كۇچالىق شەيخ بارات قارىم

كۇچالىق شەيخ بارات قارىم

(ھ. 1320– 1389/ م. 1902 – 1969)

شەيخ بارات ھەمد قارىم ھىجرىيە 1320 – يىلى كۇچادا تۇغۇلغان. «قۇرئان كەرىم»نى كىچىكىدىلا يادقا ئېلىپ بولغان ھەمدە «قۇرئان»نى تەجۋىدلىك ۋە چىرايلىق ئاھاڭدا ئوقۇيالايدىغانلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئوقۇشنى دەسلەپ كۇچادا باشلىغان، كېيىن قەشقەرگە كېلىپ ئوقۇغان ۋە ھىجرىيە 1348 (م. 1929) – يىلى  ئوقۇشنى تاماملاپ «ئىجازەتنامە»گە ئېرىشكەن. ئاندىن كۇچاغا قايتىپ كېلىپ «قۇرئان كەرىم» يادلىتىش مەكتىپى ئاچقان. قوشۇمچە سىرتتا ۋە ئۆيىدە باشقا پەنلەردىنمۇ دەرس بەرگەن. بىراق، ئاساسلىقى پۈتۈن ئۆمۈرىنى «قۇرئان كەرىم» ۋە قىرائەتكە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگىتىشكە سەرپ قىلغان.

مەرھۇم شەيخ ھىجرىيە 1389 – يىلى چەت بىر يېزىدا ۋاپات بولغان ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان.

ئاللاھ تائالا شەيخكە رەھمەت قىلغاي ۋە رازى بولغاي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ