Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

«ساجىيە»دىن چۈشۈرۈۋېلىڭ! «ئىسلام خىتابنامىسى»pdf سۈزۈك نۇسخىسى

ئىسلام خىتابنامىسى ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ؛ ئىلىک بەگ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

ئىسلام خىتابنامىسى ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ؛ ئىلىک بەگ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! Download now
بۇ يەردىن:
«ئىسلام خىتابنامىسى» pdf

نەشر ئۇچۇرى (CIP)

ئىسلام خىتابنامىسى / ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ (بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا )؛ ئىلىک بەگ تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى 1 – نەشرى 1 – باسما (ئىستانبۇل)، ھ. 1444 / م. 2023؛

جەمئىي 130 بەت.

پايدىلىنىلغان ئەسەرلەر ۋە تىزىق بار.

خەلقئارالىق ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى: ISBN 978-1-959-397-03-8

I (1) ئىسلام خىتابنامىسى؛ II (2) ئە. ئىززەتبېگوۋىچ؛ (3) ئىلىک بەگ III ئىدېئولوگىيە ۋە پەلسەپە تۈرى — ئىسلام ئىدېئولوگىيەسى — ئۇيغۇرچە Ⅳ ساجىيە تەتقىقات مەركىزى تەرجىمە ۋە تەئلىف ئەسەرلىرى – (13)

تەرجىمە قىلغۇچىدىن
بارچە مەۋجۇداتنىڭ ئىگىسى ۋە رىزق بەرگۈچىسى ئول ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەگە سانسىز ھەمدۇسانا ۋە ئەلچىسى، دوستى مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تۈگىمەس دۇرۇد، ئۇ زاتنىڭ ئالى، ئەسھابى ۋە ئىزباسار ئۈممەتلىرىگە سالامدىن سوڭرە:

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، قولىڭىزدىكى ئۇشبۇ ئەسەرنىڭ مۇئەللىفى ۋە ئەسەرنىڭ قىسقىچە تەئرىفى يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردە قايتا توختالماستىن، مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئالاقىدار بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلغايمىز.

گەرچە ئەسەر ئېلان قىلىنىپ ئارىدىن 50 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەسەر مەزمۇنىدىكى ئۆتكۈر پىكىر ۋە جايىدا يەكۈنلەر ھېلىھەم ئەھمىيىتىنى ۋە يېڭىلىقىنى يوقاتقىنى يوق. بولۇپمۇ مىڭ يىللىق مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بەكمۇ زۆرۈر بىر ئەسەر بولۇپ، بۇ ياڭلىغ مۇھىم بىر ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشى ۋەتىنىمىزدە مۇمكىن ئەمەس ئىدى. لېكىن، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان بىزلەرمۇ بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر خەلقىگە سۇنۇشتا خېلىلا كېچىكتۇق، ئەمدى يەنىمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايتتى. شۇڭا، «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، 2022 – يىللىق خىزمەتلەر قاتارىدا كۈنتەرتىپكە كىرگۈزدى.

شۈبھىسىزكى، ھەرقانداق ئەسەرنى تۇنجى يېزىلغان تىلدا ئوقۇش ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ مەنپەئەتلىكتۇر. ئەگەر ئەسل تىلىدا ئوقۇش ئىمكانى بولمىسا، ئەسلىگە سادىق تەرجىمىنى ئوقۇشمۇ بىر ئامەت. لېكىن، تەرجىمىدە يۈزدەيۈز ئەينەنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش بەسى مۈشكۈل، كۆپىنچە مۇمكىن ئەمەس ئىشتۇر. تەرجىمىنىڭ تەرجىمىسى بولسا تېخىمۇ شۇنداق، ھەتتا تامامەن باشقا مەنىگە ئۆزگىرىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. «ئىسلام خىتابنامىسى» ئەسلىدە ھىندۇ – ياۋروپا تىل سىستېمىسى سىلاۋ تىل ئائىلىسى جەنۇبىي سلاۋ تىلى گۇرۇپپىسغا تەۋە بوشناق تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، دۇنياۋى چوڭ تىللاردىن ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە، ئەرەبچە، تۈركچە، فارسچە تەرجىمىلىرى ئاللىبۇرۇن كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بۇندىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغانلىقى ھەنۇز مەلۇم ئەمەس، بىز تەرجىمىدە ھەم بوشناقچە، ھەم ئۇيغۇرچىنى ياخشى بىلىدىغان كىشى تاپالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئىنگلىزچە، تۈركچە ۋە ئەرەبچە نۇسخىلارغا مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق. بۇ ئۈچ تىلدىكى تەرجىمىلەر ئايرىم – ئايرىم ئ‍ۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئىنگلىزچە تەرجىمە (1990) سۆزمۇسۆز تەرجىمە ۋە ئاساسەن ھېچقانداق ھاشىيە قويۇلمىغان؛ تۈركچە تەرجىمە (2007) مەنە تەرجىمىسى بولۇپ، پەلسەپەۋى پۇراق كۈچلۈك، تىلى ئېغىرراق، بىر ئالاھىدىلىكى تۈركىيەگە، بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەت دەۋرىگە ئالاقىدار تەنقىدىي مەزمۇنلار يا ئەينەن تەرجىمە قىلىنمىغان، ياكى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىلگەن، ئاساسەن ھاشىيە قويۇلمىغان؛ ئەرەبچە تەرجىمە (1999) ھەم مەنە تەرجىمىسى بولۇپ، تىلى گۈزەل، ئەسلى مەتىنگە قاتتىق سادىق، لېكىن ئەسلى مەتىندە پەقەت ئىشارە قىلىپلا ئۆتۈلگەن «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ئەرەبچە تەرجىمىدە بىرمۇبىر، ھەتتا خاتا بولۇپ قالغانلىرى تۈزىتىلىپ ئەڭ مۇناسىپلىرى مەتىن ئىچىدە بېرىلگەن ۋە كېرەكلىك ھاشىيەلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئەسەرنىڭ ئىجابىي قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. بىز «ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە يۇقىرىقى ئۈچ تىلىدىكى تەرجىمىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرىدىن ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىشقا، توغرىسىغا ئەڭ يېقىن تەرجىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتۇق» دەپ قارايمىز.

بۇ يەردە مەزكۇر ئەسەرگە ئالاقىدار تۆۋەندىكى نۇقتىلارنىمۇ ئوقۇرمەننىڭ سەمىگە سېلىش مۇناسىپتۇر:

1. مۇئەللىفنىڭ بۇ ئەسىرى بىلەن «ئىسلام شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىدا» دېگەن ئەسىرى ئۇنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا ئويغىنىش ۋە گۈللىنىش پىلانىنىڭ نەزەرىيە ۋە تەتبىقلاش جەھەتتىن ئومۇرتقىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. «ئىسلام شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىدا» دېگەن ئەسەر نەزەرىيە قىسمىغا، قولىڭىزدىكى ئەسەر تەتبىقلاش قىسمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. دېمەك، بۇ ئىككى ئەسەر مەزمۇنى ۋە نىشانى ئېتىبارى بىلەن بىرى يەنە بىرىنى تولۇقلايدۇ. مۇئەللىف «ئىسلام خىتابنامىسى»دا زامانىۋى ئىسلام جەمئىيىتىنى بىنا قىلىشنىڭ ئاساسلىرىغا يول خەرىتىسى سىزىپ، قۇرئان ۋە سۈننەت كۆرسەتمىلىرى نامايان بولىدىغان ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئاساسلىق پرىنسىپلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىسلام جەمئىيىتىنى ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنىڭ نېگىزلىك ۋە ئالدىنقى ئاساسىي شەرتى قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مەۋجۇد قالاقلىق ۋە پاسسىپلىق ھالىتىدىن چىقىش ئۈچۈن تەلىم – تەربىيە، ئىلىم – پەن، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. مۇئەللىف يەنە ئىسلام دۆلىتى قۇرماقچى بولغان ئىسلام ھەرىكەتلىرى دەسسەپ قالىدىغان خاتالىقلارغىمۇ دىققىتىمىزنى تارتىدۇ ۋە ئېسىل غايىلەرگە پەقەتلا ئېسىل ۋاسىتىلەر بىلەن يەتكىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت نېگىزلىك ھەقىقەتنى تەكىتلەيدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئەسەر پۈتۈن ياۋروپا ۋە غەرب دۇنياسىدا سىياسىي ۋە ئاخبارات بوھرانلىرىنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولغان. 1983 – يىلى يۇگوسلاۋىيە ھۆكۈمىتى سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ھۆججەتلەر ئىچىدە مەزكۇر ئەسەرنى نېگىزلىك ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ مۇئەللىفكە تۈرلۈك قالپاقلارنى كىيدۈرۈشكە ئۇرۇنغان ۋە ئۇنىڭغا 14 يىل ھۆكۈم چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولغان.

2. مەزكۇر ئەسەر تەنقىد، ئوبزور، كەمسىتىش ۋە ئاقلاشلارغا يولۇقۇشتىن سىرت، سېرب – كرۇۋاتچە ۋە ئىنگلىزچە تەرجىمىلىرىدە بۇرمىلاشلارغىمۇ يولۇققان. دۈشمەنلەر تەرىپىدىن ئەسەرگە قارىتا پىلانلىق ۋە ئىزچىل بۇرمىلاش ۋە قارىلاش ئېلىپ بېرىلغان. ئەسەر مەتنىدە بولمىغان ئىبارەلەر قوشۇۋېتىلىپ، ئۆزگەرتىلىپ بېلگىراد ۋە باشقا جايلاردا كەڭ تارقىتىلغان. تۈرلۈك تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ خرىستىيانلارنى قورقۇتۇشقا ئىشلىتىلگەن.

3. گەرچە ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەزكۇر ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك مۇئەللىفكە قارىتا ھېلىھەمگىچە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلغۇچىلار تەرىپىدىن بالقان ئەللىرىدىلا ئەمەس، پۈتۈن ياۋروپادا سېربىيە ۋە ئىسرائىل ئارقىدا تۇرۇۋاتقان ۋىكىپېدىيە ۋە باشقا تور بەتلەردە قارىلاش ۋە بوھتانلار تولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

4. مۇئەللىف ئادەتتىكى كىشى ئەمەس، بەلكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى پىكىر ۋە زىيا ئەھلى، قورالسىز خەلقىنىڭ جىھادىغا ئەڭ دەھشەتلىك پەيتلەردە يېتەكچىلىك قىلغان قوماندان، كەم ئۇچرايدىغان مۇتەپەككۇر ۋە ئىنسانشۇناس ئىدى. پۈتۈن ياشلىق دەۋرى ۋە قىران يىللىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزى ئىمان كەلتۈرگەن مەسىلە ئۈچۈن تۈرلۈك تەھدىد ۋە ئېزىقتۇرۇشلارغا پىسەنت قىلماي ھەم بويۇن ئەگمەي تۈرمىلەردە ئۆتكۈزگەن. رەئىس جۇمھۇر سايلانغاندىن كېيىنمۇ سارايغا يۆتكەلمەي، 4 يىل بويىچە توختاۋسىز بومباردىمان قىلىنىپ تۇرغان رايوندىكى ئاددىيغىنە ئۆيىدە غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۇ بۇ تەرجىمىھالى بىلەن تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ قەھرىمانلار، تەقۋادار زاھىد ھاكىملار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ تەرجىمىھالىدىكى مەزمۇنلار تۈگەل راست ۋە ئېنىقتۇر. بۇنىڭدىنمۇ ھەيران قالارلىقى ۋە دۈشمەننىڭمۇ دىققىتىنى تارتقىنى شۇكى، ئۇ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەخلاق – پەزىلەتنى قەتئىي قولدىن بەرمىگەن. ئۇ جۇمھۇر رەئىس بولۇشتىن بۇرۇن قانداق بولسا، قوشۇنى دۈشمەننى يېڭىپ ئۆچ ئالالايدىغان قۇدرەتكە يەتكەندىن كېيىنمۇ دۈشمەنگە ئوخشاش جىنايەت ۋە ۋەھشىيلىكنى قەتئىي سادىر قىلمىغان. سادىر قىلغان بولسىمۇ بۇ ناپاك ئۇرۇشتا ئەيىبلەنمەيتتى. شۇنداقتىمۇ ئىسلام مەدەنىيىتى مىزانلىرى بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئۆلچەملىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن كۆرسىتىپ قويدى ۋە ئىنسانىيەت ئۇزۇن مۇددەت دەرس ئالغۇدەك ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇدەك ئەخلاقىي مەيدان كۆرسىتەلىدى. ئۆزى ۋە خەلقى كۆرگەن قاتتىق كۈنلەردىمۇ پرىنسىپتىن ۋە ئەخلاقتىن بىر قەدەممۇ چەتنەپ كەتمىدى. دېمەك، ئۇ بۇ ئەمەلىي سىناقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ كەتتى. بۇنىڭغا دوستلاردىن ئاۋۋال دۈشمەنلەر گۇۋاھ بولدى. مانا بۇنى ئەسەرنىڭ ۋە مۇئەللىفىنىڭ توختاۋسىز ۋە پىلانلىق قارىلاشلارغا دۇچار بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى دېيىشكە بولىدۇ.

ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى توغرىسىدا:

1.   ئەسەرنىڭ بوشناقچە ئەسلى تىل نۇسخاسى ۋە ئىنگلىزچە (1991) نۇسخىلىرىدا ئاساسەن ھاشىيە بېرىلمىگەن بولۇپ، بۇ تەرجىمىدە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋېلىشى ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارالغان يەرلەرگە بېرىلگەن ھاشىيەلەر تەرجىمان ۋە تەھرىر تەرىپىدىن كىرگۈزۈلدى (« — ت»).

2. ئەسەرنىڭ ئەسلىدە مەزمۇنغا ئالاقىدار ھالدا كەلتۈرۈلگەن ئايەتلەر پەقەتلا سۈرە نومۇرى / ئايەت نومۇرى (Kur’an،39/7) شەكلىدە بېرىلگەن بولۇپ، بۇ تەرجىمىدە مەزمۇننىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىلىشى ئۈچۈن ئۈچۈن ئايەتنىڭ تەرجىمە مەتنى بېرىلدى ۋە گاھى خاتا ئىشارەلەر تۈزىتىلىپ، ھاشىيەدە مۇۋاپىق ئەسكەرتىلدى. ئايەت تەرجىمىلىرىدە مۇھەممەد سالىھ داموللام تەرجىمىسى ئاساس ئېلىندى.

3. ئەسەرنىڭ ئەرەبچە تەرجىمىسى ناھايىتى ئۇتۇقلۇق تەرجىمىلەردىن بىرى بولۇپ، بولۇپمۇ تەرجىمان مۇھەممەد يۇسۇف ئەدەس (1937 – 2017) تەرىپىدىن كىرگۈزۈلگەن ئايرىم شەرھ خاراكتېرلىك ھاشىيەلەر ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە بىرگە سۇنۇلدى ۋە «— ئەرەبچە ت» شەكلىدە ئەسكەرتىلدى.

ئەلبەتتە ھەرقانداق تەرجىمىنىڭ يېزىلغان بىرىنچى تىلنى ئۆز ئەينى ئىپادىلەپ بېرەلىشى قىيىن. شۇنداقتىمۇ مەزكۇر تەرجىمىدە ئەسلىگە سادىق بولۇش پرىنسىپىغا چىڭ ئېسىلغان ھالدا بار كۈچىمىز بىلەن كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە مۇمكىنقەدەر ئاممىباب تىلدا سۇنۇشقا تىرىشتۇق.

Please follow and like us:
Exit mobile version