شەيخ باھائۇددىن قارىم

شەيخ باھائۇددىن قارىم

(؟ ~ ؟)

باھائۇددىن قارىمنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى ئېنىق بىلمەيمىز. ئۇ «قۇرئان كەرىم»نى كىچىكىدىلا يادقا ئېلىپ بولغان بولۇپ، تەجۋىدكە رىئايە قىلغان ئاساستا ئىنتايىن ياخشى ئوقۇيتتى. ئۇ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچا، يەركەند… قاتارلىق يۇرتلاردا نۇرغۇن قارىيلارنىڭ بولۇشىغا قارىماستىن تۈركىستاندىكى قۇرئاننى ئەڭ ياخشى ئوقۇيدىغان نەچچىلا قارىينىڭ بىرسى ئىدى. ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى كېچە – كۈندۈز دېمەي تىنىم تاپماي ئورۇندايتتى، پۈتۈن ۋاقىتلىرىنى «قۇرئان كەرىم» ئۆگىتىشكە قارىتاتتى. ئۇلار:

ئابدۇلھەمىد قارىم، جۈمە قارىم، ئابدۇقادىر قارىم، رەھمەتۇللاھ قارىم قورغان (بۇ 60 – يىللاردا ساقىيە مەدرىسەسىدە بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشى ئىدى)، سۇلايمان قارىم ئاقتۇ، ئوسمان قارىم ياپجان، يەئقۇب قارىم خانئېرىق، ئابدۇلغەفۇر قارىم، تۇرسۇن قارىم، ئابدۇلئەزىز قارىم مارالبېشى، ئەلى قارىم، ئۆمەر قارىم، ئۆمەر قارىم چوڭقۇرچاق، ئابدۇراھمان قارىم. جانابى ئاللاھ تائالا مەزكۇر قارىملارنىڭ خىزمىتىنى قوبۇل قىلغاي، ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلىپ بەرگەي.

مەن باھائۇددىن قارىمنىڭ ۋە بۇ قارىيلارنىڭ پەقەت نام – شەرىپىنىلا يېزىپ، تۇغۇلغان ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقىتلىرىنى يازالمىغىنىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن. بەزىلەر (مۇشۇ كىتابنى يازغان ۋاقىتنى دېمەكچى – ت) ماڭا ئۇلارنىڭ ھېلىھەم «قۇرئان كەرىم» ئۆگىتىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، ھەربىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاچقان «قارىيخانا»لىرىنىڭ بارلىقىنى دەپ بەردى.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ