Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

كىچىك تاھارەت ئالمايلا غۇسۇل قىلىش ھەققىدە

كىچىك تاھارەت ئالمايلا غۇسۇل قىلىش ھەققىدە

كىچىك تاھارەت ئالمايلا غۇسۇل قىلىش ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. كىچىك تاھارەت ئالمايلا غۇسۇل قىلساق قايتىدىن كىچىك تاھارەت ئالمايلا ناماز ئوقۇساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىش غۇسۇلنىڭ شەرتلىرىدىن ئەمەس، بەلكى سۈننەتلىرىدىن سانىلىدۇ. ئەڭ ئەۋزەل ۋە مۇكەممەل غۇسۇل قىلاي دېسە جۇنۇب بولۇپ قالغان ۋە ھەيز، نىپاستىن ساقايغان چاغدا پاكلىنىش ئۈچۈن ۋاجىب غۇسۇل قىلماقچى بولسۇن، ياكى جۈمە، ھېيت نامازلىرىغا، ئېھرام باغلاشقا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ۋاجىب بولمىغان غۇسۇل قىلغاندا بولسۇن ئالدى بىلەن ئەۋرەتتىكى ۋە بەدەندىكى مەينەتلىكنى يۇيۇش، ئاندىن نامازغا ئالغاندەك كىچىك تاھارەت ئېلىپ، ئاندىن بېشىغا سۇ قۇيۇپ پۈتۈن بەدىنىنى ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ يۇيۇش لازىم.

ئەگەر كىچىك تاھارەت ئالمىغان تەقدىردە، ئالدى بىلەن ئەۋرەتتىكى ۋە بەدەندىكى مەينەتلىكنى يۇيۇشى، ئاغزى – بۇرنىنى چايقىشى، ئاندىن بېشىغا سۇ قۇيۇپ پۈتۈن بەدىنىنى يۇيۇش لازىم. بۇ تەرىقىدە يۇيۇنغان بولسىمۇ غۇسۇل توغرا بولىدۇ. تاھارىتى سۇنۇپ كەتمىگەنلا بولسا بۇ غۇسۇل بىلەن قايتا كىچىك تاھارەت ئېلىپ يۈرمەيلا ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.

ھەنەفىي مەزھەب ئىماملىرىدىن ئىمام مۇۋسىلىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «غۇسۇلنىڭ سۈننەتلىرى ئىككى قولىنى ۋە ئەۋرىتىنى يۇيۇش، بەدىنىدىن مەينەتچىلىكلەرنى يوقىتىش، ئاندىن نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىش، ئاخىرىدا پۈتۈن بەدىنىگە ئۈچ قېتىم سۇ قۇيۇش».(1)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇشۇنداق غۇسۇل قىلىدىغانلىقىنى ئەزۋاجى مۇتاھھەرەلىرى رىۋايەت قىلغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، «پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ جەنابەت سەۋەبلىك ﻏﯘسۇل ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ قوللىرىنى ﻳﯘﻳﺎﺗﺘﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺗﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯘﻏﺎ ﺗﯩﻘﯩﭗ نەمدەپ ﭼﯧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﺘﯩﻨﻰ ﮪﯚﻝ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ قوللىرى بىلەن ﺋﯜﭺ ﺋﻮﭼﯘﻡ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﺎﺗﺘﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯘﻧﻰ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﻗﯘﻳﺎﺗﺘﻰ».(2)

پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻣﻪﻳﻤﯘﻧﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎ سۆزلەپ بەرگەنكى: «ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺗﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ﺋﺎﻟﺪﻯ – يۇ، ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘيمىدى، ﺋﻪﯞﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ۋە ئۇنىڭغا يۇققان ﻧﯩﺠﺎﺳﻪﺗﻨﻰ ﻳﯘﻳﺪﻯ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﯩﻤﯘ ﺳﯘ ﺗﯚﻛﯜﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻳﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ بۇ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪﻨﯩﯔ جەنابەتتىن (كېيىنكى) غۇسۇلىدۇر».(3)

ئاخىرقى بۇ ھەدىس بويىچە ئىشلىتىلگەن سۇنىڭ چاچراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن غۇسۇل قىلىدىغان ئورۇن سۇ يىغىلىپ قالىدىغان ئورۇن بولسا ئىككى پۇتىنى غۇسۇل قىلىپ بولغاندىن كېيىن يۇيۇش مۇستەھەبتۇر.

يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە شۇنداقلا غۇسۇلنىڭ ئەڭ مۇكەممەل بولىدىغانلىقىغا ئاساسەن ئالىملار غۇسۇل قىلىشتىن بۇرۇن كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشنى ۋاجىب ئەمەس بەلكى سۈننەت ۋە مۇستەھەب دەپ قارىغان. تېخى بۇ ھەقتە ئالىملار ئىجماﺋ بارلىقىنىمۇ نەقىل قىلغان.(4)

چۈنكى، ﴿جۇنۇب بولساڭلار پاكلىنىڭلار﴾(5/«مائىدە»: 6) دېگەن ئايەتتە يۇيۇنۇشتىن باشقىغا بۇيرۇمىغان. بۇ غۇسۇل قىلسا كىچىك تاھارەت ئورنىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە كىچىك تاھارەت چوڭ تاھارەت ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. ئۇنداق بولىدىكەن، غۇسۇلنىڭ دۇرۇس بولىدىغان ئەڭ تۆۋەن چېكى بەدەندىكى مەينەتچىلىكنى يۇيۇۋېتىپ، ئاغزى – بۇرنىنى چايقاپ پۈتۈن بەدىنىنى يۇيۇشتۇر. پۈتۈن بەدىنىگە سۇ تېگىدىغان تەرىقىدە ئۈستىدىن ئۈچ قېتىم سۇ تۆكسە ياكى كۆلچەككە بىر قېتىم چۆمۈلسە غۇسۇل قىلغان بولىدۇ. بەلكىم ئادەتتىكى ئەھۋالدا غۇسۇلنىڭ بارلىق سۈننەتلىرىنى ئادا قىلىپ يۇيۇنۇپ، ئالدىراپ قالغاندا ئەڭ تۆۋەن چېكىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ يۇيۇنۇش مۇناسىپ بولسا كېرەك. لېكىن، ئاياللار ئۆرۈمە چاچلىرىنىڭ تېگىگە سۇ يەتكۈزۈشى لازىم.

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

— ئى رەسۇلۇللاھ! مەن چېچىمنى چىڭ تارتىپ ئۆرۈۋالىدىغان ئايالمەن، جەنابەتتىن غۇسۇل قىلغاندا ئۇنى چۇۋامدىم؟ ـ دەپ سورىسام:

— ياق، چۇۋۇشقا كېرەك يوق، بېشىڭىزغا ئۈچ ئوچۇم سۇ قۇيسىڭىز كۇپايە، ئاندىن پۈتۈن بەدىنىڭىزگە سۇ تۆكۈسىز، شۇنىڭ بىلەن پاك بولىسىز، ـ دېدى.(5)

ئەلبەتتە، بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، جۇنۇب بولۇپ قالغان ۋە ھەيز، نىپاستىن ساقايغان چاغدا پاكلىنىش ئۈچۈن ۋاجىب غۇسۇل قىلغاندا ئالدى بىلەن كېچىك تاھارەت ئالمايلا غۇسۇل قىلسا، بۇ غۇسۇلنىڭ كېچىك تاھارەتنىڭمۇ ئورنىدا تۇرىدىغانلىقىدا، غۇسۇلدىن كېيىن كېچىك تاھارەت ئالمايلا شۇ غۇسۇل بىلەن ناماز ئوقۇسا بولىدىغانلىقىدا ئالىملار ئوتتۇرىدا ئاساسەن ئىختىلاپ يوقلۇقىنى يۇقىرىدا بايان قىلدۇق.

ئەمدى جۈمە، ھېيت نامازلىرىغا، ئېھرام باغلاشقا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ۋاجىب بولمىغان غۇسۇل قىلغاندا ياكى سالقىنلاش ياكى تازىلىق قىلىش ئۈچۈن يۇيۇنغاندا غۇسۇل قىلىشتىن بۇرۇن كىچىك تاھارەت ئالمىغان بولسا بۇ غۇسۇل بىلەن ناماز ئوقۇيالامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئەلبەتتە، ھەنەفىي مەزھەبتە سۇ بىلەن ئالغان تاھارەتنىڭ ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولۇشى ئۈچۈن نىيەت قىلىشى كېرەك ئەمەس، بۇنىڭغا بىنائەن سۈننەت ۋە مۇستەھەب غۇسۇلدا كىچىك تاھارەت ئالمىسىمۇ بۇ غۇسۇل بىلەن كىچىك تاھارەت ئالغان بولىدۇ ۋە ناماز ئوقۇيالايدۇ. ھەنبەلى مەزھەب قارىشىمۇ شۇنداق.

ئەمما، ھەنبەلىي مەزھەبتىكى يەنە بىر قاراشتا ۋە كۆپچىلىك ئالىملار قارىشىدا، سۈننەت غۇسۇلدا ياكى سالقىنلاش ياكى تازىلىق قىلىش ئۈچۈن يۇيۇنغاندا ئالدى بىلەن نىيەت قىلىپ تەرتىپ بويىچە نامازغا ئالغاندەك كىچىك تاھارەت ئالماي سۈننەت غۇسۇل قىلغان بولسا بۇ غۇسۇل جۇنۇبلۇق ياكى ھەيز، نىپاس سەۋەبىدىن بولمىغاچقا كىچىك تاھارەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. نەتىجىدە، بۇ غۇسۇل بىلەن ناماز ئوقۇيالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغان نامازلىرىنى قايتا ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ. چۈنكى، بۇ غۇسۇل جەنابەت غۇسۇلسىغا ئوخشىمايدۇ. يەنە بۇ غۇسۇلدا تاھارەت ئەزالىرى تەرتىپ بويىچە يۇيۇلمىغان. غۇسۇل قىلغاندا كىچىك تاھارەتنى نىيەت قىلسىمۇ تاھارەت ئەزالىرىنى تەرتىپ بىلەن يۇمىغاندىن كېيىن يەنىلا بۇ غۇسۇل كىچىك تاھارەت ئورنىنى باسالمايدۇ. دېمەك، بۇ قاراش بويىچە سۈننەت ۋە مۇستەھەب غۇسۇل قىلغاندا چوقۇم غۇسۇلنىڭ ئالدى – كەينىدە كىچىك تاھارەت ئېلىۋەتسە ئاندىن بۇ تاھارەت بىلەن ناماز ئوقۇيالايدۇ.(6)

لېكىن، يۇقىرىقى قاراش شۇ كۈچلۈك. يەنى مەيلى قايسى تۈردىكى غۇسۇل بولسۇن بۇ غۇسۇل كىچىك تاھارەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. خۇددى قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت ئالغان بولسا، بۇ تاھارىتى بىلەن ناماز ئوقۇيالىغاندەك، سۈننەت غۇسۇل قىلسا ۋاجىب غۇسۇل ئادا بولغاندەكلا كىچىك تاھارەت بار ھېسابتا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاھارەتنى تەرتىپ بىلەن ئېلىش ھەنەفىي مەزھەبتىكى توغرا قاراشتا پەرز ياكى شەرت ئەمەس، بەلكى سۈننەتتۇر.

تۆۋەندىكى ھەدىسلەردە كىچىك تاھارەتنى تىلغا ئالمىغان بولۇپ، بۇ ھەدىستىكى غۇسۇللەر كىچىك تاھارەتلىك غۇسۇلنىمۇ، كىچىك تاھارەتسىز غۇسۇلنىمۇ ئوخشاش ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺟﻪﻧﺎﺑﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯘﻳﯘﻧﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻏﯘسۇل ﻗﯩﻠﯩﭗ (ﺟﯜﻣﻪگە) ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺭﺳﺎ، ﺑﯩﺮ ﺗﯚﮔﻪ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؛ ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺭﺳﺎ، ﺑﯩﺮ ﻛﺎﻻ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؛ ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺭﺳﺎ، مۈﯕﮕﯜﺯﻟﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﭼﻘﺎﺭ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؛ ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺭﺳﺎ، ﺑﯩﺮ ﺗﻮﺧﯘ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؛ ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺭﺳﺎ، ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺗﯘﺧﯘﻡ سەدىقە ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؛ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺧﯘﺗﺒﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺧﯘﺗﺒﻪ ﺋﺎﯕﻼﻳﺪﯗ».(7)

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، غۇسۇل ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان.(8)

سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى جۈمە كۈنى كىچىك تاھارەتلا ئالسا، پەرز ئادا بولىدۇ ۋە ياخشى بولىدۇ. كىمكى غۇسۇل قىلسا، بۇ ئەۋزەلدۇر» دېگەن.(9)

يۇقىرىقىلار سۈننەت غۇسۇلدا كىچىك تاھارەت ئالمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىللىرى. ئەمدى سالقىنلاش ياكى تازىلىق قىلىش ئۈچۈن يۇيۇنۇشقا كەلسەك، ھەنەفىي مەزھەبتە نىيەت تاھارەتنىڭ ئىبادەت سانىلىشى ئۈچۈن شەرت، نامازنىڭ دۇرۇس بولۇشى ئۈچۈن تاھارەتنى نىيەت بىلەن ئالغان بولۇشى شەرت ئەمەس.(10)

ئۇنداق بولىدىكەن، ھەنەفىي مەزھەب قارىشى بويىچە سالقىنلاش ياكى تازىلىق قىلىش ئۈچۈن يۇيۇنغاندا غۇسۇل قىلىشتىن بۇرۇن كىچىك تاھارەت ئالمىغان بولسا بۇ غۇسۇل بىلەنمۇ ناماز ئوقۇيالايدۇ.

خۇلاسە: مەيلى پەرز ياكى سۈننەت ياكى مۇباھ غۇسۇل بولسۇن ئېغىز – بۇرنىنى چايقىغانلا بولسا كېچىك تاھارەت ئالمىغان بولسىمۇ چوڭ ۋە كىچىك تاھارەت ۋۇجۇدقا چىققان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قايتا كىچىك تاھارەت ئالمايمۇ ناماز ئوقۇيالايدۇ. كىچىك تاھارەت بىلەن غۇسۇل قىلسا تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە ئەۋزەلنى قىلغان بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 13 – رەجەب / م. 2017، 10 – ئاپرېل

—————
1. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/58.
2. «بۇخارىي»، (248).
3. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (249). «مۇسلىم»، (317).
4. شافىئىي: «ئەلئۇم»، 1/40؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/214؛ سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 1/44؛ ئەلى ئىبنى خەلەف: «كىفايەتۇتتالىب»، 1/266؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/139.
5. «مۇسلىم»، (330).
6. دۇسۇقىي: «ھاشىيەتۇددۇسۇقىي»، 1/140؛ مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 1/147.
7. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (881). «مۇسلىم»، (850).
8. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (894). «مۇسلىم»، (884).
9. «تىرمىزىي»، (497). ھەسەن.
10. ئەينىي: «ئەلبىنايە»، 1/234؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 1/105.

Please follow and like us:
Exit mobile version