شەرىئەتتىكى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىك تۈزۈمى(6)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە پايدىنىڭ بىر قىسمىنى ئۈچىنچى بىر شەخسكە بېرىشكە پۈتۈشسە بولامدۇ؟

بەزى ئالىملار بۇنداق قىلسا بولىدۇ، دەپ قارىغان، بۇ كۈچلۈك قاراشتۇر. چۈنكى، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز نېسىۋىسىدىن بىر قىسمىنى كېلىشىمنىڭ سىرتىدىكى باشقا بىر شەخس ياكى ئورۇنغا بېرىۋېتىشكە پۈتۈشكەن بولسا، ئۇلار بۇنداق قىلىشقا تولۇق ھەقلىقتۇر ھەمدە بۇنىڭدا سەدىقە – ئېھسان ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ساخاۋەت يولىنى كەڭ ئېچىۋېتىش بار. چۈنكى، خەير – ساخاۋەت جەمئىيەتلىرى، دارىلئېتام، مەكتەپ ۋە مۇساپىرلارنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىگە ياكى قىيىنچىلىقى بار مەلۇم بىر شەخس ياكى مىسكىنلەردىن خەۋەر ئالىدىغان ئورۇن قاتارلىق ياردەمگە موھتاج جايلارغا ياردەم قىلىشقا پۈتۈشۈپ، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدىن چىققان پايدىنىڭ بىر قىسمىنى بېرىدىغانغا پۈتۈشۈپ كېلىشىم تۈزسە، بۇ مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق،ھەم ئۆزلىرىگىمۇ خەيرلىك ئىش قىلغان بولىدۇ([1]).

 

پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە دەسمايىگە كېپىل بولغان كىشى پايدىنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىشنى شەرت قىلسا بولامدۇ؟

پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە كۈچ ئىگىسى ئامانەت ساقلىغۇچىدۇر. ئۇنىڭدىن سەۋەنلىك ئۆتمەستىن تەبىئىي ئاپەت ياكى بۇلاڭ – تالاڭغا ئۇچراشتەك باشتا بىرەر كېلىشمەسلىك تۈپەيلىدىن بۇ ئامانەت زايە بولسا، ئۇ زىياننى تۆلىمەيدۇ. ئۆزىنىڭ بىپەرۋالىقى ياكى ياخشى خەۋەر ئالمىغانلىقى سەۋەبىدىن زايە بولۇپ كەتسە، زىياننى تۆلەيدۇ.

پۇل ئىگىسى بىرىنچى تۈردىكى زىيانغا (سەۋەنلىكسىز زايە بولۇشتىن كېلىدىغان زىيانغا) كېپىل تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. ئىككىنچى تۈردىكى زىيانغا (بىپەرۋالىقتىن كېلىپ چىقىدىغان زىيانغا) كېپىل تەلەپ قىلسا بولىدۇ([2]).

ئەمما، كېپىل بولۇش دېگەن بەدەلسىز ھالەتتە پىداكارلىق قىلىدىغان ئىش بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئىش ھەققى ئېلىشقا ياكى پايدىنىڭ بىر قىسمىنى شەرت قىلىشقا بولمايدۇ.

 

يېتىم بالىدىن خەۋەر ئالىدىغان كىشى يېتىمنىڭ پۇلىدا پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى قىلسا بولامدۇ؟

بەزى ئالىملار: «ئۆزىگە ئادەتتىن يۇقىرى مىقداردا پايدا بەلگىلىۋالماي ئەل قاتارى پايدا بەلگىلىسە جائىز بولىدۇ» دېگەن. يەنە بەزى ئالىملار كىشىلەر ئىشەنچسىزلىشىپ كەتكەچكە، بۇنداق قىلىش مۇتلەق جائىز بولمايدۇ، دەپ قارىغان.

 

پۇل ئىگىسىنىڭ كۈچ چىقارغۇچىنى مالنى سېتىشقا زورلاش ھەققى بارمۇ؟

مالدا پايدا چىققان بولسا سېتىشقا مەجبۇرلاش ھەققى بار. كۈچ ئىگىسى ئانا دەسمايە پۇلنى (پايدا چىققان بولسا نېسىۋىسى بىلەن) پۇل ئىگىسىگە تاپشۇرۇۋەتسىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ ھېسابىغا قالغان مالنى ساتماي، ساقلاش ئىختىيارى بولىدۇ. پايدا چىقمىغان بولسا كۈچ ئىگىسىنى سېتىشقا زورلاش ھەققى يوق. بۇنداق ئەھۋالدا، كۈچ ئىگىسى پۇل ئىگىسىگە ئانا پۇلنى ياكى ئانا پۇل ئورنىغا مالنى بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ.

 

پۇل ئىگىسى كۈچ چىقارغۇچىدىن بىرەر كېپىل تېپىشنى تەلەپ قىلىشى جائىز بولامدۇ ؟

پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە پۇل ئىگىسى كۈچ چىقارغۇچىدىن بىرەر كېپىل تېپىشنى شەرت قىلىشى جائىزدۇر([3]).

 

زىياننىڭ ھەممىنى ياكى بىر قىسمىنى كۈچ چىقارغۇچى مەن كۆتۈرەي، دەپ تۇرۇۋالسا پۇل – كۈچ كېلىشىمى جائىز بولامدۇ؟

پۇل – كۈچ كېلىشىمى قىلغاندا، ئۇنداق شەرت قىلىش ياكى تەكلىپ بېرىش توغرا ئەمەس، ئىناۋەتسىزدۇر. ئەمما، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ، زىيان چىقىپ بولغان چاغدا، زىياننىڭ ھەممىنى ياكى بىر قىسمىنى كۈچ چىقارغۇچى مەن كۆتۈرەي، دەپ تۇرۇۋالسا جائىز بولىدۇ. بۇنىڭدا بىرەر چەكلىمە ياكى باشقا چاتاق يوقتۇر. چۈنكى، بۇ شەرئى جەھەتتىن توختامنى ئۆزگەرتمەي، ئۆز ھەققىنى باشقىلارغا خالىغانچە بېرىۋېتىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا، بىخەستەلىك ياكى قەستەن بىپەرۋالىق قىلغان بولمىسىلا، زىيان چىققان ئەھۋالدا، شەرئى قائىدە بويىچە زىياننىڭ ھەممىنى پۇل ئىگىسى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمما، دەۋا ئاچماستىن ياكى زىياننى تۆلەيسەن، دەپ تۇرۇۋالمىغان ئەھۋالدا، پۇل ئىگىسى ئۆزلۈكىدىن پىداكارلىق قىلىپ: «زىياننىڭ ھەممىنى ياكى بىر قىسمىنى تۆلەيمەن» دەپ قالسا، تۆلىسە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ تاشقى كۆرۈنۈشتە بىخەستەلىك ياكى سەۋەنلىك كۆرۈنمىسىمۇ، ئەمما ئۆزىدە بىرەر كەمچىللىك بار، دەپ ئويلىغانلىقتىن شۇنداق قىلىدۇ. بۇ «ھەركىم ئۆز مېلىدا ئەركىن تەسەررۇپ قىلالايدۇ» دېگەن شەرئى قائىدىگە چۈشىدۇ.

بۇ كەڭچىلىكنى ھىيلە ئىشلىتىپ، توختاملاشقاندا ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، پۇل ئىگىسى توختاملاشقاندا زىياننى تۆلەشكە ۋەدە قىلغان بولسۇن ياكى قىلمىغان بولمىسۇن، كېيىن زىيان چىققاندا تۆلەش ياكى تۆلىمەسلىك ئۆزىنىڭ مەرھەمىتىدۇر، تۆلەش مەجبۇرىيىتى يوقتۇر([4]).

 

 

پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەر

 

كۈچ ئىگىسى ۋاپات بولۇپ كېتىپ، قالدۇرغان مال – مۈلكىنىڭ ئىچىدە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى ئۈچۈن ئاجراتقان مال ئېنىق بولمىسا، پۇل – كۈچ كېلىشىمىدىكى پۇلى ئۇ قالدۇرغان مال – مۈلۈكتىن قەرز ھېسابىدا چىقىرىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ نامەلۇم بولغاچقا، ئىشلىتىۋەتكەن بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

كۈچ ئىگىسى باجگىر ياكى بازار باشقۇرۇشتىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلماسلىقى ئۈچۈن بىر نەرسە بەرگەن بولسا، بۇ چىقىم پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ پۇلىدىن چىقىرىلىدۇ.

كۈچ ئىگىسى قەرزگە بوغۇلغان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن ۋە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىگە تەۋە مال قالدۇرۇپ كەتكەن ئەھۋالدا، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىگە بەرگەن پۇلنىڭ مىقدارى ئېنىق بولسا، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ مېلى بىلەن بەلگىلەنگەن پايدىنى پۇل ئىگىسى ئالسا بولىدۇ. كۈچ ئىگىسىنىڭ پايدىسى قەرزگە ھېسابلاپ بېرىلىدۇ.

كۈچ ئىگىسى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ مېلىدىن ئۆزى ئۈچۈن سېتىۋالسا بولىدۇ. لېكىن، ئۆزى ئۈچۈن سېتىۋالغان ئەھۋالدا باشقىلارغا ساتقان باھادا ھېسابلىشى كېرەك. شۇنداقلا پۇل ئىگىسىمۇ پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ مېلىدىن بازار نەرخى بويىچە سېتىۋالسا بولىدۇ([5]).

بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى «مەلۇم مىقداردىكى پۇلغا خىيانەت قىلدى» دەپ تۇرۇۋالغان ئەھۋالدا، قارىلانغۇچى قەسەم قىلىپ بەرسە، دەۋادا ئاقلانغان بولىدۇ. قەسەم قىلماي تۇرۇۋالسا، خىيانەت قىلغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ([6]).

 

ھىجرىيە 1425 – يىلى، رەجەپنىڭ 11 – كۈنى

مىلادىيە 2004 – يىلى 26 – ئاۋغۇست
—————————-
([1]) بۇ مالىكىي مەزھىپىنىڭ قارىشىدۇر. ھەنەفىي مەزھىپىدە كېلىشىم توغرا بولىدۇ، ئەمما شەرت باتىل. شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەپلىرىدە بولسا بۇ كېلىشىم توغرا بولمايدۇ. «العناية»؛ «المعني»، لابن قدامة؛ «الحاوي الكبير»، للماوردي؛ «حاشية الدسوقي».
([2]) «الفقه على المذاهب الأربعة»، 3/52.
([3]) «ندوة البركة الأولى»، الفتوى رقم 59.
([4]) «المستشار الشرعي لمجموعة البركة»، الجزء 1، الفتوى رقم 44.
([5]) «بدائع الصنائع». يۇقىرىقى بەتلەر.
([6]) «الفقه الحنفي في ثوبه الجديد»، 5/92 – 94.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز