سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھايات ئادەم جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
بىرنەچچە سەھىھ ھەدىسلەردە جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇراش تىلغا ئېلىنغان. مەسىلەن، ئەنەس ئىبنى نەزر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جەڭگە ئاتلانغاندا: «جەننەتنى خالايمەن. ئاتام نەزرنىڭ رەببى بىلەن قەسەمكى، مەن ئوھۇدنىڭ يېنىدا جەننەتنىڭ بۇيىنى پۇراۋاتىمەن» دېگەن.(1)
بۇ ساھابە جەننەتنىڭ پۇرىقىنى بۇرنى بىلەن پۇراپ ئالالىغان بولۇشىمۇ ئېھتىمال، ئالىملاردىن بۇ ھەدىسنى زاھىرى بويىچە چۈشەنگەنلەرمۇ بار. يەنى ئاللاھ تائالا جەننەتنىڭ پۇرىقىنى جەڭ مەيدانىدا پەيدا قىلىپ بەرگەن. سەھىھ ھەدىسلەردە ئۇنىڭ ھىدىنىڭ بەش يۈز يىللىق مۇساپىدىن كېلىپ تۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.(2)
ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى دەيدۇكى: «جەننەتنىڭ پۇرىقى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، دۇنيادا بولۇپ، بۇنى بەندىلەر پۇرىمىسىمۇ ئەرۋاھلار بەزىدە پۇرايدۇ. يەنە بىرى، خۇددى گۈل – چېچەكلەرنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغانغا ئوخشاش پۇراش ئەزالىرى ئارقىلىق پۇرىلىدىغان پۇراق بولۇپ، بۇنى جەننەت ئەھلى ئاخىرەتتە يېقىندىن ھەم يىراقتىن پۇرايدۇ. ئەمما، دۇنيادا بولسا، ئۇنى ئاللاھ خاھلىغان پەيغەمبەرلەر پۇرايدۇ، ئەنەس ئىبنى نەزر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پۇرىغان پۇراق مۇشۇ تۈردىكى پۇراق بولۇشىمۇ مۇمكىن، بىرىنچى تۈردىن بولۇشىمۇ مۇمكىن».(3)
يەنە بەزى ئالىملار بۇنى ھەقىقىي پۇراش ئەمەس «ئوخشىتىش» دەپ چۈشەنگەن. يەنى ئوھۇدنىڭ يېنىدا ئۆلتۈرۈلۈش جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ۋە ئۇنىڭ نازۇ – نېئمەتلىرىگە نائىل قىلىدىغان، ھىدىنى ئالالايدىغان ئىش، دېمەكچى. ياكى ھەقىقەتەن بىر خىل خۇش پۇراق پۇرىغان بولۇپ، بۇ خۇش پۇراق ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ خۇشپۇرىقىنى ئەسلەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. ياكى جەننەتكە مۇشۇنداق جايلاردا جىھاد قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى يادىغا ئېلىپ شۇنداق ھېس قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.(4)
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئېھتىماللىق.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 15 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 19 – ئاپرېل
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 13 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «بۇخارىي»، (2805).
2. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 13/48.
3. ئىبنۇلقەييىم: «ھادىل ئەرۋاھ»، 1/109.
4. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 6/23؛ سۇيۇتىي: «ئەددىيباج»، 4/497.