ساجىيە 4- قېتىملىق مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى

 ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن

 

ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى ئەزھەر ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى تالانتلارنى بايقاش ھەمدە ئۇلاردا ئىسلام دەۋىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش رىغبىتىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۆتكەن يىلدىن بېرى مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يىل 3-قېتىملىق تەرجىمە ماقالىلەر مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى بۇ قېتىم يېڭى يىل ئوقۇش باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن 4-قېتىملىق تەرجىمە ماقالىلەر مۇسابىقىسىنى ئېلان قىلىدۇ.

تۆۋەندە بىز بۇ قېتىمقى مۇسابىقە پائالىيتىنىڭ ئومۇمى قېلىپى بىلەن تورداشلارنى خەۋەردار قىلماقچىمىز.

مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ شەرتى:

ئەزھەردە ئوقۇۋاتقان ۋە ياكى باشقا مەدرىسە ۋە ئالىملاردا ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە قىلىۋاتقان بولۇش.

 

بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان تەرجىمە ماقالىلەرنىڭ شەرتى:

 

1. ئىلگىرى ساجىيە ۋە ياكى باشقا توربەتلەردە، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنمىغان بولۇشى.

2. ھەجىمى 5 بەتتىن كەم، 15 بەتتىن ئۇزۇن بولماسلىق.

3. ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى، ئاپتورى ئېنىق ئەسكەرتىلىشى ۋە يوللانغاندا ئەسلى ماقالە ياكى ئۇلىنىشى بىللە يوللىنىشى.

4. ماقالە ئاپتورى ئىشەنچلىك، ئىلمىي ئۇنۋانى بارلاردىن ياكى مۆتىۋەر ئالىملاردىن بولۇشى.

5. ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىنىشى، ھاشىيە ئىزاھاتى، ئايەتلەرنىڭ سۈرە نامى ۋە نومۇرى، شۇنداقلا ھەدىسلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى ۋە سەھىھلىك دەرىجىسى ئەسكەرتىلىشى.

6. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان تەرجىمە ماقالىنىڭ مەزمۇنى:

 

ئەر ۋە ئاياللاردىن بولۇپ سەلەف سالىھلار، ئۆلىمالار، مۇجاھىدلار، دەۋەتچىلەر ، تۆھپىكار، پىداكار زاتلارنى تەشكىل قىلغان، ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر، زاھىدلار، پەيلاسوپلار، باھادىر-ئەزىمەتلەر… قاتارلىق كاتتىلىرىمىزنىڭ، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، ئىجادىيەت ۋە كەشپىياتلارنى سۇنۇش ئارقىلىق پەقەت ئىسلام ئۈممىتىگىلا ئەمەس، بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشقان تۆھپىكار ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرى، تەرجىمىھاللىرى ۋە ئۇلارنىڭ تارىخ بويى تۇتۇپ كەلگەن ئىمانىي مەيدانلىرى ۋە پوزىتسىيىلىرى، باتىل-سەپسەتىلەر بىلەن قىلغان ئىلمى ۋە ئەمەلى كۆرەشلىرى، ئىلغار قاراشلىرى ۋە ئۇنتۇلماس دۇردانىلىرى قاتارلىقلارنى چۆرىدەيدۇ. (يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئايال تۆھپىكارلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ.)

 

ماقالىلار ئۈچۈن ئېلخەت ئادرېسى : aazizrah@gmail.com

ياكى بولمىسا ئەقىدە مۇنبىرىدىكى مۇسابىقە ئېلان تېمىسىغا يوللىنىدۇ.

مۇنبەر ئادرېسى: www.eqide.net

ماقالىلەر ئەزھەردىكى ئۇستازلارنىڭ مەخسۇس باھالىشى نەتىجىسىدە دەرىجىگە ئايرىپ چىقىلىدۇ. دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلار ماددىي بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

مۇكاپات سوممىسى:

بىرىنچى دەرىجىلىك ماھىرغا مىسىر پۇلىدا 1500 جۇنەي.

ئىككىنچى دەرىجىلىك ماھىرغا مىسىر پۇلىدا 1000 جۇنەي.

ئۈچىنچى دەرىجىلىك ماھىرغا مىسىر پۇلىدا 700 جۇنەي نەق پۇل مۇكاپات بېرىلىدۇ.

 

مۇكاپاتلار دەرىجىگە ئېرىشكەن ماقالىلەرنى ئوقۇش ۋە مۇكاپاتلاش مەرىكىسىدە ماھىرلارغا تاپشۇرۇلىدۇ. قاتنىشالمىغانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

مۇسابىقە مۇددىتى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلىنىپ 2016 -3-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئاخىرلىشىدۇ.

يۇقىرىقى مەزمۇنلار بويىچە ماقالە تاللاشتا ئالدى بىلەن ئىشەنچىلىك ئىسلام تارىخشۇناسلىرى، مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ مەشھۇرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان مەخسۇس ئەسەرلىرىنى ئالدىن ئورۇنغا قويۇشى، ئىمكان بولمىغاندا تۆۋەندىكى سەھىپىلەردىن مۇناسىپ تەرجىمىھاللارنى تاللاپ تەرجىمە قىلىشى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ:

http://islamstory.com/muslim-figures

 

كەڭ ئىشتىراكچىلارنىڭ ۋاقىتنى جىددىي تۇتۇپ «ساجىيە مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى»گە پائال قاتنىشىشىنى، ساۋاب بىلەن ماددىي مۇكاپاتقا نائىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

ھۆرمەت بىلەن: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

 ھىجرىيە 1437-يىلى مۇھەررەمنىڭ 23-كۈنى.

مىلادىيە 2015- 11-6-كۈنى.

——————————————————————————————

«ساجىيە 4-قېتىملىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى»نىڭ نەتىجىسى

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن

 

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار!

ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى ئەزھەر ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى تالانت ئىگىلىرىنى بايقاش ھەمدە ئۇلاردا ئىسلام دەۋىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش رىغبىتىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزگەن «4-قېتىملىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى» پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئىلگىرىكى مۇسابىقىلەرگە قارىغاندا قاتناشتۇرۇلغان ماقالىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ مۇسابىقە شەرتلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى، بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە تونۇشتۇرۇلغان كاتتىلىرىمىز ۋە ئۇلۇغلىرىمىزنى تاللاشتا مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ خېلىلا مۇۋەپپەق بولغانلىقى ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇشبۇ ئىلمى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان بارلىق ماھىرلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن تەشەككۈر بىلدۈرىمىز. ئاللاھ تىرىشچانلىقىڭلارنى سالىھ ئەمەللەر قاتارى ئۆز دەرگاھىدا مەقبۇل قىلغاي!

بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ماقالىلىرى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىلغاندىن كېيىن مۇسابىقە پائالىيىتىدە شەرت قىلىنغان ئەرەبچە مەزمۇننى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئۇيغۇن شەكىلدە راۋان ئىپادىلەش، ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىش، شۇنداقلا ھاشىيە-ئىزاھاتلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش… قاتارلىق بىر قاتار شەرت ۋە ئۆلچەملەرنى نەزەرگە ئالغان ھالدا پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان ماقالىلەر تۆۋەندىكىچە باھالاپ چىقىلدى:

1-دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىر تۆت. ئۇلار:

ئوغۇزخان، (تەقۋادار، قەيسەر، رەببانى ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەنۋەر جۇندىي)

خەلىل، (ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرى)

پىداكار، (قۇرئان كەرىمگە بېغىشلانغان ھايات)

ئەفراھ. (20 ـ ئەسىردىكى نۇسەيبە … زەينەپ غەززالى)

2-دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىر بەش. ئۇلار:

ئەپەندى، (ئەمىر مۇجاھىت ئابدۇلقادىر جەزائىرى)

ئەبۇ زەكەرىيا، (ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەرتۇغرۇل ئوغلى ئوسمان )

خۇشپېئىل، (مۇسۇلمانلار دۆلىتىنىڭ پىكرى قۇرغۇچىسى مۇھەممەد ئىقبال)

مۇرشىد، (توغرا يولدا ماڭغان خەلىپىلەرنىڭ داۋامى ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىر)

ئەبۇ سالمان.( ھەربىي ئىستېدات ئىگىسى خالىد ئىبن ۋەلىيد)

3-دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىر يەتتە. ئۇلار:

شەبنەم، (ساھىل قىزى – ئائىشە ئابدۇراھمان)

ئەبۇ ئابدۇللاھ، (مەھمۇد بىن سېبۇكتېكىن)

ئىليارۇق، (تولۇنىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەھمەد ئىبنى تولۇن)

يۇسرا، (ئېنسىكلوپېدىيىلىك بۈيۈك ئالىم ئەلى تەنتاۋى)

ئاقيول، (ئەمىر مۇھەممەد ئىبن ئابدۇلكەرىم خەتتابى)

ئەبۇ ئىبراھىم، (ئىسلام فەتھىسىنىڭ قەھرىمانى قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم) نۇرىددىن. (كۇۋەيتلىك فاتىھ ئابدۇراھمان سۇمەيت)

قالغان ماقالىلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك رىغبەتلەندۈرۈش دائىرىسىدە قىلىندى.

بۇ نۆۋەت مۇسابىقىگە ئىشتىراك قىلغان ماھىرلارنىڭ سانى ئالدىنقى مۇسابىقىلەرگە سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر كۆپ، شۇنداقلا يوللانغان ماقالىلەرنىڭ سالمىقىمۇ بىر قەدەر ۋەزنلىك بولغانلىقى ئۈچۈن دەرىجە تۇرغۇزۇش ۋە باھالاش ئىشىدا بىر قەدەر ئەستايىدىل ۋە تەمكىن بولۇشقا توغرا كەلدى. ماھىرلارنىڭ ئەمگىكىنى ئامال بار مۇكاپاتسىز قالدۇرماسلىق ئۈچۈن دەرىجىگە لايىق ماقالىلەرنى ئايرىش ۋە بېكىتىش جەھەتلەردە سان ياكى چەك قويۇلمىدى. شۇڭلاشقا، مۇكاپات قىممىتى مەسىلىسىدىمۇ بەزى تەڭشەشلەرنى ئىلىپ بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر تۆۋەندىكىچە تارتۇقلاندى:

1- دەرىجە مۇكاپاتى: ھەر بىر ماھىرغا 600 جۈنەي ۋە ماددى بۇيۇم.

2- دەرىجە مۇكاپاتى: ھەر بىر ماھىرغا 400 جۈنەي ۋە ماددى بۇيۇم.

3- دەرىجە مۇكاپاتى: ھەر بىر ماھىرغا 300 جۈنەي ۋە ماددى بۇيۇم.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا رىغبەتكە ئېرىشكەن ماھىرلار ھەممىسى بىردەك ماددى بۇيۇم بىلەن تەقدىرلىنىدۇ.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىللىق ئىمتىھان ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلى بۇ قېتىم مۇكاپات تارقىتىش مەرىكىسى ئۇرۇنلاشتۇرۇلمىدى. ماھىرلار مۇكاپاتلىرىنى 5- ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ تېلېفون ياكى ئېلخەت ئارقىلىق دوكتور ئابدۇلئەزىزدىن بىۋاسىتە تاپشۇرۇپ ئېلىۋېلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز.

ئېلخەت ئادرېسىمىز: aazizrah@gmail.com

ئاخىرىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق ماھىرلارغا جانابى ئاللاھدىن پايدىلىق ئىلىم ۋە ئىسلام خىزمىتىگە مۇۋەپپەق قىلىشىنى تىلەش بىلەن بىرگە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.

 

ھۆرمەت بىلەن:

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھىجرىيە 1437-يىلى رەجەپنىڭ 21-كۈنى.

مىلادىيە 29-4-2016

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ