ئىجتىمائىي ئۇچۇر - ئالاقە توپلىرىدا «قۇرئان» ئۆگىنىش ۋە خەتمە قىلىشنىڭ ھۆكمى

ئىجتىمائىي ئۇچۇر – ئالاقە توپلىرىدا «قۇرئان» ئۆگىنىش ۋە خەتمە قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! جانابى ئاللاھ سىلىنى سالامەت ۋە تېخىمۇ ئەزىز قىلسۇن. سىلىدىن سورايدىغان بىر مەسلە بار ئىدى، مەن ياۋروپادىكى بىر دۆلەتتە ياشايمەن، بىزنىڭ بۇ يەردە قېرىنداشلار دائىم ئۇچىرىشىپ بىر جايدا بولۇپ «قۇرئان» تىلاۋىتى ۋە باشقا سۆھبەتلەردە بولمىقىمىز سەل قىيىن، چۈنكى ئارىلىق يىراق، قاتناش قىممەت. شۇڭا، بىز توردىن بولسىمۇ پايدىلىنىپ، بىرلىكتە «قۇرئان» تىلاۋىتى قىلىدىغان، ۋەتىنىمىز، دىنىمىز ئۈچۈن ئاللاھقا سىغىنىپ دۇئا قىلىدىغان بىر سورۇن ھازىرلاش مەقسىتىدە بىر توپ قۇرغان ئىدۇق، توپتا 15 ئايال بار بولۇپ، ھەربىرىمىز ھەپتىدە ئىككى پارىدىن ئوقۇيمىز، شۇنىڭدا «قۇرئان» ھەپتىدە بىر تامام بولىدۇ، («قۇرئان»نى ھەر ئايال ئۆز ئۆيىدە ئايرىم ئوقۇيدۇ، پەقەت ئوقۇپ بولغىنىنىلا توپقا خەبەر قىلىپ قويىدۇ)، ھەممەيلەن ئوقۇپ بولدۇم دىگەندە توپتا بىرلىكتە دۇئا قىلىمىز ۋە ھەربىرىمىز كېيىنكى ھەپتە ئالدىنقى ھەپتە ئوقۇغاننىڭ كەينىدىكى ئىككى پارىنى ئوقۇپ ماڭغاچ ، ئۆزىمىزمۇ شەخسىي ھالدا 15 ھەپتىدە 30 پارىنى تولۇق ئوقۇپ تۈگىتىمىز ۋە دۇئا قىلىمىز، بىز بۇ ئەمەلنى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن «قۇرئان»ىمىزدىن يىراقلاپ قالمايلى، غەپلەتتە قالغىنىمىزدا قېرىنداشلار بىر – بىرىمىزگە ھەيدەكچى بولۇپ، ھەر دائىم ئاللاھنىڭ كالامىنى ئوقۇپ، دۇئا قىلىپ، يارا يۈرىكىمىزگە مەلھەم قىلايلى دەپ ۋە ئاللاھتىن ئەجىر تىلەپ قىلغان ئىدۇق، ئەمما بۇ ئىشنىڭ توغرا – خاتالىقى توغرىسىدا كۆپ تالاش – تارتىشلار بولۇپ ئۆتتى. شۇڭا، بىزمۇ بىلمەي خاتاغا كىرىپ قالماسلىق ئۈچۈن سىلىدىن ئېنىق جاۋاب ئېلىپ ئاندىن داۋاملاشتۇرۇشنى توغرا كۆردۇق، قىممەتلىك جاۋابلىرىنى كۈتىمىز، ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! ئاللاھقا ئامانەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

سىز سوئالىڭىزدا بايان قىلغاندەك، توپتىكى ھەربىر ئەزا بىرەر پارىدىن بۆلۈشۈپ «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىپ، تامام بولغاندا توپتا يىغىلىپ دۇئا قىلساڭلار بولىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ كالامىنى تىلاۋەت قىلىش ۋە ئۆگىنىش، ھەقنى تەۋسىيە قىلىش دائىرىسىدىكى ئىشلار. «قۇرئان»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ياكى تەفسىرىنىمۇ توپلاردا بىللە ئوقۇپ، بىللە تەھلىل ۋە تەپەككۇر قىلىپ دۇئا قىلساڭلارمۇ ياخشى ئىش. بۇلارنىڭ چەكلىنىدىغان تەرىپى يوق.

نېمە ئۈچۈن دېگەندە، ۋاسىتە تۈرىدىكى نەرسىلەردە ئەسلىي ھۆكۈم مۇباھلىق بولۇپ، بىرەر ۋاسىتە ھەققىدە ئالاھىدە چەكلىمە كەلمىگەن ئىكەن، ئۇ بىدئەت دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. ساھابە كىراملارمۇ «قۇرئان»نى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپاتىدىن كېيىن بىر مۇقاۋا ئىچىگە جەملىگەن، ئۇندىن كېيىنكىلەر «قۇرئان»نى ئوقۇش، تەكرارلاش قولاي بولسۇن ئۈچۈن پارىلارغا بۆلگەن. بۇنى بىرەر ئۆلىما بىدئەت دەپ باقمىغان. بۇنىڭدىن سەلەفلىرىمىزنىڭ بۇ تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىقىنى، چەكلىۋەتمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش ۋاسىتىسى بولغان توپلارنىمۇ «ھارام» ياكى «بىدئەت» دېگەن ناملار ئاستىدا چەكلىۋېتىش، بىر تەرەپتىن بۇ ۋاسىتىلەردىن ئۆزىمىزنى مەھرۇم قىلىش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ۋاسىتىلەرنىڭ ئىبادەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى خاتا چۈشىنىۋېلىشتۇر.

ھازىرقى دەۋر ئۇچۇر – ئالاقە ۋاسىتىلىرى دەۋرى بولغاچقا، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىش، ئۆگىنىش، ئۆزئارا تەقۋادارلىقنى تەۋسىيە قىلىش ۋە ياخشىلىقنى تەشۋىق قىلىشتا بۇ تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىش كېرەك.

بۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار﴾(5/«مائىدە»: 2) دېگەن ئەمرىگە چۈشىدۇ. بەلكى تېخى بۇ تۈرلۈك ۋاسىتىلارنى مۇشۇنداق ياخشى پائالىيەتلەر بىلەن ئاۋاتلاشتۇرۇش زۆرۈر، چۈنكى بۇنىڭدىن توغرا پايدىلانمىساق، خاتا پايدىلىنىشىمىز ئېنىق.

«قۇرئان»نى تىلاۋەت قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ﴿قۇرئاننى تەرتىل قىلىپ دانە – دانە، ئوچۇق ئوقۇغىن﴾(73/«مۇززەممىل»: 4) دېگەن ئايەتى ۋە ئۇندىن باشقا «قۇرئان»نى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرگە ئاساسەن، ئەڭ ياخشى ئەمەللەر جۈملىسىدىندۇر.

ھەربىر كىشى ئۆز ئالدىغا ئوقۇپ «قۇرئان»نى خەتمە قىلىشىمۇ سەلەفلىرىمىزنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. سەلەفلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى «قۇرئان»نى يەتتە كۈندە ياكى ئۈچ كۈندە بىر خەتمە قىلاتتى. «قۇرئان» تامام بولغاندا دۇئا تىلاۋەت قىلىشمۇ سەلەفلىرىمىزدىن كەلگەن.

«قۇرئان»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە ياكى تەفسىرىنى ئوقۇش ۋە ئاڭلاشمۇ «قۇرئان»نى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش دائىرىسىدىكى ياخشى ئەمەللەر قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا تىلىمىزنى، تارىخىمىزنى ئۆگىتىش مەقسىتىدە پايدىلىق ئەسەرلەرنى بۆلۈشۈپ ئوقۇپ، مۇزاكىرە قىلىشىدىغان توپلارمۇ شۇ قاتاردىكى پايدىلىق ئىشلار قاتارىدىن. شۇڭا، بۇ ياخشى پائالىيىتىڭلارنى بەخىرامان داۋاملاشتۇرۇڭلار، غۇربەتتە ھەربىر ئۇيغۇرنى يالغۇز تاشلاپ قويماي، ئۆزئارا ھەقنى تەۋسىيە قىلىپ، ھەيدەكچى بولۇپ، قولىمىزدىن كېلىشىچە، تىرىشايلى. ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن، كۆڭلۈڭلارغا خاتىرجەملىك ۋە ساباتلىق ئاتا قىلسۇن! ئامىن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1439، 7 – جامادىيەلئاخىر / م. 2018، 23 – فېۋرال

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ