Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت سۇنامدۇ؟

تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت سۇنامدۇ؟

تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت سۇنامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت سۇنامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

تۆگە گۆشى يېگەندىن كېيىن تاھارەت سۇنۇش ياكى سۇنماسلىق ئالىملار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ بولۇپ قالغان مەسىلىلەردىن بولۇپ ھەنبەلىي، زاھىرىي، ئەھلى ھەدىس ۋە بەزى شافىئىي مەزھەب ئالىملىرى تۆگە گۆشىنى خام ياكى پىشۇرۇپ يېسە تاھارەت سۇنىدۇ، دەپ قارىغان. ئىمام نەۋەۋىي مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلىپ: «دەلىل جەھەتتىن سەھىھ ياكى كۈچلۈك بولغان قاراش مۇشۇ، مەن راجىھ دەپ قارايدىغىنىممۇ شۇ» دېگەن.(1) ئىمام شەۋكانىيمۇ مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلغان.(2)

ئۇلار تۆۋەندىكى ھەدىسنى دەلىل قىلغان:

بەراﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن تۆگە گۆشى يېگەندىن كېيىن تاھارەت ئېلىش ھەققىدە سورالغاندا، «تاھارەت ئېلىڭلار» دېدى. قوي گۆشى ھەققىدە سورالغاندا، «تاھارەت ئالماڭلار» دېدى.(3)

يەنە جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

— قوي گۆشى يېگەندىن كېيىن تاھارەت ئالامدۇق؟ — دەپ سورىۋىدى،

— خاھلىساڭ تاھارەت ئال، خاھلىساڭ ئالما، — دەپ جاۋاب بەردى، ئۇ كىشى:

— تۆگە گۆشى يېگەندىن كېيىنچۇ؟ —دەپ سورىغان ئىدى،

— ھەئە، تۆگە گۆشى يېگەندىن كېيىن تاھارەت ئالغىن، — دېدى، ئۇ كىشى:

— قوي ئېغىللىرىدا ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟ —دەپ سورىغان ئىدى،

— ھەئە، — دېدى، ئۇ كىشى:

— تۆگە چۆكىدىغان جايلاردا ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟ — دەپ سورىغان ئىدى،

— ياق، — دەپ جاۋاب بەردى.(4)

بۇ قاراشتىكىلەر تۆگە گۆشى بىلەن قوي گۆشىنى ئايرىشقا: تاھارەت ئېلىۋېتىش ئىبادەت، بىزنى شۇنداق بۇيرۇغان ئىكەن سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلمايمىز دېگەن تەرىقىدە سەۋەب كۆرسەتكەن.

يەنە بەزى ھەدىستە تۆگە قوتانلىرىنى قوي – كالا قوتانلىرىدىن ئايرىپ قارىغان مەسىلەن، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان يۇقىرىقى سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «تۆگە چۆكتۈرىلىدىغان جايدا ناماز ئوقۇماڭلار، چۈنكى ئۇ شەيتانلاردىندۇر» دېگەن.

بۇ مەسىلە ئوتتا پىشۇرۇلغان گۆش يېسە تاھارەت ئېلىش كېرەك بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگىمۇ چېتىشلىق، چۈنكى تۆگە گۆشىمۇ ئوتتا پىشۇرۇلغان نەرسىلەر قاتارىغا كىرىدۇ، بىر قىسىم ساھابە – تابىئىنلاردىن ئوتتا پىشۇرۇلغان گۆش يېسە تاھارەت ئېلىش كېرەك دەپ كەلگەن. بىر سەھىھ ھەدىستە: «ئوتتا پىشقاندىن تاھارەت ئېلىڭلار» دەپ كەلگەن.(5)

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، مالىك، شافىئىي، لەيس ۋە ئەۋزائىي قاتارلىق كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، تۆگە گۆشى ياكى باشقا قانداق گۆش يېسە تاھارەت سۇنمايدۇ، ئوتقا تەگكەن گۆشنى يېسىمۇ تاھارەت سۇنمايدۇ. بۇ قاراش تۆت راشىد خەلىفەنىڭ، شۇنداقلا كۆپچىلىك ساھابە – تابىئىنلارنىڭ قارىشىدۇر.

مەسىلەن، سۇۋەيد ئىبنى غەفەلە، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار تۆگە گۆشى يەپ ئاندىن ناماز ئوقۇغان، تاھارەت ئېلىۋەتمىگەن. ئىبراھىم نەخەئىي: «تۆگە، كالا ۋە قوي گۆشلىرىدىن تاھارەت ئېلىش يوق» دېگەن.(6) ئەتاﺋ، تاۋۇس ۋە مۇجاھىد قاتارلىقلاردىنمۇ شۇنداق رىۋايەت قىلىنغان.(7)

كۆپچىلىك ئالىملار مۇنداق دەلىل كۆرسەتكەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەسلەپكى چاغلاردا: «ئوتتا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن تاھارەت ئېلىڭلار» دەپ بۇيرۇغان بولسىمۇ، كېيىن بۇ ھۆكۈم ئەمەلدىن قالغان.

ھەزرىتى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغانكى: «ئوتتا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن تاھارەت ئالماسلىق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاخىرقى چاغلاردا تۇتقان يولىدۇر».(8)

بۇ ھەدىس ئومۇملۇقنى بىلدۈرىدۇ، يەنى تۆگە گۆشى بولسۇن باشقا گۆش بولسۇن ئوخشاش، چۈنكى تۆگە گۆشى ئوتتا پىشۇرۇلىدىغان گۆشلەرنىڭ بىر خىلىدۇر.

ئىمام تاھاۋىي: «ئوتتا پىشۇرۇلغان بارلىق گۆشلەرنى يېگەندىن كېيىن تاھارەت ئېلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بۇرۇنقى ئىش بولسا، ئۇنىڭ بىر تۈرى بولغان تۆگە گۆشىنى يېگەندىن كېيىن تاھارەت ئېلىشمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولىدۇ» دەيدۇ. (9)

دېمەك، كېيىن كەلگەن «ئومۇم ھۆكۈم» بۇرۇن كەلگەن «خاس ھۆكۈم» نى ئەمەلدىن قالدۇرغاندۇر. تۆۋەندىكى ھەدىسلەرمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ:

سەئىد ئىبنى ئەلھارىس رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن:

— ئوت بىۋاسىتە تېگىپ پىشۇرۇلغان نەرسىلەرنى يەپ سالسا، تاھارەتنى يېڭىلامدۇ؟ — دەپ سورىغاندا، ئۇ:

— ياق، بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ئۇنداق تائاملارنى ئانچە تاپالمايتتۇق. تاپقىنىمىزدىمۇ بىزنىڭ سۈرتىۋېتىدىغانغا قوللىرىمىزدىن، بىلەكلىرىمىزدىن ۋە پۇتلىرىمىزدىن باشقا ئالاھىدە قول ياغلىقلىرىمىز يوق ئىدى. كېيىن تاھارەت يېڭىلىمايلا ناماز ئوقۇۋېرەتتۇق، — دېگەن.(10)

ئەتاﺋ ئىبنى يەسار ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى: «ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﺗﺎﻏﺎﻕ ﮔﯚﺷﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻤﺎﻳﻼ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ».(11)

جەئفەر رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەمر ئىبنى ئۇمەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﺗﺎﻏﺎﻕ ﮔﯚﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﻳﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮىلغانلىقىنى (بىلال ئەزان توۋلىغان)، شۇنىڭ بىلەن ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﭽﺎﻗﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺗﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻤﺎﻳﻼ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪنلىكىنى خەبەر بەرگەن.(12)

ئەبۇبەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ گۆش يەپ تاھارەت يېڭىلىمىغان.(13)

ئىمام ئابدۇراززاق «ئوتتا پىشۇرۇلغان نەرسىدىن تاھارەت ئالمايدۇ دېگەنلەر» دېگەن بابتا تۆت خەلىفە، ئەلىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ئىبنى ئابباس، ئەبۇ ھۇرەيرە، ئىبنى مەسئۇد، ئەبۇ ئۇمامە، قاتارلىقلارنىڭ بىرمۇ – بىر ۋەقەلىكلىرى رىۋايەت قىلىنغاندىن كېيىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: ئۇقبە ئىبنى يەزىد رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەدىنەگە كېلىپ ئەبۇ تەلھە بىلەن بىللە كەچلىك تاماق يېدىم. ئۇنىڭ بىلەن بىللە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن بىرقانچە نەپەر كىشى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇبەي ئىبنى كەئىبمۇ بار ئىدى. شۇ چاغدا شام ناماز ۋاقتى بولۇپ قالغان ئىدى، مەن تاھارەت ئالغىلى ئورنۇمدىن تۇرسام، ئۇلار: سەن پەيدا قىلىۋالغان ماۋۇ ئىراق ئادىتى نېمە بۇ؟ پاك، ھالال يېمەكلىكتىنمۇ تاھارەت ئالىمىزمۇ؟ دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قايتا تاھارەت ئالمايلا شامنى ئوقۇشتى.(14)

ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «تاھارەت ئېلىش دېگەن چىققان نەرسىدىن بولىدۇ، كىرگەندىن ئەمەس» دېگەن.(15)

بۇ ساھابەنىڭ سۆزى بولسىمۇ، بۇ ئىجتىھادى مەسىلە بولمىغاچقا، بۇنىڭ ھۆكمى رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىگە ئوخشاش. ھېچ بولمىغاندا، بۇ كاتتا فەقىھ بىر ساھابەنىڭ سۆزىدۇر.

دېمەك، بۇ بىر ئومۇمىي قائىدە، يەنى تاھارەت دېگەن بىرنەرسە يېيىش ياكى ئىچىشتىن سۇنمايدۇ. قوي گۆشى بولسۇن، تۆگە گۆشى بولسۇن ھەممىسى گۆش، بۇلارنىڭ ھەممىسى تاھارەت سۇندۇرماسلىقتا ئوخشاش.

بۇنىڭغا بىنائەن، كۆپچىلىك ئالىملار ئوتتا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن تاھارەت ئېلىش ۋاجىب ئەمەس، ئۇ تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ دەپ قارىغان، نۇرغۇنلىغان ساھابەلەرمۇ مۇشۇ قاراشتا بولغان، ئاز بىر قىسىم ئالىملار يۇقىرىقى ھەدىسكە ئاساسلىنىپ، ئوتتا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېسە تاھارەت سۇنىدۇ، دەپ قارىغان.(16)

دېمەك، كۆپچىلىك ئالىملار ھەممە گۆشنى ئوخشاش دەپ قارىسا، بىر قىسىم ئالىملار تۆگە گۆشى بۇنىڭ سىرتىدا، دەپ قارىغان.

تەھلىل قىلىدىغان بولساق، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ «تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت سۇنمايدۇ» دېگەن قارىشى كۈچلۈكتۇر، نېمە ئۈچۈن دېگەندە، بۇ مۇتلەق كۆپچىلىك ساھابەلەرنىڭ قارىشىدۇر، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت راشىد خەلىفەمۇ بار، ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئەڭ يېقىن ئۆتكەن، سۈننىتىنى ئەڭ ئوبدان بىلىدىغان زاتلار تۇرسا ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا تەكرار ئۇچراپ تۇرىدىغان بۇ ئىشتا پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى بىلمەي قالارمۇ؟ ئۇندىن كېيىن 20 – 30 يىل بۇنى بىلمەي ياشارمۇ؟ شۇڭا، ئىمام نەۋەۋىي ئۆزى «تاھارەت سۇنىدۇ» دېگەن قاراشنى كۈچلۈك دېگەن تۇرۇقلۇق يەنە: «كۆڭۈل خاتىرجەم بولۇشقا ئەڭ يېقىن قاراش تۆت راشىد خەلىفە ۋە كۆپچىلىك ساھابەلەرنىڭ قارىشىدۇر» دېگەن.(17)

ھافىز ئىبنى ھەجەر ئېيتىدۇ: «ئوسمان ئەددارىمىي: ‹يۇقىرىدىكى ئىككى تەرەپ دەلىل قىلغان ھەدىسلەر بىر – بىرىگە قارىتا تەڭ كېلىپ قېلىپ قايسى راجىھ ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا راشىد خەلىفەلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن ئەمەل قىلغان ئىشقا قاراپ بۇ ئىككى قاراشنىڭ بىرىنى تەرجىھ قىلدۇق› دېگەن. ئىمام نەۋەۋىمۇ ‹مۇھەززەبنىڭ شەرھى›دە بۇنىڭغا رازى بولغان. مانا بۇنىڭدىن، ئىمام بۇخارىينىڭ مۇشۇ بابنى ئۈچ راشىد خەلىفەدىن كەلگەن ئەسەر بىلەن باشلىغانلىقىنىڭ ھېكمىتى مەلۇم بولىدۇ». (18)

يۇقىرىدا ھەنبەلىي مەزھەبتىكىلەر دەلىل قىلغان ھەدىس مۇئەييەن بىر ۋەقەلىكتە سورالغان سوئالغا جاۋاب بولۇپ كەلگەن بولۇپ، لەۋزى ئومۇملۇقنى بىلدۈرمەيدۇ، بىلدۈرگەندىمۇ ۋاجىبلىقنى ئەمەس مۇستەھەبلىكنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆگە گۆشىنى يېگەندىن كېيىن تاھارەت ئېلىش ھەققىدىكى ھەدىسنى بەزى ھەدىس ئالىملىرى «زەئىف»، دەپ قارىغان.

يەنە مۇنداقمۇ تەھلىل قىلىنغان:

1. ئۇ ھەدىستىكى تاھارەت ئېلىشتىن قول ۋە ئېغىزنى يۇيۇۋېتىش مەقسەت قىلىنغان، چۈنكى تۆگە گۆشى باشقا گۆشلەرگە قارىغاندا شىلىمشىق كېلىدۇ، يۇيۇۋەتمىسە يېغى ۋە پۇرىقى كەتمەيدۇ.

2. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان: «ئوتتا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن تاھارەت ئالماسلىق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاخىرقى چاغلاردا تۇتقان يولىدۇر» دېگەن ھەدىسى تۆگە گۆشى يېگەندىن كېيىن تاھارەت ئېلىش ھەققىدە كەلگەن ھەدىسنى مەنسۇخ قىلىۋەتكەن.

بۇلار كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ «تاھارەت سۇنىدۇ» دېگەن قاراشتىكىلەرنىڭ دەلىللىرىگە قارىتا بەرگەن جاۋابلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ جاۋابىغا قارىتا مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ:

1. ئۇلار بەزى ئالىملار «زەئىف» دېگەن ئاشۇ ھەدىسلەر «سەھىھ» بولۇپ، بۇلاردا بەزىبىر ئىللەتلەر بارمۇ يوق، زەئىفلىك بارمۇ يوق بۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ بېقىش لازىم.

2. ھەدىستىكى تاھارەت ئېلىشتىن قول ۋە ئېغىزنى يۇيۇۋېتىش مەقسەت قىلىنغان، دېگەن سۆز «ۋۇزۇﺋ» دېگەن شەرئى ئاتالغۇغا خىلاپ كېلىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ بۇ گېپى جىڭدا ئولتۇرمايدۇ.

3. كېيىن تاھارەت ئالمىغانلىقى ھەققىدىكى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى مەنسۇخلۇقنى ئانچە بىلدۈرۈپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشتا تاھارەت ئېلىشقا بۇيرۇپ، كېيىن كىشىلەر بۇنى ۋاجىب دەپ ئويلاپ قالمىسۇن دەپ ئۆزى تاھارەت ئېلىۋېتىشنى تەرك قىلغان بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ. بۇمۇ مۇستەھەبلىكنى كۆرسىتىدۇ.

ھافىز ئىبنى ھەجەر يەنە: «ئىمام خەتتابىي تاھارەت ئېلىۋېتىش مۇستەھەب، ۋاجىب ئەمەس دەپ مۇۋاپىقلاشتۇرغان» دېگەن.(19)

قانداقلا بولمىسۇن تۆگە گۆشىنى يېگەندىن كېيىن تاھارەت ئېلىۋېتىش، ھېچ بولمىغاندا، ئېغىز – بۇرنىنى چايقىۋېتىش مۇستەھەب، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئىختىلاپ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكىلى بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 14 – زۇلھەججە / م. 2011، 10 – نويابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 28– نومۇرلۇق پەتۋا.

—————-
1. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/70.
2. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 1/252.
3. «ئەبۇ داۋۇد»، (184)؛ «تىرمىزىي»، (81). ئىمام ئەھمەد، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ، نەۋەۋىي، ئىبنى ھەجەر، ئالبانىي قاتارلىق مۇھەددىسلەر «سەھىھ» دېگەن.
4. «مۇسلىم»، (360).
5. «مۇسلىم»، (352).
6. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (518 – 520).
7. ئىبنۇلمۇنزىر: «ئەلئەۋسات فىسسۈنەنى والإجمائى ۋەلئىىختىلاف»، 1/141.
8. «ئەبۇ داۋۇد»، (192)؛ «نەسائىي»، (188). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
9. تاھاۋىي: «شەرھۇ مەئانىل ئاسار»، 1/71.
10. «بۇخارىي»، (5457).
11. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (207)؛ «مۇسلىم»، (354).
12. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (208)؛ «مۇسلىم»، (355).
13. «بۇخارىي»، «ﻗﻮﻱ ﮔﯚﺷﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﻟﻘﺎﻥ يېگەندىن كېيىن ﺗﺎﮪﺎﺭﻩت ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ زات» دېگەن باب. «سەھىھۇلبۇخارىي»نىڭ راۋىيلىرىدىن ئەبۇ زەر رىۋايەتىدە «گۆش» دېگەن سۆز چۈشۈپ قالغان. باشقىلارنىڭكىدە كەلگەن. دېمەك، ئەبۇ زەر رىۋايەتى ئوتتا پىشۇرۇلغان ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باشقىلارنىڭ بولسا ھەممە گۆشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنى تەكىتلەيدىغىنى شۇكى، تەبارانىي بۇ ئەسەرنى: «ئۇلار ئوتتا پىشۇرۇلغان نەرسە يەپ تاھارەت يېڭىلىمىغان» دەپ رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ئەبى شەيبە بىلەن تاھاۋىي رىۋايەتلىرىدە: «نان بىلەن گۆش يەپ تاھارەت يېڭىلىمىغان» دەپ كەلگەن. ئىمام بۇخارىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ باب نامىدا قوي گۆشىنىلا تىلغا ئالغانلىقى قوي گۆشى بولسۇن، باشقا گۆشلەر بولسۇن ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى ئۈچۈن بىر خىل گۆشنى مىسالغا ئېلىپ شۇنداق ئۇنۋان قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى قوي گۆشىنىلا تىلغا ئېلىپ باشقا گۆشلەر ئوخشاش دېمەكچى. قانداقلا بولمىسۇن «سەھىھۇلبۇخارىي»نىڭ بابلىرى ھەر خىل تەھلىل قىلىنىپمۇ بەزىدە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب چىقماي قالىدۇ. «تالقان» دېگەن سۆزنى قىستۇرۇشى تېخىمۇ غەلىتە. چۈنكى، مەزكۇر بابتا تالقانغا مۇناسىۋەتلىك بىرمۇ ھەدىس كەلتۈرمىگەن. ئۇندىن كېيىنكى بابتا تالقان توغرىسىدا ئايرىم توختالغان. بۇ خەلىفەلەردىن كەلگەن رىۋايەت «گۆش» دەپ ياكى «ئوتتا پىشۇرۇلغان» دەپ ئومۇم كەلگەن بولغاچقا، بۇ تۆگە گۆشىگىمۇ ئام رىۋايەتتۇر. دېمەك، رىۋايەت ئام، ئىمام بۇخارىيمۇ بۇنى ئومۇم شەكلىدە چۈشەنگەن. لېكىن، قويغان باب بۇخارىيغا تەۋە بولغاچقا، بۇخارىينىڭ چۈشىنىشى، فىقھىي قاراشلىرى بابلاردا نامايەن بولىدىغان بولغاچقا، ئىمام بۇخارىي بابنىڭ نامىدا «قوي گۆشى» دەپ ئېيتقان. دېمەك، بۇخارىينىڭ باب نامى بىزگە ھۆججەت ئەمەس. ئۆز قارىشى ۋە چۈشەنچىسىنى ئىپادىلەيدۇ. «ئوت تەككەن نەرسە» دېگەن ئىبارە پۈتۈن گۆشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان ئىبارە بولغاچقا، تۆگە گۆشىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە دەپ ئومۇم شەكلىدە چۈشەنگەن.
14. «ئابدۇرراززاق»، (639 – 664).
15. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (8042)؛ «سۈنەنۇددارەقۇتنىي»، «بەدەندىن چىققان نەرسىلەردىن تاھارەت ئېلىش بابى». ئىمام نەۋەۋىي («ئەلمەجمۇﺋ»، 6/340): «ئىسنادى ھەسەن ياكى سەھىھ» دېگەن.
16. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 1/252.
17. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/75.
18. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 1/311.
19. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 1/311.

Please follow and like us:
Exit mobile version