Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئادىل پادىشاھ نۇرىددىن مەھمۇد زەنگى

ئادىل پادىشاھ نۇرىددىن مەھمۇد زەنگى

ئادىل پادىشاھ نۇرىددىن مەھمۇد زەنگى

(ھ. 511 – 569 / م. 1118 – 1174)

 

«مەن ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى پادىشاھلارنىڭ تارىخلىرىنى ئوقۇپ چىقتىم. توغرا يولدا ماڭغان خەلىفەلەر ۋە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزدىن قالسا ئادىل پادىشاھ نۇرىددىندىنمۇ ئىش – ئىزلىرى گۈزەل بىرىنى كۆرمىدىم».

— ئىسلام تارىخچىسى ئىبنۇلئەسىر

 

ئۇ شام دىيارىنىڭ زىننىتى ۋە سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ ئۇستازىدۇر. مۇسۇلمانلار ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزدىن كېيىن ئۇنىڭدەك بىر پادىشاھنى كۆرمىگەن بولۇپ، بەزى تارىخچىلار ئۇنىڭ ئادىللىقى، دىيانىتى ۋە دانا سىياسىتى يۈزىسىدىن، ئۇنى توغرا يولدا ماڭغان خەلىفەلەرنىڭ ئالتىنچىسى دەپ ئاتىغان. كۆپىنچىمىز تونۇمايدىغان بۇ كىشى ھىتتىن زەپىرى (ھ 583، 21 – رەبىيەلئاخىر / م. 1187، 4 – ئىيۇل) نىڭ ھەقىقىي بەرپاچىسىدۇر، سالاھىددىننى بۈيۈك قوماندان قىلىپ يېتىشتۈرگەن كىشىدۇر. بىز شۇنداق بىر نۇر توغرۇلۇق سۆزلەيمىزكى، ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىنى ئەڭ قىيىن ۋە قاپقاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدە قالغىنىدا ئۇنىڭ بىلەن يورۇتقان ئىدى.

ئىسلام بۈيۈكى ۋە تۈرك قەھرىمانى نۇرىددىن مەھمۇد «زەنگىلەر دۆلىتى»نىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ھايات سەپىرى ئىسلامغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇنىڭ بايرىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يولىدا ئەھلىسەلىب ۋە ئۇبەيدىيلەر (فاتىمىيلار) دۆلىتىگە قارشى ئۇزاق مەزگىللىك جىھاد قىلىش بىلەن تولغان.

نۇرىددىن مەھمۇد ھ. 511، 17 – شەۋۋال / م. 1118، 11 – فېۋرال يەكشەنبە ھەلەبتە تۇغۇلغان. ئۇ چوڭ مۇجاھىد ئىمادۇددىن زەنگى (ھ 477 – 541 / م. 1084 – 1146) نىڭ ئىككىنچى بالىسى بولۇپ، ئۇ ھەلەب ۋە مۇسۇل قاتارلىق جايلارنىڭ ھۆكۈمدارى بولغان دادىسىنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا چوڭ بولغان. «قۇرئان»، چەۋەندازلىق ھەم ئوقيا ئېتىشنى ئۆگەنگەن. نۇرىددىن ئەقىللىق، شىجائەتلىك، ئالىي ھىممەتلىك، توغرا نىيەتلىك، ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە دىيانەتلىك كىشى ئىدى(1).

نۇرىددىن خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇ تىجارەتچىلەردىن ئېلىنىدىغان باج – سېلىقنى بىكار قىلىۋەتكەن ۋە سەھرا ئەرەبلىرىگە ئۇلارنىڭ ھاجىلارنىڭ يولىنى توسىماسلىقى ئۈچۈن يەرلەرنى سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن. شام زېمىنىنى مۇستەھكەملەپ، شەھەرلىرىگە مۇداپىئە تاملىرىنى سالغان ۋە كۆپلىگەن مەدرىسەلەرنى قۇرغان. «ئادىلىييە»، «نۇرىييە» ۋە «دارۇلھەدىس» مەدرىسەلىرى شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇ تۇنجى بولۇپ ھەدىس مەدرىسەسى قۇرغان كىشى ھېسابلىنىدۇ. نۇرىددىن مۇسۇلدا نۇرىي جامەسى (ھ 568 / م. 1172) نى قۇرغان، شۇنداقلا يول بويلىرىغا كارۋانسارايلارنى سالغان. ئۇ كەمتەر، سۈرلۈك، ئېغىر – بېسىق كىشى ئىدى، ئۆلىمالارنى ھۆرمەتلەيتتى ھەم ئۆزىمۇ ھەنەفىي مەزھەبىدە فەقىھ بولۇپ، ھەر ھەپتىدە تۆت كۈن فەقىھلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىشى ئۈچۈن ئولتۇراتتى. كىشىلەرنىڭ خاھلىغانچە ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ – چىقىشى ئۈچۈن قول ئاستىدىكىلەرنى ئۇلارنى توسماسلىققا بۇيرۇيتتى. فەقىھلەر ئۆزلىرىگە مۈجمەل بولۇپ قالغان مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇنىڭدىن سورايتتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن نۇرغۇن كىتابلارنى ۋەقفە قىلغانىدى(2).

ئىمام ئىبنى كەسىر (ھ 701 – 774 / م. 1301 – 1373) ئۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) خېتى چىرايلىق، دىنىي كىتابلارنى كۆپ ئوقۇيدىغان، سۈننەتكە ئەگىشىدىغان، نامازلارنى جامائەت بىلەن ئۆتەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، «قۇرئان»نى كۆپ تىلاۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى سۆيىدىغان، ئىپپەتلىك، ئۆزى ۋە ئائىلسىگە يېمەك – ئىچمەك ۋە كىيىم – كېچەكلەردە چىقىم قىلىشتا ئىقتىسادچىل كىشى ئىدىكى، ئۇنىڭ زامانىسىدىكى پېقىرلەرنىڭ ئەڭ تۆۋىنىمۇ ئۆزلىرىگە چىقىم قىلىشتا ئۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇراتتى، دېيىلگەن. ئۇ دۇنيا يىغمايتتى ۋە ئۇنى چوڭمۇ بىلمەيتتى. غەزەپلەنگەن ۋە نارازى بولغان چاغلىرىدا ئاغزىدىن قەتئىي يامان سۆز چىقمايتتى. كەم سۆز، ئېغىر – بېسىق ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ھەمراھلىرىنىڭ بىرى بىلەن ئاتلىق كېتىۋاتاتتى. بۇ چاغدا قۇياش نۇرى ئۇ ئىككىسىنىڭ دۈمبىسىگە، ئىككىيلەننىڭ سايىسى بولسا ئالدىغا چۈشىۋاتاتتى. ئىككىسى سايىسىغا يېتەلمەيۋاتاتتى. بىر دەمدىن كېيىن ئىككىسى ئارقىغا يېنىپ قايتتى، بۇ چاغدا ئۇ ئىككىسىنىڭ سايىسى ئۇلارنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ قالغانىدى. ئازراق ئۆتكەندىن كېيىن نۇرىددىن ئېتىنى تېز چاپتۇردى. سايىسى بولسا ئۇنىڭغا ئەگىشىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەمراھىغا: «مېنىڭ بۇ سايىنى نېمىگە ئوخشاتقىنىمنى بىلەمسەن؟ مەن ئۇنى دۇنياغا ئوخشاتتىم، دۇنيا ئۆزىنى قوغلاشقان ئادەمدىن قاچىدۇ، ئۇنىڭدىن قاچقان ئادەمنى قوغلايدۇ» دېگەن ئىكەن(3).

مانا بۇ ۋەقەلىك ئۇنىڭ دۇنياغا قىزىقمايدىغانلىقىغا ۋە قەلبىنىڭ ئويغاقلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

نۇرىددىن چوڭ بىر دۆلەتنى قۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتا ئۇنى ئاشۇنداق كاتتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان بىرقانچە سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن بولۇپ، ئۇلار: زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى تونۇش، مەسىلىلەرنى ئەقلىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تايىنىش ۋە خاراكتېرىنىڭ كۈچلۈكلۈكى قاتارلىقلار. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ باشقىلاردا تېپىلمايدىغان ھەربىي جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇشى ئۇنى زامانىسىدىكى ئەڭ كاتتا قوماندانلاردىن قىلغان ۋە كىچىك قوشۇننى يىراق شەرقتىكى ئەڭ زور ھەربىي كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. ئۇ يەنە ئەڭ ياخشى تەنھەرىكەتچى بولۇپ، دىنىي مەقسەتلەرگە خىزمەت قىلدۇرۇش مەقسىتىدە چەۋگان ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى ھەم ئوۋ ئوۋلاش بىلەنمۇ شۇغۇللىناتتى. ئۇ تەقۋادار، ئىلىمنى سۆيىدىغان، ئۆلىمالارنى ھۆرمەتلەيدىغان كىشى ئىدى. ئىش بېشىدىكىلەرنى ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ تاللايتتى. ئۇ ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تولۇق مۇستەقىللىقنى بەرگەنىدى. ھەم دۆلەتتىكى چوڭ ئەمەلدارلارنى سوتلاش ئۈچۈن ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان «دارۇلئەدل»نى قۇرغانىدى. ئۇ ئادىللىقنى قوغلىشاتتى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى پەرقلەرگە قارىماستىن، زالىمدىن مەزلۇمنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرەتتى. شۇنىڭدەك يەنە، خەلقى ئۈچۈن بولغان ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا ھېرىس ئىدى(4).

نۇرىددىن 30 يېشىدا (ھ. 541 / م. 1146) ئەمىرلىكنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر نىشانى ئېنىق، پىكىرى ئوچۇق بولغانىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ زىممىسىدە تاجاۋۇزچى ئەھلىسەلىبلەردىن مۇسۇلمانلار زېمىنىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن جىھاد قىلىش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى. بۇ مەجبۇرىيەتنىڭ ئەڭ ئاۋۋىلى بولسا قۇدۇسنى ئازاد قىلىش ۋە كىشىلەرگە ئەمىنلىك ئاتا قىلىش ئىدى. ئۇ ئەھلىسەلىب ئۈستىدىن غالىب كېلىشنىڭ پەقەتلا ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە مۇشەققەتلىك جىھادتىن كېيىنلا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى. بۇ جىھاد ھەل قىلغۇچ كۈنگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئارقا – ئارقىدىن بېسىلماقچى بولغان قەدەملەردە نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بىرىنچى قەدەمنى بولسا دادىسى ئىمادۇددىن زەنگى مۇسۇلمانلار زېمىنى بىلەن ئۆزئارا كىرىشىپ كەتكەن راھا كىنەزلىكى(5)نى ئازاد قىلغان چاغدا (ھ. 541 / م. 1146) باشلاپ بولغانىدى. ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى زېمىنلارنى تازىلاش ۋە ئەھلىسەلىبلەرنى دېڭىز ساھىلى تەرەپكە قىستاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. ئەمدى ئۇ ئىككىنچى قەدەمنى بېسىشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئۆزئارا بىرلىشىش سىياسىتىنىڭ ئۇلىنى سالدى. بۇ سىياسەت ئالدى بىلەن شام زېمىنىنى بىرلەشتۈرۈش، ئاندىن داۋالغۇشلار ۋە ھۆكۈمەتسىزلىكنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان مىسىر بىلەن شامنى بىرلەشتۈرۈش، ئاندىن كېيىن ئەھلىسەلىبلەرنى بۇ رايونلاردىن قوغلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئۇنىڭ نەزەرىدە بىرلەشتۈرۈش بىرلا ۋاقىتتا سەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش بىلەن نىشاننى بىرلەشتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. سەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش بولسا شام بىلەن مىسىرنى بىر ھاكىمىيەت ئاستىغا بىرلەشتۈرۈش ئىدى. نىشاننى بىرلەشتۈرۈش بولسا مۇسۇلمانلارنى ئەھلىسۈننەتتىن ئىبارەت بىر مەزھەب بايرىقى ئاستىغا توپلاش ئىدى. ئۇ جىھادقا چۆككەنسېرى ۋە ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بۇ سىياسەتنىڭ توغرىلىقىغا بولغان ئىشەنچى ئاشاتتى. ئۇنىڭ بۇ سىياسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يولى بولسا، سىياسىي پائالىيەت بىلەن سەپ ۋە نىشاننى بىرلەشتۈرۈشكە خىزمەت قىلىدىغان ھەربىي يۈرۈشلەرنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىشىدىن ئىبارەت ئىدى(6).

لېكىن، ئىشلار ئىچكى جەھەتتە داۋاملىق مۇقىم ھالەتتە تۇرمىدى. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا ئىسلام دۇنياسىدا ئۆزئارا رىقابەتلىشىدىغان كۈچلەر كۆپ ئىدى. بۇ رىقابەتلىشىش بەزىدە كەسكىن ۋە شىددەتلىك بولۇپ كېتەتتى. لېكىن، ئەھلىسەلىبلەرنىڭ خەتىرى كۆپ ۋاقىتلاردا ئىسلامىي كۈچلەرنى ئۆزئارا ئىختىلاپلىرى ۋە رىقابەتلىرىنى تاشلىشىغا تۈرتكە بولاتتى ۋە بەزى ئىسلامىي كۈچلەر گاھىدا دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى كۈچنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئوينايتتى. بۇنىڭ مىسالى ھ. 560 / م. 1164 – يىلى نۇرىددىن بىلەن سەلجۇقىيلار سۇلتانى قىلىچ ئارسلان II (م. 1156 – 1192 سۇلتان) ئارىسىدا قاتتىق ئىختىلاپ يۈز بەرگەن چاغدا بولغان ۋەقەلىك بولۇپ، بۇ ئىختىلاپ ئۇلارنى ئۇرۇشۇشقا ۋە ئۆزئارا ئاداۋەتلىشىشكە ئېلىپ بارغانىدى. بۇ ئىشنىڭ خەۋىرى مىسىرغا يېتىپ بارغاندا، فاتىمىيلار دۆلىتىنىڭ ۋەزىرى سالىھ ئىبنى رۇززىك (ھ 495 – 556 / م. 1102 – 1161) قىلىچ ئارسلانغا ئۇنى ئىختىلاپلىشىشتىن توسۇپ ۋە نۇرىددىنغا قوشۇلۇشقا ھەم ئەگىشىشكە نەسىھەت قىلىپ خەت يازغانىدى. رۇملارنىڭ نۇرىددىننى ئەھلىسەلىبكە قارشى جىھاد قىلىشتىن قايتۇرۇش ئۈچۈن، قىلىچ ئارسلاننى كۈشكۈرتۈش ئارقىلىق قوزغىغان فىتنەنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈشتە بۇ خەتنىڭ رولى بولغانىدى.

ھ. 562 / م. 1166 – يىلى مەنبىجنىڭ ھاكىمى غازى ئىبنى ھەسسان ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى مەنبىجنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلىگەن نۇرىددىنغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن نۇرىددىن ئۇنىڭغا قوشۇن ئەۋەتتى. بۇ قوشۇن ئۇنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئاندىن ئۇنى مەنبىجدىن چىقىرىۋەتتى. نۇرىددىن مەنبىجنىڭ ھاكىملىقىنى قېرىندىشى قۇتۇبىددىنغا تاپشۇردى. قۇتۇبىددىن ئىنال ئىبنى ھەسساننى مەنبىجنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەنىدى. ئىنال ئىبنى ھەسسان ئادىل، خەلقىگە ئېھسان قىلىدىغان، يۈرۈش – تۇرۇشى ئوبدان ۋە ياخشى كىشى بولۇپ، ئۇ مەنبىجنىڭ ھاكىملىقىدا تاكى ھ. 572 / م. 1177 – يىلى، سالاھىددىن ئەييۇبىي ئۇنىڭدىن مەنبىجنى ئالغۇچە تۇرغانىدى.

دىياربەكىر ۋە ھاسانكەيفنىڭ كۆپ قىسمى ئارتۇق ئوغلى سوقمان ئوغلى داۋۇد ئوغلى فەخرىددىن ئارسلان (م. 1144 – 1167) نىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىدى(7). ئۇ ھ. 562 / م. 1166 – يىلى تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆلۈمىنىڭ يېقىنلاپ قالغىنىنى ھېس قىلىپ، نۇرىددىنغا: «كافىرلارغا قارشى جىھاد قىلىشتا ئۆزئارا ھەمكارلىقىمىز بار، مەن سىزنىڭ بۇ ھەمكارلىقنى ئوغلۇم بىلەن ساقلاپ قېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ خەت يازدى. ئۇزاق ئۆتمەي فەخرىددىن ئارسلان ۋاپات بولدى. ئورنىغا ئوغلى مۇھەممەد چىقتى. نۇرىددىن ئۇنى ھىمايە قىلدى ۋە قوغدىدى. مۇسۇل ھۆكۈمدارى، نۇرىددىننىڭ قېرىندىشى قۇتۇبىددىن مەۋدۇد فەخرىددىن ئارسلاننىڭ زېمىنلىرىنى ئۆزىنىڭ زېمىنلىرىغا قېتىۋېلىشنى تەمە قىلىپ، بۇ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوشۇن ماڭغۇزغانىدى (م. 1168). شۇنىڭ بىلەن نۇرىددىن بۇ ئىشقا جىددىي قاراپ قېرىندىشى قۇتۇبىددىنغا: «ئەگەر سەن ئۇنىڭ يۇرتىنى نىشان قىلغان بولساڭ، مەن سېنى مەجبۇرىي توسىمەن» دەپ خەت يازدى. شۇنىڭ بىلەن قۇتۇبىددىن ئىرادىسىدىن ياندى.

جەئبەر قەلئەسى دەيدىغان بىر قەلئە بار ئىدى. بۇ دەل ئىمادۇددىن زەنگى سۇيىقەستكە ئۇچرىغان قەلئە ئىدى. بۇ قەلئە ئىنتايىن پۇختا ۋە مۇستەھكەم قەلئەلەردىن بولۇپ، شەرقى تەرىپى فۇرات دەرياسىغا قارايتتى. بۇ قەلئە شىھابۇددىن مالىك ئىبنى ئەلى ئىبنى مالىك ئەقىيلىينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىدى. بۇ قەلئەنىڭ نۇرىددىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان جايلارنىڭ ئارىسىدا بولۇشى ئۇنىڭ ئۇرۇش ۋە تىنچلىق كۈنلىرىدە تايىنىدىغان بازىسى ئۈچۈن تەھدىت مەنبەسى بولۇپ قالغانىدى. نۇرىددىن بۇ قەلئەنى ئېلىشنى ئىرادە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىتتىپاقداشلىرىدىن بەنى كىلابنى قەلئەنىڭ ساھىبىغا بۆكتۈرمە قويۇشقا بەلگىلىدى. بۇنىڭغا ئەقىيلىينىڭ ئوۋغا چىقىش ئۈچۈن قەلئەدىن ئايرىلىشى توغرا كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ھ. 563 / م. 1168 – يىلى رەجەب ئېيىدا بەنى كىلاب ئۇنى تۇتۇپ، نۇرىددىننىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. نۇرىددىن ئۇنى كۈتۈۋالدى ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلدى. شۇنداقلا قەلئەنى ئۆزىگە ئۆتكۈزۈپ بەرسە، ئۇنىڭغا مال – مۈلۈك ۋە يەرلەرنى سۇيۇرغال قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن، ئۇ بۇنىڭغا كۆنمىدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرىددىن قاتتىق قول بولۇشقا ئۆتتى ۋە ئۇنىڭغا تەھدىت سالدى. ئۇ بۇنىڭغىمۇ كۆنمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەمىر فەخرۇددىن مەسئۇد ئىبنى ئەلى زەئفىرانىينىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا قەلئەگە قوشۇن ماڭغۇزدى. بۇ قوشۇن قەلئەنى بىر مەزگىل مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرىددىن ئۇلارغا يەنە بىر قوشۇننى ياردەمگە ئەۋەتتى ۋە پۈتۈن قوشۇنغا ئىبنى دايە ئىسمى بىلەن تونۇشلۇق بولغان مەجدۇددىن ئەبۇبەكرىنى ئەمىر قىلدى. ئۇ نۇرىددىننىڭ ئېمىلدىشى ۋە ئۇنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى ئىدى. مەجدۇددىن قەلئەنى مۇھاسىرىگە ئالدى، لېكىن يەنىلا پايدىسى بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن قەلئە ئىگىسىگە يۇمشاق قوللۇق قىلىش يولىنى تۇتتى ۋە ئۇنىڭغا نۇرىددىندىن قەلئەگە بەدەل ئېلىشنى ۋە قەلئەنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى خەتەرگە تۇتۇپ بەرمەسلىگىنى ئېيتتى. ئۇ مەجدۇددىننىڭ سۆزىنى قوبۇل كۆرۈپ، قەلئەنى تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭ ئورنىغا سۇرۇج(8) ۋە ئۇنىڭغا تەۋە جايلارنى، ھەلەب بىلەن بابۇ بەزائە ئارىسىدىكى مەلاھەنى ھەم نەق يىگىرمە مىڭ دىنارنى ئالدى. بۇ ناھايىتى كاتتا سۇيۇرغاللىق ئىدى، لېكىن ئۇنىڭدا قەلئە يوق ئىدى. مانا بۇ بەنى مالىك ئەقىيلىينىڭ قەلئەگە قارىتا قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئىشى ئىدى. ئەقىيلىيگە: «ساڭا قايسى بەكرەك سۆيۈملۈك ۋە ياخشى؟ سۇرۇج ۋە شاممۇ ياكى قەلئەمۇ؟» دېيىلگىنىدە، ئۇ: «بۇلار (يەنى سۇرۇج ۋە شام) ناھايىتى كۆپ مۈلۈك، ئەمما بىز شان – شەرەپ ۋە كۈچ – قۇۋۋەتتىن قەلئە بىلەن تەڭلا ئايرىلدۇق» دېگەنىدى(9).

ھ. 566 / م. 1169 – يىلى نۇرىددىن كۆپ قىيىنچىلىقلارغا يولۇققانىدى. بۇ يىلى ناھايىتى زور كۆلەملىك، ئۈزلۈكسىز ۋە قورقۇنچلۇق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن بولۇپ، كىشىلەر بۇنىڭغا ئوخشاش يەر تەۋرەشنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. بۇ يەر تەۋرەش شام، جەزىرە(10)، مۇسۇل، ئىراق قاتارلىق كۆپ قىسىم جايلاردا يۈز بەرگەن ئىدى. ئەڭ قاتتىقى شامدا بولغان بولۇپ، دەمەشق، بەئلەبەك، ھۇمۇس، ھەما، شەيزەر، بەئرەين ۋە ھەلەب قاتارلىق كۆپلىگەن جايلار ۋەيران بولۇپ، تاملىرى ۋە قەلئەلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەنىدى. ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ، سان – ساناقسىز كىشىلەر جېنىدىن ئايرىلغانىدى. نۇرىددىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بەئلەبەكگە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن تام ۋە قەلئەلەرنى قايتا سېلىش ئۈچۈن ماڭدى. ئۇ بەئلەبەكگە يېتىپ بارغاندا ئۇنىڭغا باشقا يۇرتلارنىڭ تاملىرى ۋە قەلئەلىرىنىڭ ۋەيران بولغانلىق ھەم ئۇ يۇرتلارنىڭ كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەئلەبەكگە ئۇنى قايتا قۇرىدىغان ۋە ساقلايدىغان ئادەم بەلگىلىدى ۋە ھۇمۇسقا قاراپ يول ئالدى. ئۇ يەردىمۇ بەئلەبەكتە قىلغانغا ئوخشاش ئادەم بەلگىلىدى. ئاندىن ھەما، ئۇنىڭدىن كېيىن بەئرەينگە باردى. ئۇ ئەھلىسەلىبلەرنىڭ باشقا يۇرتلارغا تېگىش قىلىشىدىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيتتى. ئاندىن ئۇ ھەلەب شەھرىگە كەلدى. بۇ يەردە باشقا جايلارغا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى يەر تەۋرەش ئاسارەتلىرىنى كۆردى. چۈنكى، يەر تەۋرەش ھەلەبنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتكەنىدى. يەر تەۋرەشتىن ئامان قالغانلارنىڭ قورقۇنچى يۇقىرى چەككە يەتكەن بولۇپ، ئۇلار قايتا يەر تەۋرەشتىن ئەنسىرەپ تۇرالغۇلىرىغا قايتىشقا پېتىنالمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرىددىن ئۇلارنى شەھەر سىرتىغا ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئۆزى بىۋاسىتە قايتا قۇرۇشقا مەسئۇل بولدى. تاكى شەھەرنىڭ تاملىرى ۋە جامەلىرىنى مۇستەھكەملەپ بولغۇچە ئىش مۇشۇنداق داۋاملاشتى(11).

ئەھلىسەلىبلەرنىڭ يۇرتلىرىغا كەلسەك، يەر تەۋرەش ئۇ يۇرتلارنىمۇ ئوخشاشلا ۋەيران قىلىۋەتكەن بولۇپ، ئۇلار نۇرىددىننىڭ ئۆزلىرىنىڭ يۇرتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن ھەم ئۆزئارا بىر – بىرىدىن ئەنسىرىشىپ يۇرتلىرىنى قايتا قۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

نۇرىددىن يەر تەۋرەش ۋەيران قىلىۋەتكەن جايلارنى تۈزەشتىن بىكار بولاي دەپ تۇرۇشىغا كۆڭلىنى بۇزىدىغان يەنە بىر ئىشنى ئاڭلىدى. ئۇنىڭ قېرىندىشى، مۇسۇلنىڭ ھۆكۈمدارى زەنگى ئوغلى قۇتۇبىددىن مەۋدۇد مۇسۇلدا ۋاپات بولغانىدى. قۇتۇبىددىن ئۆزىدىن كېيىن ئەمىرلىكنى چوڭ ئوغلى ئىمادۇددىن زەنگى II گە ۋەسىيەت قىلغانىدى. لېكىن، ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى باشتىكى ۋەسىيىتىدىن يېنىپ ئەمىرلىكنىڭ كىچىك ئوغلى سەيفىددىن غازىي II گە قېلىشىنى ۋەسىيەت قىلدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب بولسا دۆلەت ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغۇچى باش ۋەزىر فەخرۇددىن ئابدۇلمەسىھنىڭ ئارىلىشىۋېلىشى ئىدى. ئۇ ئىمادۇددىن زەنگىنى يامان كۆرەتتى. چۈنكى، ئىمادۇددىن زەنگى تاغىسى نۇرىددىن زەنگىنىڭ ئۇنىڭ نەزەرىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا بويسۇناتتى ۋە ئۇ نۇرىددىننىڭ كۈيئوغۇلى ئىدى. شۇنداقلا نۇرىددىن زەنگى ئابدۇلمەسىھنى يامان كۆرەتتى ۋە ئۆچ ئىدى. ئىلغازى ئوغلى ھىسامىددىن تۆمۈرتاشنىڭ قىزى، سەيفىددىن II نىڭ ئانىسى خاتۇن فەخرىددىن ئابدۇلمەسىھ بىلەن ئەمىرلىكنى ئىمادۇددىندىن سەيفىددىنغا ئېلىپ بېرىشكە بىرلىككە كېلىۋالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن قۇتۇبىددىن مەۋدۇد ۋاپات بولغاندا، ئۇنىڭ ئوغلى ئىمادۇددىن تاغىسى نۇرىددىننىڭ قېشىغا تاغىسىنىڭ ئۇنىڭ ئەمىرلىكنى ئۆز قولىغا ئېلىشىغا ياردەم بېرىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ياردەم سوراپ كەلدى.

نۇرىددىن فەخرىددىن ئابدۇلمەسىھنى ئۇنىڭ خەلققە تۇتقان قاتتىق قول سىياسىتى، زالىملىقى ۋە چوڭچىلىقى سەۋەبلىك يامان كۆرەتتى. نۇرىددىن فەخرىددىن ئابدۇلمەسىھنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئوغلىنىڭ ئىشىدا ئۆز بېشىمچىلىق قىلغىنىنى ئۇققاندىن كېيىن، «قېرىندىشىمنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەن ھەممىدىن ھەقلىق» دېدى ۋە قېرىندىشغا ھازا تۇتتى. ھازا تۇتۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۇ چەۋەندازلىرىنىڭ سەرخىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپىنى تاللاپ، تېزلىكتە خابۇرغا يۈرۈش قىلىپ خابۇرنىڭ ھەممە جايلىرىنى ۋە نۇسەيبىننى ئالدى، ئاندىن نۇسەيبىندە تۇرۇپ ئەسكەر توپلىدى. ئۇنىڭ قېشىغا قارا ئوغلى نۇرىددىن مۇھەممەد كېلىپ ئەسكەرلىرى تېخىمۇ كۆپەيدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى چېگراسىنى قوغداش ئۈچۈن شامدا قويۇپ قويغانىدى. شۇنداق قىلىپ ئەسكەرلەر يىغىلغاندىن كېيىن، ئۇ سىنجارغا يۈرۈش قىلىپ، ئۇنى مۇھاسىرىگە ئالدى ۋە مەنچاناقلارنى تىكلەپ ئۇنى بويسۇندۇردى. ئاندىن ئۇ يەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قېرىندىشى قۇتبىددىننىڭ ئوغلى ئىمادۇددىنغا تاپشۇردى. نۇرىددىنغا مۇسۇلدىكى ئەمىرلەردىن ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تائىتىنى بىلدۈرۈپ ۋە ئۇنى مۇسۇلغا كېلىشكە چاقىرىق قىلىپ مەخپىي خەتلەر كەلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرىددىن مۇسۇلغا يۈرۈش قىلىپ بەلەد شەھرىگە كەلدى ۋە دەجلە دەرياسىدىن شەرق تەرەپكە كېسىپ ئۆتۈپ، يولىنى داۋام قىلدى. ئاندىن مۇسۇلنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى نىنەۋا قورغىنىغا چۈشتى. دەجلە دەرياسى نىنەۋا قورغىنى بىلەن مۇسۇلنىڭ ئارىسىدا ئىدى. سەيفىددىن II بولسا ئىززۇددىن مەسئۇدنى ھەمەزان، جىبال(12)، ئەزەربەيجان، ئىسفاھان، رەي ۋە شۇ يەرلەرگە قاراشلىق جايلارنىڭ ھۆكۈمدارى بولغان ئاتابېك شەمسىددىنگە تاغىسى نۇرىددىنغا قارشى ياردەم تەلەپ قىلىپ ئەۋەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن شەمسىددىن نۇرىددىنغا ئۇنى مۇسۇلغا چېقىلىشتىن توسۇپ ئەلچى ئەۋەتتى. نۇرىددىن بۇنىڭغا ئېرەن قىلمىدى ۋە ئەلچىگە مۇنداق دېدى: «سەن خوجايىنىڭغا دەپ قوي: ‹مەن قېرىندىشىمنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىشىغا سەندىن لايىقراق، سەن بىزنىڭ ئارىمىزغا كىرىۋالما، ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى تۈزەشتىن بىكار بولغاندا، سەن بىلەن ھەمەزاننىڭ قوۋۇقى ئالدىدا سۆزلىشىمەن. چۈنكى، سەن مۇشۇنداق كاتتا مەملىكەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرۇقلۇق، چېگراغا سەل قاراپ گىرۇزىنلەر بېسىپ كىردى. ماڭا كەلسەك، مېنىڭ دۆلىتىم سېنىڭ دۆلىتىڭنىڭ تۆتتىن بىرىچىلىك تۇرۇپ، كۈچلۈك ياۋروپالىقلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئالدىم ۋە پادىشاھلىرىنى ئەسىر قىلدىم. مەن ئۈچۈن ساڭا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش ھالال بولمايدۇ. چۈنكى، بىزگە سەن سەل قارىغان جايلارنى قوغداش ۋە مۇسۇلمانلاردىن زۇلۇمنى يوقىتىش ۋاجىبتۇر›».

شۇنىڭ بىلەن نۇرىددىن مۇسۇلنى مۇھاسىرىگە ئالدى. مۇسۇلدىكى ئەمىرلەر ئىسيان كۆتۈرۈش ئارقىلىق فەخرىددىننى تەرك ئېتىشكە ۋە مۇسۇلنى نۇرىددىنغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە بەل باغلىدى. فەخرىددىن بۇ ئىشنى ئۇقۇپ، نۇرىددىنغا ئۇنىڭ مۇسۇلنى سەيفىددىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالدۇرۇش، ئۆزىنىڭ مېلىغا ۋە جېنىغا ئامانلىق بېرىش بەدىلىگە مۇسۇلنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا كېڭىشىشكە ئادەم ئەۋەتتى. نۇرىددىن بۇنىڭغا قوشۇلدى ۋە ئۇنىڭغا بۇ ئىشنىڭ بەدىلىگە ئۇنى ئۆزى بىلەن بىرگە شامغا ئېلىپ كېتىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئۇنى رازى قىلغۇدەك سۇيۇرغاللىق بېرىدىغانلىقىنى شەرت قىلدى(13).

نۇرىددىن مۇسۇلنى تاپشۇرۇۋالدى ۋە قەلئەگە سىر قوۋۇقىدىن كىردى. چۈنكى، ئۇنىڭغا ئابدۇلمەسىھنىڭ ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلىك خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە، ئۇ مۇسۇلغا پەقەت مۇسۇلدىكى ئەڭ مۇستەھكەم ئورۇندىن كىرىدىغانلىقىغا قەسەم قىلغانىدى. ئۇ مۇسۇلنى ئالغاندىن كېيىن ئۇ يەردىكى بارلىق تىجارەتچىلەردىن ئېلىنىدىغان باج – سېلىق تۈزۈمى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ناھەقچىلىكلەرنى يوق قىلدى. نۇسەيبىن، سىنجار ۋە خابۇر قاتارلىق جايلاردىمۇ شۇنداق قىلدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قاراشلىق بولغان يۇرتلاردا قىلىدىغان ئىشىغا ئوخشايتتى. ئۇ مۇسۇلنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋاتقان چاغدا، ئۇنىڭغا ئابباسىيلار خەلىفەسى (ھ 565 – 575 / م. 1170 – 1180) ھەسەن ئىبنى يۈسۈف (ئەلمۇستەزى بىئەمرىللاھ) دىن (ئۇنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى ئالقىشلاش ئۈچۈن) ئۇنى تارتۇقلاپ بىر تون كەلگەن ۋە ئۇنى كىيگەنىدى. مۇسۇلنى ئالغاندا، ئۇ كىيىمنى قېرىندىشىنىڭ ئوغلى سەيفىددىنغا كىيگۈزدى ۋە ئۇنى ئۆزى مۇسۇلدىكى چاغدا نۇرى جامەسىنى قۇرۇشقا بۇيرۇدى (ھ. 567 / م. 1172) ھەم ئۆزى جامە سېلىنماقچى بولغان ئورۇنغا بېرىپ، ئۇ يەرنى كۆردى ۋە «ئەبۇ ھازىر مەسجىدى»نىڭ مۇنارىغا چىقىپ، ئۇ يەردىن جامەنىڭ ئورنىغا كۆز يۈگۈرتۈپ، كۆرگەن ئورنىغا ئاشۇ ئورۇنغا قوشنا بولغان ئۆي ۋە دۇكانلارنىمۇ قوشۇۋېتىشنى ۋە ئۇلاردىن بىرەرسىنى ئىگىلىرىنىڭ رازىلىقىسىز ئالماسلىقنى بۇيرۇدى، ئاندىن شەيخ موللا مۇھەممەدنى جامەنى سېلىشقا مەسئۇل قىلدى. شەيخ موللا مۇھەممەد سالىھ، ياخشى كىشىلەردىن بولۇپ، يەرلەرنى ئىگىلىرىدىن يۇقىرى باھادا سېتىۋالدى ۋە جامەنى سالدى. نۇرىددىن مۇسۇلدا تۆت ئاي تۇرغاندىن كېيىن شامغا قايتتى ۋە ئۆزى بىلەن بىرگە «فەخرىددىن ئابدۇلمەسىھ»نى ئېلىۋالدى ھەم ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئابدۇللاھ دەپ ئاتىدى، ئۇنىڭغا چوڭ سۇيۇرغاللىق بەردى.

نۇرىددىن دۆلەت زېمىنىنىڭ كۆپ كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى ۋە ئۇ ئەھلىسەلىبلەرگە قارشى جىھاد بىلەن مەشغۇل بولغاچقا، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە چەت ياقىلىرى بىلەن تېز سۈرئەتتە ئالاقىلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر ۋاسىتە ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدى. ھ. 567 / م. 1172 – يىلىغا كەلگەندە، ئۇ شامدا «ئالاقىچى كەپتەر» ئىشلەتتى. بۇ كەپتەرلەر يىراق جايلاردىن ئۇۋىلىرىغا ئۇچۇپ كېلەلەيتتى. ئۇ بۇ كەپتەرلەرنى دۆلەتنىڭ ھەممە جايلىرىدا ئىشلىتىشنى يولغا قويدى.

نۇرىددىن مۇلەيھ ئىبنى لىيون ئەرمەنىينى ھەلەبكە قوشنا بولغان دۇرۇبنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلىگەنىدى ۋە ئۇنىڭغا چوڭ سۇيۇرغاللىق بەرگەنىدى. نۇرىددىنغا «نېمىشقا مۇلەيھنى تەيىنلەيلا؟ ھەم ئۇنىڭغا شامدا سۇيۇرغاللىق بېرىلا؟» دېيلگىنىدە، ئۇلارغا: «مەن ئۇنىڭ مىللىتى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىمەن ۋە ئۇنى ئۇنىڭغا قوشنا بولغان يۇرتلارغا تاجاۋۇز قىلىشتىن توسۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ قارشىسىدا تۇرىدىغان بىر بۆلۈك ئەسكىرىمنى ئورۇنلاشتۇرىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. مۇلەيھ نۇرىددىنغا سادىق بولدى، ئۇنىڭدىن ئايرىلمىدى ۋە نۇرىددىننىڭ ئەھلىسەلىب بىلەن بولغان ئۇرۇشىدا ئۇنىڭغا ھەمدەمدە بولدى. نۇرىددىن بۇنىڭ قارشىسىدا ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بىلەن قوشنا بولغان ئەرمەن ۋە رۇم ئۇرۇشلىرىدا ياردەم بېرەتتى. ئادانا، مەسسىسە، تارسۇس(14) شەھەرلىرى كونىستانتىنوپولنىڭ ھۆكۈمدارى بولغان رۇم پادىشاھىنىڭ قولىدا ئىدى. بۇ شەھەرلەر مۇلەيھنىڭ يۇرتلىرىغا قوشنا بولغانلىقتىن، مۇلەيھ بۇ شەھەرلەرنى ئالدى. شۇنىڭ بىلەن رۇم پادىشاھى ھ. 568 / م. 1172 – يىلى ئۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ قوشۇن ماڭغۇزدى ۋە بۇ قوشۇنغا يېقىنلىرىدىن بولغان چوڭ ھەربىي ئالىملارنىڭ بەزىلىرىنى باش قىلىپ بېكىتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇلەيھ ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرىددىننىڭ بىر بۆلۈك ئەسكەرلىرى ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ جەڭ قىلدى. ئۇلار باتۇرلۇق ۋە چىدامچانلىق بىلەن جەڭ قىلىپ، رۇملىقلارنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆلگەنلەر ھەم ئەسىرگە چۈشكەنلەر كۆپ بولدى. شۇنداقلا مۇلەيھنىڭ شان – شەۋكىتى ئېشىپ، رۇملىقلارنىڭ بۇ يۇرتلاردىن ئۈمىدى ئۈزۈلدى. مۇلەيھ نۇرىددىنغا ئالغان غەنىيمەتلەردىن كۆپ نەرسىلەرنى ۋە ئەسىرلەر ئارىسىدىن ئۇلارنىڭ مەشھۇرلىرى ۋە چوڭلىرىدىن ئوتتۇز كىشىنى ئەۋەتتى. ئارقىدىن نۇرىددىن بۇ نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمىنى خەلىفە ئەلمۇستەزى بىئەمرىللاھقا ئەۋەتتى.

يۇقىرىقىلار نۇرىددىننىڭ ئىتتىپاقلاشقان، كۈچلۈك ئىچكى بىرلىك قۇرۇش يولىدىكى جىھادى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى بولۇپ، بۇ بىرلىكنىڭ تۈۋرۈكى ئادىللىق ۋە باراۋەرلىك ئىدى، ئۇلى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ۋە ئۇنىڭ يولىدا جىھاد قىلىش ئىدى، غايىسى دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇرۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلار كۈچىنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە توپلاش ئىدى.

ھ. 568 / م. 1172 – يىلى نۇرىددىن قىلىچ ئارسلان II بىلەن ئۇرۇشۇپ، مالاتيا، سىۋاس، ئاقساراي، كابسون(15)، بەھەنسى، مەرئەش(16) ۋە مىرزەبان قاتارلىق جايلارنى ئالدى. ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن سۈلھلىشىپ، ئۇنىڭغا غازاتقا ئەسكەر چىقىرىش بىلەن ئۆزىگە ھەمدەمدە بولۇشىنى شەرت قىلدى ۋە ئۇنىڭغا: «سەن رۇملار بىلەن قوشنا، قولۇڭدا مۇسۇلمانلار زېمىنىنىڭ چوڭ بىر پارچىسى تۇرۇقلۇق، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلمايۋاتىسەن. سەن چوقۇم مەن بىلەن بىرگە ئۇرۇش قىلىشىڭ كېرەك» دېدى. ئاندىن ئىككىسى مۇشۇنىڭغا بىرلىككە كەلدى.

نۇرىددىننىڭ شەرق چېگراسىدىكى بازىسىدا ئىشلار مۇقىملاشقاندىن كېيىن، شامغا كەتتى ۋە مېڭىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا باغدادتىن خەلىفەنىڭ نۇرىددىننىڭ مۇسۇل، جەزىرە، ئەربىل، ئاخلات، شام ھەمدە قىلىچ ئارسلان II نىڭ يۇرتلىرى ۋە مىسىر قاتارلىق دىيارلارنىڭ ھۆكۈمرانى ئىكەنلىكى ماقۇللانغان يارلىقىنى كۆتۈرۈپ بىر ئەلچى كەلدى(17).

نۇرىددىن مەھمۇدنىڭ سالاھىددىن ئەييۇبىي (ھ. 532 – 589 / م. 1138 – 1193) بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى يارقىن كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى. چۈنكى، نۇرىددىن سالاھىددىننى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا تەربىيىلەشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، سالاھىددىنغا ئاتا ۋە ئۇستازنىڭ ئورنىدا ئىدى. ئۇنىڭغا جەڭ ماھارەتلىرىنى مەشىق قىلدۇراتتى ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش سۆيگۈسىنى سىڭدۈرەتتى. كېيىن نۇرىددىن ئۇنى لەشكەر باشلىقى قىلىپ تەيىنلىدى. ئاندىن ئۇنى ئۇنىڭ تاغىسى ئەسەدۇددىن شىركوھ (ھ. 500 – 564 / م. 1106 – 1169) نىڭ ھەمراھلىقىدا، ئەھلىسەلىبتىن ياردەم تەلەپ قىلغان زىرغامغا قارشى مىسىر ۋەزىرى شاۋىر (ئۆ ھ. 564 / م. 1169) نىڭ تەلىپىگە بىنائەن مىسىرغا ئەۋەتتى. تاغىسى ئەسەدۇددىننىڭ غەلىبىسى ۋە ۋاپاتىدىن كېيىن، سالاھىددىن گەرچە ئۆزى سۈننىي مۇسۇلمان بولسىمۇ، مىسىردا ئۇبەيدىي – فاتىمىيلار دۆلىتىنىڭ ۋەزىرلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئۇ ئۇبەيدىي دۆلىتىنى يوقىتىپ (ھ. 567 / م. 1171) نۇرىددىننىڭ، ئۆزىنىڭ ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى. مىسىر يەنە بىر قېتىم سۈننىي دۆلىتى بولدى ۋە مەشرىققە يېڭىدىن نۇر چاچتى.

فاتىمىيلار دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىن، نۇرىددىن بىلەن سالاھىددىننىڭ مۇناسىۋىتى ئاساسەن ياخشى بولغانىدى. بۇنىڭ بىر دەلىلى: سالاھىددىن نۇرىددىننىڭ مىسىردىكى ۋەكىلى ۋە قوشۇنىنىڭ قوماندانى بولۇشى سۈپىتى بىلەن، ئابباسىيلار خەلىفەلىكىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا نۇرىددىندىن ئۆزىگە كەلگەن پەرماننى ئىجرا قىلدى. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئۇزاق ئۆتمەي تەدرىجىي ھالدا يىرىكلىشىپ كەتتى(18).

ئۇنداقتا، نۇرىددىن بىلەن سالاھىددىننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار نېمە؟

بەزى تارىخچىلار بۇ يىراقلىشىپ كېتىشتىكى سەۋەبلەرنى ئېچىپ بېرىدىغان كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلاردىن بىرى شۇكى، ئەسەدۇددىن شىركوھدا مىسىرغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىستىكى پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇ بۇ ئىستىكىنى يوشۇرمايلا قالماستىن، بەلكى داۋاملىق سۆزلەپ يۈرەتتى. نەتىجىدە، نۇرىددىن رەنجىدى ۋە ئۇنىڭ بۇ ئىستىكى سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلدى.

لېكىن، بىز سىياسىي كۆزقاراشنىڭ ئوخشىماسلىقى نۇرىددىن بىلەن سالاھىددىننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىش سەۋەبلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى دەپ قارايمىز. چۈنكى، نۇرىددىن شامنى ئەھلىسەلىبكە قارشى ئۇرۇشنىڭ مەركىزىي ئورنى دەپ قارايتتى. مىسىرنى بولسا زاپاس ئادەم كۈچى ۋە جىھاد چىقىملىرىنى تولۇقلايدىغان ماددىي تەمىنات مەنبەسى، بەيتۇلمۇقەددەس دۆلىتىنى يوقىتىشنىڭ تەييارلىق قەدىمى قاتارىدا كۆرەتتى. ئۇ پەقەت مۇشۇ مەقسەتنى دەپلا مىسىرنى قورشىۋېلىش ئۈچۈن جىھاد قىلغانىدى. ئەمما، سالاھىددىن يىراق شەرقتىكى مۇسۇلمانلار، ئەھلىسەلىب ۋە ۋىزانتىيەدىن ئىبارەت ئۈچ كۈچ ئارىسىدا مىسىرنى دەپ بولۇۋاتقان تالاش – تارتىشنىڭ نەتىجىسىدە، بۇ يۇرتنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ھەربىي يۈرۈشلەردىكى مەركەزگە ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

سىياسىي كۆزقاراشتىكى بۇ ئوخشىماسلىقنىڭ نەتىجىسىدە، بۇ ئىككىيلەننىڭ بىرىنىڭ ئىش – ھەرىكىتى يەنە بىرىگە قارشى ھالەتتە ئىپادىلىنەتتى(19).

 

مەنبە: islamstory.com

تەرجىمىدە: ئىزچى

———————–
1. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 12/277.
2. مۇھەممەد سەئىد مۇرسىي: «14 ئەسىردىن بۇيانقى ئىسلامدىكى كاتتا كىشىلەر»، 226 -، 277 – بەتلەر.
3. «ئەلبىدايە ۋەننىھايە» 12/278، 279.
4. دوكتور تەققۇش: «مۇسۇل ۋە شام دىيارىدىكى زەنگىلەر تارىخى» 407 -، 420 – بەتلەر.
5. يەنە بىر ئاتىلىشى ئەدەسسا ياكى ئۇرفا كىنەزلىكى. (م. 1098 – 1144 يىللار). 1144 – يىلى ئۇرفا كىنەزلىكى ئېلىنىپ شۇ يىلى ئىمادۇددىن زەنگى بىر قۇل تەرىپىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن كىنەز جوسەلىن قايتا ئۇرفاغا كىردى. 1044 – يىل نۇرىددىن زەنگى تەرىپىدىن كىنەزلىك تامامەن بىتچىت قىلىندى.
6. دوكتور تەققۇش: «مۇسۇل ۋە شام دىيارىدىكى زەنگىلەر تارىخى»، 252 – بەت.
7. ئارتۇقلۇلار سۇلالىسى 1098 – 1232 – يىللىرى ئاناتولىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى ۋە فۇرات ئارىلىنىڭ شىمالىدا ھۆكۈم سۈرگەن ئوغۇز تۈركمەنلىرى قۇرغان سۇلالە.
8. ھازىر تۈركىيەنىڭ سۈرىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان بىر ناھىيەسى.
9. بەسسام ئەلئەسەلىي: «قوماندان نۇرىددىن»، 112 – 115 – بەت.
10. ئىراقتىكى بىر رايون.
11. بەسسام ئەلئەسەلىي: «قوماندان نۇرىددىن»، 115 – بەت.
12. جىبال: ھازىرقى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر تارىخىي رايون. ئۇمەۋىيلەر ۋە ئابباسىيلار دەۋرلىرىدە ئەرەبلەر ئۇنى «بلد الجبال»، «بلد الجبل»، «إقليم الجبال» قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتىغان.
13. بەسسام ئەلئەسەلىي: «قوماندان نۇرىددىن»، 116 – 118 – بەت.
14. ھازىر تۈركىيە ئادانا ۋىلايىتىنىڭ بىر ناھىيىسى.
15. ھازىرقى ئاتىلىشى: ماراش.
16. ھازىرقى ئاتىلىشى: كاپسون.
17. بەسسام ئەلئەسەلىي: «قوماندان نۇرىددىن»، 118 – 120 – بەت.
18. دوكتور تەققۇش: «زەنگىلەر تارىخى»، 394 -، 395 – بەت.
19. دوكتور تەققۇش: «زەنگىلەر تارىخى»، 398 -، 399 – بەت.

Please follow and like us:
Exit mobile version