ھاجەتخانىدا مۇستەھەب قىلىش

ھاجەتخانىدا مۇستەھەب قىلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھاجەتخانىدا مۇستەھەب قىلسا(1) بولامدۇ؟ مەن تۇرىدىغان ئورۇندا تۈزۈك بىر مۇستەھەب قىلغۇدەك ئورۇن يوق ئىدى. شۇڭا، دائىم ھاجەتخانىدا قىلاتتىم. يېقىندا بىرەيلەن ماڭا ھاجەتخانىدا مۇستەھەب قىلسا بولمايدىغانلىقىنى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق ھەدىسى بارلىقىنى دەيدۇ. لېكىن، مەن مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى كۆرۈپ بۇ توغرىسىدا ھەدىس بارلىقىنى ھېچ كۆرمىدىم. شۇڭا، ئۇستازلار بۇ ھەقتە ئېنىق بىر يول كۆرسەتكەن بولسا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئىسلام دىنى پاكىزلىققا، ئىنساننى ئىززەتلەيدىغان ھەرقانداق گۈزەل كۆرۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، نامازنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن بەدەن، كىيىم ۋە ئورۇننىڭ پاكىز بولۇشىنى شەرت قىلغان.

بىلىشىمچە، دىنىمىزدا ھاجەت قىلغان ئورۇندا مۇستەھەب قىلسا بولمايدۇ دەيدىغان ئالاھىدە بىر كۆرسەتمە يوق. لېكىن، نىجاسەت يوق، نىجاسەت چاچرىمايدىغان جايدا مۇستەھەب قىلىش، تاھارەت ئېلىش پاكىزلىق جەھەتتىن ئەۋزەل، بۇرۇنقى ئادىتىمىزدە تاھارەت سۇندۇرۇش ئايرىم يەردە، مۇستەھەب قىلىش ئايرىم يەردە بولاتتى، ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا بولۇپمۇ، شەھەر ئۆيلىرىدە تاھارەت سۇندۇرۇش، سۇ بىلەن «ئىستىنجاﺋ» ياكى «مۇستەھەب قىلىش» ھەر ئىككىسى كۆپىنچە بىر جايدا، ھەتتا بىر ئولتۇرۇشتا قىلىنىدۇ. كىيىمگە نىجاسەت چاچراپ كېتىشتىن ساقلانسىلا چەكلىمە يوق. مەيلى بولۇۋېرىدۇ.

تاھارەت ئېلىشتا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاش ۋاجىب ياكى مۇستەھەب بولغانلىقى ئۈچۈن مۇمكىن بولسا نىجاسەت يوق ئايرىم جايدا تاھارەت ئېلىش، بولمىسا نىجاسەتنى ئېقىتىۋېتىپ، ئاندىن تاھارەت ئېلىش كېرەك، شۇنداقتىمۇ، نىجاسەت بولغان جايدا تاھارەت ئالغان تەقدىردە، تاھارەت توغرا بولۇۋېرىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 8 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 12 – ئاپرېل

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 40 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————
1. مۇستەھەب قىلىش: تەرەت قىلغاندىن كېيىن ئالدى – ئارقا ئىككى تەرەت ئېغىزىدىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەينەتلىك قالدۇقىنى چالما ۋە شۇنىڭدەك بىرنەرسە بىلەن سۈرتۈپ ياكى سۇ بىلەن يۇيۇپ تازىلاش «ئىستىنجاﺋ» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئىستىنجائنىڭ ھۆكمى ۋاجىبتۇر. «مۇستەھەب» بولسا قەغەز ياكى چالمىدا سۈرتۈپ تازىلىغاندىن كېيىن سۇ بىلەن تېخىمۇ پاكىزلاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى ئىسمىغا ئوخشاش مۇستەھەبتۇر. كونا ھاجەتخانىلاردا تەرەت قىلغان ئورۇندا سۇ ئىشلىتىش مۇناسىپ ئەمەستى، بەزىدە سۇ ئىشلەتسە نىجاسەت ئۈستىگە چۈشۈپ چاچرايدىغان ئىدى. شۇڭا، سۇ ئىشلىتىشكە ئايرىم مۇستەھەبخانىلار ياسالغان.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ