ساجىيە 5- ۋە 6- قېتىملىق مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن

 

ساجىيە تورى ئەزھەر ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى تالانت ئىگىلىرىنى بايقاش ھەمدە ئۇلارنى ئىسلام دەۋىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەييارلاش مەقسىتىدە ئۈچ يىلدىن بېرى مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۆتكەن يىلى 5-قېتىملىق تەرجىمە ماقالىلەر مۇسابىقىسى مىسىردىكى ۋەقەلەر تۈپەيلى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانماي قالغان ئىدى.

بۇ يىل يازلىق تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسابىقە پائالىيىتىمىزنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشنى مۇناسىپ كۆردۇق ۋە پائالىيىتىمىزنى كەلگەن يېرىدىن داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، بۇ يىللىق مۇسابىقە نۆۋىتىمىزنى قولدىن بەرمەسلىكنى ئىختىيار قىلدۇق. كەڭ ئىشتىراكچىلىرىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى 5- ۋە 6- نۆۋەتلىك بىرلەشمە مۇسابىقە پائالىيىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ ئىلمىي جەھەتتىكى تالانتىنى نامايان قىلىشلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

 

مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ شەرتى:

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ۋە ياكى باشقا مەدرىسە ۋە ئالىملاردا ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە قىلىۋاتقان بارلىق ئىلىمسۆيەرلەر.

 

مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان تەرجىمە ماقالىلەرنىڭ شەرتى:

1. ئىلگىرى ساجىيە ۋە ياكى باشقا توربەتلەردە، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنمىغان بولۇشى.

2. ھەجىمى 5 بەتتىن كەم، 25 بەتتىن ئۇزۇن بولماسلىق.

3. ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى، ئاپتورى ئېنىق ئەسكەرتىلىشى ۋە يوللانغاندا ئەسلى ماقالە ياكى ئۇلىنىشى بىللە يوللىنىشى.

4. ماقالە ئاپتورى ئىشەنچلىك، ئىلمىي ئۇنۋانى بارلاردىن ياكى مۆتىۋەر ئالىملاردىن بولۇشى.

5. ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىنىشى، ھاشىيە ئىزاھاتى، ئايەتلەرنىڭ سۈرە نامى ۋە نومۇرى، شۇنداقلا ھەدىسلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى ۋە سەھىھلىك دەرىجىسى ئەسكەرتىلىشى.

 

5- نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان تەرجىمە ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى:

بۇ قېتىمقى مۇسابىقە خرىستىئان مىسسىئونېرلىرىنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىمىزگە قىلىۋاتقان زەھەرلىك تەشۋىقاتى ۋە بۇ ھەقتە مىللىتىمىزگە توغرا چۈشەنچە بېرىشكە خاس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ھەر بىر ئوقۇغۇچى ۋە ئەھلى ئىلىم بىر كىشىلىك ھەسسە قېتىپ خرىستىئان تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مۇناسىپ دەپ قارالغان رىسالە ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى تۆۋەندىكى بىر قانچە يۆنىلىش بويىچە تاللاپ تەرجىمە قىلسا بولىدۇ:

1. خرىستىئانلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقىتى، نىشانى، خەتىرى ۋە ئۇسۇللىرى. ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرىمىز؟

2. تەۋرات-ئىنجىللارنىڭ بۇرمىلانغانلىقى.

3. خرىستىئانلارنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىلاھ قىلىۋېلىشى ۋە ئۇنى «ئاللاھنىڭ ئوغلى» دېگەن دەۋاسىغا رەددىيە.

4. خرىستىئانلارنىڭ قۇرئان ۋە ئىسلامغا قارىتا ئاساسلىق شۈبھىلىرىگە رەددىيە.

5. خرىستىئانلارغا تاشلىنىدىغان سوئاللار ۋە ئۇلار بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار.

(يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىنىڭ يازمىلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنۈشى ئۈمىد قىلىنىدۇ.)

ماقالىلار ئۈچۈن ئېلخەت ئادرېس : aazizrah@gmail.com

قوشۇمچە:

يۇقىرىقى يۆنىلىشلەردە ماقالە تاللاشتا ئالدى بىلەن ئىشەنچىلىك ئۆلىمالارنىڭ، بولۇپمۇ خرىستىئانلار مەسىلىسىدە مەخسۇس توختالغان شەيخ ئەھمەد دىداتقا ئوخشىغان دەۋەتچىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

شۇنىمۇ ئەسكەرتىش زۆرۈركى، خرىستىئان مەسىلىسىدە ئەرەبچە ماتېرىياللاردىن باشقا يەنە ئىنگىلىزچە ماتېرىياللارمۇ كۆپ. بولۇپمۇ شەيخ ئەھمەد دىداتقا ئوخشىغان ئالىملارنىڭ ئىنگىلىزچە ماقالە-كىتابچىلىرى توردا كەڭرى تېپىلىدۇ. ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىش قابىلىيىتى بار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ مۇسابىقىگە كۈچ چىقىرىشى تولىمۇ زۆرۈر دەپ قارايمەن.

ھازىرغىچە مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن تەرجىمە ماقالىلار:

1. خرىستىئانلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتلىرى. ئاپتورى: ئەيمەن ئەبۇ سالىھ. ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: يۇلغۇن.

2. دوكتور مۇھەممەد ئەممارىنىڭ ئىلمىي دوكلاتى. ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇخلىس.

3. مىسسىئونېرلارنىڭ ۋاسىتىلىرى. ئاپتورى: راشىد ئوسمان ئەززاھرانى. ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: نۇرۇددىن.

 

6- نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان تەرجىمە ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى:

6-نۆۋەتلىك مۇسابىقىمىزنىڭ باش تېمىسى مەيلى بۇرۇنقى زامانلاردىكى بولسۇن، مەيلى يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندىكى بولسۇن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللىتىمىزدىن ياكى ۋەتىنىمىزدىن چىققان ئالىم-ئۆلىما، مۇجاھىد ۋە تۆھپىكار زاتلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى مەزمۇن قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ھەر بىر ئوقۇغۇچى ۋە ئەھلى ئىلىملەر بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇپ مىللەت ئەۋلاتلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مۇناسىپ دەپ قارالغان رىسالە ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى تۆۋەندىكى بىر قانچە يۆنىلىش بويىچە تاللاپ تەرجىمە قىلسا بولىدۇ:

1. قەدىمكى زامانلاردىكى كاتتىلىرىمىز.

2. يېقىنقى زامان كاتتىلىرىمىز.

3. ھازىرقى زامان كاتتىلىرىمىز.

(يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان كاتتىلىرىمىزغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنۈشى ئۈمىد قىلىنىدۇ.)

ماقالىلار ئۈچۈن ئېلخەت ئادرېس : aazizrah@gmail.com

 

يۇقىرىقى يۆنىلىشلەردە ماقالە تاللاشتا ئالدى بىلەن ئىشەنچىلىك ئۆلىمالارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئالدىن ئورۇنغا قويۇش، يېزىش ۋە تەرجىمە قىلىشتا ئەرەبچە، تۈركچە، ئىنگىلىزچە ۋە ئوردۇچە تۈرلۈك تىللاردىكى يازمىلاردىن پايدىلىنىش قابىلىيىتى بار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ مۇسابىقىگە كۈچ چىقىرىشى تولىمۇ زۆرۈر دەپ قارايمەن.

 

ئەسكەرتمە:

1. ھەر بىر ماھىر بىرلا ۋاقىتتا ھەر ئىككى نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ماقالە يوللىيالايدۇ.

2. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ماقالىنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئىملا ۋە كوررېكتورلۇقى پۈتكەندىن كېيىن يوللاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

3. ئەۋەتىلگەن ھەر بىر ماقالىنىڭ قانچىنچى نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

4. پەقەت بىرلا ماقالە مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ. شۇڭا، بىردىن ئارتۇق ماقالە يوللىغان ماھىرلار ئەۋەتكەن ماقالىلىرى ئىچىدىن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرماقچى بولغان ماقالىسىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇشى لازىم.

5. مۇسابىقە ماقالىسىدىن سىرت ھەجمى بىر قەدەر ئۇزۇن تەتقىقات ماقالىسى ياكى رىسالە تەرجىمە قىلغانلار مۇسابىقە مۇكاپاتىدىن سىرت ئايرىم ھالدا «ساجىيە ئالاھىدە مۇكاپاتى» بىلەن تارتۇقلىنىدۇ.

 

ماقالىلەر باھالاش نەتىجىسىدە دەرىجىگە ئايرىپ چىقىلىدۇ ۋە دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلارنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنىدۇ.

دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلار ماددىي مۇكاپات بىلەن تەقدىرلىنىدۇ.

 

مۇكاپات سوممىسى:

 

بىرىنچى دەرىجىلىك ماھىرغا 250 دوللار.

ئىككىنچى دەرىجىلىك ماھىرغا 200 دوللار.

ئۈچىنچى دەرىجىلىك ماھىرغا 150 دوللار.

تۆتىنچى دەرىجىلىك ماھىرغا 100 دوللار.

 

مۇسابىقە مۇددىتى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلىنىپ 2018 -9-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئاخىرلىشىدۇ.

كەڭ ئىشتىراكچىلارنىڭ ۋاقىتنى جىددىي تۇتۇپ «ساجىيە مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى»گە پائال قاتنىشىشىنى، ساۋاب بىلەن ماددىي مۇكاپاتقا نائىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

ھۆرمەت بىلەن: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھىجرىيە 1439-يىلى رامزاننىڭ 17-كۈنى.

مىلادىيە 2018-يىلى 31-ماي

————————————————————————————

5- ۋە 6- قېتىملىق «ساجىيە مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى» نەتىجىسى

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن

 

يىللاردىن بىرى ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان «ساجىيە مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالىلەر مۇسابىقىسى»نىڭ 5- ۋە 6- قېتىملىقى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە غەلبىلىك ئاخىرلاشتى. مەلۇم بولغىنىدەك، ئالدىنقى يىلى مىسىردىكى پاراكەندىچىلىك ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن تۈرلۈك داۋالىغۇچىلار سەۋەبلىك 5-قېتىملىق مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىمىز تاماملىنالماي قالغانىدى، ئاللاھنىڭ تەۋپىقى بىلەن بۇ يىل ئۇنى تاماملاش ۋە ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىش نېسىپ بولدى. نەتىجىدە ئىككى قېتىملىق مۇسابىقە بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلدى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. بىز بۇ ئىككى قېتىملىق مۇسابىقە پائالىيىتى جەريانىدا، قولدىن بېرىپ قويغانلىرىمىزنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى، قولغا كەلتۈرگەنلىرىمىزدىن ھەر ۋاقىت ئايرىلىپ قېلىشىمىزنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن، ئۇلاردىن ئۆز ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈىشنىڭ مۇھىملىقىنى، پۇرسەتلەرنىڭ ۋاقىتلىق بىر نېمەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن بولدۇق.

بۇ پائالىيىتىمىزگە ئاكتىپچانلىق بىلەن قاتناشقان ماھىرلىرىمىزنىڭ ماقالە تاللاش ۋە تەرجىمە قىلىشتىكى ئەستايىدىللىقى، باشقا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېقىندىن دىققەت قىلىشى بىزنى سۆيۈندۈردى. مەيلى خرىستىيانلىققا رەددىيە بېرىش ھەققىدىكى تېمىلاردا بولسۇن، مەيلى تۆھپىكار زاتلارنى تونۇشتۇرۇش ھەققىدىكى تېمىلاردا بولسۇن، ئومۇمەن ماقالىلەرنىڭ تاللىنىشىدا سەرخىللىققا ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئىشىنىمىزكى، خرىستىيانلىققا دائىر تېمىلار بۇ ھەقتە ياخشى بىر پايدىلىنىش ماتىريالى بولغۇسى! خەلقىمىز ئىچىدىن چىققان تۆھپىكار زاتلارنىڭ تەرجىمىھاللىرىمۇ مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ بۈگۈنگە ئۇلىشىشىغا تۆھپە قوشقان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىلمىي ۋە ئەمەلىي ھاياتىغا بولغان قىزىقىشىمىزنى كۈچەيتكۈسى ۋە بىزگە ئۈمىد بېغىشلىغۇسى!

بىز بۇ نۆۋەتلىك ئىككى مۇسابىقىغا بولغان ئەستايىدىللىقىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ماھىرلارنىڭ ئادىل باھالىنىشىغا ھەر ۋاقىتتىكىدەك كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن باھالاش خىزمىتىنى ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ئىلمىي خىزمەت ساھەسىدە تىنماي مېھنەت قىلىپ كېلىۋاتقان مۆھتەرەم ئۇستازلاردىن بەش ئۇستازغا تاپشۇردۇق. ئالدىراشچىلىقلىرى ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ پائالىيىتىمىزنى قوللىغان ۋە ياردەمدە بولغان بۇ ئۇستازلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز.

 

5-قېتىملىق مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسىدە دەرىجىگە ئېرىشكەن ماقالىلەر:

 

بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ماقالە: خرىستىيانلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتلىرى، تەرجىمە قىلغۇچى: يۇلغۇن. مۇكاپات سوممىسى: 250 دوللار.

 

ئىككىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ماقالە: خرىستىيانلارنىڭ بەزى قۇرئان ئايەتلىرىنى مەسىھنىڭ ئىلاھلىقىغا دەلىل قىلىشى، تەرجىمە قىلغۇچى: قاراخانىي. مۇكاپات سوممىسى: 200 دوللار.

 

ئۈچىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ماقالە: بۇرمىلاش ۋە ئىلمىي قالاقلىق ئارىسىدىكى خرىستىيان دىنى، تەرجىمە قىلغۇچى: نۇرۇددىن. مۇكاپات سوممىسى: 150 دوللار.

 

تۆتىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ماقالە: مەكتەپلىرىمىزدىكى خرىستىيانلاشتۇرۇش ھەرىكىتى، تەرجىمە قىلغۇچى: ئەبۇ ئىبراھىم. مۇكاپات سوممىسى: 100دوللار.

 

 

6-قېتىملىق مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسىدە دەرىجىگە ئېرىشكەن ماقالىلەر:

 

بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ماقالە: شېھىت ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام، تەرجىمە قىلغۇچى: سەھرائىي (سەھرا ئوغلى). مۇكاپات سوممىسى: 250 دوللار.

 

ئىككىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ماقالە: ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان، تەرجىمە قىلغۇچى: يۇلتۇز. مۇكاپات سوممىسى: 200 دوللار.

 

ئۈچىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ماقالە: ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ھاجىم خوتەنى، تەرجىمە قىلغۇچى: بېشارەت. مۇكاپات سوممىسى: 150 دوللار.

 

تۆتىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن ماقالە: ئۈممەتنىڭ ئوتىدا كۆيگەن ۋە دىنى ئۈچۈن جان پىدا قىلغان مۇساباي ئوغۇللىرى، تەرجىمە قىلغۇچى: بىلىميار. مۇكاپات سوممىسى: 100دوللار.

 

يۇقىرىدا دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلارنىڭ مۇكاپاتلىرىنى ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورىنىڭ مەسئۇلى ۋە مۇسابىقە پائالىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھتىن تاپشۇرۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

ئاخىرىدا، ئۇشبۇ مۇسابىقە پائالىيىتىمىزگە قاتناشقان ماھىرلىرىمىزغا، ماقالىلەرنى باھالاپ چىققان ئۇستازلىرىمىزغا، يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن، قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن كاتتا ئەجىر، خاتىرجەملىك ۋە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز.

ھۆرمەت بىلەن: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى

ھىجرىيە 1440-يىلى مۇهەررەمنىڭ 22 -كۈنى

مىلادىيە 2018-يىلى 2 – ئۆكتەبىر

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ