سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مەن كەچتە يېتىپ تۇرۇپ كىتاپ ئوقۇشقا ئادەتلىنىپ قالغانتىم. «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەرجىمىسىنى يېتىپ تۇرۇپ تاھارەتسىز ئوقۇشقا بۇلامدۇ؟ يېتىپ تۇرۇپ قۇرئان تىڭشىسىچۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.
قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزىنى ياكى تەرجىمىسىنى ياكى تەپسىرىنى يەردە ياكى كارىۋاتتا ئوڭدا ياكى يېنى يېتىپ تۇرۇپ ياكى ياستۇققا يۆلىنىپ تۇرۇپ ئوقۇسا بولىدۇ. مەكروھمۇ بولمايدۇ. ئايەت ۋە ھەدىسلەر شۇنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كېچىسى ياتقاندا ئىككى ئالىقىنىغا (ئېيتقىنكى، ئۇ ئاللاھ بىردۇر.) دېگەن سۈرىنى، (ئېيتقىنكى، سۈبھىنىڭ رەببى بىلەن پاناھلىق تىلەيمەن.) دېگەن سۈرە بىلەن (ئېيتقىنكى، ئىنسانلارنىڭ رەببى بىلەن پاناھلىق تىلەيمەن.) دېگەن پاناھلىق تىلەش سۈرىلىرىنى([1]) ئوقۇپ سۈفلەيتتى، ئاندىن ئىككى ئالىقىنى بىلەن يۈزىنى، بەدىنىنىڭ قولى يەتكەن جايلىرىنى سىلايتتى».([2])
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇنداق دەيدۇ: مەن ھەيزدار ۋاقتىمدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنىڭ قۇچىقىمغا بېشىنى قۇياتتى، ئاندىن قۇرئان ئوقۇيتتى.([3])
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىستىن قۇرئاننى يېتىپ تۇرۇپ ياكى ھەيزدارغا يۆلىنىپ تۇرۇپ ياكى نىجاسەت بار ئورۇنغا يېقىن تۇرۇپ ئوقۇسا بولىدىغانلىقى چىقىدۇ».([4])
ئىمام ئىبنى رەجەب مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىس قۇرئاننى يۆلىنىپ ياكى ئوڭدا ۋە يېنى يېتىپ ئوقۇشنىڭ جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: [ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، يېنى ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدىغانلار، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدىغانلار]([5]) دېگەن ئايىتى دائىرىسىگە كىرىدۇ».([6])
مەزكۇر ئايەتتە ئاللاھ تائالانى ھەرقانداق ئەھۋالدا زىكىر قىلىپ تۇرىدىغانلار مەدھىيىلەنگەن. ئىمام تەبەرى مەزكۇر ئايەتنى ئىبنى جۇرەيجنىڭ مۇنداق تەپسىر قىلغانلىقىنى بايان قىلغان: بۇ ئايەتتىكى زىكىر قىلىش، ئاللاھنى نامازدا ۋە نامازنىڭ سىرتىدا ياد ئېتىش ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن ئىبارەت. قەتادە بۇ ئايەتنى: «ئى ئادەم بالىسى! بۇ سېنىڭ ھەرخىل ھالەتلىرىڭ. شۇڭا، يېتىپ بولسىمۇ ئاللاھنى زىكىر قىلغىن. بۇ ئاللاھ ئاتا قىلغان قولايلىقتۇر» دەپ تەپسىر قىلغان.([7])
يەنە بىر تەرەپتىن قارايدىغان بولساق، قۇرئان ئوقۇشمۇ زىكىر دائىرىسىگە كىرىدىغان بولغاچقا، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىمۇ بۇ ئىشنىڭ جائىز ۋە مۇستەھەپلىكىنى تەكىتلەيدۇ: [نامازدىن پارىغ بولغىنىڭلاردا ئۆرە تۇرغان ۋە ياتقان ھالەتلىرىڭلاردا ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار]([8])
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: مەن ھەر كۈنى ئوقۇيدىغان ۋەزىپەمنى ياكى ۋەزىپەمنىڭ كۆپ قىسمىنى كۆرپەمدە يېتىپ تۇرۇپ ئوقۇيمەن.([9])
ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: مەن قۇرئاننى نامازدىمۇ، كۆرپەمدە ياتقاندىمۇ ئوقۇيمەن.([10])
بۇلارنىڭ ھەممىسى يېتىپ تۇرۇپ قۇرئان ئوقۇسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
قۇرئان كەرىمنى پەقەتلا جۇنۇپ ھالەتتە ئوقۇشقا بولمايدۇ. ئەمما، جۇنۇپ كىشىلەرنىڭ ھەدىس، تەپسىر، فىقھى، تەۋھىد ۋە دىنىي دىداكتىك كىتابلىرىنى كىتابتىن ياكى توردىن ئوقۇسا بولىدۇ. كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن ھەيزدارلارنىڭ قۇرئاننى، تەپسىرىنى ۋە تەرجىمىسىنى تۇتۇپ ياكى تۇتماي يادقا ياكى قاراپ ئوقۇشى جائىزدۇر. بولۇپمۇ، قۇرئاننى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا ئوقۇپ تەكرارلىسا بولىدۇ. بۇ ھەقتە بۇرۇن ئايرىم توختالغان.([11])
يېتىپ ئوقۇغاندا تاھارەتسىز يادقا ئوقۇشقىمۇ، تۇتۇپ ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ. ئاياللار يېتىپ ئوقۇغاندا ياغلىق ئارتقان بولۇشىمۇ شەرت ئەمەس.
ئەمدى يېتىپ تۇرۇپ قۇرئان تىڭشاش ھۆكمىگە كەلسەك، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنىۋاتقاندا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش ۋە جىم تۇرۇش مۇسۇلمانلارغا بۇيرۇلغان ئىشلار جۈملىسىدىن بولغاچقا، مەيلى يېنىمىزدىكى قارىي، ياكى رادىئو، ياكى تېلېۋىزور، ياكى ئۈنئالغۇ قاتارلىقلاردىن قىلىنغان تىلاۋەتنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش مۇستەھەپ ئىشلار جۈملىسىدىندۇر.
قۇرئاننى تىڭشاشمۇ بىر خىل زىكىر قىلىش يەنى ئاللاھنى ئەسلەش ۋە ياد ئېتىش دائىرىسىگە كىرىدىغان بولغاچقا، يېتىپ تۇرۇپ قۇرئان تىڭشاش جائىز ۋە مۇستەھەپ بولىدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتلەردىمۇ ھەرقانداق ھالەتتە ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش مەدھىيىلەنگەن ۋە بۇيرۇلغان.
يۇقىرىدىكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئولتۇرۇپ ياكى يېتىپ تۇرۇپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تىلاۋىتىنى تىڭشىغانلىقى ئېھتىماللىقىمۇ چىقىدۇ.
ئۇ ھەدىستىن يەنە قۇرئان تىڭشىغۇچىنىڭ ھەيزدار ياكى جۇنۇپ بولۇشى قۇرئان تىڭشاشقا توسالغۇ بولمايدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.
جۇنۇپ ئەمەس كىشىلەرنىڭ قۇرئاننى تىڭشاش ئۈچۈن تاھارەتلىك بولۇشىمۇ كېرەك ئەمەس. شۇنداقلا ئاياللارنىڭ بېشىغا ياغلىق ئارتقان بولۇشىمۇ شەرت ئەمەس.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن قۇرئان تىڭشاش كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئېغىر بېسىملارنى يەڭگىللىتىشكە پايدىلىق بولغىنىدەك، جىمجىت مۇھىتتا قۇرئان تىڭشاشمۇ ئۇنى تەپەككۇر قىلىش ۋە چۈشىنىشكە ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئومۇمەن، دىللارغا خاتىرجەملىك بەخش ئېتىدۇ. ئاللاھ تائالا [ئىمان ئېيتقانلارنىڭ دىللىرى ئاللاهنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاهنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ] دېگەن([12]).
بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى، ئوقۇلىۋاتقان قۇرئانغا قۇلاق سېلىپ تىڭشاش ۋە باشقا ئىش بىلەن مەشغۇل بولماسلىقتۇر. ئەگەر توختىتىپ بولغىچە ئۇيقۇغا كېتىپ قالسا ھېچ گەپ بولمايدۇ. چۈنكى قۇلاق سېلىپ تىڭشاش بۇيرۇقى ئويغاقلارغا قارىتىلغاندۇر. قۇرئان تىڭشىمىسا ئۇخلىيالمايدىغان بولسا قۇرئاننى تىڭشىغاچ ئۇخلىسا بولىدۇ. چۈنكى ئاخىرقى ئاڭلىغىنى ئاللاھنىڭ كالامى بولىدۇ. بەزىلەر: قۇرئان ئوقۇلىۋاتسا ئۇخلاش ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىغانلىق بولۇپ قالىدۇ دېيىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، تىڭشايدىغان ئادەم بولمىسىمۇ قۇرئان ئوقۇلۇپ تۇرغىنى ياخشى. چۈنكى، قۇرئان ئوقۇلۇپ تۇرغان ئۆيدىن شەيتان قاچىدۇ، بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ: «شەيتان بەقەرە سۈرىسى ئوقۇلىدىغان ئۆيدىن قاچىدۇ» دېگەن.([13]) بۇ ھەدىستە «ئوقۇلىدىغان» دېگەن سۆزمۇ ئۆي ئىگىسى بولسۇن ياكى ئۈن قويغۇچ بولسۇن ھەرقانداق ئوقۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇخلىغان كىشى قۇرئاننى تىڭشىمىغىنى بىلەن ئۆيدىكى پەرىشتىلەر ۋە جىنلار تىڭشايدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
2017. 11. 22
———————————————
([1]) «ئىخلاس»، «فەلەق» ۋە «ناس» قاتارلىق سۈرىلەرنى دېمەكچى.
([2]) «بۇخارىي»، 5748 – ھەدىس.
([3]) سەھىھەين: «بۇخارىي»، 297 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 301 – ھەدىس.
([4]) «شرح النووي على صحيح مسلم»، 3/211.
([5]) «ئالى ئىمران» سۈرىسى، 191 – ئايەت.
([6]) «فتح الباري» لابن رجب، 1/406.
([7]) «تفسير الطبري» 4/210.
([8]) «نىسا» سۈرىسى، 103 – ئايەت.
([9]) «مصنف ابن أبي شيبة»، 2/241. 8571 – نومۇر.
([10]) «التبيان في آداب حملة القرآن»، 1/41.
([11]) «پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 38 – نومۇرلۇق پەتىۋا.
([12]) «رەئىد» سۈرىسى، 28 – ئايەت.
([13]) «مۇسلىم»، 780 – ھەدىس.