شەيخ مەۋلىۋىي ئىسمائىل داموللام

(1299ھ ~ 1359 ھ)

(1881 م ~ 1940 م)

شەيخ ھەزرەتنىڭ تولۇق ئىسمى ئىسمائىل ئىبنى ئابدۇرەببىھ ئىبنى ئىسھاق بولۇپ، ھىجرىيەنىڭ 1299-يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ تاشمىلىق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلىغان، تەجۋىد ۋە ئاسىمنىڭ قىرائىتىنى ئۆگەنگەن. قىرائەت پېشۋاسى شەمسىددىن مۇھەممەد دەمەشقىينىڭ قىسقارتىلىپ «جەزەرىينىڭ كىتابى» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان «النشر في القراءات العشر» دېگەن كىتابىنى ئوقۇغان.

شەيخ مەۋلىۋىي ئىسمائىل ھىندىستانغا بېرىپ ئەرەب تىلى، دىن ۋە ئىلاھىيەت پەنلىرى، ئەدەبىيات قاتارلىقلارنى پىششىق ئۆگەنگەن. ھەدىسشۇناسلىققا ئائىت پەنلەردە، بولۇپمۇ، «جەرھ ۋە تەئدىل (راۋىيلارنىڭ دەرىجىسىنى ئايرىش)» ساھەسىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن. ئۇ بىر بۆلۈك ھەدىسلەرنى، ۋە ھەدىس راۋىيلىرىنى پىششىق يادلىغان. «ئىجازەت» كىمۇ ھىندىستاندا ئېرىشكەن ۋە ئىلمىنىڭ موللىقى، ھەر خىل پەنلەرگە پىششىقلىقى، كۆپ خىل تىل بىلگەنلىكى ئۈچۈن بىر مەزگىل ھىندىستاندا ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن ئۇ ئانا يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ھىجرىيە 1341-يىلىدىن باشلاپ ئۆز ئالدىغا مەكتەپ ئاچقان.

شەيخ مەۋلىۋىي ھىجرىيە 1359-يىلى تاشمىلىقتا ۋاپات بولغان ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان. جانابى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي ۋە ئۇنىڭغا ئىز-باسار بولىدىغان قىز-يىگىتلەرنى كۆپلەپ چىقىرىپ بەرگەي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەت قاسىم ئەمىننىڭ «الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز