بۈيۈك موڭغۇل پادىشاھى ناسىرۇددىن بېركە خان

بۈيۈك موڭغۇل پادىشاھى ناسىرۇددىن بېركە خان

(ھ. 605 – 665 / م. 1209 – 1266)

 

موڭغۇل دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنسا، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا شۇ ھامان مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەھشىيلىكلەر، باغرى تاشلىقلار، قىرغىنچىلىقلار ۋە ھ. يەتتىنچى م. 13 – ئەسىردىكى موڭغۇل تاجاۋۇزى ئىسلام يۇرتلىرىدا قالدۇرغان قورقۇنچلۇق تراگېدىيەلەر كېلىدۇ. ھەتتا ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ئاپەتنى «ئاياغلىشىش، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى» دەپ ئويلاپ قالغان بولۇپ، بۇ ھەقتە كەڭرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇشنى خاھلىغانلار زامانىنىڭ تارىخچىسى ئىبنۇلئەسىرنىڭ چوڭقۇر قايغۇلۇق ئىبارىلەر بىلەن يازغان قۇرلىرىغا مۇراجىئەت قىلسا بولىدۇ. بۇ ياۋايى مىللەتنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشىدە ئاللاھتىن قالسىلا زور تۆھپىسى بولغان بىر بۈيۈك ئەركەكنىڭ ئىش – ئىزلىرى موڭغۇللارنىڭ شۇ زۇلمەتلىك سۈرىتى ئارىسىدا كۆمۈلۈپ قالغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، بۇ ئەركەك ئىسلام يولىدا ئۆز ئۇرۇقداشلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلامنىڭ مۇھەببەت ۋە نەپرەت بابىدا ئەڭ گۈزەل ئۈلگە ھېسابلىنىدۇ.

موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ بۆلۈنۈشى

موڭغۇللار شەرقنىڭ ئەڭ چەت ياقىلىرىدىن باشلاپ ئەرەب ئەللىرى چېگرالىرىغىچە ۋە ئوتتۇرا ياۋروپا پاسىللىرىغىچە بولغان بىپايان ئىسلام دىيارلىرىنى بېسىۋالغان بولۇپ، شۇ جەھەتتىن زوراۋان چىڭگىزخان ئالاھىدە تۈزۈم تۈزۈپ، بۇ كەڭ ئىمپېرىيەنى بىرىنچى خوتۇنىدىن بولغان ئوغۇللىرىغا تۆۋەندىكىدەك بۆلۈپ بەرگەن:

بىرىنچى ئوغلى جۇچى (ھ. 577 – 624 / م. 1181 – 1227) : رۇسىيە، كاۋكاز، بۇلغارىيە ئەللىرى ۋە ئۆزى ئىشغال قىلغان غەرب تەرەپلەر.

ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي (ھ. 582 – 639 / م. 1183 – 1241) : ئۇيغۇر ئېلى (ئالمالىق يەنى غۇلجا شەھرىنى ئاساس قىلغان جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربى، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى يەتتە سۇ رايونى ۋە قەشقەرنى مەركەز قىلغان تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار)، غەربىي تۈركىستان ۋە ماۋارائۇننەھر.

ئۈچىنچى ئوغلى ئوگداي (ھ. 588 – 630 / م. 1186 – 1232) : موڭغۇل ئېلى (ھازىرقى موڭغۇلىيە)، چىن، شەرقىي تۈركىستان (جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي يەنى تارباغاتاي، ئالتاي رايونلىرى) ۋە ئۆزى ئىشغال قىلغان شەرق تەرەپلەر.

تۆتىنچى ئوغلى تولۇي (ھ. 588 – 630 / م. 1192 – 1232) : خۇراسان، پارس (ئىران)، ئەرەب ئەللىرى ۋە كىچىك ئاسىيا.

چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇچىنىڭ، دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىزباسارى بولۇشى مۇقەررەر ئىدى. لېكىن، چىڭگىزخان جۇچىنىڭ ئاچكۆزلۈكىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مەنسىپىگە ئېرىشىشكە ئالدىراپ كەتكەنلىكىنى تۇيۇپ قېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا قېرىندىشى ئوگداينى ۋەلىئەھدىلىك مەنسىپىگە قويىدۇ.

ئالتۇن ئوردا ئۇلۇسى

بۇ ئىسىم جۇچى ئائىلىسى ۋە ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى جايلارغا قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇلار تارىختا شۇ نام بىلەن تونۇلغان. جۇچى ئائىلىسى قالغان ئائىلىلەر ئارىسىدا ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولغان بولۇپ، موڭغۇللارنىڭ ئۇرۇشلاردا ئېرىشكەن غەنىيمەتلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇلارنىڭ بولاتتى.

ئىسلام دىنى جۇچى ئوغۇللىرىنىڭ كۆڭۈللىرىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ دادىسى جۇچى ئەسىرلىككە چۈشۈپ قالغان خارەزمشاھ قىزى مەلىكە رىسالەگە نىكاھلانغان بولۇپ، رىسالە خارەزمشاھلار دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى سۇلتانى — سۇلتان جالالىددىن مەڭگۈبەردى (ھ. 617 – 629 / م. 1220 – 1231 ئارىلىقى ھۆكۈم سۈرگەن) نىڭ سىڭلىسى ئىدى. بىز بۇ يەردە «گەرچە جۇچىنىڭ كافىرلىقى تۈپەيلى بۇ نىكاھ باتىل ۋە تېگىدىن ئىناۋەتسىز بولسىمۇ، كۈچلۈك پەرەزدە رىسالە ئولجا سۈپىتىدە مەجبۇرلانغان ۋە ئۆزرىلىك بولۇپ قالغان» دېگەننى كۆزدە تۇتۇپ «نىكاھلانغان» دېدۇق. دەلىلى، رىسالە ئۆزىنىڭ ئىسلام ئېتىقادىنى ۋە دىنىي سىمۋوللىرىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنداق بولمىغاندا، جۇچىنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بەزىلىرى ئىسلامغا كىرمىگەن بولاتتى.

بېركە خان كىم؟

ئۇ بولسا موڭغۇللاردىن چىققان تۇنجى بۈيۈك سۇلتان – چىڭگىزخان ئوغلى جۇچى ئوغلى بېركە خان بولۇپ، ھ. يەتتىنچى ئەسىردە دۇنياغا قورقۇنچ سالغان قانخور زالىم چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسىدۇر. ئۇ جۇچىنىڭ يەتتە ئوغۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار: باتۇ (ھ. 602 – 653 / م. 1205 – 1255)، ئوردا (ھ. 623 – 649 / م. 1226 – 1251) ، شەيبان (ھ. ؟ – 665 / م. ؟ – 1266) ، قەھرىمانىمىز بېركە (ھ. 605 – 665 / م. 1209 – 1266)، جىمىناي (ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) ، بارغاقچار (ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) قاتارلىقلار. جۇچىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئوغلى باتۇ دادىسىنىڭ مەنسىپىگە ئىگە بولۇپ، ئالتۇن ئوردا ئۇلۇسىنىڭ رەھبىرى بولغان ئىدى. بۇ ئۇلۇس موڭغۇل ئۇلۇسلىرى ئىچىدە ئەڭ دەسلەپ ئىسلامغا كىرگەن، مۇسۇلمانلارغا ئەڭ كۆپ كۆيۈنگەن ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلغان ئۇلۇس ئىدى.

باتۇنىڭ ئۆز ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارغا كۆيۈنگەنلىكى سەۋەبىدىن، موڭغۇل ئەللىرىدىكى ناسارالار، بولۇپمۇ، ئۇلارنىڭ راھىب ۋە پوپلىرى (ھالبۇكى، ئىسلام ئەللىرىدىكى قورقۇنچلۇق ئۇرۇشلاردا ئۇلارنىڭ چوڭ رولى ۋە تەسىرى بار ئىدى) شىمالنىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغا ئىسلام تارقىلىشتىن بۇرۇن، پۈتۈن موڭغۇللارنىڭ ئەڭ چوڭ رەھبىرى ئوگداي ئوغلى گۈيۈكنى باتۇغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا كۈشكۈرتتى.

باتۇ ھ. 650 / م. 1252 – يىلى ۋاپات بولغان بولۇپ، ئۆزىدىن كېيىن ئالتۇن ئوردا ئۇلۇسىنىڭ باشلىقلىقىغا ئوغلى سارتاقنى قالدۇردى. سارتاقمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولۇپ، 653 – يىلى ھوقۇق قەھرىمان تاغىسى بېركە خانغا يۆتكەلدى.

بېركە خان ھ. 650 / م. 1252 – يىلى ئىسلامغا كىردى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ دادىسىنىڭ خوتۇنى رىسالە ئارقىلىق ئىسلامغا مايىل بولغان، ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. بېركە خان موڭغۇل پايتەختى قاراقۇرۇم زىيارىتىدىن قايتىۋاتقىنىدا، بۇخارا شەھرىدە نەجمىددىن مۇختار زاھىدىي(1) ئىسىملىك بىر مۇسۇلمان ئالىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ مۇسۇلمان ئالىمدىن ئىسلام توغرۇلۇق سوئال سوراشقا باشلايدۇ. مۇسۇلمان ئالىم بولسا ئۇنىڭغا ناھايىتى ئوچۇق ۋە توغرا جاۋابلارنى بېرىدۇ. بېركە ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ئىسلام دىنىنى پاكىتلار بىلەن يورۇتۇپ، موڭغۇللارنىڭ ئەقىدىلىرىنىڭ، ئۈچ خۇدالىق ئەقىدىسىنىڭ ساختىلىقىنى ئېچىپ بېرىدىغان ۋە ئىسلامنى ئىنكار قىلىدىغان مۇخالىپەتچىلەرگە رەددىيە بېرىدىغان بىر رىسالە يېزىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. نەتىجىدە، بېركە خان سۆيگۈ ۋە قانائەت بىلەن، بۇ دىنغا ياردەم بېرىش ئىستىكى ۋە ئىخلاسى بىلەن ئىسلامغا كىرىدۇ.

بېركە خاننىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەتلىرى

بېركە خان ئىسلامغا ئادەتتىكى ئادەملەردەك مۇنداقلا كىرگەن ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر موڭغۇل ئۇلۇسىنىڭ پادىشاھى، قەھرىمان سۇلتانى سۈپىتىدە ئىسلامغا كىرگەن. ھالبۇكى، موڭغۇللار شۇ چاغدا ئومۇمەن، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە، خۇسۇسەن، مۇسۇلمانلارغا قورقۇنچلۇق بىر قارا كۆلەڭگە ئىدى. شۇڭلاشقا، بۇ بۈيۈك قەھرىماننىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە يۈكسەك رەھبەرلىك بىلەن ئىشقا ئاشقان. بۇ (سابىق) بۇتپەرەس پادىشاھ ئاخىرىدا دىنغا ۋە دىن ئەھلىگە ياردەم بېرىشتە پىداكار ۋە قىزغىن، ئىسلامنىڭ ئەڭ سادىق ئەسكەرلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان ھەمدە ئىسلامنىڭ مۇھەببەت ۋە نەپرەت مەيدانىدا ئەڭ ياخشى نەمۇنە بولغان. تۆۋەندىكىلىرى بېركە خاننىڭ ئىسلامغا ياردەم بېرىشتە كۆرسەتكەن ئەڭ مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بىر قىسىملىرى:

1.     مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىفەسىگە بەيئەت بېرىشى

بېركە خان مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ قىلغان ئىشى باغدادتىكى ئابباسىيلار خەلىفەسى مۇستەئسىم (ھ. 640 – 656 / م. 1242 – 1258 ئارىلىقى ھۆكۈم سۈرگەن) غا بەيئەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئەلچى ئەۋەتىش بولدى. بۇ بەيئەت گەرچە مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىفەسى شۇ ۋاقىتتا زېمىننىڭ تار بىر يېرىدىن باشقىغا ھېچقانداق نوپۇزى يەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاددىي ۋە شەكىلدىكى بىر ئىش بولسىمۇ، لېكىن بېركە خاننىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىفەسىنى دوست تۇتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار جامائىتىگە قوشۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.

2.     ئىسلامنىڭ سىمۋوللىرىنى نامايان قىلىشى

بېركە خان ئالتۇن ئوردا ئۇلۇسىنىڭ ھۆكۈمدارلىقىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئىسلامنىڭ سىمۋوللىرىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى. ئۇندىن بۇرۇن ئىسلام سىمۋوللىرى چىڭگىزخاننىڭ كۈنىدىن باشلاپ ئۆچۈپ كەتكەن بولۇپ، چىڭگىزخان ئاشكارا دىنىي پائالىيەت قىلغانلارنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرەتتى. بېركە خان ۋولگا دەرياسى بويىغا ساراي شەھرى (ھازىرقى رۇسىيەدىكى ساراتوۋ شەھرى) نى بىنا قىلغان ۋە ئۇنى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ پايتەختى قىلغان ھەمدە شەھەردە مەسجىدلەرنى، ھامماملارنى سالغان ۋە شەھەرنى قاتتىق كېڭەيتكەن بولۇپ، بۇ شەھەر ھەتتا شۇ چاغدىكى دۇنيا شەھەرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭىغا ئايلانغان. ئۇ بۇ شەھەرنى قويۇق ئىسلامىي تۈستە قوپۇرغان.

3.     مۇسۇلمانلارغا باشپاناھ بولۇشى

بېركە خان ئىسلامغا مېھىر، قانائەت ۋە ئىخلاس بىلەن كىرگەنلىكتىن، توغرا ئەقىدىنىڭ مەنىلىرى ۋە «لا ئىلاھە ئىللەللاھ»نىڭ تەلەپ – تەقەززالىرى ئۇنىڭ قەلبىدە بىر گەۋدە بولغان. بۇنىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى، ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى قوغدىشى بىزگە ساھابەلەرنىڭ ۋە ئىلگىرىكى سەلەفلەرنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئەسلەتكۈدەك دەرىجىدە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە بارلىققا كەلگەن. چىڭگىزخان ئوغلى تولۇي ئوغلى زالىم ھۇلاگۇ باغدادتىكى خائىن شىئە ۋەزىر ئىبنى ئەلقەمىي بىلەن خەت ئالاقىسى قىلىپ، ئىبنى ئەلقەمىي ئۇنىڭدىن باستۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، ھۇلاگۇ باغداقا ھۇجۇم قىلىشنى ئويلايدۇ. ھۇلاگۇنىڭ ئاكىسى مۆڭكە تولۇي بارلىق موڭغۇللارنىڭ قاغانى ئىدى. ئۇ بۇ مەنسەپكە بېركە خاننىڭ چوڭ ئاكىسى باتۇنىڭ كۈچلۈك ياردىمى بىلەن ئېرىشكەن ئىدى. ھۇلاگۇ ئاكىسى مۆڭكەنى بۇ ئويىغا قايىل قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۆڭكە ئۇنىڭ ئويىغا قوشۇلىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قالغان يۇرتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى قوللايدۇ. ھۇلاگۇ ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق كۆرىدۇ. خەۋەر بېركە خانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىنلا، بېركە خاننىڭ ئوغىسى قاينايدۇ ۋە دەرھال ئاكىسى باتۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئاكىسىدىن مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا: «بىز مۆڭكەنى قاغان قىلىپ سايلىساق، بۇنىڭ مۇكاپاتىدا دوستلىرىمىزغا يامانلىق يەتكۈزۈشنى، ئەھدىنامەنى بۇزۇپ، خەلىفەنىڭ ئىگىلىكلىرىنى قولغا كىرگۈزۈشنى ئويلاۋاتىدۇ. خەلىفە مېنىڭ دوستۇم، ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا ئەھدى – توختاملار ۋە دوستلۇق بار. بۇنداق قىلسا بەك سەت بولىدۇ» دەيدۇ. نەتىجىدە، باتۇ ئۇكىسىنىڭ گېپىگە تولۇق قايىل بولۇپ، ھۇلاگۇنى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشۇش نىيىتىدىن توسۇپ خەت ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھۇلاگۇ باتۇ ئۆلگەنگە قەدەر مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىشنى كېچىكتۈرىدۇ.

4.     مەملۇكىيلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشى

بېركە خاننىڭ مۇسۇلماندارچىلىقىدىكى يارقىن نۇقتىسى ئۇشبۇ يۈكسەك ئىمانىي ھالەتتۇر، ئىسلامنىڭ مۇھەببەت ۋە نەپرەت پىرىنسىپىنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدە مەھكەم ئورۇن تۇتۇشى ۋە بۇنىڭ شۇ پاكىز، ساغلام ئەقىدىنىڭ يىلتىزىدىن ئېتىلىپ چىققان بارلىق پوزىتسىيىلىرىدە جۇلالىنىشىدۇر. بېركە خان ھ. 658، 25 – رامازان / م. 1260، 3 – سېنتەبىردە ئەين جالۇت جېڭىدا موڭغۇللار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئالەمنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرغان ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسلام – ئەرەب دۇنياسىنى ئۇلاردىن قۇتقۇزۇپ قالغان مەملۇكىيلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ. مەملۇكىيلەر سۇلتانى بايبارس (ھ. 620 – 676 / م. 1223 – 1277) بىلەن بېركە خان ئوتتۇرىسىدا خەت ئالاقىلىرى كۆپىيىدۇ. بۇ ئالاقىلەرنىڭ بېركە خاننى ھۇلاگۇ بىلەن ئۇرۇشۇشقا، بۇنداق قىلىشنىڭ مۇھەببەت ۋە نەپرەت ئەقىدىسىنىڭ تەقەززالىرىدىن ئىكەنلىكىگە قارىتىشقا چوڭ تەسىرى بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بېركە خان ھۇلاگۇغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بايبارس بىلەن ئىتتىپاقلىشىدۇ ۋە بايبارسقا مۇنداق دەپ خەت يازىدۇ: «سەن ئىسلامغا بولغان مۇھەببىتىمنى بىلىسەن ۋە ھۇلاگۇنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان – ئەتكەنلىرىنىمۇ بىلىسەن. ئۇنىڭغا سەن بىر تەرەپتىن، مەن بىر تەرەپتىن كېلەيلى، شۇنداق قىلساق ئۇنى يا مەغلۇپ قىلىمىز، يا ئەلدىن قوغلاپ چىقىرىمىز. مەن ئۇنىڭ ئىلكىدىكى بارلىق جايلارنى ساڭا بېرىمەن». ئاللاھ، ئاللاھ! ئاپىرىن ساڭا بېركە خان. ئاق كۆڭۈللۈكۈڭ ۋە ئىخلاسىڭ قوشۇلغان مۇھەببەت ۋە نەپرىتىڭگە، جىھادىڭ ۋە زاهىدلىقىڭغا ئاپىرىن. ئىش – ئىزلىرى ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىلىدىغان قەھرىمانلار مانا مۇشۇنداق بولىدۇ.

5.     ئۇنىڭ ھۇلاگۇ ۋە موڭغۇللار بىلەن ئۇرۇش قىلىشى

بېركە خان مۇسۇلمانلارنىڭ جامائىتى ۋە ئىتتىپاقىغا كىرىش ۋە ئۇلارنى قوللاش بىلەنلا بولدى قىلمايدۇ. بەلكى، سۆيگۈ ۋە نەپرەت ئەقىدىسىگە ئاساسەن بارلىق بۇتپەرەس موڭغۇللارغا، بولۇپمۇ، ھۇلاگۇغا قارشى قاتتىق ئۇرۇش قوزغايدۇ. چۈنكى، ئۇ ھۇلاگۇنىڭ ئابباسىيلار خەلىفەلىكىگە قىلغانلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇمىغان ئىدى. ھۇلاگۇ زور قوشۇنلىرى بىلەن باغدادنى باسقان چاغدا، بېركە خان تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ئىسلامنى يىلتىزىدىن يوقاتماقچى بولغان بۇ قارا قىياننى توختىتىشقا ئۇرۇنىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇتپەرەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ كەلگەچكە، ھۇلاگۇ بىلەن ئۇرۇشۇش توغرىسىدىكى پەرمانىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار بۇنداق قىلسا، ھۇلاگۇنىڭ باغدادقا ھۇجۇم قىلىشىغا قوشۇلغان موڭغۇللارنىڭ ئەڭ بۈيۈك خانىغا خىلاپلىق قىلغان بولاتتى.

شۇنىڭ بىلەن بېركە خان ھۇلاگۇغا قارشى ئۇرۇش قوزغاش ئۈچۈن باھانە ئىزدەشكە باشلاپ، ئۇنىڭ چارىسىنىڭ غەنىيمەتلەر مەسىلىسىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. پۈتكۈل موڭغۇللارنىڭ ھەرقانداق بىر جەڭدە ئېرىشكەن غەنىيمەتلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرى جۇچى ئائىلىسىغا يەنى ئالتۇن ئوردا ئۇلۇسىغا تەۋە بولۇشى چىڭگىزخاننىڭ كونا ئادەتلىرىدىن ئىدى. بېركە خان ئۆز تەرىپىدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئەلچىلەرنى غەنىيمەتلەرنى تەلەپ قىلغاندا ھۇلاگۇغا قاتتىق قوپال بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىل ھەرگىزمۇ غەنىيمەتلەر بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئىسلامنى سۆيگەنلىكى ۋە زوراۋان ھۇلاگۇغا ئۇرۇش ئېچىش قىزغىنلىقى ئىدى. ئەمەلدە بۇ ھىيلە ئىشقا ئېىشىپ، ھۇلاگۇنىڭ غەزىپى تاشىدۇ ۋە بېركە خاننىڭ ئەلچىلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ ھەم بېركە خانغا ئۇرۇش ئېچىش ئۈچۈن قوشۇن ماڭغۇزىدۇ. نەتىجىدە، ھ. 660 / م. 1252 – يىلى ھۇلاگۇنىڭ قوشۇنى ئېغىر مەغلۇپ بولىدۇ. ھۇلاگۇ ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭدىنمۇ زور بىر قوشۇن بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ قېتىمدا بېركە خاننىڭ قوشۇنى يېڭىلىدۇ. قوشۇنغا قوماندانلىرىدىن توغاي ئىسىملىك بىرى رەھبەرلىك قىلغان ئىدى.

كېيىن ھۇلاگۇ بېركە خاننى پۈتۈنلەي قۇرۇتۇپ تاشلىماقچى بولۇپ، ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قاتناشقان غايەت زور بىر قوشۇننى ئەۋەتىدۇ. قوشۇنغا ئۇنىڭ قارا نىيەت ئوغلى ئاباقا (ھ. 632 – 681 / م. 1234 – 1282) قوماندانلىق قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بېركە خان قوشۇنغا باش بولۇپ ئۆزى بىر قوللۇق چىقىدۇ ۋە ھ. 661 / م. 1263 – يىلى كاۋكاز رايونىدا ھۇلاگۇنىڭ قوشۇنىنى تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ. ئۇلاردىن ئازغىنىسىدىن باشقىسى قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ.

بۇتپەرەس موڭغۇللارنىڭ بىرلىكىنى پارچىلىشى

ئىنسان ئۆز نىشانى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغاندا، نىشانىغا يېتىش يولىدا جان كۆيدۈرگەندە، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن نىشانىغا يېتەلەيدۇ. قەھرىمانىمىز بېركە خانمۇ ئىسلامغا ياردەم بېرىش ۋە ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، بىز ئۇنىڭ مۇشۇ نىشان ئۈچۈن بىرقانچە نۇقتىدا ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، مەملۇكىي مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، موڭغۇل ئۇرۇقداشلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇ يەنە ناھايىتى زېرەكلىك بىلەن بۇتپەرەس موڭغۇل دۆلىتىنى پارچىلاپ ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتىدا ھەرىكەت قىلغان.

بېركە خان قاغان مۆڭكەنىڭ قېرىندىشى قۇبلاي بىلەن بىللە ئۆزىگە قارشى چىققانلارغا ئۇرۇش ئېچىش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەنلىكى، قايتىپ كەلگۈچە ئىشلارنى يۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ئورنىغا يەنە بىر قېرىندىشى ئارتىق بۇقانى قويۇپ قويغانلىقى، ئاندىن مۆڭكەنىڭ يولدا ئۆلگەنلىكىنى پۇرسەت بىلىپ، ئارتىق بۇقا بىلەن قۇبلاي ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت تېرىيدۇ. قوشۇن ۋە ئەمىرلەر قۇبلاينىڭ باش بولۇشىغا ئىتتىپاقلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بېركە خان ئارتىق بۇقاغا بۈيۈك خانلىق مەنسىپىنى تارتىۋېلىشى ئۈچۈن ئەسكىرىي كۈچ ئەۋەتىدۇ. ھەمدە يەنە، ئوگداي جەمەتىنى ئارتىق بۇقاغا ياردەم بېرىشكە كۈشكۈرتىدۇ. نەتىجىدە، ھ. 658 / م. 1260 – يىلى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلايدۇ. بۇ ئىش ئەين جالۇت ئۇرۇشىدىن بىرئاز بۇرۇن يۈز بەرگەن بولۇپ، ھۇلاگۇ ئىچكى نىزانى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن شامدىن ئالدىراپ قايتىدۇ. ئۇرۇش ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرنەچچە يىل داۋاملىشىدۇ. بېركە خان شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە شامدىكى ھۇلاگۇ قوشۇنى ئەسكەرلىرىدىن كۆپىنى ئىسلامغا كىرىشكە ۋە بايبارس قوشۇنىغا قېتىلىشقا قىزىقتۇرغان ۋە قايىل قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن كۆپى قايىل بولۇپ، ھۇلاگۇنىڭ دۈشمىنىگە ئايلانغان ئىدى.

ھۇلاگۇ بولسا، ئۆزى ۋە پۈتۈن موڭغۇللارغا كېلىۋاتقان بارلىق ئوڭۇشسىزلىق ۋە مۇسىبەتلەرنىڭ سەۋەبىنىڭ بېركە خان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ۋە بېركە خانغا غەزىپى ۋە نەپرىتى كۈچەيگەن ئىدى. ئۇ بېركە خان بىلەن بىرنەچچە قېتىم ئۇرۇشقان بولسىمۇ، لېكىن ئېچىنىشلىق يېڭىلگەن ئىدى. بۇ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەنلىكىنى تېخىمۇ ئۇلغايتتى، ئۆچمەنلىك ئۇنىڭ ئەقلى – ھۇشىنى ئىسكەنجىگە ئالدى. نەتىجىدە، ئۇ ھ. 661 / م. 1263 – يىلى ئوغلى ئاباقانىڭ بېركە خان ئالدىدا يېڭىلىپ قالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، شۇنىڭ دەردىدە ھ. 663 / م. 1265 – يىل 2 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئۆلىدۇ. بېركە خان ئىسلام خەلىفەلىكى دۆلىتىنى ۋەيران قىلغان ۋە مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى تۆككەن بۇ قانخور زالىمدىن ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدۇ.

قەھرىمانىمىزنىڭ ئاخىرەت سەپىرى

بېركە خان ئۆمۈر بويى ھەر زامان، ھەر ماكان ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا مەدەتكار مۇجاھىد بولدى. ئۇ ئىسلام ئۈچۈن غەم يەپ، قەلبى بۇ دىنغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن سوقاتتى. شۇڭا، بۇ قەھرىماننىڭ نۇسرەت ۋە جىھاد يولىدا ئۆلۈشى ئۇنىڭ ئۈچۈن تەبىئىي ئىش ئىدى. زالىم ھۇلاگۇ بېركە خاننىڭ قولىدا يېڭىلگىنىگە قاتتىق ھەسرەت چېكىپ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى ئاباقا (ھ. 632 – 681 / م. 1234 – 1282) چىقىدۇ. ئۇمۇ بېركە خانغا قارىتا ئۆچلۈك ۋە ھەسەتنى دادىسىدىن مىراس ئالغان ئىدى. بولۇپمۇ، بېركە خاننىڭ ئۇنى ھ. 661 / م. 1263 – يىلى ئېغىر مەغلۇپ قىلغىنىغا ئىچىدە قاتتىق غۇم ساقلىغان ئىدى. شۇ جەھەتتىن، ھۇلاگۇ ئوغلى ئاباقانىڭ تۇنجى قەدىمى ۋە بىرىنچى قارارى بېركە خانغا ئۇرۇش ئېچىش بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئاباقا بېركەگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن زور قوشۇن تەييارلايدۇ. بېركە باشتا سەركەردىسى توغاينى ئەۋەتىدۇ، لېكىن توغاي مەغلۇپ بولىدۇ. بېركە خان توغاينىڭ مۇسۇلمانلىقى ۋە ھەر ۋاقىت ئۆزى بىلەن بىرگە جىھاد قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. بېركە خان ئاباقا بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئۆزى چىقىدۇ. كۆڭلىدە ئىسلامنىڭ دۈشمىنىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئاستا – ئاستا مۇسۇلمانغا ئايلىنىشقا باشلاۋاتقان موڭغۇل دەرىخىدىن بۇ ياۋا شاخنى كېسىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. يولدا ئۇنىڭغا ئەجەل يېتىپ، بۈيۈك قەھرىمانىمىز ئون بەش يىللىق ھەقىقىي ھاياتىنى ئىسلام خىزمىتى، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھەببىتى ۋە تا ئۆلگۈچىلىك ئىسلام دۈشمەنلىرىگە قارىتا غەزەپ – نەپرىتى بىلەن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ھ. 665 / م. 1266 – يىلى مۇجاھىد ھالىتىدە ۋاپات بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي ۋە ئۇنى ئۆز مەغپىرىتى بىلەن ئورىغاي!

ئەبۇل مەئالى ناسىرۇددىن بېركە خان گەرچە سەلجۇقىيلار سۇلتانى ئالائىددىن كەيقۇبادنىڭ قىزى مەلىكە خاتۇنغا ئۆيلىنىپ، ھېچبىر پەرزەنت قالدۇرمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاللاھ ئۈچۈن دوست تۇتۇش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن دۈشمەن تۇتۇشتىن ئىبارەت توغرا ئەقىدە ۋە ئۇلۇغ دىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك مول خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ. ھەتتا مەملۇكىيلەر سۇلتانى زاھىر بايبارس كۆپىنچە مۇسۇلمانلىرىمىز بىلمەيدىغان بۇ بۈيۈك قەھرىمانغا بولغان مۇھەببىتىدىن چوڭ بالىسىنىڭ ئىسمىنى بېركە خان دەپ قويغان ئىدى.

 

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1. ئىبنۇلئەسىر (ھ. 544 – 606 / م. 1149 – 1210) : «ئەلكامىل فىتتارىخ (الكامل فى التاريخ)».

2. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە (البداية والنهاية)».

3. ئىمام زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ (سير أعلام النبلاء)».

4. ئەلبەلازۇرىي: «فۇتۇھۇل بۇلدان (فتوح البلدان)».

5. مەھمۇد شاكىر: «ئىسلام تارىخى (التاريخ الإسلامي)».

6. بىر گۇرۇپپا ئالىملار: «قولايلاشتۇرۇلغان تارىخ ئېنسىكلوپېدىيىسى (موسوعة التاريخ الميسرة)».

7. ھۈسەين مۇئنىس: «ئىسلام تارىخى خەرىتىسى (أطلس تاريخ الإسلام)».

 

مەنبە: شەرىف ئابدۇلئەزىز زۇھەيرىينىڭ «أبطال سقطوا من الذاكرة (ئەستىن چىقىپ كەتكەن قەھرىمانلار)» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

—————————

1. ئىمام نەجمىددىن ئەبۇ رەجاﺋ مۇختار زاھىدىي ئەلغەزمىنىي (مُخْتَار بن مَحْمُود بن مُحَمَّد الزَّاهدِيّ أَبُو الرَّجَاء الغَزمِينِي، ۋاپاتى ھ. 658 / م. 1260): ھەنەفىي مەزھەبتىكى مەشھۇر كاتتا فۇقەھائلاردىن. خارەزمنىڭ غەزمىن يېزىسىدىن. بۇرھانۇلئەئىممە تۈركىستانىي، سىراجۇددىن يۈسۈف سەككاكىي ۋە «ئەلمۇغرىب»نىڭ مۇئەللىفى مۇتەررىزىي قاتارلىقلاردىن ئىلىم ئالغان. «ئەلقۇنيە»، «تۇھفەتۇلمۇنيە»، «زادۇلئەئىممە»، «كىتابۇلھاۋىي»، «رىسالە ناسىرىييە»(ناسىرىددىن بېركە خاننىڭ نامىغا ئاتاپ يازغان ئەقىدە رىسالەسى)، «مۇختەسەرۇلقۇدۇرىي»غا يازغان شەرھىسى «ئەلمۇجتەبا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. قاراڭ: ئابدۇلھەي لەكنەۋىي: «ئەلفەۋائىدەل بەھىييە»، 212 -، 213 – بەتلەر.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ