يەل چىقسا ئىستىنجائسىز تاھارەت ئېلىش

يەل چىقسا ئىستىنجائسىز تاھارەت ئېلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، يەل چىقسا ئىستىنجائسىز تاھارەت ئالسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

يەل چىقسا چوڭ ياكى كىچىك تەرەت قىلغاندا سۇنغاندەكلا تاھارەت سۇنۇپ كېتىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئەلمازىنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ناماز ئوقۇۋېتىپ يەل چىقىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىغان ئادەمنىڭ ئەھۋالى ئېيتىلىپ:

— ئۇ كىشى نامازنى توختىتامدۇ؟ — دەپ سورالغاندا، رەسۇلۇللاھ:

— ياق، ئاۋاز ئاڭلىغانغا ياكى پۇراق پۇرىغانغا قەدەر، — دېگەن».(1)

ئىستىنجاﺋ فىقھ ئىستىلاھىدا: ئالدى – ئارقا ئىككى تەرەت ئېغىزىدىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى نىجاسەت قالدۇقىنى چالما ۋە شۇنىڭدەك بىرنەرسە بىلەن سۈرتۈپ ياكى سۇ بىلەن يۇيۇپ تازىلاشتىن ئىبارەت.(2)

بۇ سەۋەبتىن، ئىستىنجاﺋ دېگەن چوڭ ياكى كىچىك تاھارەت سۇندۇرغاندىلا كېرەك بولىدۇ، پەقەتلا يەل چىققان بولسا نىجاسەت بولمىغاندىن كېيىن ئىستىنجاﺋ قىلىش كېرەك ئەمەس، بۇ بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشى.

بەلكى تېخى ھەنەفىي مەزھەبتە ئەگەر چوڭ ياكى كىچىك تەرەت چىقمىغان ئەھۋالدا يەلدىن ئىستىنجاﺋ قىلىش بىدئەت دەپ قارالغان.(3) بۇ ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ھاراملىقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق بولۇشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدە يەلدىن ئىستىنجاﺋ قىلىش كەلمىگەن.

بۇنىڭغا ئاساسەن يەل چىقىپ كەتسە، تاھارەت سۇنۇپ كېتىدۇ. قايتا تاھارەت ئالماقچى بولسا، ئىستىنجاﺋ قىلمايلا يۈز – قوللىرىنى يۇيۇپ، ئاغزى – بۇرنىنى چايقاپ، بېشىغا مەسىھ قىلىپ تاھارەت ئېلىۋەتسە، يەنى «دەستۇر» قىلىۋەتسە بولىدۇ.

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇ: «ئۇخلىغان ياكى يەل چىقىپ كەتكەن كىشىگە ئىستىنجاﺋ قىلىش كېرەك ئەمەس. بۇنىڭدا بىرەر ئالىمنىڭ باشقىچە كۆز قارىشى بارلىقىنى بىلمەيمىز. ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: ‹ئاللاھنىڭ كىتابىدا ياكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدە يەلدىن ئىستىنجاﺋ قىلىش يوق، پەقەتلا (ئىستىنجائسىز) تاھارەت ئېلىۋېتىش كېرەك› دېگەن».(4)

ئىمام مالىكمۇ: «يەلدىن ئىستىنجاﺋ قىلمايدۇ، ئەگەر چوڭ ياكى كىچىك تەرەت قىلسا، ئاشۇ مەينەت نەرسە چىققان جاينىڭ ئۆزىنىلا يۇيۇۋەتسۇن، كىچىك تەرەت قىلغان بولسا سۈيدۈك يولى ئېغىزىنىلا، چوڭ تەرەت قىلغان بولسا شۇ ئورۇننىلا» دېگەن.(5)

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «بارلىق ئالىملار يەلدىن، ئۇيقۇدىن، ئاياللارنى تۇتۇشتىن ۋە زەكىرىنى تۇتۇشتىن ئىستىنجاﺋ كېرەك ئەمەسلىكىگە بىردەك ئىتتىپاق. شىئەلەرنىڭ بەزىلىرىدىن ‹ئىستىنجاﺋ ۋاجىب بولىدۇ› دېگەنلىكى كەلگەن بولسىمۇ شىئەلەرنىڭ قارشىلىقى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. شەيخ نەسر «ئىنتىخاب» دېگەن كىتابىدا ‹يۇقىرىقىلاردىن بىرەرسى ئۈچۈن ئىستىنجاﺋ قىلىپ قالسا بىدئەتتۇر› دېگەن. جۇرجانىي: ‹يەلدىن ئىستىنجاﺋ قىلىش مەكرۇھ بولىدۇ› دېگەن».(6)

ۋاجىب دەپ قارىغان شىئەلەر زەيدىييە مەزھەبى بولۇپ، ئۇلار يەلدىن ئىستىنجاﺋ قىلىشنى ۋاجىب، دەپ قارىغان.(7) بۇ قاراشنىڭ تۈزۈك دەلىلى بولمىغاچقا، ئەھلىسۈننەت ئالىملىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

يەلدىن ئىستىنجاﺋ قىلمىسىمۇ بولىدۇ دېيىشنىڭ دەلىلى: پەقەت «قۇرئان» ياكى «ھەدىس»لا بىرنەرسىنى ۋاجىب دەپ بەلگىلەيدۇ. ئىستىنجاﺋ قىلىشنى ۋاجىب دەيدىغان بىرەر ئايەت ياكى ھەدىس يوق. ئۇيقۇدىن قوپقان كىشى ئۇيقۇ ئەسناسىدا يەل قويۇپ بېرىشتىن خالىي بولالمايدىغان تۇرۇقلۇق ئاللاھ تائالا تاھارەت ئېلىش ئايەتىدە ئۇنى ئىستىنجاﺋ قىلىشقا بۇيرۇمىغان.

﴿نامازغا تۇرماقچى بولساڭلار، يۈزۈڭلارنى، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلارغىچە يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىپ، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلارغىچە يۇيۇڭلار﴾(5/«مائىدە»: 6).

ئۇنىڭ ئۈستىگە يەلنىڭ پۇرىقى سېسىق بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ نىجىس ماددىسى يوق. ئەگەر ئۇنىڭدىن ئىستىنجاﺋ قىلىش كېرەك بولىدىغان بولسا، ئۇ تەگكەن ئىشتاننىمۇ يۇيۇش كېرەك بولغان بولاتتى.

بەزىلەر بۇ مەسىلىدە: «يەلدىن ئىستىنجاﺋ قىلغان كىشى بىزدىن ئەمەس» دېگەن ھەدىسنى دەلىل قىلغان بولسىمۇ، بۇنى ئىبنى ئەدىي «ئەلكامىل» دېگەن كىتابىدا رىۋايەت قىلغان بولۇپ، راۋىيلىرى ئىچىدە زەئىف كىشىلەر بولغاچقا، بۇ ئىنتايىن زەئىف ھەدىستۇر.(8)

ئەگەر يەل چىققاندا يەل چىققان جاي قۇرۇق بولسا ئىستىنجاﺋ قىلىش كەتمەيدىغانلىقىدا، مەكرۇھ ياكى بىدئەتلىكىدە ئالىملار يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك ئىتتىپاق. ئەمما، نەم بولغان تەقدىردە، بەزى ئالىملار يەل چىققان جاي نەم بولسىمۇ ئىستىنجاﺋ قىلىش يا ۋاجىب، يا مۇستەھەب ئەمەس دېسە، يەنە بەزىلەر يەل چىققان جاي نەم بولسا ئىستىنجاﺋ قىلىش مەكرۇھ بولمايدۇ، دېگەن. بۇ نەم بولغان ئەھۋالدا ئىستىنجاﺋ قىلسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىقىلارغا بىنائەن، ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا يەل چىققان جاي خېلىلا نەم ياكى ھۆل بولسا، ئىستىنجاﺋ قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، نەملىك بىر ئاز نىجاسەت ماددىسىنىڭ بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ، بۇنى ھەر كىشى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ مۆلچەرلىسە بولىدۇ. بولۇپمۇ، ئىچى سۈرۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە يەل بىلەن بىللە بىرەر نەرسە سەزسە ئىستىنجاﺋ قىلىۋەتكىنى تۈزۈك.

بەزى كىشىلەر ناماز ۋاقتى بولمىغان چاغدا چوڭ ياكى كىچىك تەرەت قىلىپ ئىستىنجاﺋ قىلىدۇ. كېيىنچە، ناماز ۋاقتى كىرگەندە نامازغا تاھارەت ئالماقچى بولغاندا قايتىدىن ئىستىنجاﺋ قىلىش لازىم دەپ ئويلاپ قېلىپ، قايتا ئىستىنجاﺋ قىلىۋېتىدۇ. ئەسلىدە بۇنداق قىلىش كېرەك ئەمەس. چۈنكى، چوڭ ياكى كىچىك تەرەت چىققان ئورۇننى پاكىزلاپ ئىستىنجاﺋ قىلىۋەتكەندىن كېيىن تەرەت چىققان ئورۇن پاكىز بولغان بولدى. بۇنداق ئەھۋالدا، قايتا چوڭ ياكى كىچىك تەرەت قىلمىسا، ئۇ يەر مەينەت بولۇپ كەتمەيدۇ. نەتىجىدە، تاھارەت ئالماقچى بولسا قايتا ئىستىنجاﺋ قىلىشى كېرەك بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 12 – شەئبان / م. 2011، 12 – ئىيۇل

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 33 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2056)؛ «مۇسلىم»، (361).
2. ئىستىنجاﺋ (الاِسْتِنْجَاءُ): ئەرەب تىلىدا: «تەرەتتىن خالاس بولۇش، پاكلىنىش ۋە دالدىلىنىش» دېمەكتۇر. فىقھ ئىستىلاھىدا: ئالدى – ئارقا ئىككى تەرەت ئېغىزىدىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى نىجاسەت قالدۇقىنى چالما ۋە شۇنىڭدەك بىرنەرسە بىلەن سۈرتۈپ ياكى سۇ بىلەن يۇيۇپ تازىلاشتىن ئىبارەت. ئىستىنجائنىڭ ھۆكمى ۋاجىب بولۇپ، ھەنەفىي مەزھەبتە يەرلىك ئورۇندىن ئەتراپقا يامرىمىغان بەزىبىر ئەھۋاللاردا سۈننەتتۇر. قاراڭ: ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 2/287؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 4/112 – 114.
3. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/39.
4. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/100.
5. ئىمام مالىك: «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 1/8.
6. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/116.
7. بەززار: «ئەلبەھرۇززەخخار»، 2/52.
8. ئىبنى ئەدىي: «ئەلكامىل»، 4/35؛ ئالبانىي: «ئەلئىرۋاﺋ»، 1/86.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ