Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئاياللارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ئاق خۇن ياكى يەل كەلسە تاھارەت سۇنۇش مەسىلىسى

ئاياللارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ئاق خۇن ياكى يەل كەلسە تاھارەت سۇنۇش مەسىلىسى

ئاياللارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ئاق خۇن ياكى يەل كەلسە تاھارەت سۇنۇش مەسىلىسى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بالىياتقۇدىن ئاق خۇن كەلسە ۋە يەل كەلسە تاھارەت سۇنامدۇ؟ دوستلىرىم «ئەزھەر تەفسىر فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ئۇستازىمىز «تاھارەت سۇنمايدۇ دېگەن» دەيدۇ ۋە ئىبنى ھەزم دېگەن ئالىم شۇنداق دەپتىكەن» دەيدۇ. مەن قانداق قىلىمەن؟ تاھارەت ئالمىساممۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئادەتتە نورمال ئەھۋالدا قىز – ئاياللاردىن كېلىدىغان ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇقلارنىڭ تۈرلىرى بىرقانچە خىل بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكىدەك ئايرىش مۇمكىن:

1 – مەزيى. بۇ سۇيۇقلۇق ئادەتتە قىز – ئاياللاردا جىنسىي ھېسسىيات قوزغالسا ياكى جىماغا ئالاقىدار بىرنەرسە خىيال قىلسا چىقىدىغان ئاق شىلىمشىق سۇيۇقلۇقتۇر. بۇ سۇيۇقلۇق چىقسا ئۇنى كىيىم – كېچەكتىن ۋە بەدەندىن تازىلىۋېتىش كېرەك، چۈنكى ئۇ مەينەت ماددا ھېسابلىنىدۇ. ئۇ چىقسا تاھارەت سۇنىدۇ. شۇڭا، ناماز ئوقۇماقچى بولسا نامازغا يېڭىدىن تاھارەت ئېلىش كېرەك. بۇنىڭ دەلىلى: ھەزرىتى ئەلى مەزيىدىن غۇسۇل قىلىپ قىينالغانلىقىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سورىغاندا ئۇنىڭغا: «ئۇنداق قىلما، مەزيى كۆرسەڭ زەكىرىڭنى يۇيۇۋېتىپ نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالغىن» دېگەن.(1)

2 – مەنىي. بۇ سېرىق ياكى ساغۇچ رەڭدە ياكى ئېقىش رەڭدە كېلىدىغان سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئادەتتە ئايال كىشى قاتتىق ھاياجانلانغاندا شەھۋەت بىلەن چىقىدۇ، ئەرلەردىن ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇ سۇيۇقلۇق كۈچلۈك قاراشتا پاكىز، كىيىم – كېچەكنى ئۇنىڭدىن تازىلاش كېرەك ئەمەس، لېكىن شۇنداقتىمۇ، ئېھتىيات جەھەتتىن تازىلىۋېتىش ياخشى. بۇ سۇيۇقلۇق چىقسا تاھارەت سۇنۇپلا قالماي جۇنۇبلۇق ھالىتى شەكىللىنىدۇ. شۇڭا، غۇسۇل قىلىش ۋاجىب بولىدۇ. غۇسۇل قىلماي ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۇقىرىقى ھەدىستە ھەزرىتى ئەلىگە: «زەكىرىڭدىن چىققان سۇيۇقلۇق ئېتىلىپ چىقسا غۇسۇل قىلغىن» دېگەن.

3 – ۋەدىي. بۇ سۈيدۈكتىن كېيىنلا ياكى ئېغىر نەرسە كۆتۈرگەندە ئاياللاردىن چىقىدىغان ئاق سۇيۇقلۇقتۇر. بۇ ماددا مەينەت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، كىيىم – كېچەكتىكى ياكى بەدەندىكى شالتىقىنى تازىلىۋېتىش كېرەك، شۇنداقلا ئۇ تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. شۇڭا، ناماز ئوقۇماقچى بولغاندا يېڭىدىن تاھارەت ئېلىش كېرەك بولىدۇ. لېكىن، غۇسۇل قىلىش ۋاجىب بولمايدۇ، چۈنكى ۋاجىبلىق پەقەت شەرىئەتنىڭ بەلگىلىشى بىلەن بولىدۇ، شەرىئەت بولسا مەنىيدىن باشقا سۇيۇقلۇقتا غۇسۇل قىلىشقا بۇيرۇمىغان.(2)

4 – ئادەتتە قىز – ئاياللاردىن شەھۋەتسىز، ھاياجانسىز، كېسەللىكسىز ھالەتتە چىقىدىغان رەڭگى ئاق سۇيۇقلۇقتا ۋەدىي ياكى مەنىي ياكى مەزيىنىڭ سۈپەتلىرى بولمىغان تەقدىردە، بۇ كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن پاكىز ھېسابلىنىدۇ. تاھارەتنىمۇ سۇندۇرمايدۇ. شۇڭا، ناماز ئوقۇماقچى بولغاندا يېڭىدىن تاھارەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ. لېكىن، ئېھتىيات جەھەتتىن ئېلىۋەتسە ئەۋزەل.

5 – قىز – ئاياللار ھېس قىلىدىغان ماتكا ئىچىدىكى نەملىك، بۇنداق نەملىك مەينەتمۇ ئەمەس، تاھارەتنىمۇ سۇندۇرمايدۇ.

6 – ياللۇغلىنىشتەك بەزى كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن توختىماي چىقىپ تۇرىدىغان سۇيۇقلۇق. بۇنىڭغا سۈيدۈك توختىمايدىغان كىشىلەرنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ. شۇڭا، بۇنداق سۇيۇقلۇق چىققان ئەھۋالدا ھەربىر ناماز ۋاقتى كىرگەندە يېڭى تاھارەت ئېلىش كېرەك بولىدۇ، ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇغىچە ياكى ناماز ئوقۇۋاتقاندا چىقسىمۇ ھېچقىسى يوق، ناماز ياكى تاھارەت بۇزۇلمايدۇ. باشقا بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرىشى بىلەن بۇ ئايال ناماز ئوقۇماقچى بولسا يېڭىدىن تاھارەت ئېلىشى كېرەك بولىدۇ، بۇ دېگەنلىك: بۇنداق ئەھۋالدىكى ئايال ھەربىر نامازغا يېڭى تاھارەت ئالىدۇ، شۇ تاھارىتى بىلەن بىر پەرز ناماز ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق سۈننەت ۋە نەفلە نامازلارنى ئوقۇيدۇ. ئەمما، يېڭى بىر ناماز ۋاقتى كىرسە يېڭى نامازنى ئوقۇش ئۈچۈن يېڭى تاھارەت ئالىدۇ، يەنى ھەر كۈنى ھەربىر ئەزاندىن كېيىن بىر قېتىم جەمئىي بەش قېتىم تاھارەت ئالىدۇ دېگەنلىكتۇر. شۇڭا، بۇنداق ئايال ۋە يەنە سۈيدۈك توختىمايدىغان ياكى يەل توختىمايدىغان ياكى  ئىستىھازە قېنى توختىمايدىغان كىشىلەر ھەربىر نامازغا يېڭى تاھارەت ئالىدۇ.

ئەمدى ئايال كىشىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن چىقىدىغان يەل مەسىلىسىگە كەلسەك، ئايال كىشى بىرقانچە قېتىم تەبىئىي تۇغۇت نەتىجىسىدە ئالدى تەرىپى سەل كېڭىيىپ كېتىپ، ئولتۇرغاندا ياكى ئوڭدا ياتقىنىدا ئالدى تەرىپىگە ھاۋا كىرىۋېلىپ، بەدەن ھالىتى ئۆزگەرگەن چاغدا ئاشۇ سىرتتىن كىرگەن ھاۋا ئاۋاز بىلەن چىقىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچەي بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.

ھەنەفىي، مالىكىي شۇنداقلا بىر قىسىم ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرى نەزەرىدە بۇ يەل ئادەتتىكى يەل چىقىدىغان نىجاسەت بار جايدىن چىقمىغان بولغاچقا، بۇ كېكىرىككە ئوخشايدۇ، تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ. سۇندۇرىدۇ دەيدىغان ئايرىم دەلىلمۇ كەلمىگەن. شۇڭا، تاھارەت بۇرۇنقىدەك تۇرىۋېرىدۇ.(3)

قازى شەيخزادە داماد ئەفەندى: «ئايال كىشىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن چىققان يەل مەينەت ئەمەس، چۈنكى ئۇ نىجاسەت ئورنىدىن قوزغۇلۇپ چىقمايدۇ» دەيدۇ.(4)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 5 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 8 – ماي

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 36 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————-
1. «ئەبۇ داۋۇد»، (206). ئىمام نەۋەۋىي («ئەلمەجمۇﺋ»، 2/163): «سەھىھ» دېگەن.
2. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/163.
3. قازى شەيخزادە: «مەجمەئۇل ئەنھۇر»، 1/31؛ ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 1/17؛ ئەلغەرناتىي، «ئەتتاجۇ ۋەلئىكلىل»، 1/291؛ مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 1/195.
4. قازى شەيخزادە: «مەجمەئۇل ئەنھۇر»، 1/31.

Please follow and like us:
Exit mobile version