالقىنداپ يۇيۇنۇش توغرىسىدا

روزىدار ھالەتتە سالقىنداپ يۇيۇنۇش توغرىسىدا

روزىدار ھالەتتە سالقىنداپ يۇيۇنۇش توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، روزىدار يۇيۇنسا روزىسى سۇنامدۇ؟ يەنى تومۇز ئىسسىقتا راھەتنى دەپ دېمەكچى، بەزىلەر: «روزىدار ھالەتتە سالقىنداپ يۇيۇنسا روزىسى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ» دەپ قارايدىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

روزىدار ھالەتتە كۈندۈزى جۇنۇبلىقتىن يۇيۇنۇش ياكى مۇستەھەب بولغان غۇسۇل تاھارەت قىلىش ياكى تازىلىق قىلىپ يۇيۇنۇش ياكى ئىسسىقلاپ كەتكەنلىكتىن سالقىنداپ يۇيۇنۇش قاتارلىق بارلىق يۇيۇنۇشلار ئوخشاش. يۇقىرىقى ئەھۋاللاردا گېلىدىن سۇ ئۆتۈپ كەتمىسىلا سۇغا چۆمۈلۈش ياكى يۇيۇنۇش بىلەن روزا سۇنمايدۇ.

سەھىھ ھەدىسلەردە كېلىشىچە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا تۇتقان ھالدا بېشىغا سۇ تۆككەن ۋە يۇيۇنغان، سەلەفلىرىمىزمۇ يۇيۇنغان ۋە كىيىملىرىنى نەمدەپ سالقىندىغان.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامازاندا ئېھتىلام بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى جىمادىن تاڭغا ئۇلاپ غۇسۇل قىلىپ روزا تۇتۇۋېرەتتى».(1)

ساھابەلەردىن بىرى رىۋايەت قىلىدۇكى، «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى «ئەرج» دېگەن جايدا ئىسسىقتا روزىدار ھالەتتە ئۇسسۇزلۇقتىن ياكى ئىسسىقتىن بېشىغا سۇ قۇيۇۋاتقان ھالەتتە كۆرگەن».(2)

ئىمام بۇخارىي «سەھىھ»ىدە رىۋايەت قىلغانكى: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما روزىدار ھالىتىدە بىر كىيىمنى ھۆل قىلىپ، ئۇچىسىغا ئارتىۋالغان. شەئبىي روزىدار ھالىتىدە مۇنچىغا كىرگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «قازاندىن ياكى باشقا نەرسىلەردىن تاماقلارنىڭ تەمىنى تېتىپ باقسا كېرەك يوق» دېگەن. ھەسەن بەسرىي: «روزا تۇتقان ئادەم ئاغزىنى چايقىسا، سالقىنداش ئۈچۈن ئەزالىرىنى يۇيسا كېرەك يوق» دېگەن. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئەگەر بىرىڭلار روزا تۇتقان كۈن بولسا، مايلىنىپ، چاچلىرىنى تاراپ تاڭ ئاتتۇرسۇن» دېگەن. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مېنىڭ بىر ۋاننام بار ئىدى، مەن روزا تۇتقان ھالىتىمدە ئۇنىڭغا چۈشەتتىم» دېگەن.(3)

ئەبۇبەكرى ئەلئەسرەم رىۋايەت قىلىشىچە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما روزىدار ھالەتتە رامازان ئېيىدا ھەمراھلىرى بىلەن مۇنچىغا كىرگەن.(4)

ئىبنى سىرىن روزىدار ھالەتتە كىيىمنى ھۆل قىلىپ يۈزىگە يېپىۋېلىشنى مەيلى دەپ قارايتتى. ئوسمان ئىبنى ئەبۇلئاس ئەرافات كۈنى چۈشتىن كېيىن بەدىنىگە سۇ قۇيۇپ راھەتلىنەتتى. ئابدۇراھمان ئىبنى ئەسۋەد روزىدار ھالەتتە ئىككى پۇتىنى سۇغا چىلىغان.(5)

بەزى كىتابلاردا روزىدارنىڭ يۇيۇنۇشىنى مەكرۇھ دېگەن قاراشلار كېلىدۇ. مەسىلەن، ھەنەفىي مەزھەب كىتابلىرىدا بايان قىلىنىشىچە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن ئىككى رىۋايەت كەلگەن بولۇپ، بىرىدە روزىدارنىڭ سۇغا كىرىۋېلىشى، ھۆل كىيىم بىلەن يۆگىنىۋېلىشى مەكرۇھ، دەپ قارىغان. لېكىن، ھەنەفىي مەزھەب ئىماملىرى سەھىھ ھەدىسلەرگە ئاساسەن بۇ قاراشنى زەئىف دەپ قاراپ مەكرۇھ بولمايدۇ، دېگەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن كەلگەن يەنە بىر رىۋايەتنى تەرجىھ قىلغان.

ئەمەلىيەتتە، ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى يۇقىرىقى بىر رىۋايەتتە كەلگەن قارىشىدا، يۇيۇنۇش، سۇغا چۆمۈلۈش ۋە ھۆل كىيىمنى كىيىۋېلىشنى روزىنى بۇزۇۋېتىدۇ، دەپ ئەمەس، ئىبادەتنى قىلىشتا سىقىلىش ئىزھار قىلغانلىق بولىدۇ، دەپ مەكرۇھ دېگەن.(6)

ئىمام ئەينىي ئېيتىدۇ: «روزىدارنىڭ يۇيۇنۇشى مەكرۇھ دېگەن ئەبۇ ھەنىفەدىن كەلگەن رىۋايەت ھەنەفىي مەزھەبتە ھېسابقا ئېلىنمايدىغان رىۋايەتتۇر. مەزھەبتىكى تاللانغان قاراش مەكرۇھ بولمايدۇ، دېگەن قاراش بولۇپ، بۇنى ھەسەن ئەبۇ ھەنىفەدىن رىۋايەت قىلغاندۇر. بۇنى ‹ئەلۋاقىئات› مۇئەللىفى تەنبىھ بەرگەن. يەنە ‹رەۋزە› بىلەن ‹جاۋامىئۇل فىقھ› دېگەن كىتابلاردا: ‹ئىسسىقتىن يۇيۇنۇش، كىيىمنى ھۆلدەش ۋە بېشىغا سۇ قۇيۇش مەكرۇھ بولمايدۇ› دەپ كەلگەن».(7)

ئىمام ئىبنى ئابىدىن ئېيتىدۇ: «يۇيۇنۇش مەكرۇھ بولمايدۇ، دېگەن قاراش بويىچە پەتۋا بېرىلىدۇ، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزىدار ھالەتتە ئۇسسۇزلۇقتىن ياكى ئىسسىقتىن بېشىغا سۇ قۇيغان. بۇنى ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما روزىدار ھالىتىدە كىيىمنى ھۆل قىلىپ يۆگىنۋالاتتى. يەنە بۇنداق ئىشلارنى قىلىش ئىبادەتكە ياردەم ۋە تەبىئىي سىقىلىشتىن قۇتۇلۇش بولىدۇ. ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى يۇقىرىقى بىر رىۋايەتتە كەلگەن قارىشىدا، بۇنى ئىبادەتنى قىلىشتا سىقىلىش ئىزھار قىلغانلىق بولىدۇ، دەپ مەكرۇھ دېگەن».(8)

دېمەك، ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدىمۇ يۇيۇنۇش روزىنى سۇندۇرمايدۇ. مەكرۇھمۇ بولمايدۇ. باشقا مەزھەبلەردىمۇ مەكرۇھ دەپ قارىغان ئالىملار تۇيماي قېلىپ گېلىدىن سۇ ئۆتۈپ كەتمىسۇن دەپ ئېھتىيات جەھەتتىن مەكرۇھ دېگەن.

خۇلاسە شۇكى، روزىدار ھالەتتە يۇيۇنۇش ياكى سۇغا چۆمۈلۈش ياكى سۇ ئۈزۈش ئارقىلىق روزا سۇنمايدۇ. سالقىنداش، راھەتلىنىش ئۈچۈن قىلغان بولسىمۇ شۇنداق. بۇ ئىسلامنىڭ كەڭچىلىكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىلغان ئىشى، ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن نۇرغۇن زاتلارنىڭ قىلغىنىدۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻘﺘﯘﺭ، كىمكى ﺩﯨﻨﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﯩﯖﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺗﻮﻏﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﯕﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﮪﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ. (ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ) ﺧﯘﺵ بېشارەت ﺋﯧﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ، ﻛﻪﭺ ﯞﻩ ﻛﯧﭽﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯖﻼﺭ».(9)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 7 – رامازان / م. 2011، 7 – ئاۋغۇست

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 89 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————-
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1930)؛ «مۇسلىم»، (1109).
2. «ئەبۇ داۋۇد»، (2365). ئىمام نەۋەۋىي («ئەلمەجمۇﺋ»، 6/361): «بۇ ھەدىس ‹سەھىھ› بولۇپ، بۇنى ئىمام مالىك ‹ئەلمۇۋەتتا›دا، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ‹مۇسنەد›تە، ئەبۇ داۋۇد بىلەن نەسائىي سۇنەنلىرىدە رىۋايەت قىلغان» مۇنداق دېگەن.
3. «بۇخارىي»، «روزىدارنىڭ غۇسۇل قىلىشى» دېگەن باب.
4. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/18.
5. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (9214 – 9218).
6. ئىبنۇلھۇمام: «فەتھۇلقەدىر»، 2/330.
7. ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 11/11.
8. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 2/419.
9. «بۇخارىي»، (39).

Please follow and like us:
Exit mobile version