تىلاۋەت سەجدىسى ھەققىدە

تىلاۋەت سەجدىسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سەجدە ئايەتى ئوقۇلغاندا سەجدە قىلىش ۋاجىبمۇ ياكى سۈننەتمۇ؟ ئوقۇپ بولۇپ كېچىككەندە قانچىلىك ئارىلىققىچە سەجدە قىلىش كېرەك؟ سەجدە ئايەتى قايسىلار؟ نېمە ئۈچۈن «سەجدە ئايەتى» دەپ باشقا ئايەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ؟ ئولتۇرۇپ سەجدە ئايەتىنى ئوقۇغاندا تۇرماستىنلا سەجدىگە بارسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

جانابىي ئاللاھ سەجدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنى تىلاۋەت قىلغاندا سەجدە قىلىشنى بەندىنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىبادەتلەر قاتارىدا يولغا قويغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تولۇق خۇشۇنى قولغا كەلتۈرۈش، ئاللاھقا موھتاجلىقىمىزنى ئىزھار قىلىش ۋە ئۈلگىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش شۇنداقلا ئىنساننىڭ دۈشمىنى شەيتانغا زەربە بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك مەقسەتلەرگە يەتكىلى بولىدۇ.

«تىلاۋەت سەجدىسى»(1)نىڭ پەزىلىتى ھەققىدە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنداق ھەدىس رىۋايەت قىلغان: «ئادەم بالىسى سەجدە ئايەتى ئوقۇپ سەجدە قىلسا، شەيتان يىغلىغىنىچە ئۆزىنى بىر چەتكە ئېلىپ نالە قىلىپ دەيدۇ: ۋاي ئىسىت ماڭا! ئادەم بالىسى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدى، سەجدە قىلدى. ئۇنىڭغا جەننەت بار. مەنمۇ سەجدىگە بۇيرۇلغانتىم باش تارتتىم، شۇڭا، ماڭا دوزاخ بار»(2).

جانابىي ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە ئايەتلەرنى تىلاۋەت قىلغاندا سەجدىگە بارغانلارنى مۇنداق مەدھىيەلىگەن. شۇڭا، مۇسۇلمان كىشى سەجدە ئايەتىنى تىلاۋەت قىلىش بىلەن بىرگە سەجدىنى قولدىن بەرمەسلىكى لازىم.

﴿ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار ياكى ئىمان كەلتۈرمەڭلار بەرىبىر دېگىن. شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئىلىم بېرىلگەنلەر، قۇرئان ئايەتلىرى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىنسا، دەرھال سەجدىگە يىقىلىدۇ. ۋە: «پەرۋەردىگارىمىز پاكتۇر، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ» دەيدۇ. ئۇلار يىغلىغان ھالدا يىقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ خۇشۇئىنى ئاشۇرىدۇ﴾(17/«ئىسراﺋ»: 107 – 109)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە سەجدە ئايەتى بار سۈرىنى ئوقۇپ بېرىپ سەجدە قىلاتتى، بىزمۇ سەجدە قىلاتتۇق، ھەتتا بەزىلىرىمىز (قىستىلىشىپ كەتكەنلىكىمىزدىن) پېشانىسىنى قويغۇدەك يەر تاپالماي قالاتتى». بۇ ھەدىسنىڭ مۇسلىم رىۋايەتىدە «ناماز سىرتىدا» دېگەن.(3)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما يەنە رىۋايەت قىلىدۇكى: «ئۆز ۋاقتىدا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىز ئۇ زاتنىڭ قېشىدىكى چاغدا سەجدە ئايەتىنى ئوقۇپ سەجدە قىلسا، بىزمۇ بىللە سەجدە قىلىمىز دەپ قىستىلىشىپ كەتكەنلىكىمىزدىن، ھەتتا بەزىلىرىمىز پېشانىسىنى قويغۇدەك يەرمۇ تاپالماي قالاتتى».‏(4).

ئەبۇ سەلەمە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: ﴿ئىزەسسەمائۇن شەققات‏﴾ سۈرىسىنى ئوقۇپ (﴿ئۇلارنىڭ يېنىدا قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟﴾(84/«ئىنشىقاق»، 21) دېگەن ئايەتكە كەلگەندە) سەجدە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ:

— ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! مەن ئۆزلىرىنىڭ سەجدە قىلغانلىرىنى كۆرۈۋاتىمەنغۇ؟ — دېسەم، ئۇ:

— مەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەجدە قىلغانلىقىنى كۆرمىگەن بولسام سەجدە قىلمايتتىم، — دېدى».(5)

تىلاۋەت سەجدىسى بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، بىر سەجدە بىلەن ئادا تاپىدۇ. سەجدىنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئىش ياكى سۆز قىلسا ئورنىنى باسالمايدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ئۇزۇن بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەجدە قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﻪﮪﻠﻰ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎھلىغاﻧﻼﺭﻏﺎ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻼھقا ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺩﻭﺯﺍﺧﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ. ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯧﺸﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﺟﺪﻩ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﻭﺯﺍختىن ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺩﻭﺯﺍﺧﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﺟﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﺷﯩﻨﻰ ﮪﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪندۇر»(6).

قۇرئان كەرىمدە 15 ئورۇندا سەجدە ئايەتى بار، بۇلار:

7/«ئەئراف»: 206، 13/«رەئد»: 15، 16/«نەھل»: 49، 17/«ئىسراﺋ»: 107، 19/«مەريەم»: 58، 22/«ھەج»: 18، 77، 25/«فۇرقان»: 60، 27/«نەمل»: 25، 32/«سەجدە»: 15، 38/«ساد»: 24، 41/«فۇسسىلەت»: 37، 53/«نەجم»: 62، 84/«ئىنشىقاق»: 21، 96/«ئەلەق»: 19 – ئايەتلەر.

بەزى ئىماملار 14 بەزى ئىماملار 11 ئورۇندا بار دەپمۇ قارايدۇ(7).

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، 22/«ھەج»دىكى ئىككىنچى سەجدە بىلەن ئاخىرقى 3 قىسقا سۈرىلەردىكى سەجدە ئايەتلىرىدىمۇ سەجدە قىلىنىدۇ.

بۇ ئايەتلەر تىلاۋەت قىلىنغاندا سەجدە قىلىشنىڭ سەۋەبى بولسا، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە بەندىلىرىنى سەجدىگە بۇيرۇغان ياكى ئىلگىرىكىلەرنىڭ سەجدىگە بۇيرۇلغاندا سەجدە قىلغانلىقىنى مەدھىيەلىگەن ياكى سەجدە قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. يەنە سەجدە ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندا سەجدە قىلىش تولۇق خۇشۇنى قولغا كەلتۈرۈش، ئاللاھقا موھتاجلىقنى ئىزھار قىلىش، شەيتاننىڭ دەككىسىنى بېرىش ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغاندۇر.

ئادەتتە، «قۇرئان كەرىم»دە سەجدە ئايەتلىرىدىكى سەجدە كەلىمىسىنىڭ ئۈستىگە سىزىق تارتىلىپ ئايەت ئاخىرىغا سەجدە بەلگىسى قويۇلىدۇ.

سەجدە ئايەتىنى ئوقۇغاندا ياكى ئاڭلىغاندا سەجدە قىلىشنىڭ ھۆكمى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، سۈننەت، ھەنەفىي ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ۋاجىبتۇر. ھەر قاراشنىڭ ئۆزىگە لايىق دەلىللىرى بار بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەجدە ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندا بىر قېتىممۇ سەجدە قىلماي قالمىغان. شۇڭا، بىز سەجدە قىلساق رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ئارقىلىق بۇ سەجدىدىكى پەزىلەتكە ئېرىشىمىز.

بەزى ئالىملار سەجدە ئايەتىنى ئوقۇغان كىشى بىلەن سەجدە ئايەتىنى ئاڭلىغان ياكى ئاڭلىشى ئۇدۇل كېلىپ قالغان كىشىنى ئايرىيدۇ. يەنە بەزىلەر ئوقۇغان كىشى سەجدە قىلمىسا، ئاڭلىغان كىشىمۇ سەجدە قىلمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئاساسەن بۇ ئايەتلەرنى نامازدا ياكى نامازنىڭ سىرتىدا ئوقۇغاندا ياكى ئاڭلىغاندا رۇكۇ قىلماستىن بىر تەكبىر ئېيتىپ بىر سەجدە قىلىپ، يەنە بىر تەكبىر بىلەن بېشىمىزنى كۆتۈرىمىز، سالام بەرمىسەكمۇ بولىدۇ. نامازغا تۇرغاندەك قۇلاق قېقىپ ئايرىم بىر تەكبىر تەھرىيمە چۈشۈرۈلمەيدۇ. تەكبىر چۈشۈرۈپ سەجدىگە بارغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرمەيدۇ. سەجدە قىلىپ بولۇپ ئەتتەھىيياتۇدا ئولتۇرمايدۇ.

بەزى ئالىملار: سەجدىگە بارغاندا تەكبىر ئېيتىپ سەجدە قىلىمىز، سەجدىدىن تۇرغاندا تەكبىر ئېيتمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

لېكىن، ناماز ئىچىدە سەجدىگە بارغاندا بىر، سەجدىدىن تۇرغاندا بىر تەكبىر ئېيتىدۇ.

نامازنىڭ سىرتىدىكى كىشى سەجدە ئايەتى ئوقۇسا ياكى ئاڭلىسا، ئۆرە تۇرغان ھالەتتە بولسا، سەجدىگە چۈشىدۇ. ئولتۇرغان ھالىتىدە بولسا ئولتۇرغان ھالىتىدىلا سەجدىگە بارىدۇ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئاندىن سەجدىگە بېرىشى شەرت ئەمەس. ئورنىدىن تۇرۇپ ئاندىن سەجدىگە بارسىمۇ بولىدۇ.

بىر ئولتۇرۇشتا بىر ياكى بىرقانچە قېتىم ئوقۇسا ياكى ئاڭلىسا، ھەربىر سەجدىگە ئايرىم – ئايرىم سەجدە قىلسىمۇ، ھەممىگە بىراقلا بىر قېتىم سەجدە قىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ. باشتىكى بىر ئايەتكە سەجدىگە بارغان بولسا كېيىنكىلىرىگە سەجدىگە بارمىسىمۇ، سەجدە قىلىشنى ئولتۇرۇشتىن قوپۇشىغىچە كېچىكتۈرسىمۇ مەيلى، لېكىن ۋاقتىدا قىلىش ئەۋزەل.

نامازنىڭ ئىچىدە سەجدە ئايەتى ئوقۇسا دەرھال سەجدىگە بېرىپ بىر سەجدە قىلىۋېتىپ، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ نامىزىنى كەلگەن يەردىن داۋاملاشتۇرىدۇ. خاھلىسا قىرائەتنى كەلگەن يەردىن داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇيدۇ، خاھلىسا ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن قىرائەت قىلماي توختاپ رۇكۇغا بارىدۇ.

نامازدا تۇرۇپ دەرھال سەجدە قىلىش ياكى قانچىلىك كېچىكتۈرۈش مەسىلىسىدە مۇھەققىق ئالىم كامال ئىبنىل ھۇمام مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىشى نامازدا سەجدە ئايەتىنى ئوقۇسا، ئەگەر سەجدە ئايەتى سۈرىنىڭ ئاخىرىدا ياكى ئاخىرىغا يېقىن بولۇپ، ئارقىدا سۈرە تۈگىگەنگە قەدەر بىر ياكى ئىككى ئايەت بولسا، خاھلىسا سۈرىنى ئاخىرىغىچە ئوقۇۋېتىپ بىراقلا رۇكۇغا بارىدۇ، ياكى دەرھال سەجدە قىلىۋېتىپ ئاندىن قىيامغا قايتىپ سۈرىنى ئاخىرىغىچە ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭغا باشقا بىر سۈرىنى ئۇلاپ ئوقۇۋەتسە تېخىمۇ ئەۋزەل. دەرھال سەجدە قىلىۋەتمەي ئاخىرىغىچە ئوقۇپ بىراقلا رۇكۇغا بېرىپ ئاندىن سەجدە قىلغان بولسا، بۇ ئەھۋالدا تىلاۋەت سەجدىسى بوينىدىن ساقىت بولىدۇ. چۈنكى، بۇنچىلىك ئارىلىق ئۆتسە، دەرھاللىق ئۈزۈلۈپ قالمىغان بولىدۇ. ئەگەر سەجدە ئايەتى ئوقۇپ بولۇپلا ئۇدۇل سەجدە قىلماي دەرھال رۇكۇغا بېرىپ ئاندىن سەجدە قىلغان بولسا، بۇ سەجدىدە تىلاۋەت سەجدىسىنىمۇ نىيەت قىلغان بولسۇن ياكى بولمىسۇن بۇ ئەھۋالدا تىلاۋەت سەجدىسى بوينىدىن ساقىت بولىدۇ. شۇنداقلا سەجدە ئايەتىدىن كېيىن ئىككى ئايەت ئوقۇغان بولسىمۇ – تىلاۋەت سەجدىسىنى نىيەت قىلمىغان بولسىمۇ – تىلاۋەت سەجدىسى ناماز سەجدىسى بىلەن بىللە ئادا بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى ئىتتىپاققا كەلگەن»(8).

نامازدا قەستەن ياكى ئۇنتۇپ قېلىپ تىلاۋەتكە سەجدە قىلمىغان ئەھۋالدا نامازدىن كېيىن سەجدە ياكى باشقا بىر ئىش قىلىشى كېرەك ئەمەس. چۈنكى، تىلاۋەت سەجدىسى نامازنىڭ بىر قىسمىدەك بولۇپ كەتكەن بولغاچقا، نامازنىڭ باشقا ۋاجىباتلىرىغا ئوخشاش ناماز ئىچىدىلا ئادا قىلىنىدۇ. نامازنىڭ سىرتىدا ئەمەس. تىلاۋەت سەجدىسى قىلغاندا سەجدىگە بېرىشى كېرەك بولغان بولسىمۇ، بىراق نامازنىڭ رۇكۇ – سەجدىسى بۇ تىلاۋەت سەجدىسى ئورنىدا تۇرۇپ ئاللاھنى ئۇلۇغلاشتا كۇپايە قىلىدۇ(9).

جامائەت نامازدا جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ سەجدىگە بارىدۇ. ئىمام سەجدىگە بارمىسا بارمايدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىمام دېگەن ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن، ئىمام رۇكۇ قىلسا دەرھال رۇكۇ قىلىڭلار، بېشىنى كۆتۈرسە دەرھال بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇسا ئولتۇرۇپ ئوقۇڭلار»(10).

ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان نامازلاردىمۇ، ئىچىدە ئوقۇلىدىغان نامازلاردىمۇ ھۆكۈم ئوخشاش. بىراق، جامائەت گاڭگىراپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىچىدە ئوقۇيدىغان نامازلاردا سەجدە ئايەتى ئوقۇمىغان تۈزۈك.

ئەگەر ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان نامازلاردا ئىمام سەجدە ئايەتى ئوقۇپ تىلاۋەتكە سەجدە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئەھۋالدا جامائەت ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشنى ئەسلىتىشى كېرەك ئەمەس، چۈنكى ئىمام سەجدە قىلىش ۋاجىب ئەمەس دەپ قارىغانلىقتىن سەجدىگە بارمىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا ئىمامغا ئەسلىتىپ قويۇش ئۈچۈن جامائەتنىڭ سەجدە ئايەتىنى ئوقۇشى ياكى تەسبىھ ئېيتىپ ئىمامنىڭ قىرائەتىنى توختىتىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى، بۇ ئىش جامائەتنى پاتىپاراق قىلىدۇ.

سەجدە ئايەتىنى نامازنىڭ سىرتىدا ئولتۇرغان ھالەتتە ئوقۇغان بولسا، توغرا قاراشتا ئورنىدىن تۇرۇپ يۈرمەي ئولتۇرغان ھالىتىدىلا سەجدىگە بارىدۇ.

بەزى ئالىملار ئورنىدىن تۇرۇپ ئاندىن سەجدىگە بېرىش ئەۋزەل ياكى مۇستەھەب دەپ قارىغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا تۈزۈك بىر دەلىل يوق.

سەجدىدە خاھلىغان دۇئالارنى قىلسا بولىدۇ، ھەدىسلەردە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەپلە نامازلىرىدا سەجدىگە بارغاندا قىلغان ئەرەبچە دۇئالارنى بىلسە ئەرەبچە، بىلمىسە ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا خاھلىغانچە دۇئا – تەسبىھ ئېيتسا بولىدۇ. پەرز ناماز سەجدىسىدە ئېيتقان تەسبىھنى ئېيتسىمۇ بولىدۇ، جانابىي ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە ئايەتلەرنى تىلاۋەت قىلغاندا سەجدىگە بېرىپ سەجدىلىرىدە: ﴿«پەرۋەردىگارىمىز پاكتۇر، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ»﴾ دېگەنلەرنى 17/«ئىسراﺋ»: 108 – ئايەتىدە مەدھىيەلىگەن. شۇڭا، مۇشۇ دۇئانى قىلسىمۇ بولىدۇ.

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، تىلاۋەت سەجدىسى قىلىش ئۈچۈن نامازغا ئوخشاش تاھارەت بولۇشى، كىيىم، ئورۇن ۋە بەدەن پاك بولۇشى، قىبلىگە يۈزلىنىش ۋە ئەۋرەتنى يۆگەش قاتارلىقلار شەرت قىلىنىدۇ. بۇ تىلاۋەت سەجدىسىنى نامازغا قىياس قىلغانلىقتۇر. بۇ قاراشقا ئاساسەن ئايال كىشى بېشىغا رومال ئارتىپ ئاندىن سەجدە قىلىشى كېرەك.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار تىلاۋەت سەجدىسىگە يۇقىرىقىلارنى شەرت قىلمىغان. ئەمەلىيەتتە، ھەدىسلەردىمۇ بۇنى شەرت قىلغان ئەھۋال رىۋايەت قىلىنمىغان. شۇڭا، تاھارىتى يوق كىشىمۇ سەجدىگە بارسا، سەجدە پەزىلىتىگە ئېرىشسە بولىدۇ.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما سەجدە ئايەتىنى ئوقۇغاندا تاھارەتسىزلا سەجدە قىلىۋېرەتتى(11).

بۇ قاراش يەنە شەئىبىي قاتارلىق بەزى سەلەفلەردىنمۇ كەلگەنلىكىنى ئىبنى ئەبى شەيبە رىۋايەت قىلغان(12) .

ئەمما، سەلەفلەردىن جۇنۇپ كىشى بىلەن ھەيزدار ئايالنىڭ تىلاۋەت سەجدىسى قىلمايدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان(13) .

دىيارىمىزدىكى قارىيلارنىڭ ئادىتىدە قۇرئان ئوقۇۋاتقاندا ياكى يادلىغاندا سەجدە ئايەتلىرىنى ئوقۇماي ئاتلاپ كېتىدىغان، ھەتتا نامازدىمۇ ئاتلاپ كېتىدىغان ئەھۋال بار، بۇ توغرا ئەمەس. سەلەفلەرنىڭ بۇنداق قىلىشنى يامان كۆرگەنلىكىنى ئىبنى ئەبى شەيبە رىۋايەت قىلغان(14). شۇڭا، تاشلىماي ئوقۇش لازىم.

سەلەفلەردىن كېلىشىچە: سەجدە قىلالمايدىغان كېسەل كىشى، ئۇلاغ ئۈستىدىكى كىشى سەجدە ئايەتى ئوقۇغاندا ياكى ئاڭلىغاندا سەل ئېڭىشىپ ئىشارەت قىلىپ قويسا بولىدۇ. يولدا مېڭىپ كېتىۋېتىپ سەجدە ئايەتى ئوقۇغاندا ياكى ئاڭلىغاندا بىر چەتكە چىقىپ سەجدە قىلىدۇ. بەزى سەلەفلەردىن سەجدىگە بارماي «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر چۈشۈرۈپ ماڭغانلىقىمۇ رىۋايەت قىلىنغان.

ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتلاردىمۇ تىلاۋەت سەجدىسى قىلىشقا بولىدۇ. بۇ بەزى سەلەفلەردىن رىۋايەت قىلىنغان.

يۇقىرىقى بەزى مەسىلىلەردە سەلەفلەردىن ئوخشاش بولمىغان بەزى قاراشلارمۇ كەلگەن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 24 – مۇھەررەم / م. 2011، 19 – دېكابر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 2 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————————————————-
1. تىلاۋەت سەجدىسى (سَجْدَةُ / سُجُودُ التِّلاَوَةِ): «قۇرئان كەرىم»دىكى «سەجدە ئايەتلىرى»دىن بىرەرىنى تىلاۋەت قىلىش ياكى تىلاۋەتنى ئاڭلاش سەۋەبىدىن قىلىنىدىغان سەجدەدۇر. نامازدا ياكى نامازنىڭ سىرتىدا ئوقۇغاندا ياكى ئاڭلىغاندا سەجدە قىلىشنىڭ ھۆكمى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە سۈننەت، ھەنەفىي ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ۋاجىبتۇر. سەجدە ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندا سەجدە قىلىش تولۇق خۇشۇئنى قولغا كەلتۈرۈش، ئاللاھقا موھتاجلىقنى ئىزھار قىلىش، شەيتاننىڭ دەككىسىنى بېرىش ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغاندۇر. تىلاۋەت سەجدىسى بىر سەجدە بىلەن ئادا تاپىدۇ. ئالدى – كەينىدە تەكبىر ئېيتىش مۇستەھەب. سەجدىنىڭ ئورنىنى باشقا بىر ئىش ياكى سۆز باسالمايدۇ. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە تىلاۋەت سەجدىسى ئۈچۈن تاھارەت، نىجاسەتلەردىن پاكلىنىش، قىبلىگە يۈزلىنىش، ئەۋرەتنى يېپىش قاتارلىقلار شەرت قىلىنىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 24/212 – 233.
2. «مۇسلىم»، (81).
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1075)؛ «مۇسلىم»، (575).
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1076)؛ «مۇسلىم»، (575).
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1074)؛ «مۇسلىم»، (578).
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (806)؛ «مۇسلىم»، (182).
7. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ نەزەرىدە، 14 ئورۇندا سەجدە ئايەتى بار بولۇپ، بۇ ئىمام ئەھمەدتىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان قاراشتۇر. ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن يەنە بىر رىۋايەتتە 15 ئورۇندا، مالىكىي مەزھەبتە 11 ئورۇندا سەجدە ئايەتى بار. شافىئىي مەزھەبتىمۇ 14 ئورۇندا، لېكىن بىر ئورۇندا ھەنەفىي مەزھەب بىلەن پەرقى بار. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 1/193؛ «مالىك»، 1/207؛ شىيرازىي: «ئەلمۇھەززەب»، 1/85؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/357.
8. ئىبنۇل ھۇمام: «فەتھۇلقەدىر»، 2/18.
9. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 1/190.
10. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (688)؛ «مۇسلىم»، (412).
11. «بۇخارىي»، «مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشرىكلار بىلەن سەجدە قىلغانلىقى توغرىسىدا» دېگەن باب.
12. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (4325).
13. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (4315 – 4321).
14. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (4202 – 4209).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ