سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن يېقىندا باشقا دۆلەت مۇسۇلمانلىرىدىن «بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملىتىش ھارام» دەپ ئاڭلىدىم، بۇ توغرىمۇ؟ ۋاكسىنىنى ئالدىنى ئېلىش خاراكتىرىدە ئۇرۇلىدىغان قوغدىنىش ئوكۇلى، بۇنىڭ تۈرى ئىككى خىل، بىرى، ۋاكسىنا، يەنە بىرى، قان سۈزۈكى دەپتۇ. ۋاكسىنىنى يۈز بەرگەن كېسەللىككە قارىتا مىكروپتىن ئېلىپ، مىكروبقا قارىتا مىكروبسىزلاندۇرۇپ، سۈزۈپ ئېلىش ئارقىلىق بىزگە كېرەكلىك قىسمىنى ئېلىۋېلىپ، مىكروبنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئۆلتۈرۈپ ياكى ئاكتىپسىزلاندۇرۇپ ياسايدىكەن. قان سۈزۈكى دېگەننى بەلگىلەنگەن ھايۋانغا ۋاكسىنا ئەملەپ، ئۇنىڭ بارلىق قېنىنى ئېلىپ، ئىئونسىزلاندۇرۇش ئارقىلىق سۈزۈلدۈرۈپ ياسايدىكەن. ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى، غالجىرلىق، سارس دېگەندەك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى دەل شۇ قان سۈزۈكى ئىكەن.
ھارام دېگۈچىلەر ۋاكسىنا ئەملىتىشنى ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە قارشى چىققانلىق، ياكى بەدەنگە مىكروب ئۇرغانلىق، ياكى نىجىس ماددىدىن ياسالغاننى ئىستېمال قىلىش دەپ بىلىپ ھارام دەيدىغاندۇ. توغرا ھۆكمىنى بىلىپ باققان بولساق.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ۋاكسىنا پاك، ھالال ماددىدىن ياسالغان بولسا ئۇنى ئەملىتىش جائىز بولۇپ، بۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ «ئې ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! داۋالىنىڭلار» دېگەن(1) كۆرسەتمىسى دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئالدىنى ئالماقچى بولغان كېسەللىك خەتەرلىك ۋە يۇقۇملۇق بولسا كېسەلنىڭ دەرىجىسى ۋە كېسەلگە مۇبتىلا بولۇش ئېھتىماللىقىغا قاراپ، ئۇنى ئەملىتىش مۇستەھەب ۋە ۋاجىب بولۇشىمۇ ئېنىق. بۇ ھەرگىزمۇ تەقدىرگە زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، ۋاكسىنا ئۇردۇرۇشمۇ تەقدىردىن. بۇ ئاللاھ ياراتقان ئەڭ ھۆرمەتلىك مەخلۇقلاردىن بولغان ئىنسان جىسمىنى ئۇنى ۋەيران قىلىدىغان ۋابا ياكى كېسەلدىن قوغداشتىن باشقا ئىش ئەمەس.
ئاللاھ تائالا: ﴿ئۆزۈڭلەرنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 29) دېگەن. بۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسىمۇ تەكىتلەيدۇ: «كىمكى ھەر كۈنى يەتتە تال ئەجۋە خورمىسىدا ناشتا قىلسا، ئۇنىڭغا شۇ كۈندە زەھەر ياكى سېھىر زىيان قىلمايدۇ»(2)
ئەلبەتتە، ۋاكسىنا ئەملەتكەندە بىلەك ئاغرىش، يېنىك قىزىش ئالامەتلىرىگە ئوخشىغان ۋاقىتلىق بىئارامچىلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ كېسەلنىڭ خەتىرىگە سېلىشتۇرغاندا يوقىلاڭ زىياندۇر. بۇ خۇددى شەرىئىتىمىزدە كىچىك بالىلارغا ئاغرىق ئازابى ئېلىپ كەلسىمۇ ئۇنىڭ دىنىي ۋە دۇنياۋى مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق تەرىپىنى كۆزدە تۇتۇپ خەتنە قىلدۇرۇپ بەدەندىن ئازغىنە تېرىنى كېسىپ ئېلىۋېتىشكە ئوخشايدۇ. شەرىئەت قائىدىسىدە ئېغىر زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەڭگىلرەك زىيانغا مەيلى دەيمىز.
ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەلىرى ئەملەنگەن ۋاكسىنا ساختا بولغاچقا، ياكى بالىنىڭ جىسمانىي ئەھۋالى ۋاكسىنا ئەملىتىشكە مۇناسىپ كەلمەيدىغان بولغاچقا كېلىپ چىققان بولىدۇ.
ئەگەر بىرەر خىل ۋاكسىنىنىڭ زىيىنى ئېغىرراق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىشەنچلىك دوختۇرلارنىڭ يەكۈنلىرى بولسا، ئۇ چاغدا بۇ خىل ۋاكسىنا چەكلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئىشەنچلىك دوختۇرلارنىڭ سۆزىگە قارايمىز. گەرچە بەزى ئىلمىي تەتقىقاتلار ۋاكسىنىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە ئۈنۈمىگە ئەندىشە بىلەن قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا يېمەك – ئىچمەك ۋە دورا – دەرمەك باشقۇرۇش ئىدارىسى(FDA)، ياۋروپا دورا – دەرمەك باشقۇرۇش ئىدارىسى(EMA) غا ئوخشىغان بىرقەدەر ئىشەنچلىك ئورۇنلارنىڭ نەچچە باسقۇچلۇق تەجرىبە ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈپ تەستىقلانغانلىقى، شۇنداقلا ۋاكسىنىنىڭ قىزىل، چېچەك، خولېرا، چۇما، كېزىك، قاتارلىق خەتەرلىك كېسەللىك ۋە ۋابالاردىن نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىمۇ بىر ھەقىقەت. ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسى بويىچە تۈرلۈك ۋاكسىنىلارنىڭ پايدىسىنىڭ زىيىنىدىن كۆپ ئىكەنلىكى ئېنىق بولۇپ كەتتى دېيىشكە بولىدۇ. ۋاكسىنا ئەملىتىشنىڭ پايدىسىنى دوختۇرلار تەكىتلەپ كەلمەكتە، بۇنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمان دوختۇرلارمۇ بار ئەلبەتتە.
ئەگەر ۋاكسىنا قان، چۈشۈرۈۋېتىلگەن تۆرەلمە ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نىجىس ماددىلاردىن سۈزۈۋېلىنغان ئاق رەڭلىك ئاقسىل (Recombinant human serum albumin) نى خېمىيىلىك ئاۋۇتۇش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ، ئۇ نىجىس ماددا خېمىيىلىك ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە پاك نەرسىگە ئايلانغان بولسا، ئۇنى ئەملىتىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ پاك ماددا. يەنىلا نىجىس ھالىتىدە قالغان بولسا، (بۇغۇ ناتايىن) ئۇنىڭ ئورنىدا يامان كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان باشقا پاك ۋاكسىنا بولمىسا زۆرۈرىيەت جەھەتتىن جائىز بولىدۇ. ئىنتايىن يەڭگىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى ئەملىتىشكە بولمايدۇ.
ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿شۇڭا، ئاللاھنىڭ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە پەقەتلا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ۋە ئاللاھتىن باشقىسىغا بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى مەجبۇر بولۇپ، كۆڭلى خاھلىمىغان ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا يېسە، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر﴾(16/«نەھل»: 114).
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، ۋاكسىنا ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ۋە پەرزەنتلىرىمىزنى تۈرلۈك ۋابالاردىن، كېسەللىكلەردىن قوغداپ قېلىشىمىز لازىم. بۇ ئىشقا سەل قاراش بىر تەرەپتىن مەسئۇلىيەتسىزلىك سەۋەبىدىن گۇناھ ھېسابلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىلىم – مەرىپەتكە ۋە داۋالىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈك كۆرسىتىپ قويۇشقا سەۋەب بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1439، 11 – جامادىيەلئاخىر / م. 2018، 27 – فېۋرال
——————-
1. «تىرمىزىي»، (2038). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5769). «مۇسلىم»، (2047).