Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى(5)

شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى(5)

شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى(5)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق بىر ياكى بىرنەچچە يىل قۇربانلىق قىلماي ئۆتكۈزۈۋەتسە، قازاسىنى قىلىش كېرەكمۇ؟

كۈچلۈك قاراشتا قۇربانلىق ۋاجىبتۇر. بۇنىڭغا بىنائەن، قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق ھۆكمىنى بىلمەي قالغان ياكى ئاغرىپ قالغان ۋەياكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قۇربانلىق قىلمىغانلارنىڭ قۇربانلىق قىلمىغان يىللىرى گەدىنىدىن ساقىت بولمايدۇ. قازاسىنى قىلىشى لازىم بولىدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇ: «بىر ئادەم نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ ئانام ئۆلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ گەدىنىدە بىر ئايلىق تۇتالمىغان روزىسى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن روزا تۇتۇپ قويسام بولامدۇ؟ — دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ھەئە، بولىدۇ، ئاللاھقا تۆلىنىدىغان قەرز ئادا قىلىنىشقا ھەممىدىن ھەقلىقتۇر، — دېدى»(1).

قازاسىنى قاچان، قانداق قىلىدۇ؟

كېيىنكى قۇربان ھېيتقا ساقلاپ ئولتۇرمايدۇ. قۇربانلىقنى بېكىتىپ ياكى سېتىۋېلىپ بولغان بولسا، قۇربانلىق مالنى تىرىك ھالەتتە سەدىقە قىلىۋېتىدۇ. خاھلىسا ئۇنىڭ پۇلىنى سەدىقە بەرسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى بوغۇزلىغان تەقدىردە، گۆشىنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ، گۆشىدىن ئۆزى يېسە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ سەدىقىدۇر. قۇربانلىق قىلغۇچى بولسا سەدىقە يەيدىغانلاردىن ئەمەس. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ھەرەمگە بارغۇچە پىچاق سۈرۈشكە لايىق بولۇپ قالغان تۆگىلەرنى بوغۇزلىۋېتىشكە ۋە ئۇنىڭ گۆشىنى سەدىقە قىلىۋېتىشكە بۇيرۇغان. مال ئىگىسىنى ئۇنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن توسقان. ئەگەر تېخى بېكىتمىگەن ياكى سېتىۋالمىغان بولسا، ئۇنىڭ قىممىتىدە پۇل سەدىقە بېرىدۇ. نېمە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلمايدۇ دېگەندە، قان ئېقىتىش قۇربانلىق كۈنلىرىگە خاس ئىبادەت بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن تەقدىردە، خۇددى جۈمە نامىزى قولدىن كەتسە پېشىن ئوقۇغاندەكلا، بوغۇزلاشنىڭ ئورنىغا سەدىقە بېرىش كېلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، قۇربانلىق قىلماي كېيىنكى قۇربان ھېيت كۈنى كەلسە، «ئۆتكەنكى يىلنىڭ قۇربانلىقى» دەپ قىلسا جائىز بولمايدۇ(2).

قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق قۇربانلىق قىلمىغان كىشى ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا قۇربانلىق پۇلىنى سەدىقە قىلىۋېتىشنى ۋەسىيەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى، بۇ زاكاتقا ئوخشاشلا بوينىدا قەرز بولۇپ، بۇنى پەقەت ۋەسىيەت ئارقىلىقلا بوينىدىن ساقىت قىلالايدۇ(3).

يۇقىرىقى قۇربانلىق قىلىشنى ۋاجىب دېيىش ھەنەفىي مەزھەبىنىڭ قارىشى بولۇپ، قۇربانلىق قىلىشنى ۋاجىب ئەمەس، دەپ قارىغانلار: «ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، كېيىن قۇربانلىق قىلمايدۇ. چۈنكى، قۇربانلىقنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتكەن، كېيىنكى قۇربان ھېيتتا قازاسىنى قىلسا، ئۇ قۇربانلىق كېيىنكى ھېيتنىڭ قۇربانلىقىغا ھېساب بولۇپ كېتىدۇ» دەيدۇ. ئەمما، بىرسى قۇربانلىق قىلىشنى نەزر قىلغانلىقتىن قۇربانلىق ۋاجىب بولغان بولسا، ئۇ چوقۇم قۇربانلىق قىلىشى لازىم، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ ۋاقتىدا قىلغاندەكلا بوغۇزلىشى كېرەك. چۈنكى، بۇ ۋاجىب بولغاچقا، قۇربانلىق ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن گەدىنىدىن ساقىت بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ(4).

قۇربانلىقنىڭ گۆشىنىڭ بىر قىسمىنى ھەدىيە قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا، قۇربانلىقنىڭ گۆشىنىڭ بىر قىسمىنى ھەدىيە قىلسا بولىدۇ. بىراق، ئۇلار ھەدىيە قىلىشنىڭ ھۆكمى ۋە قانچىلىك مىقداردا ھەدىيە قىلىش مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان. ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا ئاساسلانغاندا، ھەدىيە قىلىشنىڭ ھۆكمى مۇستەھەب بولۇپ، ھەدىيە قىلىدىغان مىقدارى بولسا ئۈچتىن بىرىدۇر.

جانابىي ئاللاھ: ﴿ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچان موھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار﴾(22/«ھەج»: 36) دېگەن. بۇ ئايەت ھەرەمگە ئاتىغان قۇربانلىق ھەققىدە كەلگەن بولسىمۇ، كۆپ تەرەپلىرىدە قۇربانلىق ئۇنىڭغا ئوخشاش. ئۇنداق بولغان ئىكەن، قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى قۇربانلىق قىلغۇچى، قانائەتچان موھتاج ۋە سائىل قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك كىشىگە تەقسىم قىلىشقا بۇيرۇغان بولۇپ، ئايەتتىكى «قانائەتچان موھتاج» دېگەن سۆز تىلىمەيدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا تىلىمەيدىغانلارغا قۇربانلىقنىڭ گۆشىنىڭ ئۈچتىن بىرى ھەدىيە ئارقىلىق بېرىلىدۇ.

يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربانلىق قىلغاندىن كېيىن: «خاھلىغانلار كېسىۋالسۇن» دەپ، قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنى كىشىلەرگە قويۇپ بەرگەن.(5) بۇ ھەدىستىكى خىتاب بولسا ئومۇملۇقنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، قۇربانلىقنى يېگۈزۈش پېقىر – مىسكىنلەرگىلا خاس ئەمەس، بەلكى قولۇم – قوشنا، دوست – بۇرادەر، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا ھەدىيە قىلسا بولىدۇ. ھەدىيە قىلىنىدىغان كىشىلەر باي بولسىمۇ مەيلى. چۈنكى، قۇربانلىق قىلغۇچى ئۆزى باي تۇرۇپ، قۇربانلىق گۆشتىن يېيىشى جائىز بولىدىكەن، باشقا بايلارغا ھەدىيە قىلىپ يېگۈزسىمۇ جائىز بولىدۇ.

قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا، قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە قىلسا بولىدۇ. بىراق، ئۇلار سەدىقە قىلىشنىڭ ھۆكمى، قانچىلىك مىقداردا سەدىقە قىلىش مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان. ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا ئاساسلانغاندا، سەدىقە قىلىشنىڭ ھۆكمى مۇستەھەب بولۇپ، سەدىقە قىلىدىغان مىقدارى ئۈچتىن بىرىدۇر.

جانابىي ئاللاھ ﴿ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچان موھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار.﴾،﴿ئاندىن سىلەر ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، بىچارە پېقىرغىمۇ يېگۈزۈڭلار﴾(22/«ھەج»: 36 – 38) دېگەن ئايەتلەردە پېقىرلارغا قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېگۈزۈشگە بۇيرۇغان. ئۇلارغا يېگۈزۈش پەقەت قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى سەدىقە قىلىش ئارقىلىقلا بولىدۇ. ئۈچ تۈرلۈك كىشىگە يېگۈزۈشكە قىلىنغان بۇيرۇق قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۈچ تۈرگە تەقسىم قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربانلىق گۆشى ھەققىدە: «ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، باشقىلارغىمۇ يېگۈزۈڭلار ھەم ساقلىۋېلىڭلار» دېگەن. يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: «ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، ساقلىۋېلىڭلار ھەم سەدىقە قىلىڭلار» دېگەن(6).

قۇربانلىق قىلغۇچى مالنىڭ گۆشىدىن ئۆزى يېيىشى كېرەكمۇ؟

بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا، قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنىڭ بىر قىسمىنى يېيىشنىڭ ھۆكمى مۇستەھەب بولۇپ، ئۇلار يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى بۇيرۇقنى مۇستەھەبلىكنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارىغان. يەنە بىر جەھەتتىن، قۇربانلىق قىلغۇچىمۇ ئايەم كۈنلىرىدە ئاللاھنىڭ مېھمىنى ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، ئاللاھنىڭ بۇ نېئمەتلىرىدىن يېسە بولىدۇ.

ئەلبەتتە، قۇربانلىقنىڭ ھەممىسىنى ياكى كۆپ قىسمىنى ئۆزى يېسە، ياكى سەدىقە قىلىۋەتسە، ياكى ھەدىيە قىلىۋەتسىمۇ مەيلى. ئىمام مالىك ئايەت – ھەدىسلەردە مەلۇم چەك بېكىتمىگەن بولغاچقا: «قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن ئۆزىمۇ يەيدۇ، باي – كەمبەغەللەرگە خاھلىسا خام بېرىدۇ، خاھلىسا پىشۇرۇپ يېگۈزىدۇ. ئۇلاردىن پەقەت مۇسۇلمانغىلا يېگۈزىدۇ. ئۆزى يەيدىغان، بېرىدىغان ۋە سەدىقە قىلىدىغان مىقدارنىڭ چېكى يوق» دېگەن(7).

بەزى ئالىملار ئۈچتىن بىرىنى ئۆزى يەپ، ئۈچتىن بىرىنى باشقىلارغا يېگۈزۈپ، ئۈچتىن بىرىنى سەدىقە قىلىشنى ئەڭ ئەۋزەل، دەپ قارىغان. بۇ مەزمۇندا ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار قاتارلىق بەزى ساھابەلەرنىڭمۇ ئۈچ ئۈلۈش قىلىپ تەقسىم قىلغانلىقى ھەققىدە ئىش – ئىزلار كەلگەن(8).

قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىدىن كافىرلارغا يېگۈزسە بولامدۇ؟

بۇ مەسىلىدە ئالىملار ئارىسىدا بەزى پىكىر ئوخشىماسلىقى مەۋجۇد. بەزىلەر يەھۇدىي – ناسالارغا يېگۈزۈش مەكرۇھ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر: «ھەرقانداق كافىرغا يېگۈزۈشكە بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ. بەزىلەر نەفلە قۇربانلىقنى يېگۈزسە بولىدۇ، ۋاجىب قۇربانلىقنى يېگۈزسە بولمايدۇ»، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا، ئەسىرگە چۈشكەن، ئامانلىق بېرىلگەن، ئەھدىلەشكەن ياكى قولۇم – قوشنا بولغان كافىرلارغا يېگۈزسە بولىدۇ. مۇسۇلمانلارغا ئۇرۇش ئاچقان ياكى مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرىدىغان كافىرلارغا يېگۈزسە بولمايدۇ(9).

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿سىلەر بىلەن دىن سەۋەبىدىن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن ئاللاھ سىلەرنى توسمايدۇ، چۈنكى ھەقىقەتەن ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى سۆيىدۇ﴾(60/«مۇمتەھىنە»: 8).

يەنە: ﴿ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچان موھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار﴾، ﴿ئاندىن سىلەر ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، بىچارە پېقىرغىمۇ يىگۈزۈڭلار﴾(22/«ھەج»: 36 – 38) دېگەن. بۇ ئاخىرقى ئىككى ئايەتتىكى «قانائەتچان موھتاج»، «سائىل»، «بىچارە پېقىر» دېگەن سۆزلەر مۇتلەق كەلگەن بولۇپ، «مۇسۇلمان» دەپ قەيت قىلىنمىغاچقا، مۇسۇلمانلارغا قارشى زىيان ئۇرمايدىغان ئاشۇنداق كىشىلەر مۇسۇلمان ياكى كافىر بولسۇن، ئۇلارغا يېگۈزسە بولىدۇ.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب بىر ئادەمنىڭ ئۇچىسىدا سېتىلىۋاتقان بىر يىپەك توننى كۆرۈپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! مۇشۇ توننى سېتىۋېلىپ، ئۇنى جۈمە كۈنىدە، ئەلچىلەر كەلگەندە كىيگەن بولسىلا، — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— بۇ كىيىمنى ئاخىرەتتە نېسىۋىسى يوق ئادەملەر كىيىدۇ، — دېدى. كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئاشۇنداق بىرقانچە يىپەك تونلار كېلىۋىدى، ئۆمەرگە بىرنى ئەۋەتتى. ئۆمەر:

— ئۆتكەندە ئۇ توغرىسىدا ھېلىقىدەك سۆزنى قىلغان تۇرسىلا، مەن بۇنى قانداقمۇ كىيىمەن؟ — دەپ سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— مەن ساڭا ئۇنى كىيسۇن دەپ بەرمىدىم، ساتسۇن ياكى ئاياللارغا كىيگۈزسۇن دەپ بەردىم، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن (ئاتام) ئۆمەر ئۇنى مەككەدىكى تېخى مۇسۇلمان بولمىغان بىر قېرىندىشىغا ئەۋەتىپ بەردى(10).

ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسماﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى: «ئانام مۇشرىك بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە مۇشرىكلىرى بىلەن سۈلھ تۈزگەن چاغلىرىدا يېنىمغا كەلگەن ئىدى. مەن رەسۇلۇللاھتىن:

— ئانام يېنىمغا سىلە – رەھىم قىلارمىكىن دەپ كەپتۇ، ئۇنىڭغا سىلە – رەھىم قىلسام بولامدۇ؟ — دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ:

— ھەئە، ئانىڭىزغا سىلە – رەھىم قىلىڭ — دېگەن ئىدى»(11).

مۇجاھىد رىۋايەت قىلىدۇكى: «مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھۇزۇرىدا ئىدىم، ئۇنىڭ مالىيى بىر قوينى سويۇۋاتاتتى، ئۇ:

— ھەي بالا! سويۇپ بولغىنىڭدا يەھۇدىي قوشنىمىزغا بېرىشتىن باشلىغىن— دېۋىدى، سورۇندىكىلەردىن بىرى:

— يەھۇدىي؟ ئاللاھ سىلىنى سالىھ قىلسۇن، — دەپ سورىدى، ئۇ:

— مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ›جىبرىل ماڭا قوشنىلارنى تاپىلاپ ۋەسىيەت قىلىۋېرىپ، ئاخىرى مەن ئۇنى مىراسخور قىلىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان — دېدى»(12).

قۇربانلىقتىن كافىرغا ھەدىيە بېرىش ياكى يېگۈزۈشنىڭ ھارام ياكى مەكرۇھلىقى ئۇنىڭ قۇربانلىق گۆشى بولغانلىقىدىن كەلگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالا قۇربانلىقنى ئىمان، ئىخلاس ۋە ئېھساننىڭ مۇكاپاتى سۈپىتىدە، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئىككىلەنمەستىن ئىجرا قىلغۇچىلار بولمىش مۇسۇلمانلارغا ئالاھىدە رىزىق قىلىپ بەرگەن.

يۇقىرىقى كۈچلۈك قاراش ۋە ئۇنىڭ دەلىللىرىگە ئاساسەن، مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ:

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى كافىرلارنىڭ بەزى تۈرلىرى بىلەن ئارىلىشىپ ياشايدۇ. ئۇلارنى ئاساسلىق مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىش مۇمكىن:

بىرى، ئۇيغۇرلاردىن چىققان كافىرلار. بۇلار بەزىلىرىمىزگە ئۇرۇق – تۇغقان، بەزىلىرى قولۇم – قوشنا بولۇشى مۇمكىن. بۇلاردىن مۇسۇلمانلارغا زىيان ئۇرمايدىغان، ئۆز ئەھۋالى بىلەن ياشايدىغانلىرىغا قۇربانلىقتىن يېگۈزسە بولىدۇ.

يەنە بىرى، ئارىمىزدا ئۇرۇق – تۇغقانچىلىق رىشتىسى بولمىغان خىتاي مىللىتىدىن ياكى باشقا مىللەتتىن چىققان كۆچمەن، بۇددىست، كوممۇنىست، ئاتېئىست، دەھرىي كافىرلار. بۇلارغا مېھماندارچىلىق، سوۋغات، سەدىقە ياكى باشقا قايسىبىر شەكىلدە بولسۇن، قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېگۈزۈشكە بولمايدۇ. شۇنداقلا، بىزگە ئۇرۇق – تۇغقان، قولۇم – قوشنا، لېكىن بىز مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئۇيغۇر كافىرلارغىمۇ يېگۈزۈشكە بولمايدۇ، ۋەللاھۇ ئەئلەم.

قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىدىن ساقلىۋېلىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

يۇرتتا ئاچارچىلىق ياكى پەۋقۇلئاددە نامراتلىق كۆرۈلمىگەن ياكى مۇھاجىر مۇسۇلمانلار كېلىپ قىينىلىپ قالمىغان ئەھۋالدا، قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزى يېيىشى ئۈچۈن يىلبويى خاھلىغىنىچە ساقلىۋالسا بولىدۇ.

سەلەمە ئىبنى ئەكۋەﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەردىن كىمكى قۇربانلىق قىلغان بولسا، ئۈچ كېچە قونۇپ تاڭ ئاتقۇزغىنىدا ئۇنىڭ گۆشىدىن ئۆيىدە ئازراقمۇ قالمىسۇن» دېگەن. كېيىنكى يىلى ساھابەلەر:

— ئى رەسۇلۇللاھ! قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۆتكەن يىلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلامدۇق؟ — دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، باشقىلارغىمۇ يېگۈزۈڭلار ھەم ساقلىۋېلىڭلار. ئاشۇ يىلى كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئىدى. شۇڭا، ئاشۇ ئەھۋالدا ياردەم قىلىشىڭلارنى مەقسەت قىلغان ئىدىم، — دېگەن(13).

ئىبنى بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرنى قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىشتىن توسقان ئىدىم، ئەمدى زىيارەت قىلساڭلار بولىدۇ. قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلاپ يېيىشتىن توسقان ئىدىم، ئەمدى قانچىلىك ساقلاپ يېسەڭلار بولىدۇ. تۇلۇمدىن باشقا قاچىلارغا سىركە قۇيۇشتىن توسقان ئىدىم، ئەمدى ھەرقانداق قاچىغا قۇيساڭلار بولىدۇ. ئەمما، مەست قىلىدىغان نەرسە ئىچىشكە قەتئىي بولمايدۇ»(14).

ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «مۇھاجىرلار كېلىپ قالغان ئەھۋالدا قۇربانلىق گۆشنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلاپ يېمەسلىك توغرىسىدا چەكلىمە كەلگەن. ئۇنداق بولمىغان ئەھۋالدا ئۆزى يېيىش، ساقلىۋېلىش ۋە سەدىقە قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان»(15).

دېمەك، قىيىنچىلىق ئەھۋالى بولمىغاندا قۇربانلىق گۆشىنى ساقلىۋېلىشقا بولىدۇ.

قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىق مالنىڭ تېرىسى، مېيى ۋە كاللا – پاقالچاقلىرى قاتارلىق پارچىلىرىدىن پايدىلانسا بولامدۇ؟

يۇرتتا ئاچارچىلىق ياكى پەۋقۇلئاددە نامراتلىق كۆرۈلمىگەن ياكى مۇھاجىرلار كېلىپ قىينىلىپ قالمىغان ئەھۋالدا، قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىق مالنىڭ تېرىسى، مېيى ۋە كاللا – پاقالچاق قاتارلىق پارچىلىرىدىن پايدىلانسا بولىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا قۇربان ھېيت كەلگەن چاغدا سەھرا ئاھالىسىدىن بىر بۆلۈك ئائىلىلىك كەلگەن ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۈچ كۈنگىچە ساقلىۋېلىپ، قالغىنىنى سەدىقە قىلىۋېتىڭلار» دېدى. كېيىنكى يىلى ساھابەلەر:

— كىشىلەر قۇربانلىقلىرىدىن تۇلۇملارنى ياساۋاتىدۇ، مېيىنى كۆيدۈرۈۋاتىدۇ، — دېيىشكەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— بۇ نېمە ئىش؟ — دەپ سورىدى. ئۇلار:

— ئۆزلىرى قۇربانلىقنىڭ گۆشلىرى ئۈچ كۈندىن كېيىن يېيىلمىسۇن، دەپ توسقان ئىدىلە، — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— مەن پەقەت كەلگەن كۆچمەنلەر ئۈچۈنلا سىلەرنى توسقان. شۇڭا، يەڭلار، ساقلىۋېلىڭلار ھەم سەدىقە قىلىڭلار، — دېدى(16).

بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابە – كىراملارنىڭ قۇربانلىق ماللىرىنىڭ تېرىلىرىنى تۇلۇم قىلىپ، مېيىنى كۆيدۈرۈپ ئېرىتىپ پايدىلانغانلىقىنى توسمىغان. بۇ قۇربانلىق مالنىڭ تېرىسى، مېيى ۋە كاللا – پاقالچاق قاتارلىق پارچىلىرىدىن پايدىلانسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قۇربانلىقىنىڭ تېرىسىدىن تۇلۇم ياساپ ئىشلەتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان(17).

يەنە قىياس جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قۇربانلىق مالنىڭ تېرىسى، مېيى ۋە كاللا – پاقالچاقلىرى، ئۇستىخانلىرى، يۇڭلىرى، مۈڭگۈزلىرى قاتارلىق پارچىلىرى ئۇنىڭ گۆشىگە ئوخشاش. شۇڭا، خۇددى گۆشىنى يېسە بولغاندەك، ئۇنىڭدىن ئۆزى ۋە ئائىلىسى پايدىلانسا بولىدۇ.

بوغۇزلانغان قۇربانلىق مالنىڭ قايسىبىر قىسمىنى سېتىشقا، بىرەر نەرسىگە تېگىشىشكە بولامدۇ؟

كۈچلۈك قاراشتا قۇربانلىق مالنى بوغۇزلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ گۆشى، تېرىسى، مېيى، كاللا – پاقالچاقلىرى، ئۇستىخانلىرى، يۇڭلىرى، مۈڭگۈزلىرى قاتارلىق پارچىلىرى ئۇنىڭ گۆشىگە ئوخشاش. شۇڭا، ئۇنىڭ قايسىبىر قىسمىنى سېتىشقا، بىرەر نەرسىگە تېگىشىشكە بولمايدۇ. ئەگەر سېتىپ سالغان تەقدىردە، پۇلىنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى، ئۇنى سېتىش ئۇنىڭ قۇربانلىق سۈپىتىگە زىت كېلىدۇ.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى قۇربانلىق تۆگىنىڭ قېشىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ گۆش – تېرىلىرىنى ۋە توقۇملىرىنى سەدىقە قىلىۋېتىپ، قاسساپقا ھېچنەرسە بەرمەسلىككە بۇيرۇدى ۋە: ›قاسساپقا ئۆز يېنىمىزدىن پۇل – مال بېرىپ رازى قىلىمىز‹ دېدى»(18).

بۇ ھەدىسمۇ قۇربانلىقنىڭ تېرە ياكى ئۈچەي دېگەندەك بىرەر پارچىسىنى سېتىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئىش ھەققىگە ھېسابلاپ بېرىشكىمۇ بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «قۇربانلىقنىڭ تېرىسىدىن ئۆتۈك، كەش، چېلەك، جۇۋا، تۇلۇم ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەرنى ياساپ، تۈرلۈك شەكىلدە پايدىلانسا بولىدۇ. ئۇنى ئارىيەت بەرسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئىجارە بەرسە بولمايدۇ»(19).

بەزى ئالىملار: «قۇربانلىقنىڭ تېرىسىنى داس، چېلەك، تاغار، ئەلگەك قاتارلىق ئۆيدە ئشىلىتىدىغان نەرسىلەرگە ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ، ئالماشتۇرغان نەرسىنى سېتىشقا بولمايدۇ» دەيدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدىن ئۆزىمۇ، باشقىلارمۇ پايدىلىنىدۇ. بۇ خۇددى قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى تارقاتقانغا ئوخشايدۇ. يەنە بەزى ئالىملار: «قۇربانلىقنىڭ خاھلىغان يېرىنى سېتىپ، پۇلىنى سەدىقە قىلسا بولىدۇ» دەيدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىنمۇ شۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان(20).

ياخشىسى، قۇربانلىقنىڭ ھېچيېرىنى ساتماسلىق ۋە ھېچبىر نەرسىگە تېگىشمەسلىكتۇر. چۈنكى، گۆشىنىمۇ سېتىشقا ياكى بىر نەرسىگە تېگىشىپ پايدىلىنىشقا بولمايدۇ.

داۋامى بار…

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

————-
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1953)؛ «مۇسلىم»، (1148).
2. جاسساس: «شەرھۇ مۇختەسەرۇتتاھاۋىي»، 4/225؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئەلفەتاۋالھىندىيە»، 5/297؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 6/320؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 5/94.
3. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 5/68.
4. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 9/359؛ ئەلغەرناتىي، «ئەتتاجۇ ۋەلئىكلىل»، 3/254؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/281.
5. «ئىبنى خۇزەيمە»، (2917). ئىبنى خۇزەيمە «سەھىھ» دېگەن.
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5569)؛ «مۇسلىم»، (1971).
7. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلكافىي»، 1/177.
8. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 13/131؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 9/355.
9. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلكافىي»، 1/177؛ رەملىي: «نىھايەتۇل مۇھتاج»، 8/141؛ ساۋىي: «بۇلغەتۇسسالىك»، 2/94؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/316؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 9/356.
10. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2619)؛ «مۇسلىم»، (2068).
11. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2620)؛ «مۇسلىم»، (1003).
12. ئىمام بۇخارىي «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (105).
13. «بۇخارىي»، (5569).
14. «مۇسلىم»، (977).
15. ئىمام شافىئىي: «ئەررىسالە»، 1/239.
16. «مۇسلىم»، (1971).
17. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 7/386.
18. «مۇسلىم»، (1317).
19. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/313.
20. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/313؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 9/356؛ ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 10/54.

Please follow and like us:
Exit mobile version