Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

دەججال چىقىش ئالدىدا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر

دەججال چىقىش ئالدىدا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر

دەججال چىقىش ئالدىدا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دەججال چىقىش ئالدىدا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟ ئەگەر ئۇ چىقسا قانداق قىلىپ فىتنەسىدىن ساقلىنىمىز؟ ئۇنى قانداق تونۇيمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

دەججال دېگەن سۆز: يالغانچى، كاززاب، كۆز بويامچى، ھەق بىلەن ناھەقنى ئارىلاشتۇرىۋەتكۈچى، قاپلىۋەتكۈچى دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇنىڭ فىتنەسى پۈتۈن دۇنيانى قاپلايدىغان بولغاچقا، شۇنداق دېيىلگەن. يەنە ئۇ يەكچەشمە بولۇپ، ئوڭ كۆزىنىڭ ئورنى سۈرتۈلگەندەك تۈپتۈز بولغاچقا، مەسىھ دەپ ئاتالغان.(1)

«قۇرئان كەرىم» دەججالنىڭ چىقىشىغا مۇنداق ئىشارەت قىلغان: ﴿رەببىڭنىڭ بەزى ئايەتلىرى كېلىدىغان كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغان ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغان كىشىگە ئۇ كۈندە ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 158).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «تاكى دەۋاسى بىر بولغان ئىككى چوڭ مۇسۇلمانلار جامائىتى ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ ئوتتۇرىسىدا چوڭ قىرغىنچىلىق بولمىغىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. يەنە ھەربىرى مەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ دەۋا قىلىدىغان ئوتتۇزغا يېقىن كاززاب دەججال ئوتتۇرىغا چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. يەنە ئىلىم كۆتۈرۈلۈپ، يەر تەۋرەش كۆپىيىپ، ۋاقىت قىسقىراپ، فىتنەلەر ئاۋۇپ، قىرغىنچىلىق كۆپ بولۇپ، مال – مۈلۈك كۆپىيىپ ئېشىپ تاشمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا مال – دۇنيا كۆپىيىپ ئېشىپ – تېشىپ، مال – دۇنيا ئىگىسى سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم ئىزدەپ باش قاتۇرىدىغان، ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭغا سەدىقىسىنى تەڭلىسە، ئۇ ئادەم: بۇنىڭغا ھاجىتىم يوق، دېمىگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. يەنە كىشىلەر ئېگىز ئىمارەتلەرنى سېلىش بىلەن پەخىرلەنمىگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. يەنە بىر كىشى بىر كىشىنىڭ قەبرسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ (غەم – ئەندىشىسىنىڭ كۆپلۈكىدىن): ئۇنىڭ ئورنىدا بولغان بولسامچۇ؟ دەپ قالمىغىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. يەنە تاكى قۇياش كۈنپېتىشتىن چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. قۇياش چىقىپ خالايىق ئۇنى كۆرگەندە زېمىن ئۈستىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتىدۇ. مانا ئاشۇ چاغ ﴿ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغان ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغان كىشىگە ئۇ كۈندە ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ﴾ (6/«ئەنئام»: 158) دېگەن چاغدۇر. قىيامەت چوقۇم ئىككى كىشى رەختلىرىنى ئالدىلىرىغا يېيىپ تېخى سودىسىنى پۈتتۈرۈپ ياكى ئۇنى قاتلاپ يىغىپ بولغۇچە قايىم بولۇپ كېتىدۇ. قىيامەت چوقۇم كىشى سۈتلۈك تۆگىسىنىڭ سۈتىنى سېغىپ قايتىپ تېخى ئۇنى ئىچىپ بولغۇچە بولۇپ كېتىدۇ. قىيامەت چوقۇم ئۇ كىشى ئوقۇرىغا لاي سۇۋاۋېتىپ تېخى ئۇنىڭدا ئۇلىغىنى سۇغارماستىنلا قايىم بولۇپ كېتىدۇ. قىيامەت چوقۇم كىشى لوقمىسىنى ئاغزىغا ئاپىرىشىغا قايىم بولۇپ كېتىپ ئۇنى يېيەلمەي قالىدۇ».(2)

يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈچ نەرسە باركى ئۇلار چىقسا ﴿ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغان ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغان كىشىگە ئۇ كۈندە ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ﴾. بىرى، كۈننىڭ مەغرىبتىن چىقىشى، يەنە بىرى، دەججالنىڭ چىقىشى ۋە زېمىن ئۇلىغىنىڭ(3) ئورتىغا چىقىشى».(4)

يۇقىرىقى ھەدىسلەردە دەججال چىقىش ئالدى – كەينىدە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ چاغقا قەدەر ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ئىمان ئېيتىشى كار قىلمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دېمەك، ئايەتتە دەججال توغرىسىدا «رەببىڭنىڭ ئايەتلىرى» دەپ ئاشۇنداق بايان كەلگەن. بۇ ئايەتلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەنە شۇنداق تەفسىر قىلغان. ئۇنداق بولغان ئىكەن، دەججالنىڭ چىقىشى كېلەچەكتە بولىدىغان بىر غەيب، قىيامەتنىڭ بىر ئالامىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن «قۇرئان»دىمۇ، مۇتەۋاتىر ھەدىسلەردىمۇ كەلگەن بىر ھەقىقەتتۇر.

تۆۋەندە دەججال ھەققىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەردىن يەنە بىرقانچە مىسال ئېلىپ ئۆتەيلى، بۇنىڭ بىلەن دەججالنى ئىنكار قىلغان خاۋارىجلار، جەھمىييەلەر ۋە بەزى مۇئتەزىلەلەرگە، شۇنداقلا ئۆزىنى «قۇرئانچىلار» دەپ ئاتىۋالغان بۇزۇق تائىپىگىمۇ رەددىيە بەرگەن ھەمدە ئەھلىسۈننەت مەزھەبىنى ئىسپاتلىغان بولىمىز.

ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسماﺋ رەزىياللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلدىكى: «كۈن تۇتۇلغاندا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئائىشەنىڭ يېنىغا كەلسەم، كىشىلەر ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن. ئۇمۇ تۇرۇپ ناماز ئوقۇۋېتىپتۇ، مەن:

— كىشىلەرگە نېمە بولدى؟ — دېسەم، ئائىشە ئاسمانغا ئىشارەت قىلىپ:

— سۇبھانەللاھ! — دېدى. مەن:

— كۈننىڭ تۇتۇلۇشى ئالامەتمۇ؟ — دېسەم، بېشىنى لىڭشىتىپ:

—ھەئە، — دېدى. مەن دەرھال نامازغا تۇردۇم، ئاخىرى بېشىم قېيىپ، كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. مەن بېشىمغا سۇ قۇيغىلى تۇردۇم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدىن پارىغ بولۇپ ئۇلۇغ ئاللاھقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن:

— مەن ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغاننىڭ ھەممىسىنى، ھەتتا جەننەت بىلەن دوزاخنىمۇ مۇشۇ ئورنۇمدا كۆردۈم. ئاندىن ماڭا شۇنداق ۋەھيى قىلىندىكى: سىلەر قەبرەڭلاردا دەججالنىڭ فىتنەسىگە ئوخشايدىغان ياكى يېقىن كېلىدىغان (فاتىمە: ئەسمائنىڭ بۇ ئىككى سۆزنىڭ قايسىسىنى دېگەنلىكى ئېسىمدە يوق دەيدۇ) فىتنە بىلەن سىنىلىسىلەر، بىرىڭلار كەلتۈرۈلۈپ ئۇنىڭدىن: ‹بۇ ئادەمگە قانداق قارايسەن؟› دەپ سورىلىدۇ. مۇئمىن ئادەم ياكى ئىمانى مۇستەھكەم كىشى (فاتىمە: ئەسمائنىڭ بۇ ئىككى سۆزنىڭ قايسىسىنى دېگەنلىكى ئېسىمدە يوق دەيدۇ) بولسا: ‹ئۇ بولسا بىزگە ئېنىق مۆجىزىلەر ۋە ھىدايەت بىلەن كەلگەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەدتۇر، بىز ئۇنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشتۇق ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق› دەيدۇ. ئۇ ئادەمگە: ‹سەن سالىھ بەندىلەردىن بولۇپ ئۇخلىغىن، سېنىڭ پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرىدىغانلىقىڭنى بىز بىلەتتۇق› دېيىلىدۇ. مۇناپىق ياكى شەكلەنگۈچى (فاتىمە: ئەسمائنىڭ بۇ ئىككى سۆزنىڭ قايسىسىنى دېگەنلىكى ئېسىمدە يوق دەيدۇ) بولسا: ‹بىلمەيمەن، كىشىلەر نېمىدېگەن بولسا، ئاڭلاپ شۇنى دېدىم› دەيدۇ، — دېدى».(5)

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (نامازدا) مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! ھۇرۇنلۇقتىن، بەك قېرىپ كېتىشتىن، گۇناھتىن، قەرزدارلىقتىن، قەبر سىنىقىدىن، قەبر ئازابىدىن، دوزاختىكى سوئال – سوراق سىنىقىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، بايلىق سىنىقىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، يەنە نامراتلىق سىنىقىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، مەسىھ دەججال سىنىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، ئى ئاللاھ! مەندىن گۇناھلىرىمنى قار، مۆلدۈر سۇلىرى بىلەن يۇيۇۋەتكەيسەن، دىلىمنى گۇناھلاردىن خۇددى ئاق كىيىمدىن كىرنى تازىلىۋەتكەندەك تازىلىۋەتكەيسەن، مەن بىلەن گۇناھلىرىمنىڭ ئارىسىنى خۇددى مەشرىق بىلەن مەغرىب ئارىسىنى يىراق قىلغىنىڭدەك يىراق قىلىۋەتكەيسەن».(6)

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بۇ كېچە چۈشۈمدە ئۆزۈمنى كەئبەنىڭ يېنىدا كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە بۇغداي ئۆڭ كىشىلەر ئىچىدە كۆرۈپ باققان ئەڭ چىرايلىق بۇغداي ئۆڭ بىر كىشىنى كۆردۈمكى، ئۇنىڭ سەن كۆرۈپ باققان چاچلار ئىچىدىكى ئەڭ چىرايلىق چاچتەك چېچى بار، چېچىنى يۇيۇپ – تارىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن سۇ تامچىپ تۇرىدۇ. ئىككى ئادەمگە – ياكى ئىككى ئادەمنىڭ مۈرىسىگە – تايىنىپ تۇرۇپ، بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىۋېتىپتۇ. مەن ئۇنى كۆرۈپ: بۇ كىم؟ دەپ سورىسام: مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ، دېيىلدى. ئاندىن كېيىن شۇنداق قارىسام كەينىدە چاچلىرى ئەلتېرىدەك بۈدۈر، ئوڭ كۆزى كور، ئۇنىڭ بىر كۆزى خۇددى پۇلتىيىپ چىققان بىر تال ئۈزۈمگە ئوخشايدۇ. مەن ئۇنى كۆرۈپ: بۇ كىم؟ دەپ سورىسام: مەسىھ دەججال، دېيىلدى».(7)

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامىزىدا دەججالنىڭ سىنىقىدىن پاناھ تىلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان» دېگەن.(8)

ئەبۇ ئالىيە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىزگە پەيغەمبىرىڭلارنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «ئىسراﺋ كېچىسى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغىنىمدا مۇسانى كۆردۈم. ئۇ بۈدۈر چاچ، قارامتۇل، خۇددى شەنۇئەلىكلەردەك ئېگىز بوي ئىدى. يەنە ئەيسانى كۆردۈم، ئۇ ئارا بوي، ئاق پىشماق، قىزغۇچراق، چېچى سېلىنىپ تۇرىدىغان كىشى ئىدى. يەنە دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتە مالىكنىمۇ، دەججالنىمۇ كۆردۈم». شۇ قاتاردا ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا يەنە بىر مۇنچە ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇسانى كۆرگەنلىكىدىن شەكلەنمە».(9)

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «مەككە بىلەن مەدىنەدىن باشقا ھەرقانداق شەھەرگە پات ئارىدا دەججال دەسسىمەي قالمايدۇ. مەدىنەنىڭ ھەربىر كىرىش ئېغىزىدا سەپ – سەپ پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلار مەدىنەنى قوغدايدۇ. ئاندىن مەدىنە پۈتۈن ئاھالىسى بىلەن ئۈچ قېتىم قاتتىق تەۋرەپ، (ئاخىرقىسىدا) ئاللاھ مەدىنەدىن بارلىق كافىر، مۇناپىقلارنى چىقىرىۋېتىدۇ».(10)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئوغلى زەيد ئاتىسى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئارىمىزدىكى چاغدا ھەججەتۇلۋەداﺋ دەپ پاراڭلىشاتتۇق، ئەمما ھەججەتۇلۋەدائنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغانلىقىنى بىلمەيتتۇق. ئاشۇ ھەجدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاجىلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە سانا ئوقۇدى. ئاندىن مەسىھ دەججالنى تىلغا ئېلىپ ئۇزۇن توختىلىپ: «ئاللاھ ئەۋەتكەنلىكى پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىنى دەججالدىن ئاگاھلاندۇرغان. نۇھمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرمۇ ھەم ئۆز قەۋملىرىنى دەججالدىن ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئەھۋاللىرىنى بىلەلمەي قالغىنىڭلار بىلەن رەببىڭلارنى بىلمەي قالمايسىلەر. رەببىڭلار سىلەرگە ناتونۇش ئەمەستۇر، – بۇنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى – رەببىڭلار يەكچەشمە ئەمەس، دەججال بولسا ئوڭ كۆزى كوردۇر، ئۇنىڭ بىر كۆزى خۇددى پۇلتىيىپ چىققان بىر تال ئۈزۈمگە ئوخشايدۇ».(11)

ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدا دەججالنىڭ گېپى بولۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «كۆزى شېشىدەك ياپ – يېشىل» دېدى.(12)

قەتادە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەرقانداق بىر پەيغەمبەر ئۆز ئۈممىتىنى يەكچەشمە كاززابتىن (دەججالدىن) ئاگاھلاندۇرغان، بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇ يەكچەشمىدۇر. رەببىڭلار بولسا يەكچەشمە ئەمەستۇر. دەججالنىڭ قوشۇمىسىغا ‹كافىر› دەپ يېزىلغان» دېگەن. بۇ ھەقتە يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغاندۇر.(13)

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دەججالنىڭ قوشۇمىسىغا ‹كافىر› دەپ يېزىلغان، ئۇنى ئۇنىڭ ئىشىنى يامان كۆرگەن ھەربىر كىشى – ياكى مۇئمىن – ئوقۇيدۇ» دېگەن. يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىلىۋېلىڭلاركى، سىلەرنىڭ ھېچقايسىڭلار تاكى ئۆلگەنگە قەدەر رەببى ئەززە ۋەجەللەنى ھەرگىز كۆرمەيدۇ» دېگەن.(14)

يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن دەججالنىڭ سۈپەتلىرى مەلۇم بولىدۇ. ئۇنىڭ چاچلىرى ئەلتېرىدەك بۈدۈر، ئوڭ كۆزى كور، سول كۆزى ياپ – يېشىل بولۇپ خۇددى پۇلتىيىپ چىققان ئۈزۈمگە ئوخشايدۇ. قوشۇمىسىغا «كافىر» دەپ يېزىلغان بولۇپ، بۇنى ساۋاتلىق ياكى ساۋاتسىز ھەربىر مۇئمىن ئوقۇيالايدۇ.

يەنە يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن دەججالنىڭ چىقىشىنىڭ قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

يەنە ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە دەججالنىڭ تۇغماس ئىكەنلىكى ۋە مەككە بىلەن مەدىنەگە كىرەلمەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان.(15)

ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگەنكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە دەججال توغرۇلۇق ئۇزۇن سۆز قىلىپ بەرگەن، ئۆز ۋاقتىدا بىزگە سۆزلەپ بەرگەنلىرىنىڭ بىر قىسمىدا مۇنداق دېگەن: ‹دەججال مەدىنەگە كىرىش ئۈچۈن، مەدىنەنىڭ شورلۇق بىر يېرىگە كېلىدۇ، ۋەھالەنكى دەججالغا مەدىنە كوچىلىرىغا كىرىش ھارام قىلىنغان. ئاشۇ كۈنى دەججالنىڭ ئالدىغا كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى ياكى ياخشىلىرىدىن بىرى چىقىپ:

— گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، سەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە گېپىنى قىلىپ بەرگەن دەججالدۇرسەن، — دەيدۇ. دەججال (ئەگەشكۈچىلىرىگە):

— ئېيتىڭلارچۇ، مەن بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن تىرىلدۈرسەم، بۇ ئىشتىن (ئىلاھلىقىمدىن) شەكلىنەمسىلەر؟ — دېگەندە، ئۇلار:

— ياق، شەكلەنمەيمىز، — دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن دەججال ئۇ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن تىرىلدۈرىدۇ. ئۇنى تىرىلدۈرگەندە، ئۇ كىشى:

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن دەججالنى بۈگۈنكىدەك ئوبدان تونۇپ باقمىغان، — دەيدۇ. دەججال:

— مەن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن دېسەممۇ ئۇنى ئۆلتۈرەلمەيمەنغۇ؟ — دەيدۇ›».(16)

ھافىز ئىبنى ھەجەر ئېيتىدۇ: «ئۆلتۈرۈپ، تىرىلدۈرۈش پەيغەمبەرلەرنىڭ كاتتا مۆجىزىلىرىدىن تۇرسا، ئىلاھلىق دەۋاسى قىلىدىغان بىر كاززاب ئۇنىڭغا قانداق ئېرىشىدۇ؟ جاۋاب: بۇ بەندىلەرنى سىناش ئۈچۈن بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قولىدا ئۇنىڭ قىلغان دەۋاسىدا ھەقسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان، ئۇنىڭ يەكچەشمە ئىكەنلىكى، قوشۇمىسىغا ‹كافىر› دەپ يېزىقلىق ئىكەنلىكى، ئۇنى ھەربىر مۇسۇلمان ئوقۇيالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتلار بار بولغاچقا، ئۇنىڭ دەۋاسى كۇفۇرلۇق بەلگىسى، ئۆزىنىڭ ۋە قەدىر – قىممىتىنىڭ كەمتۈكلۈكى بىلەن بىرلىكتە ئاقمايدۇ. شۇڭا، ئىككىنچى قېتىم ئۆلتۈرەي دەپمۇ ئۆلتۈرەلمەيدۇ. ناۋادا ئۇ ئىلاھ بولغان بولسا، ئۇ خەتنى يۈزىدىن يوقىتىۋەتكەن بولاتتى. پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرى بولسا زىتلىقتىن خالىيدۇر».(17)

يەنە فاتىمە بىنتى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان ئۇزۇن بىر ھەدىستە دەججالنىڭ ھايات ئىكەنلىكى، سولاپ قويۇلغان بولۇپ، كېيىن مەشرىق تەرەپتىن چىقىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.(18) يەنە بىر ھەدىستە ئۇنىڭ خوراساندىن چىقىدىغانلىقى، ئىسفاھانلىق يەھۇدىيلاردىن يەتمىش مىڭى ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.(19)

يەنە دەججالغا نۇرغۇن ئاياللار ئەگىشىدىغانلىقىمۇ بايان قىلىنغان.(20)

«مۇسلىم»دىكى بەزى ھەدىسلەردە دەججال مۇسۇلمانلار بىلەن رىملىقلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان چوڭ جەڭلەردىن كېيىن چىقىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ جەڭلەردە مۇسۇلمانلار ئولجا ئېلىپ غەنىيمەتلەرنى تەقسىم قىلىۋاتقاندا دەججال چىقتى دەپ خەبەر كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.(21)

دەججال ئېلىپ كېلىدىغان فىتنەلەر ھەققىدە مۇنداق سەھىھ ھەدىسلەر بار:

رىبئىي ئىبنى ھىراش رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇقبە ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا:

— بىزگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغانلىرىنى ئېيتىپ بەرمەمدىلا؟ — دېۋىدى، ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى:

— مەن ئۇ زاتنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «دەججال چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوت بىلەن سۇ بولىدۇ. كىشىلەر ئوت دەپ قارىغىنى ئەمەلىيەتتە، سوغۇق سۇدۇر. كىشىلەر سوغۇق سۇ دەپ قارىغىنى بولسا ئەمەلىيەتتە، كۆيدۈرىدىغان ئوتتۇر. قايسىڭلار بۇ ئەھۋالغا يولۇقسا، ئوت دەپ قارىغاننى تاللىسۇن، چۈنكى ئۇ تاتلىق سوغۇق سۇدۇر».(22)

قەيس رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ھېچكىم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن دەججال ھەققىدە مەن سورىغاندەك كۆپ سوراپ باقمىغان، ئۇ زات مەندىن:

— ئۇنىڭ ساڭا نېمە زىيىنى بار؟ — دەپ سورىغانتى، مەن:

— كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاغدەك نان، دەريادەك سۇ بار، دېيىشىۋاتىدۇ، —دېسەم، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇ ئاللاھقا ئۇنچىلىك بولۇشتىنمۇ قەدىرسىزدۇر، — دېدى.(23)

دەججالنىڭ فىتنەسىدىن تۆۋەندىكى ئىشلار بىلەن ساقلانغىلى بولىدۇ:

1. 18/«كەھف» سۈرىسىنىڭ بېشىدىن ياكى ئاخىرىدىن ئون ئايەت يادلاش. ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ‹كەھف› سۈرىسىىنىڭ بېشىدىن ئون ئايەت يادلىسا، دەججالدىن ساقلىنىپ قالىدۇ» يەنە بىر رىۋايەتتە: «كىمكى ‹كەھف› سۈرىسىىنىڭ ئاخىرىدىن ئون ئايەت يادلىسا، دەججالدىن ساقلىنىپ قالىدۇ» دېگەن.(24)

«بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ‹ئەسھابۇل كەھف› ۋەقەلىكىدە نۇرغۇنلىغان ئاجايىب ئىشلار، مۆجىزىلەر بولغان. بۇلارنى ياخشى چۈشىنىپ ئاڭقىرىغان، مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرگەن كىشى ئاگاھ بولۇپ، دەججال فىتنەسىدىن گاڭگىراپ قالماي، ئۇنىڭ فىتنەسىدىن ساقلىنالايدۇ».(25)

شۇڭا، يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەردىن كىمكى ئۇنىڭغا ئۇچراپ قالسا، ئۇنىڭغا ‹كەھف› سۈرىسىىنىڭ بېشىدىن ئون ئايەت ئوقۇسۇن» دېگەن.(26)

2. ئۇنىڭدىن نېرى تۇرۇش. ئۇممۇ شەرىك رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىشىلەر دەججالدىن قېچىپ تاغلارغا كېتىشىدۇ» دېگەن. ئۇممۇ شەرىك رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئۇنداق بولسا ئۇ كۈندە ئەرەبلەر قەيەردە؟ دەپ سورىغاندا رەسۇلۇللاھ: «ئۇلار بەك ئاز» دېگەن.(27)

3. مەككە، مەدىنەگە بېرىپ پاناھلىنىش. يۇقىرىدا دەججالنىڭ مەككە، مەدىنەگە كىرەلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر بايان قىلىندى. يەنە مۇنداق كەلگەن:

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەدىنەگە مەسىھ دەججالنىڭ قورقۇنچىسى كىرەلمەيدۇ، ئۇ كۈندە ئۇنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولىدۇ، ھەربىر دەرۋازىدا ئىككى پەرىشتە قوغداپ تۇرىدۇ» دېگەن.(28)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەدىنەنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىدا (مۇھاپىزەتچى) پەرىشتىلەر بار، مەدىنەگە ۋابامۇ، دەججالمۇ كىرەلمەيدۇ» دېگەن.(29)

4. دەججالغا ئۇچرىغاندا ئۇنىڭغا: «يالغان ئېيتتىڭ، رەببىم ئاللاھ! مەن ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم» دېيىش. بۇنداق دېسە دەججال ئۇنىڭغا زىيان ئۇرالمايدۇ، ياكى فىتنە سالالمايدۇ. سەھىھ ھەدىستە شۇنداق كەلگەن.(30)

5. دەججال فىتنەسىدىن پاناھلىق تىلەپ تۇرۇش. يۇقىرىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامازدا: «مەسىھ دەججال سىنىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن» دەپ دۇئا قىلغانلىقى بايان قىلىندى.(31)

ئەلبەتتە، ئەقىلنىڭ ئىسلامدا ئالاھىدە ئورنى بار، بارلىق تەكلىپلەر ئەقىلگە باغلىق. لېكىن، ئەقىل چەكلىك بولغاچقا، غەيبىياتنى، شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئەقىل ئۆزى يالغۇز بىلىپ بولالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ كىتابلارنى نازىل قىلغان. ئۇنداق بولغان ئىكەن، نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغان دەججال ۋەقەلىكىنى ئىنكار قىلىش ياكى رەت قىلىش توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەنلىك بولىدۇ.

شەيخ مۇھەممەد ئەبدۇھ دەججالنى ئىنكار قىلغان. ئۇنىڭ شاگىرتى شەيخ مۇھەممەد رەشىد رىزامۇ دەججال ھەققىدىكى بەزى ھەدىسلەردىن شەكلەنگەن.(32) ھەدىسنى ئىنكار قىلىدىغان «قۇرئانچىلار» تائىپىسىمۇ دەججال قۇرئاندا تىلغا ئېلىنمىغان دەپ رەت قىلغان.

ئەمەلىيەتتە، دەججال ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يېتىدۇ. يەتمەيدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ «سەھىھەين»دىكى نۇرغۇن ھەدىسلەر بۇنىڭغا ئىشىنىشكە كۇپايە قىلىدۇ. بۇ ھەدىسلەر دەججالنىڭ قانداق مەخلۇق ئىكەنلىكى، سۈپەتلىرى، چىقىش ئورنى ۋە ۋاقتى، قولىدىن كېلىدىغان ئاجايىب – غارايىبلار ھەققىدە بىر – بىرىگە زىت ئەمەس. شۇڭا، ئەقىلگە زىت كېلىدۇ دەپ ياكى «قۇرئان»دا ئېنىق بايان قىلىنمىغان دەپ دەججال ۋەقەسىنى رەت قىلىش نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

دەججالنىڭ ھالاكىتى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانى ئاخىرىدا چۈشۈشى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر بىلەن زىچ باغلانغان، چۈنكى دەججال ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ.(33)

دېمەك، بۇ ئىككى مەسىلە ئەھلىسۈننەت ئېتىقادى بويىچە ئىمان ئېيتىش كېرەك بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە غەيبكە ئىشىنىش مۇئمىنلەرنىڭ ئالاھىدە سۈپىتىدۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 16 – شەئبان / م. 2011، 17 – ئىيۇل

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 21 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————-
1. ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 13/543؛ ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 1/79؛ ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 2/94.
2. «بۇخارىي»، (7121).
3. بۇ ئۇلاغ 27/«نەمل»: 82 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىمام ئىبنى كەسىر مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئۇلاغ زامانى ئاخىرىدا ئىنسانلار بۇزۇلۇپ ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تاشلىۋەتكەن، ھەق دىننى ئۆزگەرتىۋەتكەن چاغدا چىقىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا زېمىندىن بىر ئۇلاغ چىقىرىدۇ، ئۇلاغ ئۇلارغا سۆز قىلىدۇ». «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 3/375.
4. «مۇسلىم»، (227).
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1053)؛ «مۇسلىم»، (905).
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6368)؛ «مۇسلىم»، (589).
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6999)؛ «مۇسلىم»، (169).
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (7129)؛ «مۇسلىم»، (587).
9. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (3239)؛ «مۇسلىم»، (165).
10. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1881)؛ «مۇسلىم»، (2943).
11. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4402)؛ «مۇسلىم»، (169).
12. «ئەھمەد»، (21184). ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1863) «سەھىھ» دېگەن.
13. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (7131)؛ «مۇسلىم»، (2933).
14. «مۇسلىم»، (169).
15. «مۇسلىم»، (2927).
16. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1882)؛ «مۇسلىم»، (2938).
17. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 13/103.
18. «مۇسلىم»، (2942).
19. «مۇسلىم»، (2944).
20. «ئەھمەد»، (5353). ئالبانىي: «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن.
21. «مۇسلىم»، (2898 – 2900 -، 2920).
22. «بۇخارىي»، (3450، 3451).
23. «بۇخارىي»، (7122).
24. «مۇسلىم»، (809).
25. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 6/93.
26. «مۇسلىم»، (2937).
27. «مۇسلىم»، (2945).
28. «بۇخارىي»، (1879).
29. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1880)؛ «مۇسلىم»، (1379).
30. «ئەھمەد»، (16304). ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2808) «سەھىھ» دېگەن.
31. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6368)؛ «مۇسلىم»، (589).
32. شەيخ مۇھەممەد ئەبدۇھ/ شەيخ مۇھەممەد رەشىد رىزا: «تەفسىرۇ مەنار»، 3/317، 9/408 – 416.
33. «مۇسلىم»، (2937).

Please follow and like us:
Exit mobile version