Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئىسلام مەدەنىيىتى سەرخىللىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھاللىرى

ئىسلام مەدەنىيىتى سەرخىللىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھاللىرى

ئىسلام مەدەنىيىتى سەرخىللىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھاللىرى

بۇ سەھىپىدە ئىسلامىي ئەدەبىياتتا كۆپ ئۇچرايدىغان سەرخىللارنىڭ ۋە ئالاقىدار مۇھىم شەخسلەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھاللىرى «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەرجىمە ئەسەر ۋە ماقالىلىرىدە مەخسۇس تەييارلانغىنى بويىچە كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ئېلىپبە تەرتىبى بويىچە سۇنۇلدى. يېڭى تەرجىمىھاللار ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇپ، مەزمۇنلار تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. كىتاب ياكى ماقالىلەردە مەنبە كۆرسەتكەن ھالدا قوللىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. (2024. 6. 12 نەشرى. ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقتى: 2024. 6. 12)

 

1.            ئەبۇلقاسىم ئابباس ئىبنى فىرناس ئىبنى ۋىرداس ئەلئەندەلۇسىي (عباس بن فرناس بن ورداس التاكرني الأندلسي، ھ. 194 – 273 / م. 810 – 887) — ئەندەلۇس ئۇمەۋىي دۆلىتىدە ياشىغان ئەندەلۇس ھەكىمى، كەشپىياتچى ۋە تۇنجى بوشلۇقتا ئۇچقۇچى. كېلىپ چىقىشى شىمالى ئافرىقا بەربەرلەردىن بولغان ئاسترونوم، كىمياگەر، فىزىكىچى، شائىر ۋە ئىسلام ئالىمى. ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقتىن كېيىن بىر جىھاز كەشپ قىلىپ، ئۈستىگە رەخت يېپىپ قانات ئورنىغا چوڭ قوش قانات تاقاپ، بۇ جىھازنى قوزغىتىپ قۇشلاردەك ئۇچقانلىقى ۋە ئاسماندا مەلۇم مۇددەت تۇرغانلىقى، كېيىن يەرگە ئاستا قونغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇ، ئاكا – ئۇكا رايتلاردىن 1023 يىل بۇرۇن ئىدى.

2.            ئەبۇبەكرى ئابدۇرراززاق ئىبنى ھەممام ئىبنى ناﻓﯩﺌ ئەسسەنئانىي ئەلھىميەرىي (عَبْدُ الرَّزَّاقِ بنُ هَمَّامِ بنِ نَافِعٍ الحِمْيَرِيُّ، ھ. 126 – 211 / م. 744 – 827) — يەمەنلىك ئازادگەردە. مەشھۇر مۇھەددىس، تەفسىرشۇناس. «تەفسىرۇ ئابدۇرراززاق»نىڭ ۋە «مۇسەننەفۇ ئابدۇرراززاق» (11 توم) ناملىق ھەدىس ۋە سەلەف – سالىھلەرنىڭ سۆزلىرى توپلانغان چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنىڭ مۇئەللىفى.

3.            ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەلئەشئەس ئىبنى قەيس ئەلكىندىي (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ مُحَمَّدِ بنِ الأَشْعَثِ بنِ قَيْسٍ الكِنْدِيُّ) — ھەججاجنىڭ قول ئاستىدىكى ئۇمەۋىيلەرنىڭ ھەربىي قوماندانى. ئۇمەۋىيلەر دۆلىتىگە قارشى ئىسيان قوزغىغان. ھ. 85 / م. 704 – يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

4.            ئەبۇ مۇتەررەف ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلئۇمەۋىي ئەلقۇرەشىي ئەنناسىر لىدىينىللاھ (عبد الرحمن بن محمد بن عبد الله الأموي القرشي الناصر لدين الله، ھ. 277 – 350 / م. 891 – 961) — ئەندەلۇستىكى ئۇمەۋىيلەر دۆلىتىنىڭ 8 – خەلىفەسى III ئابدۇرراھمان.

5.            دوكتور ئابدۇرراھمان بەدەۋىي (عبد الرحمن بدوي، م. 1917 – 2002) — يىگىرمىنچى ئەسىردىكى داڭلىق ئەرەب پەيلاسوپلىرىنىڭ بىرى. يازغان، تەرجىمە قىلغان ۋە نەشرگە تەييارلىغان ئەسەرلىرى 150 پارچىدىن ئاشىدۇ. «غەززالىي ئەسەرلىرى» نامىدا ئەسەر يازغان.

6.            ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبد ئەلقارىي (عَبْد الرَّحْمَنِ بْنُ عَبْدٍ الْقَارِي، ھ. 2 – 80 / م. 624 – 700) — تابىئىنلەرنىڭ پېشۋالىرىدىن بولۇپ، پەزىلەتلىك فەقىھ، ئالىم. كىچىك ۋاقتىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگەن بولغاچقا، ساھابە دەپ قارىغانلارمۇ بولغان.

7.            ئەبۇ مۇسا ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەجلان ئەلبۇرجۇمىي ئەتتەھھان ئەلكۇفىي (عَبد الرَّحمَن بْنُ عَجْلاَنَ البُرجُمِيّ الطَّحّان الكُوفيّ، ھ. ؟ – 151 – 160 – يىللار ئارىسىدا) — كۇفەلىك تابىئىن. ئىبراھىم ئەننەخەئىيدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، رىۋايەتلىرى ئىشەنچلىك زات.

8.            ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف ئىبنى ئەبد ئەۋف ئەززۇھرىي ئەلقۇرەشىي (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ عَوْفِ بنِ عَبْدِ عَوْفٍ الزُّهْرِيُّ، ھ. بۇرۇن 43 – ھ. 32 / م. 580 – 653) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — تۇنجى مۇسۇلمان بولغان سەككىز كىشىنىڭ ۋە «ئەشەرەئى مۇبەششەرە (جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە)»نىڭ بىرى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنى خەلىفە تاللايدىغان ئالتە كىشىلىك «شۇرا ھەيئىتى»گە تاللىغان.

9.            ئەبۇ سەئىد ئابدۇرراھمان ئىبنى سەمۇرە ئىبنى ھەبىيب ئەلقۇرەشىي (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بْنُ سَمُرَةَ بْنِ حَبِيبٍ الْقُرَشِيُّ، ھ. ؟ – 50 / م. ؟ – 669) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «مۇئتە غازىتى»، «تەبۇك غازىتى»غا، كېيىن «ئىراق فەتىھلىرى»گە قاتناشقان ساھابە. كابۇلنى ۋە ئەتراپىدىكى باشقا دىيارلارنى فەتىھ قىلغان قوماندان. كېيىنچە تابىئىنلارغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىنى ئۆگەتكەن زات.

10.        ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇرراھمان ئىبنى ھارىس ئىبنى ھىشام ئەلمەخزۇمىي (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ الحَارِثِ بنِ هِشَامٍ الْمَخْزُومِيُّ، ھ. ؟ – 143 / م. ؟ – 761) — بەنى مەخزۇم قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىسىدا دۇنياغا كەلگەن كاتتا تابىئىن. نۇرغۇن ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىلافەت زامانىدا قۇرئاننى جەملەپ كىتاب ھالىتىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان زات.

11.        ئابدۇرراھمان ئىبنى زەيد ئىبنى ئەسلەم ئەلئۆمەرىي ئەلمەدەنىي (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ زَيْدِ بنِ أَسْلَمَ العُمَرِيُّ الْمَدَنِيُّ، ھ. ؟ – 182 / م. ؟ – 798) — «ئىبنى زەيد» دەپ تونۇلغان مەدىنەلىك فەقىھ، مۇفەسسىر، تىلشۇناس. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئازادگەردىسى. ھەدىس رىۋايىتىدە زەئىف دەپ قارىلىدۇ.

12.        ئابدۇرراھمان ئىبنى شىبل ئەلئەنسارىي (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بْنُ شِبْلٍ الْأَنْصَارِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ساھابە، ئەۋس قەبىلىسىدىن. ساھابىلەرنىڭ ئالىملىرىدىن بولۇپ، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدە شامدا ۋاپات بولغان.

13.        ئابدۇرراھمان ئىبنى يەزىد ئىبنى قەيس ئەننەخەئىي (عبد الرَّحْمَن بن يزِيد بن قَيْسِ) — ئۇ جاھىلىيەت دەۋرىدە يەمەندە تۇغۇلۇپ، ھ. 80 / م. 699 ياكى 700 – يىلى كۇفەدە ۋاپات بولغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدە مۇسۇلمان بولۇپ، پەيغەمبىرىمىز بىلەن كۆرۈشەلمىگەن تابىئىن، مۇھەددىس.

14.        ئەبۇ ئەھمەد تەقىييۇددىن ئابدۇلغەنىي ئىبنى ئابدۇلۋاھىد ئىبنى ئەلى ئەلمەقدىسىي (تَقِيُّ الدِّينِ عَبْدُ الغَنِيِّ بنُ عَبْدِ الوَاحِدِ بنِ عَلِيٍّ الْمَقْدِسِيُّ، ھ. 541 – 600 / م. 1147 – 1203) — قىرائەتشۇناس كاتتا ئالىم. ئىبادەتگۇي، زاھىد، شىجائەتلىك دەۋەتچى، فەقىھ، مۇھەددىس، «ئەلمىسباھ فى ئۇيۇنىل ئەھادىسىسسىھاھ»، «ئۇمدەتۇل ئەھكام»، «ئەلكەمالۇ فى ئەسمائىررىجال»، «تۇھفەتۇتتالىبىن فىلجىھاد ۋەلمۇجاھىدىن» ۋە باشقا قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفىدۇر.

15.         ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلئۆمەرىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ عَبْدُ اللّهِ بنُ عَبْدِ العَزِيْزِ بنِ عَبْدِ اللّهِ العُمَرِيُّ، ھ. 98 – 184 / م. 717 – 801) — ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ چەۋرىسى. مۇھەددىس ئالىم. ئىبادەتگۇي، زاھىد، تەقۋادار زات.

16.        ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئەلئاس ئەلقۇرەشىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ عَبْدُ اللَّهِ بْنُ عَمْرِو بْنِ الْعَاصِ الْقُرَشِيُّ، ھ. بۇرۇن 27 – ھ. 63 ياكى 65 / م. 595 – 683 ياكى 685) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — ئاتىسى ئەمر ئىبنى ئەلئاستىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولۇپ مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان ۋە غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىجازىتى بىلەن ھەدىسلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. ساھابەلەر ئىچىدە ئالىملىقى ۋە ئىبادەتگۇيلىقى بىلەن تونۇلغان، 700 گە يېقىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

17.        ئەبۇ خالىد ئابدۇللاھ ئىبنى رەباھ ئەلئەنسارىي ئەلبەسرىي (عَبْدُ اللَّهِ بْنُ رَبَاحٍ الْأنْصَارِيّ الْبَصْرِيّ، ھ. ؟ – 90 / م. ؟ – 709) — ئىمران ئىبنى ھۇساين، ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم قاتارلىق ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان تابىئىن.

18.        ئەبۇ مۇھەممەد / ئەبۇ ئەمر ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە ئىبنى سەئلەبە ئەلئەنسارىي ئەلخەزرەجىي (عَبْدُ اللهِ بنُ رَوَاحَةَ بنِ ثَعْلَبَةَ الأَنْصَارِيُّ، ھ. بۇرۇن ؟ – 8 / م. ؟ – 629) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «ئەقەبە بەيئەتى»گە قاتناشقان ئەنسارلارنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى. «بەدر غازىتى»غا، ھۇدەيبىييەدىكى «رىزۋان بەيئەتى»گە قاتناشقان ۋە «مۇئتە غازىتى»دا شەھىد بولغان ئۈچىنچى قوماندان. «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شائىرى» دەپ نام ئالغان زات.

19.        ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەيدە ئىبنى نەشىت ئەررەبەزىي ئەلقۇرەشىي (عَبْد اللَّه بنِ عُبَيْدَةَ بْنِ نَشِيطٍ الرَّبَذِيُّ القُرَشِيُّ، ھ. ؟ – 130 / م. ؟ – 748) — قۇرەيشلىك ئازادگەردە. خاۋارىجلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ھەدىس رىۋايىتىدە ئىشەنچلىك زات.

20.        ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇرەيقىت ئەللەيسىي ئەددىيلىي (عَبْدُ اللهِ بْنُ أُرَيْقِطٍ اللَّيْثِيُّ الدِّيلِيُّ) — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ مەككەدىن مەدىنەگە قىلغان ھىجرەت سەپىرىدىكى يول باشلىغۇچىسى. ئۇلارنى مەدىنەگە ھېچكىم بىلمەيدىغان دېڭىز ساھىل يولى بىلەن سالامەت ئاپارغان. ئىمام زەھەبىي ئۇنى ساھابە دېگەن، لېكىن كۆپچىلىك تارىخچىلار ئۇنى كېيىنمۇ مۇسۇلمان بولمىغان دەپ قارايدۇ.

21.        ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممى مەكتۇم (قەيس) ئىبنى زائىدە ئەلئامىرىي ئەلقۇرەشىي (عَبْدُ اللهِ بْنُ أُمِّ مَكْتُوْمٍ قَيْسِ بنِ زَائِدَةَ الْقُرَشِيُّ العَامِرِيُّ، ھ. ؟ – 15 / م. ؟ – 636) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن بىر نەۋرە ساھابە. ئۆز ئىچىدىن ئىسلامغا مايىل بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە مۇشرىكلىرىنى دەۋەت قىلىۋاتقان سورۇنغا كېلىپ ئىسلامدىن تەلىم ئالماقچى بولغان. كۆزى ئەما بولغانلىقىدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەشغۇلىيىتىدىن بىخەۋەر سوئال سوراۋەرگەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىئارام بولۇپ يۈزىنى پۈرۈشتۈرگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاللاھ تائالاغا ماقۇل كەلمەي «ئەبەسە» سۈرىسىنىڭ 1 -، 2 – ئايەتلىرى نازىل بولغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام خاتاسىنى تونۇپ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممى مەكتۇمغا ئىلتىپات قىلغان ۋە «ئى ئۆزى يۈزىدىن رەببىم ماڭا تەرگىگەن زات، مەرھابا!» دەپ خىتاب قىلغانلىقى مەشھۇردۇر. ئىسلامغا مۇشەررەپ بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا ھەزرىتى بىلال بىلەن بىللە نۆۋەتلىشىپ ئەزان توۋلايتتى. دەسلەپ مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم 13 قېتىم غازاتقا چىققاندا، مەدىنەدە ئورنىغا ئۇنى تەيىنلەپ قويغان. «قادىسىييە ئۇرۇشى»دە ئەما بولسىمۇ تۇغ كۆتۈرۈپ شەھىد بولغان زات.

22.        ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ئىبنى ۋازىھ ئەلھەنزەلىي ئەلمەرۋەزىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ عَبْدُ اللهِ بنُ المُبَارَكِ بنِ وَاضِحٍ الحَنْظَلِيُّ المَرْوَزِيّ، ھ. 118 – 181 / م. 736 – 797) — تەقۋادارلىقى ۋە زاھىدلىقى بىلەن تونۇلغان تەبەئى تابىئىن، كاتتا ئالىم، فەقىھ، ھەدىسشۇناس ۋە تىلشۇناس. ئانىسى خارەزملىك، ئاتىسى تۈرك ئىدى. بۈگۈنكى تۈركمەنىستاننىڭ مەرۋ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۆمرىنى ئىلىم تەھسىل قىلىش، تىجارەت ۋە جىھاد بىلەن ئۆتكۈزگەن غازىي زات. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام مالىك ۋە ئىمام لەيس ئىبنى سەئد قاتارلىق نۇرغۇن كاتتا ئالىملاردىن ئىلىم ئالغان ۋە «جىھاد» ۋە «ئەززۇھد ۋەررەقائىق (الزهد والرقائق)» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

23.        ئەبۇبەكرى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير ئىبنى ئەلئەۋۋام ئەلئەسەدىي (عَبْدُ اللهِ بنُ الزُّبَيْرِ بنِ العَوَّامِ الأَسَدِيُّ، ھ. 1 – 73 / م. 623 – 692) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — ئانىسى ئەبۇبەكرى سىددىقنىڭ قىزى ئەسما، ئاتىسى جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابەدىن زۇبەير ئىبنى ئەۋۋامدۇر. ئىبادەتگۇيلىقىدىن «مەسجىد كەپتىرى» دەپ نام ئالغان ساھابە. 10 يېشىدا ئاتىسى بىلەن يەرمۇك غازىتىغا قاتناشقان. مىسىر فەتھىدە زور تۆھپە كۆرسەتكەن قەھرىمان، مۇجاھىد زات. زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن قۇرئاننى جەملەشكە قاتناشقان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ھ. 64 – 73 / م. 683 – 692 ئارىلىقىدا ئۇمەۋىيلەرگە قارشى مەككەدە خەلىفە بولغان. مەككەدە ھەججاجنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەن.

24.        ئەبۇ يەھيا ئابدۇلھەمىد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى مەيمۇن ئەلھىممانىي (عَبْدُ الْحَمِيدِ بنُ عَبْدِ الرَّحْمَنِ بْنِ مَيْمُونٍ الْحِمَّانِيُّ ، ھ. 120 – 202 / م. 738 – 818) — تېگى خارەزملىك ئازادگەردە. تەخەللۇسى بەشمىن. مۇھەددىس. ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە، ئەئمەش، ھەسەن ئىبنى ئۇمارە قاتارلىقلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. يەھيا ئىبنى مەئىين، ئىبنى ھىببان قاتارلىقلار: «رىۋايەتتە ئىشەنچلىك» دېگەن، بەزى مۇھەددىسلەر: «زەئىف» دېگەن.

25.        ئەبۇبەكرى ئاسىم ئىبنى بەھدەلە ئەبۇننەجۇد ئەلئەسەدىي ئەلكۇفىي (عَاصِمُ بنُ بَهْدَلةَ أَبِي النَّجُوْدِ الأَسَدِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 127 / م. ؟ – 745) — كۇفەلىك ئازادگەردە. مەشھۇر «يەتتە قىرائەت ئالىمى» نىڭ بىرى. قىرائەت ئىلمىنى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتى زىررۇ ئىبنى ھۇبەيش، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتى ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئەسسۇلەمىيدىن ئۆگەنگەن پېشۋا قارىيلاردىندۇر. ئاسىم ئىبنى ئەبىننەجۇدتىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىرائىتىنى ھەفس ئىبنى سۇلايمان ئۆگەنگەن بولۇپ، ئۇشبۇ قىرائەت كۈنىمىزدە ئىسلام دىيارلىرىدا كەڭ ئومۇملاشقان.

26.        ئالبېرىت ئېينىشتېين (Albert Einstein، م. 1879 – 1955) — گېرمانىيەلىك نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى، كېلىپ چىقىشى يەھۇدىي. 1921 – يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

27.        ھەزرىتى ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئۇممۇ ئابدۇللاھ ھەزرىتى ئائىشە (أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ عَائِشَةُ بِنْتُ أَبِي بَكْرٍ الصِّدِّيقِ، ھ. بۇرۇن 6 – ھ. 58 / م. 615 – 678) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈچىنچى ئايالى. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناھايىتى ئۈستۈن بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى تەپسىلىي رىۋايەت قىلغان فەقىھە، نەسەبشۇناس، تىلشۇناس زات.

28.        ئەبباد ئىبنى ھەمزە ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير ئەلئەسەدىي (عَبَّادُ بْنُ حَمْزَةَ بنِ عَبْدِ اللهِ بنِ الزُّبَيْرِ الأَسَدِيُّ، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) — تابىئىن. ئاتىسىدىن، شۇنداقلا ئاتىسىنىڭ مومىسى، ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ قىزى ئەسما، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە، خەلىفە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ۋە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم قاتارلىق ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. رىۋايەتتە ئىشەنچلىك، كېلىشكەن، سېخىي زات.

29.        ئەبۇلقاسىم ئەبدە ئىبنى ئەبى لۇبابە ئەلئەسەدىي (عَبْدَةُ بنُ أَبِي لُبَابَةَ أَبُو القَاسِمِ الأَسَدِيُّ، ھ. ؟ – 127 / م. ؟ – 745) — تابىئىن. ساخاۋەتپەرۋەر تىجارەتچى. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ شاگىرتلىرىدىن، مۇھەددىس. ئىبنى ئۆمەر، سۇۋەيد ئىبنى غەفەلە، ئەبىي ۋائىل، ئەلقەمە قاتارلىق زاتلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

30.        ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى ھەبىب ئەسسۇلەمىي ئەلكۇفىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ السُّلَمِيُّ عَبْدُ اللهِ بنُ حَبِيْبٍ الكُوْفِيُّ، ھ. 11 دىن بۇرۇن – 74 / م. 632 دىن بۇرۇن – 694) — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھايات ۋاقتىدا تۇغۇلغان كاتتا تابىئىن. قىرائەتشۇناس ۋە مۇھەددىس. قىرائەتنى ھەزرىتى ئەلى ۋە باشقا ساھابەلەردىن ئۆگەنگەن. كۇفەدىكى چوڭ جامەدە قىرىق يىل ئىمام بولغان زات.

31.        شەيخ ئەبۇ ئابدۇرراھمان مۇھەممەد ئىبنى ئەلھۈسەين ئىبنى مۇھەممەد ئەسسۇلەمىي ئەننىشاپۇرىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ مُحَمَّدُ بنُ الحُسَيْنِ بنِ مُحَمَّدٍ السُّلَمِيُّ النَّيْسَابُوْرِيُّ، ھ. 325 – 412 / م. 937 – 1021) — ئەقىدە، ھەدىس، تەفسىر ئالىمى. زامانىنىڭ نىشاپۇر ئىمامى. تەسەۋۋۇف پېشۋالىرىدىن. «ھەقائىقۇتتەفسىر»، «سوپىلارنىڭ تەرجىمىھاللىرى» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

32.        ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى يەزىد ئەلھۇبۇلىي ئەلمەئافىرىي ئەلمىسرىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ عَبْدُ اللهِ بْنُ يَزِيدَ الْحُبُلِيُّ الْمَعَافِرِيُّ المِصْرِيُّ، ھ. ؟ – 100 / م. ؟ – 718) — تابىئىن. ھەدىسشۇناسلار نەزەرىدە ئىشەنچلىك راۋىي. ھۇبۇلىي جەمەتىگە تەۋە ئەنسارلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، مىسىردا ياشاپ كېيىن ئەندەلۇسقا بارغان ۋە شۇ يەردە ۋاپات بولغان.

33.        ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەلھەسەن ئىبنى بىشر ئەلقەتتان (أَحْمَد بْن عَلِيّ بْن الْحَسَن بْن بشر القطان، ھ. ؟ – 404 / م. ؟ – 1014) — باغداتلىق كاتتا ئالىم. «قۇرئان كەرىم» تىلاۋەت قىلىشقا ئالاھىدە ھېرىسمەن، ئىشەنچلىك زاتتۇر.

34.        ئەبۇ ئابدۇلمەلىك قاسىم ئىبنى ئوسمان ئەلئەبدىي ئەلجۇۋئىي (القَاسِمُ بنُ عُثْمَانَ العَبْدِيُّ الجُوْعِيُّ الدِّمَشْقِيُّ، ھ. ؟ – 248 / م. ؟ – 862) — دەمەشىقلىق مۇھەددىس، ئىبادەتگۇي شەيخ، زامانىدىكى تەسەۋۋۇف پېشۋالىرىدىن بىرى. سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە قاتارلىقلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئۇنىڭدىن ئەبۇ ھاتىم، ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد قاتارلىق مۇھەددىسلەر ھەدىس رىۋايەت قىلغان راستچىل زات.

35.        ئەبۇ ئەلى مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەلھۈسەين ئىبنى مۇقلە ئەششىيرازىي (أَبُو عَلِيٍّ مُحَمَّدُ بنُ عَلِيِّ بنِ حسين بن مُقْلَة، ھ. 272 – 328 / م. 886 – 940) — شائىر، ئەرەب يېزىقى ھۆسىنخەت سەنئەتىگە ئاساس سالغان خەتتاتلاردىن بىرى. ئابباسىيلار خەلىفەسى مۇقتەدىر بىللاھقا ۋەزىر بولغان.

36.        ئەبۇ ئەمر ئىبنى ئەلاﺋ ئىبنى ئەممار ئىبنى ئۇريان ئەتتەمىمىي ئەلمازىنىي ئەلبەسرىي (أَبُو عَمْرٍو بنُ العَلاَءِ بنِ عَمَّارِ بنِ العُرْيَانِ التَّمِيْمِيُّ ثُمَّ المَازِنِيُّ، البَصْرِيُّ، ھ. 70 – 154 / م. 689 – 771) — مەشھۇر يەتتە قارىينىڭ بىرى، تىلشۇناس، گرامماتىكىشۇناس، شائىر، ساھابە ۋە تابىئىنلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان مۇھەددىس.

37.        ئىمام ئەبۇ ئەمر ئوسمان ئىبنى سەئىد ئىبنى ئوسمان ئەلئەندەلۇسىي ئەلقۇرتۇبىي ئەددانىي (أَبُو عَمْرٍو عُثْمَانُ بنُ سَعِيْدِ بنِ عُثْمَانَ الأَنْدَلُسِيُّ القُرْطُبِيُّ الدَّانِي، ھ. 371 – 444 / م. 981 – 1053) — قۇرتۇبەلىك مەشھۇر قىرائەت ئالىمى. مۇھەددىس. قىرائەت ئىلمىغا ئائىت «جامىئۇل بايان»، «ئەلئىشارە» ۋە «ئەتتەيسىر» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان.

38.        ئەبۇ ئەييۇب ئەلئەنسارىي خالىد ئىبنى زەيد ئىبنى كۇلەيب (أَبُو أَيُّوْبَ الأَنْصَارِيُّ خَالِدُ بنُ زَيْدِ بنِ كُلَيْبٍ، ھ. ؟ – 52 / م. ؟ – 672) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئەنسارىي ساھابە. «ئەقەبە بەيئىتى»گە، «بەدر غازىتى»غا ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە، رەسۇلۇللاھنى تۇنجى بولۇپ ئۆيىدە كۈتۈۋېلىش شەرىپىگە نائىل بولغان، ئەڭ ئاخىرقى ھاياتىنى كونستانتىنوپول (بۈگۈنكى ئىستانبۇل) نى فەتىھ قىلىش يولىدا ئاخىرلاشتۇرغان بۈيۈك مۇجاھىد، رەسۇلۇللاھتىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان مۇھەددىس.

39.        ئەبۇ بەكرە نۇفەﯾﺌ ئىبنى ئەلھارىس (ياكى مەسرۇھ) ئەسسەقەفىي (أَبُو بكرَة نُفَيْعُ بنُ الحَارِثِ الثَّقَفِيُّ، ھ. بۇرۇن 10 – ھ. 51 / م. 611 – 671) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ساھابە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئازادگەردىسى (رەسۇلۇللاھ تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغان). «قىرىق بالىسى بولغان» دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن 132 ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

40.        ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەتتەمىمىي ئەلئەبھەرىي (أَبُو بَكْرٍ مُحَمَّدُ بنُ عَبْدِ اللهِ بنِ مُحَمَّدٍ التَّمِيْمِيُّ الأَبْهَرِيُّ، ھ. 289 – 375 / م. 902 – 986) — ئۆز زامانىسىدىكى ئىراقلىق مالىكىي فەقىھلەرنىڭ پېشۋاسى، قىرائەتشۇناس ۋە مۇھەددىس. قازىلىق مەنسىپىنى رەت قىلغان تەقۋادار زات. مالىكىي مەزھەب فىقھىدا «ئىجمائۇ ئەھلىل مەدىنە»، «ئەرراددۇ ئەلەل مۇزەنىي» ۋە «ئەلئۇسۇل» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

41.        ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھەسەن ئىبنى ۋەھب ئەلئەتۇفىي/ ئەلئەتەۋىي (أَبُو بَكْرٍ مُحَمَّدُ بنُ عَلِيِّ بنِ حَسَن بْنِ وَهْبٍ العَطُوفي / العَطَوِي، ھ. ؟ – 343 / م. ؟ – 955 – يىلىدىن كېيىن) — قىرائەتشۇناس، مۇھەددىس.

42.        ئەبۇبەكرى سىددىق ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى قۇھافە ئوسمان ئىبنى ئامىر ئەتتەيمىي ئەلقۇرەشىي (أبو بَكر الصّدِّيق عبد الله بن أبي قُحافة التَّيمي القُرَشيّ، ھ. بۇرۇن 50 – ھ. 13 / م. 573 – 634) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ساھابە، تۇنجى مۇسۇلمان بولغانلاردىن بىرى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشى، «سىددىق»ى. رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىسلام دۆلىتىگە ئىككى يىلدىن كۆپرەك خەلىفەلىك قىلغان. ئارزۇسى بويىچە ۋاپاتىدىن كېيىن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا دەفن قىلىنغان.

43.        ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ئەلمۇنزىر ئەننىشاپۇرىي (أَبُو بَكْرٍ مُحَمَّدُ بنُ إِبْرَاهِيْمَ بنِ الْمُنْذِرِ النَّيْسَابُوْرِيُّ، ھ. 241 – 318 / م. 855 – 930) — نىشاپۇرلۇق مۇھەددىس ۋە مۇجتەھىد فەقىھ. فىقھتا «ئەلئىجماﺋ»، «ئەلئىشراف» ۋە «ئەلمەبسۇت» قاتارلىق مىسلىسىز ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

44.        ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئۆمەر ئەتتىرمىزىي ئەلبەلخىي ئەلۋەرراق (أَبُو بَكْرٍ مُحَمَّدُ بْنُ عُمَرَ الْوَرَّاقُ التِّرْمِذِيّ الْبَلْخِيُّ، ھ. ؟ – 280 / م. ؟ – 893) — «ھەكىم» نامى بىلەن تونۇلغان تەسەۋۋۇف ئىماملىرىدىن بىرى. سەنەدى بىلەن ھەدىسمۇ رىۋايەت قىلغان. شائىر. «ھېكمەت ۋە تەسەۋۋۇف رىسالىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

45.        ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ئابدۇللاھ ئىبنى سۇلايمان ئىبنى ئەلئەشئەس ئەسسىجىستانىي (أَبُو بَكْرٍ عَبْدُ اللَّهِ بْنُ سُلَيْمَانَ بْنِ الْأَشْعَثِ السِّجِسْتَانِيُّ ، ھ. 230 – 316 م. 844 – 928) — ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس ئىمام ئەبۇ داۋۇدنىڭ ئوغلى. ئافغانىستاننىڭ سىجىستان رايونىدا تۇغۇلۇپ، ئاتىسى بىلەن بىللە ئۆز ۋاقتىدىكى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى كېزىپ ھەدىس ئۆگەنگەن ۋە ئاتىسىغا ئوخشاش ھەدىستە يېتىشكەن ئالىم. ئۆز زامانىدىكى باغدادتىكى ھەدىسشۇناس ئىمام، ھەنبەلىي مەزھەب فۇقاھالىرىنىڭ پېشۋاسى. «ئەلمەساهىف (المصاحف)»، «فەزائىلۇلقۇرئان (فضائل القرآن)»، «ئەسسۈنەن (السنن)»، «مۇسنەدۇ ئائىشە (مسند عائشة رضي الله عنها)»، «ئەلقىرائات (القراآت)»، «نەزمۇل قۇرئان (نظم القرآن)» ۋە «ئەلبەئس (البعث والنشور)» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. باغدادتا ۋاپات بولغان.

46.        ئەبۇبەكرى شۇئبە ئىبنى ئەيياش ئىبنى سالىم ئەلئەسەدىي (أَبُو بَكْرٍ شُعْبَةُ بنُ عَيَّاشِ بنِ سَالِمٍ الأَسَدِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 95 – 193 / م. 714 – 809) — مەشھۇر «يەتتە قىرائەت ئالىمى»نىڭ بىرى. ئەلى ئىبنى ھەمزە ئەلكىسائىي ۋە باشقا قارىيلارغا قىرائەت ئىلمىنى ئۆگەتكەن، فەقىھ، مۇھەددىس، ئىبادەتگۇي، زاھىد.

47.        ئەبۇ بەرزە نەزلە ئىبنى ئۇبەيد ئەلئەسلەمىي (أَبُو بَرْزَةَ نَضْلَةُ بنُ عُبَيْدٍ الأَسْلَمِيُّ، ھ. ؟ – 64 / م. ؟ – 684) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، ئىبادەتگۇي، زاھىدلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان ساھابە.

48.        ئەبۇ تالھە زەيد ئىبنى سەھل ئەلئەنسارىي (أَبُو طَلْحَةَ زَيْدُ بْنُ سَهْلٍ الْأَنْصَارِيُّ، ھ. بۇرۇن 36 – ھ. 34 / م. 587 – 655) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئىككىنچى «ئەقەبە بەيئەتى» (م. 622) گە ۋە بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان شىجائەتلىك، مەرگەن ساھابە. «ئۇھۇد» ۋە «ھۇنەين» غازاتلىرىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا سەباتلىق بىلەن تۇرغان زات.

49.        ئەبۇ جەئفەر ئەلقارىي يەزىد ئىبنى قەئقاﺋ ئەلمەدەنىي (أَبُو جَعْفَرٍ القَارِئُ يَزِيْدُ بنُ القَعْقَاعِ الْمَدَنِيُّ، ھ. 35 – 130 / م. 656 – 748) — مەدىنەلىك مەشھۇر ئون قىرائەتشۇناس ئالىمنىڭ بىرى. كىچىك يېشىدا «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ دۇئاسىنى ئالغان، ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم قاتارلىق ساھابەلەردىن ئىلىم ئۆگەنگەن تابىئىن. فىقھشۇناس ئالىم.

50.        ئەبۇ جەئفەر نەھھاس ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل (أَبُو جَعْفَرٍ أَحْمَدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ إِسْمَاعِيْلَ المِصْرِيُّ النَّحْوِيُّ، ھ. 241 – 338 / م. 855 – 949) — مىسىرلىق تىلشۇناس، نەھۋىشۇناس (گرامماتىكاشۇناس)، مۇفەسسىر، ھەدىسشۇناس. «ئىئرابۇل قۇرئان» (إعراب القرآن) «تەفسىرۇل قۇرئان» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

51.        ئىمام ئەبۇ داۋۇد سۇلايمان ئىبنى ئەلئەشئەس ئىبنى شەدداد ئەسسىجىستانىي (أَبُو دَاوُدَ سُلَيْمَانُ بنُ الأَشْعَثِ بنِ شَدَّادٍ السِّجِسْتَانِيُّ، ھ. 202 – 275 / م. 817 – 888) — مەشھۇر ھەدىس ئالىملىرىدىن. مەشھۇر «كۇتۇبۇ سىتتە (ئالتە كىتاب)» ئىچىدىكى «تۆت سۈنەن» ھەدىس كىتابلىرىنىڭ بىرى «سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد» دەپ تونۇلغان «ئەسسۈنەن»نىڭ، يەنە «ئەلمەراسىيل» (مۇرسەل ھەدىسلەر توپلىمى) ۋە «ئەززۇھد» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

52.        ئەبۇددەرداﺋ ئۇۋەيمىر (ياكى ئامىر) ئىبنى زەيد ئىبنى قەيس ئەلئەنسارىي ئەلخەزرەجىي (أَبُو الدَّرْدَاءِ عُوَيْمِرُ بنُ زَيْدِ بنِ قَيْسٍ الأَنْصَارِيُّ الخَزْرَجِيُّ، ھ. بۇرۇن 43 – ھ. 32 / م. 580 – 653) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ساھابە. فەقىھ ۋە قىرائەت ئۇستازى. خەلىفە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە دەمەشقكە قازى بولغان ۋە شۇ يەردە ۋاپات تاپقان.

53.        ئەبۇددۇھا مۇسلىم ئىبنى سۇبەيھ ئەلكۇفىي (أَبُو الضُّحَى مُسْلِمُ بْنُ صُبَيْحٍ الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 100 / م. ؟ – 719) — تابىئىن. ئىشەنچلىك راۋىيلەردىن.

54.        ئەبۇززاھىرىييە ھۇدەير ئىبنى كۇرەيب ئەلھىمسىي (أَبُو الزَّاهِرِيَّةِ حُدَيْرُ بنُ كُرَيْبٍ الحِمْصِيُّ، ھ. ؟ – ھ. 100 / م. ؟ – 718) — شام دىيارىدا ئۆتكەن مەشھۇر فەقىھلەردىن بولۇپ، ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، رىۋايەتلىرى ئىشەنچلىك دەپ قارالغان مۇھەددىس تابىئىن.

55.        ئەبۇ زەر جۇندۇب ئىبنى جۇنادە ئەلغىفارىي (أَبُو ذَرٍّ جُنْدُبُ بنُ جُنَادَةَ الغِفَارِيُّ، ھ. بۇرۇن ؟ – 32 / م. ؟ – 653) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — تۇنجى مۇسۇلمان بولغان بەش ساھابىنىڭ بىرى. مەككەدە مۇسۇلمانلىقىنى ئوچۇق ئېلان قىلغان، ھەقنى سۆزلەشتە شىجائەتلىك، دۇنياغا بېرىلمەي، غورىگىل ياشاشنى تەشەببۇس قىلغان زاھىد زات.

56.        ئەبۇ سالىھ بازام ئەلكەلبىي (أَبُو صَالحٍ باذامُ الْكَلْبِيُّ، ھ. ؟ / م. ؟) — ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەمشىرىسى ئۇممۇ ھاﻧﯩﺌ بىنتى ئەبۇ تالىبنىڭ ئازادگەردىسى، تابىئىنلەرنىڭ چوڭلىرىدىن بىرى. ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب، ئەبۇ ھۇرەيرە، ئىبنى ئابباس ۋە خوجايىنى ئۇممۇ ھاﻧﯩﺌ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ دەۋرىدە (ھ. 86 – 96 / م. 705 – 715) ۋاپات بولغان.

57.        ئەبۇ سالىھ زەكۋان ئىبنى ئابدۇللاھ ئەسسەممان (أَبُو صَالِحٍ ذَكْوَانُ بنُ عَبْدِ اللهِ السَّمَّانُ، ھ. 15 – يىللار ئەتراپىدا – 101 / م. 636 – يىللار ئەتراپىدا – 720) — كاتتا تابىئىن. مۇھەددىس. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى جۇۋەيرىيە بىنتى ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئازادگەردىسى. ھەزرىتى سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم قاتارلىق ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

58.        ئەبۇ سەللام مەمتۇر ئەلباھىلىي ئەلھەبەشىي (أَبُو سَلاَّمِ مَمْطُور الْبَاهِلِيّ الحَبَشِيُّ، ھ. ؟ – 102 / م. ؟ – 720 – يىلى ئەتراپى) — تابىئىن. شام دىيارىدىكى كاتتا ئالىملاردىن. ھۇزەيفە، ئەبۇ زەر قاتارلىق ساھابەلەردىن مۇرسەل رىۋايەت قىلغان. ھەدىسشۇناسلار نەزەرىدە ئىشەنچلىك راۋىي.

59.        ئەبۇ سەھل ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى زىياد ئىبنى ئەبباد ئەلقەتتان (أَحْمَد بْن مُحَمَّد بْن عَبْد اللَّه بْن زياد بْن عباد القطان، ھ. ؟ – 350 / م. ؟ – 962) — باغداتلىق كاتتا شائىر ھەم ئەدىب. فەقىھ، مۇجتەھىد، ئىبادەتگۇي، «قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتىگە ئالاھىدە ھېرىسمەن زاتتۇر.

60.        ئەبۇ سەۋر ئىبراھىم ئىبنى خالىد ئەلكەلبىي ئەلباغدادىي (أَبُو ثَوْرٍ إِبْرَاهِيْمُ بنُ خَالِدٍ الكَلْبِيُّ البَغْدَادِيُّ، ھ. 170 – 240 / م. 786 – 854) — مۇھەددىس ۋە مۇجتەھىد فەقىھ. ئۆز زامانىدىكى ئىراق مۇپتىسى. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ۋە ئىمام شافىئىيلاردىن تەلىم ئالغان ۋە كېيىن ئۆز ئالدىغا ئىجتىھاد قىلغان. لېكىن، ئەزەربەيجان تەرەپلەردە كەڭ تارقالغان ئەبۇ سەۋر مەزھىبى كېيىن يوقاپ كەتكەن. ئىلىم ۋە پەزىلەتتە ھەممە ئېتىراپ قىلغان، تەقۋادارلىقى بىلەن تونۇلغان زات. «اختلاف مالك والشافعي» «أحكام القرآن» ۋە «المبسوط في الفقه» قاتارلىق ئەسەرلەر قالدۇرغان، ئەمما بىزگە يېتىپ كەلمىگەن.

61.        ئەبۇ سەئد ئابدۇلكەرىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مەنسۇر ئەسسەمئانىي ئەلمەرۋەزىي (عَبْدُ الكَرِيْم بنُ مُحَمَّدِ بنِ مَنْصُوْرٍ السَّمْعَانِيُّ الْمَرْوَزِيُّ، ھ. 506 – 562 / م. 1109 – 1166) — تۈركمەنىستاننىڭ مەرۋ شەھرىدە تۇغۇلغان. تارىخشۇناس، ئەدىب، مۇھەددىس، فەقىھ، نەسەبشۇناس. «الأنساب (نەسەبلەر)»، «قواطع الأدلة في أصول الفقه قەۋاتىئۇل ئەدىللە فى ئۇسۇلىلفىقھ)» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى بار.

62.        ئەبۇ سەئلەبە جۇرھۇم ئىبنى ناشىم (ياكى جۇرسۇم ئىبنى ناشىر) ئەلخۇشەنىي (أَبُو ثَعْلَبَةَ جُرْهُمُ بنُ نَاشِمٍ الْخُشَنِيُّ، ھ. ؟ – 75 / م. ؟ – 694) — ھۇدەيبىييەدىكى «رىزۋان بەيئەتى»گە قاتناشقان ساھابە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئۆز قەۋمىگە ئەۋەتكەندە، ئۇلار مۇسۇلمان بولغان. شامدا ياشىغان، سەجدە قىلغان ھالەتتە ۋاپات تاپقان.

63.        ئەبۇ سەئىد ئەلخەرراز ئەھمەد ئىبنى ئىيسا ئەلباغدادىي (أَبُو سَعِيْدٍ أَحْمَدُ بنُ عِيْسَى الخَرَّازُ البَغْدَادِيُّ، ھ. ؟ – 286 / م. ؟ – 899) — باغداتلىق تەسەۋۋۇف پېشۋاسى، زاھىد ئالىم. «كىتابۇسسىدق / ئەتتەرىيقۇ ئىلەللاھ» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

64.        ئەبۇ سەئىد سەئد ئىبنى مالىك ئىبنى سىنان ئەلخۇدرىي (أَبُو سَعِيْدٍ سَعْدُ بنُ مَالِكِ بنِ سِنَانٍ الخُدْرِيُّ، ھ. بۇرۇن 10 – ھ. 74 / م. 612 – 693 ياكى 694) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «ئۇھۇد غازىتى»غا قاتنىشىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەندە 13 ياش بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. ئاتىسى «ئۇھۇد غازىتى»دا شەھىد بولغان. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە «خەندەك ئۇرۇشى»غا قاتناشقان ۋە كېيىن يەنە 12 غازاتقا قاتناشقان. ئۇزۇن ياشىغان ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەسۇلۇللاھتىن 1170 ھەدىس رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئەڭ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان يەتتە ساھەبەنىڭ بىرىدۇر.

65.        ئەبۇ سۇفيان سەخر ئىبنى ھەرب ئىبنى ئۇمەييە ئەلئۇمەۋىي ئەلقۇرەشىي (أَبُو سُفْيَانَ صَخْرُ بنُ حَرْبِ بنِ أُمَيَّةَ الأُمَوِيُّ القُرَشِيُّ، ھ. بۇرۇن 57 – ھ. 31 / م. 566 – 567 – 652) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — مەككەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، قۇرەيشنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خانىملىرىدىن ئۇممۇ ھەبىبە ئانىمىزنىڭ ۋە «ئۇمەۋىيلەر دۆلىتى»نىڭ قۇرغۇچىسى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاتىسى. مەككە فەتىھ بولغاندا مۇسۇلمان بولغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى نەجرانغا ۋالىي قىلغان. كېيىن مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە غازاتلارغا قاتناشقان. بىر كۆزى «تائىف غازىتى»دا، يەنە بىر كۆزى «يەرمۇك ئۇرۇشى»دا قۇيۇلۇپ كەتكەن.

66.        ئەبۇ سۇلايمان ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەھمەد ئەددارانىي (أَبُو سُلَيْمَانَ عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ أَحْمَدَ الدَّارَانِيُّ، ھ. 140 – 215 / م. 758 – 831) — ئىبادەتگۇي، زاھىد، ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن مەشھۇر زاتتۇر.

67.        ئىمام ئەبۇ شامە ئابدۇرراھمان ئىبنى ئىسمائىل ئىبنى ئىبراھىم ئەلمەقدىسىي ئەددىمەشقىي (الإمَامُ شِهَابُ الدِّيْنِ أبو شَامة عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ إِسْمَاعِيلَ بْنِ إِبْرَاهِيمَ الْمَقْدِسِيُّ الدِّمَشْقِيُّ، ھ. 599 – 665 / م. 1202 – 1267) — ھەدىسشۇناس، كاتتا شافىئىي فەقىھ، قىرائەت ئالىمى ۋە تارىخچى.

68.        ئەبۇ قۇتەيبە سەلم ئىبنى قۇتەيبە ئەلخۇراسانىي ئەلفىريابىي (أَبُو قُتَيْبَةَ سَلْمُ بنُ قُتَيْبَةَ الخُرَاسَانِيُّ الفِرْيَابِيُّ، ھ. ؟ – 200 / م. ؟ – 816) — خۇراسانلىق ئىمام. رىۋايەتلىرى ئىشەنچلىك مۇھەددىس.

69.        ئەبۇ قىلابە ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئەلجەرمىي ئەلبەسرىي ئەلئەزدىي (أَبُو قِلابَةَ عَبْدُ اللَّهِ بْنُ زَيْدٍ الْجَرْمِيُّ الْبَصْرِيُّ الْأَزْدِيُّ، ھ. ؟ – 104 / م. ؟ – 722) — مەشھۇر تابىئىن. فەقىھ ۋە تونۇلغان ھەدىس راۋىيسى.

70.        ئەبۇلئابباس ئەنناسىر لىدىينىللاھ ئەھمەد ئىبنى ئەلمۇستەزى بىئەمرىللاھ ھەسەن ئىبنى يۈسۈف (النَّاصِرُ لِدِيْنِ اللهِ أَبُو العَبَّاسِ أَحْمَدُ ابنُ الْمُسْتَضيءِ، ھ. 553 – 622 / م. 1158 – 1225) — ھەدىسشۇناس ۋە شائىر. ئابباسىيلار خەلىفەسى (ھ. 577 – 622 / م. 1180 – 1225). ئابباسىيلار خىلاپىتىنى بۇرۇنقى كۈچلۈك ھالىتىگە ئەكىلىشكە تىرىشقان. سالاھىددىن ئەييۇبىينى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن. شىئە مەزھىبىگە مايىللىقى بىلەن تونۇلغان. «رۇھۇل ئارىفىن»( ھەدىس ئىلمى) نامىدا ئەسەر يازغان.

71.        ئەبۇلئالىيە رۇفەﻳﺌ ئىبنى مىھران ئەررىياھىي ئەلبەسرىي (أَبُو العَالِيَةِ رُفَيْعُ بنُ مِهْرَانَ الرِّيَاحِيُّ البَصْرِيُّ، ھ. بۇرۇن ؟ – 93 / م. ؟ – 712) — جاھىلىيەت دەۋرىدە تۇغۇلۇپ، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە مۇسۇلمان بولغان ئازادگەردە تابىئىن. ئۇبەي ئىبنى كەئب، زەيد ئىبنى سابىت ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن قىرائەت ئۆگەنگەن ۋە كېيىن ئىلىم يايغان زات.

72.        ئەبۇلئەھۋەس ئەۋف ئىبنى مالىك ئەلجۇشەمىي (أَبُو الأَحْوَصِ عَوْفُ بْنُ مَالِكٍ الْجُشَمِيُّ، ھ. ؟ – 90 – يىللىرى / م. ؟ – 709 – يىللىرى) — تابىئىنلەرنىڭ چوڭلىرىدىن. ئىبنى مەسئۇد، ئەبۇ مۇسا، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن ئىلىم ئالغان ۋە ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

73.        ئەبۇلبەختەرىي سەئىد ئىبنى فەيرۇز ئەتتائىي ئەلكۇفىي (أَبُو البَخْتَرِيِّ سَعِيْدُ بنُ فَيْرُوْزٍ الطَّائِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 82 / م. ؟ – 701) — كۇفەلىك ئازادگەردە. فىقھشۇناس، قىرائەتشۇناس، مۇھەددىس تابىئىن. ھەججاجغا قارشى جەڭدە شەھىد بولغان.

74.        ئەبۇلجەۋزاﺋ ئەۋس ئىبنى ئابدۇللاھ ئەررەبەئىي ئەلبەسرىي (أَبُو الجَوْزَاءِ أَوْسُ بنُ عَبْدِ اللهِ الرَّبَعِيُّ البَصْرِيُّ، ھ. ؟ – 83 / م. ؟ – 702) — ئائىشە، ئىبنى ئابباس قاتارلىق ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان تابىئىن. زالىم ھەججاجغا قارشى توپىلاڭغا قاتناشقان ئىبادەتگۇي زات.

75.        ئىمام ئەبۇلقاسىم ئابدۇلكەرىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلكەرىم ئىبنى پەزل ئەررافىئىي ئەلقەزۋىينىي (عَبْدُ الكَرِيْمِ بنُ مُحَمَّدِ بنِ عَبْدِ الكَرِيْمِ الرَّافِعِيُّ القَزْوِيْنِيُّ، ھ. 557 – 623 / م. 1162 – 1226) — كاتتا شافىئىي فەقىھ، مۇھەددىس، تارىخشۇناس، مۇفەسسىر. ئەسەرلىرى: «ئەلمۇھەررەر فىلفىقھ»، «ئەتتەدۋىن فى ئەخبارى قەزۋىن»، «فەتھۇل ئەزىز»، «شەرھۇ مۇسنەدىششافىئىي» ۋە باشقىلار .

76.        ئەبۇلقاسىم ئابدۇلۋاھىد ئىبنى ئەلھۈسەين ئىبنى مۇھەممەد ئەسسەيمەرىي (أَبُو القَاسِمِ عَبْدُ الوَاحِدِ بنُ الحُسَيْنِ بنُ مُحَمَّدِ الصَّيْمَرِيُّ، ھ. ؟ – 386 / م. ؟ – 996) — كاتتا شافىئىي فەقىھ، قازى. «ئەل ئىيزاھ فىلمەزھەب (الإيضاح في المذهب)»، «ئەلقىياس ۋەلئىلەل (القياس والعلل)» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

77.        ئىمام ئەبۇللەيس نەسر ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئەسسەمەرقەندىي ئەلفەقىھ ئەلھەنەفىي (الفَقِيْهُ أَبُو اللَّيْثِ نَصْرُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ إِبْرَاهِيْمَ السَّمَرْقَنْدِيُّ الحَنَفِيُّ، ھ. ؟ – 375 / م. ؟ – 985) — «ئەلفەقىھ»، «ئىمامۇل ھۇدا» ۋە «زاھىد» دەپ نام ئالغان سەمەرقەندلىك كاتتا ھەنەفىي ئالىم. ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ئەلماتۇرىيدىينىڭ شاگىرتى. «بەھرۇل ئۇلۇم» ناملىق تەفسىر، «ئەننەۋازىل»، «ئۇيۇنۇل مەسائىل»، «خازانەتۇل فىقھ»، «بۇستانۇل ئارىفىن»(«تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان)، «تەنبىھۇل غافىلىن» ۋە «شەرھۇل فىقھىل ئەكبەر» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

78.        ئەبۇلمەلىھ ئامىر ئىبنى ئۇسامە ئىبنى ئۇمەير ئەلھۇزەلىي ئەلبەسرىي (أَبُو الْمَلِيحِ عامِرُ بنُ أُسَامَةَ بنِ عُمَيْرٍ الهُذَلِيُّ البَصْرِيُّ، ھ. ؟ – 112 / م. ؟ – 731) — تابىئىن. ئىشەنچلىك راۋىيلەردىندۇر.

79.        ئەبۇلھەسەن ئىبنى ئەخرەم مۇھەممەد ئىبنى نەزر ئىبنى مۇر ئىبنى ئەددىمەشقىي (ابْنُ الأَخْرَمِ مُحَمَّدُ بنُ النَّضْرِ بنِ مُرٍّ الدِّمَشْقِيُّ، ھ. 260 – 341 / م. 874 – 953) — دەمەشققە يېقىن قىينىييە يېزىسىدا تۇغۇلغان. ھارۇن ئەلئەخفەشنىڭ شاگىرتى بولۇپ، ھاياتىنى جىھاد، كۈرەش، سەۋر، قىرائەت ئۆگىتىش بىلەن ئۆتكۈزگەن مەشھۇر قارىيلارنىڭ بىرى.

80.        ئەبۇلھەلال رەبىئە ئىبنى زۇرارە ئەلئەتەكىي ئەلئەزدىي ئەلبەسرىي (أَبُو الْحَلاَلُ رَبِيعَةُ بْنُ زُرَارَةَ الْعَتَكِيُّ الْأَزْدِيُّ الْبَصْرِيّ، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) — ئىبادەتگۇي، «قۇرئان كەرىم» ئوقۇشقا ئالاھىدە ھېرىسمەن، ساخاۋەتچى، بىرقانچە ساھابەدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان مۇھەددىس زات. 120 ياشتا ۋاپات تاپقان.

81.        ئەبۇلھەيسەم كەسىر (أَبُو الْهَيْثَم كَثِير) — تابىئىن. ئىسمى. ھەزرىتى ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى.

82.        ئەبۇل ھۈسەين مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۇبەيش ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئىيسا ئىبنى خاقان (أَبُو الْحُسَيْنِ مُحَمَّدُ بْنُ عَلِيِّ بْنِ حُبَيْشٍ بن أَحْمد بْن عِيسَى بن خاقان، ھ. ؟ – 359 / م. ؟ – 970) — رىۋايەتلىرى ئىشەنچلىك دەپ قارالغان مۇھەددىس ئالىم.

83.        ئەبۇ لۇبابە بەشىر (رىفائە دېگەن قاراشمۇ بار) ئىبنى ئابدۇلمۇنزىر ئەلئەنسارىي (أَبُو لُبَابَةَ بَشِيرُ بْنُ عَبْدِ الْمُنْذِرِ الْأَنْصَارِيُّ، ھ. ؟ – 40 / م. ؟ – 660) — ساھابە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى بەدر ۋە سەۋىق غازاتلىرىدا ئۆزىنىڭ ئورۇنباسارى قىلىپ مەدىنەدە قالدۇرۇپ قويغان. ئۇھۇد ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان، مەككە فەتھى بولغان كۈنى ئەمر ئىبنى ئەۋف جەمەتىنىڭ تۇغىنى كۆتۈرگەن قوماندان زات.

84.        ئەبۇ مەريەم ئەمر ئىبنى مۇررە ئەلئەزدىي ئەسسەكۇنىي (ئەلجۇھەنىي دېگەنلەرمۇ بار) (أَبُو مَرْيَمَ عَمْرُو بْنُ مُرَّةَ الْأَزْدِيُّ السَّكُونِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — دەمەشقتىكى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۇزۇرىغا بارغان ۋە بىر ھەدىسنى سۆزلەپ بېرىپ نەسىھەت قىلغان ساھابە. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە (م. 661 – 680) ۋاپات تاپقان.

85.        ئەبۇ مەسئۇد ئۇقبە ئىبنى ئەمر ئىبنى سەئلەبە ئەلبەدرىي ئەلئەنسارىي (أَبُو مَسْعُودٍ عُقْبَةُ بنُ عَمْرِو بنِ ثَعْلَبَة البَدْرِيُّ الْأَنْصَارِيُّ، ھ. بۇرۇن 15 – ھ. 40 ياكى 60 / م. 607 – 662 ياكى 679) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئىككىنچى «ئەقەبە بەيئەتى»گە، «بەدر غازىتى»غا ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە.

86.        ئەبۇ مەيسەرە ئەمر ئىبنى شەرەھبىيل ئەلھەمدانىي ئەلكۇفىي (أَبو مَيْسَرَةَ عُمَرُ بنُ شُرَحْبِيْلَ الْهَمدَانِي الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 63 / م. ؟ – 683) — كاتتا تابىئىنلاردىن. ھەزرىتى ئۆمەر، ئەلى، ئىبنى مەسئۇد قاتارلىق ساھابىلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

87.        ئەبۇ مۇسا ئابدۇللاھ ئىبنى قەيس ئەلئەشئەرىي (أَبُو مُوْسَى عَبْدُ اللهِ بنُ قَيْسٍ الأَشْعَرِيُّ، ھ. ؟ – 42 ياكى 44 / م. ؟ – 662 ياكى 665) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ۋەتىنى يەمەندىن ھەبەشسىتانغا، كېيىن مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان ساھابە، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوتتۇرىدا كېلىشىم ئۈچۈن ھەزرىتى ئەلى تەرىپىدىن ھەكەم تەيىنلەنگەن فەقىھ زات.

88.        ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇرراھمان ئىبنى قاسىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇبەكرى سىددىق (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ القَاسِمِ، ھ. 56 – 126 / 676 – 744) — تابىئىن. ھەدىس ئىماملىرىدىن بىرى. شۇئبە، سۇفيان ئەسسەۋرىي، ئەۋزائىي ۋە ئىمام مالىكلارنىڭ ئۇستازى.

89.        شەيخ ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى يۈسۈف ئىبنى ئابدۇللاھ ھەييۇۋەيھ ئەلجۇۋەينىي ئەننىشاپۇرىي (أَبو مُحَمَّدٍ عَبْدُ اللَّهِ بْنُ يُوسُفَ بن عبد الله حَيُّويَه الجُوَيْنِيُّ النَّيْسَابُوْرِيُّ، ھ. ؟ – 438 / م. ؟ – 1047) — «ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى» دەپ تونۇلغان ئەبۇلمەئالىي جۇۋەينىنىڭ ئاتىسى. تەفسىرشۇناس، فەقىھ، كالامشۇناس، تىلشۇناس، ئەدىب. شافىئىي مەزھىبىدىكى كاتتا ئالىم. «تەفسىرى كەبىر (التفسير الاكبير)»، «ئەتتەبسىرە (التبصرة)»، «ئەتتەزكىرە (التذكرة)»، «ئەلجەمئۇ ۋەلفۇرۇق (الجمع والفروق)» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلىرى بار.

90.        ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى زەيد ئەلقەيرۇۋانىي ئەلمالىكىي (أَبو مُحَمَّدٍ عَبْدُ اللهِ بنُ أَبِي زَيْدٍ القَيْرَوَانِيُّ المَالِكِيُّ، ھ. 310 – 386 / م. 922 – 996) — تۇنىسلىق. مالىكىي مەزھىبىنىڭ كاتتا ئالىملىرىدىن بىرى. «كىچىك مالىك» دەپ نام ئالغان. ئىلىمگە ئەمەل قىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلارغا پۇل خەجلەيدىغان ساخاۋەتلىك زات. مۇھەددىس ۋە تەفسىرشۇناس. مەشھۇر ئەسەرلىرى: «رىسالە»، «مختصر المدونة» قاتارلىقلار.

91.        ئەبۇ نەسر مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلجاببار ئەلئۇتبىي ئەررازىي (أَبُو النَّصر مُحَمَّد بْن عَبْد الجبّار العُتْبي الرازي، ھ. 350 – 427 / م. 961 – 1036) — غەزنەۋىي دۆلىتىنىڭ كاتىپى ۋە ۋەزىرى. تارىخچى ئەدىب. يەمىنۇددەۋلە مەھمۇد غەزنەۋىيگە ئاتاپ يازغان «تارىخى يەمىينىي» دېگەن ئەسەرى «تارىخى ئۇتبىي» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

92.        ئەبۇ ھاتىم سەھل ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئوسمان ئەسسىجىستانىي (أَبُو حَاتِمٍ سَهْلُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ عُثْمَانَ السِّجِسْتَانِيُّ، ھ. 172 – 255 / م. 788 – 869) — مۇھەددىس، تىلشۇناس، قىرائەتشۇناس ۋە تەفسىرشۇناس. «ئىئرابۇل قۇرئان (إعراب القرآن)»، «الأضداد»، «القراءات» ۋە باشقا ئەسەرلىرى بار.

93.        ئەبۇ ھارۇن ئۇمارە ئىبنى جۇۋەين ئەلئەبدىي (أَبُو هَارُون عمَارَة بن جُوَيْن الْعَبْدي، ھ. ؟ – 134 / م. ؟ – 751) — ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي قاتارلىق ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان تابىئىن. ھەدىس رىۋايەت قىلىشتا ئاجىز دەپ قارىلىدۇ.

94.        ئەبۇ ھازىم سەلەمە ئىبنى دىنار ئەلمەدىنىي ئەلمەخزۇمىي (أَبُو حَازِمٍ سَلَمَةُ بنُ دِيْنَارٍ الْمَدِينِيُّ الْمَخْزُومِيُّ، ھ. ؟ – 144 / م. ؟ – 762) — مەدىنەلىك ئازادگەردە تابىئىن. ساھابە ۋە تابىئىنلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان مۇھەددىس، شەيخۇلئىسلام، ئىبادەتگۇي، زاھىد، فەقىھ، ئۇنىڭدىن ئىمام بۇخارىي، مۇسلىم ۋە باشقا مۇھەددىسلەر ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

95.        ئەبۇ ھەمزە ئەلقەسساب ئىمران ئىبنى ئەبى ئەتاﺋ ئەلئەسەدىي ئەلۋاسىتىي (أَبُو حَمْزَةَ القَصَّابُ عِمْرَانُ بنُ أَبِي عَطَاءٍ الأَسَدِيُّ الوَاسِطِيُّ، ھ. ؟ – 140 / م. ؟ – 758) — ئازادگەردە تابىئىن، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، رىۋايەتلىرى ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ئىشەنچلىك فەقىھ ئالىم.

96.        ئىمام ئەبۇ ھەنىفە نۇئمان ئىبنى سابىت ئىبنى زۇتا ئەتتەيمىي ئەلكۇفىي (الإمَامُ أَبُو حنيفةَ النُّعْمَانُ بنُ ثَابِتِ بنِ زُوْطَى التَّيْمِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 80 – 150 / م. 699 – 767) — مەشھۇر «تۆت مەزھەب»نىڭ بىرى بولغان «ھەنەفىي مەزھىبى»نىڭ ئىمامى، مۇجتەھىد ئىماملار ئىچىدە «ئىمامى ئەزەم (بۈيۈك ئىمام)» دەپ تونۇلغان زات. باغدادتا قازىلىق مەنسىپىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، تۈرمىگە تاشلانغان ۋە تۈرمىدە ۋاپات تاپقان. «زەھەرلىنىپ شەھىد قىلىنغان» دېگەن قاراشمۇ بار.

97.        ئەبۇ ھۇرەيرە ئابدۇرراھمان ئىبنى سەخر ئەددەۋسىي (أَبُو هُرَيْرَةَ عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ صَخْرٍ الدَّوْسِيُّ، ھ. بۇرۇن 19 – ھ. 59 / م. 603 – 678) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەردىكى ۋاقتىدا يېنىغا كېلىپ مۇسۇلمان بولغان ۋە 3 يىل بويىچە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا مۇقىم تۇرغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دۇئاسى بەرىكىتىدىن ئەستە تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان. 5374 ھەدىس بىلەن ئەڭ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان يەتتە ساھابىنىڭ تۇنجىسى. ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە بەھرەينگە ۋالىي بولغان.

98.        ئەبۇ ئوسمان سەئىد ئىبنى سالام ئەلمەغرىبىي ئەلقەيرەۋانىي (أَبُو عُثْمَانَ الْمَغْرِبِيُّ سَعِيْدُ بنُ سَلاَّمٍ القَيْرَوَانِيُّ، ھ. ؟ – 373 / م. ؟ – 984) — تۇنىسلىق تەسەۋۋۇف پېشۋالىرىدىن بىرى. ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن مەشھۇر زات. نىشاپۇردا ۋاپات تاپقان.

99.        ئەبۇ ئوسمان ئەننەھدىي ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇل (أَبُو عُثْمَانَ النَّهْدِيُّ عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ مُلٍّ، ھ. ؟ – 95 ياكى 100 / م. ؟ – 714 ياكى 719) — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھايات ۋاقتىدا مۇسۇلمان بولۇپ، رەسۇلۇللاھنى كۆرۈش نېسىپ بولمىغان تابىئىن. كاتتا ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىلافەت زامانىدا شامدىكى غازاتلارغا قاتناشقان، سالمان فارسىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا 12 يىل ھەمراھ بولغان فەقىھ، ئىبادەتگۇي، مۇھەددىس.

100.   ئەبۇ ئۇبەيد قاسىم ئىبنى سەللام ئەلھەرەۋىي (أَبُو عُبَيْدٍ القَاسِمُ بنُ سَلاَّمِ بنِ عَبْدِ اللهِ الهَرَوِيّ، ھ. 157 – 224 / م. 774 – 838) — ئافغانىستاننىڭ ھىراتتا تۇغۇلغان. تىلشۇناس، مۇھەددىس، مۇجتەھىد فەقىھ. «ئەلئەمۋال ئەششەرئىييە»، «فەزائىلۇلقۇرئان» ۋە «ئەلغەرىب» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

101.   ئەبۇ ئۇسەيد مالىك ئىبنى رەبىيئە ئەلئەنسارىي ئەسسائىدىي (أَبُو أُسَيْدٍ مَالِكُ بنُ رَبِيْعَةَ الأَنْصَارِيُّ السَّاعِدِيُّ، ھ. بۇرۇن 38 – ھ. 40 / م. 585 – 661) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. مەككە فەتىھ قىلىنغان كۈنى جەمەتى بەنى سائىدەنىڭ تۇغىنى كۆتۈرگەن قوماندان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

102.   ئەبۇ ئۇمامە سۇدەي ئىبنى ئەجلان ئەلباھىلىي (أبُو أُمَامَة صُدَيُّ بنُ عَجْلاَنَ الْبَاهِلِيُّ، ھ. بۇرۇن 21 – ھ. 86 / م. 602 – 705) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ھۇدەيبىييەدىكى «رىزۋان بەيئەتى»گە قاتناشقان ساھابە. كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

103.   ئەبۇ ئۆمەر مۇھەممەد ئىبنى يۈسۈف ئىبنى يەئقۇب ئەلكىندىي (أَبُو عُمَرَ مُحَمَّدُ بْنُ يُوسُفَ بْنِ يَعْقُوبَ الكِنْدِيُّ، ھ. 283 – 355 / م. 896 – 966) — مىسىردا ياشىغان تارىخشۇناس، مۇھەددىس، نەسەبشۇناس. مەشھۇر ئەسەرلىرى «مىسىر قازىلىرى»، «مىسىر ۋالىلىرى».

104.   ئەبۇ ۋائىل شەقىق ئىبنى سەلەمە ئەلئەسەدىي ئەلكۇفىي (أَبُو وَائِلٍ شَقِيْقُ بنُ سَلَمَةَ الأَسَدِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 1 – 82 / م. 623 – 702) — ئەبۇ ۋائىل شەقىق ئىبنى سەلەمە ئەلئەسەدىي ئەلكۇفىي (أَبُو وَائِلٍ شَقِيْقُ بنُ سَلَمَةَ الأَسَدِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 1 – 82 / م. 623 – 702) — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا ياشىغان، لېكىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرمىگەن. نۇرغۇن ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، فەقىھ، مۇھەددىس تابىئىن. ــ ت.

105.   ئەبۇ نۇئەيم ئەھمەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئەلئەسبەھانىي (أَبُو نُعَيْمٍ أَحْمَدُ بْنُ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ أَحْمَدَ الأَصْبَهَانِيُّ، ھ. 336 – 430 / م. 948 – 1038) — ئىران ئىسفاھاندا تۇغۇلغان. مۇھەددىس، تارىخشۇناس. رىۋايىتى ئىشەنچلىك زات. مەشھۇر ئەسەرلىرى «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ (ئەۋلىيائلار زىننىتى)» (10 توم)، «ئىسفاھان تارىخى»، «دەلائىلۇننۇبۇۋۋەت» ۋە باشقىلار.

106.   ئەبۇ ئىدرىس ئەلخەۋلانىي ئائىزۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ (أَبُو إِدْرِيْسَ الخَوْلاَنِيُّ عَائِذُ اللّهِ بنُ عَبْدِ اللّهِ، ھ. 8 – 80 / م. 630 – 700) — تابىئىنلەرنىڭ پېشۋالىرىدىن بىرى. ئاتىسى ساھابە، مۇھەددىس، فەقىھ، دەۋەتچى زات. ئۇمەۋىيلەر خەلىفەسى ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان دەۋرىدە دەمەشق قازىسى بولغان.

107.   ئەبۇ ئىسھاق ئەمر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەسسەبىئىي ئەلكۇفىي (عَمْرُو بْنُ عَبْدِ اللهِ أَبُو إِسْحَاقَ السَّبِيعِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 33 – 127 / م. 654 – 745) — كاتتا تابىئىنلەردىن. كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئىبادەتگۇي، ئىشەنچلىك راۋىيلەردىن بىرى.

108.   ئەبۇ ئىسھاقنىڭ ئايالى ئالىيە بىنتى ئەيفەﺋ ئىبنى شاراھىل (الْعَالِيَةُ بِنْتُ أَيْفَعَ بْنِ شَرَاحِيلَ) — ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ھەدىس ئاڭلىغان تابىئىن ئايال.

109.   ئەبۇ ئىسھاق ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئەسسەئلەبىي ئەننىشاپۇرىي (أَبُو إِسْحَاقَ أَحْمَدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ إِبْرَاهِيْمَ الثَّعْلَبِيُّ النَّيْسَابُوْرِيُّ، ھ. ؟ – 427 / م. ؟ – 1035) — مەشھۇر تەفسىرشۇناس، مۇھەددىس، تارىخشۇناس. مەشھۇر ئەسەرى «سەئلەبىي تەفسىرى»دۇر.

110.   ئەبۇ ئىمران ئەلجەۋنىي ئابدۇلمەلىك ئىبنى ھەبىب ئەلبەسرىي ئەلئەزدىي (أَبُو عِمْرَانَ الجَوْنِيُّ عَبْدُ المَلِكِ بنُ حَبِيْبٍ الْبَصْرِيُّ الْأَزْدِيُّ، ھ. ؟ – 123 / م. ؟ – 741) — تابىئىن. ساھابەلەردىن ئىلىم ئالغان. مۇھەددىس، زاھىد ئالىملاردىن.

111.   ئەبۇ يەئلا ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەلمۇسەننا ئەتتەمىمىي ئەلمەۋسىلىي (أَبُو يَعْلَى أَحْمَدُ بنُ عَلِيِّ بنِ الْمُثَنَّى التَّمِيْمِيُّ الْمَوْصِلِيُّ، ھ. 210 – 307 / م. 826 – 919) — ئىشەنچلىك، پەزىلەتلىك، مەشھۇر ئالىم. ئىراق مۇسۇللۇق مۇھەددىس. «مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا» ناملىق 13 توملۇق (نەشر قىلىنغان) ھەدىس كىتابىنىڭ مۇئەللىفى. باشقا ئەسەرلىرىمۇ بار.

112.   ئىمام ئەبۇ يۈسۈف يەئقۇب ئىبنى ئىبراھىم ئەلئەنسارىي ئەلكۇفىي (الإمَامُ أَبُو يُوسُف يَعْقُوب بْن إِبْرَاهِيمَ الأَنْصَارِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 113 – 182 / م. 731 – 798) — مۇھەددىس ۋە مۇجتەھىد فەقىھ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى ۋە ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ ئىككىنچى ئىمامى. ئابباسىي خەلىفەسى ھارۇن رەشىد دەۋرىدە (786 – 809) تۇنجى بولۇپ «قازىلقۇزات (باش قازى)» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. دۆلەت مالىيەسىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن «ئەلخەراج» (كتاب الخراج) ناملىق كىتابىنى يازغان. يەنە فىقھ ۋە ھەدىس ساھەسىدە باشقا ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

113.   ئەبۇ مۇھەممەد ئەتاﺋ ئىبنى ئەبى رەباھ ئەسلەم ئەلقۇرەشىي (عَطَاءُ بنُ أَبِي رَبَاحٍ أَسْلَمَ القُرَشِيُّ، ھ. 27 – 114 / م. 648 – 732) — مەشھۇر تابىئىن، فەقىھ، ھەدىسشۇناس. ئۆز زامانىدىكى ھەرەم مۇفتىسى.

114.   ئەبۇسسائىب ئەتاﺋ ئىبنى ئەسسائىب ئەسسەقەفىي ئەلكۇفىي (عَطَاءُ بنُ السَّائِبِ الثَّقَفِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 136 / م. ؟ – 754) — ئازادگەردە تابىئىن، كۇفە مۇھەددىسى.

115.   ئەتىييە مۇھەممەد سالىم (عطية بن محمد سالم، ھ. 1346 – 1420 / م. 1927 – 1999) — سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەرلىشىپ قالغان مىسىرلىق ئەدەبىياتشۇناس، شەرىئەتشۇناس، قازى، ئاكادېمىك، پروفېسسور. مۇھەممەد ئەمىن ئەششىنقىيتىينىڭ شاگىرتى. شەرىئەت ۋە ئەدەبىياتقا ئالاقىدار نۇرغۇن ئەسەر، ماقالە ۋە لېكسىيەلىرى بار.

116.   ئەبۇلخەتتاب ئەخفەش ئەكبەر ئابدۇلھەمىد ئىبنى ئابدۇلمەجىد (الأَخْفَشُ الكَبِيْرُ عَبْدُ الحَمِيْدِ بنُ عَبْدِ المَجِيْدِ، ھ. ؟ – 177 / م. ؟ – 793) — گرامماتىكىشۇناس ئالىم. بەھرەيندىكى ھەجەردە تۇغۇلۇپ، بەسرەگە يەرلىشىپ قالغان ئازادگەردە كىشى. ئەبۇ ئۇبەيدە مەئمەر ئىبنى مۇسەننا، ئەسمەئىي، سىيبەۋەيھ قاتارلىقلارنىڭ ئۇستازى.

117.   ئەبۇ مۇھەممەد ئەدداھھاك ئىبنى مۇزاھىم ئەلھىلالىي (الضَّحَّاكُ بنُ مُزَاحِمٍ الهِلاَلِيُّ، ھ. ؟ – 105 / م. ؟ – 723) — تابىئىن، مەشھۇر مۇفەسسىر. رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرى «تۆت سۈنەن» كىتابلىرىدا كەلگەن.

118.   ئەبۇ ۋەھب ئەدىي ئىبنى ھاتىم ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى سەئد ئەتتائىي (عَدِيُّ بنُ حَاتِمِ بنِ عَبْدِ اللهِ بنِ سَعْدٍ الطَّائِيُّ، ھ. ؟ – 67 / م. ؟ – 686) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — مەشھۇر شائىر ۋە سېخىي ھاتىم تايىنىڭ ئوغلى، «تاي» قەبىلىسىنىڭ رەئىسى ئىدى. مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن مۇتەئەسسىب بىر خرىستىيان ۋە قەبىھ بىر ئىسلام دۈشمىنى ئىدى. ھ. 7 ياكى 9 – يىلى / م. 628 ياكى 630 – يىلى ئەتراپىدا مۇسۇلمان بولغان.

119.   ئەرتەبۇن (Tribune): م. 634 – يىل 7 – ياكى 8 – ئايلاردا ئىسلام قوشۇنلىرى بىلەن شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئەجنادىن جېڭىگە قاتناشقان رىم قوشۇنلىرى قوماندانى. ھېراكلىيۇسنىڭ ئىنىسى. ئىسلام تارىخىدا ئەرتەبۇن ياكى ۋاردار.

120.   ئەبۇلمەھاسىن ئابدۇلۋاھىد ئىبنى ئىسمائىل ئىبنى ئەھمەد ئەررويانىي (عَبْدُ الوَاحِدِ بنُ إِسْمَاعِيْلَ بنِ أَحْمَدَ الرُّويَانِيُّ، ھ. 415 – 502 / م. 1025 – 1108) — ئىراننىڭ تەبەرىستان ۋىلايىتى رويان ناھىيىسىدىن. ئۆز زامانىدىكى شافىئىي ئۆلىمالار پېشۋاسى. بۇخارادا ئوقۇپ، يۇرت كېزىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ھەدىسشۇناس فەقىھ. قازى، ۋەزىر نىزامۇلمۇلك (م. 1018 – 1092) ئۇنى قاتتىق ھۆرمەتلەيتتى. جۈمە كۈنى جامەدە رافىزىيلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. شافىئىي فىقھ كىتابلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان «ئەلبەھر فىلمەزھەبىششافىئىي (شافىئىي مەزھىبىنىڭ دېڭىزى)» نىڭ مۇئەللىفىدۇر.

121.   ھەزرىتى ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئۇممۇ ئابدۇللاھ ھەزرىتى ئەسماﺋ (أَسْمَاءُ بِنْتُ أَبِي بَكْرٍ الصِّدِّيقِ، ھ. بۇرۇن 27 – ھ. 73 / م. 595 – 692) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — ساھابە. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىگىچەسى ۋە زۇبەير ئىبنى ئەلئەۋۋامنىڭ ئايالى. دەسلەپكى چاغلاردا مۇسۇلمان بولغان ۋە «زاتۇننىتاقەين (قوش بەلۋاغلىق ئايال)» دەپ نام ئالغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ۋە «يەرمۇك ئۇرۇشى»غا قاتناشقان. ئەدىبە ۋە فەقىھە زات.

122.   ئەبۇ ئەمر ئەسۋەد ئىبنى يەزىد ئىبنى قەيس ئەننەخەئىي (الأَسْوَدُ بنُ يَزِيْدَ بنِ قَيْسٍ أَبُو عَمْرٍو النَّخَعِيُّ، ھ. بۇرۇن؟ – ھ. 75 / م. ؟ – 694) — جاھىلىيەت دەۋرىدە تۇغۇلۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن كۆرۈشەلمىگەن تابىئىن. زامانىدىكى كۇفە ئەللامىسى. فەقىھ، مۇھەددىس ۋە قىرائەتشۇناس. ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى، ئۆمەر قاتارلىق زاتلاردىنمۇ ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

123.   ئەبۇ ئوسمان ئەففان ئىبنى مۇسلىم ئەلبەسرىي ئەلئەنسارىي (عَفَّان بن مُسلم أَبُو عُثْمَان الصفار الْبَصْرِيّ، ھ. 134 – 220 / م. ؟ – 835) — باغداد مۇھەددىسى دەپ تونۇلغان ۋە ئابباسىيلار خەلىفەسى مەئمۇن دەۋرىدە باشلانغان مىھنە ئىشكەنجىلىرىدە تۇنجى بولۇپ سوراققا تارتىلغان ئالىمدۇر.

124.   ئىمام سالاھۇددىن ئەبۇ سەئىد خەلىل ئىبنى كەيكەلەدىي ئەلائىي (الإمَامُ صلاحُ الدّينِ خَلِيلُ بْنُ كَيْكَلَدي العَلائِيُّ، ھ. 694 – 761 / م. 1295 – 1360) — ھەدىسشۇناس ھافىز، مۇفەسسىر، ئەدىب، شافىئىي فەقىھ. «مۇرسەل ھەدىس»لەر ھەققىدە «جامىئۇتتەھسىل» ناملىق ئەسەرى بار.

125.    ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلئاجۇررىي ئەلباغدادىي (أَبُو بَكْرٍ مُحَمَّدُ بنُ الحُسَيْنِ بنِ عَبْدِ اللهِ الآجُرِّيُّ البَغْدَادِيُّ، ھ. 280 – 360 / م. 894 – 971) — ئەقىدە، قىرائەت، ھەدىس ۋە فىقھتا تونۇلغان ئالىم. «سۈننەتتىكى شەرىئەت (الشَّريعَةِ فِي السُّنَّةِ)»، «ئالىملارنىڭ ئەدەب – ئەخلاقلىرى (آدَابِ العُلَمَاءِ)» قاتارلىق ئەسەرلىرى مەشھۇر.

126.   ئەبۇ مۇھەممەد سۇلايمان ئىبنى مىھران ئەلئەئمەش ئەلكاھىلىي (سُلَيْمَان بن مهْرَان الْأَعْمَش الْكَاهِلِي، ھ. 61 – 148 / م. 680 – 765) — كۇفەدە ياشىغان تابىئىن. مۇھەددىسلەرنىڭ، قارىيلارنىڭ شەيخى. ئەنەس ئىبنى مالىك قاتارلىق ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. كۆزى ياشانغۇراپ تۇرغانلىقتىن «ئەئمەش» دەپ تونۇلغان.

127.   ئىمام ئەبۇ ئەمر ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەمر ئىبنى يۇھمەد ئەلئەۋزائىي (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ عَمْرِو بنِ يُحْمَدَ الْأَوْزَاعِيُّ، ھ. 88 – 157 / م. 707 – 774) — ھەدىسشۇناس ۋە مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ بىرى. ئۆز زامانىدىكى شام دىيارىنىڭ ئىمامى. قازىلىق مەنسىپىنى رەت قىلغان. غازاتلار تارىخى ۋە ئەھكاملىرىدا «ئەسسىيەر»، فىقھتا «ئەسسۈنەن» ۋە 70 مىڭ مەسىلىگە جاۋاب بەرگەن «ئەلمەسائىل» دېگەن ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

128.   ئەبۇ شىبل ئەلقەمە ئىبنى قەيس (عَلْقَمَةُ بنُ قَيْسِ بنِ عَبْدِ اللهِ أَبُو شِبْلٍ النَّخَعِيُّ، ھ. بۇرۇن 28 – ھ. 62 / م. 591 – 681) — جاھىلىيەت دەۋرىدە تۇغۇلۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن كۆرۈشەلمىگەن تابىئىن. ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەڭ چوڭ شاگىرتى. كۇفە ئەللامىسى. ئىلىم يايغان ۋە ئىلىمگە تەرغىب قىلغان رەببانىي ئالىم. ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇد، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن كېيىن پەتۋا ۋە ئىماملىق ئەلقەمەگە قالغان. ئۇنىڭدىن ساھابەلەرمۇ پەتۋا سورايتتى.

129.   ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى ھەمزە ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلئەسەدىي ئەننەھۋىي ئەلكىسائىي (أَبُو الحَسَنِ عَلِيُّ بنُ حَمْزَةَ بنِ عَبْدِ اللهِ الأَسَدِيُّ الكُوْفِيُّ الكِسَائِيُّ، ھ. 119 – 189 / م. 737 – 805) — كۇفەلىك ئازادگەردە. كۇفە مەدرەسەسىدە ئەرەب تىلى گرامماتىكىسىغا ئاساس سالغۇچى تىلشۇناس، مەشھۇر «يەتتە قىرائەت ئالىمى»نىڭ بىرى. «كىتابۇن فىلقىرائات»، «مەسادىر»، «ئەلھۇرۇف» ۋە «مەئانىل قۇرئان» قاتارلىق قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفىدۇر.

130.   ئەلمۇئەييەد بىللاھ ئەبۇلھۈسەين ئەھمەد ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ھارۇن ئەلھارۇنىي ئەلھەسەنىي ئەززەيدىي (المؤَيَّدُ بِاللهِ أَحْمَدُ بْنُ الْحُسَيْنِ بْنِ هَارُونَ الأقطع الهَارونِيُّ الزَّيْدِيُّ، ھ. 333 – 411 / م. 945 – 1021) — ئەھلى بەيتكە مەنسۇپ. «زەيدىييە مەزھىبى» ئالىملىرىدىندۇر. «ئەلئەمالىي»، «ئەتتەجرىد» ۋە «سىياسەتۇل مۇرىيدىن» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

131.   ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب (عَلِيُّ بْنُ أَبِي طَالِبِ بنِ عَبْدِ الْمُطَّلِبِ، ھ. بۇرۇن 27 – ھ. 23 – ھ. 40 / م. 599 – 661) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاغىسى ۋە ھامىيسى ئەبۇ تالىبنىڭ ئوغلى شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى ھەزرىتى فاتىمە (ئۆ. م. 632) نىڭ كۈيۆسى. راشىد خەلىفەلەرنىڭ تۆتىنچىسى (656 – 661). ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇلجەم تەرىپىدىن كۇفە مەسجىدىدە يارىلاندۇرۇلۇپ، بىر كۈندىن كېيىن ۋاپات تاپقان.

132.   ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەلى ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلبارىقىي ئەلئەزدىي (عَلِيُّ بْنُ عَبْدِ اللَّهِ البارقي الْأَزْدِيّ، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) — چوڭ تابىئىنلاردىن. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئىبنى ئۆمەر قاتارلىق ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

133.   شەيخ ئەلى ئىبنى مۇستافا ئىبنى مۇھەممەد تانتاۋىي (عَلِيٌّ بْنُ مُصطَفى بْنِ مُحَمَّدٍ الطَّنطَاوِيُّ، ھ. 1327 – 1420 / م. 1909 – 1999) — «فەقىھلەرنىڭ ئەدىبى، ئەدىبلەرنىڭ فەقىھى» دەپ نام ئالغان سۈرىيەلىك فەقىھ، بۈيۈك ئەدىب ۋە قازى. 20 – ئەسىردىكى ئىسلام دەۋىتى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتى ساھەسىدە تونۇلغان، «ئىسلام دىنىنى ئومۇمىي تونۇشتۇرۇش (تعريف عام بدين الإسلام)»، «تارىختىن قىسسەلەر (قصص من التاريخ)»، «ئىسلاھات يولىدا (في سبيل الإصلاح)»، «تەنتاۋىي خاتىرىلىرى (ذكريات الشيخ علي الطنطاوي)» (8 توم)، «تارىختىن ھېكايەتلەر (حكايات من التاريخ)» (بالىلار ئەدەبىياتى، 7 قىسىم) ۋە «تارىختىكى مەشھۇر كىشىلەر (أعلام التاريخ)» (7 قىسىم) قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ماقالىلىرى، مىڭلىغان رادىئو – تېلېۋىزىيە نۇتۇقلىرى ۋە مەسجىد خۇتبىلىرى بار.

134.   ئەلى ئىبنى فۇزەيل ئىبنى ئىياز ئەتتەمىمىي (عَلِيُّ بنُ الفُضَيْلِ بنِ عِيَاضٍ التَّمِيْمِيُّ، ھ. ؟ – 186 / م. ؟ – 803) — ئابىد، زاھىد، ئىشەنچلىك مۇھەددىس.

135.   ئەبۇ ھۈسەين زەينۇل ئابىدىن ئەلى ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ئەلھاشىمىي (زَيْنُ العَابِدِيْنَ عَلِيُّ بنُ الحُسَيْنِ بنِ عَلِيِّ بنِ أَبِي طَالِبٍ الهَاشِمِيُّ، ھ. 38 – 95 / م. 659 – 714) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نەۋرىسى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى. كاتتا فەقىھ، پەزىلەتلىك تەقۋادار ئالىم، نۇرغۇن تابىئىنلەرگە ئىلىم ئۆگەتكەن، ئىبادەتگۇيلىقى ۋە كۆپ سەجدە قىلغانلىقى ئۈچۈن «زەينۇل ئابىدىن» ۋە «سەججاد» دەپ نام ئالغان. «ئەسسەھىفەتۇسسەججادىيە»، «رىسالەتۇلھۇقۇق» ناملىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان زاتتۇر.

136.   ئەبۇ ئەھمەد ئابدۇللاھ ئىبنى سالىھ ئىبنى مۇسلىم ئىبنى سالىھ ئەلئىجلىي (عَبْدُ اللّهِ بنُ صَالِحِ بنِ مُسْلِمِ بنِ صَالِحٍ العِجْلِيُّ، ھ. 141 – 211 / م. 759 – 827) — قىرائەتشۇناس، ھەدىسشۇناس، ئىبادەتگۇي ئالىم.

137.   ھەزرىتى ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەمر ئىبنى ئەلئاس ئىبنى ۋائىل ئەسسەھمىي ئەلقۇرەشىي (عَمْرُو بْنُ الْعَاصِ بْنِ وَائِلِ السَّهْمِي القُرَشِيُّ، ھ. بۇرۇن 50 – ھ. 43 / م. 573 – 674) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئالاھىدە رەھبەرلىك تالانتىغا ئىگە ساھابە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى قوشۇنلارغا قوماندان قىلىپ ئەۋەتكەن زات. پەلەستىن ۋە مىسىر زېمىنىنى فەتىھ قىلغان بۈيۈك ئىسلام قوماندانى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنى «ئەرەبلەرنىڭ ئەرتەبۇنى» دەپ سۈپەتلىگەن.

138.   ئەبۇ نۇجەيھ ئەمر ئىبنى ئەبەسە ئىبنى خالىد ئىبنى ھۇزەيفە ئەسسۇلەمىي (عَمْرُو بنُ عَبَسَةَ بنِ خَالِدِ بنِ حُذَيْفَةَ السُّلَمِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — دەسلەپتە مۇسۇلمان بولغان ساھابەلەردىن. ھەربىي قوماندان. «يەرمۇك ئۇرۇشى»دا قوماندان بولغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ۋە خەلىفە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە (م. 644 – 656) شامدا ۋاپات بولغان زات. — ت.

139.   ئەبۇ مۇھەممەد ئەمر ئىبنى دىنار ئەلجۇمەھىي ئەلمەككىي (عَمْرُو بنُ دِيْنَارٍ أَبُو مُحَمَّدٍ الجُمَحِيُّ الْمَكِّيُّ، ھ. 46 – 126 / م. 666 – 744) — كاتتا تابىئىن. زامانىدىكى مەككە مۇفتىسى ۋە ھەدىشسۇناس.

140.   تەقىييۇددىن ئەبۇ ئەمر ئىبنى سالاھ، ئوسمان ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئوسمان ئەششەھرەزۇرىي (عُثْمَان بنُ عَبْدِ الرَّحْمَنِ بنِ عُثْمَانَ، أَبُو عَمْرٍو بنِ الصَلَاحِ الشَّهْرَزُورِيُّ، ھ. 557 – 643 / م. 1161 – 1245) — مۇھەددىس ۋە شافىئىي فەقىھ، ئەسەرلىرى: «مۇقەددىمەتۇ ئىبنى سالاھ»، « پەتۋالار»، «تاباقاتۇلفۇقاهاﺋ» ۋە باشقىلار.

141.   ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەمر ئىبنى قەيس ئەلمۇلائىي ئەلكۇفىي (أَبُو عَبْدِ اللَّهِ عَمْرِو بْنِ قَيْسٍ الْمُلائِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 146 / م. ؟ – 763) — ئىبادەتگۇي، كۇفەلىك قىرائەتشۇناس ئالىم ۋە ئىشەنچلىك مۇھەددىس.

142.   ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەمر ئىبنى مۇررە ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى تارىق ئەلمۇرادىي (عَمْرُو بنُ مُرَّةَ بنِ عَبْدِ اللهِ الْمُرَادِيُّ، ھ. ؟ – 116 ياكى 118 / م. ؟ – 734 ياكى 736) — كۇفەلىك تابىئىن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

143.   ئەمر ئىبنى ھۇرەيس ئەلمىسرىي (عَمْرُو بنُ حُرَيْثٍ المِصْرِيُّ) — تابىئىن (ساھابە دېگەنلەرمۇ بار)، ھەدىسشۇناسلار نەزەرىدە ئىشەنچلىك راۋىي.

144.   ئەمر ئىبنى ئۇتبە ئىبنى فەرقەد ئەسسۇلەمىي (عَمْرُو بْنُ عُتْبَةَ بْنِ فَرْقَدٍ السُّلَمِيُّ) — ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، ئىبادەتگۇي، تەقۋادار، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە (ھ. 23 – 35 / م. 644 – 656 يىللار ئارىسى) ئىراندا شەھىد بولغان كاتتا تابىئىن.

145.   ئەبۇ ھەمزە ئەنەس ئىبنى مالىك ئىبنى نەزر ئىبنى زامزام ئەلئەنسارىي (أَنَسُ بنُ مَالِكِ بنِ النَّضْرِ بنِ ضَمْضَمٍ الأَنْصَارِيُّ، ھ. بۇرۇن 10 – ھ. 93 / م. 612 – 711) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ياشلىقىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ 10 يىل خىزمىتىنى قىلغان خىزمەتچىسى، ئەڭ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان (2286 ھەدىس) ساھابەلەردىن بىرى.

146.   ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەنبەل ئەششەيبانىي ئەلمەرۋەزىي (الإمَامُ أَحْمَدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ حَنْبَلٍ الشَّيْبَانِيُّ الْمَرْوَزِيُّ، ھ. 164 – 241 / م. 780 – 855) — باغدادتا ياشاپ ئۆتكەن بۈيۈك مۇھەددىس، فەقىھ. مەشھۇر «تۆت مەزھەب»نىڭ بىرى بولغان «ھەنبەلىي مەزھىبى»نىڭ ئىمامى. «ئەلمۇسنەد (المسند)» (چوڭ ھەجىملىك ھەدىسلەر توپلىمى)، «ئەززۇھد (الزهد)»، «ئەززۇھد («ئەنناسىخۇ ۋەلمەنسۇخۇ (الناسخ والمنسوخ)»، «ئەلمەسائىل (المسائل)» ۋە «ئەلئىلەل (العلل والرجال)» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

147.   ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەھمەد ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى كەسىر ئىبنى زەيد دەۋرەقىي (أَحْمَدُ بنُ إِبْرَاهِيْمَ بنِ كَثِيْرٍ الدَّوْرَقِيُّ العَبْدِيُّ، ھ. 168 – 246 / م. 784 – 860) — مۇھەددىس، ئابىد. ئىمام مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي قاتارلىق ئىماملار ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. بەزى ئەسەرلەرنى يازغان.

148.   شەيخ ئەھمەد شاكىر

149.   ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەھمەد شەۋقىي (أَحْمَدُ شَوقِي بنُ عَلِيٍّ بْنِ أَحْمَدَ شَوقِي، ھ. 1285 – 1351 / م. 1868 – 1932) — مىسىرلىق ئەدىب ۋە شائىر. يېقىنقى ئەسىرلەردىكى ئەرەب شېئىرىيىتىنى ياشارتقۇچى، ئەرەب شېئىرىي دراماچىلىقىنىڭ باشلامچىسى ۋە ئەرەب شائىرلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسى ھېسابلىنىدۇ. 1927 – يىلى ئەرەب شائىرلىرى ئۇنىڭغا «شائىرلارنىڭ ئەمىرى» دەپ بەيئەت قىلغان. شېئىرلىرىدا ۋەتەن ۋە ئىسلامنى كۈيلىگەچكە «ئىسلام شائىرى» دەپمۇ نام ئالغان. «شەۋقىييات» (شېئىرلار توپلىمى 6 توم)، «ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام بۈيۈكلىرى (دول العرب وعظماء الإسلام)» (1726 بېيىتلىك داستان) يەنە «كلىيوپاترانىڭ ئۆلۈمى»، «لەيلا – مەجنۇن»، «ئورمان قانۇنى» قاتارلىق شېئىرىي درامالارنى، «ئاخىرقى پىرئەۋن» ۋە «ھىندىستان قىزى» قاتارلىق رومانلارنى ۋە باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

150.   ئەبۇلھەسەن ئەھمەد ئىبنى ئەبۇلھەۋارىي ئابدۇللاھ ئىبنى مەيمۇن ئەسسەئلەبىي (أَحْمَدُ بنُ أَبِي الحَوَارِيِّ عَبْدِ اللهِ بنِ مَيْمُوْنٍ الثَّعْلَبِيُّ، ھ. 164 – 230 / م. 781 – 845) — تەسەۋۋۇف پېشۋالىرىدىن. مۇھەددىس، زاھىد، ئابىد زات. «رەيھانەتۇششام» (شام تۇتىياسى) دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە قاتارلىق ئىماملار ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

151.   ئەھمەد ئىبنى سەئلەبە ئەلئامىلىي (أَحْمَدُ بْنُ ثَعْلَبَةَ العَامِلِي، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) — تابىئىنلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئىبادەتگۇي، سالىھ كىشى.

152.   شىھابۇددىن ئەھمەد ئىبنى غۇنەيم (ياكى غانىم) ئىبنى سالىم ئىبنى مۇھاننا ئەننەفراۋىي (شِهابُ الدِّيْنِ أَحْمدُ بْنُ غُنَيْمٍ (أو غَانِمٍ) بن سَالِمٍ ابنُ مُهَنَّا النَّفْرَاوِيُّ الْأَزْهَرِيُّ الْمَالِكِيُّ، ھ. 1044 – 1126 / م. 1634 – 1714) — مىسىرلىق مالىكىي فەقىھ. مەشھۇر ئەسەرى «ئەلفەۋاكىھۇددەۋانىي (الفواكه الدواني على رسالة ابن أبي زيد القيرواني)»دۇر.

153.   ئەبۇ بەھر ئەھنەف زەھھاك ئىبنى قەيس ئەتتەمىمىي (الأَحْنَفُ الضَّحَّاكُ بنُ قَيْسِ بنِ مُعَاوِيَةَ بنِ حُصَيْنٍ التَّمِيْمِيُّ، ھ. بۇرۇن 3 – ھ. 72 / م. 619 – 691) — «تەمىم» قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى. لەقىمى ئەھنەف بولۇپ، ئەرەبلەردە ئاچچىقنى يېڭىشتە مەسەلگە ئايلانغان زات. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ياشىغان بولسىمۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرمىگەن، ساھابەلەرنى كۆرگەن كاتتا تابىئىن. ئىراق ۋە خۇراسان فەتھىگە قاتناشقان قوماندان زات. خۇراسانغا ۋالىي بولغان.

154.   ئەبۇ ئىياس ئەۋس ئىبنى ھۇزەيفە ئەسسەقەفىي (أَوْسُ بْنُ حُذَيْفَةَ الثَّقَفِيُّ، ھ. ؟ – 59 / م. ؟ – 678) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — سەقىف قەبىلىسىنىڭ ئۆمىكى قاتارىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا مەدىنەگە كەلگەن ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ساھابە زات.

155.   ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئەۋف ئىبنى مالىك ئىبنى ئەبى ئەۋف ئەلئەشجەئىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ عَوفُ بنُ مَالِك بن أَبي عَوْف الأَشْجَعِيّ، ھ.؟ – 73 / م.؟ – 693) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ھىجرىيە ئالتىنچى يىللاردا مۇسۇلمان بولۇپ، نۇرغۇن غازاتلارغا قاتناشقان مۇجاھىد، ساھابەلەر ئىچىدىكى مۇھەددىس ساھابە.

156.   ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەۋن ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇتبە ئىبنى مەسئۇد ئەلھۇزەلىي (عَوْنُ بنُ عَبْدِ اللهِ بنِ عُتْبَةَ بنِ مَسْعُوْدٍ الهُذَلِيُّ، ھ. ؟ – 119 / م. ؟ – 737) — ئىبادەتگۇي تابىئىنلەرنىڭ بىرى، مەدىنە فەقىھى ئۇبەيدۇللاھنىڭ قېرىندىشى. ئىبنى ئابباس، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر، ئائىشە، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

157.   ئەبۇبەكرى ئەييۇب ئىبنى كەيسان ئەسسىختىيانىي ئەلئەنزىي (أَيُّوْبُ بنُ كَيْسَانَ السِّخْتِيَانِيُّ العَنَزِيُّ، ھ. 66 – 131 / م. 685 – 748) — ئازادگەردە تابىئىن. كاتتا مۇھەددىس. نام – ئاتاقتىن قاچىدىغان، ئىبادەتگۇي، زاھىد، سۈننەتنى چىڭ تۇتىدىغان زات. سۇفيان سەۋرىي، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە، ئىمام مالىك ۋە نۇرغۇن ئالىملار ئۇ زاتتىن ئىلىم ئالغان.

158.   بايبارس I، تولۇق ئىسمى ئەلمەلىكۇززاھىر رۇكنۇددىن ئەبۇلفەتھ بايبارس ئىبنى ئابدۇللاھ ئەسسالىھىي ئەننەجمىي ئەتتۈركىي ئەلبۇندۇقدارىي (الملك الظاهر ركن الدين بيبرس البندقداري) — تېگى قىپچاقلاردىن بولۇپ، مىلادىيە 1233 – يىلى ئەتراپىدا قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدا تۇغۇلغان، تەخمىنەن 14 يېشىدا موڭغۇللار تەرىپىدىن ئەسر ئېلىنىپ، شامدا قۇل بازىرىدا ئەييۇبىي ئەمىرلىرىدىن ئايتېكىن ئەلبۇنداقدارىي تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستىدادى سېزىلىپ، ئەييۇبىي سۇلتانى ئەسسالىھ ئەييۇبىي تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، ئەسكەرىي بارىگاھقا ئەۋەتىلگەن، نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتنىشىپ خىزمەت كۆرسەتكەن ۋە تېزلا ئەمىرلىككە يۈكسەلگەن. مىلادىيە 1260 – يىلى 3 – سېنتەبىردىكى «ئەين جالۇت ئۇرۇشى»دىن غەلىبە بىلەن قايتىۋاتقان مىسىر بەھرىيە مەملۇك ھاكىمىيىتىنىڭ سۇلتانى سەيفىددىن قۇتۇزنى ئۆلتۈرۈپ، مىسىر تەختىگە ئولتۇرغان ۋە بايبارس نامى بىلەن مىسىر ۋە سۇرىيە تۇپراقلىرىدا ھۆكۈم سۈرگەن شىجائەتلىك سۇلتان. ئىلخانىي موڭغۇللىرى ۋە ئەھلى سەلىب بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلغان ۋە مىلادىيە 1277 – يىلى 1 – ئىيۇن كۈنى شامدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.

159.   ئەبۇ ئۇمارە بەراﺋ ئىبنى ئازىب ئەلئەنسارىي ئەلھارىسىي (البَرَاءُ بنُ عَازِبِ بنِ الحَارِثِ الأَنْصَارِيُّ الحَارِثِيُّ، ھ. بۇرۇن 22 – ھ. 71 / م. 600 – 690) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — نۇرغۇن غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. ئاتىسىمۇ ئەنسارىي ساھابە. كۇفەدە يەرلىشىپ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

160.   ئەبۇ مۇھەممەد ھۈسەين ئىبنى مەسئۇد ئىبنى مۇھەممەد ئەلفەرراﺋ ئەلبەغەۋىي (أَبُو مُحَمَّدٍ الحُسَيْن بن مَسْعُوْدِ بنِ مُحَمَّدٍ البَغَوِيُّ، ھ. 433 ياكى 436 – 516 / م. 1041 ياكى 1044 – 1122) — خۇراساننىڭ «بەغ» دېگەن يېرىدىن. رۇكنۇددىن، مۇهيىسسۈننە ناملىرىغا لايىق بولغان كاتتا مۇھەددىس، شافىئىي فەقىھ. «مەسابىيھۇسسۈننە (مصابيح السنة)»، «شەرھۇسسۈننە (شرح السنة)»، «ئەتتەھزىب في فىقھىل ئىمام ئەششافىئىي (التهذيب في فقه الإمام الشافعي)»، «تەفسىرۇ بەغەۋىي» نامى بىلەن مەشھۇر «مەئالىمۇتتەنزىل (معالم التنزيل)» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

161.   ئەبۇبەكرى ئەھمەد ئىبنى ئەمر ئىبنى ئابدۇلخالىق ئەلبەسرىي ئەلبەززار (أَبُو بَكْرٍ أَحْمَدُ بنُ عَمْرٍو بنِ عَبْدِ الخَالِقِ البَصْرِيُّ البَزَّارُ، ھ. 210 – 292 / م. 826 – 905) — كاتتا مۇھەددىس ئىمام. «مۇسنەدۇ بەززار» دەپ تونۇلغان چوڭ ھەجىملىك ھەدىس توپلىمى «ئەلبەھرۇززەخخار»نىڭ مۇئەللىفى.

162.   ئەبۇننۇئمان بەشىر ئىبنى سەئد ئىبنى سەئلەبە ئەلئەنسارىي (بَشِيرُ بْنُ سَعْدِ بْنِ ثَعْلَبَةَ الْأَنْصَارِيُّ، ھ. ؟ – 12 / م. ؟ – 633) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئىككىنچى «ئەقەبە بەيئەتى»گە، «بەدر غازىتى» ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى قوشۇنلارغا قوماندان قىلىپ ئەۋەتكەن. «ئىراق فەتھى»دە شەھىد بولغان زات.

163.   ئەبۇ بەكرە بەككار ئىبنى قۇتەيبە ئىبنى ئەسەد ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى بەشىر ئەسسەقەفىي ئەلبەكراۋىي (بَكَّارُ بنُ قُتَيْبَةَ بنِ أَسَدِ بنِ عُبَيْدِ اللهِ بنِ بَشِيْرٍ الثَّقَفِيُّ البَكْرَاوِي، ھ. 182 – 270 / م. 798 – 884) — ئەللامەئى زامان دەپ تونۇلغان فىقھشۇناس ۋە مۇھەددىس. سالىھ ۋە زاھىد زات. ئىمام تاھاۋىينىڭ ئۇستازى. ئابباسىي خەلىفە مۇتەۋەككىل تەرىپىدىن مىسىرغا قازى قىلىنىپ 24 يىل بولغاندا، ئەھمەد ئىبنى تولۇننىڭ تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى قاماپ قويغان ۋە زىنداندا ۋاپات بولغان. «ئەلۋەسائىقۇ ۋەلئۇھۇد»، «شافىئىيغا رەددىيە»، «ئەلمەھازىر ۋەسسىجىللات» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

164.   ئەبۇبەكرى بەككار ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى سىرىن ئەلبەسرىي ئەسسىيرىينىي (بَكَّارُ بْنُ مُحَمَّدِ بْنِ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ مُحَمَّدِ بْنِ سِيرِينَ البَصْرِيُّ السِّيْرِيْنِيُّ، ھ. 130 – 224 / م. 748 – 839) — سۇفيان سەۋرى، ئىبنى ئەۋن، ئەبباد ئىبنى راشىد قاتارلىقلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

165.   ئەبۇ ئابدۇلمەلىك بەھز ئىبنى ھەكىم ئىبنى مۇئاۋىيە ئىبنى ھەيدە ئەلقۇشەيرىي ئەلبەسرىي (بَهْزُ بنُ حَكِيْمِ بنِ مُعَاوِيَةَ بن حَيْدَةَ القُشَيْرِيُّ البَصْرِيُّ، ھ. ؟ – 150 / م. ؟ – 767 – يىلدىن بۇرۇن) — ھەدىس راۋىيلىرىدىن بىرى. ئاتىسى ھەكىم تابىئىن. بوۋىسى مۇئاۋىيە ھەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ساھابەلەردىندۇر.

166.   ئىمام ئەبۇبەكرى ئەھمەد ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇسا ئەلخۇسرەۋجىردىي ئەلخۇراسانىي ئەلبەيھەقىي (أَبُو بَكْرٍ أَحْمَدُ بنُ الحُسَيْنِ بنِ عَلِيِّ بنِ مُوْسَى الخُسْرَوْجِرديُّ الخُرَاسَانِيُّ البَيْهَقِيُّ، ھ. 384 – 458 / م. 994 – 1066) — كاتتا مۇھەددىس، شافىئىي فەقىھ. ئەسەرلىرى: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا (السنن الكبرى)»، «شۇئەبۇل ئىمان (شعب الايمان)»، «مەئرىفەتۇسسۈنەن (معرفة السنن والآثار)»، «ئەلمەبسۇت (المبسوط في نصوص الشافعي)»، «ئەلبەئسۇ ۋەننۇشۇر (البعث والنشور)»، «مەناقىبۇششافىئىي (مناقب الشافعي المطلبي)»، «ئەلخىلافىييات (الخلافيات)» ۋە باشقىلار.

167.   ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ئەلمۇغىرە ئىبنى بەردەزبە ئەلجۇئفىي ئەلبۇخارىي (الإمَامُ أَبُو عَبْد اللَّهِ مُحَمَّدُ بْنُ إِسْمَاعِيلَ بْنِ إِبْرَاهِيمَ بْنِ الْمُغِيرَةِ بْنِ بَرْدِزْبَهْ الجُعْفِي البُخَارِيُّ، ھ. 194 – 256 / م. 810 – 870) — ئەڭ مەشھۇر ھەدىس ئالىمى. ھەدىس ئىلمىدە «ھەدىس ئىللەتلىرىنىڭ دوختۇرى»، «ئەمىرۇلمۇئمىنىن» دەپ نام ئالغان مۇھەددىسلەر سەردارى. «سەھىھۇلبۇخارىي» نامى بىلەن مەشھۇر، ئەڭ ئىشەنچلىك سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى «ئەلجامىئۇسسەھىھ ((صَحِيحُ الْبُخَارِيِّ/ الْجَامِعُ الْمُسْنَدُ الصَّحِيْحُ الْمُخْتَصَرُ مِنْ أُمُوْرِ رَسُوْلِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَسُنَنِهِ وَأَيَّامِهِ)»نىڭ مۇئەللىفى. ئۇندىن باشقا «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد (جُزْءٌ فِي الأَدَبِ – الْأَدَبُ الْمُفْرَدُ)»، «ئەتتارىخۇل كەبىر (التاريخ الكبير)»، «ئەتتارىخۇسسەغىر (التاريخ الصغير)»، «ئەتتارىخۇل ئەۋسەت (التاريخ الأوسط)»، «خەلقۇ ئەفئالىل ئىباد (خلق أفعال العباد)» ۋە «ئەززۇئەفاﺋ (الضعفاء)» قاتارلىق قىممەتلىك كىتابلارنى قالدۇرغان. سەمەرقەندتە روزا ھېيت كېچىسى ھىجرىيە ھېسابىدا 62 يېشىدا ۋاپات تاپقان.

168.   ئەبۇ ئابدۇللاھ بۇرەيدە ئىبنى ئەلھۇسايب ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلئـەسلەمىي (بُرَيْدَةُ بْنُ الْحُصَيْبِ بْنِ عَبْدِ اللَّهِ الأَسْلَمِيُّ، ھ. بۇرۇن ؟ – 62 / م. ؟ – 682) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھىجرەت قىلىۋاتقاندا مۇسۇلمان بولغان ساھابە. ھۇدەيبىييەدىكى «رىزۋان بەيئەتى»گە ۋە كېيىنكى غازاتلارغا قاتناشقان، خۇراسانغا جىھادقا ئاتلىنىپ بۈگۈنكى تۈركمەنىستاندا ۋاپات تاپقان زات. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن 150 ئەتراپىدا ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

169.   ئىمام شىھابۇددىن ئەبۇلئابباس ئەھمەد ئىبنى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئىسمائىل ئەلبۇسايرىي ئەلكەنانىي ئەششافىئىي (الإمَامُ شِهَابُ الدِّيْنِ أَحْمَدُ بنُ أَبِي بَكْرِ بنِ إِسْمَاعِيلَ البُوصَيرِيُّ، ھ. 762 – 840 / م. 1360 – 1436) — ھەدىس ئىلىملىرىدە يېتىشكەن مىسىرلىق ئالىم، «مىسباھۇززۇجاجە» ۋە «ئىتھافۇل مەھەرە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

170.   شەرەفۇددىن مۇھەممەد ئىبنى سەئىد ئىبنى ھەمماد ئەسسىنھاجىي ئەلبۇسايرىي (شرف الدِّيْنِ محمد بن سعيد بن حماد الصنهاجي البوصيري، ھ. 608 – 695 / م. 1213 – 1295) — مىسىرلىق مۇھەددىس، مۇتەسەۋۋىف شائىر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مەدھىيەلىگەن ئەڭ داڭلىق شائىر، ھەدىس ئىلىملىرىدە يېتىشكەن مىسىرلىق ئالىم. «مەجمەئۇززەۋائىد» «مەۋارىدۇززەمئان» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

171.   بۇسر ئىبنى سەئىد ئەلھەزرەمىي ئەلمەدەنىي (بُسْرُ بنُ سَعِيْدٍ مولَى ابْن الْحَضْرَمِيّ الْمَدَنِيُّ، ھ. ؟ – 100 / م. ؟ – 719) — ئازادگەردە. تابىئىن. ئىشەنچلىك ھەدىس راۋىيسى ۋە ئىبادەتگۇي زات.

172.   ئەبۇ مۇھەممەد بىشر ئىبنى مەنسۇر ئەلئەزدىي ئەسسەلىمىي ئەلبەسرىي (بِشْرُ بنُ مَنْصُوْرٍ أَبُو مُحَمَّدٍ الأَزْدِيُّ السَّلِيْمِيُّ البَصْرِيُّ، ھ. ؟ – 180 / م. ؟ – 796) — رەببانىي ئىمام. ئىبادەتگۇي، زاھىد، مۇھەددىس زات. ئەلى ئىبنى ئەلمەدەنىي قاتارلىقلار ئاللاھتىن قورقۇش ۋە كۆڭۈل بايلىقىدا ئۇنىڭدەك بىر زاتنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتقان.

173.   ئەبۇ ئابدۇللاھ بىلال ئىبنى رەباھ ئەلھەبەشىي (بِلالُ بْنُ رَبَاحٍ الحَبَشِيُّ، ھ. ؟ – 20 / م. ؟ – 641) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — دەسلەپتە مۇسۇلمان بولغان قارا تەنلىك قۇل ساھابەلەردىن. ئىسلامغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن، خوجايىنلىرى ئۇنى قاتتىق قىينىغان. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنى سېتىۋېلىپ ئازاد قىلىۋەتكەن. «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇئەززىنى»، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن جىمى غازاتلارغا قاتناشقان زات.

174.   تارسۇسلۇق پاۋلۇس ياكى پاۋىل (Paulos، م. 5 – 67) — چېركاۋ سىستېمىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرىدۇر. «يېڭى ئەھد»تە «پاۋلۇسنىڭ مەكتۇبلىرى» سۈپىتىدە 14 مەكتۇپ بار بولۇپ، پۈتۈن خرىستىيان ئالەمىگە خىتاب قىلسىمۇ، مەكتۇبلار ئومۇمىي خەلققە ئەمەس، ئوخشىمىغان توپلۇقلارغا، مەۋجۇد ھادىسىلەر ھەققىدە يېزىلغان.

175.   ئىمام ئەبۇ جەئفەر ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى سالامە ئەلئەزدىي ئەتتاھاۋىي ئەلمىسرىي (الإمَامُ أَبُو جَعْفَر أَحْمَدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ سَلاَمَةَ الطَّحَاوِيُّ المِصْرِيُّ، ھ. 239 – 321 / م. 853 – 933) — مەشھۇر مۇھەددىس ۋە فەقىھ، ئۆز زامانىدىكى ھەنەفىي مەزھەب پېشۋالىرىدىن بىرى. مەشھۇر «ئەقىدە تاھاۋىييە (بيان عقيدة أهل السنة والجماعة / ھەنەفىي مەزھەب ئىماملىرىنىڭ ئېتىقادى بويىچە ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئەقىدىسىنىڭ بايانى)» نىڭ ۋە «شەرھۇ مەئانىل ئاسار (شرح معاني الآثار)»(5 توم)، «شەرھۇ مۇشكىلىل ئاسار (شرح مشكل الآثار)» (15 توم)، «ئىختىلافۇل ئۆلەماﺋ (ختلاف العلماء)»، «ئەلمۇختەسەر (المختصر)»، «ئەھكامۇل قۇرئان (أحكام القرآن)» قاتارلىق ھەدىس ۋە فىقھ كىتابلىرىنىڭ مۇئەللىفى.

176.   ئەبۇ ئابدۇرراھمان تاۋۇس (ياكى زەكۋان) ئىبنى كەيسان ئەلفارسىي ئەلخەۋلانىي ئەلھەمەدانىي ئەليەمانىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ طَاوُوْسُ بنُ كَيْسَانَ الفَارِسِيُّ الْخَولَانِيُّ الْهَمدَانِي الْيَمَانِىُّ، ھ. 33 – 106 / م. 653 – 725) — زاھىدلىقى ۋە ئىلمى بىلەن تونۇلغان كاتتا تابىئىن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ شاگىرتى.

177.   ئىمام شىھابۇددىن ئەبۇلقاسىم سۇلايمان ئىبنى ئەھمەد ئەتتەبەرانىي (الإمَامُ شِهَابُ الدِّيْنِ أَبُو القَاسِمِ سُلَيْمَانُ بنُ أَحْمَدَ الطَّبَرَانِيُّ، ھ. 260 – 360 / م. 821 – 918) — ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس. «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر (المعجم الكبير)»، «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت (المعجم الأوسط)»، «ئەلمۇئجەمۇسسەغىر (المعجم الصغير)»، «ئەلئەۋائىل (الأوائل)» ۋە «مۇسنەدۇششامىييىن (مسند الشاميين)» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

178.   ئىمام ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبنى جەرىر ئىبنى يەزىد ئەتتەبەرىي (الإمَامُ مُحَمَّدُ بنُ جَرِيْرِ بنِ يَزِيْدَ الطَّبَرِيُّ، ھ. 224 – 310 / م. 839 – 923) — فەقىھ، مۇھەددىس، تارىخشۇناس، مۇجتەھىد ۋە كاتتا مۇفەسسىر. داڭلىق ئەسەرلىرى: 30 تومدا «جامىئۇل بايان (تەفسىرۇ تەبەرىي)»، 11 تومدا «ئەخبارۇررۇسۇل ۋەلمۇلۇك (تارىخۇ تەبەرىي)»، «ئىختىلافۇل فۇقاھاﺋ (اختلاف الفقهاء)»، «تەھزىبۇل ئاسار (تهذيب الآثار)» ۋە باشقىلار.

179.   ئەبۇ تالھە، تالھە ئىبنى مۇسەررىف ئەليامىي ئەلكۇفىي (طَلْحَةُ بنُ مُصَرِّفِ بنِ عَمْرٍو اليَامِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 112 / م. ؟ – 730) — تابىئىن، قارىي، مۇھەددىس. ئالىملار ماختىغان پەزىلەتلىك زات.

180.   ئەبۇ مۇھەممەد تالھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئوسمان ئەتتەيمىي (طَلْحَةُ بنُ عُبَيْدِ اللهِ بنِ عُثْمَانَ التَّيْمِيُّ، ھ. بۇرۇن 29 – ھ. 36 / م. 594 – 656) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «ئەشەرەئى مۇبەششەرە (جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە)»نىڭ بىرى. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىلا مۇسۇلمان بولغان ۋە نۇرغۇن غازاتلارغا قاتناشقان كاتتا زات. ھىجرىيە 36 – يىلى «تۆگە ئۇرۇشى»دا ئوق تېگىپ ئالەمدىن ئۆتكەن.

181.   تالق ئبىنى ھەبىب ئەلئەنەزىي (طَلْقُ بنُ حَبِيْبٍ العَنَزِيُّ، ۋاپاتى ھ. 100 / م. 719 – يىلدىن بۇرۇن) — تابىئىن. بەسرەلىك مۇھەددىس ۋە زاھىد.

182.   ئەبۇ رۇقەييە تەمىم ئىبنى ئەۋس ئىبنى خارىجە ئەددارىي ئەلفىلەستىينىي (تَمِيْمٌ بنُ أَوْسِ بنِ خَارِجَةَ الدَّارِيُّ الفِلَسْطِيْنِيّ، ھ. ؟ – 40 / م. ؟ – 660) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ھىجرىيە 9 – يىلى مۇسۇلمان بولغان ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. خەلىفەلەر دەۋرىدىمۇ غازاتلارغا قاتناشقان، قارىي، ئابىد، مەشھۇر ساھابەلەرنىڭ بىرىدۇر.

183.   ئىمام ئەبۇ ئىيسا مۇھەممەد ئىبنى ئىيسا ئىبنى سەۋرە ئىبنى مۇسا ئەتتىرمىزىي (الإمَامُ أَبُو عِيسَى مُحَمَّدُ بنُ عِيسَى بن سَوْرة بنِ مُوْسَى التِّرْمِذِيّ، ھ. 209 – 279 / م. 824 – 892) — ئاتاقلىق ھەدىس ئىماملىرىدىن. بۈگۈنكى ئۆزبېكىستاننىڭ تىرمىز شەھرىدە تۇغۇلغان. «كۇتۇبۇ سىتتە (ئالتە كىتاب)»نىڭ بىرى بولغان «ئەلجامىئۇل كەبىر (الجامع الكبير)»نى توپلىغان. يەنە «ئەششەمائىلۇلمۇھەممەدىييە (الشمائل المحمدية)» ۋە «ئەلئىلەل (العلل)» قاتارلىق ھەدىس كىتابلىرىنىڭ مۇئەللىفى.

184.   ئەبۇلمۇنزىر جەبەلە ئىبنى ئەيھەم ئىبنى جەبەلە ئەلغەسسانىي (جَبَلَةُ بنُ الأَيْهَمِ الغَسَّانِيُّ أَبُو الْمُنْذِرِ، ۋاپاتى ھ. 53 / م. 673) — جەفنە جەمەتىدىن بولۇپ، شام غەسسانىيلەر ئەمىرلىكىنىڭ ئاخىرقى ئەمىرى ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ تاۋاپ ئەسناسىدا بىر پېقىر كىشىنى ئۇرۇپ قويغان، ھەزرىتى ئۆمەر دەۋاچىنى رازى قىلمىغان تەقدىردە، ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىنىشقا ھۆكۈم پىچقاندا، ئاچچىقىدا ئۇرۇش قوزغىغىلى تاس قالغان ۋە ئاخىرى رىمغا كېتىپ خرىستىيان بولۇپ كەتكەن دېگەن رىۋايەتكە ئاساسلانغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، جەبەلەنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك رىۋايەتلەر بولسىمۇ، ئەڭ كۈچلۈك قاراشتا ئۇ مۇسۇلمان بولمىغان. «يەرمۇك ئۇرۇشى»دىن كېيىن مەزكۇر مەغلۇپ غەسسانىي ئەمىرگە يا مۇسۇلمان بولۇپ زاكات تۆلەش، يا ئۆز دىنىدا قېلىپ جىزيە تۆلەش ۋەيا يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىش تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ زاكات بېرىشنى، لېكىن ئۆز دىنىدا قېلىۋېرىشنى تاللىغان. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇ ھالدا جىزيە تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ جىزيە تۆلەشنى نومۇس بىلىپ، 30 مىڭ ئادىمى بىلەن ۋىزانتىيەگە ئۆتۈپ كەتكەن. ھەزرىتى ئۆمەر بۇنىڭدىن سەل ئەپسۇسلانغان ۋە ھ. 21 / م. 642 – يىلى ئەتراپىدا ھەزرىتى ئۆمەر ۋىزانتىيەگە قوشۇن ئەۋەتكەندە، قوماندان ئۇمەير ئىبنى سەئد ئەلئەنسارىيغا جەبەلەنىڭ دوستلۇقىنى قازىنىشنى، ئۇنى قايتىشقا ۋە خاھلىسا ئۆز دىنىدا قېلىپ زاكات بېرىشكە ئۈندەشنى تاپىلىغان. ئەمما، جەبەلە بۇ دەۋەتنى قوبۇل قىلماي ۋىزانتىيە زېمىنىدا ئۆلگەن.

185.   جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئىبنى ئەمر ئىبنى ھـەرام ئەسسەلىمىي ئەلئـەنسارىي (جَابِرُ بنُ عَبْدِ اللهِ بنِ عَمْرِو بنِ حَرَامٍ السَّلِمِيُّ الْأَنْصَارِيُّ، ھ. بۇرۇن 16 – ھ. 78 / م. 607 – 697) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «ئەقەبە بەيئەتى»گە ئاتىسى بىلەن قاتناشقان، كېيىن «رىزۋان بەيئەتى»گە ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن 15 غازاتقا قاتناشقان كاتتا ساھابە. ئەڭ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان (1٫540 ھەدىس) ئالىم زاتلاردىن.

186.   ئەبۇ ئەييۇب جارىيە ئىبنى قۇدامە ئىبنى زۇھەير ئەسسەئدىي ئەتتەمىمىي (جَارِيَةُ بْنُ قُدَامَةَ السَّعْدِيُّ التَّمِيمِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيە زامانىدا (ھ. 60 – 64 / م. 680 – 683) ۋاپات تاپقان. ساھابە ئىكەنلىكىدە قاراش ئوخشاش ئەمەس. لېكىن، ھافىز ئىبنى ھەجەر «ئەلئىسابە»دە ساھابە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. خەلىفە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قوماندانى.

187.   ئەبۇ ئابدۇللاھ جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى جابىر ئەلبەجەلىي (جَرِيْرُ بنُ عَبْدِ اللهِ بنِ جَابِرٍ البَجَلِيُّ، ھ. ؟ – 51 / م. ؟ – 671) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — يەمەندىن مەدىنەگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن ساھابە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا بەزى ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرغان ۋە ئۇنى ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن. «قادىسىييە ئۇرۇشى» ۋە «ئىراق فەتھى»دە زور تۆھپىلەرنى قوشقان باھادىر قوماندان.

188.   دوكتور جەمىل سالىبا (جميل صليبا، م. 1902 – 1976) — سۈرىيەلىك يازغۇچى ۋە پەيلاسوپ. سوربوندىن «ئىبنى سىنا نەزەرىدىكى مىتافىزىكا ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق تېمىسى بىلەن دوكتورلۇق ئالغان. پەلسەپىگە ئائىت ئەسەرلەرنى يازغان، تەرجىمە قىلغان ۋە نەشىرگە تەييارلىغان. غەززالىينىڭ «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقۇزغۇچى)»نىمۇ نەشىرگە تەييارلىغان.

189.   ئەبۇ ئابدۇللاھ جەئفەر سادىق ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (جَعْفَرُ الصَّادِقُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ عَلِيِّ بنِ أَبِي طَالِبٍ، ھ. 80 – 148 / م. 699 – 765) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم — كاتتا ئالىم. يالغان سۆز قىلىپ باقمىغاچقا، «جەئفەر سادىق» دەپ تونۇلغان زات. شىئەلەرنىڭ ئېتىقادىدا 6 – ئىمام دەپ قارالغان بۇ زات «نەقشىبەندىي تەرىقىتى»دىكىلەرنىڭمۇ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە سازاۋەردۇر.

190.   ئەبۇ سۇلايمان جەئفەر ئىبنى سۇلايمان ئەززۇبەئىي ئەلبەسرىي (أَبُو سُلَيْمَانَ جَعْفَرُ بنُ سُلَيْمَانَ الضُّبَعِيُّ البَصْرِيُّ، ھ. ؟ – 178 / م. ؟ – 794) — بەسرەلىك ئازادگەردە. زاھىد، شىئە مەزھىبىگە مايىل مۇھەددىس. كۆپچىلىك ئالىملار «رىۋايىتى ئىشەنچلىك» دەپ قارايدۇ.

191.   ئەبۇ مۇھەممەد جۇبەير ئىبنى مۇتئىم ئىبنى ئەدى ئەلقۇرەشىي (جُبَيْرِ بنُ مُطْعِمِ بنِ عَدِيٍّ القُرَشِيُّ، ۋاپاتى ھ. 59 / م. 679) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ساھابە. قۇرەيشنىڭ نەسەبشۇناس ساھابە. قۇرەيشنىڭ ئېسىل زاتلىرىدىن. مەككە فەتىھ قىلىنغاندا مۇسۇلمان بولغان ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

192.   ئەبۇلقاسىم جۇنەيد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەلجۇنەيد ئەننەھاۋەندىي ئەلباغدادىي (أَبُو القَاسِمِ الجُنَيْدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ الجُنَيْدِ النَّهَاوَنْدِيُّ البَغْدَادِيُّ، ھ. 215 – 298 / م. 830 – 910) — زامانىدىكى «قۇرئان» ۋە ھەدىسنى تۇتقان تەسەۋۋۇف پېشۋاسى زات. مۇھەددىس. فىقھىدا ئىمام ئەبۇ سەۋرنىڭ شاگىرتى. ئىلىم، ئىبادەت ۋە زاھىدلىقى بىلەن تونۇلغان، تەسەۋۋۇفنى «قۇرئان» ۋە ھەدىسكە بويسۇندۇرۇشنى، جەمئىيەتكە ئارىلىشىپ پائال بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئالىم. قالدۇرغان رىسالىلىرى 30 دىن كۆپ بولۇپ، «جۇنەيد رىسالىلىرى ۋە ھېكمەتلىك سۆزلىرى» دېگەن نامدا نەشر قىلىنغان.

193.   ئەبۇلمەئالىي ئابدۇلمەلىك ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى يۈسۈف ئەلجۇۋەينىي ئەننىشاپۇرىي (إِمَامُ الحَرَمَيْنِ أَبُو الْمَعَالِى عَبْدُ المَلِكِ بنُ عَبْدِ اللهِ بنِ يُوْسُفَ الجُوَيْنِيُّ النَّيْسَابُوْرِيُّ، ھ. 419 – 478 / م. 1028 – 1085) — «ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى» دەپ تونۇلغان شافىئىي فەقىھ، كالامشۇناس، ئۇسۇلۇل فىقھشۇناس، تالانتلىق بۈيۈك ئالىم. ئىمام غەززالىي، ئىمام قۇشەيرىيلەرنىڭ ئۇستازى. ھىجرىيە 5 – ئەسىرنىڭ مۇجەددىدى دەپ تەرىپلەنگەن زات. «غىياسۇل ئۇمەمى فىلتىياسىل زۇلەم (غياث الأمم في التياث الظلم)»، «ئەششامىلۇ فى ئۇسۇلىددىن (الشامل في أصول الدين)»، «نىھايەتۇل مەتلەب (نهاية المطلب)»، «ئەلبۇرھان فى ئۇسۇلىلفقھ (البرهان في أصول الفقه)» قاتارلىق بىباھا ئەسەرلىرى كۆپ.

194.   ئەبۇ ئىمران خالىد ئىبنى ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە ئەلمەخزۇمىي (خَالِدُ بنُ الوَلِيْدِ بنِ الْمُغِيرَةِ الْمَخْزُومِيُّ، ھ. بۇرۇن 30 – ھ. 21 / م. 593 – 642) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئىسلامنىڭ تالانتلىق مەشھۇر ھەربىي قوماندانى ۋە غازىي چەۋەندازى. ئىراق ۋە شامنىڭ فاتىھى. مەككە فەتىھ قىلىنىشتىن ئالتە ئاي بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا «ئاللاھنىڭ قىلىچى (سەيفۇللاھ)» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن. خەلىفە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خالىدنى مۇرتەدلەرگە قارشى ئۇرۇشقا، ئۇندىن كېيىن رىملىقلارغا ۋە پارسلارغا قارشى ئۇرۇشلارغا قوماندان قىلغان.

195.   ئەبۇ ئابدۇللاھ خەبباب ئىبنى ئەرەت ئىبنى جەندەلە ئىبنى سەئد ئەتتەمىمىي (خَبَّابُ بنُ الأَرَتِّ بنِ جَنْدَلَةَ بنِ سَعْدٍ التَّمِيْمِيُّ، ھ. بۇرۇن 36 – ھ. 37 / م. 585 – 658) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — تۇنجى بولۇپ مۇسۇلمان بولغان ئالتە كىشىدىن بىرى. مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئېغىر سىناقلارغا دۇچار بولغان سەۋرچان، «بەدر غازىتى» ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان مۇجاھىد، رەسۇلۇللاھتىن ۋە ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

196.   ئىمام ھەمد ئىبنى مۇھەممەد ئەلخەتتابىي ئەلبۇستىي (الإمام أَبُو سُلَيْمَان َ حمْدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ إِبْرَاهِيْمَ الخَطَّابِيُّ البُسْتِيُّ، ھ. 319 – 388 / م. 931 – 998) — ئافغانىستاندا تۇغۇلغان كاتتا فەقىھ، مۇھەددىس ۋە لۇغەتشۇناس. «مەئالىمۇسسۈنەن (معالم السنن)» (سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد شەرھى)، «ئەئلامۇسسۈنەن (أعلام السنن في شرح صحيح البخاري)» (سەھىھۇلبۇخارىي شەرھى)، «ئىسلاھۇ خاتائىل مۇھەددىسىن (إصلاح غلط المحدثين)»، «غەرىبۇل ھەدىس (غريب الحديث)» ۋە «شەرھۇ ئەسمائۇللاھىل ھۇسنا (شرح أسماء الله الحسنى)» قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى بار.

197.   ئەبۇبەكرى خەتىب ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى سابىت ئەلباغدادىي (أَبُو بَكْرٍ أَحْمَدُ بنُ عَلِيِّ بنِ ثَابِتٍ الخَطِيْبُ البَغْدَادِيُّ، ھ. 392 – 1002 / م. 463 – 1071) — «خەتىب باغدادىي» دەپ مەشھۇر. زامانىدىكى مەشھۇر مۇھەددىس، تارىخشۇناس. مەشھۇر ئەسەرى «باغداد تارىخى (تاريخ بغداد)» (14 توم) بولۇپ، «ئەلكىفايەتۇ فى ئىلمىررىۋايەتى (الكفاية في علم الرواية)»، «ئەلفەقىھۇ ۋەلمۇتەفەققىھۇ (الفقيه والمتفقه)»، «ئەلجامىئۇ لىئەلاقىرراۋىي ۋەئادابۇسسامىئى (الجامع لأخلاق الراوي وآداب السامع)»، «ئەھلى ھەدىسلەرنىڭ شەرەفى (شرف أصحاب الحديث)» ۋە «ئەلمۇتتەفىقۇ ۋەلمۇتەرىقۇ (المتفق والمفترق)» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلىرى بار.

198.   ھەزرىتى خەدىجە بىنتى خۇۋەيلىد ئىبنى ئەسەد ئەلقۇرەشىييە (أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ خَدِيجَةُ بِنْتُ خُوَيْلِدِ بنِ أَسَدٍ القُرَشِيَّةُ، ھ. بۇرۇن 68 – ھ. بۇرۇن 3 / م. 555 – 620) رەزىيەللاھۇ ئەنھا — «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇنجى رەپىقىسى. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ غەمگۈزارى ۋە يۆلەنچۈكى بولغان دانا، ئېسىل زات. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قاسىم، ئابدۇللاھ، زەينەب، رۇقىيە، ئۇممۇ كۇلسۇم ۋە فاتىمە قاتارلىق پەرزەنتلىرىنىڭ ئانىسى.

199.   ئەبۇ مۇھەممەد خەلەف ئىبنى ھىشام ئىبنى سەئلەب ئەلباغدادىي ئەلبەززار (خَلَفُ بنُ هِشَامِ بنِ ثَعْلَبٍ البَغْدَادِيُّ البَزَّارُ، ھ. 150 – 229 / م. 767 – 844) — مەشھۇر ئون قارىينىڭ بىرى ۋە كۇفەنىڭ قىرائەت پېشۋاسى. ھەدىسشۇناس ۋە زاھىد ئالىم.

200.   خەلىفە ئەبۇ ھەفس ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىبنى مەرۋان ئىبنى ئەلھەكەم ئەلئۇمەۋىي ئەلقۇرەشىي (عُمَرُ بنُ عَبْدِ العَزِيْزِ بنِ مَرْوَانَ الأُمَوِيُّ القُرَشِيُّ، ھ. 61 – 101 / م. 681 – 720) — تابىئىن. «ئۇمەۋىيلەر»نىڭ 8 – خەلىفەسى (ھ. 99 – 101 / م. 717 – 720). خەلىفە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئوغلى ئاسىمنىڭ قىزى لەيلانىڭ ئوغلىدۇر. ئادالەتنى تىكلەپ، شۇرانى بەرپا قىلغان، ئىلىم – مەرىپەت يېيىشقا، ھەدىسلەرنى توپلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن زات. 2 يىل 5 ئايغا يېقىن خەلىفەلىك دەۋرىدە ئىسلامغا قىلغان خىزمىتى ۋە تۇتقان ئادالەتلىك ھاكىمىيەت يولى بىلەن «راشىد خەلىفەلەرنىڭ بەشىنچىسى» دەپمۇ تەرىپلىنىدۇ. زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە رىۋايەتلەر بار.

201.   ئۇممۇ ئەمر خەنساﺋ تۇمازىر (الخنساء تماضر بنت عمرو السلمية، ھ. بۇرۇن 46 – ھ. 24 / م. 575 – 645) — ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر شائىرەلىرىدىن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئۇچرىشىپ مۇسۇلمان بولغان. قېرىندىشى سەخرگە ئوقۇغان مەرسىيەلىرى بىلەن تونۇلغان.

202.   خەيسەمە ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى يەزىد ئىبنى مالىك ئەلجۇئفىي ئەلكۇفىي (خَيْثَمَةُ بنُ عَبْدِ الرَّحْمَنِ بْنِ يَزِيْدَ بنِ مَالِكٍ الجُعْفِيُّ الكُوْفِيّ، ھ. ؟ – 81 / م. ؟ – 700) — مەدىنەدە تۇغۇلۇپ، كۇفەدە ۋاپات بولغان تابىئىن. ئاتىسىمۇ، بوۋىسىمۇ ساھابە. ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، غازاتلارغا قاتناشقان، سېخىيلىقى بىلەن تونۇلغان زات.

203.   ئەبۇ مۇتەررەف ئابدۇرراھمان داخىل ئىبنى مۇئاۋىيە ئىبنى هىشام ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئەلئۇمەۋىي ئەلقۇرەشىي (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بْنُ مُعَاوِيَةَ بْنِ هِشَامِ بْنِ عَبْدِ الْمَلِكِ الأُمَوِيُّ الْقُرَشِيُّ، ھ. 113 – 172 / م. 731 – 788) — «ئۇمەۋىيلەر بۈركۈتى»، «داخىل» دەپ نام ئالغان ئاتاقلىق ئەندەلۇس ئۇمەۋىي خەلىفەسى I ئابدۇرراھمان. شامدىكى ئۇمەۋىيلەر دۆلىتى (ھ. 132 / م. 749) يىقىلغاندىن كېيىن ئەندەلۇسقا بېرىپ، ئۇ يەردە (ھ. 138 / م. 755) ئۇمەۋىيلەر دۆلىتىنى قۇرغان.

204.   ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى ئۆمەر ئەددارەقۇتنىي ئەلباغدادىي (الإمَامُ أَبُو الْحَسَنِ عَلِيُّ بنُ عُمَرَ بنِ أَحْمَدَ الدَّارَقُطْنِيُّ البَغْدَادِيُّ، ھ. 306 – 385 / م. 918 – 995) — ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس، قىرائەتشۇناس، شافىئىي فەقىھ. ھەدىس ئىلىملىرىدە «ئەلئىلزاماتۇ ۋەتتەتەببۇﺋ (الإلزامات والتتبع)»، «سۈنەنۇددارەقۇتنىي (السنن)»، «ئەلئىلەل (العلل الواردة في الأحاديث النبويّة)»، «ئەززۇئەفاﺋ (الضعفاء)» ۋە «ئەلمۇئتەلەفۇ ۋەلمۇختەلەف (المؤتلف والمختلف)» قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

205.   ئىمام ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەددارىمىي ئەسسەمەرقەندىي (الإمَامُ عَبْدُ اللَّه بنُ عَبْدِ الرَّحْمَنِ بنِ الفَضل الدَّارِمِيُّ السَّمَرْقَنْدِيُّ، ھ. 181 – 255 / م. 797 ياكى 798 – 869) — سەمەرقەندلىك مەشھۇر ھەدىس ئالىملىرىدىن. مەشھۇر «كۇتۇبۇ سىتتە (ئالتە كىتاب)» ئىچىدىكى «تۆت سۈنەن» ھەدىس كىتابلىرىنىڭ بىرى «سۈنەنۇددارىمىي» (بەزىلەر ئۇنىڭ ئورنىغا «سۈنەنۇ ئىبنى ماجە»نى ياكى «ئەلمۇۋەتتا»نى قويىدۇ) نىڭ مۇئەللىفى.

206.   ئەبۇ سۇلايمان داۋۇد ئىبنى نۇسەير ئەتتائىي ئەلكۇفىي (دَاوُدُ الطَّائِيُّ أَبُو سُلَيْمَانَ بنُ نُصَيْرٍ الكُوْفِيُّ، ھ. 100 – يىلدىن كېيىن – 162 / م. 719 – يىلدىن كېيىن – 779) — مەشھۇر زاھىد، تەقۋادارلىقى بىلەن تونۇلغان تەبەئى تابىئىن، كاتتا فەقىھ، ھەدىسشۇناس. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى. ئىلىم ئېلىش ۋە ئوقۇتۇش بىلەن بولۇپ، كېيىن ئۇزۇن مۇددەت خىلۋەتتە ئىبادەت قىلغان زات. — ت.

207.   ئەبۇ سۇلايمان داۋۇد ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف ئەلكۇفىي ئەلئەسبەھانىي ئەلباغدادىي ئەززاھىرىي (دَاوُدُ بنُ عَلِيِّ بنِ خَلَفٍ الكُوْفِيُّ الأَصْبَهَانِيِّ البَغْدَادِيُّ الظَّاهِرِيُّ، ھ. 200 ياكى 202 – 270 / م. 815 ياكى 817 – 884) — ئابباسىيلارنىڭ ئۈچىنچى خەلىفەسى مۇھەممەد ئەلمەھدىينىڭ ئازادگەردىسى. ھەدىس ۋە فىقھ ئىماملىرىنىڭ بىرى، شافىئىي مەزھەبكە تەۋە بولۇپ، كېيىن قىياسنى ئىنكار قىلىپ «زاھىرىييە مەزھىبى»نىڭ ئاساسچىسى بولغان. «ئەلئىيزاھ» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىن بىرىمۇ بىزگە يېتىپ كەلمىگەن.

208.   ئەبۇلھەيسەم / ئەبۇ لەيلا دۇخەين ئىبنى ئامىر ئەلھەجرىي ئەلمىسرىي (أَبُو الْهَيْثَم دُخَيْن بْنُ عَامِرٍ الْحَجْرِيِّ المِصْرِيُّ، ھ. ؟ – 100 / م. ؟ – 719) — تابىئىن. ھەزرىتى ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كاتىبى.

209.   ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ فەخرۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئۆمەر ئەررازىي (الإمَامُ فَخْر الدِّيْنِ مُحَمَّدُ بنُ عُمَرَ بنِ الحَسَنِ بنِ الحُسَيْنِ التَّيْمِيُّ البَكرِي الرَّازِيّ، ھ. 544 – 606 / م. 1150 – 1210) — «فەخرۇررازىي» دەپ تونۇلغان، «سۇلتانۇل مۇتەكەللىمىن (كالامچىلارنىڭ سۇلتانى)» دەپ نام ئالغان ئاتاقلىق مۇفەسسىر، كاتتا شەرىئەتشۇناس ئالىم، ئاسترونوم، ماتېماتىك ۋە تېۋىپ. «تەفسىرۇ فەخرۇررازىي» (تەفسىرۇ مەفاتىيھۇل غەيب – ئەتتەفسىرۇل كەبىر، 32 توم)، «ئەجائىبۇل قؤرئان»، «ئەلمەھسۇل» (ئۇسۇلى فىقھ)، «ئەلمەباھىسۇششەرقىييە» (فىزىكا)، «مەئالىمۇ ئۇسۇلىددىن»(ئىلمى كالام) ۋە «تەئسىيسۇتتەقدىس» (ئىلمى كالام)، قاتارلىق كۆپلىگەن مەشھۇر ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

210.   ئىمام راغىب ئەبۇلقاسىم ھۈسەين ئىبنى مۇھەممەد ئەلئەسفەھانىي (الإمَامُ الرَّاغِبُ الحُسَيْنُ بنُ مُحَمَّدٍ الأَصْبَهَانِيُّ، ھ. ؟ – 502 / م. 1108) — «راغىب» نامى بىلەن تونۇلغان. ئەرەب تىلى ئالىمى، مۇفەسسىر ۋە شەرىئەت ئىلىملىرىدە يېتۈك ئالىم. ئىسلام دانىشمەنلىرىدىن سانالغان زات. «ئەلمۇفرەدات فىي غەرىبىل قۇرئان» («قۇرئان» كەلىمىلىرى ئىزاھاتى)، «مۇھازەراتۇل ئۇدەباﺋ» (ئەدەبىيات)، «ئەززەرىئە» (ئەخلاق) ۋە «تەفسىلۇننەشئەتەين» (ھېكمەت، پىسخولوگىيە) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

211.   ئەبۇ ئابدۇللاھ راﻓﯩﺌ ئىبنى خەدىج ئىبنى راﻓﯩﺌ ئەلئەنسارىي ئەلخەزرەجىي (رَافِعُ بنُ خَدِيْجِ بنِ رَافِعِ بنِ عَدِيِّ بنِ تَزِيْدَ الأَنْصَارِيُّ، ھ. بۇرۇن 12 – ھ. 74 / م. 610 – 694) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «بەدر»دىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە.

212.   رەﺑﯩﯿﺌ ئىبنى ئەنەس ئىبنى زىياد ئەلبەكرىي ئەلخۇراسانىي ئەلمەرۋەزىي ئەلبەسرىي (الرَّبِيْعُ بنُ أَنَسِ بنِ زِيَادٍ البَكْرِيُّ الخُرَاسَانِيُّ الْمَرْوَزِيُّ الْبَصْرِيُّ، ھ. ؟ – 139 ياكى 140 / م. ؟ – 757 ياكى 758) — ساھابە ۋە تابىئىنلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان مەشھۇر مۇھەددىس، تەفسىرشۇناس، بەسرەلىك تابىئىن. ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇز يىل زىنداندا يېتىپ ۋاپات تاپقان. رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرى «تۆت سۈنەن» ھەدىس كىتابلىرىغا ئېلىنغان زاتتۇر.

213.   ئەبۇ مۇھەممەد رەﺑﯩﯿﺌ ئىبنى سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلجەببار ئەلمۇرادىي (الرَّبِيْعُ بنُ سُلَيْمَانَ بنِ عَبْدِ الجَبَّارِ الْمُرَادِيُّ، ھ. 174 – 270 / م. 791 – 884) — مۇھەددىس، فەقىھ. ئىمام شافىئىينىڭ شاگىرتى، كىتابلىرىنى يادقا ئېلىپ تەلىم بەرگەن زات، شافىئىي مەزھەبنىڭ ئاساسلىق تارقاتقۇچىلىرىدىن بىرى.

214.   ئەبۇ يەزىد رەﺑﯩﯿﺌ ئىبنى خۇسەيم ئىبنى ئائىز ئەسسەۋرىي ئەلكۇفىي (الرَّبِيْعُ بنُ خُثَيْمِ بنِ عَائِذٍ أَبُو يَزِيْدَ الثَّوْرِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 65 / م. 685 – يىلدىن بۇرۇن ۋاپات تاپقان) — كاتتا تابىئىن، ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتى ۋە كۇفە مۇھەددىسى. تەقۋادارلىقى ۋە ئىبادەتگۇيلىقى بىلەن تىللاردا داستان بولغان زات.

215.   ئەبۇ مۇھەممەد رۇكانە ئىبنى ئەبد يەزىد ئىبنى ھاشىم ئىبنى ئەلمۇتتەلىب ئىبنى ئابدۇماناف ئەلقۇرەشىي ئەلمۇتتەلىبىي (رُكَانَةُ بْنُ عَبْدِ يَزِيدَ بْنِ هَاشِمٍ بْن الْمُطَّلِبِ بن عبد منافٍ الْقُرَشِيُّ الْمُطَّلِبِيُّ، ھ. ؟ – 42 / م. ؟ – 663) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئەرەب پالۋانلىرىدىن بىرى بولۇپ، بوۋىلىرىدىن ئابدۇمانافتا رەسۇلۇللاھ بىلەن تۇتىشىدۇ. مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن چېلىشىپ ئۈچ مەرتە يېڭىلگەن ۋە مەككە فەتھىدە مۇسۇلمان بولغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

216.   شاتىلۇنلۇق رېينالد (رينالد دي شاتيون Raynald of Châtillon، م. 1125 – 1187) — ئىككىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپىنىڭ شەرققە يۈرۈشىگە قاتناشقان. كېيىن مۇقەددەس زېمىنلاردا قېلىپ قالغان چەۋەندازلاردىن. تارىختا مۇسۇلمان يازغۇچىلار تەرىپىدىن «ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ كاتتىسى» دەپ تەرىپلەنگەن.

217.   رىچارد (Richard the Lionheart، م. 1157 – 1199) — ئەنگىلىيەنىڭ 1189 – 1199 – يىللار ئارىلىقىدىكى پادىشاھى. «شىر يۈرەك» دەپ نامى بار.

218.   ئىمام بەدرۇددىن مۇھەممەد ئىبنى باھادىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەتتۈركىي ئەززەركەشىي (الإمَامُ بَدْرُ الدِّيْنِ مُحَمَّدُ بنُ بَهَادِر الزركشِيُّ، ھ. 745 – 794 / م. 1344 – 1392) — مىسىردا تۇغۇلغان تۈركىستانلىق ئالىم، ئۇسۇلىفىقھشۇناس، تەفسىرشۇناس، مۇھەددىس ۋە شافىئىي مەزھەبكە مەنسۇپ كاتتا فەقىھ. «ئەلبەھرۇل مۇھىت فى ئۇسۇلىلفىقھ»، «ئىئلامۇسساجىد» ۋە «ئەلبۇرھان فى ئۇلۇمىلقۇرئان» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

219.   مەھمۇد ئىبنى ئۆمەر ئىبنى مۇھەممەد ئەلخارەزمىي ئەززەمەخشەرىي (أَبُو القَاسِمِ مَحْمُوْدُ بنُ عُمَرَ بنِ مُحَمَّدٍ الخُوَارِزْمِيُّ الزَّمَخْشَرِيُّ، ھ. 467 – 538 / م. 1075 – 1144) — ئاتاقلىق مۇفەسسىر، لۇغەتشۇناس ۋە فەقىھ. مۇئتەزىلە پېشۋالىرىدىن. مەككەدە بىر مۇددەت ئىستىقامەت قىلىپ تۇرغاچقا، «جارۇللاھ» دەپ نام ئالغان. «تەفسىرۇ كەششاف»، «رۇئۇسۇل مەسائىل»(سېلىشتۇرما فىقھ)، «ئاساسۇل بەلاغە»، «رەبىئۇل ئەبرار» ۋە «ئەلمۇفەسسەل» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

220.   ئىمام شەمسۇددىن ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئوسمان ئىبنى قايماز ئەززەھەبىي (الإمَامُ شَمْسُ الدِّيْنِ أَبُو عَبْد اللَّهِ مُحَمَّدُ بنُ أَحْمَدَ بنِ عُثْمَانَ بنِ قَايْمَازَ الذَهَبِيُّ، ھ. 673 – 748 / م. 1274 – 1348) — دەمەشقتە تۇغۇلغان تۈركمەن، زەرگەر زات. ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس، قىرائەت ئالىمى ۋە تارىخچى ئالىم. ھەدىس، تارىخ، تەرجىمىھال ساھەلىرىدە «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ (سير إعلام النبلاء)» (25 توم)، «تارىخۇل ئىسلام (تاريخ الإسلام)»، «مىيزانۇل ئىئتىدال (ميزان الاعتدال فى نقد الرجال)»، «مىيزانۇل ئىئتىدال (ميزان الاعتدال فى نقد الرجال)»، «مەئرىفەتۇل قۇررائىل كىبار(معرفة القراء الكبار)»، «مۇختەسەرۇل مۇستەدرەك (مختصر الْمُسْتَدْرك)» ۋە «تاباقاتۇل ھۇففاز (طبقات الحفاظ)» قاتارلىق قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان. نامى تارىخ بەتلىرىگە ئالتۇن ھەل بىلەن نەقىشلەنگەن مەشھۇر ئالىم.

221.   ئەبۇ ئابدۇللاھ زەيد ئىبنى ئەسلەم ئەلئەدەۋىي ئەلئۆمەرىي (زَيْدُ بْنُ أَسْلَمَ أَبُو عَبْدِ اللهِ العَدَوِيُّ العُمَرِيُّ، ھ. ؟ – 136 / م. ؟ – 754) — تابىئىن. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئازادگەردىسى. ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئالىم، فۇقاھالاردىندۇر.

222.   ئەبۇ ھۈسەين زەيد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ئەلئەلەۋىي ئەلھاشىمىي (زَيْدُ بنُ عَلِيِّ بنِ الحُسَيْنِ بنِ عَلِيِّ بنِ أَبِي طَالِبِ بْنِ عَبْدِ الْمُطَّلِبِ الْعَلَوِيُّ الْهَاشِمِيُّ، ھ. 76 – 122 / م. 695 – 740) — رەسۇلۇللاھنىڭ چەۋرىسى، كاتتا ئالىم ۋە «زەيدىييە مەزھىبى»نىڭ ئىمامى. ساھابەلەرگە تىل تەگكۈزۈشنى شىئەلەرگە چەكلىگەن. «ئۇمەۋىيلەر»گە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن. باشقىلار تەرىپىدىن جەملىنىپ نەشرگە تەييارلانغان «فىقھ توپلىمى» ۋە «ھەدىس توپلىمى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. «زەيد ئىبنى ئەلى قىرائىتى» دەپ تونۇلغان ئايرىم بىر قىرائىتى بار.

223.   ئەبۇ ئابدۇرراھمان زەيد ئىبنى خالىد ئەلجۇھەنىي ئەلمەدەنىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ زَيْدُ بْنُ خَالِدٍ الْجُهَنِيُّ الْمَدَنِيُّ، ھ. ؟ – 78 / م. ؟ – 697) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ھۇدەيبىييەدىكى «رىزۋان بەيئەتى»گە قاتناشقان. مەككە فەتىھ كۈنى جۇھەينە قەبىلىسىنىڭ تۇغىنى كۆتۈرگەن قوماندان ساھابە.

224.   ئەبۇ سەئىد زەيد ئىبنى سابىت ئىبنى دەھھاك ئىبنى زەيد ئەلئەنسارىي (زَيْدُ بنُ ثَابِتِ بنِ الضَّحَّاكِ بنِ زَيْدٍ الأَنْصَارِيُّ، ھ. بۇرۇن 12 – ھ. 45 / م. 610 – 665) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — قىرائەت ۋە مىراس ئىلمىدە پېشۋا كاتتا ساھابە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەھيى كاتىبلىرىدىن بىرى. خەلىفە ئەبۇبەكرى ۋە خەلىفە ئوسمانلار ئۇنى «قۇرئان»نى جەملەپ كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈش بىلەن ۋەزىپىلەندۈرگەن.

225.   ھەزرىتى ئۇممۇلھەكەم زەينەب بىنتى جەھش ئىبنى رىياب ئەلقۇرەشىييە (أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ زَيْنَبُ بِنْتُ جَحْشِ بنِ رِيَابٍ القُرَشِيَّةُ، ھ. بۇرۇن 33 – ھ. 20 / م. 590 – 641) رەزىيەللاھۇ ئەنھا — «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى ۋە ھاممىسىنىڭ قىزى. مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان، قولى ئوچۇق، خەير – ساخاۋىتى بىلەن «مىسكىنلەرنىڭ ئانىسى» دەپ نام ئالغان زات.

226.   زۇبەير ئىبنى ئەلئەۋۋام ئىبنى خۇۋەيلىد ئەلئەسەدىي ئەلقۇرەشىي (الزُّبَيْرُ بْنُ الْعَوَّامِ بنِ خُوَيْلِدٍ الأَسَدِيُّ، ھ. بۇرۇن 28 – ھ. 36 / م. 594 – 656) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — تۇنجى مۇسۇلمان بولغان سەككىز كىشىنىڭ ۋە «ئەشەرەئى مۇبەششەرە (جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە)»نىڭ بىرى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاممىسىنىڭ ئوغلى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنى خەلىفە تاللايدىغان ئالتە كىشىلىك «شۇرا ھەيئىتى»گە تاللىغان.

227.   ئەبۇ ھاجىب زۇرارە ئىبنى (ئەبى) ئەۋفا ئەلھەرەشىي ئەلئامىرىي (زُرَارَةُ بْنُ أَوْفَى الْحَرَشِيُّ، ھ. ؟ – 93 / م. ؟ – 712) — تابىئىن. بەسرەنىڭ قازىسى. ئەبۇ ھۇرەيرە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. سەجدە قىلغان ھالەتتە ۋاپات بولغان.

228.   ئەبۇلھۇزەيل زۇفەر ئىبنى ھۇزەيل ئىبنى قەيس ئەلئەنبەرىي ئەتتەمىمىي (زُفَرُ بنُ الهُذَيْلِ بنِ قَيْسِ بنِ سَلْمٍ العَنْبَرِيُّ، ھ. 110 – 158 / م. 728 – 775) — ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ چوڭ شاگىرتى ۋە ئورۇنباسارى. قىياس ئۇستىسى، مۇجتەھىد، ئىلىمگە ئەمەل قىلىدىغان ئابىد، زاھىد ۋە ھەدىس رىۋايىتىدە ئىشەنچلىك، ئۇستازىغا ئوخشاش قازىلىق مەنسىپىنى رەت قىلغان زات. دۇنياغا بېرىلمەي، مەنسەپ قوغلاشماي، ئىلىم ئۆگىتىش بىلەن 48 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

229.   ئەبۇلفەيز زۇننۇن سەۋبان ئىبنى ئىبراھىم ئەلمىسرىي (أَبُو الفَيْضِ ذُوْ النُّوْنِ ثَوْبَانُ بنُ إِبْرَاهِيْمَ المِصْرِيُّ، ھ. 155 – 245 / م. 771 – 859) — «زۇننۇن ئەلمىسرىي» دەپ تونۇلغان مۇھەددىس، فەقىھ، تەسەۋۋۇف پېشۋاسى. زامانىدىكى مىسىر دىيارىنىڭ شەيخى. ئىمام مالىكتا ئوقۇپ «ئەلمۇۋەتتا»نى رىۋايەت قىلغان. ئىمام لەيس، ئىبنى لەھىيئە قاتارلىق كاتتا ئىماملاردىنمۇ ئىلىم ئالغان. كىمياگەرلىك ۋە تېبابەتتىمۇ ئوقۇپ يېتىشكەن ۋە «ئەررۇكنۇل ئەكبەر (الركن الأكبر)»، «ئەسسىقەتۇ فىسسەنئەتى (الثقة في الصنعة)» ۋە «ئەلئەجائىبۇ (العجائب)» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. جاھان كېزىپ زاھىدلىقنى ۋە تەسەۋۋۇفنى يايغان. مىسىر قەدىمى يېزىقى ھىيروگلوفىي يازمىلىرىنى ئوقۇغان ۋە شىفىرلىرىنى يەشكەن شۇنداقلا بۇ ھەقتە «ھەللۇررۇمۇزى (حل الرموز وبرء الأرقام في كشف أصول اللغات والأقلام)» ناملىق ئەسەرىنى يازغان.

230.   ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى مۇسلىم ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى شىھاب ئەززۇھرىي (مُحَمَّد بنُ مُسلِمِ بنِ عُبَيْدِ اللَّهِ بنِ عَبْدِ اللَّهِ بنِ شِهَابٍ الزُّهْرِيُّ، ھ. 51 – 124 / م. 671 – 742) — تابىئىن، «ئۇمەۋىيلەر» خەلىفەسى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئەمرى بىلەن ھەدىسلەرنى رەسمىي توپلىغان ئالىم ۋە فەقىھ. «ئىبنى شىھاب» دەپمۇ تونۇلغان كاتتا زات.

231.   ئەبۇ مۇتەررىف زىررۇ ئىبنى ھۇبەيش ئىبنى ھۇباشە ئىبنى ئەۋس ئەلئەسەدىي ئەلكۇفىي (زِرُّ بنُ حُبَيْشِ بنِ حُبَاشَةَ بنِ أَوْسٍ الأَسَدِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 81 / م. ؟ – 701) — تابىئىنلەردىن بولۇپ نۇرغۇن ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، مۇھەددىس، قىرائەتشۇناس، تىلشۇناس. قىرائەت ئىلمىنى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملەردىن ئۆگەنگەن.

232.   ئەبۇ مۇھەممەد سابىت ئىبنى ئەسلەم ئەلبۇنانىي (ثَابِتُ بنُ أَسْلَمَ أَبُو مُحَمَّدٍ البُنَانِيُّ، ھ. 41 – 127 / م. 662 – 745) — قىرىق يىل ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىلىم سۆھبىتىدە بولغان، نۇرغۇن ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان مۇھەددىس، ئىبادەتگۇي، ئىشەنچلىك زاتتۇر. — ت.

233.   ئەبۇ ئابدۇرراھمان سابىت ئىبنى قەيس ئىبنى شەمماس ئەلئەنسارىي ئەلخەزرەجىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ ثَابِتُ بنُ قَيْسِ بنِ شَمَّاسِ بنِ زُهَيْرِ بنِ مَالِكٍ الأَنْصَارِيُّ الخَزْرَجِيُّ، ھ. بۇرۇن ؟ – 12 / م. ؟ – 633) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئەنسارلارنىڭ ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەتىبى. «ئۇھۇد غازىتى» ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان زات. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى زامانىدا «يەمامە ئۇرۇشى»دا ئەنسارلارنىڭ قوماندانى بولۇپ شەھىد قىلىنغان.

234.   ئەبۇ ئابدۇللاھ سالمان ئەلفارسىي (سَلْمَانُ الْفَارِسِيُّ، ھ. بۇرۇن 44 – ھ. 36 / م. 578 – 656) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئەسل ئىسمى روزبە ئىبنى خۇشبۇزان بولۇپ، تېگى پارس مىللىتىدىن. مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنى «سالمان ئىبنۇل ئىسلام (ئىسلام ئوغلى سالمان)» دەپ تونۇشتۇرغان مەشھۇر ساھابە. «خەندەك غازىتى» ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا، شۇنداقلا «ئىراق فەتھى»گە قاتناشقان زات.

235.   ئەبۇ ئۆمەر سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئەلئەدەۋىي ئەلقۇرەشىي (سَالِمُ بنُ عَبْدِ اللهِ بنُ عُمَرَ بنِ الخَطَّابِ العَدَوِيُّ القُرَشِيُّ، ھ. ؟ – 106 / م. ؟ – 728) — خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەۋرىسى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىفەلىك دەۋرىدە تۇغۇلغان. تابىئىن، مۇھەددىس، تابىئىنلار دەۋرىدىكى مەدىنەنىڭ يەتتە فەقىھىنىڭ بىرى ۋە مەدىنە مۇفتىسى.

236.   سالىم ئىبنى مەيمۇن ئەلخەۋۋاس (سالِم بن مَيْمُون الخَوَّاص) — ھ. 3 / م. 10 – ئەسىردە ياشىغان زاھىد، ئىبادەتگۇي زات. مەشھۇر ئابىد سەلم ئەلخەۋۋاسنىڭ قېرىندىشى.

237.   ئەبۇ بىشر سالىھ ئىبنى بەشىر ئەلمۇررىي ئەلقاص (صَالِحٌ المُرِّيُّ أَبُو بِشْرٍ بنُ بَشِيْرٍ القَاصُّ) — تابىئىن دەۋرىدە بەسرەدە يېتىشكەن مەشھۇر مۇھەددىس ۋە فىقىھ ئالىملىرىدىندۇر. بەسرەدە توغۇلۇپ، ھ. 176 / م. 792 – يىلى ئابباسىيلار پايتەختى باغدادتا ۋاپات ئەتكەن.

238.   ئەبۇ رەﺑﯩﯿﺌ سەبرە ئىبنى مەئبەد ئەلجۇھەنىي (سَبْرَةُ بْنُ مَعْبَدٍ الْجُهَنِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «خەندەك غازىتى» ۋە ئۇندىن كېيىنكى غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە.

239.   ئەبۇ مەنسۇر ناسىرۇددىن ۋەددەۋلە سەبۇق تېكىن ئىبنى جوق (قارابېگىم) ئىبنى قارا ئارسلان (942 – 997) — غەزنەۋىيلەر دۆلىتىنىڭ م. 977 – 997 – يىللاردىكى ھۆكۈمدارى. نەسەبى ئۈچۈن قاراڭ: قازى مىنھاجۇسسىراج ئەلجۇزجانىينىڭ «تەبەقات ناسىرىي»، 1 – توم، 226 – بەت. گوستاف لوبۇن «ھىندىستان مەدەنىيىتى» ناملىق ئەسەرىدە (ئەرەبچە تەرجىمىسى) 217 – بەتتە سەبۇق تېكىننىڭ بۇتپەرەس تۈركلەرنىڭ ئاپاق قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى يازىدۇ.

240.   ئەبۇلھەسەن سەرىي ئىبنى مۇغەللىس ئەسسەقەتىي ئەلباغدادىي (السَّرِيُّ بنُ الْمُغَلِّسِ السَّقَطِيُّ البَغْدَادِيُّ، ھ. 160 – 251 / م. 777 – 865) — مۇھەددىس. زامانىدىكى تەقۋادار، ئىبادەتگۇي، زاھىد زات. تەسەۋۋۇپ پېشۋالىرىدىن. جۇنەيد باغدادىينىڭ ئانا تەرەپ تاغىسى ۋە ئۇستازى.

241.   ئەبۇ ۋەھب سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە ئىبنى خەلەف ئەلجۇمەھىي ئەلقۇرەشىي (صَفْوَانُ بنُ أُمَيَّةَ بنِ خَلَفٍ الجُمَحِيُّ القُرَشِيُّ، ھ. ؟ – 41 / م. ؟ – 662) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «ھۇنەين» ۋە «تائىف» غازاتلىرىغا مۇشرىك ھالىتىدە قاتناشقان ۋە كېيىن مۇسۇلمان بولغان ساھابە، كېيىنچە «يەرمۇك ئۇرۇشى»دىكى قوماندانلاردىن بىرى.

242.   ھۇيەي ئىبنى ئەھتابنىڭ قىزى ھەزرىتى سەفىييە (أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ صَفِيَّةُ بِنْتُ حُيَيِّ بْنِ أَخْطَبَ، ھ. بۇرۇن 12 – ھ. 50 / م. 610 – 670) رەزىيەللاھۇ ئەنھا — نەسەبى ھارۇن ئەلەيھىسسالامغا تۇتىشىدۇ. بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بولغان ئاتىسى بىلەن يولدىشى «خەيبەر غازىتى»دا ئۆلتۈرۈلگەن. ئەسىرگە چۈشكەن سەفىييە ئىسلامىيەتنى تاللىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى نىكاھىغا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» بولغان. ئىبادەتگۇيلىقى ۋە كەڭ قورساقلىقى بىلەن مەشھۇر. ۋاپات بولۇش ئالدىدا ھەزرىتى ئائىشەگە مىڭ تىللا ۋەسىيەت قىلغان.

243.   ئەبۇ مۇھەممەد سەلەمە ئىبنى ئاسىم ئەننەھۋىي (أَبُو مُحَمَّدٍ سَلَمَةُ بْنُ عَاصِمٍ النَحوِي، ھ. ؟ – 270 / م. ؟ – 883 – يىلىدىن كېيىن) — قىرائەتشۇناس، تىلشۇناس ئالىم. رىۋايەتلىرى ئالىملار ئارىسىدا ئىشەنچلىك دەپ قارالغان زاتتۇر. «غەرىبۇل ھەدىس» ۋە «مەئانىل قۇرئان» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

244.   ئەبۇ مۇسلىم سەلەمە ئىبنى ئەمر ئىبنى ئەلئەكۋەﺋ ئەلئەسلەمىي (سَلَمَةُ بْنُ عَمْرِو بْنِ الْأَكْوَعِ الأَسْلَمِيُّ، ھ. بۇرۇن 6 – ھ. 74 / م. 616 – 693) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — يۈگۈرۈك، مەرگەن، شىجائەتلىك ساھابە. ھۇدەيبىييەدىكى «رىزۋان بەيئەتى»دە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۈچ قېتىم بەيئەت قىلغان ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە يەتتە غازاتقا قاتناشقان. مەدىنەدە پەتۋا بېرىپ ئىلىم يايغان زات.

245.   ئەبۇ سەئىد سەللام ئىبنى ئەبى مۇﺗﯩﺌ ئەلخۇزائىي (سَلاَّمُ بنُ أَبِي مُطِيْعٍ الخُزَاعِيُّ، ھ. ؟ – 164 / م. ؟ – 781) — تەبەئى تابىئىن، مۇھەددىس، زامانىدىكى ئەڭ مەشھۇر خاتىب. ئىشەنچلىك تەقۋادار زات.

246.   سەلم ئىبنى مەيمۇن ئەلخەۋۋاس ئەررازىي (سَلْمُ بنُ مَيْمُوْنٍ الخَوَّاصُ الرَّازِيّ، ھ. ؟ – 213 / م. ؟ – 828 – يىلىدىن كېيىن) — شامنىڭ مەشھۇر ئابىدلىرىدىن بىرى. قىرائەتشۇناس، تابىئىنلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات. سالىم ئەلخەۋۋاسنىڭ قېرىندىشى.

247.   ئەبۇ مۇھەممەد سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب ئىبنى ھىلال ئەلفەزارىي (سَمُرَةُ بنُ جُنْدُبِ بنِ هِلاَلٍ الفَزَارِيُّ، ھ. ؟ – 58 / م. ؟ – 678) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — راستچىل ۋە ئامانەتكە ئەمەل قىلىشى بىلەن تونۇلغان ساھابە. كىچىك يېشىدا «ئۇھۇد غازىتى»غا قاتناشقان، ھەدىسلەر رىۋايەت قىلغان مۇھەددىس، ئۆز ئەۋلادلىرىغا رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى خاتىرىلەنگەن بىر كىتاب قالدۇرۇپ كەتكەن زاتتۇر.

248.   ئەبۇ مۇھەممەد سەھل ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى يۇنۇس ئەتتۇستەرىي (أَبُو مُحَمَّدٍ سَهْلُ بنُ عَبْدِ اللهِ بنِ يُوْنُسَ التُّسْتَرِيُّ، ھ. 200 – 283 / م. 818 – 896) — ئىراننىڭ خۇزىستان ۋىلايىتى تۇستەر شەھرىدىن. مەشھۇر ئابىد، زاھىد. تەفسىرشۇناس، ۋەز – نەسىھەتچى. مەشھۇر ئەسەرلىرى «قۇرئان تەفسىرى (تفسير القرآن)»، «رەقائىقۇل مۇھىببىيىن (رقائق المحبين)» «جاۋاباتۇ ئەھلىل يەقىن (جَوَابَاتُ أَهْلِ الْيَقِيْن)» قاتارلىقلار.

249.   ئەبۇلئابباس سەھل ئىبنى سەئد ئىبنى مالىك ئەسسائىدىي ئەلئەنسارىي (سَهْلُ بنُ سَعْدِ بنِ مَالِكٍ السَّاعِدِيُّ الْأَنْصَارِيُّ، ھ. ؟ – 88 ياكى 91 / م. ؟ – 707 ياكى 710) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — 15 يېشىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرگەن ساھابە. ئاتىسى سەئد ھەم ساھابە. ساھابەلەردىن مەدىنەدە ئەڭ ئاخىرىدا ۋاپات تاپقان زات.

250.   ئەبۇ سابىت سەھل ئىبنى ھۇنەيف ئىبنى ۋاھىب ئەلئەنسارىي ئەلئەۋسىي (سَهْلُ بنُ حُنَيْفِ بْنِ وَاهِبٍ أَبُو ثَابِتٍ الأَنْصَارِيُّ الأَوْسِيُّ، ھ. ؟ – 38 / م. ؟ – 659) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «بەدر» ۋە بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان شىجائەتلىك ساھابە. «ئۇھۇد غازىتى»دا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا سەباتلىق بىلەن تۇرغان زات.

251.   سەھنۇن ئەبۇ سەئىد ئابدۇسسالام ئىبنى ھەبىب ئەتتەننۇخىي (سَحْنُوْنُ أَبُو سَعِيْدٍ عَبْدُ السَّلاَمِ بنُ حَبِيْبٍ التَّنُوْخِيُّ، ھ. 160 – 240 / م. 776 – 854) — مەراكەشلىك ئىمام، قازى. مالىكىي مەزھىبىنىڭ مەشھۇر فەقىھلىرىدىن بىرى. مالىكىي مەزھىبىنى ماراكەش ۋە ئەندەلۇس دىيارلىرىغا يايغان ۋە «ئەلمۇدەۋۋەنەتۇل كۇبرا» ناملىق فىقھىي ئەسەرنى يازغان ئالىم، ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن مەشھۇر زات.

252.   ئەبۇ ئابدۇللاھ سەۋبان ئىبنى بۇجدۇد ئەلھاشىمىي ئەلھىميەرىي (أَبُو عَبْدِ اللهِ ثَوْبَانُ بْنُ بُجْدُدٍ الْقُرَشِيُّ الْهَاشِمِيُّ، ھ. ؟ – 54 / ؟ – م. 674) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — رەسۇلۇللاھ تەرىپىدىن ئەسىر ھالدا سېتىۋېلىنىپ ئازاد قىلىنغان ساھابە. سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن 127 ياكى 128 ھەدىس نەقىل قىلغان.

253.   ھەزرىتى سەۋدە بىنتى زەمئە ئىبنى قەيس ئەلقۇرەشىييە (أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ سَوْدَةُ بِنْتُ زَمْعَةَ بنِ قَيْسٍ القُرَشِيَّةُ، ھ. ؟ – 23 ياكى ھ. 54 / م. ؟ – 644 ياكى 674) رەزىيەللاھۇ ئەنھا — «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىككىنچى ئايالى. دەسلەپتە مۇسۇلمان بولۇپ، ھەبەشىستانغا ۋە مەدىنەگە ھىجرەت قىلغانلاردىندۇر.

254.   ئەبۇ ئىسھاق سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس مالىك ئىبنى ئەھيەب ئەلقۇرەشىي (سَعْدُ بْنُ أَبِي وَقَّاصٍ مَالِكِ بْنِ أَهْيَبَ القُرَشِيُّ، ھ. بۇرۇن 23 – ھ. 55 / م. 599 – 674) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — تۇنجى مۇسۇلمان بولغان يەتتە كىشىنىڭ ۋە «ئەشەرەئى مۇبەششەرە (جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە)»نىڭ بىرى. تۇنجى بولۇپ ئاللاھ يولىدا ئوق ئاتقان زات. «قادىسىييە ئۇرۇشى»دا ۋە «ئىراق فەتھى»دە زەپەر قۇچقان باھادىر قوماندان. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنى خەلىفە تاللايدىغان ئالتە كىشىلىك «شۇرا ھەيئىتى»گە تاللىغان.

255.   ئەبۇ سابىت / ئەبۇ قەيس سەئد ئىبنى ئۇبادە ئىبنى دۇلەيم ئەسسائىدي ئەلخەزرەجىي ئەلئەنسارىي (سَعْدُ بنُ عُبَادَةَ بنِ دُلَيْمِ الأَنْصَارِيُّ الخَزْرَجِيُّ السَّاعِدِيُّ، ھ. بۇرۇن؟ – ھ. 14 ياكى 13 م. ؟ – 635) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — خەزرەج قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى. ئەقەبە بەيئىتى، بەدر ۋە باشقا غازاتلارغا قاتناشقان مۇجاھىد، سېخىي، ئېسىل زات.

256.   ئەبۇ ھەمزە سەئد ئىبنى ئۇبەيدە ئەسسۇلەمىي ئەلكۇفىي (أَبُو حَمْزَة سَعْدُ بْنُ عُبَيْدَة السُّلَمِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 101 / م. ؟ – 720) — فەقىھ تابىئىن. ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، رىۋايەتلىرى ئىشەنچلىك دەپ قارالغان مۇھەددىس.

257.   سەئد ئىبنى رەﺑﯩﯿﺌ ئەلئەنسارىي ئەلخەزرەجىي (سَعْدُ بنُ الرَّبِيْعِ بنِ عَمْرِو بنِ أَبِي زُهَيْرٍ الأَنْصَارِيُّ الخَزْرَجِيُّ، ھ. ؟ – 3 / م. ؟ – 625) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئىككىنچى «ئەقەبە بەيئەتى»دىكى ئەنسارلارنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى. «بەدر غازىتى»غا قاتناشقان ۋە «ئۇھۇد غازىتى»دا شەھىد بولغان ساھابە.

258.   بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىي (Bediüzzaman Said Nursî، ھ. 1295 – 1379 / م. 1878 – 1960) — تۈركىيەلىك ئىسلام ئالىمى. مۇتەپەككۇر. نۇرچىلار ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئاتىسى مىرزا ئەپەندىم. ئانىسى نۇرىيە خانىمدۇر. «رەسائىلى نۇر»، «كەلىمات»، «ئىشاراتۇل ئىئجاز» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

259.   ئەبۇ مۇھەممەد سەئىد ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئەبى يەھيا ئەتتەنۇخىي (سَعِيْدُ بنُ عَبْدِ العَزِيْزِ بنِ أَبِي يَحْيَى التَّنُوْخِيُّ، ھ. 90 – 167 / م. 709 – 784) — شام دىيارىدا ئۆتكەن مەشھۇر مۇجتەھىد ئىمام، مۇھەددىس، ئىبادەتگۇي، ئىشەنچلىك زات.

260.   ئەبۇ ئوسمان سەئىد ئىبنى ئاس ئىبنى سەئىد ئىبنى ئاس ئىبنى ئۇمەييە ئىبنى ئابدۇشەمس ئىبنى ئابدۇمەناف ئەلقۇرەشىي ئەلئۇمەۋىي (سَعِيْدُ بنُ العَاصِ بنِ أُمَيَّةَ بنِ عَبْدِ شَمْسٍ بنِ عَبْدِ مَنَافٍ القُرَشِيُّ الأُمَوِيُّ، ھ. 2 – 58 / م. 624 – 678) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — مەككەلىك ساھابە. ئاتىسى بەدر غازىتىدا مۇشرىكلەر سېپىدە قەتل قىلىنغان، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىلافەت زامانىدا قۇرئاننى جەملەپ كىتاب ھالىتىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان، كۇفە شەھىرىگە ۋالىي بولغان، تەبەرىستان شەھىرىنى فەتىھ قىلغان زات.

261.   سەئىد ئىبنى ئەبۇلھەسەن يەسار ئەلبەسرىي (سَعِيْدُ بنُ أَبِي الحَسَنِ يَسَارٍ البَصْرِيُّ، ھ. ؟ – 100 / م. ؟ – 719) — زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى، تابىئىن. ھەسەن ئەلبەسرىينىڭ ئىنىسى. ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئىبادەتگۇي زات.

262.   سەئىد ئىبنى ئەلقەمە (سَعِيْدُ بنُ عَلْقَمَةَ) نەخەئىي قەبىلىسىنىڭ ئابىدلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى بولسا تائىي قەبىلىسىدىن ئىدى.

263.   ئەبۇ مۇھەممەد سەئىد ئىبنى ئەلمۇسەييەب ئىبنى ھەزن ئەلقۇرەشىي ئەلمەخزۇمىي (سَعِيْدُ بنُ الْمُسَيِّبِ بنِ حَزْنٍ القُرَشِيُّ المَخْزُوْمِيُّ، ھ. 15 – 94 / م. 636 – 713) — زامانىدىكى تابىئىنلەرنىڭ كاتتىسى. «مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئالىمى» ۋە مەدىنەدىكى «يەتتە فەقىھ»نىڭ بىرى. ئاتىسى بىلەن بوۋىسى ساھابە زات.

264.   ئەبۇ مۇھەممەد / ئەبۇ ئابدۇللاھ سەئىد ئىبنى جۇبەير ئىبنى ھىشام ئەلۋالىبىي ئەلكۇفىي (سَعِيْدُ بنُ جُبَيْرِ بنِ هِشَامٍ الوَالِبِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 46 – 95 / م. 665 – 714) — ئازادگەردە تابىئىن. ھەدىس ۋە تەفسىر ھەققىدىكى رىۋايەتلىرى بىلەن تونۇلغان كاتتا زات. «ئۇمەۋىيلەر ھۆكۈمرانلىقى»غا قارشى قوزغىلاڭغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، زالىم ھەججاج تەرىپىدىن شەھىد قىلىنغان.

265.   ئەبۇلئەئۋەر سەئىد ئىبنى زەيد ئىبنى ئەمر ئىبنى نۇفەيل ئەلئەدەۋىي ئەلقۇرەشىي (سَعِيْدُ بنُ زَيْدِ بنِ عَمْرِو بنِ نُفَيْلٍ العَدَوِيُّ القُرَشِيُّ، ھ. بۇرۇن 22 – ھ. 51 / م. 600 – 671) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «ئەشەرەئى مۇبەششەرە (جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە)»نىڭ بىرى. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىلا مۇسۇلمان بولغان ۋە نۇرغۇن غازاتلارغا قاتناشقان كاتتا زات.

266.   ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى داۋۇد ئىبنى مۇھەممەد داۋۇدىي سەيدەلانىي (أَبُو بَكْرٍ مُحَمَّدُ بنُ دَاوُدَ بْنِ مُحَمَّدٍ الداودي الصَّيْدَلانِيِّ، ھ. ؟ –437 / م. ؟ – 1046 ئەتراپى) — «ئەسسەيدەلانىي» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر شافىئىي فەقىھ. ئەبۇبەكرى قەففال شاشىينىڭ شاگىرتى. «شەرھۇ مۇختەسەرىل مۇزەنىي (شرح مختصر المزني)»، «شەرھۇل مۇھەززەبى (شرح المهذب)» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

267.   سەيفىددىن قۇتۇز (سيف الدِّيْنِ قطز) — تېگى تۈرك بولۇپ، خارزەمشاھلاردىن جالالىددىن مەڭگۈبەردىنىڭ جىيەنىدۇر. مىلادىيە 1259 – يىلى نويابىردىن 1260 – يىلى ئۆكتەبىرگىچە مەملۇك سۇلتانى بولغان. ئۆز ۋاقتىدا بىر قوماندان بولغان قۇتۇز «ئەين جالۇت ئۇرۇشى»دا بايبارس بىلەن بىرگە جەڭ قىلىپ غەلبە قىلغاندىن كېيىن، تۆھپە كۆرسەتكەن قوماندان بايبارسنىڭ ھالەپنى سۇيۇرغال قىلىپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۆز يېقىنلىرىدىن باشقا بىرىگە بەرگەن. بايبارس بىلەن قۇتۇز ئوتتۇرىسىدا بۇرۇنلا ئاز – تولا ئاداۋەت بار بولۇپ، بۇ ئىشتىن كېيىن بايبارس غەزەپلىنىپ، مىسىرغا قايتىش يولىدا چۈشكۈن قىلغان بىر يەردە سۇيىقەست بىلەن مىلادىيە 1260 – يىلى 22 – ئۆكتەبىردە سۇلتان قۇتۇزنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا مىسىرغا سۇلتان بولغان.

268.   ئەبۇ ئابدۇللاھ سۇفيان ئىبنى سەئىد ئىبنى مەسرۇق ئەسسەۋرىي ئەلكۇفىي (سُفْيَانُ بنُ سَعِيْدِ بنِ مَسْرُوْقٍ الثَّوْرِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 97 – 161 / م. 715 – 778) — خۇراساندا تۇغۇلۇپ، بەسرەدە ۋاپات بولغان. شەيخۇلئىسلام، مۇھەددىسلەر پېشۋاسى، مۇجتەھىد، مۇستەقىل مەزھەب ساھىبى بولۇپ، مەزھىبى ھىجرىيە 7 – ئەسىرلەردىن كېيىن يوقالغان. تەقۋادارلىقى ۋە زاھىدلىقى بىلەن تونۇلغان زات. ھەقنى سۆزلىگەنلىكتىن خەلىفە مەھدىي (م. 775 – 785) دىن قېچىپ يوشۇرۇنغان ھالدا ئالەمدىن ئۆتكەن. «ئەلجامىئۇل كەبىر»، «ئەلجامىئۇسسەغىر» قاتارلىق ھەدىس توپلاملىرىنى قالدۇرغان.

269.   ئەبۇ مۇتەررىف سۇلايمان ئىبنى سۇرەد ئەلخۇزائىي (سُلَيْمَانُ بْنُ صُرَدٍ الْخُزَاعِيُّ، ھ. بۇرۇن 28 – ھ. 65 / م. 594 – 685) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ساھابە. خەلىفە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سەركەردىسى بولغان.

270.   ئەبۇ ئەييۇب سۇلايمان ئىبنى يەسار ئەلمەدەنىي (سُلَيْمَانُ بنُ يَسَارٍ الْمَدَنِيُّ، ھ. 34 – 107 / م. 655 – 725) — «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئازادگەردىسى. مۇھەددىس، تابىئىنلار دەۋرىدىكى مەدىنەدىكى «يەتتە فەقىھ»نىڭ بىرى ۋە مەدىنەنىڭ مۇفتىسى.

271.   ئەبۇ سەلەمە سۇلەيم ئىبنى ئىتر ئەتتۇجىيبىي (سُلَيْمُ بنُ عِتْرٍ التُّجِيْبِيُّ المِصْرِيُّ، ھ. ؟ – 75 / م. ؟ – 694) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — تابىئىنلارنىڭ چوڭلىرىدىن. ئابىد زات. ھەزرىتى ئۆمەر، ئەلى قاتارلىق ساھابىلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. فەقىھ، ۋائىز، مىسىرغا قازى بولغان ۋە ھۆكۈملىرى يېزىپ قالدۇرۇلۇپ، ئابباسىيلار دەۋرىدە فىقھىي قائىدىگە ئايلاندۇرۇلغان.

272.   ئىمام جالالۇددىن ئەبۇلفەزل ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبۇبەكرى ئىبنى مۇھەممەد ئەلخۇزەيرىي ئەسسۇيۇتىي (جَلاَلُ الدِّينِ أَبُو الْفضل عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ أَبِي بَكْرِ بنِ مُحَمَّدٍ الخُضَيرِي السُّيُوطي، ھ. 849 – 911 / م. 1445 – 1505) — ئانىسى تۈرك. مىسىرلىق ئېنسىكلوپېدىك ئالىم. شافىئىي فەقىھ، مۇھەددىس، مۇفەسسىر، تارىخشۇناس، تىلشۇناس. «ئەلئىتقان فى ئۇلۇمىلقۇرئان (الاتقان في علوم القرآن)»، «تەفسىرۇل جەلالەين (تفسير الجلالين)»، «ئەلئەشباھۇ ۋەننەزائىر (الأشباه والنظائر)»، «تارىخۇل خۇلەفاﺋ (تاريخ الخلفاء)»، «ئەلجامىئۇسسەغىر (الجامع الصغير)»، «ئەلمىزھەر (المزهر)» ۋە «ئەددۇررۇل مەنسۇر (لدر المنثور في التفسير بالمأثور)» قاتارلىق چوڭ ۋە كىچىك ئەسەرلىرى ئالتە يۈز پارچىغا يېتىدۇ.

273.   ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئىبنى ئەلئابباس ئەششافىئىي ئەلمۇتتەلىبىي (الإمَامُ أَبُو عَبْدِ اللهِ مُحَمَّدُ بْنُ إِدْرِيسَ بنِ الْعَبَّاسِ بْنِ عُثْمَانَ بْنِ الشَّافِعِ الشَّافِعِيُّ الْمُطَّلِبِيُّ، ھ. 150 / م. 767، غەززە – ھ. 204 / م. 820، مىسىر) — مەشھۇر «تۆت مەزھەب»نىڭ بىرى بولغان «شافىئىي مەزھىبى»نىڭ ئىمامى. بۈيۈك مۇجتەھىد ئالىم. «ئەلئۇم (الأُمُّ)»، «ئەررىسالە (الرسالة)»، «ئەھكامۇل قۇرئان (أحكام القرآن)»، «جىمائۇل ئىلىم (جماع العلم)»، «ئەلمۇسنەدۇ (المسند)»، «ئەلمۇسنەدۇ (المسند)»، «ئەسسۈنەنۇ (السنن)»، «فەزائىل قۇرەيش (فضائل قريش)» ۋە «ئىختىلافۇل ھەدىس (اختلاف الحديث)» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

274.   شاھ ۋەلىيۇللاھ ئەھمەد ئىبنى ئابدۇررەھىم ئەددىھلەۋىي (شاه وليُّ الله أَحْمَدُ بنُ عَبدِ الرَحِيمِ الدِهلَوِيُّ، ھ. 1114 – 1176 / م. 1703 – 1762) — ئىسلاھاتچى ئالىم. ھىندىستاندىكى ھەدىسشۇناسلارنىڭ پېشۋاسى. «شاھ ۋەلىيۇللاھ» دەپ تونۇلغان مول ھوسۇللۇق ئالىم. تەفسىر، ھەدىس، تارىخ، شەرىئەت ۋە سۇلۇك ئىلىملىرىدە «ھۆججەتۇللاھ ئەلبالىغە» قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

275.   ئەبۇ ئابدۇللاھ شەمسىددىن مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ئەبۇبەكرى ئەلجەزەرىي (مُحَمَّدُ بْنُ إِبْرَاهِيْمَ بْنِ أَبِيْ بَكْرٍ الجَزَرِيُّ، ھـ. 658 – 738 / م. 1259 – 1338) — مۇھەددىس ۋە تارىخشۇناس، «ھاۋادىسۇززامان (تارىخى ئىبنۇلجەزەرىي)» ناملىق ئەسەرى مەشھۇردۇر.

276.   ئەبۇ ئەمر ئامىر ئىبنى شەراھىيل ئىبنى ئەبد ئەششەئبىي (عَامِرُ بنُ شَرَاحِيْلَ بْنِ عَبْدٍ الشَّعْبِيُّ، ھ. 21 – 104 / م. 641 – 723) — تابىئىنلارنىڭ چوڭلىرىدىن. كۇفەلىك مۇھەددىس، فەقىھ، قازى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە قاتارلىق كۆپ ئىماملارنىڭ ئۇستازلىرىدىن بىرى. خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز تەرىپىدىن قازى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئالىم. ئۇمەۋىي خەلىفە ئابدۇلمەلىك ئۇنى ۋىزانتىيەگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن.

277.   شەيخ مەھمۇد ئىبنى مۇھەممەد شەلتۇت (الشيخ مَحْمُوْدُ بْنُ مُحَمَّدٍ شَلتُوت، ھ. 1310 – 1383 / م. 1893 – 1963) — «ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ سابىق شەيخلىرىدىن بىرى. پەتۋا ۋە تەفسىر ساھەلىرىدە تونۇلغان، «شەيخ شەلتۇت پەتۋالىرى» ۋە «ئىسلام ئەقىدە ۋە شەرىئەتتۇر» قاتارلىق بىرقانچە كىتابى نەشر قىلىنغان.

278.   شەيخ تاجۇددىن ئەبۇلفەزل ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلكەرىم، ئىبنى ئەتائۇللاھ سەكەندەرىي (تَاجُ الدِّيْنِ أَبُو الفَضْلِ أَحْمَدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ عَبْدُ الكَرِيْمِ بنِ عَطَاءِ اللهِ الإِسْكَنْدَرِيُّ، ھ. 658 – 709 / م. 1219 – 1287) شازىلىييە تەرىقەتىگە مەنسۇپ مۇتەسەۋۋىف ۋە تۈرلۈك ئىلىملەردە يېتىشكەن ئاتاقلىق ئالىم ۋە مۇرشىد. مالىكىي فەقىھ ۋە ۋائىز. شەيخ ياقۇت، شەيخ ئەبۇلئابباس مۇرسىيلەردىن تەلىم ئالغان. ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئەشەددى رەقىبلىرىدىن بىرى ئىدى. «ئۇنۋانۇتتەۋفىق فى ئادابىتتەرىق» (ئۇستاز ئەبۇ مەديەن ئەتتىلمىسانىينىڭ قەسىدەسىنىڭ شەرھى)، «ئۇسۇلۇ مۇقەددىماتىل ۋۇسۇل»، ۋەز – نەسىھەتتە «تاجۇل ئەرۇس ئەلھاۋىي لىتەھزىيبىننۇفۇس»، «ئەتتەنۋىرۇ فى ئىسقاتىتتەدبىر»، تەسەۋۋۇفتا «ئەلھىكەمۇل ئەتائىييە ئەلا لىسانى ئەھلىتتەرىقە»، «ئەلقەسدۇل مۇجەررەد فى مەئرىفەتى ئەلئىسمىل مۇفرەد»، «ئەتتەرىقۇل جاددە فى نەيلىسسەئادە»، «ئەلمەرقا ئىلەل قەدىر ئەلئەبقا»، «مىفتاھۇ فەلاھى ۋە مىسباھۇل ئەرۋاھى فى زىكرىل كەرىمىل فەتتاھى»، «مۇختەسەرۇ تەھزىيبىل مۇدەۋۋەنە» (فىقھ) ۋە ئۇستازلىرى ئەبۇلھەسەن شازىلىي بىلەن ئەبۇلئابباس مۇرسىيلەرنىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە «لەتائىفۇل مىنەن» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. قاھىرەدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

279.   شەيخ تەقىييۇددىن ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى ئابدۇلجاببار ئىبنى يۈسۈف ئەششازىلىي ئەلھەسەنىي ئەلئىدرىيسىي (أَبُو الحَسَنِ عَلِيّ بْنُ عبدِ اللهِ بْنِ عبدِ الجَبَّارِ بن يوسف الْحَسَنِيُّ الإِدْرِيسِيُّ الشَّاذلِيُّ، ھ. 593 – 656/ م. 1196 – 1258) — تەسەۋۋۇفتىكى مەشھۇر شازىلىييە تەرىقەتىنىڭ پىرى، ئاتاقلىق زاھىد ۋە مۇتەسەۋۋىف. مالىكىي فەقىھ، ۋائىز. ماراكەشتە تۇغۇلۇپ، قۇرئاننى يادلاپ، باشلانغۇچ ئىلىملەرنى ئۆز يېزىسىدا ئالغان. تۇنىستا ئوقۇپ تەسەۋۋۇفقا يۈزلەنگەن. دەسلەپتە تۇنىسنىڭ شازىلە دېگەن يېرىگە جايلاشقان بولغاچقا، شۇ يەرگە نىسبەت بېرىلگەن. ھەجگە بېرىپ، ئىراقنى كېزىپ، مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە شەھرىدە ئولتۇراقلاشقان. كۆزى ئەما ئىدى. ئەبۇ مەديەن ئەتتىلمىسانىي، ئەبۇل ئابباس ئەلۋاسىتىي، ئابدۇسسالام مەشىش، ئابدۇلقادىر گەيلانىيلاردەك كاتتا تەسەۋۋۇف پىرلىرىدىن تەلىم ئالغان. مۇھيىددىن ئىبنى ئەرەبىي، ئەبۇلئابباس ئەلمۇرسىيلەر ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان. ئۇ ئىنتايىن چوڭ تەسەۋۋۇف مەدرىسەسىنى قۇرغان بولۇپ، ئۇ مەدرەسەدە يېتىشىپ چىققان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شازىلىييە تەرىقەتىدىن شاخلاپ چىققان تۈرلۈك تەرىقەتلەرنى قۇرغان. ئۇ «ھىزبى شازلىي» دەپ ئاتالغان مەشھۇر ۋىرد، تەسەۋۋۇف ئادابىدا «ئەلئەمىن رىسالەسى»، «نۇزھەتۇل قۇلۇب ۋە بۇغيەتۇل مەتلۇب» (قوليازما) ۋە «ئەسسىررۇل جەلىل فىي خەۋاسسى ھەسبۇنەللاھۇ ۋە نىئمەل ۋەكىل» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئۇنىڭ ھىزبىگە رەددىيە يازغان. ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەيياد ئۇنىڭ تەرجىمەھالى ھەققىدە «ئەلمەفاخىرۇل ئەلىييە فىلمەئاسىر ئەششازىلىييە» ناملىق كىتاب يازغان.

280.   شەيخ شىھابۇددىن ئەبۇلئابباس ئەھمەد ئىبنى ئۆمەر ئەلمۇرسىي ئەلخەزرەجىي ئەلبەلەنسىي (شِهَابُ الدِّيْنِ أَبُو العَبَّاسِ أَحْمَدُ بنُ المُرْسِيُّ الخَزْرَجِيُّ البَلَنْسِيُّ، ھ. 616 – 686 / م. 1219 – 1287) ئەندەلۇستىكى مۇرسىيەدە تۇغۇلۇپ، مىسىر ئىسكەندەرىيەدە ياشىغان ئاتاقلىق مۇتەسەۋۋىف ۋە مالىكىي فەقىھ، ۋائىز. قۇرئاننى يادلاپ تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، تۇنىستا شەيخ ئەبۇلھەسەن ئەششازىلىيدىن تەلىم ئالغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسكەندەرىيەگە بېرىپ، شەيخ تەقىيۇددىن ئەبۇلئھەسەندىن كېيىن شازىلىييە تەرىقەتىگە پىر بولغان. ئىبنى ئەتائۇللاھ سەكەندەرىي، ياقۇت ئەلئەرشىي ۋە ئىمام بۇسايرىيلەر ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان. ئىسكەندەرىيەدە ۋاپات بولغان.

281.   ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ بەدرۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەششەۋكانىي (الإمَامُ بَدْرُ الدِّيْنِ مُحَمَّدُ بْنُ عَلِيِّ بْنِ مُحَمَّدِ بْنِ عَبْدِ اللهِ الشَّوْكَانِيُّ، ھ. 1173 – 1250 / م. 1760 – 1834) — سانئادا قازى ۋە ھاكىم بولغان يەمەن ئەللامەلىرىدىن بىرى، كۆپ قىرلىق ئالىم، مەشھۇر مۇجتەھىد، «ئىرشادۇفۇھۇل» (ئۇسۇلى فىقھ)، «نەيلۇل ئەۋتار» (ھەدىس ئەھكاملىرى)، «فەتھۇل قەدىر» (تەفسىر)، «ئەسسەيلۇل جەررار» (فىقھ)، «ئەلفەۋائىدۇل مەجمۇئە (الفوائد المجموعة في الأحاديث الموضوعة)» ۋە «ئەلبەدرۇتتاﻟﯩﺌ» (تەرجىمىھال) قاتارلىق نۇرغۇن كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرغان.

282.   شەيخ ئەبۇ ئۇسامە شۇئەيب ئىبنى مۇھەررەم ئەلئەرنائۇت (شُعَيْبُ بْنُ مُحَرَّمٍ الأَرنَؤُوط، ھ. 1346 – 1438 / م. 1928 – 2016) — تېگى ئالبانىيەلىك، سۈرىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ھازىرقى زاماندىكى مەشھۇر مۇھەددىس، تىلشۇناس، ئەدىب. «مۇسنەدۇ ئەھمەد» (50 توم)، «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ» (25 توم) ۋە «شەرھۇسسۈننە» (16 توم) قاتارلىق چوڭ ھەجىملىك كۆپلىگەن ھەدىس كىتابلىرىنى نەشرگە تەييارلىغان ۋە ھەدىسلىرىنى تەخرىج قىلغان.

283.   ئەبۇ ئۇبەيدۇللاھ شۇمەيت ئىبنى ئەجلان ئەششەيبانىي ئەلبەسرىي (أَبُو عُبَيْدِ اللَّهِ شُمَيْطُ بْنُ عَجْلاَنَ الشَّيْبَانِيُّ الْبَصْرِيّ، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) — ئىبادەتگۇي، زاھىد، ۋەزخان تەسەۋۋۇف ئالىملىرىدىن بىرى.

284.   ئەللامە ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئىبراھىم ئەلئەلەۋىي ئەششىنقىيتىي (عَبْدُ اللَّه بنُ إِبْرَاهِيْمَ الْعَلَوِيُّ الشِنقِيطِي، ھ. ؟ – 1233 / م. ؟ – 1818) — ماۋرىتانىيەلىك تىلشۇناس ۋە شەرىئەتشۇناس ئەللامە. شەرئىي ئىلىملەردە نەزمىي ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇسۇلى فىقھ ئىلمىدە «مەراقىسسەئۇد» ناملىق نەزمە ئەسەرنىڭ مۇئەللىفى.

285.   شىھابۇددىن ئەبۇلئابباس ئەھمەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى سەلامە ئەلقەليۇبىي (شِهَابُ الدِّيْنِ أَبُو الْعَبَّاسِ أَحْمَدُ بْنُ أَحْمَدَ بْنِ سَلَامَةَ القَلْيُوْبِيُّ، ھ. ؟ – 1069 / م. ؟ – 1659) — شافىئىي فەقىھ ۋە مۇھەددىس. شەمسۇددىن رەملىينىڭ شاگىرتى. كۆپ ئەسەرلەرگە ھاشىيە يازغان. مەشھۇر ئەسەرى «ھاشىيەتۇل قەليۇبىي (حاشيتا قليوبي على شرح المحلى على منهاج الطالبين)»دۇر. يەنە «تۇھفەتۇرراغىب (تحفة الراغب)»(ئەھلى بەيت تەرجىمەھاللىرى)، «تەزكىرەتۇل قەليۇبىي (تذكرة القليوبي)»( تېبابەت)، «فەزائىلۇمەككە ۋەلمەدىنە (فضائل مكة والمدينة وبيت المقدس وشئ من تاريخها)» ۋە «تەئبىرۇل مەنامات (تعبير المنامات)» قاتارلىق رىسالىلىرى بار.

286.   ئىمام ھۆججەتۇل ئىسلام ئەبۇ ھامىد مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئەلغەززالىي (الإمَامُ حجَّةُ الإِسْلاَم أَبُو حَامِدٍ مُحَمَّدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ مُحَمَّدٍ الغَزَّالِيُّ، ھ. 450 – 505 / م. 1058 – 1111) — «ھۆججەتۇل ئىسلام» دەپ نام ئالغان شافىئىي فەقىھ، مۇتەسەۋۋىف. پەيلاسوپلارغا بەرگەن تەنقىدىي باھالىرى بار ئەشئەرىي ئالىم. ئەسەرلىرىدىن «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن (إحياء علوم الدين)»، «ئەلمۇستەسفا (المستصفى)»، «ئەلئىقتىساد فىل ئېئتىقاد (الاقتصادفي الاعتقاد)»، «تەھافۇتۇل فەلاسىفە (تهافت الفلاسفة)»، «ئەلمۇنقىزۇ مىنەززالال (المنقذ من الضلال)»، «ئەلقىستاسۇل مۇستەقىم (القسطاس المستقيم)»، «ئەلۋەسىت (الوسيط)»، «ئەلۋەجىز (الوجيز)»، «ئەلبەسىت (البسيط)»، «ئەلمەنخۇل(المنخول)»، «مىئيارۇل ئىلىم (معيار العلم)» ۋە «كىميائۇسسائادە (كيمياء السعادة)» قاتارلىقلار مەشھۇردۇر.

287.   ئىمام نەجمىددىن ئەبۇ رەجاﺋ مۇختار زاھىدىي ئەلغەزمىنىي (مُخْتَار بن مَحْمُود بن مُحَمَّد الزَّاهدِيّ أَبُو الرَّجَاء الغَزمِينِي، ۋاپاتى ھ. 658 / م. 1260): ھەنەفىي مەزھەبتىكى مەشھۇر كاتتا فۇقەھائلاردىن. خارەزمنىڭ غەزمىن يېزىسىدىن. بۇرھانۇلئەئىممە تۈركىستانىي، سىراجۇددىن يۈسۈف سەككاكىي ۋە «ئەلمۇغرىب»نىڭ مۇئەللىفى مۇتەررىزىي قاتارلىقلاردىن ئىلىم ئالغان. «ئەلقۇنيە»، «تۇھفەتۇلمۇنيە»، «زادۇلئەئىممە»، «كىتابۇلھاۋىي»، «رىسالە ناسىرىييە»(ناسىرىددىن بېركە خاننىڭ نامىغا ئاتاپ يازغان ئەقىدە رىسالەسى)، «مۇختەسەرۇلقۇدۇرىي»غا يازغان شەرھىسى «ئەلمۇجتەبا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. قاراڭ: ئابدۇلھەي لەكنەۋىي: «ئەلفەۋائىدەل بەھىييە»، 212 -، 213 – بەتلەر.

288.

289.   قەيس ئىبنى خالىدنىڭ قىزى فاتىمە ئەلفىھرىييە ئەلقۇرەشىييە (فَاطِمَةُ بِنْتُ قَيْسٍ الْفِهْرِيَّةُ القُرَشِيَّةُ، ھ. ؟ – 50 / م. ؟ – 670 – يىلدىن كېيىن) رەزىيەللاھۇ ئەنھا — دەسلەپتە ھىجرەت قىلغان مەشھۇر ساھابە زاتلاردىن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تەگكەن. ھەزرىتى ئۆمەر شەھىد قىلىنغاندا، «شۇرا ھەيئىتى» ئۇنىڭ ئۆيىدە توپلانغان.

290.   پەيغەمبىرىمىز ئەبۇلقاسىم مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى ۋە جىگەرپارىسى ھەزرىتى فاتىمە (فَاطِمَةُ بِنْتُ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، ھ. بۇرۇن 18 – ھ. 11 / م. 604 – 632) رەزىيەللاھۇ ئەنھا — ئانىسى ھەزرىتى خەدىجەدۇر، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئايالى، ھەزرىتى ھەسەن ۋە ھۈسەيننىڭ ئانىسى ۋە جەننەتى ئاياللارنىڭ گۈلتاجىسى، «فاتىمە زەھراﺋ» دەپ تونۇلغان زات.

291.   فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد خان ئىبنى مۇرادخان (ھ. 835 – 886 / م. 1432 – 1481) — ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ 4 – پادىشاھى. 1453 – يىل 29 – ماي كۈنى كونىستانتىنوپولنى فەتىھ قىلىپ ئوسمانلىلار بايرىقىنى ئىستانبۇلغا قادىغان.

292.   فازىل قازى ئابدۇررەھىم ئىبنى ئەلى ئىبنى ھەسەن ئەللەخمىي ئەلبەيسانىي (عَبْدُ الرَّحِيْمِ بنُ عَلِيِّ بنِ الحَسَنِ اللَّخْمِيُّ البَيْسَانِيُّ، ھ. 526 – 596 / م. 1131 – 1199) — «فازىل قازى» دەپ نام ئالغان. فاساھەت ۋە قەلەم كۈچى بىلەن تونۇلغان ئۆتكۈر يازغۇچى ئالىملاردىن. سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ ۋەزىرى. سالاھىددىن ئەييۇبىي ئۇنىڭ ھەققىدە: «مەن دىيارلارنى ئەسكەر بىلەن ئەمەس، فازىل قازىنىڭ قەلىمى بىلەن فەتىھ قىلدىم» دېگەن. دۆلەت ئىشلىرىدا ۋە تۈرلۈك مەزمۇنلاردا يازغان مەكتۇپ ۋە رىسالىلىرى يۈز تومغا يېتىدۇ. «دىۋان فازىل قازى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار.

293.   فەرۋە ئىبنى نەۋفەل ئەلئەشجەئىي (فَرْوَة بن نَوْفَل الْأَشْجَعِيّ، ھ. ؟ – 41 / م. ؟ – 662) — ئاتىسىدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان تابىئىن. شائىر. ھەزرىتى ئەلى زامانىدا تەرەپ تۇتمىغان، لېكىن ھەزرىتى ئەلى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ھەزرىتى مۇئاۋىيەگە قارشى چىققان ئىنقىلابچى.

294.   فەرىد ئەلئەنسارىي (فريد الأنصاري، ھ. 1380 – 1430 / م. 1960 – 2009) — ماراكەشلىك ئەدەبىياتشۇناس، شەرىئەتشۇناس ئاكادېمىك، پروفېسسور. شەرىئەت ۋە ئەدەبىياتقا ئالاقىدار نۇرغۇن ئەسەر، ماقالە، دەرس ۋە خۇتبىلىرى بار.

295.   ئەبۇ مۇھەممەد فەزالە ئىبنى ئۇبەيد ئىبنى نافىز ئەلئەنسارىي (فَضَالَةُ بنُ عُبَيْدِ بنِ نَافِذٍ الأَنْصَارِيُّ، ھ. ؟ – 53 / م. ؟ – 673) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «رىزۋان بەيئىتى»گە ۋە ئۇھۇد قاتارلىق غازاتلارغا قاتناشقان كاتتا ساھابە. ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئالىم زات. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى باش ھەربىي قوماندانلىققا ۋە دەمەشىقنىڭ قازىلىقىغا تەيىنلىگەن.

296.   ئەبۇننەزر فۇزەيل ئىبنى ئەمر ئەلفۇقەيمىي (فُضَيْلُ بْنُ عَمْرو الْفُقيْمِيُّ، ھ. ؟ – 110 / م. ؟ – 728) — كۇفەلىك مۇھەددىس. ئىبراھىم نەخەئىي، سەئىيد ئىبنى جۇبەير قاتارلىق تابىئىنلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئىشەنچلىك زات.

297.   ئەبۇ ئەلى فۇزەيل ئىبنى ئىياز (الْفُضَيْلُ بن عِيَاضٍ، ھ. 107 – 187 / م. 726 – 803 – يىلى ئەتراپىدا) — تېگى ئەرەبلەردىن بولۇپ، ياشلىقىدا ئۆزى تۇغۇلغان يۇرتى ئەبيۇرد / ئەبىۋەرد (ئۆزبېكىستان سەمەرقەند) بىلەن سەرەخس (تۈركمەنىستان – ئىران چېگرىسىغا جايلاشقان قەدىم يۇرت) ئارىسىدىكى چۆلدە يول توسار قاراقچىلىق قىلغان. فۇزەيل ئىبنى ئىياز زالالەتتە يۈرگەن كۈنلىرىدە بىر قېتىم مەشۇقەسىنىڭ يېنىغا كېتىۋېتىپ، بىر كىشىنىڭ: ﴿مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟﴾(ھەدىد: 16) دېگەن ئايەتنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالىدۇ. بۇ ئايەتنى ئاڭلىغان فۇزەيل: «شۇنداق، ئەي پەرۋەردىگارىم! دىللىرىمىزنىڭ ئېرىيدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى!» دەۋېتىدۇ ۋە شۇندىن كېيىن ئىسلامغا ئۆزىنى ئاتاپ خۇراسان رايونىنىڭ بۈيۈك زاھىدلىرىدىن، ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس ئالىملىرىدىن بولۇپ قالىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ مەككەدە ۋاپات بولغان.

298.   فىرىدرىك باربارۇسا (I Friedrich Barbarossa، م. 1122 – 1190) — 1152 – يىلى گېرمانىيە پادىشاھى، 1155 – يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى بولغان.

299.   فىلىپ ئاۋغۇست (II Philippe Auguste، م. 1165 – 1223) — فىرانسىيىنىڭ پادىشاھى(1180 – 1223). «تەڭرىنىڭ لۇتفى» دەپ نامى بار.

300.   فلاۋىيۇس ھېراكلىيۇس ئاۋگۇستۇس (Flavius Heraclius Augustus، م. 575 – 641) — شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىمپېراتورى(610 – 641).

301.   قازى ئەبۇ تاييىب تاھىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى تاھىر ئەتتەبەرىي (القَاضِي أَبُو الطَّيِّبِ طَاهِرُ بنُ عَبْدِ اللهِ بنِ طَاهِرٍ الطَّبَرِيُّ، ھ. 348 – 450 / م. 960 – 1058) — زامانىدىكى باغدادتىكى مەشھۇر شافىئىي فەقىھ. قازى. «شەرھۇ مۇختەسەرىل مۇزەنىي (شرح مختصر المزني)»، «ئەتتەئلىقەتۇل كۇبرا (التعليقة الكبرى)» «جاۋابۇن فىسسىمائى ۋەلغىنائى (جواب في السماع والغناء)» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

302.   ئەبۇل مەھاسىن قازى بەھائۇددىن ئىبنى شەدداد يۈسۈف ئىبنى رافئ ئىبنى تەمىم ئەلئەسەدىي ئەلمەۋسىلىي (يُوْسُفُ بْنُ رَافِعِ بْنِ تَمِيْمِ بْنِ شَدَّادٍّ الْأسَدِيُّ المَوْصِلِيُّ، ھ. 539 – 632 / م. 1145 – 1234) — «بەھائۇددىن ئىبنى شەدداد» دەپ تونۇلغان كاتتا قازى ۋە تارىخچى. سالاھىددىن ئەييۇبىي تەرىپىدىن ئەسكەر قازىسى ۋە قۇددۇس قازىسى بولغان. سالاھىددىندىن كېيىن ھەلەپ قازىسى بولغان. سالاھىددىن ئەييۇبىي تەرجىمىھالىنى «ئەننەۋادىر ئەسسۇلتانىييە ۋەلمەھاسىن ئەليۈسۈفىييە» ناملىق ئەسەرىدە تەپسىلىي يازغان. ئۇندىن باشقا «جىھاد پەزىلىتى»، قازىلىق كەسپىدە «مەلجەئۇلھۇككام» قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار.

303.   قازى شۇرەيھ ئىبنى ھارىس ئىبنى قەيس ئەلكىندىي (شُرَيْحُ بنُ الحَارِثِ بنِ قَيْسٍ الكِنْدِيُّ، ھ. بۇرۇن 30 – ھ. 78 / م. 593 – 697) — يەمەنلىك كاتتا تابىئىن. ئاتاقلىق ئىسلام قازىسى. ھ. 5 / م. 626 – يىلى مۇسۇلمان بولغان، لېكىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرەلمىگەن. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ تەرىپىدىن كۇفەنىڭ قازىلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋە ئاتمىش يىل قازىلىق قىلغان. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «شۇرەيھ ئەرەبلەردىن چىققان ئەڭ ياراملىق قازى» دېگەن.

304.   قازى فەخرۇددىن ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ئىبنى ئەھمەد ئىبنى لوقمان ئەششەيبانىي ئەلئىسئىردىي (القَاضِي فَخْرُ الدِّيْنِ أَبُو إِسْحَاقَ إِبْرَاهِيْمُ بنُ لُقْمَانَ بنِ أَحْمَدَ بنِ مُحَمَّدِ بنِ فَضلاَن الشَّيْبَانِيِّ الإِسْعِردِي، ھ. 620 – 676 / م. 1216 – 1294) — ئەييۇبىيلەر ۋە مەملۇكىيلەر دەۋرلىرىدىكى قازى، ۋەزىر ۋە يازغۇچى. IX لۇئىس ئەسىرگە چۈشكەندە ئۇنىڭ نىل دەرياسى بويىغا جايلاشقان سارىيىغا بىر ئاي قامالغانلىقتىن، ئۇنىڭ سارىيى يېقىنقى زامانلاردا مەشھۇر مۇزىيخانىغا ئايلانغاندۇر.

305.   ئەبۇ مۇھەممەد / ئەبۇ ئەلى قازى ھۈسەين ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەلمەرۋەررۇزىي (أَبو مُحَمَّدٍ / أَبُو عَليّ الْحُسَيْن بنُ مُحَمَّد بْن أَحْمَد المَرْوَرُّوْذِيّ، ھ. – 462 / م. – 1058) — تۈركمەنىستانلىق مەشھۇر شافىئىي فەقىھ، مۇفتى، قازى. فىقھتا «ئەتتەئلىيقە (التعليقة الكبرى)» ۋە «پەتۋالار (الفتاوى)» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

306.   قازى ئەبۇلفەزل ئىياز ئىبنى مۇسا ئەليەھسۇبىي (القَاضِي عِيَاضٌ بنُ مُوْسَى اليَحْصُبِيُّ، ھ. 476 – 544 / م. 1083 – 1149) — ماراكەشتە ئۆتكەن ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس. قازى، مالىكىي فەقىھ ۋە تىلشۇناس. «ئىكمالۇل مۇئلىم»، «ئەششىفا»، «تەرتىيبۇل مەدارىك (ترتيب المدارك)» ۋە «مەشارىقۇل ئەنۋار» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

307.   قاسىم ئىبنى ئەبى ئەييۇب بەھرام ئەلئەئرەج ئەلئەسەدىي ئەلئەسبەھانىي ئەلۋاسىتىي (الْقَاسِمُ بْنُ أَبِي أَيُّوبَ بَهْرَامَ الْأَعْرَج الأَسَدِيُّ الأَصْبَهَانِيُّ الواسطيُّ، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) — سەئىد ئىبنى جۇبەيردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، رىۋايەتلىرى ئىشەنچلىك دەپ قارالغان زات.

308.   ئەبۇ مۇھەممەد ئەلقاسىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇبەكرى سىددىق (القَاسِمُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ أَبِي بَكْرٍ الصِّدِّيْقِ، ھ. 35 – 107 / م. 656 – 726) — كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان كاتتا تابىئىن، مەدىنەدىكى «يەتتە فەقىھ»نىڭ بىرى. ھەزرىتى ئائىشەنىڭ جىيەنى.

309.   ئەبۇ سەئىد قەبىيسە ئىبنى زۇئەيب ئىبنى ئەلھەلھەلە ئەلخۇزائىي (قَبِيْصَةُ بنُ ذُؤَيْبِ بنِ حَلْحَلَةَ الخُزَاعِيُّ الْمَدَنِيُّ، ھ. 8 – 86 / م. 629 – 705) — تابىئىن. ئاتىسى ئۇنى بوۋاق ۋاقتىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىپ دۇئاسىنى ئالدۇرغان زات. ساھابەلەردىن خەلىفە ئۆمەر، خەلىفە ئوسمان، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئۇمەۋىي خەلىفە ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان تەرىپىدىن كاتىبات ۋە پوچتا ئىشلار ۋەزىرى بولغان.

310.   ئەبۇ بىشر قەبىيسە ئىبنى مۇخارىق ئەلھىلالىي (قَبِيصَةُ بْنُ مُخَارِقٍ الْهِلَالِيِّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ساھابە.

311.   ئەبۇلخەتتاب قەتادە ئىبنى دىئامە ئەسسەدۇسىي ئەلبەسرىي (قَتَادَةُ بنُ دِعَامَةَ السَّدُوْسِيُّ البَصْرِيُّ، ھ. 61 – 118 / م. 680 – 736) — تابىئىن، كاتتا مۇفەسسىر، فەقىھ، تىلشۇناس ۋە نەسەبشۇناس. تۇغما ئەما ئىدى.

312.   شىھابۇددىن ئەبۇلئابباس ئەھمەد ئىبنى ئىدرىس ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەسسىنھاجىي ئەلقەرافىي (أَحْمَدُ بنُ إِدْرِيسَ بنِ عَبْدِ الرَّحْمَنِ الصِنهاجِي الْقَرَافِيُّ، ھ. 626 – 684 / م. 1229 – 1285) — مىسىرلىق مالىكىي فەقىھ ۋە ئەدىب. «ئەنۋارۇل بۇرۇق»، «ئەززەخىيرە» ۋە «تەنقىيھۇل فۇسۇل» قاتارلىق كىتابلىرى بار.

313.   ئىمام شىھابۇددىن ئەبۇلئابباس ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئەلقەستەلانىي (الإمَامُ شِهَابُ الدِّيْنِ أَحْمَدُ بنُ مُحَمَّدٍ القَسْطَلاَنِيِّ، ھ. 852 – 923 / م. 1447 – 1517) — ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس، شافىئىي مەزھەب فەقىھى. «سەھىھۇلبۇخارىي»نىڭ شەرھى بولغان «ئىرشادۇسسارىي»، «ئەلمەۋاھىبۇللەدۇنىييە»(پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمىھالى) ۋە «مەشارىقۇل ئەنۋار»(شەرھۇل بۇردە) قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى، مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللام تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، 1981 – يىلى «بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «سەھىھۇلبۇخارىي جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانىي شەرھى» ناملىق ئەسەردىكى شەرھلەر ئىمام قەستەلانىينىڭ ئەمگىكىدۇر.

314.   ئەبۇ ئابدۇللاھ قەيس ئىبنى ئەبباد ئەلقەيسىي ئەلبەسرىي (قَيْسُ بْنُ عَبَّادٍ الْقَيْسِيُّ الْبَصْرِيُّ، ھ. ؟ – 81 / م. ؟ – 700) — ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، ئىشەنچلىك تابىئىنلەردىن بىرى. ھەججاج تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

315.   قەيس ئىبنى ھەبتەر ئەتتەمىيمىي ئەننەھشەلىي (قَيْسُ بْنُ حَبْتَرٍ التَّمِيمِيُّ النَّهْشَلِيُّ، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) — كۇفەلىك تابىئىن. ئىبنى مەسئۇد، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئىشەنچلىك زات.

316.   ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ شەمسۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەلئەنسارىي ئەلقۇرتۇبىي (الإمَامُ شَمْسُ الدِّيْنِ أَبُو عَبْدِ اللهِمُحَمَّدُ بنُ أَحْمَدَ الأَنْصَارِيُّ القُرْطُبِيُّ، ھ. 600 – 671 / م. 1204 – 1273) — ئاتاقلىق مۇفەسسىر ۋە ھەدىسشۇناس، مالىكىي مەزھەب فەقىھى. «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي / ئەلجامىئۇ لىئەھكامىل قۇرئان (الجامع لأحكام القرآن)» ناملىق تەفسىرىدىن باشقا «ئەتتەزكىرە (التذكرة بأحوال الموتى وأحوال الآخرة)»، «قەمئۇل ھرسى (قمع الحرص بالزهد والقناعة)»، «ئەتتەزكار التذكار في أفضل الأذكار)»، «ئەلئەسنا (الأسنى في شرح أسماء الله الحسنى)» ۋە «ئەلئىئلام» قاتارلىق ئەسەرلىرى مەشھۇردۇر.

317.   ئىمام كەمال ئىبنى ھۇمام كەمالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھىد ئىبنى ئابدۇلھەمىد ئەسسىيۋاسىي ئەلقاھىرىي ئەلھەنەفىي (كمالُ الدِّيْنِ مُحَمَّدُ بنُ عَبْدِ الوَاحِدِ بْنِ عَبْدِ الحَمِيْدِ السِّيْوَاسِىُّ القَاهِرِيُّ الحَنَفِيُّ، ھ. 790 – 861 / م. 1388 – 1457) — كاتتا ھەنەفىي فەقىھ، مۇھەددىس، كالامشۇناس، مۇفەسسىر. ئەسەرلىرى: «فەتھۇل قەدىر (فتح القدير)»(ئەلھىدايەنىڭ شەرھى)، «ئەتنەھرىر (التحرير)»، «زادۇل فەقىر (زاد الفقير)» ۋە «ئەلمۇسايەرە (المسايرة في العقائد المنجية في الآخرة)»، «ئەتتەھرىر» قاتارلىقلار.

318.   ئەبۇ ئىسھاق كەئب ئىبنى ماﺗﯩﺌ ئەلھىميەرىي ئەليەمانىي (كَعْبُ بنُ مَاتِعٍ الحِمْيَرِيُّ اليَمَانِيُّ، ھ. بۇرۇن 72 – ھ. 32 / م. 551 – 652) — «كەئبۇل ئەھبار» دەپ تونۇلغان كاتتا ئالىم. ئەسلىدە يەھۇدىي بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپاتىدىن كېيىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرى خىلاپىتىدە مۇسۇلمان بولغان ۋە يەمەندىن خەلىفە ئۆمەر زامانىدا مەدىنەگە كېلىپ ساھابەلەردىن ئىلىم ئالغان. تابىئىن. رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرى سەھىھتۇر.

319.   ئەبۇ بەشىر كەئب ئىبنى مالىك ئىبنى ئەمر ئەلئەنسارىي (كَعْبُ بنُ مَالِكِ بنِ عَمْرٍو الأَنْصَارِيُّ، ھ. بۇرۇن 26 – ھ. 51 / م. 596 – 671) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «ئەقەبە بەيئەتى»گە ۋە «ئۇھۇد» قاتارلىق غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. «تەبۇك غازىتى»غا چىقماي، كېيىن تەۋبىسى قوبۇل قىلىنغان ئۈچ كىشىنىڭ بىرى. شۇنداقلا، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شائىرى» دەپ نام ئالغان زاتلاردىن بىرى.

320.   ئىمام ئەبۇ مەھفۇز مەئرۇف ئىبنى فەيرۇز ئەلكەرخىي ئەلباغدادىي (أَبُو مَحْفُوْظٍ مَعْرُوْفٌ بنُ فَيْرُوْزٌ الكَرْخِيُّ البَغْدَادِيُّ، ھ. ؟ – 200 / م. ؟ – 816) — تەسەۋۋۇف پېشۋالىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىبادەتگۇي، زاھىد، قۇرئاننى كۆپ تىلاۋەت قىلىدىغان، ھېكمەتلىك سۆزلىرى، ئېسىل پەزىلەتلىرى بىلەن تونۇلغان زاتتۇر.

321.   ئەبۇ ئابدۇللاھ كۇرز ئىبنى ۋەبرە ئەلھارىسىي ئەلكۇفىي (كُرْزٌ بنُ وَبَرَةَ الحَارِثِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 110 / م. ؟ – 729) — ساھابە ۋە تابىئىنلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان تابىئىن. ئىبادەتگۇي، زاھىد، غازىي، «قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتىگە ئالاھىدە ھېرىسمەن، دۇئاسى ئىجابەت زاتتۇر.

322.   ئىمام ئەبۇل ھارىس لەيس ئىبنى سەئد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەلفەھمىي ئەلقەلقەشەندىي ئەلمىسرىي (اللَّيْثُ بنُ سَعْدِ بنِ عَبْدِ الرَّحْمَنِ الفَهْمِيُّ القَلْقَشَنْدِيُّ المِصْرِيُّ، ھ. 94 – 175 / م. 713 – 791) — مۇجتەھىد ئىمام. ئۆز زامانىدىكى مىسىر مۇھەددىسى ۋە فەقىھى، ئەڭ مەشھۇر فىقھ ئىماملىرىدىن بىرى بولسىمۇ، ئۆزى ياكى شاگىرتلىرى قاراشلىرىنى يېزىپ قالدۇرمىغاچقا، قاراشلىرى كەڭ تارقالمىغان.

323.   ئەبۇ رەزىن لەقىيت ئىبنى ئامىر ئىبنى سەبرە ئەلئۇقەيلىي (أَبُو رَزِينٍ لَقِيطُ بْنُ عَامِرٍ بْنِ صَبْرَةَ الْعُقَيْلِيُّ، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — تائىفلىك ساھابە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھۇزۇرىغا ئۆز قەۋمىنىڭ ئۆمىكى قاتارىدا كەلگەن ۋە ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

324.   ئەزىز لۇئىس (Louis IX، م. 1214 – 1270) — فرانسىيىنىڭ 1226 – 1270 – يىللار ئارىسى فرانسىيە پادىشاھى بولغان. 1249 – يىلى مىسىرغا يەتتىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپ يۈرۈشىگە، 1270 – يىلى تۇنىسقا سەككىزىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپ يۈرۈشىگە قوماندانلىق قىلغان ۋە تۇنىسقا قەدەم باسا – باسمايلا ئۆلگەن. خرىستىيان كاتولىك چېركاۋى تەرىپىدىن 1297 – يىلى «ئەزىز» نامى بېرىلگەن بىردىنبىر فرانسىيە پادىشاھى بولۇپ، ئادەتتە «ئەزىز لۇئىس (Saint Louis)» دەپ تونۇلىدۇ.

325.   مىسىرلىق شەمئۇننىڭ قىزى ھەزرىتى ئۇممۇ ئىبراھىم مارىيە ئەلقىبتىييە (مَارِيَةُ بِنْتِ شَمعُوْنَ الْقِبْطِيَّةُ، ھ. ؟ – 16 / م. ؟ – 637) رەزىيەللاھۇ ئەنھا — ئىسكەندەرىيە ھاكىمى مۇقاۋقىسنىڭ ھ. 7 / م. 628 – يىلى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەۋەتكەن ھەدىيەسى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چۆرىسى. خرىستىيانلىقنى تاشلاپ مۇسۇلمان بولغان ۋە كېيىنكى يىلى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئوغلى ئىبراھىمنى تۇغقان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۆر بولغان.

326.   ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ مالىك ئىبنى ئەنەس ئىبنى مالىك ئەلئەسبەھىي ئەلمەدەنىي (الإمَامُ مَالِكُ بْنُ أَنَسِ بْنِ مَالِكٍ الأَصبَحِيُّ الْمَدَنِيُّ، ھ. 93 – 179 / م. 712 – 795) — مەدىنەدە ياشاپ ئۆتكەن بۈيۈك مۇھەددىس، تەبەئى تابىئىن. مەشھۇر «تۆت مەزھەب»نىڭ بىرى بولغان «مالىكىي مەزھىبى»نىڭ ئىمامى. «ئەلمۇۋەتتا» ئاتلىق مەشھۇر ھەدىس كىتابى باردۇر.

327.   ئەبۇ يەھيا مالىك ئىبنى دىنار ئەلبەسرىي (أَبُو يَحْيَى مَالِكُ بْنُ دِينَارٍ البَصْرِيُّ، ھ. ؟ – 131 / م. ؟ – 749) — بەسرەلىك ئازادگەردە. تابىئىنلەرنىڭ پېشۋالىرىدىن بولۇپ، مۇھەددىس، قىرائەتشۇناس، ئىبادەتگۇي زاتتۇر. «قۇرئان» كۆچۈرۈپ تىرىكچىلىك قىلغان.

328.   ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەبىيب ئەلبەسرىي ئەلماۋەردىي (أَبُو الحَسَنِ عَلِيُّ بنُ مُحَمَّدِ بنِ حَبِيْبٍ البَصْرِيُّ الْمَاوَرْدِيِّ، ھ. 364 – 450 / م. 974 – 1058) — مەشھۇر باش قازى، مۇفەسسىر، سىياسەتشۇناس، شافىئىي فەقىھ، ئەلچى ۋە ئەدىب. يىگىرمە تومدا «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر (الحاوي الكبير)» ناملىق شافىئىي مەزھەب فىقھ ئېنسىكلوپېدىيەسى، «ئەننۇكەت ۋەلئۇيۇنى (والنكت والعيون)» ناملىق تەفسىر، شۇنداقلا ھۆكۈمدارلىق سەنئىتى، سىياسەت ۋە ئەخلاقتا «ئەلئەھكامۇسسۇلتانىيە (الأحكام السلطانية)»، «نەسىھەتۇل مۇلۇك (نصيحة الملوك)»، «قانۇنۇل ۋەزارە (قانون الوزارة)» ۋە «ئەدەبۇددۇنيا ۋەددىن (أدب الدنيا والدين)» قاتارلىق مىسلىسىز ئەسەرلىرى بار.

329.   ئەبۇلھەسەن ئىمام بۇرھانۇددىن ئەلى ئىبنى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئابدۇلجەلىل ئەلفەرغانىي ئەلمەرغىنانىي (أَبُو الحَسَنِ عَلِيُّ بنُ أَبِي بَكْرِ بنِ عَبْدِ الجَلِيْلِ الفَرغَانِي الْمَرْغِيِنَانِيُّ الحَنَفِيُّ، ھ. 511 – 593 / م. 1135 – 1197) — پەرغانەلىك ھەنەفىي مەزھىبىدىكى بۈيۈك ئىمام. مەشھۇر ھەنەفىي فىقھ كىتابى «ھىدايە (الهداية في شرح البداية)»نىڭ مۇئەللىفى ۋە «بىدايەتۇل مۇبتەدىي (بداية المبتدي)»، «مۇختاراتۇننەۋازىل (مختارات النوازل)»، «شەرھۇل جامىئۇل كەبىر (شرح الجامع الكبير)»، «ئەتتەجنىسۇ ۋەلمەزىد (التجنيس والمزيد)»، «كىفايەتۇل مۇنتەھىي (كفاية المنتهي)» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

330.   مەسرۇق ئىبنى ئەلئەجدەﺋ ئىبنى مالىك ئەلۋادىئىي ئەلھەمدانىي ئەلكۇفىي (مَسْرُوْقُ بنُ الأَجْدَعِ بنِ مَالِكٍ الوَادِعِيُّ الهَمْدَانِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 62 / م. ؟ – 682) — تابىئىن، كۇفەلىك مۇفتى. ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئەلى قاتارلىق زاتلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

331.   ئەبۇ ئابدۇللاھ مەكھۇل ئىبنى ئەبى مۇسلىم شەھراب ئىبنى شازىل ئەششامىي ئەددىمەشقىي (مَكْحُولُ بْنُ شَهْرَابَ بنِ شَاذِلَ الشَّامِي الدِّمَشْقِيُّ، ھ. ؟ – 112 / م. ؟ – 730) — تېگى كابۇللۇق ئازادگەردە تابىئىن ۋە كاتتا فەقىھ. ئۆز ۋاقتىدىكى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى كېزىپ، نۇرغۇن ساھابەلەردىن ئىلىم ئالغان ۋە بىر ئۆمۈر ئىلىمنىڭ، سۈننەتنىڭ خىزمىتىنى قىلغان شام دىيارىنىڭ كاتتا ئىمامى. تابىئىنلار دەۋرىدىكى تۆت چوڭ ئالىمنىڭ بىرى.

332.   ئىمام زەينۇددىن مۇھەممەد ئابدۇررەئۇف ئىبنى تاجۇلئارىفىن ئىبنى نۇرىددىن ئەلقاھىرىي ئەلمۇناۋىي (زينُ الدِّينِ محمدٌ عبدُ الرَّؤوفِ الْمُنَاوِيُّ القَاهِرِيُّ الشَّافِعِيُّ، ھ. 952 – 1031 / م. 1545 – 1622) — تۈرلۈك ئىلىملەردە يېتىشكەن مىسىرلىق ئالىم. «ئەتتەيسىر»، «فەيزۇلقەدىر» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

333.   ئەبۇلمۇغىيرە مەنسۇر ئىبنى زازان ئەسسەقەفىي ئەلۋاسىتىي (مَنْصُوْرُ بنُ زَاذَانَ الثَّقَفِيُّ الوَاسِطِيُّ، ھ. ؟ – 131 / م. ؟ – 749) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئازادگەردە تابىئىن. ئابىد، زاھىد، مۇھەددىس. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئىشەنچلىك زات.

334.   مەۋلانا ئەبۇ ئەلى ئەلفەزل ئىبنى مۇھەممەد ئەلفارمەزىي ئەلخۇراسانىي (أَبُو عَلِيٍّ الفَضْلُ بنُ مُحَمَّدٍ الفَارمَذِيُّ الخُرَاسَانِيُّ): (ھ. 407 – 477 / م. 1017 – 1084) «رۇكنۇلئىسلام»، «ئەلمۇرشىد»، «قۇتۇبۇززامان» ۋە «شەيخۇل مەشايىخ» دېگەندەك ناملارنى ئالغان، ۋەزىر نىزامۇلمۇلكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان كاتتا مۇتەسەۋۋىف، زاھىد، ۋائىز. «نەقشەبەندىييە تەرىقىتىنىڭ ئەلەۋىي سىلسىلەسىدە ئەبۇلقاسىم ئەلجۇرجانىينىڭ، بەكرىي سىلسىلەسىدە ئەبۇلھەسەن ئەلخەرەقانىينىڭ خەلىفەسى» دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى سىلسىلە ئۇنىڭدا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى يۈسۈف ئەلھەمەدانىيدا تۇتۇشۇپ، نەقشەبەندىييە تەرىقىتىنىڭ 8 – ئالتۇن ھالقىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

335.   ئەبۇ ئەلى مەئقىل ئىبنى يەسار ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلمۇزەنىي ئەلبەسرىي (مَعْقِلُ بْنُ يَسَارِ بْنِ عَبْدِ اللهِ الْمُزَنِيُّ البَصْرِيُّ، ھ. ؟ – 50 / م. ؟ – 670) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ھۇدەيبىييەدىكى «رىزۋان بەيئەتى»گە قاتناشقان ساھابە. خەلىفە ئۆمەر تەرىپىدىن بەسرەگە ۋالىي قىلىنغان.

336.   ئەبۇ ئەييۇب مەيمۇن ئىبنى مىھران ئەلجەزەرىي (مَيْمُوْنُ بنُ مِهْرَانَ الجَزَرِيُّ، ھ. 37 – 116 / م. 657 – 734) — بۈيۈك تابىئىن، ئازادگەردە. ھەدىس ئىلمىدە ئىشەنچىلىك، فىقھ ئىلمىدە ئىستىدادلىق كاتتا ئالىملاردىن بىرى. خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مۇئەللىمى. قازى بولغان. ھ. 107 / م. 725 – يىلى قىبرىس (سىپرۇس) قا يۈرۈش قىلغان قوشۇننىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرغان.

337.   ھەزرىتى مەيمۇنە بىنتى ئەلھارىس ئىبنى ھەزن ئەلھىلالىييە (أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ مَيْمُونَةُ بِنْتُ الْحَارِثِ بنِ حَزْنٍ الهِلاَلِيَّةُ، ھ. بۇرۇن 29 – ھ. 51 / م. 594 – 673) رەزىيەللاھۇ ئەنھا — «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايالى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھاممىسى.

338.   ئەبۇ سەھل مۇئاز ئىبنى ئەنەس ئەلجۇھەنىي (مُعَاذُ بْنُ أَنَسٍ الْجُهَنِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — مىسىرغا جايلىشىپ قالغان ساھابە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن غازاتقا قاتناشقان ۋە ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

339.   ئەبۇ ئابدۇرراھمان مۇئاز ئىبنى جەبەل ئىبنى ئەمر ئەلئەنسارىي ئەلخەزرەجىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ مُعَاذُ بنُ جَبَلِ بنِ عَمْرٍو الأَنْصَارِيُّ الخَزْرَجِيُّ، ھ. بۇرۇن 18 – ھ. 18 / م. 604 – 639) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — 18 يېشىدا مۇسۇلمان بولۇپ، ئىككىنچى «ئەقەبە بەيئەتى»گە، «بەدر غازىتى»غا ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. ساھابەلەر ئىچىدىكى ھالال – ھارام ئەھكاملىرىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان فەقىھ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرىپىدىن يەمەنگە ئەۋەتىلگەن.

340.   ئۇممۇ ساھباﺋ مۇئازە بىنت ئابدۇللاھ ئەلئەدەۋىييە (مُعَاذَةُ بِنْتُ عَبْدِ اللهِ أُمُّ الصَّهْبَاءِ العَدَوِيَّةُ) — بەسرەلىك بولۇپ، ھەزرىتى ئائىشە، ھەزرىتى ئەلى قاتارلىق بۈيۈك ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، ھەر كۈندۈزنى «بۇ مېنىڭ ئاخىرقى كۈندۈزۈم بولسا كېرەك»، ھەر كېچىنى «بۇ مېنىڭ ئاخىرقى كېچەم بولسا كېرەك» دەپ كۆپ ئىبادەت قىلىدىغان مەشھۇر تابىئىن ئايال. ئۇنىڭ «قەبرنىڭ قاراڭغۇلىقىدا ئۇزۇن بىر ئۇيقۇ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بۇ دۇنيادا ئۇخلىغان كۆزگە ھەيرانمەن» دېگەن سۆزى مەشھۇردۇر. تەخمىنەن ھ. 83 / م. 702 ئەتراپىدا ۋاپات بولغان.

341.   ھەزرىتى ئەبۇ ئابدۇرراھمان مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبى سۇفيان سەخر ئىبنى ھەرب ئەلئۇمەۋىي ئەلقۇرەشىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ مُعَاوِيَةُ بنُ أَبِي سُفْيَانَ صَخْرِ بنِ حَرْبٍ الأُمَوِيُّ القُرَشِيُّ، ھ. بۇرۇن 20 – ھ. 60 / م. 602 – 680) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەھيى يازىدىغان كاتىپلىرىدىن بىرى، خەلىفە ئوسمان تەرىپىدىن شامغا ۋالىي قىلىپ تەيىنلەنگەن. «ئۇمەۋىيلەر دۆلىتى»نىڭ قۇرغۇچى خەلىفەسى (661 – 680).

342.   ئەبۇ سەللام مۇئاۋىيە ئىبنى سەللام ئىبنى مەمتۇر ئەلھەبەشىي ئەششامىي (مُعَاوِيَةُ بْنُ سَلاَّمِ بْنِ أَبِي سَلاَّمٍ مَمْطُورٍ الحَبَشِيُّ الشَّامِيُّ، ھ. 100 – 170 / م. 718 – 786) — ئۆز زامانىدىكى شام مۇھەددىسى. ھەدىسشۇناسلار نەزەرىدە ئىشەنچلىك راۋىي.

343.   ئەبۇلھەسەن مۇئەللا ئىبنى ئەلفەزل ئەلئەزدىي ئەلبەسرىي (الْمُعَلَّى بْنُ الْفَضْلِ الأَزْدِيُّ الْبَصْرِيُّ، ھ. 230 / م. 845 – يىلىدىن كېيىن ۋاپات بولغان) — بەسرەلىك مۇھەددىس. بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە ئىشەنچلىك دەپ قارىلىدۇ.

344.   ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇتەررىف ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەششىخخىر ئەلئامىرىي ئەلبەسرىي (مُطَرِّفُ بْنُ عَبْدِ اللهِ بْنِ الشِّخِّيرِ العَامِرِيُّ البَصْرِيُّ، ھ. 2 – 95 / م. 624 – 714) — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا تۇغۇلغان كاتتا تابىئىن. نۇرغۇن ساھابەلەردىن ئىلىم ئالغان. مۇھەددىس، زاھىد ئالىملاردىن.

345.   ئەبۇ ئەمر / ئەبۇ سەئىد مۇجالىد ئىبنى سەئىد ئەلھەمدانىي ئەلكۇفىي (مُجَالِدُ بنُ سَعِيْدِ بنِ عُمَيْرِ بنِ بِسْطَامَ الهَمْدَانِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 48 – 144 / م. 663 – 762) — مۇھەددىس. ئۇنىڭدىن سۇفيان سەۋرىي، شۇئبە قاتارلىق ئىماملار ھەدىس رىۋايەت قىلغان ۋە «ئىشەنچلىك» دەپ قارىغان. يەھيا ئىبنى مەئىن ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىقلار: «زەئىف» دېگەن.

346.   ئەبۇلھەججاج مۇجاھىد ئىبنى جەبر ئەلمەككىي (مُجَاهِدُ بنُ جَبْرٍ الْمَكِّيُّ الأَسْوَدُ، ھ. 21 – 103 / م. 642 – 721) — ئازادگەردە تابىئىن، ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنىڭ شاگىرتى. كاتتا فەقىھ ۋە مەككە مۇفەسسىرى.

347.   ئەبۇ ئىسمائىل مۇررە ئەتتاييىب ئىبنى شەراھىل ئەلھەمدانىي ئەلكۇفىي (مُرَّةُ الطَّيِّبُ بنُ شَرَاحِيْلَ الهَمْدَانِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 76 / م. ؟ – 696) — جاھىلىيەت دەۋرىنىمۇ، ئىسلامىيەت دەۋرىنىمۇ ياشىغان، لېكىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرمىگەن. ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان كۇفەلىك تابىئىن، رىۋايەتلىرى ئىشەنچلىك، تەقۋادار زات. ئىبادەتگۇيلىقى، ياخشىلىقىنىڭ كۆپلۈكىدىن «ئەتتاييىب» دەپ نام ئالغان.

348.   شەيخ مۇستافا ئىبنى ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئەززەرقاﺋ ئەلھەنەفىي ئەلھەلەبىي (مُصطَفى بْنُ أَحْمَدَ بنِ مُحَمَّدٍ الزَرقَاءُ، ھ. 1322 – 1420 / م. 1904 – 2000) — سۈرىيەلىك، ھازىرقى دەۋردە كۆزگە كۆرۈنگەن فەقىھ ۋە ئىسلاھاتچى، شائىر. «سۇغۇرتا توختىمى ۋە شەرىئەتنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا تۇتقان مەۋقەسى (عقد التأمين وموقف الشريعة منه)»، «يېڭى تۈستىكى ھەنەفىي فىقھىسى (الفقه الإسلامي في ثوبه الجديد)» (4 توم) ۋە «ۋەقفلەر ئەھكاملىرى (أحكام الأوقاف)» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

349.   ئىمام ئەبۇلھۇسەين مۇسلىم ئىبنى ئەلھەججاج ئىبنى مۇسلىم ئەلقۇشەيرىي ئەننىشاپۇرىي (الإمَامُ مُسْلِمُ بنُ الحَجَّاجِ بنِ مُسْلِمٍ القُشَيْرِيُّ النَّيْسَابُوْرِيُّ، ھ. 206 – 261 / م. 821 – 875) ــ ئاتاقلىق ھەدىس ئالىمى، «سەھىھۇلبۇخارىي (صحيح البخاري)»دىن قالسا، ئەڭ ئىشەنچلىك سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى «سەھىھۇ مۇسلىم (صحيح مسلم)» دەپ مەشھۇر بولغان «ئەلمۇسنەدۇسسەھىھ (المسند الصحيح المختصر من السنن بنقل العدل عن العدل عن رسول الله صلى الله عليه وسلم)»نىڭ ۋە «ئەتتەميىز (التمييز)»، «ئەلكۇنە ۋەلئەسمائۇ (الكنى والأسماء)»، «ئەلئەقرانۇ (الأقران)»، «ئەلئەفرادۇ ۋەلۋىھدان (الأفراد والوحدان)» ۋە «ئەتتەبەقات (الطبقات)» قاتارلىق باشقا بىرنەچچە قىممەتلىك كىتابنىڭ مۇئەللىفى. نىشاپۇردا ۋاپات بولغان.

350.   ئەبۇ ئۇبەيدۇللاھ مۇسلىم ئىبنى مىشكەم ئەلخۇزائىي ئەددىمەشقىي (مُسْلِمُ بْنُ مِشْكَمٍ الخُزَاعِيُّ الدِّمَشْقِيُّ، ھ. ؟ – 101 / م. ؟ – 720) — ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «قۇرئان» ئۆگەنگەن، ھەدىس رىۋايەت قىلغان، ئىشەنچلىك، كاتتا تابىئىنلەردىن بىرى.

351.   ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇغىرە ئىبنى شۇئبە ئەسسەقەفىي (الْمُغِيرَةُ بْنُ شُعْبَةَ الثَّقَفِيُّ، ھ. بۇرۇن 20 – 50 / م. 602 – 670) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — زېرەكلىكى ۋە پەم – پاراسىتى بىلەن تونۇلغان شىجائەتلىك، قەيسەر ساھابەلەردىن. ھۇدەيبىييەدىكى «رىزۋان بەيئەتى»گە ۋە بارلىق غازاتلارغا، شۇنداقلا شام ۋە «ئىراق فەتھى»گە قاتناشقان، ھەزرىتى ئۆمەر زامانىدا بەسرەگە ۋالىي بولغان، بەزى يۇرتلارنى فەتىھ قىلغان قوماندان.

352.   مۇقاتىل ئىبنى سۇلايمان ئەلئەزدىي ئەلبەلخىي (مُقَاتِلُ بْنُ سُلَيْمَانَ الْأَزْدِيُّ البَلْخِيُّ، ھ. 80 – 150 / م. 699 – 767) — تەبەئى تابىئىن، ئازادگەردە. «قۇرئان»نى باشتىن ئاخىرىغىچە تەفسىر قىلغان كاتتا مۇفەسسىر. ئەمما، ھەدىس رىۋايىتىدە «ئىشەنچسىز» دەپ قارىلىدۇ.

353.   مۇقاۋقىس (الْمُقَوْقَسُ Al-Muqawqis) — مىسىر فەتىھ ۋاقتىدىكى ئىسكەندەرىيە باترىك، شەرقىي رىمنىڭ مىسىر ئومۇمىي ۋالىيسى. تەخمىنەن ھ. 21 / م. 642 – يىل مىسىردا ئۆلگەن. مىسىرنى مۇسۇلمانلارغا ئاچقان شەخس.

354.   زەكىييۇددىن ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇلئەزىم ئىبنى ئابدۇلقەۋىي ئەلمۇنزىرىي (زَكِيُّ الدِّيْنِ عَبْدُ العَظِيْمِ أَبُو مُحَمَّدٍ بنُ عَبْدِ القَوِيِّ بنِ عَبْدِ اللهِ الْمُنْذِرِيُّ، ھ. 581 – 656 / م. 1185 – 1258) — مىسىردا ياشىغان مۇھەددىس، تىلشۇناس ۋە تارىخشۇناس. «ئەتتەرغىبۇ ۋەتتەرھىب»نىڭ مۇئەللىفى.

355.   ئەبۇ سەئىد مۇھەللەب ئىبنى ئەبۇ سۇفرە زالىم ئەلئەزدىي (الْمُهَلَّبُ بنُ أَبِي صُفْرَةَ ظَالِمٍ الأَزْدِيُّ، ھ. 8 – 82 / م. 629 – 702) — ئۇمەۋىيلەرنىڭ خۇراسان ۋالىيسى. ماۋارائۇننەھر ۋە خۇراسان دىيارلىرى فەتھىدە چوڭ رول ئوينىغان قوماندان.

356.   مۇھەممەد ئەبدۇھ ئىبنى ھەسەن خەيرۇللاھ (مُحَمَّدُ بْنُ عَبْدَةَ بن حسن خير الله، ھ. 1266 – 1323 / م. 1849 – 1905) — مۇتەپەككۇر ئالىملاردىن، قازى ۋە ئۆز زامانىدا مىسىر دىيارىنىڭ مۇفتىسى. ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى. ئۇستازى جامالۇددىن ئافغانىي بىلەن يېڭى پىكرىي ھەرىكەتكە باشلامچىلىق قىلغان ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئويغۇنىشى، بىرلىشىشى ۋە مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇشىغا چاقىرىپ ھەپتىلىك «ئەلئۇرۋەتۇل ۋۇسقا (مەھكەم تۇتقۇ)» ژۇرنىلىنى (م. 1849 – يىلى 14 – مارتتىن 1905 – يىلى ئۆكتەبىرگىچە) چىقارغان. «تەۋھىدنامە (رسالة التوحيد)» قاتارلىق ئەسەرلىرى دوكتور مۇھەممەد ئۇمارە تەرىپىدىن 5 تومدا نەشر قىلىنغان.

357.   مۇھەممەد ئەمىن ئىبنى مۇھەممەد ئەلمۇختار ئەششىنقىيتىي (محمدُ الأمينُ بنُ محمد المختار الشِنقِيطِي، ھ. 1325 – 1393 / م. 1905 – 1974) — سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەرلىشىپ قالغان ماۋرىتانىيەلىك فىقھشۇناس، تەفسىرشۇناس ئالىم. «ئەزۋائۇل بەيان فى ئىيزاھىل قۇرئان بىلقۇرئان» (تەفسىر) ۋە «ئەلفىيە» (مىڭ بېيتلىك لوگىكا ئىلمى نەزمىسى) قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفىدۇر.

358.   شەيخ مۇھەممەد بەخىت ئىبنى ھۈسەين ئەلمۇتىئىي ئەلھەنەفىي ئەلقاھىرىي (مُحَمَّدُ بَخِيت بْنُ حُسَين المُطِيعِي الحَنَفِيُّ، ھ. 1271 – 1354 / م. 1854 – 1935) — مۇفەسسىر، شەرىئەتشۇناس، مۇھەققىق ئەللامە. سابىق مىسىر مۇفتىسى (1914 – 1920). كۆپ ئەسەرلەرنى قالدۇرغان مول ھوسۇللۇق ئالىم.

359.   ئەللامە مۇھەممەد رەشىد رىزا ئىبنى ئەلى رىزا ئەلقەلەمۇنىي (محمد رشيد بن علي رضا القلموني، ھ. 1282 – 1354 / م. 1865 – 1935) — ئىسلاھاتچى مۇتەپەككۇر، ئەدىب ۋە تىلشۇناس. تېگى باغدادتىن، شامدا تۇغۇلۇپ يېتىلگەن. كېيىن مىسىرغا يەرلەشكەن، ئىمام مۇھەممەد ئەبدۇھنىڭ شاگىرتى. «مانار» ژۇرنىلىنىىڭ قۇرغۇچىسى. «مانار»دىن (ھ. 1316 – 1354 / م. 1899 – 1935 – يىللار ئارىلىقى) 34 جىلد چىققان. ئىمام مۇھەممەد ئەبدۇھ باشلىغان ۋە «نىسا» سۈرىسى 125 – ئايەتتە توختىغان «تەپسىرۇ مانار»نى «يۈسۈف» سۈرىسىگىچە 12 تومدا يازغان، لېكىن تولۇقلىيالماي ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا «ئەلۋەھيۇل مۇھەممەدىي»، «ئەھلى سۈننەت ۋە شىيئە» ۋە «ۋاھھابىيلار ۋە ھىجاز» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

360.   مۇھەممەد فەرىد ئىبنى مۇستافا ۋەجدىي (مُحَمَّد فَرِيدُ بْنُ مُصطَفى وَجدِي، ھ. 1295 – 1373 / م. 1878 – 1954) — ئىسلامىي ساھەدە قەلەم تەۋرەتكەن مىسىرلىق يازغۇچى ۋە ئىسلاھاتچى. ئون نەچچە يىل «ئەلئەزھەر» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرلىكىنى قىلغان. 10 توملۇق «ھىجرىيە 14 / مىلادىيە 20 – ئەسىر ئىلىم – مەرىپەتلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى»نى 10 يىلدا يازغان. «ئىسلام ئالەمشۇمۇل ئەبەدىي دىن (الإسلام دين عام خالد)» قاتارلىق قىممەتلىك بىرقانچە كىتابى نەشر قىلىنغان.

361.   ئەللامە مۇھەممەد فەھىم ئەبۇ ئەبيە (محمد فهيم أبو عبية، ۋاپاتى ھ. 1429 / م. 2008) — مىسىرلىق تىلشۇناس، دىنىي ئۆلىما ۋە خەتىب. ئەزھەرنىڭ لىۋانغا ئەۋەتىلگەن ئىلمىي ئۆمىكىنىڭ رەئىسى. ئىمام ئىبنى كەسىرنىڭ «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، «ئەننىھايە فىل فىتەن ۋەلملاھىم» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلىغان. باشقا ئەسەرلىرىمۇ بار.

362.   مۇھەممەد كامىل ئەيياد (محمد كامل عياد، م. 1901 – 1986) — لىۋىيەلىك ئەدىب. جەمىل سالىبا بىلەن بىرلىكتە «ئىبنى خەلدۇن تاللانمىلىرى»، «ھەي بىن يەقزان» ۋە غەززالىينىڭ «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)»نى نەشىرگە تەييارلىغان.

363.   مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلقادىر ئەلمۇبارەك (مُحَمَّدُ بنُ عَبْدِ الْقَادِرِ المبارَك، ھ. 1330 – 1402 / م. 1912 – 1981) — سۈرىيەلىك پروفېسسور، ئىسلام مۇتەپەككۇرى ۋە كۆپ ئەسەرلەرنى قالدۇرغان دەۋەتچى ئالىم.

364.   ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئەلھەسەن ئىبنى فەرقەد ئەششەيبانىي ئەلكۇفىي (أَبُو عَبْدِ اللهِ مُحَمَّدُ بنُ الحَسَنِ بنِ فَرْقَدٍ الشَّيْبَانِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 131 – 189 / م. 749 – 805) — ئىراق فەقىهى، تارىختىكى ئەڭ بۈيۈك فىقھشۇناسلاردىن بىرى. ھەنەفىي مەزھەبنىڭ ئۈچىنچى ئىمامى ۋە تارقاتقۇچىسى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام مالىك، ئىمام ئەبۇ يۈسۈف ۋە ئىمام ئەۋزائىي قاتارلىق زاتلارنىڭ شاگىرتى. ئىمام شافىئىينىڭ ئۇستازى. مۇھەددىس، تىلشۇناس، قازى. زەكاۋەتتە، فاساھەتتە مىسلىسىز زات. ئەسەرلىرىدىن «ئەلمەبسۇت (المبسوط)»، «ئەسسىيەرۇسسەغىر (السير الصغير)»، «ئەسسىيەرۇلكەبىر (السير الكبير)»، «ئەززىيادات (الزيادات)»، «ئەلجامىئۇسسەغىر (الجامع الصغير)»، «ئەلجامىئۇلكەبىر (الجامع الكبير)»، «ئەلمۇۋەتتا (الموطأ)»، «ئەلئەمالىي (الأمالي)»، «ئەلئەسل (الأصل)»، «ئەلمەخارىجۇ (المخارج في الحيل)»، ۋە «ئەلھۇججە ئەلە ئەھلىل مەدىنە ((الحجة على أهل المدينة)» قاتارلىقلار مەشھۇردۇر.

365.   ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ئەلئەلەۋىي ئەلھاشىمىي (محمَّدُ بنُ عَلِيِّ بنِ الحُسَيْنِ بنِ عَلِيِّ بنِ أَبِي طَالِبٍ الْعَلَوِيُّ الْهَاشِمِيُّ، ھ. 57 – 114 / م. 677 – 733) — ئانىسى ھەزرىتى ھەسەننىڭ قىزى فاتىمە، ئاتىسى ھەزرىتى ھۈسەيننىڭ ئوغلى ئەلىدۇر. «باقىر» (ئىلىمنى تىتىۋەتكۈچى) دەپ نام ئالغان كاتتا ئالىم ۋە زاھىد. كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئەۋزائىي ۋە زۇھرىيلار ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان. شىئەلەرنىڭ بىر پىرقىسى بولمىش رافىزىيلار ئېتىقادىدا 5 – ئىمام دەپ قارالغان زات.

366.   ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئەۋف ئىبنى سۇفيان ئەتتائىي ئەلھىمسىي (مُحَمَّدُ بنُ عَوْفِ بنِ سُفْيَانَ الطَّائِيُّ الحِمْصِيُّ، ھ. ؟ – 272 / م. ؟ – 885) — قىرائەتشۇناس، رىۋايەتلىرى ئىشەنچلىك مۇھەددىس.

367.   ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى راﻓﯩﺌ ئىبنى ئەبى زەيد سابۇر ئەلقۇشەيرىي ئەننەيسابۇرىي (مُحَمَّدُ بنُ رَافِعِ بنِ أَبِي زَيْدٍ سَابُوْرُ القُشَيْرِيُّ النَّيْسَابُوْرِيُّ، ھ. 170 – 245 / م. 787 – 860) — تابىئىنلەرنىڭ پېشۋالىرىدىن ئىلىم ئۆگەنگەن كاتتا مۇھەددىس. ئۇنىڭدىن ئىمام بۇخارىي، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، نەسائىي ۋە تىرمىزىي قاتارلىق كاتتا مۇھەددىسلەر ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

368.   ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى فەتۇھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلئەزدىي ئەلمەيۇرقىي ئەلئەندەلۇسىي ئەلھۇمەيدىي (مُحَمَّدُ بنُ فُتُوْحِ بنِ عَبْدِ اللهِ الأَزْدِيُّ الميُورْقِيُّ الأَنْدَلُسِيُّ الحُمَيْدِيُّ، ھـ. 420 – 488 / م. 1029 – 1095) — ئىمام ئىبنى ھەزمنىڭ شاگىرتى. باغدادتا ۋاپات بولغان ئەندەلۇسلۇق تارىخچى، ھەدىسشۇناس، زاھىرىي فەقىھ. سۈپەتلىك ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن تونۇلغان تەقۋادار زات. سەھىھەيندىكى يات سۆزلەرنى شەرھلەپ كىتاب يازغان. يەنە ئەندەلۇس ئالىملىرىنىڭ تارىخىدا يازغان «جەزۋەتۇل مۇقتەبىس» قاتارلىق تارىخ ۋە تىل – ئەدەبىياتقا ئالاقىدار ئەسەرلىرى بار.

369.   ئەبۇ ھەمزە مۇھەممەد ئىبنى كەئب ئەلقۇرەزىي (مُحَمَّدُ بْنُ كَعْبٍ الْقُرَظِيُّ، ھ. 40 – 108 / م. 661 – 727) — نۇرغۇن ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان مۇھەددىس، تەفسىرشۇناس، مەشھۇر تابىئىن.

370.   ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى مۇنكەدىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلقۇرەشىي ئەتتەيمىي (مُحَمَّدُ بنُ الْمُنْكَدِرِ بنِ عَبْدِ اللهِ القُرَشِيُّ التَّيْمِيُّ، ھ. 51 – 130 / م. 671 – 748) — نۇرغۇن ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان تابىئىن. قارىيلار پېشۋاسى، ئىبادەتگۇي زات.

371.   ئەبۇ سۇفيان مۇھەممەد ئىبنى مىسئەر ئەتتەمىمىي ئەلبەسرىي (أَبُو سُفْيَانَ مُحَمَّدُ بْنُ مِسْعَرٍ التَّمِيمِيُّ البَصْرِيُّ، ھ. ؟ – 211 – 220 / م. ؟ – 826 – 835 ئارىسىدا) — سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە ۋە فۇزەيل ئىبنى ئىيازلاردىن ئىلىم ئۆگەنگەن ئىشەنچلىك مۇھەددىس.

372.   ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى نەسر ئىبنى ئەلھەججاج ئەلمەرۋەزىي (مُحَمَّدُ بنُ نَصْرِ بنِ الحَجَّاجِ الْمَرْوَزِيُّ، ھ. 202 – 294 / م. 817 – 906) — فىقھ ۋە ھەدىستە يېتىشكەن ئىمام. سەمەرقەندتە ۋاپات تاپقان. «ئىختلافۇل فۇقاھا»، «ئەسسۈننەت»، «قىيامۇللەيل» ۋە «ئەلقەسامە» قاتارلىق ئەسەرلىرى مەشھۇردۇر.

373.   ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى ۋاﺳﯩﺌ ئىبنى جابىر ئىبنى ئەخنەس ئەلئەزدىي (مُحَمَّدُ بنُ وَاسِعِ بنِ جَابِرِ بنِ الأَخْنَسِ الأَزْدِيُّ، ھ. ؟ – 123 / م. ؟ – 741) — بەسرەدىكى مەشھۇر ئالىملارنىڭ بىرى. ساھابە ۋە تابىئىنلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان مۇھەددىس، مۇجاھىد، تەقۋادار زات.

374.   ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئىسھاق ئىبنى خۇزەيمە ئەننىشاپۇرىي (مُحَمَّدُ بنُ إِسْحَاقَ بنِ خُزَيْمَةَ النَّيْسَابُوْرِيُّ، ھ. 223 – 311 / م. 838 – 924) — ھەدىس ۋە فىقھ ئالىمى. زامانىنىڭ نىشاپۇر ئىمامى. «سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە» دەپ تونۇلغان سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىنى توپلىغان.

375.   مۇۋەففەقۇددىن ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللەتىف ئىبنى يۈسۈف ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئەلباغدادىي (مُوَفَّقُ الدِّيْنِ أَبُو مُحمًّدٍ عَبْدُ اللَّطِيْفِ بنُ يُوْسُفَ بنِ مُحمَّدِ بنِ عَلِيٍّ البَغْدَادِيُّ، ھ. 557 – 629 / م. 1161 – 1231) — «مۇۋەففەقۇددىن» دەپ نامى بار ئىمام. «ئىبنۇللەبباد» ۋە «ئىبنى نۇقتە» دەپ تونۇلغان ئىسلام پەيلاسوپى. تۇنجى بولۇپ دىئابىت كېسىلىنى كەشپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئالامەتلىرىنى، دورىلىرىنى بايان قىلغان، ئاناتومىيىلىك تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئىلگىرىكى ئەرەب تېۋىپلەر ۋە گالىنۇسلارنىڭ قاراشلىرىنى رەت قىلىپ ئاستىن ئېڭەكنىڭ بىر پارچە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان تېۋىپ. ھېكمەت، پىسخولوگىيە، تېبابەت، ئەدەبىيات، تارىخ ۋە جۇغراپىيە ئىلىملىرىدە «ئەلئىفادە ۋەلئىئتىبار» (تارىخ ۋە جۇغرافىيا)، «ئەلجامىئۇل كەبىر» (لوگىكا ۋە ئىلاھىيەت)، «ئەلمۇغنىي ئەلجەلىي» (ئالگېبرا) ۋە «ئەتتەجرىد» (تىل – ئەدەبىيات) قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

376.   ئىمام جامالۇددىن ئەبۇلھەججاج يۈسۈف ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەلمىززىي (الإمَامُ جَمَالُ الدِّيْنِ يُوسُفُ بنُ عَبْدِ الرَّحْمَنِ المِزِّيُّ، ھ. 654 – 742 / م. 1256 – 1341) — ھەدىسشۇناس ھافىز، شام مۇھەددىسى، شافىئىي فەقىھ. «تۇھفەتۇل ئەشراف» ناملىق 13 توملۇق ھەدىس ئېنسىكلوپېدىيەسى بىلەن «تەھزىبۇل كەمال» ناملىق 35 توملۇق ھەدىس راۋىيلىرىنىڭ تەرجىمىھاللىرى ھەققىدە مەشھۇر ئەسەرى باردۇر.

377.   ئەبۇ ئۇبادە مىستەھ ئەۋف ئىبنى ئۇساسە ئىبنى ئەبباد ئىبنى ئەلمۇتتەلىب ئەلھاشىمىي ئەلقۇرەشىي ئەلمۇتتەلىبىي (مِسْطَحُ بنُ أُثَاثَةَ بنِ عَبَّادِ بنِ الْمُطَّلِبِ الْقُرَشِيُّ الْمُطَّلِبِيُّ، ھ. بۇرۇن 22 – ھ. 34 / م. 600 – 655) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان، «بەدر غازىتى»غا ۋە ئۇندىن كېيىنكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەققىدە گەپ – سۆز تارقاتقانلار قاتارىدا دەررە ئۇرۇلۇپ جازالانغان.

378.   ﻧﺎﭘﻮﻟﯧﺌﻮﻥ ﺑﻮﻧﺎﭘﺎﺭﺕ (Napoleon Bonaparte، م. 1769 – 1821) — فرانسۇز ئەسكەر. دۆلەت ئەربابى. جاھانگىر (1804 – 1814)، فرانسىيە ئىمپېراتورى (1815 – يىلى مارت – 1815 – يىلى ئىيۇن ئارىسى).

379.   شەيخ ناسىرۇددىن ئەبۇ ئابدۇرراھمان مۇھەممەد ئىبنى نۇھ ئىبنى نەجاتىي ئەلئىشقودرىي ئەلئالبانىي (الشَّيخُ (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ مُحَمَّدُ نَاصِرُ الدِّيْنِ بنُ الحَاجِّ نُوحِ بنِ نَجَاتِي بنِ آدَمَ الإشقُودرِيُّ الأَلبَانِي الأَرنَؤُوطِي، ھ. 1332 – 1420 / م. 1914 – 1999) — م. 20 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر ھەدىس ئالىمى. ئالبانىيەدە تۇغۇلۇپ، سۈرىيە ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستاندا ياشىغان، ئىئوردانىيەدە ۋاپات تاپقان. 300 دىن كۆپرەك ئەسەر قالدۇرغان، بولۇپمۇ ھەدىس تەتقىقاتىدا مۆتىۋەر، مول ھوسۇللۇق ئالىم ئىدى.

380.   ئەبۇ ئابدۇللاھ ناﻓﯩﺌ ئەلقۇرەشىي ئەلئەدەۋىي (نَافِعٌ أَبُو عَبْدِ اللّهِ القُرَشِيُّ ثُمَّ العَدَوِيُّ، ھ. ؟ – 117 / م. ؟ – 736) — ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئازادگەردىسى. خوجايىنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، ئائىشە ۋە باشقا ساھابە كىراملاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، ئۇنىڭدىن ئىمام مالىك، ئىمام زۇھرىي، ئەييۇب ئەسسىختىيانىي ۋە باشقا ئالىملار ھەدىس رىۋايەت قىلغان. مەدىنە ئىماملىرىنىڭ بىرى ۋە مۇفتىسى.

381.   ئەبۇ رۇۋەيم ناﻓﯩﺌ ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبى نۇئەيم ئەللەيسىي ئەلئەسبەھانىي ئەلمەدەنىي (أَبُو رُوَيْمٍ نَافِعُ بْنُ عَبْدِ الرَّحْمَنِ بْنِ أَبِي نُعَيْمٍ اللَّيْثِيُّ الأَصْبَهَانِيُّ الْمَدَنِيُّ، ھ. 70 – 169 / م. 689 – 785) — مەدىنەدە يەرلىشىپ قالغان ئەسفەھانلىق ئازادگەردە، مۇھەددىس، تەبەئىي تابىئىن. مەشھۇر ئون قىرائەتشۇناس ئالىمنىڭ بىرى. مەدىنەدىكى قارىيلار پېشۋاسى، ئىمام ئەبۇ جەئفەر ئىبنى يەزىدنىڭ شاگىرتى. مەشھۇر قارىي قالۇن ۋە ۋەرشنىڭ ئۇستازى. رەسۇلۇللاھنىڭ مەسجىدىدە ئاتمىش يىل ئىمام بولغان زات.

382.   ئەبۇ ھەفس ناﻓﯩﺌ ئىبنى ئابدۇلھارىس ئەلخۇزائىي (نَافِعُ بْنُ عَبْدِ الْحَارِثِ الْخُزَاعِيُّ، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىلافەت زامانىدا، مەككە ۋە تائىفقا ۋالى بولغان ساھابە.

383.   ئەبۇ مۇھەممەد ناﻓﯩﺌ ئىبنى جۇبەير ئىبنى مۇتئىم ئەلقۇرەشىي ئەلمەدەنىي (نَافِعُ بنُ جُبَيْرِ بنِ مُطْعِمِ بنِ عَدِيٍّ القُرَشِيُّ، ۋاپاتى ھ. 99 / م. 717) — مەشھۇر تابىئىن. فەقىھ.

384.   نەبھان (نَبهَان) — ھەزرىتى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئازادگەردىسى. كۆپچىلىك ھەدىسشۇناسلار نەبھاننى ئىشەنچلىك ئەمەس دەپ قارىغان. ئىمام نەۋەۋىي ۋە ئىمام زەھەبىي قاتارلىق بىرقىسىم ئالىملار «ئىشەنچلىك» دەپ قارىغان.

385.   ئىمام ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئەھمەد ئىبنى شۇئەيب ئىبنى ئەلى ئىبنى سىنان ئەننەسائىي (أَبُو عبد الرَّحْمَنِ أَحْمَدُ بنُ شُعَيْبِ بنِ عَلِيِّ بنِ سِنَانٍ النَّسَائِيُّ، ھ. 215 – 303 / م. 830 – 915) — بۈگۈنكى تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخاباتتىن 18 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەدىمىي نەسا شەھرىدە تۇغۇلغان. قازى، مەشھۇر مۇھەددىس. مەشھۇر «كۇتۇبۇ سىتتە (ئالتە كىتاب)» ئىچىدىكى «تۆت سۈنەن» ھەدىس كىتابلىرىنىڭ بىرى «سۈنەنۇ نەسائىي (سنن النسائي)» دەپ تونۇلغان «ئەلمۇجتەبا / ئەسسۈنەنۇسسۇغرا (المُجتبَى / السنن الصغرى)»نىڭ، يەنە «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا (السنن الكبرى)»، «ئەززۇئەفاﺋ ۋەلمەترۇكۇن (الضعفاء والمتروكون)»، «مۈسنەدۇ ئەلى (مسند علي)» ۋە «تەفسىر (التفسير)» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

386.   ئەبۇلفەتھ نەسر ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى نەسر ئەننابۇلسىي ئەلمەقدىسىي (أَبُو الفَتْحِ نَصْرُ بنُ إِبْرَاهِيْمَ بنِ نَصْرٍ النَّابُلُسِيُّ الْمَقْدِسِيُّ، ھ. 377 – 490 / م. 987 – 1096) — فەقىھ، مۇھەددىس، زاھىد، ئابىد. مەشھۇر ئەسەرلىرى «ئەلھۇججە ئەلا تارىكىل مەھەججە (الحجة على تارك المحجة)»، «ئەلئەمالىي (الأمالي)»، «ئەتتەھزىب (التهذيب)»(10 توم)، «ئەلكافىي (الكافي)»، «ئەتتەقرىب (التقريب)» ۋە «ئەلفۇسۇل (الفصول)» قاتارلىقلار.

387.   نەسىيرۇددىن تۇسىي ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەتتۇسىي (نصِيْر الدِّيْنِ أَبُو جَعْفَرٍ مُحَمَّدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ الحَسَنِ الطُّوْسِيُّ، ھ. 597 – 672 / م. 1201 – 1274) — «نەسىيرۇددىن تۇسىي» دەپ تونۇلغان پەيلاسوپ، تىۋىپ، ئاسترونوم، كىمىياگەر ئالىم. شىئەلەرنىڭ چوڭ كاتتىۋېشى. ھۇلاگۇ خانغا رەسەتخانا قۇرۇپ بەرگەن ۋە ئىشلىگەن. ئىسمائىلىيە تائىپىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، كېيىن 12 ئىمام شىئە مەزھىبىنى تۇتقان. ئەللامە ئىبنى خەلدۇن ئۇنى پارس ئالىملىرىنىڭ ئەڭ بۈيۈكى دەپ قارىغان. ئاسترونومىيە ئىلمىدىلا «رىسالە مۇئىينىيە»، «شەكلۇل قىتا» ۋە «تەزكىرە فى ئىلمىلھايات» قاتارلىق نۇرغۇن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

388.   ئىمام شەيخۇلئىسلام مۇھيىددىن ئەبۇ زەكەرىيا يەھيا ئىبنى شەرەف ئىبنى مۇررىي ئەلھىزامىي ئەلھەۋرانىي ئەننەۋەۋىي (الإمَامُ مُحيُ الدِّينِ يَحْيَى بنُ شَرَف بنِ مُرِّي بنِ حَسَنٍ الحِزاميُّ الحَوْرَانِيُّ النَّوَوِيُّ، ھ. 631 – 676 / م. 1233 – 1277) — كاتتا مۇھەددىس، تىلشۇناس ۋە شافىئىي فەقىھ، شافىئىي مەزھەب فىقھىسىنى تاسقىغۇچى ۋە رەتلىگۈچى ھېسابلىنىدۇ. «سەھىھۇ مۇسلىم»نى شەرھلىگەن. يەنە «قىرىق ھەدىس»، «ياخشىلارنىڭ باغچىسى»، «ئەلمەجمۇﺋ»، «تەھزىبۇلئەسمائى ۋەللۇغات» ۋە «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» («ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان) قاتارلىق ئەسەرلىرى مەشھۇردۇر.

389.   نەۋۋاس ئىبنى سەمئان ئەلئەنسارىي ئەلكىلابىي (النَّوَّاسُ بْنُ سَمْعَانَ الْأَنْصَارِيُّ الْكِلَابِيُّ، ھ. ؟ – 50 / م. ؟ – 670) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ۋە شامدا ۋاپات بولغان ساھابە زاتتۇر. نەۋۋاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاتىسى سەمئان ئىبنى خالىدمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابەلىرىدىندۇر.

390.   ئەبۇ ئابدۇللاھ نۇئەيم ئىبنى ھەمماد ئىبنى مۇئاۋىيە ئەلخۇزائىي ئەلمەرۋەزىي (نُعَيْمُ بنُ حَمَّادِ بنِ مُعَاوِيَةَ الخُزَاعِيُّ الْمَرْوَزِيُّ، ھ. ؟ – 228 / م. ؟ – 843) — ئىمام بۇخارىينىڭ ئۇستازى، ئەللامە، تابىئىنلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان مۇھەددىس، ئۇنىڭدىن ئىمام بۇخارىي، ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي ھەدىس رىۋايەت قىلغان، ئېغىر سىناقلارغا دۇچار بولۇپ، ھاياتىنى تۈرمىدە ئاخىرلاشتۇرغان، ھەتتا كىشەنلەر بىلەن دەپنە قىلىنىشقا ۋەسىيەت قىلغان. «ئەلفىتەنۇ ۋەلمەلاھىمۇ» ناملىق ئەسەرى بار.

391.   ئەبۇ ئابدۇللاھ نۇئمان ئىبنى بەشىر ئىبنى سەئد ئىبنى سەئلەبە ئەلئەنسارىي (النُّعْمَانُ بنُ بَشِيْرِ بنِ سَعْدِ بنِ ثَعْلَبَةَ الأَنْصَارِيُّ، ھ. 2 – 65 / م. 623 – 684) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ساھابە. ھىجرەتتىن كېيىن ئەنسارلار ئىچىدە تۇغۇلغان تۇنجى بوۋاق. ئۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېغىزلاندۇرغان ۋە شەھىد بولىدىغانلىقى ۋە جەننەتكە كىرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. خەلىفە مۇئاۋىيە تەرىپىدىن كۇفەگە ۋالىي قىلىپ تەيىنلەنگەن.

392.   ئەبۇ ئابدۇللاھ ھارىس ئىبنى ئەسەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلئەنەزىي ئەلمۇھاسىبىي (أَبُو عَبْد اللَّهِ الحَارِثُ بنُ أَسَدٍ البَغْدَادِيُّ الْعَنَزِيُّ الْمُحَاسِبيُّ، ھ. 170 – 243 / م. 781 – 857) — ئەقىدە ئالىمى، مۇھەددىس، فەقىھ، تەفسىرشۇناس. تەسەۋۋۇف پېشۋالىرىدىن. مەشھۇر ئەسەرلىرى «رىسالەتۇل مۇستەرشىدىن (رسالة المسترشدين)»، «ئادابۇننۇفۇس (آداب النفوس)»، «ئەررىئايە لىھۇقۇقىللەھى ئەززە ۋەجەللە (الرعاية لحقوق الله عزوجل)»، «ماھىيەتۇل ئەقلى (ماهية العقل ومعناه واختلاف الناس فيه)»، «ئەلمەسائىلۇ فى ئەئمالىل قۇلۇبى ۋەلجاۋارىھى (المسائل في أعمال القلوب والجوارح)» ۋە «شەرھۇل مەئرىفە (شرح المعرفة )»، قاتارلىقلار.

393.   ھافىز زەينۇددىن ئەبۇلفەزل ئابدۇررەھىم ئىبنى ئەلھۈسەين ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەلئىراقىي (الْحَافِظ زَينُ الدِين أَبُو الْفَضْلِ عَبْدُ الرَحيم بنُ الحُسَيْنِ بنِ عَبْدِ الرَّحْمَنِ العِرَاقِيُّ، ھ. 725 – 806 / م. 1325 – 1403) — ئاتاقلىق مۇھەددىس. كاتتا شافىئىي فەقىھ. قازى. ھافىز ئىبنى ھەجەرنىڭ ئۇستازى. «ئەلفىيەتۇل ئىراقىي (لفية العراقي)»، «ئەلئەھكامۇل كۇبرا (الأحكام الكبرى)»، «ئەلئەھكامۇسسۇبرا (الأحكام الصغرى)»، «شەرھۇتتىرمىزىي (شرح الترمذي)»(10 توم) ۋە «تەخرىيجۇ ئەھادىيسى ئىھيائى ئۇلۇمىددىن (تخريج أحاديث إحياء علوم الدين)» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

394.   ئەبۇ ئابدۇللاھ ھاكىم مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەمدەۋەيھ ئەننىشاپۇرىي (الحاكم مُحَمَّدُ بنُ عَبْدِ اللهِ بْنِ مُحَمَّدِ بْنِ حَمدَوَيه النَّيْسَابُوْرِيُّ، ھ. 321 – 405 / م. 933 – 1014) — ئاتاقلىق ھەدىس ئالىمى، ئەڭ ئىشەنچلىك سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى «سەھىھۇلبۇخارىي» بىلەن «سەھىھۇ مۇسلىم»گە تولۇقلىما قىلىپ «ئەلمۇستەدرەك» ناملىق ئەسەرىنى يازغان بولسىمۇ، ئۇ ئەسەردە سەھىھ بولمىغان بەزى ھەدىسلەرمۇ يەر ئالغان. ئۇندىن باشقا «تارىخۇ نىشاپۇر» قاتارلىق بىرقانچىلىغان ئەسەرلىرى بار. نىشاپۇرغا بىرنەچچە قېتىم ھاكىم (قازى) بولغانلىقتىن «ھاكىم» دەپ نام ئالغان.

395.   ئەبۇ سەلەمە ھامماد ئىبنى سەلەمە ئىبنى دىنار ئەلبەسرىي ئەلخىرەقىي (حَمَّادُ بنُ سَلَمَةَ بنِ دِيْنَارٍ البَصْرِيُّ الخِرَقِيُّ، ھ. 90 – 167 / م. 709 – 784) — مۇھەددىس، نەھۋ ۋە فىقىھ ئالىمى.

396.   ئەبۇ يەھيا ھەبىب ئىبنى ئەبى سابىت قەيس ئىبنى دىنار (حَبِيْبُ بنُ أَبِي ثَابِتٍ قَيْسِ القُرَشِيُّ، ھ. ؟ – 119 / م. ؟ – 737) — ئازادگەردە تابىئىن، مۇھەددىس، فەقىھ، كۇفەنىڭ مۇفتىسى. ئىبنى ئۆمەر ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم قاتارلىق ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئىشەنچلىك زات.

397.   ھەزرىتى ئەبۇ مۇھەممەد ئەلھەسەن ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ئەلھاشىمىي ئەلقۇرەشىي (الحَسَنُ بنُ عَلِيِّ بنِ أَبِي طَالِبٍ بنِ عَبْدِ الْمُطَّلِبِ، ھ. 3 – ھ. 50 / م. 625 – 670) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — ھەزرىتى فاتىمە بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئوغلى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نەۋرىسى، خەلىفەلەرنىڭ بەشىنچىسى، «جەننەت يىگىتلىرىنىڭ خوجىسى». ھەزرىتى مۇئاۋىيە بىلەن سۈلھى تۈزۈپ قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالغان زات.

398.   ئەبۇ سەئىد ئەلھەسەن ئىبنى يەسار ئەلبەسرىي ئەلئەنسارىي (الحَسَنُ بنُ أَبِي الحَسَنِ يَسَارٍ البَصْرِيُّ الأَنْصَارِيُّ، ھ. 21 – 110 / م. 642 – 728) — كاتتا تابىئىن. بەسرە مۇفتىسى بولغان ھەدىسشۇناس ئالىم. تابىئىنلار دەۋرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن زاتلاردىن بىرى.

399.   ھەسەن ئىبنى سالىھ ئىبنى ھەي ئەلھەمدانىي ئەلكۇفىي (الحَسَنُ بنُ صَالِحِ بنِ حَيٍّ الهَمْدَانِيُّ، ھ. 100 – 169 / م. 718 – 786) — مۇجتەھىد فەقىھ، ئىبادەتگۇي، تەقۋادار زاتلاردىن. ئىشەنچلىك ھەدىس راۋىيسى.

400.   ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قىزى ھەزرىتى ھەفسە ئەلئەدەۋىييە (أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ حَفْصَةُ بِنْتُ عُمَرَ بنِ الخَطَّابِ العَدَوِيَّةُ، ھ. بۇرۇن 18 – ھ. 41 / م. 605 – 661) — «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى». مەككەدە مۇسۇلمان بولۇپ، مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان. يولدىشى خۇنەيس ئىبنى ھۇزافە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئۇھۇد غازىتى»دا شەھىد بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى نىكاھىغا ئالغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زامانىدا جەملەنگەن «قۇرئان»نى ئامانەت ساقلىغان بولغاچقا، «قۇرئان مۇھاپىزەتچىسى» دەپ نام ئالغان.

401.   ئەبۇ ئۆمەر ھەفس ئىبنى سۇلايمان ئىبنى مۇغىرە ئەلبەززاز ئەلئەسەدىي ئەلكۇفىي (حَفْص بْن سُلَيْمَان البَزَّاز الأَسَدِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 90 – 180 / م. 709 – 180) — كۇفەلىك مەشھۇر قىرائەت ئالىمى ئاسىم ئىبنى ئەبۇننەجۇدنىڭ ئۆگەي ئوغلى. ئاسىمدىن كېيىنكى كۇفە قارىيلىرىنىڭ پېشۋاسى بولغان زات. ھازىرقى قۇرئانلار ھەفس ئىبنى سۇلايماننىڭ رىۋايىتى بويىچە يېزىلغان.

402.   ئەبۇ مۇھەممەد ھەكەم ئىبنى ئۇتەيبە ئەلكىندىي (الحَكَمُ بنُ عُتَيْبَةَ الكِنْدِيُّ، ھ. 50 – 115 / م. 650 – 733) — كۇفەلىك ئازادگەردە، كاتتا تابىئىن. فەقىھ، مۇھەددىس. ئىبادەتگۇيلۇقى ۋە پەزىلىتى بىلەن تونۇلغان زات.

403.   ئەبۇ خالىد ھەكىم ئىبنى ھىزام ئىبنى خۇۋەيلىد ئىبنى ئەسەد ئەلقۇرەشىي (حَكِيمُ بْنُ حِزَامِ بْنِ خُوَيْلِدِ بنِ أَسَدٍ القُرَشِيُّ، ھ. بۇرۇن 65 – ھ. 54 / م. 558 – 674) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ساھابە. قۇرەيشنىڭ ئېسىل زاتلىرىدىن ۋە «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» خەدىجە بىنت خۇۋەيلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ جىيەنى. مەككە فەتىھ قىلىنغان كۈنى مۇسۇلمان بولغان ۋە كېيىن مەدىنەدە ياشىغان، 120 ياشتا ۋاپات تاپقان.

404.   ھەنزەلە ئىبنى ئەبى ئامىر ئەلئەنسارىي (حَنْظَلَةُ بْنُ أَبِي عامرٍ الْأَنْصَارِيُّ، ھ. بۇرۇن ؟ – 3 / م. ؟ – 625) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئىماندا راستچىل بولغان يىگىت ساھابە. جۇنۇب ھالەتتە جىھاد چاقىرىقىنى ئاڭلاپ، «ئۇھۇد غازىتى»غا ئاتلانغان ۋە شەھىد بولغاندا پەرىشتىلەر غۇسۇل تاھارەت ئالدۇرغان زات.

405.   ھەمزە ئىبنى ئەمر ئەلئەسلەمىي (حَمْزَةُ بْنُ عَمْروٍ الأَسْلَمِيَّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — تەبۇك غازاتى جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان رەسۇلۇللاھنىڭ مۇئجىزىلىرىنى رىۋايەت قىلغان ساھابە. تەخمىنەن ھ. 61 / م. 683 ئەتراپىدا 70 ياشلىرىدا ۋاپات بولغان.

406.   ئەبۇ ئەھمەد ھەججاج ئىبنى يۈسۈف ئەسسەقەفىي (الحَجَّاجُ بنُ يُوْسُفَ الثَّقَفِيُّ، ھ. 40 – 95 / م. 660 – 714) — ناھايىتى سۆزمەن، ناتىق، ئەمما زالىم ۋە قانخور ئۆمەۋىي قوماندان. كاتتا مۇفەسسىر سەئىد ئىبنى جۇبەيرنى قەتل قىلغان، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرنى كەئبە شەرىفتە مۇھاسىرىگە ئالغان. فەتىھلەر ۋە ئىسلاھات بابىدا كۆرۈنەرلىك خىزمەتلىرىمۇ كۆپ شەخس.

407.   ئەبۇ ئەھمەد ھەيسەم ئىبنى خارىجە ئەلمەررۇزىي ئەلباغدادىي (الهَيْثَمُ بنُ خَارِجَةَ الْمَرُّوذِيُّ البَغْدَادِيُّ)، ھ. ؟ – 227 / م. ؟ – 842) — زاھىد، مۇھەددىس ئالىم. ئۇنىڭدىن ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە ئىمام بۇخارىي ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

408.   نۇرىددىن ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى ئەبۇبەكرى ئىبنى سۇلايمان ئەلھەيسەمىي ئەلقاھىرىي (عَلِيِّ بْنُ أَبِي بَكْرِ بنِ سُلَيْمَانَ الهَيثَمِيُّ القَاهِرِيُّ، ھ. 735 – 807 / م. 1335 – 1405) — ھەدىس ئىلىملىرىدە يېتىشكەن مىسىرلىق ئالىم. «مەجمەئۇززەۋائىد» ۋە «مەۋارىدۇززەمئان» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

409.   ھۆر ئىبنى قەيس ئىبنى ھىسن ئىبنى بەدر ئىبنى ھۇزەيفە ئەلفەزارىي (الْحُرُّ بْنُ قَيْسِ بْنِ حِصْنِ بْنِ بَدْرِ بْنِ حُذَيْفَةَ الْفَزَارِيُّ، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ھىجرىيە 9 – يىلى مۇسۇلمان بولۇپ، بەنى فەزارە قەبىلىسى ئەلچىلىرى قاتارىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھۇزۇرىغا كەلگەن. ئالىم ۋە قارىي ساھابەلەرنىڭ بىرى.

410.   ھۇزەيفە ئىبنى قەتادە ئەلمەرئەشىي (حُذَيْفَةُ بنُ قَتَادَةَ الْمَرْعَشِيُّ)، ھ. ؟ – 207 / م. ؟ – 763) ــ بۈگۈنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەرئەش (Kahramanmaraş) ۋىلايىتىدىن. زاھىد، ئابىد زاتتۇر. سۇفيان سەۋرىي قاتارلىقلاردىن تەلىم ئالغان

411.   ئەبۇ ئابدۇللاھ ھۇزەيفە ئىبنى ئەليەمان ھىسل ئىبنى جابىر ئەلئەبسىي ئەلغەتافانىي (حُذَيْفَةُ بنُ اليَمَانِ حِسْلِ بنِ جَابِرٍ العَبْسِيُّ الْغَطَفَانِىُّ، ھ. ؟ – 36 / م. ؟ – 656) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — ئۆزىمۇ، ئاتىسىمۇ ساھابە. «بەدر»دىن باشقا بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان، ئىراق ۋە شام فەتھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن قەيسەر قوماندان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا مۇناپىقلارنىڭ تىزىملىكى ۋە كېيىن يۈز بېرىدىغان پىتنىلەرگە ئالاقىدار مەخپىيەتلىكنى سۆزلەپ بەرگەن بولغاچقا، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىغۇچى زات» دەپ ئاتالغان.

412.   ئەبۇ تەھيا ھۇكەيىم (ھەكىيم دېگۈچىلەرمۇ بار) ئىبنى سەئد ئىبنى تەھيا ئەلھەنەفىي ئەلكۇفىي (حُكَيْمُ بنُ سَعْدٍ بنِ تحيا الحَنَفِي الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 90 ئەتراپى / م.؟ –710 ئەتراپى) — كۇفەلىك تابىئىن. ئەلى، ئەبۇ ھۇرەيرە قاتارلىق ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

413.   ھۇمەيد ئىبنى قەيس ئەلئەئرەج (حُمَيْدُ بْنُ قَيْسٍ الأَعْرَجُ، ھ. ؟ – 130 / م. ؟ – 748) — تابىئىن قارىي، مۇھەددىس.

414.   ھەزرىتى ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەلھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ئەلھاشىمىي ئەلقۇرەشىي (الْحُسَيْنُ بنُ عَلِيِّ بنِ أَبِي طَالِبِ بنِ عَبْدِ الْمُطَّلِبِ ، ھ. 4 – ھ. 61 / م. 626 – 680) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — ھەزرىتى فاتىمە بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئوغلى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نەۋرىسى، «جەننەت يىگىتلىرىنىڭ خوجىسى». مۇھەررەمنىڭ 10 – كۈنى كەربالادا شەھىد قىلىنغان زات.

415.   ئەبۇ سەئىد ھۈسەين ئىبنى ئەمر ئىبنى مۇھەممەد ئەلئەنقەزىي ئەلكۇفىي (الْحُسَيْنُ بْنُ عَمْرِو بْنِ مُحَمَّدٍ الْعَنْقَزِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. ؟ – 199 / م. ؟ – 815) — ئاتىسىدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئىشەنچلىك راۋىي.

416.   ئەبۇ ئەلى ھۈسەين ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى فەھم ئەلباغدادىي (الحُسَيْنُ بن مُحَمَّدِ بنِ عَبْدِ الرَّحْمَنِ بنِ فَهْمٍ البَغْدَادِيّ، ھ. 211 – 289 / م. 826 – 902) — ھەدىسشۇناس، نەسەبشۇناس، تارىخشۇناس ئالىم.

417.   ئەبۇلمۇنزىر ھىشام ئىبنى ئۇرۋە ئىبنى ئەززۇبەير ئىبنى ئەلئەۋۋام ئەلئەسەدىي (هِشَامُ بْنُ عُرْوَةَ بْنِ الزُّبَيْرِ بْنِ الْعَوَّامِ الأَسَدِيُّ، ھ. 61 – 146 / م. 680 – 763) — تابىئىن. فەقىھ ۋە مۇھەددىس.

418.   زەينۇل ئىسلام ئوبۇلقاسىم ئابدۇلكەرىم ئىبنى ھەۋازىن ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئەلقۇشەيرىي ئەننىشاپۇرىي (زَينُ الإسلامِ أَبُو الْقَاسِم عَبْدُ الكَرِيْمِ بنُ هَوَازِنَ بنِ عَبْدِ المَلِكِ القُشَيْرِيُّ النَّيْسَابُوْرِيُّ، ھ. 376 – 465 / م. 986 – 1074) — تەسەۋۋۇف پېشۋاسى، شائىر، تىلشۇناس، مۇھەددىس، مۇفەسسىر، كالامشۇناس، فەقىھ. «قۇشەيرى رىسالىسى (الرسالة القشيرية)»، «ئەتتەفسىرۇل كەبىر (التفسير الكبير / التيسير في علم التفسير)»، «لەتائىفۇل ئىشارات (لطائف الإشارات)»، «ئادابۇسسۇفىييە (آداب الصوفية)»، «ئەلجەۋاھىر (الجواهر وعيون الْأَجْوِبَة فِي فنون الأسئلة)» ۋە «نۇطەتۇ ئۇلىننۇھا (نكت أولى النها)» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

419.   ھەزرىتى ئەبۇ ئابدۇللاھ ئوسمان ئىبنى ئەففان ئەلئۇمەۋىي ئەلقۇرەشىي (عُثْمَانُ بْنُ عَفَّانَ الأُمَوِيُّ القُرَشِيُّ، ھ. بۇرۇن 47 – ھ. 35 / م. 576 – 656) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەڭ كاتتا ساھابىلىرىدىن بولۇپ، راشىد خەلىفەلەرنىڭ ئۈچىنچىسى (م. 644 – 656). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىككى قىزىغا ئۆيلەنگەنلىكى ئۈچۈن، «زۇننۇرەين (ئىككى نۇر ئىگىسى)» دەپ نام ئالغان. ساھابەلەردىن تۇنجى بولۇپ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان، ئادەتتىن تاشقىرى ھاياسى ۋە ئىسلام ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغانلىقى بىلەن تونۇلغان زات. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن 146 ھەدىس رىۋايەت قىلغان. 80 يېشىدا، ھ. 35 – يىلى 18 – زۇلھەججە / م. 656- يىلى 17 – ئىيۇلدا ئۆيىدە «قۇرئان» ئوقۇۋاتقاندا شەھىد قىلىنغان.

420.   ئەبۇسسائىب ئوسمان ئىبنى مەزئۇن ئەلجۇمەھىي ئەلقۇرەشىي (عُثْمَانُ بنُ مَظْعُوْنٍ الجُمَحِيُّ، ھ. بۇرۇن ؟ – 3 / م. ؟ – 625) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — دەسلەپ مۇسۇلمان بولغان ساھابەلەردىن. ھەبەشىستانغا ئىككى قېتىم ھىجرەت قىلغان، كېيىن مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان ۋە «بەدر غازىتى»غا قاتناشقان. ئىبادەتتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان زات.

421.   ئەبۇلۋەلىد ئۇبادە ئىبنى سامىت ئىبنى قەيس ئەلئەنسارىي (عُبَادَةُ بنُ الصَّامِتِ بنِ قَيْسٍ الأَنْصَارِيُّ، ھ. بۇرۇن 38 – ھ. 34 / م. 558 – 674) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئىككى قېتىملىق ئەقەبە بەيئىتىگە ۋە بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان قوماندان ساھابە. ساھابەلەر ئارىسىدىكى مەشھۇر قارىيلارنىڭ بىرى. خەلىفە ئۆمەر دەۋرىدە فەلەستىن قازىسى بولغان.

422.   ئەبۇلمۇنزىر / ئەبۇتتۇفەيل ئۇبەي ئىبنى كەئب ئىبنى قەيس ئەلئەنسارىي (أُبَيُّ بْنُ كَعْبِ بْنِ قَيْسٍ الأَنْصَارِيُّ، ھ. ؟ – 30 / م. ؟ – 653) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئىككىنچى «ئەقەبە بەيئەتى»گە ۋە بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان زات. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەھيى كاتىبلىرىدىن بىرى، ساھابە قارىيلارنىڭ پېشۋاسى.

423.   ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئەلئەسەد (ياكى ئەلئەسۋەد) ئەلخەۋلانىي (عُبَيْدُ اللَّهِ بْنُ الأَسَدِ أو الْأَسوَدِ الْخَولَانِيُّ) — تابىئىن. ھەزرىتى مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بېقىۋالغان ئوغلى. ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

424.   ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇتبە ئەلھۇزەلىي ئەلمەدەنىي (عُبَيْدُ اللهِ بنُ عَبْدِ اللهِ بنِ عُتْبَةَ الهُذَلِيُّ الْمَدَنِيُّ، ھ. ؟ – 98 / م. ؟ – 717) — كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان كاتتا تابىئىن، مەدىنەدىكى «يەتتە فەقىھ»نىڭ بىرى. زاھىد، ئىبادەتگۇي، ئالىم زات. خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ مۇئەللىمى.

425.   ئەبۇ ھەفس ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى زىياد ئىبنى ئەبىھى (عُبَيْدُ اللهِ بنُ زِيَادِ بنِ أَبِيْهِ، ھ. 32 – 67 / م. 653 – 687) — «ئۇمەۋىيلەر دۆلىتى»نىڭ ئىراق ۋە خۇراساندىكى ۋالىيسى. ھەزرىتى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان بەدبەخت.

426.   ئۇبەيدۇلمۇكتىب ئىبنى مىھران ئەلكۇفىي (عُبَيْدٌ الْمُكْتِبِ بن مِهْران الكُوْفِيُّ، ۋاپاتى ھ. 131 – 140 / م. 749 – 758 – يىللار ئارىسى) — كۇفەلىك ئازادگەردە. تابىئىنلەردىن ئىلىم ئۆگەنگەن، رىۋايەتلىرى «ئىشەنچلىك» دەپ قارالغان مۇھەددىس.

427.   ئۇرۋە ئىبنى مۇھەممەد ئەسسەئدىي (عُرْوَةُ بْنُ مُحَمَّدٍ السَّعْدِيُّ، ھ. ؟ – 120 / م. ؟ – 738) — خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز قاتارلىق ئۇمەۋىي خەلىفەلەر تەرىپىدىن يەمەنگە 20 يىل ۋالىي قىلىنغان ۋە يەمەندىن قايتقاندا، «قۇرئان»ى بىلەن شەمشىرىنىلا كۆتۈرۈپ قايتقان زات.

428.   ئۇرۋە ئىبنى ئەززۇبەير ئىبنى ئەلئەۋۋام ئەلئەسەدىي (عُرْوَةُ بْنُ الزُّبَيْرِ بْنِ الْعَوَّامِ الأَسَدِيُّ، ھ. 23 – 94 / م. 643 – 713) — كاتتا تابىئىن. ھاممىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن كۆپ ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان. مەدىنەنىڭ يەتتە چوڭ فەقىھىنىڭ بىرى ئىدى.

429.   ئەبۇ مۇھەممەد ئۇسامە ئىبنى زەيد ئىبنى ھارىسە ئەلكەلبىي (أُسَامَةُ بْنُ زَيْدِ بْنِ حَارِثَةَ الْكَلْبِيُّ، ھ. بۇرۇن 7 – ھ. 54 / م. 615 – 674) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — ئۆزى ۋە ئاتا – ئانىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئازادگەردىلىرى ۋە ساھابەلەر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى ئەۋەتمەكچى بولغان قوشۇنغا قوماندان قىلغان چاغدا تېخى يىگىرمە ياشقا تولمىغانىدى. ئۇ قوشۇن ئىچىدە ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب قاتارلىق كاتتا ساھابەلەر بار ئىدى.

430.   ئەبۇ ھەمماد ئۇقبە ئىبنى ئامىر ئەلجۇھەنىي ئەلمىسرىي (عُقْبَةُ بن عَامِرٍ الجُهَنِيُّ المِصْرِيُّ، ھ. بۇرۇن 15 – ھ. 58 / م. 608 – 678) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — قىرائەت پېشۋاسى، فەقىھ ساھابە. شام ۋە مىسىر فەتھىدە كاتتا تۆھپىلەرنى قوشقان قوماندان زات. مىسىرغا ۋالىي بولغان.

431.   ئۇممۇ ئەيمەن بەرەكە بىنتى سەئلەبە ئەلھەبەشىييە (أُمُّ أَيْمَنَ بَرَكَةُ بِنتُ ثَعلَبَةَ الحَبَشِيَّةُ، ھ. ؟ – 23 / م. ؟ – 644) رەزىيەللاھۇ ئەنھا — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئازادگەردىسى ۋە خىزمەتچىسى، زەيد ئىبنى ھارىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى، ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئانىسى. ھەبەشىستانغا ئىككى قېتىم ھىجرەت قىلغان، «ئۇھۇد غازىتى»دا يارىدارلارنى داۋالاش، ئۇسسۇزلارغا سۇ توشۇش خىزمىتىنى قىلغان مۇجاھىدە.

432.   ھەزرىتى ئۇممۇ سەلەمە ھىند بىنتى ئەبۇ ئۇمەييە (أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ أُمُّ سَلَمَةَ هِنْدُ بِنْتُ أبي أُميَّة، ھ. بۇرۇن 29 – ھ. 61 / م. 594 – 680) رەزىيەللاھۇ ئەنھا — يولدىشى ئەبۇ سەلەمە بىلەن دەسلەپتە مۇسۇلمان بولۇپ، ھەبەشىستانغا ۋە مەدىنەگە ھىجرەت قىلغانلاردىن. تۇل قالغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى نىكاھىغا ئالغان ۋە «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» بولغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلغان دانا ۋە فەقىھە زات.

433.   ئۇممۇ شەرىيك غەزىييە بىنتى جابىر ئەددەۋسىييە (أُمُّ شَرِيكٍ غَزِيَّةُ بِنْتُ جَابِرٍ الدَّوْسِيَّةُ) رەزىيەللاھۇ ئەنھا — ئۆزىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەھرسىز بەخش قىلغان ئايال ساھابە. ئىسلامغا دەۋەت قىلىشتا زور كۈچ چىقارغان ۋە ئۆز قەبىلىسىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا تۈرتكە بولغان زات.

434.   ئۇممۇ ھاﻧﯩﺌ فاخىتە بىنتى ئەبى تالىب (أُمُّ هَانِئٍ فَاخِتَةُ بِنْتُ أَبِي طَالِبٍ، ھ. بۇرۇن 47 – 50 / م. 576 – 671) رەزىيەللاھۇ ئەنھا — رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ قىزى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھەمشىرىسى. مەككە فەتىھ بولغان يىلى مۇسۇلمان بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قىرىقتەك ھەدىس رىۋايەت قىلغان مۇھەددىسە زات.

435.   ھەزرىتى ئۇممۇ ھەبىبە رەملە بىنتى ئەبۇ سۇفيان ئەلئۇمەۋىييە (أُمُّ المُؤْمِنِيْنَ أُمُّ حَبِيْبَةَ رَمْلَةُ بِنْتُ أَبِي سُفْيَانَ الأُمَوِيَّةُ، ھ. بۇرۇن 31 – ھ. 44 / م. 597 – 664) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى. يولدىشى بىلەن ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان. يولدىشى خرىستىيان بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىسلام يولىدىكى پىداكارلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى نىكاھىغا ئالغان ۋە «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى» بولغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلغان فەقىھە زات.

436.   ئەبۇ مالىك ئۇيەينە ئىبنى ھىسن ئىبنى ھۈزەيفە ئىبنى بەدر ئەلفەزارىي (عُيَيْنَةُ بْنُ حِصْنِ بْنِ حُذَيْفَةَ بْنِ بَدْرٍ الْفَزَارِيُّ، ھ. ؟ / م. ؟) — زۇبيان قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى، ئەئرابىيلارنىڭ چوڭلىرىدىن. مەككە فەتىھ يىلىنىڭ ئالدى – كەينىدە مۇسۇلمان بولغان. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىلافەت دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ۋاپات بولغان.

437.   ھەزرىتى ئەبۇ ھەفس ئۆمەر ئىبنى ئەلخەتتاب ئەلئەدەۋىي ئەلقۇرەشىي (عُمَرُ بْنُ الْخَطَّابِ العَدَوِيُّ القُرَشِيُّ، ھ. بۇرۇن 40 – ھ. 23 / م. 583 – 644) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەڭ كاتتا ساھابىلىرىدىن ۋە راشىد خەلىفەلەرنىڭ ئىككىنچىسى (م. 634 – 644). ئىسلام تارىخىدا زور تەسىر قالدۇرغان زات. «ئەلفارۇق» نامى بىلەن مەشھۇردۇر. ھ. 23 – يىلى 23 – زۇلھەججە بامدات ناماز ئوقۇۋاتقان پەيتىدە كەينىدىن خەنجەر سېلىنغان، 26 – زۇلھەججە / م. 644 – يىلى 3 – نويابىردا ۋاپات تاپقان.

438.   ئەبۇ زەر ئۆمەر ئىبنى زەر ئابدۇللاھ ئىبنى زۇرارە ئەلھەمدانىي ئەلمۇرھىبىي (أَبُو ذَرٍّ عُمَرُ بنُ ذَرِّ بنِ عَبْدِ اللهِ بنِ زُرَارَةَ الهَمْدَانِيُّ الْمُرْهِبِيُّ، ھ. ؟ – 156 / م. ؟ – 773) — مۇجاھىد، ئىبادەتگۇي، زاھىد. مەشھۇر تابىئىنلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان مۇھەددىس. ئۇنىڭدىن ئ‍ابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە ۋە باشقا ئالىملار ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

439.   ۋاسىل ئىبنى سۇلايمان / سۇلەيم ئەتتەيمىي ئەلكۇفىي (وَاصِلُ بْنُ سُلَيْمَانَ – سُلَيْمَ – التَّيْمِيُّ الْكُوفِيُّ، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) — مۇھەددىس. ئۇنىڭدىن سۇفيان سەۋرىي ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

440.   ئەبۇ شەدداد ۋاسىلە ئىبنى ئەلئەسقاﺋ ئىبنى ئابدۇللاھ (ياكى كەئب) ئەللەيسىي (وَاثِلَةُ بْنُ الْأَسْقَعِ بْنِ عَبْدِ اللَّهِ – أو كَعْبٍ – اللَّيْثِيُّ، ھ. بۇرۇن 13 – ھ. 85 / م. 609 – 704) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — «تەبۇك غازىتى»غا ۋە كېيىن «دەمەشق فەتھى»گە قاتناشقان شىجائەتلىك ساھابە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

441.   ۋۇھەيب ئىبنى ۋەرد ئەلمەككىي (وُهَيْبُ بنُ الوَرْدِ الْمَكِّيُّ، ھ. ؟ – 153 / م. ؟ – 770) — مەككەدە تۇغۇلغان تابىئىن، مۇھەددىس ئابىد، ئىبنى ئۇيەينە ۋە ئىبنى مۇبارەك قاتارلىقلارنىڭ ئۇستازىدۇر. «سەھىھۇ مۇسلىم» ۋە «سۈنەنۇتتىرمىزىي»دە ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

442.   ئەبۇ ئىمران ئىبراھىم ئىبنى يەزىد ئەننەخەئىي ئەلكۇفىي (إِبْرَاهِيْمُ بنُ يَزِيْدَ بنِ قَيْسٍ النَّخَعِيُّ الكُوْفِيُّ، ھ. 39 ياكى 47 – 96 / م. 659 ياكى 667 – 715) — تابىئىن. قىرائەت ئالىمى ۋە كاتتا فەقىھ.

443.   ئەبۇ ئەسماﺋ ئىبراھىم ئىبنى يەزىد ئىبنى شەرىك ئەتتەيمىي (إِبْرَاهِيْمُ بنُ يَزِيْدَ بنِ شَرِيْكٍ التَّيْمِيُّ، ھ. ؟ – 92 / م. ؟ – 711) — كۇفەلىك مۇھەددىس، فەقىھ، ئىبادەتگۇي تابىئىن. ئەنەس ئىبنى مالىك، ھارىس ئىبنى سۇۋەيد، ئەمر ئىبنى مەيمۇن قاتارلىقلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. يېشى قىرىققا يەتمەي تۇرۇپ، ھەججاج تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

444.   ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم ئىبنى مەنسۇر ئىبنى يەزىد ئىبنى جابىر ئەلئىجلىي ئەلبەلخىي (إِبْرَاهِيْمُ بنُ أَدْهَمَ بنِ مَنْصُوْرِ بنِ يَزِيْدَ بنِ جَابِرٍ العِجْلِيُّ البَلْخِيُّ، ھ. 100 – 162 / م. 719 – 779) — دۆلەتمەن بىر ئائىلىنىڭ ئوغلى بولۇپ، پاراغەتلىك تۇرمۇشىنى تەرك ئېتىپ مەشھۇر زاھىدقا ئايلانغان كىشىدۇر ۋە فۇزەيل ئىبنى ئىيازدىن تەلىم ئالغان، مۇجاھىد، ئىبادەتگۇي زاتتۇر.

445.   ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئىسمائىل ئەلخەۋۋاس (إِبْرَاهِيمُ بْنُ أَحْمَدَ بْنِ إسْمَاعِيْلَ الْخَواص، ھ. 184 – 291 / م. 800 – 904) — ئىرانلىق مۇتەسەۋۋىف شائىر. زامانىدىكى تەسەۋۋۇف پېشۋالىرىدىن. چۆل – باياۋانلارنى كەزگەن سەيياھ. ھېكمەتلىك سۆزلەر ۋە بەزى ئەسەرلەرنى قالدۇرغان زاھىد.

446.   ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ئىبنى بەششار ئەررەمادىي (أَبُو إِسْحَاقَ إِبْرَاهِيمُ بْنُ بَشَّارٍ الرَّمَادِيُّ، ھ. ؟ – 224 / م. ؟ – 839) — سۇفيان ئىبنى ئۇيەينەدىن ئىلىم ئالغان، ھەدىس رىۋايىتى «زەئىف» دەپ قارالغان راۋىي.

447.   ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ئىبنى سەئد ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف ئەززۇھرىي (إِبْرَاهِيْمُ بنُ سَعْدِ بنِ إِبْرَاهِيْمَ بنِ عَبْدِ الرَّحْمَنِ بنِ عَوْفٍ القُرَشِيُّ الزُّهْرِيُّ، ھ. 108 – 183 / م. 726 – 799) — مۇھەددىس تەبەئى تابىئىن. مەشھۇر ساھابە ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەۋرىسى. كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان ئىشەنچلىك زات.

448.   ئەبۇ نۇجەيد ئىمران ئىبنى ھۈساين ئىبنى ئۇبەيد ئەلخۇزائىي (عِمْرَانُ بنُ حُصَيْنِ بنِ عُبَيْدِ بنِ خَلَفٍ الخُزَاعِيُّ، ھ. ؟ – 53 / م. ؟ – 674) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. ئاتىسى بىلەن بىللە مۇسۇلمان بولغان. دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان پەزىلەتلىك زات ئىدى. خەلىفە ئۆمەر ئۇنى بەسرە ئاھالىسىگە دىن ئۆگىتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن.

449.   ئىمام ئەبۇبەكرى ئىبنۇل ئەرەبىي مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلئەندەلۇسىي (ابْنُ العَرَبِيِّ أَبُو بَكْرٍ مُحَمَّدُ بنُ عَبْدِ اللهِ الأَنْدَلُسِيُّ، ھ. 468 – 543 / م. 1076 – 1148) — «قازى ئەبۇبەكرى ئىبنۇل ئەرەبىي» دەپ تونۇلغان. مالىكىي مەزھىبىدىكى مۇجتەھىد ئالىملاردىن. «ئەھكامۇل قۇرئان»، «ئەلئەۋاسىم مىنەلقەۋاسىم» ۋە «ئەمەدۇل ئەقسا» قاتارلىق ئەسەرلىرى مەشھۇردۇر.

450.   ئىمام ئەبۇسسائادەت مەجدۇددىن ئىبنۇلئەسىر مۇبارەك ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئەلجەزەرىي (ابْنُ الأَثِيْرِ الْمُبَارَكُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ مُحَمَّدٍ الشَّيْبَانِيُّ الجَزَرِيُّ، ھ. 544 – 606 / م. 1149 – 1210) — ھەدىس ۋە تەفسىر ئالىمى، ئەدەبىياتچى ۋە بىئوگرافىيە يازغۇچى، تونۇلغان مول ھوسۇللۇق ئالىم.

451.   ئىمام جامالۇددىن ئەبۇلفەرەج ئىبنۇلجەۋزىي ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلباغدادىي (ابْنُ الجَوْزِيِّ جَمَالُ الدِّيْنِ عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ عَلِيٍّ البَغْدَادِيُّ، ھ. 510 – 597 / م. 1116 – 1201) — نەسەبى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە تۇتىشىدۇ. ئاتاقلىق مۇھەددىس، تارىخچى، فەقىھ، ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىدىن. «زادۇل مەسىر (زاد المسير)» (تەفسىر)، «تەلبىسۇ ئىبلىس (تلبيس إبليس)»، «ئەلمۇنتەزەم فى تارىخىل مۇلۇكى ۋەلئۇمەم (المنتظم في تاريخ الملوك والأمم)»، «ئەلمەۋزۇئات (الموضوعات من الأحاديث المرفوعات)»، «ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ تارىخى (تاريخ عمر بن الخطاب)» ۋە «سەيدۇل خاتىر (صيد الخاطر)» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

452.   ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ شەمسۇددىن ئىبنۇلقەييىم مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەييۇب ئەززۇرەئىي (الإمَامُ شَمْسُ الدِّيْنِ مُحَمَّدُ بنُ أَبيْ بَكْرِ بنِ أَيُّوْبَ الزُّرَعِي الدِّمَشْقِيُّ / ابْنُ قَيِّمِ الجَوْزِيَّةِ، ھ. 691 – 751 / م. 1292 – 1350) — ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ شاگىرتى، «ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە» دەپ تونۇلغان. مول ھوسۇللۇق ئىسلام ئالىمى. «زادۇل مەئاد»، «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، «رەۋزەتۇل مۇھىببىن»، «ئەرروھ»، «ئەتتۇرۇقۇلھۇكمىييە»، «مىفتاھۇ دارىسسەئادە»، «مەدارىجۇسسالىكىن»، «تەھزىبۇسسۈنەن»، «ھادىل ئەرۋاھ»، «ھىدايەتۇل ھەيەرا» ۋە «ئەلجەۋابۇل كافىي» قاتارلىق تۈرلۈك ئىلىملەردىكى ئەسەرلىرى يۈزگە يېتىدۇ.

453.   سىراجۇددىن ئەبۇ ھەفس ئىبنۇلمۇلەققىن ئۆمەر ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەھمەد ئەلئەنسارىي ئەششافىئىي (سِراجُ الدِّيْنِ عُمَرُ بنُ عَلِيِّ بنِ أَحْمَدَ الأَنْصَارِيُّ الشَّافِعِيُّ، ھ. 723 – 804 / م. 1323 – 1401) — ھەدىس، فىقھ ۋە تارىخ ئىلىملىرىدە يېتىشكەن، قاھىرەدە ياشىغان تېگى ئەندەلۇسلۇق ئالىم، قازى. «ئەلبەدرۇل مۇنىر»نىڭ ۋە باشقا ئۈچ يۈزگە يېقىن ئەسەرنىڭ مۇئەللىفى.

454.   ھەزرىتى ئەبۇلئابباس ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب ئەلھاشىمىي (عَبْدُ اللهِ بْنُ عَبَّاسِ بْنِ عَبْدِ الْمُطَّلِبِ، ھ. بۇرۇن 3 – ھ. 68 / م. 618 – 687) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاغىسى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى. تەفسىرشۇناس، نەسەبشۇناس ۋە فەقىھ ساھابە، «ئۈممەتنىڭ ئەللامىسى» ۋە «قۇرئاننىڭ تەرجىمانى» دەپ نام ئالغان، كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

455.   ئىمام ئەبۇ ئۆمەر يۈسۈف ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلبەر ئەننەمرىي ئەلئەندەلۇسىي (أَبُو عُمَرَ يُوْسُفُ بنُ عَبْدِ اللهِ بنِ مُحَمَّدِ بنِ عَبْدِ البَرِّ النَّمَرِيُّ الأَنْدَلُسِيُّ، ھ. 368 – 463 / م. 978 – 1071) — ئەندەلۇسلۇق كاتتا مالىكىي فەقىھ، مۇھەددىس، تارىخشۇناس بۈيۈك ئالىم. ھەر ساھەدە مەشھۇر «ئەلئىستىيئاب فىي مەئرىفەتىل ئەسھاب (الاستيعاب في معرفة الأصحاب)»، «ئەتتەمھىد (التمهيد لما في المؤطأ من المعاني والأسانيد)»، «بۇھجەتۇل مەجالىس (بهجة المجالس وأنس المجالس)»، «ئەلئەقلۇ ۋەلئۇقەلائى (العقل والعقلاء)»، «ئەلكافي (الكافي في فقه أهل المدينة)» ۋە «ئەلئىستىزكار (الاستذكار في شرح مذاهب علماء الأمصار)» قاتارلىق قىممەتلىك ئەسەرلىرى بار.

456.   ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلھەكەم ئىبنى ئەئيەن ئىبنى لەيس ئەلئۇمەۋىي (عبدُ اللهِ بنُ عبدِ الحكمِ بنِ أَعْيَنَ بنِ اللَّيثِ الأُمويُّ، ھ. 159 – 214 / م. 767 – 829) — مىسىرلىق فەقىھ، ئىمام مالىكنىڭ چوڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى. مىسىرلىق مالىكىيلارنىڭ پېشۋاسى، مالىكىي مەزھەب فىقھىدا «ئەلقازائۇ فىلبۇنيان» ۋە «ئەلمەناسىك» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

457.   ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبىددۇنيا ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئۇبەيد ئەلباغدادىي (أَبُو بَكْرٍ عَبْدُ اللهِ بنُ مُحَمَّدِ بنِ عُبَيْدٍ القُرَشِيُّ مَوْلاَهُمُ، ابْن أبي الدُّنْيَا البَغْدَادِيُّ، ھ. 208 – 281 / م. 823 – 894) — ئازادگەردە. ئىبنى ئەبىددۇنيا دەپ تونۇلغان باغدادلىق مۇھەددىس، تارىخشۇناس، پېداگوگ، ۋائىز. «ئەسسامت (الصمت)»، «مەكائىدۇششەيتان (مكائد الشيطان)»، «سىفەتۇلجەننە (صفة الجنة)»، «مەكارىمۇل ئەخلاق (مكارم الأخلاق)»، «زەممۇل مەلاھىي (ذم الملاهي)» ۋە «ئەلئەزەمە (العظمة)» قاتارلىق 164 رىسالەنى يازغان.

458.   ئەبۇبەكرى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئەبى شەيبە ئەلئەبسىي (عَبْدُ اللَّهِ بْنُ مُحَمَّدِ بْنِ إِبْرَاهِيْمَ العَبْسِيُّ، ھ. 159 – 235 / م. 776 – 850) — مەشھۇر مۇھەددىس، مۇفەسسىر. «مۇسەننەفۇ ئىبنى ئەبىي شەيبە» (15 توم) ناملىق ھەدىس ۋە سەلەف – سالىھلەرنىڭ سۆزلىرى توپلانغان چوڭ ھەجىملىك كىتابنىڭ ۋە باشقا ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

459.   ئەبۇ ئابدۇرراھمان مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبى لەيلا ئەلئەنسارىي ((أَبُو عبد الرَّحْمَنِ ابْنُ أَبِي لَيْلَى مُحَمَّدُ بنُ عَبْدِ الرَّحْمَنِ الأَنْصَارِيُّ، ھ. 74 – 148 / م. 693 – 765) — تابىئىن. زامانىدىكى كۇفە قازىسى ۋە كاتتا فەقىھ. ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئىمام ئەبۇ ھەنىفەدىن بۇرۇنقى ئۇستازى.

460.   ئەبۇبەكرى / ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئەبىي مۇلەيكە ئەتتەيمىي (عَبْدُ اللهِ بنُ عُبَيْدِ اللهِ ابْنِ أَبِي مُلَيْكَةَ التَّيْمِيُّ، ھ. 35 ياكى 41 – 117 / م. 656 ياكى 661 – 735) — تابىئىن، مۇھەددىس، مۇئەززىن. تائىف شەھرىگە قازى بولغان زات.

461.   ئىززۇددىن ئەبۇ ھامىد ئابدۇلھەمىد ئىبنى ھىبەتۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەبۇلھەدىد ئەلمەدائىنىي (أبو حامد عز الدين عَبْدُ الْحَمِيدِ بن هِبَةِ اللهِ بْنِ محمد بنُ الحُسَيْنِ بنِ أبي الحديد المدائنيّ، ھ. 586 – 656 / م. 1190 – 1258) — تارىخچى، ئەدىب، شائىر، كاتىب ۋە ۋەزىر، شىيئەلىككىە مايىللىقى بار مۇئتەزىلە يازغۇچىلىرىدىن. «شەرھۇ نەھجىل بەلاغە»، «ئەلفەلەكۇددائىر»، «ئەلقەسائىدۇسسەبئۇ»، «ئەلئىئتىبار» ۋە «ئەلئەبقەرىييۇل ھىسان» قاتارلىق تارىخ، ئۇسۇلىلفىقھ ۋە تىل – ئەدەبىياتقا ئالاقىدار ئەسەرلىرى، شۇنداقلا باشقلارنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىتا يازغان شەرھ ۋە مۇھاكىمە رىسالەلىرى بار. باغدادتا ۋاپات بولغان.

462.   ئەبۇ سەئىد ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبزا ئەلخۇزائىي (عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ أَبْزَى الخُزَاعِيُّ، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) — خۇزائە قەبىلىسىدىن ئازادگەردە ساھابە. مەشھۇر قارىي، مىراس ئىلمىگە ماھىر، كاتتا فەقىھ زاتتۇر. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدە مەككەگە، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدە خۇراسانغا ۋالىي بولغان.

463.   ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇلھەق ئىبنى غالىب ئىبنى ئەتىييە ئەلئەندەلۇسىي (عَبْدُ الحَقّ بنُ غَالِبِ بْنِ عَطِيَّةَ الْمُحَارِبِيُّ، ھ. 481 – 541 / م. 1089 – 1147) — ئەندەلۇس (ھازىرقى ئىسپانىيە) لۇق كاتتا تەفسىرشۇناس، فىقھشۇناس، تىلشۇناس ئالىم. قازى بولغان ۋە كۆپ غازاتلارغا قاتناشقان زات. «ئەلمۇھەررەرۇل ۋەجىز فى تەفسىرىل قۇرئانىل ئەزىز» (10 توم) ۋە «فىھرىسۇ ئىبنى ئەتىييە» ناملىق قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفىدۇر.

464.   ئەبۇلئابباس ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مەھدى ئىبنى ھۈسەين ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەجىبە ئەلئىدرىيسىي (أَبُو العَبَّاسِ أَحْمدُ بْنُ مُحمَّدُ بْنُ الْمَهْدِيِّ بْنِ الْحُسَيْنِ بْنِ مُحَمَّدِ بْنِ عَجِيْبَةَ الْإِدْرِيْسِيُّ، ھ. 1162 – 1224 / م. 1748 – 1809) — ئىبادەتگۇي، زۇھۇد ئەھلى تەسەۋۋۇف پېشۋالىرىدىن بىرىدۇر. تارىخشۇناس، تەفسىرشۇناس. «ئەلبەھرۇل مەدىد فى تەفسىرىل قۇرئانىل مەجىد»، «ئەلفۇتۇھاتۇل ئىلاھىييە»، «ئەزھارۇل بۇستان» ۋە «ئىيقازۇل ھىمەم» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفىدۇر.

465.   ئەبۇلقاسىم سىقەتۇددىن ئەلى ئىبنى ئەلھەسەن ئىبنى ھىبەتۇللاھ ئىبنى ئەساكىر ئەددىمەشقىي (ثِقَةُ الدِّيْنِ أَبُو القَاسِمِ عَلِيُّ بنُ الحَسَنِ بْنِ هِبَةِ اللَّهِ ابْنِ عَسَاكِرَ الدِّمَشْقِيُّ، ھ. 499 – 571 / م. 1105 – 1176) — جاھان كەزگەن كاتتا مۇھەددىس، فەقىھ، تارىخشۇناس. «دەمەشىق تارىخى (تاريخ مدينة دمشق)» (80 توملۇق)، «ئەلئىشراف ئەلا مەئرىفەتىل ئەتراف (الإشراف على معرفة الأطراف)»، «جىھادقا تەرغىب قىلىشقا دائىر قىرىق ھەدىس (لأربعون حديثًا في الحثّ على الجهاد)» ۋە «تەبيىينۇ كىزبۇل مۇفتەرىي (تبيين كذب المفتري فيما نسب إلى الإمام أبي الحسن الأشعري)» قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان.

466.   ئەبۇ تالىب مۇئەييىدۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئەلئەلقەمىي (مُحَمَّدُ بْنُ أَحْمَدَ بْنِ عَلِيٍّ العَلْقَمِيُّ، ھ. 593 – 656 / م. 1197 – 1258) — بوۋىسىغا نىسبەت قىلىنىپ «ئەلئەلقەمىي ئوغلى» دەپ تونۇلغان ئابباسىيلار دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى ۋەزىرى. ھۇلاگۇ خان بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ خەلىفەنى ئۆلتۈرۈپ باغدادنى بېسىۋېلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان دەپ قارالغان.

467.   ئابدۇللاھ ئىبنى ئەۋن ئىبنى ئەرتەبان ئەلمۇزەنىي (عَبْدُ اللَّهِ بْنُ عَوْنِ بْنِ أَرْطَبَانَ الْمُزَنِيُّ، ھ. 66 – 151 / م. 686 – 768) — ئازادگەردە. ئۆز زامانىدىكى بەسرە ئەللامىسى ۋە قىرائەت ئالىمى. كۆپ سەپەرلەرنى قىلىپ ھەدىس توپلىغان، ئىشەنچلىك ۋە تەقۋادار زات.

468.   ئەبۇ ئىبراھىم / ئەبۇ ئىسھاق سەئد ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف ئەززۇھرىي (أَبُو إِبْرَاهِيمَ سَعْدُ بنُ إِبْرَاهِيْمَ بنِ عَبْدِ الرَّحْمَنِ بنِ عَوْفٍ الزُّهْرِيُّ، ھ. 55 – 127 / م. 675 – 745) — تابىئىن. مۇھەددىس، فەقىھ، مەدىنە قازىسى. ئەنەس ئىبنى مالىك، ئەبۇ ئۇمامە قاتارلىق ساھابىلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

469.   شەيخۇل ئىسلام ئەبۇل ئابباس تەقىييۇددىن ئىبنى تەيمىييە ئەھمەد ئىبنى ئابدۇلھەلىم ئەلھەررانىي (ابْنُ تَيْمِيَّةَ تَقِيُّ الدِّينِ أَبُو الْعَبَّاسِ أَحْمَدُ بنُ عَبْدِ الحَلِيم الحَرَّانِيُّ، ھ. 661 – 728 / م. 1263 – 1328) — قاراش ۋە تەنقىدلىرى بىلەن ئىسلام تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن كاتتا فەقىھ، سەلەفىي ئالىم، ئۇلۇغ مۇجتەھىد ۋە مۇجاھىد. ئەقىدە، تەپسىر ۋە فىقھتا «مىنھاجۇسسۈننە ئەننەبەۋىييە»، «مەجمۇئۇل فەتاۋا» (37 توم)، «دەرئۇ تەئارۇزىل ئەقلى ۋەننەقلى» قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان.

470.   ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى جەئد ئىبنى ئۇبەيد ئەلجەۋھەرىي ئەلباغدادىي (عَلِيُّ بنُ الْجَعْدِ بْنِ عُبَيْدٍ الجَوْهَرِيُّ البَغْدَادِيُّ، ھ. 133 – 230 / م. 750 – 845) — ئازادگەردە. تەبەئى تابىئىن مۇھەددىس. ئىمام بۇخارىينىڭ ئۇستازلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرىنى ئۇنىڭ شاگىرتى ئەبۇلقاسىم ئەلبەغەۋىي «مۇسنەدۇ ئىبنىل جەئد» نامىدا توپلىغان.

471.   ئەبۇ خالىد ئابدۇلمەلىك ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىبنى جۇرەيج (عَبْدُ الْمَلِكِ بنُ عَبْدِ العَزِيْزِ بنِ جُرَيْجٍ، ھ. 80 – 150 / م. 699 – 767) — رىملىق ئازادگەردە بولۇپ، تەفسىر، ھەدىس ۋە فىقھ ئالىمى، تابىئىن. «تەفسىرۇ ئىبنى جۇرەيج»، «كىتابۇسسۈنەن» ۋە «مەناسىكۇلھەج» قاتارلىق كىتابلىرى بار.

472.   ئەبۇ يەئقۇب ئىبنى راھۇۋەيھ ئىسھاق ئىبنى ئىبراھىم ئەلھەنزەلىي ئەلمەرۋەزىي (ابْنُ رَاهُوَيْهِ إِسْحَاقُ بْنُ إِبْرَاهِيْمَ الْحَنْظَلِيُّ الْمَرْوَزِيُّ، ھ. 161 – 238 / م. 778 – 853) — ھەدىس، فىقھ ۋە تەفسىر ئالىمى. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىملەرنىڭ ئۇستازى.

473.   ئەللامە زەينۇددىن ئەبۇلبەرەكات ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەھمەد ئىبنى رەجەب ئەلباغدادىي ئەلھەنبەلىي (زينُ الدِّين عَبْدُ الرَّحْمَنِ بنُ أَحْمَدَ بنِ رَجَبٍ الحَنْبَلِيُّ، ھ. 736 – 795 / م. 1336 – 1393) — ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس ۋە ھەنبەلىي مەزھەب فەقىھى. «فەتھۇل بارىي»، «لەتائىفۇل مەئارىف» ۋە «جامىئۇلئۇلۇمى ۋەلھىكەم» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

474.   ئەبۇل ھەججاج يۈسۈف ئىبنى يەھيا ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەززەييات ئەتتادلىي (يُوْسُفُ بْنُ يَحْيَى بْنُ عِيْسَى بْنُ عَبْدِ الرَّحْمَنِ التَّادْلِيُّ، ھ. ؟ – 627 / م. ؟ – 1230) — ئىبنۇززەييات دەپ تونۇلغان ماراكەشلىك تىلشۇناس، ئەدىب، مۇتەسەۋۋىف ۋە قازى. «ئەتتەشەۋۋۇف ئىلە رىجالىتتەسەۋۋۇف»، «نىھايەتۇل مەقامات» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

475.   ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى سەئد ئىبنى مەنىيئ ئەلبەغدادىي (مُحَمَّدُ بنُ سَعْدِ بنِ مَنِيْعٍ أَبُو عَبْدِ اللهِ البَغْدَادِيُّ، ھ. 160 – 230 / م. 777 – 845) — مەشھۇر مۇھەددىس، تارىخشۇناس ۋە نەسەبشۇناس. «ئەتتەبەقات ئەلكۇبرا»، «خەبەرۇننەبىي»، «ئەتتەبەقات ئەسسۇغرا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

476.   ئىبنى سۇرەيج ئەبۇلئابباس ئەھمەد ئىبنى ئۆمەر ئەلباغدادىي (ابْنُ سُرَيْجٍ أَبُو العَبَّاسِ أَحْمَدُ بنُ عُمَرَ البَغْدَادِيُّ، ھ. 249 – 306 / م. 864 – 919) — كاتتا شافىئىي فەقىھ، قازى، مۇھەددىس. «مۇھەممەد ئىبنى ھەسەنگە رەددىيە (كتاب الرد على محمد بن الحسن)»، «ئىيسا ئىبنى ئەبانغا رەددىيە (كتاب الرد على عيسى بن أبان)» ۋە «ئەلەقسام ۋەلخىسال (الأقسام والخصال)» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.

477.   ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى سىرىن ئەلبەسرىي (مُحَمَّدُ بنُ سِيْرِيْنَ البَصْرِيُّ، ھ. 32 – 110 / م. 653 – 729) — ھەزرىتى ئەنەسنىڭ ئازادگەردىسى. كاتتا تابىئىن. تەفسىر، ھەدىس، فىقھ ۋە چۈش تەبىرىدە تونۇلغان زات.

478.   ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى سەئد ئىبنى مەنىيئ ئەلبەغدادىي. (مُحَمَّدُ بنُ سَعْدِ بنِ مَنِيْعٍ أَبُو عَبْدِ اللهِ البَغْدَادِيُّ): (ھ. 160 – 230 / م. 777 – 845). مەشھۇر مۇھەددىس، تارىخشۇناس ۋە نەسەبشۇناس. «ئەتتەبەقات ئەلكۇبرا»، «خەبەرۇننەبىي»، «ئەتتەبەقات ئەسسۇغرا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

479.   ئەبۇلھەسەن مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئەييۇب ئىبنى سەلت ئىبنى شەنەبۇز (ابْنُ شَنْبُوْذَ مُحَمَّدُ بنُ أَحْمَدَ بنِ أَيُّوْبَ، ھ. ؟ – 328 / م. ؟ – 940) — باغدادلىق مەشھۇر قىرائەتشۇناس ئىمام. مۇھەددىس. ئەمىن ۋە راستچىل زات.

480.   ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى شەۋزەب ئەلبەلخىي ئەلبەسرىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ عَبْدُ اللهِ بنُ شَوْذَبٍ البَلْخِيُّ البَصْرِيُّ، ھ. 86 – 156 / م. 705 – 773) — نۇرغۇن تابىئىنلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان مۇھەددىس، ئىشەنچلىك زات.

481.   ئەھمەد ئىبنى فەزلان ئەلباغدادىي (أَحْمَدُ بْنُ العَبَّاسِ بْنِ رَاشِدِ بْنِ حَمَّادٍ البَغْدَادِيُّ، ھ. 263 – 348 / م. 877 – 960) — ئەرەب دىنىي ئالىم ۋە داڭلىق سەيياھ. تۈركىي خەلقلەر تارىخىغا ئائىت مۇھىم مەنبەلەردىن بىرى «ئىبنى فەزلاننىڭ تۈرك، ھازار، رۇس ۋە بۇلغار دىيارلىرىغا قىلغان ساياھەتنامىسى (رسالة ابن فضلان في وصف الرحلة إلى بلاد الترك والخزر والروس والصقالبة)»نىڭ مۇئەللىپى.

482.   ئىمام مۇۋەففەقۇددىن ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىي (ابْنُ قُدَامَةَ مُوَفَّقُ الدِّيْنِ عَبْدُ اللهِ بنُ أَحْمَدَ بنِ مُحَمَّدٍ الْمَقْدِسِيُّ، ھ. 541 – 620 / م. 1146 – 1223) — ھەنبەلىي فەقىھ. «ئەلمۇغنىي» ناملىق سېلىشتۇرما فىقھ ئەسەرى مەشھۇردۇر.

483.   ئەبۇ ئەلى ئىبنى كاتىب ھەسەن ئىبنى ئەھمەد (أبو عَليّ بن الْكَاتِب الْحَسَنُ بْنُ أَحْمَدَ، ھ. ؟ – 343 / م. ؟ – 955) — تەسەۋۋۇف پېشۋالىرىدىن بىرى.

484.   ئىمام ئەبۇلفىدا ئىمادۇددىن ئىسمائىل ئىبنى ئۆمەر ئىبنى كەسىر ئەلقۇرەشىي ئەلبەسرىي ئەددىمەشقىي (أبُو الفِداءِ إِسْمَاعِيلُ بنُ عُمَرَ بنِ كَثِيرٍ القُرَشِيُّ البَصْرِيُّ الدِّمَشْقِيُّ، ھ. 701 – 774 / م. 1301 – 1373) — ئاتاقلىق مۇفەسسىر، تارىخچى، ھەدىسشۇناس ۋە شافىئىي فەقىھ. ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ شاگىرتى. مەشھۇر «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر (تفسير القرآن العظيم)»، «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، «ئەسسىيرەتۇننەبەۋىييە»، «شافىئىي فۇقاھائلار تەرجىمىھاللىرى»، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمىھالى» ۋە «سەھىھۇلبۇخارىي شەرھى» (بىزگە يېتىپ كەلمىگەن) قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

485.   ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى يەزىد ئىبنى ماجە ئەلقەزۋىينىي (الإمَامُ أَبُو عَبْدِ اللهِ مُحَمَّدُ بنُ يَزِيْدَ بنِ مَاجَهْ القَزْوِيْنِيُّ، ھ. 209 – 273 / م. 824 – 886) — مەشھۇر «كۇتۇبۇ سىتتە (ئالتە كىتاب)» ئىچىدىكى «تۆت سۈنەن» ھەدىس كىتابلىرىنىڭ بىرى «سۈنەنۇ ئىبنى ماجە (سنن ابن ماجه)» دەپ تونۇلغان «ئەسسۈنەن (السنن)»نىڭ ۋە «تەفسىرۇل قۇرئان (تفسير القرآن)»، «تەفسىرۇل قۇرئان (تفسير القرآن)»، «تارىخۇ قەزۋىن (تاريخ قزوين)» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

486.   ھەزرىتى ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ئەلھۇزەلىي (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ عَبْدُ اللهِ بنُ مَسْعُوْدٍ الهُذَلِيُّ، ھ. ؟ – 32 / م. ؟ – 653) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ھەبەشسىتانغا، كېيىن مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان، ئۇزۇن مۇددەت پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خىزمىتىدە بولغان ساھابە، تەفسىرشۇناس ۋە قىرائەتشۇناس ئالىم. ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ئوسمان خىلافەتىدە كۇفەگە قازى بولغان.

487.   ئەبۇل ئابباس ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلمۇئتەز بىللاھ (عَبْدُ اللَّهِ بْنُ مُحَمَّدٍ الْمُعْتَزُّ بِاللهِ، ھ. 247 – 296 / م. 861 – 908) — ئەدىب، تەنقىدچى ۋە شائىر. مىلادىيە 908 – يىلى 17 – دېكابىردا ئابباسىي خەلىفەسى سايلىنىپ، ئەتىسى مۇخالىپەتچىلەرنىڭ ئىسيانى بىلەن قاچقان ۋە 25 – دېكابىر قولغا چۈشۈپ، 29 – دېكابىردە قەتل قىلىنغان. ئۇنىڭ بىر كېچە بىر كۈندۈزلۈك خىلاپىتى ئەرەب ئەدەبىياتىدا بىر نەرسىنىڭ مۇددەت جەھەتتە بەك قىسقا بولۇشىغا يارقىن مەسەل قىلىنىدۇ.

488.   ئەبۇبەكرى ئەھمەد ئىبنى مۇسا ئىبنى ئابباس ئىبنى مۇجاھىد ئەتتەمىمىي ئەلباغدادىي (أَبُو بَكْرٍ أَحْمَدُ بنُ مُوْسَى بنِ العَبَّاسِ بنِ مُجَاهِدٍ البَغْدَادِيُّ، ھ. 245 – 324 / م. 859 – 935) — زامانىسىدىكى قارىيلارنىڭ پېشۋاسى، قىرائەتلەرنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئۆلچەملىرىنى بېكىتكەن تۇنجى قىرائەت ئالىمى. «ئەسسەبئە فىل قىرائات (السبعة في القراءات)»، «يائلار (الياآت)»، «ھائلار (الهاآت)» ۋە «ئەششەۋازۇ فىل قىرائات (الشواذ في القراءات)» ناملىق كىتابلارنىڭ مۇئەللىفى.

489.   ئەبۇ زىياد ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەففەل ئەلمۇزەنىي (عَبْدُ اللهِ بنُ مُغَفَّلٍ الْمُزَنِيِّ، ھ. ؟ – 59 / م. ؟ – 679) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — ھۇدەيبىييەدىكى «رىزۋان بەيئەتى»گە قاتناشقان ساھابەلەردىن. ئاتىسىمۇ ساھابە. خەلىفە ئۆمەر تەرىپىدىن دىن ئۆگىتىش ئۈچۈن بەسرەگە ئەۋەتىلگەن ئون فەقىھ ساھابىنىڭ بىرى.

490.   شەمسۇددىن ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى مۇفلىھ ئەلمەقدىسىي (شَمْسُ الدِّيْنِ أَبُو عَبْد اللَّهِ مُحَمَّدُ بنُ مُفْلِحٍ الْمَقْدِسِيُّ، ھ. 708 – 763 / م. 1308 – 1362) — ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىدىن. ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شاگىرتلىرىدىن بىرى. «ئەلفۇرۇﺋ (الفروع)»، «ئەننۇكەتۇ ۋەلفەۋائىدۇ (النكت والفوائد السنية على مشكل المحرر لابن تيمية)»، «ئۇسۇلۇلفىقھ (أصول الفقه)»، «ھاشىيەتۇل مۇقنىئى (حَاشِيَة الْمقنع)» ۋە «ئەلئادابۇششەرئىييە (الآداب الشرعية الكبرى)» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

491.   سەئد ئىبنى مۇنزىر ئىبنى ئۇمەير ئەسسائىدىي ئەلئەنسارىي (سَعْدُ بْنُ الْمُنْذِرِ بْنِ عُمَيْرٍ السَّاعِدِيُّ الْأَنْصَارِيُّ، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ — ئەبۇ ھۇمەيد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاتىسى. ئەقەبە بەيئىتىگە، بەدر غازىتىغا ۋە ئۇندىن كېيىنكى غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

492.   ئەمر ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇھەيرىز

493.   ھافىز شىھابۇددىن ئەبۇلفەزل ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھەجەر ئەلئەسقەلانىي (شِهَابُ الدِّيْنِ أَبُو الْفَضْلِ أَحْمَدُ بنُ عَلِيِّ بنِ حَجَرٍ العَسقَلانِيُّ، ھ. 773 – 852 / م. 1371 – 1449) — ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس، كاتتا شافىئىي فەقىھ ۋە تارىخچى. «فەتھۇل بارىي (فتح الباري شرح صحيح البخاري)»، «بۇلۇغۇل مەرام (بلوغ المرام من أدلة الأحكام »، «تەھزىبۇتتەھزىب (تهذيب التّهذيب)»، «ئەددۇرەرۇل كامىنە (الدّرر الكامنة في أعيان المائة الثّامنة)»، «لىساۇنلمىيزان (لسان الميزان)»، «ئەلئىسابە (الإصابة في تمييز الصحابة)»، «نۇخبەتۇل فىكرى (نخبة الفكر في مصطلح أهل الأثر)» ۋە «ئەتتەلخىسۇل ھەبىر (التلخيص الحبير في تخريج أحاديث الرافعي الكبير)» قاتارلىق كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.

494.    ئەبۇ ئوسمان سەئىد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى سەبىيھ ئىبنى ھەدداد ئەلغەسسانىي ئەلقەيراۋانىي (الـسَعِيْدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ صَبِيْحِ ابْنِ الحَدَّادِ الْغَسَّانِيُّ الْمَغْرِبِيُّ، ھ. 219 – 302 / م. 834 – 915) — تۇنىسلىق تىلشۇناس، كەلامشۇناس، مۇجتەھىد فەقىھ. زامانىدىكى مالىكىي مەزھەب پېشۋاسى. سۈننەتنى قوغداپ شىئەلەر بىلەن قىلغان مۇنازىرىلىرى مەشھۇر. «شافىئىيغا رەددىيە (رد على الشافعي)»، «كىتابۇل ماقالات (كتاب المقالات)»، «تەۋزىھۇل مۇشكىلى فىل قۇرئان (توضيح المشكل في القرآن)» ۋە باشقا ئەسەرلىرى بار.

495.   ئىمام ئەبۇ مۇھەممەد ئەلى ئىبنى ئەھمەد ئىبنى سەئىد ئىبنى ھەزم ئەلئەندەلۇسىي ئەلقۇرتۇبىي (الإمَامُ أَبُو مُحَمَّدٍ عَلِيُّ بنُ أَحْمَدَ بنِ سَعِيْدِ بنِ حَزْمٍ الأَنْدَلُسِيُّ القُرْطُبِيُّ، ھ. 384 – 456 / م. 994 – 1064) — فەقىھ، مۇھەددىس، تارىخچى، شائىر، ئەدىب ۋە مۇجتەھىد. زاھىرىي مەزھەبىنىڭ ئەڭ يارقىن ۋەكىلى. «ئەلمۇھەللا (المحلى بالآثار)» (زاھىرىي مەزھەب فىقھ ئېنسىكلوپېدىيەسى 12 توم)، «ئەلئىھكام (الإحكام في أصول الأحكام)» (ئۇسۇلۇلفىقھ)، «جەمھەرەتۇل ئەنساب (جمهرة الأنساب)» (تارىخ)، «تاۋقۇل ھەمامە (طوق الحمامة)» (مۇھەببەتنامە) ۋە «ئەلفەسلۇ فىلمىلەل (الفصل في الملل والأهواء والنحل)» (دىنلار تەتقىقاتى) قاتارلىق كىتابلارنىڭ مۇئەللىفى.

496.   ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھب ئىبنى مۇسلىم ئەلفىھرىي (عَبْدُ اللهِ بنُ وَهْبِ بنِ مُسْلِمٍ الفِهْرِيُّ، ھ. 125 – 197 / م. 743 – 812) — فەقىھ، مۇھەددىس. ئىمام مالىكنىڭ ئەڭ چوڭ شاگىرتى. «ئەلمۇۋەتتا»نى (مۇۋەتتا ئىبنى ۋەھب) رىۋايەت قىلغان. مالىكىي مەزھەبنىڭ تارقاتقۇچىلىرىنىڭ بىرى. «ئەلجامىئـ» ۋە «تەفسىرۇل قۇرئان» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

497.   ھەزرىتى ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى ئەلخەتتاب ئەلئەدەۋىي ئەلقۇرەشىي ئىبنى ئۆمەر (أَبُو عَبْدِ الرَّحْمَنِ عَبْدُ اللَّهِ بْنُ عُمَرَ بْنِ الْخَطَّابِ العَدَوِيُّ القُرَشِيُّ، ھ. بۇرۇن 10 – ھ. 73 / م. 612 – 694) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — فەقىھ ساھابە، راشىد خەلىفەلەرنىڭ ئىككىنچىسى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى. «خەندەك غازىتى»دىن كېيىنكى غازاتلارغا قاتناشقان زات.

498.   ئەبۇ مۇھەممەد سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە ئىبنى ئەبى ئىمران مەيمۇن ئەلھىلالىي (سُفْيَانُ بنُ عُيَيْنَةَ بنِ أَبِي عِمْرَانَ مَيْمُوْنٍ الهِلاَلِيُّ، ھ. 107 – 198 / م. 726 – 814) — كۇفەلىك ئازادگەردە. زاھىدلىقى بىلەن تونۇلغان ئاتاقلىق مۇھەددىس، تەفسىرشۇناس، كاتتا فەقىھ ئىمام. 70 قېتىم ھەج قىلغان زات.

499.   ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئىدرىس ئىبنى يەزىد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەلئەۋدىي (عَبْدُ اللّهِ بنُ إِدْرِيْسَ بنِ يَزِيْدَ بنِ عَبْدِ الرَّحْمَنِ الأَوْدِيُّ، ھ. 120 – 192 / م. 738 – 808) — كۇفەلىك مەشھۇر قىرائەتشۇناس ئالىم، ئىبادەتگۇي، زاھىد، ھارۇن رەشىد ئۇنىڭغا قازىلىق تەكلىپى سۇنغاندا رەت قىلغان، «قۇرئان كەرىم» تىلاۋەت قىلىشقا ئالاھىدە ھېرىسمەن زات ئىدى.

500.   ئەبۇ ئابدۇلھەمىد ئىسمائىل ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئەبىلمۇھاجىر ئەقرەم (إِسْمَاعِيلُ بْنُ عُبَيْدِ اللَّهِ بْنِ أَبِى الْمُهاجِرِ أَقرَم، ھ. 61 – 132 / م. 681 – 750) — فىقھشۇناس، مۇھەددىس، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا ئافرىقىغا ۋالىي بولغان، شىمالىي ئافرىقىدىكى بەربەرىي مىللىتىنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشىدا بۈيۈك رول ئوينىغان تابىئىن.

501.   ئىسھاق ئەننەدىم ئەبۇ مۇھەممەد ئىبراھىم ئىبنى مەيمۇن ئەتتەمىمىي ئەلمەۋسىلىي (إِسْحَاقُ النَّدِيْمُ أَبُو مُحَمَّدٍ بنُ إِبْرَاهِيْمَ بنِ مَيْمُوْنٍ التَّمِيْمِيُّ الْمَوْصِلِيُّ، ھ. 150 – 235 / م. 767 – 850) — ئىمام مالىك ۋە سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە قاتارلىق تابىئىنلەردىن ئىلىم ئۆگەنگەن مۇھەددىس، شائىر، مۇزىكاشۇناس، تىلشۇناس، كۆپ قىرلىق ئەللامە.

502.   ئىكرىمە ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلبەربەرىي (عِكْرِمَةُ بْنُ عَبْدِ اللَّهِ البَرْبَرِيُّ، ھ. 21 – 105 / م. 642 – 723) — كاتتا تابىئىن. ھەزرىتى ئىبنى ئابباسنىڭ ئازادگەردىسى ۋە شاگىرتى، مۇفەسسىر ۋە فەقىھ زات.

503.   ئەبۇ رەجاﺋ ئىمران ئىبنى مىلھان ئەلئۇتارىدىي ئەتتەمىيمىي (أَبُو رَجَاءٍ عِمْرَانُ بنُ مِلْحَانَ العُطَارِدِيُّ التَّمِيْمِيُّ، ھ. بۇرۇن ؟ – ھ. 108 / م. ؟ – 726) — جاھىلىيەت دەۋرىدە تۇغۇلۇپ، مەككە فەتىھ قىلىنغان يىلى مۇسۇلمان بولغان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن كۆرۈشەلمىگەن مۇخەدرەملەر (جاھىلىيەت ۋە ئىسلام ئىككى دەۋردە ياشىغانلار) دىن بىرى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن قىرائەت ئۆگەنگەن ۋە كۆپ ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات.

504.   ئىياس ئىبنى ئامىر ئەلغافىقىي ئەلمىسرىي (إِيَّاسُ بنُ عَامِرٍ الْغَافِقِيُّ المِصريُّ، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) — مۇھەددىس تابىئىن. ئۇنىڭدىن ئەبۇ داۋۇد، نەسائىي ۋە ئىبنى ماجە قاتارلىق ئىماملار ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

505.   ئەبۇ مۇسا ئىيسا ئىبنى مىينا قالۇن (قَالُوْنُ أَبُو مُوْسَى عِيْسَى بنُ مِيْنَا، ھ. 120 – 220 / م. 738 – 835) — قىرائەتشۇناس، تىلشۇناس ئالىم. تېگى رىملىق ئازادگەردە بولۇپ، قىرائىتىنىڭ گۈزەللىكى بائىس ئۇستازى ئىمام ناﻓﯩﺌ ئۇنىڭغا «قالۇن (رىمچىدا «ئېسىل» دېگەن مەنىدە)» دەپ نام بەرگەن.

506.   ئەبۇ ئەمر يەزىد ئىبنى ئەبان ئەررەقاشىي ئەلبەسرىي (يَزِيدُ بْنُ أَبَانَ الرَّقَاشِيُّ الْبَصْرِيُّ، ھ.؟ – 119 / م.؟ – 737) — كىچىك تابىئىنلاردىن. ئىبادەتگۇي زاھىد. ساھابە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، تابىئىن ھەسەن بەسرىيلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. لېكىن، مۇھەددىسلەرنىڭ نەزىرىدە ھەدىس رىۋايىتىدە ئاجىز كىشى، دەپ قارالغان.

507.   ئەبۇ خالىد يەزىد ئىبنى ئەبى سۇفيان (سەخر) ئىبنى ھەرب ئەلئۇمەۋىي (يَزِيْدُ بنُ أَبِي سُفْيَانَ بنِ حَرْبِ بنِ أُمَيَّةَ الأُمَوِيُّ، ھ. ؟ – ھ. 18 / م. ؟ – 639) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما — مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېرىندىشى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە خەلىفەلىرى دەۋرىدە ئەمەل تۇتقان قوماندان ساھابە.

508.   ئەبۇ زەكەرىيا يەھيا ئىبنى ئادەم ئىبنى سۇلايمان ئەلقۇرەشىي ئەلئۇمەۋىي (يَحْيَى بنُ آدَمَ بنِ سُلَيْمَانَ القُرَشِيُّ الأُمَوِيُّ، ھ. 140 – 203 / م. 758 – 819) — كۇفەلىك ئازادگەردە. تابىئىنلەردىن ئىلىم ئۆگەنگەن، فىقھشۇناس، قىرائەتشۇناس ئالىم. «ئەلفەرائىز»، «ئەلخەراج» ۋە «ئەززەۋال» قاتارلىق فىقھىي ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفىدۇر.

509.   ئەبۇ نەسر يەھيا ئىبنى ئەبى كەسىر سالىھ ئەتتائىي (أَبُو نَصْرٍ يَحْيَى بنُ أَبِي كَثِيْرٍ صَالِحٍ الطَّائِيُّ، ھ. ؟ – 129 / م. ؟ – 747) — ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان تابىئىن. فىقھشۇناس، مۇھەددىس، پەزىلەتلىك ئالىم.

510.   ئەبۇ زەكەرىيا يەھيا ئىبنى مۇئاز ئەررازىي (يَحْيَى بنُ مُعَاذٍ الرَّازِيُّ، ھ. ؟ – 258 / م. ؟ – 872) — تەسەۋۋۇف پېشۋالىرىدىن بولۇپ، ئىبادەتگۇي، زاھىد، تەبلىغچى، ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن مەشھۇر، «كىتابۇل مۇرىدىن» ۋە «جەۋاھىرۇتتەسەۋۋۇف» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفىدۇر.

511.   يەھيا ئىبنى مۇبارەك ئەسسەنئانىي (يَحْيَى بنُ مُبَارَكٍ الصَنْعانِيُّ، ھ. 211 – 220 / م. 826 – 835 – يىللار ئارىسىدا ۋاپات بولغان) — دەمەشقلىق ئالىم. رىۋايەتلىرى «زەئىف» دەپ قارالغان مۇھەددىس.

512.   يەھيا ئىبنى ۋەسساب بەزدەۋەيھ ئىبنى ماھەۋەيھ ئەلئەسەدىي ئەلكاھىلىي (يَحْيَى بنُ وَثَّابٍ بَزْدَوَيْه بنُ مَاهَوَيْه الأَسَدِيُّ الكَاهِلِيُّ، ھ. ؟ – 103 / م. ؟ – 722) — ھەزرىتى ئىبنى ئابباسنىڭ ئازادگەردىسى. كۇفەلىك قىرائەت پېشۋالىرىدىن بىرى. ساھابە ۋە تابىئىنلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان فەقىھ، مۇھەددىس.

513.   ئەبۇ ئىسھاق يەئقۇب ئىبنى يۈسۈف ئىبنى زىياد ئەددەببىي ئەلكۇفىي (يَعْقُوْبُ بنُ يُوْسُفَ بن زِيَادٍ الضَّبِّيُّ الْكُوْفِيُّ) — ھىجرىيە Ⅲ / مىلادىيە Ⅸ ئەسىردە ياشىغان ئىبادەتگۇي زاھىد. ئۇ ئەبۇ زەكەرىيا يەھيا ئىبنى يەھيا ئەسلەمىي، ئەبۇ جۇنادە قاتارلىق زەئىپ راۋىيلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

514.   ئەبۇ مۇھەممەد يۈسۈف ئىبنى ئەسبات ئىبنى ۋاسىل ئەششەيبانىي ئەلكۇفىي (يُوْسُفُ بنُ أَسْبَاطِ بنِ وَاصِلٍ الشَّيْبَانِيُّ، ۋاپاتى ھ. 195 / م. 811) — مۇھەددىس، زاھىد. سۇفيان سەۋرىي قاتارلىقلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ھېكمەتلىك سۆزلىرى مەشھۇردۇر.

515.   ئەبۇ يەئقۇب يۈسۈف ئىبنى ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى ئەررازىي (أَبُو يَعْقُوْبَ يُوْسُفُ بنُ الحُسَيْنِ بنِ عَلِيٍّ الرَّازِيُّ، ۋاپاتى ھ. 304 / م. 917) — مۇھەددىس، زاھىد. زامانىدىكى رەي مۇتەسەۋۋىفى. ئىمام ئەھمەدتىن ۋە زۇننۇن ئەلمىسرىيدىن تەلىم ئالغان. جاھان كېزىپ زاھىدلىقنى يايغان زات.

516.   ئەبۇ ئىبراھىم ئىسھاق ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ھۈسەين ئەلفارابىي (أَبُو إِبْرَاهِيمَ إِسْحَاقَ بنِ إِبْرَاهِيْمَ بنِ الحُسَيْنِ الفَارَابِيّ، ۋاپاتى ھ. 350 / م. 961) — فاراب (ئوترار) لىق تۈرك ئەدىب ۋە تىلشۇناس. ئۇ ئەرەب تىلىنىڭ پېشۋاسى ئىمام ئەبۇ نەسر ئىسمائىل ئىبنى ھەمماد جەۋھەرىينىڭ ئانا تەرەپتىن تاغىسىدۇر. جەۋھەرىي ئۇنىڭ «دىۋانۇل ئەدەب (ديوان الأدب)» كىتابنىنى ئۇنىڭ قولىدا ئوقۇغان. ئۇ يەنە «شەرھۇ ئەدەبىل كاتىب (شرح أدب الكاتب)» ۋە «بەيانۇل ئىئراب (بيان الإعراب)» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفىدۇر.

517.   ئىمام ئەبۇ نەسر ئىسمائىل ئىبنى ھەمماد جەۋھەرىي (أَبُو نَصْرٍ إِسْمَاعِيْلُ بنُ حَمَّاد الجَوهَري التركي الفَارَابي الأتراري (ھ. ؟ – 393 / م. ؟ – 1003) — ئەرەب تىلىنىڭ پېشۋاسى، فاراب (ئوترار) لىق تۈرك ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ۋە مەشھۇر خەتتات. ئىراقتا ئەبۇ ئەلى ئەلفارىسىي ۋە ئەبۇ سەئىد سىيرافىيلاردىن، يۇرتىدا تاغىسى ئەبۇ ئىبراھىم ئىسھاق ئىبنى ئىبراھىم ئەلفارابىيدىن ئىلىم ئالغان. ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەرەب دىيارلىرىنى كېزىپ، رەبىئە ۋە مۇزەر قەبىلەلىرى ئارىسىدا تۇرغان. ئاندىن نىشاپۇرغا قايتىپ مۇدەررىسلىك، يېزىقچىلىق، خۇشخەت تەلىمى، «قۇرئان» ۋە كىتاب كۆچۈرۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بولغان. جەۋھەرىينىڭ ئەڭ داڭلىق شاگىرتلىرى: ئەبۇ ئەلى ھۇسەين ئىبنى ئەلى، ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ئىبنى سالىھ ئەلۋەرراقدۇر. ئۇنىڭ «ئەسسىھاھ» دەپ مەشھۇر بولغان ئەرەب تىلنىڭ تاجى ۋە سەھىھ سۆزلۈكلىرى قامۇسى «تاجۇللۇغە ۋە سىھاھۇل ئەرەبىييە (الصحاح تاج اللغة وصحاح العربية)» دېگەن كىتابى ئۇنى ئەرەب تىلىنىڭ پېشۋاسى بولۇشقا لايىق قىلغان. ئۇنىڭ يەنە ئارۇز ئىلمىدە «ئارۇزۇلۋەرەقە (عروض الورقة)»، گىرامماتىكادا «مۇقەددىمە فىننەھۋ (مقدمة في النحو)» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. جەۋھەرىي ئىشىكنىڭ ئىككى قانىتىنى ئىككى بېقىنىغا ئارغامچا بىلەن تېڭىپ، نىشاپۇردىكى كونا بىر جامەنىڭ ئۆگزىسىگە چىققان ۋە ئۇچۇشقا ئۇرۇنۇپ، يىقىلىپ ئۆلگەن.

Please follow and like us:
Exit mobile version