شىمالىي قۇتۇپ ۋە ئۇنىڭغا يېقىن جايلاردا ناماز ۋاقىتلىرىنى بېكىتىش ۋە نامازلارنى جەملەش توغرىسىدا

شىمالىي قۇتۇپ ۋە ئۇنىڭغا يېقىن جايلاردا ناماز ۋاقىتلىرىنى بېكىتىش ۋە نامازلارنى جەملەش توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! شىمالىي قۇتۇپ ۋە ئۇنىڭغا يېقىن جايلاردا بەش ۋاقىت ناماز ۋاقىتلىرى قانداق بېكىتىلىدۇ؟ مەن تۇرۇۋاتقان يەر شىمالىي قۇتۇپقا يېقىن بولغاچ كۈندۈز سەل قىسقا، ھەپتىدە بىر كۈن دەرس ۋاقتى ناماز ۋاقتى بىلەن بىر كېلىپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا نامازلارنى دەرسنى تۈگىتىپ ئاندىن جەملەپ ئوقۇسام بولامدۇ ياكى دەرس ۋاقتىدا قەلبىمدە ئىما – ئىشارەتلەر بىلەن ئوقۇساممۇ بولامدۇ؟ ۋە ياكى چوقۇم ئۆز ۋاقتىدا ئەركانلىرى بىلەن تولۇق ئوقۇمىسام قەتئى بولمامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھەممىگە مەلۇمكى، بەش ۋاقىت ناماز ۋاقتى بەلگىلەنگەن ئىبادەتتۇر. ھەقتائالانىڭ: ﴿ھەقىقەتەن ناماز مۇئمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 103) دېگەن ئايەتى بۇنى ئېنىق بىلدۈرىدۇ. بۇ ھەقتە باشقا ئايەتلەرمۇ، ھەربىر نامازنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقتىنى بەلگىلىگەن ياكى ناماز ئوقۇشقا بولمايدىغان ۋاقىتلارنى كۆرسەتكەن سەھىھ ھەدىسلەرمۇ بار.

لېكىن، بۇ تۈرلۈك ئايەت ۋە ھەدىسلەر كېچە بىلەن كۈندۈر نورمال بولغان، كۈن چىقىش ۋە پېتىش، شۇنداقلا شەپەق قاتارلىق ئالامەتلەر ئېنىق ئايرىلىدىغان جايلارغا قارىتىلغان بولۇپ، كېچە ياكى كۈندۈز نەچچە ئاي داۋاملىشىدىغان شىمالىي ياكى جەنۇبىي قۇتۇپقا ئوخشىغان ياكى شۇنىڭغا يېقىن جايلاردا يۇقىرىقى ئۆلچەمنى ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ جايلاردا نەچچە كۈن ياكى نەچچە ئاي كۈن چىقماسلىقى، ھەربىر سوتكىدا بىر چىقسىمۇ كېچە ياكى كۈندۈز ئىنتايىن قىسقا بولغانلىق تۈپەيلى بەزى ئايلاردا خۇپتەن بىلەن بامدات ۋاقىتلىرى بىرى بىرىگە كىرىشىپ كېتىشى مۇمكىن.

شۇڭا، ياۋروپانىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، شىمالىي قۇتۇپقا يېقىن بولغان بەزى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇش ۋە ئېغىز ئېچىش مەسىلىلىرىدە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگىنىدەك، ناماز ۋاقتىنى بېكىتىشتىمۇ قىينچىلىققا دۇچ كېلىدۇ.

نورمال بولمىغان جايلارنى ئىككى تۈرگە ئايرىش مۇمكىن: بىرى، كېچە ياكى كۈندۈز بىر سوتكىدىن ئارتۇق داۋاملىشىدىغان شىمالىي ياكى جەنۇبىي قۇتۇپقا ئوخشىغان جايلار. بۇ جايلاردىكىلەرگە 24 سائەتتە بەش ۋاقىت ناماز پەرز بولۇپ، ئۇلارنى 24 سائەتكە بۆلۈپ ئوقۇيدۇ.

نەۋۋاس ئىبنى سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەججال ھەققىدە توختالدى. بىز:

— يارەسۇلەللاھ! ئۇ زېمىندا قانچىلىك تۇرىدۇ؟ — دەپ سورىساق، رەسۇلۇللاھ:

— قىرىق كۈن، ئۇنىڭ بىرىنچى كۈنى بىر يىلدەك، ئىككىنچى كۈنى بىر ئايدەك، ئۈچىنچى كۈنى بىر ھەپتىدەك، ئاندىن قالغان كۈنلىرى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلاردەك، — دېدى. بىز:

— يارەسۇلەللاھ! بىر يىلدەك ئاشۇ بىر كۈندە بىزگە بىر كۈنلۈك ناماز كۇپايە قىلامدۇ؟ — دېسەك،

— ياق، ئۇنىڭ (ئۇ كۈندىكى بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىش) ئۈچۈن (ئادەتتىكى كۈنلەردەك) ۋاقىت مۆلچەرلەڭلار، — دېدى.(1)

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «‹ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت مۆلچەرلەڭلار› دېگەننىڭ مەنىسى: ھەر كۈنى تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدەك پېشىن بولغۇچە ۋاقىت ئۆتسە، پېشىننى ئوقۇڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدەك ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىت ئۆتسە ئەسىرنى ئوقۇڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدەك شامغىچە بولغان ۋاقىت ئۆتسە شامنى ئوقۇڭلار، خۇپتەننىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. دېمەك، ئاشۇ ئۇزۇن كۈن ئاخىرلاشقىچە بامدات، ئاندىن پېشىن ئاندىن ئەسىر ئاندىن شام ئاندىن خۇپتەن ئوقۇيدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر يىللىق نامازنىڭ ھەممىسى ۋاقتىدا ئورۇندالغان پەرزلەر بولغان بولدى».(2)

دېمەك، 24 سائەت ئىچىدە بەش ۋاقىت ناماز پەرز بولۇشى ئېنىق. شەرىئەت نامازدىن كۆزلىگەن ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرۇش، 24 سائەت ئىچىدە سۈننەت ۋە نەفلە نامازلار ئالدى – كەينىدە بولغان بەش ۋاقىت پەرز ناماز ئوقۇش ئارقىلىق قەلبىنى ئاللاھ بىلەن باغلاپ تۇرۇش قاتارلىق مەقسەتلەرمۇ بەش ۋاقىت نامازنىڭ 24 سائەت ئىچىگە مۇۋاپىق تەقسىم قىلىنىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بۇ تەقسىم 24 سائەت ئىچىدىكى كۈن پېتىش ۋە شەپەق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا، بۇنداق جايلاردىكى بەش ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقىتلىرى باشقا جايلاردىكى بەش ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقىتلىرىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. يەنى مەككەگە ياكى بەش ۋاقىت ناماز ۋاقىتلىرى ئېنىق بىلىنىدىغان ئەڭ يېقىن نورمال ۋاقىتلىق شەھەر ۋاقتىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. روزىمۇ شۇنداق. شام بىلەن خۇپتەن كۈندۈزگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا كۈندۈزدە ئوقۇيدۇ. پىشىن بىلەن ئەسىر كېچىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا كېچىدە ئوقۇيدۇ.

شەيخ رەشىد رىزا ھەزرەتلىرى بۇ ھەقتىكى بىر پەتۋاسىدا ئېيتىدۇ: «ئىككى قۇتۇپتا ياكى ئۇنىڭغا يېقىن جايلاردا تۇرىدىغان كىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىر يىل ياكى بەش – ئالتە ئاي داۋاملىشىدىغان بىر كۈندە پەقەت بەش ۋاقىت نامازلا ئوقۇشنى پەرز قىلارمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ! بۇ ئۇلۇغ قۇرئاننىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى بولغان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چۈشكەنلىكىنى چوڭ پاكىتلار ئىسپاتلىغان، قۇرئاندىكى ‹ناماز ئوقۇڭلار› دېگەن خىتابقا قارايدىغان بولساق، ئۇنى ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ زامانى ياكى ماكانى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان، بەلكى ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى زېمىننىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىللەيدىغان نورمال دىيارلار ئەھۋالىغا قاراپ بايان قىلىپ بەرگەن. كېيىن ئىسلام بىز يۇقىرىدا ئىشارەت قىلغان جايلارغا يېتىپ بارغاندا، ئۇ جايدىكىلەر ناماز ۋاقتىنى بېكىتىشتە ئىجتىھاد قىلسا، ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بايان قىلىپ بەرگەن ۋاقىتلارغا قىياس قىلىپ مۆلچەرلەپ بېكىتسە … بولىدۇ. لېكىن، قايسى جايلارغا قاراپ مۆلچەرلەيدۇ؟ بىر قاراشتا: شەرىئەت ئەھكاملىرى يولغا قويۇلغان مەككە – مەدىنەگە ئوخشاش نورمال يۇرتلارغا ئاساسەن دېيىلسە، يەنە بىر قاراشتا: ئۇلارغا ئەڭ يېقىن نورمال دىيارلارغا ئاساسەن دېيىلگەن، بۇ ئىككى قاراشنىڭ ھەر ئىككىسى جائىزدۇر. چۈنكى، بۇ ئېنىق ھۆكۈم بەلگىلەنمىگەن، ئىجتىھاد قىلىنىدىغان مەسىلىدۇر».(3)

ئەلبەتتە، شۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پەتۋا كومىتېتلىرى، ئىسلام مەركەزلىرى ۋە مۇسۇلمانلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئورۇنلار بۇ ئىككى قاراشنىڭ بىرىنى تاللاپ، مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىدىكى ئىتتىپاقلىقنى ساقلىسا بولىدۇ.

كېچە بىلەن كۈندۈز نورمال بولمىغان جايلارنىڭ يەنە بىر تۈرى، ياۋروپانىڭ غەربى ۋە شىمالىدىكى بىر سوتكىدا كېچە بىلەن كۈندۈز ئايرىلىدىغان، لېكىن كېچە ياكى كۈندۈز نورمال دىيارلاردىكىگە قارىغاندا ئۇزۇن ياكى قىسقا بولىدىغان جايلاردۇر.

بۇ جايلاردا نامازنى ئايەت ۋە ھەدىسلەردە بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرىدا ئوقۇش لازىم. بامدات بىلەن خۇپتەن ۋاقىتلىرى گىرەلىشىپ كېتىدىغان، يەنى شەپەق غايىب بولغۇچە تاڭ ئېتىپ كېتىدىغان چاغلاردا، يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، شۇ جايدىكى پەتۋا كومىتېتلىرى ئىجتىھاد قىلىپ ئەڭ يېقىن نورمال جايلارغا قىياس قىلسا بولىدۇ. باشقا نامازلارنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرىدا ئوقۇيدۇ.

مەسىلەن، ئۇلارغا ئەڭ يېقىن نورمال دىيارلاردا كۈن پېتىپ بىر سائەتتىن كېيىن شەپەق غايىب بولۇپ، كېچە 8 سائەت بولىدىغان بولسا، خۇپتەننى كۈن پاتقاندىن بىر سائەت كېيىن ئوقۇسا بولىدۇ. خۇپتەننى بېكىتىش قىيىن بولغان جايدا كېچە 12 سائەت بولىدىغان بولسا، ئۇلارغا شەپەقنىڭ غايىب بولۇشىنى كۈن پاتقاندىن بىر يېرىم سائەت كېيىن بەلگىلەيمىز. چۈنكى، ئۇلارغا ئەڭ يېقىن نورمال جايلاردا شەپەق بىر سائەت تۇرىدۇ. ئۇلاردا كېچە 8 سائەت بولغاچقا، بۇ كېچىنىڭ سەككىزدىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. دېمەك، كېچىنىڭ سەككىزدىن بىرى بولغان بىر يېرىم سائەت دەپ مۆلچەرلىنىدۇ.(4)

سىزنىڭ دەرس ۋاقتىدا نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇيالماسلىق مەسىلىڭىزگە كەلسەك، دەرس ۋاقتىدا قەلبىڭىزدە ئىما – ئىشارەتلەر بىلەن ئوقۇسىڭىز بولمايدۇ. ناماز دەرس ۋاقتىغا تاقىشىدىغان كۈندە پىشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ، ئىككى نامازنىڭ بىرىنىڭ ۋاقتىدا يا بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يا بىرىنى كېيىنكىنىڭ ۋاقتىغا كېچىكتۈرۈپ ئوقۇۋالسىڭىز بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1439، 4 – زۇلقەئدە / م. 2018، 17 – ئىيۇل

———-
1. «مۇسلىم»، (2937).
2. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 18/66.
3. مۇھەممەد رەشىد رىزا: «ئىمام مۇھەممەد رەشىد رىزا پەتۋالىرى»، 6/2577 – 2578.
4. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 1/189.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ