Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

كافىرلارنىڭ بايراملىرىدىكى ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ھۆكمى

كافىرلارنىڭ بايراملىرىدىكى ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ھۆكمى

كافىرلارنىڭ بايراملىرىدىكى ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مېنىڭ بىر ئامېرىكىلىق ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچۇم بار ئىدى، ماڭا كىرىسمەس سوۋغىتى بەردى، خاتىرە دەپتەر ۋە قەلەمكەن. مەن يۈزىدە رەت قىلالمايمەن، قوبۇل قىلدىم، ئەمما تېخى ئىشلەتمىدىم. شۇڭا، مېنىڭ قوبۇل قىلغىنىم گۇناھ بولامدۇ، بۇ دەپتەر – قەلەمنى ئىشلىتىشىم دۇرۇسمۇ؟

يەنە بىر سوئال: خرىستىيان ياكى باشقا دىندىكىلەرنىڭ دىنىي بايرىمىدا بىزگە سوۋغات قىلغان سوۋغاتلىرى (تاتلىق تۈرۈم، شاكىلات… قاتارلىقلار) نى يېسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئىمام بۇخارىي ھەزرەتلىرى «سەھىھۇلبۇخارىي»نىڭ «ھىبە قىلىش، ئۇنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭغا تەرغىپ قىلىش بۆلۈمى»، «مۇشرىكلاردىن ھەدىيە قوبۇل قىلىش بابى»دا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇشرىكلاردىن ۋە كافىرلاردىن ھەدىيە قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. مەسىلەن، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىدۇكى: «ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى سارە بىلەن ھىجرەت قىلىپ، بىر پادىشاھ — ياكى بىر زالىم — بار بىر شەھەرگە كىردى. كېيىن پادىشاھ: ‹ئۇنىڭغا (سارەگە) ھاجەرنى بېرىڭلار› دەپ بۇيرۇدى». يەنە «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە زەھەرلەنگەن بىر قوي گۆشى سوۋغا قىلىنغان». يەنە ئەبۇ ھۇمەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغانكى: «ئەيلەنىڭ پادىشاھى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر ئاق قېچىرنى ھەدىيە قىلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا بىر تون كىيگۈزۈپ ئۇنىڭ زېمىنىغا چېقىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئەھدىنامە يېزىپ بەردى»(1).

قەتادە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلدىكى: «دۇمەنىڭ پادىشاھى ئۇكەيدىر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەدىيە بەرگەن»(2).

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزلەپ بەردىكى: «بىر يەھۇدىي ئايال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە زەھەر سېلىنغان قوينىڭ گۆشىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇ گۆشتىن يېدى(3).

ئەبۇبەكرىنىڭ ئوغلى ئابدۇرراھمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما سۆزلەپ بەرگەنكى: «بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئىدۇق، چاچلىرى چۇۋۇق، قامىتى ئېگىز بىر مۇشرىك قوي ھەيدەپ كەلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— قوي سېتىلامدۇ ياكى ھىبە قىلىنامدۇ؟ — دېگەنىدى، مۇشرىك:

— ياق، سېتىلىدۇ، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن بىر قوينى سېتىۋالدى»(4).

يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە ئاساسەن، نورۇز، روژدېستۋوا ۋە مىلادىيە يېڭى يىل بايرىمى قاتارلىق تۈرلۈك كافىر مىللەتلەرنىڭ بايراملىرىدا ئۇلارغا ھەدىيە بېرىش جائىز بولمىسىمۇ، كافىرلارنىڭ چوشقا گۆشى، شەرئىي بوغۇزلانمىغان ياكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە بوغۇزلانغان مال گۆشى، ياكى ھاراق – شاراب ۋەياكى ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا خاس شام، ئارچىغا ئوخشىغان نەرسە – كېرەكلەر ۋە دىنىمىزدا ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن باشقا ئىستېمال قىلىش ھالال بولغان ھەدىيەلىرىنى ئادەتتىكى ۋاقىتتىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېيت – بايراملىرىدىمۇ قوبۇل قىلىش جائىزدۇر.

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نورۇز ھەدىيەسىنى (ئاتەشپەرەست) كافىرلاردىن قوبۇل قىلغان(5). ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بىر ئايال: ‹بىزنىڭ ئاتەشپەرەس قوشنىلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ ھېيتلىرى بولغاندا بىزگە ھەدىيە بېرىشىدۇ، (قانداق قىلىمىز؟)› دەپ ھۆكمىنى سورىغاندا: ‹شۇ كۈن ئۈچۈن ئاتاپ سويۇلغان مالنىڭ گۆشىنى يېمەڭلار! كۆكتات، مېۋەلىرى بولسا يەڭلار› دەپ جاۋاب بەرگەن(6). ئەبۇ بەرزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاتەشپەرەست قوشنىلىرى بولۇپ، ئۇلار نورۇز بىلەن مېھرىجاندا ئۇنىڭغا ھەدىيە بېرىشەتتى. ئۇ ئائىلە تاۋابىئاتىغا: ‹مېۋە بولسا يەڭلار! باشقىسىنى (گۆشلەرنى) قايتۇرۇۋېتىڭلار› دەيتتى(7). يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلىشتا ھېيتلىرىنىڭ تەسىرى يوق ئىكەنلىكىنى، ھېيت بولسۇن، باشقا چاغ بولسۇن، ئۇلاردىن ھەدىيە قوبۇل قىلىش ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدا ئۇلارغا كۇفۇر ئىشلاردا ياردەم قىلىش يوق»(8).

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 11 – جامادىيەلئاخىر / م. 2023، 24 – دېكابىر


1. بۇخارىي (2615 – 2618).
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2616)؛ مۇسلىم (2469).
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2617)؛ مۇسلىم (2190).
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2216)؛ مۇسلىم (2056).
5. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (19335). ئىمام ئىبنى تەيمىييە: («ئىقتىزائۇس سىراتىل مۇستەقىم»، 1/513) «سەھىھ» دېگەن.
6. ئىبنى ئەبى شەيبە: (24856).
7. ئىبنى ئەبى شەيبە: (24857).
8. ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «ئىقتىزائۇس سىراتىل مۇستەقىم»، 2/51، 52.

Please follow and like us:
Exit mobile version