Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

سېھىرگەرنىڭ ئالدىغا بېرىشنىڭ ھۆكمى

سېھىرگەرنىڭ ئالدىغا بېرىشنىڭ ھۆكمى

سېھىرگەرنىڭ ئالدىغا بېرىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قاتتىق ئاغرىپ يېتىپ قالغان بىر كىشىنى سېھىرنى ياخشى بىلىدىغان بىرسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ، ئۇنىڭدىكى ئىللەتنىڭ سېھىر سەۋەبىدىن ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى ئۇقۇپ باقسام بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

سېھىرگەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ كېسەلنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ بېقىشقىمۇ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىشىنىشكىمۇ، سېھىر قىلىنغان كىشىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئاپىرىشقىمۇ بولمايدۇ.

كېلەچەكتە بولىدىغان ئىشلارنى، غەيبنى بىلىشنى دەۋا قىلىدىغان پالچى، رەممال، مۇنەججىم دېگەندەك كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ ھەقتە سېھىرگەرگە ئوخشاش.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دېگەنكى: «بەزى كىشىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن پالچىلار توغرىسىدا سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇلارنىڭ سۆزى ئاساسسىز، — دېدى. ئۇلار:

پالچىلار بەزىدە بىزگە بىرەر ئىشنى دېسە، راستىنلا ئۇلار دېگەندەك بولۇپ چىقىدىغۇ، — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئاشۇ بىر ئېغىز سۆز راستتۇر، ئاشۇ سۆزنى جىنلار ئاڭلاپ قاچىدۇ، ئاندىن ئۇنى يېقىنلىرىنىڭ قۇلىقىغا ئەكىلىپ تۆكىدۇ، ئۇلار ئاڭلىغان بۇ خەبەرگە يۈز يالغاننى قاتىدۇ، — دېدى.(1)

ئاغرىپ قالغان كىشىنى دوختۇرلارغا كۆرسىتىش لازىم، ئەگەر دوختۇرلار كېسىلىنى تاپالىغان تەقدىردە، كېسەلنى داۋالاش بىلەن بىرگە بىمارغا ھەدىسلەردە كەلگەن دۇئالارنى ئوقۇپ قويسا بولىدۇ. كېسىلىنى تاپالمىغان تەقدىردىمۇ بىمارنى سالىھ تەقۋادار بىر كىشىنىڭ قېشىغا ئاپارسا، ئۇ كىشى ئۇنىڭغا ھەدىسلەردە كەلگەن دۇئالارنى ئوقۇپ قويسا بولىدۇ. ياكى ئۆزى ئوقۇپ ھۈرۈپ قويسىمۇ بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 27 – شەۋۋال / م. 2011، 25 – سېنتەبىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 26 – نومۇرلۇق پەتۋا.

——————
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5762). «مۇسلىم»، (2228).

Please follow and like us:
Exit mobile version