ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغانكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىلەركى: «غەيبنىڭ ئاچقۇچى بەش بولۇپ، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ: ھېچكىم ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ؛ ھېچكىم بەچچىداندا نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ؛ ھېچبىر ئىنسان ئەتە نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ؛ ھېچكىم قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ؛ ھېچكىم يامغۇرنىڭ قاچان ياغىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ»(«سەھىھۇلبۇخارىي»).
مەزكۇر بەش تۈرلۈك ئىشنىڭ بايانىدا ھەدىسلەر مۇنۇ ئايەت بىلەن بىردەكتۇر: ﴿ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﮪﯩﺪﯨﺪﯗﺭ. ئاللاھ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻧﻰ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﺑﻪﭼﭽﯩﺪﺍﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ھېچكىم ﺋﻪﺗﻪ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ھېچكىم ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ، ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭﺩﯗﺭ﴾(31/«لوقمان»: 34) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ «سەھىھۇلبۇخارىي»دىكى «ئىمان» (50) دا ۋە باشقا ھەدىسلەردە ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا ئاشۇ ئايەتى كەرىمەنى تىلاۋەت قىلىش ئارقىلىق مەزكۇر ئايەتنى تەفسىرلىگەندۇر.
مەخلۇقاتلارغا كۆرۈنگەن ياكى كۆرۈنمىگەن جىمى نەرسىنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆز ئىلمى بىلەن ئىچىدىن ۋە سىرتىدىن، ئەڭ چوڭ كۇللىي قىسمىدىن تارتىپ ئەڭ تەپسىلىي ۋە جۈزئىي قىسمىغا قەدەر قورشىغان بولۇپ، بەزى بەندىلىرىگە بەزىبىر غەيبكە ئالاقىدار ئىشلارنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن يەنە بەزىبىر مەسىلىلەر باركى، ئاللاھ تائالا ئۇنى مەخلۇقاتلارنىڭ ھېچقاندىقىغا بىلدۈرمەي ئۆزىلا ساقلاپ قالغان بولغاچقا، ئۇنى پەيغەمبەرمۇ، ئاللاھقا ئەڭ يېقىن پەرىشتىمۇ بىلمەيدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇشۇ ھەدىستە بايان قىلغان ئىشلارمۇ ئاشۇ ئىشلار قاتارىدىن بولۇپ، غەيب بولسا مەخلۇقات بىلمەيدىغان ئىشلاردۇر. غەيبنىڭ ئاچقۇچى دېگەن غەيبنىڭ خەزىنىسى دېمەكتۇر. بۇ بىر خىل ئوخشىتىش بولۇپ، ئىنسانلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر خەزىنىلەردە قۇلۇپ سېلىپ ساقلىنىدىغان قىممەتلىك ئەشيالارغا ئوخشىتىلغان. ئاچقۇچ ئىگىسىدىن باشقىسى ئۇنى بىلەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلەلمەيدىغان غەيب ئىشلار نۇرغۇن بولۇپ، بەش دېگەن سان ئۇنىڭدىن ئارتۇقى يوق دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى بۇ تۈپ ۋە ئانا مەسىلىلەر بولۇپ، غەيبكە ئالاقىدار ئىشلار مۇشۇ بەش ئانا تېمىغا چېتىلىدۇ دېگەنلىكتۇر.
ئۇلار: 1) ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم پەيغەمبەر بولسىمۇ، ئەتە ياخشى – يامان نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى ۋەھىي چۈشمىسە بىلمەيدۇ. قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىمۇ مۇشۇ قاتاردىدۇر؛
2) ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بەچچىدانلاردا، بالىياتقۇلاردا نېمە بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى، تۆرەلمىنىڭ ئەركەك ياكى چىشى، ئاق ياكى قارا، تولۇق ياكى كەمتۈك، ئۆمرى، رىزقى، بەختلىك ياكى بەختسىز بولۇشى قاتارلىق ھەممە باسقۇچلاردىكى تولۇق ئەھۋالىنى ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرى بىلمەيدۇ. ئەمما، ئاپىرىدە بولغاندىن كېيىن بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىلا دوختۇرلار تەكشۈرۈپ بىلەلەيدۇ؛
3) بىر ئىنساننىڭ ئەتە ياخشى – يامان نېمە ئىشلارنى قىلىشىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ؛
4) بىر ئىنساننىڭ قايسى جايدا، قاچان ئۆلۈشىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ؛
5) يامغۇرنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگۈچە قاچان يامغۇر ياغىدىغانلىقىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئەمما، ھاۋا رايى ئالىملىرى ئالدىن بەرگەن خەۋەرلەر پەقەتلا پەرەز ۋە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولۇپ، يۈز بېرىشى جەزمەن ئەمەس. يەنە تېخى بۇ ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بايان قىلىپ بەرگەن ۋە تەييارلاپ بەرگەن سەۋەبلەرگە تايانغان پەرەزدۇر. ئالامەتلىرى كۆرۈنمەستە ھېچكىم ئۇ ھەقتە بىرنەرسە بىلمەيدۇ. دېمەك، بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى مەزكۇر ئايەت بىلەن جىپىسلاشقان ھالدا ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز ئىلمىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، داخان، رەممال ۋە پالچىلارنىڭ: «غەيبنى بىلىمىز» دېگەن دەۋالىرىغا كەسكىن رەددىيە بېرىدۇ. «مەزكۇر بەش تۈرلۈك غەيبتىن بىرىنى بىلىمەن» دېگەن كىشى ئاللاھ تائالانى، رەسۇلىنى ۋە قۇرئاننى يالغانغا چىقارغان بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1445، 17 – رەجەب / م. 2024، 29 – يانۋار