Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

تەركىبىدە ئىسپىرت بار ئەتىر ئىشلىتىش توغرىسىدا

تەركىبىدە ئىسپىرت بار ئەتىر ئىشلىتىش توغرىسىدا

تەركىبىدە ئىسپىرت بار ئەتىر ئىشلىتىش توغرىسىدا

 سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مەن ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن، ئەتىر ئىشلىتىشتىمۇ مۇسۇلمانچە ئەتىر ئىشلىتەي دەپ ئادەتتىكى تاللا بازىرىدىن ئالماي، مەسجىد ئەتراپىدىكى مەخسۇس مۇسۇلمانچە بۇيۇملارنى ساتىدىغان دۇكانغا بېرىپ سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتاتتىم، يېقىندا ئەتىرنى ئىسپىرتسىز ياسىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ماتېرىيال كۆرۈش ھەم ئەتىر ساتقۇچىلاردىن سوراش ئارقىلىق راستىنلا ئىسپىرتسىز ئەتىر ياساشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلدىم، دېمەك، شۇ مەسجىدلەردە سېتىلىۋاتقان ئەتىرلەردىمۇ ئىسپىرت بار ئىكەن، مەسجىدتە ئەتىر ساتقۇچىلاردىن سورىساممۇ ئىسپىرت بارلىقىنى ئېيتتى. مۇشۇنداق ئەتىرنى ئىشلىتىشكە بولامدۇ بولمامدۇ؟ ئىسپىرت تەركىبىنى ئىچىش چەكلەنگەن بىلەن باشقا يەرگە ئىشلىتىش چەكلەنمەمدۇ يا؟

يەنە بىر سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىز يېقىندا ئەتىر ئىشلەپچىقارماقچى ئىدۇق، بىراق ئىسپىرت قوشماي ئىشلىگىلى بولمايدىكەن، بۇنىڭغا پەتۋا سورىساق بەزى ئۆلىمالار بولمايدۇ دېسە، بەزى ئۆلىمالار بولىدۇ دەپ كەسكىن پەتۋا بېرەلمىدى. شۇڭا، بۇ ئىشتا پەتۋا سوراپ سىلىگە مۇراجىئەت قىلدۇق. سىلەرنىڭ تېزلىكتە كەسكىن دەلىل بىلەن جاۋاب بېرىشىڭلارغا تەقەززامىز، ئاللاھ كۆپ رەھمەت قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئىسپىرت ماددىسىنى ئىچىش ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ھارام، چۈنكى ئۇ مەست قىلىدۇ، ھەدىستە مەست قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسە ھارام دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئەمدى ئىسپىرت ماددىسى مەست قىلىدىغان ھاراق دائىرىسىگە كىرەمدۇ ياكى زەھەرلىك ۋە ياكى زىيانلىق ماددىلارغا كېرەمدۇ دېگەن جەھەتتىن ئالىملار بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان.

ئۇنى ھاراققا ئوخشاش دېگۈچىلەر ھاراقنىڭ نىجىسلىكىدە ئىختىلاپلاشقان. تۆت مەزھەب ئىماملىرى ھاراق نىجىس دەپ قارىغان، ئۇلار جانابىي ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىنى دەلىل قىلغان: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ھاراق، قىمار، تىكلەنگەن تاشلار ۋە پال ئوقلىرى شەيتاننىڭ ئىشىدىن بولغان پاسكىنىلىقتۇر. شۇڭا، نىجاتلىق تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلاردىن يىراق بولۇڭلار!﴾(5/«مائىدە»: 90)

ئۇلار: ئايەتتىكى «رىجس» دېگەن سۆز نىجىس، پاسكىنا ۋە مەينەت دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، شەرىئەت ھاراققا رىجس دەپ ھۆكۈم قىلغان ۋە ئۇنىڭغا يېقىن كەلمەسلىككە بۇيرۇغان ئىكەن ئۇ ھارام بولۇش بىلەن بىللە نىجىس، يەنى مەينەت بولىدۇ، ھاراق بۇنداق بولسا ئىسپىرت ماددىسىمۇ ھارام بولىدۇ، دەپ قارىغان.

لېكىن، بۇ دەلىلگە باشقىلار مۇنداق دەپ رەددىيە بەرگەن:

بۇ ئايەتتىكى «رىجس» دېگەن سۆزدىن مەنىۋى نىجىسلىك مەقسەت قىلىنىدۇ، خۇددى: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! مۇشرىكلار نىجىستۇر﴾(9/«تەۋبە»: 28) دېگەن ئايەتتە مۇشرىكلارنىڭ نىجىسلىكى مەنىۋى بولغاندەكلا، ئەلبەتتە، ھەرقانداق ھارام نەرسە مەنىۋى جەھەتتىن نىجىس بولىدۇ. ئىلگىرىكى ئايەتتە ھاراق بىلەن بىللە بايان قىلىنغان قىمار، تىكلەنگەن تاشلار ۋە پال ئوقلىرى قاتارلىقلارنىڭ نىجىسلىكىنىڭ مەنىۋى ئىكەنلىكى بۇنى كۈچلەندۈرىدۇ، چۈنكى ھېچكىم بۇ نەرسىلەرنى ماددىي نىجىس دەپ قارىمىغان. شۇڭا، ھاراقنىڭمۇ نىجىسلىكى مەنىۋىدۇر، ماددىي ئەمەستۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن ھاراقنىڭ ئۆزى ماددىي نىجىس دېيىش دەلىلگە موھتاج.

ئىمام مالىكنىڭ ئۇستازى ئىمام رەبىئە، لەيس ئىبنى سەئد، ئىمام شافىئىينىڭ شاگىرتى ئەلمۇزەنىي ۋە باشقا بىر قىسىم ئالىملار ھاراق پاكىز، دەپ قارىغان. بۇلار ھاراقنىڭ پاكىزلىقىغا دەلىل قىلىپ: «ھاراق چەكلەنگەندە ساھابەلەر ھاراقلارنى مەدىنە كوچىلىرىغا تۆكۈۋەتكەن، ھاراق مەينەت بولىدىغان بولسا يولغا تەرەت قىلىشنى توسقاندەك رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى توسقان بولاتتى، ئۇلارمۇ كوچىلارغا مەينەت نەرسىنى تۆكمىگەن بولاتتى» دېگەن.

ئىلگىرىكى قاراشتىكىلەر بۇلارنىڭ بۇ دەلىلىگە جاۋابەن: «مەدىنەدە پاسكىنا سۇلارنى ئېقىتىۋىتىدىغان تۇرۇبىلار يوق بولغاچقا، ساھابەلەر ھاراقلارنى كوچىلارغا تۆككەن، بۇ ھاراقنىڭ نىجىس ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ» دېگەن.(1)

دېمەك، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دەلىللىرى بۇ ھەقتە كەسكىن ئەمەس، ئىلگىرىكى ئايەتتىكى «رىجس» دېگەن سۈز ماددىي ۋە مەنىۋى نىجىسلىكنى ئېھتىمال قىلىدۇ، ھاراقنىڭ مەنىۋى نىجىسلىكى ئېنىق، ئەمما ماددىي نىجىسلىكنى بىلدۈرۈشتە ئايەتنىڭ لەۋزى كەسكىن ئەمەس، بەلكى ئېھتىماللىق.

يۇقىرىقى تالاش – تارتىشنىڭ ھەممىسى ئۈزۈم شەربىتىدىن ياسالغان ھاراقنىڭ نىجىسلىكىدە بولۇپ، كۆپچىلىك ئالىملار ئۇنداق ھاراقنى «نىجىس» دەپ قارىغان.

ئەمما، ئارپا، ھەسەل، ئەنجۈر ۋە باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەر بولسا 3 مەزھەب ئىماملىرى نىجىس دەپ قارىغان، ھەنەفىي مەزھەبتىمۇ نىجىس دەپ پەتۋا بېرىلگەن، لېكىن ئۇ ھەنەفىي مەزھەبتىكى باشقا بىر قاراشتا پاك دەپ قارالغان.(2)

يۇقىرىقىدىن خۇلاسە: ھاراق كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە نىجىس، ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئىسپىرتمۇ ئۇلارنىڭ قارىشىدا نىجىس بولىدۇ. باشقىلارنىڭ قارىشىدا ھاراق پاكىز شۇڭا، ئىسپىرتمۇ پاكىز بولىدۇ.

بۇ ئىسپىرتنى مەست قىلغۇچى ماددا دەپ قارىغانلارنىڭ نەزەرىدە شۇنداق، ئەمما ئىسپىرتنى زەھەرلىك ياكى زىيانلىق ماددا دەپ قارىغانلار بولسا، ئۇنى كۆكنار، ئەپيۈن ۋە باشقا زىيانلىق ماددىلاردەك پاكىز دەپ قارايدۇ، چۈنكى بۇ ماددىلار ھۆكۈم جەھەتتىن نىجىس دېيىلگەن بىلەن ھېچكىم ئۇنى ماددىي نىجىس دەپ قارىمايدۇ.

بۇ ئىلگىرىكىلەرنىڭ كۆزقاراشلىرى بولۇپ يېقىنقى زامان ئالىملىرىدىن ئىمام شەۋكانىي، «سۇبۇلۇسسالام»نىڭ مۇئەللىفى ئىمام سەنئانىي، «رەۋزەتۇلبەھىييە»نىڭ مۇئەللىفى سىددىق ھەسەن خان قاتارلىق ئالىملار ھاراقنى پاكىز، دەپ قارىغان. «تەفسىرۇ مانار»نىڭ مۇئەللىفى شەيخ مۇھەممەد رەشىد رىزا، ھازىرقى ئەسىر مۇجتەھىد ئىماملىرىدىن ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي، شەيخ ئەھمەد شاكىر، دوكتور مۇستەفا ئەززەرقا ۋە كۆپلىگەن ئالىملار ئىسپىرت ماددىسىنى پاكىز، دەپ قارىغان.

ئۇلار تۆۋەندىكىلەرگە ئاساسلانغان: ئەسلىدە ئۇ پاك، ئۇنداق بولىدىكەن، پاكلىقتىن نىجىسلىككە يۆتكەيدىغان سەھىھ ۋە ئېنىق بىر دەلىل بولمىسا، ئۇ پاكلىقىدا قالىدۇ، نىجىسلىكىگە دەلىل يوق بولىدىكەن ئۇ پاك بولىدۇ. ھاراقتىكى نىجىسلىق ھۆكمىي، مەنىۋى نىجىسلىقتۇر. يەنى ئۇنىڭ ھۆكمى ھارام، كۆپلىگەن ماددىلاردا ئىسپىرت ماددىسى ئازدۇر – كۆپتۇر مەۋجۇد، ئۇ تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ يىرگىنىش پەيدا قىلىدىغان پاسكىنا نەرسە ئەمەس. ھازىر تېببىي ۋە پاكىزلىق ساھەلىرىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنى نىجىس ئەمەس دېيىش ھەرەج ۋە قىينىلىشنى يوقىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان «قۇرئان» كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن.

شەيخ مۇھەممەد رەشىد رىزا «تەفسىر»ىدە مۇنداق دەپ يەكۈنلەيدۇ: «ھاراقنىڭ نىجىسلىكىدە مۇسۇلمان ئالىملىرى ئىچىدە ئىختىلاپ بار، چۈلە قىلىپ ئىشلەنگەن ھاراق (نەبىز) ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ نەزەرىدە پاكىز، ئۇنىڭدا ئەلبەتتە ئىسپىرت ماددىسى بار، ئىسپىرت بولسا ھاراق ئەمەس. ياۋروپا ئەتىرلىرى ساپ ئىسپىرتمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدا باشقا پاكىز ماددىلاردا بار بولغاندەك ئىسپىرت ماددىسىمۇ بار، ئىسپىرتنى نىجىس دەپ قاراش ئورۇنسىز، ھەتتا ھاراق نىجىس دەپ قارىغانلارنىڭ نەزەرىدىمۇ ئىسپىرتنى نىجىس دېيىشكە بولمايدۇ».(3)

خۇلاسە: ئىسپىرت ماددىسىنى پاكىز دەپ قاراش ھازىرقى شارائىتتا قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇ بەزىدە ھاراققا ئوخشاش ئىشلىتىلسىمۇ ھاراقنىڭ نىجىسلىكىدە ئالىملار بىرلىككە كەلمىگەن، بولۇپمۇ، ئۈزۈم شەربىتىدىن باشقا نەرسىلەردىن ئىشلەنگەن ھاراق بولسا تېخىمۇ شۇنداق، ئىسپىرت ھازىر تۈرلۈك ماددىلاردىن ئىشلەنمەكتە.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئىسپىرتلىق ئەتىرلەر بەدەنگە ۋە كىيىم – كېچەككە چېچىلسا ئۇنى يۇيۇش كېرەك ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن ناماز دۇرۇس بولۇۋېرىدۇ(4).

بۇ، ئىختىلاپ بولغان مەسىلە بولغاچقا، ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ۋە دەلىللىرى بايان قىلىندى، سورىغۇچى قايسى قاراشقا كۆڭلى خاتىرجەم بولسا شۇ قاراشنى ئالسا بولىدۇ.

ئىككى قاراشنىڭ بىرىنى تەرجىھ قىلىش توغرا كەلسە، ئىسپىرت نىجىس ئەمەس دېگەن قاراش كۈچلۈك. چۈنكى:

1. ئىسپىرتنى ئىچىشتىن باشقا ئىشقا ئىشلەتكەن ئەھۋالدا ئايەتتىكى ھاراق ھارام قىلىنىش ئىللىتى (ھۆكۈم چىقىرىشتا تەسىر كۆرسىتىدىغان سۈپىتى) تېپىلمايدۇ.

2. ھاراقنىڭ نىجىسلىكى مەنىۋى. ئىسپىرتنى ھارام دېگەنلەرمۇ ئىسپىرتنى نىجىس دەپ ھارام دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن ئەگەر ھاراقنى نىجىس ئەمەس دېگەن قاراشنى تۇتساق، بۇ ھۆكۈم يوقايدۇ. چۈنكى، ھۆكۈم ئىللىتى بىلەن تەڭ يوقىلىدۇ.

3. كولۇنيادىن باشقا ئەتىرلەردە ئىسپىرت پىرسەنتى بەك يۇقىرى ئەمەس، بەلكى گۈل سۈيى بىلەن ئارىلاش.

4. ئىسپىرت ھاراقتىكى بىر ماددا، لېكىن ھاراق ئۆزى ئەمەس.

5. ئىسپىرت نىجىس ئەمەس دېگەن قاراش ھازىرقى خېلى كۆپ ئالىملارنىڭ قارىشى. مەسىلەن يۇقىرىقىلاردىن سىرت: شەيخ ئۇسەيمىن، ئىبنى جىبرىن رەھمەتۇللاھى ئەليھىلەر، دوكتور ۋەھبە زۇھەيلىي قاتارلىقلار.

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، ئىسپىرتنى تېببىي ساھەدە تېرە، يارا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى تازىلاشتا، مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈشتە ئىشلەتسىمۇ، ئەتىر ۋە مايلاردا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن تاھارەتكە ياكى نامازغا تەسىر يەتمەيدۇ. ئىختىلاپ بولغان مەسىلىكەن دەپ ئىشلەتمەي دېسە ئۇمۇ مەيلى. ھازىر ئەرەب ئەللىرىدە گۈل سۈيىنى قاچىلاپ ئىسپىرت قوشماي سۈرتۈپ ئىشلىتىدۇ. ئەگەر پۈركۈپ چېچىش لازىم بولسىلا ئىسپىرت قاتىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 30 – زۇلھەججە / م. 2011، 28 – ئۆكتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 29 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————
1. قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 6/288؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/520.
2. مەرغىنانىي: «ئەلھىدايە»، 4/111؛ ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 4/107؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/345؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/520.
3. شەيخ مۇھەممەد ئەبدۇھ/ شەيخ مۇھەممەد رەشىد رىزا: «تەفسىرۇ مەنار»، 4/500، 821، 866.
4. جاسساس: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 2/5 – 10؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/582؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 6/449؛ شەيخ ئەتىييە سەقر: «شەيخ ئەتىييە سەقر پەتۋالىرى»، 1/427 – 430.

Please follow and like us:
Exit mobile version