Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

شەيخ ئىسمائىل قارىي داموللام ئاق قارىم

شەيخ ئىسمائىل قارىي داموللام ئاق قارىم

شەيخ ئىسمائىل قارىي داموللام ئاق قارىم

(ھ. 1280– 1382/ م. 1863 – 1962)

ئىسمائىل ئىبنى مۇھەممەد ئاخۇنۇم ئىلچىنىڭ خوتەن ياكى قارىقاشتا ھىجرىيە 1280 – يىلى تۇغۇلغان. ئوقۇشىنى خوتەندە باشلاپ كېيىن قەشقەرگە بارغان ۋە قەشقەردە ئىلىمىنى خەتمە قىلغان. ئۇ «قۇرئان كەرىم»نى تەجۋىد بىلەن پۇختا، تولۇق يادلاپ تۈگەتكەندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارغا «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەنىلىرىنى ئىزاھلاپ تەفسىرلەپ بېرىشنى، باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنى مۇرادىغا يېتىشكە مۇۋەپپەق قىلىپ، ئۇنى دىندا ئالىم بولۇشقا نائىل قىلىدۇ. ئۇ ھىجرىيە 1316 – يىلى كېرەكلىك ئىجازەتلەرگە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستازلىرى ئابدۇلقادىر داموللام، سابىت داموللام، شەمسۇددىن داموللام، باھائۇددىن مەخسۇم قاتارلىقلار ئىدى. ئۇ ئىجازەتلەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتىغا قايتىپ «قۇرئان كەرىم»نى ئۆگىتىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئۇ دائىم ئاللاھ خاھلىسا بىز ياخشى كىشىلەردىندۇرمىز، چۈنكى مۇشۇ ئۈممەتنىڭ پەيغەمبىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلىرىڭلاردۇر» دېگەن دەيتتى. ئۇ ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە پەتۋا بېرىش بىلەن شۇغۇللانغان. بەزى نەقلىياتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇ ئەرەب تىلى ئۆگەتكەن ئوقۇغۇچىلاردىن سىرت 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە «قۇرئان» ئۆگەتكەن، تەجۋىدتىن دەرس بەرگەن، ئۇلارغا «قۇرئان»نى دانىمۇ – دانە ئوقۇشنى ئۆگەتكەن.

مەرھۇم ئىسمائىل قارىي داموللام ئاق قارىم ھىجرىيە 1382 – يىلى يۈز ياشقا كېرىپ ئاشقان پەيتلىرىدە ئىلچى شەھرىدە ۋاپات بولغان. ئاللاھ تائالا ئۇنى مەغپىرەت قىلسۇن، ئۇنىڭغا رەھمەت ئەيلىسۇن!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:
Exit mobile version