«لەيل» سۈرىسىنىڭ ئۈچىنچى ئايىتىنىڭ ئوقۇلىشى

«لەيل» سۈرىسىنىڭ ئۈچىنچى ئايىتىنىڭ ئوقۇلىشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ، ئۇستاز! «ھەدىس شەرىفتىن ئۈنچە – مارجانلار» دېگەن كىتابنىڭ 177 – بېتىدە بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىس بار. ئۇنىڭدا سۈرە «لەيل» نىڭ ئۈچىنچى ئايىتىنى (وَالذَّكَرِ وَالأُنثَى) دەپ ئوقۇشنى توغرا دېگەن ئىكەن، چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئەلقەمە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: شامغا كېلىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدۇم ۋە ئاللاھتىن ماڭا ياخشى سۆھبەتداش مۇيەسسەر قىلىشىنى تىلەپ بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئولتۇردۇم. بىر ئاقساقال كىشى كېلىپ يېنىمدا ئولتۇردى. مەن: بۇ كىشى كىم؟ دېۋىدىم، ئۇلار: ئەبۇ دەردا بولىدۇ، دېيىشتى. مەن: ئاللاھتىن ماڭا ياخشى سۆھبەتداش مۇيەسسەر قىلىشنى سوراپ دۇئا قىلغان ئىدىم، سىلىنى ماڭا مۇيەسسەر قىلدى، دېسەم. ئۇ: كىملەردىنسەن؟ دەپ سورىدى. مەن: كۇفە خەلقىدىن، دېسەم. ئۇ: ئاراڭلاردا ئۇممۇ ئەبدىنىڭ ئوغلى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كەشىنى، ئىۋرىقىنى، ياستۇقىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ خىزمىتىنى قىلغان كىشى بارتىغۇ؟ (يەنى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنى دېمەكچى) ئاراڭلاردا ئاللاھ ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلاپ قالغان كىشى بارتىغۇ؟ (ئەممارنى دېمەكچى) ئاراڭلاردا ھېچكىم بىلمەيدىغان سىرنى بىلىدىغان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سىردىشى بارتىغۇ؟ دەپ، ئاندىن: (وَاللَّيْلِ) (‏ۋەللەيلى) نى ئابدۇللاھ قانداق قىرائەت قىلىدۇ؟ دەپ سورىۋىدى، مەن: (وَاللَّيْلِ إِذَا يَغْشَى * وَالنَّهَارِ إِذَا تَجَلَّى * وَالذَّكَرِ وَالأُنْثَى) دەپ ئوقۇپ بەرسەم ئۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا ئۆز ئاغزى بىلەن مۇشۇنداق ئۆگەتكەن، دېدى.(1)

يەنە بىر رىۋايەتتە ئەلقەمە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىرنەچچە ھەمراھلىرى بىلەن شامغا باردىم. ئەبۇ دەردا بىزنىڭ كەلگەنلىكىمىزنى ئاڭلاپ، يېنىمىزغا كېلىپ: ئاراڭلاردا قۇرئان ئوقۇيالايدىغان كىشى بارمۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى. بىز: ھەئە. بار، دېۋىدۇق. ئۇ: ئەڭ ياخشى ئوقۇيالايدىغىنىڭلار قايسىڭلار؟ دېگەن ئىدى، ئۇلار مېنى ئىشارەت قىلىپ قويۇشتى. ئۇ: ئوقۇغىن، دېگەن ئىدى، مەن: (‏وَاللَّيْلِ إِذَا يَغْشَى * وَالنَّهَارِ إِذَا تَجَلَّى * وَالذَّكَرِ وَالأُنْثَى) دەپ ئوقۇسام، ئۇ: سەن بۇ خىل ئوقۇشنى ئۇستازىڭنىڭ (ئابدۇللاھنىڭ) ئاغزىدىن ئاڭلىدىڭمۇ؟ دەپ سورىدى. مەن: ھەئە، دېسەم. ئۇ: مەنمۇ بۇ خىل ئوقۇشنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئىدىم. شاملىقلار بۇنداق ئوقۇشتىن چەكلەۋاتىدۇ، دېدى.(2)

مۇسلىمنىڭ بىر رىۋايىتىدە: ئاۋۇلار مېنى [وَمَا خَلَقَ) دەپ ئوقۇشۇمنى خالاۋاتىدۇ، لېكىن مەن ئۇلارغا ئەگەشمەيمەن، دەپ كەلگەن.

مۇپەسسىرلەردىن ئىبنى ئەتىييە مۇنداق دەيدۇ:

«يۇقىرىقى ئايەتنى كۆپچىلىك ساھابە كىراملار ھازىر بىز «قۇرئان كەرىم»دە ئوقۇۋاتقان شەكىلدە (وَمَا خَلَقَ الذَّكَرَ وَالْأُنْثَى) دەپ قىرائەت قىلغان. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغىنى بويىچە (وَالذَّكَرِ وَالأُنْثَى) دەپ قىرائەت قىلغان. ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئەلقەمە قاتارلىقلارمۇ شۇنداق قىرائەت قىلغان. ئۇلارنىڭ قىرائىتىدە (وَمَا خَلَقَ) دېگەن ئىبارە يوق. بۇ قىرائەت يەنە ئىبنى ئابباس ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان».(3)

ئىمام ئەلۇسىي مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ قىرائەت بىرقانچە ساھابىدىن نەقىل قىلىنغان شاز قىرائەت(4) بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قىرائەت قىلىش جائىز بولمايدۇ. لېكىن، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىۋاسىتە ئاڭلىغان كىشىگە نىسبەتەن مۇتەۋاتىر ھۆكمىدە بولۇپ، ئۇنىڭ بويىچە قىرائەت قىلسا بولىدۇ».(5)

يۇقىرىقى ھەدىستە ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئۇلارغا ئەگەشمەيمەن» دېگەن. «ئەمەلىيەتتە، ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ قىرائىتىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىۋاسىتە ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن كەسكىن ئىشەنچلىك دەپ قاراپ شۇنداق دېگەن. بىراق، كۆپچىلىكمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىۋاسىتە ئاڭلىغان بولغاچقا، ھەم ئۇلار سان جەھەتتىن مۇتەۋاتىر بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قىرائىتىمۇ كەسكىن ئىشەنچلىك».(6)

بۇ قىرائەت ئوخشاشماسلىقىنى مۇنداق ئىزاھلاش مۇمكىن: بۇ قىرائەتمۇ، كۆپچىلىكنىڭ قىرائىتىمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلگەندۇر. لېكىن، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىرائىتى كېيىنچە، ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ مەنسۇخ بولۇپ كەتكەن. مەنسۇخ بولۇپ كەتكەنلىكىدىن بىخەۋەر قالغانلار بۇرۇنقى ئاڭلىغان قىرائەتتە ئوقۇۋەرگەن. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئاننى قايتا رەتلىگەندە مەنسۇخ بولۇپ كەتكەن قىرائەتلەرنى ئېلىۋېتىپ، ئەڭ ئاخىرقى قىرائەت شەكلى بويىچە قۇرئاننى بىر نۇسخا قىلىپ بېكىتىپ ئىقلىملارغا ئەۋەتكەندىن كېيىن ھەممەيلەن بىردەك ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نۇسخىسى بويىچە قىرائەت قىلىشقا باشلىغان. ھېچكىم ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمىغان.(7)

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2012. 2. 17

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 1 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————————————-

1. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 3742 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 824 – ھەدىس.
2. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 4943 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 824 – ھەدىس.
3. «المحرر الوجيز»، 490/5.
4. شاز قىرائەت – سەنەدى سەھىھ بولسىمۇ مۇتەۋاتىر يېتىپ كەلمىگەن، ئەرەب تىلى قائىدىسىگە ئۇيغۇن، لېكىن ئوسمانىي نۇسخىغا ئوخشىمىغان قىرائەت.
5. «روح المعاني»، 147/30.
6. «عمدة القاري»، 296/19.
7. «شرح صحيح مسلم»، 109/6؛ «عمدة القاري»، 237/16.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.