مىڭ ئەرگە تەڭ بىر ئايال – ئۇممۇ ئۇمارە نۇسەيبە بىنتى كەئب

مىڭ ئەرگە تەڭ بىر ئايال – ئۇممۇ ئۇمارە نۇسەيبە بىنتى كەئب

(ھ. ? – 13 / م. ? – 634)

 

سىز بۇ گېپىمدىن ھەيران قالماڭ! شۇنداق، ئۇ بىر ئايالدۇر. لېكىن، مىڭ ئەرگە سېلىشتۇرغاندا ھەممىسىنى بېسىپ چۈشىدىغان بىر ئايالدۇر. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ بىر ئايالدۇر. لېكىن، بىز ئەرلەر ئۇنىڭدەك بولالىساق ئىدۇق، ئەلبەتتە، زەپەرلەر ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن بىزگە مەنسۇپ بولغان بولاتتى. ئۇ ھەقىقەتەن بىر ئايالدۇر. لېكىن، ئاياللار تۈگۈل ئەرلەرمۇ تەڭ بولالمايدىغان بىر ئايالدۇر. ئۇ ھەقىقەتەن بىر ئايالدۇر. لېكىن، ئىسلام ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلغان بىر قەھرىمان ئايالدۇر. ئى مۇسۇلمانلار! شۇ بىر ئايالغا سېلىشتۇرغاندا سىلەر نەدە؟ ئۇ بىر ئايالدۇر. لېكىن، ئۇ ئۆز جېنىنى، بەلكى تېخى بالىلىرى ۋە ئېرىنىڭ جېنىنى ئاللاھ يولىغا پىدا قىلغان بىر پىداكار ئايالدۇر. ئۇ ھەقىقەتەن بىر ئايالدۇر. لېكىن، تېنىدىن بۇرۇن روھى جەننەتكە كەتكەن ئايالدۇر. مەن كىم ھەققىدە سۆزلەۋاتىمەن؟ ئۇ ئايال كىم؟ ئۇ بىجىرىم ئەركەكلەرمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئەزىيەت – جاپالارغا بەرداشلىق بەرگەن بىر ئايالدۇر. دۈشمەنلەرنىڭ باشلىرىغا پالاكەتلەرنى ياغدۇرغان بىر ئايالدۇر. ئاسمان ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئىلكىدە بولغان ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ۋە جاپاغا سەۋر قىلىش روھى ئارقىلىق جاننى قۇربان قىلىش ئارقىلىق شەرەپنى قولغا كەلتۈرگەن بىر ئايالدۇر. ئۇ بىر ئايالدۇر. لېكىن، نۇرغۇن ئەرلەر ئۇ قىلغان ئىشلارنى قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن بىر ئايالدۇر. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ نېمىدېگەن بۈيۈك، نېمىدېگەن ئۇلۇغ ئايال – ھە! ئۇ ئۇلۇغ مۇجاھىدە نۇسەيبە بىنتى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھادۇر.

ئۇ ئەقەبە بەيئەتى، ئوھۇد غازىتى، ھۇدەيبىيە ۋە يەمامە ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. ئۇ ئوھۇد كۈنى شۇنداق بىر قەھرىمانلىق كۆرسەتكەنىدىكى، ئەركەكلەرنىمۇ ھەيرەتتە قويغان. بىز نۇسەيبەنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ باقايلى: «قارىسام، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدىن جەڭچىلەر تارقىلىشقا باشلاپتۇ. يېنىدا ئونغىمۇ يەتمىگەن جەڭچى قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوغلۇم ۋە ئېرىم ئۇنى قوغداپ تۇردۇق. جەڭچىلەر مەغلۇپ بولۇپ ئۇنىڭ يېنىدىن قېچىشقا باشلىدى. رەسۇلۇللاھ مەندە قالقان يوقلۇقىنى بىلىپ، قالقىنى بىلەن قېچىپ كېتىۋاتقان بىر ئادەمگە: ‹قالقىنىڭنى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلارغا تاشلاپ قوي› دېدى. ئۇ تاشلاپ ماڭدى. مەن ئۇ قالقاننى ئېلىپ رەسۇلۇللاھنى قوغداشقا باشلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئاتلىق دۈشمەنلەر يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، بىزگە ھۇجۇم قىلدى. ئەگەر ھۇجۇم قىلغانلار پىيادە كەلگەن بولسىدى، چوقۇم ئۇلارنى يەر چىشلەتكەن بولاتتۇق. ئاتلىق بىر دۈشمەن كېلىپ ماڭا نەيزە ئۇردى، مەن ئۇنى قالقىنىم بىلەن توستۇم. ئۇ كەينىگە يانماقچى بولۇۋىدى، ئېتىنىڭ بېقىنىغا ئۇردۇم، ئات يىقىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللەھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئى ئۇممۇ ئۇمارەنىڭ ئوغلى! ئاناڭنى قوغدا، ئاناڭنى قوغدا› دېدى، ئوغلۇم كېلىپ مېنى قوغدىدى ۋە شەھىد بولدى»(1).

نۇسەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈچۈن ئەرلەردىنمۇ ياخشىراق پىداكارلىق كۆرسەتكەنىدى. نۇسەيبە ئۇخلاۋاتقان ئەۋلادلار ئۆز غەپلىتىدىن ئويغىنىپ، ئۇنىڭ قۇربانلىقلىرىنى ئۆگەنگۈدەك دەرىجىدە بۈيۈك بىر ئۈلگە كۆرسەتكەنىدى.

ئوھۇدتا دۈشمەنلەر بار كۈچلىرىنى توپلاپ، رەسۇلۇللاھنى قەتل قىلىشقا تەييار تۇرۇشاتتى – يۇ، ئەمما، ئۇ يەردە ئۇممۇ ئۇمارەنىڭ بارلىقىنى بىلىشمىگەنىدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يېقىنلىشىپ كەلگەندە، ئۇممۇ ئۇمارە رەسۇلۇللاھنى جەسۇرلۇق بىلەن قوغدىدى. ئۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئوڭ تەرىپىمگە قارىساممۇ، سول تەرىپىمگە قارىساممۇ ئۇممۇ ئۇمارەنىڭ مېنى قوغداپ ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم» دېگەنىدى(2). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ جەڭدىكى سەباتلىقى، باتۇرلۇقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى كۆرۈپ: «سىز بەرداشلىق بەرگەن بۇ جاپا – مۇشەققەتكە كىممۇ بەرداشلىق بېرەلەر، ئەي ئۇممۇ ئۇمارە؟» دېگەنىدى(3).

ئۇممۇ ئۇمارە ئوغلىنى ئۆلتۈرگەن كىشىگە قىلىچ ئۇردى، دۈشمەن يىقىلدى. ئۇممۇ ئۇمارە بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماستىن، ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى. رەسۇلۇللاھ بۇنى كۆرۈپ، ئېغىز چىشلىرى كۆرۈلۈپ قالغۇدەك دەرىجىدە كۈلۈپ كەتتى ۋە: «ئۇممۇ ئۇمارە! ئەمدى ئوغلىڭىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدىڭىز» دېدى ھەمدە: «ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئۇ ئاللاھ سىزنى دۈشمىنىڭىز ئالدىدا زەپەرگە ئۇلاشتۇردى، سىزنى خۇرسەن قىلدى ۋە سىزگە ئىنتىقامىڭىزنى ئېلىشنى نېسىپ قىلدى» دېدى(4).

ئەگەر ئاياللار نۇسەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھادەك بولسا ئىدى، ئەلبەتتە، ئەرلەردىن ئۈستۈن بولغان بولاتتى. نۇسەيبە پۈتۈن دۇنيا مېداللىرىدىنمۇ قىممەتلىك مېدال ئېلىشقا لايىق بىرى ئىدى. ئۇ ۋە بالىلىرى توغرىسىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئاللاھ! جەننەتتە ئۇلارنى مېنىڭ ھەمراھلىرىم قىلغىن» دېگەن([5]). مۇبارەك بولسۇن ساڭا ئى نۇسەيبە!

ئۇ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ بوشىشىپ قالماي، داۋاملىق جىھاد قىلدى ۋە پىداكارلىق كۆرسەتتى. يەمامە جېڭىدا ئۇنىڭ ئون ئىككى يېرى يارىلىنىپ، قولى ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ياشىنىپ قالغان بىر موماي ئىدى.

مەن نېمە دەي، ئى ئۈممەتى مۇھەممەد! ئەگەر نۇسەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھايات بولۇپ، ئۈممەت زۇلۇمدا ئىڭراۋاتقان، مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتەنلىرى دەپسەندە بولۇۋاتقان مۇشۇ ھالەتتە سىلەرنىڭ ئويۇنخانىلاردا، كۇلۇپلاردا تۇرغىنىڭلارنى كۆرسە نېمە دەر؟ ئى ئۈممەتى مۇھەممەدنىڭ ئاياللىرى! نۇسەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا سىلەرنىڭ شەرئىي ھىجابقا سەل قاراۋاتقانلىقىڭلارنى، غەربنىڭ يالتىراق شوئارلىرىغا ئالدىنىپ، «ئەخلەت» مەدەنىيەتلىرىنى ئۈستۈن كۆرۈۋاتقانلىقىڭلارنى ئۇقسا نېمە دەر؟ ئى ئۈممەتى مۇھەممەدنىڭ ئەركەكلىرى! سىلەرمۇ شۇ نۇسەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھادەك بولالىساڭلارچۇ، كاشكى!

 

مەنبە: (امرأةٌ بألفِ رجُل) www.islamway.net

تەرجىمىدە: ئىلمىنۇر ئابدۇللاھ (يۇلتۇز)

————-
1. ئىبنى سەئد: «ئەتتەبەقات ئەلكۇبرا»، 8/304.
2. يۇقىرىقى مەنبە. 8/305.
3. يۇقىرىقى مەنبە. 8/304.
4. يۇقىرىقى مەنبە. 8/305.
5. يۇقىرىقى مەنبە.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ