ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامىزان(8)

ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامىزان(8)

(مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار)

 

روزا ۋە رامىزانغا مۇناسىۋەتلىك «ساجىيە تورى»غا كەلگەن بەزى سوئاللارنىڭ جاۋابلىرى

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

سوئال: رامىزان ئېيىدا توي قىلسا بوﻻمدۇ؟

جاۋاب: رامىزاندا شۇنداقلا ھەرقانداق ئاي، كۈنلەردە توي قىلسا بولىدۇ. ئەگەر ئورۇنلاشتۇرۇش رامىزانغا ئۇدۇل كېلىپ قالسا بۇنىڭدا بىرەر چەكلىمە يوق. مېھمانلارنى رامىزاندا ئىپتار ياكى سوھۇرغا چاقىرسا بولىدۇ. ئالىملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زەينەب، سەۋدە، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالارنى رامىزاندا ئالغانلىقىنى، فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا رامىزاندا ياتلىق قىلغانلىقىنى بايان قىلىشىدۇ.

رامىزان كېچىلىرى يەنە جىماغا رۇخسەت قىلىنغان. پەقەت كۈندۈزىلا روزىسىنى بۇزۇپ سالماسلىق ئۈچۈن جىمانىڭ مۇقەددىمىلىرىدىن ساقلىنىش زۆرۈر. ئەگەر كېچىكتۈرۈشكە باشقا بىر توسالغۇ بولمىسا، كۈندۈزى ئۆزىنى تۇتالماي، روزىسىنى بۇزۇپ سېلىپ، ئاۋارىچىلىققا يولۇقۇپ قالىدىغانلار ئۈچۈن رامىزان چىقىپ كەتكەندە توي قىلىش ياخشى بولسا كېرەك.

 

سوئال: سوھۇرلۇقنى يەپ، ئۇخلاپ قېلىپ ئېھتىلام بولۇپ قالسا روزا بۇزۇلامدۇ؟

جاۋاب: ئېھتىلام بولسا روزا بۇزۇلمايدۇ، غۇسلى قىلىۋەتسە بولىدۇ.

 

سوئال: تەراۋىھ نامىزىدا ۋىتىر نامىزى ئوقۇلۇپ كېتىدۇ، كېيىن تەھەججۇد نامىزى ئوقۇسا ۋىتىر نامىزىنى قايتا ئوقۇمدۇ؟

جاۋاب: ۋىتىر نامىزىنى ئاخىرقى ناماز قىلىپ ئوقۇش سۈننەتتۇر. ۋىتىر نامازنى مۇمكىنقەدەر ئاخىرقى نامىزى قىلىشقا تىرىشىش كېرەك. ئاندىن بەزى ئەھۋاللاردا ۋىتىردىن كېيىن نەپلە ئوقۇپ قالسا، ۋىتىرنى قايتىلىمىسىمۇ بولىدۇ.

 

سوئال: تۈرمىدە تۇتالمىغان بەش يىللىق روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتامدۇ؟

جاۋاب: تۈرمىدە يېتىشتىن ئىبارەت ئۆزرىسى بولغاچقا، بۇ كىشى خۇددى بەش يىل كېسەل بولۇپ قالغان كىشىدەك تۇرمىدىن چىققاندىن كېيىن باشقا كۈنلەردە رامىزاندا تۇتالمىغان روزىلىرىنىڭ ئورنىغا روزا تۇتۇشى كېرەك. ئاللاھتائالامۇ: ﴿باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن﴾ دەپ بۇيرۇغان. كېچىكتۈرگەنلىكىگە گۇناھ بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، بەش يىل ئىچىدە ھەر يىلى رامىزان روزىسىنى بىر ئاي تۇتالمىغان بولسا، كېيىن بەش ئاي قازاسىنى تۇتىدۇ. 100 كۈن تۇتالمىغان بولسا، 100 كۈن قازاسىنى تۇتىدۇ. بىر كۈن تۇتالمىغان بولسا، بىر كۈن قازاسىنى تۇتىدۇ. تۇتالمىغان كۈنلەرنى ئارقىمۇئارقىدىن تۇتۇشى كېرەك ئەمەس، بەلكى كۈن ئاتلاپ تۇتۇۋالسىمۇ بولىدۇ. فىدىيە ياكى كەفارەت كەلمەيدۇ.

 

سوئال: رامىزاندا تەراۋىھنى ئوقۇمىسا گۇناھ بولامدۇ؟

جاۋاب: تەراۋىھنى ئوقۇمىسا جازالانمايدۇ. چۈنكى، تەراۋىھ نامىزى پەرز ياكى ۋاجىپ ئەمەس، بەلكى سۈننەتتۇر. لېكىن، نۇرغۇن ساۋابتىن مەھرۇم قالىدۇ. سەھىھ ھەدىستە: «كىمكى رامىزاندا ساۋاب كۆزلەپ ئاللاھقا ئىشەنگەن ھالدا كېچىلەردە ناماز ئوقۇيدىكەن، ئۇنىڭ بۇرۇنقى بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» دېيىلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە رامىزاندا مىڭ ئاي ئىبادەت قىلغاندىنمۇ ئەۋزەلرەك بىر كېچە بار. شۇڭا، مۇسۇلمان كىشى بۇ غەنىيمەتلەرنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك.

 

سوئال: بۇرۇنقى ئۈممەتلەر قانداق روزا تۇتاتتى؟

جاۋاب: روزا تۇتۇش ئىبادىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ بارلىق ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغان ئىبادەتتۇر، ئاللاھتائالا: ﴿سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغاندەك، روزا تۇتۇش سىلەرگىمۇ پەرز قىلىندى﴾ دېگەن. ئىلگىرىكىلەرگە پەرز قىلىنغان روزىنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارى بىزنىڭكىگە ئوخشايدىغانلىرى بار، ئوخشىمايدىغانلىرى بار. مەسىلەن، بەزى ئۈممەتلەرگە گەپ – سۆز قىلماي روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان. «ئال ئىمران» سۈرىسى، 41 – ئايەتتە زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامغا: ﴿نىشانەڭ شۇكى، كىشىلەرگە ئۈچ كۈنگىچە ئىشارەتتىن باشقا سۆز قىلمايسەن﴾ دېگەن. «مەريەم» سۈرىسى، 26 – ئايەتتە ئاللاھتائالا مەريەم ئەلەيھىسسالامغا: ﴿بىرەر ئىنسانغا ئۇچراپ قالساڭ، ›مەن ئاللاھ ئۈچۈن روزا تۇتۇشنى نەزىر قىلغان، شۇڭا، بۈگۈن ھېچكىمگە گەپ – سۆز قىلمايمەن‹ دېگىن﴾ دېگەن. يەھۇدىيلاردا ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇش بار.

يەھۇدىي – ناسارالارغا بىزگە ئوخشاش بىر ئاي روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ھەر 24 سائەتتە بىر ئېغىز ئاچاتتى. لېكىن، ئۇلار كۈن سانىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ بەزىلىرى يىلدا ئالتە كۈن، دىندارلىرى يىلدا بىر ئاي تۇتىدۇ. خىرىستىيانلارنىڭ بەزىلىرى يىلدا قىرىق كۈن، ھەر پەسىلدە ئۈچ كۈن، ھەپتىدە چارشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى تۇتىدۇ. ئۇلار سۈپەت جەھەتتىنمۇ ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇپ، بەزى خىرىستىيانلار جانلىقلارنى يېيىشتىن پەرز تۇتۇش بىلەن روزا تۇتىدۇ.

 

سوئال: رامىزان كۈنلىرىنىڭ كۈندۈزلىرى ئايالىنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ قويۇش ئۈچۈن يېقىنلاشقاندا تۇيۇقسىز شەھۋەت قوزغىلىپ، مەنى ئېتىلىپ چىققان بولسا، بۇنىڭغا كەفارەت كېتەمدۇ؟ شۇ كۈنى قانداق قىلىدۇ؟ روزىنى قايتا نىيەت قىلىۋەتسە بولامدۇ ياكى (رامىزاننىڭ ھۆرمىتىنى قىلغان ئاساستا) ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: جىما قىلماستىن قۇچاقلاش ۋە سۆيۈش بىلەن مەنىي چىقىپ كەتكەن بولسا روزا سۇنىدۇ، روزا سۇندۇرۇش بىلەن گۇناھكار بولىدۇ، شۇنداقلا رامىزاندىن كېيىن ئورنىغا قازا روزىسى تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ، ئەمما كەفارەت كەلمەيدۇ.

نېمە ئۈچۈن كەفارەت كەلمەيدۇ دېگەندە، بۇ تولۇق جىما دەرىجىسىگە يەتمىگەن، خۇددى سۆيگەنگە ئوخشاش بىر ئىشتۇر. كەفارەت ۋاجىپ بولماسلىق ئەسلىي ھۆكۈمدۇر. قۇچاقلاش بىلەن مەنىي چىقسا كەفارەت ۋاجىپ دەيدىغانغا ئېنىق دەلىل يوق ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى (ئىجماسى) مۇ يوق. قۇچاقلاشنى جىماغا قىياس قىلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ جىماغا ئوخشىمايدۇ. جىمادا مەنىي چىقمىسىمۇ كەفارەت كېلىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي «ئەلمەجمۇ»دا مۇنداق دەيدۇ: «روزىسىنى جىمادىن باشقا يەپ – ئىچىش، ئانانىزم (مەنىي چىقىرىش)، مەنىي چىقىپ كەتكۈچە قۇچاقلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بۇزۇۋەتسە كەفارەت كەلمەيدۇ. چۈنكى، كەفارەت جىماغا كەلگەندۇر. يۇقىرىقى ئىشلار جىمانىڭ مەنىسىگە ئوخشىمايدۇ».

بەزى ئالىملار: «قۇچاقلاش ۋە سۆيۈش ئارقىلىق مەنىي چىقىپ كەتكەن ئەھۋالدا كەفارەت كېلىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئۇلار بۇ ئىشلارنى جىماغا قىياس قىلغان.

ئەلۋەتتە، روزا يۇقىرىقى ئىشلار بىلەن سۇنغان تەقدىردىمۇ، روزا ۋە رامىزان ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىپتار ۋاقتىغىچە يېمەك – ئىچمەك ياكى روزا سۇندۇرىدىغان ئىشلارنى قىلماي تۇرىدۇ.

 

سوئال: ئۆيدە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن مەسجىد بولۇشى شەرتتۇر. ئاللاھتائالا «بەقەرە» سۈرىسى، 187 – ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار﴾. بۇ ئايەت ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن مەسجىد شەرت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، جۈمە ئوقۇلىدىغان بولسۇن ياكى ئوقۇلمايدىغان مەسجىد بولسۇن، مەسجىدلا بولسا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدتىن باشقا جايدا ئېتىكاپتا ئولتۇرمىغان. بەزى ئالىملار جامائەت نامىزى ئوقۇلىدىغان مەسجىد بولۇشىنى شەرت قىلغان.

 

سوئال:رامىزان كۈندۈزىدە ئانانىزم قىلىپ، مەنىي چىققان بولسا ھۆكۈم قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: تەۋبە قىلىپ، شۇ بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتىدۇ، كەفارەت كەلمەيدۇ.

 

سوئال: ئاياللارنىڭ ئالدى ئەزاسىنى تەكشۈرتۈشتە روزا سۇنامدۇ؟

جاۋاب: ئاياللارنىڭ ئالدى تەرىپىگە چايقايدىغان دورا، بارماق ياكى تەكشۈرۈش ئەينىكى ۋە ياكى ئۈزۈك كىرگۈزگەن ئەھۋالدىمۇ روزىسى سۇنمايدۇ، كىچىك تاھارەت ئېلىۋەتسە بولىدۇ.

 

سوئال: ئايروپىلاندا سەپەر قىلغاندا روزا تۇتساق كۈن پاتقان چاغدا ئېغىز ئاچامدۇق ياكى ئۈستىگە كەلگەن شەھەر ۋاقتىغا بويسۇنامدۇق؟

جاۋاب: ئايروپىلاندا ئۇچۇۋاتقاندا كۈن پاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئاندىن ئېغىز ئاچىسىز.

 

سوئال: ئېغىزغا پۈركۈيدىغان دورىنى ئىشلەتسە روزا سۇنامدۇ؟

جاۋاب: ئېغىزغا پۈركۈيدىغان دورا تەركىبىدە سۇمۇ بار. ئەگەر گالدىن ئۆتۈپ كەتمىسە روزا سۇنمايدۇ، ئۆتۈپ كەتسە روزا سۇنىدۇ. ئەمما، بۇرۇنغا پۈركىسە روزا سۇنمايدۇ.

 

سوئال: سېغىز چاينىسا روزا سۇنامدۇ؟

جاۋاب: سېغىز چاينىغان چاغدا پارچىلىنىپ كېتىدىغان بولسا، بۇنىڭ بىرەر پارچىسى گالدىن ئۆتۈپ كەتسە روزا سۇنىدۇ. ھازىرقى سېغىزلار پارچىلىنىپ كەتمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى شېكەر ماددىسى بىلەن تەم كىرگۈزگۈچى ماددىلار تۈكۈرۈكتە ئېرىپ، گالدىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، روزىنى سۇندۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سېغىز چايناش ئېغىزنى قۇرۇتۇۋېتىدىغان بولغاچقا، روزىدارغا زىيانلىق.

 

سوئال: تاماكا چەكسە روزىنى سۇندۇرامدۇ؟

جاۋاب: تاماكا، موخوركا، چىلىم ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان چېكىملىكلەر بىلەن روزا سۇنىدۇ. بۇ تۈتۈنلەر نىكوتىن قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، بۇ ماددىلارنىڭ قالدۇقى تاماكىنىڭ بۇلۇتىدا، ئۆپكىدە، كانايدا قاپ – قارا كۆرۈنىدۇ. بۇ ماددىلار بەدەنگە كىرگەندە قالدۇرغان تەسىرى يېمەك – ئىچمەكنىڭ تەسىرىدىن ئېغىر بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، روزىدارنىڭ تاماكا چېكىشى روزىنى بۇزۇۋېتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىچىگە ماددا كىرگۈزگەن. دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە، تاماكا تۈتۈنى ئېغىزدىن كانايغا، ئاندىن ئۆپكىگە كىرسە، يەنە ئاز بىر قىسمى قىزىلئۆڭگەچ ئارقىلىق ئاشقازانغا بارىدىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، تاماكا مېڭىگە تەسىر قىلىدۇ. خۇمار ۋە تاشلىيالماسلىقتا ھاراق بىلەن زەھەرلىك چېكىملىكتىن قېلىشمايدۇ. بۇ جەھەتتىن، تاماكىمۇ بىر خىل كەيپ سۈرىدىغان شەھۋەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. چۈنكى، بەڭگى يېمەك – ئىچمەكسىز چىدىسىمۇ، تاماكىسىز چىداپ بولالمايدۇ. ھەدىس قۇددۇسىيدا جانابىي ئاللاھ: «روزىدار يېمەك – ئىچمىكىنى، شەھۋىتىنى مەن ئۈچۈن تاشلايدۇ» دېگەن.

تاماكىنىڭ باشقا تۈتۈنلەردىن تۆۋەندىكىدەك پەرقى بار:

1. بەڭگى تاماكا ئىسىنى قەستەن ئىچىگە تارتىدۇ. كوچىدىكى ئىسلارنى قەستەن تارتمايدۇ. ئىمام ئىبنى ئابىدىن مۇنداق دەيدۇ: «ئىچىگە تارتىشتىن ساقلىنالايدىغان ھەرقانداق تۈتۈننى قەستەن ئىچىگە تارتسا روزىسى بۇزۇلىدۇ. «بۇ گۈل پۇرىغاندەك، مۇشك – ئەنبەر پۇرىغاندەك ئىش» دەپ ئويلاپ قالمايلى. چۈنكى، مۇشك – ئەنبەردەك نەرسىلەرنىڭ پۇرىقى بىلەن خۇشبۇيلانغان ھاۋا ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىچىگە كىرگۈزگەن تۈتۈننىڭ ئوتتۇرىدىكى پەرق ئېنىقتۇر».(1)

2. تاماكا ئىسىنى ئېغىزى سۈمۈرىدۇ، تۈتۈن بولسا نەپەس ئارقىلىق ئىچىگە كىرىدۇ. كوچىدىكى توزان، تۈتۈنلەر بۇرنىغا كىرىدۇ. بۇرنىغا كىرگىنى كاناي ئارقىلىق ئىچىگە ئۆتۈشى مۇمكىن، ئۆتمەسلىكىمۇ مۇمكىن. كوچىدىكى توزان، تۈتۈنلەردىن ساقلىنىش قىيىن ۋە قەستەنلىك بولمىغاچقا، ئىچىگە ئۆتكەن تەقدىردىمۇ روزىنى سۇندۇرمايدۇ. ئەمما، قەستەنلىك بىلەن ئەتەي كۈچەپ سۈمۈرۈش ئارقىلىق ئىچىگە ئۆتكۈزسە، بۇلارمۇ روزىنى سۇندۇرىدۇ، ئەلۋەتتە.

3. كوچىدىكى توزان، تۈتۈنلەردىن ساقلىنىش تەس بولغاچقا، روزا بۇزۇلمايدۇ. تاماكىدىن ساقلىنىش مۇمكىن بولغاچقا، چەكسە روزا سۇنىدۇ.

4. تاماكىنى كۆڭلى خالايدۇ، باشقا تۈتۈنلەرنى بولسا ياقتۇرمايدۇ.

5. روزىدىن مەقسەت ئىرادىنى تاۋلاش، يامان ئادەتتىن قۇتۇلۇش، پېقىرلارنىڭ ھالىنى ھېس قىلىش ۋە تەقۋادارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش. تاماكا بۇنىڭ ئەكسىچە روزىدىن كۆزلىگەن نىشانلارنىڭ روھىغا زىت كېلىدۇ.

 

سوئال: بۇرۇن ئارقىلىق كىرگەن نەرسە گالدىن ئۆتۈپ كەتسە روزىنى بۇزامدۇ؟

جاۋاب: بۇرۇن ئېغىز بىلەن ئوخشاشلا قىزىلئۆڭگەچكە تۇتۇشىدۇ. شۇڭا، بەزىبىر ئەھۋاللاردا بۇرۇن ئارقىلىق غىزالىنىش ئېھتىياجىمۇ تۇغۇلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇرۇندىن كىرگەن نەرسە گالدىن ئۆتۈپ كەتسە روزىسى سۇنىدۇ.

 

سوئال: روزا ھېيت ئۇچۇرىنى ئالدۇق، ئەمما بىز دىيارىمىزدا ئاي كۆرگەنلىك خەۋىرىنى ئالالمىدۇق. شۇڭا، روزا تۇتامدۇق ياكى ھېيت قىلامدۇق؟

جاۋاب: دىيارىمىزدا ئاي كۆرۈش پائالىيىتى بولمىغاچقا، ئاي كۆرىدىغان ئىسلام ئەللىرىدە كۆرگەن ئاينى ھېساب قىلساق بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئەللەر بىلەن بىللە ھېيت قىلىمىز، ھېيت كۈنى روزا تۇتمايمىز. ئەمما، ھېيت نامىزى ئوقۇش ئىشىنى مۇمكىن بولسا جامائەت بولۇپ ئوقۇپ، بولمىسا، بالا – چاقىلىرىمىز بىلەن ئوقۇۋالساق بولىدۇ ياكى بىر كۈن كېچىكتۈرسەكمۇ بولىدۇ.

 

سوئال: بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك قارىيە قىزلار رامىزاندا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇسا، چوڭ ئەر ئۇستازلار ئۇ قىز بالىغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ئەرلەر كىچىك قىزلارغا ياكى ئاياللارغا ئىقتىدا قىلسا بولمايدىغانلىقى ئالىملار ئارىسىدا ئىتتىپاق مەسىلە. قىز – ئاياللارغا ئايال كىشى ئىقتىدا قىلىپ، لوقما سالسا بولىدۇ. ئەرلەر قۇرئان ئېچىپ لوقما سالىدىغان بولسا، نامازغا تۇرماي سىرتتىن لوقما سالسا بولىدۇ.

 

سوئال: رامىزاندا ئېرىق – ئۆستەڭلەرگە بويۇننىڭ ئۈستىنى چۆكتۈرمىگەن ئەھۋالدا سۇغا چۈشسە روزا سۇنامدۇ؟ بىر نەرسە پۇرىسا روزا سۇنامدۇ؟ بەدەننىڭ تەرلىشى سەۋەبلىك مۇنچىغا چۈشسە روزا سۇنامدۇ؟

جاۋاب: ھېچقايسىسى بىلەن روزا سۇنمايدۇ. ئەمما، بۇرۇن بىلەن قاتتىق ئىچىگە تارتىپ، گالدىن ئۆتكۈزسە روزا سۇنىدۇ.

 

سوئال: «رامىزاندا روزا تۇتۇپمۇ غەيۋەت قىلغان، يالغان گەپ قىلغان، ئاچچىقلاپ ۋاقىرىغان ئادەملەرنىڭ روزىسى بۇزۇلۇپ كەتتى، يەپ – ئىچسە بولىدۇ» دېيىش توغرىمۇ؟

جاۋاب: كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، غەيۋەت بىلەن يالغانچىلىقتەك گۇناھلار روزىنى بۇزۇۋەتمەيدۇ. مۇجاھىد بىلەن سۇفيان سەۋرى قاتارلىق ئالىملار: «غەيۋەت روزىنى بۇزۇۋېتىدۇ» دەپ قارايدۇ.

 

سوئال: يۇرتىمىزدا رامىزان سەۋەبى بىلەن خېلى كۆپ ياخشى مۇسۇلمانلار ھەقسىز ئىپتارلىق بىلەن سوھۇرلۇق بېرىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا زاكات پۇلنى ئشلەتسىمۇ بولامدۇ؟يەنە بىرسى، تەراۋىھ نامىزىنى بىزنىڭ يۇرتتىكى ئۆلىمالار مۇستەھەپ دەيدۇ، سىلى سۈننەت دەپلا، بىلىۋالساق بولۇپتىكەن.

جاۋاب: 1. زاكات پۇلىدا ئىپتارلىق بىلەن سوھۇرلۇق بەرسە بولمايدۇ. چۈنكى، داستىخاندا بايمۇ بولىدۇ. «كەمبەغەلنىلا چاقىرىدۇ» دېگەن ئەھۋالدىمۇ بولمايدۇ. زاكات پۇلنى كەمبەغەلنىڭ قولىغا بېرىش كېرەك. ئۆزى خالىغان نەرسىگە ئىشلىتىدۇ. 2. تەراۋىھ نامىزى سۈننەت. بەزىلەر: «مۇستەھەپ» دەيدۇ، يەنە بەزىلەر: «ۋاجىپ كۇپايە» دەيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قانچە كېچە ئوقۇغان، كېيىن راشىد خەلىپىلەر قىلغان بولغاچقا، سۈننەت دېيىش مۇۋاپىق. بەزى ئالىملار: «مۇستەھەپ بىلەن سۈننەت بىر نەرسە» دەپمۇ قارايدۇ.

 

سوئال: 1. ھازىر دىيارىمىزدا قارىلار كۈنىگە ئۈچ – تۆت پارىدىن ئوقۇپ خەتمىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بىر پارىدىن ئوقۇسا جامائەتكىمۇ ئېغىر كەلمەيتتى. بىراق، بىر تەرەپتىن، قارىلار يېتىشمىسە، يەنە بىر تەرەپتىن قارىلارغا كىرىدىغان كىرىم ئازلاپ كېتىدۇ ۋە ياكى قۇرئاننى كۆپرەك ئۆتكۈزۈۋېلىش دېگەنگە ئوخشاش باشقا سەۋەبلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ ئەھۋال بەزى جامائەتلەرگە ئېغىر كېلىپ، مەسجىدكە چىقمايدۇ. بىر مەسجىد جامائىتىدىن ئەھۋال ئىگىلىسەم، 50 – 60 پىرسەنتتىن كۆپ جامائەت ئۈچ – تۆت پارىدىن ئوقۇلغان تەراۋىھنى ئېغىر كۆرىدىكەن ۋە ئادەتتىكىدەك ئوقۇلۇشىنى خالايدىكەن. 2. سوھۇرلۇققا ئويغىنالمىغان كىشى شۇ كۈنى روزا تۇتامدۇ ياكى تۇتمامدۇ؟ 3. قۇرئاننى تەراۋىھتا تۈگىتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ 4. تەراۋىھتا تۈگىتىدىغانغا ئىمكانىيەت بولماي، ناماز سىرتىدا بىر ئادەم ئوقۇسا، قالغانلار تىڭشاپ تۈگەتسىچۇ؟

جاۋاب: 1. تەراۋىھ نامىزى سۈننەت. چىدىيالايدىغانلار ئوقۇسا بولىدۇ. ئىماملارمۇ جامائەتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

2. سوھورلۇققا ئويغىنالمىغان كىشى روزا تۇتۇۋېرىدۇ. چۈنكى، سوھورلۇق يېيىش روزا تۇتۇش ئۈچۈن شەرت ئەمەس، بەلكى سۈننەت. 3. قۇرئاننى تەراۋىھتا خەتمە قىلىش مۇستەھەپ. چۈنكى، بۇ بىر خىل قۇرئان ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش بولۇپ، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام رامىزاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن شۇنداق قىلغان. سەلەف – سالىھلارمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى ياقتۇراتتى. 4. ناماز سىرتىدا ئوقۇپ ۋە ئاڭلاپ ئۆگىنىش سۈننەت. چۈنكى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام رامىزاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن شۇنداق قىلغان. قۇرئاننى پەقەت بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن ئۆگىنىش ۋاجىپ. توغرا ئوقۇشنىلا ئەمەس، مەنىسىنى ھەم ئۆزلەشتۈرۈش لازىم.

 

سوئال: قەدر كېچىسىنى قانداق بايقايدۇ؟ بايقىغاندا نېمە دەپ دۇئا قىلىدۇ؟

جاۋاب: قەدر كېچىسى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىسىدە بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ، بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ. پەقەتلا ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا كۈن بىر خىل تۇتۇق، ئاپتاپ يوق ھالەتتە بولىدۇ. بۇ كېچىلەردە « اللهُمَّ إِنَّكَ عَفُوٌّ تُحِبُّ الْعَفْوَ، فَاعْفُ عَنِّي»(ئى ئاللاھ، سەن ئەپۇ قىلغۇچىسەن، ئەپۇنى سۆيىسەن، شۇڭا، بىزنى ئەپۇ قىلىۋەتكەيسەن) دەپ دۇئا قىلىدۇ.

 

سوئال: ئادەتتە، ۋىتىرنى رامىزاندا ئۈنلۈك ئوقۇيمىز. ئەمدى سورىماقچى بولغىنىم رامىزاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ئايرىم ناماز ئوقۇغاندا ۋىتىرنى ئۈنلۈك ئوقۇساق بولامدۇ؟

جاۋاب: رامىزاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ئايرىم ناماز ئوقۇغاندا ۋىتىرنى ئۈنلۈك ئوقۇسا بولىدۇ. چۈنكى، كېچە نامازلىرىدا ئۈنلۈك ئوقۇش ئەۋزەل. ئايال كىشىمۇ يات ئەر ئاڭلىمايدىغان ئەھۋالدا كېچە نامازلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇسا بولىدۇ.

 

سوئال: ئوغۇل – قىزلىرىمىزنىڭ ناماز پەرز بولىدىغان ۋاقتىنى قانداق ھېسابلايمىز؟ ناماز پەرز بولغاندىن كېيىن رامىزان روزىسىمۇ پەرز بولامدۇ؟

جاۋاب: ناماز ۋە روزا بالاغەتكە يېتىش بىلەن پەرز بولىدۇ. نامازغا يەتتە ياشتا بۇيرۇپ ئۆگەتكەچ تۇرىمىز. بالاغەتكە يەتكەندە پەرز بولىدۇ. بالاغەتكە يېتىش قىزنىڭ ھەيز كۆرۈشى بىلەن، ئوغۇلنىڭ ئېھتىلام بولۇشى بىلەن مەلۇم بولىدۇ. ناماز پەرز بولغاندىن كېيىن رامىزان روزىسىمۇ پەرز بولىدۇ.

 

سوئال: بەزىلەر خىزمەت سەۋەبى تۈپەيلىدىن روزا تۇتمايدىكەن. مۇشۇنداق كىشىلەر رامىزاندىن كېيىن فىدىيە بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: روزا تۇتۇپ قوپۇپ، يەپ – ئىچىشكە زورلانغان، ھەقىقىي مەجبۇر بولغان ئەھۋالدا، ئەڭ ئاز مىقداردا يەپ – ئىچىپ روزىسىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. مەجبۇرلانغانلىقتىن روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

 

سوئال: ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن مەسجىد بولۇشى شەرت بولىدۇ. لېكىن، بىزنىڭ دىيارلاردا رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى مەسجىدتە ئولتۇرۇپ ئېتىكاپ قىلىش ئەمەس، ئادەتتە، بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشمۇ تەس(مەسجىدكە قۇلۇپ سېلىپ دېگەندەك)، شۇڭا، ئېتىكاپنى ئۆيدە قىلساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ئېتىكاپنى ئۆيدە قىلسا بولمايدۇ. ئىككى ناماز ئارىلىقىدا ياكى بىرەر سائەت ئېتىكاپنى نىيەت قىلىپ مەسجىدتە تۇرۇپ چىقسا بولىدۇ.

 

سوئال: بۈگۈن (دۈشەنبە) دىيارىمىز قەشقەردە تەراۋىھ ئوقۇدۇق، ئەتە (سەيشەنبە) ئاللاھ خالىسا روزا تۇتۇپ قوپماقچى بولدۇق. بىراق، بۇ تور بەتكە سىلى «سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر تەرەپتە چارشەنبە كۈنى روزا تۇتۇلىدۇ» دەپ يېزىپ قويۇپلا. بىز ئەمدى دىيارىمىزدىكىلەرگە ئەگىشەمدۇق ياكى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكىلەرگە ئەگىشەمدۇق؟ خاپا بولماي تېزدىن جاۋاب بېرىۋەتكەن بولسىلا بوپتىكەن. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

جاۋاب: دىيارىمىزدا ئاي كۆرۈش ئىشى بولمىغاندىكىن، سەيشەنبە روزا تۇتماي، سەئۇدى بىلەن مىسىرغا ئوخشاش چارشەنبە تۇتۇشى لازىم. سەيشەنبە تۇتقانلار ئېغىز ئېچىۋېتىدۇ. چۈنكى، شەك كۈنىدە روزا تۇتۇش كۆپچىلىكنىڭ قارىشىدا، مەكرۇھ ياكى ھارام.

 

سوئال: رامىزاندا كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇش ياخشى ئىش. لېكىن، بىز ئادەتتە، تەراۋىھدىن قايتىپ، كېچىسى يەنە ئىبادەت قىلساق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «پەرز ناماز بىلەن ئوقۇلىدىغان 12 رەكئەت نامازدىن باشقا 11 رەكئەتتىن ئارتۇق ناماز ئوقۇپ باقمىغان» دېگەن ھەدىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولامدۇق؟

جاۋاب: خىلاپ بولمايدۇ. ئەگەر سىزمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوقۇغاندەك قىيامنى، رۇكۇنى، سەجدىنى پەۋقۇلئاددە ئۇزۇن قىلىپ ئوقۇيالىسىڭىز سەككىز رەكئەتتىن ئارتۇق ئوقۇشقا ۋاقىت چىقمايدۇ. ئۇنداق ئۇزۇن ئوقۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولغاچقا، رەكئەت سانىنى كۆپەيتىپ ئوقۇشتىن باشقا چارە يوق. ساھابە – كىراملارمۇ 20 رەكئەت ئوقۇغان. سەلەفلەردىن بەزىلەر 36 رەكئەت ئوقۇغان.

 

سوئال: ھازىر دىيارىمىزدا خۇپتەن ۋە تەراۋىھ نامىزىنى 50 مىنۇتتىلا (ۋاقىت بەلگىلەپ بەرگەن چېغى) تامام قىلىدۇ. 29 رەكئەت نامازنى بۇنداق تېز ئوقۇسا ناماز دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: رۇكۇ – سەجدىنى تەئدىل – ئەركان بىلەن ئۆزىنى توختىتىپ ئوقۇغان بولسا دۇرۇس. ئۆزىنى توختاتماي، ئىت قوغلىغاندەك ئوقۇسا دۇرۇس بولمايدۇ.

 

سوئال: بۇ يىل روزا تۇتۇش ۋەتەن بىلەن مىسىردا بىردەك بولمىدى. 1. مىسىردىن بىر كۈن بۇرۇن تۇتقانلار بولدى. بۇلارنىڭ تۇتقان روزىسى جائىزمۇ ياكى ھاراممۇ ۋە ياكى نەپلىمۇ؟ 2. ۋەتەندە بىر كۈن بۇرۇن تۇتقانلار مىسىردىن بىر كۈن بۇرۇن ھېيت قىلامدۇ ياكى مىسىر بىلەن ئوخشاش ھېيت قىلامدۇ؟ 3. ئەگەر ۋەتەندە مىسىردىن بىر كۈن بۇرۇن ھېيت دەپ ئېلان قىلغان بولسا، شۇ كۈندە جامائەت بىلەن ھېيت نامىزى ئوقۇمدۇ ياكى روزىسىنى تۇتۇپ مىسىر بىلەن بىر كۈندە ھېيت قىلامدۇ؟ 4. ئەگەر ۋەتەندە مىسىر بىلەن بىر كۈندە ھېيت قىلىدىغانلار بولسا، ۋەتەندە بىر كۈن بۇرۇن ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولسا، شۇ كۈنى (ۋەتەندە ھېيت بولغان كۈنى) مىسىرغا ئەگىشىپ روزا تۇتقان بولسا، ۋەتەندىكىلەر ھېيت نامىزىنى قايسى كۈنى قانداق ئوقۇيدۇ؟

جاۋاب: بۇلارنىڭ بەزىسىگە بۇرۇنقى سوئاللارنىڭ جاۋابى يېتەرلىك، شۇنداقتىمۇ، يەنە جاۋاب بېرەي. 1. مەكرۇھ ياكى ھارام. خاتا ئۇقتۇرۇلغان بولسا گۇناھ بولمايدۇ. نەپلە روزا بولىدۇ. روزىدار ھالەتتە توغرىسىنى بىلسە بۇزۇۋېتىشى لازىم. 2. ھېيت قىلىشمۇ ئاي كۆرۈش بىلەن بېكىتىلىدۇ. كۈن ساناپ ئەمەس. ۋەتەندە ئايغا قارىمىغاندىكىن مىسىر ياكى ئەرەبىستان بىلەن ئوخشاش قىلىدۇ. 3. روزا تۇتىدۇ. چۈنكى، بۇ كۈن رامىزان. 4. مىسىردا ھېيت نامىزى ئوقۇغان كۈنى ئوقۇيدۇ. مەسجىد ئەپسىز بولسا ئۆيدە جامائەت بولۇپ ياكى يالغۇز ئوقۇۋالسىمۇ بولىدۇ.

 

سوئال: رەجەپ ئېيىنىڭ ئالدىدىكى ۋە ئوتتۇرىدىكى ئۈچ كۈنىدە روزا تۇتۇش توغرىمۇ؟

جاۋاب: ھەرقانداق ئاينىڭ ئوتتۇرىدىكى كۈنلەردە روزا تۇتۇش ياخشى. يەنە دۈشەنبە بىلەن پەيشەنبە تۇتسا ياخشى. رەجەپ ئېيىنىڭ بىرەر كۈنىدە روزا تۇتۇش ھەققىدە ئالاھىدە بىرەر كۆرسەتمە يوق. رەجەپ ئېيى ھارام قىلىنغان تۆت ئاينىڭ بىرى بولغاچقا، ئۇنىڭدا روزا تۇتۇش ياخشى.

 

سوئال: بۇرۇن تۇتالماي قالغان ياكى روزىسى بۇزۇلۇپ كەتكەن پەرز روزىنىڭ قانچە كۈن ئىكەنلىكى ئېسىمىزدە يوق ئەھۋالدا، بۇ پەرز روزىنىڭ قازاسىنى قانداق تولۇقلايمىز؟

جاۋاب: تەخمىنەن پەرەز قىلىپ، كۆڭۈل خاتىرجەم بولغۇچە روزا تۇتىمىز.

 

سوئال: بىر قېرىندىشىمىز تاتلىق كېسەل بولۇپ، بېقىنىدا داۋاملىق ئوكۇل ئېسىقلىق تۇرىدىكەن، روزىسىغا تەسىر يېتەمدۇ؟

جاۋاب: تاتلىق كېسەل دەپ ئاڭلاپ باقماپتىمەن. دىيابېت ياكى شېكەر سىيىش كېسىلى دەيمىز. ئومۇمەن، ئوكۇل روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، كېسەل بولغاندىكىن تۇتماي، فىدىيە بەرسە بولىدۇ.

 

سوئال: كىشىلەر سوھۇرلۇق يېيىش ۋاقتىنى ئەزانغا قاراپ توختىتىدىغان بولغاچقا، بەزى مەزىنلەر سوھۇرلۇق ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېرىش ئۈچۈن ئەزاننى كېچىكتۈرۈپ توۋلايدىكەن. بۇ ئىش توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ توۋلاشقا بولمايدۇ. لېكىن، ئەسلىدە تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇنراق توۋلايدىغان بىرىنچى ئەزاننى كېچىكتۈرسە بولىدۇ.

 

سوئال: مېنىڭ ئاكام تىجارەتچى ئىدى. كۈندە بىر قېتىم ئۈرۈمچىگە چىقىپ كېلىدۇ. سەپەر ۋە تىجارەت جەريانىدىكى يۈك كۆتۈرۈش، شوپۇرلۇق قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن روزىدا قىينىلىپ قالىدىكەن. «سەپەردىكىلەرگە رۇخسەت» دېگەن ھۆكۈمگە ئاساسەن، روزا تۇتماي دىسە، بۇ ئىشى كۈندە بار. ئۇلار: «ئۈچ شېرىك بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ تۇتماي ماڭساق بولارمۇ ياكى قانداق قىلساق ياخشى بولار؟» دەيدۇ.

جاۋاب: سەپەر ئۈستىدە بولغانلىقى ئۈچۈن روزا تۇتمىسا رۇخسەت. قىينىلىپ قالمايدىغان بولسا تۇتسىمۇ بولىدۇ. قىينالغان ئەھۋالدا تۇتماي، نۆۋەتلىشىپ دەم ئېلىپ تۇتۇپ، كېيىنچە، دەم ئالغان كۈنلەردە قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ.

 

سوئال: فىتىردا بەلگىلەنگەن تۈرلەرنىڭ قايسىسىنى ئاساس قىلىپ بېرىمىز؟

جاۋاب: قايسىسى بولسا بولۇۋېرىدۇ. مەسىلەن، ئۇن، گۈرۈچ ياكى نەق پۇل دېگەندەك.

 

سوئال: روزا تۇتالماي فىدىيە بېرىدىغانلار بىر مىسكىننىڭ بىر كۈنلۈكىگە نەچچىلىك پۇل بەرسە بولار؟

جاۋاب: تۇتالمىغان بىر كۈنگە قارىتا بېرىلىدىغان فىدىيە بىر مىسكىننى تويغۇزۇشتۇر. بەزىلەر ئىككى ۋاخ دەيدۇ. شۇڭا، 15 – 20 سوم ئەتراپىدا دېسەك مۇۋاپىق.

 

سوئال: رامىزاندا ئوكۇل سالسا بەزىلەر: «روزا سۇنىدۇ» دەيدۇ. يەنە بەزىلەر: «سۇنمايدۇ» دەيدۇ. شۇڭا، ئېغىر كۆرمەي بۇ ھەقتە تېما يوللاشلىرىنى سورايمەن.

جاۋاب: ئوكۇل مەسىلىسىدە قاراشلار سىز دېگەندەك ئوخشاش ئەمەس. كۈچلۈك قاراشتا، بارلىق ئوكۇللار ــ مۇسكۇلغا بولامدۇ ياكى تومۇرغا بولامدۇ، غىزا خاراكتېرىدىكى ئوكۇل بولامدۇ ياكى دورا خاراكتېرىدىكى ئوكۇل بولامدۇ ــ روزىنى بۇزمايدۇ. چۈنكى، بۇلار ئادەتتە، ئېغىز ئارقىلىق بەدەنگە كىرمەيدۇ. لېكىن، بەزى ئالىملار گىلۇكوزىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلىپ: «روزىنى سۇندۇرىدۇ» دەپ قارىغان. شۇڭا، مۇشۇ قاراشلاردىن بىرىنى تاللاپ ئىش تۇتۇۋەرسە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەل كىشىگە ئېغىز ئېچىش رۇخسىتى بار.

 

سوئال: ئۇنتۇپ قېلىش، ۋاقىتقا دىققەت قىلماسلىق ياكى يولدا بولۇپ قېلىش، شامدا ئىمامغا ئەگىشىشكە ئالدىراش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىپتارلىق ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، روزا ئېچىلىپ كېتەمدۇ ياكى قانداق قىلىمىز؟

جاۋاب: ئىپتار قىلالمىسا، ئىپتار قىلىشنى نىيەت قىلسا، بىر نەرسە يەپ – ئىچمىسىمۇ ئىپتار قىلغان بولىدۇ.

 

سوئال: زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئونىنچى كۈنى قۇربان ھېيت بولسا، زۇلقەئدە ئېيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلاپ، ئون كۈن قىلىپ تۇتامدۇق؟

جاۋاب: ئەراپات كۈنى بىلەن جەمئىي توققۇز كۈن روزا تۇتىمىز، ئون كۈن ئەمەس. ئونىنچى كۈنى ھېيت بولغاچقا، روزا تۇتمايمىز.

 

سوئال: تۈرمىدە ناماز، روزىلار قاتتىق چەكلىنىدۇ. نامازنى ئىشارەت بىلەن مەخپىي ئوقۇغىلى بولىدۇ، روزا تۇتۇش مۇمكىن ئەمەس. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن روزىنىڭ قازاسىنى قىلىمىزمۇ ياكى مەجبۇرلۇقى سەۋەبىدىن تولۇقلىمىساقمۇ بولامدۇ؟ مۇمكىن بولسا قايسى مۇجتەھىدنىڭ ھۆكمى ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز؟

جاۋاب: تۈرمىدە قىيىن بولغاچقا روزا تۇتماي، چىققاندا قازاسىنى تۇتىدۇ. بۇ ئىمام قەرداۋىنىڭ ئىجتىھادى.

 

سوئال: «جۈمە كۈنى ئايرىم نەپلە روزا تۇتسا بولمايدۇ» دەپ ئاڭلىدىم. بۇرۇن قېپقالغان روزامنىڭ قازاسىنى جۈمە كۈنى بولسىمۇ تۇتۇۋەرسەم بولامدۇ؟

جاۋاب: قازا روزىنى جۈمە كۈنى تۇتسا بولىدۇ.

 

سوئال: ئىپتار قىلىدىغان نەرسە تاپالمىغان ھالەتتە ناماز ۋاقتى كىرىپ قالسا، قانداق قىلىمىز؟

جاۋاب: ئېغىز ئېچىشنى نىيەت قىلساق بولدى.

 

سوئال: مەن ئىككى – ئۈچ يىل پەرز روزامنى تۇتمىغان. ئەمدى ئۇنى قانداق تولۇقلايمەن؟

جاۋاب: ئورنىغا روزا تۇتىسىز، بىر كۈنگە بىر كۈن.

 

سوئال: روزا تۇتقان كىشى روزىدارلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇپ، ئانانىزم قىلغان بولسا، روزا سۇنامدۇ؟

جاۋاب: ئۇنتۇغان ئەھۋالدا روزا سۇنمايدۇ. بۇ ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ – ئىچكەنگە ئوخشاش.

 

سوئال: «بىر يىل روزا تۇتسىمۇ، قازا قىلغان بىر كۈن روزىنى تولۇقلىغىلى بولمايدۇ» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟

جاۋاب: ئاجىز. ئىمام بۇخارى، ئىمام ئەھمەد قاتارلىقلار شۇنداق باھالىغان.

 

سوئال: نەپلە روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىپ ئۇخلاپ قالسا، ئويغانغاندا بىر نېمە يېمەستىن نىيەت قىلىۋەتسە بولامدۇ؟

جاۋاب: بولىدۇ.

 

سوئال: ئۆمۈر بويى ئىچىشىم لازىم بولغان دورىلارنى چوقۇم دوختۇر بەلگىلەپ بەرگەن سائەتتە ئىچىشىم كېرەك ئىكەن. سورىماقچى بولغىنىم، كۈندۈزى پەقەت دورىنىلا ئىچىش شەرتى بىلەن روزا تۇتسام بولامدۇ ياكى دورا ئىچكىنىم ئۈچۈن روزام ئىناۋەتسىز بولامدۇ؟

جاۋاب: دورا ئىچىش روزىنى سۇندۇرىدۇ. «سۇندۇرمايدۇ» دېگەن پەتىۋا ھېساب ئەمەس. شۇڭا، روزا تۇتماي فىدىيە بېرىش سىزگە ئەڭ مۇناسىپ ھەم ئەۋزىلىمۇ شۇ. چۈنكى، سىز بۇ ئەھۋالدا جاپادىن قورقۇپ ئەمەس، سالامەتلىكنى قوغداش ئۈچۈن دوختۇر كۆرسەتمىسى بويىچە ئېغىز ئاچماقچى. ئاللاھ شىپالىق بەرگەي!

 

سوئال: رامىزاندا دوختۇرخانىدا يېتىش زۆرۈرىيىتى بولۇپ قاپتۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا دوختۇر بۇيرۇغان دورا – ئوكۇللاردىن سىرت بىر نەرسە يېمەي – ئىچمەي، روزا تۇتسا ئىناۋەتلىك بولامدۇ؟

جاۋاب: دورا ئىچسە ئەلۋەتتە روزىنى سۇندۇرىدۇ، ئوكۇل سۇندۇرمايدۇ. توغرىسى، ساقىيىپ قوپقاندىن كېيىن تۇتۇۋالسۇن.

 

سوئال: رامىزان بۇلتۇر 29 كۈن بولۇپ قالدى. بۇ يىلمۇ يەنە 29 كۈن بولۇپ قالدى. رامىزان 29 كۈنمۇ كېلەمدۇ؟ ھالبۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق ھەدىسى بار ئىكەن: «ئىككى ھېيت ئېيى كەم كەلمەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ زۇلھەججە ۋە رامىزان ئېيى» دەپتۇ. (بۇخارى، رامىزاننىڭ 12 – بابى، 1912 – ھەدىس) بۇ ھەدىسنى قانداق چۈشىنىمىز؟

جاۋاب: رامىزان 29 كۈنمۇ كېلىدۇ. ئۇ ھەدىسنى سىز چۈشەنگەندەك چۈشىنىش بەكلا ئاجىز. ھەر خىل قاراشلار بولسىمۇ، لېكىن «كۈن سانى جەھەتتە بىر كۈن كەمدەك كەلگەن تەقدىردىمۇ، پەزىلەت ۋە ئەمەل جەھەتتە كەم بولمايدۇ» دېگەن مەنىدە چۈشىنىش مۇۋاپىق.

 

سوئال: روزا ھېيت نامىزىنى بىر قانچەيلەن ئۆيدە جامائەت بولۇپ ئوقۇغان ئىدۇق، ئاددىي قىلىپ خۇتبە ئوقۇدۇق. ئەتىسى مەسجىدكە چىقىپ قايتا ئوقۇمدۇق؟ مۇشۇنداق قىلساق نامىزىمىز ئادا بولامدۇ؟

جاۋاب: ئەسلىدە ھېيت نامىزىنى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى چاشگاھ ۋاقتىدا ئوقۇش لازىم. جامائەت بولۇپ ۋاقتىدا، مەيداندا ئوقۇش ۋۇجۇدقا چىقمىغان بولسا، ئۆيدە قازاسىنى قىلىپ ئوقۇغان بولدۇڭلار، ئوقۇغىنىڭلار ھېساب بولىدۇ. بۇ خۇددى ھېيت نامىزىغا ئۈلگۈرەلمىگەن كىشى ئۆيىدە قازاسىنى قىلىپ ئوقۇغىنىغا ئوخشاش.

 

سوئال: ناۋادا رامىزان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە خىزمەتچى قېرىنداشلىرىمىز سوھۇرلۇقتا ئويغىنالماي سوھۇرسىز قالغان بولسا، كۈندۈزى ئاچ قورساق خىزمەت قىلىشقا چامى يەتمىسە، شۇ كۈنى روزا تۇتماي كېيىن قازاسىنى قىلىۋالسا بولامدۇ؟ ھەممىگە مەلۇم، دېھقانلارنىڭ جاپا – مۇشەققىتى كۆپ، ئېتىز – ئېرىقنىڭ ئىشلىرى بولسا ئېغىر. شۇ سەۋەبتىن دېھقان قېرىنداشلىرىمىز رامىزان كۈنلىرىدە كۈچىنىڭ يېتىشىچە تۇتۇپ، بەزى كۈنلىرى تۇتالماي قالغانلىرىنىڭ قازاسىنى كېيىن قىلىۋالسا، ئاسانلىق ۋە ئەپۇچانلىق دىنى بولغان دىنىمىزدا بۇنىڭغا رۇخسەت بارمۇ؟

جاۋاب: ھەر ئىككى ئەھۋالدا چوقۇم روزا تۇتۇپ، كۈندۈزى پەقەتلا چىدىيالماي قالغاندا ئاندىن ئېغىز ئېچىۋېتىپ، باشقا كۈنى قازاسىنى قىلىۋالسا بولىدۇ.

 

سوئال: رامىزاندا ئۆمرە قىلغان كىشىگە ھەج قىلغاندەك ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە سەھىھ ھەدىس بارمۇ؟ بىر قېرىندىشىمىز ياش ۋاقتىدا رامىزاندا ئۆمرە قىلىپ، كېيىن شۇ تەرىقىدە ئون يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھەرقايسى جەھەتلەردىن ھەجگە بېرىش شارائىتى ھازىرلانغاندا تىجارەت ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ، بېرىپ بولالماي ئۇشتۇمتۇتلا ۋاپات بولۇپ كېتىپتۇ. شۇ قېرىندىشىمىزغا رامىزاندا قىلغان ئۆمرىسىگە ھەج قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلسە، پەرز ھەج گەدىنىدىن ساقىت بولامدۇ؟

جاۋاب: سەھىھ ھەدىس بار، ئەمما پەرز ھەج گەدىنىدىن ساقىت بولمايدۇ.

 

سوئال: رەجەپ ئېيى يېقىنلىشىپ قالدى. ئۇيغۇرلاردا رەجەپ ئېيىنى «قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنىڭ بىرى» دەپ ئالاھىدە بىلىدىغان ۋە بۇ ئايدا روزا تۇتىدىغان ئادەتلەر بار ئىكەن. بۇ ئاينىڭ پەزىلىتى ھەققىدە ۋە روزا تۇتۇش توغرىسىدا كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر بارمۇ؟ شۇلارنى بايان قىلىپ بەرگەن بولسىلا.

جاۋاب: يوق.

 

سوئال: رامىزان ئېيى يىلدىن يىلغا ئىسسىقتا كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك رامىزان روزىسىنى (مەخسۇس) باشقا ھاۋاسى سالقىن ساياھەت ئورۇنلىرىدا تۇتۇپ كەلسە بولامدۇ؟ مەسىلەن، تۇرپان ۋە باشقا يۇرتتىكىلەر غۇلجىغا بېرىپ… دېگەندەك. چۈنكى، ھەممىمىز بىلىمىز، ياز ۋاقتى غۇلجىنىڭ ھاۋاسى باشقا يەرگە قارىغاندا سالقىن بولىدۇ.

جاۋاب: بولىدۇ.

 

سوئال: مەن رامىزان روزىسىنى 10 – چېسلا (چارشەنبە)دىن باشلاپ تۇتقان. بۇ يەردە 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى (پەيشەنبە) ناماز ئوقۇلماقچى. 10 – چېسىلا روزا تۇتقانلار 8 – چېسلا ئوخشاش روزا تۇتۇپ، 9 – چېسلا ئېغىز ئاچامدۇ؟ ھېيت نامىزىنى قانداق ئوقۇيمىز؟

جاۋاب: سەئۇدى ئەرەبىستاندا قاچان ھېيت نامىزى ئوقۇسا، شۇ كۈنى ھېيت نامىزى ئوقۇيسىز. باشقىلار بىر كۈن بۇرۇن ئوقۇۋالسا ئۆيدە ئوقۇيسىز.

 

سوئال: رامىزاندا شەيتاننى باغلىۋېتىدىغان تۇرسا، نېمىشقا ئىنسان يەنە گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى قىلىۋېرىدۇ؟ ۋەسۋەسە قىلىدىغان شەيتان بولمىسا –  يا؟

جاۋاب: «شەيتاننىڭ ھەممىسى باغلىنىدۇ» دېگەن گەپ يوق. «يامانلىرى باغلىنىدۇ» دەپ بار. ئاندىن ئىنساندا ئىككى يولنى تاللاش ئىقتىدارى بار. گۇناھنى تاللاپ، شەيتانغا ئارتىپ قويسا بولمايدۇ. بۇ ئۆزىنىڭ تاللىشى ۋە ئۆز نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىشىدۇر.

 

سوئال: رامىزاندا ئېتىزنىڭ بىر كۈنلۈك ئىشىنى قىلىشقا ئىككى ئىشلەمچى ئىشلەتكەن ئىدۇق، ئۇلاردىن بىرى بەك ئۇسساپ كېتىپ، چىدىيالماي روزىسىنى بۇزۇپ قويدى. بۇ كىشىگە بىركۈنلۈك قازا كېلەمدۇ ياكى كەفارەتمۇ؟

جاۋاب: بىر كۈن قازاسىنى قىلىش كېلىدۇ.

 

سوئال: بىرەيلەن رامىزان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بېشى بەك ئاغرىپ كەتكەن بولسا، روزىسىنى بۇزۇپ، دورا ئىچسە قازا كېلەمدۇ ياكى كېسەل سەۋەبىدىن ئېچىۋەتكەچكە ھېچقىسى يوقمۇ؟

جاۋاب: كېسەل بولغاچقا، روزىنى داۋاملاشتۇرماسلىق ئىختىيارى بولىدۇ. قازا كەلمەيدۇ.

 

سوئال: ئۆزى «مەن مۇسۇلمان» دەيدۇ، ھېچقانداق ناماز ئوقۇمايدۇ، لېكىن رامىزان روزىسىنى تۇتىدۇ. بۇ كىشىنىڭ روزىسى قوبۇل بولامدۇ، بولمامدۇ؟ چۇشەندۈرۈپ قويسىلا بوپتىكەن، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

جاۋاب: پەرز روزىنى گەدىنىدىن ساقىت قىلىدۇ، ئىنشائاللاھ. «زەلزەلە» سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايىتى شۇنى كۆرسىتىدۇ. «ناماز ئوقۇمىغان كىشى كاپىر» دېگەن مەسىلىدە قاراش ئوخشىماسلىقى بار.

 

سوئال: سەدىقە فىتىرنى «بىر ۋاخ تاماق مىقدارىدا بېرىڭلار» دەيدۇ. 200 – 300 كوي دېگەندەك جىقراق بەرسەكمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: بولىدۇ. چۈنكى، بىر ۋاخ تاماقنىڭ قىممەتلىرىمۇ بولىدۇ. كۆپ بەرسە تېخى ياخشى. ئارتۇقى سەدىقە بولىدۇ.

 

سوئال: مەن زاكاتنى ھەر يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى بېرەتتىم، ئەمدى رامىزاندا بېرىشنىڭ ياخشىلىقىنى بىلدىم. ھازىر يەنە زاكات بەرسەم بولامدۇ؟

جاۋاب: يەتتە ئايلىق زاكاتنى ھېسابلاپ، رامىزاندا بېرىۋېتىپ، ئاندىن ھەر يىلى رامىزاندا بېرىشكە باشلىسىڭىز بولىدۇ. رامىزانغا يۆتكىلىش زۆرۈر.

 

سوئال: روزا تۇتالمىغان كىشى فىدىيەنى، چوقۇم رامىزان ئىچىدە بېرىش شەرتمۇ؟ فىدىيەنى، قانداق كىشىگە بېرىمىز؟ ۋەتەندە پۇلغا سۇندۇرۇپ بەرسەك نەچچە پۇل ئەتراپىدا بېرىمىز؟ فىدىيەدە چوقۇم مىسكىنگە تاماق يېگۈزۈش شەرتمۇ ياكى ئېغىر كېسەللەر داۋالىنىشتا جىددىي پۇلغا ئېھتىياجلىق بولسا، شۇلارغا بەرسىمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: شۇنداق. فىدىيەنى، چوقۇم رامىزان ئېيى ئىچىدە بېرىدۇ. رامىزاننىڭ بېشىدا ياكى ئاخىرىدا بىر ئايلىق فىدىيەنى، بىراقلا بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ. مىسكىنگە بېرىمىز. مىقدارى 15 سوم. داۋالىنىدىغان موھتاجلارغا بەرسىمۇ بولىدۇ.

 

سوئال: روزىدار كىشى يۈزىگە چاپلاق (يۈز تېرىلىرىگە سىڭىپ كىرىپ، يۈزنى ئاسراش، ئاقارتىش، سىلىقلاش رولى بار بىر خىل گىرىم بويۇمى) ئىشلەتسە ياكى ماي سۈرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: روزىغا تەسىر يەتمەيدۇ.

 

سوئال: باشقىلارنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنى تۇتۇشۇپ بەرسە بولامدۇ؟ بۇنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز.

جاۋاب: ھايات كىشى ئۈچۈن روزا تۇتۇپ قويۇش يوق. بۇنىڭدا ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.

 

سوئال: نەپلە روزا تۇتقاندا قورساق بەك ئېچىپ كەتسە، ھېچقانداق ئۆزرە يوق ئەھۋالدا شۇ نەپلە روزىنى بۇزۇۋېتىپ، باشقا كۈنى قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولامدۇ؟

جاۋاب: بولىدۇ. ئىختىيارى.

 

سوئال: شەۋۋال ئېيىدا تۇتىدىغان ئالتە كۈن روزىنى چوقۇم ئۇدا تۇتۇش كېرەكمۇ ياكى كۈن تاشلاپ تۇتساقمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: كۈن ئاتلاپ تۇتسىمۇ بولىدۇ.
————————-
1. «رد المحتار»، 2/395.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز