Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ساجىيە 2- قېتىملىق مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن

 

«ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» ئەزھەر ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى تالانتلارنى بايقاش ھەمدە ئۇلاردا ئىسلام دەۋىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش رىغبىتىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە

ئۆتكەن يىلى 1-قېتىملىق مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى بۇ يىل قىشلىق تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن 2-قېتىملىق تەرجىمە ماقالىلەر مۇسابىقىسىنى ئېلان قىلىدۇ.

 

مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ شەرتى:

 

ئەزھەردە ئوقۇۋاتقان ۋە ياكى باشقا مەدرىسە ۋە ئالىملاردا ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە ياكى قىلىۋاتقان بولۇش.

 

مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان تەرجىمە ماقالىنىڭ شەرتى:

 

1.       ئىلگىرى ساجىيە ۋە ياكى باشقا ئورۇندا ئېلان قىلىنمىغان بولۇشى.

 

2.       ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇشى.

 

3.       ھەجىمى 3 بەتتىن كەم بولماسلىق، 7 بەتتىن ئۇزۇن بولماسلىق.

 

4.       ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى، ئاپتورى ئېنىق ئەسكەرتىلىشى، ئەسلى ماقالە بىللە يوللىنىشى.

 

5.       ماقالە ئاپتورى ئىشەنچلىك، ئىلمىي ئۇنۋانى بارلاردىن ياكى مۆتىۋەر ئالىملاردىن بولۇشى.

 

6.       ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىنىشى، ھاشىيە ئىزاھاتى، ئايەتلەرنىڭ سۈرە نامى ۋە نومۇرى، شۇنداقلا ھەدىسلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى ۋە سەھىھلىك دەرىجىسى ئەسكەرتىلىشى.

 

7.       مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان تەرجىمە ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكى 4 تۈردە بولۇشى كېرەك:

 

بىرىنچى تۈر: پەيغەمبىرىمىز ۋە ئۈلگىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى، ئىش-ئىزلىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى.

ئەگەر تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىڭىز بولسا قەلىمىڭىزنى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەخلاقىنى، دىن يەتكۈزۈشتىكى پىداكارلىقىنى ۋە تەرجىمىھالىنى تونۇشتۇرۇشقا، بۇ ئارقىلىق ئۇنى قوغداشقا ھەسسە قېتىشقا ئىشلىتىپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىسىگە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا پائال قاتنىشىڭ:

1. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللارغا قىلغان مۇئامىلىسى.

2. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىچىك بالىلارغا قىلغان مۇئامىلىسى.

3. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كاپىرلارغا قىلغان مۇئامىلىسى.

4. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھايۋانلارغا قىلغان رەھىم-شەپقىتى.

5. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خۇلۇم-خوشنىلارغا قىلغان مۇئامىلىسى.

6. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مەدھىيىلىگەن قەسىدىلەر تەرجىمىسى.

 

 

ئىككىنچى تۈر: ئىمانىي ئوزۇق، مەنىۋىيەت ۋە روھىيەت تەربىيىسى، نەپسنى پاكلاش ۋە تەربىيەلەش.

 

ئۈچىنچى تۈر: ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ تۈرلۈك ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، ئىختىرالىرى ۋە تۆھپىلىرى.

 

تۆتىنچى تۈر: تارىخىي، شۇنداقلا رېئال تۇرمۇشتىكى تەسىرلىك ئىش-ئىزلار، ھېكايە-قىسسىلەر.

 

ماقالىلارنى يوللاش ۋە باھالاش:

 

ماقالىلار مۇشۇ ئېلخەتكە يوللىنىدۇ. aazizrah@gmail.com

 

ماقالىلەر ئەزھەردىكى ئۇستازلارنىڭ مەخسۇس باھالىشى نەتىجىسىدە دەرىجىگە ئايرىپ چىقىلىدۇ. دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلار ماددىي بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

 

مۇكاپات سوممىسى:

 

بىرىنچى دەرىجىلىك ماھىرغا مىسىر پۇلىدا 1000 جۇنەي.

 

ئىككىنچى دەرىجىلىك ماھىرغا مىسىر پۇلىدا 700 جۇنەي.

 

ئۈچىنچى دەرىجىلىك ماھىرغا مىسىر پۇلىدا 500 جۇنەي.

 

تۆتىنچى دەرىجىلىك ماھىرغا مىسىر پۇلىدا 300 جۇنەي مۇكاپات بېرىلىدۇ.

 

 

يەنە دەرىجىگە ئېرىشكەن ماقالىلەردىن 3 ماقالە ئەلا باھا ئۈچۈن تاللاپ چېقىلىپ، ھەربىر «ئەلا ماقالە» ئىگىسىگە مۇكاپات سوممىسىدىن ئايرىم مىسىر پۇلىدا 200 جۇنەي ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.

 

(قوشۇمچە قىممەتلىك كىتابلار، نادىر ئەسەرلەرمۇ مۇكاپات قىلىپ بېرىلىدۇ.)

 

مۇكاپاتلار مۇسابىقە ماھىرلىرىنىڭ قولىغا مەخسۇس مۇكاپاتلاش سورۇنىدا تاپشۇرۇلىدۇ. قاتنىشالمىغانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

 

مۇسابىقە مۇددىتى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلىنىپ 2015 -2-ئاينىڭ 31-كۈنى رەسمىي ئاخىرلىشىدۇ.

 

تەرجىمىگە يۇقىرىقى تۈرلەر بويىچە ماقالە تاللاشتا تۆۋەندىكى سەھىپىلەردىن تاللىشى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ:

 

http://www.dd-sunnah.net/forum/forumdisplay.php?f=31

http://mercyprophet.org/mul/ar/

http://rasoulallah.net/index.php/ar/home

http://articles.islamweb.net/media/index.php

http://islamstory.com/

http://ar.islamway.net/articles/categories

 

كەڭ ئىشتىراكچىلارنىڭ ۋاقىتنى جىددىي تۇتۇپ «ساجىيە مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى»گە پائال قاتنىشىشىنى، ساۋاب بىلەن ماددىي مۇكاپاتقا نائىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

ھىجرىيە 1436-يىلى رەبىيئۇلئەۋۋەلنىڭ 27-كۈنى.

مىلادىيە 2015-يىلى 18-يانۋار.

 

 

———————————————————————————-

«ساجىيە 2-قېتىملىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى»نىڭ نەتىجىسى

 

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن

 

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار!

 

ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى ئەزھەر ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى تالانتلارنى بايقاش ھەمدە ئۇلاردا ئىسلام دەۋىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش رىغبىتىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزگەن «2-قېتىملىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى» پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىدۇ.

ئالدى بىلەن خىزمەت ئالدىراشچىلىقى ۋە سەپەر تۈپەيلى مۇسابىقە نەتىجىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىرئاز كېچىكتى. بۇ سەۋەبتىن ماھىرلارغا ئۆزرە ئېيتىمىز.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى تۆۋەندىكى بويىچە ئېلان قىلماقچىمىز.

مۇسابىقىگە جەمئىي 30 دىن ئارتۇق ماقالە يوللانغان بولۇپ، 27 ماقالىدىن باشقىسى مۇسابىقىگە ماقالە يوللاشقا بېكىتىلگەن مۇددەتتىن كېچىككەن. 27 ماقالىدىن مۇسابىقە تۈرلىرى ۋە ئۆلچەملىرى ئاساسىدا مۇكاپاتلىق دەرىجىگە تاللانغانلىرى تۆۋەندىكىچە:

1-دەرىجە: 9-ماقالە. باھار.

2- دەرىجە: 12-ماقالە. نۇجەيم.

3-دەرىجە: 25-ماقالە. چەشمەزۇلال بىلەن 19-ماقالە. گۈلسۈم ئەرشىدىن.

4- دەرىجە: 16-ماقالە. ئابرال بىلەن 17-ماقالە. ئىسمائىل يۈسۈپ.

قالغانلىرى بولسا رىغبەتلەندۈرۈش دائىرسىدە بىر تەرەپ قىلىندى.

ماھىرلارنىڭ مۇكاپاتلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىل ئاخىرى ئىمتىھانلىرى تۈگىگەن ھامان مۇسابىقە مۇكاپات بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ۋە ماھىرلارنى تەبرىكلەش مەرىكىسىدە تارقىتىلىدۇ.

ۋەتەندىن ياكى مىسىرنىڭ سىرتىدىن پائالىيەتكە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ تور ئالاقىسى ئارقىلىق دوكتور ئابدۇلئەزىزدىن مۇكاپاتلىرىنى ئېلىۋېلىشىنى قارشى ئالىمىز.

خۇلاسە:

ماقالىلەرنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ماقالىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ مۇسابىقە چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى تونۇشتۇرۇش ھەققىدە ئىكەنلىكى ھەقىقەتەن بىزنى سۆيۈندۈردى.

بۇنىڭدىن پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان دوستلاردا ھەقىقەتەنمۇ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدلىك كىشىلەر بولالايدىغانلىقىدا ئىشەنچىمىز بارلىقىنى ئېيتماي تۇرالمايمىز.

ئاخىرىدا دەرىجىگە ئېرىشكەن ۋە رىغبەتلەندۈرۈلگەن بارلىق قېرىنداشلارغا جانابى ئاللاھتىن پايدىلىق ئىلىم ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز ۋە ئۇلار نى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز.

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2015-04-24

 

 

Please follow and like us:
Exit mobile version