پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمىھالىغا قارىتا دوستلارنىڭ نادانلىقى، دۈشمەنلەرنىڭ بوھتانلىرى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمىھالىغا قارىتا دوستلارنىڭ نادانلىقى، دۈشمەنلەرنىڭ بوھتانلىرى

دوكتور مۇھەممەد تەييىب نەججار

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتى ياخشىلىق، ئەزگۈلۈك ۋە رەھىم – شەپقەتنىڭ ئۆچمەس كارتىنىسىدۇر. ئاللاھ تائالا ئەقىل – پاراسىتىنى يورۇتقان مۇئمىنلەر بۇ كارتىنىدا ئەكس ئەتكەن ئۇلۇغ ھەقىقەتلەر ۋە يۈكسەك نىشانلارنى بىلىپ يېتەلەيدۇ. بىلىمسىزلىك، پىكىرىي چولتىلىق، ئۆچ – ئاداۋەت، نانكورلۇق، تۇزكورلۇق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان قەلبى كېسەل كىشىلەر ئۆزى ئاڭلىغان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مۇناسىۋەتلىك ۋەقە ۋە خەۋەرلەر ھەققىدە ھەر خىل قاراشلاردا بولىدۇ.

شەكسىزكى، بۇ كىسەللىكلەر ھەقىقەتنى پەردىلەپ قويىدۇ، بەزىدە ھەقىقەتكە تاجاۋۇز قىلىپمۇ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەزى مۇسۇلمانلار بۇ خاتالىقلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ. بۇ خاتالىقلارنىڭ بەزىلىرى ياخشى نىيەتتىن ياكى خاتا ئىجتىھادتىن پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن.

ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتى ۋە رەھمىتى بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلىنىپ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدە ئاخىرلاشقان بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنسانلار ئەۋلادمۇئەۋلاد سايىدايدىغان ۋە بەھرىمەن بولىدىغان سالقىن سايە؛ ھەق يولنىڭ بەلگىلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان، ئېچىلمىغان سىرلارنى ئېچىپ بېرىدىغان، ئىنسانلارنىڭ كۆز ۋە ئەقىللىرىنى توسۇۋالغان ھىدايەت ۋە نۇر ئۈستىدىكى پەردىلەرنى ئېچىپ تاشلايدىغان نۇرلۇق مەشئەل قىلدى.

شۇ بويىچە ئېيتقاندا، بارلىق ساماۋىي دىنلارنىڭ نېگىزى ۋە يىلتىزى بىردۇر. بارلىق ساماۋىي كىتابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق دىنىي پىرىنسىپلار ۋە قىممەت – قاراشلار نۇقتىسىدىن بابلىرى ھەر خىل، نىشان – مەقسەتلىرى بىر، ھەر بابتىكى ئىپادىلەش ئۇسلۇبلىرى ھەر خىل، ئەمما، مەنە ۋە چۈشەنچىلىرى بىر بىر كىتاب دېسەكمۇ بولىدۇ.

«قۇرئان كەرىم»دىكى دىن ھەققىدە ئومۇمىي شەكىلدە سۆزلىگەن مۇنۇ ئايەتلەرمۇ شۇنىڭغا ئىشارەت قىلسا كېرەك:

﴿ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزەرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر﴾(3/«ئال ئىمران»، 19)، ﴿كىمكى ئىسلام (دىنى) دىن باشقا دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر﴾(3/«ئال ئىمران»، 85).

«قۇرئان كەرىم» ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ دېگەن مۇنۇ سۆزىنى بايان قىلىدۇ: ﴿ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىننى (يەنى ئىسلامنى) تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پىتىڭلارچە ئۆلۈڭلار (يەنى ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار)»﴾(2/«بەقەرە»: 132).

ئىسلام ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىكى بىردىنبىر ھەق دىندۇر. چۈنكى، ئاللاھ بۇرۇنلا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دىنىنىڭ بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ دىنى بولۇشىنى خاھلاپ، ھەرقايسى دەۋرلەردىكى پەيغەمبەرلەردىن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا چۈشۈرۈلگەن كىتابلارنى تەستىقلاپ پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىش ھەققىدە ۋەدە ئالغان.

بۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دەۋرداش مىللەت ۋە خەلقلەرگە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىمان ئېيتىش ۋە ئۇنى تەستىقلاش ھەققىدە قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. چۈنكى، ئۇ باتىل ئارىلىشىپ قالمايدىغان ھەق دەۋەتتۇر ۋە ئاللاھ ئاسمان – زېمىن ۋە بۇ كائىنات مەۋجۇد بولۇپلا تۇرسا مەڭگۈ داۋاملىشىشىنى پۈتۈۋەتكەن دۇنياۋى دەۋەتتۇر.

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۆز ۋاقتىدىلا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئېلىپ: ›سىلەرگە مەن كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئاتا قىلدىم، كېيىن سىلەرگە، سىلەردىكى نەرسىلەرنى (يەنى كىتاب بىلەن ھېكمەتنى) ئېتىراپ قىلغۇچى بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) كەلسە ئۇنىڭغا، ئەلبەتتە، ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەك ۋە ئۇنىڭغا ئەلبەتتە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك‹ (دېدى). ئاللاھ: ›(بۇ ئەھدىنى) ئىقرار (يەنى ئېتىراپ) قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ (يەنى بۇ ئىش) ئۈچۈن مېنىڭ ئەھدىمنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟› دېدى. ئۇلار: ›ئېتىراپ قىلدۇق› دېدى. ئاللاھ: ›(ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە تەۋەلىرىڭلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا) گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىندۇرمەن› دېدى﴾(3/«ئال ئىمران»، 81).

شەكسىزكى، بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرنىڭ تەرجىمىھالى ئۇنىڭ شەرق ۋە غەربنى يورۇتقان، ئالەمنى نۇر ۋە ھىدايەتكە تولدۇرغان ئۇلۇغ دەۋىتىنىڭ مۇكەممەل ئاساسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نۇرلۇق، خۇشپۇراق تەرجىمىھالغا مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت كۆڭۈل بۆلگەن. ھەرقايسى مىللەت ۋە خەلقلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد نەقىل قىلغان ۋە ھەرقايسى دەۋرلەردىكى سان – ساناقسىز كىتابلاردا خاتىرىلىگەن.

بۇ تەرجىمىھال ھەققىدە كىتاب يېزىش ئاسمانلار يېرىلغان، يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى ئۆچكەن، ئاسمان ۋە زېمىن باشقا بىر ئاسمان – زېمىنغا ئالماشقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمىھالى توغرىسىدا قەلەم تەۋرەتمەكچى بولغان تارىخشۇناس ئەڭ ئەۋۋەل قەلبىنى ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن نۇرلاندۇرۇشى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىشەنچلىك ھەدىس كىتابلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم، لېكىن «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس»لەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاياتىنىڭ بەزى خۇسۇسىي تەرەپلىرىنى قىسقىچە بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تەرەپلەر نۇرغۇن شەرھ ۋە ئىزاھاتلارغا موھتاج بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاساسلىق تارىخىي مەنبەلەرگە مۇراجىئەت قىلماي بولمايدۇ. بۇ مەنبەلەرنىڭ مۇھىملىرى: ئىبنى هىشامنىڭ »سيرة ابن هشام / پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىش – ئىزلىرى»، تەبەرىينىڭ »تاريخ الرسل والملوك / پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار تارىخى» ۋە ئىبنى سەئدنىڭ »الطبقات الكبرى / پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ، ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ كىتاب» ناملىق كىتابىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قىسمى قاتارلىقلاردۇر.

ئۇنىڭدىن كېيىن يېڭى تارىخشۇناسلار يازغان كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىپ ئىشەنچلىكلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا قولىدىن كېلىشىچە يېڭى پىكىرلەرنى قوشۇشى، ئاساسسىز پىكىرلەرگە رەددىيە بېرىشى لازىم.

شەكسىزكى، بەزى يېڭى كىتابلاردىكى بىر قىسىم خاتا پىكىرلەر دەسلەپكى توپلام دەۋرىدە مۇسۇلمانلار كىتابلىرىغا كىرگۈزۈۋېتىلگەن قەدىمىي پىكىرلەرنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان. بۇ پىكىرلەرنىڭ كۆپ قىسمى كۆرۈنۈشتە مۇسۇلمان بولغان، لېكىن ئىمان قەلبلىرىگە كىرمىگەن ياكى ئىسلامغا كىرگەن بولسىمۇ ئىسلامنىڭ پىرىنىسپ ۋە ئەدەبلىرىنى تولۇق تونۇپ بولالمىغان كىشىلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئاز بىر قىسمى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمىھالىنى تەتقىق قىلغان، كىتابلىرىدا مۇتەئەسسىبلىك ۋە تەرەپبازلىق روھى غالىب كەلگەن شەرقشۇناسلارغا بېرىپ تاقىلىدۇ. شەرقشۇناس ۋىليام مويىر، كايتانىي قاتارلىقلار ئەنە شۇلار جۈملىسىدىندۇر.

بەزى يېڭى تارىخشۇناسلار ئۇلارنىڭ رەزىل نىيىتىنى بىلمەسكە سېلىپ ياكى ئۇلارنىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغان پارقىراق ئىپادىلەش ئۇسلۇبلىرىغا ئالدىنىپ، بۇ ئۇسلۇبنىڭ كەينىگە يوشۇرۇلغان ئۆتكۈر زەھەر ۋە زور يامانلىقتىن غاپىل ھالدا بۇ قاراشلارنى نەقىل قىلغان.

بىز ھازىر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمىھالىنى تەتقىق قىلغان ئۆلىمالار ۋە تەتقىقاتچىلار دۇچ كەلگەن ۋە ھەر خىل قاراشلاردا بولغان بىر نەچچە زەنجىرسىمان مەسىلىلەرنى بايان قىلىمىز. بۇ ئۆلىمالارنىڭ بەزىلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دوستلىرى ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردۇر، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرى سەزمەستىن خاتا كېتىپ، ياخشى ئىش قىلدۇق دەپ ئويلاپ ھەق يولدىن تېيىپ كەتكەن. بۇنداق دوستلارنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمىھالىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرى دۈشمەنلەرنىڭكىدىن چوڭ. چۈنكى، دۈشمەن كۆپىنچە ھاللاردا باتىل بىلەن قوراللىنىپ، يالغان – ياۋىداقلارنى ئويدۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، پىكىرلىرى كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرىگە ياقمايدۇ ۋە ئىشەنچ ھاسىل قىلالمايدۇ. ئەمما، دوست كىشىلەردىن يامانلىق، خەتەر كېلىدۇ، دەپ ئويلىمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئۇنىڭ خاتالىقىنىڭ تەسىرى زور، خەتىرى چوڭ بولىدۇ.

بىرىنچى مەسىلە: مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكى

بىزنىڭ يورۇتۇشىمىز ۋە ھەقنىڭ جامالىنى نامايان قىلىشىمىز زۆرۈر بولغان تۇنجى تېما مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يارىتىلغان زامان ۋە ماددىغا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەردۇر.

بۇ رىۋايەتلەردە ھەقىقەتنىڭ ھېچبىر پۇرىقىمۇ يوق، ھەقىقەت بىلەن مۇناسىۋىتىمۇ يوق. چۈنكى، بۇ رىۋايەتلەر ئۆز – ئۆزىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان مەزمۇنلارغا ھامىلىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە «قۇرئان» ئايەتلىرىگە ۋە «سەھىھ» ھەدىسلەرگىمۇ زىتتۇر.

ئىبنى كەسىر ئەبى نۇئەيمنىڭ »دلائل النبوة / دەلائىلۇننۇبۇۋۋە» ناملىق كىتابىدىن نەقىل قىلغان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: »‹مەن ئەڭ بۇرۇن يارىتىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن› دېدى» دېگەن رىۋايەت(1).

ۋە كەئبۇل ئەھباردىن رىۋايەت قىلىنغان: »ئاللاھ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياراتماقچى بولغاندا جىبرىل ئەلەيھىسسالامنى زېمىننىڭ مەركىزىدىن نۇرلۇق، چىرايلىق لاينى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىدى، جىبرىل ئەلەيھىسسالام فىردەۋس جەننەتىدىكى ۋە يۇقىرى ئالەمدىكى مالائىكىلەرنى ئېلىپ زېمىنغا چۈشۈپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك قەبرىسىدىن ئاپئاق، نۇرلۇق بىر چاڭگال تۇپراقنى ئېلىپ، ئۇنى جەننەت ئۆستەڭلىرىنىڭ شىرىن سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ، كۈچلۈك نۇر چېچىۋاتقان ئاپئاق گۆھەر ھالىتىگە كەلتۈردى. ئاندىن كېيىن مالائىكىلەر ئۇ لاينى ئەرش، كۇرسىي ۋە ئاسمان زېمىن ئارىسىدا ئايلاندۇردى، شۇنىڭ بىلەن مالائىكىلەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى تونۇشتىن بۇرۇن تونىدى. كېيىن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نۇرى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پېشانىسىدە كۆرۈنىدىغان بولدى. ئادەم ئەلەيھىسسالامغا: ‹ئى ئادەم! بۇ سېنىڭ پەيغەمبەر ئەۋلادلىرىڭنىڭ ئەڭ كاتتىسى› دېيىلدى. ھەۋۋا ئانىمىز شىيس ئەلەيھىسسالامغا ھامىلىدار بولغان ۋاقىتتا، بۇ نۇر ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ھەۋۋا ئانىمىزغا كۆچتى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ نۇر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۇغۇلغانغا قەدەر ئادەم ئەۋلادلىرى ئارىسىدا ئېسىلدىن ئېسىلغا كۆچۈپ يۈردى»(2).

بەزى رىۋايەتلەردە: »ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ئىچىدە تۇنجى يارىتىلغىنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر. ئۇ نۇردىن يارىتىلغان، بۇ نۇردىن ئاسمان، زېمىن، ئەرش، كۇرسىي، لەۋھۇلمەھفۇز، قەلەم ۋە باشقا نەرسىلەر يارىتىلغان» دەپمۇ كەلگەن.

بىز مۇسۇلمانلار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ھەقىقىي ھۆرمەتلەيمىز دەيدىكەنمىز، ئۇنى سۈپەتلەشتە ھەددىدىن ئېشىپ خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ قەدىر – قىممىتىنى چۈشۈرمەسلىكىمىز، ئۇنى ئىنسانلىق دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتمەسلىكىمىز، ئۇنى »لايدىن ئەمەس نۇردىن يارىتىلغان، ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان لايدىن ئەمەس باشقا بىر لايدىن يارىتىلغان، ئادەم ئاتىمىزدىنمۇ بۇرۇن مەۋجۇد ئىدى» دېگەندەك پايدىسىز، بەلكى زىيانلىق، تۇتۇرۇقسىز يالغان – ياۋىداقلار كەينىدىن چېپىپ يۈرمەسلىكىمىز لازىم.

ئاللاھ تائالانىڭ ھېچقايسى تەرىپىدىن باتىل يۈزلىنەلمەيدىغان مۇقەددەس كىتابىدىكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خىتاب قىلىنغان مۇنۇ ئايەتلەرنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا، ھەقىقەت ئوپئۇچۇق ئايان بولىدۇ: ﴿ (ئى مۇھەممەد‍!) ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن، ماڭا ۋەھيىى قىلىنىدۇ﴾(18/«كەھف»: 110)

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆزىنىڭ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردىن پەقەت ئاللاھنىڭ ئۇنى ۋەھيى تاپشۇرۇۋېلىشقا ئەلچى قىلىپ تاللىغانلىقى بىلەنلا پەرقلىنىدىغانلىقىنى بارلىق ئىنسانلارغا جاكارلاشقا بۇيرۇۋاتىدۇ.

ئاللاھ تائالا بۇ مەنىنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بارلىق ئىنسانلار يارىتىلغان لايدىن يارىتىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدىغان يەنە بىر ئايەتتە تېخىمۇ تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿(ئى ئىنسانلار!) سىلەرگە ئۆزئاراڭلاردىن بىر پەيغەمبەر كەلدى، سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۇئمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر﴾(9/«تەۋبە»: 128).

ئىمام مۇسلىممۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: »ئاللاھ تائالا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن كىنانە قەبىلىسىنى، كىنانە قەبىلىسىدىن قۇرەيشنى، قۇرەيشتىن ھاشىم جەمەتىنى، ھاشىم جەمەتىدىن مېنى تاللىدى» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان(3).

بەزى مۇفەسسىرلەر ئۆز تەفسىرلىرىدە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) ۋە روشەن كىتاب (يەنى «قۇرئان») كەلدى.ئاللاھ شۇ كىتاب (يەنى «قۇرئان») ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرى (ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى) غا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ﴾(5/«مائىدە»: 15 – 16) دېگەن سۆزىدىكى »نۇر» كەلىمەسىنى »مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم» دەپ تەفسىر قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن ئايەتنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنەلمىگەن بەزى ئەقلى ئاجىز كىشىلەرگە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نۇردىن يارىتىلغان دېيىشكە يول ھازىرلانغان.

شەكسىزكى، ئايەتتە دېيىلىۋاتقان نۇر كىشىلەرگە ھەق يولىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان مەنىۋى نۇردۇر. ھەرگىزمۇ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان چىراغ ۋە يۇلتۇزلاردەك نۇر چاچىدىغان ماددىي نۇر ئەمەس.

دىللار ئارام تاپىدىغان، ئەقىلگە ئۇيغۇن رېئاللىق شۇكى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ ئاتا قىلغان ئىلىم ۋە ھېكمەت ئارقىلىق كىشىلەرگە ياخشىلىق يوللىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن نۇردۇر. لېكىن، ئۇ بارلىق ئىنسانلار يارىتىلغان تۇپراقتىن يارىتىلغان.

ئاللاھ ئۇنى مەشرىق ۋە مەغرىبنى يورۇتقان، پۈتۈن ئالەمنى ھىدايەت ۋە ھەقىقەتكە پۈركىگەن چوڭ ۋەزىپە ئۈچۈن تاللىغان ئىكەن، ئۇنىڭ تۇپراقتىن يارىتىلغان بولۇشى ئۇنىڭغا ھېچ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.

بىز ئىشىنىدىغان ۋە دىللىرىمىز ئارام تاپىدىغان رېئاللىق شۇكى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنىڭ مەرتىۋە ۋە دەرىجە جەھەتتىن ئەڭ يۇقىرىسى، لېكىن ئەڭ بۇرۇن يارىتىلغان، ئەڭ بۇرۇن تۇغۇلغىنى ئەمەس. زامان تەرتىپى جەھەتتىن، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن مەۋجۇد بولۇشى مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. شۇنداقلا، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئۈستۈنلۈكنىڭ بۇرۇن تۇغۇلغانلىققا قاراپ بېكىتىلىشىمۇ ساغلام مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس، ئۇنداق بولىدىغان بولسا، ئەجدادلار مەڭگۈ ئەۋلادلاردىن ئەۋزەل بولغان بولاتتى.

بۇسەيرىي(4)نىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىنسانلىقى ۋە باشقا ئىنسانلاردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېيتقان سۆزى نېمىدېگەن گۈزەل سۆز – ھە!

ئىلىمنىڭ پەللىسى ئۇ بىر ئىنسان،

بىراق ماقامى ھەممىدىن ئۈستۈن.

 

ئىككىنچى مەسىلە: مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۇغۇلغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرگە ئالاقىدار خەۋەرلەر

بەزى تەرجىمىھال كىتابلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۇغۇلغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن مۆجىزىلەرنى سۆزلەپ كېلىپ، كىسرانىڭ ئوردىسىنىڭ ئون تۆت كۆز دېرىزەسى چۈشۈپ كەتكەن، مەجۇسىيلار ئىبادەت قىلىۋاتقان ئوت ئۆچۈپ قالغان، »ساۋە كۆلى»([5]) قۇرۇپ كەتكەن، كۆل ئەتراپىدىكى چېركاۋلار ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، دېگەندەك ۋەقەلىكلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ ۋە بۇلارنى نۇرغۇن شائىرلار قەسىدەلىرىدە نەزمە قىلىپ يۈرۈشىدۇ.

ئۇلارنىڭ بۇ رىۋايەتلەرنى ئىنچىكە تەكشۈرمەستىن، سەھىھلىكىنى بىلمەستىن نەقىل قىلىپ يۈرۈشىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرۈشى تۈرتكە بولغان.

»قەسىدە بۇردە»نىڭ ساھىبى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەۋەللۇتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇلۇغ پەيغەمبەر،

پارىسلار ھېس قىلدى بۈيۈك بىر خەتەر.

كىسرانىڭ ئوردىسى تەۋرەپ ھەر ياندىن،

چاك كەتتى دېرىزە ھەيھات! ئەل ھەزەر!

مەجۇسىي ئوتىمۇ دېدى: بەس، يېتەر!

ھەم ئۆچتى، ئۆمۈرى بولدى بۇ قەدەر.

»ساۋە»نىڭ سۈيىمۇ تۈگىدى قۇرۇپ،

ئاچچىق يۇتتى ئۇسسۇز كەلگەنلەر.

 

بۇنداق رىۋايەتلەرنىڭ ئىلمىي ئاساسىمۇ يوق ھەم ئىشەنچلىك ئىسلامىي مەنبەلەرگىمۇ تايانمىغان.

شەيخ مۇھەممەد غەززالىينىڭ »فقه السيرة / سىيرەتنى چۈشىنىش» ناملىق كىتابىدا ئېيتقان بۇ ھەقتىكى مۇنۇ سۆزى ماڭا بەكمۇ ياراپ قالدى: »بۇ، توغرا پىكىرنى خاتا ئىبارە بىلەن ئىپادىلىگەنلىك. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇغۇلۇشى راستىنلا زۇلۇم ۋە زۇلۇم دەۋرىنىڭ يوقالغانلىقىنىڭ ئېلانىدۇر. ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى ماددىي ۋە مەنىۋى ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پۈتۈن ئالەم شاھىد بولغان ئەڭ چوڭ ئىنقىلابتۇر. «قۇرئان» قوشۇنى تارىختىكى زالىملارنى تىز چۆكتۈرگەن، ئۇلارنىڭ شەۋكىتىنى ئارقا – ئارقىدىن يەرگە ئۇرغان ئەڭ ھەققانىي قوشۇندۇر. شۇ سەۋەبتىن، ئىنسانلار زۇلۇم كىشەنلىرىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن بۇ ھەقىقەتنى تەسۋىرلەش ھەۋىسى قوزغىلىپ، بۇ مۆجىزىلەرنى خىيال قىلىشقان ۋە ئۇنىڭغا رىۋايەتلەرنى ئىجاد قىلىشقان. ھالبۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇنداق رىۋايەتلەرگە ھاجىتى يوق. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان رېئال مۆجىزىلىرى بىزنى بۇنداق رىۋايەتلەردىن بىھاجەت قىلىدۇ».

بىز شەيخ غەززالىينىڭ سۆزىگە قوشۇپ دەيمىزكى، ئىشەنچلىك تارىخ، تەرجىمىھال، ھەدىس كىتابلىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۆجىزىلىرى قاتارىدا بۇلارنى تىلغا ئالمىغان.

بۇنىڭغا ئوخشىغان زور ۋەقەلەرنىڭ (ئەگەر يۈز بەرگەن بولسا) نەزەردىن ساقىت قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ۋەقەلەرنى ئىسلام دۈشمەنلىرى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئىنكار قىلمىغان، بەلكى شۇ دەۋرلەر تارىخى يېزىلغان كىتابلىرىدا خاتىرىلىگەن ۋە بۇ ھادىسىلەر تەبىئىي ئامىل ۋە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولغان دەپ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە ئۇنىڭ دىنىنىڭ پەزىلىتىنى ئىسپاتلاشتىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزىدىغان ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەرنى ئىزدەشكە ئورۇنغان بولاتتى. لېكىن، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بولمىدى. بۇنىڭدىن ئايان بولىدۇكى، بۇ رىۋايەتلەر كۆڭلىمىزنى ئارام تاپقۇزالايدىغان، يۈز بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدىغان دەلىل كۈچىگە ئىگە ئەمەس.

سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىدا دەيمىزكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمىھالى ئاجىزلىق، زەئىفلىك يېقىن يولىيالمايدىغان، ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئېغىزلىرىنى تۇۋاقلايدىغان دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەن نۇرغۇنلىغان مۆجىزە ۋە زور ھادىسىلەرگە تولغان. ئاللاھ خاھلىسا، بۇلارنى كېيىنكى تەتقىقاتلىرىمىزدا گۈزەل شەكىلدە بايان قىلىمىز. ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇنكى، بىز دەلىل – ئىسپاتلىرى ئاجىز مۆجىزىلەرنى قوللىنىشقا موھتاج ئەمەس.

كېيىنكى تەتقىقاتلىرىمىزدا ھەقىقەت قۇياشى دوستلارنىڭ نادانلىقى، دۈشمەنلەرنىڭ يالغان – ياۋىداق، تۆھمەتلىرى ئارىسىدا غايىب بولغان تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى يورۇتۇشقا تىرىشىمىز.

ياردەم ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.

 

مەنبە: »ئۈممەت» ژۇرنىلى ھ. 1402، شەۋۋل 2 – سان

تەرجىمىدە: مۇرشىد

—————————–
1. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 6/383.
2. ئىمام سالىهىي: «سبل الهدى والرشاد»، 1/69.
3. مۇسلىم: (2276)
4. شەرەفۇددىن مۇھەممەد ئىبنى سەئىد ئىبنى ھەمماد ئەسسىنھاجىي ئەلبۇسايرىي (شرف الدين محمد بن سعيد بن حماد الصنهاجي البوصيري، ھ. 608 – 695 / م. 1213 – 1295) — مىسىرلىق مۇھەددىس، مۇتەسەۋۋىف شائىر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەدھىيەلىگەن ئەڭ داڭلىق شائىر، ھەدىس ئىلىملىرىدە يېتىشكەن مىسىرلىق ئالىم. «مەجمەئۇززەۋائىد» «مەۋارىدۇززەمئان» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.
5. ئىراقنىڭ مەسنا ئۆلكىسىگە جايلاشقان، فۇرات دەرياسىغا يېقىن تۇزلۇق كۆل – ت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ