ساجىيە 3- قېتىملىق مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن

 

ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى ئەزھەر ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى تالانتلارنى بايقاش ھەمدە ئۇلاردا ئىسلام دەۋىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش رىغبىتىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۆتكەن يىلدىن بېرى مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يىل 2-قېتىملىق تەرجىمە ماقالىلەر مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى بۇ قېتىم يازلىق تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن 3-قېتىملىق تەرجىمە ماقالىلەر مۇسابىقىسىنى ئېلان قىلىدۇ.

تۆۋەندە بىز بۇ قېتىمقى مۇسابىقە پائالىيتىنىڭ ئومۇمى قېلىپى بىلەن تورداشلارنى خەۋەردار قىلماقچىمىز مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ شەرتى:

ئەزھەردە ئوقۇۋاتقان ۋە ياكى باشقا مەدرىسە ۋە ئالىملاردا ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە ياكى قىلىۋاتقان بولۇش.

 

مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان تەرجىمە ماقالىنىڭ شەرتى:

 

1. ئىلگىرى ساجىيە ۋە ياكى باشقا ئورۇندا ئېلان قىلىنمىغان بولۇشى.

2. ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇشى.

3. ھەجىمى 3 بەتتىن كەم بولماسلىق، 7 بەتتىن ئۇزۇن بولماسلىق.

4. ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى، ئاپتورى ئېنىق ئەسكەرتىلىشى، ئەسلى ماقالە بىللە يوللىنىشى.

5. ماقالە ئاپتورى ئىشەنچلىك، ئىلمىي ئۇنۋانى بارلاردىن ياكى مۆتىۋەر ئالىملاردىن بولۇشى.

6. ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىنىشى، ھاشىيە ئىزاھاتى، ئايەتلەرنىڭ سۈرە نامى ۋە نومۇرى، شۇنداقلا ھەدىسلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى ۋە سەھىھلىك دەرىجىسى ئەسكەرتىلىشى.

7. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان تەرجىمە ماقالىنىڭ مەزمۇنى ئىمانى تەربىيەنى چۆرىدىگەن ئاساستا تۆۋەندىكى 5 تۈردە بولۇشى كېرەك:

بىرىنچى تۈر: ئاللاھنى تونۇش.(تالاش-تارتىشلارغا كىرمەستىن).

ئىككىنچى تۈر: قۇرئان ئايەتلىرىدىكى ئىمانى ئوزۇق بولىدىغان، ئىماننى كۈچەيتىشكە ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەشكە ئالاقىدار مەزمۇنلار.

ئۈچىنچى تۈر: روھىي تەربىيە ۋە ئىماننى كۈچەيتىدىغان سەۋەب-ئامىللار.

تۆتىنچى تۈر: سەلەپ سالىھلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدا ئەكس ئەتكەن ئىمانى روھ ۋە پەزىلەتلەر.

بەشىنچى تۈر: رېئال تۇرمۇشتىكى تەسىرلىك ئىش-ئىزلار، ھېكايە-قىسسىلەر.

 

تەرجىمە قىلماقچى بولغان ماقالە تەكرار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەقىدە مۇنبىرىدە مەخسۇس تېما يوللىنىپ ھەر بىر مۇسابىقىچى تەرجىمىگە تاللىغان ماقالىنى شۇ تېمىدا تىزىملاپ قويىدۇ.

http://www.eqide.net

 

ماقالىلار مۇشۇ ئېلخەتكە يوللىنىدۇ: aazizrah@gmail.com

 

ماقالىلەر ئەزھەردىكى ئۇستازلارنىڭ مەخسۇس باھالىشى نەتىجىسىدە دەرىجىگە ئايرىپ چىقىلىدۇ. دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلار ماددىي بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

 

مۇكاپات سوممىسى:

 

بىرىنچى دەرىجىلىك ماھىرغا مىسىر پۇلىدا 1200 جۇنەي.

ئىككىنچى دەرىجىلىك ماھىرغا مىسىر پۇلىدا 800 جۇنەي.

ئۈچىنچى دەرىجىلىك ماھىرغا مىسىر پۇلىدا 600 جۇنەي.

 

(قوشۇمچە قىممەتلىك كىتابلار، نادىر ئەسەرلەرمۇ مۇكاپات قىلىپ بېرىلىدۇ.)

 

مۇكاپاتلار مۇسابىقە ماھىرلىرىنىڭ قولىغا مەخسۇس مۇكاپاتلاش سورۇنىدا تاپشۇرۇلىدۇ. قاتنىشالمىغانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

 

مۇسابىقە مۇددىتى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلىنىپ 2015 -9-ئاينىڭ 30-كۈنى رەسمىي ئاخىرلىشىدۇ.

 

تەرجىمىگە يۇقىرىقى تۈرلەر بويىچە ماقالە تاللاشتا تۆۋەندىكى سەھىپىلەردىن تاللىشى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ:

http://www.alukah.net/sharia/1060/

http://www.alukah.net/sharia/1044/

http://www.alukah.net/social/1056/

 

http://www.islameiat.com/Pages/Subjects/Category.aspx?id=55

http://www.kalemtayeb.com/index.php/kalem/safahat/section/49

http://www.kalemtayeb.com/index.php/kalem/safahat/section/106

 

ئۇندىن باشقا ھەر بىر مۇسابىقىچى ئۆزى پايدىلىق دەپ قارىغان مۆتىۋەر ئالىملىرىمىزنىڭ كىتاب ۋە يازمىلىرىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلسا بولىدۇ.

 

كەڭ ئىشتىراكچىلارنىڭ ۋاقىتنى جىددىي تۇتۇپ «ساجىيە مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى»گە پائال قاتنىشىشىنى، ساۋاب بىلەن ماددىي مۇكاپاتقا نائىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

ھىجرىيە 1436-يىلى شەۋۋالنىڭ 3-كۈنى.

مىلادىيە 2015- 7-19-كۈنى.

 

—————————————————————————————

«ساجىيە 3-قېتىملىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى»نىڭ نەتىجىسى

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار!

ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى ئەزھەر ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى تالانت ئىگىلىرىنى بايقاش ھەمدە ئۇلاردا ئىسلام دەۋىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش رىغبىتىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزگەن «3-قېتىملىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى» پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ.

ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە يېقىندىن ماسلاشقان، شۇنداقلا پائالىيەتنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش يۈزىسىدىن ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ تالانتى ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان قېرىنداشلارغا تەشەككۈر بىلدۈرىمىز.

بۇ نۆۋەتتكى مۇسابىقە ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىدىغان بولساق، ماقالىلەر رەڭدار ۋە مەنىۋى قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى تېمىلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، يوللانغان ماقالىلەرنى مۇسابىقە تەلىپىگە ئۇيغۇن دەپ قاراشقا بولىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ماقالىلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ماقالىلەر ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىلدى ھەمدە ماقالىلەرگە مۇسابىقە شەرتلىرى ئاساسىدا بىر قەدەر ئىنچىكىلىك ۋە تەلەپچانلىق بىلەن باھا بېرىلدى. باھالاش نەتىجىسىدە بىز بۇ قېتىملىق مۇسابىقە نەتىجىسىنى تۆۋەندىكى تەرتىپ ئاساسىدا ئېلان قىلىشنى لايىق كۆردۇق.

مۇسابىقىگە جەمئىي 30 پارچە ماقالە يوللانغان بولۇپ، بۇ نۆۋەت دەرىجىگە ئېرىشىشكە مۇناسىپ ماقالىلەر ئالدىنقى مۇسابىقىگە ئوخشاشلا بىر قەدەر سالماققا ئىگە. ئەۋەتىلگەن 30 پارچە ماقالە ئىچىدە مۇسابىقە تۈرلىرى ۋە ئۆلچەملىرى بويىچە تۆۋەندىكىچە ئايرىپ چىقىلدى:

1-دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىر ئىككى. ئۇلار : 9-ماقالە ئىگىسى تۇرشاۋۇل ۋە 22-ماقالە ئىگىسى مۇستاپا.

2-دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىر ئىككى. ئۇلار: 1- ماقالە ئىگىسى باھار. 13- ماقالە ئىگىسى مۇسلىمە.

3-دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىر ئىككى. ئۇلار : 17-ماقالە ئىگىسى ئابرال. 14- ماقالە ئىگىسى بۇغراخان.

قالغان ماھىرلارنىڭ ھەممىسى بىردەك رىغبەتلەندۈرۈش دائىرسىدە قىلىندى.

ماھىرلارنىڭ مۇكاپاتلىرى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە تەييارلىنىپ «مۇسابىقە مۇكاپات بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ۋە ماھىرلارنى تەبرىكلەش مەرىكىسى»دە تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

ۋەتەندىن ياكى مىسىرنىڭ سىرتىدىن پائالىيەتكە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ تور ئالاقىسى ئارقىلىق دوكتور ئابدۇلئەزىز دىن مۇكاپات بويۇملىرىنى ئېلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

خۇلاسە:

ماقالىلەرنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ماقالىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ مۇسابىقە چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلىقى بىزنى ھەقىقەتەنمۇ سۆيۈندۈردى. باھالاش نەتىجىسىدە كۆپ قىسىم ماقالىلەرنىڭ ئەقىدە-ئىمان تېمىسىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇنىڭدىن كۆپ قىسىم قېرىنداشلارنىڭ ئىمان ۋە ئەقىدىگە بىر قەدەر دىققەت بەرگەنلىكىنى ھېس قىلدۇق ۋە مەمنۇن بولدۇق. ئومۇمى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىز يەنىلا پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان دوستلاردا كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدلىك كىشىلەر بولالايدىغانلىقىدا قارىتا ئىشەنچىمىز بىر قەدەر ئالغا سىلجىدى، دېيىشىمىز مۇمكىن.

بىز مۇسابىقە ھەققىدە ئومۇمى خۇلاسە قىلغان ئىكەنمىز ئىجابى ھېس قىلغانلىرىمىزنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ بىر قاتار مۇسابىقە جەريانىدىن ھېس قىلغان بىر قىسىم سەلبى نۇقتىلارنىمۇ تىلغا ئېلىشنى زۆرۈر دەپ قارايمىز.

مۇسابىقە پائالىيىتى بۇ بىر قانچە باسقۇچ جەريانىدا بىر قەدەر قىزغىن ۋە جانلىق ئېلىپ بېرىلدى. بىز ھەر نۆۋەت مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغىنىمىزدا ئىشتىراكچىلارنىڭ ئۆزىنى قىزغىن نامايان قىلىشىنى ئارزۇ قىلغان بولۇپ، ھەر قېتىمدا ئىشتىراكچىلارنىڭ كۆپىيىپ مېڭىشى بىزنى خۇرسەن قىلىپ كەلدى. شۇنداقتىمۇ بۇ جەرياندا مۇنداق ئىككى نۇقتىدا قېرىنداشلىرىمىزدىن بولۇپمۇ مىسىردا ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلاردىن بىز كۈتكەندەك ئىپادە كۆرۈلمەسلىكى بىزنى بىراز ئەپسۇسلاندۇرۇپ قويمىدىمۇ ئەمەس. بۇ نۇقتىلاردىن بىرى ئىشتىراكچىلاردا سادىر بولغان بولسا، يەنە بىرى ئومۇم ئوقۇغۇچىلار ساقلىنىپ كېلىنگەن. بۇ نۇقتىلار:

 

1-ماقالە تاللىغاندا ماۋزۇغىلا كۆڭۈل قويۇپ ئەمما مەزمۇنىنىڭ ئىسلام ۋەسەتىيلىك مەنھەجىگە ئۇيغۇنمۇ ياكى ياقمۇ، سۈپەت جەھەتتىن تەرجىماننىڭ ئىلمى قۇۋۋىتىنى سىنىيالايدىغان دەرىجىدە قۇۋۋەتلىكمۇ ئەمەسمۇ، دېگەنلەرگە سەل قاراش.

بۇ نۇقتىدا قېرىنداشلارنىڭ يەنىمۇ ئۆزىگە تەلەپ قويغان، ئىلمى قۇۋۋىتى يۇقىرى ئەسەرلەرنى تاللاش، ئۇنۋانى جەلبكار ئەمما مەزمۇنى جەلبكارلىقىنى يوقاتقان ۋەياكى تەسىرچانلىقى تۆۋەن ماقالىلەرنى تاللاشقا دۈچ كەلگەندە مەسىلىگە بىر قەدەر ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

2-مىسىردا ئوقۇۋاتقان زۆر كۆپچىلىك ئوقۇغۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا مۇسابىقىگە ئىشتراك قىلغۇچىلارنىڭ نىسبەتەن تۆۋەن بولىشى.

مانا بۇ نۇقتا بىر قانچە مۇسابىقە پائالىيىتى جەريانىدىن نۆۋەتتە كۆزگە چېلىقىۋاتقان نۇقتا بولۇپ، مۇشۇنداق بىر ئىلمى پائالىيەتتىن بىخەۋەر قىلىش ۋەياكى قاتنىشالماسلىققا سەۋەب بولغىدەك يوللۇق بىرەر ئۈزرە يوق ئەھۋالدا بۇخىلدىكى ئىلمى پائالىيەتلەرگە قاتناشقۇچىلار سانى ۋە ماقالە سانىنىڭ ئەقەللى تەقدىردە يۈزگە يەتمەسلىكى نۆۋەتتىكى ئىشتىراكچىلار نىسبىتىنىڭ كۈنىمىز ۋە ئەتراپىمىزدا ئوقۇش غېمى بىلەن يۈرۈۋاتقان شۇنچىۋالا قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا تولىمۇ ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. بۇنىڭدا خېلى كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا سالاھىيىتى بار تۇرۇپ ئېغىرلىق قىلىۋاتقانلىقى، بىپەرۋا قاراۋاتقانلىقى بىر تەرەپتىن بۇ ئوقۇغۇچىلاردا، بولۇپمۇ ئۆزىدە مۇئەييەن ئىلمى ئاساس تىكلىگەنلەرنىڭ كۆپىدە ئىلمى ئىش-پائالىيەتلەرگە پاسسىپلارچە مۇئامىلە قىلىش كېسىلىنىڭ خېلىلا يىلتىز تارتىپ قېلىۋاتقانلىق سېگنالىنى بەردى. تەبىيكى بۇخىل پاسسىپلىق ئۇلارنىڭ ئوقۇش ۋە بىلىم ئىگىلەش يۆنىلىشى، يېتىلدۈرگەن مىجەز-تەبىئىتى، دەرس مېتودى، دەرس مەنھەجى قاتارلىقلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇخىل پاسسىپلىقنى ئۆزىدە ئىزچىللىققا ئىگە قىلىپ قويۇشىدىن ساقلىنىشىنى، ئۆزىنىڭ ئىلمى قۇۋۋىتىنى سىناش پۇرسىتى كەلگىنىدە بۇنى بىر پۇرسەت بىلىپ سەل قارىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاخىرىدا دەرىجىگە ئېرىشكەن ۋە رىغبەتلەندۈرۈلگەن بارلىق قېرىنداشلارغا جانابى ئاللاھتىن پايدىلىق ئىلىم ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز ۋە ئۇلارنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

 دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

20015-10-23

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ