Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

شەيخ ئىبراھىم ئاخۇن خەلپىتىم ئەبۇ جەئفەر

شەيخ ئىبراھىم ئاخۇن خەلپىتىم ئەبۇ جەئفەر

شەيخ ئىبراھىم ئاخۇن خەلپىتىم ئەبۇ جەئفەر

(ھ. 1306– 1379/ م. 1888 – 1959)

شەيخنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىبراھىم سادىق جەئفەر بولۇپ، يېتىشكەن فەقىھ، ئالىم كىشى ئىدى.

ئۇ ھىجرىيە 1306 – يىلى قەشقەردە ئوتتۇرىھال شەھەر ئاھالىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دىنىي ئىلىملەرنى قەشقەردىكى كاتتا ئۆلىمالاردىن ئۆگەنگەن. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شاھادەت ئالغاندىن كېيىن، ھېيتگاھ جامەسىدە مۇدەررىسلىككە تەيىنلەنگەن.

كېيىنچە ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تۆت خاتىبىنىڭ بىرى بولۇپ تەيىنلىنىپ خىزمەت قىلغان. (تا ھازىرغىچە ھېيتگاھ جامەسىدە تۆت خاتىبلىق تۈزۈمى داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ.)

شەيخ ئىبراھىم ئاخۇن خەلپىتىم ناھايىتى تەقۋادار، ئىخلاسمەن، ئېغىر – بېسىق كىشى بولۇپ، بىر ئۆمۈر دىنىي مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، سىياسىي ھاياتتىن يىراق ياشىغان.

شەيخنىڭ خۇتبىلىرى ناھايىتى پاساھەت – بالاغەتلىك، پىكىرى ئۆتكۈر بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ناچار ئۆرپ – ئادەت ۋە ئىللەتلەرنى قاتتىق قامچىلاپ، مۇسۇلمانلارنى توغرا يولدا مېڭىشقا ئۈندەيتتى.

بۇ زات مۇشۇنداق ئېسىل ئەخلاقى – پەزىلىتى ۋە ئىلمى بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ماڭغان يولىدىن قىلچە تەۋرەنمەستىن ياشاپ، ھىجرىيە 1379 – يىلى قەشقەردە ۋاپات بولۇپ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.

ئاللاھ بۇ كىشىگە رەھمەت قىلغاي! ئامىن.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:
Exit mobile version