Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئىككىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

ئىككىنچى-قېتىملىق-رامازانلىق-زۆرۈر-بولغان-دىنىي-مەسىلىلەردە-پەتىۋا-ۋە-مەسلىھەت-بېرىش-خىزمىتى-

ئىككىنچى-قېتىملىق-رامازانلىق-زۆرۈر-بولغان-دىنىي-مەسىلىلەردە-پەتىۋا-ۋە-مەسلىھەت-بېرىش-خىزمىتى-

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

خەلقىمىز ئۈچۈن رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنى يولغا قويىدۇ.

پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ئەسكەرتىش: ھەر يىلى رامازان ئېيى مەزگىللىرىدە شەرئىي ھۆكۈم ھەققىدە سوئاللار يېغىپ كېتىدىغان بولغاچقا، سوئاللارنىڭ نېگىزلىك، قىسقا ۋە ئەتراپلىق بولۇشىنى، شۇنداقلا سوئال سورىغۇچىنىڭ ئىسمى بىلەن تۇرۇۋاتقان شەھەرنى ھەم يېزىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. جاۋابلارمۇ شۇ تەرىقىدە ئىخچاملىقنى ئاساس قىلىدۇ. زۆرۈرىيەتسىز دەپ قارالغان سوئاللار جاۋابسىز قېلىشىمۇ مۇمكىن.

سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئېلخەت، ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:

ئېلخەت:  saciyeder@gmail.com

ۋاتسئاپ:

00905511745625

https://chat.whatsapp.com/JHGXHR8F8ZcIRLmYmvSMbb

https://chat.whatsapp.com/Iu3jcXBTH2DAyTRMxUMpsd

https://chat.whatsapp.com/IIS1mKtrIokDQzE4ec9tHg

https://chat.whatsapp.com/3ZdsGZEgdd58OA4dhUs2O4

ئېنستاگرام:
https://instagram.com/abdulazizrahmetullah?igshid=MTIzZWQxMDU=

تېلېگرام قانىلى:
https://t.me/EastTurkistans

جاۋابلار «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى https://sajiya.biz/ » دە ئېلان قىلىنىدۇ.

ھ. 1444 / م. 2023

 

ھ.1444 / م.2023 – يىلى سورالغان سوئاللارغا جاۋاب

1 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يېقىندىن بۇيان بىر تۈركۈم ياخشى نىيەتلىك ئانىلار بالىلىرىغا ئىسلامنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بالىلارنى خۇش قىلىش، رامازاننىڭ ئۇلۇغ ئاي ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىش، رامازاننى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋالىدىغان قىلىش ئۈچۈن رامازان كېلىشتىن بۇرۇن ئۆينى بېزەپ، تورت ياساپ بالىلارغا رامازانلىق سوۋغات بېرىشتەك بەك گۈزەل ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. روژدېستۋو دەرىخىدەك «رامازان دەرىخى» ياساشمۇ يوق ئەمەس. بەزىلەر «رەسۇلۇللاھ رامازاندا ئۆي بېزىمىگەن» دەپ بۇنى توغرا تاپمايۋاتىدۇ. بىزنىڭ قىلغىنىمىز خاتامۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. رامازان ئېيى جىمى مۇسۇلمانلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نەزەرىدە ئالاھىدە روھىي مەنىۋىيەت ۋە قىممەتكە ئىگە. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار بۇ ئاينىڭ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىدۇ ۋە بۇ ئۇلۇغ، بەرىكەتلىك ئاينىڭ كېلىشى بىلەن خۇشال بولىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بالىلارنى خۇش قىلىش، رامازاننىڭ ئۇلۇغ ئاي ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىش ئۈچۈن رامازان كېلىشتىن بۇرۇن ئۆينى چىراق، گۈل – چېچەك ۋە قەغەز زىننەتلەردەك مۇباھ بولغان نەرسىلەردە ئاشۇرۇۋەتمەستىن بېزەپ، تورت ياساپ بالىلارغا رامازانلىق سوۋغات بېرىش تەربىيەۋى ۋە ئىجتىمائىي رولى ئىنتايىن چوڭ، گۈزەل ئىسلامىي ئادەتتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كافىرلارنىڭ ئادىتىمۇ ئەمەس. دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىگىمۇ زىت كەلمەيدۇ. شۇڭا، بۇلارنى چەكلەيدىغان ھېچبىر سەۋەب يوق. دەل ئەكسىچە، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى شادلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىسراپ قىلماستىن، كافىرلارنىڭ بېزەش ئادەتلىرىگە ئوخشىۋالماستىن ئۆيلەرنى بېزەش ۋە رامازانلىق سوۋغات بېرىشتەك پائالىيەتلىرىنى قىلىشىنىڭ ھۆكمى مۇستەھەبتۇر. چۈنكى، بۇ رامازان ئېيىنى سۆيۈش ۋە ئۇنى خۇش قارشى ئېلىشقا تەرغىب قىلىشتۇر. ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا رامازان ئېيتىپ كېلىش ۋە قوشاق ئېيتىشمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن دېيەلەيمىزكى، كافىرلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشايدىغان شەھەرلەردە بۇ تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولۇپ، بۇ خۇشاللىقنى ئىزھار قىلىش ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئىبادەتلىرىنى ئۇلۇغلاش ۋە بۇنى تەشۋىق قىلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئاللاھنىڭ تائىتى بىلەن خۇشاللىنىشنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ بىدئەت دېيىلىشى ئۈچۈن بۇنى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئىبادەت ياكى سۈننەت دەپ تۇرۇۋالغان ئەھۋال يوق. دەۋرىمىزدىكى ئۆلىمالارمۇ بۇ تۈرلۈك شادلىنىشلارنى جائىز دەپ قارىغان. بۇنىڭدا يۇقىرىدا ئېتقىنىمىزدەك، ئىسراپتىن ۋە روژدېستۋو دەرىخىنى بېزەشتەك كافىرلارغا خاس ئىشلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك ئەلبەتتە. رامازاندا پەرزەنتلىرىمىزنى قۇرئان تىلاۋىتىگە، تەراۋىھقا قاتناشتۇرۇشنىمۇ قولدىن بەرمەسلىك لازىم.

2 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھازىر كەئبەنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن ھەرەم مەسجىدكە كىرگىنىمىزدە، كەئبەنىڭ ئەتراپىدا مېڭىپ تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن زېمىن قەۋەتكە ئىھرامسىز كىشىلەرنى كىرگۈزمەيدىكەن. شۇڭا، كىيىم ئۈستىگە ئىھرام باغلاپ ئۆمرەچىدەك كۆرۈنۈپ زېمىن قەۋەتكە كىرىۋالساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۇ تۈزۈم ئۆمرەچىلەرنى تەرتىپكە سېلىش ۋە ئۇلارغا قولايلىق كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندۇر. شۇڭا، يالغاندىن ئىھراملىق باغلىۋالغاندەك كۆرۈنۈۋېلىش ساختىلىق ۋە ئالدامچىلىق بولىدۇ. بۇ قىلمىش ھەرەمدە تېخىمۇ ئېغىر جىنايەت. شۇڭا، راستچىللاردىن بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا قولايلىق كەلتۈرىدىغان تۈزۈمگە بويسۇنۇش لازىم.

3 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! چوشقىنى تۇتۇپ بېقىشقا بولامدۇ؟ بېقىپ چوڭ قىلىپ ئۆلتۈرۈپ ئويناشقا بولامدۇ؟ ئېتىپ كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن شەخسىي يېرىمىزگە قويۇپ يەم بېرىپ باقساق بولامدۇ؟ يەنى مەن يايلىقىمغا قويۇپ بەرسەم، خەق كېلىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ ئوينىسا پۇل ئالىمەن. بۇنىڭغا شەرىئەت يول قويامدۇ؟ ئامېرىكادىكى مىزورىدا بىر چوشقىنى 250 دوللاردىن ئېتىپ ئوينايدىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. شەرىئەت نەزەرىدە چوشقا ئۆزى نىجىس، ئۇنى بېقىش، ئىستېمال قىلىش ۋە ئېلىپ – سېتىش ھارام بولغىنىدەك، ئۇنى ئېتىپ ئويناشمۇ ھارام. چۈنكى، بىرەر ھايۋاننى گۆشىدىن ياكى تېرىسىدىن ۋە باشقا تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىشنى نىيەت قىلماي، بىكاردىن بىكارغا ئوۋلاپ، جېنىغا زامىن بولۇش توغرا ئەمەس.

4 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! توخۇنىڭ بوينىنى قولۇم بىلەن «بىسمىللاھ» دەپ ئۈزۈۋەتسەم، شۇ جەرياندا قانسىراپ ئاستا – ئاستا ئۆلسە، بۇ ھالال بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. توخۇ ۋە باشقا قۇش ۋە چارۋىلارنىڭ گۆشى ھالال بولۇشى ئۈچۈن شەرئىي بوغۇزلاش شەرت. يەنى كەسكۈچى پىچاقتەك بىرەر بىسلىق نەرسىدە بوينى، قىزىلئۆڭگەچ كېكىردەك ۋە ئىككى شاخ تومۇرنى كېسىش ياكى شۇلارغا سانجىش ئارقىلىق قان ئېقىتىش كېرەك. دېمەك، بويۇننى قول بىلەن ئۈزۈش شەرئىي بوغۇزلاش بولمايدۇ ھەم ھايۋانلارنى قىيناپ ئۆلتۈرۈشمۇ مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىغا يات بىر قىلمىش. نەتىجىدە ئۇ توخۇنىڭ گۆشى ھالال بولمايدۇ.

5 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىز تېببىي خادىملارنىڭ بىر توپىمىز بار ئىدى ۋە بىر فوند قۇرۇپ ئىزچىل ياردەمگە ئېرىشەلمەي قالغان دوۋن سەندروملۇق (بىر خىل كېسەللىك) بالىلارغا ياردەم قىلماقچى ئىدۇق. بۇرۇنمۇ شۇنداقراق پائالىيەتلەر بولۇپ ئۇ بالىلارنى «پەرىشتە بالىلار» دەپ ئاتاپتىكەن. ھازىر فوندنىڭ ئىسمىنىمۇ شۇنداق ئاتايلى دەيدۇ. ئۇنداق ئاتىسا توغرا بولماي قالارمۇ – ھە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەزكۇر فوندنىڭ ئىسمىنى «پەرىشتە بالىلار» دەپ ئاتىسا بولىدۇ. بۇ چەكلىنىدىغان ئىش ئەمەس. چۈنكى، بۇ گۇناھ يېزىلمىغان سەبىي بالىلارنى پاكلىقتا ۋە گۇناھسىزلىقتا پەرىشتىگە ئوخشىتىشتىن ئىبارەت مەجازىي نام خالاس. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

6 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىز بىرقانچەيلەن تۈركنىڭ ئاشخانىسىدا تاماق توشۇيدىغان ئىش باشلىغانتۇق، بەزىلەر پۇل تۆلەيدىغان چاغدا كارتا ئىشلىتىدىكەن، (بۇنداق كارتىلارنىڭ تۈرى بەك جىقكەن بىزمۇ بىلمىدۇق) بەزىلەر «شۇ كارتا بىلەن ئېلىم – بېرىم قىلىش ۋە پۇل تۆلىگەندە ئىشلىتىدىغان پوست ماشىنىسىنى ئىشلىتىش بانكا جازانىسىغا كىرىپ قالىدىغان ئىش» دەپ بىزنى ئىشلەشتىن توسۇۋاتىدۇ. قانداق قىلىمىز؟ مەسلىھەت بەرسىڭىز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. رامازاندىن باشقا چاغدا ئىشلەۋېرىڭلار. بۇ خىل كارتىلارنىڭ بىر قىسمى بانكا ھېساب كارتىسى (Debit card)، بىر قىسمى ئىناۋەت (كىرېدىت) كارتىسى (Credit card – card Charge). خېرىدارلارنىڭ قايسى پۇلدىن تۆلىشى دۇكان ئىگىسىگە ئالاقىدار ئەمەس. پۇل تاپشۇرۇپ ئېلىشتا پۇلتۇتار (POS پوس ئاپپاراتى) ئىشلىتىش جەھەتتە دىققەت قىلىنسا، جازانىگە كىرمەيدۇ. يەنە كېلىپ، بۇنىڭ سىلەرنىڭ ئىشىڭلار بىلەنمۇ ئاساسەن ئالاقىسى يوق.

7 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن يېڭى توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي رامازان كېلىپ قالدى. ئايالىمىز ئىككىمىز روزىدار تۇرۇپ بىرلىكتە بولغان ئىدۇق، بۇنىڭ فىدىيەسىنى قانداق بەرسەك بولىدۇ؟ 60 كۈن ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇشقا تىرىشتۇق بىراق تۇتالمىدۇق.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇنداق ئەھۋالدا، بارلىق ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ئىككىيلەن روزىسىنى بۇزغان بولىدۇ. ئىككىيلەن شۇ كۈننىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك، ئەلبەتتە. چۈنكى، ئۇ پەرز روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن بولغاچقا، نامازغا ئوخشاشلا قازاسىنى قىلىش ۋاجىب بولىدۇ. روزىسىنى بۇزغانلىقتىن ئۇلار گۇناھكار بولىدۇ ۋە ئېغىر كەففارەت بېرىشى كېرەك بولىدۇ. بەزى ئالىملار: «ئايالغىمۇ ئەرگە ئوخشاش كەففارەت كېلىدۇ» دېگەن. بەزىلەر «ئايالغا كەلمەيدۇ» دەپ قارىغان. مېنىڭچە ھەر ئىككىيلەن كەففارەت بېرىشى كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىدۇ. كېسەللىك ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن ئارقىمۇئارقا ئۇلاپ ئىككى ئاي روزا تۇتالمىغان كىشى 60 مىسكىننى غىزالاندۇرۇشى كېرەك. ھەربىرىنى ئوتتۇراھال ئىككى ۋاخ غىزالاندۇرسىمۇ ياكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، بىر مىسكىننى 60 كۈن غىزالاندۇرسىمۇ ۋەياكى ئۇنىڭ قىممىتىگە باراۋېرىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، 60 مىسكىننى غىزالاندۇرۇش ئەۋزەل.

8 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، كۈن چىقىشتىن بۇرۇن قازا ناماز ئوقۇساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تاڭ يورۇغاندىن كېيىن بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىن باشقا نەفلە ناماز ئوقۇش، شۇنداقلا بامدات ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن كۈن چىققانغا قەدەر، ئەسىرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن كۈن پاتقانغا قەدەر نەفلە ئوقۇش چەكلىنىدۇ. ئەمما، مەزكۇر ئىككى ۋاقىتتا، قازا نامازلارنى ئوقۇش چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، پەرزنىڭ ساۋابى ئەڭ كاتتا. شۇڭا، بۇ چەكلىمە ئوخشاش يەنە بىر باشقا پەرز نامازنى چەكلىمەيدۇ.

9 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ جۈمەلىرى مۇبارەك بولسۇن، رەببىم قىلغان بارلىق سالىھ ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلسۇن… ئامىن. مەن ئېغىرراق ئاغرىپ قېلىپ كۆك چايان زەھىرىنىڭ بۇ كېسەلگە بەك پايدا قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۈچ قۇتىسىنى بۇلغارىستاندىن 380 ياۋروغا ئەكەلدۈرگەنىدىم. بۇ دورىنىڭ بىر قۇتىسى 30 مىللىلېتىر بولۇپ ھەرقېتىمدا ئاغزىمغا 5 ~ 6 تامچە تېمىتىشىم كېرەككەن، ئەمما تەركىبىدە %33 ئىسپىرت بار ئىكەن (بۇنى دورىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن بىلدىم، قايتۇرۇۋېتەلمەيمەن). شۇڭا تېڭىرقاپ قالدىم، ئىشلەتسەم بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئىشەنچلىك دوختۇرلار كېسىلىڭىزگە ئاشۇ دورىدىن باشقا ئۈنۈملۈك دورا يوق دەپ شۇ دورىنى يېزىپ بەرگەن تەقدىردە، دورىلارنى ساقلاش ئۈچۈن قوشۇلغان ئىسپىرت ماددىسى دورىنى ئىستېمال قىلغۇچىلارنى مەست قىلمايدىغان دەرىجىدە بولسا ئىستېمال قىلىش جائىز.

10 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ ھۆرمەتلىك ساجىيە مەركىزىدىكى ئۇستازلىرىم! ھەربىرلىرىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. زاكات بېرىش ھەققىدە سوئال: ئىجارە ئولتۇرىدىغان، ئائىلىسىدە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى بىر كېسەلنى بېقىۋاتقان، ئالاھىدە ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى بولمىغان بىر ئائىلىنىڭ ئەڭ ئاز قانچىلىك ئىقتىسادىغا زاكات كەلمەيدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. زاكات ئايرىيدىغان كۈندە ئىلكىدە قەرزدىن خالىي 85 گرام ئالتۇننىڭ قىممىتىدە يەنى ھازىرقى باھادا 5500 دوللاردىن ئارتۇق پۇلى بولسا زاكات ئايرىيدۇ.

11 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! دادام ۋەتەندە نەچچە يىل كېسەل تارتىپ تۈگەپ كېتىپتۇ، رامازاندا روزا تۇتالىدىمۇ، تۇتالمىدىمۇ بىلمەيمەن. سوئالىم: 1) ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ فىديەسىنى بېرەمدۇق؟ 2) دادام ھايات ۋاقتىدا روزا تۇتالماي، فىديەسىنىمۇ بېرەلمەي ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، مەن بەرسەم بولامدۇ؟ قانداق ھېسابلاپ بېرىمەن؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا – ئانىڭىزنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنى ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىدا تۇتسىڭىز بولىدۇ. روزا تۇتۇپ قويالمايدىغان تەقدىردە، ئاندىن فىديەسىنى بەرسىڭىز بولىدۇ. بىر ئادەم نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ ئانام ئۆلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ گەدىنىدە بىر ئايلىق تۇتالمىغان روزىسى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن روزا تۇتۇپ قويسام بولامدۇ؟ — دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ھەئە، بولىدۇ، ئاللاھقا تۆلىنىدىغان قەرز ئادا قىلىنىشقا ھەممىدىن ھەقلىقتۇر، — دېدى. («سەھىھەين»)

12 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ كىچىك بالىلارغا كىچىكىدىن ئاللاھنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيى بولغان كەئبەنىڭ مۇھەببىتىنى ۋە ھەج ئىبادىتىنىڭ مۇھەببىتىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل قەغەزلەردىن پايدىلىنىپ كەئبە (مەسجىدۇلھەرام) نىڭ مودىلىنى ياساپ بېرىش توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئىسلام پەرزلىرىنى ۋە ئەھكاملىرىنى چوڭ ۋە كىچىكلەرگە ئۆگىتىش ئۈچۈن كەئبە مودىلىنى ياساش مەسىلىسىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى بىردەك بولمىغان. بىر قىسىم ئالىملار «بۇنداق قىلىشنىڭ بالىلارنىڭ ئاشۇ مودىلنى كەئبە دەپ چۈشىنىپ قېلىش ۋە تەبەررۇك بىلىشتەك بەزىبىر زىيانلىق تەرىپى بار» دەپ قاراپ، بۇنى چەكلىگەن ۋە سىنلىق كۆرۈنۈشلەردىن پايدىلىنىشنى تەۋسىيە قىلغان. يەنە بىر قىسىم ئالىملار «بۇ پايدىلىق ئۆگىتىش ۋاسىتىسى، بۇنىڭدىكى نىيەتمۇ ئۆگىتىش نىيىتى، تاۋاپتىن ئىبارەت ئىبادەت نىيىتى ئەمەس، ھەم ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ مودىلنى كەئبە دەپ ئويلاپ قالمايدۇ» دەپ قاراپ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان. مېنىڭچە كېيىنكى قاراش توغرىراق. شۇڭلاشقا ھەجگە ياكى ئۆمرەگە بارىدىغان چوڭلارمۇ كەئبەنىڭ جىمى ئەھۋالىنى بىلىۋېلىشى ئۈچۈن ۋاقىتلىق كەئبە مودىلىدىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىپ بارسا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا ئەڭ يېڭى سىنلىق كۆرۈنۈشلەردىن پايدىلانسا ھەممە ئالىملارنىڭ نەزەرىدە بىردەك توغرا بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

13 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاياللار روزىدار ھالەتتە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سالدۇرسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىلىپ بولغان قاراڭ: https://sajiya.biz/?p=2823 (…روزىدار ھالەتتە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سالدۇرسا، سالغۇچى ۋە سالدۇرغۇچىنىڭ روزىسىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. «ئىسلام فىقھىي ئاكادېمىيەسى» ھىجرىيە 1418 – يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 23 — 28 – كۈنلىرى جىددە شەھىرىدە ئاچقان 10 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا تېببىي خادىملار بىلەن فەقىھلەرنىڭ تەتقىقاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئىشلارنىڭ روزىنى سۇندۇرمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن: ئاياللارنىڭ ئالدى تەرىپىگە سېلىنىدىغان دورىلارنى، چايقايدىغان سۇيۇقلۇقلارنى ئىشلىتىش، دىياگنوز قويۇش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئەينىكى ياكى بارماق كىرگۈزۈش، تەكشۈرۈش ئەينىكى ياكى ئۈزۈك قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئەر ياكى ئايالنىڭ سۈيدۈك يولىغا كىرگۈزۈلىدىغان نەيچە، دۇربۇن، رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن سايىدىتىدىغان رەڭ، دورا ۋە دوۋساق يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى ئىشلىتىش…)

14 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بالا بېقىۋالساق ئىسلام دىنىمىزدا دۇرۇس بولامدۇ؟ بالا بېقىۋىلىش ئۈچۈن قانداق شەرتلەر بار؟ بۇ ھەقتە قانداق ھۆكۈملەر بار؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىسلامدا بالا بېقىۋېلىش بار، لېكىن مەنسۇپ قىلىۋېلىش يوق. بالا بېقىۋالغاندا ئائىلىگە مەنسۇبىيەت، مەھرەملىك ۋە مىراس قاتارلىق مەسىلىلەردە مەسىلە كۆرۈلمەسلىكى ئۈچۈن تۆۋەندىكى پەتۋادا بايان قىلىنغان بىرقانچە مەسىلىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. https://sajiya.biz/?p=2888

15 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ئۈممىتىمنىڭ سەھەر ۋاقتىغا بەرىكەت بەرگىن» دېگىنى قايسى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ؟ بۇ يەردىكى «بەرىكەت»نى تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈپ قويالىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. مەزكۇر سەھىھ ھەدىس شەرىفنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئىمام ئەبۇ داۋۇد، ئىمام تىرمىزىي قاتارلىق ئۇستازلىرىمىز رىۋايەت قىلغان بولۇپ، بۇ ھەدىس شەرىفتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتى ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن «ئى ئاللاھ! ئۈممىتىمنىڭ ئەتىگەنلىكىگە بەرىكەت ئاتا قىلغايلا» دەپ ئۇلارنىڭ ئەتىگەنلىكىگە بەرىكەت تىلىگەن. يەنى: «ئىشلىرىنى كۈندۈزنىڭ دەسلىپى بولغان ئەتىگەندە باشلىغىنىدا، ئۇلارغا ئىلاھىي خەيرلىك، ئاۋۇش، موللۇق ۋە پاراۋانلىق ئاتا قىلغايلا» دېگەن بولىدۇ. ئىش – ئوقەت، ئىلىم تەلەپ قىلىش، جىھاد ياكى سەپەر ۋەياكى ھەرقانداق بىر ياخشى ئىشنى ئەتىگەندە باشلىغان تەقدىردە كەچكىچە پۈتتۈرۈۋالغىلى بولغىنىدەك، قىلغان ئىشقىمۇ بەرىكەت قونىدۇ. بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوشۇن ئەۋەتمەكچى بولسا، ئەتىگەندە ئەۋەتەتتى. مەزكۇر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ساھابە سەخر ئىبنى ۋەدائە ئەلغامىدىي تىجارەتچى بولۇپ، ماللىرىنى ئەتىگەندە يوللايتتى، كېيىن بەكلا بېيىپ كەتكەن.

16 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئابدۇلئەزىز دوكتور !تۈركىيە تۈرك جامىئە يەنى مەسجىدلىرىدە تۆت رەكئەت تەراۋىھ نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىشتا: «Adı güzel Muhammed, Gel şefaat eyle, Kemter kuluna». دەپ نەزمە – ئۇلار ئىلاھىي دەيدىكەن – ئوقۇيدىكەن. سورىماقچى بولغىنىم: بۇنىڭدا شىرك كەلتۈرىدىغان مەنا بارمۇ – يوق؟ ياكى مەن بىھۇدە ئەندىشە قىلىپ قالدىممۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شافائەت قىلغۇچى ۋە شافائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان، «مەقام مەھمۇد» ۋەدە قىلىنغان زاتتۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغاندا، ساڭا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، پەيغەمبەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسە ئىدى، ئەلبەتتە، ئۇلار ئاللاھنىڭ كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالاتتى﴾(4/«نىساﺋ»: 64) دېگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرىدىكى بەرزەخ ئالەمىدە شۇ ئالەمگە مۇناسىپ شەكىلدە ھايات بولغاچقا، ئۇ زاتقا دۇرۇد – سالام يوللىغانلارنىڭ سالاملىرى ئۇ زاتقا يېتىپ تۇرىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۈممىتىنىڭ ئەمەللىرى ئۇ زاتقا كۆرسىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە سەھىھ ھەدىسلەر بار. يۇقىرىقىلارغا بىنائەن تۆت مەزھەب ئالىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىملار: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇ زاتتىن شافائەت تىلەش ھايات ۋاقتىدىكىدەكلا جائىز» دەپ قارايدۇ. «قۇل» كەلىمەسىنىڭ «چاكار، خىزمەتكار ۋە پىداكار» دېگەندەك مەنىلىرىمۇ بار.

17 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ مېنىڭ 9 ئايدىن بېرى يىغقان 40 مىڭ دوللارغا يېقىن پۇلۇم بار ئىدى، يېقىندا 15 مىڭ دوللاردەك قەرز ئېلىپ، يەنە بىرەيلەن بىلەن شىرىكلىشىپ ئۆيدىن بىرنى ئېلىپ قويدۇق، سېتىپ پايدا – زىياننى تەڭ بۆلۈشمەكچى. سوئالىم: مەن زاكات بېرەمدىم؟ قانچىلىك بېرىمەن؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. قولىڭىزدىكى پۇل قولىڭىزغا كىرگىلى 9 ئاي بولغان، زاكات بولسا بىر يىل ئۆتكەندە ۋاجىب بولىدۇ. شۇڭا، 354 كۈن يەنى ھىجرىيە بويىچە بىر يىل ئۆتكەندە ئۆينى شۇ كۈنكى بازار باھاسى بويىچە ھېسابلايسىز، ئۆينىڭ پۇلى بىلەن قولىڭىزدىكى پۇلنى جەملەپ، ئۇنىڭدىن قەرزنى چىقىرىۋېتىپ، قالغىنىغا %2.5 زاكات ئايرىيسىز. ئەگەر بۇ رامازاندا بېرىپ ماڭسىڭىزمۇ مەيلى.

18 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! ئىلىملىرنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن! قىلغان خىزمەتلىرىنى ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن ۋە رازى بولسۇن!

ئىمام مۇسلىمدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە بەدر كۈنى غازاتقا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بىر كىشىدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئىمان ئېيتتىڭمۇ؟» دەپ، سورىسا، ئۇ كىشى: «ياق» دەپ جاۋاپ بەرگەندە، «ئۇنداقتا قايتىپ كەت! مەن مۇشرىك ئادەمدىن ھەرگىز ياردەم تەلەپ قىلمايمەن» دەپتىكەن. ئەمما ھۈنەين كۈنى سەففان ئىبنى ئۇمەييە مۇشرىك ھالەتتە غازاتقا قاتناشقان ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەسۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم غازات ئۈچۈن ئۇنىڭدىن تۆگە ۋە پۇل ئۆتنە ئالغان ئىكەن. 1) بۇ ئىككى رىۋايەتنى قانداق جۇغلاپ چۈشىنىمىز؟ 2) شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسنى مۇھاجىرەتتە ھەرخىل شەكىلدە «ھەل قىلىش چارەلىرى» قوللىنىلىۋاتىدۇ… دىنسىز ھۆكۈمەتلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىش يوللىرىدا مېڭىۋاتىدۇ. ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىگە ئاساسەن دەۋا يۆنىلىشى خاتا ھېسابلىنامدۇ؟ 3) ئىسلام تارىخىدا ئالىملار بۇ ھەدىسنى قانداق چۈشىنىپ قانداق قوبۇل قىلغان؟ 4) پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىسدە بۇ مەسىلە قانداق ھەل قىلىنغان؟ بۇ ھەقتە مۇپەسسەل بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر.

1) كافىرلارغا قارشى ئۇرۇشتا كافىرلاردىن ياردەم قوبۇل قىلىش مەسىلىسىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى بىردەك ئەمەس، بىر قىسىم ئالىملار سىز بايان قىلغان ۋە شۇ مەزمۇندىكى ھەدىس شەرىفلەرگە ئاساسلىنىپ چەكلەش تەرىپىنى تۇتسا، ەنە بىر قىسىم ئالىملار «مۇسۇلمانلار ئەمىرى كافىرلارنى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرسە ئىككى شەرت بىلەن جائىز بولىدۇ» دەپ قارىغان: بىرى، مۇسۇلمانلار ئىنتايىن ئاجىز بولسا، يەنە بىرى، ئۇلارغا ئىشەنچ قىلالىسا. دېمەك، كافىرلارنىڭ قاتنىشىشىنى رەت قىلغانلىق ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى مۇنداق چۈشىنىش مۇمكىن: مۇسۇلمانلار ئەمىرى بۇ ھەقتە قارار قىلىش سالاھىيىتى بار. ھەتتا مۇسۇلماننى قاتناشتۇرۇشتىمۇ شۇنداق. مەلۇم نۇقتىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇسۇلماننى قاتناشتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر كافىر بولغانلىقتىنلا رەت قىلغان دېسەك، ئۇنى كېيىنكى ھەدىسلەر مەنسۇخ قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، كېيىنكى ھەدىسلەر زامان ئېتىبارى بىلەن كېيىنرەك كەلگەن. دەسلەپكى ۋە بەدر غازاتلىرىدا كافىرنىڭ قاتنىشىشىنى رەت قىلغان بولسا، كېيىنچە ھىجرىيە 8 – يىلى ھۇنەين غازىتىدىمۇ سافۋان ئىبنى ئۇمەييەنى قاتناشتۇرغان. توغرىسى بۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ قوماندانلىرى ئەھۋالغا قاراپ قارار قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىككى خىل ھەدىسنى مۇۋاپىقلاشتۇرغىلى بولىدۇ. 2) يۇقىرىقى جاۋابتىن بۇنى خاتا دېگىلى بولمايدىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتە ئىش بېشىدىكىلەرنىڭ قارار ئېلىش سالاھىيىتى بارلىقى مەلۇم بولىدۇ. 3) يۇقىرىقىدەك چۈشەنگەن ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلغان. مەشھۇر تالاس جېڭىدىمۇ مۇسۇلمانلار قوشۇنى قارلۇقلار قوشۇنىنىڭ ياردىمىدە خىتاينى يەڭگەن. 4) پەلەستىن مەسىلىسىدىمۇ قوماندانلار بۇنى ئۆزلىرى قارار قىلىپ كەلگەن.

19 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇكام! پېشىننىڭ ئۈچىنچى رەكئەت سەجدىسىگە ئۈلگۈرگەن كىشى قانچە رەكئەت ئوقۇپ تەشەھھۇدتا ئولتۇرىدۇ؟ پەرزدىن كېيىن پېشىننىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى باشتا ئوقۇمدۇ ياكى تۆت رەكئەتنىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) كىشى تۆت رەكئەتلىك نامازنىڭ ئاخىرقى بىر رەكئىتىگە ئۈلگۈرگەن بولسا، ئىمام بىلەن ئوقۇغان بىرىنچى رەكئىتى نامىزىنىڭ ئاخىرقى رەكئىتى بولۇپ، بۇنى ئىمام بىلەن بىللە ئوقۇيدۇ. ئاندىن ئىمام سالام بېرىپ بولغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ ئوقۇغان رەكئىتى نامىزىنىڭ دەسلەپكى رەكئىتى بولىدۇ. بۇ رەكئەتتە «فاتىھە» بىلەن سۈرە قېتىپ ئوقۇيدۇ. بۇ رەكئەتنى ئوقۇپ بولۇپ تەشەھھۇدتا ئولتۇرمايلا يەنە بىر رەكئەتكە تۇرىدۇ. بۇ ئۇنىڭ نامىزىنىڭ ئىككىنچى رەكئىتى بولىدۇ. بۇ رەكئەتتە «فاتىھە» بىلەن سۈرە قېتىپ ئوقۇيدۇ. ئاندىن تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ سۈرە قاتماي «فاتىھە»نىلا ئوقۇپ بىر رەكئەت ئوقۇيدۇ. بۇ ئۇنىڭ نامىزىنىڭ ئۈچىنچى رەكئىتى بولىدۇ.

2) «قازا بولۇپ كەتكەن مەزكۇر تۆت رەكئەت سۈننەتنى پەرزدىن كېيىن ئىككى رەكئەت سۈننەتتىن بۇرۇن ئوقۇمدۇ ياكى ئىككى رەكئەت سۈننەتنى ئۆز ئورنىدا ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ئوقۇمدۇ؟» دېگەن مەسىلىدە كەڭچىلىك بار. قايسسىنى قىلسا بولىدۇ. ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ قارىشىدا، ئىككى رەكئەتتىن بۇرۇن ئوقۇيدۇ. چۈنكى، بۇ تۆت رەكئەت سۈننەت ئەسلىدىنلا ئىككى رەكئەت سۈننەتتىن بۇرۇن ئوقۇلاتتى. ئىمام مۇھەممەدنىڭ قارىشىدا، ئىككى رەكئەت سۈننەتتىن كېيىن ئوقۇيدۇ، چۈنكى تۆت رەكئەت سۈننەت ئەسلى ئورنىنى يوقىتىپ قويغان. شۇڭا ئاخىرقى ئىككى رەكئەت سۈننەتمۇ ئۆز ئورنىدىن يۆتكىۋېتىلمەيدۇ.

20 – سوئال: ئەر – ئاياللار ئۇرۇشۇپ قالغاندا، ئايال كىشى: «سۆزۈمنى بەر!» دېسە، ئەر: «بەردىم!» دېۋەتسە ياكى «خېتىمنى بەر!» دېسە، ئېرى: «خېتىڭنى ئال!» دېۋەتسە، تالاق چۈشەمدۇ؟ بىر ئۆيدىن چىقىپ كەتمەي تۇرۇپ يارىشىپ قالسىچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تالاق مەسىلىلىرى بىرقەدەر مۇرەككەپ ۋە خەتەرلىك. شۇڭا بۇ ھەقتە ئەر – ئايال ئىككىيلەن بىرەر ئەھلى ئىلىم ئالدىغا بېرىپ تەپسىلىي ئەھۋالنى بايان قىلىپ پەتۋا سورىغىنى تۈزۈك.

21 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى سالامەتچىلىكمۇ؟ مەلۇم بىر قېرىندىشىمىز مەندىن پات – پات قەرز ئېلىپ تۇراتتى. كېيىنكى قېتىم رامازانغا ھەپتە قالغاندا قەرز ئالغان ئىدى. بۈگۈن مەندىن ئالغان ئانا پۇلغا 100 لىرا قوشۇپ قايتۇرۇپتۇ. 100 لىرانى مېنى ئىفتارغا چاقىرماقچىكەنتۇق، شۇ ئىفتارلىققا ھېسابلاپ ھەم مەندىن قاچان قەرز سورىسا يوق دېمەستىن بېرىپ تۇرغانلىقىم ئۈچۈن قوشۇپ قايتۇرۇپتۇ. بۇ ئەھۋالدا مەن بۇ 100 لىرانى ئىشلەتسەم بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. قەرزنى بەرگەندە ئارتۇق قايتۇرۇش ئېغىزاكى ياكى ئۆرپ – ئادەت جەھەتتىن شەرت قىلىنمىغان ئەھۋالدا ئەسلىدە ئارتۇق قايتۇرۇش چەكلەنمەيدۇ. ئارتۇق قايتۇرۇش ئېھسان ۋە ياخشىلىققا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن، داۋاملىق قەرز بېرىپ تۇرغان ۋە ھەر قېتىمدا ئارتۇق قايتۇرغان ئەھۋالدا ئارتۇق قايتۇرۇش نىيىتىدە قەرز بەرگەندەك بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى كۈچلۈك. بۇ جازانىگە يېقىنلاپ قالىدۇ. شۇڭا ئارتۇقنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە ئادەتتىن سىرت مېھمان قىلىشىنىمۇ قوبۇل قىلماسلىق تەقۋادارلىققا يېقىندۇر.

22 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ھەر كۈنى نامازشامدىن كېيىن ئىككى رەكئەت «ئەۋۋابىن نامىزى» ئوقۇيتتىم. بۇ ناماز ئىسلامدا بارمۇ؟ ياكى بىدئەتمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بەزى ئالىملار شامدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان نەفلە نامازنى «ئەۋۋابىن نامىزى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ مۇستەھەب نامازلار قاتارىدىدۇر. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى دەرستە تەپسىلىي توختالغان:

23 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىزنى ئەزىز قىلسۇن. ئۇستاز! بۇ يىلقى نەق پۇل سوممىسىدىكى زاكات تۈركىيە پۇلىدا قانداق كېلىدۇ؟ ئاندىن بۇ يىلقى فىتىر زاكات كىشى بېشىغا قانچە بولىدۇ؟ ۋەتەندە ئاتا – ئانىمىز خىتاي تۈرمىلىرىدە بولغان ئەھۋالدا ئۇلارغا فىتىر زاكات كېلەمدۇ؟ كەلسە بىز ئورنىغا ئۆتىسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ سىزنىمۇ ئەزىز ۋە خاتىرجەم قىلسۇن! زاكات بېرىش بايلىق ئۆلچىمى ئىلكىدىكى پۇلنىڭ مىقدارى قەرزنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن 85 گرام ئالتۇن قىممىتىگە يەتكەن بولسا (بۇ يىلقى نىسابى 5500$ يەنى 100 مىڭ تېلى). فىتىر زاكات كىشى بېشىغا 70 تېلى. ۋەتەندىكى ئاتا – ئانا، بالىچاقىلىرىمىز خىتاي تۈرمىلىرىدە بولغان ئەھۋالدا ئۇلارغا فىتىر زاكات كېلىدۇ. ئۇلار بېرەلمەي قالغان ئەھۋالدا بىز ئورنىغا ئۆتىسەك بولامدۇ؟ دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى مۇنۇ پەتۋادىن كۆرۈۋالغايسىز:

24 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! زىكىرنىڭ مۇھىملىقى ۋە تۈرلىرى سۆزلەنگەن ئىكەن. كۆپ زىكىر قىلىش ئۈچۈن تەسبىھ لازىم بولىدىكەن، تەسبىھ تۇتۇشنى بىدئەت دەپ ئاڭلىدىم. ئەمما، مەن تەسبىھگە شۇنچىلىك كۆنۈپ قاپتىمەنكى، قولۇمدا تەسبىھ بولمىسا، زىكىر قىلىشىم توختاپ قالىدىكەن. راستتىنلا تەسبىھ تۇتۇش بىدئەتمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «تەسبىھ» كەلىمەسى تەسبىھ ۋە زىكىر ئېيتقاندا ساناشقا ئىشلىتىلىدىغان يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن مەلۇم ساندىكى مارجان تىزىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى تەسبىھ ئىشلىتىشنى جائىز دەپ قارايدۇ. چۈنكى، تەسبىھ ھەدىس شەرىفلەردە بېكىتىلگەن ساننى ھېسابلاشتىكى بىر ۋاسىتە بولۇپ، زىكىر سانىنى ئېلىش قايسىبىر ۋاسىتە بىلەن ۋۇجۇدقا چىقسا مەقسەت ئادا بولىدۇ. ئۇ ئەزانغا مىكروفون ئىشلەتكەندەكلا ئۆز ئالدىغا بىر ئىبادەت ئەمەس. بىرنەچچە ساھابە كىراملەرنىڭ زىكىرنى شېغىل تاش ۋە خورما ئۇرۇقلىرى بىلەن ساناپ قىلغانلىقى بىر ھەقىقەت بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ زىكىر – تەسبىھنى ساناشتا تاش ياكى ئۇرۇق ئىشلەتكىنىنى كۆرۈپ ئۇنى ئەيىبلىمىگەن. ئايرىم تاش ياكى ئۇرۇقتا ساناش بىلەن يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن تاشلار تىزىقى بىلەن ساناشنىڭ ئوتتۇرىدا پەرق يوق. ئىلگىرىكى مۇجتەھىد ئىماملاردىن ياكى مۆتىۋەر ئۆلىمالاردىن بىرەرسىنىڭ تەسبىھنى «بىدئەت» دەپ باققىنى يوق. ئىمام ئىبنى تەيمىييەمۇ «نىيەت ساغلام بولسا، ئۇ ياخشى، مەكروھ ئەمەس» دېگەن. تەسبىھنى ئىلگىرىكى غەيرى دىن ئۈممەتلىرىدىن كىرگەن ئادەت دېيىشنىڭمۇ ئورنى يوق، چۈنكى ھازىرقى زاماندىكى بەزىلەر شۇنداق دەۋالغىنى بىلەن ئىلگىرىكى ئۆلىمالىرىمىز ئۇنداق دېمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ساناش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە شەرىئىتىمىز رۇخسەت قىلغان نەرسە. بۇ سەۋەبتىن ئۇنى بىدئەت دەپ تۇرۇۋالغانلارنىڭ سۆزىگە پەرۋا قىلىنمىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، ئۇنى ئشىلەتكەندە، رىيادىن يىراق تۇرۇش كېرەك. ئۇنى ئىشلىتىشنى ياقتۇرمىغانلار بارمىقىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

25 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ۋىترنى ئىككى رەكئەت ئوقۇغاندىن كېيىن، تەشەھھۇدتا ئولتۇرمايلا ئۈچىنچى رەكئەتنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ۋىترنى ئوقۇش ئۇسۇللىرى ھەر خىل. ئۈچ رەكئەتنى ئىككى تەشەھھۇد، بىر سالام بىلەن ئوقۇش بار بولغىنىدەك، ئاخىرىدا بىرلا تەشەھھۇد، بىرلا سالام بىلەن ئوقۇشمۇ، ئىككى رەكئەتتە سالام بېرىۋېتىپ، ئاخىرقى رەكئەتنى ئايرىم بىر رەكئەت قىلىپ ئوقۇشمۇ بار. ھەممىسى توغرا.

26 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! قانداق ئەھۋاللىرى؟ زاكات – سەدىقە توغرۇلۇق خېلى كۆپ پەتۋالارنى ئوقۇدۇق. باشقىلار ئوقۇمايۋاتامدۇ، بىلمىدىم. «ماۋۇ زاكاتنى خەجلەيدىغانلا بارمۇ؟» دەيدىغانلاردىن بىرىمۇ چىقمايدىغۇ؟! سورىماقچى بولغىنىم: زاكات بېرىدىغانلارنىڭ جىق بولۇشىنى تىلەش ياخشىمۇ ياكى ئۆزىنىڭ باي بولۇپ زاكاتتىن بىھاجەت بولۇشىنى تىلەشمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «ماۋۇ زاكاتنى خەجلەيدىغانلا بارمۇ؟» دەيدىغانلار ھېلىھەم ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق، پەقەتلا «چاپلىشىۋېلىپ تىلەيدىغانلار»دىن ياكى مۇتكېپەنلەردىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولۇشى مۇمكىن. ئۆزىگە ۋە مۇسۇلمانلارغا ئەڭ خەيرلىك بولغىنىنى تىلەش ياخشى.

27 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن كۈنلۈك بازارغا چىقىدىغان كىچىك بىر تىجارەتچى. ئەمما، ماللىرىمنى ئۆزۈمنىڭ ماشىنىسىدا توشۇيمەن. ماللىرىمنىڭ قىممىتى بەلكى 100 مىڭ لىرادىن ئېشىشى مۇمكىن. مەن ئۇياقتىن سېتىپ، بۇياقتىن مال تولۇقلاپ تۇرىدىغان بولغاچقا، قولۇمدا ئاساسەن جىق نەق پۇل تۇرمايدۇ. مەن زاكىتىمنى قانداق بېرىمەن؟ نۇرغۇن تىجارەتچىلەر ماڭا ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ياخشىراق چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا، رەھمەت ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىشلىتىۋاتقان ماشىنىغا زاكات كەلمەيدۇ. تىجارەتچى ئالدى بىلەن دەسمايىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇل – پۈچەك، سودا بۇيۇملىرى، باشقا پۇل بىلەن باھالىغىلى بولىدىغان تاۋارلىرى ۋە شۇنىڭدەك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتۇرۇۋېلىشى مۇمكىن بولغان قەرزلىرىدىن ئىبارەت بارلىق ماللىرىنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ ھېسابلايدۇ. قولىدىكى تاۋارلارنى ھېسابلاشتا شۇ كۈنكى توپ بازار باھاسى بويىچە ھېسابلايدۇ.

ئاندىن بۇلاردىن كەلگۈسى بىر يىل ئىچىدە تۆلىشى كېرەك بولغان قەرزلىرىنى چىقىرىۋېتىدۇ.

ئاخىرىدا قالغىنىنى ھېسابلاپ، زاكات ئايرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، قىرىقتىن بىرى (₄₀⅟) بويىچە زاكات بېرىدۇ.

28 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن كونا توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ، ئوڭشاپ، پاكىز تازىلاپ ساتىمەن. ئامباردا نۇرغۇن كونا مال بار، بۇ ماللارغا زاكات كېلەمدۇ؟ قانداق ھېسابلايمەن؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئامباردىكى ماللار تىجارەت مېلى بولغاچقا، ئۇنى بازار باھاسى بويىچە ھېسابلاپ، ئۇنىڭ قىممىتىنى قولىدىكى نەق پۇل بىلەن قوشىدۇ، بۇلاردىن كەلگۈسى بىر يىل ئىچىدە تۆلىشى كېرەك بولغان قەرزلىرىنى چىقىرىۋېتىدۇ. قالغىنى زاكات بېرىش ئۆلچىمى يەنى 5500 دوللار قىممىتىگە يەتسە، ھەممىگە قاتارىدا %2.5 ئايرىيدۇ.

29 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم! قىلىۋاتقان خىزمىتىڭلارنى ئاللاھ قوبۇل قىلغاي. مۇشۇ ئەملاكچى (ئۆي – مۈلۈك بېدىكى) لار ئىجارىگە بىرەر ئۆي تېپىپ بەرسە ياكى ئېلىپ – سېتىپ بەرسە، نۇرغۇن پۇل ئالىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. بۇنداق قىلىشى توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كېىلشكەن بويىچە ھەق ئالغان بولسا ئەلبەتتە توغرا. بۇ ئىشمۇ جەمئىيەتتىكى ئېھتىياج ۋە رىقابەت شۇنداقلا ئەملاكچىلارنىڭ چىقىملىرىنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك. خاھلىمىغانلار ئۇلارنىڭ خىزمىتىدىن پايدىلانمىسا ياكى ئازراق ئالىدىغانلارنى ئىزدىسە بولىدۇ. ئەملاكچىلارمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلاردىن ئاشۇرۇۋەتمەي ھەق ئېلىشى لازىم.

30 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىرىنچى سوئالىم: ئاپام ۋەتەندە ئاكام ۋە ئۇنىڭ ئايالى بىلەن بىللە تۇرىدۇ. ئاپامنىڭ تۇرالغۇ ۋە يېمەك – ئىچمىكى ئاكام تەرىپىدىن تەمىنلىنىدۇ، ئۆزىنىڭ كىرىمى يوق. ئەمما، ئاكام ۋە ئايالى ئاپامنىڭ قولىغا ئاپام ئۆزى سورىمىسا پۇل بېرىپ كەتمەيدىكەن. بۇنى ئاپام ئۆزى دېدى. مەن كېسەللىك سەۋەبىدىن روزا تۇتالمىدىم، فىدىيەنى ئاپامغا ئەۋەتىپ بەرسەم بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاپىڭىزنى ئاكىڭىز بېقىۋېتىپتۇ. ئەگەر ئېھتىياجى بولۇپ ئاكىڭىز پۇل بەرمىسە سىز بەرسىڭىز بولىدىغۇ! ئەلبەتتە فىديە ياكى زاكىتىڭىزنى ئاپىڭىزغا بەرسىڭىز بولمايدۇ.

31 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن! تۈركىيەدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كۈمۈش توشۇپ ساتىدىغان تىجارەتنى قىلىشقا بولامدۇ؟ بىر قىسىم ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بۇ سودىنى قىلىۋاتقانلىقى ۋە يامان ئەمەس پايدا ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇزۇندىن بېرى مېنىڭمۇ ھەم تەۋەككۈل قىلىپ باققۇم كەلگەن ئىدى. باشقىلاردىن ئاڭلىسام كۈمۈشنى چېگرادىن كىيىمنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ ئۆتكۈزۈش كېرەك ئىكەن. شۇڭا، «بۇنداق قىلسا توغرا بولۇرمۇ؟» دەپ ئىككىلىنىپ توختاپ قالغان ئىدىم. توغرىسىنى دەپ بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. كۈمۈش تىجارىتى بىر خىل ئەتكەسچىلىككە يېتىشى، ئاپارماقچى بولغان دۆلەتنىڭ قانۇنىغا زىت بولۇشى ۋە ۋىزا تەلەپ قىلغاندىكى «قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلماسلىق تەئەھھۇدى»غا زىت بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىش بەكلا ئومۇملىشىپ كەتسە، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا ۋە مىللىي دەۋاغا ئىنتايىن زىيانلىق. بۇ ئىش تېخىمۇ ئومۇملىشىپ كەتسە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرەمگە بېرىشىمۇ چەكلىنىشى تۇرغانلا گەپ. بۇنىڭ نەچچە ئون يىلنىڭىزى بىرقانچە مىساللىرى بار. مېنىڭچە ئۆمرەگە بارغىنىدا بىرەر قېتىم ئازراق مىقداردا ئالغاچ بارسا ھېچ گەپ بولماس. لېكىن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ داۋاملىق چوڭ مىقداردا توشۇشى توغرا بولماس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلار ئارىسىدىكى دەۋا – دەستۇر، جېدەل – ماجىرالىرىمۇ ئىنتايىن كۆپىيىپ كېتىگلىك. ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ تىجارەتكە قىزىقىپ ئوقۇشلىرى تاشلىنىپ قېلىغلىق. كۈمۈش مۇسادىرە قىلىنىپ زىيان تارتىشمۇ ئېغىر. سەئۇدى ئەرەبىستان چېگرىسىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا بىچارە خەلق دەپ كەڭچىلىك قىلىپ كۆز يۇمۇۋاتقان ئەھۋال بار ئىدى. كېيىن بەكلا ئەدەپ كەتكەنلىك سەۋەبتىن ھەر بىر ئۇيغۇر كەلگىنىدە ئايرىمخانىغا ئەكىرىپ يېنىنى ئاختۇرىدىغان بولۇپ كەتتى دېيىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈمۈش تىجارىتى قىلىۋاتقانلارنىڭ بىر قىسمى نېسى سېتىپ جازانىگە كىرىۋاتىدۇ. يەنە تېخى ئەرلەرنىڭ تاقىشى ئۈچۈن مەخسۇس لاھىيەلەنگەن كۈمۈش بىلەيزۈك، بويانلىق زەنجىر كەبى ئەرلەرگە ھارام قىلىنغان كۈمۈش زىبۇزىننەتلەرنىمۇ ساتماقتا. ئەھۋال بۇ دەرىجىگە يەتكەن تەقدىردە ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، ھارام ۋە شۈبھە ئارىلاشقان، خېيىم – خەتەرگە دۇچار قىلىدىغان ۋە ئۇيغۇرلارغا ھەرەمنىڭ يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغان بۇ ئىشنى قىلماسلىق كېرەك. ئۇنىڭ ئورنىغا كۆڭۈل خاتىرجەم بولىدىغان ئىش ۋە تىجارەت قىلىش لازىم.

32 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۇيغۇر جامائىتىدىن تەشكىللەنگەن نەق مەيدان فىلىمغا ئېلىنىدىغان پائالىيەتلەردە ئايال كىشى رىياسەتچىلىك قىلسا جائىز بولامدۇ؟ بالىلارغا ئويۇن ئوينىتىش پىروگرامملىرى بولىدۇ، بۇ چاغدا سەھنە ئاستىدا ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ ئولتۇرىدۇ. ئاللاھ ۋاقىتلىرىنى بەرىكەتلىك قىلىپ بەرسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. نامەھرەملەرگە نازكەرەشمە ئىزھار قىلماسلىق ۋە قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىكتەك ئىسلام ئادابىغا رىئايە قىلغان ئاساستا شەرئىي ھىجابلىق ئايال كىشى ئەرلەر بار سورۇندا پائالىيەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلسا بولىدۇ، ئەلبەتتە. سورۇندىكى ئەرلەرمۇ بىھۇدە تىكىلىپ قاراۋېرىشتىن ساقلىنىشى لازىم.

33 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاياللار ئۈزۈك تاقىغان ھالدا سىرتلارغا چىقسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەلبەتتە بولىدۇ.

34 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ھەمشىرىمىزنىڭ يولدىشى بەك پسىخىكىلىق بېسىمغا ئۇچراپ كەتكەچكە باشقىلار: «بىرسى ساڭا ئوقۇتۇپ قويۇپتۇ» دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بىر شەيخنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ ۋە ئۇ شەيخ: «سەندە چوڭ بىر نەزەر باركەن ۋە ئىككى ئادەم ساڭا ئوقۇتۇپ قويۇپتۇ، ئۇلار سېنىڭ يېقىنىڭدىن، ئېيتىپ بەرسەم تۇرمۇشۇڭ بۇزۇلىدۇ» دەپتۇ. ھازىر شۇ شەيخنىڭ ئالدىدا نەزەرنى يۇيىۋېتىپتۇ (تەپسىلاتىنى مەنمۇ بىلمەيمەن).

ھازىر بۇ كىشى ھەمشىرىمىزدىن «سەن ئوقۇتۇپ قويدۇڭ» دەپ گۇمان قىلىدىكەن. دىنىمىزدا شۇنداق ئوقۇتۇپ قويۇش ۋە ئوقۇتقاننى يۇيۇش دەيدىغان گەپلەر بارمۇ؟ مۇشۇنىڭغا بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىلىرى، ئاللاھ ۋاقىتلىرىغا بەرىكەت بەرسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پسىخىك دوختۇرغا كۆرۈنۈشى زۆرۈر. دوختۇرلار داۋالىيالمىسا سېھىر قىلىنغان بولۇشى ئېھتىماللىق. تۆۋەندىكى پەتۋالاردىن پايدىلانسا بولىدۇ:

35 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى تۇغما بولمىغان، كېيىن پەيدا بولغان مەڭلەرنى لازىر نۇرلۇق قەلەمدە يوق قىلىۋېتىشنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكمى قانداق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەڭنى ئالدۇرۇشنىڭ ھۆكمى جائىز. مەڭ چېكىش ھارام.

36 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! زاكات پۇلدا ئىفتارلىق بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. زاكات پۇلدا ئىفتارلىق بىلەن سوھۇرلۇق بەرسە بولمايدۇ. چۈنكى، داستىخاندا بايمۇ بولىدۇ. «كەمبەغەلنىلا چاقىرىدۇ» دېگەن ئەھۋالدىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، زاكات پۇلنى كەمبەغەلنىڭ قولىغا بېرىش كېرەك. ئۇنى ئۆزى خاھلىغان نەرسىگە ئىشلىتىدۇ.

37 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تىنچلىقمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. بۇ يىلمۇ ياۋروپانىڭ فىتىر زاكىتى 10 ~ 15 ياۋرو بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ يىلمۇ شۇنداق. ھەر يىلى ھەربىر دۆلەتتىكى ئىسلام مەركەزلىرى 6 ياۋرودىن 15 ياۋروغىچە ئوخشىمىغان باھالاردا بەلگىلەيدۇ. ياۋروپادا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 10 ياۋرو ئەڭ مۇناسىپ. ئەنگىلىيەدە 7£ فوند سىترلىينى، كانادا، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەدە 10 ~ 15 دوللار. بۇ ئوخشىماسلىقلار شۇ دۆلەتتىكى ئاشلىق باھالىرىغا مۇناسىۋەتلىك.

38 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! رامازاندا ھەممىدىن كۆپ ئەجر – ساۋابقا ئېرىشىدىغان كىشى كىم؟ روزىدارمۇ، قىيامدا تۇرغۇچىمۇ، كۆپ سەدىقە بەرگۈچىمۇ ياكى روزىدارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، تامىقىنى بېرىپ، ئۆزى ئىبادەت قىلالمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن چارچىغانلارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەلبەتتە روزا پەرز. بۇ ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. قالغىنى نەفلە ئىبادەتلەر. بۇلارنىڭ ھەربىرىگە قاتناشقان ۋە كۈچ چىقارغانلارغا ئەجىر بېرىلىدۇ. تاماق ئەتكەن، تاماق توشۇغانلار ۋە شارائىت ھازىرلاپ بەرگەنلەرمۇ شۇ قاتاردا. ئاللاھنىڭ پەزل – مەرھەمىتىنىڭ چېكى يوقتۇر.

39 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بامدات ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلمەستىن نەرسە يېسە روزا ھېساب بولىۋېرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بامدات ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلمىگەنلىكتىن روزىسى ھېساب، ئەگەر ناماز ۋاقتى كىرگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يېيىشنى داۋاملاشتۇرسا، روزىسى بۇزۇلغان بولىدۇ، ئەلبەتتە. تەپسىلاتى مۇنۇ يازمىدا:

https://sajiya.biz/?p=1924

40 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىمدا بىلىپ تۇرۇپ بۇزىۋەتكەن روزىلىرىم بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن فىدىيە بېرەمدىم ياكى بىرسى ئۈچۈن ئاتمىش كۈن روزا تۇتىلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۇ چاغ بالاغەتكە يەتمىگەن ۋاقتىڭىز بولسا، قازاسىنى قىلىشمۇ، كەففارەت بېرىشمۇ كېرەك ئەمەس. ئۇ چاغ بالاغەتكە يەتكەن چاغ بولسا، يېمەك – ئىچمەك بىلەن بۇزىۋەتكەن بولسىڭىز، بىر كۈن قازاسىنى قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەمما كەففارەت كەلمەيدۇ. جىما بىلەن بۇزغان بولسىڭىز، بىر كۈن ئۈچۈن قازاسىنى قىلىش بىلەن 60 كۈن ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش كېرەك.

41 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يېڭى روزا تۇتۇشقا باشلىغان ۋاقىتلىرىم ئىدى، ئىسسىپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن ۋە بەزىدە قورسىقىم ئېچىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن روزامنى بۇزىۋەتكەن ئىدىم. (ئېنىق ئېسىمدە يوق لېكىن پەرز بولۇپ بولغان ۋاقتىم بولۇشى مۇمكىن) قانچە قېتىم بۇزىۋەتكىنىممۇ ئېسىمدە يوق. بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ فىدىيە بېرىشىم كېرەكمۇ ياكى قازا تۇتۇشۇم كېرەكمۇ؟ قازاسىنى تۇتسام قانچىلىك تۇتىمەن؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تەخمىن قىلىپ ھېسابلاپ «ئورنىنى تولۇقلاپ تۇتۇپ بولدۇم» دەپ ئويلىغانغا قەدەر قازاسىنى تۇتىسىز.

42 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ تۈركىيەدىكى بەزى نەرسىلەرنى تاكسىت بىلەن (مۇددەتكە بۆلۈپ) سېتىش ياكى سېتىۋېلىش توغرىسىدا بىر سوئالىم بار ئىدى. مەسىلەن: بىر تېلېفون ئالماقچى بولساق، ئەسلى باھاسى 40 مىڭ تېلى بولسا، ساتقۇچى بىزگە: «3 تاكسىت بىلەن ئالساڭ 42 مىڭ تىلى، 9 تاكسىت بىلەن ئالساڭ 45 مىڭ تىلى» دەپ باھا قويسا، بىز 9 تاكسىتنى تاللاپ سېتىۋالساق جائىزمۇ؟ بىر مالنىڭ ئوخشىمىغان باھاسى مالدا رىبا شۈبھىسى كەلتۈرۈپ چىقارمامدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. سىز 3 ياكى 9 تاكسىتنى تاللاپ سېتىۋالسىڭىز جائىز. بىر مالنىڭ نەق – نېسىلىكتىكى ئوخشىمىغان باھاسى مالدا رىبا شۈبھىسى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئەمما، ھەر قەرەلدە پۇل تۆلەش كېچىكسە كېچىكىش جازاسى شەرت قىلىنسا، كېچىكىش جازاسى جازانە بولىدۇ.

43 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! سالامەت تۇردىلىمۇ ئۇستاز؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! ئىفتارنى دەپ شامنىڭ جامائەت نامىزىنى تەرك ئېتىپ يالغۇز ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟ (مەن «جامائەت نامىزى ۋاجىب» دېگەن قاراشنى دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك سانايتتىم) تاماق پىشىپ قالغان، ئەمما تاماق يەپ بولغۇچە جامائەت نامىزى ئاخىرلىشىپ بولىدىغان ئەھۋالدا قانداق قىلىش ئەۋزەل؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. «ئەرلەرگە جامائەت نامىزى ۋاجىب» دەپ قارىسىڭىزمۇ ئالدى بىلەن يەڭگىل ئېغىز ئېچىۋېلىپلا، نامازنى دەسلەپكى ۋاقتىدا جامائەت بولۇپ ئوقۇۋېلىش ئەۋزەل. تاماقنى تولۇق يەۋېلىپ يالغۇز ئوقۇش جائىز.

44 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ماڭا زاكات دۇرۇس بولمايدۇ، بەزەن ئىش ئورنۇمدىن مائاشىمدىن باشقا تاللا بازار كارتىسى، بەزەن ئازراق نەق پۇل تارقىتىپ بېرىدۇ، ئۇلارنى باشقىلار زاكىتىدىن بەرگەنمۇ ياكى ھەدىيەمۇ بىلەلمەيمىز، سورىسام ئۇنى بەرگەن ئىش ئىگىسىمۇ بىلمەيدىكەن، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنى ئالسام بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. زاكات ياكى سەدىقە ئىكەنلىكى مەلۇم بولمىسا، «شەك قىلىپ قالغان ئىشنى تاشلاش كېرەك» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىسكە ئاساسەن ئالمىسىڭىز ياخشى، شەكلەنمىسىڭىز ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. رامازانلىق ھەدىيە بولۇشىمۇ مۇمكىن.

45 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، ياخشىمۇ؟ ھازىر يالغۇز ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئىنسانلىرىمىزدا، مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، چۈشكۈنلۈك، روھىي بېسىم پەۋقۇلئاددە ئېغىر، بولۇپمۇ رامازان ۋە ھېيتلاردا تولىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ قانداق كۆرسەتمىلىرى ۋە بىزلەرگە ئۆگەتكەن قانداق دۇئالىرى بار؟ ساھابەلەر ئىچى سىقىلىپ بىئارام بولغاندا، دۇنيا مۇشەققەتلىرى ئالدىدا ئاجىز كەلگەندە قانداق قىلاتتى؟ مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىپ، ئۆزلىرى ياخشى تەۋسىيەلەرنى بەرگەن بولسىلا، ئۇستاز! ئاللاھ ئەجرلىرىنى بەرسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تەپسىلى توختىلىپ بولالمايمەن. ئىخچاملىسام: چۈشكۈنلۈك دەۋر كېسىلى بىزدەك ۋەتەن ۋە تۇغقانلاردىن ئايرىلغان، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە تۈرلۈك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملارغا دۇچار كېلىۋاتقان مىللەتلەردە ئومۇملاشقان بىر ئەھۋال. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۈمىدسىزلىك بىلەن تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەسلىك، نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇماسلىق ۋە باشقا گۇناھ – مەئسىيەتلەر تۈپەيلى قەلبنىڭ قاساۋەتلىشىشى. ئىسلام دىنىمىز بۇ ئەھۋالنى باشلىنىشتىلا، ھەتتا باشلانماستا، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالىغان. شۇڭا، پۈتۈن ھاياتى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش، تائەت – ئىبادەت ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن ئۆتىدىغان مۇسۇلمان كىشىنىڭ چۈشكۈنلىشىشىگە ئورۇن يوق. بېشىمىزغا كەلگەن ياخشى كۈنلەرگە شۈكۈر قىلىش بىلەن بىللە يامان كۈنلەرگە سەۋر قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى قورال بۇ خىل بېسىم ۋە چۈشكۈنلۈككە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك قورالىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەر شەرتتۇر:

1. ئاللاھقا ئىشىنىش، تايىنىش، ئۇ زاتقا قايتىش ۋە ئىلتىجا قىلىش. ھەقىقىي تەۋەككۇل قىلىش، پۈتۈن ئىشلىرىمىزنى تاپشۇرۇش، تەقدىرىگە رازى بولۇش، پەزلىنى ۋە رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش. قىسىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىق كېلىدىغانلىقىغا، زۇلمەتتىن كېيىن تاڭ ئاتىدىغانلىقىغا ئىشىنىش. مانا بۇ دەسلەپكى ۋە ئەڭ مۇھىم دورا.

2. ناماز. ناماز ئارقىلىق بەندە ئاللاھ تائالاغا دەردىنى تۆكىدۇ، پىچىرلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! سەۋر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار!﴾(2/بەقەرە: 153) دەپ بۇيرۇغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بىرەر ئىشقا بېشى قاتقاندا ناماز ئوقۇيتتى. بىلالغا: «ئى بىلال! تەكبىر ئېيتىپ ناماز بىلەن بىزنى ئارام تاپقۇزغىن!» دەيتتى. پەرزدىن باشقا نەفلە نامازلارنى بولۇپمۇ كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا كۆپ ئوقۇش بىزگە چەكسىز ئېنىرگىيە ۋە ئارام بەخش ئېتىدۇ.

3. باشقىلارغا ياردەم بېرىش، ھاجىتىنى راۋا قىلىش، قەرزىنى تۆلەش، قورسىقىنى تويغۇزۇش، يېتىم – يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاش… ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئېلىش. بۇنى قىلغاندا ئاللاھ تائالا كۆڭلىمىزگە خۇشاللىق پەيدا قىلىپ، غەم – غۇسسەلەردىن خالاس قىلىدۇ.

4. ئىستىغفار ئېيتىش، تەسبىھ، تەكبىر، تەھلىل قاتارلىق زىكر ۋە يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىدەك قۇرئاندا كەلگەن دۇئالارنى داۋاملىق قىلىپ تۇرۇش، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد – سالام يوللاپ تۇرۇش. ئاللاھ تائالا دەيدۇ: ﴿ئىمان ئېيتقانلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ﴾(13/«رەئد: 28).

5. ياخشى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ، ياخشىلىقتا ھەمكارلىشىش. بۇ ئارقىلىق يالغۇز قالمىسا، بولمىغۇر ئوي – خىياللاردىن خالاس بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ۋە ئۇ زاتنىڭ ساھابەلىرى ئىخلاس بىلەن مۇنداق دۇئالارنى ئوقۇپ تۇرۇش ئارقىلىق چۈشكۈنلۈكتىن ۋە سىقىلىشتىن خالاس بولاتتى. مەسىلەن: «لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ الْعَظِيمُ الْحَلِيمُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَرَبُّ الأَرْضِ وَرَبُّ الْعَرْشِ الْكَرِيمِ»، «يَا حَيُّ يَا قَيُّومُ بِرَحْمَتِكَ أَسْتَغِيثُ ، أَصْلِحْ لِي شَأْنِي كُلَّهُ ، وَلاَ تَكِلْنِي إِلَى نَفْسِي طَرْفَةَ عَيْنٍ»، «اللَّهُمَّ رَحْمَتَكَ أَرْجُو فَلاَ تَكِلْنِى إِلَى نَفْسِى طَرْفَةَ عَيْنٍ وَأَصْلِحْ لِى شَأْنِى كُلَّهُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ»، «اللهُ رَبِّى لاَ أُشْرِكُ بِهِ شَيْئًا»، «اللَّهُمَّ إِنِّي عَبْدُكَ، وَابْنُ عَبْدِكَ، وَابْنُ أَمَتِكَ، نَاصِيَتِي بِيَدِكَ، مَاضٍ فِيَّ حُكْمُكَ، عَدْلٌ فِيَّ قَضَاؤُكَ، أَسْأَلُكَ بِكُلِّ اسْمٍ هُوَ لَكَ، سَمَّيْتَ بِهِ نَفْسَكَ، أَوْ أَنْزَلْتَهُ فِي كِتَابِكَ، أَوْ عَلَّمْتَهُ أَحَدًا مِنْ خَلْقِكَ، أَوِ اسْتَأْثَرْتَ بِهِ فِي عِلْمِ الْغَيْبِ عِنْدَكَ، أَنْ تَجْعَلَ الْقُرْآنَ رَبِيعَ قَلْبِي، وَنُورَ بَصَرِي، وَجِلاءَ حُزْنِي، وَذَهَابَ هَمِّي»، «لاَ إِلَهَ إِلا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ»، «اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْهَمِّ وَالْحَزَنِ وَالْعَجْزِ وَالْكَسَلِ وَالْبُخْلِ وَالْجُبْنِ وَضَلَعِ الدَّيْنِ وَغَلَبَةِ الرِّجَالِ».

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، مەزكۇر دۇئا ۋە دۇرۇدلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىزچىل قىلىشى، نەتىجە كۆرۈشكە ئالدىراپ كەتمەسلىكى كېرەك.

46 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم! توپقا بىرەر نەرسە يوللاپ بولغۇچە دەرھاللا يۇيۇۋېتىدىكەنسىلە، بۇ ياخشى مەزمۇنلارنى توپقا ئەۋەتىپ قويساق ئومۇمىي مۇسۇلمانلار پايدىلىنىپ قالسا گۇناھ بولامدۇ؟…

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەرقانداق ياخشى مەزمۇن بولسىمۇ، ھەرقانداق چاغ ۋە سورۇندا تارقاتسا ياكى سۆزلەۋەرسە بولمايدۇ. ھەربىر توپنىڭ ياكى ئورۇننىڭ ئۆزىگە يارىشا تۈزۈمى، ئادابى بولىدۇ. باشقۇرغۇچىلارغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ تۈزۈمنى بۇزۇپ، ئومۇمنىڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش گۇناھ ئەلبەتتە. سىزمۇ توپ قۇرۇپ، توربەت ياساپ، ئومۇم مۇسۇلمانلارغا ياخشى مەزمۇنلارنى خاھلىغىنىڭىزچە تارقىتىڭ. باشقىلارنىڭ دىققىتىنى بۇزۇپ، ئىشىغا پۇتلىكاشاڭ بولماڭ! ئىلىم سورۇنىنى پاتپاراق قىلماڭ! ئەدەبنى لازىم تۇتۇڭ!

47 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مېھماندارچىلىقتا ئەر، ئاياللار بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بەزى ئۆيلەرگە بارغىنىمىزدا بۇنداق ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدىكەنمىز. بۇ چاغدا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇنىڭدىن ساقلىنىش لازىم. ئۇرۇق – تۇغقانلار ئارا خاتىرجەم مۇھىت بولغىنىدا، ئىنتايىن تار دائىرىدە رۇخسەت. مەجبۇر بولۇپ قالغاندا، دىنىمىزدىكى سورۇن ئەدەبلىرىگە رىئايە قىلىش، ھايالىق بولۇش لازىم.

48 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! رامازان ئېيىڭىز مۇبارەك بولسۇن! رامازاندا قىلغان ئىبادەتلىرىڭىز قوبۇل بولسۇن! ئامىن… سوئال: ئۆزىنىڭ سېتىۋالغان ئۆيىگە زاكات كېلەمدۇ؟ ئۆزى ئىجارىگە ئولتۇرۇپ ئۆيىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بەرسىچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سىزنىڭمۇ رامازان ئېيىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن! ئاللاھ تائالا سىزنى تائىتىگە ۋە ياخشىلىقلارغا مۇۋەففەق قىلسۇن! ئولتۇرىدىغان ياكى ئۆزى ئولتۇرۇش ئۈچۈن سېتىۋالغان ئۆيىگە زاكات كەلمەيدۇ. ئۆزى ئىجارىگە ئولتۇرۇپ ئۆيىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بەرسە، ئىجارىگە بەرگەن ئۆينىڭ ئانا پۇلىغا زاكات كەلمەيدۇ. ئىجارىدىن كىرگەن كىرىم بىلەن يېنىدىكى پۇلغا (نىسابقا يەتسە) %2.5 زاكات كېلىدۇ.

49 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەرلەرنىڭ بوينىغا ئاسىدىغان ۋە قولىغا سالىدىغان زەنجىرلەرنى ئېلىپ – سېتىش ھاراممۇ؟ ئەگەر ھارام بولسا، بۇنى بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە كىراغا ئاپىرىشمۇ ھارام بولىدۇ. ھارام بولسا، بۇنىڭ دەلىلى قايسىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەرلەرنىڭ بوينىغا ئاسىدىغان ۋە قولىغا سالىدىغان زەنجىرلەرنى ئېلىپ – سېتىش ھارام. بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە كىراغا ئاپىرىشمۇ ھارام. چۈنكى، بۇ ئەرلەرنىڭ تاقىشى ھارام قىلىنغان زىبۇزىننەت. ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەرگە لەنەت قىلغان.

50 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! «كۈمۈش زىبۇزىننەتنى نېسى ساتسا بولمايدۇ، جازانە بولىدۇ» دېسە، سەئۇدىيدىكى تىجارەتچىلەر: «ئۈزۈك ۋە ئاياللارنىڭ زىبۇزىننەتلىرى ساپ كۈمۈش ئەمەس، ئارىلاشما كۈمۈش، شۇڭا نېسى قىلسا بولىدۇ» دەيدىكەن. يەنە بىر قىسمى: «بۇ ماللارنىڭ يېرىمى كۈمۈش، يېرىمى تاش» دەپ تۇرۇپ، يېرىمىنى نەق بەرسە، يېرىمىنى نېسى قىلسا بولىدۇ» دەيدىكەن. مۇشۇنىڭغا بىر ئوچۇق پەتۋا بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قۇرۇق گەپ. ھەرقانداق ئالتۇن ۋە كۈمۈش زىبۇزىننەتكە مەلۇم پرسەنتتە باشقا ماددا قوشۇلمىسا زىبۇزىننەت ياسىغىلى بولمايدۇ. ھازىر توشۇۋاتقان زىبۇزىننەتلەر %92 لىك. بۇ %60 بولسىمۇ بەرىبىر، بۇ كۈمۈش. مەيلى قانچە پرسەنتلىك بولسۇن، ئالتۇن – كۈمۈشنى ۋە زىبۇزىننەتلىرىنى نېسى سېتىشقا بولمايدۇ.

51 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! دىنىمىزدا شەنبە كۈنى بېلىق يېيىش چەكلەنگەن ئىكەن، بۇ ھەقتە قانداق پەتۋا بار؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ يەھۇدىيلارغا خاس چەكلىمە ئىدى. بىزگە ئەمەس.

52 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن 42 ياش، 20 يىلدىن بېرى بېشىم قاتتىق ئاغرىيدۇ، ئۈچ كۈن ئۇدا روزا تۇتالمايمەن. يېقىندا كېسىلىم تېخىمۇ ئېغىرلاپ قالدى، شۇڭا بالاغەتكە يەتكەندىن تارتىپ 30 يىل ھېسابلاپ، ھەر يىلى ئۈچۈن 10 كۈنلۈك توپلام 300 كۈنلۈك قازا روزامغا فىدىيە بەردىم، بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قازا روزىنى شۇ بويىچە تەخمىن قىلىپ ھېسابلاپ فىدىيە بەرسىڭىز بولىدۇ.

53 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! رامازان ئېيىدا رامازاننىڭ 20 – كۈنىدىن بۇرۇن بەرگەن ئىفتارلىق بىلەن كېيىن بەرگەن ئىفتارلىقنىڭ ئەجر جەھەتتە پەرقى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىلمەيمەن.

54 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! «ئابدۇللاھ» دېگەن ئىسىم ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىسىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھەدىس بار، لېكىن «ئابدۇللاھ» دېگەن ئىسىمنى قويسا، بۇ ئىسىمدا «ئاللاھ» ئىسمىمۇ كەلگەچ، بالا چوڭ بولۇپ يەسلى ۋە مەكتەپلەرگە كىرگەندە، ئۇ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان ئىمتىھان ياكى تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىنى ئوقۇتقۇچىلىرى مەكتەپتە تاشلىۋېتىپ قالىدىغان ئىشلار بولۇپ قالسا، «ئاللاھ» ئىسمى قەدىرلەنمىگەن بولۇپ قالارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تاشلىۋەتسە قەدىرلىمىگەن بولىدۇ. ئەمما، بۇنى دەپ ئۇنداق ئىسىملارنى قويماي تۇرۇۋېلىش خاتا. ئىسىمنى قويۇپ، تاشلىۋېتىشنى ئەيىبلەش لازىم.

55 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! سىلىنىڭ پەتۋادا «تەراۋىھ نامىزى مۇستەھەب» دېيىلىپتۇ، ئەمما مەسجىدلەردە «مۇھىم سۈننەت» دەۋاتىدۇ. كۆزقاراش ھەر خىلمۇ، قانداق؟ مەن بىلەلمەي قالدىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تەراۋىھ نامىزى تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر. ئادەتتە مۇستەھەب، سۈننەت ۋە مەندۇب … دېگەندەك ئاتالغۇلار نەفلە ئىبادەتلەرگە مەنىداش ئىشلىتىلىدۇ.

56 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ رامازاندا قىلغان بارلىق ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلسۇن!… ئىنتېرنېتتىكى باشقىلارنىڭ ماتېرىيالىنى سورىماستىنلا قوللانساق بولامدۇ؟ مەسىلەن، ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئىشلەتسەك ياكى ئۆزىمىز توپلاپ كىتابتەك قىلىپ، باشقىلارغا ئەۋەتىپ بەرسەك، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋالغان بولامدۇق؟ نەشر ھوقۇقى بولۇپ، سوراش كېرەك بولسا، ئىگىسنى تاپالمىغان ئەھۋالدا قانداق قىلىمىز؟ بىرەر كىتابنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن تۈزگۈچىدىن سوراش كېتەمدۇ؟ ئەمەلىي دەرس بىلەن توردا ھەقسىز دەرس قىلىپ بېرىش ئوخشاش ماڭامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئومۇمەن، پىكىر ۋە نەشر ھوقۇقى قوغدىلىدۇ. باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن گەپ ئېچىشقا بولمايدۇ. بۇ قۇل ھەققى. بىرەر كىتابنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن تۈزگۈچىدىن سوراش كەتمەيدۇ. ئەمما، كىتابنى ياكى ئەسەرنى رۇخسەتسىز تارقىتىشنى چەكلىگەن بولسا، دەرس ئارقىلىق ياكى ئۆگىتىش ئارقىلىق باشقىلارغا تارقىتىشقا بولمايدۇ. بۇ مەسىلە مەنىۋى ھەق دائىرىسىگە كىرىدىغان بولۇپ، «ئىسلام فىقھ ئاكادېمىيىسى» بۇ ھەقنىڭ شەرئىي جەھەتتىن قوغدىلىدىغانلىقىنى، ئىگىلىرىنىڭ ئۇنى تەسەررۇپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بۇ ھەقتە مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز:

57 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئۇستاز! بۇرۇن ئانانىزىم (قولدا لەززەتلىنىش) سەۋەبىدىن روزامنى 5 ~ 6 قېتىم بۇزۇپ سالغانتىم. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ئورنۇم ئىدلىپ. كەففارەت كەلسە، بىراقلا بېرىشكە ئىقتىساد يار بەرمىسە، بىرقانچىگە بۆلۈپ بېرىشكە بولامدۇ؟ بۇزىۋەتكەن بىر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن 60 كۈن ئۇلاپ روزا تۇتۇشقا شارائىت سەۋەبىدىن قادىر بولالمىساق قانداق قىلىمىز؟ مەسىلەن: تۇتۇپ كېلىۋېتىپ رىباتقا چىقساق ياكى جەڭ بولۇپ قالسا، رىبات – جەڭ ۋاقتىدا ئىفتار قىلىپ كېيىن ئۇلاپ تۇتىمىزمۇ؟ ياكى چوقۇم قانداق ئەھۋالدا بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۇلاپ تۇتۇش كېرەكمۇ؟ كەففارەت كەلسە، قانچىلىك كېلىدۇ؟ قانداق بېرىمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. كۈچلۈك قاراشتا ئىمام نەۋەۋىي «ئەلمەجمۇﺋ»دا ئېيتقاندەك: «روزىسىنى جىمادىن باشقا يەپ – ئىچىش، ئانانىزم (مەنىي چىقىرىش)، مەنىي چىقىپ كەتكۈچە قۇچاقلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بۇزۇۋەتسە كەففارەت كەلمەيدۇ. چۈنكى، كەففارەت جىماغا كەلگەندۇر. يۇقىرىقى ئىشلار جىمانىڭ مەنىسىگە ئوخشىمايدۇ». شۇڭا، تەۋبە قىلىپ، بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتسىلا بولىدۇ، كەففارەت كەلمەيدۇ.

58 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئىمام بۇخارىينىڭ ئانىسىنىڭ كارامەت ئىگىسى ئىكەنلىكى راستمۇ؟ بىر سورۇندا «ئىمام بۇخارىينىڭ كۆزى قارىغۇ بولۇپ قېلىپ، ساقىيىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەندە، ئانىسى قاتتىق دۇئا قىلغان ۋە چۈشىدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ ئىمام بۇخارىينى ئويغاتسا، كۆزى كۆرگەن…» دېيىلدى، بۇ رىۋايەت راستمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ ۋەقەلىكنى ئىمام زەھەبىي قاتارلىق مۇھەددىس، تارىخچىلار ئەسەرلىرىدە سەنەدلىك رىۋايەت قىلغاندۇر. مەن سەنەدى ھەققىدە ئىزدىنىپ باقمىدىم. مۇبادا سەنەدىدە زەئىفلىك بولسىمۇ زىيىنى يوق. چۈنكى، بۇ تۈرلۈك ۋەقەلىكلەردە ھەدىسكە قويغان سەنەد سەھىھلىك شەرت قىلىنمايدۇ. مۇھەددىسلەر بۇنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلغان ۋە ئەسەرلىرىدە نەقىل قىلىشقان. ئەلبەتتە ئىمام بۇخارىي ۋە ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى ئەڭ كاتتا كارامەت ئىگىسى ئەۋلىيالاردىن. ئەگەر ئۇلار ئەۋلىيا بولمىسا، كىممۇ ئەۋلىيا بولۇر؟!

59 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇلۇغ رامازان ئايلىرىغا مۇبارەك بولسۇن! مەن ئىقتىسادىي ئېلىم -بېرىم ھەققىدە پەتۋا سورىماقچى ئىدىم. 2021 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا بىر بۇرادەرگە 10000 لىرا بېرىپ تۇرغانتىم. ھازىر ئۇنى بۇرۇنقى دوللار نەرقىدە قايتۇرماقچى بولسا جائىز بولامدۇ؟ ئۇ چاغدا بىر دوللار تەخمىنەن 7.3 لىرا ئىكەنتۇق، ھازىر 19 لىرا. بۇنى ھازىرنىڭ نەرقىدە قايتۇرسا، جازانىگە چۈشۈپ قالامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۇلۇغ رامازان ئايلىرىغا مۇبارەك بولسۇن! ھازىر ئۇنى بۇرۇنقى دوللار نەرقىدە قايتۇرماقچى بولسا جائىز بولىدۇ. لېكىن ئۇ نەرقىدە قايتۇرۇشنى رەت قىلسا، ئۆتكەن يىلقى سوئاللاردىكى 148 – سوئالنىڭ جاۋابى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

60 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ مەقسەت بىرەيلەن «مالايسىيانىڭ DXN شىركىتىنىڭ ھەرخىل ھالاللىق ئىجازىتى ۋە باشقا چۈشەندۈرۈشلىرى بار، شۇنداقلا ئابدۇلئەزىز دوكتور پەتۋا بېرىپ ‹ساتسا بولىدۇ› دېگەن» دېگەنىدى. ئەمما، پەتۋانىڭ ئۆزىنى تاپالمىدىم. شۇنداق پەتۋا بارمۇ؟ يوق بولسا بۇنى سېتىش دۇرۇسمۇ، يوق؟ خاس قىلىپ ئىزدىنىپ جاۋاب بەرسەڭلار! ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. «ساتسا بولىدۇ» دېگەن پەتۋانى تاپالمايسىز، چۈنكى ئۇنداق پەتۋا ئەسلا مەۋجۇد ئەمەس. مالايسىيانىڭ DXN شىركىتىنىڭ سودا ئۇسۇلىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى خەلقئارا پەتۋا ساھەسىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەلۇم. فىقھىي ئىزدىنىشلەر، تەتقىقاتلار قىلىنىپ كېلىگلىك. بۈگۈنگە قەدەر دۇنيادا مۆتىۋەر بىرەر پەتۋا ئورگىنىنىڭ ياكى بىرەر ئالىمنىڭ بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان شاخلىتىپ سېتىش شىركەتلىرىنىڭ ئىشىنى توغرا دەپ پەتۋا بەرگەن ئەھۋال يوق. ئەكسىچە ئونلىغان پەتۋا كومىتېتلىرى، يۈزلىگەن ئۆلىمالارنىڭ «ھارام» دېگەن پەتۋاسى بار. ئەپسۇسكى تېز ۋە ئاسان باي بولۇش خىيالىنى سۈرۈۋاتقانلارغا پەتۋا كار قىلمايۋاتىدۇ. مالايسىيا ۋە شۇنىڭدەك دۆلەتلەرنىڭ ھالاللىق گۇۋاھنامەلىرىنىڭ ئەھۋالى بەكلا ئېچىنىشلىق، ساختىلىقلار بەكلا ئېغىر. ئۆتكەن يىلى بۇ شىركەت مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىۋاتقانلارغا «بۇ ئىشىڭىز توغرا ئەمەس، ھارام» دەپ پەتۋا بەرگەنىدىم. ھازىرمۇ مەزكۇر پەتۋا كۈچكە ئىگە، ئۆزگەرگىنى يوق. ئەمما، بۇ خىل تىجارەتلەرنى قىلىۋاتقانلار پەتۋاغا قۇلاق سېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، كاززابلىق قىلىپ «دوكتور ھالال دەپ پەتۋا بەردى»، «بۇرۇنقى پەتۋاسىنى ئۆزگەرتتى، جائىز دېدى» دېيىشىدىكەن. «كىيانى (Kyäni)»، «ئاتومى (Atomy)» دېگەندەك باشقا شاخلىتىپ سېتىش شىركەتلىرىدىكىلەرمۇ نومۇس قىلماي شۇنداق قىلىشقانىدى. بۇنداق يالغاننى توقۇغانلارنى ئاللاھ ئىگەمگە ھاۋالە قىلىمەن. «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئۇ نېمىدېگەن ياخشى ۋەكىل!»

61 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىزگە مىراس تەگكىلى 45 كۈن بولغان. بالىلارغىمۇ زاكات بەرگۈدەك مىراس تەگكەن. لېكىن، سىلىنىڭ سوئال – جاۋاب سەھىپىلىرىنى ئوقۇسام، «بۇ يىل كەلمەيدۇ، پۇل قولىغا كىرىپ بىر يىلدىن كېيىن زاكات كېلىدۇ» دەپ كۆردۈم. شۇڭا، بىز قانداق ئايرىيمىز؟ ئەگەر بىزگە مىراس تەگكەن پۇلنىڭ زاكىتىنى بەرمىگەن بولسىچۇ؟ چۈنكى، بالىلىرىمنىڭ دادىسى رامازاندىن 1 ئاي بۇرۇن قازا قىلىپ كەتتى. چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەرھۇم ھەر يىلى رامازاندا زاكات ئايرىپ كېلىۋاتقان بولسا، رامازان كىرىشتىن بۇرۇن ۋاپات بولغاندىكىن زاكات ۋاجىب بولۇشتىن ئىلگىرى قازا قىلغان بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا مېيىتنىڭ گەدىنىدە زاكات قالمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن مەرھۇم پۇلىنىڭ زاكىتىنى بەرمىگەن دېيىلمەيدۇ. بەلكى مەرھۇمغا تېخى زاكات ۋاجىب بولمىغان دېيىلىدۇ. شۇڭلاشقا، مىراسخورلار ئاتىسى ئۈچۈن زاكات بەرمەيدۇ. ئۆزلىرى قولىغا تەگكەن مىراسقا بىر يىل ئۆتسە زاكات بېرىدۇ.

62 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ھەقتىن ھايا قىلمايدۇ. شۇنداقتىمۇ سوئالىمنى تارتىنىش ئىچىدە سوراپ تۇرۇپتىمەن. ئاياللارنىڭ ئىختىيارى بولمىغان ھالەتتە كەلگەن ئىچكى ئاجراتما سۇ بىلەن تاھارەت سۇنامدۇ؟ بەزى ئاياللاردىن پات -پات ئىچكى ئاجراتما كېلىپ تۇرىدىكەن. ئەگەر تاھارەت سۇنىدىغان ئىش بولسا، ھەر نامازغا ئىستىنجا قىلىپ تاھارەت ئالسا، كۈن بويى نەملىك كۆپىيىپ تېخىمۇ بىئارامچىلىق بولۇپ تۇرىدىكەن. ھەم ناۋادا تاھارەت سۇنىدىغان ئىش بولسا، سۇدا ئىستىنجا قىلمايلا تاھارەت ئالسىمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. دىن ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىشتە تارتىنىپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئادەتتە، ئاياللاردىن شەھۋەتسىز، ھاياجانسىز، كېسەللىكسىز ھالەتتە چىقىدىغان رەڭگى ئاق سۇيۇقلۇقتا ۋەدىي ياكى مەنىي ۋەياكى مەزىنىڭ سۈپەتلىرى بولمىغان تەقدىردە، بىر قاراشتا پاكىز ھېسابلىنىدۇ، تاھارەتنىمۇ سۇندۇرمايدۇ. شۇڭا، ناماز ئوقۇماقچى بولغاندا تاھارەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ. بۇ سۇيۇقلۇقنى «پاكىز، لېكىن تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ» دېگەن ئالىملارمۇ بار. لېكىن، ئېھتىيات جەھەتتىن «بۇ مەينەت نەرسە، تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ» دېگەن قاراش بويىچە ئەمەل قىلسا تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر. تەپسىلاتى: https://sajiya.biz/?p=3442

63 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن بالىلاردا نامازنى تاشلاش ئەھۋالى ئېغىركەن، ئۇلار بىر مەزگىل تاشلاپ، يەنە باشلاپ، يەنە تاشلاپ دېگەندەك سۇسلۇق كۆپ سادىر بولغانلىقى ئۈچۈن، «ئەمدى تەۋبە قىلساممۇ ئاللاھ قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن، ئوقۇساممۇ يەنە تاشلاپ سالىمەن» دەپ، ئۈمىدسىزلىكتە ئوقۇغۇسى كەلمەيدىكەن. كۆپىنچىسى كىچىكىدە ئەقىدە توغرا چۈشەندۈرۈلمىگەنلىكى ھەم قوپال گەپ – سۆز، تاياقلار بىلەن تەربىيە ئالغانلىقى ئۈچۈن، ناماز خۇشياقمىسا كېرەك. ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەن ئوقۇمىغان نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەكمۇ؟ مۇشۇ خىلدىكى بالىلارغا شەرىئەت نېمە دەيدۇ؟ سىلى بىر دىنىي ئالىم بولۇش سۈپەتلىرى بىلەن قانداق تەۋسىيەلىرى ۋە نەسىھەتلىرى بار؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئاللاھقا شۈكۈر. ئەلبەتتە بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئۆتۈپ كەتكەن نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك. تەۋبە دەرۋازىسى تاقىلىپ قالمايدۇ. بۇ تۈرلۈك بالىلار مىللىتىمىزنىڭ سەرسانچىلىقتا تۈرلۈك بېسىملار تۈپەيلى پەرزەنتلىرىگە تولۇق كۆڭۈل بۆلۈپ بولالماسلىقىدىن ۋە مەكتەپ، جەمئىيەت مۇھىتى، مېديا قاتارلىقلار ساغلام بولمىغانلىقتىن شۇنداقلا، ياخشى ئۈلگە، توغرا ئىلىم ۋە ساغلام مۇھىتقا مۇيەسسەر بولالمىغانلىقتىن تۈرلۈك يامان تەسىرلەرگە مەئروز قالغانلىقى بىر ھەقىقەت. مېنىڭچە بالىلارنى زىيانلىق مۇھىتتىن مۇمكىنقەدەر يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا ئۈلگە سۇنۇش بىلەن بىرگە، ئاللاھ تائالادىن داۋاملىق پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئىنسابىغا دۇئا قىلىپ تۇرۇش لازىم.

64 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟ ئاللاھ ھەر بەندىسىنى ھەريەردە ئامان قىلسۇن. ئەگەر بىرسى بىر چوڭ گۇناھتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يەنە بىر گۇناھنى قىلىشقا مەجبۇر بولسا ئىسلام بۇنىڭغا نېمە دەيدۇ؟

مىسال: بىرى بانكىغا ئۆسۈملۈك قەرز بولۇپ قالدى، ۋاھالەنكى ئۆسۈمنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكۈمى ھەممىمىزگە ئايان. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىشلەشكە مەجبۇر بولدى، ياۋروپادا بولغانلىق ۋە تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋەجىدىن، ئاران تەستە ھاراق سېتىلىدىغان بىر رېستۇراندا كۈتكۈچىلىك خىزمىتى تېپىلدى. ئەمما ئۇ بەزىدە خېرىدارلار تەلىپىگە ئاساسەن ھاراق يەتكۈزۈپ قالىدۇ. ئەلبەتتە دىنىمىزدا ھاراق، ھاراق ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ھەم توشۇشنىڭ ھاراملىقىمۇ ئېنىق. ماياقتا ئۆسۈم كرزىسى، ماياقتا ھاراق توشۇش گۇناھى بولغان ھالدا، بۇ ئىنساننىڭ (باشقا ئىش تېپىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا) مەزكۇر تاماقخانىدا تا شۇ قەرزنى تۆلەپ بولغان، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ئۆسۈمدىن پاك – پاكىز قۇتۇلغان كۈنگىچە ئىشلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟ ئاللاھ تېنىڭىزنى سالامەت ۋە ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ئۇستاز! بابۇر تاش / شىتۇتگارت (گېرمانىيە)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئاللاھقا شۈكۈر. ئەگەر ئۇ گۇناھتىن ساقلىنىش ئۈچۈن باشقا بىر گۇناھنى قىلىشتىن باشقا تاللىشى بولمىسا، گۇناھنىڭ يەڭگىلرەكىنى قىلىش ۋاجىب بولىدۇ. ئالىملار بېكىتكەن: «ئىككى زىياننىڭ يەڭگىلىنى تارتىش»، «زۆرۈرىيەت چەكلەنگەن ئىشلارنى مۇباھ قىلىدۇ» دېگەندەك قائىدىلەر بويىچە ئىش قىلىش كېرەك بولىدۇ. ئەمما مىسالدىكى ئەھۋالدا ئالدى بىلەن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىشى خاتا بولغان، قاتتىق تەۋبە قىلىشى كېرەك. ئاندىن ئۇ رېستۇراندا قەرزنى تەلتۆكۈس تۈگەتكۈچە ئەمەس، بەلكى باشقا ئىش تاپقۇچىلا، مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقتىن، ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرىدۇ. ئاللاھ سىزگە ۋە مۇھاجىرەتتىكى جىمى قېرىنداشلىرىمىزغا ئاسانلىق بەرسۇن!

65 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! روزىدار ھالەتتە ھاۋا بېرىش ماشىنىسى ئارقىلىق دورىنى سۇ بىلەن ھورغا ئايلاندۇرۇپ، ھاۋا ئالسا روزىغا تەسىر يېتەمدۇ؟ (تور بەتتە ئىزدەش كۆزنىكىگە يېزىپ تاپالماي قالدىم)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كۈچلۈك قاراشتا بۇ دورىنى ھاۋا بىلەن سۈمۈرۈش روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ماشىنا دورىنى يېمەك – ئىچمەك يولىغا ئەمەس، نەپەس يولىغا كىرگۈزىدۇ. بۇ بارىدا مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=1924

66 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سىلىنىڭ بۇ پايدىلىق خىزمەتلىرىنى كاتتا ئەجر بىلەن مۇكاپاتلىغاي! 60 – سوئالنىڭ جاۋابىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى. ئارىمىزدىكى نەپسى بالا، پۇلغا تويمايدىغان شۇ ئەقىلسىزلەرنى ئاللاھ ئىسلاھ قىلغاي… ئامىن! سوئالىمغا كەلسەك: 14 – مايدا تۈركىيەدە ناھايىتى مۇھىم بىر سايلام بولماقچى ئىكەن. بۇنىڭغا نۇرغۇن ۋەتەنداشلىقى بار ئۇيغۇرلار قاتنىشالايمىز، ئىنشائاللاھ. مۇشۇ ئەھۋالدا: 1) سايلامغا قاتنىشىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بەزىلەر تۈركىيەنى تاغۇت ساناپ، سايلامغا قاتناشقانلارنى كاپىرغا چىقىرىۋاتىدۇ، بۇ توغرىمۇ؟ 2) بۇ سايلامغا قاتنىشالايدىغان تۇرۇقلۇق، ئازغىنە يول كىراسىنى ۋە بىرەر كۈنلۈك جاپانى دەپ ئۆيىدە قاراپ ئولتۇرۇشقا بولامدۇ؟ 3) سىلى بىر ئىلىم ئەھلى بولۇش سۈپەتلىرى بىلەن كىمگە بېلەت تاشلايلا؟ بىز سىلىگە ئەگىشىمىز. 4) ۋەتىنىمىزنىڭ ئازاد بولۇشى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ۋە زۆرۈر قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار قايسى؟ سوئالنى جايىدا سورىيالمىغان بولسام، توغرا چۈشىنىپ تۈزىتىپ جاۋاب بېرەرلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئاللاھقا شۈكۈر. دۇئالىرى ئۈچۈن رەھمەت. سايلامغا قاتنىشىش ۋاجىب. چۈنكى، ياخشىراق نامزاتنى سايلاشقا ئاۋاز بەرمەسلىك نالايىق كىشىلەرنىڭ باش بولۇشىغا ياردەم بەرگەنلىك بولىدۇ. مەنمۇ ۋە ھەركىم ئىمانىمىزنى، ۋىجدانىمىزنى ئاساس قىلىپ بەسىرەت بىلەن تۈركىيە ۋە تۈركىيەدىكى پۈتۈن خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئەڭ مۇناسىپ دەپ قارىغان كىشىگە ئاۋاز تاشلارمىز. ۋەتىنىمىزنىڭ ئازاد بولۇشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن نەپسىمىزنى، زېھنىيىتىمىزنى ئازاد قىلماي بولمايدۇ، ۋەللاھۇ ئەئلەم.

67 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ياپونىيەدىن بىر قېرىندىشىمىز رامازان فىترىسىنى تۈركىيەگە ئەۋەتمەكچى ئىكەن، ياپونىيەدە بەرسە ياخشىمۇ ياكى تۈركىيەگە ئەۋەتسىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تۈركىيەدە ئېھتىياجلىق ئۆز قوۋم – قېرىنداشلىرى كۆپ بولغانلىقتىن، تۈركىيەگە ئەۋەتسە ياخشى.

68 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر كىشى ئۆزىدە مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تېپىلىدىغانلىقىنى سەزسە، تۈزىتىمەن دەپمۇ نەچچە يىلغىچە تۈزىتەلمىسە، قانداق قىلىشى كېرەك؟ مەسىلەن، يالغان سۆزلەش، خىيانەت قىلىش، ئۇرۇشقاندا دەرھاللا ئاغزىنى بۇزۇش، غەيۋەت قىلىشقا ئامراق بولۇش، باشقىلارنىڭ خوتۇنىغا قىزىقىش… دېگەندەك ناچار ئىللەتلەرنى تۈپتىن تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەربىرىمىزدە ئەقەللىي تەقدىردە، ئۇ ئىللەتلەردىن بىرەرسى تېپىلماي قالمايدۇ. بۇ ئىللەتلەرگە مۇپتىلا بولغانلار ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالغان تەقدىردە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشىمۇ ئاسانغا چۈشمەيدۇ. ئەگەر ئىنسان بۇ ئىللەتلەردىن قۇتۇلۇشقا بەل باغلىغان تەقدىردە، بۇنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋاسى ئاللاھتىن قورقۇش. بىر ئىش ياكى بىر ئېغىز سۆز قىلىشتىن ئاۋۋال ئاللاھنىڭ كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئويلىسا، ئاندىن يالغان سۆزلىمەيدىغان، خىيانەت قىلمايدىغان، ئاغزىنى بۇزمايدىغان… بولىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىللەتلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ دورىسى بار. ئالايلۇق، يالغان ئېيتىشنىڭ دورىسى راست سۆزلەش، تەكەببۇرلۇقنىڭ دورىسى كەمتەرلىك، ئاللاھنى ئۇنتۇشنىڭ دورىسى ئۇ زاتنى ياد ئېتىش، بېخىللىقنىڭ دورىسى خەجلەش، رىيانىڭ دورىسى ئىخلاس… ئومۇمەن، يۇقىرىدىكى ئىللەتنىڭ تەتۈرىنى قىلىپ، نەپسىگە ئەگەشمىسە داۋالاش تامامەن مۇمكىن. راستچىل مۇئمىنلەر بىلەن ئولتۇرۇپ – قوپۇش ۋە ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈش نىپاق بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ جەڭدە تولىمۇ پايدىلىق. بۇ بارىدا مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز:

69 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ بىتكوين (Bitcoin) غا تىزىملىتىش ئارقىلىق كىرىپ، ناھايىتى ئاز مىقداردا كۈندە پۇل قازغىلى بولىدىكەن، بۇ پۇل مەلۇم مىقدارغا يەتكەندە، شۇ تۇرۇشلۇق يەردىكى بىتكوين (Bitcoin) نىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىدىن نەق پۇلغا ئايلاندۇرغىلى بولىدىكەن. بۇ شەرىئەتتە جائىزمۇ ياكى ھاراممۇ؟ جاۋاب بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئاللاھقا شۈكۈر. مەن سىز سورىغان ئىشنىڭ جەريانىنى ئەتراپلىق بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن، ھۆكمىنى بىلمەيمەن.

70 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تىنچلىقمۇ؟ رامازاندا يىڭنە سانجىتىپ داۋالانسا، روزا بۇزۇلامدۇ؟ ئاندىن يىڭنە سانجىلغان ئورۇنلاردا جاراھەت ئىزى پەيدا بولۇپ قالىدىكەن، تاھارەت ئالغاندا، بۇ ئورۇنلارنى يۇيماي، ھۆل قول بىلەن سىيپاپ قويساق بولامدۇ؟ ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئاللاھقا شۈكۈر. يىڭنە سانجىتىپ داۋالانسا، روزا بۇزۇلمايدۇ. يۇيۇش زىيانلىق بولسا جاراھەت ئىزىنى يۇيماي، ھۆل قول بىلەن سىيپاپ قويسا بولىدۇ.

71 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاۋۋال بارچىمىزنى بۇ رامازانغا ئۇلاشتۇرغان، بارچىنى رىزقلاندۇرغان ئاللاھقا مەدھىيە، شۈكۈرلەر بولسۇن! پۈتۈن ئىنسانىيەتكە مەرھەمەت، شەپقەت ئەلچىسى بولۇپ ئەۋەتىلگەن رەسۇلىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا دۇرۇد – سالاملار بولسۇن! رەببىمنىڭ «راھمان» سۈپىتىدىن بارچە ساھابە كىراملارغا، شەھىدلەرگە ۋە غازىلارغا چەكسىز رىزقلار نېسىپ بولسۇن! رەببىمنىڭ 99 ئىسىم – سۈپىتىدىن ئىسلام ئۈچۈن، ھەق ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، شەھىد بولغان، ئاداشماي، تەۋرەنمەي خىزمەت قىلغان، قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە قىلىدىغان بارچە سالىھ ۋە سالىھە مۇئمىنلەرگە سالاملار بولسۇن! سىز ۋە ئائىلىڭىزگە ئىككى دۇنيالىق سائادەت، ئېھسان ۋە ئېسەنلىك تىلەيمەن! ئاخىرەتلىكىڭىزگە جەننەتى فىردەۋسنى، رەسۇلىمىزغا قوشنا قەسىر – سارايلىرىڭىزنىڭ بولۇشىنى سورايمەن. ئىلىمىڭىزنىڭ تېخىمۇ زىيادە، مىللىتىمىزگە ۋە ئۈممىتىمىزگە پايدىلىق بولۇشىنى، تېنىڭىزنىڭ سالامەت تۇرۇشىنى ھەممىمىزنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئامىن!

سوئالىم: بۈگۈن ئائىشە ئانىمىز توغرۇرلۇق بىر لېكسىيەدە فاتىمە ئانىمىزنى «جەننەتنىڭ خانىشى» دەپ تەرىپلىگىنىنى ئاڭلىدىم. بىر مەنبەدە فاتىمە ئانىمىزنىڭ رەسۇلىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، مىراس خاپىلىقى تۈپەيلى خەلىفە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا گەپ قىلماي تۈگەپ كەتكەنلىكى، ھەتتا ھەزرىتى ئەلىنىڭمۇ خېلى مەزگىلگىچە خەلىفەگە بەيئەت بەرمىگەنلىكى بايان قىلىنىپتۇ. ئەمما، دىنىمىزدا بىر مۇئمىننىڭ بىر مۇئمىنگە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇشىغا يول قويۇلمايدۇ (ھەدىسنى توغرا ۋە تولۇق بايان قىلالمىدىم، بولسا ئۆزرىلىك بىلىپ تۈزىتىپ قويالا، رەھمەت). بۇ نۇقتىدىن فاتىمە ئانىمىزنىڭ بۇنداق تەرىپلىنىشىنى ھەدىس بىلەن قانداق باغلاپ چۈشىنىش مۇمكىن؟ ھەممىڭلارنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ ئىككى دۇنيادا زىيادە قىلسۇن، ئامىن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. خالىس تىلەكلىرىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. مەنمۇ ئاللاھ ئىگەمگە ھەمدۇسانا، پەيغەمبىرىمىزگە دۇرۇد – سالام يوللاش بىلەن بىرگە سىزگە دۇنيا – ئاخىرەتلىك سائادەت تىلەيمەن.

جەننەتىي ئاياللارنىڭ گۈلتاجىسى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەبۇبەكرى سىددىقتىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قويۇپ كەتكەن، ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھقا ئۇرۇشسىز غەنىيمەت قىلىپ ياندۇرغان خەيبەردە، فەدەكتە ۋە مەدىنەدىكى ۋەقفلىرىدە قالدۇرغان مال – مۈلكتىن ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹بىز پەيغەمبەرلەردىن مىراس قالمايدۇ. قالدۇرغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى سەدىقەدۇر› دېگەن ئىدى» دېگەندە، ھەزرىتى فاتىمە خاپا بولۇپ، تاكى ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە گەپ قىلمىغان. ھەزرىتى فاتىمە رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ئالتە ئاي ئۆمۈر كۆرگەن («سەھىھەين»).

بۇ مال – مۈلكلەرنى خەلىفە بىر تەرەپ قىلاتتى ۋە ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ دېگىنى توغرا ئىدى. كېيىنكى ھەزرىتى ئۆمەر، ئوسمان ۋە ھەتتا ھەزرىتى فاتىمەنىڭ ئېرى ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ خەلىفە بولغاندىن كېيىن ئۇ مال – مۈلكنى شۇ بويىچە بىرتەرەپ قىلىپ ماڭغان. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تۇتقۇزماي ئۆزى جايىغا تارقىتىپ بىرتەرەپ قىلاتتى، ئۇندىن كېيىن ئەلىنىڭ ئوغلى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىدا بولدى، ئۇندىن كېيىن ئەلىنىڭ ئوغلى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىدا بولدى. بۇ ماللار ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەقفەسىدۇر. يەنى بۇ مال – مۈلك شەخسىي مال – مۈلك بولماستىن، دۆلەت رەئىسى ۋە خەلىفە بىر تەرەپ قىلىدىغان دۆلەتنىڭ مېلى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. شەخسىي مال – مۈلك بولغان تەقدىردىمۇ پەيغەمبەرلەر مىراس قالدۇرمايدۇ.

ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مىراس سورىغىنىدا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ھەدىس شەرىف بىلەن قايىل قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بەزى ئاياللىرىمۇ مىراس تەلەپ قىلغاندا، ئوخشاشلا رەت قىلىنغان. ئۇلارمۇ ھەدىسنى ئاڭلاپ توختاپ قالغان.

ئاندىن ۋەقفە ماللارنى ئۆزى ياكى ھەزرىتى ئەلى باشقۇرۇشنى سورىغاندا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۇنىمۇ رەت قىلغان. بۇ يەردىكى رەت قىلىش ئۇلارغا تېگىشلىك ھەقلىرىنى بېرىشنى رەت قىلىش ئەمەس، شۇ مال – مۈلكنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىشنى رەت قىلىشتۇر. ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مەرتىۋىسى شۇنچە كاتتا بولسىمۇ مەئسۇم ئەمەس. ئىنسانچىلىقتا بۇ ئىشتىن ئاچچىقى كېلىپ رەنجىپ قالغان ۋە ۋاپات بولغانغا قەدەر قېيىداپ ئالتە ئاي مەدىنە سىرتىدا تۇرغان.

ھەزرىتى فاتىمەنىڭ ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا گەپ قىلماي تاشلاپ قويۇشى شەرىئەت ھارام قىلغان تاشلىۋېتىش جۈملىسىدىن ئەمەس. چۈنكى، ھەزرىتى فاتىمەگە ھەزرىتى ئەبۇبەكرى نامەھرەم، مەھرەملىك مەسىلىسىدە يات كىشىدۇر. ئۇچرىشىشنى رەت قىلسا، پاراڭلاشمىسا، زىيارەت قىلمىسا بولىدۇ. لېكىن سالام قىلسا ئىلىك ئالمىغان ئەھۋالمۇ يوق. مۇبادا ئۇچرىشىپ سالام قىلىشمىسىمۇ تاشلىۋېتىشكەن ھېسابلانمايتتى. چۈنكى، يات ئەر بىلەن يات ئايال سالام – سەھەت قىلىشى ۋاجىب ئەمەس. ھەزرىتى فاتىمە پەقەتلا بېرىش – كېلىش قىلماي ئۆيىدە ئولتۇرغان. دۈشمەنلىشىپ، ئاداۋەتلىشىپ قالمىغان. ھەزرىتى ئەلىمۇ فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ كېسىلىنى بېقىش بىلەن مەشغۇل بولغان ۋە ئۇنىڭغا ئاتىسىدىن ئايرىلغانغا تەسەللى بەرگەن ئاساستا، كۆڭلىنى ئاياپ ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ قېشىغا بارمىغان. ھەزرىتى فاتىمە ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئاندىن خەلىفە ئەبۇبەكرىنىڭ قېشىغا بارغان ۋە بەيئەت قىلغان.

72 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! DXN شىركىتى ھەققىدىكى (60 – سوئالدىكى) جاۋابىڭىزنى كۆردۈم، ئاللاھ رازى بولسۇن! ئاللاھ مېنى ھەم مەغپىرەت قىلسۇن! دۇئا قىلىپ قويۇڭلار، ئەمدى توختايمەن. سوئال: 1) قولۇمدا ئازراق نەرسىلەر بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھالاللىق ئىجازىتى بار، ئۇلارنى قوللانساق بولامدۇ؟ 2) قولۇمدىكى قالغان مالنى سېتىۋېتىپ پۇلۇمنى قايتۇرۇۋالسام بولامدۇ؟ ئەگەر بولمىسا، قانداق قىلىمەن؟ 3) بۇ نەرسىلەرنى ساتماي ئۆزۈم ئەكىلىپ ئىستېمال قىلىش مەقسىتىدە ئەزالىق ھالەتتە قالسام بولامدۇ؟ چۈنكى، بازار باھاسى بەك قىممەت، ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى…

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ سىزدىنمۇ رازى بولسۇن ۋە ھارامدىن يىراق قىلسۇن! 1) ھالاللىق ئىجازەتلىرى ئىشەنچسىز. كىيانى (Kyäni) ساتقانلارمۇ «ھالاللىق گۇۋاھنامەسى بار» دەيدۇ. ئەمما، مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدە كوللاگىن (Collagen) قاتارلىقلار بار. شۇڭا، ئاللىقانداقتۇر بىر يەرلەردىن ئالغان ئاتالمىش «ھالاللىق گۇۋاھنەمە»لەرگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ كوللاگىن (Collagen)، گىلاتىن (Gelatin) دېگەندەك ھارام ماددىلار بارلىقى مەلۇم بولمىسا، ئىستېمال قىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. 2) «كوللاگىن»، «گىلاتىن» دېگەندەك ھارام ماددىلار بارلىقى مەلۇم بولمىسا، قولىڭىزدىكى قالغان مالنى شاخلاتماي سېتىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ھارام ماددىلار بارلىقى مەلۇم بولسا تاشلىۋېتىسىز. 3) ئەزالىق ھالەتتە قالسىڭىز بولمايدۇ، چۈنكى، بۇ سىستېمىنىڭ ھاراملىقى ئاساسەن مۇشۇ ئەزالىق تۈزۈمىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.

73 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مۇشۇ يېقىندا رامازاندا بالىلارغا رامازاننى چىرايلىق بىر شەكىلدە چۈشەندۈرىمىز دەپ، تاملارنى ھەرخىل بېزەيدىغان ئىشلار كۆپىيىپ كەتتى. بىر ھەدىستە پەيغەمبىرىمىز «مەن تاش ۋە لاينى بېزەشكە بۇيرۇلمىغان» دەپتىكەن. ئۆزۈم كۆرمىدىم، ئەمما ئاڭلىدىم. شۇڭا، «مۇشۇ ئىشنىڭ ئىسلامدا بىر ئورنى بارمىدۇ» دەپ سورىشىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆي ۋە تۇرالغۇلارنىڭ تاملىرىنى ئېسىل رەختلەر بىلەن يۆگەپ ئىسراپ قىلىش مەزكۇر ھەدىس دائىرىسىگە كىرسىمۇ، پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ۋاقىتلىق بېزەش بۇ دائىرىگە كىرمەيدۇ. بۇ بارىدا 1 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قارىۋەتكەيسىز.

74 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر دىنىي تالىب زاكات بەرگۈدەك پۇلى بار تۇرۇپ زاكات يېسە دۇرۇس بولامدۇ؟ يەنى «خەجلەي» دېسە، ئاسانلا تۈگەيدىغان، پۇل تېجەپ زاكات بەرگۈدەك دەرىجىدە يىغىلغان. يەنە بىر سوئالىم: بىرەر تىجارەتكە دەسمايە سالغان پۇل بولسا، بىر يىل ئۆتمىگەن بولسىمۇ زاكات بېرەمدۇ؟ زاكات بەرسە، سالغان دەسمايىدىن باشلاپ ھېسابلاپ بېرەمدۇ ياكى چىققان پايدىسىغا ھېسابلاپ بېرەمدۇ؟ جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1. دىنىي تالىب ياكى ھەرقانداق شەخس بولسۇن، زاكات كېلىدىغان پۇلى بار بولسا، زاكات ئايرىشى كېرەك. زاكات يېسە دۇرۇس بولمايدۇ. 2. بىرەر تىجارەتكە دەسمايە سالغان پۇل تىجارەتكە دەسمايە سالغان ۋاقىتتىن تارتىپ ئەمەس، قولىغا كىرگەن ۋاقىتتىن تارتىپ بىر يىل ئۆتسە زاكات كېلىدۇ. 3. زاكاتنى سالغان دەسمايىگە بېرىدۇ. ئۇندىن ئالغان پايدىسى قولىغا كىرىپ بىر يىل ئۆتسە، پايدىسىغىمۇ بېرىدۇ.

75 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇكام! بانكىدىن قەرز ئېلىپ، ئۆسۈمى ئارتىپ كېتىپ تۆلىيەلمىگەن بىرىنىڭ قەرزىنى زاكات ئارقىلىق تۆلەپ قەرزدىن قۇتۇلدۇرۇپ قويسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەگەر ئۆسۈملۈك قەرزگە كىرگەن كىشى ئۆسۈملۈك قەرزدىن ئىبارەت بۇ چوڭ گۇناھقا پۇشايمان قىلىپ، ئىككىنچى قىلماسلىققا بەل باغلاپ، تەۋبە قىلغان تەقدىردە، قەرزىنى زاكاتتىن تۆلىۋەتىسە بولىدۇ؛ تەۋبە قىلمىغان بولسا، تۆلەشكە بولمايدۇ.

76 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىرسى «موھتاجلارغا تارقىتىپ بەر» دېگەن زاكات پۇلنىڭ يېرىمىنى ئۆزىمۇ موھتاج بولغانلىقتىن، بالىسىنىڭ ئۆيلىنىشى (توي ئىشلىرى) گە ئىشلەتسە بولامدۇ؟ ئەگەر بولسا، زاكات بەرگەن كىشىگە ئېيتىش كېرەكمۇ ياكى ئېيتمىسىمۇ بولىۋېرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. باشقىلار «موھتاجلارغا تارقىتىپ بەر» دەپ بەرگەن زاكاتنى تۆۋەندىكى شەرتلەر بىلەن ۋەكىل بولغۇچى ئوغلىنىڭ تويىغا ئىشلەتسە، جائىز بولىدۇ:

1) ئوغلىنىڭ ئۆيلىنىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئۆزىنىڭمۇ ئوغلىنى ئۆيلەپ قويۇش ئىمكانىيىتى بولمىسا؛

2) ئۆزىنىڭ ئوغلىغا باشقا ئوخشاش ھالەتتىكىلەردىن جىقراق بېرىۋالماسلىق؛

3) توي ئىشىدا ئىسراپ قىلماي، تويلۇق ۋە زۆرۈر بولغان خىراجىتىگىلا ئىشلىتىش.

يۇقىرىقى شەرتكە چۈشسە، زاكات بەرگەن كىشىگە ئېيتمىسىمۇ بولىدۇ.

77 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ۋاقتىڭىزنى ئايرىغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!

ئۆزۈم 30 ياش، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بەش يىلدىن كېيىن بىر يەرگە كەتمەكچى، ئاللاھ نېسىپ قىلسا. ۋاقتى كەلگەندە، ئايال كىشىنى بىللە ئېلىپ كېتەلمەيدىغانلىقىم ئۈچۈن، «ھەرقانداق بىر قىزنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇپ قويماي» دەپ بۈگۈنگىچە توي قىلمىدىم. بۇ ياشقىچە توي قىلماي كېلىش ئوغۇل بالا بولغان ماڭا تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە تەسكە توختىدى. شۇڭا، ھەر تۈرلۈك زىنادىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ بەش يىل ئىچىدە توي قىلىپ ئاجراشقان بىر ئايال بىلەن، بەش يىلدىن كېيىن ئاجرىشىدىغانغا رازىلىقىنى ئالسام ۋە بۇ بەش يىل جەريانىدا مەندىن كېيىن قالغاندا ئۆز تۇرمۇشىنى راھەت قامدىيالىغۇدەك بىرەر كەسىپ ئۆگىنىشىگە ياردەم قىلسام، ئەگەر بىرەر بالىسى بولسا، «مەكتەپ چىقىملىرىنى ئۈستۈمگە ئالسام» دېگەن نىيەتتە نىكاھىمغا ئالسام، شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولامدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى بىر ئۇيغۇر ئوغلىنىڭ ھاياتىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، مۇمكىن بولسا كىشىلىك كۆزقارىشىڭىزنى ئارىلاشتۇرماي، پەقەتلا شەرىئەت نۇقتىسىدىن جاۋاپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە دېمىسەممۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، ئەلبەتتە.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ ئىگەم سىزگە ۋە سىزگە ئوخشاش ياشلىرىمىزغا ئىللىق ئائىلە ۋە بىر ئۆمۈر ئىجىل – ئىناق ئۆتىدىغان سالىھە جۆرىلەرنى ئاتا قىلسۇن!

ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى: ﴿ئۆيلىنەلمەيدىغانلار ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغۇچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن﴾(24/«نۇر»: 33) دەپ بۇيرۇغان.

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا مەڭگۈلۈك نىكاھ قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلارنى ئىپپەتلىك بولۇشقا بۇيرۇغان. ھەرگىزمۇ «ۋاقىتلىق نىكاھلىنىپ تۇرۇڭلار» دېمىگەن! مۇبادا ۋاقىتلىق نىكاھ توغرا بولسا ئىدى، شۇنىڭغا بۇيرۇغان بولاتتى. چۈنكى، ۋاقىتلىق نىكاھقا ئازغىنە چىقىم كېتىدۇ.

«سەھىھۇلبۇخارىي» 4216 – ھەدىستە، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر غازىتى كۈنى ئاياللارغا مۇتئە (ۋاقىتلىق) نىكاھلىنىشنى ۋە يەرلىك ئېشەكلەرنى يېيىشنى چەكلىگەن). بۇ مەزمۇندا باشقا سەھىھ ھەدىسلەرمۇ كۆپ. يەنە كېلىپ، بارلىق ئالىملار ۋاقىتلىق نىكاھنىڭ ھاراملىقىغا بىردەك ئىجماﺋ قىلغان.

78 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ ئۇستاز! ئاللاھ ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ۋە ئەڭ توغرىسىنى بىزگە يەتكۈزۈشكە مۇۋەپپەق قىلسۇن!

مەن دې ئېكىس ئېن (DXN) مەھسۇلاتى توغرىسىدا بىرنەچچە مەسىلە ھەققىدە پەتۋا سورىماقچى ئىدىم. مەن DXN غا ئەزا بولغىلى نەچچە كۈن بولغان ئىدى، ئۆزۈم ئىشلىتىش ۋە سېتىش نىيىتىم بار ئىدى، «DXN مەھسۇلاتلىرىنى شاخلىتىپ سېتىش ھارام» دېگەن پەتۋانى كۆرۈپ، بۇ نىيىتىمدىن توختاپ قالدىم. سىزدىن سورىماقچى بولغىنىم:

1) مەن DXN غا ۋاكالەتچى بولغانلىقىم ئۈچۈن، ۋاكالەتچى بولمىغانلارغا قارىغاندا ئەرزان باھاغا ئەكەلدۈرەلەيمەن. ۋاكالەتچىلىكتىن چىقىپ كەتسەم، ئەرزان ئەكەلدۈرەلمەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ۋاكالەتچىلىكتىن چىقىپ كەتمەي، مەھسۇلاتلىرىنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۆزۈم ئىشلەتسەم بولامدۇ؟

2) DXN شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا كۆپ يەردىن بەرگەن «ھالاللىق ئىجازىتى» رەسىملىرىنى توردىن كۆردۇق، سىزنىڭ پەتۋايىڭىزنى كۆرۈپ ئىككىلىنىپ قالدىم، دې ئېكىس ئېن مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش، قوللىنىش ھالالمۇ ياكى…؟

3) مەن مۇشۇ «شاخلىتىپ سېتىش» دېگەن گەپنى تازا ياخشى چۈشىنەلمىدىم، مەن ئەزا بولغاندا سۈرۈشتۈرگەن ئىدىم، قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئىزدەنگەنلىكىنى ۋە نەچچە يەردىن پەتۋا سوراپ، كۆڭلى راھەت بولغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ مەھسۇلاتنى بازارغا سېلىپ، قېرىنداشلىرىمىزغا تونۇشتۇرغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ شاخلىتىپ سېتىشقا كىرمەيدىغانلىقىنى، «كىيانى Kyäni» ۋە «ئاتومىAtomy » دېگەن شىركەتلەرگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ۋە DXN شىركىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ شىركىتى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ شىركەتتە ھىجابلىق مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، كىيانى ۋە ئاتومى شىركەتلىرىگە ئەزا بولسا، مەلۇم مىقداردا پۇل تۆلەپ، مال ئېلىپ ئەزا بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى، لېكىن DXN شىركىتىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن، پۇل – مال ياكى باشقا بىرەر شەرت قوشمايدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى، «ھەقىقەتەن شۇنداق بولدى» ھەم «مال ئېلىش شەرت ئەمەس»، خاھلسام سېتىپ پايدىلانساممۇ بولىدىكەن، خاھلسام ساتماي ئۆزۈم ئىشلىتىپ پايدىلانساممۇ بولىدىكەن، ھەم «DXN شىركىتى مۇسۇلمانلارنىڭ شىركىتى» دېگەندىن كېيىن خاتىرجەم ئەزا بولغان ئىدىم، ھېچ بەدەل تۆلىمەيلا ئەزا بولدۇم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ سىزنى ھالال ۋە پاك رىزىققا مۇيەسسەر قىلسۇن!

1) ۋاكالەتچى بولۇشىڭىزنىڭ ئۆزى جائىز ئەمەس. چۈنكى بۇ خىل سىستېمىنىڭ شەرئىي جائىز بولمىغانلىقنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇ خىل ۋاكالەتچىلىك. يەنى ۋاكالەتچى بولۇش ئۈچۈن ھەق تۆلەش ياكى تاۋار سېتىۋېلىش شەرتى، ۋەھاكازالار.

2) دې ئېكىس ئېن مەھسۇلاتلىرى شۈبھىلىك. چۈنكى بۇ ئىجازەتلەر ئەگەر فوتوشۇپ بولماي راست بولغىنىدا، ئىش باشقىچە بولاتتى، يەنە كېلىپ نۇرغۇن دۆلەتلەردە بۇ خىل گۇۋاھنامەلەر پۇلغا سېتىلىۋاتىدۇ. قالغىنى 72 – سوئالنىڭ جاۋابىدا دېيىلىپ بولدى.

3) بۇ شىركەتنىڭ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان شىركەتلەرنىڭ تىجارەت ئۇسۇلىنى ھالال دېگەن پەتۋا يوق. ئەكسىچە ھارام دېگەن نۇرغۇن پەتۋا بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە پەتۋا كومىتېتلىرىمۇ بار. بۇ شىركەت مۇسۇلماننىڭ شىركىتى بولسىمۇ بەرىبىر، چۈنكى قىمار ۋە جازانەنى مۇسۇلمان قىلسا، دۇرۇس بولۇپ قالمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ شىركەتنىڭ پائالىيىتىنى نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلەرمۇ ھەتتا مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەرمۇ چەكلىۋەتكەن. بۇ شىركەتتە ھىجابلىق مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىمۇ ياكى بۇ شىركەتنىڭ سودىسىنى ھىجابلىق ئاياللارنىڭ قىلىشىمۇ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق. چۈنكى، بۇنداق شىركەتلەرنىڭ تىجارىتىنى دەل مۇشۇنداق ھىجابلىق ئاياللار قىلىدۇ. بۇلارنىڭ نەزەرىدە ھىجابنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغان ئاللاھ باشقا، ماۋۇ ھارام تىجارەتنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغان ئاللاھ باشقىمۇ بىلمىدىم. لېكىن ناماز بىلەن ھىجابتا شەرىئەتنىڭ ھۆكمىگە ئۇناپ، تىجارەتتىكى ھۆكمىنى رەت قىلىشتەك دىننىڭ بىر قىسمىنى قوبۇل قىلىپ، بىر قىسمىنى رەت قىلىش خاھىشى ئېغىر بولۇۋاتىدۇ. شىركەتنىڭ سىستېمىسىدا ۋاكالەتچى بولۇش ئۈچۈن ھەق تۆلەش ياكى تاۋار سېتىۋېلىش شەرتى، ئۆزى ئارقىلىق ئەزا بولغانلارنىڭ ھەر قېتىملىق سودىسىدىن ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىكىلەرنىڭ ھەر قېتىمقى سودىسىدىن كىرىم قىلىش، نومۇر توپلاش ئۈچۈن ئاشۇرۇپ ماختاپ بازارغا سېلىش، توپلىغان نومۇرلارنى زىيان تارتىش… قاتارلىق ئىشلار بار. ئۇنىڭدىن سىرت بازار قىممىتىدىن بەكلا ئاشۇرۇپ سېتىش بار. سىزگە ئۇنداق شەرتلەرنى قىلماي ساتقانلار بولسا، ئۆزلىرى شۇنداق شەرتلەر بىلەن ئەزا بولۇپ، سىزگە ئۇ شەرتلەرنى قوشماي ساتقان بولۇشى ئېنىق. بۇ ئەھۋالدىمۇ سېتىۋېلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا سىز شۇ ئىشقا ۋە گۇناھقا ياردەم بەرگەن بولىسىز. نورمال تاۋارلاردەك دۇكاندا ياكى توردا قويۇپ ساتسا، شۈبھىدىن خالىي بولسا ئىشلەتسىڭىز بولاتتى. لېكىن، مەيلى «كىيانى Kyäni» بولسۇن، مەيلى «ئاتومىAtomy » بولسۇن، مەيلى DXN بولسۇن ھەممىسىدە ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس.

79 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، ياخشى تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ تۇتىۋاتقان رامازانلىرىنى قوبۇل قىلسۇن!

1) ئۇستاز! قۇرئاننى تاھارەتسز ھالدا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

سەئۇدىدا ئوقۇۋاتقاندا «ھارام» دەپ ئۆگەتكەن، ئەمما يولدىشىم «ھارام ئەمەس» دەپ ئىختلاپلىشىپ قالدۇق. تەفسىرى ئىبنى كەسىرنىڭ ئۇيغۇرچسىدا بۇ ھەقتە توختالماي، «ئۇنى ئاسماندا پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ، شەيتانلار تۇتالمايدۇ» دەپتۇ…

2) مەكتەپتە «رامازاندا ئەزان چىققان ھامان يېيىش – ئىچىشتىن توختاش كېرەك» دەپ ئۆگەتكەن ئىدى. بىر كۈنى سوھۇرلۇق ھازىرلاشقا كېچىكىپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن مەن «ئەزان چىققۇچىلىكلا ۋاقىت بار» دېسەم، يولدىشىم «ياق، ئەزان چىقىپ بولغۇچە يېسەڭ بولىدۇ» دەپ قالدى. «چۈشەندۈرىمەن» دېسەم، «قايسى ھەدىستە باركەن» دەپ تۇرىۋالىدۇ.

مۇشۇ ئىككى مەسلىدە بىر جاۋاب بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ ئەجرلىرىنى بەرسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ سىلىنىڭمۇ روزىلىرىنى ۋە باشقا تائەت – ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلسۇن!

1) جائىز. 2) سوھۇرلۇقتىن توختاش ئەزانغا ئەمەس، تاڭ ئېتىشقا باغلىق. شۇڭا، ئەزاننى قانداق ۋاقىتتا ئوقۇيدۇ، بۇنى مۆلچەرلەشتىن پەرق چىقىدۇ. ئومۇمەن، سوھۇرلۇقتا كېچىكىپ قالغان كۈنلەردە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيەدە ئەزان توختاپ بولغۇچە يېسە بولىدۇ. مەزكۇر ئىككى مەسىلىدە يولداشلىرىغا ئىتائەت قىلسىلا بولىدۇ.

80 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. رامازان ئېيىدا بولسۇن ياكى باشقا ۋاقىتتا بولسۇن، قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئوقۇش بىلەن قۇرئاننىڭ ئەرەبچىسىنى ئوقۇشتىن ھاسىل بولغان ئەجر ئوخشاش بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ سىلىنىمۇ سالامەت قىلسۇن! ئەرەبچە ئەسلىنى تىلاۋەت قىلىشنىڭ ساۋابى باشقا ھەرقانداق تەرجىمىسىنى ئوقۇشنىڭ ساۋابىدىن كۆپلىكىدە شەك يوق، ھەرئىككىسىنى بىللە ئېلىپ بېرىش ۋە پۇختا يادلاش تېخىمۇ ئەۋزەل، شارائىت بولمىسا، قۇرئان تىلاۋىتىنى تىڭشاشمۇ ياخشى. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

81 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاخشام خۇپتەندىن سەھەر بامداتقىچە پاك بولدۇم دەپ غۇسۇل قىلىپ ناماز ئوقۇدۇم، لېكىن پېشىندا ھەيزنىڭ ئاخىرلاشمىغىنىنى بىلدىم. مۇشۇ خىل ئەھۋالدا «پاكلاندىم» دەپ ھېس قىلساممۇ، غۇسۇلنى كىچىكتۈرۈپ، تېخىمۇ جەزم قېلىش ئۈچۈن، يېرىم كۈن ياكى بىر كۈن ساقلىسام، كېيىن ئاللىقاچان پاكلانغاننى جەزم قىلغاندا ئارىلىقتا تاشلىنىپ قالغان نامازلار قازا قىلغانغا ھېساب بولغان بولامدۇ؟ ئايال كىشىنىڭ ھەقىقىي ھەيزى توختىغان ۋاقىتنى بىلىشى بەزىدە سەل تەس بولۇپ قالىدىكەن. «پاكلاندىم» دەپ ئويلىغاندا، پاكلانمىغان. «تېخى پاكلانمىدىم» دەپ ئويلاپ كىچىكتۈرسە، پاكلانغان ئەھۋال يۈز بېرىدىكەن. ئېنىق ئايرىش ئۇسۇلى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. جەزم قىلىش ئۈچۈن ساقلايدۇ. جەزم قىلغاندىن كېيىنمۇ نامازنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرسە ئاندىن قازاسىنى قىلىدۇ. بۇ ھەقتە توربېتىمىزدىكى «ئاياللاردىن كېلىدىغان خۇن ئەھكاملىرىنىڭ بايانى» دېگەن ماقالىلەردىن پايدىلانغايسىز.

82 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! قانداق ئەھۋاللىرى، ياخشى تۇرۇۋاتاملا؟ مەقسەتكە كەلسەك، مەن «ئۆمرە قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ يەردە تىجارەت قىلاي» دېگەن نىيەتتە سەئۇدى ئەرەبىستانغا مېڭىشقا تەمشەلگەن ئىدىم. ماڭىدىغان ۋاقىتتا كۈمۈش ئېلىپ ماڭسام، ئىستانبۇل ئايرودرومىدىن جىددە ئايرودرومىغا نورمال كىيىم كىيىپ ماڭسام بولامدۇ ياكى چوقۇم ئىھرام باغلاپ كىرىش شەرتمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. «جىددە ئىھرام باغلايدىغان مىيقات ھېسابلىنامدۇ – يوق؟» بۇ ھەقتە ئالىملارنىڭ ئوخشىمىغان قاراشلىرى مەۋجۇت. بىرلىككە كەلگەن قاراش شۇكى، جىددىدە تۇرۇشلۇق كىشىلەر ھەج ۋە ئۆمرە قىلماقچى بولسا، جىددىدىنلا ئىھرام باغلاپ ماڭسا بولىدۇ. بۇلار يەنە بىۋاسىتە مەككەگە كىرمەي ئايلىنىپ مېڭىپ، باشقا بىر ئىھرام باغلاشقا بېكىتىلگەن ئورۇنلارغا بېرىپ قالسا، شۇ جايدىن ئىھرام باغلايدۇ.

ئىختىلاپ بار تەرىپى بولسا «سىرتتىن كەلگەنلەر جىددىدىن ئىھرام باغلىسا بولامدۇ – يوق؟» دېگەن مەسىلىدۇر. ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بەزى ئالىملىرى «جىددىنى ئىھرام باغلايدىغان مىيقات دەپ قاراشقا بولىدۇ» دەپ پەتۋا بەرگەن. بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە ۋە تەھلىللەرگە، كەلتۈرگەن دەلىل – پاكىتلارغا نەزەرىمىزنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن، «جىددىنى ئىھرام باغلايدىغان جاي دەپ قاراشقا بولىدۇ» دېگەنگە قانائەت ھاسىل بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ھەج ياكى ئۆمرەگە بارغان كىشى جىددەگە چۈشۈپ ئايرودرومدا ياكى جىددە شەھرىدە ئىھرام باغلىسا بولىدۇ. سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇنقى ئايرودرومدا ياكى ئايروپىلاندا ئىھرام باغلاش ئىختىلاپقا دۇچار قىلمايدۇ.

83 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن «پەقەت زاكات ئالمايمەن» دەپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما، ھازىر 20 مىڭ لىرادىن جىقراق قەرزىم بار. مۇشۇ قەرزىمنى تۆلەش ئۈچۈن زاكات ئېلىپ قەرزىمگە بەرسەم بولامدۇ؟ ئەمما، مەن ئۇنىڭدىن يېمەيمەن. قولۇمدا پۇل تاپىدىغان موتسىكلىتىمدىن باشقا ھېچقانداق مۈلكۈم يوق. قەرزىم بولمىغان بولسا، زاكات ئالمايتتىم. ئائىلەمنى ئۆزۈم ئىشلەپ باقىمەن، مۇشۇ قەرزنىلا تۆلىگىلى پۇل يوق، ھازىر ئىشلىگەن پۇل ئائىلىگە ئاران يېتىدىكەن. بىر قېرىندىشىمدا 8 يېرىم مىڭ تېلى ئېلىشىم بار، ئەمما ئۇ قېرىندىشىمنىڭمۇ باشقا قەرزى باركەن، شۇڭا پۇلۇمنى بېرەلمىدى.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قەرزدار بولۇپ، قەرزنى تۆلىگۈدەك ئىقتىسادىڭىز بولمىسا، قەرزنى تۆلىگۈچە زاكات ئالسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، زاكات سەرپ قىلىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىرى «قەرزدارلار»دۇر. يەنە قەرزىڭىز بولماي قولىڭىزدا 5000$ دوللارغا يەتكۈدەك ئىقتىساد بولمىسا، پېقىر – مىسكىنلىك سۈپەت بىلەن زاكات ئالسىڭىز بولىدۇ.

84 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قېيىنئاتا كۈيئوغلىغا زاكات بەرسە دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كۈيئوغلى زاكات ئېلىشقا لايىق كىشىلەردىن بولسا، زاكاتنى كۈيئوغلىغا بەرسە بولىدۇ.

85 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىز ياۋروپادا ياشاپ يەرلىكلەردىن ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغانلىرىمىز «سىلەر مۇسۇلمانلاردا نېمە ئۈچۈن ئەر – ئايال باراۋەر ئەمەس؟ نېمە ئۈچۈن ئايال كىشى سىرتقا چىقىشتا ئەرنىڭ رۇخسىتىنى ئالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىسلامدا ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى ئۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ؟» دېگەندەك سوئاللار بولدى، بىز «بۇ ئەسلىدە بۇنداق ئەمەس» دەپ چۈشەندۈرۈش بەرسەك، «سىلەر دىنىڭلارنى ئاقلىماڭلار! پالانى، پالانىمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى» دەپ ئاغزىمىزنى تۇۋاقلاپ قويغان ئەھۋاللارمۇ بولدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا مۇشۇ گەپنى قىلىپ، بۇنىڭ ھەقىقەتەن قۇرئاندا، دىنىمىزدا بار ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان تونۇشىمىزمۇ بۇرۇن ۋەتەندە ئىسلام ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇپ، مىسىردا بىلىم ئاشۇرغان ئادەم بولۇپ، ئۇ ئادەممۇ ھازىر بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن ئىشلار تۈپەيلى «نېمىشقا مېنىڭلا بېشىمغا كېلىدۇ؟» دېمەكلىك بىلەن ناماز – ئىبادەتلەرنى تاشلاپ، ئاللاھقا سوئال قويىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ھەتتا يولدىشىمغىمۇ «نېمىشقا ئايالىڭ سىرتقا چىقسا، ساڭا دەپ قويۇشى كېرەك؟ ئىسلام دىنىدا باراۋەرلىك يوق، ئاياللارنىڭ ئورنى يوق… » دەپ بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلىپتىكەن. يولدىشىم: «سەن بىزدىن كۆپ بىلىسەن، سەن بىلەن مۇنازىرە قىلغۇم يوق، ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچى ۋە ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر» دەپ قويۇپ جىم تۇرۇپتۇ. ئۆيگە كېلىپ ماڭا: «مۇشۇنداق ۋاقىتتا زادى نېمە دېيىشىمنى بىلمەي قالىمەن» دەپ سۆزلەپ كەتتى. مەن: «بىز ئۇ ئادەمگە دۇئا قىلايلى» دېدىم. بىز مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلسەك، يەرلىكلەرگە قانداق چۈشەندۈرۈش بەرسەك بولىدۇ؟ شۇنداق سۆزلىگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغىچۇ؟ رەھمەت ئۇستاز! ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھنىڭ شەرىئىتى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئەھكاملارنى ئېلىپ كەلگەندۇر. بۇنىڭ جۈملىسىدىن ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ياكى (ئېرى يوقلىرىنىڭ) ۋەلىيلىرىنىڭ ئىجازىتىسىز ئۆيىنىڭ سىرتىغا چىقماسلىقىدۇر. چۈنكى، ئەر باشقۇرغۇچى، مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆينىڭ خوجىسى ھەم ئاللاھنىڭ ئالدىدا جاۋابكاردۇر. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪم: «ﮪﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ئاسرىغۇچىسىلەر، ﮪﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ﺋﯚﺯ قولۇڭلاردىكىلەردىن ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭﺳﯩﻠﻪﺭ. ئەمىرمۇ ئاسرىغۇچىدۇر، ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﯩﺪﯨﻦ جاۋابكاردۇر؛ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ئاسرىغۇچىدۇر، ﺋﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ جاۋابكاردۇر»(بۇخارىي، 2409) ﺩﯦﮕﻪن. ئىجازەتنى ھەر قېتىمدا ئايرىم – ئايرىم ئالمىسىمۇ، ئومۇمەن ئىجازەت ئالسا يېتەرلىك ئىكەنلىكىدە ئۆلىمالىرىمىز ئارىسىدا باشقىچە قاراش يوق. شۇنداقلا ئۆلىمالىرىمىز ئەر ياكى ۋەلىي ئايالنىڭ شەرئىي ھىجابلانماستىن ياكى ئەتىر چېچىپ سىرتقا چىقىشىغا ئىجازەت بېرىشىنى ھارام دەپ قارايدۇ. بىز كۈنىمىزدە كۆرۈۋاتقان شەرئىي، ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقىي چەكتىن ئېشىشلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ نۇقتىغا رىئايە قىلمىغانلىقتىن بولۇۋاتىدۇ. ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلۇشىغىمۇ ئاياللارنىڭ ئىجازەتسىز سىرتلارغا چىقىشى سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. ياۋروپا ۋە غەرب ئەللىرىدىكى ئائىلە تۈزۈمىنىڭ يىقىلىشىمۇ مۇشۇ مەسىلىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئائىلىنىڭ چۇۋۇلماي، ساغلام مېڭىشى، ئاياللارنىڭمۇ ئەرنى ۋە پەرزەنتنى شۇنداقلا ئۆيىنى ئاسراشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلماسلىقى ئۈچۈن، ئۆينىڭ باشلىقى بولغان ئەرنىڭ ياكى ۋەلىينىڭ ئىجازىتى شەرت قىلىنغان. مەسىلەن، بۇ سەۋەبتىن دىنىمىزدا ئاياللارنىڭ مەسجىدلەرگە چىقىپ ناماز ئوقۇشى كەسكىن تەلەپ قىلىنمىغان ۋە مەسجىدكە چىقىپ ناماز ئوقۇماقچى بولسىمۇ، ئەرلىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشنى شەرت قىلغان ۋە ئەرلەرنى بۇنىڭغا ئىجازەت بېرىشكە بۇيرۇغان. بۇ ھەقتە قۇرئان ۋە ھەدىستىن دەلىللەرمۇ كۆپ.

«نېمە ئۈچۈن ئىسلامدا ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى ئۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ؟» دېگەن سوئالغا كەلسەك، ئاللاھ تائالا ئايال كىشىنىڭ ئېرىگە بويسۇنۇش كېرەك بولغان ئىشلاردا بويسۇنماي، ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا قارشى چىققان ئەھۋالدا، ئائىلىنىڭ چۇۋۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆينىڭ خوجايىنى ۋە باشلىقى بولغان ئەرگە بۇ ھەقنى بەرگەن. ئۇنداق بولمىغىنىدا، ھەر قېتىم ئىتائەتسىزلىك كۆرۈلگىنىدە، سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ ھەل قىلىشقا توغرا كەلسە، ئائىلە بۇزۇلىدۇ. ئەر ئالدى بىلەن چىرايلىق سۆز، نەسىھەت ۋە ئاقىلانە يېتەكلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇنى تۈزىتىشكە ئۇرۇنۇشى كېرەك. ناۋادا بۇلار كار قىلمىسا، تۈزۈلۈپ كېتىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاياللىق ھېس – تۇيغۇسىنى قوزغاشقا ئۇرۇنۇپ، ياتىدىغان جاينى ئايرىپ، ئايالى بىلەن بىللە ياتماسلىق چارىسىنى قوللىنىشى كېرەك. بۇ ئۇسۇللارمۇ كار قىلمىسا، قاتتىق ئۇرماسلىق ۋە يۈزىگە تەگكۈزمەسلىك شەرتى بىلەن قولى ئارقىلىق ئەدەبلىسە بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿سىلەر ئىتائەتسىزلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار! (بۇ چارە ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار! (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەبلەش مەقسىتىدە بوشراق ئۇرۇڭلار! ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار! ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 34). بۇنىڭ مۇقابىلىدە ئەر كىشىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگىنىدە، ئايال كىشى ئەرنى ئۇرۇپ ئەدەبلىيەلمەيدىغان بولغاچقا، قازىغا ئەرز قىلسا، قازى ئەرنى ئۇرۇپ ئەدەبلىيەلەيدۇ. بەلكىم ئەر تۈرمىگە سولىنىشىمۇ مۇمكىن. دېمەك، بۇ خىل ئەدەبلەش ئايالغىمۇ، ئەرگىمۇ ئوخشاش بار. شۇڭا، بىز مۇسۇلمانلارغا «بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىگەن تۈزۈمى» دەپ چۈشەندۈرۈپ، كافىرلارغا «بۇ خىيالىي ئېدىئال ئادالەت مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتكە تايانغان، ئىنسان تەبىئىتىنى كۆزدە تۇتقان ۋە ئائىلىنى قوغداشنى نىشانلىغان ئىلاھىي تۈزۈم. سەن بىزگە باراۋەرلىكتىن سۆز ئاچماي ئۆزۈڭنىڭ شالتىقىڭنى تازىلا» دېيىش لازىم. چۈنكى، ياۋروپادا ئومۇميۈزلۈك ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىنى ۋە ئايال دوستلىرىنى ئۇرۇشى ئىنتايىن ئېغىر. بۇ ھەقتە سىتاتىستىكىلىق مەلۇمات بار. مەسىلەن، بىرىتانىيەدە %25 ئاياللار ئەرلىرىدىن ياكى ئەر دوستلىرىدىن تاياق يەيدۇ. بۇ تاياقلارنىڭ %77 تى ھېچ ئورۇنسىز. ئۆلتۈرۈلگەن ئاياللارنىڭ %50 تى ئەرلەر ياكى ئەر دوستلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. دېمەك، بىزنىڭ دىنىمىزدا مەلۇم ئەھۋاللاردا ئاخىرقى چارە سۈپىتىدە ئايالنى ئۇرۇشقا رۇخسەت قىلغان تۇرۇقلۇق، يەنىلا ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋال ئاياللارنى ئۇرۇش غەرب دۆلەتلىرىدە ئېغىرراق.

86 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! تىنچلىقمۇ؟ كۆپ جاپا چەكتىڭلار، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن! مېنىڭ كىچىككىنە بىر تەكلىپىم بار ئىدى. بولسا مۇشۇ سوئال – جاۋابلارنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى بولغان بولسا، بەك خۇرسەن بولاتتۇق، چۈنكى ئاياللار كۆپرەك ۋاقىت قازان بېشىدا بولۇپ قالىدىكەنمىز، شۇڭا تاماق ئەتكەچ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاچ ئاڭلىيالايتتۇق، داۋاملىق تېلېفوننى تۇتۇپ ئولتۇرالمايدىكەنمىز، بۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن بىلىمدىن مەھرۇم قېلىۋاتىمىز، شۇڭا ئويلىشىپ باقساڭلار. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ سىزدىنمۇ رازى بولسۇن! تەكلىپىڭىز ئورۇنلۇق. بىز يېتىشىپ بولالمايۋاتىمىز. بولسا بىرىڭلار ئوقۇپ تارقاتقايسىلەر.

87 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۆزلىرىنىڭ بۇلتۇرقى 163 – سوئالدىكى دەرنەكلەر تارقاتقان «BIM / A101 / ŞOK كارتىسى»نى ئەرزان باھادا سېتىشقا قارىتا بەرگەن پەتۋالىرىنى ئوقۇدۇم. ئەمما پەتۋادىكى «لېكىن» دەپ، كەينىدە بەرگەن چۈشەندۈرۈشلىرىنى چۈشىنەلمىدىم. يەنە بىرسى: ئۇ ئىچىدە پۇل بار كارتا قىممەتلىك نەرسە يەنى پۇلغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنماي، نېمىشقا «مەھسۇلات» دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ؟ شۇنداق بولسا، كارتىنىڭ ئۆزىنى مەھسۇلات دېگەندىن كېيىن، ساتقۇچىنىڭ قولىدا نەق سېتىشقا بولىدىغان بىر مەھسۇلات بار بولغان بولدى، ئۇنداقتا نېمىشقا جائىز بولمايدۇ؟ «بىم»نىڭ ئاشۇ كارتىسىنى مەھسۇلات دەپ ئېتىبارغا ئالغاندىن كېيىن، «قولىدا ئېنىق قىممەتلىك نەرسە بار بولدى» دېگەنلىك بولمامدۇ؟ ھازىرقى بۇ جاۋابتا «بۇ خىل تىجارەت جازانە بولمايدۇ، ئەمما قولدا يوق نەرسىنى ساتقان بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن جائىز ئەمەس» دېگەنلىك بولدىمۇ؟ مەن مۇشۇ «قولىدا يوق نەرسىنى ساتقان بولۇپ قالىدۇ» دېگەن يەرنى يەنىلا چۈشەنمەيۋاتىمەن؟!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ تۈرلۈك كارتىلار مەلۇم قىممەتتىكى تاۋارلارنىڭ ھۆججىتى بولۇپ، پۇلنىڭ ھۆججىتى ئەمەس. چۈنكى، ئۇنىڭغا تاۋار ئالالايدۇ. پۇل ئالالمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ «تاۋار ۋە مەھسۇلات» دەپ قارىلىدۇ. كارتىنىڭ ئۆزىنى مەھسۇلات دېگەندىن كېيىن، كارتىنى ساتقۇچى ئۇ مەھسۇلاتلارنى تېخى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالمىغان. سەدىقە ياكى ھەدىيەنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالمىغۇچە ئۇنىڭغا ئىگە بولالمايدۇ. يەنە ھەدىسلەردە قولىدا بولمىغاننى ۋە قولىغا تاپشۇرۇپ ئالمىغان نەرسىنى سېتىش چەكلەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەھسۇلاتتا ئېنىقسىزلىق بار. ئۇ مەھسۇلات نېمە، سۈپىتى قانداق؟ بۇ مۇجمەل. شۇڭا، ئۇ مەھسۇلاتلارنى بىمدىن قولىغا تاپشۇرۇپ ئالغاندا، خاھلىغان باھادا ساتسا بولىدۇ.

88 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىز ئۇزۇندىن بېرى ھەر ئايلىق مائاشىمىزدىن مەلۇم بىر قىسمىنى، شۇنداقلا باشقا قولىمىزغا كىرگەن پۇلنىڭ بىر قىسمىنى شۇ چاغدىلا زاكات دەپ ئايرىپ كېلىۋاتاتتۇق.. يېقىندا بىر دوستىمىز «سىلەرنىڭ ئايلىق بېرىۋاتقىنىڭلار سەدىقە بولىدۇ، زاكاتقا ھېساب بولمايدۇ» دېدى. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسىڭىز. سىزچە بۇ زاكات بولمامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئايلىق مائاش ۋە باشقا كىرىملەر قولىغا كىرگەندىن كېيىن زاكات ئايرىش مەسىلىسىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى بىردەك ئەمەس. بەزى ئالىملار قولغا كىرگەن كۈنلەردە %10 ئايرىيدۇ دەپمۇ قارىغان. ئەگەر %10 ئايرىغان بولساڭلار بۇ قاراشقا ئاساسەن بەرگىنىڭلار زاكاتقا ھېساب. ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئايرىغان بولساڭلار تولۇقلاپ بېرىۋېتىشىڭلار كېرەك بولىدۇ.

يەنە بىر قاراشتا ئايلىق مائاش ۋە باشقا كىرىملەر قولىغا كىرگەندىن كېيىن زاكات ئايرىش ئۆلچىمىگە يەتسە ۋە بىر يىل ئۆتسە، ئاندىن %2.5 زاكات ئايرىش ۋاجىب بولىدۇ. سىلەرنىڭ ھەر ئايدا ۋە ياكى ھەر قېتىم قولغا پۇل كىرگەندە ئايرىغان زاكىتىڭلار زاكات ۋاجىب بولۇشتىن بۇرۇن ئادا قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ھەر قېتىم قولغا كىرگەن پۇلنىڭ مىقدارىغا قارايمىز: ئەگەر ھەر قېتىمقى مائاش ياكى پۇل نىسابقا يەنى 5 مىڭ دوللارغا يەتمىگەن بولسا، بۇ زاكات ۋاجىب بولۇشتىن بۇرۇن قىلغان سەدىقە بولىدۇ. نىسابقا يەنى 5 مىڭ دوللارغا يەتكەن مائاشقا زاكات ئايرىغان بولساڭلار، بۇ زاكات ھېسابلىنىدۇ. بىر يىل ئۆتمىگەن بولسىمۇ، بۇرۇنراق بېرىۋەتكەن بولىسىلەر.

بۇ قاراشقا ئاساسەن، مۇبادا ھەر ئايدا نىسابقا يەتمىگەن مائاشقا زاكات ئايرىپ ماڭغان بولساڭلار، ئۇ ھېساب ئەمەس. ھەر يىلى رامازاندا قولۇڭلاردا 5 مىڭ دوللارغا يەتكەن پۇل قالىدىغان بولسا، بۇ پۇللارنىڭ زاكىتىنى ئۆتكەن يىللارغا ھەم بېرىشىڭلار كېرەك بولىدۇ. ھەر يىلى رامازاندا قولۇڭلاردىكى پۇل 5 مىڭ دوللارغا يەتمىسە، ئۆتكەن يىللارغا زاكات بېرىشىڭلار كېرەك بولمايدۇ.

ئەمدى بۇندىن كېيىن كېيىنكى قاراش بويىچە ئىش تۇتۇپ مۇنداق قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن:

ھەر يىلى رامازاندا قولۇڭلاردىكى ئېھتىياجدىن ئارتۇق پۇل 5 مىڭ دوللارغا يەتكەن ئەھۋالدا، %2.5 زاكات ئايرىيسىلەر. 5 مىڭ دوللارغا يەتمىسە ئايرىمايسىلەر.

89 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! مەلۇم بىر دىنى ئوقۇغۇچىنىڭ 15 مىڭ دوللار پۇلى بار بولۇپ، ئىجارىگە بېرىش مەقسىتىدە بىر ماشىنىنى شېرىك بولۇپ سېتىۋالغان ئىدى. ئۇ ئوقۇغۇچى يېرىم كۈن ئىشلەپ، يېرىم كۈن ئوقۇيدۇ. ماشىنىدىن كەلگەن ۋە ئىشلەپ تاپقان پۇلى نورمال ئىستېمال سەۋىيەسىدە ئائىلە خىراجىتىگە يەتمەيدۇ. بۇ ئوقۇغۇچى يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا ھەر تۈرلۈك جەمئىيەت ۋە ۋەقفلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ياردىمى ۋە زاكاتتىن بەھرىمەن بولسا بولامدۇ؟ ئەگەر ئۇ تولۇق كۈن ئىشلىسە، ئوقۇشى توختاپ قالىدۇ. ئەگەر ئوقۇش ياردىمى ۋە زاكات ئېلىشى دۇرۇس بولمايدىغان بولسا، ئوقۇشىنى تاشلاپ ئائىلىسىنى بېقىشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ پايدىلىق ئىلىم ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن! ئىجارىگە بېرىلىدىغان ماشىنىدىكى 15 مىڭ دوللار ھەسسىڭىزنىڭ ئۆزىگە زاكات كەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ سىزنىڭ كىرىم قىلىدىغان ھۈنەر سايمانلىرىغا ئوخشاش. ئىلكىڭىزدىكى ئېھتىياجدىن ئاشقان پۇل 5 مىڭ دوللارغا يەتمىسە، ئاندىن زاكات ئالسىڭىز بولىدۇ. مەيلى زاكات ئېلىش دۇرۇس بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئېھتىياج بولسا ئوقۇش بۇرسلىرىنى ئالسىڭىز بولىدۇ.  چۈنكى، بۇرسلارنى دۆلەت ۋە تۈرلۈك ۋەقفلەر بېرىدۇ. ئۇنى چوقۇم زاكات دېگىلى بولمايدۇ.

90 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاش ئۈچۈن بىر دورىنى ئىزدەپ تاپقان ئىدىم، ئۇنىڭ ئىچىدە كالىنىڭ تەركىبى باركەن. ھالال بولغان ھايۋانلارنىڭ تەركىبى دورا ياكى باشقا يېمەكلىكلەرگە قوشۇلغان ئەھۋالدا ئىستېمال قىلسا، ھالال بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھالال چارۋىلاردىن ئېلىنغان ماددىلار، ئەگەر شۇ چارۋىلار شەرئىي بوغۇزلانسا، ئاندىن ھالال بولىدۇ. ئادەتتە شەرئىي بوغۇزلانمىغانلىرىدىن ئېلىنىدۇ. شۇڭا «كوللاگىن (Collagen)»، «گىلاتىن (Gelatin)» دېگەندەك ھارام ماددىلار بار دورىلاردىن باشقىسى تېپىلسا تېپىلدى. تېپىلمىسا، زۆرۈرىيەت جەھەتتىن ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

91 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ھامىلە 40 نەچچە كۈنلۈك بولغاندا چۈشۈپ كەتسە، يۇيۇنۇپ ناماز ۋە روزىنى ئادا قىلىپ ماڭامدۇق ياكى پاكلىنىشنى ساقلامدۇق؟ ئاللاھ رازى بولسۇن ئۇستاز!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ھامىلە 40 ~ 50 كۈنلۈك بولۇپ چۈشۈپ كەتكەن بولسا، كېلىدىغان خۇن ئىستىھازە خۇنى ھېسابلىنىدۇ، نىفاس ھېسابلانمايدۇ. 80 ~ 90 كۈندىن كېيىن ئاندىن نىفاس ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، مەزكۇر ئايال ھەر بىر نامازغا نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن، يېڭىدىن تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇيدۇ، رامازان روزىسىنى تۇتىدۇ، ئېرى يېقىن كەلسە بولىدۇ. لېكىن، ئاشۇ كۈنلەر ئىچىدە ئايلىق ئادەت كۈنلىرىگە توغرا كەلگەن كۈنلەردىكى خۇن ھەيز خۇنى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئادىتىگە ئۇدۇل كەلگەن كۈنلەردە ھەيزدار ھۆكمىدە بولىدۇ.

92 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئابدۇلئەزىز دوكتور! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن سىلىدىن زاكات توغرىسىدا سوئال سورىماقچى ئىدىم: مەن تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىمەن. قىلىۋاتقان تىجارىتىمدە ساتقان مېلىمنىڭ پۇلى تېخى قولۇمغا كەلمىدى. لېكىن، قولۇمدا قەرزگە ئايرىپ قويغان مەبلىغىم بار. بۇ ئەھۋالدا زاكاتنى قانداق ئايرىشىم كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ساتقان مېلىڭىزنىڭ پۇلى تېخى قولىڭىزغا تەگمىسىمۇ، ئۇ پۇل قولىڭىزدىكى پۇل ھېسابلىنىدۇ. يەنى باشقىلاردىن ئالالايدىغان قەرزنى قولىڭىزدىكى پۇل ھېسابلايسىز، نەتىجىدە ئۇ پۇلنى قولىڭىزدا بار ھېسابلاپ، باشقىلارغا تۆلەش كېرەك بولغان قەرزنى قولىڭىزدىكى پۇلدىن چىقىرىۋېتىسىز. ئاندىن قالغىنىغا %2.5 مىقداردا، يەنى قىرىقتىن بىرىنى بېرىسىز.

93 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئابدۇلئەزىز دوكتور! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن قۇرئان كەرىمنىڭ تەفسىرىنى بىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئايرىغان زاكىتىمغا باستۇرۇپ بەرمەكچى بولغان، تەفسىرنى زاكاتقا باستۇرساق توغرا بولامدۇ؟ ئەگەر توغرا بولسا، مەن باستۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ھاۋالە قىلغان كىشى باشقىلارغا سېتىپ پايدىلانسا توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. تەفسىرنى زاكات پۇلغا نەشر قىلىش بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا جائىز. بۇنىڭ تەپسىلىي جاۋابىنى مۇنۇ پەتۋادىن كۆرۈۋالغايسىز.

تەفسىر بېسىلىپ بولغاندىن كېيىن كەڭ ئاممىغا تارقىتىلسا، زاكات ئېلىشقا لايىق بولغان پېقىر – مىسكىنلەر قولىغا چۈشكەن نۇسخىلارنى سېتىپ خەجلىسە بولىدۇ. زاكات ئېلىشقا لايىق ئەمەس كىشىلەر سېتىپ خەجلىسە بولمايدۇ.

94 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇرۇۋاتاملا؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلىپ بەرسۇن. سوئالىم: تاھارەت ئالغاندا، كىچىك تەرەتتىن كېيىن قەغەز بىلەن ئىستىجاﺋ قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. «ئىستىجاﺋ» دېگىنىمىز چوڭ ۋە كىچىك تەرەت چىققان ئورۇننى چالما، تاش، سۇ ۋە قەغەز كەبى تازىلاش رولى بار بولغان نەرسىلەر بىلەن سۈرتۈپ تازىلاشتىن ئىبارەتتۇر. ئىستىنجائتىن مەقسەت يەرلىك ئورۇننى تازىلاش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىستىنجائنى مەقسەت ھاسىل بولىدىغان ھەرقانداق نەرسە بىلەن قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ سۇ بىلەن يۇيۇش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، سۇ تازىلاش ۋە پاكىزلاشتا ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.

95 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن بىر تۇل ئايال، مەن بۇ يىل رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى نىيەت قىلغان ئىدىم. لېكىن، كىچىك ئوغلۇمنى مەكتەپكە ئاپىرىپ، ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلاردا ئىككىلىنىپ قالدىم. ئېتىكاپ ئىچىدە تۇرۇپ سىرتقا چىقىش ياكى چىقماسلىق ھەققىدە بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاياللارنىڭ مەسجىدلەردە ناماز ئوقۇشى ئەرلەرگە ئوخشاش تەكىتلەنمىگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش سۈننەت ۋە مۇستەھەپ ئىش ئەمەس، بەلكى مۇباھ ئىشتۇر. خۇددى ئاياللار مەسجىدكە بېرىپ ناماز ئوقۇسا جائىز بولۇپ، جامائەت ساۋابىغا ئېرىشكەندەكلا، ئاياللار مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا ئېتىكاپ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ.

بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ – ئەكىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىش ئېتىكاپقا زىت بولغاچقا، بۇ ئىشلار بىلەن ئېتىكاپ بولمايدۇ. شۇڭا، «ئون ياكى توققۇز كۈن» دەپ پۈتۈن ئېتىكاپ نىيەت قىلماي، ھەر كۈنى بالىنى ئەكىلىپ – ئاپىرىپ بىكار بولغاندا، ئەتىسى شۇ چاغقىچىلىك نىيەت قىلىپ ئولتۇرسا بولىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنۇ يازمىلاردىن پايدىلانغايسىز.

96 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سوھۇرلۇق ۋاقتىدا ئويغىنالماي قالسا، «تاماق يېمەي روزا تۇتۇش ئېغىر كېلىدۇ» دەپ، شۇ كۈنى تۇتمىسا، بۇنىڭ قازاسى بىر كۈنمۇ ياكى قانداق بولىدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. رامازان روزىسىمۇ ئىبادەت بولغاچقا، باشقا ئىبادەتلەرگە ئوخشاش پەقەت نىيەت بىلەنلا توغرا بولىدۇ. روزىنى نىيەت قىلماي روزا تۇتمىغاندىن كېيىن، ئورنىغا بىر كۈن قازاسىنى قىلسا بولىدۇ. گۇناھىغا قارىتا تەۋبە قىلىپ ئىستغفار ئېيتىدۇ.

97 – سوئال: ئەسسەلامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ۋەتەندە لاگېردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنىڭ كەففارىتىنى بىز بېرەمدۇق ياكى قانداق قىلىمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ۋەتەندە لاگېردىكى ۋە لاگېر سىرتىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ھازىر روزىسىنى زۇلۇم تۈپەيلى تۇتالمىغان بولسا، تۇتمىغانلىق سەۋەبىدىن گۇناھكار بولمايدۇ، كېيىن تۇتالايدىغان بولغاندا قازاسىنى قىلىپ تۇتىدۇ. تۇتالماستىن ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردە، ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىدا روزا تۇتۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. روزا تۇتۇپ قويالمايدىغان تەقدىردە، ئاندىن فىدىيەسىنى بەرسىڭىز بولىدۇ.

98 – سوئال: ئەسسەلامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! گېموروي سەۋەبىدىن ئارقا تەرەپتىن قان كەلسە، روزا بۇزۇلامدۇ؟ قاناش داۋام قىلغان ئەھۋالدا نامازنى قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. گېموروي سەۋەبىدىن ئارقا تەرەپتىن قان كەلسە، روزا بۇزۇلمايدۇ. چۈنكى، ئارقا تەرەپتىن قان كېلىش روزىنى بۇزىدىغان ئىشلار قاتارىدىن ئەمەس. قاناش داۋام قىلغان ئەھۋالدا بۇنىڭغا سۈيدۈك توختىمايدىغان كىشىلەرنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ، سۈيدۈك توختىمايدىغان ياكى يەل توختىمايدىغان، ياكى ئىستىھازا قېنى توختىمايدىغان كىشىلەر ھەر بىر ناماز ۋاقتى كىرگەندە، يېڭى تاھارەت ئېلىشى كېرەك بولىدۇ. ھەر بىر نامازغا يېڭى تاھارەت ئالسا، شۇ تاھارىتى بىلەن بىر پەرز ناماز ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق سۈننەت ۋە نەفلە نامازلارنى ئوقۇيدۇ. ئەمما، باشقا بىر ناماز ۋاقتى كىرسە، يېڭى نامازنى ئوقۇش ئۈچۈن يېڭى تاھارەت ئالىدۇ، يەنى ھەر كۈنى ھەر بىر ئەزاندىن كېيىن بىر قېتىم، جەمئىي بەش قېتىم تاھارەت ئالىدۇ. ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن، تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇغۇچە ياكى ناماز ئوقۇۋاتقاندا چىقسىمۇ ھېچقىسى يوق، ناماز ياكى تاھارەت بۇزۇلمايدۇ. پەقەتلا قان ياكى سۈيدۈك چىققان ئورۇنغا قەغەز ياكى شۇنىڭدەك بىر نەرسە قويۇۋېلىپ، تاھارەت ئالغاندا ئالماشتۇرىدۇ. ئىچ كىيىمگە يۇقسا يۇيىدۇ. يۇيۇش ئىمكانىيىتى بولمىغىنىدا، نامازنى شۇ كىيىم بىلەن ئوقۇۋېرىدۇ.

99 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! زاكاتنى ۋەتەندىكى تۇغقانلارغا بەرسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاتا – ئانا، خوتۇن ۋە پەرزەنتلەردىن باشقا تۇغقانلار زاكات ئېلىشقا لايىق بولسا، ئەۋەتەلىسىڭىز ئۇلارغا بەرسىڭىز ئەلبەتتە بولىدۇ.

100 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن توي قىلغىلى 2 يىل بولۇپ قالدى. نۇرغۇن داۋالىنىپ كەتتىم، يەنە بالىمىز بولمىدى. دوختۇر «تەن سىرتىدا ھامىلە يېتىشتۈرۈش (tüp bebek tedavisi) ئۇسۇلىدا داۋالانغىن، ۋاقتىڭ ئاز قالدى» دەيدۇ. لېكىن، تۇخۇمنى ئۇرۇقلاندۇرۇش، قورساققا سېلىش ئىشىنى ئەر كىشى قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن دىنىمىزدا يول بارمۇ ياكى ۋاز كېچەيمۇ؟ ئاللاھ ھەممىمىزنى سالامەت قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. بەزىبىر ئەھۋاللاردا تۇغماسلىق ياكى پەرزەنت كۆرەلمەسلىك ئەھۋالىنى پەقەت تەن سىرتىدا ھامىلە يېتىشتۈرۈش ئارقىلىقلا داۋالىغىلى بولىدۇ. بۇ ئاخباراتتا ئادەتتە «پروبىركا بوۋىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «تەن سىرتىدا ھامىلە يېتىشتۈرۈش» دېگىنىمىز ــ ئەرنىڭ ئىسپېرمىسىدىكى ئۇرۇق بىلەن ئايالنىڭ تۇخۇمىنى تەبىئىي جىما بولماستىن، بالىياتقۇ سىرتىدا شىشىدە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. تاللانغان بىرقانچە تۇخۇملارنى ئايرىم – ئايرىم بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى سوتكىدىن 7 كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا تۆرەلمە بىلاستولا (blastula) باسقۇچىغا كىرگەندە، تۆرەلمىلەرنىڭ ئەڭ سۈپەتلىكى تاللىنىپ بالىياتقۇغا كۆچۈرۈلىدۇ. ئارتۇق تۆرەلمىلەر كېيىنچە پايدىلىنىش ئۈچۈن ئالاھىدە توڭلاتقۇدا ساقلىنىدۇ. ئالىملارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن، بۇ خىل ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلى زۆرۈر ئەھۋاللار تېپىلغاندا، بەزىبىر شەرتلەر بىلەن جائىز. چۈنكى، بۇ خىل تۈردە ئۇرۇق شۇ ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئۇرۇقى، تۇخۇممۇ شۇ ئەرنىڭ ئايالىنىڭ تۇخۇمى، تۇخۇم ۋە ئۇرۇق ئېلىنغان ۋاقىت بىلەن ئىشلىتىلگەن ۋاقىت شەرئىي نىكاھ ھالىتى. كېيىن تۆرەلمە كۆچۈرۈلگەن بالىياتقۇمۇ شۇ ئەرنىڭ ئايالىنىڭ بالىياتقۇسى. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ خىل ئۇسۇلدا ئەر – خوتۇن ئىككىيلەندىن باشقا يات بىر تەرەپ ئارىلاشمىغان بولىدۇ. شۇڭا، ئەر – خوتۇنلاردىكى بەزىبىر ئۇرۇقلانماسلىق ئەھۋاللىرىنى داۋالاش ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ. تۇغۇلغان بوۋاقمۇ ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ شەرئىي پەرزەنتى بولىدۇ. ئەلبەتتە بۇ داۋالىنىش زۆرۈرىيىتى بولغاندىكىن، ئەر دوختۇرلار داۋالىسا بولىدۇ. ئاللاھ سالامەتلىك ۋە سالىھ پەرزەنتلەرنى ئاتا قىلسۇن!

101 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، ياخشىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. سوئالىم: مەن تۈنۈگۈن دىگەر نامىزىغا يېرىم سائەت بۇرۇن تاھارەت ئېلىپ، نامازغىچە باشقا بىر ئىش بىلەن بولۇپ قېلىپ، دىگەر نامىزىنى ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. كېيىن شام ۋە خۇپتەننى ئوقۇدۇم. ئەتىگەندە بامداتقا تاھارەت ئېلىۋاتقاندا، دىگەر ئوقۇمىغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بامدات نامىزى كىرگۈچە قېلىپ قالغان دىگەر نامىزىنى ئوقۇدۇم. چۈنكى، قاچان تولۇقلاپ ئوقۇشنى بىلەلمىدىم. قىلغىنىم توغرىمۇ؟ مۇشۇنىڭغا بىر جاۋاب بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. توغرا.

102 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يولدىشى ئۆزىدىن بۇرۇن ھەرەمگە بېرىپ، كېيىن ئايالىنى كېلىشكە بۇيرۇسا، ئايال كىشى ئېرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۆزى يالغۇز سەپەر قىلسا بولامدۇ؟ ياكى مەھرەمسىز سەپەر قىلغانلىق بولۇپ قالامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەلبەتتە مەھرەمسىز سەپەر قىلغانلىق بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەھرەمسىز سەپەر قىلىشنى چەكلىگەن بولغاچقا، ئەرنىڭ رۇخسىتى بۇ يەردە كار قىلمايدۇ.

103 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مېنىڭ سوئاللىرىم بار ئىدى: 1) ئېرى ئۆمرەگە كەتكەن ئايال دەرنەكتىن نەرسە – كېرەكلەرنى توختىماي ئالسا ھەم ساتسا توغرا بولامدۇ؟ بۇ ئىش ئېرىنىڭ ئۆمرەسىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ، يەتكۈزمەمدۇ؟ مەن «ئۆمرە ۋە ھەجگە بارغان ئادەم ئائىلىسىنى خاتىرجەم قىلىپ بولۇپ بارسا، دۇرۇس بولىدۇ» دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. 2) ئۇستاز! «دەرنەكلەردىن ئېرى يوق ئاياللار ۋە دادىسى يوق بالىلار ئالسۇن» دېگەن نەرسىلەرنى ئېرى بار ئاياللار ۋە يېتىم بالىسى يوقلار ئالسا بولامدۇ؟ بۇ يېتىمنىڭ ھەققىنى يېگەن قاتارغا كىرەمدۇ؟ مەن قۇرئاندا «زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال – مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ»(4/«نىساﺋ»: 10) دەپ ئوقۇغان. بۇ ئىش بۇ ئايەتكە چۈشەمدۇ؟ ئەگەر چۈشسە، ئۇ كىشىلەر ھارام يېگەن ھەم بالىلىرىغا ھارام يېگۈزگەن بولامدۇ؟ ئېرى گۇناھكار بولامدۇ ياكى ئايالىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) توغرا بولمايدۇ. تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئاڭلىغىنىڭىز توغرا. 2) بۇ يېتىمنىڭ ۋە تۇلنىڭ ھەققىنى يېگەن قاتارغا كىرىدۇ.

بۇ ھەقتە بۇرۇن بېرىلگەن (242 – سوئال) جاۋابقىمۇ قارىۋەتكەيسىز:

104 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مېنىڭ بىر دوستۇم بار ئىدى. يولدىشى 3 – ئايال ئېلىپ، بىر بالىسى بولغاندا خېتىنى بەردى. 2 يىل بولدى ھەم قەتئىي يېنىشىشقىمۇ يول چىقمايتتى. لېكىن، دوستۇمنىڭ يولدىشى قويۇپ بەرگەن ئاشۇ ئايال بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىپ، ئاشخانىلاردا چۆرگىلەپ يۈرۈيدۇ ھەم كۆرۈشىدىغان چاغدا يۈزىنى ئېچىۋېتىدىكەن. نەچچە قېتىم بۇنىڭ گۇناھ ئىش ئىكەنلىكى دېيىلىپ تەربىيە قىلىنغان بولسىمۇ، يەنىلا مەخپىي كۆرۈشۈش داۋام قىلىۋاتىدۇ ھەم ئۇ ئايالنى باشقا توي قىلغىلىمۇ قويماي ئاشۇنداق ئارىلىشىپ يۈرۈيدۇ. شەرىئەتتە مۇشۇنداق ئىشلارغا يەنى قويۇپ بەرگەن ئايال بىلەن نىكاھسىز ئارىلىشىپ يۈرسە، قانداق ھۆكۈم بار؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. سىز «گۇناھ» دەپ جاۋابىنى بېرىپ بوپسىزغۇ؟! «ھارام» دېگەن ھۆكۈم بار شۇ.

105 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! «مۈشۈكنى ساتسا بولمايدۇ» دەپ ئاڭلىغانتىم، مۈشۈك ئېلىپ سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سوئالىڭىزغا 514 – سوئالدا جاۋاب بېرىلىپ بولغان. https://sajiya.biz/?p=8475

106 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! رامازاندىن باشقا چاغدا قازا روزا ياكى نەفلە روزا تۇتماقچى بولۇپ نىيەت قىلىپ يېتىپ، ئەتىگىنى ئويغىنالماي روزا تۇتمىغان بولسا، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ياق.

107 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئالتۇننىڭ زاكىتىنى ئايرىغاندا، 85 گرامدىن يۇقىرى بولغىنىغىلا 100 گرامغا 2.5 گرام قىلىپ ئايرىمدۇق ياكى قانداق؟ مەسىلەن، مېنىڭ 200 گرام ئالتۇنۇم بولسا، ئۇنىڭغا 5 گرام ئالتۇن زاكات كېلەمدۇ ياكى 85 گرامنىڭ يۇقىرىسىنى ھېساب قىلىپ، 2.5 گرام ھېساب بولامدۇ؟ كۈمۈشكە زاكات كېلەمدۇ؟ كەلسە قانچىلىك كېلىدۇ؟ رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. 85 گرامغا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىگە زاكات ئايرىيسىز. كۈمۈش 595 گرامدىن ئاشسا، %2.5 زاكات كېلىدۇ.

108 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن، پايدىلىق ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن. بىر پەتۋالىرىدا «ئۆيدە قۇرئاننى ياغلىق سالماي ئوقۇسىمۇ ھېچقىسى يوق» دەپتىكەنلا، ئەمما مەن «ئاياللار يالاڭباش يۈرسە، ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ» دەپ ئاڭلىغانىدىم، چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ سىلىدىنمۇ رازى بولسۇن، مەن ئاشۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ: «تولۇق كىيىنىش قۇرئان ئوقۇشقا شەرت بولمىغاچقا، ئاياللار يالاڭباش ياكى پۇت – قوللىرى ئوچۇق ئۆي ئىچىدە كىيىدىغان كىيىملىرىدە، ئۇخلاش كىيىملىرىدە ياكى زىبۇزىننەت بىلەن ياسانغان ھالەتتە قۇرئان كەرىم ئوقۇسا، ئاڭلىسا بولىدۇ» دەپ پەتۋا يازغان. يەنە بىر پەتۋادا: «نامەھرەم ئەر كىشى بولمىغان يەردە قىز – ئاياللار ئولتۇرغاندا ياكى ئۇخلىغاندا ياغلىق چىگىشى كېرەك ئەمەس» دەپ يازغان. سىلى ئاڭلىغان ئۇ گەپنىڭ دەلىلى يوق. چۈنكى، پەرىشتىلەر بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ. ئەمەللەرنى يازىدىغان پەرىشتىلەر ھاجەت قىلىۋاتقاندا ۋە جىما قىلىۋاتقاندىلا ئىنسانلاردىن نېرى تۇرىدۇ. باشقا چاغلاردا ھەمىشە بىللە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئايلىنىپ يۈرۈيدىغان پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ يالاڭباش ئاياللار بار ئۆيگە كىرمەيدىغانلىقىغا دەلىل يوق. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «پەرىشتىلەر ئىت ۋە سۈرەت بار ئۆيگە كىرمەيدۇ»(«بۇخارىي»، 5949) دېگەن، ھەرگىز: «باشتاق ئاياللار بار ئۆيگە كىرمەيدۇ» دېمىگەن.

109 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 3 ئايلىق بالا ئېمىتىۋاتقان ئانا ئىدىم، شۇڭا رامازاندا روزا تۇتالمىدىم ھەم ئاشقازاندا يارا بار، كېيىنچىمۇ تولۇقلىيالماسلىقتىن ئەنسىرەيمەن، شۇڭا فىدىيە بەرسەم بولامدۇ ياكى كېيىن چوقۇم قازاسىنى تۇتۇشۇم كېرەكمۇ؟ ئالدىنقى قېتىملىق پەتۋا جۇغلانمىسىدا «فىدىيە ھەر كۈنىگە 60 لىرا» دېيىلىپتىكەن. بۇ يىلمۇ ئوخشاشمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە نەچچە قېتىم جاۋاب بېرىلىپ بولدى. ئىلگىرىكى سوئال – جاۋابلارنى ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇپ قويغايلا. ھازىرچە ھەر كۈنگە 70 لىرادىن فىدىيە بېرىپ، كېيىنچە تۇتالمىسىلا مەيلى بولدى. تۇتالايدىغان بولسىلا، قازاسىنى تۇتىۋەتسىلە بولىدۇ.

110 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ 1) بالىلارنى دۆلەت مەكتەپتە ئوقۇتساق، بۇنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ ئېتىقادىغا تەسىرى بولىدىكەن، «ئوقۇتمايلى» دېسەك، يەنە بەزى ئىشلارنى دەپ ئوقۇتقىمىز كېلىدىكەن. مەكتەپتە بىۋاسىتە ئېنىق قىلىپ شىرك ئەقىدىگە ئاپارمىسىمۇ، يېپىق ھالەتتە قىلىپ بالىلارغا سىڭدۈرىدىكەن. شۇڭا، ھازىرقى ئەھۋالدا ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەكتەپكە بەرمىگەن ياخشىمۇ ياكى بەرسەك بولامدۇ؟ ئۆيدە كۈچەپ باقىمىز، لېكىن ئاز ساندىكى ئاياللار نەتىجە قازىنىشى مۇمكىن، يەنىلا كۆپ ساندىكى ئاياللار ئىلىمسىز ئاجىز كېلىدۇ، بېشىم قاتتى. ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن جاۋاب بەرگەن بولسىلا. 2) كىچىك بالىلارغا تەۋھىد ئەقىدىسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بىرىنچى قەدەمدە نەدىن باشلاش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) مائارىپ سىستېمىسىدا ئېغىر مەسىلىلەر بولسىمۇ، تۈرلۈك بىلىملەردىن مەھرۇم قالماسلىق ئۈچۈن مەكتەپكە بەرمەي بولمايدۇ. مەكتەپكە بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، مېديا ۋە مۇھىت تەسىرىدىن يىراق قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، مەكتەپكە بېرىپ، ئىمانىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىش لازىم. 2) قۇرئاننى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سىيرەتىنى ياخشى ئوقۇتۇش ھەر قەدەمدە مۇناسىپ.

111 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سىلىنى ئەزىز قىلسۇن. توي قىلىپ بىر بالام بولغاندا ئاجراشقان ئىدىم، ئەمما بۇرۇنقى ئايالىم ۋە ئائىلىسى بىرلىشىپ مەندىن ئۆچ ئېلىش نىيىتىدە، تۇغۇلغان بالامنى ھازىرغىچە كۆرسەتمىدى. بالامنى كۆرگۈم كېلىپ نەقەدەر قىينالغانلىقىم ئۆزۈمگە ئايان. چىرايلىق گەپ قىلسام ئېشىۋالدى. مېنىڭ غەيرى دىندىكىلەرنىڭ ئالدىغا ئائىلە مەسىلىسىنى دەپ بارغۇم كەلمىدى، شۇڭا مەن ئىزچىل كېچىدە قوپۇپ ئۇلارغا بەددۇئا قىلىپ، دەردىمنى پەقەت ئاللاھقىلا شىكايەت قىلدىم. بەددۇئا قىلىشنى ئويلىماي دېسەممۇ، ناھەقچىلىككە چىدىمىدىم. بەددۇئا قىلىش توغرىمۇ؟ ئەگەر جائىز بولماي قالسا، دەلىلى نېمە؟ بىزگە بۇ دەرىجىدە ناچارلىق قىلغانلارغا ھىدايىتى ئۈچۈن دۇئا قىلغۇمىز كەلمەيدىكەن. ساھابەلەرمۇ (ھەزرىتى ئەبۇ ۋەققاسقا ئوخشاش) ئۆزىگە فىتنە تېپىپ ئابرۇيىنى چۈشۈرگەن كىشىگە بەددۇئا قىلغان ئىكەن. ھازىر تۈركىيە ۋە ياۋروپادا ئاجرىشىپ كەتكەن ئانىنىڭ بالىنى دادىسىغا كۆرسەتمەسلىك ئەھۋالى ئېغىر. شۇڭا، بۇ ھەقتە قىسقا بىر يازما يېزىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ سىلىنىمۇ ئەزىز قىلسۇن. زۇلۇم قىلغانلارغا زۇلمىغا قارىتا بەددۇئا قىلىشقا سۈرە «نىساﺋ» 148 – ئايەتتە رۇخسەت قىلىنغان. ئەمما ئۆز پۇشتلىرىدىن بولغان بالىنىڭ ئانىسىغا ۋە تۇغقانلىرىغا ئىنساپ – ھىدايەت تىلەپ، سەبر بىلەن ياخشى دۇئا قىلغانلىرى ئەۋزەل، قەلبلەرنىڭ ئىگىسى بولغان زات ھەممىگە قادىردۇر.

112 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە، ئەجرلىرىنى كاتتا قىلسۇن! رامازاندا ماۋى ھىلالدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىرنەرسىلەرنى خېلى كۆپ تارقىتىۋاتىدۇ، ئاللاھ رازى بولسۇن! بىزلەر مۇشۇ ئەتراپتا بولغاندىكىن، بەزى ئۆزى زاكات ئايرىيدىغانلارنىڭ ئاياللىرى كېلىپ تارقاتقان نەرسىلەردىن ئېلىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ تارقاتقان نەرسىلەر زاكات بولۇپ قالسا، ئۇ نەرسىلەرنى يېيىش قانداق بولىدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. يېتىمنىڭ، تۇلنىڭ ۋە پېقىرنىڭ ھەققىنى يېگەن بولىدۇ. بۇ ھەقتە بۇرۇن بېرىلگەن (242 – سوئال) جاۋابقىمۇ قارىۋەتكەيسىز:

113 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر قېرىندىشىمىز ئۆزى سەئۇدىدا بىرسىگە پۇل بېرىپ تۇرۇپتىكەن، قەرز ئالغۇچى پۇلنى قايتۇرۇپ بولالماي، سەئۇدىدىكى بىر ئۆينى قەرزنىڭ ئورنىغا بېرىپتۇ. لېكىن، ئۇ ئۆينى سېتىش رۇخسىتى بولمىغاچقا، ساتقىلى بولمايدىكەن. ئۇ قېرىندىشىمىزنىڭ بالىلىرى جىق بولغاچقا، ئۆزى ئېھتىياجلىق ماشىنسىمۇ بار. ئەمما، ئۇنىڭدىن باشقا زاكات كەلگۈدەك يىغىپ قويغان پۇلىسى يوق. ئايالىنىڭ زاكات كەلگۈدەك ئالتۇنى بار ئىكەن. شۇڭا، ئايالى زاكىتىنى ئېرىگە بەرسە بولامدۇ؟ ياكى ئايالىنىڭ تۇغقانلىرى زاكاتلىرىنى كۈيئوغلىغا بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىلىپ بولغان. ئەر بىلەن كۈيئوغۇل زاكات ئېلىشقا لايىق كىشىلەردىن بولسا، ئۇلارغا زاكات بەرسە بولىدۇ.

114 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ۋەتەندە قىرىقى ئىچىدىكى كىچىك بالىلارنىڭ ئانىسى سۇخانا دېگەندەك يەرلەرگە چىقىپ كېتىپ بالىلار يالغۇز قالغاندا، «ھەمراھ بولىدۇ» دەپ بېشىغا كىچىك پىچاق (قەلەمتىراش) قويۇپ قويىدىغان ئىشلار بار ئىدى، بۇنداق ئىشلارنىڭ دىنىمىزدا ئاساسى بارمۇ؟ ئەگەر ئاساسى بولمىسا، قىرىقى ئىچىدىكى بوۋاقلارنىڭ ئاز ۋاقىت بولسىمۇ يالغۇز قالماسلىقى ھەققىدە كۆرسەتمە بارمۇ؟ ئاشۇنداق ئانىسى سۇخانا ۋە ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ كېتىپ يالغۇز قالىدىغان ۋاقىتلاردا قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. دىنىمىزدا بوۋاق بالىلارنى ئۆيدە يالغۇز قويماسلىق ھەققىدە ياكى يالغۇز قويغاندا يېنىدا پىچاق (قەلەمتىراش) تەك بىر نەرسە قويۇپ قويۇش ھەققىدە بىرەر كۆرسەتمە يوق. بۇ بىزدەك بەزى مىللەتلەردە بۇرۇنقى دىنلارنىڭ «پىچاق بوۋاقنى جىن – شاياتۇنلاردىن قوغدايدۇ» دېگەندەك ئېتىقاد قالدۇقى بولسا كېرەك. ۋەتىنىمىزدە يەنە «تۇغۇتلۇق ئاياللار يالغۇز قالسا، قارا بېسىپ قالىدۇ» دېيىلىدۇ. دىنىمىزدا كۆرسەتكىنى بوۋاقلارنى ۋە بالىلارنى تەۋەككۇل قىلىپ ئاللاھقا تاپشۇرۇپ، تۈرلۈك دۇئا ۋە ئايەتلەر بىلەن سۈفلەپ پاناھلاندۇرۇشتۇر. مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەسەن بىلەن ھۈسەيننى پاناھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيتتى: «ئاتاڭلار مۇشۇ دۇئا بىلەن ئىسمائىل ۋە ئىسھاقنى پاناھلاندۇراتتى: (أَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللَّهِ التَّامَّةِ مِنْ كُلِّ شَيْطَانٍ وَهَامَّةٍ، وَمِنْ كُلِّ عَيْنٍ لاَمَّةٍ) ئاللاھنىڭ پۈتۈن پەزىلەتلىك سۆزلىرى بىلەن بارلىق شەيتان، زىيانلىق ھاشارات ۋە يامان كۆزنىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەيمەن»(«بۇخارىي»، 3371). يەنە «فاتىھە»، «ئايەتۇلكۇرسى» ۋە قۇرئاندىكى ئاخىرقى 3 پاناھلاندۇرغۇچى سۈرە بولغان «ئىخلاس»، «فەلەق» ۋە «ناس» سۈرىلىرىنى ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇپ سۈفلەشمۇ بار.

115 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بالىلىرىمىز ئۈچۈن ئاچقان «شەخسىي پېنسىيە پۇلى BES (bireysel emeklilik)»كە زاكات كېلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «شەخسىي پېنسىيە پۇلى BES (bireysel emeklilik)» بۇ ئەڭ ئاز 10 ~ 15 يىل پۇل تۆلەپ، كېيىن 20 ~ 25 يىللىق مائاشقا ئېرىشىدىغان بىر تۈزۈم بولۇپ، زاغرا تىلىمىزدا «ساق ۋە ياش چاغدا پۇل تۆلەپ، قېرىغاندا ئارتۇقراق قايتۇرۇپ ئېلىش» دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ ئىش دىنىمىزدا جازانىدىن ئىبارەت ناتوغرا توختام. بۇنى قاتىلىم بانكىلىرى «قاتىلىم» ئىسمىدا قىلسىمۇ شۇنداق. چۈنكى، بۇ تاپشۇرۇلغان پۇللارنى جازانە، زايوم قاتارلىق ھارام ۋە باشقا شۈبھىلىك ئىشلاردا مەبلەغ سېلىپ ئاۋۇتۇپ ماڭىدۇ. مۇسۇلمان كىشى بۇ ئىشقا قەدەم ئالماسلىقى، قەدەم ئالغان بولسا، تەۋبە قىلىپ چېكىنىپ چىكىتىشى ۋاجىب. شۇڭا، بۇنىڭغا تۆلىگەن ئانا پۇلغا زاكات كېلىدۇ. قوشۇلغان پۇل (ئۆسۈم) غا زاكات ئايرىلمايدۇ. چۈنكى، ھارام پۇلغا زاكات كەلمەيدۇ.

116 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن «ئاياللارنىڭ زىبۇزىننەتلىرىگە زاكات كەلمەيدۇ» دېگەن قاراشنى تۇتۇپ، 8 يىلدىن بېرى زاكات بەرمىگەن. بۇ يىل سىلىنىڭ زاكات بېرىشنى تەرجىھ قىلغانلىرىنى ئوقۇدۇم. ئۇنداقتا، 1) مەن بۇ يىلدىن باشلاپ بەرسەم بولامدۇ ياكى ئۆتۈپ كەتكەن 8 يىلنىڭمۇ زاكىتىنى تولۇقلاپ بېرەمدىم؟

2) 8 يىلغا تولۇقلاپ بېرىشىم كېرەك بولسا، ئالدىنقى 5 يىل ئۈچۈن بۇ يىل بېرىپ، كېلەر يىلى ئۆمرۈم بولسا، قالغان يىللارنىڭ زاكات ھەققىنى تولۇقلاپ بەرسەم بولامدۇ؟

3) مېنىڭ كىرىمىم يوق، ئائىلە ئايالى بولغانلىقىم ئۈچۈن، شۇ تويلۇق ئالتۇنۇمنىڭ ئۆزىدىن گراملاپ ئالتۇن زەنجىر ياكى بىلەيزۈكۈمنى بەرسەم بولىدىغۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ يىلدىن باشلاپ بىز تەرجىھ قىلغان «زاكات ۋاجىب بولىدۇ» دېگەن قاراشنى تۇتۇپ ماڭاي دېسىلە، 1) ئەلبەتتە ئۆتۈپ كەتكەن يىللارنىڭكىنىمۇ بېرىشلىرى كېرەك بولىدۇ. 2) بۇنى بۆلۈپ يۈرمەي، مۇشۇ يىلى بېرىۋېتىشلىرى كېرەك. چۈنكى، كېلەر يىلىغا قەدەر ئۆمۈر بارمۇ – يوق؟ ھېچكىم بىلمەيدۇ. 3) ئالتۇننىڭ ئۆزىدىن بەرسىلە ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

117 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئالتۇننىڭ زاكىتى توغرىسىدا ئۇنىڭ پىرسەنتىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاقتىدىكى ئالتۇننىڭ پىرسەنتىگە ئۇدۇللاپ بېرىش توغرىسىدا بىر پەتۋالىرى بار ئىدى، توربەتتىن تاپالمىدىم. 1) ئۇ چاغدىكى ئالتۇن قانچە پىرسەنتلىك بولغىيتتى؟ قولىمىزدىكى ئالتۇن ساپ بولغاچقا، زاكاتنى ئاز ئايرىپ قېلىشتىن قورقۇپ، «شۇ پىرسەنتكە ئۇدۇللاپ بېرەيلى» دەپ ئىزدىگەن، لېكىن تاپالماي قالدۇق. 2) بىر ئۆيدە ئانىسى، ئايالى، قىزلىرى بولسا، ھەممىسىنىڭ ئالتۇنلىرىنى قوشۇپ 85 گرامدىن ئاشسا، زاكات بېرەمدۇق؟ ياكى ئانىسىنىڭكىنى ئايرىم، ئايالىنىڭكىنى ئايرىم، قىزلىرىنىڭكىنى ئايرىم ھېسابلامدۇق؟ جاۋابلىرىنى كۈتىمەن، ئاللاھ رازى بولسۇن! ئۇستاز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) https://sajiya.biz/?p=2807 2) ئانىسىنىڭكىنى ئايرىم، ئايالىنىڭكىنى ئايرىم، قىزلىرىنىڭكىنى ئايرىم ھېسابلايمىز.

118 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! مەن ئادەت بولۇپ ساقايغان ئىدىم، 10 كۈندىن كېيىن يەنە قەھۋە رەڭ كېلىپتىكەن، جىق ئەمەس. شۇڭا، 1) ناماز ئوقۇپ روزا تۇتسام بولامدۇ؟ بىلەلمەي قالدىم. يول كۆرسەتسىڭىز؟ 2) ھە راست، ئۈچ كۈن بولدى توختىمىدى، بۇ ھەيزمۇ ياكى ئىستىھازەمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئادەتتە، پاك كۈنلەر ئون بەش كۈندىن كەم بولمايدىغان ئىدى. بەكلا قىسمەن ئەھۋاللاردا ئون بەش كۈندىن ئاز پاك ھالەت بولىدۇ. سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋال دېسەك، ئون كۈن ساق تۇرغاندىن كېيىن ھەيز كەلسە، ھەيز داۋاملاشقان كۈنلەردە ناماز ئوقۇمايسىز. ئادەتتە، بۇنداق ھەيز كۈنلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى تۇغۇت چەكلەش دورىسى ياكى ئوكۇلى ۋەياكى ئۈزۈك تەسىرىدىنمۇ بولىدۇ. قىسمەن ئەھۋال دەپ قارىمىساق، 10 كۈنلۈك پاكلىقتىن كېيىن كەلگەن خۇن ھەيز ئەمەس، ئىستىھازە بولىدۇ. چۈنكى، بۇنى ئالدىنقى ھەيزگە قوشۇۋەتكىلى ۋە ھەممىنى بىر ھەيز دەۋەتكىلى بولمايدۇ. كېيىنكىگە ئاساسەن 1) بۇ ئەھۋالدا روزا تۇتىسىز ۋە ھەر ناماز ۋاقتى كىرگەندە، يېڭىدىن تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇيسىز. 2) بۇ ئىستىھازە.

119 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. بىر قارىي قىز ئانا بولغاندىن كېيىن كەينى – كەينىدىن تۇغۇت، ئۆي ۋە ئۇ، بۇ ئىشلار بىلەن يادلاپ بولغان قۇرئانى خاملىشىپ قالغان بولسا، بالىلىرىمۇ كىچىك، يەنى 7 ياشتىن كىچىك بولسا، بۇ ئانىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بالىلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىكى تەربىيەسى بولامدۇ ياكى قۇرئانىنى تەكرارلاشمۇ؟ ھازىر قايسىنى ئاۋۋالقى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ قىلىشى كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئىككىسىنى تاقاشتۇرماي بىللە ئېلىپ بارالىسا ياخشى، مۇمكىن بولمىغاندا، بالىلارنىڭ تەربىيەسى ئەڭ مۇھىم.

120 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مېنىڭ ئىنىم تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن، ئايالىنىمۇ ئىشتىن ھەيدىگەن بولۇپ، 4 بالىسىنى ئايالى بىر ئىشلارنى قىلىپ تىرىشىپ بېقىۋاتىدۇ. بىز ۋە ئايالىنىڭ تۇغقانلىرى قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىۋاتىمىز. سورىماقچى بولغىنىم: بىزنىڭ ئۇ بالىلارغا زاكات بېرىشىمىز توغرىمۇ؟ ئانام 80 گە يېقىنلاپ قالغان كېسەلچان ئايال بولۇپ، تۇتالمىغان روزىلىرىنىڭ فىدىيەسىنى ۋە سەدىقە فىترىنى شۇ نەۋرىلىرىگە بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. سىز بىر تۇغقانلارغا ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن – بالىلىرىغا زاكات ۋە باشقا فىدىيە، فىتىرلارنى بەرسىڭىز بولىدۇ. ئايالىنىڭمۇ ئاتا – ئانىسىدىن باشقا تۇغقانلىرى ئۇلارغا بەرسە بولىدۇ. ئەمما، ئانىڭىز نەۋرىلىرىگە بەرسە بولمايدۇ.

121 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئابدۇلئەزىز دوكتور! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن تىجارەت قىلىمەن، ئالدىنقى يىلى ئالىدىغان ماللىرىمنى قاچىلاش ئۈچۈن ئالدىن يەشىك بۇيرۇتۇپ تەييار قىلغانىدىم، لېكىن بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى مالنى ئالالمىدىم. ئالغان يەشىكلىرىمنىڭ سانى خېلى جىق، يەشىكلەر قولۇمدا قالدى، «ساتاي» دېسەم، كۆپ پۇلغا ئالمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا قولۇمدىكى يەشىكلەرنىڭ پۇلىنى ھېسابلاپ زاكات ئايرىشىم كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. تاۋارلارنى قاچىلاپ تاۋار بىلەن سېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يەشىك، قۇتا، شىشە ۋە تاغاردەك قاچا – قاپلار تىجارەت ماللىرى قاتارىدا پۇلىنى سېتىۋالغان باھادا ياكى ھازىرقى مۇۋاپىق باھادا ھېسابلاپ زاكىتى ئايرىلىشى كېرەك. تاۋار بىلەن بىللە سېتىلمايدىغان بولسا، ئاندىن ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ.

122 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۆزىنىڭ ھەرەمگە بېرىش شارائىتى يوق ئەھۋالدا، باشقىلار ئارقىلىق ئاتا – ئانىسىنىڭ ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پۇل ئالماي، خالىس قىلىپ قويىدىغانلار بولسا بولىدۇ.

123 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىز فىتىر ھەققىنى ۋەتەندىكى قىينىلىپ قالغان يېقىن تۇغقىنىمىزغا بەردۇق. ئەمما، قارشى تەرەپكە فىتىر سەدىقىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتماي، «ئازراق كۆڭلىمىز ئىدى»لام دېدۇق. لېكىن، بىز «فىتىر سەدىقىسى» دەپ نىيەت قىلىپ بەردۇق. سوئالىم بولسا: قارشى تەرەپكە ئېنىق چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەكمىدى ياكى نىيىتىمىز شۇ بولغاندىكىن بولىۋېرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. زاكات ۋە سەدىقە فىتىرنى ئاتا – ئانىلارغا ۋە پەرزەنتلەرگە شۇنداقلا خوتۇنلىرىغا بەرسە بولمايدۇ. ئۇندىن باشقا تۇغقانلارغا بەرسە بولىدۇ. زاكاتنى ۋە سەدىقە فىتىرنى لايىق بولغانلارغا بەرگەندە، ئۇلارغا ئۇنىڭ زاكات ياكى سەدىقە ئىكەنلىكىنى دېمىسىمۇ بولىدۇ. ئەمما، ئالغۇچىغا زاكات توغرا كېلىش – كەلمەسلىكىدە ئىككىلەنسە، ئۇنىڭغا زاكاتلىقىنى ئېيتىپ قويۇش مۇناسىپ.

124 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ «سۈرە ئىخلاسنى 10 قېتىم ئوقۇغان كىشىگە جەننەتتىن بىر قەسىر بىنا قىلىنىدۇ» دېگەن مەزمۇندا ھەدىس بار ئىكەن، بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھەدىس زەئىف.

125 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ قىلغان خىزمەتلىرىنى قوبۇل قىلسۇن، ئەجر بەرسۇن.

1) ئالتۇنلىرىمىزنىڭ زاكىتىنى ھېسابلىغاندا، كىچىك بالاغەتكە يەتمىگەن قىزلىرىمىزغا چوڭلار سوۋغات قىلغان ياكى ئاتاپ ئېلىپ قويغان ئالتۇنلارنى ئۆزىمىزنىڭكىگە قوشۇپ ھېسابلامدۇق؟

2) باشقىلارغا ئۆتنە بېرىپ تۇرغان پۇلنى ئالتۇننى سۇندۇرغان پۇلغا قوشۇپ ھېسابلاپ ئايرىيمىزمۇ؟ ئەگەر ئالتۇن مىقدارىغا ئارىيەت بەرگەن پۇلنى قوشمىساق زاكات بېرىش نىسابىغا يەتمىسە، بەرمەسلىكىمىز توغرىمۇ؟

3) قولىمىزدا پەقەت زىبۇزىننەت ئالتۇنلىرىمىزلا بار بولۇپ، زاكات ئايرىش نىسابىغا يېتىدۇ. ئىشلەپ ياكى سودا قىلىپ تاپقان پۇلىمىز ئايلىق خىراجەتكە ئاران يېتىدۇ. ئارتۇق پۇل يوق بولسا، بۇ ھالەتتە ئالتۇندىن ئايرىپ زاكات بېرەمدۇق ياكى قولىمىزغا ئازراق پۇل كىرگەندە، سەل كېچىكتۈرۈپ بەرسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاللاھ ھەممىلىرىنىڭ تائەت – ئىبادەتلىرىنى، زاكاتلىرىنى، سەدىقىلىرىنى قوبۇل قىلغاي.

1) كىچىك بالىلارغا بىز چوڭلار ۋە باشقىلار ھەدىيە قىلغان ئالتۇن ۋە باشقا ئىقتىساد بولسا، بۇلارنى ئۇلارنىڭ مۈلكى دەپ ئېلىپ قويغان بولساق، بۇلارنى ئۆزىمىزنىڭكىگە قوشۇپ بىز زاكات بەرمەيمىز. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادى نىسابقا يەتسە، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى سۈپىتىدە ۋەكالەتەن زاكات ئايرىساق بولىدۇ. يەتمىسە ئايرىمايمىز.

2) ئەلبەتتە ئۇنى قوشۇپ تۇرۇپ ھېسابلايمىز. ئەگەر قايتۇرۇپ ئالالايدىغان قەرز بولسا، ئەلبەتتە ئۇنى قولىمىزدىكى پۇلغا ئوخشاش ھېسابلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا زاكات ئايرىيمىز. ئەگەر ئۇنى قوشساقمۇ، زاكات نىسابقا يەتمەيدىغان بولسا، ئاندىن زاكات ئايرىمايمىز.

3) قولىمىزدا نىسابقا يەتكۈدەك ئالتۇن زىبۇزىننەتلەردىن باشقا نەق ئىقتىساد بولمىسا، ئالتۇن زىبۇزىننەتلەرنىڭ ئۆزىدىن ھەر 100 گرامغا 2.5 گرام ئايرىپ، شۇنى بەرسەك بولىدۇ ياكى سېتىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ.

126 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ رامازان ئايلىرىغا مۇبارەك بولسۇن! ئۇستاز! «قىز بالىنىڭ مېھر ھەققىنى ئاكىسى ياكى يولدىشى چىقىم قىلىۋالسا بولمايدۇ» دەپ پەتۋا كۆردۈم. ئەمما، دادىسى چىقىم قىلىۋالسا بۇ توغرا بولامدۇ؟ مېنىڭ تويۇم بولغاندا، دادام مېھر ھەققىمنىڭ يېرىمىگە ئالتۇن ئېلىپ بەرگەنىدى. قالغان يېرىمىگە بىرنەرسە ئېلىپ بولغۇچە بازار ئۆسۈپ كەتتى. توينى قىلىۋەردۇق. دادام: «بازار باھاسى تۆۋەنلىگەندە، مەن ئېلىپ بېرەي» دېگەنىدى، مەن: «مەيلى» دېگەنتىم. لېكىن، ھازىر بىر يېرىم يىل ئۆتۈپتۇ ھېچ ئۇ توغۇرلۇق گەپ قىلمىدى. مەنمۇ دادامغا بولغان ھۆرمىتىمدىن ئۇ توغۇرلۇق ئېغىز ئاچالمىدىم. ئانام نەچچە قېتىم ئەسلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن دادام گەپ قىلماي تۇرۇۋاپتۇ. بەزىدە «مەن دادىسى بولغاندىكىن، خەجلىۋالسام نېمە بوپتۇ» دېگەندەك گەپلەرنىمۇ قىپتۇ. ئانام باشقىلاردىن سوراپتىكەن، ئۇلار: «خەجلىۋالسا بولىدۇ، بالىنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى بار، شۇڭا بالىنىڭ رۇخسىتىسىز خەجلىسە بولۇۋېرىدۇ» دەپتۇ. لېكىن، ئۇنداق دەپ قىز بالىنىڭ مېھر ھەققىنى خەجلىۋالسا بولامدۇ؟ قەرز بەرگۈچى قەرزنىڭ ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، قەرز ئالغۇچىغا ئەسلىتىپ قويۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، قەرز ئالغۇچى ئۇنتۇپ قېلىپ قەرزنى بېرەلمىگەندە، قەرز بەرگۈچىنىڭ ئەسلەتمىگەنلىكى ئۈچۈنمۇ گۇناھ بولىدىكەن، شۇڭا بۇنىمۇ ئەسلىتىپ قويۇش كېرەكمۇ ياكى ئاتا – ئانىسى خەجلىۋالسا توغرا بولامدۇ؟ ئەگەردە توغرا بولغان تەقدىردىمۇ، شۇ سەۋەبلىك قىز بالىنىڭ يولدىشىنىڭ ئالدىدا بەزىدە تىلى قىسىلىپ قالىدىكەن. بۇ توغرۇلۇقمۇ تەپسىلىي، چۈشىنىشلىك قىلىپ جاۋاب بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ ئەجرلىرىنى بەرسۇن! ئامىن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاتا ئېھتىياجى بولسا، بۇزۇپ – چاچمىغان ۋە ئىسراپ قىلمىغان ئاساستا ئوغلىنىڭ ۋە قىزىنىڭ مال – مۈلكىنى ئىشلىتىپ تۇرسا ياكى خەجلىسە بولىدۇ. ئاتىنىڭمۇ زۆرۈر ئېھتىياجى ياكى قىيىنچىلىقى بولمىسا، ئوغلىنىڭ مال – مۈلكىنى ياكى قىزىنىڭ تويلۇقىنى ياكى مال – مۈلكىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. بىر كىشى:

– يا رەسۇلەللاھ! مېنىڭ مال – مۈلكۈم ۋە پەرزەنتلىرىم بار. ئاتام مال – مۈلكۈمنى ئېلىۋالىمەن دەيدۇ، – دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

– سەن ۋە سېنىڭ مال – مۈلكۈڭ ئاتاڭنىڭ مۈلكىدۇر، – دېگەن(«ئىبنى ماجە»: 2291).

يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:«ئەڭ ھالال تامىقىڭلار ئۆز ئەمگىكىڭلار بىلەن ئىشلەپ تاپقان يېمەكلىرىڭلاردۇر، بالىلىرىڭلار سىلەرنىڭ ئەمگەك مېۋەڭلار ھېسابلىنىدۇ» دېگەن(«تىرمىزىي»: 1358).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «بالىلىرىڭلار سىلەرنىڭ ئەڭ ھالال ئەمگىكىڭلارنىڭ مېۋىسىدۇر، شۇڭا بالىلىرىڭلارنىڭ ماللىرىدىن يېسەڭلار بولىۋېرىدۇ» دېگەن(«ئىبنى ماجە»: 2292).

دېمەك، ئاتا پەرزەنتىنىڭ مال – مۈلكىنى زۆرۈر تېپىلغاندا ئىشلەتسە بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئاتا يات كىشىدەك مۇئامىلە قىلىنمايدۇ. ئۇنىڭغا سىلىق ۋە چىرايلىق سۆز قىلىپ كېيىنچە ئورنىنى تولۇقلاپ قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپ تۇرسىڭىز، سىزنىڭ دېيىشىڭىز ئەپسىز بولسا، ئانىڭىز ئەسلىتىپ تۇرسا بولىدۇ. ئەلبەتتە ئاتا قىيىنچىلىق تۈگىگەندە، سىزگە ئورنىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ. يولدىشىنىڭ ئالدىدا تىلى قىسىلىشى ئۆرپ – ئادەت جەھەتتىن بولۇپ، شەرئىي ھۆكۈمدە «تويلۇق» قىزنىڭ شەخسىي مۈلكى بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئاتىسىغا ھەدىيە قىلىپ بېرىۋېتەمدۇ ياكى ئاتىسىغا ۋە باشقىلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز بېرىپ تۇرامدۇ، ياكى ئۆزى خەجلىۋېتەمدۇ، بۇ قىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى. ئەرنىڭ بۇنىڭغا چىشى پاتمايدۇ. ئاتىغا بەرگەنلىك ياكى بېرىپ تۇرغانلىق سەۋەبلىك ئايالىنى ئەيىبلىسە توغرا بولمايدۇ.

127 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! زاكاتنىڭ مەسجىدلەرگە ئشلىتىلمەيدىغىنى ئېنىق ئىدى، ئەمما دىنىي تەشۋىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئەسلىھە – ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىشقا ئىشلەتسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. دىنىي تەشۋىقات ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش ۋە ئاللاھنىڭ كەلىمەسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ساغلام تەشۋىقات بولسا ۋە بۇنىڭغا زۆرۈر ئېھتىياج بولسا، «ئاللاھنىڭ يولىدا» دېگەن دائىرىگە كىرىدىغانلىق جەھەتتىن، زاكاتنى دىنىي تەشۋىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئەسلىھە – ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىشقا ئىشلەتسە بولىدۇ.

128 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قاسساپخانىلاردىكى توخۇ گۆشلىرىنىڭ «ERPİLİÇ» ماركىلىقىنى «ئىشەنچلىك» دەپ ئېلىپ يەيتتۇق. بىر تۈرك قېرىندىشىمىز ماڭا «سىرتتىكى توخۇلارنى ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى توغرا بولسىمۇ، تازىلاش جەريانىدا ئىچىدىكى نىجاسەت بىلەن قايناق سۇغا تىقىپ تازىلىغاچقا، ئوخشاشلا يېىيىشكە بولمايدۇ. شۇڭا، تىرىك توخۇ ئېلىپ، ئۆزۈڭلار ئۆلتۈرۈپ، قولدا يۇلۇپ يېگەن ياخشى» دېدى. بۇ گۆشلەرنى ئىستېمال قىلىش توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەرپىلىچ (ERPİLİÇ) ماركىسى گىمدەس (GİMDES) تىن ھالاللىق گۇۋاھنامە ئالغان ئىشەنچلىك ماركا. تۈرك دوستىڭىزنىڭ سۆزى قانچىلىك ئىشەنچلىك بۇ ئايرىم مەسىلە. ئاندىن قايناق سۇغا باسامدۇ، قىزىق سۇغىمۇ، ئۇندىن كېيىن پاكىز سۇدا يۇيۇپ تازىلاش مەسىلىسى ھەققىدە ئايرىم پەتۋا يېزىلغان. https://sajiya.biz/?p=3088 بۇ مەكروھلۇق دائىرىسىدە. شۇڭا، ئۆزىڭىز ئۆلتۈرۈپ يېيىش ئەۋزەل، ئەرپىلىچنى يېيىش ھالال ۋە جائىز.

129 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مېنىڭ ھازىر 100 گرام ئالتۇن مىقدارى پۇلۇم بار. بۇنىڭ لايىقىدا زاكىتىنى بەردىم. كىرىمىم بەك كۆپ ئەمەس، ئايلىق كىرىمىم ھازىرقى ئەھۋالدا ئۆينىڭ چىقىمىنى قامدىيالمايدۇ. دەرنەكتىن ئازدۇر – كۆپتۇر ياردەم ئېلىۋاتىمەن، ئالسام توغرىمۇ، خاتامۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. خاتا. 50 گرامدىن ئارتۇق ئالتۇننى سېتىپ خەجلەپ بولسىڭىز، ئاندىن دەرنەكتىن ياردەم دۇرۇس كېلىدۇ.

130 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەرەمدە يەنى مەككە – مەدىنەدە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان يالغۇز ئاياللار ئۇ يەردە ھەج قىلسا، قوبۇل بولامدۇ؟ ياكى ئۇلارغىمۇ چوقۇم مەھرەم بولۇشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەككەدە تۇرۇۋاتقان ئاياللارلا يالغۇز ھەج قىلسا بولىدۇ. چۈنكى ھەجنىڭ ئۆزىگە مەھرەم كەتمەيدۇ. مەھرەم سەپەر ئۈچۈن شەرت. ئەمما، مەدىنە ۋە باشقا شەھەرلەردىن مەھرەمسىز سەپەر قىلىپ كېلىپ ھەج قىلسا بولمايدۇ.

131 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! كىچىك بالىلار بار ئۆيدە قۇرئان كەرىم قاتارلىق ئىسلامىي كىتابلار بەك تولا يىرتىلىدىكەن، «ئاللاھ» كەلىمەسى بار سۆزلەر يېزىلغان دەپتەرلەرمۇ ئاز ئەمەس. بۇلارنى خارلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن چوقۇم كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەكمۇ (ھەممىنى كۆيدۈرۈپ بولۇش بىئەپكەن) ياكى تاشلىۋەتسەكمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قۇرئاننى ئوقۇپ پايدىلىنىش تەس بولىدىغان دەرىجىدە يىرتىلىپ ۋە كونىراپ كەتسە، كۆيدۈرۈۋەتسىمۇ، پاكىز جايغا كۆمۈۋەتسىمۇ ياكى بەكلا كىچىك پارچىلارغا بۆلۈپ يىرتىۋەتسىمۇ بولىدۇ.

132 – سوئال: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ، ئاندىن كۈن چىققۇچە ئاللاھنى زىكر قىلىپ ئولتۇرسا، ئاندىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسا، بۇ ناماز ئۇ ئادەم ئۈچۈن تولۇق، تولۇق، تولۇق ھەج ۋە ئۆمرە قىلغاننىڭ ئەجرىدەك بولىدۇ»(«تىرمىزىي»، 586). بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟ بىر دوستۇم: «چاشگاھ نامىزى ئوقۇسا، ئۆمرە قىلغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ» دېگەن ئىدى. بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب: بۇ ھەدىس سەھىھ. ئەمما، دوستىڭىز كەم دەپ قويۇپتۇ. بۇنىڭدا بىرقانچە ئەمەلنىڭ جۇغلانمىسىغا قارىتا شۇنداق ساۋاب ۋەدە قىلىنغان. چاشگاھ نامىزىغىلا ئەمەس.

133 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! خىزمەت قىلىۋاتقان، ئايلىق خىراجىتىگە ئاران يەتكۈدەك كىرىمگە ئىگە، ئەمما يىغىپ قويغان زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈدەك پۇلى بولمىغان ياشلارنىڭ زاكات ئېلىشى ۋە مۇشۇنداق ياشلارغا زاكات بېرىش توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قولىدا 5000 دوللاردىن ئاز پۇلى بار كىشى زاكات ئالسا بولىدۇ. بۇ ھەنەفىي مەزھەپ قارىشى بويىچە بېرىلگەن جاۋابتۇر. چۈنكى، ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا «فەقىر» نىسابقا يەتمىگەن ئىقتىسادقا ئىگە كىشىدۇر. «ئەلئىختىيار» كىتابىدا: «زاكاتنى قولىدىكى پۇل – مېلى (باي دەيدىغان) ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان كىشىگە گەرچە بۇ كىشى ساغلام، پۇل تاپالايدىغان بولسىمۇ بېرىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كەمبەغەلدۇر» دېيىلگەن. دېمەك، ھەنەفىي مەزھەب «دۇرۇس» دېيىشتە، ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «پېقىر – مىسكىن» دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى نۇقتىسىدىن شۇنداق دېگەن. مەسىلەن، 2 – 3 مىڭ دوللار قولىدا ئېشىپ تۇرىدىغان بولسا، زاكات بېرىدىغان ئۆلچەمگە يەتمىگەندىكىن، 4000 دوللارغا قەدەر قولىدا پۇل ئاشىدىغان بولسا، ھەنەفىي مەزھەبكە كۆرە زاكات ئالسا بولىدۇ. 5000 دوللارغا يەتكەندە، ئاندىن زاكات بېرىشكە باشلايدۇ.

134 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر كىشى ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدۇ، لېكىن ماشنىسى بار بولسا، زاكات ئالسا بولامدۇ؟ ئاشۇنداق ئالىدىغانلار باركەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆيى ئىجارە بولۇشى زاكات ئادا قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز. مىنىدىغان ماشىنىسى بولسىمۇ، قولىدا 5 مىڭ دوللار ئارتۇق پۇلى بولمىسا، زاكات ئالسا بولىدۇ. مىنىدىغان ماشىنا «ئەسلىي ھاجەت»لەر قاتارىدىن بولغاچقا، ئۇ ھېساب سىرتىدا بولىدۇ.

135 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) «ئەسلىي ھاجەت» دېگەنگە ئۆي كىرەمدۇ؟ 2) زېمىنلىق ئۆيى بولمىسا، «ئەسلىي ھاجىتى» ئورۇندالمىغان بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «ئەسلىي ھاجەت» دېگەنگە ئۆي كىرىدۇ. ئەمما، زېمىنلىق ئۆيى بولمىسىمۇ، ئۆي ۋە تۇرالغۇ ھاجىتى ئىجارە بىلەن قامدالسا، «ئەسلىي ھاجەت» قامدالغان بولىدۇ. نەتىجىدە زېمىنلىق ئۆيى بولمىسىمۇ، ئىجارە ئولتۇرۇۋاتقان كىشىلەر قولىدا نىسابقا يەتكۈدەك ئىقتىساد بولسا، زاكات ئايرىشى لازىم بولىدۇ.

136 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بېغى ئۈزۈلۈپ كېتىپ، تاقىيالمىغان ئۈزۈك قاتارلىق زىبۇزىننەتلەرگە زاكات كېلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تاقىمىسىمۇ 85 گرام ئالتۇن قىممىتىگە تەڭ بولسا زاكات كېلىدۇ.

137 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! زاكات توغرىسىدىكى يازمىلارنى ئوقۇپ چىقتىم، لېكىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب تاپالماي قالدىم. ئالتۇن 85 گرامدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، 85 گرامدىن ئاشقان قىسىمىغا 40 دىن بىرنى ئايرىش قائىدىسى بويىچە ھېسابلىنامدۇ ياكى نۆلدىن باشلاپ ھېسابلىنامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تېخى تۈنۈگۈن بۇنىڭغا جاۋاب بەرگەن. ھەممىگە يەنى 85 گرامغا ۋە ئۇنىڭدىن باشقىغىمۇ ئوخشاشلا قىرىقتىن بىرىنى ئايرىيمىز.

138 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بەزى قېرىنداشلار بىلەن گەپ – سۆزىمىز، ئاڭ – پىكىرىمىز بەك بىر يەردىن چىقماي ياكى بەزى مىجەزى ئىتتىك، گەپ – سۆزگە دىققەت قىلالمايدىغان، گەپ قىلسا كۆڭۈل ئاغرىتىدىغان قېرىنداشلارنى چەكلىۋېتىش (قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋېتىش) نىڭ ئۆزى ئاداۋەت ساقلىغانلىق قاتارىغا كىرەمدۇ؟ چەكلىۋېتىشنىڭ سەۋەبى قەتئىي كۆرۈشمەسلىك ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل ئاغرىقى سۆزدىن يىراق تۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بولسا، ئۇ كىشىنى چەكلىۋەتكەنلىك ئاداۋەت ساقلىغانلىق قاتارىغا كىرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. كىشى مەلۇم كىشى تەرىپىدىن مۇخاتەب بولۇشتىن ئازار يېسە ياكى بىئارام بولسا ياكى ئاداۋەتلىشىپ قېلىشتىن ئەنسىرىسە ياكى ئېتىقادىنى بۇلغىۋېتىشتىن ئەنسىرىسە ياكى ياقتۇرمايدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاشنى خاھلىمىسا ئۇ كىشىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشىنىڭ ھۆكمى جائىزدۇر.

139 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) مەن كالىلارنى رامازاننىڭ ئالدىدا سېتىۋالدىم، سۈتچىلىك قىلىۋاتىمەن. زاكىتىنى بىر يىل توشقاندا بېرىشىم كېرەكمۇ؟ 2) كالىلىرىمنى يايلىتىپ بېقىش ئىمكانىم يوق، قوتاندا يەم بېرىپ باقىمەن، بۇ ئەھۋالدا قانداق بولىدۇ؟ 3) كالىلارنىڭ سانى مەسىلىسىدە كىچىك موزايلارمۇ (سۈت ئېمىۋاتقان، سۈتتىن يېڭى ئايرىلغان، 6 ئايلىق ۋە ئۇنىڭدىن بىرنەچچە ئاي چوڭ ياكى كىچىك يېشىغا توشمىغان) ئوخشاش بىر ھېسابلىنامدۇ، بۇنىڭدا بىر ئۆلچەم بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق. سىز كالىلارنى سۈتىنى سېغىپ سېتىش يەنى سۈتچىلىك ئۈچۈن سېتىۋالغان بولسىڭىز ھەم يايلاتماي يەم – خەشەك بىلەن باقسىڭىز، كالىلارنىڭ ۋە موزايلارنىڭ ئۆزىگە زاكات كەلمەيدۇ. ئىشلەپچىقارغان سۈتنىڭ پۇلى قولىڭىزدا يىغىلغاندا، ھەر يىلى %2.5 زاكات كېلىدۇ. سېتىلغان كالىلارنىڭ پۇلىمۇ قولىڭىزدا يىغىلغاندا، ھەر يىلى %2.5 زاكات كېلىدۇ. يەنە ئامباردا تېخى ساتمىغان سۈتلەرمۇ بازار باھاسىدا ھېسابلىنىپ، پۇل قاتارىدا زاكىتى ئايرىلىدۇ. ئەگەر سۈتچىلىكلا قىلماي، كالىلارنى يايلاتماي يەم – خەشەك بىلەن بوداپ، يوغىنىتىپ، سەمرىتىپ ئۆزىنى ياكى گۆشىنى ساتىدىغان بولسىڭىز، بۇ سەمرىتىش ۋە بوداش ئىشى بولغاچقا، كالىلارنى ساتقان پۇلدىن چىقىملارنى قىلىپ قولىڭىزغا ئاشقان پۇلغا %2.5 زاكات كېلىدۇ. ساتمىغان كالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ پۇلىغا زاكات كەلمەيدۇ.

بۇ مەسىلىدە ئالىملاردىن بىر قىسمى بۇ كالىلارنى ئېلىپ – سېتىش كۆزلەنگەن تىجارەت تاۋارلىرى دەپ قاراپ، «كالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بازار باھاسىنى ھېسابلاپ، %2.5 زاكات كېلىدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشقا ئاساسەن، قوتاندىكى كالىلارنىڭ پۇلىغا ۋە قولىڭىزدىكى باشقا پۇلغا ئوخشاش نىسبەتتە زاكات كېلىدۇ.

140 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قېيىنئاپامنىڭ ئىككى ئىنىسى ۋە ئىككى ئوغلى بار، يولدىشى ۋە ئاتا – ئانىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن. بۇ ئەھۋالدا قېيىنئاپام تۈگەپ كەتسە، مىراس قانداق تەقسىملىنىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. كىمنىڭ بۇرۇن تۈگەپ كېتىشىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. مەزكۇر سوئالدىكىدەك ئانا تۈگەپ كېتىپ، ئىككى ئىنىسى ۋە ئىككى ئوغلى بولۇپ، ئاتا – ئانىسى ياكى ئېرى بولمىسا، مىراسنىڭ ھەممىنى ئىككى ئوغلى ئالىدۇ. چۈنكى، ئىككى ئىنىسى ئىككى ئوغۇل بولغانلىقتىن مىراستىن مەھرۇم بولىدۇ.

141 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تىنچلىقمۇ؟ ئاشقازاندىن يېنىپ، ئېغىزغا چىقىۋالغان تاماقنى يۇتۇپ سالسا ياكى يۇتۇۋەتسە، روزا سۇنامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. قەستەن يۇتۇۋەتسە، روزا سۇنىدۇ. مەقسەتسىز يۇتۇپ سالسا، سۇنمايدۇ.

142 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سىلىگە مەنپەئەتلىك ئىلىمنى كۆپ بەرسۇن. ئىككى ھەرەمدە ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رۇخسەت بەرگەنمۇ؟ ياكى ئۆلىمالار رۇخسەت بەرگەنمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. زەئىفرەك سەنەدلىك ھەدىسلەردە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىدا تاۋاپ قىلغۇچىلار ئۆتۈۋاتقان ھالەتتە ماقامى ئىبراھىمدا ناماز ئوقۇغانلىقى كەلگەچكە، ئالىملىرىمىز بۇ ھەدىسكە ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن كەلگەن ئىش – ئىزلارنى شۇنداقلا «ھەج» سۈرىسى 78 – ئايەتتىكى ئاللاھ تائالانىڭ: «سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى» دېگەن سۆزىگە ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان قىيىنچىلىق كۆرۈلگىنىدە ئاسانلاشتۇرۇش ۋە تاقىتىنىڭ يېتىشىچە تەقۋادارلىق قىلىش ھەققىدىكى ئايەتلەرگە ھەمدە ئىسلام پرىنسىپلىرىغا تايىنىپ، ھەرەم مەسجىدتە شۇنداقلا نامازخانلار قاتتىق جىق بولۇپ كېتىپ ئالدىدىن ئۆتۈشتىن باشقا چارە تېپىلمايدىغان ئەھۋاللاردا ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلغان. شۇڭا، بۇنى زۆرۈر ئەھۋالغىلا قارىتىپ چۈشىنىش لازىم.

143 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھنىڭ كالامىنى چۈشىنىپ تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇش ئەرەب بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈن مەخسۇس دىنىي ئىلىم ئالمىغان بولسا، مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش. بۇ ھەقتە سىلىنىڭ قانداق تەۋسىيەلىرى بار، «ئىبنى كەسىر»نىڭ تەرجىمىسىگە ئوخشاش بىرەر تەفسىرنى ئوقۇپ مېڭىش كېرەكمۇ؟ ئەلبەتتە ھەربىر ئائىلىدە ئىبنى كەسىرنىڭ بولۇشىمۇ ناتايىن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. قۇرئاننىڭ تەرجىمە ۋە تەفسىرلىرىنى ئوقۇش، تەفسىر دەرسلىرىنى ئاڭلاش، ئۇيغۇرچە تاپالمىغىنىدا، باشقا بىرەر تىل بىلگەن ئەھۋالدا شۇ تىللاردىكى تەفسىر دەرسلەرنى ئاڭلاش زۆرۈر. خاھلىسىڭىز قانىلىمىزدىكى «تەفسىرۇ نەسەفىي دەرسلىرى»دىن بەھرىمەن بولۇڭ: https://www.youtube.com/watch?v=E-NKLq6drzg&list=PL2pyWrdvCzAfRoqAHE5zlVad7X_xsrUDz

144 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! فىتىر ۋە زاكاتنى ئۆگەي قىزلىرىمغا بەرسەم بولامدۇ؟ قىزلار مەن بىلەن بىللە ياشايدۇ. دادىسى ۋەتەندە تۈرمىدە.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئۆگەي قىزىڭىز ئىقتىسادتىن قىينىلىپ قالغان بولسا، فىتىر ۋە زاكاتنى ئۆگەي قىزىڭىزغا بەرسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، ئۆگەي قىزنىڭ نەفىقەسى سىزگە ۋاجىب ئەمەس. نەفىقەسى سىزگە ۋاجىب بولمىغاندىكىن، فىتىر ۋە زاكىتىڭىز ئۇنىڭغا دۇرۇس كېلىدۇ.

145 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ مەككەدە سائەت 6.30 دا ئىفتار ۋاقتى بولاتتى. مەن مەككەدىن تۈركىيەگە قايتىشىمدا ئايروپىلاندا سائەت 7 دە باشقىلاردىن سورىسام «ئىفتار قىلدۇق» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىفتار قىلدىم. كېيىن 7.20 ئۆتكەندە، ئايروپىلان خادىملىرى ئىفتار ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى. شۇڭا، روزامنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ قالدىم. قانداق قىلىشىم كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئايروپىلاندا سەپەر قىلغۇچى بۇرۇن تۇرغان جايىدىكى ياكى بارماقچى بولغان جايدىكى ئىفتار ۋاقتى بىلەن ئەمەس، ئايروپىلاندا كېتىۋاتقان چاغدىكى ۋە جايدىكى كۈننىڭ پېتىشى بىلەن ئىفتار قىلىشى كېرەك. مەزكۇر ئەھۋالدا سىز كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ئىفتار قىلغان بولىسىز ۋە بۇ كۈننىڭ ئورنىغا ھېيتتىن كېيىن بىر كۈن قازاسىنى تۇتۇشىڭىز كېرەك.

146 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدە تەۋرىگەن يەر تەۋرەش ۋە ئۇندىن باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردە توختىمايۋاتقان يەر تەۋرەشتىن بەزى ئالىملار «بۇ ئىمام ‹مەھدى›نىڭ چىقىشىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، باشقا ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى چىقىپ بولدى ھەم خىلافەتمۇ ئۆرۈلگىلى 100 يىل بولدى، ‹ھەر يۈز يىلدا دىننى يېڭىلايدىغان ئادەم چىقىدۇ› دېگەنگە ئاساسەن مەھدىنىڭ چىقىدىغىنىغا ئاز قالغانلىقىنىڭ ئالامىتى» دەۋاتىدۇ، بۇ گەپنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ ھازىر ھەممەيلەن بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار يورۇقلۇققا تەلمۈرۈپ تۇرغاندا، «‹مەھدى› بىر چىقسا، راھەت بىر نەپەس ئېلىۋالساق» دەپ ئۈمىدۋار بولۇپ قالىدىكەنمىز. شۇڭا، «مەھدى» چىقىش ئالدىدا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟ «مەھدى» چىقسا، دۇنيادا شۇنداق تېزلا ئادالەت بەرپا بولامدۇ؟ ئاللاھ سىلىنى ئەزىز قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. قىيامەت يېقىنلاشقاندا، يەر تەۋرەشنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھەدىس بار. لېكىن، بۇ ھەدىستىكى يەر تەۋرەشنى بەزى ئالىملار ھەقىقىي تەۋرەش دەپ چۈشەنسە، بەزىلىرى قالايمىقانچىلىقتىن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەۋرەش دەپ چۈشىنىدۇ. دىننى يېڭىلايدىغان بىر ئادەم چىقىشىمۇ ياكى بىر توپ جامائەت چىقىشىمۇ مۇمكىن. مەھدى چىقىش مەسىلىسى بىر ئىختىلاپ بار مەسىلە بولۇپ، ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى «مەھدى» ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ بىر قىسمىنى «سەھىھ» ياكى «ھەسەن» دەپ قاراپ، «زامانى ئاخىردا ئەھلى بەيتتىن بىر قوماندان ئوتتۇرىغا چىقىپ، دىننى ھۆكۈمران قىلىپ، ئادالەتنى بەرپا قىلىدۇ، ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلار ئەگىشىدۇ. ئۇ ‹مەھدى› دەپ ئاتىلىدۇ. ئارقىدىن دەججال چىقىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ دەججالنى ئۆلتۈرىدۇ. ‹مەھدى› دەپ ئاتىلىدىغان بۇ كىشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئېتىقاد قىلىش ۋاجىب» دەپ قارىغان بولسا، ئاز بىر قىسىم ئالىملار بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنى «زەئىف» دەپ قاراپ «ئىسلامدا بۇنداق بىر ئەقىدە يوق، زامانى ئاخىردا مەھدىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئەقىدە ياكى ئەمەل دائىرىسىگە كىرمەيدۇ» دېگەن. يەنە بىر قىسىم ئالىملار «مەھدى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەل ئۆزىدۇر» دەپ قارىغان. شىئەلەردىكى «كۈتۈلۈۋاتقان مەھدى» ئەقىدىسى بەكلا پەرقلىق بولۇپ، ئۇ ئەھلى سۈننەت قارىشىدا ئېنىق ئازغۇنلۇقتۇر. قاراڭ: ئىبنۇلقەييىم: «ئەلمەنارۇل مۇنىف»، 148 – بەت؛ ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 6/278؛ ئىبنى خەلدۇن: «مۇقەددىمە»، 1/171؛ تاھىر ئىبنى ئاشۇر: «تەھقىقات ۋە ئەنزار»، 49 – 62 – بەتلەر. قانداقلا بولمىسۇن، «مەھدى» مەسىلىسى پەلسەپەۋى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن تارىختىن بۇيان سەلبىي تەسىر قالدۇرغان ۋە ھەربىر پىرقە سىياسىي غەرەزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر خالاس قىلغۇچىنى كۈتۈپ يېتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلمىغان ياكى «مەھدى» دەۋاسىنى قىلىپ قارشىلاشقۇچىلار بىلەن ئۇرۇشقان («ئىسلام خىتابنامىسى» ھاشىيەلىرىگە قاراڭ). شۇڭا، مەيلى «‹مەھدى› چىقىدۇ» دېيىلسۇن ياكى «چىقمايدۇ» دېيىلسۇن، مەھدىنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ يېتىش يوق. ئىش – ھەرىكەت ۋە كۈرەش قىلىش، تىرىشىش لازىم.

147 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 50 ياشلار چامىسىدىكى تۇل ئايالنىڭ 12 ياشلىق ئوغلىغا كەلگەن ياردەم پۇللىرىنىڭ سوممىسى زاكات نىسابىغا يېتىپ قاپتۇ. ئەمما، «ئانىنىڭ ئوغلىغا كەلگەن پۇلىنى ئىشلىتش ھوقۇقى بولمايدۇ، بالاغەتكە يەتكەندە ئاندىن قارارلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىلگەنىدى. لېكىن، ئانىنىڭ پۇللىرى زاكات بېرىش مىقدارىغا يەتمىسە، يېتىم بالىنىڭ پۇللىرىغا زاكات كېلەمدۇ؟ ئانىسىغا باشقىلاردىن بېرىلگەن زاكات چۈشەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «ئانىنىڭ ئوغلىغا كەلگەن پۇلىنى ئىشلىتش ھوقۇقى بولمايدۇ»غانلىقى مۇتلەق ئەمەس. ئانا بالىغا تەۋە پۇلىنى ئۆزىگە خەجلەپ بەرمەي ياكى ئۆزى خەجلىمەي بالىغا ئاتاپ ساقلاپ قويغان تەقدىردە، ئۇ بالىنىڭ پۇلى نىسابقا يەتسە ۋە بىر يىل ئۆتسە، زاكات ئايرىشى كېرەك بولىدۇ. ئانا ئېھتىياجى بولسا، يېتىم بالىسىنىڭ مال – مۈلكىنى خەجلىسە بولىدۇ. باشقىلاردىن زاكات ئالسا بولمايدۇ، چۈنكى ئانا بالىسىنىڭ بايلىقى بىلەن باي قاتارىدا بولىدۇ.

148 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. بۇ مۇبارەك كۈنلەردە كېچە – كۈندۈز قىلىۋاتقان ھەر بىر ئىشلىرىڭىزنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ ھەسسىلەپ بەرسۇن. قىزىمىزنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەن يولدىشى بىزگە مەھرەم بولامدۇ؟ مەن بىلەن ھەجگە بىللە بارسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ تائەت – ئەمەللەرگە مۇۋەففەق قىلسۇن! كونا كۈيئوغۇللىرى سىلىگە مەھرەم بولالايدۇ. چۈنكى، 4/«نىساﺋ» سۈرىسىنىڭ 23 – ئايىتىدە دېيىلگەندەك، قېيىنئانا مەڭگۈلۈك ھارام قىلىنغان ئاياللار قاتارىدىندۇر. شۇڭا، كۈيئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا ئانىسىغا ئوخشاش كىيىنسىلە بولىدۇ.

149 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ھۆرمەتلىك ئۇستاز! بىر كىشى مۇشۇ رامازاندا زاكىتىنى ئايرىماقچى، لېكىن مېلى نىسابقا يەتكىلى 6 ئاي ئەتراپىدا بولدى. ھازىرقى مېلىنى ھېسابلىغاندا، زاكىتى ئىككى يۈز دوللار بولسا، نىسابقا يەتكەندىن كېيىنكى 6 ئايلىق زاكىتىنى يەنى يۈز دوللارنى بېرىۋېتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى زاكاتلىرىنى ھەر رامازاندا ھېسابلاپ بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ زاكات بېرىش ۋاقتىنى بەرىكەتلىك رامازانغا ئۇدۇللاشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەسلىدە قولىڭىزدىكى مال نىسابقا يېتىپ بىر يىل ئۆتكەندە، قايسى ئايغا ئۇدۇل كەلسە، شۇ ئايدا زاكات ئايرىش ۋاجىب بولاتتى. لېكىن، زاكاتنى نىسابقا يەتكەندىن كېيىن بىر يىل توشماستا ئالدىن بېرىۋېتىش جائىز بولغاچقا، زاكات بېرىش ۋاقتىنى بەرىكەتلىك رامازانغا ئۇدۇللاش ۋەياكى باشقا ئېھتىياج تۈپەيلى سىز دېگەندەك مال نىسابقا يېتىپ رامازانغا قەدەر قانچە ئاي ئۆتكەن بولسا، شۇ ئايلارغا ئائىت زاكاتنى ئايرىۋەتسىڭىز، ئاندىن ھەر يىلى رامازاندا زاكات ئايرىپ ماڭسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، ھازىرقى مالنى ھېسابلىغاندا، زاكات ئىككى يۈز دوللار بولسا، نىسابقا يەتكەندىن كېيىنكى 6 ئايغا يۈز دوللارنى بېرىۋېتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى زاكاتنى ھەر رامازاندا ھېسابلاپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

150 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىز ياپونىيەدە ياشايمىز، بۇ يەردە كۆپىنچە ئاشخانىلاردا ئاق گۈرۈچنى پىشۇرغاندا، ئىچىگە بەك ئاز مىقداردا ئىسپىرت تېمىتىۋېتىدىكەن، چۈنكى ئىسپىرت قوشۇۋەتسە، گۈرۈچنىڭ غەيرى پۇرىقى يوقايدىكەن ھەم پىشقان گۈرۈچ كۆپۈپ چىقىدىكەن. بۇنداق گۈرۈچنى ئىستېمال قىلغىلى بولامدۇ؟ ئۇلار: «گۈرۈچ پىشىپ بولغىچە، ئىسپىرت ئۇچۇپ چىقىپ كېتىدۇ، شۇڭا كىچىك بالىلار يېسىمۇ بىخەتەر بولىدۇ» دېيىشىدىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. يېمەك – ئىچمەككە ۋە پىشۇرۇلۇۋاتقان تاماققا ھاراق ياكى ئىسپىرتنى قوشۇش ھارام. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاق ياكى قىزىل بولسۇن، قانداق ھاراق ياكى ئىسپىرت قوشۇلغان تاماقنى ئىستېمال قىلىش جائىز ئەمەس، چۈنكى ھاراق ياكى ئىسپىرتنى ئىستېمال قىلىش ھارام قىلىنغاندىن سىرت، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا يېقىن كەلمەسلىككە بۇيرۇلغان. ھاراق ياكى ئىسپىرت ئۇچۇپ پارغا ئايلىنىپ كېتىپ، ئۇنىڭ ھېچ ئەسەرى قالمىسىمۇ بەرىبىر. چۈنكى، بەزى تەتقىقاتچىلار تاماق ئىسپىرت بىلەن قورۇلۇپ ياكى قاينىتىلىپ پىشۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ %5 ئەتراپىدا ئىسپىرت قالىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

151 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەر كىشىنىڭ كۈمۈش ۋە تۆمۈردىن بولغان بىلەيزۈك، زەنجىر ئېسىشى توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. توغرا ئەمەس. ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەرگە ۋە ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلغان.

152 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. 1) تىجارەتچىلەر زاكات ئايرىغاندا، ئۆزىنىڭ سېتىۋاتقان مېلىدىن زاكاتقا ھېسابلاپ قىلسا بولامدۇ؟ 2) ئەگەر زاكاتقا ھېسابلىسا توغرا بولسا، ئۇ ماللارنى ئېلىش باھاسىدا ھېسابلامدۇ ياكى بازار باھاسىدا ھېسابلامدۇ؟ 3) نامىدا بىرقانچە زېمىن ئۆيى بولسا، بۇنىڭ زاكىتى قانداق ئايرىلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. 1) بولىدۇ. 2) بازاردىكى سېتىلىش باھاسدا ھېسابلايدۇ. https://sajiya.biz/?p=5680&uls=uu 3) ئۆزى ئولتۇرىدىغان ئۆيگە زاكات كەلمەيدۇ، ئىجارىگە بېرىدىغاننىڭ بىر يىللىق كىرىمى نىسابقا يەتسە، %2.5 زاكات ئايرىيدۇ. سېتىش نىيىتىدە ئالغان ئۆي بازار باھاسدا قانچە پۇلغا يارىسا، شۇنىڭ قىرىقتىن بىرىنى زاكاتقا ئايرىيدۇ.

153 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مېنىڭ قاتناشلارغا ھەقسىز چىقىدىغان ئىستانبۇل ئانا كارتام بار ئىدى. دوستۇم بۇنى سورىسا، ئارىيەت بېرىپ تۇرسام بولامدۇ؟ ئانا كارتىسى بولغاندىكىن، كارتىسى يوق ئانىغا بېرىپ تۇرسامچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. ئىككىلىسىگە بولمايدۇ. ئالدىنقى قېتىمقى 109 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ: https://sajiya.biz/?p=8475&page=3&uls=uu كارتىسى يوق ئانا ئۆزىگە كارتا چىقىرىۋالسۇن. ئۆزىگە كارتا چىقىرىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان ئانىغا بېرىپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.

154 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئەگەر كالىنى بوداپ سەمرىتىپ، موزىيىنى بېقىپ يوغىنىتىپ، سېتىپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن باققان بولسا، ئەمما باققان كالىلارنىڭ زاكات ئايرىيدىغان ۋاقتى كېلىپ كالىلارنىڭ بەزىسىنى سېتىپ، بەزىسىنى تېخى ساتمىغان بولسا، ساتمىغان كالىلارنىمۇ بازار باھاسىدا ھېسابلاپ، قىممىتى بويىچە زاكات ئايرىمدۇ ياكى سېتىلغاندا ئايرىمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. تىجارەت تاۋارلىرى بولغاندىكىن، خۇددى تىجارەتچى ئامباردىكى مالنى ھېسابلىغاندەكلا، ئەلبەتتە سېتىلمىغان كالىنىڭمۇ بازار باھاسىنى ھېسابلاپ زاكات ئايرىيدۇ.

155 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەگەر ئاياللار روزىدار ھالەتتە ئىپتارغا ئاز قالغاندا يەنى بىر سائەت ئەتراپىدا نامازسىز بولۇپ قالسا، شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. روزا تۇتقان كۈنى كۈن پاتقانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا ھەيز كېلىپ قالسا ياكى تۇغۇپ قالسا روزا بۇزۇلىدۇ، كېيىن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىپ، ئورنىغا بىر كۈن تۇتۇۋالسا بولىدۇ، كەففارەت بېرىش كەتمەيدۇ، گۇناھ بولمايدۇ. قاراڭ: https://sajiya.biz/?p=1924&uls=uu

156 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئۆمۈرلىرىگە بەرىكەت، ئائىلىلىرىگە خاتىرجەملىك، ھۇزۇر بەرسۇن. مۇبارەك رامازاندا قىلغان ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلسۇن. سىلىنى دائىما بېشىمىزدا قىلسۇن. بىزلەرنىمۇ سىلىدەك بىر گۆھەرنىڭ قەدرىنى بىلىپ ياشاشقا نېسىپ قىلسۇن ۋە بەرگەن پەتۋالىرىغا «تەسلىم بولدۇق» دەپ بويسۇنىدىغان ئىمان ئاتا قىلسۇن. ئۇستاز! ھازىرقى ھەر خىل تېلېۋىزىيە كۆپ قىسىم فىلىملىرى (Dizi) نى كۆرسەك بولامدۇ؟ ئەگەر خاتا بولسا، روزىدار ھالەتتە كۆرسە، روزىغا تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆزلىرىگە ھەم ئاللاھ ئىگەم بەرىكەت ۋە مەغفىرەت ئاتا قىلسۇن. فىلىملەردە چەكلەنگەن كۆرۈنۈشلەرمۇ بار بولغاچقا، مۇمكىنقەدەر يىراق تۇرۇش لازىم. بولۇپمۇ روزىدار ھالەتتە كۆرسە، روزىنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدۇ.

157 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ھازىر چاشگاھ نامىزىنىڭ ۋاقتى سائەت قانچىگىچە؟ ئىستانبۇلنىڭ ھاۋاسىدا قۇياشنىڭ تىكلەنگەن ھالىتىنى بىلگىلى بولمىغاچقا، سائەت ۋاقتىنى دەپ بېرەلىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. چاشگاھ نامىزى (صَلاَةُ الضُّحَى): قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ تىكلەشكەنگە قەدەر ئوقۇلىدىغان كۈندۈزگە تەۋە نەفلە نامازدۇر. ئىككى رەكئەتتىن سەككىز رەكئەتكىچە ئوقۇلىدۇ. پەزىلىتى كاتتا بولغان بۇ نامازنىڭ ھۆكمى مۇستەھەب ۋە سۈننەت بولۇپ، چاشگاھ نامىزى يەنە «سەلاتۇل ئەۋۋابىن (ئىتائەتمەنلەر نامىزى / صَلَاةُ الْأَوَّابِينَ)»، «سەلاتۇل ئىشراق (كۈن يورۇش نامىزى / صَلَاةُ الْإِشْرَاقِ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 479 – بەت. پەرىزىمچە، ئىستانبۇلدا كۈننىڭ تىكلەشكەن ۋاقتى سائەت 12:50 ئەتراپىدا. بىرنەرسىنى ئاپتاپتا قويۇپ قويسىڭىز، سايىسى ئەتراپقا چۈشمەيدىغان بولسا، كۈن تىكلەشكەن بولىدۇ.

158 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! بۈگۈن مەلۇم بىر ئورۇندا سايلامنى قانداق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىش ئۈچۈن چاقىرىپتىكەن، بارغان ئىدىم، ئۇيغۇر دەرنەكتىن. شۇنىڭ بىلەن كارتا تارقاتتى، 100 لىرا بار ئىكەن، ئېلىپ چىقىپ سودا قىلىپ ئۆيگە كىرىپ يۈرىكىم شۇنداق بىر ئاغرىپ كەتتى، چۈنكى ماڭا زاكات دۇرۇس كەلمەيدۇ، بەرگەنلەر «زاكات» دېمىدى، ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك؟ 100 لىرانى باشقىلارغا بېرىۋەتسەم ساقىت بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. موھتاجلارغا بېرىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

159 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن زەرگەرلىك قىلىمەن، بەزى خېرىدارلار: «ئالتۇنغا زاكات %2.5 كەلسە، بۇنىڭدا خام ئالتۇننىڭ نەرقىدە بېرەمدۇق ياكى ئىشچىلىقى بىلەن قوشۇپ بېرەمدۇق؟» دەپ سورايدۇ. بىز ھازىر ئالتۇننىڭ گرامىنى 1350 تېلىغا ساتىمىز، ئالغاندا 1150 تېلىغا ئالىمىز. يەنى ئارىلىقتا 200 تېلى پەرق بار. ئالساق، ئىشچىلىقىنى چىقىرىۋېتىمىز، ساتساق ئىشچىلىقىنى قوشىمىز. شۇڭا مەنمۇ بىلەلمىدىم. 1) خېرىدار زاكاتنى ئالتۇننى سېتىۋالغان نەرقى (ئالتۇننىڭ قىممىتى ۋە ئىش ھەققى قوشۇلىدۇ) گە بېرەمدۇ ياكى ئۆزى ساتالايدىغان (بازار باھاسىدىنمۇ تۆۋەنرەك) نەرقىگە بېرەمدۇ؟

2) خېرىدارلار بىزگە ئالتۇنلىرىنى گراملىتىپ، «بۇنىڭ زاكىتىنى چىقىرىپ بەرسىلە» دەيدۇ. مەسىلەن، خېرىدارنىڭ 22 ئايارلىق 100 گرام ئالتۇنى بار. 100 گرام 22 ئايارلىق ئالتۇن ساپ ئالتۇنغا نىسبەتەن 91.5 گرام ئالتۇنغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدا 91.5 گرام ئالتۇنغا ھېسابلاپ، زاكات يېزىپ بەرسەك توغرا بولامدۇ؟ 3) بۇ يەردىكى ئايار ئالتۇننىڭ ساپلىقىنى بىلدۈرىدۇ، يەنى 24 ئايار ۋەتەننىڭ %99 ساپ ئالتۇن، 22 ئايار %91، 21 ئايار %87، 18 ئايار %75، 14 ئايار %58.5، 8 ئايار %33.33 مۇشۇنداق. 100 گرام ساپ ئالتۇنغا 2.5 گرام ساپ ئالتۇن زاكات كېلىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئايارى پەرقلىق بولسا، باھاسى ۋە ساپلىقى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا زاكاتنى قانداق ھېسابلايمىز؟ مەسىلەن: ھازىر بىرىنىڭ 22 ئايارلىق 100 گرام ئالتۇن زىبۇزىننىتى بولسا، ئىش ھەققىنى قوشماي، 91.60 گرامغىلا زاكات بەرسە بولامدۇ ياكى بۇنى ئالغاندا %10 ئىشچىلىق (ھۈنەر ھەققى) قوشۇلۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، سېتىۋالغان نەرقىگە زاكات كېلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. 1) خېرىدار زاكاتنى ئۆزى ساتالايدىغان خام ئالتۇننىڭ نەرقىدە بازار باھاسىدا ھېسابلاپ بېرىدۇ. يەنى 100 گرام زىبۇزىننەت ئالتۇننى زەرگەرگە ئېلىپ بارسا، ئۇنىڭ ئىشچىلىقىنى چىقىرىۋېتىپ 6000 دوللارغا ساتالايدىغان بولسا، شۇنى ئاساس قىلىدۇ ياكى قەغەز پۇلدا قىممىتىنى ھېسابلىماي، 100 گرام ئالتۇنغا 2.5 گرام ئالتۇن ئايرىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. زەرگەرگە ئاپارماي توردىكى شۇ كۈندىكى بازار باھاسىنى ئاساس قىلىپ زاكات ئايرىسىمۇ بولىدۇ. 2) زاكات بېرىش ئۆلچىمى ساپلىقى 21 كارات / ئايارلىق (%87.5 لىك) ئالتۇن ئاساسىدا بولىدۇ. بۇ ساجىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك پەتۋادا بايان قىلىنغان. https://sajiya.biz/?p=5680&uls=uu. ئەگەر بۇلارنى ھېسابلاش ياكى ھېسابلىتىش قولاي بولمىسا، قولىدىكى تۈرلۈك ئايارلاردىكى ئالتۇنلارنىڭ ھەممىگە 21 ئايار باھاسىدا زاكات ئايرىۋەتسىمۇ بولىدۇ. 22 ئايار باھاسىدا ئايرىۋېتەي دېسىمۇ مەيلى. سەل ئارتۇق بەرگەن بولىدۇ.

160 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىھراملىق ھالەتتە ئېسىدە يوق سۇۋەرەك دېگەندەك ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرىدىغان دورا چېچىپ سالسا، بۇنىڭغا قان كېلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قان كەلمەيدۇ، ئازراق سەدىقە بېرىۋەتسۇن.

161 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئۈچۈن (دادىسى ئۈچۈن ) ھەر كۈنى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ دۇئا قىلىپ قويسا دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ناماز ئوقۇپ قويۇش يوق. ئەمما، سىز ھەر كۈنى دۇئا قىلىشتىن ئاۋۋال ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلسىڭىز بولىدۇ.

162 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مۈشۈك دەسسەپ قويغان ۋە يېتىپ قويغان جايناماز پاكىزمۇ؟ مۈشۈك ئىچىپ قويغان سۈت ۋە يەپ قويغان نەرسىچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇ (مۈشۈك) پاسكىنا ئەمەس، ئۇ سىلەرنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان ھايۋانلاردىن»(«تىرمىزىي»، 92) دېگەن. پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ سۆزىگە ئاساسەن، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە مۈشۈك ئىچىپ قويغان سۈت ياكى سۇ، ياكى يەپ قويغان نەرسە پاكىزدۇر. ھەنەفىي مەزھەبتە «تەنزىھىي مەكروھ»لۇق بىلەن پاكىز. يەنە مۈشۈك دەسسەپ قويغان ۋە يېتىپ قويغان جايناماز، بىساتلارمۇ پاكىز. شۇنداقلا كىيىمگە يۇققان موي ۋە تۈكلىرىمۇ پاكىز.

163 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن. روزىنى قەستەن سۇندۇرسا، بىر كۈنگە 60 كۈن تولۇقلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. شۇنداق. بۇ سوئالغا ئۆتكەن يىلى 40 – سوئالدا جاۋاب بېرىلىپ بولغان. بۇ تور بەتكە مۇراجىئەت قىلىڭ: https://sajiya.biz/?p=8475

164 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تۈركىيە ۋاقتىدا روزا تۇتۇپ سەپەرگە ماڭغان بولسا، ئايروپىلاندىكى چاغدا كەچ سائەت 8 بولغاندا، كۈن پاتمىغان بولسىمۇ ئىپتار قىلىۋەتكەن بولسا ۋە نىشانىدىكى دۆلەتكە يېتىپ بارغاندا، شۇ يەر ۋاقتى چۈش سائەت 3 بولغان بولسا، تۇتقان روزىسى ھېساب بولامدۇ، بولمامدۇ؟ بولمىسا، قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھەقتە ئىككى، ئۈچ كۈن ئىلگىرى جاۋاب بېرىلگەنىدى. بۇ ئەھۋالدا كۈن پاتمىغاندا ئېغىز ئاچقاندىكىن، روزىسى ھېساب بولمايدۇ. نەتىجىدە ئۇ روزىسى ھېساب بولمىغاندىكىن، رامازاندىن كېيىن بىر كۈن قازاسىنى تۇتىدۇ.

165 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مائاشقا كېلىدىغان زاكات توغرۇلۇق پەتۋا سورىماقچى ئىدىم. بىر دوستۇمنىڭ يىللىق مائاشى 110,000 دوللار ئەتراپىدا ئىكەن، ئەمما تاپاۋەت بېجى، دۆلەت بېجى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىلىرى دېگەندەكلەرگە تۇتۇلغاندىن كېيىن، قولىغا تېگىدىغان ساپ كىرىمى 75000 دوللار ئەتراپىدا ئىكەن. مۇشۇنداق بولغاندا، زاكاتنى يۈز ئون مىڭ دوللار بويىچە ھېسابلاپ بېرىشى كېرەكمۇ ياكى يەتمىش بەش مىڭ دوللار بويىچىمۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ئەھۋالدا زاكاتنى يۈز ئون مىڭ دوللار بويىچە ھېسابلاپ بەرمەيدۇ. باج، سۇغۇرتا، ئىجارە، باشقىلارغا قايتۇرىدىغان قەرزلەر ۋە ئۆزى خەجلىگەن پۇللارنىڭ ھەممىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، قولىدا نەق ئېشىپ قالغان پۇل ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پۇللارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ، ھەممىسىگە قىرىقتىن بىر يەنى %2.5 زاكات ئايرىيدۇ.

166 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ئىھراملىقنى سوپۇن بىلەن يۇيۇۋېتىپ قاپتىكەنمەن، شۇڭا قايتىدىن ئىشلەتسەم بولامدۇ؟ يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، «قۇرۇق سۇدا يۇيمىسا بولمايدۇ» دەپ ئاڭلاپتىمەن. يەنە: «پۇراقلىق سوپۇندا يۇيسىمۇ بولمايدۇ» دەيدىكەن، شۇڭا ئالاھىدە پۇراقسىز سوپۇننى ئىزدەپ يۇياتتۇق.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىھراملىقنى سوپۇن بىلەن يۇيۇۋېتىپ ئىشلەتسە بولىدۇ، چاتاق يوق. سوپۇن بىلەن يۇيغاندىن كېيىن قۇرۇق سۇدا چايقايمىز. خۇشپۇراقلىق رەختنى ئىھراملىق قىلماسلىق توغرىسىدا ھەدىس بار بولغاچقا، بەزىلەر: «ئېھتىياتەن پۇراقلىق سوپۇن بىلەن يۇيسا بولمايدۇ» دېگەن. ھازىر «سوپۇندىكى خۇشپۇراقنى بۇ دائىرىگە كىرگۈزەمدۇق ياكى كىرگۈزمەمدۇق» دېگەن مەسىلىدە، كۆپىنچە ئۆلىمالار: «بۇ تازىلاش ماددىسى، ئەتەي مەقسەت قىلىنغان خۇشپۇراق ئەمەس» دەپ قاراپ: «مەيلى» دەيدۇ. شۇڭا، ئىھراملىق كىر بولۇپ كەتسە، سوپۇن بىلەن يۇيۇپ تازىلىۋەتسە بولىدۇ. سوپۇندا مەلۇم دەرىجىدە خۇشپۇراقلىق نەرسە بولسىمۇ، ئۇ ئىھرامدا ئىشلىتىش چەكلەنگەن ئەتىر ياكى خۇشپۇراق ھېسابلانمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئالىملار ئېھراملىق كىشىلەرنىڭ قول ۋە يۈزىنى يۇغاندا ئەتىر سوپۇن ئىشلىتىشىنى جائىز دېگەن.

167 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت، خاتىرجەم قىلسۇن. سوئالىم: خرىستىيان ياكى باشقا دىندىكىلەرنىڭ دىنىي بايرىمىدا بىزگە سوۋغات قىلغان سوۋغاتلىرى (تاتلىق تۈرۈم، شاكىلات… قاتارلىقلار) نى يېسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ سوئالغا ئۆتكەن يىلى 460 – سوئالدا جاۋاب بېرىلىپ بولغان. https://sajiya.biz/?p=8475

168 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن نورمالدا 8 كۈندە ساقىياتتىم، لېكىن ئالدىنقى ئايدا 10 كۈندە ساقايدىم. تۈنۈگۈن ئادەت كۆرگىلى 8 كۈن بولغان ئىدى، ساقايدىم. شۇنىڭ بىلەن يۇيۇنۇپ، روزا تۇتىۋەردىم. ئاخشام ۋە ھازىر ئازراق قارامتۇل نەرسە كېلىپ قاپتۇ. شۇڭا، روزا تۇتىۋېرىشىم كېرەكمۇ ياكى تۇتماسلىقىم كېرەكمۇ؟ قانداق بولسا ھەقىقىي ساقايغانلىق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھەقتە «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى»دىكى «ئاياللاردىن كېلىدىغان خۇن ئەھكاملىرىنىڭ بايانى» دېگەن ماقالىگە مۇراجىئەت قىلىڭ. https://sajiya.biz/?p=3438

169 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ۋىتر نامىزىنى سەھەردە ئوقۇساق، تەھەججۇد ئوقۇماي ئوقۇساق بولامدۇ؟ سوھۇرلۇق ئېتىپ سوھۇرلۇق يەپ بولغۇچە، نامازغا ئەزان چىقىپ قالىدىكەن ھەم ئەزان چىقىپ قالسا ئوقۇساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ۋىتر نامىزىنى كېچىسى ئوقۇيدىغان تەراۋىھ ۋە تەھەججۇد نامازلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تاڭ ئاتقۇچە ئوقۇيمىز. تەھەججۇدنىڭ ئارقىغا ئۇلاپ ئوقۇماي، ئايرىم ئوقۇساقمۇ بولىدۇ. ئۇخلاپ قېلىش ياكى بامدات ئەزانى ئوقۇلۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا بۇرۇنراق ئوقۇۋالىمىز. ۋىترنىڭ ۋاجىبلىقى ھەققىدىكى دەلىللەرگە ئاساسەن، ۋىترنى بامداتقا ئەزان چىقىپ قالغاندىن كېيىنمۇ قازاسىنى قىلىدۇ.

170 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ياخشى، سالامەت تۇردىلىمۇ؟ مېھرىبان رەببىمىز ئاللاھ تائالا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سالامەتلىكىنى ئاتا قىلسۇن، ئامىن. پۈركەپ چېچىلىدىغان ئىسپىرتلىق ئەتىر ئىشلىتىش دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. https://sajiya.biz/?p=2671

171 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ياخشى، سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. رامازاندىكى كېچە – كۈندۈز خەلقىمىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرگە ئاللاھ بۈيۈك ئەجىرلەر بەرسۇن. 1) ئۆزۈم ياۋروپادا تۇرىمەن، «تۈركىيەدىن ئۆي ئالىمەن» دەپ يىغقان 20 مىڭ ياۋرو پۇلۇم بار ئىدى. ھازىر ئۆي باھاسى ئۆسۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۆي ئالالماي ساقلاۋاتىمەن، بۇ پۇللارنى باشقىلارغا ئۆتنە بېرىپ تۇرۇپ، رەسمىي توپلام بولۇپ قولۇمغا يىغىلغىلى بىر يىل توشاي دېدى. پۇل تۈركىيەدە، مەن بۇ پۇلغا تۈركىيە قىممىتىدە زاكات بېرىمەنمۇ ياكى ياۋرو قىممىتىدە زاكات بېرىمەنمۇ؟ 2) زاكاتنى بېرىدىغان كىشىگە كەلسەك، تۈركىيەدە ئايالىمنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋەتەندە قالغان بىر جىيەن سىڭلىسى بار بولۇپ، بۇ جىيەن سىڭىل تۈركىيەدە ئايالىمنىڭ ئۆز سىڭلىسى بىلەن تۇرىدۇ، ئەمما بۇ جىيەن سىڭلىسىنىڭ خىراجەتلىرىنى ئايالىمنىڭ ئاكىسى بېرىدۇ، ئاكىسى زېمىنلىق ئۆي ئالغانلىقى ئۈچۈن قەرزلىرى بار، ئۆزى ئايلىق مائاشقا ئىشلەيدۇ، مەن بۇ خىل ئەھۋالدا يۇقىرىدىكى پۇلنىڭ زاكىتىنى ۋە رامازاننىڭ سەدىقە فىترىنى ئاكىسىغا ياكى بۇ جىيەن سىڭلىسىغا بەرسەم توغرا بولامدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت ۋە خاتىرجەم قىلسۇن! 1) بۇ پۇل 4500 ياۋرودىن ئاشقاندىن تارتىپ باشقىلارغا ئۆتنە بېرىپ تۇرغان يىللارغىمۇ ئوخشاشلا %2.5 زاكات ئايرىيدىلا. چۈنكى، ئۆتنە بەرگەن پۇللارنىڭ زاكىتىنى ئۆتنە بەرگۈچى بېرىدۇ. پۇل ياۋرو بولغاندىن كېيىن ياۋرو بېرىدىلا، تۈركىيەدىكىلەرگە زاكاتقا ئايرىلغان ياۋرونى تېلىغا ئالماشتۇرۇپ بەرسىلىمۇ، شۇ پېتى بەرسىلىمۇ بولىدۇ. 2) پۇلنىڭ زاكىتىنى ۋە رامازاننىڭ سەدىقە فىترىنى ئاياللىرىنىڭ ئاكىسىغا ياكى جىيەن سىڭلىسىغا بەرسىلە بولىدۇ.

172 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! «بىر ئادەمنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان بولسا، قارشى تەرەپكە ‹مەن سىزنىڭ مۇنداق، مۇنداق گېپىڭىزنى قىلغان› دەپ غەيۋىتى قىلىنغان گەپنى دەپ تۇرۇپ، رازىلىق ئالمىسا، كىشىنىڭ ھەققى بىلەن كەتكەن بولىدۇ. قىيامەتتە قارشى تەرەپكە ھەققى ئېلىپ بېرىلىدۇ» دەپ ئاڭلىدىم. غەيۋەتنى گۇناھلا دەپ بىلگەن، لېكىن ئۇنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر بىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي بىلمەي ياكى دىققەت قىلماي، باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ قالغان ۋاقىتلىرىم بار ئىدى. ئېغىر يۈز – ئابرۇيىغا دەخلى يەتكۈدەك باشقىلارغا دەپ يۈرمىگەن، پەقەت ئائىلە ئىچىدىكىلەرگە دەپ قالغان، كېيىن ئۇنىڭ ئەمەللەرنى يەيدىغان شۇنداق ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى ۋە كىشىنىڭ ھەققىدىن قارشى تەرەپ ئۆتمىگۈچە، ئاللاھنىڭ ئۆتمەيدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ گۇناھتىن تەۋبە قىلىپ، قايتا قىلماسلىقنى نىيەت قىلدىم. ئەمما، بۇ گۇناھتىن قايتقاندىن كېيىن ئوچۇق – ئاشكارە قىلمايدىغان بولدۇم – يۇ، لېكىن بەزىدە غەيۋەت بولىدىغانلىقىنى بىلمەي ياكى ئېسىمدە يوق دىققەتسىزلىكتىن قىلىپ سالغان ۋە دەرھال قايتىۋالغان ئەھۋاللار بولدى. قىلغانلىرىم ئۈچۈن بەك پۇشايمان قىلدىم. ئەمما، مەن بۇرۇن غەيۋىتىنى قىلىپ قالغانلار باشقا ياقلارغا كەتتى ياكى بەزىلىرى تۈگەپ كەتتى، رازىلىق سوراش ئىمكانىم يوق. بەزىلىرى ئەتراپىمدا بار، ئەمما رازىلىق سوراش ئارقىلىق شۇلار بىلەن ئوتتۇرىمىزنىڭ يامانلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. مۇشۇلارنى ئويلىسام، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىشىنىڭ ھەققى بىلەن كېتىپ، ياخشىلىقلىرىمنىڭ قۇل ھەققى سەۋەبلىك يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن. شەرىئەتنىڭ بۇنداق ئەھۋالدا كۆرسەتمىسى بارمۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟ (غەيۋەت توغرىسىدىكى ماقالىلىرىڭىزنى ئوقۇدۇم، ئىزدىنىش جەريانىدا بۇ ئەھۋالنى باشقا غەيۋەت ھەققىدە ئىزدەندىم، ئەمما مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئېنىق جاۋاب تاپالمىدىم) ئاللاھ ئىلمىڭىزنى مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن، ئۇستاز!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. غەيۋەت ۋە ھەققىدە يالغان گەپ تارقىتىش، گەپ توشۇش كەبى باشقا تۈرلۈك قىلمىشلار تۈپەيلى باشقىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەققىگە كىرگەن ئەھۋالدا ئالدى بىلەن غەيۋەت قىلغۇچى ئاللاھ چەكلىگەن ئىشنى قىلماسلىققا بەل باغلىشى، گۇناھىغا تەۋبە ۋە پۇشايمان قىلىشى كېرەك. ئاندىن ھەق ئىگىلىرىدىن رازىلىق ۋە ھالاللىق ئېلىشى ۋاجىب. «سەھىھۇلبۇخارىي» 2449 – ھەدىستە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمدە بىرسىگە قارىتا تىل – ھاقارەت ياكى شۇنىڭدەك بىرەر زۇلۇم قىلغان ئەھۋال بولسا، ئۇنى بىرەر تىللا ياكى بىرەر تەڭگە پۇلىمۇ بولمايدىغان كۈنىگە قالدۇرماي، بۈگۈنلا ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئېلىۋالسۇن! بولمىسا، ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن قىلغان زۇلمىغا لايىق ئېلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا، مەزلۇمنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ، ئۇنىڭغا يۈكلىنىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.

بۇ ھەدىسكە ئاساسەن، ماددىي ھەقلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش لازىم. ئەمما، مەنىۋى ھەقلەردە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، ئەگەر قىلىنغان غەيۋەت غەيۋىتى قىلىنغۇچىغا يەتكەن بولسا، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ رازىلىق سوراش، غەيۋىتىنى قىلىپ سالغانلىقىغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىش كېرەك. ئەگەر قىلىنغان غەيۋەت غەيۋىتى قىلىنغان كىشىگە يەتمىگەن بولسا، ئۇنىڭدىن رازىلىق سوراشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىستىغفار ئېيىتسۇن. چۈنكى، رازىلىق سوراپ بارسا، ئۇ كىشى بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا خەۋەر قىلىپ ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە ۋە ئىبنۇلقەييىم قاتارلىق ئۆلىمالىرىمىز: «غەيۋەت، سۇخەنچىلىك ۋە يالغاننى توقۇش قاتارلىق قايتۇرغىلى بولمايدىغان مەنىۋى ھەقلەردە قارشى تەرەپكە مەغفىرەت تىلەپ، ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ قويسا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنى ئىگىسىگە دەپ يۈرۈش تېخىمۇ كۆڭۈل ئاغرىقى ۋە ئاداۋەتكە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

قانداقلا بولمىسۇن، ئەگەر قارشى تەرەپنى تاپقىلى بولۇپ، رازىلىقىنى ئېلىش مۇناسىپ بولسا، رازىلىقىنى ئېلىش لازىم. تەپسىلىي بايان قىلمىسىمۇ، «مەن سىلىنىڭ يامان گەپلىرىنى قىلىپ سالغان بولسام، رازى بولۇپ كەتسىلە…» دېگەندەك ئومۇم ئىپادە بىلەن رازىلىق ئالسا بولىدۇ. ئەڭ ئەۋزىلى مۇشۇ. قارشى تەرەپ ئۆلۈپ كەتكەن، ھاياتلىقىنى ۋە كىملىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ياكى ئۇچراشقىلى بولمايدىغان ۋەياكى رازىلىقىنى ئېلىش تېخىمۇ يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا مەغفىرەت تىلەپ، دۇئا قىلىپ، خەير – ئېھساننى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش لازىم.

مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ: «قېرىندىشىڭنىڭ گۆشىنى يېگەنلىكىڭنىڭ كەففارىتى قېرىندىشىڭنى مەدھىيەلىشىڭ، ئۇنىڭغا ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلىشىڭدۇر» دېگەن. ئۆلۈپ كەتكەن كىشىگىمۇ شۇنداق قىلىنىدۇ.

173 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! رامازاننىڭ بېشىدا بىر ئايلىق روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلدىم. 5 ~ 6 كۈندىن كېيىن ئاغرىپ تۇتالمىدىم. بىر ئىككى كۈن ئۆتكەندە مىجەزىم خېلى ياخشى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن «سوھۇرلۇق يەپ، ئەھۋالغا قاراي: ئوڭشالسام تۇتارمەن، باشقا ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا، تۇتماسمەن» دەپ ئويلىدىم. چۈشكىچە ئەھۋالىم خېلى ياخشى بولۇپ ئوڭشالدىم. شۇڭا، بۈگۈن «تۇتاي» دەپ نىيەت قىلسام، روزام ھېساب بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پەرز روزىنى ئەڭ كېچىككەندە، سوھۇرلۇق ۋاقتىدا نىيەت قىلمىسا، ھېساب بولمايدۇ.

174 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھازىر جەمئىيىتىمىزدە كىشىلەر نامازنى جەﻣﺌ قىلىپ (توپلاپ) ئوقۇشقا ئېسىلىۋالىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ كېتىپتۇ. بەزىلەر ئۆيدىن بازارغا چىقسىمۇ، ئۆيىگە قايتىپ نامازنى جۇغلاپ ئوقۇيدىكەن. بەزىلەر ئۆيدە ئولتۇرۇپمۇ نامازنىڭ ھەممىنى جۇغلاپ ئوقۇيدىكەن. بەزىلەر شەخسىي ماشىنىسىدا كېتىۋېتىپمۇ، توختاپ ناماز ئوقۇش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇپمۇ، بارىدىغان يەرگە بېرىپ ئوقۇيدىكەن. بەزىلەر پۇل تېپىش ئۈچۈن ھەممە نامازنى ئاخشىمى خۇپتەنگە توپلاپ بىراقلا ئوقۇيدىكەن. بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ توغرا يولى قايسى؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەربىر نامازنى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئوقۇش ئەسل قائىدە بولۇپ، ئاللاھ تائالا: ﴿شۈبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى﴾(4/«نىساﺋ»: 103) دېگەن. ئىككى نامازنى (پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى) بىر ۋاقىتقا جەملەپ ئوقۇش شەرىئەت ھېساب قىلغان سەپەر، ئەرافات – مۇزدەلىفەلەردە، مۇشەققەت ياكى يامغۇر، جۇدۇن، بوران كەبى ھاۋارايى ئۆزگىرىشلىرى، شۇنداقلا بەزىبىر دوختۇرخانىلارغا يۈگۈرۈشتەك ئالاھىدە جىددىي كۈنلەردە دېگەندەك بىرەر ئۆزرە تېپىلغىنىدا، ئاندىن رۇخسەت قىلىنغان. ئۇندىن باشقا ئەھۋاللاردا ئىككى نامازنى بىر ۋاقىتقا يىغىپ جەملەپ ئوقۇشقا رۇخسەت يوق. ۋاقتىدا ئوقۇش لازىم. بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن قانىلىمىزدىكى مۇنۇ دەرسلەرنى ئاڭلاپ چىققايسىز:

175 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئىككى تەرەپ بىر تاۋارنىڭ سودىسىنى تېلېفوندا پۈتۈشۈپ، سېتىۋالغۇچى تاۋارنىڭ پۇلىنى مال ئىگىسىنىڭ كارتىسىغا مالنى قولغا ئېلىشتىن بۇرۇن ئېتىپ بەرگەن، مالنى بولسا پېشىندىن كېيىن تاپشۇرۇۋالماقچى بولغان ئەھۋالدا مال ئىگىسى: «كەچۈرۈڭ ئەرزان سېتىپ قويۇپتىمەن، ئالسىڭىز، سىز ئېتىپ بەرگەن پۇلغا يەنە ئازراق قوشۇڭ، بولمىسا، پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرەي» دېيىشى دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. بۇ سودىدا تاۋار ئالتۇن – كۈمۈش ياكى قەغەز پۇل بولماي، ئادەتتىكى تاۋار بولسا، سودا قىلىش سورۇنى يەنى تېلېفۇن قويۇلۇپ بولغان بولسا، بەﻳﺌ (سودا) پۈتتى. تاۋار سېتىۋالغۇچىنىڭ مۈلكى بولۇپ كەتتى. بۇ ئەھۋالدا ساتقۇچىنىڭ سېتىش – ساتماسلىق ئىختىيارلىقى بولمايدۇ، بەلكى خەقنىڭ مېلىنى تاپشۇرۇپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

176 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! تەركىبىدە شاراپ (ھاراق) سىركىسى بار بولغان ئاچچىقسۇنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئۇ ئىتالىيەدە ئىشلەنگەن بولۇپ، ياۋروپادىكى دۇكانلاردا سېتىلىدىكەن، ۋىگان (يەنى ئۆسۈملۈكتىن ياسالغان) دەپ بەلگىسى بار قارا ئاچچىقسۇكەن. بىز بۇ تەرەپتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچچىقسۇلىرىنى تاپالمىغاچقا، شۇڭا «ئىشلەتسە قانداق بولار؟» دەپ سورىغان، شۇنى ئىستېمال قىلىش ھاراممۇ ياكى ھالالمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. بۇ خىل ئاچچىقسۇ بىزنىڭ كلاسسىك فىقھىدا ئۆلىمالىرىمىز «ھاراق سىركىسى / خل الخمر / خل الكحول/ خل النبيذ (Wine Vinegar)» دەپ ئاتىغان سىركە بولۇپ، ئۈزۈم، ئارپا ۋە ئالما كەبى مېۋە – ئۆسۈملۈكلەردىن ياسالغان ھاراققا بىرنەرسە قوشۇش ياكى ئۇنى كۈنگەي جايدىن سايىگە يۆتكەش، ياكى ئۇنى ھاۋالاندۇرۇش ئارقىلىق سىركىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. مېۋە شەربىتى ئېچىپ ئىسانول (Ethanol) ئىسپىرتى (C2H5OH) غا ئايلىنىپ، كېيىن ئۇنىڭدىكى ئىسپىرت ھاۋالاندۇرۇلغىنىدا، بەزىبىر باكتېرىيەلەرنىڭ تەسىرىدە سىركە ئاچچىقسۇيى (acid Acetic) گە ئايلىنىدۇ. ئاچچىقلىق بەزى دۆلەتلەردە %5 بىلەن چەكلەنسە، ئىسانول ئىسپىرتى %0.5 بىلەن چەكلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئايرىم باسقۇچلىرى ۋە ئۆلچەملىرى بار. بۇ سىركە تاماق ئېتىشتىن باشقا يەنە كەتچاپ (پەمىدۇر قاتارلىقلارنىڭ قىيامى Ketchup‏)، تۇخۇم سېرىقى قىيامى (مايونىز Mayonnaise) ۋە بەزى ئاچچىق سەيلەرنى تەييارلاشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ خىل ھاراق سىركىسى ياكى ھاراق ئاچچىقسۇيىنى تاماق ئېتىشتە ۋە يېمەك – ئىچمەككە قېتىپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىسمى «ھاراق سىركىسى» بولسىمۇ، بۇنىڭ ماھىيىتى سىركە ۋە ئاچچىقسۇدۇر. سىركە ياساش كۆپىنچە ھاراق ئېچىتىش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتىدىغان بولسىمۇ، فۇقاھائلىرىمىز يەنىلا سىركە ياساشنى مۇباھ دەپ قارايدۇ. ۋە ھەممىسى بىردەك: «ھاراق ئۆزلۈكىدىن سىركىگە ئايلانسا، پاك ۋە ھالال بولىدۇ» دەيدۇ. سىركىگە ئايلاندۇرۇش سىركىگە ئۆزلۈكىدىن ئايلىنىش بىلەن ئوخشاش بولۇپ، نەتىجە ئوخشاش، بۇ تېرىنى ئاشلاش ئارقىلىق پاكلىغانغا ئوخشاش ئىش. يەنى بۇ سىركىدە ھاراقلىق ۋە مەست قىلىش خۇسۇسىيىتى قالمىغان بولىدۇ. ئەكسىچە ئۇنىڭدا غىزالىنىشتا ۋە داۋالىنىشتا پايدىلىق سۈپەت بولىدۇ. (قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 19/260). ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى مەست قىلىش خۇسۇسىيىتى ئىدى. سىركىدە بۇ خۇسۇسىيەت يوقالغانىكەن، ھارام دېگەن ھۆكۈممۇ تەڭ يوقىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدىكى سىركە / ئاچچىقسۇلارمۇ مۇشۇ تەرىقىدە يەنى شەربەت ھاراققا، ئاندىن سىركىگە ئايلاندۇرۇلۇپ ئىشلىنەتتى ھەم بۇ سىركىنى ھارام دەيدىغان بىرەر دەلىلمۇ يوق. ئەكسىچە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نان تۆگۈرۈپ يەيدىغانغا سىركە ئەڭ سۆيۈملۈك ئىدى. ئۇ زات سىركە ھەققىدە: «سىركە ئەجەپ ياخشى تېتىتقۇ؟!»(مۇسلىم، 2052) دېگەن. يەنە: «سىركە بار ئۆيدە نان قۇرۇق يېيىلگەن ھېسابلانمايدۇ»(تىرمىزىي، 1842) دېگەن. ھاراقتىن ئىشلەنگىنى بىلەن شەربەتتىن بىۋاسىتە ئىشلەنگىنىنى ئايرىپ قارىمىغان ھەم بىزنى سىركىنىڭ ئەسلىنى ئېنىقلاشقىمۇ بۇيرۇمىغان. ساھابەلەردىن ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھاراق سىركىسىنى نان بىلەن ئىستېمال قىلغان. ئائىشە، ئىبنى ئۆمەر، ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ ھاراق سىركىسىنى ھالال دېگەن. تابىئىنلەردىن ئىبنى سىرىن، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ھەسەن بەسرىي قاتارلىق زاتلارمۇ ھاراق سىركىسىنى ھالال ۋە پاك دەپ قارىغان ۋە ئىستېمال قىلغان(مۇسەننەفۇ ئىبنى ئەبى شەيبە، 24567 – 24574). دېمەك، بۇ خىل ھاراق سىركىسى ھالال ۋە پاكتۇر. بۇ ئىلگىرىكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇش بىلەن بىرگە ھازىرقى زامان كۆپچىلىك ئالىملىرىنىڭ ۋە فەتۋا كومىتېتلىرىنىڭمۇ قارىشىدۇر. دەۋرىمىزدە «ياۋروپا پەتۋا ۋە تەتقىقات كومىتېتى (European Council For Fatwa and Research)» 2018 – يىلى 22 – ئۆكتەبىردە ئېلان قىلغان 3803 – نومۇرلۇق پەتۋاسىدىمۇ شۇنداق قارار ئالغان.

بەزى ئالىملار: «ھاراق ئۆزلۈكىدىن سىركىگە ئايلانسا ھالال بولسىمۇ، ئۇنى سىركىگە ئايلاندۇرۇشقا بولمايدۇ» دەپ قارىغان تۇرۇقلۇق، يەنە: «ھاراق سىركىگە ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنى ئىستېمال قىلىش جائىز» دەپ قارايدۇ. بۇلار، خۇددى ئىمام تىرمىزىي 1310 – ھەدىستىن كېيىن بايان قىلغاندەك، «بۇ خىل سىركىنى ئىشلەپچىقىرىشتا مۇسۇلمان كىشى ھاراقنى ئۆيىدە ساقلاپ قالمىسۇن، ھاراقتىن يىراق تۇرسۇن» دەپ شۇنداق چەكلىمە قويغان. بولمىسا، ئۇلار بۇ خىل سىركىنى ھالال دېمەيتتى. دېمەك، چەكلىگەن ئالىملارنىڭ چەكلەش سەۋەبى ئۇنىڭ نىجىس ياكى ھاراملىقى ئەمەس. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

177 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن، مىللىتىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خەيرلىك خىزمەتلەرنى قىلىشقا نېسىپ قىلسۇن. ئۇستاز! يەتتە يېرىم ياشتىكى ئوغۇل بالا «پەرز نامازلارغا ئىمام بولسام» دەپ تۇرۇۋالسا، ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭغا ئىقتىداﺋ قىلسا بولامدۇ؟ (بۇ بالا ئاخىرقى ئۈچ پارىنى پىششىق يادلىغان ۋە نامازنىڭ ئەركانلىرىنى، نامازدا بىرەر كەمتۈكلۈك ياكى خاتالىق بولۇپ قالسا، سەجدە سەھۋىسى قىلىشنى بىلىدۇ)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق، ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن. بولىدۇ.

178 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سىلىنى ئەزىز قىلسۇن. بىز ۋەتەندە ئوقۇغان ۋاقىتلاردا «پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆيىدە قازان قاينىمايتتى، ئۈچ كۈن ئۇدا قورسىقى تويمىغان، قازان قاينىمىغان» دەپ داۋاملىق پەيغەمبىرىمىزنى ۋە ساھابەلەرنى غېرىپ – بىچارە كۆرسىتىپ قويغان ئەھۋاللار بار. كېيىن ئىسلام فەتىھلىرى بولغاندا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ باياشاتراق ئۆتكەن كۈنلىرى بولغانمۇ؟ ئەگەر بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇستازلار داۋاملىق ئاشۇ بىچارىلىكنىلا سۆزلەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ساھابەلەرنىڭمۇ باياشاتراق ياشىغانلىقى سۆزلەنمەيدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك توختىلىپ بەرسىلىرى، نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز مەنپەئەتلىنىپ قالغان بولاتتى. ئۇستاز! ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق، ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ ئەزىز قىلسۇن. بەلكىم تەرغىبات ئىشلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋەز – تەبلىغلەر شۇ يۆنىلىشتە بولغان بولۇشى مۇمكىن. زاكاتنى ئادا قىلىپ، ئىسراپ قىلمىغان ئاساستا باياشات ياشاش چەكلەنمەيدۇ.

179 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) بۈگۈن مەلۇم بىر توپتا كۈنلۈككە زاكاس بېرىش جەريانىدا ھەسەن – ھۈسەن رەڭلىك كۈنلۈكنىڭ گېپى بولۇپ، ئۇنى سېتىۋالماسلىق ۋە بۇ خىل ھەسەن – ھۈسەن رەڭنىڭ باشقا بىر سىموۋوللۇق مەناسى بارلىقى توغرۇلۇق گەپ بولغان ئىدى. شۇڭا، سىزدىن سوراپ توغرىسىنى بىلىۋالاي دېگەن. ئەگەر بولماي قالسا، ھەرقانداق نەرسىدە ھەسەن – ھۈسەن رەڭ بولۇپ قالسا، تەرك ئېتىشىمىز كېرەكمۇ؟ 2) يەنە «مۈڭگۈزلۈك ئاتنىڭ رەسىمى ھەمدە مۇشۇ يەتتە رەڭلىك ھەسەن – ھۈسەن ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ توي قىلىشىنى قوللايدىغان بەلگىسى» دېگەندەك بىر قىسىم ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان خەۋەرلەرنى كۆرىمىز. ئۇستازنىڭ ياردىمىدە بۇ ھەقتە تەپسىلىي بىلىۋالساق بوپتىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) دۇنيا ھەمجىنىسلىقلار (LGBT) ۋە جىنس ئۆزگەرتكەنلەر ئالتە رەڭلىك ھەسەن – ھۈسەننى ئۆزىگە سىمۋول قىلغان. ئادەتتە ھەسەن – ھۈسەن يەتتە رەڭلىك بولىدۇ، شۇڭا پەرقى بار. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ سىمۋوللۇقىنى كۆزدە تۇتماي، «ھەسەن – ھۈسەن» دەپ قاراپ ئىشلەتسە بولىدۇ. مەسىلەن، قىزىل رەڭنى كوممۇنىستلار سىمۋول قىلسا، باشقىلار قىزىل رەڭلىك نەرسە ئىشلىتەلمەس بولۇپ قالمايدۇ. بۇ ھەقتە بىرەر ئۆلىمانىڭ دەلىللىك پەتۋاسىنى ئۇچراتمىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ خىل توپقا خاس بەلگە – ئىشارە ۋە سىمۋوللۇق نەرسىلەر بولسا، ئىشلەتمەسلىك ۋە دىققەت قىلغان تۈزۈك ئەلبەتتە.

180 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ يۇقىرىدا سۆزلەنگەن بەلگە يەنى «يۈرەك» دەپ ئاتىۋالغان بەلگىنى بىردىنبىر ھەيكەلنىڭ ئارقا ئەۋرىتىگە چوقۇنىدىغان، سىموۋول قىلىنغان دىنسىزلارنىڭ بۇ بەلگىسىنى بىز مۇسۇلمانلار «يۈرەك» دەپ قوللىنىۋاتىمىز، مەن بۇنى ئاڭلىغاندىن تارتىپ، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بۇنى قوللىنىپ باقمىدىم. مەندە بار بىر توپقا يوللاپ قويساممۇ، ھېچبىر تەسىر قىلغاندەك ئەمەس، توردىن ئىزدىسە شۇ ئايال ھەيكەلنىڭ سۈرىتىمۇ چىقىدىكەن، بۇنى بىلىپ، ئاڭلاپ تۇرۇپ يەنە قوللىنىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويدۇم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق، ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ ھەقتە ئىشەنچلىك مەنبە بارمىدۇ؟ بەزى پەتۋالارغا شۇنداق رىۋايەتلەر مەنسۇپ قىلىنغان بولسىمۇ، مەن ئىشەنچلىك مەنبە ئۇچراتمىدىم. ئادەتتە چەكلەنمىگەن مەقسەتتە بۇ بەلگىنى ئىشلەتسە، جائىز بولۇشى كېرەك.

181 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ بىر پەتۋادا «ھەسەن – ھۈسەننى ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئوغۇللىرىغا ئەمدى ئىنسانلارنى توپان بالاسى بىلەن ھالاك قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسى سۈپىتىدە ياراتقان. شۇڭلاشقا ئۇ خۇدانىڭ قۇدرىتىنىڭ ۋە ئۈمىدنىڭ سىمۋولى» دەپتۇ. بۇ گەپنىڭ بىزدە ئاساسى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق، ئاللاھقا شۈكۈر. ئىمام بۇخارىي ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: «ھەسەن – ھۈسەن نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن غەرق بولۇشتىن ئامانلىقتۇر»(«ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، 765) دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان بولسىمۇ، سەنەدى زەئىفتۇر. تەۋراتتىمۇ تەكۋىن سۈرىسى (8/18 — 22) دە شۇنداق مەزمۇن كەلگەن. دېمەك، ھەسەن – ھۈسەن يامغۇردىن كېيىنكى قۇياش نۇرىدا پەيدا بولىدىغان ھادىسە بولۇپ، ئۇنىڭ بىرەر نەرسىگە ئامانلىق ياكى سىمۋوللۇقى توغرىسىدا سەھىھ بىر نەقىل ياكى رىۋايەت يوق.

182 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ يولدىشى: «سىز بىلەن ئەمدى كارىم يوق، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمايدىغان ئادەم ماڭا لازىم ئەمەس» دېسە، نىكاھقا تەسىر يېتەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. نىكاھ – تالاق ئىشلىرى بەك زىل. شۇڭا، بۇنى ئەر – ئايال بىرلىكتە بىرەر ئەھلى ئىلىم ئالدىغا بېرىپ، ئەھۋالنى بايان قىلىپ پەتۋا سورىسا مۇناسىپ.

183 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئاياللار بوۋاق بالىسىغا تاماق چايناپ بەرسە، روزىغا دەخلىسى بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. چايناپ بەرسە بولىدۇ، لېكىن گېلىدىن تاماق ئۆتۈپ كەتسە، روزىغا تەسىرى بولىدۇ.

184 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. نامازدا تۇرغىنىمىزدا، بوۋاق بالا يىغلاپ كەتسە، بوۋاق زاكىغا ئازدۇر – كۆپتۇر چوڭ – كىچىك تەرەت قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، بىز بالىنى قۇچىقىمىزغا ئېلىپ تۇرۇپ نامازنى داۋاملاشتۇرساق بولامدۇ؟ نامازغا تەسىرى بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. نامازنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. نامازغا تەسىرى يوق. گەرچە كۆپچىلىك ئالىملار «ناماز بۇزۇلىدۇ» دەپ قارىغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا تۈزۈك دەلىل يوق. نامازخاننىڭ كىيىمى، بەدىنى ۋە جايناماز پاكىز، يىغلىغان بالىنى كۆتۈرۈشكە ئېھتىياج بار. شۇڭا توغرا قاراشتا نامازنىڭ توغرا بولۇش شەرتلىرى قاتارىدا «نىجاسەتنى كۆتۈرمىگەن بولۇش»تەك شەرت يوق.

185 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تاھارەتسىز قۇرئاننى تۇتۇشقا ۋە ئوقۇشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كىچىك تاھارىتى يوق كىشى قۇرئان تىلاۋەت قىلسا جىمى ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا جائىز. ئەمما، تاھارەتسىز قۇرئاننى تۇتۇش مەسىلىسىدە گەرچە كۆپچىلىك ئالىملار «ھارام» دەپ قارىغان بولسىمۇ، دەلىل جەھەتتىن تەرجىھ قىلىنغان قاراشتا جائىزدۇر.

186 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! نامازدا پايپاق كىيمەي، ئوشۇق تەرەپ ئوچۇق قېلىپ ناماز ئوقۇسا، ناماز دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئوشۇقنىڭ ئۈستى ئوچۇق قالسا ئاياللارنىڭ نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ. ئوشۇقنىڭ ئاستى ھەققىدە مۇنۇ پەتۋاغا قارىغايسىز: https://sajiya.biz/?p=3483

187 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! ئاللاھ جىمى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى گۈزەل قەدر كېچىسىگە ئۇلاشتۇرسۇن ۋە سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا نېسىپ قىلسۇن. ئۇستاز! رامازانلىرى مۇبارەك بولسۇن. نەچچە كۈندىن بۇيان ئىچىم شۇنداق راھەتسىز. «ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بۇ سوئالىمنى سوراپ ئەمىن تاپاي» دەپ ئويلىدىم. بىر ئايال نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى 5 كۈن ئادەت كۆرۈپ، نىكاھلانغاندىن كېيىن پەرزەنتلىك بولۇپ، 7 كۈندىن 9 كۈنگىچە ئادەت كۆرسە، تۇيۇقسىز رامازان ئېيىدا 5 كۈن ئادەت كېلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچ ئالامەت كەلمەي، «مېنىڭ ساقىيشىمغا يەنە بىرنەچچە كۈن بار» دەپ ئويلاپ بىر كۈن ئۆتكۈزۈۋەتسە، ئەتىسى ھېچقانداق ئالامەت كەلمىگەندىن كېيىن ناماز ۋە روزىسىنى باشلىۋالسا… مۇشۇ ئۆتكۈزۈۋەتكەن بىر كۈننىڭ نامازلىرى ۋە روزىسى ھەققىدە قانداق قىلسا توغرا بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى»دىكى «ئاياللاردىن كېلىدىغان خۇن ئەھكاملىرىنىڭ بايانى»غا قارىغايسىز. https://sajiya.biz/?cat=589&uls=uu

188 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ ھەر ۋاقىت سالامەت بولغىلى نېسىپ قىلسۇن. ئۇستاز! ئەگەر روزىدار ھالەتتە قىزىپ ھالى قالماي ئاغرىپ قالسا، ئىپتارغىچە ساقلىغۇدەك ھالى بولماي، دورا ئىچىش ئۈچۈن روزىسىنى ئاچسا، قەستەن بۇزغانلىق قاتارىغا كىرەمدۇ؟ ياكى ئۆزرىلىك بولغاندىكىن، گۇناھ بولمامدۇ؟ بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟ چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئۆزرىلىك بولىدۇ. كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ.

189 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھازىرقى جەمئيىتىمىزدە كىچىك بالىلارنىڭ سۈرەت يوق كىيىملىرى بەك ئاز، ھەتتاكى بوۋاقلارنىڭ زاكىسىدىمۇ سۈرەت بار. مۇشۇ سۈرەت بار كىيىم كىيگەن كىچىك بالا نامازخاننىڭ ئالدىدىن ئۆتسە ياكى نامازخاننىڭ ئالدىدا تۇرۇۋالسا، بۇ نامازنى قايتا ئوقۇش لازىممۇ ياكى داۋاملاشتۇرۇۋېرىمىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قايتا ئوقۇش كەتمەيدۇ.

190 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ياۋروپادا مەكتەپلەردىن ھەر قېتىملىق بايراملىرىدا بالىلارغا شاكىلات ۋە پېچىنە دېگەندەك سوۋغاتلارنى بېرىدۇ. ئۇ نەرسىلەرنى بالىلار يېسە بولامدۇ؟ شۇلارنىڭ بايرام كۈنلىرى مەكتەپتە بايراملىق پائالىيەتلەر بار. بالىلار ئۇ كۈنى مەكتەپكە چىقسا بولامدۇ؟ بىرقانچە قېتىم ئەۋەتمىدۇق، لېكىن ئوقۇتقۇچى «نېمىشقا چىقمايدۇ؟» دەپ كىرىشىۋالدى. رەھمەت، ئاللاھ رازى بولسۇن.

يەنە بىر كىچىك ئۆتۈنۈشۈم: سىلىنىڭ ۋاقىتلىرىنىڭ قىسلىقىنى ۋە قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى بىلىمىز. ئاللاھ ئەجرلىرىنى بەرسۇن. غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز تىجارەت، تۇرمۇش، يېمەك – ئىچمەك، مائارىپ، خىزمەت ۋە باشقا دىندىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قاتارلىق ئىشلاردا يولۇققان مەسىلىلىرىگە خاس بولغان بىر پەتۋالار مەجمۇئەسى قىلىش زۆرۈرىيىتى ۋە ئىمكانى بارمىدۇ؟ ئاللاھقا ئامانەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. شاكىلات ۋە پېچىنە تەركىبىدە ھارام ماددا بولمىسا، يېسە بولىدۇ. بايراملىق پائالىيەتلەر بار كۈنى مەكتەپكە چىقسا بولىدۇ. چىقىش – چىقماسلىق ئىختىيارلىقى بولسا، چىقمىسۇن. ئىختىيارلىق بولمىسا، چىقسا بولىدۇ.

ھازىرچە خاس پەتۋا مەجمۇئەسى قىلىش زۆرۈرىيىتى ۋە ئىمكانىيىتى يوق. ياۋروپا پەتۋا مەجلىسىنىڭ پەتۋالىرىنى ئوقۇپ تۇرۇش مۇناسىپ.

191 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاياللار ھامىلىدارلىق ياكى بالا ئېمىتىش سەۋەبلىرى بىلەن تۇتالمىغان روزىسىنىڭ فىدىيەسىنى زاكات ئېلىش شەرتىگە چۈشىدىغان يولدىشىغا بەرسە بولامدۇ؟ باشقا ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغىچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاتا – ئانىسى ۋە بالا – نەۋرىلىرىدىن باشقا، ئېرىگە، ئاكا- ئۇكىلىرىغا ۋە ئاچا – سىڭىللىرىغا، ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا ۋە ئۇلاردىن يىراق تۇغقانلارغا بەرسە بولىدۇ.

192 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئەزىز تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن! بىز ياۋروپادا ياشايمىز، ھازىر سىياسى پاناھلىق كامپىدا تۇرۇۋاتىمىز، تېخى ئۆيگىمۇ چىقىپ بولالمىدۇق. ئەمما، يېنىمىزدا ئون مىڭ ياۋروغا يېقىن نەق پۇل بار. بىزگە ئۇ پۇلنىڭ زاكىتى كېلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ ھەممىلىرىنى سالامەت ۋە خاتىرجەم قىلسۇن! ئەلبەتتە ئون مىڭ ياۋرو زاكات ئايرىش ئۆلچىمىگە يېتىپ ئاشىدۇ. شۇڭا %2.5 زاكات ئايرىش لازىم.

193 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر كىشى رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنى نىيەت قىلىپ مەسجىد ھەرامدا ئېتىكاپقا كىرىپتۇ، ئەمما مەسجىد ھەرام خادىملىرى «ئېتىكاپ كىنىشكەڭ بولمىسا بولمايدۇ» دەپ ئېتىكاپ ئورنىغا كىرگۈزمەپتۇ ۋە ئۇ كىنىشكىنى ئالالماپتۇ! مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئېتىكاپتىن چىقىپ كەتسە، ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەسجىد خادىملىرى ياكى ساقچىلار تەرىپىدىن مەسجىدتىن چىقىرىۋېتىلسە، ئېتىكاپى بۇزۇلمايدۇ. بۇ خۇددى روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئېغىزىغا مەجبۇرلاپ تۇرۇپ سۇ قۇيسا، گېلىدىن ئۆتۈپ كەتسىمۇ روزىسى سۇنمىغانغا ئوخشاش. ئېتىكاپى بۇزۇلمىغان بولغاچقا، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردا مەسجىدكە قايتىپ ئېتىكاپىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. قايتالمىسا چارە يوق. لېكىن، كېيىن قايتالايدىغان تۇرۇقلۇق مەسجىدكە قايتمىسا، ئېتىكاپى توختىغان بولىدۇ. بۇ ئېتىكاپ نەفلە ئىبادەت بولغاچقا، ئېتىكاپتىن چىقىپ كەتسە ھېچ گەپ بولمايدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

194 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئايالىم ئىككىمىز كېسەللىك سەۋەبىدىن بۇ يىل رامازاندا بىر كۈن روزا تۇتالماي قالغان ئىدۇق، شۇنداقلا شۇ كۈنى كۈن پېتىشتىن بۇرۇن جىما قىلىپ سالدۇق. بۇنداق بولغاندا كەففارەت كېلەمدۇ ياكى قازا روزىنى تولۇقلاش بىلەنلا كۇپايىلىنەمدۇق؟ ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. سەپەر ياكى كېسەللىك قاتارلىق رامازاندا روزا تۇتماسلىق ئۆزرىسى بار ئەر ياكى ئايال كىشى رامازاندا روزا تۇتمىغاندىن كېيىن كۈندۈزى جىما قىلسا ھېچ گەپ بولمايدۇ. كەففارەتمۇ كەلمەيدۇ. پەقەتلا شۇ بىر كۈننىڭ قازاسىنى ھېيتتىن كېيىن تۇتىدۇ. چۈنكى، بۇ تۈرلۈك ئۆزرىلىك كىشىلەرگە جىما ۋە يېمەك – ئىچمەك چەكلەنمەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿ (بۇ پەرز قىلىنغان روزا) ساناقلىق كۈنلەردۇر، سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى (يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن﴾(4/«نىساﺋ»: 184) دېگەن.

195 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەرەمدە ئىھراملىق ھالەتتە ناماز ئوقۇپ قالساق يۈزىمىز يېپىق، «ئېچىۋېتىپ ئوقۇيلى» دېسەك، ئەتراپىمىزدا ئەر كىشى بار. شۇڭا، ئېچىۋېتىپ ئوقۇۋېرەمدۇق ياكى ماسكا تاقاپ ئوقۇساق بولىۋېرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاياللارنىڭ يۈزىنىڭ ئەۋرەت ياكى ئەمەسلىكىدە قاراش بىردەك ئەمەس. «يۈز ئەۋرەت ئەمەس» دېگەن قاراشنى تۇتسا، يۈزىنى يۆگىمىگەندىن كېيىن ئىھرامغا تاقاشمايدۇ. «يۈز ئەۋرەت» دېگەن قاراشنى تۇتىدىغان بولسا، ئىھراملىق ھالەتتە يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ. چۈنكى، سەھىھ ھەدىسلەردە ئايال كىشىنىڭ ئىھرام باغلىغاندا، «نىقاب»، «بۇرقاﺋ»، «پەلەي» دېگەندەك نەرسىلەرنى تاقىۋالسا بولمايدىغانلىقى نەقىل قىلىنغان. «يۈز ئەۋرەت» دېگەن قاراشنى تۇتۇپ بۇرۇندىن يۈزىنى يۆگەيدىغان ئاياللار يات ئەرلەرگە يولۇققاندا، «رومىلىنىڭ بىر بۇرجىكى»، «قولياغلىق» دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن يۈزىنى يۆگەپ، ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن ئېچىۋېتىدۇ. ناۋادا ئىھراملىق ھالىتىدە يات ئەر يوق جايلاردىمۇ يۈزىنى يۆگىۋالغان بولسا، فىدىيە ۋاجىب بولىدۇ. فىدىيەگە خاھلىسا، بىر قوي قان قىلىدۇ؛ خاھلىسا، ئالتە مىسكىنگە تاماق سەدىقە قىلىدۇ؛ خاھلىسا، ئۈچ كۈن روزا تۇتىدۇ. بەزى ئالىملار: «ھۆكمىنى بىلمەي ياكى ئۇنتۇپ قېلىپ يۈزىنى يۆگىۋالغان بولسا، قەستەنلىك بولمىغانلىقتىن، فىدىيە بەرمىسىمۇ بولىدۇ» دەيدۇ. لېكىن، فىدىيە بېرىدۇ دېگەن قاراش كۈچلۈك. «ئاياللار ئىھراملىق ھالەتتە يۈزىنى يۆگىۋالسا بولمايدۇ» دېگەن ھەدىسكە ئاساسەن، ئىھراملىق ھالەتتىن چىقىپ بولغۇچە شۇنداق قىلىدۇ. ئەمما، ئىھراملىق ھالەتتە يات ئەردىن يۈزىنى يۆگەش ئۈچۈن ماسكا تاقاشقا بولمايدۇ. ئىھرامسىز ھالەتتە ئىختىيار.

196 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 185 – سوئالنىڭ جاۋابىدا: «قۇرئاننى تۇتۇشقا ۋە ئوقۇشقا بولىدۇ» دەپتىكەنلا، بۇ «تاھارەتسىز قۇرئان ئوقۇسا بولىدۇ» دېگەن گەپمۇ ياكى «تۇتۇشقا بولىدۇ» دېگەنلىكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «تاھارەتسىز ئوقۇسا بولىدۇ» دېگەنلىك. ئەلبەتتە، خېلى كۆپ سانلىق ئۆلىمالار «بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ. لېكىن، ئۇلار دەلىل قىلغان ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئۇنى پەقەت پاكلانغانلارلا تۇتىدۇ﴾(56/«ۋاقىئە»: 79) دېگەن ئايەتىدىكى «ئۇ» دېگەن ئالماش «لەۋھۇلمەھفۇز» بولۇپ، «پاكلانغانلار» پەرىشتىلەردۇر. «لەۋۇھۇلمەھفۇز»دا قۇرئانمۇ، باشقا ئىلىملەر ۋە پۈتۈكلەرمۇ بار. ھەم بىز ئاسماندىكى «لەۋھۇلمەھفۇز»نى تۇتۇش ئەمەس، نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ زېمىندىكى ھۆكمى ئۈستىدە توختىلىۋاتىمىز، ئۇنىڭدىن باشقا تاھارەتسىز قۇرئاننى تۇتۇشنى چەكلەيدىغان سەھىھ بىرەر دەلىل يوق. بۇ ھەقتە دەلىل قىلىنغان بەزى ھەدىسلەرمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈلگىنىدە سەھىھ چىقمايدۇ. سەھىھ چىققىنىدىن چەكلەش ئۇقۇمى چىقمايدۇ. نەتىجىدە تاھارەتسىز قۇرئان تۇتۇشنى چەكلەيدىغان بىرەر ئايەت – ھەدىس يوق بولغاچقا، ئەسلىدىكى مۇباھلىق ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولىدۇ ۋە «قۇرئاننى تاھارەتسىز ئوقۇسا بولىدۇ» دېگەن ئاز سانلىق ئۆلىمالارنىڭ قارىشى ئېغىر باسىدۇ، چۈنكى «سەھىھەين»دىكى «مۇسۇلمان دېگەن نىجىس بولمايدۇ» دېگەن ھەدىسكە ئاساسەن، قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتسا ھەم ئوقۇسا چەكلەنمەيدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ يەردىكى تاھارەتسىزلىك كىچىك تاھارەت ئالمىغانلىقنى كۆرسىتىدۇ، ھەرگىزمۇ جەنابەتلىك ياكى ھەيزدارلىق ھالەتلىرىنى كۆرسەتمەيدۇ.

197 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ Dokturem bant نىڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا ئەزا بولۇپ، ئېلىپ – سېتىش جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەن بۇ شىركەتنى بىلمەيمەن. ئەمما، «ئەزا بولۇش، ئەزا بولغانغا بەدەل تۆلەش، ئەزا توپلاش ئارقىلىق نومۇر توپلاپ كىرىم قىلىش، ئەزا بولماي تۇرۇپ خاھلىغان يەردىن، خاھلىغان چاغدا سېتىۋالالماسلىق، ئەزا بولۇش ئۈچۈن مەھسۇلات سېتىۋالىدىغان ياكى مەھسۇلات سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئەزا بولىدىغان» دېگەندەك ناتوغرا سېتىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىدىغان شىركەتلەرنىڭ تىجارىتى توغرا بولمايدۇ. شۇڭا، شۇنداق شەرتلەر تېپىلسا، بۇمۇ باشقا «كىيانى (Kyäni)»، «ئامۋاي (Amway)»، «ئورفىلەم (Orfelam)»، «ئاتومى (Atomy)»، «دې ئېكىس ئېن (DXN)» دېگەندەك زەنجىرسىمان سېتىش شىركەتلىرىدەك تىجارىتى توغرا بولمايدۇ. ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشتا، شاخلىتىپ ساتقۇچىلارنىڭ ئەمەس، ئىشەنچلىك مۇسۇلمان دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيەسىنى قوبۇل قىلىش لازىم. بۇنى نورمال دۇكاندا ساتسا، ئىشەنچلىك دوختۇر تەۋسىيە قىلسا ئەزا بولماي ئالسىلا، بولمىسا، يىراق تۇرسىلا.

198 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! گۇرۇپپىلاردا بىرەيلەن سالام قىلسا، ھەممەيلەن سالام قايتۇرۇشى كېرەكمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، گۇرۇپپا سالام بىلەنلا توشۇپ كېتىدۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. گۇرۇپپىلاردا ياكى توپلاردا بىرەيلەن سالام قىلسا، ھەممەيلەن سالام قايتۇرۇشى كېرەك ئەمەس. بەلكى بىرسى سالام قايتۇرسا يېتەرلىك. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «(يولدا كېتىۋاتقان) بىر توپ كىشىدىن پەقەت بىرىلا (يول بويىدا ئولتۇرغانلارغا) سالام قىلسا، ئولتۇرغانلاردىنمۇ پەقەت بىرلا كىشى ئۇلارغا سالام قايتۇرسا، ھەممەيلەنگە كۇپايە قىلىدۇ»(ئەبۇ داۋۇد، 5210) دېگەن.

ئىمام نەۋەۋىي دەيدۇكى: «سالامنى ئىلىك ئېلىش ھەممە ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا پەرزدۇر. بىرسىگە سالام قىلىنغىنىدا ئىلىك ئېلىشى ئۇنىڭغا پەرزدۇر. بىر توپقا سالام قىلىنغىنىدا ئىلىك ئېلىش پەرز كىفايە بولۇپ، بىرسى ئىلىك ئالسا ھەممەيلەنگە ھېساب بولىدۇ ۋە ھەممەيلەندىن پەرز ساقىت بولىدۇ. ھەممىسى ئىلىك ئالسا، تەڭ بولسۇن ياكى ئارقا – ئارقىدىن بولسۇن، ھەممىسى پەرزنى ئادا قىلغان بولىدۇ. ھېچبىرى ئىلىك ئالمىسا، ھەممىسى گۇناھكار بولىدۇ. سالام قىلىنغانلار ئىلىك ئالماي، باشقىلار ئىلىك ئالسا، سالام قىلىنغانلاردىن گۇناھ ساقىت بولمايدۇ»(ئەلمەجمۇﺋ، 4/494).

199 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن بۇرۇن بەش ياشلىق بالىسى بار بىرسى بىلەن توي قىلغان ئىدىم، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ بالىنى باقتىم، كېيىن ئۇ ئادەمدىن ئاجرىشىپ كەتتىم. ھازىر ئۇ بالا 18 ياشقا كىردى. ھازىر باشقا بىر كىشى بىلەن توي قىلدىم، بۇ ئېرىم: «سىز ئۇ بالا بىلەن كۆرۈشسىڭىز بولمايدۇ، چۈنكى 18 ياشقا كىرىپ قاپتۇ» دەيدۇ. بەزىلەر: «ئۇ بالا سىلى ئۇنى كىچىكىدىن باشلاپ باققاندىكىن ھەم سىلىگە راۋا بولمىغاندىكىن، سىلىگە نامەھرەم بولمايدۇ» دەيدۇ. مەن ئۇ بالامنى بەك ياخشى كۆرەتتىم، ئۇ بالىمۇ ماڭا بەك ئامراق. ئۇ بالا ماڭا نامەھرەممۇ، ئەمەسمۇ؟ بۇ ھەقتە دىنىمىزنىڭ ھۆكمى قانداق؟ چۈشەندۈرۈپ قويسىلا، ئاللاھ كۆپلەپ ئەجر بەرسۇن، ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆگەي ئوغلىڭىز سىزگە مەھرەم بولالايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا: ﴿ئاتىلىرىڭلار ئالغان ئاياللارنى ئالماڭلار﴾(4/«نىساﺋ»: 22) دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۆگەي ئانا مەڭگۈلۈك ھارام قىلىنغان ئاياللار قاتارىدىندۇر. شۇڭا، ئۆگەي ئوغلىڭىز سىزگە نامەھرەم بولمىغاندىكىن، ئۇنىڭ بىلەن بىلەن كۆرۈشسىڭىز ۋە ئالدىدا ئانىسىغا ئوخشاش كىيىنسىڭىز بولىدۇ.

200 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىستىخارە نامىزىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا ئوقۇساق بولامدۇ ياكى يېتىشتىن ئىلگىرى ئوقۇپ ياتامدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىستىخارە نامىزىنى ناماز ئوقۇش چەكلەنمەيدىغان ھەرقانداق ۋاقىتتا ئوقۇسا بولىدۇ.

201 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىمتىھانغا كىرىدىغان پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن سۇغا 313 قېتىم «ئايەتەلكۇرسى»نى ئوقۇپ ئىچۈرگىنىمىز توغرىمىدۇ؟ ئاللاھ سىلىدىن ئىككى دۇنيا رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇنداق بىر كۆرسەتمە يوق. ياخشى دۇئا قىلىپ، ياخشى تەييارلىق قىلىپ كىرسە بولىدۇ.

202 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ئېتىكاپ توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن بولسىلا بوپتىكەن. ئاياللار ئۆيدە بىر ئۆينى ناماز ئۆيى قىلىپ ئولتۇرسا تاماق ئەتسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى» تورىدىكى «ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا دائىر ئەھكاملار»دىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=1984&uls=uu

203 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن، خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن چوقۇم ئۇخلىشىمىز شەرتمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. شەرت ئەمەس.

204 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ قەدر كېچىسىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. قەدر كېچىسىنىڭ سەھىھ ئالامەتلىرى «ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامازان (مۇبارەك رامازان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار)»دا بايان قىلىنغان: https://sajiya.biz/?p=1430&uls=uu

205 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز! دۇكانغا مەشھۇر كىشىلەرنىڭ رەسىمىنى باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە «غازىباي» ياكى «مەھمۇد قەشقەرى» دېگەندەك ئالىملىرىمىزنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن گىلەملەرنى ئېسىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئالىملىرىمىزنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن گىلەملەرنى، جازىلارنى ئېسىشقا بولمايدۇ. ئالىملىرىمىزنى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە تەتقىقاتلىرىنى تونۇشتۇرغان ئىلمىي تەشۋىقات ۋە تەتقىقاتلار بىلەن تونۇشتۇرساق بولىدۇ.

206 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ھەدىمىز بىلمىگەنلىكتىن ئالدىنقى ئىككى يىلدا زاكات بەرگەندە، 85 گرام ئالتۇننىڭ ئاشقان قىسمىغىلا زاكات بېرىپ، 85 گرامغا بەرمەپتىكەن. بۇ يىل ئۇنداق قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. لېكىن، ئۆتكەن ئىككى يىلدىكى 85 گرامغا ھەم بۇ يىلغا بېرىشكە تېگىشلىك زاكاتنى بىراقلا ئايرىشقا كۈچى يەتمەي قاپتۇ. شۇڭا، ئالدىدا قېلىپ قالغان زاكاتنى سەل كېچىكتۈرۈپ (تەخمىنەن بىرەر ئاي كېچىكتۈرۈپ) بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قولىدا ئالتۇن بار بولغاندىن كېيىن، زاكاتنى كېچىكتۈرمەي دەرھال بېرىۋېتىشى زۆرۈر. جان تەندە ئامانەت. قولىدا نەق پۇل بولمىسا، ئالتۇننى سېتىپ ياكى ئالتۇننىڭ ئۆزىنى ياكى پۇل قەرز ئېلىپ تۇرۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

207 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بۇرۇن باشقىلارنىڭ ھەققىنى بىلىپ تۇرۇپ يەۋالغان كىشى تەۋبە قىلغىنىدا، ئۇ ھەقلەرنى قايتۇرۇش ئىمكانيىتى بولمىسا، قانداق قىلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەق ئىگىلىرىنى ۋاقتىنچە تاپالماي قېلىپ كېيىنچە تاپقىلى بولىدىغان بولسا، پۇلنى قولىدا ئامانەت ساقلاپ قويۇپ كېيىن يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ھەق ئىگىلىرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، مىراسخورلىرىغا قايتۇرۇش كېرەك. ھەق ئىگىلىرىنىڭ كىملىكىنى بىلمىسە ياكى بىلسىمۇ تاپالمايدىغان بولسا، ئۇلارغا ئاتاپ سەدىقە قىلىۋېتىدۇ.

208 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! مەزھەبلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر خېلىلا چوڭكەن، قىيامەتتە ئۇنىڭ بىرىلا توغرا بولۇپ باشقىلىرى خاتا بولۇپ قالسا، بىز نادان خەلق جاۋابكار بولامدۇق؟ مەسىلەن، «شافىئىي» مەزھەبتە ئايالىنى تۇتسىلا تاھارەت سۇنارمىش، بىزدە سۆيۈشسىمۇ ھېچنىمە بولمايدىكەن. يەنە بەزى مەزھەبتە ساقال ۋاجىب، ئەمما باشقىسىدا ئۇنداق ئەمەس، بىرىدە قۇرئانغا قاراپ ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولسا، يەنە بىرىدە «ياق» دەيدىكەن. بەزىسىدە «يۈزىنى ياپىدۇ» دېسە، باشقىسى «ياق، ئەۋرەت ئەمەس» دەيدىكەن. مۇشۇنداق زىددىيەتلەرنىڭ قىيامەتتە بىرىلا توغرا بولامدۇ ياكى ھەممىسى توغرىمۇ؟ بىز خاتاسىنى تاللاپ قالساق، قانداق قىلىمىز؟ خاتا سوراپ قالغان بولسام، خاپا بولماي چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز، رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ «ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمى»دىكى مەشھۇر مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئىمام شەۋكانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى «ئىرشادۇلفۇھۇل» ناملىق ئەسەرىدە بايان قىلغىنىدەك، ئۆلىمالىرىمىز كېسىپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەردە بىر قىسىم ئالىملار: «ھەربىر مۇجتەھىدنىڭ ئىجتىھادىي مەسىلىلەردىكى ھەربىر قارىشى ھەق، ھەممىسى توغرىنى تاپقان» دەپ قارايدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي قاتارلىق ئالىملار: «ھەق بىرلا قاراشتا، بىزگە ئېنىق مەلۇم ئەمەس، ئەمما ئۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئېنىق بىرى. چۈنكى، بىر ئىش بىرلا ۋاقىتتا ھەم ھارام، ھەم ھالال بولۇشى مۇھال. ساھابە كىراملارمۇ بەزىبىر مەسىلىلەردە بىرى يەنە بىرىنىڭ قارىشىنى خاتا دېيىشەتتى. بىرى يەنە بىرىگە ئېتىراز قىلىشاتتى. ھەربىرىنىڭ قارىشى ھەق بولىدىغان بولسا، خاتا دېيىش توغرا بولماستى» دېگەن.

«ئەگەر ھاكىم ئىجتىھاد قىلىپ ھۆكۈم چىقارغىنىدا، ھەق ھۆكۈمنى دەل تاپالىسا، ئىككى ئەجرگە ئېرىشىدۇ. ئەگەر ئىجتىھاد قىلىپ ھۆكۈم چىقارغىنىدا، خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قالسا، بىر ئەجرگە ئېرىشىدۇ»(بۇخارىي، 7352) دېگەن ھەدىسمۇ مۇشۇ كېيىنكى قاراشنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئىجتىھادتا خاتا كەتكەنگە ۋەياكى مۇجتەھىدكە ئەگەشكەنگە جاۋابكارلىققا تارتىلىش بولمايدۇ.

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارغا سىناق، مۇجتەھىد دەلىلگە ئەگەشمىسە، جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئاۋام خەلق ئىشەنچ قىلىدىغان ئىلىم ئەھلىگە ئەگەشمەي ھاۋايى – ھەۋىسىگە ئەگەشسە، ئاندىن جاۋابكار بولىدۇ.

209 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! نامازدا كۈلۈپ سالسا ۋە بۇنى ياندىكى كىشى ئاڭلىسا، تاھارەت بۇزۇلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەنەفىي مەزھەبتە ناماز ئىچىدە قاقاھلاپ ياكى يېنىدىكى كىشى ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە كۈلۈش ھەم نامازنى، ھەم تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. بۇلار تاھارەتنى بۇزىدىغانلىقىغا كەلتۈرگەن دەلىل زەئىف بولۇپ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ «نامازدا كۈلۈش تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ» دېگەن قارىشىغا كەلتۈرگەن دەلىلى كۈچلۈك. ئەمەلىيەتتە، كۈلۈش پەقەت ئەيمىنىپ تۇرۇش (يەنى خۇشۇﺋ) نىلا بۇزۇۋېتىدۇ.

210 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قۇنۇت دۇئاسىنى ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قېلىپ سەجدىگە بارغان بولساق، نامازنى قايتىدىن ئوقۇيمىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەگەر قۇنۇت ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قېلىپ رۇكۇغا كېتىپ قالغان بولسا، ئارقىغا قايتمايدۇ. قۇنۇتنى رۇكۇدىن كېيىن ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇنۇتنى رۇكۇدىن بۇرۇن ئوقۇغانلىقىمۇ، كېيىن ئوقۇغانلىقىمۇ رىۋايەت قىلىنغان. ھەر ئىككىلا مەزمۇندىكى ھەدىسلەر سەھىھ. شۇڭا، قايسى خىل ئۇسۇلدا ئوقۇسا بولىدۇ، ھەر ئىككىلىسى دۇرۇس. سەجدىگە بارغاندا يادىغا كەلسە، «سەجدىدە كۆپ دۇئا قىلىڭلار» دېگەن ھەدىس بار، دەپ قۇنۇت دۇئاسىنى سەجدىدە قىلىۋەتسە بولمايدۇ. سەجدىدىن كېيىن يادىغا كەلسە، تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا قىلىۋەتسىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، قۇنۇت ئەرەبچىدە: «ئىتائەت قىلماق، ناماز ئوقۇماق، جىم تۇرماق، ئۆرە تۇرماق ۋە دۇئا قىلماق» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «پەرز، نەفلە ۋە ۋىتر نامازلىرىنىڭ ئاخىرقى رەكئەتىدە رۇكۇئتىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا»دۇر. شۇڭا، سەجدىدە ياكى تەشەھھۇدتا ئوقۇلغان دۇئا قۇنۇت بولمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا قۇنۇت ئوقۇش تەرك قىلىنغانلىقتىن، سەجدە سەھۋە قىلىش كېرەك بولىدۇ.

211 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر تۈرك دوستۇمنىڭ ئانىسىنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئىكەن، شۇڭا ئۇ دوستۇم فىتر زاكىتىنى ئانىسىغا بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. زاكىتىنى ياكى فىتر سەدىقىسىنى ئانىسىغا بەرسە بولمايدۇ، بەلكى ئانىسىنى زاكاتقا موھتاج قىلماي بېقىشى لازىم ھەمدە ئانىسىنىڭ فىتر سەدىقىسىنىمۇ بېرىپ قويۇشى كېرەك.

212 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! قانداق ئادەملەر پېقىر، مىسكىن بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پېقىرلار — كەسپ قىلىشقا قۇدرىتى يەتمىگەنلىكتىن ھېچقانداق مالغا ئىگە بولالمىغان ياكى يېنىدا ئاز مال بولۇپ، زۆرۈرىي ئېھتىياجلىرىغا يەتمەيدىغان كىشىلەردۇر. مىسكىنلەر بولسا پېقىرلارغا قارىغاندا ھال – ئوقىتى سەل ياخشى بولغان، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ زۆرۈرىي ئېھتىياجلىرىنى قامدىغۇدەك نەرسىلەرگە ئىگە بولالمىغان، باشقىلاردىنمۇ سورىيالمايدىغان كىشىلەردۇر.

213 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سۇغۇرتا ياتقۇزۇپ پېنسىيەگە چىققاندا، پېنسىيە مائاشى ئېلىش بۈگۈنكى دۇنيادا ئومۇملاشتى ھەم دوختۇرخانىلاردا پايدىسى بار. بۇ دۇرۇسمۇ؟ گەنەل سۇغۇرتىچۇ؟ تۈركىيەدىكى بەزى موللاملار «بولىدۇ» دەيدىكەن. نېمە دەلىلى باردۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سۇغۇرتىلارنىڭ ھەممىسى دۇرۇس ئەمەس. گەنەل سۇغۇرتا يەنى گەنەل ساقلىق سۇغۇرتىسى (GSS) مەجبۇر بولغاچقا، «مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقتىن گۇناھ بولمايدۇ» دەيمىز. «قۇرئان كەرىم» دىكى ﴿كىمكى مەجبۇر بولۇپ، ئىلاجسىزلىقتىن چەكتىن ئاشمىغان ھالدا يېسە، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر﴾(6/«ئەنئام»: 145) دېگەن كۆرسەتمىمۇ شۇنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، ئەسلىدە ئۇمۇ توغرا ئەمەس. يەنە ماشىنىنىڭ سۇغۇرتىسىمۇ مەجبۇر بولغانلىقى ئۈچۈن جائىز، لېكىن كاسكو (Kasko) جائىز ئەمەس. ئومۇمەن، ئىختىيارى ھالەتتە بېجىرىدىغان سۇغۇرتىلار ھەممىسى ئوخشاش چەكلىنىدۇ. چۈنكى، ئىسلام دۇنياسىدىكى ئالىملارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سۇغۇرتىلارنى ھارام دەيدۇ. ئەمدى تۈركىيەدە «جائىز بولىدۇ» دەيدىغانلار بولسا، ئۆزلىرى شۇلاردىن «نېمە دەلىلىڭىز بار» دەپ سوراپ باقسىلا بولىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايلا: https://sajiya.biz/?p=3014&uls=uu

214 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! بۇرۇن ماشىنىنىڭ كاسكوسىنى جائىز ئەمەسلىكىنى بىلمەي ئالغان ئىدىم. بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىلمەي ماشىنىغا كاسكو (Kasko) سۇغۇرتىسى قىلىپ قالغان بولسا، ئۇ بىلمەسلىكتىن بولدى كەتتى، تەۋبە – ئىستىغپار ئېيتىش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن قىلدۇرمىسا بولىدۇ.

215 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەر كىشىنىڭ بەرگەن پۇلى ئۆينىڭ چىقىمىغا يەتمىسە، ئەر كىشىنىڭ ئۆيگە قويۇپ قويغان پۇلىدىن ئېھتىياجغا تۇشلۇق ئېلىپ ئۆيگە، بالىلىرىمىزغا خەجلىسەك بولامدۇ؟ «پۇل» دېسە، بېشى ئاغرىيدىغان ئەرلەرنىڭ يانچۇقىدىن زۆرۈر ئېھتىياجلىققا تۇشلۇق پۇل ئېلىپ خەجلىسە بولامدۇ؟ مەن ھىند رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھتىن مۇشۇنداق سورىغاندا، «ئۇلارغا مۇۋاپىق مىقداردا يېگۈزسىڭىز، سىزگە گۇناھ بولمايدۇ» دېگەننى ئوقۇغانتىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. شۇنداق. سىلى دېگەندەك، ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە، بېخىل ئەرلەرنىڭ يانچۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا زۆرۈر ئېھتىياجىغا، ئۆينىڭ چىقىمىغا ئېلىپ خەجلىسە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿كىمكى يوقسۇل ئىكەن، مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن﴾(4/«نىساﺋ»: 6) دېگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھىند رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «ئۆزىڭىزگە ۋە بالىڭىزغا يەتكۈدەك نەرسىنى مۇۋاپىق ئېلىڭ» دېگەن(«سەھىھەين»).

216 – سوئال: ئۇستاز! يەنە بىر سوئالىم: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەرلەرگە قارىتا: «نېمە يېسەڭ، ئايالىڭغىمۇ شۇنى يېگۈز. نېمە كىيسەڭ، ئايالىڭغىمۇ شۇنى كىيدۈر» دېگەن مەزمۇندا كۆرسەتمە بېرىپتىكەن. بۇ ھەدىسكە قارىغاندا، ئەرلەر ئاياللارغا بەك قەرزدار بولۇپ كېتىدىكەن. ئاياللار ئىككى تال قارا ئۇزۇن كۆڭلەك (عباية) كىيسەك بولدى، ئەرلەر بولسا «مەن سىرتتا يۈرگەندىكىن» دەپ، داۋاملىق كىيىم – كېچەك ئېلىپ تۇرىدۇ. داۋاملىق «ئاشخانىدىن ئاغىنە بالىلار بىلەن كاۋاپ يەپ كەلدۇق» دەيدۇ. بۇنى ھېسابلىساق، ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھەققىنى قانداق قىلسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «نېمە يېسەڭ، شۇنى يېگۈز. نېمە كىيسەڭ، شۇنى كىيگۈز» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىسكە ئۇيغۇن ئىش قىلغان بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «ئاياللىرىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرى نېمىلەر؟» دەپ سورىغانلارغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «تاماق يېگەندە ئۇنىڭغىمۇ يېگۈزۈشۈڭ، كىيىم كىيگەندە ئۇنىڭغىمۇ كىيگۈزۈشۈڭ، يۈزىگە ئۇرماسلىقىڭ، سەت گەپ بىلەن تىللىماسلىقىڭ، بىر تۆشەكتە بىللە ياتماسلىق چارىسىنى قوللانغاندا، ياتىدىغان يەردىن باشقا يەردە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىڭ»(ئەبۇ داۋۇد، 2142) دەپ جاۋاب بەرگەن.

بۇ كۆرسەتمە ئايالىنىڭ يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەفىقەلىرى ۋە ھەقلىرى ھەققىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاپىلىشى بولۇپ، ئايالىنىڭ خىراجىتىنى ئۆزىنىڭ ئىمكانىيىتى دائىرىسىدە تەڭ سەۋىيەدە قىلىپ بېرىشنى، ئومۇم جەھەتتىن ئېھتىياجىنى ئالاھىدە پەرقسىز قامداشنى كۆرسىتىدۇ. ھەر قېتىم ئۆزى يېگەندە ئوخشاش تۈردىكى تاماقنى يېگۈزۈشنى ياكى كىيگەندە ئوخشاش كىيىمنى كىيگۈزۈشى كۆرسەتمەيدۇ.

217 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سەدىقە فىترنى بىر ئادەم ئۈچۈن گۈرۈچتىن قانچە كىلو بەرسەك بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. 2 كىلو بەرسىلە بولىدۇ. چۈنكى، سەدىقە فىترنى ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن شۇ يۇرتنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇقلىرىدىن ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋ (2040 گرام) مىقدارىدا ئاشلىق ياكى ئۇنىڭ قىممىتىدە نەق پۇل بەرسەك بولىدۇ.

218 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ دىن دۈشمەنلىرى ئىسلامنى دۇنياغا سەت كۆرسىتىش، ئىنسانلارنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن مىليونلاپ بەلكى مىلياردلاپ پۇللارنى سەرپ قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنىمىزدە، بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى يۈز بەرگەن، پۈتۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەس – بەستە تارقالغان، قىسقىغىنە 24 سائەت ئىچىدە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مىليارد قېتىم كۆرۈلگەن، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا بەس – بەستە قويۇلغان، نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ بۇ ھەقتە ئويلىنىشىغا، تەپەككۇر قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئالجىرىيەلىك ئىمام «ۋەلىد مىھساس» دېگەن كىشى تەراۋىھ نامىزى ئوقۇۋاتقاندا، بىر ئوماق مۈشۈكنىڭ ئىمامنىڭ مۈرىسىگە چىقىپ، ئىمام 6/«ئەنئام»نىڭ 149 – ئايىتىنى ئوقۇۋاتقاندا، مەڭزىگە سۆيۈپ قويۇپ چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت تولىمۇ تەسىرلىك بىر ۋىدىيودىن سىلىمۇ بىخەۋەر بولمىسىلا كېرەك. بۇ ۋىدىيو ھەققىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق ئۆلىمالار سۆزلىگەن بولدى. مۇشۇ ۋىدىيو بىزگە قانداق دەرس بېرىدۇ؟ ئۇشبۇ ئۇلۇغ رامازان كۈنلىرىدە بۇ ۋىدىيونىڭ قىسقىغىنە بىر سوتكىدا بۇ قەدەر كەڭ تارقىلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ سىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرى قانداق؟ بۇ ھەقتە بىزگە قانداق نەسىھەتلىرى بار؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. 20 سېكۇنتلۇق بۇ سىن دىنسىزلىق، ئاتېئىزم ۋە ئىسلام ئۆچمەنلىكى سىڭگەن تەشۋىقات ئەدەپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا رېكوردنى بۇزۇشى ئىسلام دىنىمىزنىڭ گۈزەللىكىنىڭ، رەھمەت ۋە مېھىر – شەپقەت دىنى ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى، ئاللاھنىڭ ئۆز دىنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ھەردائىم پۈتۈن ئىنسانىيەتكە كۆرسىتىپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ بىر ئۆرنىكى. بۇ سىن پۈتۈن ھايۋانلارنىڭ ھەتتا جانسىز تاش – تاغلاردەك مەخلۇقلارنىڭمۇ تەسبىھ ئېيتىدىغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ كالامىدىن تەسىرلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى ئەسلىتىدۇ. پۈتۈن كائىنات ئاللاھنى تونۇيدىغانلىقىنى بىرلىكتە قۇللۇق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى ئىسلامنى بىلمىگەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىن دۈشمەنلىرىنىڭ زەھەرلىك تەشۋىقاتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارمۇ ھەيران قاپتۇ. ئىمامنىڭ تەبىئىيلىكى، مېھرى ۋە تىلاۋەت قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ كىچىك بىر ۋەقەنىڭ كەڭ تارقىلىشىدا ئاللاھنىڭ تەۋفىقى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. پىلانلىق سۈرەتكە ئېلىنمىغان بۇ سىن قانداق بولۇپ بۇ دەرىجىدە كەڭ تارقىلىپ كېتىدۇ؟ ئەڭ ھەيران قالارلىقى مۈشۈك ئىمامنىڭ مەڭزىنى ۋە تىلاۋەت قىلغان ئاغزىنى سۆيۈپ قويغاندىن كېيىن شۇ رۇﺑﺌ (بىر پارىنىڭ 8 دىن بىرىدىن ئىبارەت بىر بۆلۈكى) نىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئىمامنىڭ رۇكۇغا بېرىشىنى بىلگەندەك، گەرچە ئىمام چۈشۈرۈۋەتمىسىمۇ، رۇكۇئتىن بىر سېكۇنت بۇرۇنلا دەرھال مۈرىسىدىن چۈشۈپ كېتىشىنى قانداق ئىزاھلايمىز؟ بۇ سىننىڭ سۈرە ئىسمى بىلەن، تىلاۋەت قىلىنغان كافىرلارغا خىتاب قىلغان 147 – 149 – ئايەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھايۋاناتلارغا قارىتا رەھمەت ۋە مېھىر – شەپقىتى قانداق ئىدى؟… دېگەندەك سوئاللار سورىلىشقا باشلىدى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىسلامنى تونۇشىغا سەۋەبمۇ بولدى. لېكىن، بۇ تۈرلۈك گۈزەل كۆرۈنۈش بىز مۇسۇلمانلارغا ئىنتايىن تەبىئىي بولسىمۇ، بۇنىڭدىن ھەردائىمدىكىدەك، دىن دۈشمەنلىرى، نىفاق ئەھلى، كافىر گۇيلار بىئارام بولغان ۋە ئىمامنى تېرورچى، نامىزى بۇزۇلسىمۇ ناماز ئوقۇغان دېگەندەك تۈرلۈك قارىلاشلار بىلەن نەشتەر سانجىماي تۇرالمىغان ۋە چىدىمىغان. جېنىم قول ئىلكىدە بولغان زات ھەقىقەتەنمۇ ھەممىنى بىلگۈچى ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

219 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يولدىشىمنىڭ كىچىك تىجارىتى بار، ئەمما ئۇ تىجارەتتە يېقىندىن بۇيان بەك پايدا بولمىغاچقا، ھازىر شېرىكىنىڭ دەسمايىسىنى تۇتۇپ تۇرغان ماللارلا قولىدا بار، ئۆزىنىڭ پېيى يوق. مېنىڭ ئايلىق مائاشىمدىن ئانچە – مۇنچە تىجارىتىگە ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يولدىشىمنىڭ قەرزى بار، ھەممىسى شۇ تىجارەتنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئالغان قەرزلەر ئىدى. مەن فىدىيە پۇلنى يولدىشىمنىڭ تۈركىيەدىكى تۇغقانلىرىغا بەرمەكچى ئىدىم، ئەمما يولدىشىم: «يىل چىققۇچە بېرەيلى، پۇلنى ھازىر ئۆزىمىز ئىشلىتىپ تۇرايلى» دەيدۇ. چۈنكى، دەسمايە كەملىك سەۋەبتىن ئۇنىڭ تىجارىتى بەك ئاقساپ قالدى. مەن بولسام: «بەرگۈدەك پۇل بار بولغاچقا، رامازاندا بېرىۋېتەي» دېسەم، يولدىشىم: «ماڭا پۇل لازىملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، مېنى قىيىن ئەھۋالدا قويدۇڭ، باش – باشتاقلىق قىلىپ ئۆزۈڭ بىلگەنچە پۇل ھەققىدە ھۆكۈم قىلدىڭ» دەپ مەندىن ئاغرىنىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ مېنىڭ مائاشىمدىن كىرگەن شەخسىي پۇل. بۇ ئەھۋالدا مەن فىدىيەنى رامازان ئىچىدە بېرىۋەتكىنىم ياخشىمۇ ياكى ئەر – ئايالنىڭ قېيدىشىپ قالماسلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، كېلەر يىلى رامازانغىچە سوزۇپ بەرسەممۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. شەخسىي پۇلىڭىزنىڭ زاكىتىنى ۋە فىدىيە پۇلنى سىز ئۆزىڭىز كېچىكتۈرمەي رامازان ئىچىدە بېرىۋېتىشىڭىز كېرەك. ئېرىڭىز قەرزدار بولغانلىقتىن زاكات ئېلىشقا ئېھتىياجى بولسا، ئۇ پۇللارنى ئېرىڭىزغا بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. زاكاتقا لايىق بولمىسا، دەرھال باشقىلارغا بېرىۋېتىسىز.

220 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ئائىلىگە ۋاجىب بولغان سەدىقە فىترنى ئائىلە بېشى بولغان ئەر بېرىدىغۇ؟ ئەمدى ئۇ ئەر قەرزدار ھەم مىسكىن بولسا، ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ فىتر سەدىقىسىنى باشقىلارغا بەرمەي ئۆزىگە بەرسە دۇرۇسمۇ؟ ياكى چوقۇم باشقا پېقىر – مىسكىنلەرگە بېرىشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆزىنىڭ سەدىقە فىتىرىنى ئۆزىگە بېرىش يوق. ھەنەفىي مەزھىبىدە سەدىقە فىترنى زاكات بېرىش دەرىجىسىگە يەتكەن كىشىلا بېرىدۇ، قەرزدار مىسكىن، كەمبەغەل بەرمەيدۇ. چۈنكى، زاكات بېرىش بىلەن ئېلىش بىر كىشىدە جەم بولمايدۇ. ئايالى زاكات بېرىش دەرىجىسىگە يەتكەن بولسا، ئايالىغا ئۆزىگە تېگىشلىك سەدىقە فىترنى ئادا قىلىش ۋاجىب بولىدۇ ۋە ئۇنى زاكات ئېلىشقا لايىق بولغان ئېرىگە بەرسە جائىز بولىدۇ. باشقا مەزھەب نەزەرىدىمۇ ئۆزىنىڭ سەدىقە فىتىرىنى ئۆزىگە بېرىش يوق.

221 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سوئال – جاۋابلارنى ئوقۇپ چىقتىم، ئاساسەن ئاياللار سوراپتۇ، ئەرلەر بەك بىلەمدىغاندۇ ياكى دىنىمىزغا ئاياللاردەك كۆڭۈل بۆلمەمدىغاندۇ؟ ئەر – ئايال ئوتتۇرىدا جېدەل چىقسىمۇ، ئاساسەن ئاياللارنى سەبىر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىدىكەن، ئەرلەرنىڭ «مەن ئايالىمنى بوزەك قىلىپ سالغانتىم، گۇناھىمنى قانداق يۇيىمەن؟» دېگىنىنى ئاساسەن ئاڭلىمىدۇق. سوئالىم: بىر ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدە قانداق ھەققى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى بار؟ ئاياللارنىڭچۇ؟ بىزدەك مەزلۇم ئاياللارنىڭ ئاللاھتىن قالسا، مۇھاجىرەتتە سىلىدەك ئۆلىمالىرىمىزدىن باشقا يۆلەنچۈكىمىز يوق. ئەرلەرگە بەكرەك نەسىھەت قىلىپ قويغان بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى ھەققىدە «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئومۇمەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى بېقىش ۋە ئاسراش، ئۇلارنى بوزەك قىلماسلىق، ئۇلارغا چىرايلىق رەۋىشتە مۇئامىلە قىلىش، بولۇپمۇ ئاتا – ئانا ۋە تۇغقانلىرىدىن ئايرىلغان مۇھاجىرەتتىكى بۇ شارائىتىمىزدا ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەسلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.

222 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت، ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن. بىز بۇ يىل ھەج قىلىشنى نىيەت قىلىۋاتقان، ھەجگە كېتىدىغان چىقىمنىڭ بىر قىسمىنى مۇنداق ھەل قىلساق بولامدۇ؟

مەن ئۇزۇن يىلنىڭ ياقى بىر تۈرك شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان، شىركەت باشلىقىنىڭ رازىلىقى بىلەن kıdem Tazminatı (ئۇيغۇرچە خاتا چۈشەندۈرۈپ قويماي دەپ ئۇدۇل تۈركچە ئاتالغۇسىنى قوللاندىم) ھەققىمنى چىقىرىپ، «چىقىمنىڭ كەم قالغان قىسىمىغا ئىشلەتسەم» دەپ ئويلىغان. مۇنداق قىلىشقا بولامدۇ؟ ئەلبەتتە ھەج ئىقتىساد يار بەرمىگەن كىشىلەرگە پەرز ئەمەس، لېكىن بۇ يىل ھەج ۋاقتى بالىلارنىڭ تەتىل ۋاقتىغا ئۇدۇل كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يىللىق پۇرسەت بىزگە بىر ئاز قولايلىق بولاتتى.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. خىزمەتنى ئاياغلاشتۇرۇش تۆلىمى ياكى مۇكاپاتى (kıdem Tazminatı) بىر ئورۇندا مەلۇم مۇددەت ئىشلىگەندىن كېيىن ئىشتىن توختىغاندا، خىزمەت قىلغان يىللارنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشلەتكۈچى تەرەپتىن ئىشلىگۈچىگە بېرىلىدىغان پۇل بولۇپ، بۇ قانۇن ۋە ئۆرپ جەھەتتىن مەجبۇرىيدۇر. شەرئىي جەھەتتىن بۇ «ئىشلىگۈچىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ بىر قىسمى ياكى ئىشلەتكۈچىنىڭ مۇكاپاتى» دەپ قارىلىدۇ. بۇ پۇلنى ئېلىشقا توختاملاشقان بولسا ياكى قانۇن ۋە ئۆرپ شۇنداق بولسا، ئىشلەتكۈچى ئۇنى ئىشلىگۈچىگە بېرىشى كېرەك. بەرمىسە، ئىشلىگۈچىنىڭ تەلەپ قىلىشى ئورۇنلۇق. «ئالمايمەن» دېسە، ئۆزىنىڭ ئىختىيارى. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇنى ئېلىپ ھەجگە ۋە باشقا خىراجەتكە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

223 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئالتۇن زىبۇزىننەت زاكات بېرىش نىسابىغا يەتمىسە، يېنىدا دوللار ياكى لىرا بولسا، دوللار ياكى لىرامۇ ئايرىم ھالەتتە زاكات بېرىش نىسابىغا يەتمەيدۇ. ئەمما، ئالتۇن بىلەن دوللارنى ياكى ئالتۇن بىلەن لىرانى قوشۇپ ھېسابلىسا، ئاندىن زاكات بېرىش نىسابىغا يەتسە، بۇنىڭغا زاكات كېلىدىكەن. نېمىشقا ئالتۇن زىبۇزىننەت ياكى دوللار، ياكى لىرا ئۆز ئالدىغا نىسابىغا يەتكەندە ئاندىن زاكات ئايرىلمايدۇ؟ خۇددى ئالتۇننىڭ زاكات نىسابى، كۈمۈشنىڭ زاكات نىسابى ئايرىم – ئايرىم بولۇپ، ئايرىم – ئايرىم نىسابىغا يەتكەندە زاكات ئايرىلغاندەك زاكات ئايرىلمايدۇ؟ ئۆزۈممۇ بىر ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كاللامدا مۇجمەل قېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن سەۋەبىنى ئېنىق بىلىۋېلىش مەقسىتىدە قايتا سورۇشۇم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەنەفىي مەزھەبنىڭ قارىشىدا نىسابنى تەتبىقلاشتا ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ بىرى يەنە بىرىگە قوشۇلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، قەغەز پۇللارمۇ ئاتۇن – كۈمۈشكە قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئىككىلىسى ماللىق ۋە پۇللۇق مەنىسىگە ئىگە. زاكاتمۇ ئۇ ئىككىسىگە ماللىق ۋە پۇللۇق ئېتىبارى بىلەن ئالاقىدار بولغان. شۇڭا، يوقسۇللارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتقانلىق يۈزىسىدىن قوشۇلىدۇ. بۇ چارۋىلاردىكىگە ئوخشىمايدۇ . چۈنكى، زاكات چارۋىلارغا تۈرى ۋە شەكلىگە قاراپ ئالاقىدار بولغان. ھالبۇكى، چارۋىلار ئوخشىمايدىغان تىپلارغا تەۋە. ئەمما، قولىدا 85 گرامغا يەتمەيدىغان ئالتۇن ۋە 595 گرامغا يەتمەيدىغان كۈمۈش بار بولسا، ئىككىسىنى بىر – بىرىگە قوشۇپ ھېسابلايدۇ. مەسىلەن: ئىلكىدە 50 گرام ئالتۇن، 300 گرام كۈمۈش بار بولسا، ھېچقايسىسى ئۆز ئالدىغا زاكات ئۆلچىمىگە توشمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئىككىسىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، يا ئالتۇننىڭ، يا كۈمۈشنىڭ زاكات ئۆلچىمىگە توشىدۇ – دە، زاكات ۋاجىب بولىدۇ. بۇ ھەنەفىي مەزھەبنىڭ قارىشىدۇر. ئەمما باشقا مەزھەبلەردە بۇنى چارۋا ماللارغا قىياس قىلىۋالغان. ئەمما، ھەممە مەزھەبتە ئەگەر تىجارەتچى ئېلىپ – سېتىش نىيىتىدە قولىدا ئالتۇن – كۈمۈش بولسا نىسابنى تولدۇرۇشتا ھەممىنى قوشۇشى كېرەك. بۇنىڭدا ئالىملار بىردەك قاراشتا.

224 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز، ياخشىمۇ؟ ئۈزۈك ئالدۇرۇپ قان كېلىپ قالسا، روزىغا تەسىرى بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۈزۈك سېلىش ۋە ئېلىۋېتىش ئادەتنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. ئادەت مەزگىلىدە كەلگەن خۇن ھەيز ھېسابلىنىدۇ. 15 كۈنگىچە ھەيز، داۋاملاشسا ئۇنىڭدىن ئاشقىنى ئىستىھازە. ئەمما خۇن پۇراق ۋە رەڭ جەھەتتىن ئادەت خۇنىغا ئوخشىماي تومۇردىن چىققان قانغا ئوخشىسا بۇ ئىستىھازە ھۆكمىنى ئالىدۇ.

225 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سالامەت، ياخشى تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلسۇن، ئامىن. ئۇستاز! بىر مۇھاجىر ھەمشىرىمىزنىڭ يولدىشى ۋەتەندە قېلىپ، ئۆزى چەتئەلگە يېنىپ چىققان. يېرىم يولغا كەلگەندە، يولدىشى سۆزىنى بېرىشنى تەكرار ئېيتقان، لېكىن ھەمشىرىمىز رەت قىلغان ۋە بەش يىل ساقلاشنى، بەش يىل توشقاندىن كېيىن ئەھۋالغا قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشنى ئېيتقان. ئاندىن بىر يىلغا قالماي يولدىشى تۇتۇلۇپ كەتكەن ۋە ئون بەش يىللىق كېسىلىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ھەمشىرىمىز بەش يىلنى توشقۇزۇپ، شەرئىي ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپ، شەرئىي تەرەپتىن تۆت گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ھۆكۈم قىلىنىپ ئايرىلغان. چۈنكى، يولدىشى بىلەن پەقەت ئالاقە قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان. ئۇستاز: «خاھلىساڭ، ئىددەت تۇتماستىن توي قىلغىن. خاھلىساڭ، بىر ھەيزنى تاماملىغىن» دېگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەمشىرىمىز بىر ھەيىزنى تاماملاپ توي قىلغان. بۇنداق ئاجرىشىشنىڭ ئىددىتى قانچىلىك؟ بۇ ھەمشىرىمىز ئىددەتنى كەم تۇتقان بولامدۇ؟ كەم بولسا قانداق قىلىدۇ؟ يەنە بەزى ئۇستازلار: «خۇلئى تالاقنىڭ ئىددىتى بىر ھەيز» دەپ پەتۋا بېرىدىكەن. بۇ پەتۋا توغرىمۇ؟ ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ ئەھۋالدا ھۆكۈم ئىلگىرىكى نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا كۆپچىلىك ئالىملار: «ھۆكۈم قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ھەيز كۆرۈپ ساقايغۇچە ئىددەت تۇتىدۇ» دەيدۇ. ئەمما، ھېچكىم: «ئىددەت تۇتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ» دېمەيدۇ. ئەمدى بۇ ۋەقەلىكتە بەزى ئالىملارنىڭ «بىر ھەيز» دېگەن قارىشى بويىچە ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، شۇ ھېساب. ئەمدى باشقا بىر ئىش قىلىش كېرەك ئەمەس. بۇ ۋەقەلىك بىلەن خۇلئى مۇناسىۋەتسىز. خۇلئى ۋەقەلىكىدىمۇ ئۈچ ھەيزدىن ساقايغۇچە ئىددەت تۇتىدۇ. ئۇنىڭدىمۇ ئاشۇنداق ئىككى قاراش بار.

226 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) بىر ئايالنىڭ ئېرى قەرزدار ئىكەن ھەم مۇقىم كىرىمى يوق ئىكەن. بۇ ئايالنىڭ مۇقىم كىرىمى بار ئىكەن. بۇ ئايال: «كىرگەن ئايلىق كىرىمىمدىن ھاياتلا بولسام، ئاللاھ يولىدا بىر پىرسەنتىنى ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارغا سەدىقە قىلىمەن» دەپ نىيەت (نەزر) قىلغان ئىكەن. شۇڭا، ئايلىق كىرىمىدىن بىر پىرسەنتىنى ئېھتىياجلىق مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىدىكەن. ئۇ ئايال بۇ پۇلنى ئېرىگە بەرسىمۇ، شۇ نەزرىسى ئادا بولامدۇ ياكى چوقۇم يات كىشىلەرگە بېرىشى كېرەكمۇ؟ 2) ئۇستاز! بىرلا ۋاقىتتا «ھاياتىم بويىچە ئاللاھ يولىدا ياخشى ئىش قىلىمەن» دەپ نىيەت قىلىش ياكى نەزر قىلىش، مەسىلەن يۇقىرىقىدەك «ھەر ئايلىق كىرىمىمدىن بىر پىرسەنتىنى ھەر ئايدا ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىمەن» دېگەندەك نەزرلەرنى قىلىش ئەۋزەلمۇ ياكى ئېھتىيات قىلىش كېرەك بولغان ئىشمۇ؟ دېمەكچى بولغىنىم: مەندە بۇ خىل ئىشقا نىسبەتەن «ئاللاھقا ۋەدە بېرىپ قويۇپ، قىلالمىسا چوڭ گۇناھ بولامدىكىن» دەيدىغان قورقۇش تۇيغۇسى بار.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مىسكىنگە سەدىقە بېرىش پەقەت سەدىقىنىڭ ساۋابىغا ئېرىشتۈرىدۇ. تۇغقانلارغا سەدىقە بېرىش سەدىقە ۋە سىلە – رەھىمنىڭ ساۋابىغا ئېرىشتۈرىدۇ»(نەسائىي، 2582) دېگەن. بۇ ھەدىستىن سىزنىڭ بېقىش مەجبۇرىيىتىڭىز بولمىغان تۇغقان ۋە ئەرگە سەدىقە بەرسىڭىز بولىدىغانلىقى چىقىدۇ. نەزر قىلىنغان سەدىقەمۇ ئوخشاش. 2) «مۇنداق ئىش بولسا، مۇنداق قىلىمەن» ياكى «كېسەلدىن ساقايسام مۇنداق قىلىمەن» دېگەندەك نەزرلەر مەكروھ. ئەمما، سىز دېگەندەك بىرەر ئىشقا چاتماي تائەت قىلىشنى نەزر قىلىش مەكروھ ئەمەس. ھەر ئىككى نەزرنى ئادا قىلىش ۋاجىب. ئادا قىلمىسا، گۇناھكار بولىدۇ.

227 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىزدە باشقىلار ئامانەت قىلغان زاكات بار ئىدى، بىز ئۇنى تۈركىيەدىكى مەلۇم ئائىلىگە بەرمەكچى ئىدۇق، ئەمما پۇل يەتكۈزۈشكە ئامال تاپالمىدۇق. ھازىر ھېيتتا تۈركىيەگە بارىدىغان بىرسىدىن بۇ پۇلنى زاكات ئالغۇچىغا ئاپىرىپ بېرىدىغانغا ئامال تاپتۇق. بۇنى زاكات ئالغۇچى بىلدى ھەم ماقۇل كۆردى. بۇ ھالدا بىز زاكاتنى مۇشۇ سەۋەبتىن رامازاندىن كېيىنكى بىرەر ھەپتە ئىچىدە زاكات ئالغۇچىغا يەتكۈزسەك، دىنىمىزدا توغرا كۆرۈلەمدۇ؟ رامازان ئىچىدە سەدىقە فىترنى ئادا قىلىۋېتىشنىڭ ھۆكمى دۇرۇسمۇ؟ فىترنى ھەرقانداق ئادەم بېرىش شەرتمۇ؟ مەسىلەن، قەرزى بار، قەرزى يوق ھەرقانداق ئادەم بېرىش كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. زاكاتنى رامازان ئىچىدە تۈركىيەگە بارىدىغان كىشىگە بېرىپ قولدىن چىقىرىۋەتسەڭلار، ھېيتتىن كېيىن يەتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ. سەدىقە فىتر ھۆكمى: https://sajiya.biz/?p=1990&uls=uu

228 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 11 ياشقا ماڭغان بالىلارغا ناماز پەرز بولغانغا ئوخشاش روزا تۇتۇشمۇ پەرزمۇ؟ ئەگەر روزىنى تولۇق تۇتماي قالسا، ئۇنىڭ گۇناھى كىمگە بولىدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە پەتۋا بەرگەن بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بالىلارنى يەتتە ياشتا نامازغا بۇيرۇشقا باشلايمىز. ئون ياشتا كۆندۈرىمىز. روزىمۇ، ھىجابمۇ شۇنداق. بۇ ئاتا – ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. لېكىن، ناماز، روزا ۋە ھىجاب بالىلارغا بالاغەتكە يېتىش بىلەن پەرز بولىدۇ. بالاغەتكە يېتىش قىزنىڭ ھەيز كۆرۈشى ياكى 15 ياشقا كىرىشى ۋەياكى ئېھتىلام بولۇشى بىلەن مەلۇم بولىدۇ. ئوغۇلنىڭ ئېھتىلام بولۇشى ياكى 15 ياشقا كىرىشى بىلەن مەلۇم بولىدۇ. يەنە ئوغۇلنىڭ ئاۋازىنىڭ توم چىقىشى ۋە قىز – ئوغۇللارغا ئەۋرەت ۋە قولتۇق تۈكى ئۈنۈشتەك ئالامەتلەر بىلەن بولىدۇ.

229 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىنى سالامەت قىلسۇن، ئامىن. بىز ئاياللار ئەتكەن تاماقلىرىمىزنى، سالغان داستىخانلىرىمىزنى ئىجىتمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلىسەك، باشقىلارنىڭ كۆرۈپ يېگۈسى كېلىپ قالسا، بىزگە گۇناھ بولامدۇ؟ كىشىنىڭ ھەققىگە كىرىپ قالغان بولامدۇق؟ چوڭلار بىزگە: «ھەممە ئادەمنىڭ شەرت – شارائىتى تولۇق ئەمەس، بەزىلەر كېسەل، بەزىلەر تۇغۇتلۇق، شۇڭا يېگەن نەرسىلەرنى چىقارماڭلار، خەقنىڭ كۆز ھەققىگە كىرىپ قالىسىلەر، يېگۈسى كېلىپ قالسا، قورسقىڭلار ئاغرىپ قالىدۇ، يامان بولىدۇ» دەپ تەلىم بېرەتتى. ئالدىمىزدا ئۇلۇغ روزا ھېيت كېلىۋاتىدۇ، مۇشۇ توغرۇلۇق پەتۋا بەرگەن بولسىلىرى. ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ئەھۋال دۇنيا مىقياسى بويىچە ئەدەپ كېتىۋاتقان بىر ھادىسە. داستىخاننى ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇ – نېئمەتلەرنىڭ سۈرىتىنى تارقىتىشتىن مەقسەت ئۇرۇق – تۇغقانلار ۋە دوستلارئارا ھال – ئەھۋاللىشىش ياكى تاماق تەييارلاش، تونۇتۇش، داستىخان رەتلەشتەك ئىلىم تارقىتىشقا ۋە باشقىلارغا مەسلىھەت بېرىشكە ئالاقىدار بولسا، بۇ چەكلىنىدىغان ئىش ئەمەس. ئەمما، سۈرىتىنى تارقىتىشتىن باشقىلارغا كۆز – كۆز قىلىش، رىياكارلىق، كىبىر، كۆرەڭلەش ۋە يەپ – ئىچىشكە ئارتۇق ئەھمىيەت بېرىش مەقسەت بولسا ۋە بۇ ئىش بەكلا چېكىدىن ئاشسا، بۇنىڭدىن تۈرلۈك زىيانلىق ۋە سەلبىي نەتىجە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا نىيەت ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتكە بېرىدىغان تەسىرىگە قاراپ بۇ ئىش ياخشى ئەمەس ياكى ئادەمگەرچىلىك ۋە مۇرۇۋۋەتكە زىت ياكى مەكروھ بولۇشى مۇمكىن.

230 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىرقانچە يىل بۇرۇن ۋەتەندىن ئايرىلماستا بىرقانچە تونۇشۇمدىن نەچچە يۈز كويدىن ئۆتنە ئالغان ئىدىم. كېيىن ئۇلار بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغاچقا قايتۇرالمىدىم. شۇڭا، ئۇلاردىن ئالغان ئۆتنە پۇلنى شۇلارنىڭ نامىدا سەدىقە قىلماقچى بولسام قانداق ھېسابلايمەن؟ مەسىلەن، شۇ ۋاقىتتا 100 كوي ئۆتنە ئالغان بولسام، ھازىر تەخمىنەن 300 لىراغا تەڭداش ھېسابلىسام بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھازىر بىر كوي قانچە تېلى بولسا، شۇ بويىچە ھېسابلايسىز.

231 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! رامازاندا روزا تۇتقاندا، ھەر كۈنى ئېغىز بىلەن نىيەت قىلىش شەرتمۇ؟ (بەزى مەنبەلەردە «شەرت» دەپتۇ، يەنە بەزىلىرىدە سوھورلۇققا قوپۇشنىڭ ئۆزى روزىغا نىيەت قىلغانلىق بولىدۇ، ئاغزاكى دېمىسىمۇ بولىدۇ» دەپتۇ). ئەگەر ھەر كۈنى ئېغىز بىلەن ئەمەس قەلب (بەزى كۈنلىرى ئېغىز، بەزى كۈنلىرى قەلب) بىلەن قىلغان بولساق، بۇ روزا تۇتقانغا ھېساب بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر. شۇڭا، رامازان كىرگەن چاغدا كۆڭۈلدە «بىر ئاي روزا تۇتىمەن» دەپ نىيەت قىلسا، شۇ يېتەرلىك. ھەر كۈنى ئايرىم نىيەت قىلىش كەتمەيدۇ ھەم ئاغزاكى نىيەت قىلىشمۇ شەرت ئەمەس. رامازان ئېيىدا مۇسۇلمان كىشى رامازاننى بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ تولۇق تۇتۇشنى نىيەت قىلىدىغان بولغاچقا، ھەر كېچىسى نىيەتنى يېڭىلىمىسىمۇ بولىدۇ. پەقەتلا بىر كىشى سەپەر ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن روزا تۇتماي كېلىۋاتقان بولسا، روزا تۇتاي دېسە، كېچىسى نىيەت قىلىشى لازىم بولىدۇ. سوھۇرغا ئويغىنالماي قالغان ئەھۋالدا ئاخشامقى نىيىتى ھېساب بولىدۇ. ئەلبەتتە، نىيەتنى دىلىدا قىلىدۇ، ئاغزاكى قىلىپ يۈرمەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، تۇتۇشنى نىيەت قىلغان كىشى دىگەردىن كېيىن ئۇخلاپ قېلىپ تاڭ يورۇغاندىن كېيىن ئويغانغان بولسا، روزىسى توغرا بولىدۇ.

232 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئېغىزغا يىغىلىپ قالغان تۈكۈرۈكنى يۇتسا، روزىسى سۇنامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تۈكۈرۈكىنى، شۆلگىيىنى يۇتۇپ قالسا، روزىغا تەسىر يەتمەيدىغانلىقىدا ئالىملاردىن باشقىچە قاراش يوق. ئەمما، بەلغەمنى تۈكۈرۈۋېتەلىسە تۈكۈرۈۋېتىدۇ. تۈكۈرىۋېتەلمەي يۇتۇپ سالسا، يەنىلا روزىنى بۇزمايدۇ.

233 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! رامازاننىڭ ئاخىرقى 10 كۈنلىرىدە ھەيزدار ئاياللارمۇ كېچىدە ئۇخلىماي زىكر ئوقۇپ، دۇئا قىلىپ، قۇرئان ئاڭلاپ ئولتۇرسا، قەدر كېچىسىنىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەلبەتتە زىكر، تەسبىھ، تەھلىل (لا ئىلاھە ئىللەللاھ دېيىش)، دۇئا – تىلاۋەت، قۇرئاننى ئاڭلاش، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد – سالام يوللاش، قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى ۋە دىنىي كىتابلارنى ئوقۇش بىلەن كېچىنى ئۆتكۈزسە، كۆپ ساۋابقا ئېرىشىدۇ. قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلىتىگە رامازاننىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە ئىزچىل ئىخلاس ۋە ئىمان بىلەن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ كېچە – كۈندۈز خالىس ئىبادەت قىلغانلارنىڭ ئېرىشەلىشىدە ئۈمىد بار. شۇڭا، ئىزچىللىق ۋە ساپ نىيەت تولىمۇ مۇھىم. ئاللاھ مۇۋەففەق قىلسۇن.

234 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى تېخىمۇ يۈكسەك قىلىپ بەرگەي، ئۆمۈرلىرىگە بەرىكەت بەرگەي. ئۇستاز! بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەنەفىي مەزھىبىگە تەۋە سانىلىمىزكەن، مۇشۇ مەزھەب تۇتۇش جەھەتتە چوقۇم مۇقىم بىر مەزھەبگە بەيئەت قىلىپ، شۇنىڭ شەرىئەت يولى بويىچىلا مېڭىشىمىز شەرتمۇ ياكى بىز تۆت مەزھەبتە تەڭ تۇرۇپ، شۇ ئەھلى ئىلىم ئۆلىمالىرىمىزنىڭ شەرىئەت يوللىرىدىن توغرا كۆرگىنىمىز ۋە بىزگە ئاسانراق بىلىنگىنىنى تۇتۇپ ماڭساقمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق، ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاللاھ ھەممىلىرىنى سالامەت قىلسۇن. «چوقۇم بىرلا مەزھەبكە ئەگىشىش كېرەك» دەيدىغان گەپ يوق. بولۇپمۇ ئاۋام خەلقنىڭ چوقۇم بىر مەزھەبكىلا ئەگىشىشى كېرەك ئەمەس. ئۇلار ئەھلى ئىلىملەردىن سورايدۇ، ئەھلى ئىلىملەر بىر مەزھەبنى ئاساس قىلىپ ياكى بەزى مەسىلىلەردە دەلىلى كۈچلۈكرەك بولغان قاراشنى تۇتۇپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇ جاۋابنى ئېلىپ، شۇ بويىچە ئەمەل قىلسا بولىدۇ. ئەمما، ھەممە مەسىلىدە قايسى ئاسان بولسا، شۇ ئاسان قاراشنى 4 مەزھەبتىن يىغىپ ئەمەل قىلىشقا بولمايدۇ. دەلىل جەھەتتىن توغرا بولغىنىنى تۇتسا، توغرا بولغاندىكىن مەيلى. چۈنكى، «سەھىھەين»دە «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى ئىشتىن بىرىنى تاللىماقچى بولسا، ئاسانراقىنى تاللايتتى» دەپ بار. سۈننەتكە مۇۋاپىق بولسا، دەلىل ئاساسى بولسا، ئاساننى تاللىسا بولىدۇ. ئەمما، دەلىل ئاساسى بولماي، ئاسانغىلا ئېسىلىۋالسا بولمايدۇ. بىر مەزھەبنى تۇتۇپ ماڭاي دېسە، شۇ مەزھەبتىكى ھۆكۈملەرنى ياخشى بىلسە، بۇمۇ مۇجتەھىد ئالىملارغا ئەگىشىش بولغاچقا، توغرا ۋە ساغلام تاللاشتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر مەزھەب ئەھكاملىرى ھەممىسى مەلۇم بىر قائىدە ۋە ئاساسقا تايانغان بولغاچقا، بىر – بىرىگە ماسلىشىشچان بولىدۇ. لېكىن، خاتالىقى ئېنىقلانغان بىر مەسىلىدىمۇ شۇ مەزھەبتە چىڭ تۇرۇۋېلىش خاتا ۋە تەئەسسۇبىيەتتۇر.

235 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! رامازاندا گال بەك ئاغرىپ كەتسە، گال ئاغرىق دورىسى شۈمسە، روزا بۇزۇلامدۇ؟ رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. گال ئاغرىق دورىسى شۈمسە، دورا گالدىن ئۆتسە بۇزۇلىدۇ. تىل ئاستىغا قويىدىغان تابلېتكىلارنىمۇ يۇتۇۋەتسە روزا بۇزۇلىدۇ.

236 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ۋىترنى 2 رەكئەتنى ئوقۇپ تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ، سالام بەرمەيلا قوپۇپ 3 – رەكئەتنى ئوقۇش توغرىمۇ ياكى 2 رەكئەتنى ئوقۇپ تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ سالام بېرىپ، ئاندىن 3 – رەكئەتنى ئايرىم ئوقۇش توغرىمۇ؟ چۈنكى مەن باشقىلارنىڭ شۇنداق ئوقۇغىنىنى كۆردۈم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەر ئىككىسى توغرا. بۇنىڭغا 25 – سوئالدا جاۋاب بېرىلگەن.

237 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن 3 يىلنىڭ ئالدىدا ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان بولۇپ قېلىپ، 2 يىل روزا تۇتالمىغان ئىدىم. «كېيىن تولۇقلىۋالاي» دەپ، ھازىرغىچە تولۇقلاپ بولالمىدىم. شۇ 2 يىللىق روزام ئۈچۈن پۇل بېرىۋەتسەم بولامدۇ؟ چۈنكى، «بۇندىن كېيىن تۇتاي» دېسەم، ئاشقازىنىم ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر كۈنى تۇتالمايمەن، چوقۇم كۈن ئارىلاپ تۇتىشىم كېرەك. ئۇنداق قىلسام، بەك ئۇزۇن سۈرۈلۈپ كەتكۈدەك. ئەگەر پۇل بەرسەم، شۇ ۋاقىتتىكى باھا بويىچە بېرەمدىمەن ياكى ھازىرقى باھا بويىچىمۇ؟ نورمالدا ھەر يىللىق روزىنى شۇ يىلى تۇتۇۋېتىشىمىز كېرەك ئىكەن، لېكىن مەن ۋاقتىدا تۇتالمىغانلىقىم ئۈچۈن ۋە ئارىدىن 3 يىل ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، بىر كۈنگە 3 كۈنلۈك بېرەمدىمەن ياكى 1 كۈنلۈكلا بەرسەم بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تۇتالمىغان 2 يىللىق روزىنى كۈن ئارىلاپ تۇتسىڭىزمۇ بولىدۇ. تۇتالىسىڭىز، چوقۇم تۇتىشىڭىز كېرەك. تۇتالمىسىڭىز، بىر كۈن ئۈچۈن 70 لىرادىن پۇل بېرىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

238 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ياخشى تۇرۇۋاتاملا؟ مەقسەت: مېنىڭ ئايالىمنىڭ بىر ئوغلى بار بولۇپ، ماڭا ئۆگەي. ئەمما، «يېتىم» دەپ كۆك ئاي ئىنسانىي دەرنىكىدىن ياكى باشقا دەرنەكتىن 1500 تېلىلىق كارتا ياكى نەق پۇل دېگەندەك ياردەم كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2 بالام بار. «يېتىم ئۈچۈن» دەپ كەلگەن پۇلنى ئائىلىدە ئىشلەتسەك بولامدۇ ياكى يېتىمنىڭ ھەققىگە كىرىپ قالامدۇق؟ شۇڭا، شەرىئەتتە ئورنى قانداق؟ مۇشۇنىڭغا جاۋاب بەرگەن بولسىلا.

ما ئۆگەي ئوغلۇمنىڭ چوڭ دادسى ۋە چوڭ ئانىسى بار، ئەمما ھېچقانداق ئىشى بىلەن كارى يوق. مەن ھەممە چىقىمىنى ئۆزۈم قىلىمەن، باشقا بالىلىرىم بىلەن ئوخشاش تەسەررۇپ قىلىمەن. مېنىڭمۇ قولۇم قىسقا. ئايالىم «ئۆي ئىچىگە ئىشلىتەيلى» دەپ تۇرۇۋالدى، مەن «سىلىدىن سوراپ قىلايلى» دېگەن ئىدىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق، ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن. يېتىم – يېسىرلارنى بېقىۋاتقان سىز ۋە يېتىمنىڭ ئانىسى يېتىمغا كەلگەن ياردەم پۇلنى ئۆي ئىچىدىكى تاماق ۋە باشقا ئۆي چىقىملىرىغا مۇۋاپىق ھالدا ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ. چۈنكى، يېتىمنىڭ يېمەك – ئىچمەك ۋە باشقا چىقىملارنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك قىسمىنى يېتىمنىڭ پۇلىدىن تۆلەش ئۇ پۇلنى يېتىم ئۈچۈن خەجلەپ قويغانلىق بولىدۇ. تاماق ۋە توك – سۇ دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ چىقىمىنى ئايرىپ ھېسابلاش قىيىن. ئاندىن سىز ۋە يېتىمنىڭ ئانىسى پېقىر بولساڭلار، يېتىمغا قاراپ ئۇنى باققانلىق سەۋەبتىن ئۇنىڭ مال – مۈلكىدىن مۇۋاپىق مىقداردا يېسەڭلار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿(يېتىمگە ۋەسى بولغانلاردىن) كىمكى باي ئىكەن، يېتىمنىڭ مال – مۈلكىنى يېيىشتىن ئۆزىنى ساقلىسۇن، كىمكى يوقسۇل ئىكەن، ئۇ (ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققى ئۈچۈن) مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن﴾(4/«نىساﺋ»: 6) دېگەن. يەنە يېتىمنىڭ ئانىسىمۇ ئانا بولغانلىقى ئۈچۈن يېتىم ئوغلىنىڭ پۇلىنى ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن خەجلىسە بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئەھۋالدا ئەنسىرىگۈدەك ئەھۋال يوق. ئۆيگە ئارىلاشتۇرۇپ خەجلىسەڭلار بولىدۇ. ئەمما، ئۇ پۇلنى بىھۇدە ئىشلارغا ئىشلىتىشكە، باشقىلارغا ھەدىيە قىلىپ بېرىۋېتىشكە بولمايدۇ.

239 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى! بىر دوستۇمنىڭ ئاتا – ئانىسى تويىنى 2 يىلدىن كېيىن قىلىدىغانغا بىر بالىغا پۈتۈشۈپتىكەن. ئاندىن بۇ بالا دوستۇمغا «پاراڭلىشايلى» دەپ خەت يېزىپتۇ. دوستۇم: «2 يىلغىچە پاراڭلىشىپ يۈرسەك گۇناھ بولىدۇ» دەپتۇ. ئۇ بالا: «قالايمىقان گەپ قىلمىساق بولۇۋېرىدۇ» دەپتۇ. شۇڭا، بىلەلمەي ئۇستازدىن سوراپ بېقىپ، «ئۇستازلار نېمە دېسە شۇنى قىلاي، ئەگەر گۇناھ بولماي قالسا پاراڭلىشاي، گۇناھ بولۇپ قالسا پاراڭلاشمايلى» دەپ ئويلاپتىكەن. مەنغۇ كىچىكىمدىن تارتىپ «گۇناھ بولىدۇ» دەپ بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ «ئۇستازلادىن سورايلى» دېگەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق، ئاللاھقا شۈكۈر. توي ئىشى مۇقىمدالغاندىن كېيىن نىكاھتىن بۇرۇن ئۇچۇرلىشىپ، كۆرۈشۈپ يۈرۈشى گۇناھ بولىدۇ ھەم ئاقىۋەتمۇ يامان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، نىكاھ قىلغۇچە سەۋر قىلىپ، نىكاھتىن كېيىن ئازادە پاراڭلىشىۋالسا بولىدۇ.

240 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى! 1) تۈگەپ كەتكەن بالىغا فىتر سەدىقىسى بەرسە بولامدۇ؟ 2) ئايال كىشى قەبرىستانلىققا چىقسا بولامدۇ؟ بەزىلەر: «چىقسا بولمايدۇ، ئايال كىشىنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ دۇئا قىلغىنى ئەۋزەل» دەيدىكەن. لېكىن، بالىغا چىدىماق تەسكەن، ئازراق بولسىمۇ تەسەللى تېپىپ قالىدىكەنمىز ھەم سىلى دېگەندەك ئۆلۈمنى ئەسلەپ قالىدىكەنمىز. يەنە بەزىلەر: «ئايال كىشى قەبرىستانلىققا چىقسا، يالىڭاچ ھالەتتە بولىدۇ» دەيدۇ. شۇڭا، سورىدىم. مۇشۇنىڭغا جاۋاب بەرگەن بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە فىتر سەدىقىسى بېرىش يوق، شۇڭا بەرمەيمىز. 2) ئاياللار قەبرىستانلىققا چىقسا، ئەلبەتتە بولىدۇ. ئۆلچەملىك كىيىنىپ، يىغا – زار قىلماي چىقىپ كىرسە بولىدۇ. قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىش ئۆلۈمنى ئەسلىتىدىغان ياخشى ئىش. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قەبرلەرنى زىيارەت قىلىڭلار، چۈنكى ئۇ ئۆلۈمنى ئەسلىتىدۇ»(«مۇسلىم»، 976) دېگەن. بۇنىڭدا ئەر ۋە ئايال ھەممىسى ئورتاق. يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەﻗﯩﺌ قەبرىستانلىقىغا چىقىپ، دۇئا قىلىپ، ئۆيىگە قايتىپ كىرگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئائىشەنى قەبرىستانلىققا بېرىپ دۇئا قىلىشقا بۇيرۇغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! مەن قەبرىستانلىققا بارغىنىمدا نېمە دەيمەن؟ — دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ «ئەسسالام ئەي قەبرە ئەھلى بولغان مۇئمىنلەر ۋە مۇسۇلمانلار! بىزدىن ئىلگىرى كەتكەنلەرگە ۋە كېيىن قالغانلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ئاللاھ خاھلىسا، بىزمۇ پات ئارىدا سىلەرگە قوشۇلىمىز» دېسىڭىز بولىدۇ، — دېدى(«مۇسلىم»، 974). شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئائىشە چىقىپ دۇئا قىلىپ كىرگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇشۇنداق كۆرسەتمىلىرى بار ھالەتتە، بىز «ئۇنداقمىش، بۇنداقمىش» دېگەن گەپلەرنى قىلساق بولمايدۇ. «ئايال كىشى قەبرىستانلىققا چىقسا، يالىڭاچ ھالەتتە بولىدۇ» دېگەن گەپنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەپتىمۇ؟ ئەگەر «شۇنداق دەپتىكەن» دېسە، بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يالغاننى توقۇش بولۇپ، «كىمكى مېنىڭ نامىمدىن قەستەن يالغان سۆزلىسە، دوزاختىن ئۆزىگە جاي ھازىرلىسۇن»(«تىرمىزىي»، 2951) دېگەنگە چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا، بۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس، ھەرقانداق بىر گەپنى دىن نامىدىن قالايمىقان دېيىشكە بولمايدۇ.

241 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاغرىپ قالغان ئادەمنىڭ روزا تۇتقىنى ئەۋزەلمۇ ياكى تۇتمىغىنمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاللاھ ھەممىلىرىنى سالامەت قىلسۇن. بۇ مەسىلىدە «ئاغرىپ قېلىش» دېگەن سۆزنى چۈشىنىشكە باغلىق. ئادەتتە روزا تۇتسىمۇ قىينىلىپ قالمايدىغان ھەم كېسىلىگە تەسىرى بولمايدىغان يەڭگىل ئاغرىپ قېلىشنىمۇ «ئاغرىپ قېلىش» دەيمىز. ئېغىر ئاغرىپ قېلىشنىمۇ «ئاغرىپ قېلىش» دەيمىز. شۇڭا، ئېغىر بولسا، تۇتمىغىنى ئەۋزەل. يەڭگىل بولۇپ، روزا تۇتسا قىينىلىپ قالمايدىغان ھەم كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتمەيدىغان بولسا، روزا تۇتقىنى ئەۋزەل. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿وأن تصوموا خير لكم﴾ يەنى «ئەگەر بىلسەڭلار، روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن (ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىدىيە بېرىشتىن) ياخشىدۇر»(2/«بەقەرە»: 184) دېگەن.

242 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ قارشى تەرەپ كۆڭلىدىن «ماۋۇ زاكات پۇل، يېقىنىڭىزغا بېرىڭ» دەپ بىزگە بەرسە، بىز يېقىنىمىزغا «ماۋۇ زاكات» دېمەي، «ماۋۇ پۇلنى ئىشلىتىڭ» دەپ بەرسەك بولامدۇ، بولمامدۇ؟ ياكى «بۇ پالانى كىشىنىڭ زاكات پۇلى ئىكەن» دەپ ئېنىق دېيىشىمىز كېرەكمۇ؟ بىر چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىزكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. زاكات ئالغۇچىنىڭ ئەھۋالى ئېنىق بولسا، زاكاتقا لايىق، زاكات ئالسا بولىدىغان كىشى بولۇپ قالسا، زاكات ئىكەنلىكىنى دېمەي، «ماۋۇ پۇلنى خەجلىسىلە» دەپ بېرىۋەرسەك بولىدۇ. ئەگەر «زاكاتقا لايىق كېلەمدۇ ياكى كەلمەمدۇ؟» دېگەننى ئۇقمايدىغان ئەھۋالدا، «بۇ زاكات پۇل ئىدى» دەپ ئېنىق دېسەك، زاكاتقا لايىق ئەمەس كىشى بولسا، «ماڭا زاكات دۇرۇس كەلمەيدۇ» دېيىشى مۇمكىن.

 243 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مۇشۇ ئالتۇن زىبۇزىننەت مەسىلىسى سەل مۇجمەل بىر مەسىلىمۇ ياكى مەن ئوقۇپ چۈشىنەلمىدىممۇ؟ مەسىلەن، مېنىڭ 100 گرام ئالتۇنۇم بار. بۇنى ئون بەش يىلنىڭ ياقى تاقاۋاتىمەن. ئون يىلنىڭ ياقى بۇنىڭغا يىلدا يۈز گرام ئالتۇننىڭ پۇلىغا سۇندۇرۇپ زاكات ئايرىپ كەلدىم. ھازىر بۇ يەردە «85 گرامنىڭ ئاشقان قىسمىغا زاكات ئايرىلىدۇ» دېيىلدى. ئۇنداقتا 25 گرام ئالتۇنغا زاكات ئايرىمدىم؟ ھەر يىلى ئايرىمدىم؟ بۇ يىلنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ بولدۇم. بەزى يىللىرى زاكات ئايرىماق تەسكە توختاپ قالىدۇ، چۈنكى پۇل دېگەن گاھى بار، گاھى يوق بولىدىكەن. شۇڭا، «ئېنىقراق بىر بىلىۋالاي» دېگەن ئىدىم. بەزىلەر: «زىبۇزىننەت بولغاندىكىن، ئالتۇننى تاقىسا ئۇپرايدۇ، شۇڭا بىر قېتىملا ئايرىسا بولىدۇ» دەيدىكەن. ئەمدى زادى توغرىسى قانداق؟ ياخشىراق بىلىۋالايلى. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھالال ياشىغىلى نېسىپ قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىز پەتۋا بېرىشكە تاللىغان قاراش بويىچە: «زىبۇزىننەت 85 گرامغا يەتسە، ھەر يىلى 85 گرامغا ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقىنىغا ھەممىگە زاكات ئايرىش كېرەك» دەپ كەلدۇق. بۇنىڭدا ھېچبىر مۇجمەللىك يوق. قايتا – قايتا شۇنداق جاۋاب بېرىلىپ بولدى. يەنە تەكىتلەپ قوياي، 85 گرامغىمۇ، ئاشقىنىغىمۇ بېرىسىز. 100 گرام ئالتۇنى بولسا، 85 گرامغىمۇ، قالغان 15 گرامغىمۇ جەمئىي 100 گرامغا ئايرىش لازىم. ھەر يىلى ئايرىش لازىم. پۇل بولمىسىمۇ ئالتۇننىڭ ئۆزىدىن گراملاپ بېرىشى ياكى سېتىپ پۇلىنى بېرىشى لازىم.

244 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئەزان ئوقۇلغاندا «اشهد ان محمد رسول الله»دىن كېيىن، ئىبھام بارمىقىمىزنىڭ تىرنىقىغا سۈفلەپ «قرة عيني يا رسول الله» دەپ كۆزىمىزگە سۈرتۈشنىڭ ھۆكمى سۈننەتمۇ ياكى مۇستەھەپمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھەقتە «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=2302&noamp=mobile&uls=uu#respond

245 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پەيشەنبە باشلانغان رامازاننىڭ 25 – كېچىسى قەدر كېچىسى بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك ئىكەن، بۇ ئاخشام دەل شۇ كېچە بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا قەدر كېچىسىدە ۋە كۈندۈزىدە قانداق ئىبادەتلەرنى ۋە دۇئالارنى قىلىش ئەۋزەل؟ ئاللاھ ھەممىمىزنى رەببانىي ئالىملىرىمىزنىڭ قەدرىنى بىلىپ، ئىككى دۇنيادا سائادەتمەنلەردىن بولۇشقا، قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلىتىگە ئېرىشىشكە مۇۋەففەق قىلغاي.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. قەدر كېچىسى ئاخىرقى ئون (ياكى توققۇز) كېچىدە بولىدىغانلىقى ئېنىق. ھېچكىم ئۇنى ئالدىن بىلەلمەيدۇ. شۇ كېچىسىدىكى ۋە ئەتىسىدىكى ئالامەتلەردىن بىلىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە «ساجىيە» توربېتىمىزدە يېتەرلىك مەلۇمات بار. ۋاقتىڭىز بولسا ئوقۇپ قويارسىز.

قەدر كېچىسى رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىسىدە بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ، ئۇ كېچە ئايدىڭ، تىپتىنچ كېچە، ئىسسىقمۇ، سوغۇقمۇ ئەمەس. ئۇ كېچىنىڭ ئەتىسى قۇياش قىزغۇچ ۋە نۇرسىز چىقىدۇ. بۇ كېچىلەردە «اللهُمَّ إِنَّكَ عَفُوٌّ تُحِبُّ الْعَفْوَ، فَاعْفُ عَنِّي (ئى ئاللاھ! سەن ئەپۇ قىلغۇچىسەن، ئەپۇنى سۆيىسەن، شۇڭا، بىزنى ئەپۇ قىلىۋەتكەيسەن)» دەپ دۇئا قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە 233 – سوئالنىڭ جاۋابىغىمۇ قاراڭ.

246 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاياللارنىڭ چاي ئوينىشىنىڭ شەرىئەتتە ھۆكمى بارمۇ؟ ئاياللار «دائىم كۆرۈشۈپ بولالمايدىكەنمىز، ھەر ئايدا بىر كۆرۈشىدىغان چاي ئوينايلى» دەيدۇ. پۇل يىغىشىپ كىمنىڭ ھاجىتى چۈشسە، شۇ ئالىدىغان قىلىپ باشلايدىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئاياللارنىڭ چاي ئوينىشىنىڭ مەلۇم ھۆكمى يوق. يېمەك – ئىچمەك ۋە كىيىنىشتە ئىسراپ دەرىجىسىگە يەتسە ھارام. يەتمىسە، ئەھۋالىغا قاراپ ھۆكۈم بولىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھۆكۈم بېرىش تەس. ۋەتەندە بەكلا ئىسراپچىلىق قىلىپ چاي ئوينىغاندا، ئالىملىرىمىز چەكلىگەن. بۇ تۈرلۈك ئىشلار ئىجتىمائىيلىشىش جەھەتتىن مەلۇم پايدىسى باردەك كۆرۈنسىمۇ، تەبلىغ ياكى قۇرئان خەتمىسى، ياكى ياردەم توپلاشتەك ياخشى ئىشلارنى باھانە قىلىپ باشلىنىپ، داستىخاننى چوڭ سېلىش، ئىسراپچىلىق، ھەرچايغا يېڭى بىر قۇر كىيىم سېتىۋېلىش، كۆز – كۆز قىلىش ۋە غەيۋەت سورۇنىغا ئايلىنىپ كېتىشتەك ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇلاردىن ساقلىنالىسا، نىيەت قىلغانغا قاراپ مۇستەھەب ياكى جائىز بولۇشى مۇمكىن. ۋاقىت ۋە پۇل زايە قىلىش، پەرزەنتلەرگە قارىماي چايغا كېتىشتەك ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، زىيانلىق ۋە ئارتۇقچە ئىش بولۇشى تەبىئىي. شۇڭا، ھەر ئايال دۇنيا – ئاخىرەتلىك پايدا – زىياننى دەڭسەپ، ئېرىنىڭ رازىلىقىغا قاراپ ئىش تۇتقىنى ياخشى.

247 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ياۋروپادىكى بەزى تۈرك جامىلىرىدە «پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساقىلى» دەپ كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ مەسىلە مۇنداق: سەھىھ ھەدىسلەردە كېلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەججەتۇلۋەدائتا مۇبارەك چېچىنى چۈشۈرتكەندە، ئوڭ تەرەپتىكى چېچىنى ئەبۇ تەلھە ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بەرگەن. سول تەرەپتىكى چاچلىرىنى باشقا ساھابە كىراملارغا تارقىتىپ بېرىشنى بۇيرۇغان. ساھابەلەر بۇ چاچلاردىن بىر – ئىككى تالدىن ئېلىپ، تەبەررۈك بىلىپ ساقلاپ كەلگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قولىدا خېنە بىلەن ئوسمىدىن بويالغان موي بار ئىدى. ھەزرىتى ئەنەسمۇ ۋاپات بولىدىغان چاغدا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك مويلىرىدىن بىر – ئىككى تالنى ئۆزى بىلەن بىللە ياكى تىلىنىڭ ئاستىغا قويۇپ بىللە دەپنە قىلىشقا ۋەسىيەت قىلغان. ھەزرىتى مۇئاۋىيەمۇ ئوغلى يەزىدكە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مويلىرىدىن بىر – ئىككى تالنى كۆزىگە ۋە بۇرنىغا قويۇپ دەپنە قىلىشقا بۇيرۇغان. ئاشۇنداق بولۇپ، ساھابە كىراملاردىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا، ئەۋلادلىرىدىن ئەۋلادلىرىغا قېلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ موي شەرىپلىرى بەزى چوڭ ئائىلىلەردە، ئۆلىمالارنىڭ بالىلىرىدا ۋە بەزى قەبىلىلەردە تەبەررۈك بىلىنىپ كەلگەن. بەزى ئۆلىمالار قەيت قىلغان بەزى مەنبەلەردىمۇ: «كېيىنكى زامانلاردا پالانى ئائىلىدە مۇنچە تال بار، پۇستانى ئائىلىدە مۇنچە تال بار» دەپ كەلگەن، ھەممىسىنىڭ تارىخى بار. كېيىن ۋاقىت ئۇزارغانچە سۇلتان مەھمەت رەشاد دەۋرىدە ئىستانبۇلدا 40 نەچچە تال موي بار ئىكەن. سۇلتان بۇنى بەزى شەھەرلەردىكى چوڭ جامەلەرگە بىر تال، ئىككى تالدىن ھەدىيە قىلغان ئەھۋال بار ئىكەن. مەيلى بۇ سۇلتان ھەدىيە قىلغانلىرى بولسۇن ياكى توپكاپى مۇزىيخانىسىدا ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ قالغان 18 تال موي شەرىپ بولسۇن، ياكى قاھىرەدىكى ھۈسەين جامەسىدىكى ئىككى تال بولسۇن، شامدا، بېيرۇتتا، مەككەدە، ھەتتا ئوسمانلى سۇلتانلار ھەدىيە قىلغان ھىندىستاندىكىگە ئوخشاش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساقلىنىپ كەلگەنلىرى بولسۇن، مۇشۇنداق ساقلىنىپ كەلگەن. بۇ موي شەرىپلەرنىڭ بەزىسى راست، بەزىسىگە يالغان – ياۋىداقلارمۇ ئارىلىشىپ، ساختىكارلار: «بىزدە مۇنداق موي شەرىپ بار» دەپ خەقنى گوللاپ يۈرۈيدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. دېمەك، بىز كۆرگەن مويلار راست بولۇشىمۇ مۇمكىن، يالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇنى مۇشۇنداق چۈشەنسەك بولىدۇ، جەزم قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. دۆلەتلەر ساقلاپ كېلىۋاتقانلىرى بولسا راست بولۇشى مۇمكىن، لېكىن شەخسلەرنىڭ قولىدىكىگە تازا ئىشەنچە قىلغىلى بولمايدۇ.

بەزى دۆلەردە، تۈركىيەدە ۋە بەزى تەسەۋۋۇف تەرىقەتلىرىدە بۇ ئىش ئەۋج ئېلىپ، ئۇنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، خۇددى تەبەررۈك ساقلاپ مۇئجىزە دەپ بىلىشى كېرەكتەك بولۇپ كەتكەن ئىشلار بار (راست – يالغانلىقىنى بىلگىلى بولمىغان ئەھۋالدا). شۇڭا، بۇنىڭغا ئىشىنەيلى، ئىشەنمەيلى، بۇ ھاياتىمىزغا تەسىر قىلىدىغان چوڭ بىر ئىش ئەمەس. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە قۇرئان كەرىمنى ۋە مۇبارەك ھەدىسلىرىنى قويۇپ كەتتى. بىز بۇنىڭغا چىڭ ئېسىلساق، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىمىز. راست – يالغانلىقىنى بىلگىلى بولمىغان بىرەر موي شەرىپنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنى سۆيۈپ تەبەررۈك بىلىش بىلەنلا ئىشلار ئۇيان – بۇيان بولۇپ كېتىدىغان ئەھۋال يوق. پەقەتلا قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئەمەل قىلىشىمىز لازىم. بىزنىڭ چوڭ بىلىدىغان، ئېنىق ۋە جەزملەشكەن تەبەررۈكىمىز مۇشۇ بولۇشى كېرەك.

ئەمدى ئىشەنچىلىك يول بىلەن «بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ موي شەرىپىدۇر» دېيىلسە ئىدى، شۇ چاغدا بىزمۇ ساھابە كىراملارغا ئوخشاش تەبەررۈك بىلىپ، ئۆز لايىقىدا ھۆرمەتلىسەك بولاتتى. لېكىن، ھازىر ئۇنداق ئەھۋال يوق. گەپنىڭ خۇلاسىسى: بۇنى يالغانغىمۇ چىقارماي، راستقىمۇ چىقارماي، «ھە» دەپ ئۆتۈپ كەتسەك بولىدۇ.

248 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، رامازان فىدىيەسىنى قۇرئان كۇرسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەك – ئىچمەكلىرىگە ئىشلەتسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. رامازان فىدىيەسىنى قۇرئان كۇرسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا بەرسە، ئۇلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك ۋە باشقا ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا ئىشلەتسە بولمايدۇ. پەقەت ھەممىسى دېگۈدەك پېقىر – مىسكىنلەرنىڭ بالىلىرى بولۇپ قالسا، ئۇ چاغدا بولاتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئىقتىسادلىق كىشىلەرنىڭمۇ بالىلىرى بار بولغاچقا، ئۇلارغا بېرىشكە بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا فىدىيەنى مىسكىنگە يېمەك – ئىچمەك ئۈچۈن بېرىشنى بۇيرۇغان بولغاندىكىن، پېقىر – مىسكىنلەرگە بېرىلىشى لازىم.

249 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! ياخشى تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ ئىلىملىرىدىن، قىلغان خىزمەتلىرىدىن رازى بولسۇن. ۋەتەندىكى دوستۇمنىڭ ئۆيى بار ئىدى، چېگرا ئېتىلگەننىڭ ياقى ئىجارە پۇلىنى دەپ بېرەلمىدىم. بۇ خىل ئەھۋالدا قانداق قىلىمەن؟ زاكىتىنى ئايرىپ قويامدىم ياكى ئۇنداق ھاۋالە قىلمىغاندىكىن، ئامانىتىنى ساقلاپ تۇرامدىم؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ۋەتەندىكى ئۇ كىشىنىڭ سىرتتا «ئايالى ياكى پەرزەنتى» دېگەندەك بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بولمىسا، سىلى ئۇ پۇلنى ئۇنىڭ زاكىتىنىمۇ بېرىپ قويماستىن، ئامانەت سۈپىتىدە ساقلاپ قويۇشلىرى كېرەك.

250 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! زاكاتنى يوقسۇل ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دىندىن باشقا ساھەدە تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن بېرىشكە بولامدۇ؟ مەسىلەن، تىل ياكى ھۈنەر – كەسىپ ئۆگىتىشكە ئوخشاش. رەھمەت، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. يوقسۇل ئائىلە دېگىنىمىز زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈدەك ئىقتىسادى بولمىغان ئائىلىلەردۇر. بۇلارغا «يوقسۇللۇق» سۈپىتى بىلەن زاكات بەرسەك، بۇ زاكاتنى ئۆز ئىھتىياجىغا قاراپ، ھۈنەر – كەسىپ ئۆگىنىشكە ۋە تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە خەجلىسە بولىدۇ.

251 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ خۇپتەننىڭ پەرزىگە ئۈلگۈرەلمىگەن ئەھۋالدا، تەراۋىھ ئوقۇۋاتقان ئىمامغا «خۇپتەننىڭ پەرزىگە» دەپ نىيەت قىلىپ ئىقتىداﺋ قىلساق توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. بۇ ھەقتە ئۆتكەن يىللىق سوئال – جاۋابلاردىكى 379 – سوئالغا مۇراجىئەت قىلغايسىز.

252 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ «NIKE» ماركىسىدىكى كىيىملەرنى كىيسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھەقتە ئۆتكەن يىللىق سوئال – جاۋابلاردىكى 292 – ۋە 335 – سوئاللارغا مۇراجىئەت قىلغايسىز.

253 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ 1) قازا نامازنى ئوقۇغان ۋاقىتتا، قازا نامازنى پەرز نامازغا ئوخشاش ئوقۇيمىزمۇ ياكى سۈننەت نامازغا ئوخشاش ئوقۇيمىزمۇ؟ يەنى قازا نامازغا نىيەت قىلغاندا، «پېشىننىڭ قازاسى» ياكى «دىگەرنىڭ قازاسى» دەپ نىيەت قىلىشىمىز كېرەكمۇ ياكى «قازا نامىزىم» دەپلا ئوقۇۋەرسەك بولامدۇ؟ 2) «سۈننەت ناماز»نىڭمۇ قازاسىنى قىلىش كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) قازا ناماز ئوقۇغاندا، ئەگەر پەرز ناماز قازا بولغان بولسا، بۇرۇن شۇ پەرزنى قانداق ئوقۇغان بولساق، قازاسىنىمۇ شۇنداق ئوقۇيمىز. ئۆزى يالغۇز قازاسىنى قىلغان كىشى ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان نامازنى ئۈنسىز ئوقۇسىمۇ مەيلى. نىيەت قىلغاندا، «پېشىننىڭ قازاسى» ياكى «دىگەرنىڭ قازاسى» دەپ كۆڭلىمىزدە نىيەت قىلساق بولىدۇ، ئاغزاكى نىيەت قىلىش شەرت ئەمەس. 2) «سۈننەت» دېگەن گەپتىن «كېرەك» دېگەن مەنا چىقمايدۇ، «سۈننەت ناماز»نىڭ قازاسىنى قىلىش سۈننەتتۇر. تەپسىلاتى مۇنۇ پەتۋادا: https://sajiya.biz/?p=2743

254 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قازا نامىزى بار بولغان كىشى تەھەججۇد ئوقۇسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قازا بولۇپ كەتكەن نامازنى ئوقۇش پەرز. تەھەججۇد نامىزى بولسا نەفلە. شۇڭا، قازا بولۇپ كەتكەن نامازنى ئاۋۋال ئوقۇش كېرەك. قاچانىكى «قازا نامازنى ئوقۇپ بولدۇم» دەپ خاتىرجەم بولغاندا، ئاندىن نەفلە نامازلارنى ئوقۇسا بولىدۇ.

255 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىلىپ – بىلمەي نامازلىرىمىزنى قازا قىلىپ سالغان بولساق، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلماي تەھەججۇد، نەفلە نامازلارنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە جىق ئوقۇساق، شۇ پەرز نامازلارنىڭ ئورنىنى باسامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىلىپ تۇرۇپ قازا قىلىۋەتكەن نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلىش پەرز. بىلمەي قازا قىلىۋەتكەن نامازلاردىمۇ «مۇنچىلىك نامازنى ئوقۇيالمىدىم» دېگەن ئەھۋالدا، ئۇنىڭمۇ قازاسىنى ئوقۇش پەرز. قاچانىكى «قازا نامازنى ئوقۇپ بولدۇم» دەپ خاتىرجەم بولغاندا، ئاندىن نەفلە نامازلارنى ئوقۇسا بولىدۇ. پەرزنى ئوقۇماي نەفلە ناماز ئوقۇسا، «پەرز» گەدەندىن ساقىت بولمايدۇ.

256 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! تونۇش بىرەيلەن «بىزنى ۋە بالىلىرىمىزنى كىيسۇن» دەپ، كونا – يېڭى كىيىم – كېچەكلەرنى بەرگەن بولسا، ھالبۇكى ئۇ ئائىلىدە ئاللاھ ھارام قىلغان مەلۇم بىر كىرىم مەنبەسى بار بولسا، ئۇ كىيىملەرنى كىيىشكە، بالىلارغا كىيدۈرۈشكە، مۇھىمى ئۇ كىيىملەر بىلەن ناماز ئوقۇش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا بولامدۇ؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە ۋە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن، ئامىن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن. ئەگەر ئۇ ئائىلىنىڭ پۈتۈن كىرىمى ھارامدىن بولسا، ئۇ كىيىملەرنى ئېلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بىر قىسمى ھارامدىن بولسا، ئۇ چاغدا «ھالالدىن بولغان قىسمىدىن» دەپ تۇرۇپ، ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

257 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) قازا نامازلىرىمىزنى ئوقۇماقچى بولغاندا، قانداق نىيەت قىلىپ ئوقۇيمىز؟ ھەر بامداتنىڭ ئارقىسىدىن قانچە رەكئەت قازا ناماز ئوقۇيالايمىز؟ قازا نامازنى ئەتىگىنى بامداتتىن بۇرۇن پېشىننىڭ، دىگەرنىڭ، نامازشامنىڭ قازاسىنى يىغىپ بىراقلا قىلسا بولامدۇ؟ 2) «قازا ناماز» دېگەندىن ھىدايەت تېپىشتىن بۇرۇن ئوقۇيالمىغان ناماز مەقسەت قىلىنامدۇ؟ مەسىلەن، مەن 30 نەچچە ياشتا ناماز باشلىغان بولسام، بالاغەتكە يەتكەندىن تارتىپ، شۇ 30 نەچچىگە كىرگىچە بولغان 10 نەچچە يىللىق نامازنى تولۇقلاپ، قازا نامىزى قىلىپ ئوقۇشۇم كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) قازا بولۇپ كەتكەن نامازنى تولۇقلاپ ئوقۇماقچى بولغاندا، بامدات، پېشىن… قايسى ناماز ئىكەنلىكى چوقۇم دىلىدا ئېنىق بولۇشى كېرەك. «پالانى كۈننىڭ» دەپ ئايرىيالمايدىغان دەرىجىدە جىق ناماز بولسا، «بۇرۇن ئوقۇيالمىغان پېشىن ياكى دىگەر» دەپلا نىيەت قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، كونا قازا نامازنىڭ «قايسى كۈننىڭ نامىزى» دېگەندەك مەلۇماتلار ئادەتتە ئېسىدە قالمايدۇ. بامداتنىڭ ئالدىدا، بامداتنىڭ كەينىدە كۈن چىققۇچە، كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىن تارتىپ تىكلەشكۈچە ۋە تىكلەشكەندىن تارتىپ تاكى ئەتىسى كۈن چىققۇچە خاھلىغانچە قازا ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.

2) سىز «ھىدايەت تېپىش» دېگەن سۆزدىن نېمىنى كۆزدە تۇتقىنىڭىزغا باغلىق. بۇرۇن كىچىكىڭىزدىن باشلاپ كوممۇنىست ياكى كافىر ئائىلىدە ياشاپ، بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىنمۇ كوممۇنىست ياكى ئاتېئىست ياشىغان بولسىڭىز، ئاندىن 30 ياشتا ھىدايەت تېپىپ مۇسۇلمان بولغان بولسىڭىز، دىنغا يېڭىدىن كىرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن، 30 ياشتىن بۇرۇنقى نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلمايسىز. ئۇنداق بولمىغان ئەھۋالدا قازاسىنى قىلىسىز. چۈنكى، سىز ئىسلام فىترىتى ئۈستىدە تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئاتا – ئانىڭىز سىزنى كافىر قىلىۋەتمىدى، پەقەتلا نامازنىڭ ئەھمىيىتىنى توغرا يەتكۈزمىگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا: «بۇرۇن كافىر ئەمەس، ئاسىي مۇسۇلمان بولۇپ، كېيىن قازاسىنى قىلىدۇ» دەيمىز.

258 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مەن ھەرەمگە كەلگەن ئىدىم، بىرىنچى قېتىملىق «ئۆمرە»دە چاچنى چۈشۈرۈۋېتىپتىمەن. ئىككىنچى قېتىم «ئۆمرە» قىلغاندا، ساقالدىن كېسىۋەتسەك بولامدۇ؟ ھازىر ساقالدىن ئازراق قىرقىپ بولغان ئىدىم، بۇ ئەھۋالدا باشقا ئۇستىرا سالسام بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. بۇ ئەھۋالدا بىر – ئىككى كۈنلۈك ئاز چاچ چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن، باشقا ئۇستىرا سېلىۋېتىپ، ئاندىن ساقالدىن ئېلىۋەتكەنلىرىگە قارىتا فىدىيە بېرىشلىرى كېرەك بولىدۇ. چۈنكى، سىلى ئىھرامدىن چىقماي تۇرۇپ، بەدەندىن موي يەنى ساقالنى ئالدىلا. ئۇنداق بولغاندىكىن، سىلى «ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ياكى ئالتە مىسكىنگە تاماق بېرىش» ئارقىلىق فىدىيە تۆلەشلىرى كېرەك بولىدۇ. ئۆلىمالارنىڭ ئىچىدە: «بىلمەستىن، ئىھرامدا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىپ سالغانلار فىدىيە بەرمىسىمۇ بولىدۇ» دەپ قارىغانلار بار. بۇ قاراشنى تۇتسىلىمۇ مەيلى. لېكىن، «ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ياكى ئالتە مىسكىنگە تاماق بېرىش»تىن ئىبارەت فىدىيە بەرگەنلىرى ياخشى.

259 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قىرائەت تىڭشاشمۇ ئاللاھنى زىكر قىلغان ئەمەللەر قاتارىدىن ھېسابلىنامدۇ؟ يەنە قۇرئان ئوقۇش زىكر – تەسبىھ ئېيتىشقا ئوخشاش بولامدۇ ياكى پەرقى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. بۇ ھەقتە ئۆتكەن يىللىق سوئال – جاۋابلاردىكى 308 – سوئالغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

260 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! كىچىك بالىلارنى پەرىشتىگە ئوخشىتىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟ ئەركىلىتىپ «ھەجەپ پەرىشتىدەك بالىكەن» دېسە ياكى بالىسىنى «مېنىڭ پەرىشتەم بۇ بالام» دېسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھەقتە بۇ يىللىق سوئال – جاۋابلاردىكى 5 – سوئالغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

261 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مېنىڭ ئانام ھەجگە كەتكەن ئىدى. يولدىشىمنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋەتەندە بولۇپ، دادىسى تۈرمىدە، 10 يىلنىڭ ياقى ھېچقانداق ئالاقىمىز يوق، دادىسى ھاياتمۇ ياكى قانداق؟ بىلمەيمىز. مېنىڭ ئانام يولدىشىمنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ھەج بەدەل قىلىپ قويالامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئانىڭىز ئۆزى ئۈچۈن پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ بولغان بولسا، باشقىلارغا ھەق ئالماي ھەج قىلىپ قويسا بولىدۇ. بولمىسا، ئالدى بىلەن ئۆزى ئۈچۈن قىلىشى پەرز.

262 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن. تۈركىيەدە تۈرك ۋەتەنداشلىقى بار تۇرۇپ، ئۆيى بولسۇن، بولمىسۇن نورمال ياشاۋاتقان بىر كىشىنىڭ (بىر ئائىلە كىشىلىرى) ياۋروپاغا بېرىپ، «مەن تۈرك ۋەتەندىشى ئەمەس» دەپ ۋە باشقا مەسىلىلەردە يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ پاناھلىق تىلىشى ۋە ياردەم پۇلى ئېلىپ ئائىلىسىنى قامدىشى توغرىمۇ؟ يەنە يېقىنقى ۋاقىتلاردا كاناداغا ئاپىرىش قاتارلىق مەسىلىلەر چىقىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىلەرگە ئايرىم – ئايرىم ھالدا دىنىمىزدا قانداق ھۆكۈملەر بار؟ ئاللاھ رازى بولسۇن، ئۇستاز!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ياۋروپاغا بېرىپ جايلىشىش ھەققىدە ئايرىم يېزىلغان مۇنۇ پەتۋاغا مۇراجىئەت قىلىڭ:

تۈرك ۋەتەنداشلىقى بار تۇرۇپ، «مەن تۈرك ۋەتەندىشى ئەمەس» دېسە، يالغان ئېيتقان بولىدۇ. باشقا مەسىلىلەردىمۇ يالغان گۇۋاھلىق بېرىلسە، «يالغان گۇۋاھلىق» بولىدۇ. پاناھلىق تىلىگەندە، نوپۇس بەرگەن ۋە قۇچاق ئاچقان تۈركىيە دۆلىتىنى ئورۇنسىز قارىلاشمۇ يوق ئەمەس. بۇلار سەل قارىلىدىغان گۇناھلار ئەمەس. كافىرلاردىن ياردەم پۇل ئېلىپ ئائىلىسىنى قامدىشى زۆرۈرىيەت تېپىلمىغان ئەھۋالدا ئۆزىنى ۋە مىللىتىنى خار قىلغانلىق بولىدۇ. مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنى ۋە مىللىتىنى خار ئورۇنغا چۈشۈرۈشى ئىسلامنىمۇ زېدىلەشكە ئېلىپ بارىدىغان ناچار قىلمىش بولۇپ، ئىسلامدا ھېچبىر مۇسۇلماننىڭ خارلىق يولى بىلەن جان بېقىشى ۋە پاراۋانلىق تۇرمۇش ئۈچۈن مىللىي ۋە دىنىي ئوبرازىنى سېتىشى توغرا كۆرۈلمەيدۇ. كاناداغا بېرىشتىمۇ تۈرك ۋەتەنداشلىقىنى يوشۇرۇش، يالغان ئېيتىش ۋە ئىشلىيەلەيدىغان تۇرۇپ ئىشلىمەي ياردەم ئېلىش… قاتارلىقلاردا ھۆكۈم ئوخشاش. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرك ۋەتەنداشلىقىنى يوشۇرۇپ، ھېچيەرنىڭ نوپۇسى بولمىغان، كاناداغا بېرىشقا شەرتى توشىدىغانلارنىڭ ئورنىنى ئىگەللىۋېلىشمۇ ئوبدان ئىش ئەمەس.

263 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) «ئىمان — ئىنساننىڭ ئىلگىرىكى بارچە گۇناھىغا كۇپايە» دەپ ئاڭلىغان. «ھىدايەت — ئاللاھنىڭ ئىنايىتى، شۇ ھەقنى تونۇسا، ئىمان ئېيتقاندىن باشلاپ نامىزى ھېساب بولىدۇ» دەپ بىلگەن ۋە شۇنداق مۇسۇلمان بولغانلار ئۈچۈن چوڭ بىر خۇش خەۋەر بولغان. ئەمدى «40 ياشتىن كېيىن ناماز ئوقۇشنى باشلىغان كىشى ئىلگىرىكى نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك» دېگەن ماۋۇ گەپتە ئىلگىرىكى نامازلىرىنى ئادا قىلىش بەزىدە خۇشياقسا قىلىدىغان، بەزىدە ئېغىر كېلىدىغان بولۇپ، ئىسلامدا قىيىنچىلىق ھېس قىلىپ قالمامدۇ؟ 2) مەن ئىلگىرى ئۇستازلادىن: «نامازنىڭ قازاسى يوق، پەقەت نەفلە ئىبادەتلەر كۆپ قىلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ» دەپ ئاڭلىغان.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) بۇ خۇددى بىرسىنىڭ نەچچە مىليون قەرزى ئۆتۈپ قالغان كىشىگە: «ھەممىنى قايتۇرىسىز» دېسە، «ئېغىر كېلىپ قالىدۇ» دېگەندەكلا بىر گەپ بوپتۇ. ھىدايەت تاپقان، ھەقنى تونۇغان كىشىگە ئاللاھنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش ئېغىر كەلمەيدۇ. قىيىنچىلىق ھېس قىلسىمۇ، ئاللاھنىڭ قەرزى ئادا قىلىنىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر. ئادا قىلماي بولمايدۇ. بۇنى نەفلە نامازلارنى ئوقۇماي، پەرز نامازلارنىڭ قازاسىنى ئوقۇش ئارقىلىق بىرنەچچە يىلدا ئادا قىلىپ بولىدۇ. ھەربىر ئىنسان فىترەت ئۈستىدە تۇغۇلىدۇ. مەزكۇر سوئالنى سورىغۇچى فىترەت ئۈستىدە تۇغۇلۇپ، مۇسۇلمانلىقى بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن داۋاملاشقان تۇرسا، ئوقۇمىغان نامازلارنىڭ ئەلبەتتە قازاسىنى قىلىدۇ. «بۇرۇن كافىر ئىدىم، 40 ياشتىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان» دېمەپتۇ، 40 ياشتىن كېيىن ناماز ئوقۇشنى باشلاپتۇ. ھە «ناماز ئوقۇمىغاندىكىن كافىر بولىدۇ» دېسىڭىز، ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ يەكۈنى. 2) ئۇ زەئىف قاراش بويىچە جاۋاب بەرگەنلەر ئىكەن.

264 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، بىرسىگە دوللار بېرىشىم بار ئىدى. قايتۇرىدىغان كۈندىكى باھا بويىچە تېلى بەرسەم بولامدۇ؟ پۇلنى ئالىدىغان تەرەپ «ئارىلىقتا ئېگىز – پەسچىلىك بولىدىغان بولغاچقا، جازانە مۇئامىلىسىگە كىرىپ قالىدىكەن، شۇڭا دوللار بەرگەن بولسىڭىز» دېگەن ئىدى. بۇ يەردە بۇ خىل ئەھۋالدا جازانە شەكىللىنىدىغان ئەھۋال بولامدۇ؟ بۇنى ئېنىق بىلىۋېلىش ئۈچۈن سورىشىم ئۇستاز، ئاللاھ رازى بولسۇن ئامىن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولىدۇ. قەرزنى قايتۇرىدىغان چاغدا، دوللار قەرزى بولسا، شۇ كۈندىكى دوللار باھاسى بۇيىچە خاھلىغان پۇل تۈرىدە قايتۇرسا بولىدۇ، بۇنىڭدا چاتاق يوق، جازانە بولمايدۇ.

265 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز، ياخشمۇ؟ ۋەتەندىكى ئاتا – ئانىمىز ئۈچۈن فىتر بەرسەك بولامدۇ؟ بولسا مۇشۇ يەرنىڭ پۇلىنى ھېسابلاپ بېرەمدۇق ياكى ۋەتەننىڭمۇ؟ قانچە بەرسەك بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. سوئالنىڭ جاۋابىنى مۇنۇ پەتۋادىن كۆرۈۋالغايسىز:

266 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۆزلىرىنىڭ قۇرئانغا قاراپ ناماز ئوقۇش توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى پەتىۋالىرىنى ئوقۇپ چىقتىم. بىزنىڭ مەسجىدتە ئىبادەت ۋە دىنىي خىزمەتلەرگە كۆندۈرۈش مەقسىتىدە 15 ~ 20 ياشلاردىكى بالىلارنى ئىمام قىلىپ تەراۋىھ ئوقۇۋاتىمىز. مەن بۇ ياشلاردىن بىرىنىڭ نامازدا تېلېفونىدىكى قۇرئانغا ئوغرىلىقچە قاراپ ناماز ئوقۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالدىم (بۇ ياش بۇلتۇرمۇ شۇنداق قىلغان ئىدى). بۇ ئىش ئاشكارىلىنىپ كەتسە، بۇ يىگىتنىڭ يۈزىگە سەت بولىدۇ. مەن ئۆزىگە ئايرىم دەي دېسەم، ئىماملىقتىن ۋاز كېچىش ئېھتىماللىقى بار. بۇ ئەھۋالدا مېنىڭ بۇ ئىشنى بىلمىگەنگە سېلىپ نامازنى داۋام قىلىشىم توغرا بولامدۇ؟ بۇ يىگىتكە ئەگىشىپ ناماز ئوقۇغان مۇقتەدىيلەرنىڭ نامىزى دۇرۇس بولامدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ئەھۋالدا ئىمامنىڭ ۋە ئارقىدىكى جامائەتنىڭ نامىزى دۇرۇس بولماسلىق خەۋپى بار. شۇڭا، قۇرئاننىڭ ھەممىنى يادلىغان قارىي بولمىغان ئەھۋالدا، ئىمام بولغۇچى يادا بىلگەن سۈرىلەرنى تەكرار – تەكرار ئوقۇپ تەراۋىھ ئوقۇسا بولىدۇ. بۇ ئىماممۇ تېخى ياش بولغاندىن كېيىن، جامائەتتىن خىجىل بولۇپ شۇنداق قىلغان ۋە خاتا ئويلىۋالغان بولسا، ئايرىم چۈشەندۈرۈپ توغرىسىنى قىلىشقا كۆندۈرۈش لازىم. بىر مۇنكەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ تۈزەتمەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى ئەمەس.

267 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ ئىلمىلىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن ئىنشائاللاھ. ئۇستاز مەن دوختۇرخانىدا روھىدا ۋە پىسخىكىسىدا كېسەللىك بولغان بۆلۈمدە پاراكتېكا قىلىۋاتىمەن. بۇ يەردە كېسەللەرگە ئىككى سائەتتە بىر تاماكا بىرىدىكەن، تاماكىنى تۇتاشتۇرۇش ئىشلىرى دوختۇر – سىستېرالارنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەن. ھەم كېسەللەر ۋاقتىنى بوش ئۈتكۈزىدىكەن (ئۇسسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش، تاماق يېيىش، تاماكا چېكىش… قاتارلىق ئىشلار بىلەن چەكلىنىدىكەن. مەن ئۇ يەردە ئۈزۈمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ قالدىم. ئۇلارغا ئاللاھنى تونۇتۇش، ئىسلامنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئاجىزلىق قىلىمەن. لېكىن بۇ ئەھۋالدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ماڭا بىر يول كۆرسەتكەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. پاراكتىكا ۋە پاراكتىكا ئورنىنى ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولسا، ئالماشتۇرۇش ئەۋزەل. ئىمكانىيىتى بولمىسا، مەجبۇر بولغانلىقتىن، پاراكتىكادا ۋاقىتلىق سەۋر قىلىپ تۇرۇش مۇناسىپ. كىيىنىش چەكلىمىلىرىمۇ شۇنداق. بولمىسا بۇ ئىلىملەردە مۇسۇلمانلار يېتىشىپ چىقالمايدۇ. ئاللاھ ئاسانلىق بەرگۈسى.

268 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 10 ياشلىق بالىلار بەكلا ھالسىزلىنىپ كېتىپ روزىسىنى بۇزىۋەتسە، گۇناھ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بالاغەتكە يەتمىگەن بولسا، گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ناماز، روزا ۋە ھىجاب بالىلارغا بالاغەتكە يېتىش بىلەن پەرز بولىدۇ.

269 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەدىس شەرىفلەردىكى «بىر سائەت» كەلىمەسى ھازىرقى ۋاقىت ئۆلچىمىدە تەخمىنەن قانچىلىك ۋاقىتنى ئىپادىلەيدۇ؟ مەسىلەن، تۆۋەندىكى ھەدىس: يەئلا ئىبنى ئۇمەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن بەزىدە مەسجىدتە بىر سائەتلا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن تۇرىمەن» دېگەن. ئەتاﺋ: «مەسجىدتە تۇرسىلا، ئېتىكاپتا تۇرغان بولىدۇ، مەسجىدتە ساۋاب كۆزلەپ ئولتۇرسا ئېتىكاپتا ئولتۇرغان بولىدۇ، ساۋاب كۆزلىمىسە ئۇنداق بولمايدۇ» دېگەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەدىسلەردىكى بىر سائەت كەلىمەسى ھازىرقى 60 مىنۇتلۇق سائەتكە يېقىن. ئەرەبلەردە مىسىر ۋە باشقا دىيارلاردا بولغىنىدەك، كۈندۈزنى 12 سائەتكە تەقسىملەش بار ئىدى. ھەربىر سائەتنىڭ ئايرىم – ئايرىم ئىسىملىرى بار ئىدى. ئەمما، كۈن ئۇزارسىمۇ كۈندۈز 12 سائەت، قىسقارسىمۇ 12 سائەتكە بۆلۈنىدىغان بولغاچقا، ھەدىسلەردىكى سائەت تاڭ ئېتىشتىن كۈن پاتقانغا قەدەر بولغان ۋاقىتنىڭ 12 دىن بىرىنى كۆرسىتىدۇ. كۈندۈز 12 سائەت بولغان ۋاقىتلاردا دەل ھازىرقى سائەتكە ئوخشاش 60 مىنۇتنى، كۈندۈز 15 سائەت بولغان ۋاقىتلاردا 75 مىنۇتنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنى 12 سائەتتۇر، ھەر قانداق بىر بەندە (جۈمە كۈنى) ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەدىن قانداق نەرسە تىلىسە، ئاللاھ ئۇنىڭ تىلىگىنىنى بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتنى (يەنى جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنى) دىگەر نامىزىدىن كېيىن (يەنى كۈندۈزنىڭ ئاخىرقى قىسمىدىن) ئىزدەڭلار!»(«ئەبۇ داۋۇد»، 1048).

270 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىز ئاياللاردا بىر يەرگە چاقىرسا، يەپ بولالمىغان تامىقىمىزنى ياكى داستىخاندىكى ئازراق تاتلىق – تۈرۈملاردىن بالىلىرىمىزغا قىسىنىپ ئېلىۋالىدىغان ئەھۋاللار يوق ئەمەس. بەزىدە ئۆي ئىگىسىدىن سورىغان بولدۇق، بەزىدە سورىمىغان بولدۇق. ۋەتەندە «زەللە كۆتۈرۈپ» دەپ ئەيب قىلاتتى. بۇنداق قىلىش گۇناھقا بېرىپ قالامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. گۇناھ بولمايدۇ. بۇ ئۆرپ – ئادەت دائىرىسىدە مەلۇم مىقداردا بولسا، ھەممە ساھىبخان تەرىپىدىن ئەپۇ قىلىنىدىغان ۋە رازى بولۇپ كېتىدىغان ئىش. شۇڭا، مېھماندارچىلىققا چاقىرغان ۋاقىتتىكى تەكلىپ مەزمۇنىدا بالىلارغا زەللە ئېلىۋېلىشقىمۇ رۇخسەت بار. ئۆرپ – ئادەت دائىرىسىدىن ھالقىغان مىقداردا كۆپ زەللە ئېلىۋېلىشتا ئاندىن ساھىبخاندىن رازىلىق ئېلىشى لازىم.

271 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! ئۆمرەدىكى خاتالىقلارغا قارىتا فىدىيەنى ھەرەمدىن كەتمەي تۇرۇپ بېرەمدۇق ياكى تۈركىيەگە بارغاندىن كېيىن بەرسەكمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كېچىكتۈرمەي، باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ بولسىمۇ، تۈركىيەدىكىلەرگە ۋاقتىدا بېرىۋېتىش لازىم.

272 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! 1) بىر ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكىنىنى پۇلىنى نەق تۆلەپ ئالساق، ئون مىڭ لىرا، لېكىن ئۇنى نەق تۆلەپ ئېلىشقا بىزنىڭ كۈچىمىز يەتمەيدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش ئارقىلىق ئالساق، 11 مىڭ لىرا ئەتراپىدا بولىدىكەن، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئېلىش توغرىمۇ؟ 2) بىز دۇكاندا مال ساتقان ۋاقىتتا تۈركلەرنىڭ كۆپىنچىسى «كرېدى كارت» قوللانغانلىقى ئۈچۈن، بىزگە: «كارتا ئارقىلىق ئېلىۋېلىڭ» دەيدۇ. لېكىن، بىزنىڭ دۇكاندا كارت ماشىنىسى (پۇلتۇتار) بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بازاردىكى باشقىلارنىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش، مۇشۇ ئىشنى كەسىپ قىلغان بىر ئادەمنىڭ دۇكىنىدا قىلىۋالىمىز، بۇ ئادەم مۇقىم شەكىلدە يۈزدە ئۈچ يېرىم پىرسەنت يەنى 1000 لىراغا 35 لىرا مۇلازىمەت ھەققى ئالىدۇ، بۇ مۇلازىمەت ھەققىنى بەزىدە بىز، بەزىدە بىزنىڭ خېرىدارلار تۆلەيدۇ، مۇشۇ شەكىلدە قىلساق توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) قەرەل كېچىكسە كېچىكىش جازاسى شەرت قىلىنمىسا، جائىز بولىدۇ. ئاندىن بۇ خىل سودىلاردا «كرېدى كارت»لىرى ئىشلىتىلىدىغان بولسا، «كرېدى كارت»لىرى جازانە توختام بىلەن ئىشلەيدۇ. شۇڭا، قاتتىق زۆرۈرىيەت بولمىغان ئەھۋالدا «كرېدى كارت» ئىشلىتىش ھارام. 2) مۇلازىمەت ھەققىنى پىرسەنت بويىچە تۆلىسە جازانە بولىدۇ. چۈنكى، جىق مەبلەغ ئۈچۈن سۇنۇلغان مۇلازىمەت، ئاز مەبلەغ ئۈچۈن سۇنۇلغان مۇلازىمەتنىڭ ئۆزى بولغاچقا، ھەر قېتىملىق كارتا سۈركەشكە مەلۇم مىقدار مۇلازىمەت ھەققى بېكىتىلىشى، مەبلەغ سوممىسى نىسبىتى بويىچە بېكىتىلمەسلىكى كېرەك.

273 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىفتار ۋاقتى سائەت 8:30 دا بولسا، لېكىن 8:15 ئەتراپىدىلا ھاۋا تۇتۇلۇپ قاراڭغۇ بولۇپ كەتسە، بۇنداق ۋاقىتتا سائەتكە قاراپ ئىفتار قىلامدۇق ياكى سىرتقا قاراپمۇ؟ (تۆت پەسىل، كېچە – كۈندۈز ئېنىق بىر دۆلەتتە ياشايمەن، بەزەن كۈنلەردىكى ئەھۋالدا دېمەكچى)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سائەتكە قاراپ ئىفتار قىلىمىز، چۈنكى ئىفتار قاراڭغۇ بولۇش بىلەن ئەمەس، كۈن پېتىش بىلەن بولىدۇ.

274 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئانچە – مۇنچە ئارىسىدا قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەر يېزىلغان مەكتەپتە ئوقۇغاندا ئىشلەتكەن ماتېرىياللار بار ئىدى، ھازىر لازىم بولمايدۇ. شۇڭا، «mgeri dönüşü» دەپ ماتېرىيال يىغىدىغانلارغا بەرسەك، «دەسسىلىپ قالارمۇ» دەپ ئەنسىرەپ بەرمىگەن ئىدۇق. لېكىن، ئۆي كۆچۈشلەردە ئېغىر بولۇپ قالىدىكەن. شۇڭا، ئاشۇنداق قايتا پايدىلىنىش ئۈچۈن يىغقان كىشىلەرگە بېرىۋەتسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھەقتە بۇ يىللىق سوئال – جاۋابلاردىكى 131 – سوئالغا مۇراجىئەت قىلغايسىز.

275 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سوھۇر ۋاقتىدا تامىقىمىزدىن ئازراق قالغان چاغدا ئەزان توۋلانسا، شۇ ھامان توختىتىمىزمۇ ياكى ئەزان تۈگىگىچە تامىقىمىزنى يەۋېلىپ، ئاندىن توختىتىمىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھەقتە بۇ يىللىق سوئال – جاۋابلاردىكى 79 – سوئالغا مۇراجىئەت قىلغايسىز.

276 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! سالامەت تۇرۇپسىزمۇ؟ بىز نامازدا بېشىمىزنى سەجدىگە قويغاندا، مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، قولىمىز ۋە جەينىكىمىزنى تۈز قويماي كۆتۈرىمىز. بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. بۇ ھەقتە بۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز:

277 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ۋەتەندە ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا – ئانىلىرىمىز ئۈچۈن «ئۇلار زاكاتنى ھەرخىل سەۋەبلەردىن بېرەلمىدى» دەپ ئويلاپ قالغان ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئۇلار ئۈچۈن زاكاتنى بەرسەك، زاكات ئادا تاپقان بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۇلارنىڭ زاكاتنى ئادا قىلىپ قويۇش ھەققىدە ئالاھىدە تاپشۇرۇقى بولمىسا، جائىز بولمايدۇ. ئۇلار قاچانىكى، ئادا قىلالايدىغان بولغىنىدا ئادا قىلسا، خىتتاي زۇلمى سەۋەبلىك گۇناھكار بولمايدۇ.

278 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاتا – ئانىمىزدىن 7 – 8 يىلنىڭ ياقى خەۋەر ئالالمىدۇق. ئاللاھ ئىگەم سالامەت قىلغاي، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغاي، كۆرۈشۈپ دۇئاسىنى ئېلىپ خىزمىتىنى قىلىۋالغىلى نېسىپ قىلغاي. بۇ ھالدا ئۇلار ھايات بولسۇن، بولمىسۇن، بىز ئۇلار ئۈچۈن قىلىپ قويالايدىغان، ئۇلارغا ئەڭ ئەسقاتىدىغان ئەمەللەر قايسى؟ ئۇلار بىزنى پۇت – قولىدا ماغدۇر بار چاغدا باققان ئىدى، ماغدۇرى كەتكەندە، بىز ئۇلارغا ئەسقاتمىدۇق. يەنە بىرسى بۇ ھالەتتە ئۇلار ئۈچۈن ھەج قىلىپ قويساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۇرۇق – تۇغقانلار بىلەن ساق – سالامەت جەم بولۇشقا نېسىپ قىلسۇن! بىز ئۇلار ئۈچۈن قىلىپ قويالايدىغان، ئۇلارغا ئەڭ ئەسقاتىدىغان ئەمەللەر دۇئا قىلىش، ئۇلارغا ئاتاپ سەدىقە قىلىش، قان قىلىش، قۇربى يەتسە ئۇلارغا ئاتاپ ئۆمرە، ھەج قىلىش، ۋەقف قىلىش قاتارلىقلاردۇر. بۇلارنىڭ ساۋابى ئۇلارغا يېتىدۇ.

279 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! دىندىكى ئەمەس، ئەمما نورمال كىشىلىك ھاياتتىكى ئۆزىدە يوق ئەخلاقنى باردەك كۆرسىتىش، ئۆزىنىڭ ئەسلىدە يەنى ئۆيدىكى مىجەز – خۇلقى بىلەن سىرتتا باشقىلارغا قىلىدىغان مۇئامىلىسىنىڭ تامامەن پەرقلىق بولۇشى ۋەھاكازالار… ئىككى يۈزلىمىلىك يەنى دىنىمىزدا تىلغا ئېلىنغان مۇناپىقنىڭ ھۆكمىگە كىرەمدۇ؟ دىندىكى مۇناپىقلىق بەك چوڭ مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بولغاچقا، كۆپىنچە كىشىلەر بۇنىڭغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە بۇ خىل مۇناپىقلىقتىن كۈچىنىڭ بارىچە ساقلىنىدۇ. ئەمما، كىشىلىك ھاياتتىكى مۇناپىقلىق ئەتراپىمىزدا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ ۋە ئانچە بەك ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ. بۇ خىل مۇناپىقلىق ئالامىتى بولغانلارنىڭ بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن نېمىلەرنى تەۋسىيە قىلىشىمىز كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ رىيا ۋە كىبىرگە ئالاقىدار ئىللەت بولۇپ، نىپاققا تۇتىشىدۇ. تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈۋالغايسىز:

280 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! رامازاندا كىشى ئۆزى يالغۇز قۇرئان ئوقۇغاننىڭ ئەجرى بىلەن جامائەت ئارىسىدا (توردا ياكى يۈزتۇرانە بولسۇن) ئوپچە تىلاۋەت يەنى خەتمە قۇرئان قىلغاننىڭ قايسىسىنىڭ ئەجرى بەكرەك كاتتا بولىدۇ؟ ئىككىلىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن. ئۆزىمىز قۇرئان ئوقۇساق، ئاز ۋاقىتتا خېلى كۆپ ئوقۇپ بولىدىكەنمىز، لېكىن جامائەت بىلەن ئوقۇغاندا، ھەر بىرىمىز نۆۋەت بىلەن بىر سەپ ئوقۇساق، قالغان ۋاقىتتا تىڭشاپ ئولتۇرىدىكەنمىز. قايسىسى بەكرەك ئەۋزەل بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا. مەن بۇرۇن ئۆز ئالدىمغا قۇرئان ئوقۇيتتۇم، شۇڭا قۇرئان ئوقۇشقا كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالايتتىم. بۇ يىل بولسا جامائەتنىڭ ئەجرىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئوپچە تىلاۋەتكە قاتناشقانلىقىم سەۋەبلىك قۇرئاننى بۇرۇنقىدەك كۆپ ئوقۇيالمىغانلىقىمدىن بىر ئاز سىقىلىپ قالدىم. بۇ سىقىلىشىم توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆزى يالغۇز ئوقۇسۇن ياكى ئوپچە ئوقۇسۇن، قانچە كۆپ تىلاۋەت قىلسا، ساۋابىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئەلبەتتە، قۇرئان تىلاۋىتىنى تىڭشاشمۇ ياخشى ئىش. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ قۇرئان تىڭشاشنى ياخشى كۆرەتتى. ھالقا بولۇپ ئولتۇرۇپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشىش ۋە ئاللاھنى زىكر قىلىشنىڭ ساۋابىمۇ كاتتىدۇر. بۇنىڭدىن سىقىلىشقا كەلسەك، ئاز ئوقۇپ قالغانلىقىڭىزدىن سىقىلغان بولسىڭىز، ئايرىلىپ چىقىپ كۆپ ئوقۇشقا تىرىشىڭ، ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر.

281 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىگە كۆپلەپ ئەجر بەرسۇن. بۈگۈن روزا تۇتقان ئىدىم، ئەمما بامداتتىن كېيىن قىزىپ، توڭلاپ، تىترەپ، كۆڭلۈم ئېلىشىپ دېگەندەك ئاغرىپ قالدىم. ئۇخلاپ ھازىر بىر ئاز ياخشى. شۇنداقتىمۇ داۋاملىق قىزىۋاتىمەن، باش، بەدەن ئاغرىقلىرىم بار. شۇنداق بولسىمۇ روزامنى داۋاملاشتۇرغۇم بار. بۇنداق قىلسام، بەدىنىمگە زۇلۇم قىلغان بولامدىم ياكى داۋاملاشتۇرسام ئەۋزەلمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ ھەقتە بۇ يىللىق سوئال – جاۋابلاردىكى 241 – سوئالغا مۇراجىئەت قىلغايسىز.

282 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىزگە «زاكات» دەپ يەشىك كەلسە، زاكات دۇرۇس كەلمەيدىغانلار «ئېھتىياجلىقلارغا بېرىمىز» دەپ، دۇكان باھاسىدا ساتقىلى بولمىسىمۇ، يېرىم باھادا سېتىپ پۇلىنى ئېھتىياجلىقلارغا بەرسە، شۇ زاكات يېمەيدىغان كىشىنىڭ گەدىنىدىن ئادا تاپامدۇ؟ ياكى ئېھتىياجلىقلارغا چوقۇم شۇ «زاكات» دەپ كەلگەن نەرسىنىڭ ئەسلىنى بېرىش كېرەكمۇ؟ بۇلار ئۆزىنىڭ زاكىتى ئەمەس، پەقەت ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن زاكاتلىقى بىلىنگەن يەشىك. مۇشۇ مەسىلە كۆپىيىپ قالدى. ئېنىق چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. چوقۇم شۇ «زاكات» دەپ كەلگەن نەرسىنىڭ ئەسلىنى بېرىش كېرەك.

283 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ياخشى تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ ئىلملىرىنى زىيادە قىلسۇن، ئامىن. ئۇستاز! بىرسىنىڭ تۆلەيدىغان بىرئاز قەرزى بار، لېكىن ئۇنىڭ 80 گرامدىن ئارتۇق ئالتۇنىمۇ بار ئىكەن. مۇشۇ ئەھۋالدىمۇ ئالتۇننىڭ زاكىتىنى بېرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاۋۋال ئالتۇندىن بىر قىسمىنى سېتىپ قەرزىنى تۆلەيدۇ. تۆلىگەندىن كېيىن ئىلكىدىكى ئالتۇن ۋە پۇللارنى قوشۇپ قولىدا 85 گرام ئالتۇن مىقدارىدا ئىقتىساد (ھازىرقى باھادا 5500 دوللار) بولسا، زاكات ئايرىيدۇ.

284 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ تەنلىرىگە ساقلىق، ئائىلىلىرىگە ھۇزۇر بەرسۇن، ئىبادەتلىرنى قوبۇل قىلسۇن. نەفلە ئىبادەتلەرنى قىلىشتا بەزىدە ئىختىيارىي ھۇزۇر بىلەن قىلىدىكەنمىز، بەزىدە ھۇرۇنلۇق، نەپسىي ۋە شەيتانىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمۇ قىلغۇمىز كەلمەي قالغان چاغلاردا بەك ھۇزۇر ئالالمىساقمۇ ئۆزىمىزگە مەجبۇرلاپ: «سەن بۈگۈن پالانى ئىبادەتلەرنى قىلىشىڭ كېرەك» دەپ ۋەزىپە قىلىپ قىلىدىكەنمىز. سورىماقچى بولغىنىم: ھۇزۇرسىز ئۆزىمىزنى مەجبۇرلاپ ئىبادەت قىلغاندىن ئاز قىلساقمۇ، قىلغۇمىز كەلگەندە قىلىشىمىز ئەۋزەلمۇ ياكى ئۆزىمىزنى مەجبۇرلاپ كۆپ ئىبادەت قىلىۋالغىنىمىز ئەۋزەلمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بەكلا ھەرەج تارتىپ قالمايدىغان دەرىجىدە ئۆزىمىزنى زورلىشىمىز كېرەك. بۇ نەپس بىلەن بولغان كۈرەشنىڭ بىر قىسمى. قاچانىكى شۇ كۈنلۈك پەرز ۋە نەفلە ئىبادەتلەردىن ئازراقلا كەم قىلىپ قالسا كۆڭلى يېرىم بولغۇدەك ھالغا كەلسە، ئىبادەتنىڭ ھالاۋىتىنى تېتىشقا باشلىغان بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

285 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئابدۇلئەزىز دوكتور! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن يېقىندا بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمغا ئۆي ساتقان ئىدىم. ئۆي ساتقان پۇلدىن 30 مىڭ دوللار پۇلنى رامازاننىڭ ئاخىرىدا بەرمەكچى بولغان ئىدى. ئىككى كۈن ئاۋۋال 15 مىڭ دوللار پۇلنى بەردى، قالغان 15 مىڭ دوللارنى بەرمىدى. ئەمدى بەرمەي: «قېلىپ قالغان پۇلنى زاكاتقا ئۇدۇللاپ ھەل قىلىپ بەرگەن بولسىلا» دەيدۇ . ئەتراپتىن سۈرۈشتە قىلسام، مەن ساتقان ئۆينى 14 مىڭ 500 تېلى نەرقىدە ئىجارىگە بېرىۋېتىپتۇ ۋە ئۆزى ئاشخانا ئېچىۋېتىپتۇ. مۇشۇ ئەھۋالدا مەندىن زاكات تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بەرمىگەن پۇلنى زاكاتقا ئۇدۇللىسام، ماڭا ۋە ئۇ قارشى تەرەپكە دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئىجارىدىن كىرىم قىلىۋاتقان ۋە ياكى ئاشخانا ئېچىۋاتقان بولسىمۇ، ھالال تىجارەت ياكى ئىش سەۋەبلىك قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان، قەرزلىرىنى قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەن كىشى بولسا زاكات بېرىشكە بولىدۇ. ئەمما قايتۇرالايدىغان تۇرۇپ «زاكات يېسەم بولاتتى» دېسە بولمايدۇ. شۇڭا، ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئېنىق سۈرۈشتە قىلىپ ياكى ئۆزىدىن يۈزتۇرانە سوراپ ئاندىن قارار قىلسىڭىز ياخشى.

286 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىھرامدا ئىھراملىققا چاپلىشىۋالغان چۇسىنى (تاختا قۇرۇسىنى) ئۆلتۈرۈپ قويسا قانداق جازا كېلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. چۇسا، پاشا، يىلان، چايان كەبى زىيانداش ھاشاراتلارنى ئىھراملىق ھالەتتە ئۆلتۈرسە جازا ياكى فىدىيە كەلمەيدۇ.

287 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! يولدىشىغا ئۆگەي بولغان بالىلارغا فىتر زاكىتى بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. يولدىشى بەرسە بولىدۇ.

288 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئابدۇلئەزىز دوكتور قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن تىجارەت قىلىمەن، 2022 – يىلى رامازاندىن كېيىنكى قىلغان تىجارىتىمنىڭ پايدىسىنىڭ ئاز قىسمى قولۇمغا كەلدى. مەن بىرنەچچە يىل بۇرۇن «بىر يىل توشمىغان پايدىغا زاكات كەلمەيدۇ» دەپ ئاڭلىغانتىم. شۇڭا بۇ ئەھۋالدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ زاكاتنى كېلەر يىلىغا ئايرىمدىم ياكى بۇ يىل ئايرىمدىم؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قائىدە بۇيىچە، پايدا قولىمىزغا كىرىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن زاكات ۋاجىب بولىدۇ. ئەگەر ھەر قېتىملىق پايدىنىڭ كىرگەن ۋاقتىنى ئىنچىكە خاتىرىلەپ، دەل بىر يىل توشقاندا زاكىتىنى ئايرىپ مېڭىش ئاسان بولسا، شۇ بۇيىچە قىلسا بولىدۇ. لېكىن، بۇ ئەمەل قىلىش تەس بولغان جاپالىق بىر جەريان، بولۇپمۇ توختىماي مال كىرگۈزۈپ، مال چىقىرىپ تۇرىدىغان، ھەر ئايدا، ھەر ھەپتىدە پايدا كىرىپ تۇرىدىغان تىجارەتچىلەرنىڭ ئەمەل قىلالىشى تەس. شۇڭا، ھەر رامازاندا قولىدا بار پۇللار ۋە ماللارنىڭ شۇ چاغدىكى بازار باھاسىدىكى قىممىتىنى توپلاپ، ئۇنىڭدىن تۆلەيدىغان قەرزىنى چىقىرىۋېتىپ، باشقىلاردىن ئالىدىغان قەرزىنى قوشۇپ نىسابقا يەتكەن ھالەتتە، %2.5 زاكىتىنى ئايرىۋەتكىنى ئەۋزەل.

289 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! «قەدر سۈرىسى» ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. نېمە ئۈچۈن قۇرئان كېچىدە نازىل بولغان ياكى بولۇشقا باشلىغان؟ «مىڭ ئايدىن ياخشىراق» كەلىمەسىدە نېمە ئۈچۈن بۇ سان مىڭ؟ «مىڭ» سۆزىنىڭ ئەرەب ئادەتلىرىدە ئالاھىدە ئەھمىيىتى بارمۇ ياكى ئەرەبلەر ماتېماتىكىدىن شۇنىڭغىچە بىلەمتى؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قۇرئان كەرىمنىڭ قەدر كېچىسىدە دۇنيا ئاسمىنىغا بىراقلا نازىل بولۇشى ياكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كېچىدە نازىل بولۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ سەۋەبى «كېچىنىڭ كۈندۈزدىنمۇ پەزىلەتلىك ۋە ئالاھىدە بولۇشىدىن بولغان» دېيىشكە بولىدۇ. شۇ جۈملىدىن «ئىسراﺋ» ۋەقەلىكى كېچىدە بولغان، تەھەججۇد ئوقۇش قاتارلىق ئىبادەتلەر، ئاللاھ تائالانىڭ ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى قالغاندا دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشۈشى… قاتارلىقلار كېچىدە بولىدۇ. كېچىسى كۆڭۈل ئارامىدا، تىپتىنچ، مەشغۇلاتتىن خالىي بولىدۇ. جىمى پەرىشتىلەر دۇنيا ئاسمىنىغا كېچىسى چۈشۈشى مۇمكىن. پۈتۈن ئىشلارنىڭ پۈتۈلۈشى ۋە بېكىتىلىشىمۇ (قەدر) كېچىسى بولىدۇ. «مىڭ» كەلىمەسى ھەقىقەتەن مىڭنى بىلدۈرۈشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى، «ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىكى ئابىدلار مىڭ ئاي ئىبادەت قىلمىسا، ئابىد ھېسابلانمايتتى» دېگەن گەپمۇ بار. بۇ سەۋەبتىن بۇ كېچە مىڭ ئايدىن ئەۋزەل قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. يەنە كۆپ ساننى ۋە مۇبالىغىنى بىلدۈرۈشىمۇ مۇمكىن. يەنە بىر ئۆمۈرنى مىڭ يىل دەپ ئىپادىلىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. 2/بەقەرە 96 – ئايەتتىمۇ شۇنداق مەنادا كەلگەن. قۇرئان نازىل بولغان چاغلاردىكى ئەرەبلەردە ئەڭ كۆپ سان مىڭ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، «ئۈچ مىڭ»، «بەش مىڭ» دەپ بىر مىليوننى مىڭ مىڭ دېيىشەتتى، ۋەللاھۇ ئەئلەم.

290 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! كىچىك بالىلارغا ئادەم ۋە ھايۋانلار سۈرىتىدىكى قورچاقلارنى ئېلىپ بېرىش توغرا بولامدۇ؟ ئۆيدە ساقلاشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەن بولسىلىرى، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كىچىك بالىلارغا قونچاق، ئويۇنچۇقلار ھەممىسى رۇخسەت قىلىنىدۇ، بالىلارنىڭ قونچاقلىرىغا ۋە ئويۇنچۇقنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەتكە ھەم رۇخسەت قىلىنىدۇ. رۇخسەت بولغانىكەن، ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرسەك، ئۆيدە ساقلىساق جائىز بولىدۇ ھەم پەرىشتىلەرنىڭ كىرىشىگىمۇ توسالغۇ بولمايدۇ.

291 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ياۋروپادا خېلى كۆپ ئۇيغۇرلار تىرىشىپ ئۆز ئالدىغا تۇرمۇشىنى قامداۋاتىدۇ. ئەمما، يەنە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز يىللاردىن بېرى دۆلەتنىڭ ياردىمىدە جان بېقىۋاتىدۇ. بۇلار دەسلەپتە كەلگەندىن باشلاپ تىل ئوقۇمايدۇ ياكى كەسىپ ئۆگەنمەيدۇ، ئاندىن نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئامالسىزلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇۋالىدۇ. مۇشۇنداق ھالەتتە جان بېقىشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى نېمىدۇ؟ دۆلەتتىن بەرگەن ئىجتىمائىي ياردەم (Sosyal yardım) ئۆيلەردە مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇپ كېتىشچۇ؟ بۇ ئۆيلەرنىڭ ئىجارىسى ئادەتتىكى ئۆيلەرنىڭ ئىجارىسىنىڭ %30 ى ئەتراپىدا، قالغىنىنى ھۆكۈمەت تۆلەيدۇ. دەسلەپتە بىرنەچچە يىل ئولتۇرۇپ تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاشۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئوقۇش ياكى ئىشلەش ئارقىلىق دۆلەت ياردىمىدىن پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ ئۆز ئالدىغا ياشاش ياخشى ئەمەسمۇ؟ چۈنكى، نۇرغۇن دىنىي ئىلىمدە ئوقۇغانلارمۇ مۇشۇ ھالەتتە بولۇپ: «مۇشۇنداق دۆلەت ياردىمىدە ياشاش ئارقىلىق كۆپرەك ۋاقتى بولسا، ئاندىن تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلانغىلى ۋە كۆپرەك ئىبادەت قىلىپ ساۋاپ ئالغىلى بولىدۇ» دەپ قاراۋاتقانلارمۇ بار.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ساغلام ۋە ئىشلىيەلەيدىغانلارنىڭ ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامدىشى پەرز. مەجبۇر بولۇپ ۋاقىتلىق ياردەم ئالسا ياكى سالامەتلىك جەھەتتىن ئىشلىيەلمەيدىغان كىشى ئۇزۇن مۇددەت ياردەم ئالسا جائىز. «ئىبادەتكە تولۇق ۋاقىت چىقىرىمەن» دەپ ئىشلىمەي يېتىش توغرا ئەمەس. چۈنكى، ئىشلەشنىڭ ئۆزى كاتتا ئىبادەت. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىرىڭلارنىڭ ئارغامچىلارنى ئېلىپ، ئۇچىسىغا بىر باغلام ئۇتۇننى يۈدۈپ ئەكېلىپ، ئۇنى سېتىپ (تىرىكچىلىك قىلغىنى)، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى خارلىقتىن ساقلاپ قالغىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن يا بېرىدىغان، يا بەرمەيدىغان كىشىلەردىن تىلىگىنىدىن ياخشىدۇر»(«سەھىھەين») دېگەن. شۇڭا، بۇ مەسىلىلەردە قايتا ئويلىشىپ بېقىش ۋە شۇ دىيارلاردىكى ئىشەنچلىك رەببانىي ئالىملاردىن سوراپ قارار ئېلىشى لازىم.

292 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سەدىقە فىترنى بېرىش توغرىسىدا ھەرخىل گەپ بولۇۋاتىدۇ. بەزىلەر: «‹فىترغا پۇل بېرىش ئەۋزەل› دېگۈچىلەر ئەڭ ئېغىر بولغاندا كاپىر بولىدۇ» دەيدۇ. زادى پۇل بېرەمدۇق ياكى يېمەكلىكمۇ؟ بىزدەك ياۋروپادا ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن يېمەكلىك بېرىش تەسكە توختايدۇ. قانداق قىلساق توغرا بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ تائالا پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنى كۆتۈرۈۋەتسۇن. بىز مۇشۇنداق تۈرلۈك دەتالاشلارنى قىلىپ ماڭغان مۇددەتچە بىزنىڭ بېشىمىزدىكى بۇ كۈلپەتلەر كۆتۈرۈلمەيدۇ. مۇجتەھىد ئىماملىرىمىز: «سەدىقە فىترغا پۇل بەرسە بولىدۇ» دېگەندىكىن، پۇل بەرسەك ئەلبەتتە بولىدۇ ھەم پۇل بېرىش ھازىرقى شارائىتتا ئەڭ مۇناسىپ. ھالىمىز شۇنچە ئېغىر ھالەتتە تۇرۇقلۇق مۇشۇنداق دەتالاشلارنى تۇغدۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنى جەڭگى – جېدەلگە سېلىپ قويۇش پىتنەخورلۇقتۇر، ئۆلىمالارغىمۇ ئارتۇقچە يۈكتۇر. بۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولۇشمۇ بىر ئەخمەقلىق ئەلبەتتە. . ئىلگىرى يىللارچە «‹ئامىن› نى ئۈنلۈك دەمدۇق، مەخپىمۇ؟» «پايپاققا مەسھ قىلامدۇق، ياقمۇ؟» دەپ تارتىشىپ، ھازىر مۇھاجىرەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ: «فىترگە پۇل بېرەمدۇق ياكى بۇغدايمۇ؟» «سوھۇرلۇقتا لەغمەن يەمدۇق ياكى ھورنانمۇ؟» دەپ بىھۇدە تالىشىش سېپى ئۆزىدىن ئەخمەقلىق ۋە بىغەرەزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. ئاللاھ ھەممەيلەنگە ئاسانلىق بەرسۇن. سەدىقە فىترگە پۇل بەرسەك بولىدۇ، ھازىر ئەڭ مۇناسىپىمۇ شۇ. زاكاتتىمۇ قىممىتىنى بېرىشكە بولىدۇ. يەنە كەففارەتلەردە، ئۆز ئۈستىگە قەسەم ئىچىپ يۈكلىۋالغان ئىشلاردا، فىتىر سەدىقىسىدە ۋە ئۆشرلەردە قىممىتىنى بېرىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى﴾(9/«تەۋبە»: 103) دېگەن. مانا بۇ بېرىلگەن پۇلنىڭ سەدىقە ئىكەنلىكىنىڭ ئوپئوچۇق دەلىلىدۇر. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمەن ئاھالىسىگە: «ماڭا زاكىتىڭلارغا ھېسابلاب ئارپا بىلەن قوناق ئورنىغا تون ۋە كىيىم – كېچەك قاتارلىق تاۋار ماللارنى بېرىڭلار! بۇ ھەم سىلەرگە قولايراق، ھەم نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەدىنەدىكى ساھابەلىرىگە ياخشىراق» دېگەن(«بۇخارىي»، «تاۋار مالنى زاكاتقا ھېسابلاپ ئېلىش توغرىسىدا» دېگەن باب) ۋە ئۇلارنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكۈزگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئەيىبلىمىگەن. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلام شەرىئىتىنى، جۈملىدىن ھالال ۋە ھارامنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ساھابەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەمەنگە ۋالىيلىققا تەيىنلىگەن. يۇقىرىقى سۆزىنى ئۇ زاكات يىغقاندا ئېيتقان. يەمەن شۇ ۋاقىتتا رەخت ۋە كىيىم – كېچەك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئىدى. شۇڭا، يەمەنلىكلەر ئۈچۈن زاكاتقا رەخت ۋە كىيىم – كېچەك بېرىش ئەڭ قولاي ئىدى، مەدىنەدىكى مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ يوقسۇللىرىنىڭ بولسا رەخت ۋە كىيىم – كېچەككە بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. چۈنكى، مەدىنەدە كىيىم – كېچەك ئىشلەپچىقىرىلمايتتى. بۇ ھەدىس يىللىق زاكات توغرىسىدا كەلگەن بولسىمۇ، سەدىقە فىترمۇ بىر خىل زاكات بولغاچقا، بۇ ھەقتە يېتەرلىك دەلىل بولىدۇ. ئىمام بۇخارىي ھەزرەتلىرىمۇ سەدىقە فىترنى پۇل ھېسابلاپ بەرسىمۇ بولىدىغانلىقىغا ئاشۇ ھەدىسنى ۋە باشقا بىرنەچچە سەھىھ ھەدىسنى «سەھىھۇلبۇخارىي»دا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇ چاغدا كىشىلەرگە قولاي بولغان ئاشلىق تۈرلىرىنى تىلغا ئالغان، «ئۇنىڭدىن باشقىنى بەرسەڭ بولمايدۇ» دېمىگەن، ساھابەلەرمۇ ئۇنداق دېمىگەن. ھەدىسلەردە مەلۇم تۈردىكى ئاشلىقتىن بىرنەچچىنى سانىغان، ئۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تىلغا ئېلىنمىغان، لېكىن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق ساھابەلەر ئارپا ۋە خورمىنىڭ ئورنىغا بۇغداي ھېسابلاپ بەرگەن. بۇمۇ قىممىتىنى ھېسابلاپ بېرىشتىن ئىبارەت. خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بەسرەدىكى ۋالىيسىغا: «دۆلەت مائاشىدىكىلەرنىڭ مائاشلىرىدىن ھەربىر كىشى ئۈچۈن يېرىم تەڭگە سەدىقە فىتر ئېلىنىدۇ» دەپ ھۆججەت چۈشۈرگەن(«مۇسەننەفۇ ئىبنى ئەبى شەيبە»، 10368، 10369. بۇ ھەدىسنى شەيخ مۇھەممەد ئەۋۋامە «سەھىھ» دەپ باھالىغان). ھەسەن بەسرىيمۇ: «سەدىقە فىترگە تەڭگە بەرسىمۇ بولىدۇ»(«مۇسەننەفۇ ئىبنى ئەبى شەيبە»، 10370) دېگەن. شەرىئەتنىڭ روھى ۋە مەقسىتىگە نەزەرىمىزنى ئاغدۇرساق، زاكات بېرىشتىن بولغان مەقسەتنىڭ كەمبەغەللەرنىڭ ھەققى قىلىپ بېكىتىلگەن ئۆلچەمدىكى پۇل – مالنى ئۇلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈش، بۇ ئارقىلىق چەكلىك دائىرىدە بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىقالايمىز. بۇ مەقسەت تەڭ قىممىتىنى بېرىشتىمۇ ئىشقا ئاشىدۇ. بەلكى تېخى تەڭ قىممىتىنى بېرىش كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىشىغا بەكرەك مۇناسىپ كېلىشى مۇمكىن. ھەدىستىمۇ: «ئۇلارنى مۇشۇ كۈندە موھتاج قىلىپ قويماڭلار» دېگەن. ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، چوڭ شەھەرلەردە بۇغداي، گۈرۈچ تارقىتىلغان ئەھۋالدا كەمبەغەل ئۇنى بازاردىكى باھاسىدىن ئەرزان سېتىپ، پۇلغا ئايلاندۇرۇپ خەجلەيدۇ. نەتىجىدە يا بۇغداينى يەپ پايدىلىنالمايدۇ، يا ئۇنىڭ بازاردىكى باھاسىدىن پايدىلىنالمايدۇ. گەپنىڭ قىسقىسى، كىم نېمە دېسە ئەگىشىپ كېتىۋەرمەسلىك لازىم. بۇ دىننىڭ ئىگىسى بار. دىنىڭلارنى كىمدىن ئالغانلىقىڭلارغا قاراڭلار!

293 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! توي – تۆكۈن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر تۈرلۈك يىغىلىشلاردا: «نەق پۇل ياكى ماددىي بۇيۇملاردىن پالانى ماڭا 100 دوللار قىممىتىدە ھەدىيە ئەكەلگەن ئىدى، شۇڭا مەنمۇ 100 دوللار قىممىتىدە ياكى شۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ ھەدىيە ئاپارمىسام بولمايدۇ» دەپ ئەكەلگەن ھەدىيەلەرنىڭ باراۋېرىنى ياكى زىيادە قايتۇرۇپ بېرىش ۋە قايتۇرۇپ ئېلىشنى تاما قىلىپ تۇرۇپ ئۆزئارا ھەدىيەلىشىش توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە دىنىمىزدا قانداق كۆرسەتمىلەر بار؟ مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىيەنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز لايىقىدا لايىق سوۋغا قايتۇراتتى(«بۇخارىي»، 2585). بۇ ئىشلاردا ئۆرپ – ئادەت بويىچە ئىش تۇتسا بولىدۇ. فىقھىي ھۆكۈم جەھەتتىن ھەدىيەنى قايتۇرۇشنى شەرت قىلغان ئەھۋالدا قايتۇرۇش كېرەك. شەرت قىلمىغان ئەھۋالدا خاھلىسا قايتۇرىدۇ، خاھلىسا قايتۇرمايدۇ. ئىمام مالىكنىڭ قارىشىچە، ئادەتتە پېقىرلارنىڭ بايلارغا قىلغان ھەدىيەلىرى كۆپىنچە ئەھۋالدا قايتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى قايتۇرۇش كېرەك بولىدۇ. ئىمام ئەزەمنىڭ قارىشىدا، قايتۇرۇشنى شەرت قىلمىسا، قايتۇرۇشى كېرەك بولمايدۇ. ھەدىسلەردە كېلىشىچە، بىر كىشى ھەدىيەسىگە ھەدىيە قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا ھەدىيە قايتۇرغان ۋە ئۇنى ئەيىبلىمىگەن(«تىرمىزىي»، 3946).

294 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مېنىڭ بىلىشىمچە، مۇئاۋىيە خەلىفەلىكى زامانىدا ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە خىلافىتى بولۇشىغا قارىماي، مەككىنى ئاساس قىلىپ خىلافەتلىك قۇرۇپتىكەن ھەم يەتتە يىلدەك خەلىفە بولغانىكەن، كېيىن ھەججاج ئىسىملىك قوماندان تەرىپىدىن شەھىد قىلىنغانىكەن. مېنىڭ سوئالىم: دىنىمىزدا خەلىفەلىك بار ھالەتتە يەنە بىرنى قۇرۇش چەكلەنگەن، بىز بۇ يەردە ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى گۇناھ ئۆتكۈزگەن دەپ قارامدۇق ياكى ئۇنداق قارىمامدۇق؟ بەزى ئۇستازلار دەرسلىرىدە: «گۇناھ ئەمەس» دەيدىكەن، ئەكسىچە ماختايدىكەن. يەنە ھەججاج دېگەن ۋەزىرنى بەزى ئۇستازلار ساھابەلەرنى ئۆلتۈرگەن جاللاتتەك تەسۋىرلەيدىكەن، يەنە بەزى ئۇستازلار: «ئىسلامنى تۈركىستان دىيارلىرىغا يايغان مۇجاھىد» دەيدىكەن. يا مەن تارىخنى خاتا بىلىۋالدىممۇ؟ مۇشۇنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سىز ئېيتقان مەلۇماتلاردا خاتالىق بار. چۈنكى، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھ. 41 / م. 661 – يىلى خىلافەتكە بەيئەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بەيئەت قىلغان ۋە چىرايلىق ئىتائەت قىلىپ ئۆتكەن. ھ. 45 / م. 665 – يىلى خەلىفەنىڭ ئافرىقىغا ئەۋەتكەن قوشۇنلىرىدا جىھاد قىلغان ۋە ھ. 49 / م. 669 – يىلى مۇئاۋىيەنىڭ ئوغلى يەزىدنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا ئىستانبۇلنى فەتھ قىلىش ھەملىسىگە قاتناشقان. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەت ئەنە شۇنداق ياخشى داۋاملاشقان. تاكى ھەزرىتى مۇئاۋىيە ئوغلى يەزىدنى ۋەلى ئەھد قىلىپ تەيىنلەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەيئەت ئېلىشقا ئۇرۇنغىنىدا، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير كېڭەش ۋە سايلاش ئاساسىدىكى خىلافەتنى پادىشاھلىق ۋە مىراسخورلۇق ئاساسىدىكى تۈزۈمگە ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان بۇ ئىشقا قارشى ھەرىكەت قوزغىغان. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەزىد كۈچ ئىشلىتىشتىن باشقا ئامال قىلالمىغان. نەتىجىدە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھ. 61 مۇھەررەم / م. 680 ئۆكتەبىردە شەھىد قىلىنغان. بۇ ئەسنادا ھىجاز خەلقى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئەتراپىغا توپلاشقان. دەل شۇ پەيتتە ھ. 64 / م. 685 – يىلى يەزىد ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى مۇئاۋىيە خەلىفە بولۇشنى رەت قىلغان. مانا شۇ چاغدا ئاندىن ئابدۇللاھ ئۆزىنى خەلىفە دەپ ئېلان قىلغان ۋە ئىئوردانىيە ۋالىيسىدىن باشقا ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن خەلىفە بولغان. ھەججاجمۇ چوڭ مۇجاھىد قوماندانلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ سالغان زۇلمىمۇ ئېغىر، پاكىستان ۋە تۈركىستان دىيارلىرىنىڭ فەتھ قىلىنىشىدا قوشقان تۆھپىسىمۇ ئاز ئەمەس. ھەججاجنىڭ بىلىنمىگەن ئىش – ئىزلىرىنى بىلىش ئۈچۈن مۇنۇ ماقالىنى ئوقۇپ چىققايسىز:

295 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىز فىتر سەدىقىسنى بىر ھەمشىرىمىزنىڭ پۇلغا جىددىي ئېھتىياجى بولغانلىقتىن، رامازاننىڭ 2 – كۈنى بېرىۋەتكەن ئىدۇق، ھازىر رامازاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى قايتا بېرىشىمىز ئەۋزەلمۇ ياكى بەرمىسەكمۇ رامازان ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ قالغان بەزىبىر كەمچىلىكلىرىمىزگە كەففارەت بولۇۋېرەمدۇ؟ فىتر سەدىقىسىنى رامازاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بېرىش سۈننەت بولغاچقا، «كاشكى ئاخىرقى كۈنلىرى بەرسەك ئەۋزەل بولغىيمىدى» دەپ قالدۇق.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قايتا بېرىش ھاجەتسىز. شۇ يېتەرلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە زاكاتنى ئالدىن بېرىشنىڭ جائىزلىقى جىمى ئالىملار بىردەك ئىتتىپاقلاشقان ھۆكۈم. سەدىقە فىترمۇ زاكاتقا ئوخشايدۇ.

296 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ 2011 – يىلى سىلى بىر نىكاھ ئوقۇغاندا يىگىتتىن: «پالانچى خېنىمنى نىكاھىڭىزغا ئالدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىغانلىرىدا، «ئالدىم ئىنشائاللاھ» دېسە، «ئىنشائاللاھ» دېمەي، «ئالدىم! دەڭ» دېگەن ئىدىلە. دېمەك، «ئىنشائاللاھ» سۆزى ئاشۇ ئورۇندا ئىشلىتىلمەيدۇ. كۆپ ئەھلى ئىلىملەردىن باشقا قېرىنداشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلغىنىدا، كەينىگە ئۇلاپلا «ئىنشائاللاھ» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ كېلىۋاتىمەن، بۇ سۆزنى دۇئانىڭ كەينىگە قوشسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. توغرا. نىكاھتا «ئالدىم»، «تەگدىم» دېگەن چاغدا، «ئىنشائاللاھ»نى قوشۇپ دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ يەردە كېسىپ گەپ قىلىش لازىم. ئاللاھ تائالانىڭ خاھلىشىغا قويۇپ قويغان ئەھۋالدا ياكى مۇئەللەق قىلىپ قويغان ئەھۋالدا، نىكاھ مۇئەللەق بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ خاھلىغانلىقىغا قارىتا بىزگە ۋەھىي كەلمىگەندىكىن، بىز ئۇنى بىلەلمەيمىز. شۇڭا، نىكاھ توختامىنى كېسىپ قىلىشىمىز لازىم. دۇئا قىلغاندا «ئىنشائاللاھ» دېيىش تەبەررۈك يۈزىسىدىن دېيىلسە، جائىز. ھەم ئاللاھ تائالا سەدىقە فىتر قاتارلىق ئەمەللەرنى قوبۇل قىلىشنى خاھلىسا، ئاندىن قوبۇل بولىدۇ. شۇڭا، ئالىملار: «بىرەر ئەمەلنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا قارىتا ۋە دۇئالاردا ‹ئىنشائاللاھ› دېسە بولىدۇ» دەيدۇ.

297 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن ۋە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىدىن رازى بولسۇن! ئامىن. بىر قېرىندىشىمىز خىزمىتى سەۋەپلىك ۋە نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش پەرز بولغانلىق سەۋەپلىك پەرز نامازنىلا ئوقۇشقا بەك تەستە ۋاقىت چىقىرالايدىكەن، سۈننەت نامازلارنى بولسا ئوقۇيالمايدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا شۇ ئوقۇغان پەرز نامازلىرى كۇپايىمۇ ياكى كەچتە ئۆيىگە قايتقاندا، سۈننەت نامازلىرىنىڭ قازاسىنى ئوقۇشى كېرەكمۇ؟ ئوقۇمىسىا گۇناھ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پەرز نامازنى ئوقۇشقىلا ۋاقتى يېتىپ، سۈننەت نامازلارنى ئوقۇشقا ۋاقتى يەتمەيدىغان خىزمەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش تولىمۇ تەس. چۈنكى، كۈندۈزدە ئىشلەيدىغان بولسا پېشىن بىلەن دىگەردىلا، كېچىدە ئىشلەيدىغان بولسا خۇپتەننىڭ ۋاقتىدىلا سۈننەتنى ئوقۇشقا ۋاقىت قىس بولۇشى مۇمكىن. ھېچيەردە بىركىشى 24 سائەت ئىشلەيدىغان خىزمەت بولمايدۇ. شۇڭا، سۈننەت نامازلارنى ئوقۇش خىزمەتكە تاقىشىپ قالغاندا، بىرەر قېتىم ئوقۇيالمىغان بولسا مەيلى، لېكىن ئۆيدە قازاسىنى ئوقۇسا بولىدۇ. قازاسىنى قىلمىسا، ئۇنىڭغا جازا كەلمەيدۇ. چۈنكى، سۈننەت دائىرىسىدىكى ئىش بولغاندىكىن، ئەلبەتتە پەرز نامازدىن پەرقلىقتۇر. ئەمما، سۈننەت نامازلار پەرز نامازلارنى قوغداپ تۇرىدىغان ۋە پەرز نامازلارنىڭ ئالدى – كەينىدە ئىنساننىڭ قەلبىنى تەسىكىن تاپقۇزغۇچى قالقان بولغاندىكىن، قوغدىغۇچى سۈپەتتە مۇئامىلە قىلىپ داۋاملىق ئوقۇش لازىم. ساھابە كىراملارنىڭ ھېچبىرى سۈننەتكە سەل قارىمايتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى ھەرخىل باھانە سەۋەبلەر بىلەن تاشلاپ قويۇشمۇ خەتەرلىك. بەزى جىددىي ئەھۋاللاردا ئوقۇيالماي قالسىمۇ، باشقا چاغلاردا چوقۇم ئوقۇش لازىم ھەم خىزمەت ئۈستىدە ئوقۇيالمىغان سۈننەت نامازلارنى ئۆيىگە قايتقاندا بولسىمۇ ئوقۇۋالسا ياخشى، لېكىن قازاسىنى قىلىش پەرز ئەمەس، سۈننەتتۇر. شۇڭا، ئەگەر بىرەر قېتىم سۈننەتنى ئوقۇيالمايدىغان بولسا ئۇنىڭ يولى باشقا، بولمىسا، ئىبادەتلىرىنى جايىدا قىلالايدىغان باشقا مۇناسىپ خىزمەت تاپسا ياخشى بولىدۇ.

298 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قەبرىستانلىققا گۈل تېرىش ۋە ياكى كۆچەت تىكىش بىدئەتمۇ ياكى تېرىساق بولىۋېرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھەقتە ئۆتكەن يىللىق سوئال – جاۋابلاردىكى 507 – سوئالغا مۇراجىئەت قىلغايسىز.

299 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قەسر كەلمەيدىغان يەردە نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇغان بولسام، ئاندىن بۇنى بىرنەچچە ئايدىن كېيىن بىلگەن بولسام، قايتىدىن ئوقۇشۇم كېرەكمۇ؟ قانچە كۈن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسامچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 85 كىلومېتىردىن قىسقا ئارىلىققا بېرىشتا ياكى بارغاندا قەسر قىلغان ئەھۋالدا خاتا قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، قەسر قىلغان نامازلىرىنى قايتا ئوقۇشى كېرەك. سانىنى بىلمىسە تاكى «قازاسىنى ئوقۇپ بولدۇم» دەپ كۆڭلى خاتىرجەم بولغۇچە تەخمىن قىلىپ ئوقۇيدۇ.

300 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يۈزدىكى مەڭنىڭ ئۈستىگە ئۈنۈپ قالغان تۈكنى يۇلۇۋەتسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھەقتە «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى» تور بېتىدىكى بۇ پەتۋاغا مۇراجىئەت قىلغايسىز: https://sajiya.biz/?p=6362&uls=uu

301 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىز ۋەتەندىن تارتىپ بەك يېقىن ئۆتكەن دوست – بۇرادەرلىرىمىز ھەتتا بەزى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىز بىزدىن يىراقلىشىپ كەتتى ھەم بىر داستىخاندا ئولتۇرغاندىمۇ گەپ – سۆزلىرىمىز بىر يەردىن چىقماي قېيىداپ تارقىلىپ كېتىدىغان ھالغا يېتىپ قالدۇق. بۇنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى: بىز «ئېزىپ كېتىپتۇق»، بالىلىرىمىزنى «تاغۇتنىڭ مەكتىپى»گە بېرىپ بەك چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈپتۇق، تاغۇتنىڭ مەسجىدلىرىدە ناماز ئوقۇپتۇق. بۇ مەسجىدلەرنى فەتىھ بولسىمۇ قەتئىي ئىشلىتىشكە بولماسمىش. تۈركىيەگە، ئەردوغانغا دۇئا قىلىپ قالساققۇ، بىزنى شۇ يەردىلا تاغۇتقا چىقىرىۋېتىدۇ. نامايىشقا چىققانلارنى تىللاپ كەتسە، بىز «تىللىماڭلار، ئۇلارنىڭ دەلىلى بار ئىكەن، ئۆزىمىز بىر ئىش قىلالمىساقمۇ، نامايىشقا چىققانلارنى تىللىمايلى» دېگەنلىكىمىز ئۈچۈن بىزنى ئېزىپ كەتتى دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئايرىم ئۆيدە توپلىشىپ ئۆزىنىڭ بىر يولدىكىلىرى بىلەنلا ناماز ئوقۇيدۇ، شۇلار بىلەنلا ئوغۇل ئۆيلەپ، قىز چىقىرىپ قۇدا – باجا بولۇشىدۇ. ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىچىدىكىلىرى ئۆلتۈرگەن قوينىڭ گۆشىدىن باشقىنى يېمەيدۇ. ھەر ھەپتىدە بىر دەۋىتى بار بولۇپ، «دەۋەت قىلىپ بېرىدىغان موللىلىرىڭلار بىلەن چىرايلىقچە كۆرۈشەيلى، ئۇلار زادى كىم» دېسەك، قەتئىي دەپ بەرمەيدۇ. ھازىر ئاڭلىسام، بىزگە قارىتا «ئاھ بىچارىلەر! بۇلار ئېزىپ كەتتى، ئازغۇن» دەپ ھەسرەت چېكىدىكەن. توپلاردىكى ئالىم – ئۇستازلىرىمىزنىڭ شۇنداق ياخشى دەۋەتلىرنى ئاڭلىساق، «بۇلارنىڭ دەرسلىرىنى ئاڭلىماڭلار! بۇلار ئۈممەتنىڭ ئۇخلاتقۇچىلىرى، مۇشۇلار سەۋەبلىك ئۈممەت ئۇخلاپ قالدى، ھەقىقىي يەتكۈزىدىغان تەۋھىدنى يەتكۈزمىدى» دەپ چەكلەيدۇ.

مۇشۇنداق سۈركۈلۈشلەر تۈپەيلى كۈندىن – كۈنگە ئارىلىقىمىز يىراقلىشىپ، ئەرلەر بىر يەرگە كەلگەندە جېدەللا قىلىدىغان، ئاياللار بولسا ئاي – ئايلارچە كۆرۈشمەي يىراقلىشىدىغان بولۇپ كەتتۇق. بۇنداق ئەھۋالدا دىنىمىز بىزنى نېمىگە بۇيرۇيدۇ. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلساق، ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ ئۇ خىل ئازغۇن پىكرىي ئېقىمدىن ئۇزاق تۇرۇش ۋە ئۇلار ھەققىدە ياخشى دۇئا قىلىشتىن باشقا ئۈنۈملۈك چارىسى يوق. شۇڭا، مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا مۇسۇلمانچە سالام قىلىپ، سالىمىنى ئىلىك ئېلىپ، دىنىي مەسىلىلەردە دەتالاش قىلماي ساغلام كىتابلارنى ئوقۇپ، رەببانىي ئۇستازلاردا ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە ساغلام ئەقىدە، توغرا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا تىرىشىش، جاھىللار بىلەن تەڭ بولماي ئىلىم سورۇنلىرىنى لازىم تۇتۇش ئەڭ مۇناسىپ بولسا كېرەك.

302 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! «ناسارا» دېگەن گەپ بىلەن «خرىستىيان» دېگەن ئوخشاش گەپمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «خرىستىيان (Christian)» كەلىمەسى «ناسارا» كەلىمەسى بىلەن مەنىداش بولۇپ، ياۋروپا ۋە غەرب ئەللىرىدە «مەسىھ ئىيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى» دېگەن مەنادا كەڭ قوللىنىلىدۇ. بۇ ئەسلىدە ئىبرانىيچە «مەسىھ» كەلىمەسىنىڭ لاتىنچە ياكى گېرىكچە تەرجىمەسى بولغان «خرىستىيان (Christos)»دىن تۈرلەنگەندۇر.

303 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! زاكاتنى دىنىي ۋە مىللىي كىملىكنى قوغدىغان ئاساستا، ھەرقايسى ساھەلەردە ئىختىساسلىق ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان مائارىپ جەمئىيەتلىرىگە بېرىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مىللىي كىملىك دىنىي كىملىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىككىسىدىن بىرىنى يەنە بىرىدىن ئايرىغىلى بولمايدۇ. ئەگەر «مىللىي» دېيىلىۋاتقان ئىشلار ئىچىدىن دىنغا تاقىشىدىغان قىممەت قاراشلار كۆزدە تۇتۇلىدىغان بولسا، بۇنىڭغا زاكات قەتئىي دۇرۇس كەلمەسلىكى ئېنىق. دىنىي كىملىكنى قوغدىغان ئاساستا ھەرقايسى ساھەلەردە ئىختىساسلىق ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان مائارىپ جەمئىيەتلىرىگە بېرىشكە كەلسەك، بۇ ھەقىقەتەن «ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش ۋە ئاللاھنىڭ كەلىمەسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان بىر خىل جىھاد» دەپ قارالسا، بۇنى بەزىبىر ئالىملارنىڭ كەڭرەك چۈشىنىشى بويىچە «ئاللاھنىڭ يولىدا» دېگەن دائىرىگە كىرىدۇ دېيىش مۇمكىن. لېكىن، بۇنىڭدا يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە زاكات ئادا بولماي قالىدۇ. مېنىڭچە، نەزەرىيە جەھەتتىن بۇنىڭ جائىزلىق تەرىپى باردەك قىلسىمۇ، بۇ ئىشنى ئىشەنچلىك ئورۇن ياكى ئالىملار ھەيئىتى باشقۇرۇپ نازارەت قىلمىغان ئەھۋالدا، نۇرغۇن زاكات ھەقىقىي ئېھتىياجلىقلارغا يېتىپ بارماي، نامدا ئىسمى چىرايلىق، شوئارى ئۇلۇغ، ئەمما ئىچى قۇرۇق بىر ئەۋلاد يېتىشتۈرۈشكە بۇزۇپ – چېچىلىدۇ. يەنە كېلىپ بۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار ئارىسىدا مىللەتنىڭ سىياسىي ئىرادىسىغا خىلاپ كېلىدىغان، خىيانەتكە ياتىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار باشلامچى كۆرۈنىدىكەن. بۇنداقلارنىڭ ئەۋلاد تەربىيەلەش ساھەسىدە يۈرگىنىگىمۇ غەرەز ئارىلىشىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولغاچقا، زاكات ۋە پۇل – مال بىلەن قوللاشتىن ساقلىنىش لازىم. يەنە بەزىلەر مۇشۇ باھانىدە كۆپلىگەن كىشىلەردىن دىنغا قارشى، ھەقىقىي مىللىي كىملىككە قارشى ئەۋلاد يېتىشتۈرۈشكە، دىنغا زىت تەشۋىقاتقا زاكاتنى يىغىدىكەن. بۇمۇ زاكاتنىڭ ھەقىقىي ئورنىغا سەرپ قىلىنىشىنى توسۇپ قويىدۇ ۋە شۇنداق بولماقتا. ئۆسمۈرلىرىمىزگە كوممۇنىست شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى يادلاتقۇزۇپ، كوممۇنىست شائىرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەيدىغان ئىشمۇ، نورۇز تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى قىز – ئوغۇل ئارىلاش ئۇسسۇللار بىلەن ئۆتكۈزۈشمۇ مۇشۇ چىرايلىق «مىللىي كىملىك» نامىدا بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، مېنىڭ تەۋسىيەم، زاكاتنى شۈبھىلىك ئارىلاشمىغان، قۇرئان كەرىم ئېنىق قىلىپ بېكىتكەن 9/«تەۋبە» 60 – ئايەتتىكى 8 تۈرگە بېرىش لازىم.

304 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ھۆرمەتلىك ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مۇشۇنداق ئۇلۇغ كۈنلەردە بىز ئۈچۈن ياخشى يوللارنى كۆرسىتىپ، قىممەتلىك مەسلىھەتلەرنى بېرىۋاتىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن. بىز ھەممىمىز دۇچ كېلىۋاتىمىز، ۋەتەندە ئاتا – ئانىمىز ياكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز. باشقا قېرىنداشلارمۇ مەن ئويلىغاننى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا كۆپچىلىك ئۈچۈن ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ مەسىلھەت بېرىشلىرىنى سورايمەن: مېنىڭ ئانام ئون نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تۈگەپ كەتتى، قېشىدا بولالمىدىم، يۈزلىرىنى سىلاپ، پېشانىسىگە بىرنى سۆيىۋالغان بولساممۇ ئارمانىم يوق ئىدى، لېكىن رازىلىق ئېلىۋالدىم. ھەرقانداق بىرىنىڭ ئىچى ئاچچىق بولۇشى مۇمكىن، ھېسسىياتىمنى مەندەك ئاچچىق قىسمەتكە ئۇچرىغانلار ھېس قىلالايدۇ. ئۇستاز! ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇپ دۇئا قىلىشتىن باشقا قانداق ئىشلارنى قىلساق ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ؟ خاپا بولماي مەسلىھەت بەرگەن بولسىلىرى، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۇرۇق – تۇغقانلار بىلەن ساق – سالامەت جەم بولۇشقا نېسىپ قىلسۇن! 278 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قارىغايسىز.

305 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) «مەككەدە ئوقۇلغان بىر ۋاقىت نامازغا 100 مىڭ رەكئەت نامازنىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ» دېيىلسە، ھەرەمنىڭ ئىچىدە جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇغان ئەھۋالدا 100 مىڭنى 27 گە كۆپەيتەمدۇق؟ 2) ھەرەم مەسجىدىنىڭ ئىچىدە ئوقۇلسا، ساۋابى 100 مىڭمۇ ياكى مەككەنىڭ باشقا مەسجىدلىرىدە ئوقۇسىمۇ، ھەرەمنىڭ دائىرىسى بولغاچقا ئوخشاش ساۋاپمۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەرەم زېمىندىكى ئەڭ ئۇلۇغ جايدۇر. «مەسجىدۇلھەرام» كەلىمەسى قۇرئاندا 15 ئورۇندا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن كەئبە، كەئبە ئەتراپىدىكى مەسجىد، قەدىمكى مەككە دائىرىسى ۋە ھەرەم دائىرىسى مەقسەت قىلىنىدۇ. ھەرەم دائىرىسى مەككە دائىرىسىدىن كەڭ بولۇپ، جىددە تەرەپتىن 21 كىلومېتىر، تائىف تەرەپتىن 13 كىلومېتىر، يەنە بىر تەرەپتىن مەسجىدى ئائىشە، جىئرانە ۋە ھۇدەيبىييەگە قەدەردۇر، بۇ چېگرالارغا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ئالاھىدە بەلگە قويۇلغان. كۈنىمىزدىمۇ بۇلار ئېنىق. «100 مىڭ ھەسسە» كۈچلۈك قاراشتا مۇشۇ ھەرەم دائىرىسىگە ئومۇمدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، ھەرەم دائىرىسىدە ئوقۇغان نامازنى 100 مىڭ ھەسسىلەيمىز، تۇنجى جامائەت بىلەن ئوقۇلغان بولسا ئۇنى يەنە 27 گە كۆپەيتىمىز. ئەلبەتتە، جامائەت بىلەن ۋاقتىدا ئوقۇلغان نامازنىڭ ساۋابى قازا قىلىنىپ يالغۇز ئوقۇلغان نامازنىڭكىدىن كاتتىدۇر.

306 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۈچۈن قان ئالسا، كاسىغا ئوكۇل سالدۇرسا روزىغا دەخلىسى بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۈچۈن ئاز مىقداردا قان ئالدۇرسا، ئوكۇل سالدۇرسا روزىغا دەخلىسى بولمايدۇ.

307 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! مۇشۇ رامازاندا قىلغان بارلىق ئەمەللىرىگە كۆپلەپ ئەجر بەرسۇن، ئامىن! مەن نەفلە ئەمەللەرنىڭ ئارىسىدا «چاشگاھ نامىزى»نى ئوقۇشنى بەك ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا بالىلىرىمغىمۇ «ئوقۇڭلار!» دەپ تەۋسىيە قىلدىم. ئەمما، ئۇلار ئوقۇمىدى. «سىلەر بۇ نامازنى ئوقۇمىساڭلار، مەن سىلەردىن رازى ئەمەس» دېدىم، يەنە ئوقۇمىدى. مېنىڭ بۇ دېگىنىم شەرىئەتتە بەك ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولامدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا چۈشىنىشلىك بىر جاۋاب بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاللاھ ئۆزلىرىنىڭمۇ تائەت – ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلغاي! نەفلە ناماز ۋە تائەتلەرگە بالىلارنى قاتتىق زورلاشقا، «ئادا قىلمىساڭ، رازى ئەمەس» دېيىشكە بولمايدۇ. ئاللاھ پەرز قىلمىغاندىن كېيىن، بىز پەرز قىلىۋالساق بولمايدۇ. مېنىڭچە، سىلى بالىلارغا پەرزلەرنى شۇنداقلا پەرزلەرنىڭ ئالدى – كەينىدىكى سۈننەتلەرنى جېكىلەپ ماڭسىلا. ئۆزلىرى پەرزلەرنى ۋە نەفلە ئىبادەتلەرنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىۋەرسىلە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارمۇ «چاشگاھ نامىزى»نى ئۆزلىكىدىن ئوقۇيدىغان بولىدۇ، ئىنشائاللاھ.

308 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ئايال كىشى ئائىلىنىڭ ئىشلىرى ۋە بېسىمىدىن بەك چارچاپ جاپادا قالغاندا، «جېنىمدىن تويۇپ كەتتىم…» دېسە، ئىمانغا دەخلىسى بولامدۇ؟ يەنە چوڭ گۇناھلار قاتارىغا كىرەمدۇ؟ شەرىئەتتە بۇ سۆزنى چەكلىگەنلىك توغرىسىدا بىرەر ھەدىس بارمۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا جاۋاب بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ ئەجرلىرىنى زىيادە قىلسۇن، ئامىن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. دۇنيادىكى بەزىبىر جاپا – مۇشەققەت ۋە سىقىلىشلار تۈپەيلى ياكى باشقىلاردەك ئازادە ياشىيالمىغانلىقى سەۋەبلىك «جېنىمدىن تويۇپ كەتتىم» ياكى «ھاياتتىن زېرىكتىم»، ياكى «ھاياتتىن جاق تويدۇم» كەبى سۆزلەرنى قىلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئىبارىلەر ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە نارازى بولۇش بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ ئەسلىدە جاپا – مۇشەققەت ۋە فىتنەلەر بىلەن تولغان سىناق مەيدانى ئىكەنلىكىنى نەزەرىدىن ساقىت قىلغانلىق بولىدۇ. بەزىلەر زاماننى تىللايدۇ. بۇمۇ ئېغىر گۇناھتۇر. شۇڭا، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىپ، ئاللاھتىن خاتىرجەملىك ۋە سەباتلىق تىلەش بىلەن بىرگە يولۇققان ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلىشى ۋە چىدامچانلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەتراپتىكى قېرىنداشلار بىر – بىرىمىزگە ھەقنى ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. داۋاملىق ئاللاھنى زىكىر قىلىپ تۇرۇش، ئىستىغفار ئېيتىش تولىمۇ پايدىلىق. يەنە جاپاغا ۋە سىقىلىشقا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنىڭ چارىسىنى قىلىپ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ياكى ئۇنى يەڭگىللىتىش لازىم. ئاللاھ ئاسانچىلىق بەرگەي. ئامىن!

309 – سوئال: 1) ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! دۇكانلاردىن كىرئالغۇدەك نەرسىلەرنى تاكسىت قىلىپ (ئايمۇئاي بۆلۈپ) ئالساق جازانە بولامدۇ؟ 2) تۈركلەرنىڭ بەزى ئالىملىرى: «100 لىرالىق نەرسىنى 120 لىراغا رازى بولۇپ ئالغاندىكىن، بۇ تىجارەت ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئەسلى قىممىتى 100 لىرالىق نەرسىنى 120 لىراغا رازى بولۇپ، 5 كە بۆلۈپ تۆلىسە بولىدۇ» دەيدىكەن. مۇشۇ كۆزقاراش توغرىمۇ؟ 3) كېچىكتۈرمەي ۋاقتىدا تۆلەشكە ئۆزىمىز كاپالەتلىك قىلىپ، جازانە قىلىدىغانلاردىن بۆلۈپ تۆلەپ بىرنەرسە ئالساق بولامدۇ؟ بىزنىڭ تەرەپتە كېچىككەننىڭ جازاسىز مۇددىتى 15 كۈنلەر ئەتراپىدىمىكىن، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە ئاساسەن ئۆسۈم بار.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) بۇ ھەقتە ئۆتكەن رامازانلىق سوئال – جاۋابلاردىكى 456 – سوئالغا مۇراجىئەت قىلغايسىز. 2) بىرنەرسىنى نېسى سېتىش ئەلبەتتە جائىز. نېسى بىرنەچچىگە بۆلۈپ بېرىدىغان قەرەللىك سېتىش بولۇشىمۇ ياكى بىراقلا بېرىدىغان شەكىلدە بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، تۈركلەرنىڭ بەزى ئالىملىرىنىڭ بۇ دېگەن گېپى ھەممە ئالىملار ئىتتىپاق كەلگەن مەسىلە. ئەلبەتتە، نېسى بولغاندىكىن، ئۇنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇشى تەبىئىي، بۇنىڭدا ھېچقانداق جازانە شەكىللەنمەيدۇ. ئەمما، بۇنىڭدا بىرلا كاشىلا بار، ئۇ بولسىمۇ: بەش قەرەلگە بۆلۈپ تۆلەيدىغان بولسا، بىر قەرەل كېچىكىپ قالسا ئۇنىڭدا كېچىكىش جازاسى بولامدۇ، بولمامدۇ؟ ياكى باشقىچە ھەل قىلامدۇ؟ ئەگەر كېچىكىش جازاسى بولسا، جازانە بولىدۇ. ئۇ بولمىسا، مەسىلە يوق. 3) زۆرۈر ئېھتىياجلارنى قەرەللىك سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغاندا، كېچىكتۈرمەي ۋاقتىدا تۆلەشكە كاپالەتلىك قىلساق، ئۆسۈم ئارىلاشمىغاچقا، زۆرۈرىيەت جەھەتتىن جائىز بولىدۇ. ئەمما، قەرەلسىز سېتىۋالالايدىغان ئىمكانىمىز بولسا، دۇرۇس بولمايدۇ.

310 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ئەتىگەن سوھۇرلۇققا قوپالمىدىم، سائەت 5:30 تا ئورنۇمدىن تۇرۇپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرنەرسە يېمەي، سۇمۇ ئىچمەي نىيەت قىلدىم. بۇ قىلغىنىم ھېساب بولامدۇ؟ نامازنى كېچىكىپ ئوقۇدۇم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. روزىڭىز ھېساب بولىدۇ.

311 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) مەجبۇرىي ساقلىق سۇغۇرتىسىنى ۋاقتىدا تۆلىمىسە، كېچىكىش جازاسى بار ئىكەن. بۇنى ۋاقتىدا تۆلىمىسەك، بىزگە زىيىنى بولامدۇ؟ 2) ۋەتەنداشلىق چىقىشىغىلا سۇغۇرتا ئاپتوماتىك قەرز قىلىپ قويىدىكەن. بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) سۇغۇرتا ھەممىسى ھارام. مەجبۇرىي سۇغۇرتا مەجبۇرلانغان سۇغۇرتا بولغاچقا، چىن دىلىدىن رازى بولماستىن قاتناشسا گۇناھ بولمايدۇ. بۇنىڭ پۇلىنى كېچىكتۈرمەي تۆلەش لازىم. كېچىكتۈرسە، جازانىگە كىرىدۇ. 2) ۋەتەنداشلىق چىققاندىن كېيىن سۇغۇرتا ئۆزى ئاپتوماتىك ئىشلەپ كېتىدۇ. 2012 – يىلى بۇ مەجبۇرىي سۇغۇرتا يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ ھېسابلاپ، بەزىلەرگە 7 – 8 يىللىق، ھەتتا 10 يىللىق قەرزنىمۇ بىللە چىقىرىۋېتىدۇ. شۇڭا، دەرھال سۇغۇرتا ئىدارىسىغا بېرىپ، ۋەتەنداشلىق چىقىشتىن بۇرۇنقى يىللارغىمۇ قەرز يېزىپ قويغان بولسا، ئۇنى ئۆچۈرتكۈزۈپ، ۋەتەنداشلىق چىققاندىن كۈندىن باشلاپ سۇغۇرتىنى ۋاقتىدا تۆلەپ مېڭىش كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا، ئۆسۈمنىڭ ئۈستىگە ئۆسۈم قوشۇلۇپ دۆۋىلىنىپ، ئاخىرى بۇ ئۆسۈمنىڭ ئۆسۈمىنىمۇ تۆلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ.

312 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تۈركىيەدىكى «پايچەك»، «بۇرسا» دېگەنلەرنى ئېلىپ سېتىشقا بولامدۇ؟ بىلمەي كىرىپ قېلىپ، كېيىن شۈبھىلىنىپ زىياندىن قۇتۇلۇپ چىقسا، قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «پايچەك»، «ئاكسىيە»، «بۇرسا»، «نېفىت سودىسى»، «فورېكس» دېگەندەك توردىكى ھارام سودىلارغا بىلمەستىن كىرىپ قېلىشمۇ توغرا ئەمەس. كىرىشتىن بۇرۇن ئەھلى ئىلىملەردىن سوراش لازىم. بىلمەي، سورىماي كىرىپ قالغان تەقدىردىمۇ تارتىنماي سوراش لازىم. سورىغاندىن كېيىن «ئۇ ھارام» دېگەن جاۋاب چىقىدۇ. قىلغان ئادەم ئۆزى شۈبھىلىنىپ ئولتۇرماي، ئىلىم ئەھلىدىن سورىسا: «ئۇ ھارام» دەيدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال تەۋبە قىلىپ، چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى لازىم. قولىدىكى بار نەرسىلەرگە كەلسەك، «ئەسلىدىكى دەسمايەمنى تىرىلدۈرۈۋالغۇچە ساقلايمەن» دېمەي، ئۇنى شۇ كۈنى، شۇ سائەتتە ئېلىشىغا سېتىپ قۇتۇلۇشى لازىم. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغاي، ئامىن.

313 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! كىچىك بالىلارنىڭ چېچىنىڭ ئىككى تەرىپىنى قىسقىراق ئېلىۋېتىپ، ئۈستى تەرىپىنى ئاستىدىن سەل ئۇزۇنراق قىلىپ ياسىتىپ قويساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. چېچىنىڭ ئىككى تەرىپىنى قىسقىراق ئېلىۋېتىپ، ئۈستى تەرىپىنى ئاستىدىن سەل ئۇزۇنراق قىلىپ ياسىتىش جائىز. بۇ چەكلەنگەن ئىش ئەمەس. ئەمما، چەكلەنگىنى باشنىڭ بىر قىسمىنىڭ چېچىنى چۈشۈرتۈپ، بىر قىسمىنى چۈشۈرتمەسلىك. دېمەك، چەكلەنگىنى چۈشۈرۈش، قىسقارتىش ئەمەس. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پۆپۈچەك قويۇشنى مەنئى قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم» دېگەن. ئۇبەيدۇللاھ دەيدۇكى:

ــ (ناﻓﯩﺌ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن) پۆپۈچەك قويۇش دېگەن نېمە؟ ـ دەپ سورىغانىدىم، ئۇ چۈشەندۈرۈپ:

ــ كىچىك بالىنىڭ چېچىنى چۈشۈرگەندە، ئۇ يەر ـ بۇ يەرگە چاچ قالدۇرۇپ قويۇش، ـ دېدى. راۋىي: «ئۇبەيدۇللاھ بىزگە چۈشەندۈرۈپ، قولى بىلەن ماڭلىيىنى ۋە بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىنى كۆرسەتتى» دەيدۇ. شۇندا ئۇبەيدۇللاھتىن:

ــ بۇ ھۆكۈم قىز بالا بىلەن ئوغۇل بالىغا ئوخشاشمۇ؟ ـ دەپ سورالغانىدى، ئۇ:

ــ بىلمەيمەن، ـ دەپ جاۋاب بەردى(«بۇخارىي»، 5920). بۇ ھەدىسكە ئاساسەن باشنىڭ بىر قىسمىنىڭ چېچىنى چۈشۈرتۈپ، بىر قىسمىنى چۈشۈرتمەسلىك ھارام ياكى مەكروھ.

314 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم نەۋرىگە زاكات بەرسە دۇرۇسمۇ؟ دۇرۇس بولسا، بىر نەۋرىگە جىقى قانچە پۇل بەرسە بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. نەۋرىگە زاكات بەرسە دۇرۇس بولمايدۇ. نەۋرە موھتاج بولغان ئەھۋالدا زاكىتىنى بەرمەي، بېقىش لازىم.

315 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ! ئىقتىساد 5500$ گە يېتىپ بىر يىل ئۆتسە، ئاندىن زاكات ئايرىيدىكەنمىز، زاكات ئېلىشنىمۇ مۇشۇ ۋاقىتتا توختىتىمىزمۇ ياكى 5500$ گە يەتكەن ھامان توختىتىمىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 5500$ گە يەتكەن ھامان توختىتىمىز. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا بىز شەرىئەت ئۆلچىمى بويىچە پېقىر – مىسكىن دائىرىسىدىن باي دائىرىسىگە ئۆتكەن بولىمىز.

316 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ فىترنى بۈگۈن سائەت نەچچىگە قەدەر بەرسەك بولىدۇ؟ بەزىلەر: «پېشىندىن كېيىن قالسا بولمايدۇ» دەيدۇ.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. فىتر زاكىتى ھېيت نامىزى ئوقۇلغۇچە بېرىلسە بولىدۇ.

317 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! رامازان تۇتۇپ چىشىنى چوتكىلىسا، روزىسى بۇزۇلامدۇ ياكى بۇزۇلمامدۇ؟ چىش پاستىسى ئىشلىتىشچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. روزىدار چىشىنى تازىلاش، مىسۋاكلاش، چىش پاستىسى بىلەن چوتكىلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلسا، روزىغا تەسىر يەتمەيدۇ. پەقەتلا تازىلاۋاتقاندا، گالدىن سۇ ئۆتۈپ كەتمەسلىك كېرەك. گالدىكى سۇنى يۇتۇۋەتسە روزىغا تەسىر يېتىدۇ، يەنى سۇندۇرىدۇ. يۇتۇۋەتمىسە، تەسىر يەتمەيدۇ.

318 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ياۋروپادا ئۆينى قەرەلسىز سېتىۋېلىش ۋە بىراقلا تۆلەپ سېتىۋېلىش ئىمكانى بەك تۆۋەن، ئۇنداقتا ئۆينىمۇ كېچىكتۈرمەي كاپالەتلىك قىلىپ ئېلىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. شۇنداق. كېچىكتۈرمەي ۋاقتىدا تۆلەشكە كاپالەتلىك قىلساق، ئۆسۈم ئارىلاشمىسا، زۆرۈرىيەت جەھەتتىن قەرەللىك سېتىۋېلىش جائىز بولىدۇ. ئەمما، قەرەلسىز سېتىۋالالايدىغان ئىمكانىمىز بولسا، دۇرۇس بولمايدۇ.

319 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن فىترنى ئۆتكەندە يەر تەۋرىگەندە «ئەۋەتسە بولىدۇ» دەپ ئەۋەتكەنىدىم. شۇ ھېساب بولامدۇ ياكى قايتا بېرىمەنمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. شۇ ھېساب.

320 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ قول ياكى پۇت كىچىك يارىلىنىپ ئارىلىققا بېنت (جياۋبۇ) چاپلىغان بولساق، بېنتنى ئېلىۋەتمەي تۇرۇپ تاھارەت ئالساق بولامدۇ ياكى بېنتنى ئېلىۋېتىش كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئەگەر بېنتنى سويىۋېتىپ سۇ تەگسە زىيان قىلىدىغان بولسا، بېنتنىڭ ئۈستىگىلا نەم قول بىلەن سۈرتۈۋەتسە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىمۇ سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا، پۇتنىڭ باشقا يېرىنى يۇيۇپ، ئۇ يەرگە سۇ تەگمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، تېڭىقلارغا مەسھ قىلىش جائىز. ھەتتا بېنتنى ياكى تېڭىقنى تاھارەت يوق ھالەتتە چاپلىغان ياكى تاڭغان بولسىمۇ، ئۇ جايلارنى يۇيماي ئالغان تاھارىتى تاھارەت بولۇۋېرىدۇ.

321 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىز 3 – ئاينىڭ 23 – كۈنى نىيەت قىلغان. ئۇنداقتا 4 – ئاينىڭ 22 – كۈنى روزا ھېيت بولسا، توپتوغرا 30 كۈن توشۇپ روزا ھېيت بولغان بولىدىكەن. ھازىر 21 – چىسلا ھېيت بولسا توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھىجرىيە كالېندارى بويىچە ئاي 30 كۈن توشۇشى كېرەك ئەمەس، بەزىدە ئاي 29، بەزىدە 30 كۈن كېلىدۇ.

322 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بالا 2 ياشقا توشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئېمىتىۋەرسە گۇناھ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بالا ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىنمۇ تاماق يېمەيدىغانلىقىدىن ۋە باشقا سەۋەبلەردىن داۋاملىق ئېمىتىشكە ئېھتىياج بولۇپ قالسا، ئىككى يىلدىن كېيىنمۇ يەنە بىر يىل ئېمىتسە بولىدۇ.

323 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم داموللام! مەن ھەر ۋاقىت ئاللاھقا: «ئى ئاللاھ! مەن ئۆزلىرىدىن جىمى پەيغەمبەرلەر سىلىدىن تىلىگەن ياخشى دۇئالارنى مەنمۇ سىلىدىن تىلەيمەن» دەپ دۇئا قىلاتتىم. «بۇنداق دۇئا قىلىش توغرا ئەمەس» دەپ ئاڭلاپ قالدىم. قانداق قىلىشىم كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «بۇنداق دۇئا قىلىش توغرا ئەمەس» دېگۈچىلەر: «نېمە ئۈچۈن توغرا ئەمەس» دەپتۇ؟ بۇ دېيىلمەپتۇ. ئۇلار نېمىگە ئاساسەن شۇنداق دېدى؟ بۇنى بىلىش لازىم. لېكىن، بۇ دۇئانىڭ چەكلىنىدىغان بىر تەرىپى يوق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مۇنۇ دۇئانى ئۆگەتكەن: «ئى ئاللاھ! مەن سەندىن ھازىرقى ۋە كېيىنكى، مەن بىلگەن ۋە بىلمىگەن ھەممە ياخشىلىقلارنى سورايمەن. ھازىرقى ۋە كېيىنكى، مەن بىلگەن ۋە بىلمىگەن ھەممە يامانلىقلاردىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ قۇلۇڭ ۋە پەيغەمبىرىڭ سەندىن سورىغان ياخشىلىقلارنى سورايمەن. قۇلۇڭ ۋە پەيغەمبىرىڭ سەندىن پاناھ تىلىگەن يامانلىقلاردىن مەنمۇ پاناھ تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! مەن سەندىن جەننەتنى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكلەيدىغان سۆز ۋە ئەمەلنى سورايمەن. جەھەننەم ئوتى ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرىدىغان سۆز ۋە ئەمەلدىن پاناھ تىلەيمەن. ماڭا چىقارغان ھەممە ھۆكۈملىرىڭنى مەن ئۈچۈن خەيرلىك قىلىشىڭنى سورايمەن»(«ئىبنى ماجە»، 3846). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سورىغاننى سوراش جائىز بولسا، باشقا پەيغەمبەرلەر سورىغاننى سوراشمۇ ئەلبەتتە جائىز بولىدۇ.

324 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مېنىڭ بالىلىرىم ئىلاھىي نەشىدلەرنى ئاڭلايدۇ. مەن «مۇزىكىسى بار ئىكەن» دەپ ئاڭلىغىلى قويمايمەن. بالىلىرىم: «بۇ نەشىدنىڭ مەزمۇنى بەك ياخشى، ئاللاھنى، ئىسلامنى مەدھىيەلەپ ئوقۇيدۇ» دەپ تۇرۇۋالىدۇ. لېكىن، كۆپىنچە ئىلاھىي نەشىدلەردە مۇزىكا بار ئىكەن. بۇنداق نەشىدلەرنى مۇزىكىسى بار ئەھۋالدا ئاڭلاشقا بولامدۇ؟ ناخشا – مۇزىكىنى ھارام دەپ ئاڭلىغانىدۇق.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەزمۇنى ياخشى بولسا، مۇزىكىسى بار نەشىدلەرنىمۇ ئاڭلاشقا بولىدۇ. كۈچلۈك قاراشتا مۇزىكىنىڭ ئۆزى ھارام ئەمەس. ناخشا – مۇزىكا ھۆكمى ئۈچۈن مۇنۇ يازمىغا قارىغايسىز: https://sajiya.biz/?p=5932&uls=uu

325 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىزنىڭ تەقدىرىمىز ئانىمىزنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىلا پۈتۈلۈپ كەتسە، بىزنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان ئەمەل – ئىبادەتلىرىمىز بىكارمۇ؟ ئاللاھ بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى پۈتۈۋەتكەن بولسا، بىز بىلمەيمىز، ئاللاھ بىلىدۇ. ئۇنداقتا پۈتۈن ئۆمرىدە گۇناھ قىلغان كىشى جەننەتكە كىرسە، ياخشى ئەمەل – ئىبادەت قىلغانلار دوزاخقا كىرسە، ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىبان تۇرسا! بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ تائالا ئەزەلدە بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى پۈتۈۋەتكەن. بولغان ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ پۈتۈشى بىلەن بولىدۇ. لېكىن، ئاللاھ تائالا پۈتۈۋەتكەن ئىلمى غەيبنى بىزگە بىلدۈرمىگەن بولغاچقا، ئەمەل – ئىبادەت قىلىپ ياخشىلىقتا تىرىشىپ ماڭىمىز. ئاللاھتىن سەباتلىق تىلەيمىز. سىز: «پۈتۈن ئۆمرىدە گۇناھ قىلغان كىشى جەننەتكە كىرىدۇ، ياخشى ئەمەل – ئىبادەت قىلغانلار دوزاخقا كىرىدۇ» دەپ كېسىپ ئېيتالمايسىز. پۈتۈن ئۆمرىدە گۇناھ قىلغان ياكى كافىر بولغان كىشى ئاخىرىدا تەۋبە قىلىپ ياكى ئىمان ئېيتىپ جەننەتكە كىرىشى، پۈتۈن ئۆمرىدە تائەت – ئىبادەت قىلغان كىشى ئاخىرىدا كۇفۇر گەپ – سۆز قىلىپ دوزاخقا كىرىشى مۇمكىن. پۈتۈن ئۆمرىدە گۇناھ قىلغان كىشىنى ئاللاھ ئۆز پەزل – مەرھەمىتى بىلەن ئەپۇ قىلىپ، ئۇنىڭغا جەننەتنى ئاتا قىلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنى ئاللاھ بىلىدۇ.

326 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! رامازان ئېيىدا ئىفتارغا مېھمان چاقىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ بەك چارچاش سەۋەبىدىن بىر كۈنلۈك روزىنى بۇزۇۋەتكەن. بۇنى قانداق تولۇقلايمەن؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. چارچاش سەۋەبىدىن بىر كۈنلۈك روزىنى بۇزۇۋەتكەن ئەھۋالدا، رامازاندىن كېيىن شۇ بىر كۈننىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك، كەففارەت بېرىشى كېرەك بولمايدۇ.

327 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ ئىبادىتىڭلارنى قوبۇل قىلسۇن! بىز ئادەتتە ناماز ۋاقىتلىرى، سوھۇرلۇق ۋە ئىفتارلىق ۋاقىتلىرىنى ئاسترونومىيە بويىچە ھېسابلانغان كالېندار جەدۋەللىرىگە ئاساسەن مىنۇتلىرىغا قەدەر بېكىتىپ، شۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ ناماز ئوقۇۋاتىمىز. «يېڭى تۇغۇلغان ئاينى كۆرمىگۈچە روزا تۇتۇشنى باشلىماڭلار، ئۇنى كۆرمىگۈچە روزاڭلارنى توختاتماڭلار. ئەگەر ھاۋا تۇتۇقلۇقتىن ئاي كۆرۈلمىسە، ئۇنى مۆلچەرلەڭلار» دېگەن ھەدىستىكى ھېسابنى ئۇقماسلىقتىن ئاددىي ھېساب – كىتابنى ئەمەس، ئۆلىمالار ئېيتقاندەك ئاسترونومىيە ۋە مۇرەككەپ ھېسابلار كۆزدە تۇتۇلىدىكەن. «مۆلچەرلەڭلار» دېگەن سۆزنى شۇ ئاسترونومىيە ئىلىملىرىغا قىياس قىلغىلى بولامدۇ، قانداق؟ نامازنىڭ كىرىش – چىقىش ۋاقىتلىرىنى ئاسترونومىيەلىك سائەتكە قاراپ بېكىتىپ، رامازاننىڭ كىرىپ – چىقىشىدا ئۇنىڭدىن پەرقلىق قاراشتىكى ھېكمەتنى چۈشىنەلمىدىم.

ئىككى ھەدىسنى قوشۇۋېتىپتىمەن. بۇ يەنە بىر ھەدىس: «بىز (ئەرەبلەر) خەت يازالمايدىغان، ھېسابلىيالمايدىغان، ساۋاتسىز بىر ئۈممەت».

ئىمام ئەينىي قاتارلىق بەزى ئالىملار: «بۇ ھەدىستىكى ھېسابتىن ئىلمى نۇجۇم ۋە ئاسترونومىيەلىك ھېسابلاش مەقسەت قىلىنغان، ئەرەبلەر بۇنى تۈزۈك بىلمەيتتى» دەپ ئىزاھلىغان(«فتح الباري»).

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. رامازان باشلاش ۋە ھېيت قىلىشتەك ئاي بېشى ۋە ئاخىرىنى بېكىتىشنى ناماز ۋاقتىغا قىياسلاشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ناماز ۋاقىتلىرى ھەممىگە ئايان ۋە ھەر كۈنى تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان، بىر كۈندىن يەنە بىر كۈن چوڭ پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ئەھۋال. ھەر كۈندىكى ناماز ۋاقتىدا ھاۋا رايىغا قاراش قولاي ئەمەس. ئەمما، ئاي بېكىتىش بولسا ئايدا بىر كېلىدۇ، قىيىنچىلىق يوق.

يەنە بىر پەرق شۇكى، ناماز ئوقۇشتا ھۆكۈم كۆرۈشكە باغلانمىغان. بەلكى مۇتلەق كەلگەن. يەنى «كۈن قايرىلغاننى كۆرۈپ پېشىن ئوقۇڭلار» دېيىلمىگەن. پەقەتلا كۈن قايرىلغاننى بىلدۈرىدىغان ئەھۋال بولسىلا پېشىن ئوقۇش بۇيرۇلغان. مەسىلەن، 17/«ئىسراﺋ» 78 – ئايەتتە: ﴿كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر ناماز ئوقۇغىن﴾ دەپ بۇيرۇغان، «قايرىلغاننى كۆرۈپ ئوقۇغىن» دېمىگەن. شۇڭا، ھېسابات بويىچە بولسۇن ياكى باشقا ئۇسۇلدا بولسۇن، قايرىلغاننى بىلدۈرىدىغان ئەھۋال بولسىلا پېشىن ئوقۇيمىز. دېمەك، بۇ نامازنى ئوقۇش «قايرىلىش»قا باغلانغان، ھەرگىز «قايرىلغاننى كۆرۈش»كە ئەمەس. يىلدا بىر كېلىدىغان روزىنى «كۆرۈش»كە چېتىپ، بىر سوتكىدا بەش قېتىم ئادا قىلىدىغان نامازنى «كۆرۈش»كە چاتمىغان. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، راھمان ۋە رەھىم زاتتۇر.

«ئاينى كۆرۈشنىڭ ئۆزى مەقسەت قىلىنمىغان، بەلكى ۋاقتىنى بىلىش مەقسەت قىلىنغان» دېيىلسە، بۇ خۇددى «تاھارەت ئېلىش پاكىزلىق ئۈچۈن ئىدى. شۇڭا، بەدەن پاكىز بولسا، تاھارەت ئالمىسىمۇ ناماز ئوقۇشقا بولىۋېرىدۇ» دېگەندەكلا گەپ بولىدۇ. شۇڭا، «روزىنىڭ ۋە ھېيتنىڭ ۋاقتىنى بىلىشتە، ناماز ۋاقتىنى بىلىشكە ئوخشاشلا، ئاسترونومىيە ھېساباتى بويىچە ئىش تۇتساق بولمامدۇ» دېگۈچىلەرگە جاۋاب شۇكى: ناماز بىر ئىبادەت، روزىمۇ بىر ئىبادەت، ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغان شەرت ۋە ئەركانلىرى بار. تاھارەت روزىنىڭ توغرا بولۇش شەرتى ئەمەس، نامازغا شەرت. ئاينى كۆرۈش ياكى كۆرەلمىگەندە، 30 نى تولۇقلاش روزا تۇتۇشنى باشلاش ۋە ھېيت قىلىش ئۈچۈن شەرت. نامازنىڭ ۋاقتىنىڭ كىرىشى نامازنىڭ پەرز بولۇش ئاساسى بولۇپ، ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى قۇياشقا ياكى شەفەققە، ياكى ئۇپۇققا قاراپ بىلسۇن ياكى ئۇنى باشقا يول بىلەن بىلسۇن بەرىبىر. شۇڭا، سىزنىڭ روزىنى نامازغا قىياسلىشىڭىز پەرقلىق قىياس (قياس مع الفارق) بولىدۇ.

ئاندىن «مۆلچەرلەش» ئاي كۆرۈلمىگەندە بولىدۇ. ئالدى بىلەن ئايغا قاراش ۋە كۆرۈلمىگەندە، ئاندىن ھېساب بويىچە تولۇقلاشقا بۇيرۇلغان.

مەن چۈشەنگەن بويىچە ھېكمەتنى ۋە ھەدىستىكى ئەمرنى بايان قىلىپ قويدۇم. سىز «بۇ ھېكمەت كاللامدىن ئۆتمەيدۇ» دېسىڭىز ۋە باشقىچە چۈشەنگەن ئالىملارنىڭ قارىشىنى تۇتسىڭىز، بۇ سىزنىڭ تاللىشىڭىز. بۇنىڭدا ھەممە بىر پىكىرگە كېلىپ بولالىشى تەس.

328 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) سېتىپ پايدىلىنىۋاتقان كۈمۈش زىبۇزىننەتلىرى بار ئىدى. قانچە گرامغا توشسا زاكات ئايرىمىز؟ 2) ھەممىنى گراملاپ باقسام، 723.86 گرام چىقتى. بۇنىڭغا قانچىلىك ئايرىيمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. 1) 595 گرامغا توشسا زاكات ئايرىيمىز. 2) 18.1 گرام ئايرىسىلا بولىدۇ.

329 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ياشراق ئەر – ئاياللار رامازاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بامداتتىن كېيىن ئايالى بىلەن قۇچاقلىشىپ، ئوينىشىپ بىللە بولماستىن، ئايالىنى يۇيۇنىدىغان قىلىپ قويسا، ئەمما ئۆزىدىن بىرنەرسە ئېتىلىپ كەلمىسە، بۇنىڭغا كەففارەت كېلەمدۇ؟ كىم تۆلەيدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. مەزكۇر ئەھۋالدا مەنىي چىقىپ كەتكۈچە قۇچاقلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئايالنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. تەۋبە قىلىپ، بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتسىلا بولىدۇ، كەففارەت كەلمەيدۇ. ئەردىن مەنىي كەلمىسە، روزىسى بۇزۇلمايدۇ، لېكىن روزىسىنىڭ ساۋابى كېمىيىپ كېتىدۇ. چۈنكى، روزا شەھۋەتنى تاشلاشتىن ئىبارەت. رامازاندا بۇ ئىشلارنى قىلغانلىقتىن ئەرمۇ تەۋبە قىلىشى لازىم.

330 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن ئاخشام خۇپتەنگە كېچىكىپ قالدىم ۋە پەرزنى ئوقۇۋېلىپ تۈرك ئىمامغا تەراۋىھقا ئەگەشتىم، بۇلار بەك تېز ئوقۇيدىكەن، مەن ئۈچىنچى رەكئەتكە ئۈلگۈرگەنىدىم، ئىككى رەكئەتنى تولۇقلاپ يەنە يېتىشەلمەيدىكەنمەن. شۇڭا، ئىمام بىلەن تەڭ سالام بېرىپلا بىللە ئوقىۋەردىم، «ئاخىرىدا باشتا ئۈلگۈرەلمىگەن ئىككى رەكئەتنى ئايرىم تولۇقلىۋېتەرمەن» دەپ ئويلىغان ئىدىم، كېيىن ئۇنتۇپتىمەن. ئەمدى مېنىڭ قىلغىنىم توغرىمۇ؟ قازاسىنى قىلامدىم؟ ئەتە ھېيت بولسا، تەراۋىھنىڭ قازاسىنى قاچان قىلىمەن؟ 

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئىمام تەراۋىھنى ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ ئوقۇغان بولسا، 3 – رەكئەت يەنى كېيىنكى ئىككى رەكئەتنىڭ بىرىنچى رەكئىتىگە ئۈلگۈرگەن بولسىڭىز، بۇرۇنقى ئىككى رەكئەتنى قازا قىلىپ ئوقۇمايسىز. ئەمما، ئىمام تۆت رەكئەتنى بىر سالام بىلەن ئوقۇپ 3 – رەكئەتكە ئۈلگۈرگەن بولسىڭىز، ئىمام سالام بەرگەندىن كېيىن ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ 2 رەكئەت ئوقۇيسىز. ئۇنتۇپ ئوقۇمىغان ئەھۋالدا، ھېيت نامىزىغا قەدەر 2 رەكئەت تەراۋىھ قازاسىنى ئوقۇپ، سەجدە سەھۋى قىلىۋېتىسىز.

331 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ كىچىك بوۋاق قۇسۇپ قويغان كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۆتكەن يىلقى 125 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قارىغايسىز:

332 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ئىشقا يېڭى مەبلەغ سېلىپ قويغان، ئەمما يېنىدا بۇ ئايدىن ئۇ ئايغا يەتكۈدەكمۇ پۇلى يوق ئادەم زاكات ئالسا بولامدۇ؟ سالغان مەبلەغ ئالتە يۈز مىڭ تېلى بولۇپ، مەبلەغ سالغان ئىشنىڭ پايدىسى يىلدا بىر ئايرىلىدۇ.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئالتە يۈز مىڭ تېلى مەبلەغ سالغان كىشى ئاشۇ مەبلەغنىڭ زاكىتىنى ئايرىشى لازىم. قولىدا پۇل بولمىسا، قەرز ئېلىپ زاكات ئايرىيدۇ. قەرز ئالالمىسا، مەبلەغنىڭ بىر قىسمىنى تىجارەتتىن قايتۇرۇپ ئېلىپ ئايرىيدۇ.

333 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! ھارام يوللار بىلەن تاپقان پۇللار زاكات بېرىۋەتسە پاكلىنامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ھارام يوللار بىلەن تاپقان پۇلغا زاكات كەلمەيدۇ. ھارام پۇل بىر قىسمىنى پېقىر – مىسكىنلەرگە بېرىۋېتىش بىلەن پاكلانمايدۇ. ئۇنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇش، ئىگىلىرى ئېنىق بولمىغاندا، ئىگىلىرىگە ئاتاپ سەدىقە قىلىۋېتىش لازىم. ئاللاھ پاكتۇر، پاكنىلا قوبۇل قىلىدۇ.

334 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سوھۇرلۇقنى ياخشى يېمىگەنلىكتىن ئىفتارغا ئاز قالغاندا: «سۇ ئىچىۋەتسەم بولارمۇ، روزىنى بۇزۇۋېتەيمۇ» دەپ نىيەت قىلسا، ئاندىن ئۇنداق قىلمىسا روزا بۇزۇلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. «بۇزۇۋېتەيمۇ – بۇزمايمۇ» دەپ ئىككىلەنسە، بۇزۇلمايدۇ. «بۇزاي» دەپ نىيەت قىلسا، بۇزۇلىدۇ.

335 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن، باشقىلاردىن ئالغان قەرزنى قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالسا، ئىگىسىمۇ پۇل دېمىسە ۋە شۇ پېتى ئۆلۈپ كەتسە، قۇل ھەققىنى يېگەن بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئۇنتۇپ قالغانلىقى ۋە ئىگىسىنىڭ سۈيلىمىگەنلىكى سەۋەبىدىن قەرزنى سۆرىگەنلىككە گۇناھكار بولمايدۇ. ئەمما، قەرزنى قايتۇرمىغانلىقتىن قۇل ھەققى بوينىدا قالىدۇ. ئۇنى ۋارىسلىرىغا قايتۇرۇش كېرەك. قايتۇرمىسا قىيامەتتە ھېسابلىشىدۇ.

336 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! ھېيتلىرىغا مۇبارەك بولسۇن! ئۆيىمىز مەسجىدتىن بەكلا يىراق بولسا، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆيدىلا ھېيت نامىزىنى ئوقۇساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. بىرگە بولسۇن! ھېيت نامىزى سىز تۇرۇۋاتقان شەھەر ياكى يېزىدا ئوقۇلىدىغان بولسا، بېرىپ جامائەت بىلەن ئوقۇيسىز. سىز تۇرۇۋاتقان شەھەر ياكى يېزىدا ھېيت نامىزى ئوقۇلمايدىغان بولسا، باشقا شەھەرلەرگە سەپەر قىلىشىڭىز كېرەك ئەمەس. ئۆيىڭىزدە ئوقۇيسىز ياكى باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن بىرەر مەيداندەك جايدا يىغىلىپ بىللە ئوقۇيسىز.

337 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئابدۇلئەزىز ئۇستاز! ياخشى تۇردىلىمۇ؟ ئۇستاز! كۆرگەن چۈشنى يەنى ياخشى چۈشنى باشقىلارغا دېسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاللاھ ھەممىلىرىنى سالامەت قىلسۇن، ياخشى چۈشنى ئاڭلىغۇچىنىڭ ھەسەت قىلىشىدىن ۋە شۇم بېشارەت بېرىشىدىن ئەنسىرىمىسە، باشقىلارغا دېسە بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ چۈشلىرىنى ساھابە كىراملارغا دەيتتى.

338 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ياخشى تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. بىر قېرىندىشىمىز بۈگۈن ئەتىگەن بەشتىن ئاشقاندا تۇرۇپ قاپتۇ. شۇ پېتى «روزا تۇتۇۋېرەي» دېسە، ئىچمىسە قەتئىي بولمايدىغان دورىسى بار ئىكەنتۇق. بۇ ئەھۋالدا روزىنى تۇتۇۋېرىشى كېرەكمۇ ياكى دورىسىنى ئىچىپ كېيىن قازاسىنى تۇتۇشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاللاھ ھەممىلىرىنى سالامەت قىلسۇن، شىپالىق ئاتا قىلسۇن. «ئىچمىسە قەتئىي بولمايدىغان دورىسى بار» دېيىلگەندىكىن، «بۇ كىشى كېسەل» دېگەنلىك بولىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالدا، روزىنى كېيىن ساقايغاندا تۇتۇۋېلىش ياكى فىدىيە بېرىش ئىختىيارلىقى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە شۇنداق دېگەن. شۇڭا، كېيىن ساقىيىپ قالسا، بىر كۈن قازاسىنى قىلىدۇ. ساقايمايدىغان، داۋاملىق دورا ئىچىدىغان ئەھۋال بولسا، بۇ يىلى بىر كۈنلۈككە 70 تېلى فىدىيە بەرسە بولىدۇ.

339 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر خېنىم نورمالدا تۆت كۈندە پاكىزلىنىپ ناماز باشلايدىكەنتۇق، تۈنۈگۈن ناماز، روزا باشلاپتىكەن. بۈگۈن بولسا بەك سۇس رەڭ ھالدا بولۇپ قاپتۇ. بۇ ئەھۋالدا روزىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرەمدۇ ياكى قازا بولۇپ كېتەمدۇ؟ ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن، ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلىپ بەرسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۈگۈنكى بەك سۇس رەڭدىكى خۇننى ھەيزنىڭ داۋامى، ئادەت 4 كۈندىن ئارتۇققا ئالماشقان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدىغانلارمۇ، ئىستىھازە دەپ قارايدىغانلارمۇ بار. مېنىڭچە ئەھۋالغا قاراپ ئىككى قاراشنىڭ بىرىنى تۇتسىڭىز بولىدۇ. بۇ ھەقتە «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى» تور بېتىدىكى «ئاياللاردىن كېلىدىغان خۇن ئەھكاملىرىنىڭ بايانى (5)» دېگەن ماقالىغا مۇراجىئەت قىلىڭ:

340 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەلۇم بىرىنىڭ ئۆي ئېلىش ئۈچۈن بىرقانچە كىشىدىن گۇۋاھچى قىلىپ ئالغان قەرزى بار ئىدى. ئەمدى پۇلنى زاكاتتىن كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. مۇستەقىل ئىككى قەۋەتلىك باغ – ۋارانلىق ئۆي. تۈركىيە شارائىتىدا ئۆزىگە يېتىپ ئېشىپ قالىدىغان قىممەتكە ئىگە ئۆيى، بىر دۆنەم يېرى بار. بۇ ھالدا قەرزنى زاكاتتىن كۆتۈرۋەتسەك توغرا بولامدۇ؟ بۇ كىشى ئۆزى «زاكات ۋە فىتر پۇل بولسا، ماڭا بەرسەڭلار» دەپ سورىغان ئىدى. ئەمما، بىز سەل ئىككىلىنىپ قالدۇق. قانداق قىلساق بولىدۇ؟ قولىدا ئۆيىدىن باشقا پۇلى بولمىغاچقا، زاكات دۇرۇسمۇ ياكى ئالاھىدە ئېسىل ئۆيدە ئولتۇرۇۋېلىپ زاكات سورىشى باشقىلاردىن پايدىلانغانلىق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ كىشى ئىككى قەۋەتلىك باغ – ۋارانلىق ئۆيى بىلەن بىر دۆنەم يېرىنى سېتىپ قەرزىنى تۆلىشى ۋە ئېشىپ قالغان پۇلغا كىچىكرەك ئۆي سېتىۋېلىپ ئولتۇرۇشى ياكى ئۆي كەلمىسە ئىجارىگە ئولتۇرۇشى كېرەك. بۇ ئەھۋالدىكى كىشىگە زاكات ياكى فىتر پۇل دۇرۇس كەلمەيدۇ. قەرزنىمۇ زاكاتتىن تۆلىۋېتىشكە بولمايدۇ.

341 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مېنىڭ بىر ياشقا كىرگەن ئېمىۋاتقان ئوغلۇم بار ئىدى. «ھەجگە بالىنى سۈتتىن ئايرىۋېتىپ باراي» دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن باشقىلار: «سۈت ھەققى قېلىپ قالىدۇ» دېگەچكە ئىككىلنىپ قالدىم. شۇنىڭغا قارىتا مەسلىھەت بەرگەن بولسىلىرى. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سۈتتىن باشقا تاماق يېيەلەيدىغان بوۋاقنى ئېمىتىشنى ئەر – ئايال مەسلىھەتلىشىپ، ئەرنىڭ رازىلىقى بىلەن بىر ياشتا توختاتسا جائىز. سۈتتىن باشقا تاماق يېيەلمەيدىغان بوۋاقنى ئېمىش ئېھتىياجى بار تۇرۇپ، 24 ئاي تولۇق ئېمىتمىسىە، گۇناھكار بولىدۇ. 2/«بەقەرە» 233 – ئايەتتە ﴿ئەگەر ئاتا – ئانا كېڭىشىپ (بالىنى ئىككى يىل توشماستىنلا) ئايرىۋەتمەكچى بولسا، ئۇلارغا ھېچبىر گۇناھ بولمايدۇ﴾ دەپ كۆرسىتىلگەن.

342 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھېيت كۈنى توغرىسىدا ياپونىيەدىكى قېرىنداشلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. بەزىلىرى «ئەتە ھېيت» دېيىشسە، بەزىلىرى «شەنبە» دېيىشتى. بىز قايسىسىنى تۇتساق ئەۋزەل؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. سەئۇدىدا ئاي كۆرۈلدى ۋە ئەتە جۈمە ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى، شۇڭا ياپونىيەدىكى قېرىنداشلارمۇ مۇشۇ بويىچە جۈمە ھېيت نامىزى ئوقۇسا ياخشى، ۋەللاھۇ ئەئلەم.

343 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. دۇئالىرىمىزدا ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنى ئەنبىيائلارغا بېغىشلايدىغان ئىشلار باركەن. مەنچە «ئەنبىيائلار بىزنىڭ ئەمەس، بىز ئۇلارنىڭ دۇئاسىغا موھتاجمىزمىكىن» دەپ ئويلايمەن. ئەرەبلەردىن بۇنداق دۇئا قىلغاننى ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقمىدىم، تۈركلەردە باركەن. تورغا قاراپ باقسام ئاخىرقى خۇلاسە بەك توغرا ئەمەس دېگەنگە يېقىنراق خۇلاسىلەپتۇ. دۇئانىڭ ساۋابىنى ئەنبىيائلارغا بېغىشلاشقا ئۆزلىرى قانداق قارايلا؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋەياكى باشقا ئەنبىيائلارغا ساۋاب ھەدىيە قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ ھەققىدە ئۆمرە، تىلاۋەت كەبى ئەمەللەرنى قىلىپ قويۇش، سەلەف سالىھلىرىمىز ئۇنداق قىلمىغاچقا، ئارتۇقچە ئىش. شۇڭا، بىزگە كۆرسىتىلگەن بويىچە، ھەرنامازدا تەشەھھۇدتا قىلغىنىمىزدەك، دۇرۇد – سالام، دۇئا ۋە سۈننىتىگە ئەمەل قىلىپ مېڭىش ئەڭ توغرىدۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

344 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئىھراملىق ئەر كىشىنىڭ چېچىنى ئىھرامدىن چىقىشى ئۈچۈن ئايال كىشى كەسسە جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەج ياكى ئۆمرە ئىھرامىدىن چىقىش ئالدىدا چاچ چۈشۈرمەكچى ياكى قىسقارتماقچى بولغان ئىھراملىق كىشىنىڭ چېچىنى ئۆزى ياكى باشقا ئىھراملىق ياكى ئىھرامسىز ئەر ۋە ئايال كىشى چۈشۈرۈپ ياكى قىسقارتىپ قويسا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىھراملىق ھالەتتىمۇ شەرىئەت رۇخسەت قىلغان ئىش. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

345 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور. قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەندىن بىر يېقىنىم: «بەك جىددىي پۇل لازىم بولۇپ قالدى» دەپ 950 دوللار تەلەپ قىلدى ۋە: «چىن قەلبىمدىن رازى بولۇپ 100 دوللار قوشۇپ قايتۇرىمەن» دەپ تۇرۇۋالدى. سوئالىم بۇ ماڭا قوشۇپ بەرگەن 100 دوللارنى ئالسام ماڭا ھالال بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولمايدۇ. چۈنكى، قوشۇپ بەرگەن 100 دوللار قەرزنىڭ ئۆسۈمىدۇر، جازانە ھارام.

346 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! چوڭ – كىچىكلەرنىڭ كارتون فىلىمنى كۆرۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇنىڭدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە – تۈزۈملەر بارمۇ؟ مۇمكىن بولسا، سەل تەپسىلىيراق چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا، ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئادەتتە جانلىقلارنىڭ سۈرىتىنى سىزىش، قونچاقلىرىنى ياساش كۆپ ئەھۋاللاردا چەكلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كىچىك بالىلار ئۈچۈن سىزىلغان رەسىم ۋە قونچاقلار مۇستەسنا قىلىنىدۇ. كىچىك بالىلار ئۈچۈن رەسىم ۋە قونچاقلارغا رۇخسەت قىلىنغانىكەن، ئۇلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن مەزمۇنى ساغلام، پايدىلىق كارتون فىلىملەرنى ئىشلەش ۋە كۆرۈش مەيلى ئوقۇش ياكى كۆڭۈل ئېچىش دائىرىسىدە بولسۇن جائىز بولىدۇ. مۇزىكا ھۆكمىدە ئىككى خىل قاراش بولغاچقا، مۇزىكا ئارىلاشقان بولسىمۇ رۇخسەت. ئېتىقاد ياكى ئەخلاققا زىت بولمىغان، شەھۋانىي تۈس ئالمىغان ھەر تۈرلۈك خىيالىي سۈرەت بولسىمۇ مەيلى. ئەمما، خاتا ئەقىدە، ياتلارنىڭ مەدەنىيىتى، قىممەت قاراشلىرى، ئۆرپ – ئادەتلىرى ۋە ئەخلاقسىزلىق قاتارلىقلارنى سىڭدۈرىدىغان فىلىملەر ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، ھۆكمى ھارامدۇر.

چوڭلارنىڭ كارتون فىلىملەرنى كۆرۈشىگە كەلسەك، يۇقىرىقىدەك مەزمۇنى ساغلام، زەھەرلىك تەسىرىدىن خالىي، پايدىلىق كارتون فىلىم بولسا، چوڭلارمۇ ئۇنى بالىلىرى بىلەن ياكى ئۆزلىرى ئايرىم كۆرسە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ سىزىش ۋە ياساش ئەمەس. سىزىلغان رەسىملەرنى كۆرۈشنىڭ ئۆزى چەكلەنمەيدۇ. ئەمما، چوڭلارغا پايدىلىق كارتون فىلىملەرنى ئىشلەش رەسىم سىزىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئالىملار ئىچىدە بۇنى بەزى ھەدىسلەردىكى كىيىم ياكى پەردىلەردىكى رەسىملەر دائىرىسىدە قاراپ، رۇخسەت قىلىدىغانلارمۇ، يەنە «چەكلىنىدۇ – يۇ، ئەمما ھازىرقى تەشۋىقات رىقابىتىدە پايدىلىنىش ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنىدۇ» دەيدىغانلارمۇ بار. ئومۇمەن ئىشلىنىپ بولغان پايدىلىق كارتون فىلىملەرنى چوڭلارمۇ ئۆگىنىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش مەقسىتىدە ۋاقتىنى بىھۇدە زايە قىلماستىن كۆرسە بولىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا مۇسۇلمانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئىشلىسە ھەم بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

347 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! پەرز روزىدىن بىر كۈن قەرزىم بار ئىدى، تۈنۈگۈن ئاخشام «ئەتە روزا تۇتىمەن» دەپ نىيەت قىلمىغاندىم، بامداتقا ئاران ئۈلگۈرۈپتىمەن ۋە روزا تۇتۇش نىيتىگە كېلىپ قالدىم. مۇشۇنداق پەرز روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشتا نىيەتنى كېچىكىپ قىلسا دۇرۇسمۇ؟ ئاللاھ رەھمەت قىلغاي!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. رامازان روزىسىنىڭ قازاسىنى، نەزر ۋە كەففارەت روزىلىرىنى تۇتۇشتا تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىش شەرت. شۇڭلاشقا، نەفلە روزىغا نىيەت قىلىپ بولۇپ، تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئۇنى قازا روزا، ياكى كۈنىنى تەيىنلىمىگەن نەزر، ياكى كەففارەت، ياكى ھەج فىديەسى روزىلىرىنىڭ نىيىتىگە ئۆزگەرتكىلىمۇ بولمايدۇ. ئەمما، نەفلە روزا تۇتۇشقا ناشتا قىلمىغان ئەھۋالدا كۈن تىكلەشكەنگە قەدەر نىيەت قىلسىمۇ بولىدۇ. يۇقىرىقىلاردا ئالىملار بىردەك قاراشتا. پەقەتلا ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا، رامازان روزىسى بىلەن كۈنىنى تەيىنلىگەن نەزر روزىدا نىيەتنى كېچىدىن باشلاپ كۈن يېرىم بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا قىلىش بىلەنمۇ، «روزا تۇتىمەن» دېگەنلا نىيىتى ۋە نەفلە روزا نىيىتى بىلەنمۇ دۇرۇس بولىدۇ. بۇ ھەنەفىي مەزھەبنىڭلا قارىشىدا شۇنداق. باشقا مەزھەبلەرنىڭ قارىشىدا بۇلاردىمۇ نىيەتنى تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن قىلىش كېرەك.

ئىمام نەۋەۋىي («ئەلمەجمۇﺋ»، 9/368): «ۋاجىب روزىلارنى تۇتۇشتا تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلغان بولۇشى شەرت، شۇڭا رامازان روزىسىنى، قازا روزىنى، كەففارەت روزىنى، ھەج فىديەسى روزىسىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ۋاجىب روزىلارنى كۈندۈزدىكى نىيەت بىلەن تۇتۇشقا بولمايدۇ» دېگەن.

348 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك دوكتور! ھاراق سىركىسى ھەققىدىكى پەتۋالىرىنى ئوقۇپ چىقتىم. بولكىلارغا قوشۇلغان ئاز مىقداردىكى ھاراقنىڭ ھۆكمى قانداق؟ بولكىلارنى يۇمشاق بولسۇن دەپ بەزى بولكىلارغا، بولۇپمۇ فىرانسىيەنىڭ بولكىلىرىغا بەلگىلىك مىقداردا ھاراق قوشۇۋېتىدىكەن. بۇنداق بولكىلار ھارام بولامدۇ؟ رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 150 – سوئالنىڭ جاۋابىدا دېيىلگىنىدەك، ھاراق ياكى ئىسپىرت قوشۇلغان تاماقنى ئىستېمال قىلىش جائىز ئەمەس، ئۇنىڭ ئەسەرى قالمىسىمۇ بەرىبىر. چۈنكى، ھاراق ياكى ئىسپىرتنى ئىستېمال قىلىش ھارام قىلىنغاندىن سىرت، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا يېقىن كەلمەسلىككە بۇيرۇلغان.

349 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئايال كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ زاكات بەرگۈدەك شەخسىي مېلى بولمىسا، زاكات ئېلىشى دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئېرى بار ئايالنىڭ نەپىقەسى ئېرىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن بولغاچقا، ئېرى زاكات ئېلىشقا لايىق بولمىغان، ئېرى ئېھتىياجىنى قامداپ كېلىۋاتقان ئايالغا زاكات ئېلىش دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر ئېرى ئېھتىياجىنى قامدىماي تۇرۇۋالسا ياكى ئېرىمۇ زاكات ئېلىشقا لايىق كىشى بولسا ۋەياكى تۇرمۇش چىقىملىرىغا ئۆزى ئىگە، نىسابقا يەتكۈدەك مېلى يوق تۇل ئايال بولسا، ئاندىن زاكات ئالسا بولىدۇ.

350 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئۇستاز پەرز ھەجنى نىيەت قىلىپ بېرىپ، پەرز ھەج ۋاقتىغىچە ئۆمرە قىلغان كىشىگە بىر قوي قۇربانلىق كېلەمدۇ ياكى پەرز ھەجنى قىلغاندا قىلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. كەلمەيدۇ، پەقەتلا قۇربان ھېيت كۈنى ئادەتتە قىلىدىغان «ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ ھەدىيە قۇربانلىقى»نى قىلسا يېتەرلىك. چۈنكى، ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ (التَّمَتُّعُ): يەنى ھەج ئايلىرىدا ئالدى بىلەن ئۆمرەگە ئىھرام باغلاپ كېلىپ، ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىھرامدىن چىقىپ كۈتۈپ تۇرۇپ، ھەج كۈنلىرى كەلگەندە شۇ يىلقى ھەجگە قايتا ئىھرام باغلاپ ھەج قىلىشتۇر.

بىر سەپەردە ئۆمرە قىلىپ ئىھرامدىن چىقىپ كېيىن ھەج قىلماقچى بولغان كىشى يەنى ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ قىلماقچى بولغان كىشى ئەرافاتتىن مىناغا قايتقاندا، قۇربان ھېيت كۈنى مۇشۇ ئۆمرە – ھەجى ئۈچۈن بىر قوي ھەدىيە قۇربانلىق قىلىدۇ. ئۇنى قۇربان ھېيت كۈنىدىن بۇرۇن قىلىۋالسا دۇرۇس بولمايدۇ. بۇ ئادەتتە قۇربان ھېيتتا قىلىدىغان قۇربانلىقتىن باشقا ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ ھەدىيە قۇربانلىقىدۇر.

351 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور ئاكا! ئاياللار ھەج قىلماقچى بولسا، پۇتىغا پايپاق كىيىپ، ئۈستى ئوچۇق ئاياغ (ساپما كەش) كىيسە بولامدۇ ياكى ئاياغ كىيىشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاياللار ئۈچۈن ئىھرام باغلىغاندا ئالاھىدە ئىھرام كىيىم – كېچەكلىرى ياكى پۇتىغا كىيىدىغان كەش شەرتى يوق. پايپاق بىلەن ئۈستى ئوچۇق كەش ياكى قونچسىز ئاياغ كىيسە، ياكى ئادەتتە كىيگەن ئاياغ ۋە كىيىملىرىنى كىيسە بولىدۇ.

352 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! ئاياللار ھەج قىلماقچى بولغاندا ھەيز كېلىپ قالسا، قانداق قىلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاياللار ئۈچۈن ھەج ياكى ئۆمرەگە ئىھرام باغلاشتا ھەيز توسالغۇ بولالمايدۇ. ھەيز توغرا كېلىپ قالغاندا، تاۋاپتىن باشقا پائالىيەتلەرنى قىلىدۇ. ھەيز ئۇدۇل كېلىپ قالسا، شۇ چاغدىكى ئەھۋالغا قاراپ پەتۋا سورىسىڭىز بولىدۇ. مۇنۇ پەتۋادىنمۇ پايدىلانغايسىز:

353 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئىستانبۇلدا بامدات نامازنى ئەزاندىن بۇرۇن ئوقۇسا بولامدۇ؟ ھازىر ئەزان ناماز ۋاقتى كىرىپ 30 – 40 مىنۇتلاردىن كېيىن ئوقۇلىدۇ.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ناماز ۋاقتى كىرگەن بولسا ئەزان ئوقۇلسۇن – ئوقۇلمىسۇن بامداتنى ئوقۇسا بولىدۇ. چۈنكى ناماز ئوقۇش ئەزانغا ئەمەس، ۋاقىتنىڭ كىرىشى بىلەن بولىدۇ.

354 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مىللىتىمىزدە دوپپا بايرىمى دەپ بايرام بارمۇ؟ ئېقىپ يۈرۈۋاتقان دوپپا بايرىملىرىنى تەبىرىكلەشنى قانداق چۈشىنىمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. دوپپا بايرىمى دەپ مىللىتىمىز ئومۇم تەبرىكلەيدىغان بىر بايرام يوق. ھازىر بەزىلەرنىڭ تەبرىكلەۋاتقىنى مەلۇم توپنىڭ ياخشى نىيەتتە پەيدا قىلىپ بېكىتىۋالغان خاتىرە كۈنىدىن ھالقىپ كەتمەيدۇ. بۇنى دىنىي نۇقتىغا چېتىۋېلىش ھەم بۇنىڭغا جىددىي قارىۋېلىش بىھۇدە ئىش. بايرام دېيىلسە دىنىي نۇقتىدىن ئەلبەتتە بىدئەت بولىدۇ. مىللىي نۇقتىدىن دېيىلسە، دوپپا كېيىش مىللىي ئەنئەنە، بايرام ئەمەس. ھەر ئەنئەنىنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن بايرام ئىجاد قىلىنغىلى تۇرسا بايرام پاخاللىقى بولىدۇ. مىللىي بايرام سىياسىي ياكى ھېسسى ئارزۇ بىلەن ئىجاد قىلىۋالغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. توغرىسى ئۇنتۇلۇۋاتقان تارىخىي ۋە مىللىي ئەنئەنىلەرنى مەشرۇئىيىتى بار بولغان ھەقىقى بايراملىرىمىزدا ئومۇملاشتۇرۇش، كىشىلىك تۇرمۇشقا تەتبىقلاپ ئادەتلىنىشكە تەشۋىق قىلىشتۇر. ئەمما، «خاتىرە كۈن» دېيىش بولسا بۇمۇ ئاشۇ مەلۇم توپنىڭ بېكىتىۋىلىشى بولۇپ، ئومۇم مىللەتتە بىرلىككە كەلگەن ئىش ئەمەس. شۇڭا، بۇنى «مىللىي خاتىرە كۈنى» دەپ بېكىتىۋىلىشمۇ شۇ توپقىلا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ئىشنى كۆرسىتىدۇ. دوپپىنى خاتىرە كۈندىلا ئەسلەيدىغان تارىخقا ئايلاندۇرۇۋەتمەي كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىيىپ يۈرۈش مىللىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىشتۇر. دېمەك، مىللىي جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ دوپپىنى خاتىرىلەش ئەنئەنە ئەمەس، كىيىش ئەنئەنە.(ئەسكەرتىش: بۇ 2021 – يىلى 6 – ماي كۈنى يېزىلغان جاۋابتۇر)

355 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم تىنچلىقمۇ ئابدۇلئەزىز ئۇستاز! ئاللاھ سىلىنى سالامەت قىلسۇن. مەن ئەنگىلىيەدە ياشايمەن. ئەنگىلىيەگە كەلگىلى ئۇزاق بولمىدى. بۇرۇن ئەنگىلىيەدە ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھەدىس – سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچى ئاتالمىش «قۇرئانچىلار»نىڭ كۆپلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان. ئەمما، ئەنگىلىيەگە كېلىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بەك بىئارام بولدۇم، ئىچىم بەك ئاچچىق بولدى. بۇلارنىڭ بېشىدىكى ئابدۇكېرىم ئەنگىلىيەدە ياشايدۇ. ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئاتالمىش «قۇرئانچىلار» بىلەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، كۆڭلىنى ئاياپ، ھەقنى سۆزلىمەيدىكەن. يەنىلا باردى – كەلدى قىلىپ، «قۇرئانچىلار» ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلەرگە بېرىپ، ئۇلارنى قوللاپ ئۆتىدىكەن. 1) بۇ توغرىمۇ؟ ئەنگىلىيەدىلا ئەمەس، تۈركىيەدىمۇ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، قوشنىلىرى ئارىسىدا «قۇرئانچىلار» بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرىدىغان، باردى – كەلدى قىلىدىغان، كۆڭلىنى ئاياپ ھەقنى سۆزلىيەلمەسلىك مەسىلىلىرى بار. ھەتتا بەزى «قۇرئانچىلار» ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى، ئىدىيەسىنى يوشۇرىدۇ. ئەمما، ناشتىلىققا، مېھماندارچىلىققا چاقىرغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ھازىر بۇ شەيتان پىكىردىكىلەر بەك كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. 2) بۇ پىكىرنىڭ تارىخى نېمە؟ نەدىن كەلگەن؟ 3) بۇلارنىڭ ھەر بىر شەيتان پىكرىگە ئىنچىكە، تەپسىلىي رەددىيە بېرىلىپ، بىر پروگرامما ئىشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھ رازى بولسۇن. ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاتالمىش «قۇرئانچىلار» دەۋرىمىزنىڭ بىدئەتچى ئازغۇنلىرى، قەدەرىييەلىرى، خاۋارىجلىرى ۋە زىندىقلىرى بولۇپ، ئىلگىرىكى خاۋارىج، زىندىقلار ئىسلام ئۈممەتىنىڭ پارچىلىنىشىدا قانداق رول ئوينىغان بولسا، كۈنىمىزدىكى قۇرئانچىلارمۇ ئۈممىتىمىزگە، جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىگە شۇنداق زىيان ئۇرىدۇ ۋە ئېنىرگىيەمىزنى بىھۇدە تۈگىتىۋېتىشنى نىشانلايدۇ. ئىلگىرىكى خاۋارىجلار تەقۋادار ئەمما پۇختا ئىلمىي ئاساستىن مەھرۇم كىشىلەر بولسا، ھازىرقى خاۋارىجلار تەقۋادارلىقتىنمۇ، ئىلىمدىنمۇ نېسىۋىسى بولمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇپسەنلىكتە ئۇچىغا چىققان ئازغۇنلاردۇر. ھازىرقى شارائىتتا، قۇرئانچىلارنى ئىككى تۈرگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش لازىم: بىر تۈرى، ئازغۇنلۇققا تەشۋىقات قىلىدىغانلار. بۇلار بىلەن باردى – كەلدى قىلىشقا، ئاپاق – چاپاق بولۇشقا، ئولتۇرۇپ – قوپۇشقا ۋە دوستلىشىشقا بولمايدۇ. ئۇدۇل كەلگەن يەردە پاكىت بىلەن پىكىرگە پىكىر، تەشۋىقاتقا تەشۋىقات ئارقىلىق رەددىيە بېرىش، ئازغۇنلۇقلىرىدىن ئاممىنى ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك. گېزى كەلسە تەۋەللا – تەبەررا، ئاللاھ ئۈچۈن مۇھەببەت – نەپرەت ئېنىق بولۇشتەك ئىماننىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تۇتقىسىغا ئېسىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ بىرلىكى، دىنىمىزنىڭ ساغلاملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلاردىن ئالاقىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈش كېرەك. ساھابە كىراملارمۇ بۇ تۈرلۈك ئازغۇن پىرقىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلغان. ھەزرىتى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قازايى – قەدەرنى ئىنكار قىلىدىغان قەدەرىيلەر ھەققىدە سورالغىنىدا: «ئۇلار بىلەن كۆرۈشسەڭ، ئۇلارغا ئېيتىپ قويغىنكى، مەن ئۇلاردىن ئادا – جۇدامەن، ، ئۇلارمۇ مەندىن ئادا – جۇدادۇر. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ بىرەرسى ئۇھۇد تېغىدەك ئالتۇننى ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلسىمۇ، قازا – قەدەرگە ئىمان ئېيتمىغۇچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سەدىقىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن(«مۇسلىم»، 8). ئاتالمىش «قۇرئانچىلار»مۇ ئەينى زاماندىكى «قەدەرىييە»لەرگە ئوخشاشلا قازا – قەدەرنى ئىنكار قىلىدۇ. «قەدەرىييە» قەدەرنى ئىنكار قىلغان تۇرۇقلۇق قەدەرچى مەنىسىدە «قەدەرىييە» دەپ ئاتالغان بولسا، «قۇرئانچىلار»مۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلىپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنى «قۇرئانچىلار» دەپ ئاتىۋالغاندۇر. «قۇرئانچىلار» يەنە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئەقىدە – ئەھكاملارنى ئىنكار قىلىدۇ. خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزمۇ «مۇسۇلمانلاردا قەدەرىييەدەك ئېنىق ۋە ئېغىر بىدئەت پەيدا قىلىنمىغان»(«ئەبۇ داۋۇد»، 4614) دېگەن. ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ («شىفائۇل ئەلىل»، 11/2): «ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قەدەرىييەلەرگە قاتتىق پوزىتسىيەدە بولغان، ساھابە كىراملارمۇ شۇنداق قىلغان» دېگەن.

قەدەرىييەلەر تەقدىرنى ئىنكار قىلغان، خاۋارىجلار ھەدىس ۋە سۈننەتلەرنى قارىسىغا چۈشىنىۋېلىپ ئازغۇنلۇققا كىرىپ كەتكەن بولسا، ئاتالمىش «قۇرئانچىلار» قۇرئان كەرىمنىڭ نوپۇزىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئىسلامنىڭ ئىككى چوڭ مەنبەسىنىڭ بىرى بولغان سۈننەتنى قارا قويۇق بۇرمىلاپ ئىنكار قىلىشىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ سۈننەتنىڭ يوليورۇقى ئاساسىدا شەكىللەنگەن قىممەتلىك ئۆرپ – ئادەتلىرىمىز ۋە ئېسىل ئەنئەنەلىرىمىزگىمۇ تىل تەگكۈزۈپ يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ. دەۋاتقانلىرىنىڭ ئىلمىي ئاساسى بولمىغاننى ئاز دەپ، قۇرۇق گەپ سېتىشنى دانالىق چاغلىشىدۇ. بۇنداق قىلمىشلار بىر تەرەپتىن مىللەتنىڭ ئەھلى سۈننەت بىرلىكىنى بۆلسە، يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي ئاساسلارنى بىر – بىرلەپ ئۆرۈپ تاشلاشقا خىزمەت قىلىدۇ. ھېسابتا بۇلارنىڭ قىلمىشلىرى كومپارتىيە مېڭە يۇيۇپ، ئېزىپ زورلاپ، قىرىپ – چېپىپمۇ يوقىتالمىغان ئىشلارنى قىلچە سىستېمىلىق ئىلىم تەھسىل قىلىش تارىخى بولمىغان ماڭقۇرت زىندىقلارنىڭ قولىدا يوقىتىلىشىغا ھەسسە قوشقانلىق بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئازغۇنلارغا كەسكىن بولۇش، قەتئىي رەت قىلىش ۋە ئادا – جۇدالىق پوزىتسىيەسىدە بولۇش لازىم.

يەنە بىر تۈركۈمدىكىلەرگە كەلسەك، بۇلار ئاساسەن يۇقىرىقى ئازغۇنلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئەمما ئازغۇنلۇققا تەشۋىق قىلمايدىغانلار. بۇلار بىلەن باردى – كەلدى مۇناسىۋەتنى ئۈزمەي، توغرىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىش ۋە ئۇلارنى بۇ ئازغۇنلارنىڭ تەسىرىدىن تازىلىنىپ ئەھلى سۈننەت ۋەلجەمائەنىڭ توغرا يولىغا قايتىشقا، قۇرئان ۋە سۈننەت روھىغا ئۇيغۇنلىشىشقا دەۋەت قىلىشىمىز، قېرىنداشلىقنى بۇ ئاساستا چىڭىتىشقا تىرىشىشىمىز لازىم. بۇ ئىشتا ياغلىمىچىلىق قىلماستىن، ئازغۇن پىكىرگە رازىمەنلىك كۆرسەتمەستىن، سىلىق ۋە چىرايلىقچە گەپ قىلىش، ئادالەت – ئىنساپنى لازىم تۇتۇش كېرەك. بۇ ئازغۇن تائىپەنىڭ تارىخى ۋە ياقىلىغان قاراشلىرى ھەققىدە «قۇرئانچىلار كۆتۈرۈپ چىققان ئېتىقادىي ۋە فىقھىي مەسىلىلەر» تېمىسىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرىدىن پايدىلانغايسىز:

356 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۆلۈپ كەتكەن دادامنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنى مەن قانداق تۇتسام بولىدۇ؟ سىز يوللىغان سوئال – جاۋابلارنىڭ ئون بىرىنچىسىدە «تۇتسا بولىدۇ» دېيىلگەنىكەن. بىراق، مەن كۈندە تۇتىمەنمۇ ياكى بىر ئاي تۇتۇپ، بىرەر ھەپتە ئارام ئالساممۇ بولامدۇ؟ ھەر كۈنى ئىفتار ۋاقتىدا «ئى ئاللاھ! تۇتقان روزامنى دادامنىڭ تۇتالمىغان روزىسىغا ھېساب قىلغىن» دەپ دۇئا قىلىمەنمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنى تۇتۇشتا شارائىتى ۋە ئىمكانىيىتى يار بەرگەنچە بىر قېتىمدا خاھلىسا بىرنەچچە كۈن ئارقا – ئارقىدىن، خاھلىسا بىر ياكى بىرنەچچە كۈن ئاتلاپ تۇتىدۇ، چوقۇم «ئۇلاپ تۇتىسەن» دەيدىغان گەپ يوق. دۇئادىمۇ ئاغزاكى «بۇ روزىنى ئاتام ئۈچۈن تۇتتۇم» دېيىش شەرت ئەمەس، كۆڭلىدە شۇنى نىيەت قىلىپ تۇتىۋەرسە بولىدۇ.

357 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئوغۇل بالىلارنىڭ ۋە ئەرلەرنىڭ كىيىم مودېلى بولۇپ ئىشلىشى دۇرۇسمۇ؟ دۇرۇس بولسا، بۇ ئىشتا قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىنىشى كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئەرلەرنىڭ ئەۋرىتى كىندىكتىن تىزغىچە بولغاچقا، ئەۋرەتنى ئاچماسلىق ۋە نامەھرەم ئاياللار بىلەن بىللە خىزمەت قىلماسلىق شەرتى بىلەن ئوغۇللارنىڭ ۋە ئەرلەرنىڭ كىيىم مودېلى بولۇپ ئىشلىشى جائىز. بۇ خىزمەتنى قىلىش جەريانىدا باشقا دىندىكىلەرنىڭ ئېتىقادىغا چېتىشلىق كىيىم – كېچەك ۋە بەلگە، زىننەتلەردىن، شۇنداقلا ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدىغان كىيىم – كېچەكلەردىن ۋە ئەۋرىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ قويىدىغان زىيادە تار ئىشتانلارنى كېيىشتىن يىراق تۇرۇشى لازىم.

358 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يولدىشىم تۈنۈگۈن ماڭا: «سىز پۇلىڭىزنى ئايرىم خەجلىسىڭىز، مەن بىلەن ئۆي تۇتماڭ» دەيدۇ. بۇ شەرىئەت ھۆكمىدە توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئايال كىشىنىڭ ئايرىم ئىگىلىك ھوقۇقى بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ خاس مۈلكىنى خاھلىغىنىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ. ئەرنىڭ ئايالىغا: «پۇلىڭىزنى مېنىڭ پۇلۇمغا قوشۇپ خەجلىشىڭىز كېرەك» دېيىشى شەرىئەت ھۆكمىدە توغرا بولمايدۇ. ئەمما، بۇ سۆزنىڭ نىكاھقا تەسىر يېتىش – يەتمەسلىكىنى ئەر – ئايال ئىككىيلەن بىرلىكتە بىرەر ئەھلى ئىلىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى بايان قىلىپ سورىشى لازىم. ۋاتساپتا مۇنداقلا سورىغانغا جاۋاب بېرىلسە، توغرا بولمايدۇ.

359 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. قانداق ئەھۋاللىرى ئۇستاز! بىر دەرستە: «بالىسىغا ‹مۇھەممەد› دەپ ئىسىم قويغان ئادەم بالىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە بولمايدۇ. ئۇرۇپ – تىللىسا بولمايدۇ» دەيدۇ. راست شۇنداق ئىش بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئۇنداق چەكلىمە يوق. بىر قىسىم توقۇلما ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ، بەزىلەر «شۇنداق» دېگەن بولۇشى چوڭ ئېھتىمال.

360 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! ئايال كىشى چۈشكەن چاچنى كۆمۈۋېتەمدۇ؟ كۆمۈۋەتمىسە، گۇناھ بولامدۇ؟ ئەخلەتكە ئاتىدىغانلارمۇ، كۆيدۈرۈۋېتىدىغانلارمۇ بار ئىكەن. قايسىسى توغرا؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. چۈشكەن ياكى چۈشۈرۈلگەن چاچ، ئالغان تىرناق دېگەنلەرنى ئەخلەتكە قوشۇپ تاشلىۋەتسەك بولىدۇ. كۆمۈۋېتىش ۋاجىب ئەمەس.

361 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىنى سالامەت قىلسۇن! ئىلىملىرىدىن بىزلەرنى تولۇق نېسىۋىدار قىلسۇن. مەن ھازىر ياۋروپادا كىملىك چىقىشىنى ساقلاۋاتىمەن، دۇئا قىلىشقا بەك ئېھتىياجىم بار، ئەمما يېگەنلىرىم شۈبھىلىك بولغاچقا، كۆڭلۈم بىئارام. شۇنداقتىمۇ دۇئانى تاشلىمىدىم. بىرقانچە كۈندىن بېرى ئىشەنچلىك يېمەكلىكلەرنى يەپ دۇئا قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ئەمما ئۇزۇن داۋاملاشتۇرالمىدىم. ھازىرقى ھالەتتە مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. تۆۋەندىكى يازمىدا دېيىلگەندەك، شۈبھىلىك يېمەك – ئىچمەكتىن يىراق تۇرۇپ، تائەت – ئىبادەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىسىز، ئاللاھ ئاسانچىلىق بەرگەي. https://sajiya.biz/?p=2014

362 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىستانبۇلدىن بۇرساغا بىر ئايال كىچىك بالىلىرى بىلەن مەھرەمسىز بارسا بولامدۇ؟ ھەدىستىكى «بىر كېچە – كۈندۈزلۈك سەپەر» دېگەننىڭ ئۆلچىمى قانچىلىك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. مۇساپە 85 كىلومېتىردىن ئاشسا، مەھرەمسىز سەپەر قىلىشقا بولمايدۇ. ھەدىستىكى «بىر كېچە – كۈندۈزلۈك سەپەر»نىڭ ئۆلچىمى سەپەر ئېھتىياجلىرىنى قامدىغان نورمال ھالەتتە تۆگىنىڭ مېڭىشى ۋە پىيادە مېڭىش بويىچە 85 كېلومېتىردۇر. چۈنكى، بىر كۈن كۈندۈزدە پىيادە باسىدىغان مۇساپە 40 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. «سەھىھۇلبۇخارىي، 1088»دا كېلىشىچە: نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ئايالنىڭ مەھرەمسىز بىر كېچە – كۈندۈزلۈك يولغا سەپەر قىلىشى ھالال بولمايدۇ» دېگەن ۋە بىر كېچە – كۈندۈزلۈك سەپەرنىمۇ «سەپەر» دەپ ئاتىغان. ئىبنى ئۆمەر، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار تۆت بەرىد ئارىلىقتا نامازنى قەسر قىلىپ، روزا تۇتمايتتى. بۇ ئون ئالتە پەرسەخكە توغرا كېلەتتى. بىر بەرىد تۆت فەرسەخكە، 22 كىلومېتىرغا باراۋەر. بۇ ئۆلچەم ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆلچەملەرنى ھازىرقى زامان ئۆلچەملىرىگە سۇندۇرۇشتىكى قىسمەن ئوخشىماسلىقلار سەۋەبىدىن 80 كىلومېتىردىن 90 كىلومېتىرغىچە بولغان مۇساپىنى كۆرسىتىدىغان بولغان. دېمەك، ئېرى ياكى مەھرەمىسىز ھالال بولمايدىغان سەپەر ئۇزۇن ۋە قىسقا ھەممە سەپەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

363 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئايالى ئېرىگە: «سىزدىن ئاجرىشىپ كېتىمەن» دېسە، ئېرى: «ئويلىنىپ بېقىڭ، ئارتۇق بىرنەرسە دېمەيمەن، ئۆزىڭىز ئوبدان ئويلىشىپ بىر ئىش قىلارسىز» دېسە، نىكاھقا تەسىر يېتەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. بۇنى ئەر – ئايال ئىككىيلەن بىرلىكتە بىرەر ئەھلى ئىلىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى بايان قىلىپ سورىشى لازىم. ۋاتساپتا مۇنداقلا سورىغانغا جاۋاب بېرىلسە، توغرا بولمايدۇ.

364 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۆي – مۈلۈك سودىسىغا مەبلەغ سالغانىدىم، ئەملاكچى شېرىكىم ئۆينىڭ ئېلانىغا «كىرىدىگە ئۇيغۇن» دەپ يېزىپتۇ، يەنى «بۇ ئۆينى سېتىۋالغاندا، ئۆسۈملۈك قەرز ئالالايسەن» دېمەكچى. بۇنداق قىلساق، باشقىلارنىڭ ئۆسۈمگە ئارىلىشىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالغان بولۇپ، گۇناھكار بولامدۇق ياكى جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىش سېتىۋالغۇچى بىلەن بانكا ئارىلىقىدىكى مۇئامىلە بولۇپ، بىرەر ئۆي ياكى زېمىن ئېلانىغا «كىرىدىگە ئۇيغۇن» دەپ يېزىش گەرچە «بۇ ئۆينى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز ئالالايسىز» دېگەننى بىلدۈرسىمۇ، تۈركىيە ئۆرپىدە ئۆينىڭ مەلۇم مۈلكىيەت قانۇنىغا ۋە قۇرۇلۇش ئۆلچەملىرىگە توشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بۇ ئۆسۈمگە تەشۋىقات قىلىش دائىرىسىگە ئېنىق كىرمەيدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، بۇنى يېزىش چەكلەنمەيدۇ.

365 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەقسەت: ئىستانبۇلدا رامازاننىڭ كىرىشى بىلەن ئەزاننى يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ئالدىغا سۈرۈۋېتىدىكەن، رامازاندىن كېيىن ھازىرقى كۈنلەردە يەنە 30 مىنۇتتىن كۆپرەك كەينىگە سۈرۈۋېتىدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا نەفلە روزا تۇتۇپ قالساق، ئەزان چىققۇچە يەپ – ئىچسەك بەك كېچىكىپ كەتكەن بولۇپ قالىمىزمۇ؟ ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتنى قانداق بەلگىلىسەك بولىدۇ؟ رەھمەت، ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. سوھۇرلۇق ۋە ئىفتار ۋاقىتلىرى ئەزانغا ئەمەس، بەلكى كۈننىڭ چىقىش ۋە ئولتۇرۇشىغا باغلىق. ھازىر دىيانەتنىڭ ناماز ۋاقىتلىرى جەدۋىلىدىكى «ئىمساك ۋاقتى» كىرگۈچە يەپ – ئىچسىلە بولىدۇ، ئەزان چىققۇچە ئەمەس.

366 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئاسما ئوكۇل ئۇرغۇزسا، تاھارەت سۇنامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئوكۇل ئۇرغۇزۇشنىڭ ئۆزى تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ. لېكىن، يىڭنە سانجىغان يەردىن قان چىقىپ ئەتراپقا تارىسا ئاندىن تاھارەت سۇنىدۇ. ئەتراپقا تارىمىسا، سۇنمايدۇ.

367 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئوبدان تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. پەتۋالىرىدا ئېرى بىلەن مەھرەمنى «ۋە» بىلەن باغلاپتىلا، ئىككىسى بىر ئەمەسمۇ؟ پەرقىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا، رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئىككىسى بىر ئەمەس. چۈنكى، «مەھرەم» نەسەب ۋە ئېمىلداشلىق جەھەتتىن ئاتىسى، بوۋىسى، ئوغلى، ئاكىسى، تاغىسى، ئوغۇل نەۋرىسى ۋە جىيەنىگە ئوخشاش كىشىلەر، قۇدا – باجىلىق جەھەتتىن ئۆگەي ئاتىسى، قېيىنئاتىسى ۋە كۈيئوغلىغا ئوخشاش كىشىلەر بولۇپ، بۇلار ئۇ ئايالغا نىسبەتەن ھەر زامان ۋە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىشى مەڭگۈلۈك چەكلەنگەن كىشىلەردۇر. دېمەك، ئايالنىڭ ئېرى «مەھرەم» دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، ئەمما، سەپەر قاتارلىق ئىشلاردا «مەھرەم» قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، «مەھرەم»نى شەرت قىلىشتىن مەقسەت ئايالنى قوغداش بولۇپ، بىللە ئارىلىشىپ خالىي ئولتۇرۇپ – قوپۇش، قاراش ۋە تۇتۇش قاتارلىق ئىشلاردا ئېرى مەھرەمنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. يەنە بەزىدە فۇقەھائلار «ئېرى ياكى مەھرىمى» دەپ ھەدىسلەردە كەلگەندەك ئايرىپ ئاتايدۇ.

368 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ھەپتىلىك بازاردا گىلەم ساتىمەن. ساتقاندا «ئالماشتۇرۇلمايدۇ، قايتۇرۇلمايدۇ» دەپ شەرت قىلىپ سېتىشىم توغرىمۇ؟ بىر خېرىدار شۇنداق شەرتلىشپ سېتىۋالغان گىلەمنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قايتۇرۇپ كەپتۇ، «ياندۇرىمەن» دېدى. مەن: «بىز شەرتلەشكەن. ياندۇرۇش، ئالماشتۇرۇش يوق» دېسەم، «ئۇنداقتا 100 لىرا تۇتۇۋېلىپ ئېلىپ قالغىن» دەپ تۇرۇۋالدى. «ماقۇل» دەپ 800 لىراغا ساتقان گىلەمنى 700 لىرا قايتۇرۇپ بېرىپ ئېلىپ قالدىم، بىراق كۆڭلۈم ئۇ 100 لىرانى قوبۇل قىلمىدى، بۇ پۇل ھاراممۇ؟ قانداق قىلسام توغرا بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. توغرا. ساتقۇچى «ئالماشتۇرۇلمايدۇ، قايتۇرۇلمايدۇ» دەپ شەرت قىلغان بولسا، «مۇسۇلمان قىلغان شەرتكە ئەمەل قىلىدۇ» دېگەن ھەدىسكە ئاساسەن سېتىۋالغۇچىنىڭ ئەسلا قايتۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ قايتۇرۇش ھەققىدىن ۋاز كەچكەن. ئۇنداق شەرتلەشمىگەن ئەھۋالدىمۇ سېتىۋالغۇچىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىش ۋە ئالماشتۇرۇش ھەققى بولمايدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئايرىلىپ كەتمىگەنلا بولسا، سودىدىن يېنىۋېلىش ھوقۇقى بار» دېگەن سۆزى سودىلاشقان سورۇندىن ئايرىلغاندىن كېيىن يېنىۋېلىش ھەققى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئەھۋالدا يېنىۋېلىشقا بولىدۇ: 1) مەلۇم ۋاقىت ئويلىنىپ بېقىشنى شەرت قىلغان ئەھۋال؛ 2) تاۋاردا ئەيىب – نۇقسان بايقالغان ئەھۋال؛ 3) تاۋارنى كۆرمەي سېتىۋلغان ئەھۋال. بۇنىڭغا ئاساسەن، تاۋاردا ئەيىب كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا سېتىۋالغۇچى تاۋارنى قايتۇرالمايدۇ. ئەگەر پۇل تۇتۇۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرسە، بۇ مالنى ساتقان بولىدۇ. يەنى بۇ يېڭى بىر سودا. شۇڭا، تۇتقان پۇل ھالال بولىدۇ. نەتىجىدە 800 لىراغا ساتقان گىلەمنى كېيىن شۇ كىشىدىن 700 لىراغا سېتىۋالغان بولىدۇ.

369 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ مېنىڭ ئالتە ياشلىق قىزىم ئاق كېسەل بولۇپ قالغانىدى، تېۋىپ دورىسى قىلدىم، ھېچبىر ئۈنۈمى بولمىدى. دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ، دورا ئالدىم، يەنە ئۈنۈمى بولمىدى. ئاللاھنىڭ سىنىقى كەلدى. بۈگۈن يەنە «يولدىشىمغا دېمەي، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ كېلەي» دەپ ئويلىغانىدىم. «دېمەي بارسام، گۇناھ بولارمۇ؟» دەپ قورقىمەن. «دەپ باراي» دېسەم، «دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ باقتىڭىزغۇ؟» دەپ بارغىلى قويمايدۇ. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ لېكىن، بۇ كېسەل يۈزىدە كۆپەيدى، قاش – كىرپىكى ئاقىرىپ قالىدىكەن. مېنىڭ بۈگۈن بېرىشتىكى مەقسىتىم: بېرىپ داۋالىنىۋاتقان كېسەللەردىن قايسى ئۇسۇلدا داۋالىدى؟ ئۈنۈمى بولدىمۇ، يوق؟ بىلىپ كېلىپ، يولدىشىمغا يالۋۇرۇپ: «ئۈنۈمى بوپتۇ، ئاپىرىپ داۋالىتايلى» دېيىشتۇر. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ جاۋاب بەرگەن بولسىلا! ئۇستاز! ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. قىزنىڭ ئاتىسى «بەلكىم بۇ كېسەلنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسى يوق» دېگەن قانائەتتە بولغاچقا، دوختۇرغا بېرىشنى توسقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ كېسەلدىن ساقايغانلار بار. شۇڭا، بىر دوختۇردا بولمىسا، يەنە بىر دوختۇردا ئۈنۈم بېرىپ قالىدۇ. ئەگەر ئاتا توسۇپ بارغۇزمىغان ئەھۋالدا، ئۇقتۇرماي قىزنى دوختۇرغا ئېلىپ بارسىلا بولىدۇ. ئاللاھ ئىگەم شىفالىق ئاتا قىلسۇن!

 370 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تىنچلىقمۇ؟ «قۇرئانچىلار» دېگەن كىملەر؟ چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. بۇ ئازغۇن تائىپەنىڭ تارىخى ۋە ياقىلىغان قاراشلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكى «قۇرئانچىلار كۆتۈرۈپ چىققان ئېتىقادىي ۋە فىقھىي مەسىلىلەر» تېمىسىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرىدىن پايدىلانغايسىز:

371 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ نەفلە روزا تۇتۇش ئۈچۈن نىيەت قىلىپ يېتىپ، سوھۇر ۋاقتىدا ئۇخلاپ قالسا، سوھۇرلۇق يېمەي روزا تۇتىۋەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. بولىدۇ.

372 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تىنچلىقمۇ؟ ياۋروپادىكىلەر بەكلا ئېھتىياجلىق ھالەتتە ماشىنىنى نەق سېتىۋېلىشقا قۇربىمىز يەتمىسە، تاكسىت قىلىپ سېتىۋالساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئۆتكەن يىلقى 1 – سوئال ۋە بۇ يىلقى 318 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ.

373 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن. قۇرئان تۇتۇپ قىلغان قەسەمنى بۇزغان كىشى گۇناھكار بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. «قۇرئان» ياكى «قۇرئاننىڭ ھەققى – ھۆرمىتى»، «كەئبە» ياكى «كەئبەنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى» قاتارلىق ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بېرىلىدىغان بىر قىسىم ئۇلۇغ شەيئىلەر بىلەن قەسەم قىلىشتا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. توغرىسى، مەجبۇر بولمىغان ئەھۋالدا بۇلار بىلەن قەسەم ئىچمەسلىك كېرەك. ئەگەر مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن قەسەم ئىچسە، ھېچقىسى يوق. ھەتتا بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن بولسىمۇ يۇقىرىقىلار بىلەن ئىچىلگەن قەسەم كۈچكە ئىگە قەسەمدۇر. مۇبادا بۇ قەسەمدە تۇرمىغان ئەھۋالدا، كەففارەت بېرىۋېتىش كېرەك. مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=8426

374 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن توي قىلغىلى 12 يىل بولدى، ئۈچ بالام بار. توي قىلغاندىن بېرى يولدىشىم ئاساسەن ھۇجرا ئۆيدە ئۇخلىمايدۇ. كومپيۇتېرغا بەك باغلىنىپ قالغانلىقتىن، مېھمانخانا ئۆيدە ساپانىڭ ئۈستىدە ئۇخلايدۇ، بىرقانچە ئايدا بىر قېتىم ھۇجرا ئۆيدە ئۇخلايدۇ. بۇ ئەھۋال ماڭا بەك ھاقارەتلىك بىلىنىدۇ، بۇنداق قىلسا، ماڭا بەك ھار كېلىدىغانلىقىنى بىرقانچە قېتىم دېگەن بولساممۇ، بىرقانچە كۈن ھۇجرا ئۆيدە ئۇخلايدۇ، كېيىن يەنە يوق. ئەگەر ھەقىقەتەن خىزمەت سەۋەبىدىن زۆرۈر ۋە جىددىي ئىش بولغان بولسا، توغرا چۈشىنەتتىم. بۇ سەۋەبتىن يولدىشىمغا قىزغىن بولمىسام ياكى بەزىدە رەت قىلسام ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. قىزغىن بولمىسىڭىز ياكى رەت قىلسىڭىز، يولدىشىڭىز پۈتۈنلەي باشقا يەردە ئۇخلايدىغان بولىدۇ ھەم رەت قىلسىڭىز گۇناھكار بولىسىز. بۇ ئەھۋالدا چىرايلىق سۆھبەتلىشىپ مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش لازىم.

375 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ بىر قېرىندىشىمىز يۈز ئاسرايدىغان ماي ۋە چاچ سوپۇنى قاتارلىق مەھسۇلات ئىشلەپ ساتىدىكەن ۋە ئۇ مەھسۇلاتقا ۋاكالەتچى قوبۇل قىلىدىكەن. پۇل تۆلەش ئارقىلىق ۋاكالەتچى بولغاندىن كېيىن توپ باھادا بېرىدىكەن. ۋاكالەتچىسى مالنى سېتىپ بولالمىسا، ئۆزى سېتىشىپ بېرىدىكەن. مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىپ بېرىدىكەن. بۇنىڭدا «سىزمۇ ئەزا قوبۇل قىلىڭ» دەيدىغان گەپ ۋە ئۇنداق شەرت يوق. ئەمەلىي ئىشلىتىپ تەجرىبىدىن ئۆتكەن مەھسۇلات. پۇل ئەۋەتسەك، مال پوچتا ئارقىلىق قولىمىزغا تېگىدۇ. ئىشلەپچىقارغۇچىغا ۋاكالەتچىلىك ھەققى تۆلەش شەرىئەتكە خىلاپمۇ؟ مەھسۇلات چىقارغان كىشى «تەتقىق قىلىپ، ۋاقىت، كۈچ ۋە ئىقتىساد سەرپ قىلدىم» دەپ ئالىدىكەن. نۇرلۇق شەرىئىتىمىزدە بۇ پۇلنى تۆلەش ۋە ئېلىش توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. بۇنى «ۋاكالەتچى» دەپ ئاتىغاندىن «ئەزا» ياكى «چۆپقەت» دەپ ئاتاش تېخىمۇ مۇناسىپ. ئەزالىققا پۇل تۆلەش توغرا بولمايدۇ. ئاندىن بۇ توختامدىكى «مالنى ئەزا سېتىپ بولالمىسا، ئۆزى سېتىپ بېرىش ۋە مەھسۇلاتنى ئېلان قىلىپ بېرىش» دېگەندەك قوشۇمچە شەرتلەرمۇ توختامنى مۇجمەل ۋە گىچماچ قىلىپ ناتوغرىلىققا ياتقۇزىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ناتوغرا ۋە شۈبھىلىك دائىرىگە كىرمەي، مالنى توپ ئېلىپ، پايدىسىغا توپ ياكى پارچە ساتسىڭىز بولىدۇ. چۆپقەت بولغاندىن كېيىن، سىزگە يۇقىرىقىدەك «ئېتىبارلىق باھادا بېرىش، سېتىشىپ بېرىش ۋە ئېلان قىلىشىپ بېرىش» قاتارلىق خىزمەتلىرىنى چۆپقەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سۇنسا بولىدۇ. مەھسۇلات چىقارغان كىشى «تەتقىق قىلىپ، ۋاقىت، كۈچ ۋە ئىقتىساد سەرپ قىلدىم» دەپ ھەق ئالماقچى بولسا، مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىپ ساتسا بولىدۇ. مەسىلەن، ئايفۇن كەبى تېلېفۇنلارمۇ شۇنداق. تەتقىقاتقا سەرپ قىلىنغان پۇللار مەھسۇلات باھاسىغا قوشۇپ تىرىلدۈرۈلىدۇ.

376 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ئايال كىشى ئادەت كۆرۈۋاتقان ۋاقىتتىمۇ ئىستىخارە سالالامدۇ؟ سالالىسا ئۇسۇلى قانداق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئادەت كۆرۈۋاتقان ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالمىغانلىقتىن، دۇئا قىلىپلا ئىستىخارە سالسا بولىدۇ.

377 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ئايال كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ زاكات بەرگۈدەك شەخسىي مۈلكى بولمىسا، زاكات ئالسا دۇرۇس بولارمىش. بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئېرى بار ئايالنىڭ نەپىقەسى ئېرىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن بولغاچقا، ئېرى زاكات ئېلىشقا لايىق بولمىغان، ئېرى ئېھتىياجىنى قامداپ كېلىۋاتقان ئايالغا زاكات ئېلىش دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر ئېرى ئېھتىياجىنى قامدىماي تۇرۇۋالسا ياكى ئېرىمۇ زاكات ئېلىشقا لايىق كىشى بولسا، ئاندىن زاكات ئالسا بولىدۇ.

378 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ياۋروپادا بانكىدا ئىشلەشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە بانكىدا ئىشلەشنىڭ ھۆكمى ئوخشاشلا ھارام. چۈنكى بانكا جازانەخانا بولۇپ، شەرىئىتىمىزدە جازانە ھالاك قىلغۇچى چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن سانالغان، ئاللاھ تائالا قۇرئاندا جازانە يېگۈچىگە جەڭ ئېلان قىلغان ۋە بىلىپ تۇرۇپ جازانە مۇئامىلىسى قىلغانلارنى دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلار قاتارىدىن ساناپ، جازانىدىن كەلگەن كىرىمدىن بەرىكەتنى كۆتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان(2/«بەقەرە»: 275 – 280). پەيغەمبىرىمىزمۇ جازانە يېگۈچىگە، يېگۈزگۈچىگە، يازغۇچىغا ۋە ئۇنىڭ ئىككى گۇۋاھچىسىغا لەنەت قىلىپ: «ئۇلارنىڭ ھەممىسى باراۋەر»(«مۇسلىم»، 1598) دېگەن.

379 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تىنچلىقمۇ؟ ئاللاھ سىلىنى سالامەت قىلسۇن. «IT (ئايتى)»، «Java (جاۋا)» دېگەندەك كەسىپلەردە ھازىر ياشلار كۆپ ئوقۇۋاتىدۇ، بۇلارنى ئامېرىكادىكى دولقۇن مۇئەللىم ۋە باشقىلار: «ھەرقايسى جايلاردا خىزمەت تېپىش پۇرسىتى ئەڭ تېز، مائاشىمۇ ئالاھىدە ياخشى» دەپ چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ. لېكىن، بەزى بالىلار بۇ كەسىپتە خىتتاينىڭ شىركەتلىرىگە تىزىملىتىدىكەن ياكى خىتتاينىڭ شىركەتلىرى ئۆزى «ئىشقا ئالىمىز» دەيدىكەن. مەسىلەن، «Huawei (خۇاۋىي)» ياكى «xiaomi (شاۋمىي)» تېلېفون شىركەتلىرى. ئەمدى بۇلارنىڭ شىركىتىدە ئىشلەشنى خاھلىسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ ئاندىن خىتتاينىڭ شىركىتىدىن باشقا شىركەتلەردە ئىشلىسە، ئۇلارنىڭ قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىغا قاراش مۇھىممۇ ياكى ئىقتىساد ئۈچۈن «پۇل بولسىلا بولىدۇ» دەپ قارا – قويۇق ئىشلەۋېرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تاجاۋۇزچى خىتتاينىڭ شىركەتلىرىدە ئىشلەشكە بولمايدۇ. چۈنكى، خىتتاينىڭ شىركىتىدە ئىشلەش زالىمغا خىزمەت قىلىش ۋە يانتاياق بولۇش بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتتاي شىركەتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلۈك قويمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىرىمۇ كۆپ. خىتتاينىڭ شىركىتىدىن باشقا شىركەتلەردە ئىشلىسە، ئۇلارنىڭ قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىغا قاراش مۇھىم. قانچىلىك ھەق بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، دىنىمىزدا چەكلەنگەن ئىشلارغا بىۋاسىتە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قىلىشقا بولمايدۇ.

380 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئاللاھ ھەرۋاقىت سالامەت قىلسۇن، ئامىن! ئۇستاز! 2/«بەقەرە» 65 – ئايەتتىكى «شەنبە كۈنى بېلىق تۇتۇش چەكلىمىسى» پەقەتلا يەھۇدىيلارغا قىلىنغان چەكلىمىمۇ ياكى ئومۇمىي پۈتكۈل پەيغەمبەر ئۈممىتىگە قارىتىلغان چەكلىمىمۇ؟ ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. 51 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ. دەپ ئۆتكىنىمزدەك، بۇ يەھۇدىيلارغا خاس چەكلىمە، بىزگە ئەمەس.

381 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! ناخشا – مۇزىكىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. بۇ يازمىغا قاراڭ: https://sajiya.biz/?p=5932

382 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ «سايلامغا قاتنىشىش ۋاجىب» دەپتىكەنلا، بۇ قېتىملىق سايلامدا تۈركىيەنىڭ ئىچىدىلا سايلاش سالاھىيىتى بار تۇرۇپمۇ، ئون مىليونغا يېقىن كىشى بېلەت تاشلىغىلى بارماپتۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزمۇ بارلىقى ئېنىق. سوئالىم: 1) ئاشۇ بېلەت تاشلىمىغانلارنىڭ ھەممىسى گۇناھكار بولامدۇ؟ 2) ئىسلام دۈشمەنلىرىگە بېلەت تاشلىغاندىن ئۆيىدە ئولتۇرغىنى ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. 1) «سايلامغا قاتنىشىش ۋاجىب» دېگەنلىكنىڭ ئۆزى «قاتناشمىسا گۇناھكار بولىدۇ» دېگەنلىك. چۈنكى، بۇ ۋاجىبنى تەرك ئەتكەنلىك. 2) بېلەت تاشلىماي ئۆيدە ئولتۇرسىمۇ ۋاجىبنى تەرك ئەتكەنلىك بولىدۇ. بۇ يەردە «ئەۋزەل» دەيدىغان گەپ يوق. چۈنكى، ۋاجىب بولمىغاندا ئاندىن ئەۋزەل دېيىش بولىدۇ. ئەقىللىق بىر مۇسۇلماننىڭ ئىسلام دۈشمەنلىرىنى قوللىمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان.

383 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن… خىزمەتلىرىنى قوبۇل قىلسۇن. 1) يېقىندا ئۇيغۇر قېرىنداشلار خىتتاينىڭ شەھەرلىرىدىن ياكى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلاردىن (ئەلبەتتە ئۇلارمۇ خىتتايدا ئىشلەنگەن ماللار) ياكى خىتتايدىن مال سېلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كىيىم – كېچەك قاتارلىق ھەرخىل ماللارنى ئەكەلدۈرۈپ سېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى جائىز بولامدۇ؟ 2) ئۆزبېكىستاندىن، دۇبەيدىن ئەكەلدۈرگەن چىنە – قاچىلارنىڭمۇ كۆپىنچىسى خىتتايدىن كېلىدىكەن، بۇلارنى ئەكەلدۈرۈپ سېتىش جائىز بولامدۇ؟ 3) تۈركىيەدىكى ياكى باشقا دۆلەتلەردىكى خىتتاي ماللىرىنى توپ بازاردىن ئەكىلىپ سېتىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟ (چۈنكى ھازىر مۇشۇنداق ۋەتەندىكى ياكى ئىچكىرىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن مال ئەكەلدۈرۈپ سېتىپ، ھەتتا باشقا ئۇيغۇرلارغا توپ تارقىتىۋاتقان ئىشلار مەۋجۇد بولغاندىن سىرت، ئەكەلدۈرىدىغان، زاكاز ئالىدىغان ماللارنىڭ تۈرلىرىنى ھە دەپ كۆپەيتىۋاتىدۇ. پايپاقتىن تارتىپ ئون مىڭ لىرالىق نوركا چاپانغىچە زاكاس ئېلىۋاتىدۇ، شۇڭا سورۇشۇم…)

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك، بىرەر شەخس مۇنداقلا ھۆكۈم چىقىرىدىغان مەسىلە ئەمەس. بەلكى نەزەرىيە جەھەتتىن ھەر ساھە مۇتەخەسسىس ئالىملار يىغىلىپ مۇزاكىرىلىشىپ، ئەتراپلىق ئويلىشىپ قارار چىقارسا مۇناسىپ. بۇ مەسىلىدە كوللېكتىپ ھۆكۈم چىقىرىش ۋۇجۇدقا چىقمىغان بۇ ئەھۋالدا مۇنداق دېيىش مۇمكىن: ئەمەلىيلىشىشى قىيىن بولسىمۇ، نەزەرىيە جەھەتتىن خىتتاي مېلىنى بايقۇت قىلىش ۋاجىب. شۇڭا، خىتتاي مېلىنى ئېلىپ – ساتماسلىق، تىجارەت قىلىۋاتقانلار باشقا تىجارەت يولىنى ئىزدىشى، تاپقان ھامان بۇ خىل تىجارەتنى تاشلىشى كېرەك. دەرھال تاشلىيالايدىغانلار دەرھال تاشلىشى كېرەك. مال زاكاز قىلىدىغان ئىستېمالچىلارمۇ ئالاھىدە زۆرۈر بولمىغان ماللارنى زاكاز قىلماسلىقى ۋە سېتىۋالماسلىقى كېرەك. تۈرلۈك ساھەلەردىكى زۆرۈرىيەت دائىرىسى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

384 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! توپقا يوللانغان پەتۋالارنى كۆردۈم. ئاللاھ ئۇستازدىن رازى بولسۇن. بولسا مۇشۇ «خىتتاي شىركەتلىرىدە ئىشلەش، تەرجىمانلىق قىلىش، ساياھەت ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خىتتايلار بىلەن بىرلىشىپ شىركەت قۇرۇش» دېگەنلەر ھەققىدە بىرئاز كېڭەيتىپ جاۋاب بەرگەن بولسىلا، ئۇستاز! يېقىندىن بۇيان خىتتايدىن تۈركىيەگە خىتتاي ساياھەتچىلەر كۆپلەپ كېلىشكە باشلىدى. ئۇيغۇر تەرجىمان بالىلارغا ئېھتىياجى تۇغۇلىدىكەن. مۇشۇ ھەقتە كېڭەيتىپراق بىر جاۋاب بەرگەن بولسىلا. رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «خىتتاي شىركەتلىرىدە ئىشلەش، تەرجىمانلىق قىلىش، ساياھەت ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش» كەبى بۇ خىل ئىشلارنى قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى كېڭەيتىپ جاۋاب بېرىشكە موھتاج ئەمەس. چۈنكى، بۇ دۈشمەنگە ۋە زالىمغا خىزمەت قىلىشنى، ئۇلارغا ئۆزىنى خار قىلىشنى، ئۇلارغا يانتاياق بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە «خىتتايلار زۇلۇم سالمايۋاتىدۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارمايۋاتىدۇ» دېگەندەك چۈشەنچە بېرىدۇ ۋە شۇنداقلا «تاجاۋۇزچى خىتتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دەپ قاقشاۋاتقان مىللىتىمىزنى يالغانغا چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاجاۋۇزچى خىتتاي ساياھەتچىلەرگە تەرجىمانلىق قىلىش ئۇلارنى قىمارخانا، پاھىشەخانا ۋە تۈرلۈك گۇناھ – مەئسىيەت سورۇنلىرىغا ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا يالاقچىلىق، شوۋىكەشلىك قىلىشنى تەقەززا قىلسا، بارا – بارا شۇ قىلمىشلارنى ئۇلار بىلەن بىللە قىلىش، ھەتتا ئۇلار ئۈچۈن جاسۇس بولۇپ ئۆز قېرىنداشلىرىنى سېتىش بىلەن ئاياغلىشىدۇ. مەن دېمىسەممۇ، بۇ ئەمەلىي بولۇۋاتقان ئىشلار. بۇ جەھەتتىن بۇ تۈرلۈك خىزمەتلەر ئاللاھقا، رەسۇلىغا ۋە جىمى مۇسۇلمانلارغا خىيانەتتۇر. شۇڭا، بۇ ئىشنى شەرقىي تۈركىستانلىق بىر مۇسۇلمان ئەسلا قىلماسلىقى كېرەك، بىر ئاقىل، ۋىجدان ئىگىسىنىڭ، ياشلىرىمىزنىڭ بۇنىڭ ھۆكمىنى سوراپ ئولتۇرۇشى ھەم ئارتۇقچە. چۈنكى، بۇ ئىنسان تەبىئىتى، ۋىجدانى ئېنىق بىلەلەيدىغان، ھەربىر ساغلام ۋىجدان ئىگىسى قولىنى يۈرىكىگە قويسىلا ئېنىق بولىدىغان ئىشلار. خىتتايغا ئىشلەيدىغان بۇ تۈرلۈك كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە، ئۇلارنىڭ كىرىمى ھارام كىرىم بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدىن ۋە داستىخانلىرىدىن تاماق يەپ سالماسلىققىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. «خىتتايلار بىلەن بىرلىشىپ شىركەت قۇرۇش»مۇ دۈشمەن بىلەن ھەمكارلىشىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. رەببىم مىللىتىمىزنى ساغلام تەبىئەتتىن ئايرىمىغاي! ئامىن.

385 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يېڭى سېلىنغان بىنالارنىڭ تاملىرى بەك نېپىز ئىكەن، يېڭى توي قىلغان قوشنىمىزنىڭ كارىۋاتتىكى پاراڭلىرى ۋە ئاۋازلىرى بەزىدە ئېنىقلا ئاڭلىنىپ قالىدۇ، بالىلىرىم بىلەن تاماق ئۈستىلىدە بىللە ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ قالغان چاغلار بولدى. بەكلا خىجىلچىلىقتا قالدىم… مۇشۇ ئەھۋالدا كىم گۇناھكار بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قەستەنلىك بولمىغاندىن كېيىن گۇناھ شەكىللەنمەس. قوشنىڭىزغا ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.

386 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! «دروپشىپپىڭ (Dropshipping)» سودا ئۇسۇلى شەرئەن توغرا ئەمەس» دېگەن ھۆكۈمنىڭ تەپسىلاتىنى ۋە سەۋەبىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز ، ئاللاھ رازى بولسۇن. رەھمەت

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «دروپشىپپىڭ (Dropshipping) سودا ئۇسۇلى» شەرىئەت ئۆلچىمىدە ناتوغرىدۇر. شۇڭا، بۇ تىجارەتكە كىرىشتىن ئاۋۋال ھۆكمىنى بىلىش زۆرۈر. بولمىسا، بىر مۇددەتتىن كېيىن «توغرا ئەمەس ئىشنى قىلىپتۇق» دەپ يېنىشقا توغرا كېلىدۇ. «دروپشىپپىڭ (Dropshipping) سودا ئۇسۇلى»نىڭ شەرئەن توغرا بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى بۇ سودا «ئۆز ئىلكىدە بولمىغاننى سېتىش»تىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ سودىدا تېخى سودا قىلىپ ئالمىغان نەرسىنى باشقىلارغا ساتىدۇ. بۇ «(مەھسۇلاتنى ساتقاندا)، ئىلكىڭدە بولمىغاننى ساتما»(«نەسائىي»، 4627) دېگەن ھەدىستىكى چەكلىمە دائىرىسىگە كىرىدۇ. بۇ سودىدىكى ساتقۇچىنى ۋاسىتىچى دېگىلىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، ساتقۇچى مەھسۇلاتنى ۋاستىچى سۈپىتىدە ئەمەس، ئۆزىنىڭ مۈلكى سۈپىتىدە ساتىدۇ. بۇنىڭدا يەنە ئۆزىنى مەھسۇلات ئىگىسى قىلىپ كۆرسىتىپ باشقىلارنى گوللاش ۋە تامۇژنا چىقىمىغا ئالاقىدار ئالدامچىلىق بىلەن ئېلان تەشۋىقاتىدىكى ئالدامچىلىقمۇ، يالغان باھا ۋە يالغان خېرىدارلارنى ياساپ ئىستېمالچىنى ئالداش كەبى ساختىلىقلارمۇ يوق ئەمەس.

387 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! بازاردا ساختا دوللارنى سېتىش ئەۋجىگە چىقىپتۇ. بىر قىسىم ياش بالىلار ئاسان پۇل تېپىش نىيتىدە ئالىدىكەن، كاپالى چارشى (Kapalıçarşı) دا ئالماشتۇرىدىكەن. ئۇ خىل دوللارلار ماشىندىن ئۆتكۈزۈزۈلسىمۇ بىلىنمەيدىكەن (يەنى قولدىن قولغا ئۆتىۋېرىدىكەن). مۇشۇنداق قىلىپ پۇل تېپىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ «ساختا دوللارنى مەن باسمىدىم، مەنمۇ پۇل بېرىپ ئالدىم، شۇڭا سېتىپ پۇل قىلسام جائىز» دېگەن كۆزقاراش توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ساختا پۇل ياساش، سېتىش، ھەتتا قولىغا مال سېتىش جەريانىدا كىرىپ قالغان ساختا پۇلنى باشقىلارغا سېتىۋېتىش، خېرىدارلارغا ئۆتكۈزۈۋېتىش، مەيلى قايسى تۈردىكى پۇل بولسۇن، ئېنىق ھارام ئىش. چۈنكى، بۇ ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىنى ناھەق يەۋېلىش بولۇپ، بۇلار ھارامدۇر. رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىزنى ئالدايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس» دېگەن(«مۇسلىم»، 102). ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ھەقتىكى ئەمرى ئېنىق: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار! پەقەتلا سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار! ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر. كىمكى چەكتىن ئېشىپ ۋە زۇلۇم قىلىپ ئۇنى (يەنى چەكلەنگەن ئىشلارنى) قىلىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز﴾(4/«نىساﺋ»: 29، 30). شۇڭا، ساختا پۇلنى بازارغا سالغانلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلالىسا تېخى ياخشى. قىلالمىسا ساختا پۇلنى سېتىۋالغانلار ياكى قولىغا كىرىپ قالغانلار ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرۇۋېتىشى كېرەك. ئىگىسىنى تاپالمىسا، ئۇ ساختا پۇلنى يىرتىپ تاشلىۋېتىشى كېرەك. بۇرۇن بۇ ئىشلارنى قىلىپ، كېيىن «ھارام»لىقىنى بىلىپ تەۋبە قىلماقچى بولغانلار بىخەستە كىشىلەرگە ساتقان ساختا پۇلنىڭ ئورنىغا پۇل بېرىپ رازى قىلىشى كېرەك. ئۇلارنى تاپالمىسا، شۇنچىلىك پۇلنى ئۇلارنىڭ نامىدا سەدىقە قىلىشى لازىم. شۇنداقلا بۇ تىجارەتتىن قىلغان كىرىمىنىڭ ھەممىنى، ساۋاب ئۈمىد قىلماستىن، پېقىر – مىسكىنلەرگە بېرىپ قولىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك.

388 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ۋەتەندىكى «نىكاھ قونمايدۇ» دەيدىغان گەپلەرنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ يەنى نىكاھ قىلىنغان كېچىسى بىرگە بولمىغان قىز – يىگىتكە نىكاھ چۈشمەي قالامدۇ ياكى نىكاھ قىلىپ قويۇپلا ئايرىم تۇرسىمۇ بولىۋېرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۇ گەپنىڭ ئاساسى يوق. يەنە كېلىپ، ئادەت مەزگىلىدە بىللە بولۇش ھارام بولغاچقا، بۇ توي كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسا ئەلبەتتە بىللە بولمايدۇ. يەنە باشقا ئالاھىدە ئەھۋال بولسا، بىللە بولمىسىمۇ ياكى ئايرىم تۇرسىمۇ بولىۋېرىدۇ. نىكاھقا تەسىرى يوق.

389 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! توي مۇراسىمىدا ھەدىيە قوبۇل قىلىشنى خاھلىمىغانلىقتىن، مېھمانلاردىن ھەدىيە ئەكەلمەسلىكنى تەلەپ قىلسا دۇرۇسمۇ؟ «ھەدىيەلىشىڭلار» دېگەن ھەدىسكە زىت ئىش قىلغان بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەدىيە قوبۇل قىلىش مۇستەھەب. ھەدىيەنى رەت قىلىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ھەدىيە قوبۇل قىلىش ۋە قايتۇرما ھەدىيە قىلىش»تىن ئىبارەت سۈننىتىگە زىت. لېكىن، قەرز بولۇپ قالىدىغان ياكى مىننەت قىلىنىدىغان، ياكى باشقىچە بىر ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەدىيە قوبۇل قىلىشنى خاھلىمىسا، ئۆزرىسىنى بايان قىلىپ قويسا بولىدۇ.

390 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئايالىنىڭ سۆزىنى بەرگەن ئادەم قانچىلىك ۋاقىتقىچە يارىشىۋالسا نىكاھ كەتمەي يارىشىۋالالايدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. https://sajiya.biz/?p=3442

391 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ مەن چۈشىدە كۆرگەن مەسىلە توغرۇلۇق سورىماقچى ئىدىم: ئاخشام كىچىك قىزىمنىڭ ئىككى تەرەپكە ئۆرۈلگەن چېچىنى كېسىۋېتىپ چۈش كۆرۈپتىمەن. قىزىمنىڭ سالامەتلىكى سەل ئاجىزراق ئىدى، قانداقتۇر ئۆزۈم بىرخىل غەلىتە تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم ۋە سىزدىن سوراپ بېقىشنى ئويلاپ قالدىم. ئىلگىرى ساھابەلەر چۈشىدە چېچىنى چۈشۈرۈپمۇ ياكى قىسقارتىپمۇ كۆرگەن چۈشىنى بايان قىلغان مەزمۇنلىرى يادىمغا كېلىپ سوراشنى ئويلاپ قالدىم، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويغۇنۇم ئۈچۈن ئۆزرىخاھلىق سورايمەن، ئۇستاز!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. مەن چۈش تەبىرىنى بىلمەيمەن.

392 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ياخشىمۇسىز؟ مېنىڭ بىر يېقىن تونۇشۇم تۈركىيەدىن ۋەتەنگە ئاياللارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرنى توپ تارقىتىدۇ. يەنى، تۈركىيەدىن ئاياللارنىڭ كىيىمىنى ئېلىپ، ۋەتەندىكى سودىگەرلەرگە سېلىپ بېرىدۇ. بىلگىنىمىزدەك، ۋەتەندىكى ئاياللار ئىسلامغا ئۇيغۇن كىيىملەر بىلەن يۈرەلمەيدۇ. بۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇزۇن مۇراسىم كىيىملىرىنى سالارمىش. مەيلى مۇراسىم كىيىمى بولسۇن ياكى ئادەتتىكى كىيىم بولسۇن، ۋەتەندە ئۆلچەملىك ئىسلامغا ئۇيغۇن كىيىم كىيىش چەكلەنگەن. مۇشۇ كىيىملەرنى شۇ ئاياللار كىيسە، بۇ كىيىملەرنى سالغانلار گۇناھكار بولامدۇ؟ بۇ تىجارەتنى قىلىش توغرىمۇ؟ مۇشۇ سوئالىمغا بىر جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ۋەتەندە ئۆلچەملىك ئىسلامغا ئۇيغۇن كىيىم كىيىش ئىمكانىيىتى بولمىغاندىن كېيىن، خىتتاينىڭ كىيىملىرىنى سېتىۋالغاندىن تۈركىيەدىن سېتىۋېلىش پايدىلىقراق بولغانلىقتىن ھەم ئاياللارنىڭ بۇ كىيىملەرنى ئاياللارئارا كىيىش ئېھتىمالىمۇ بولغاچقا، بۇ تۈرلۈك كىيىملەرنى ۋەتەنگە ئەۋەتىپ سېتىش جائىز. كىيىشتىكى مەسئۇلىيەت ئۇنى ئىختىيارىي ھالدا نامەھرەم ئالدىدا كىيگەن ئاياللارغا كېلىدۇ. بۇنى ۋەتەننىڭ شارائىتىنى كۆزدە تۇتمىغان نورمال شارائىتتا گۇناھ ئىشقا ياردىمى بولىدىغان سودا، دەپ چەكلەيدىغان پەتۋالارمۇ يوق ئەمەس بار.

393 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم! توردا بەزىلەر مۇھەممەد يۈسۈپ قارىمنىڭ «قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى»گە توختىماي ئۇزۇن – ئۇزۇن ئوبزور – تەنقىدلەرنى يېزىۋاتىدۇ، بۇ توغرىمۇ؟ بۇ تەرجىمىگە ۋە ئوبزورلارغا دوكتور ئابدۇلئەزىز ئۇستازىمىز قانداق قارايدۇ، بىر جاۋاب بەرگەن بولسا. بىز بىر ئىشنى ئۆزىمىز قىلماي تۇرۇپ، باشقىلارنىڭكىدىن قۇسۇر ئىزدىسەك گۇناھ بولمامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەرقانداق ئىلمىي ئەمگەك قۇسۇردىن خالىي بولمايدۇ. تەنقىدتە ئىلمىيلىك ئالدىنقى شەرتتۇر. بىر ئەسەرنى تەنقىد قىلىش ئۈچۈن چوقۇم «قارشى تەرەپ شۇنداق بىر كىتابنى يېزىپ بولۇپ، ئاندىن تەنقىد قىلسا ھېساب» دەيدىغان قائىدە يوق. ئىسلام ئىلىم تارىخىمىزدا ئۆلىمالار ئارىسىدا ئەدەبىياتقا دائىر مەسىلىلەردە ئەدەبىي تەنقىد ئېلىپ بېرىش، ئىلمىي ئەسەرلەرگە قارشى ئىلمىي ئەسەر يېزىپ تەنقىد قىلىش، ھەتتا بىر تەفسىر يېزىلسا، شۇ تەفسىر ئۈچۈنلا ئاتاپ يەنە بىر تەفسىر يېزىپ مەخسۇس تەنقىدلەش بار ئىش. فىقھىي ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلىملىرىدىمۇ نۇرغۇن ئەسەرلەرگە يېزىلغان ھاشىيە، شەرھلەر بار. شۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىملىرىدا شۇ ساھەدىكى ئەسەرلەرنى جۈملىمۇ جۈملە، ئابزاسمۇ ئابزاس نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ ئىلمىي تەنقىد قىلغان ئىشلارمۇ كۆپ. شۇڭا، تەرجىمەگە تەنقىد – ئوبزورلارنىڭ يېزىلىشى ئىلمىي ساھەدە ناھايىتى تەبىئىي ئىش. مۇھىمى تەنقىدنىڭ ئورۇنلۇق تەرىپىدىن پايدىلىنىشنى بىلىش، ئورۇنسىز تەنقىدلەردىن ساقلىنىش. ناۋادا يېزىلغان تەنقىدتىن ئەمگەك ئىگىسى قايىل بولمىسا، ئۇ چاغدا ئىلمىي رەددىيە بەرسە، بۇ تەنقىدلىگۈچىگىمۇ ۋە جىمى ئوقۇرمەنلەرگىمۇ تولىمۇ پايدىلىق ئىش بولىدۇ. ئۇنداق قىلمىغاندىمۇ، ئوقۇرمەنلەر تەنقىدنىڭ ئورۇنلۇق تەرەپلىرىدىن پايدىلانسا، بۇمۇ ئىلىمنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىنى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق ئىش بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم!

394 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بۇ قېتىمقى سايلامدا بېلەت تاشلاشقا كېلەلمەيدىغان چەتئەلدىكى قېرىنداشلارنىڭ بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئورنىغا ئەردوغاننىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ (مەن مۇشۇ كىشى شۇ دەپ) بېلەت تاشلىساق جائىز بولامدۇ؟ (بەزى ئاياللارنىڭ ئادرېسى مۇشۇ يەردە ئەمما ئۆزى چەتئەلدە، لېكىن ئاتايىن بېلەت تاشلاشقا كېلەلمەيدىكەن، شۇڭا سورىشىم).

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ساختىلىق بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ساختىپەزلىك قىلىدىكەن، بىزدىن ئەمەس» دېگەن. شۇڭا، ئۇنداق قىلىش ھارام.

395 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئادەمنىڭ ئۆمرىنى مۇۋاپىق تەدبىر ئېلىش، داۋاملىق چېنىقىش، ئورگانىك غىزا، دورا يېيىش ۋە يۈرەك ئالماشتۇرۇش… دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن ئۇزارتقىلى بولامدۇ؟ ئەجەل مۇئەللەق دېگەن قانداق گەپ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ھەقتائالا ھەربىر ئىنسانغا پۈتۈۋەتكەن ئەجەل بىر بولۇپ، خۇددى كېسەللىك، ھادىسە ياكى قەتل قىلىنىش بىلەن ئەجەل كېمىيىپ قالمىغىنىدەك، ساغلاملىققا رىئايە قىلىش بىلەن ئەجەل ئۇزىراپ قالمايدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالا شۇ سەۋەبلەرنى شۇ ئىنسانغا پۈتكەن.

396 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تاماق توشۇيدىغان كەسىپنى قىلىدىغانلار چوشقا گۆشى ئىشلىتىدىغان ياكى شۈبھىلىك ماددىلارنى ئىشلىتىدىغان ئاشخانىنىڭ تامىقىنى توشۇسا بولامدۇ؟ 100 پىرسەنت ئىشەنچىلىك ھالال بولمىغان ئاشخانىدا ئىشلىسە بولامدۇ؟ چىقىمى كىرىمىدىن ئېشىپ كەتكەن ياكى كىرىمسىز بولسىلا، «زۆرۈرىيەت ھالىغا چۈشۈپ قالدىم» دەپ ھالال بولمىغان ئاشخانىدا ئىشلىسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولمايدۇ. ھارامدىن، شۈبھىدىن يىراق تۇرۇش ۋاجىب. «زۆرۈرىيەت» دېگىنىمىز شۇ كىرىمنى قىلمىسا، ئاچ، يالىڭاچ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

397 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىز ھەرەمگە ئۆمرە بىلەن بىللە ھەج ئۈچۈن كەلگەن. بەزىلەر: «كېلىپ ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆمرە بىلەن ھەج ئارىلىقىدا باشقا ئۆمرە قىلىشقا بولمايدۇ، چوقۇم ھەجگە قەدەر ئۆمرە قىلماي ساقلاپ تۇرۇش كېرەك» دېيىشىۋاتىدۇ. ئۆمرە قىلساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەج تەمەتتۇئ قىلغان كىشى يەنى بىر سەپەردە ئۆمرە قىلىپ بولۇپ ۋەتەنگە قايتماي ھەج قىلماقچى بولغان كىشى ھەج ۋاقتى كەلگۈچە خاھلىغانچە نەچچە قېتىم ئۆمرە قىلسا بولىدۇ. مەدىنەدىن ياكى تائىفتىن مەككەگە بارسا ياكى مەككەدە تۇرۇپ «ئائىشە مەسجىد»كە چىقىپ ئىھرام باغلاپ كىرىپ ئۆمرە قىلسا بولىدۇ. بۇنى چەكلەش بىغەرەزلىك. دىندا بىلمەي ھۆكۈم پىچىش جىنايەت.

398 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەرەمگە كەلگەنلەر ۋاپات بولغان ياكى كېلەلمەيدىغان ئاتا – ئانا ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلار ئۈچۈن تاۋاپ قىلىپ قويساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولىدۇ.

399 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر كىتابتا: «ئايال كىشىنىڭ ھەجگە بېرىشىغا ئېرى رۇخسەت قىلمىسا، باشقا مەھرەملىرى بىلەن ھەجگە بارسا بولىدۇ» دەپتۇ، راست شۇنداقمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەر كىشى ئۆز ئىقتىسادى بىلەن پەرز ھەجگە بىرەر مەھرىمى بىلەن بارماقچى بولغان ئايالىنى توسالمايدۇ. ئەگەر توسۇۋالسا، بەش ۋاقىت نامازدىن، پەرز روزىدىن توسقاندەكلا گۇناھكار بولىدۇ. تېنى ساغلام، خىراجەتكە قۇربى يەتكەنلىكتىن ھەج پەرز بولغان ئايال ئېرى رۇخسەت قىلمىسىمۇ، ئوغلى، قېرىندىشى ياكى كۈيئوغلىدەك بىرەر مەھرەم تېپىلغان ئەھۋالدا ھەجگە بېرىشى پەرز. ئېرى بىللە بارالىسا، بىللە بېرىشى كېرەك، ئەگەر بارالمىسا، بىرەر مەھرەم بىلەن بىللە يولغا سالىدۇ. ئېرى بىللە بارمىغان ئەھۋالدا، مەھرەمسىز بارسا بولمايدۇ.  ئاياللارنىڭ ئېرى ياكى مەھرىمى بىللە بېرىش شەرتىمۇ ھەجنىڭ پەرز بولۇش شەرتىدۇر. بىللە بارىدىغان ئېرى ياكى مەھرىمى تېپىلمىسا ئۇ ئايالغا ھەج پەرز بولمايدۇ. بۇمۇ بىر تەرەپتىن يول بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاياللارغا خاس شەرت.

400 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان جاينامازدا ناماز ئوقۇش جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. جايناماز ۋە بىساتلارغا ئاللاھنىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىنى، ئايەتلىرىنى ۋە رەسۇلىنىڭ ئىسمىنى يېزىش، نەقشىلەش جائىز ئەمەس. چۈنكى، جاينامازلار ۋە بىساتلار دەسسىلىدىغان ۋە ئۈستىدە ئولتۇرۇلىدىغان بولغاچقا، بۇ ئاللاھنىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىنى، ئايەتلىرىنى ۋە رەسۇلىنى ئۇلۇغلاشقا زىت كېلىدۇ.

401 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يېقىندا تىزىمنى ئوپېراتسىيە قىلغۇزماقچى، دوختۇر تىزىمغا جەسەتتىن لازىم بولغان توقۇلمىنى ئېلىپ كۆچۈرۈش ئارقىلىق تىزىمدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ جائىزمۇ؟ مەنمۇ بۇنى تۇنجى ئاڭلىغاچقا سوراپ باقاي دېدىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىرەر جەسەتتىن بىرەر ئەزا ياكى توقۇلمىنى ھاياتى ياكى سالامەتلىكى ئۈچۈن ئېھتىياجى بولغان تىرىك بىر ئىنساننىڭ بەدىنىگە يۆتكەش جائىز. بۇنىڭ ئۈچۈن جەسەت ئىگىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا قىلغان رازىلىق ۋەسىيىتى ياكى مىراسخورلىرىنىڭ رازىلىقى بولۇشى شەرت. چۈنكى، مېيىتنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى شەرئەن قوغدىلىدۇ.

402 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاياللارنىڭ سىرتقا چىققاندا سۈرمە تارتىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ مەن بىرسىدىن بۇنىڭ ئەتىر چاچقانغا ئوخشاش دەرىجىدە گۇناھ بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان. بۇنىڭ دەلىلى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كۆزگە، قاش – كىرپىككە سۈرمە تارتىش جائىز بولۇپلا قالماي، ئاياللارغا ئېرى ئۈچۈن شۇنداق قىلىشى مۇستەھەبتۇر. سۈرمىنىڭ پەردازلىنىشتىن باشقا شىپابەخش ئالاھىدىلىكىمۇ بار بولۇپ، ئۇ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، كىرپىكنى ئۆستۈرىدۇ. بۇ ۋەجدىن ئەرلەرنىڭ كۆزىگە سۈرمە تارتىشىمۇ جائىز ۋە مۇستەھەبتۇر.

يات ئەرلەرگە كۆزنىڭ سۈرمىسىنى كۆرسىتىش مەسىلىسىدە ئالىملار بىر قاراشتا ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن﴾(24/«نۇر»: 31) دېگەن ئايەتىدىكى «تاشقى زىننەتلىرى» دېگەننى ئۆلىمالار پەرقلىق تەفسىرلەيدۇ.

بەزىلىرى «يۈز ۋە ئىككى ئالىقان»؛ بەزىلىرى «تاسادىپىي ئېچىلىپ قالغان جايلار»؛ بەزىلىرى: «ئۇزۇن كىيىمدىن گەۋدىلىنىپ كۆرۈنۈپ تۇرغان ھالىتى» دېگەن. ئىبنى ئابباس، مىسۋەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما، قەتادە، مۇجاھىد قاتارلىق بىر گۇرۇپپا سەلەفلىرىمىزنىڭ: «(بۇ سۆزدىن مەقسەت قىلىنغىنى) سۈرمە بىلەن ئۈزۈكتۇر» دەپ تەفسىرلىگەنلىكى سەھىھ رىۋايەت قىلىنغان. بۇلاردىن بەزىلەر يۇقىرىقىلارغا قولدىكى خېنە بىلەن بىلەزۈكنىمۇ قاتىدۇ. زىبۇزىننەتنى نامايان قىلغاندا، زىبۇزىننەت تاقىغان ئورۇنمۇ تەڭ نامايان بولىدۇ. سۈرمە كۆزنىڭ زىننىتىدۇر، ئۈزۈك بولسا قولنىڭ زىننىتىدۇر. ئادەتتە ئۇلارنى مۇئامىلىلەردە ئېچىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بۇنىڭدا زۆرۈرىيەت بار. ئىمام تەبەرىيمۇ كېيىنكى مۇشۇ تەفسىرنى تەرجىھ قىلىپ: «بۇنىڭدىكى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغىنى ‹بۇ ئايەتتىن يۈز بىلەن ئالىقان كۆزدە تۇتۇلغان› دېگەنلەرنىڭ قارىشى بولۇپ، ئۇنداق بولغاندا ئۇنىڭغا سۈرمە، ئۈزۈك، بىلەزۈك، خېنە ۋە كىيىملەرمۇ تەۋە بولىدۇ» دېگەن(«جامىئۇل بايان (تەفسىرۇ تەبەرىي)»، 17/259 – 260). يەنە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ «(بۇ سۆزدىن مەقسەت قىلىنغىنى) سۈرمە بىلەن ئۈزۈكتۇر» دەپ تەفسىرلىگەنلىكى، ئەتائنىڭ «سۈرمە بىلەن خېنە» دەپ تەفسىرلىگەنلىكى، ئىكرىمەنىڭ: «كىيىملىرى، سۈرمىسى ۋە خېنىسى» دەپ تەفسىرلىگەنلىكى سەھىھ رىۋايەت قىلىنغان.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قاتارلىق زاتلارنىڭ ئاشۇ تەفسىرىگە ئاساسەن سۈرمە رۇخسەت قىلىنغان زىننەت بولىدۇ ۋە ئۆيدە سۈرمە تارتىپ بولغاندىن كېيىن سىرتقا چىقىش ئېھتىياجى بولغان ئاياللار مەيلى يۈزىنى يۆگەيدىغىنى ياكى ئاچىدىغىنى بولسۇن، يۇيۇپ يوقىتىۋەتمەستىن سۈرمە تارتقان ھالەتتە چىقسا بولىدۇ. ئەمما، سۈرمىنى سىرتقا چىقىش ئۈچۈنلا تارتىش ياتلارغا ياسىنىش ئۈچۈن بولغاچقا، رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بۇ ئىشتىمۇ باشقا ئىشلاردا ئاساس بولغىنىدەك، «ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر». شۇڭلاشقا: «سۈرمىنى داۋالىنىش ئۈچۈن سۈرتۈپ چىقسا بولىدۇ، ئەمما زىننەتلىنىش ئۈچۈن سۈرتۈپ چىقسا دۇرۇس بولمايدۇ» دەيدىغان ئالىملارمۇ يوق ئەمەس. شۇنداقلا سىرتقا سۈرمە تارتقان ھالدا چىقىشنى پۈتۈنلەي چەكلەيدىغان ئالىملارمۇ يوق ئەمەس. بۇلارمۇ بەزى سەلەفلەرنىڭ تەفسىرىگە تايانغاندۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم!

403 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر قېتىم ئۆمرە قىلىپ بولۇپ، ئىككىنچى قېتىم ھەرەمگە بارغان كىشى ھەجنى نىيەت قىلغان ھالدا ھەرەمگە بېرىپ مىيقاتتا ئىھرامنى باغلاپ مەككەگە كىرگەندىن كېيىن، «مەن ئۆمرەگە نىيەت قىلمىغان، بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ بولغان» دەپ ئىھرامنى سېلىۋەتسە گۇناھكار بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەجگە ياكى ئۆمرەگە ئىھرام باغلىغان كىشى تاكى تاماملىغانغا قەدەر ئىھرامدىن چىقمايدۇ. ئىھرامنى سېلىۋەتسە، ئەلبەتتە گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق تاماملاڭلار، توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، نېمە ئوڭاي بولسا شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا يەتمىگىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار﴾(2/«بەقەرە »: 196) دېگەن.

ئاللاھ تائالا ئايەتتە ھەج ياكى ئۆمرەگە تۇتۇش قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى تاماملاشقا ئەمر قىلغان. شۇڭا، ھەجگە ئىھرام باغلىغان كىشى ھەجنى تاماملىماستىن، ئىھرامدىن چىقىپ كەتسە بولمايدۇ، (دۈشمەن ياكى كېسەللىك ياكى ساقچى توسۇۋېلىشى بۇنىڭ سىرتىدا) چوقۇم تاماملىشى كېرەك. دېمەك، بۇ كىشى ئىھرامدىن چىقىپ كەتسىمۇ، ئىھرامنى سېلىۋەتسىمۇ، يەنىلا ئىھرام ھالىتىدە بولىدۇ. يەنى «ئىھرامدىن چىقىپ كەتتىم» دېگەن خىيالى ئۆزىنىڭ خىيالى خالاس. ئەمەلىيەتتە ئۇ كىشى ئىھرامدا. ئۇ كىشى يەنىلا ئىھرامدا بولغاچقا، ھەجنى تاماملىغانغا قەدەر ئىھراملىق ھالەتتىكى چەكلىمىگە رىئايە قىلمىغان ھەر بىر قىلمىشى ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم جازا / فىديە كېلىدۇ. مەسىلەن، ئايالى بىلەن بىرگە بولسا بىر قان. چاچ چۈشۈرگەنگە ئايرىم فىديە. بېشىنى يۆگىۋالسا ئايرىم فىديە. خۇشپۇراق ئىشلەتسە، كىيىم كېچەكلىرىنى كىيىۋالغانغا ئايرىم…

بۇ جەرياندا ئىھرامغا زىت قىلغان ھەربىر قىلمىشى ئۈچۈنمۇ ئايرىم – ئايرىم جازا / فىديە كېلىدۇ. باشقا ئىبادەتلەردە مەسىلەن، نامازدا ياكى روزىدا «بۇزۇۋېتەي» دەپ بۇزۇۋەتسە، بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. ئىھرامدا ئۇنداق ئەمەس. بۇزۇلمايدۇ. ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇكى: «ھەج ئىھرامىدىن چىقىش پەقەت 3 ئىشنىڭ بىرىنى قىلىش بىلەن بولىدۇ: 1. ھەدنى تولۇق تاماملىغاندا؛ 2. يولدا توسۇلۇپ قالغاندا؛ 3. ئۆزرىسى بولۇپ كېلەلمىگەندە. بۇلاردىن باشقا ئەھۋالدا ئىھرامدىن چىقالمايدۇ. ئىھرامدىن چىقىشنى نىيەت قىلغان بولسىمۇ، ئىھراملىق ھالەتتىن چىقىپ كەتمەيدۇ. ئىھرامنى رەت قىلىش بىلەنمۇ چىقىپ كەتمەيدۇ. بۇ باشقا ئىبادەتلەرگە ئوخشىمىغاچقا، ئۇ يەنىلا ئىھراملىق ھالەتتە قالىدۇ. ئىھراملىق ھالەتنىڭ ھەربىر ھۆكمى ئۇنىڭغا ئىجرا قىلىنىدۇ. ئۆتكۈزگەن ھەربىر ئىھرامغا خىلاپ ئىشقا قارىتا فىديە كېلىدۇ»(«ئەلمۇغنىي»: 7/62).

404 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! چېنىقىش، ماھارەت ئىگىلەش ۋە خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن بوكس ئۆگەنسە بولامدۇ؟ ئەلبەتتە ئۆگەنگەندە خەقنى ئۇرۇش ۋە تاياق يېيىشلار بولۇپ تۇرىدۇ.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. يۈزنى قوغدايدىغان قالپاق كىيىپ تۇرۇپ ئۆگەنسە ۋە مۇسابىقىلەرگە قاتناشسا جائىز. يۈزگە ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرىدىغان تەرىقىدە ئۆگىنىش ۋە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش ھارام.

«ھارام» دېيىشتە بۇ ھەقتە «رابىتە»گە تەۋە «فىقھ ئاكادىمىيەسى» بوكسچىلىق ۋە ئەركىن چېلىشىشنى تەنتەربىيە ئويۇنلىرى قاتارىدا مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان ئىختىساسلىق دوختۇرلارنىڭ تەتقىقاتلىرىنى ۋە ئۇلار دۇنيادىكى بوكسچىلىق قىلىش ۋە ئەركىن چېلىشىش مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈشتىن ئەمەلىي يۈزبېرىۋاتقان ئەھۋاللار ھەققىدە سۇنغان سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى ئەتراپلىق ئىزدەنگەندىن ۋە ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلىرىنىمۇ كۆزدە تۇتقاندىن كېيىن، بىردەك قاراشتا: «كۈنىمىزدە بوكس مەيدانلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بوكسچىلىق ئىسلام شەرىئىتىدە ھارام قىلىنغان ئىشتۇر. چۈنكى، ئۇ ھەربىر تەرەپنىڭ قارشى تەرەپكە ئېغىر جىسمانىي ئەزىيەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئوينىلىدۇ. ئەركىن چېلىشىشنىڭمۇ قارشى تەرەپكە ئېغىر جىسمانىي ئەزىيەت يەتكۈزىدىغىنى ھارام، تەنتەربىيە ئۈچۈن ئوينىلىدىغان، جىسمانىي ئەزىيەت يەتكۈزمەيدىغىنى جائىز» دەپ قارار ئالغان(«50 – نومۇرلۇق قارار»: 10/3).

بوكسچىلىقنىڭ يەنە مۇسابىقە كۆرۈپ ۋاقىتنى زايە قىلىش، دو تىكىش، ئەۋرەت ئېچىش ۋە مېيىپ بولۇپ قېلىشتەك باشقا زىيانلىق تەرەپلىرىمۇ يوق ئەمەس.

ئەگەر يۈزىگە ئۇرۇش، ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە جىسمانىي ئەزىيەت يەتكۈزۈش بولمىسا، مەسىلەن باش ۋە مەيدىنى قوغدايدىغان قالپاق ۋە جىلىتكە كىيىپ ئۆگەنسە ۋە مۇسابىقىلەرگە قاتناشسا تەننى كۈچلەندۈرۈش، ئۇرۇش ۋە ئۆزىنى قوغداش ماھارەتلىرى قاتارىدا جائىز بولىدۇ.

405 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! پەرز ھەج قىلغان ۋاقىتتا بىر ئائىلىدىن 4 كىشى يەنى ئەر – ئايال 14 ياشلىق ھەم 22 ياشلىق ئۆيلەنمىگەن ئوغۇل بالىلىرى بىلەن بىراقلا ھەج قىلسا، ھەربىرى ئۈچۈن بىر قويدىن قۇربانلىق قىلىمىزمۇ ياكى بىر ئائىلىگە بىرنى قىلساق كۇپايە قىلامدۇ؟ ئەگەر ھەربىرىگە بىردىن قۇربانلىق قىلىش توغرا كەلسە، يېشى كىچىك بولغان ۋە ئۆيلەنمىگەنلەرنىڭ پەرقى بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەجدىكى ھاجىلار ئۈچۈن بېكىتىلگەن ھەدىيە قۇربانلىق ئادەتتىكى قۇربان ھېيتتىكى قۇربانلىققا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، چوڭ ۋە كىچىك، ئەر ياكى ئايال ھەربىر ھاجى ئۈچۈن ئايرىم قىلىنىدۇ. بىر ئائىلىگە بىرسى كۇپايە قىلمايدۇ. مەلۇمكى ھەج 3 تۈرلۈك بولىدۇ:

ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ (التمتع): يەنى ھەج ئايلىرىدا ئالدى بىلەن ئۆمرەگە ئىھرام باغلاپ كېلىپ، ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىھرامدىن چىقىپ كۈتۈپ تۇرۇپ، ھەج كۈنلىرى كەلگەندە شۇ يىلقى ھەجگە قايتا ئىھرام باغلاپ ھەج قىلىشتۇر.

ھەج قىران (الْقِرَانُ): يەنى ھەج ئايلىرىدا ئۆمرەگە ئىھرام باغلاپ، ھەجنى شۇ بىر ئىھرام بىلەن بىللە قىلىشتۇر. شۇنىڭغا ھەم دىققەت قىلىش كېرەككى، بىر قىسىم ھەدىس ۋە سەلەفلەرنىڭ بايانلىرىدا «ھەج قىران» يەنە «ھەج تەمەتتۇﺋ» دەپمۇ ئىپادىلەنگەن. چۈنكى، «ھەج قىران» ۋە «ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ» شەكلەن ئازراق ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىككىلىسى بىر قېتىمدا ئۆمرە بىلەن ھەجنى بىراقلا ئادا قىلىشتىن بەھرىمەن بولۇشتۇر.

ھەج ئىفراد (الإِفْرَادُ): يەككە ھەج يەنى ھەج ئايلىرىدا پەقەت ھەجگىلا ئىھرام باغلاپ ئۆمرە قىلماي يالغۇز ھەجلا قىلىشتۇر.

ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ ياكى ھەج قىران قىلغۇچى ھەر بىر كىشى مەيلى بالاغەتكە يەتكەن بولسۇن ياكى نارەسىدە بولسۇن، ھەر بىر كىشى ئۈچۈن بىر قوي قان ھەدىيە قىلىش كېرەك. بۇنىڭغا ئىمكانىيەت تاپالمىغانلار 10 كۈن روزا تۇتسا بولىدۇ. 3 كۈننى ھەجگە ئىھرام باغلىغاندىن كېيىن، 7 كۈننى يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن تۇتىدۇ. كىچىك بالىلار ئۈچۈن ئاتا – ئانىسى تۇتىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇكى: ﴿ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، (پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرە قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم) مەسجىدى ھەرام دائىرىسىدە (يەنى ھەرەمدە) ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر﴾(2/«بەقەرە »: 196).

406 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئالدىمىزدا قۇربان ھېيت كېلىۋاتىدۇ. قۇربانلىقنىڭ پۇلىنى يېتىم – يېسىرلارغا، بولۇپمۇ تايلاند تۈرمىسىدىكىلەرگە ئەۋەتىپ بەرسەك جائىز بولامدۇ؟ بىز ئادەتتە ياۋروپادا قۇربانلىقنى ئۆزىمىزلا يەپ تۈگىتىمىز. شۇڭا، ئۇنىڭ پۇلىنى ئېھتىياجى بارلارغا بەرسەك، ئۇلار چوقۇم قۇربانلىق قىلىشى كېرەكمۇ ياكى پۇلىنى خەجلىسىمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قۇربانلىق ئۈچۈن مال بوغۇزلىماي، مال ئالىدىغان پۇلنى نامراتلارغا سەدىقە قىلسا ياكى پۇلىنى باشقا ئىشقا بەرسە، قۇربانلىق ئادا بولمايدۇ. گۆش سېتىۋېلىپ، نامراتلارغا تارقىتىپ بەرسىمۇ، ھەتتا تىرىك قوي سېتىۋېلىپ، سەدىقە بەرسىمۇ قۇربانلىق ئوخشاشلا ئادا بولمايدۇ. قىلغىنى پەقەتلا ئادەتتىكى سەدىقە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىبادەت قان ئېقىتىشتىن ئىبارەت. شۇڭا قۇربانلىق پۇلنى باشقىلارغا بېرىپ پۇل ئىگىسى ئۈچۈن ۋاكالىتەن قۇربانلىق قىلىشنى تاپىلىسا، ئۇلار ۋاكالىتەن قان قىلسا، ئاندىن قۇربانلىق ئادا تاپىدۇ. يېتىم – يېسىرلار ۋە تۈرمىسىدىكىلەرگە قۇربانلىق پۇلىدىن باشقا پۇل ئەۋەتىپ ياردەم قىلىش مۇناسىپ.

407 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۆمرە ۋە پەرز ھەج ئۈچۈن ئىھراملىق كىيەلمەي مەككەگە كىردىم. بۇنىڭ فىديەسى ئۈچۈن 3 كۈن روزىنى مەككەدىن باشقا جايدا تۇتساق ياكى 6 مىسكىنگە باشقا جايدا تاماق بەرسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ فىديەنى چوقۇم مەككەدە ئادا قىلىش شەرت ئەمەس. باشقا جايدا روزا تۇتسا ياكى باشقا جايلاردىكى مىسكىنلەرگە تاماق پۇلىنى ئەۋەتىپ بەرسە بولىدۇ. بۇ فىديە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلماقچى بولسىمۇ باشقا جايدىكىلەرگە ھاۋالە قىلسا، باشقا جايدا  قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ.

408 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ياۋروپادىكىلەر قۇربانلىق قىلالمىغاچقا، قۇربانلىققا ئاتىغان پۇلنى تۇركىيەدىكىلەرگە ئەۋەتسە، ئۇ يەردىكىلەر شۇ پۇلنى ئۇزىنىڭ قۇربانلىقىنى نىيەت قىلىپ قۇربانلىق قىلسا، ئىككىلا تەرەپنىڭ قۇربانلىقى ئادا تاپامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولىدۇ. قۇربانلىق قوينى قاسساپقا ھاۋالە قىلغاندا مۇسۇلمان، ئىشەنچلىك قاسساپقا ھاۋالە قىلىش كېرەك. ۋەكىل بولغان قاسساپمۇ تاپشۇرۇلغان قۇربانلىقنى قۇربانلىق ۋاقتى، ئۆلچىمى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى شەرتلەر بويىچە ئادا قىلىشقا تىرىشىشى لازىم. قۇربانلىقنى ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى كۈن پاتقۇچە قىلىپ بولۇشى كېرەك. قوي سويۇش ئىش ھەققىگە قۇربانلىقنىڭ تېرىسى ياكى باشقا بىرەر پارچىسىنى ھېسابلاپ بېرىشكە بولمايدۇ. چوقۇم ئىش ھەققىنى ئايرىم بېرىش كېرەك.

409 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قۇربانلىقنى قوينى كۆرمەستىن قاسساپقا ھاۋالە قىلساق، قاسساپ ئۆزى بىزنىڭ نامىمىزدا ھېيتنىڭ 2 – ياكى 3 – كۈنى بوغۇزلاپ تەييار قىلسا، بىز قاسساپخانىغا بېرىپ گۆشنى ئەكەتسەك، قۇربانلىق ھېساب بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولىدۇ. قۇربانلىقنى قاسساپقا ھاۋالە قىلغاندا مۇسۇلمان، ئىشەنچلىك قاسساپقا ھاۋالە قىلىش كېرەك. ۋەكىل بولغان قاسساپمۇ تاپشۇرۇلغان قۇربانلىقنى قۇربانلىق ۋاقتى، ئۆلچىمى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى شەرتلەر بويىچە ئادا قىلىشقا تىرىشىشى لازىم. قۇربانلىقنى ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى كۈن پاتقۇچە قىلىپ بولۇشى كېرەك.

410 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىز ھەج ئۈچۈن ھەرەمگە كەلگەن. ھاجىلار بەك كۆپ بولغاچقا ئاياللار تاۋاپتا ئەرلەر بىلەن قىستىلىپ سۈركىلىش كۆپ بولىدىكەن. سورايدىغىنىم: قىستىلىپ تۇرۇپ تاۋاپ قىلىش توغرىمۇ؟ نەفلە ناماز ۋە ھەرەمگە قاراپ ئولتۇرۇپ دۇئا – زىكىردە بولغىنىمىز قىستىلىپ تۇرۇپ تاۋاپ قىلغىنىمىزدىن ئەۋزەلمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھەممە ھاجىلار تەرىپىدىن سەل قارىلىۋاتقان مەسىلە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا ئاياللار ئەرلەرنىڭ توپىنىڭ سىرتىدا تاۋاپ قىلاتتى. ئارىلاش تاۋاپ قىلىش ۋە قىستىلىشىش يوق ئىدى. ئەتاﺋ سۆزلەپ بېرىپ دېدىكى: نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىمۇ ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ تاۋاپ قىلغان ئەمەس، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئەرلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ تۇرۇپ تاۋاپ قىلاتتى. بىر ئايال ئائىشەگە: «ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى! يۈرۈڭ، ھەجەرۇلئەسۋەدنى سىلايلى» دېگەندە، (ھەزرىتى) ئائىشە: «ئۆزىڭىز بېرىڭ» دەپ ئۇنىمىغان. («بۇخارىي»، 1618) كېيىنكى دەۋرلەردە ئاياللارنىڭ مەخسۇس تاۋاب يولى بار ئىدى. لېكىن ھاجىلار سانى ئېشىپ كەتكەن بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە ئۆمرە ۋە ھەج تاۋاپلىرىدەك ۋاجىب تاۋاپلاردا چوقۇم كەئبە ئەتراپىدىكى مەيداندا قىستىلىپ تاۋاپ قىلىش توغرا بولمايدۇ. 2- ياكى 3 – قەۋەتلەردە ئەرلەر بىلەن قىستالماي تاۋاپ قىلىش ئىمكانىيىتى بولسا شۇ يەرلەردە تاۋاپ قىلىش كېرەك. شۇنداقلا نەفلە تاۋاپنى قىستىلىپ قىلىش ئورنىغا نەفلە ناماز، زىكىر ۋە دۇئا بىلەن مەشغۇل بولۇش كېرەك. بۇ ئەھۋالدا ئۇ ئىشلار قىستىلىپ تاۋاپ قىلىشتىن ئەۋزەل ئەمەس، بەلكى قىستىلىپ تاۋاپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس بولىدۇ. بۇ بارىدا ئايال ھاجىلارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىنى ئۈلگە قىلىشى ۋە دىنىمىزدىكى چەكلىمىگە، شۇنداقلا ۋاجىب بولمىغان نەفلە ئىبادەتلەردىكى كەڭچىلىككە بويسۇنۇشى لازىم. چۈنكى، ئاياللارنىڭ كەئبەگە يېقىن بېرىش، ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈش ياكى يەمانىي رۇكنىنى سىلاش، ياكى تاش ئېتىش قاتارلىقلاردا ئەرلەر بىلەن قىستىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان سۈركۈلۈش ۋە چاپلىشىش، شۇنداقلا رومال ۋە كىيىملەرنىڭ چۈشۈپ قېلىشىدەك يامان ئەھۋال سۈننەتنى ياكى ئەۋزەلنى تۇتۇشتىن ياكى نەفلە تاۋاپ قىلغاندىن ئېغىر بولىدۇ.

411 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئېلان – تەشۋىقاتچىلىق مۇلازىمىتىدە خېرىدارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن لايىھەلىگەن سىن – ۋېدىئولارغا ھەرخىل ناخشا – مۇزىكىلارنى كىرىشتۈرۈپ ياساپ بېرىپ، پۇل تېپىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ۋېدىئولۇق ئېلان – تونۇشتۇرۇش فىلىملىرىدە خېرىدارلار ناخشا – مۇزىكا قوشۇشنى تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا، خېرىدارنىڭ دېگىنى بويىچە لايىھەلەپ بەرسە گۇناھى كىمگە بولىدۇ؟ ياكى بۇنداق مۇلازىمەتنى قىلمىغان ياخشىمۇ؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. كۈچلۈك قاراشتا مۇزىكىنىڭ ئۆزى ھارام ئەمەس. ناخشا – مۇزىكا ھۆكمى ئۈچۈن مۇنۇ يازمىغا قارىغايسىز: https://sajiya.biz/?p=5932

«بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى» 48 – سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغىنىدەك: ناخشا – مۇزىكىنىڭ مەزمۇنى، تەسىرى ۋە ئورۇندالغان مۇھىتقا قاراپ ھۆكمى پەرقلىق بولىدۇ. ھاراق – شاراب ئىچىلىدىغان سورۇنلاردا ئوقۇلۇش ياكى يالىڭاچلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقتەك باشقا ھارام قىلىنغان نەرسىلەر بىلەن چېتىلسا، بۇنداق ئەھۋالدىكى ناخشىنى ئېيتىش، تاماشا قىلىش ۋە ئاڭلاش ھارام بولىدۇ. مۇزىكىمۇ ئوخشاش. بۇنداق شارائىتتا ئوقۇلغان ناخشا – مۇزىكىنى ۋە يېرىم يالىڭاچ كۆرۈنۈشلەرنى سىن – ۋېدىئولارغا كىرىشتۈرۈپ بېرىپ، پۇل تېپىش ھارام. يۇقىرىقىدەك بولمىغان ناخشا – مۇزكىلارنى ۋە كۆرۈنۈشلەرنى كىرىشتۈرۈپ بېرىش ۋە پۇل تېپىش ھالال.

412 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇرلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! ياۋرۇپا ياكى باشقا غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تۈركىيەدىكى ئېھتىياجى بار قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن، بىزنىڭ نامىمىزغا قۇربانلىق ئېلىپ شۇلارغا تارقىتىپ بەرسەڭلار دەپ 400 ~ 300 دوللار ئەتراپىدا پۇل ئەۋەتىدىغان ئىشلار بولدى. ھازىرقى شارائىتتا ئۇ پۇلغا كىچىك ياكى ئورۇق، ئاجىز قويلار ئاران كېلىدىكەن. بىز ئېھتىياجلىقلارغا 300 دوللارنى بېرىپ: بۇنىڭغا ئۆزىڭىز ئازراق پۇل قوشۇپ قۇربانلىق قىلىۋېلىڭ ياكى بۇ پۇلغا ئازراق پۇل قوشالىسىلا مەن ياخشىراق قوينى ئېلىپ (قۇربانلىقنىڭ قىلىنغانلىقىغا ئۆزىمىز شاھىد بولۇپ، پۇل ئەۋەتكەن كىشىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن) قۇربانلىق ئېلىپ بېرەي دەپ، ئازراق پۇل قوشالىسا ياخشىراق قوينى ئېلىپ بەرسەك بولامدۇ ياكى شۇ ئەۋەتكەن پۇلغا قانداق قوي كەلسە شۇنى قۇربانلىق قىلىپ بەرسەك ئەۋزەلمۇ؟ رەھمەت، ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. باشقا دۆلەتلەرگە قۇربانلىق پۇل ئەۋەتىدىغانلار قۇربانلىق قىلىنىدىغان جايدا قۇربانلىق شەرتىگە توشىدىغان بىر مال كېلىدىغان پۇل ئەۋەتىشى ۋە قۇربانلىق قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىشەنچلىك كىشىلەرگە تاپىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا قۇربانلىق سېتىۋېلىنماي قۇربانلىق قىلىنماي قالىدۇ ياكى ئۆلچەمگە توشمايدىغان مال كېسىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا قۇربانلىق ئادا بولمايدۇ. قۇربانلىق پۇلى قۇربانلىق سېتىۋېلىشقا يەتمىگەن تەقدىردە قۇربانلىق قىلىپ گۆشىنى يەيدىغانلار پۇل قوشسا دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى بۇ گۆش سېتىۋېلىشتەك بىر ئىش بولىدۇ. قۇربانلىق ئىگىسىمۇ بۇ ئىشتىن كىرىم قىلغاندەك بولىدۇ. مۇبادا 3 – بىر تەرەپ ھەدىيە سۈپىتىدە ياردەم پۇل قوشسا ۋە بۇنىڭغا قۇربانلىق ئىگىسى رازى بولسا جائىز بولىدۇ. شۇڭا، قۇربانلىق ئىشىدا ئەستايىدىل بولۇپ، يېتەرلىك پۇل ئەۋەتىش لازىم. چۈنكى، بۇ يەردىكى مەسىلە قايسىنى قىلسا بولىدىغان، ئەمما بىرى يەنە بىرىدىن ئەۋزەل دېگەندەك مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئادا بولۇش – بولماسلىق مەسىلىسىدۇر.

413 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ۋەتىنىمىزدە قۇربان ھېيت 29 – ئىيۇن پەيشەنبە يەنى بىزدىن بىر كۇن كېيىن دەپ ئېلان قىلىنىپتۇ. ئۇلار قوربانلىقىنى 28 – كۇنى بىز بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا قىلسا قۇربانلىق قوبۇل بۇلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. قۇربانلىق قىلىشنىڭ دەسلەپكى ۋاقتى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ھېيت نامىزى ۋە خۇتبىسى ئوقۇلۇپ بولغۇدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بولىدۇ. قۇربان ھېيت نامىزى ئادەتتە كۈن چىقىپ 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئوقۇلىدۇ. دېمەك، ۋەتىنىمىزدىكىلەر گەرچە ھېيت نامىزىنى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئوقۇيالمىغان بولسىمۇ مۇشۇنىڭغا قاراپ مۆلچەرلەپ، «ناماز ئوقۇلۇپ، خۇتبە سۆزلىنىپ بولىدىغان ۋاقىت بولدى» دەپ خاتىرجەم بولغاندا، ئاندىن قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ. يەنى ۋەتىنىمىزدە ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى كۈن چىقىپ 1 سائەت ئۆتكەندىن تارتىپ قۇربانلىقنى قىلسا بولىدۇ. بۇ قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئەۋزەل ۋاقتى بولۇپ، قۇربانلىقنى ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى كۈن پاتقۇچە قىلسا ئادا تاپىدۇ. چۈنكى، قۇربانلىقنى قىلىش ئۈچۈن ھېيت نامىزىنى ئوقۇش شەرت ئەمەس. قۇربانلىقنىڭ نامازدىن يانىدىغان چاغدىن كېيىن بولۇشى شەرت. شۇڭا، بۇ ئەھۋالدا قۇربانلىق جايىدا بولغان بولىدۇ، شارائىت سەۋەبىدىن ئىككىنچى كۈنى ھېيت نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلغان بولىدۇ. ھېيت نامىزىنى ئۆيدە 2 – 3 كىشى بولۇپ ئوقۇيالايدىغانلار ئوقۇۋېلىپ، 2 – كۈنى جامائەت بىلەن يەنە بىر قېتىم ئوقۇۋەتسىمۇ بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شارائىتنى دەڭسەپ ئىش تۇتۇشى، ئەۋزەلنى قىلىمەن دەپ ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىماسلىقىغا، كەڭچىلىكتىن بەھرىمەن بولۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

414 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بۇ كۈنلەردە ھەجگە بارغان قۇربانلىق قىلالمىغان كىشى روزا تۇتسا بۇلامدۇ؟ يەنى تەشرىق كۈنلىرىدە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تەمەتتۇ ياكى قىران ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان كىشى قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىبتۇر. ئەگەر قۇربانلىق قىلالمىسا ئون كۈن روزا تۇتۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچ كۈنىنى ئەرافات كۈنىگىچە تۇتىدۇ. كېچىكسە ئەرافات ۋە ھېيتنىڭ 1 – كۈنى روزا تۇتماي ھېيت كۈنىدىن كېيىنكى تەشرىق كۈنلىرى تۇتسىمۇ بولىدۇ. قالغان يەتتە كۈننى مەككەگە قايتقاندا ياكى شارائىت بولمىسا يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن تۇتىدۇ.

415 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئايال كىشى توكلۇق سىكۇتىر ھەيدىسە بولامدۇ؟ بۇنىڭ شەرىئەتتە بىر چەكلىمىسى بارمۇ؟ چۈنكى: «ئايال كىشى ۋېلىسىپىت، موتسىكىلىت ھەيدىسە بولمايدۇ» دەيدىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ يەردە چەكلىنىدىغان ئىش پەقەتلا ئەۋرەتنى ئېچىش ۋە بەدەننى ئىزھار قىلىشتۇر. شۇڭا، ئاياللارنىڭ بىر يەرگە بېرىش ئېھتىياجى ئۈچۈن شەرئىي ئۆلچەمدە كىيىنىپ، ھايالىق ھالدا موتسىكىلىت، ۋېلىسىپىت مىنىشى ۋە ماشىنا ھەيدىشى جائىز بولغاندەكلا، سىكۇتىر ھەيدىشىمۇ جائىزدۇر. بۇ ھەقتە مۇتلەق بىر چەكلىمە يوق. قاراڭ: https://sajiya.biz/?p=3125

416 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن، ئامىن. ئۇستاز! مەن مەكتەپتە خىزمەت قىلىمەن، ھەر تەتىل ئاياغلاشقاندا، خىزمەتچىلەرگە ئىچىملىك، تاتلىق يېمەكلىكلەر بىلەن تاماق زىياپىتى بېرىدۇ. ئەمما، بۇ يەردىكىلەر: «جاپا چەكتىڭلار» دەپ، ھەممىسىگە ھاراق تولدۇرۇپ بېرىدۇ. ماڭا بولسا ئىچىملىك (يەنى مېۋە سۈيى) قۇيۇپ بېرىدۇ. قاتناشمىسام، كوللېكتىپقا ھۆرمەت قىلمىغان، ئايرىمچىلىق قىلغان بولۇپ قالىدىكەنمەن. قاتناشسام، شۇلارنىڭ ھاراقلىرىنىڭ گۇناھىغا تەڭ شېرىك بولۇپ قالامدىم. مېنىڭ ھېچ قاتناشقۇم كەلمەيدۇ، لېكىن شۇ «كوللېكتىپ تۈزۈمى، ھۆرمەت» دېيىلىدىكەن. «مۇسۇلمانلار، خرىستىيانلار ئۆزئارا بىر – بىرىنى ھۆرمەت قىلىش كېرەك» دېگەندەك. ۋاقتىڭىزنى ئالدىم، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ھاراق ئىچىش «ھارام» بولغانلىقتىن، ھاراق ئىچىلىدىغان سورۇن مەئسىيەت سورۇنىدۇر. بۇ سورۇندىكى ھاراق ئىچىش قىلمىشىغا رازى بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزىلا ئايرىم بىر مەئسىيەتتۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۆزى ئىچمىسىمۇ، ئىچىلگەن سورۇنغا قاتنىشىش ۋە ئولتۇرۇش ھارامدۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇكى: ﴿ئاللاھ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە نازىل قىلدىكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار باشقا پاراڭغا كىرىشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار! بولمىسا (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كافىرلارنىڭ ھەممىسىنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلايدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 140) ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿بولمىسا (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر﴾ دېگىنى بويىچە مەئسىيەت سورۇنىدا ئولتۇرۇپ ئۇلارنى توسمىغان كىشى گۇناھتا ئۇلار بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئۇلارنى توسالمىغان كىشى ئۇ سورۇندىن قوپۇپ كېتىشى كېرەك. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن، ھاراق تىزىلغان داستىخاندا ئولتۇرمىسۇن» دېگەن(«تىرمىزىي»: 2801). بۇ سورۇنلارغا قاتنىشىۋەرسە، مەئسىيەت ئادەتتىكىدەك تۇيۇلۇپ، كۆڭلى قارىداپ، كېيىنچە پاسىقلارغا، كافىرلارغا يۈز كېلەلمەي ئىچىپ سېلىشمۇ يىراق ئەمەس. ئۆزئارا بىر – بىرىنى ھۆرمەت قىلىش ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان دائىرىدە بولىدۇ.

417 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ تۈركىيەنىڭ تېشىدىكىلەر ياكى تۈركىيەدىن يىراقراق يەردە ياشايدىغان قېرىنداشلار ماڭا: «تۈركىيەدىن ئۇنى ئەۋەتىڭ، بۇنى ئەۋەتىڭ» دەپ سودىلىققا بۇيرۇيدۇ. مەن «يېقىن بولغاندىكىن مەيلى» دەپ بالامنى، ئىشىمنى، ۋاقتىمنى چىقىرىپ، شۇلار دېگەن نەرسىنى سېتىۋېلىپ، كېتىدىغان تونۇشلىرى بولسا، شۇلارغا بېرىپ ئەۋەتىپ بېرىمەن. بۇ جەرياندا بەزىدە خېلى يىراق، بەزىدە يېقىن دېگەندەك يوللارنى ماڭىمەن. مەقسەتكە كەلسەك: مەسىلەن، ماڭا 900 لىرالىق بىرنەرسە بۇيرۇدى. مەن 1000 لىرا ئېلىپ، 100 لىرانى ئەجرىمگە ئايرىسام دۇرۇس بولامدۇ؟ بۇنى ئىگىسىگە دەپ قويۇشۇم كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. كۆڭۈل يېقىنلىقتىن «دوستلارغا خىزمەت قىلىپ قوياي» دېسىڭىز، ئارتۇق ھەق ئالماي پەقەت شۇ نەرسىنىڭ پۇلىنىلا ئېلىپ، ۋاقىت ۋە كۈچكە قارىتا ساۋاب ئۈمىد قىلىسىز. «ھەق ئالاي» دېسىڭىز، «قوشۇمچە مۇنچىلىك پۇل قوشۇلدى» دەپ قويۇشىڭىز كېرەك. ئۇنداق ئەسكەرتمەستىن، قوشۇمچە پۇل قېتىپ ئالسىڭىز بولمايدۇ.

418 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! نىكاھ ئوقۇپ قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن بىللە بولسا بولىدۇ؟ مەسىلەن، نىكاھ ئوقۇپ قويۇپ، ئوقۇشنى ياكى مەلۇم بىر نىشانغا يەتكەندىن كېيىن يەنى بىرقانچە ئاي ياكى بىرەر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بىللە بولسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. نىكاھ ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئارقىدىنلا بىللە بولۇشى شەرت ئەمەس. بىللە بولمىسىمۇ، نىكاھقا تەسىر يەتمەيدۇ. بۇ ئىشتا ئىككى تەرەپ بىر – بىرىگە زىيان ئۇرمىغان ئاساستا شارائىتىغا قاراپ كېلىشىپ ياكى ئۆرپ – ئادەت بويىچە مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بىللە بولسىمۇ بولىدۇ. بەزىدە كېسەللىك ياكى بىر يۇرتتا جەم بولالماسلىقتەك توسالغۇلار تۈپەيلىمۇ كېچىكىش بولىدۇ. «سەھىھەين»دە كېلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى نىكاھىغا ئېلىپ، 3 يىلدىن كېيىن بىر ياستۇققا باش قويغان.

419 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن، ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن. مەقسەتكە كەلسەك: مۇھاجىرەتتە بىزنىڭ بەزى ئەر مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىز تۈركلەر ئاچقان سوقما توپ يەنى خىتايچىدە «كالاڭچۇر» دەيدىغان ئويۇننى ئانچە – مۇنچە ئوينايدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇلار: «بىز قىمار شەكلىدە پۇل تىكىشىپ ئوينىمىدۇق، پەقەت ئىچ پۇشۇقىمىزنى چىقىرىش ئۈچۈن ئوينىدۇق» دەپ باھانە – سەۋەپ كۆرسىتىپ، كەچ تەرەپلەردە خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئوينايدىكەن. بۇلارنىڭ دېگىنىنىڭ شەرىئەتتە ئورنى بارمۇ؟ بۇ ئويۇن قانداق ئويۇن؟ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى قانداق قىلمىشقا كىرىدۇ؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا! ئاللاھ ئەجىرلىرىنى بەرسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قارتا، بىليارت ۋە كالاڭچۇر كەبى ئويۇنلار قىمار ئۈچۈن ئوينالمىسا، نامازنى ۋە شۇنىڭدەك ۋاجىب ئەمەللەرنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ قويمىسا ۋە زايە قىلىۋەتمىسە، تىل – ھاقارەت بولمىسا، ئۇرۇشۇپ قالمىسا، ۋاقتىنىمۇ ئارتۇق ئىسراپ قىلىۋەتمىسە، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئانچە – مۇنچە ئوينىسا، مۇباھ. يۇقىرىقىلار ئارىلاشسا، دەرىجىسىگە قاراپ ھارام ۋە مەكرۇھ بولىدۇ. توردا ياكى كومپيۇتېردا ئويۇن ئويناشمۇ شۇنداق بولسا كېرەك.

ۋاقىتنى بىھۇدە ئىسراپ قىلماي ئىلىم، دىن ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش، پەرزەنت تەربىيەلەش، مىللەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش، ئىشلەش، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، بىرەر كەسىپ ئىگىسى بولۇپ يېتىلىش قاتارلىق ئىشلارغا سەرپ قىلغان تۈزۈك.

420 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بالىلارغا قۇرئان يادلىتىش جەريانىدا (قۇرئان كۇرسىدا) بالىلارنى دەرس ئوقۇيالماسلىق ۋەياكى گەپ ئاڭلىماسلىق، كەپسىزلىك قىلىش سەۋەبى بىلەن ئۇستازى ياكى خەلپەتنىڭ پىدەي ياكى نوغۇچ، ياكى قول بىلەن ئۇرۇشى توغرىمۇ؟ شەرىئەت بۇنىڭغا نېمە دەيدۇ؟ ئاتا – ئانا مۇشۇ ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ، پەرزەنتىنى يەنە شۇ قۇرئان كۇرسىغا ئەۋەتىشنىڭ شەرئىي ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بالىلارغا قۇرئان يادلىتىش جەريانىدا بالىلارنى نوغۇچ، كالتەك، تاسما ۋە قول بىلەن قاتتىق ئۇرۇش ھارام بولغىنىدەك، ئاتا – ئانىلارنىڭمۇ بالىلارنى شۇنداق ئورۇنلارغا ئاپىرىپ ئوقۇتۇشى ھارام بولىدۇ.

421 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ توپلاردا «قۇلاق، بۇرۇن تېشىش» ھەققىدە ئېلان – تەشۋىقاتلار بار ئىكەن، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ قۇلاق تېشىشىغۇ بۇرۇندىن ئادىتىمىزدە بار ئىش، ئەمما بۇرۇن تېشىش بىزنىڭ ئادىتىمىزدە يوق، ھىندىلارنىڭ ئادىتى دەپ بىلەتتىم. مۇسۇلمان ئاياللار بۇرۇن تەشتۈرسە ياكى شۇنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلسا ۋە باشقىلارنىڭ بۇرۇن تەشتۈرۈشىگە ياردەملەشسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ھىندىلارغا ئوخشىۋېلىش نىيىتىدە بولماي، بۇرۇنغا ھالقا سېلىپ زىننەتلىنىش مەقسىتىدە بۇرۇننى تەشتۈرۈشنى ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى قۇلاق تەشتۈرۈشكە قىياسەن جائىز دەپ قارايدۇ. بىر قىسىم ئالىملار: «بۇرۇننى تېشىش ئادىتى بولمىغان يۇرتلاردىكى ئاياللارنىڭ بۇرۇننى تەشتۈرۈشى ھارام، چۈنكى ھىندىلاردەك بەزى پىرقىلەردىلا بۇ ئادەت بار، بۇ ئومۇم مۇسۇلمانلاردا ئومۇملاشمىغان ئادەت» دەپ قارايدۇ.

كىندىك، قاپاق ۋە تىل قاتارلىق ئەزالارنى تەشتۈرۈپ ھالقا تاقاش بولسا بەدەننى ئارتۇقچە زەخمىلەندۈرۈش، ئېھتىياجدىن ئارتۇقچە زىننەتلىنىش ۋە ئەخلاقسىز ئاياللارغا ئوخشاپ قېلىش جەھەتتىن چەكلىنىدۇ.

422 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئادەم تاھارىتى بار ۋاقىتتا ئايالى بىلەن سۆيۈشۈپ، قۇچاقلىشىپ قالسا، لېكىن بىللە بولمىسا، تاھارىتى سۇنۇپ كېتەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. تاھارىتىنى سۇندۇرىدىغان، ئالدى تەرەپتىن سۇيۇقلۇق كېلىشتەك، بىرەر ئەھۋال كۆرۈلمىسە سۇنمايدۇ.

423 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، سالامەت تۇردىلىمۇ؟ قەرز ئىگىلىرىنى تاپالماي قالسام، قايسى يول بىلەن قەرزنى قايتۇرسام بولىدۇ؟ ئۇ پۇللارنى ئۇلارنىڭ نامىدىن سەدىقە قىلىۋېتىش، باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق قولدىن چىقىرىۋەتسەم بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئىككىنچى قېتىملىق رامازانلىق 207 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ!

424 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، سالامەت تۇردىلىمۇ؟ بىر بۇرادىرىمىزنىڭ تۆت بالىسى باركەن. توي قىلغىنىغا 10 نەچچە يىل بوپتۇ. ئايالىنىڭ تالىقىنى بېرىپتىكەن، لېكىن ئىددىتى توشماپتۇ. باشقىلاردىن: «ئايالنىڭ ئىددىتى توشۇشتىن بۇرۇن، ئەر كىشى ئۇنى ئەمرىگە قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ» دەپ ئاڭلاپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالى: «تالىقىمنى بەر» دەپ ھاقارەتلەپ، تولا تىللىغانلىقتىن، تالىقىنى بەرگەن ئىكەن. ئۇ بۇرادىمىز: «ئانچە تالاق، مۇنچە تالاق» دېمەستىن، «تالىقىڭنى بەردىم» دەپلا تالىقىنى بېرىپتۇ. ئايالىمۇ: «ئالدىم» دەپتۇ. مۇشۇ شەكىلدە «خەت قايتۇرۇش» ئارقىلىق ئاجراشقان ئىكەن. سوئالىمىز: ئۇ كىشى ئايالىنى ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئەمرىگە قايتۇرۇۋالسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئەر كىشىنىڭ ئۈچ تالاق قىلىش ھەققى بولغاندىكىن، بىر تالاق قىلغان بولسا، ئىددەت ئىچىدە قايتا نىكاھ قىلمايلا قايتۇرۇۋېلىپ ئۆي تۇتىۋەرسە بولىدۇ. يەنە ئىككى قېتىملىق تالاق پۇرسىتى قالىدۇ. بۇ ھۆكۈم ئۇ ئەر ئىلگىرى ئايالىنى تالاق قىلىپ باقمىغان بولسا شۇنداق.

425 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۆمرەگە كەلگەن كىشى قايتىدىغان چاغدا «ۋىدا‍ تاۋاپى» قىلامدۇ؟ ئەگەر مەدىنەدىن قايتىپ ئۆمرە قىلىپ بولۇپلا قايتىپ كەتمەكچى بولغانلار ئۆمرەنىڭ تاۋاپى ۋە سەئيىسىنى قىلىپ بولۇپلا، ئارقىدىن ئۇلاپلا ۋىدالىشىش تاۋاپى قىلسا بولامدۇ؟ بەزىلەر «ۋىدالىشىش تاۋاپىنى ھەجدىن كېيىن قىلىدۇ، ئەمما ئۆمرە ئۈچۈن كەلسە، ۋىدالىشىش تاۋاپى قىلمايدۇ» دەيدىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆمرەگە كەلگەن كىشى قايتىدىغان چاغدا «ۋىدا تاۋاپى» قىلىشى ۋاجىب ئەمەس. بەلكى مۇستەھەب. «ۋىدا تاۋاپى» قىلىش ھەجگە كەلگەن كىشى مەككەدىن قايتىدىغان چاغدا ۋاجىب. يەنى مەيلى يۇرتىغا ياكى مەدىنە ياكى تائىف ياكى جىددە دېگەندەك شەھەرلەرگە سەپەر قىلماقچى بولسا، چوقۇم «ۋىدا تاۋاپى» قىلىپ سەپەر قىلىشى لازىم. ئەمما مەككەدىكى «ئائىشە مەسجىدى»گە چىقماقچى بولسا «ۋىدا تاۋاپى» قىلىشى كېرەك ئەمەس. چۈنكى، «ئائىشە مەسجىدى»مۇ مەككەگە تەۋە.

426 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھەرەمگە كەلگەنلەر قانچە كۈن تۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر نامازنى قەسىر قىلماي ئوقۇمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەرەمگە ياكى ھەرقانداق بىر شەھەر، كەنتكە سەپەر قىلىپ، 15 كۈن ئەتراپىدا تۇرماقچى بولغان كىشى نامازنى قەسىر قىلماي تولۇق ئوقۇيدۇ. 15 كۈندىن ئاز تۇرۇشنى ئويلىشىپ، «ئەتە – ئۆگۈن ئىچىدە قايتىمەن» دەپ نىيەت قىلىپتۇ، ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى قايتىدىغان ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلۈۋېرىپتۇ. لېكىن، يەنىلا 15 كۈن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تۇرۇشنى نىيەت قىلماپتۇ. مۇشۇ ھالەتتە تۇرغان ۋاقتى 15 كۈندىن ئېشىپ كەتسىمۇ، يەنىلا سەپەردىكى كىشىنىڭ ھۆكمىدە قەسىر قىلىۋېرىدۇ.

427 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بالاغەتكە يەتكەن قىز بالىلار دىيانەتنىڭ ياتاقلىق قۇرئان كۇرسلىرىدا قالسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاتا – ئانىسى بارلار بالاغەتكە يەتكەن ياكى يەتمىگەن قىزلىرىنى ئۆيىدە تۇرغۇزۇپ تەربىيەلىشى، ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىشى لازىم. ئاتا – ئانىسى يوقلار ياكى بار بولسىمۇ ئۆيىدە تۇرغۇزۇپ ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىشقا شارائىتى يار بەرمىگەنلەر ياتاق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ خاتىرجەم بولالىسا، زۆرۈرىيەت جەھەتتىن دىيانەتنىڭ ياتىقىغا بەرسە مەيلى.

428 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، ياۋروپادا ياشايدىغانلار ھۆكۈمەتنىڭ تەمىناتىدىن باشقا كىرىمى يوق شارائىتتا قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىبمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قولىدا 5000 ياۋرو ئېشىنچا ئىقتىسادى بولسا، قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ.

429 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سىزدىن سورايدىغان بىر سوئالىم بار ئىدى، مەن 2014 – يىلى پەرز ھەجنى قىلغان ئىدىم ئەلھەمدۇلىللاھ، بۇ قېتىم قايتا ھەرەمگە كېلىش نېسىپ بولدى. مېنىڭ ئاتا – ئانام ۋەتەندە، ئانام 63 ياش، دادام 68 ياش. مەن بۇ پەرز ھەجنى ئاتا – ئانامنىڭ ئىككىسنىڭ بىرىگە قىلسام بولامدۇ ياكى ئۇلا ھايات بولغاندىكىن بولماسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق 491 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ!

430 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەجدە قىلماقچى بولغان قۇربانلىقنى تۈركىيەدە تۇرغان قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىپ بەرسەك بولامدۇ؟ ياكى چوقۇم مۇشۇ مەككە زېمىنىدا قىلامدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق 492 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ!

431 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىر ئادەم قۇرئان تۇتۇپ تۇرۇپ بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلىپ، كېيىن ئۇ ئىشنى قايتا قىلىپ سالغان بولسا ۋە قىلغانلىقى ئۈچۈن پۇشايمان قىلغان بولسا، قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئىسلامدا بۇنىڭ جازاسى قانداق بولىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشى كىرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق 373 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ!

432 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، «ۋىدا تاۋاپى» ئۈچۈن سەئيى قىلىش كېتەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ياق.

433 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھاجىلار مەدىنەگە كېلىپ پەيغەمبىرىمىزگە سالام قىلىدىغان ئەمەل بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھاجىلارنىڭ مەدىنەگە بېرىشىنىڭ ھەج بىلەن ئالاقىسى يوق. ئەمما، ھەرەمگە كەلگۈچىلەرنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ قەبرىسىنى ۋە مەسجىدىنى زىيارەت قىلىشى كۆپچىلىك ئالىملار نەزەرىدە مۇستەھەب. بەزى ئالىملار: «ۋاجىب» دەپ قارىغان.

434 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەرافاتتىكى «نەمىرە مەسجىدى»نىڭ ھەممە قىسمى ئەرافاتقا تەۋەمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھاجىلار بەك دىققەت قىلىشى كېرەك بولغان مەسىلە. ئەرافاتتىكى «نەمىرە مەسجىدى»نىڭ ھەممە قىسمى ئەرافاتقا تەۋە ئەمەس. بەلكى قىبلە تەرىپىدىكى بىر قىسمى ئەرافات سىرتىدا. شۇڭا، ھاجىلار ئەرافات چېگرىسىغا خاس بەلگىلەرگە رىئايە قىلىشى، ئۇنى بىلەلمىسە مەسجىدتە ئولتۇرۇۋالماي، رەھمەت تېغى تەرەپتە تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى ئەرافات چېگرىسى سىرتىدا ئولتۇرۇپ قالسا، ھەج ئادا بولمايدۇ. شامغا قەدەر چېگرا ئىچىگە قايتىپ ئولتۇرۇشى زۆرۈر.

435 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتوركا! قانداق ئەھۋاللىرى؟ تەشرىقنىڭ بىرىنچى كۈنى شەيتانغا تاش ئېتىشنى قايسى ۋاقىتتا قىلىمىز؟ بەزىلەر: «پېشىندىن كېيىن ئاتىمىز» دېسە، بەزىلەر: «كۈن چىقىشتىن كېيىن ئاتساق بولىدۇ» دەۋاتىدۇ. شۇنىڭغا بىر يولنى كۆرسىتىپ قويغان بولسىلا.

جاۋاب: تەشرىق كۈنلىرى يەنى ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ، كۈن قايرىلغاندىن كېيىن تاش ئېتىشقا باشلايمىز. ئۇنىڭدىن بۇرۇن تاش ئېتىشقا بولمايدۇ. كۈن پاتقانغا قەدەر ئاتىمىز.

436 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەگەر بىر ھەج قىلغۇچى شەيتانغا 21 تاشنى 7 دىن ئۈچ كۈندە ئېتىشنى بىلمەي، بىراقلا 21 تاشنى ئېتىۋەتكەن بولسا، بۇنىڭ كەففارىتى نېمىكىن؟ قالغان ئىككى كۈندە 7 دىن تاشنى ئاتامدۇ ياكى ئەمدى ئاتمامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ. 21 تاشنى بىراقلا ئېتىۋەتكەن بولسا، پەقەتلا يەتتىدىن ئارتۇق ئاتقان بولىدۇ، كەففارەت كەلمەيدۇ. كېيىن تاش ئاتىدىغان ۋاقىت ۋە ئورۇنلاردا قايتا يەتتىدىن ئېتىشى كېرەك. «بىراقلا ئېتىۋەتكەن ئىدىم، ئەمدى ئاتمايمەن» دېيەلمەيدۇ. ئاتىدىغان تاشلارنىڭ سانى جەمئىي 70 تاش: قۇربان ھېيت كۈنى چوڭ شەيتانغا يەتتە تال، تەشرىقنىڭ ئۈچ كۈنى (يەنى ھېيتنىڭ 2 -، 3 -، 4 – كۈنلىرى) دە ھەر كۈنى ئۈچ شەيتانغا 21 تالدىن. تەشرىقنىڭ ئىككىنچى كۈنى (يەنى ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى) تاش ئېتىپ بولۇپ قايتىپ كېتىدىغان كىشى ﴿…مىنا تېغىدا قۇربان ھېيت كۈنىدىن كېيىن ئىككى كۈن تۇرۇپ ئالدىراپ قايتقان ئادەمگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ…﴾(2/«بەقەرە»: 203) دېگەن ئايەت بويىچە، جەمئىي 49 تال ئاتىدۇ.

437 – سوئال: تەشرىق كۈنلىرى ئەتىگەندە تاش ئېتىپ كەتكەنلەرنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: تەشرىقنىڭ بىرىنچى (يەنى ھېيتنىڭ ئىككىنچى) كۈنىدىن باشلاپ، كۈن قايرىلغاندىن كېيىن تاش ئېتىشقا باشلايمىز، ئۇنىڭدىن بۇرۇن تاش ئېتىشقا بولمايدۇ. شۇڭا، ئەتىگەندە تاش ئېتىپ كەتكەنلەر قايتىپ كۈن پاتقۇچە قايتا ئېتىشى كېرەك.

438 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئەدەبلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ئەدەب – قائىدىلىرى تۆۋەندىكىچە:

ھاجى ھەج پائالىيەتلىرىدىن بىكار بولغان ۋە «مەسجىدۇلھەرام»دىن قايتقاندىن كېيىن، مەدىنەگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ئىستىكىدە بارىدۇ.

چۈنكى، بۇ مەندۇب ۋە مۇستەھەبلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بولۇپلا قالماي، بەلكى ۋاجىبنىڭ دەرىجىسىگە يېقىندۇر. ئىمام شەۋكانىي خۇلاسىلىگەن سىياقتا «نەيلۇلئەۋتار» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ھەر خىل بولۇپ كەتكەن. ‹مەندۇبنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى› دەپ قارايدىغان ھەنەفىي مەزھەبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىملار: ‹مەندۇب› دەپ قارىغان. بەزى ئالىملار: ‹ۋاجىب› دەپ قارىغان».

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۈچ مەسجىدتىن باشقا مەسجىدكە ئالاھىدە سەپەر قىلىنمايدۇ: مەسجىدى ھەرەم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەسجىدى ۋە مەسجىدى ئەقسا» دېگەن(«سەھىھەين»).

كۆپلىگەن كىشىلەر بۇنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى ۋە مۇستەھەبلىرىنىڭ تارماقلىرىغا قەدەر بىلمەي بىخۇد ھالەتتە كېتىپ قالىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان كىشى ئۇ زاتقا دۇرۇد – سالامنى كۆپلەپ ئېيتىشى لازىم. ھەدىستە بۇ دۇرۇد – سالاملارنىڭ ئۇ زاتقا يېتىپ بارىدىغانلىقى بايان قىلىنغان(«ئەھمەد»، 4210).

مەدىنەنىڭ تېمى كۆرۈنگەن ھامان رەسۇلۇللاھقا دۇرۇد ئېيتىدۇ ۋە: «ئى ئاللاھ! بۇ سېنىڭ پەيغەمبىرىڭنىڭ ھەرىمى، ئۇنى ماڭا دوزاختىن دالدا قىلغىن، ھېسابنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئازابتىن ساقلىنىدىغان (پەردە) قىلغىن» دەيدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسا، كىرىشتىن بۇرۇن ياكى كىرگەندىن كېيىن يۇيۇنىدۇ. ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى كىيىدۇ. چۈنكى، بۇ چوڭ بىلگەنلىك مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. مەدىنەگە سالماق ۋە تەمكىن ھالەتتە، كەمتەر قىياپەتتە كىرىدۇ ۋە: ﴿ئاللاھنىڭ نامى بىلەن، رەسۇلۇللاھنىڭ دىنى بويىچە، ئى رەببىم! مېنى ئوڭۇشلۇق كىرگۈزگىن﴾(17/«ئىسراﺋ»: 80) دېگەن ئايەتنى ئاخىرىغىچە ۋە: «ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە، مۇھەممەدنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغىن. مېنىڭ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن. ماڭا رەھمىتىڭنىڭ، مەرھەمىتىڭنىڭ ئىشكلىرىنى ئاچقىن» دەيدۇ. چوقۇم مۇشۇ دۇئالارنى قىلىش كېرەك ئەمەس. بىلمىسە، مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان دۇئالارنى قىلسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.

ئاندىن «مەسجىدۇننەبەۋىي»گە كىرىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنبىرىنىڭ يېنىدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ. مۇنبەرنىڭ تۈۋرۈكى ئوڭ مۈرىسىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىغان جايدا تۇرىدۇ. بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇرغان جايى بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ قەبرىسى بىلەن مۇنبىرىنىڭ ئارىلىقىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۆيۈم (قەبرىسى شۇ ئۆيىدە) بىلەن مۇنبىرىمنىڭ ئارىسى جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچىدۇر، مۇنبىرىم ھەۋزە – كەۋسەرىمنىڭ ئۈستىدىدۇر»(«سەھىھەين») دېگەن. ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا شۈكرى قىلىش يۈزىسىدىن سەجدە قىلىدۇ ۋە ياقتۇرغان كەلىمەلەر بىلەن دۇئا قىلىدۇ.

ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىگە قاراپ ماڭىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ باش تەرىپىدە قىبلىگە يۈزلەنگەن ھالەتتە تۇرىدۇ. قەبرىگە ئۈچ – تۆت گەز ئارىلىق قالغۇچە يېقىنلىشىدۇ، بۇنىڭدىن ئارتۇق يېقىنلاشمايدۇ. قولىنى تۇپراقنىڭ تېمىغا قويمايدۇ. چۈنكى، بۇ بەك ئەيمەنگەنلىك ۋە تېخىمۇ ھۆرمەت قىلغانلىقتۇر. نامازدا تۇرغاندەك يەنى قول قوۋۇشتۇرۇپ ھۆرمەتنى ئىپادىلىگەن ھالەتتە تۇرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نۇرانە، ئېسىل قىياپىتىنى قەبرىسىدە ئۇخلاۋاتقان، ئۇنى تۇيۇپ ۋە سۆزىنى ئاڭلاپ ياتقاندەك ھالەتتە خىيال قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ماڭا قەبرەمنىڭ قېشىدا دۇرۇد ئوقۇغان بولسا، مەن ئۇنى ئاڭلايمەن»(«شۇئەبۇلئىمان»، 1481) دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە ئۇ زاتنىڭ قەبرىسىگە ئۈممىتىدىن ئۇ زاتقا دۇرۇد – سالام يوللىغان كىشىنىڭ سالامىنى يەتكۈزۈپ تۇرىدىغانغا بىر پەرشتىنىڭ مۇئەككەل قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان»(«شۇئەبۇلئىمان»، 1481).

ئاندىن مۇنداق دەيدۇ: «سالام ساڭا ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سالام ساڭا ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سالام ساڭا ئەڭ ئاللاھنىڭ تاللىغان بەندىسى! سالام ساڭا ئەي ئاللاھنىڭ دوستى! سالام ساڭا ئەي رەھمەت پەيغەمبىرى! سالام ساڭا ئەي ئۈممەتنىڭ شاپائەتچىسى! سالام ساڭا ئەي ئەلچىلەرنىڭ سەردارى! سالام ساڭا ئەي پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتىمىسى! سالام ساڭا ئەي كىيىمىگە يۆگىنىۋالغۇچى! سالام ساڭا ئەي كىيىمىگە چۈمكىلىۋالغۇچى! سالام ساڭا ئەي مۇھەممەد! سالام ساڭا ئەي ئەھمەد! سالام ساڭا ۋە ئاللاھ قەبىھلىكلەرنى يىراق قىلغان، پاك قىلغان ئېسىل، پاك ئەھلى بەيتىڭ (ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىڭ) گە! ئاللاھ ساڭا بىر پەيغەمبەر قەۋمى سەۋەبلىك، بىر ئەلچى ئۈممىتى سەۋەبلىك ئالىدىغان مۇكاپاتنىڭ ئەڭ كاتتىسىنى ئاتا قىلغاي! گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، سەن (ئاللاھ تاپشۇرغان) ۋەزىپىنى ئادا قىلدىڭ. ئامانەتنى جايىغا تەگكۈزدۈڭ. ئۈممەتكە نەسىھەت قىلدىڭ. دەلىل – پاكىتلارنى ئوچۇقلىدىڭ. ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلدىڭ. تا ئاخىرىقى نەپىسىڭگە قەدەر ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن كۈرەش قىلدىڭ. ئاللاھ سېنىڭ روھىڭغا، جىسمىڭغا، قەبرەڭگە قىيامەتكە قەدەر ئۆكسۈمەس رەھمىتىنى ئاتا قىلغاي. ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز سېنىڭ ئۈچۈن كەلگەن جامائەتمىز، قەبرەڭنىڭ زىيارەتچىلىرىمىز. يىراق ياقا – يۇرتلاردىن سېنىڭ ھەققى – ھۆرمىتىڭنى قىلىش، قالدۇرغان ئىزنالىرىڭنى كۆرۈش، زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بەرىكەت ئۈمىد قىلىش، رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىدا شاپائىتىڭگە ئېرىشىش ئۈچۈن كەلدۇق. چۈنكى، خاتالىقلار يەلكىمىزنى مۈكچەيتىۋەتتى، گۇناھلار مۈرىلىرىمىزنى باستى. سەن شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەت قىلغۇچى، شاپائەت قىلىش ۋە مەقام مەھمۇد ۋەدە قىلىنغان زاتتۇرسەن. ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغاندا، ساڭا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، پەيغەمبەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسە ئىدى، ئەلبەتتە، ئۇلار ئاللاھنىڭ كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالاتتى﴾(4/«نىساﺋ»: 64) دېگەن. بىز ئۆزلىرىمىزگە زۇلۇم قىلغان، گۇناھلىرىمىز ئۈچۈم مەغپىرەت تىلىگەن ھالدا قېشىڭغا كەلدۇق. بىزگە رەببىىمىزنىڭ ھۇزۇرىدا شاپائەت قىلغىن. بىزنىڭ سۈننىتىڭنىڭ ئۈستىدە ۋاپات بولۇشىمىزنى، سېنىڭ جامائىتىڭ قاتارىدا توپلىنىشىمىزنى، بىزنى ھەۋزە – كەۋسەرىڭگە بارغۇزۇشىنى، بىزگە سېنىڭ زىيان ۋە پۇشايمان بولمىغان جامىڭدىن ئۇسسۇلۇق بېرىشىنى تىلىگىن. شاپائەت، شاپائەت، ئەي رەسۇلۇللاھ!» ئاخىرىقى جۈملىنى ئۈچ قېتىم دەيدۇ. ﴿رەببىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن﴾(59/«ھەشر»: 10)

تاپىلىغان كىشىنىڭ سالامىنى يەتكۈزۈپ مۇنداق دەيدۇ: «پالانىدىن سالام ساڭا ئەي رەسۇلۇللاھ! ئۇ رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا سېنىڭ شاپائىتىڭنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇنىڭغا ۋە بارچە مۇسۇلمانلارغا شاپائەت قىلغىن». ئاندىن قىبلىگە ئارقىسىنى، قەبرىگە ئالدىنى قىلىپ تۇرۇپ، رەسۇلۇللاھقا خالىغانچە دۇرۇد – سالام يوللايدۇ («ئەلئىختىيار» كىتابىدىن).

439 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەجدىن كېيىن جىددەگە چىقىپ – كىرىدىغان ئىش چىقىپ قالسا، «ۋىدا‍ تاۋاپى»نى قىلىۋېتىپ بېرىش كېرەكمۇ؟ ياكى يۇرتىغا قايتمىغانلىقى ئۈچۈن ساقلاپ، يۇرتقا قايتىدىغان چاغدا «ۋىدا‍ تاۋاپى» قىلامدۇ؟ كېيىن يۇرتىمىزغا قايتقاندا تەكرار «ۋىدا‍ تاۋاپى» قىلامدۇق ياكى ئاشۇ «ۋىدا‍ تاۋاپى» ھېساب بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «ۋىدا‍ تاۋاپى» قىلىش ھەجگە كەلگەن كىشى يۇرتىغا قايتىدىغان چاغدا ئەمەس، مەككەدىن كېتىدىغان چاغدا ۋاجىب. مەيلى يۇرتىغا ياكى مەدىنە ياكى تائىف ياكى جىددە دېگەندەك شەھەرلەرگە سەپەر قىلماقچى بولسا، چوقۇم «ۋىدا‍ تاۋاپى» قىلىپ سەپەر قىلىشى لازىم. ئۇ شەھەرلەرگە سەپەر قىلغاندا «ۋىدا‍ تاۋاپى» قىلىپ بولغاندىكىن، يۇرتقا قايتقاندا تەكرار «ۋىداﺋ‍ تاۋاپى» قىلىش كېرەك ئەمەس. چۈنكى، كېيىن جىددەدىن مەككەگە ھەج ئۈچۈن كىرمىگەن.

440 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مېنىڭ بالىياتقۇدا ياللۇغ بولغانلىق سەۋەبىدىن ھۆللۈك كۆپ بولۇپ، تاھارىتىم پەقەت تۇرمايدۇ. كۆپىنچە بىر ۋاقىت نامازغىمۇ تۇرمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ مەن مەلۇم ئۇستازدىن: «ھەر نامازغا تاھارەت ئېلىپ ئوقۇۋەرسەم بولامدۇ؟» دەپ سورىسام: «ئىككى رەكئەتكە يارىغان بولسا بولمايدۇ، ئەگەردە ئىككى رەكئەتكىمۇ يارىمىغان بولسا ئاندىن بولىدۇ» دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى. بەزىلەر: «بولىدۇ» دەپمۇ پەتۋا بېرىدىكەن، قايسى قاراش كۈچلۈك؟ بەزىدە سىرتلاردا تولا تاھارەت ئېلىش ئەپسىز بولۇپ قالىدىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئىككىنچى قېتىملىق رامازانلىق 98 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ! مەزكۇر «ئۇستاز»نىڭ جاۋابى خاتا.

 441 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەلۇم بىر مەسىلىنى بىر ئۇستازدىن سورىغان بولساق: «بولمايدۇ» دەپلا پەتۋا بەرگەن بولسا، كېيىن ئۇنىڭدىن ئىلىم جەھەتتە ئۈستۈنرەك ھەم بۇ مەسىلىدىكى قايسى تەرەپنى تۇتساق ياخشى بولىدىغانلىقىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويىدىغان ئۇستازدىن سورىغان بولساق، گۇناھكار بولامدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. گۇناھكار بولمايسىز. ئەڭ بىلىملىك ۋە ئەڭ ئىشەنچلىكىنىڭ پەتۋاسىنى تۇتسىڭىز بولىدۇ. لېكىن، نەچچە ئۇستازدىن سوراپ بولۇپمۇ بىرىگە ئەمەل قىلماي، يەنىلا «نەپسى»نىڭ كەينىگە كېرىش ئېغىر گۇناھتۇر.

442 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يېزىدىكى قورۇ – جاي ۋە باغلارنىڭ مېۋە دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرى تامنىڭ سىرتىغا چىقىپ قالسا، ئىگىسىدىن سورىماي شۇ شاخلاردىن مېۋە ئۈزۈپ يېسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاچ قالمىغان ئەھۋالدا باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىنى رازىلىقىسىز يېسە بولمايدۇ. تامنىڭ سىرتىغا چىقىپ قالغان شاخلارنىڭ مېۋىلىرىنى پەقەتلا شۇ يۇرتنىڭ ئۆرپ – ئادىتىدە رۇخسەت قىلىنىدىغان بولسا ئاندىن يەيدۇ. بولمىسا يېمەيدۇ. ئەمما، يەرگە چۈشۈپ كەتكەن مېۋىلەرنى يېسە بولىدۇ.

443 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ھەج قىلغان ئىدىم. تېخى مەككەدىن ئايرىلمىدىم. «ۋىدا‍ تاۋاپى»نى قىلماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ئۆمرە قىلسام جائىزمۇ ياكى «ۋىدا‍ تاۋاپى»نى قىلىپ باشقا شەھەرگە بېرىپ قايتىپ كېلىپ ئاندىن ئۆمرە قىلىشىم كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەج قىلغان كىشى مەككەدىن ئايرىلمىغان بولسا، «ۋىدا‍ تاۋاپى»نى قىلماي تۇرۇپ، ئۆزى ئۈچۈن ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن «ئائىشە مەسجىدى»گە چىقىپ ئىھرام باغلاپ كىرىپ، خاھلىغانچە نەچچە قېتىم ئۆمرە قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭ چەكلىنىدىغان تەرىپى يوق. مەككەدىكى «ئائىشە مەسجىدى»گە چىقماقچى بولسا، «ۋىدا‍ تاۋاپى» قىلىشى كېرەك ئەمەس. چۈنكى، «ئائىشە مەسجىدى»مۇ مەككەگە تەۋە.

444 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) تىجارەتتە مالنى ئېلىشقا ۋەدە قىلىپ، زاكالەت بېرىپ بولۇپ، ئاندىن مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن سەھۋەن ياكى قەستەنلىك بىلەن يېنىۋالسا، مال ئىگىسى زاكالەت پۇلىنى بەرمىسە خەقنىڭ ھەققىنى يەۋالغان سانىلامدۇ؟ زاكالەت پۇلنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

2) ئالغۇچى سەھۋەنلىك ياكى قەستەنلىك بىلەن يېنىۋالغاندىن كېيىن، مالنى ساقلاش ياكى توشۇش دېگەندەك ئىشلاردا زىيان كېلىپ چىققان بولسا، زىياننى كىم كۆتۈرىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) «زاكالەت سودىسى»دا سېتىۋالغۇچى يانسا، زاكالەت كۆيىدۇ. ئەگەر ساتقۇچى يانسا، ئالغان زاكالەتنىڭ ئىككى ھەسسىسىنى قايتۇرۇشى كېرەك. زىيان تارتمىغان ئەھۋالدا قارشى تەرەپنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرسە ئەۋزەل. 2) سېتىۋالغۇچى (ياكى ساتقۇچى) يېنىۋالغان تەقدىردە «مالنى ساقلاش ياكى توشۇش» دېگەندەك ئىشلاردا كېلىپ چىققان زىياننى ساتقۇچى كۆتۈرىدۇ. شۇڭلاشقا زاكالەت مىقدارىنى زىياننى كۆتۈرىدىغان مىقداردا بەلگىلەش مۇھىم.

445 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر قورساق ئاچامنىڭ يولدىشى ماڭا مەھرەم بولامدۇ ياكى نامەھرەم بولامدۇ؟ ئالدىدا ياغلىقىمنى ئالماي ئولتۇرسام، بىرسى ماڭا: «ئۆزىڭىزنىڭ ئاكىسىدەك تۇرسا، ياغلىقنى ئېلىۋېتىپ ئولتۇرۇڭ!» دېگەن ئىدى، شۇڭا سورىغان ئىدىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاچىڭىزنىڭ يولدىشى سىزگە نامەھرەم بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ ئالدىدا تولۇق كىيىنىپ ئولتۇرۇش ۋە خالىي بىللە ئولتۇرماسلىقتەك ئىشلاردا دىققەت قىلىش لازىم. ئۇ «بىرسى» دىن ئەھكاملىرىنى چۈشەنمەستىن خاتا گەپ قىلىپتۇ.

446 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئابدۇلئەزىز دوكتور! ئاللاھ سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە سالامەتلىك ۋە تىنچلىق بەرسۇن! يېقىندا غەرب دۆلەتلىرىدە بولۇۋاتقان بىر مەسىلە ئۈچۈن پەتۋا سوراي دېگەنىدىم: ئاۋسترالىيەدىكى ۋە باشقا كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەنگە خىتتايدىن ۋىزا ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. بىز ۋەتىنىمىز مۇنقەرزلىككە، خەلقىمىز قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە خىتتايدىن ۋىزا ئېلىپ ۋەتەنگە بېرىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئاتا – ئانىسى ياكى خوتۇن – بالىلىرى بولسا ئۆزگىرەمدۇ؟ ئۇلار جان ئۈزۈشكە ئاز قالغان بولسىچۇ؟ ۋەتەندىكى مال – مۈلكىنى ئەكىلىۋېلىشقا بارسا بولامدۇ؟ مەلۇمكى، غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكى: «خىتتاي بىزنىڭ جېنىمىزغا خەۋپ ئېلىپ كەلدى» دەپ پاناھلىق تىلەپ يەرلەشكەن. مۇشۇ مەسىلە توغرۇلۇق بىزگە چۈشەنچە بېرىشىڭىزنى سورايمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگىمۇ سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن! ھازىرقى شارائىتتا غەرب دۆلەتلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋەتەنگە خىتتايدىن ۋىزا ئېلىپ بېرىشى، ئۇلار ئاددىي ئويلاپ قالغان بولسۇن ياكى بۇ مەسىلىنىڭ تېگىگە يېتىپ شۇنداق قىلغان بولسۇن، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە: «خىتتايلار زۇلۇم سالمايۋاتىدۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارمايۋاتىدۇ» دېگەندەك چۈشەنچە بېرىدىغانلىقى، «تاجاۋۇزچى خىتتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دەپ قاقشاۋاتقان مىللىتىمىزنى يالغانغا چىقىرىدىغانلىقى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق باھانىسىداغەرب ئەللىرىگە سىغىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى يالغانغا چىقىرىدىغانلىقى شۇنداقلا جان ۋە مېلىنى ھالاكەتكە تاشلاش، خىتتايغا ئۆزىنى خار قىلىش، ئۆزلىرىنى خىتتاي قوينىغا ئېتىش، دۈشمەنگە ۋە زالىمغا خىزمەت قىلىشقا، ئۇلار ئۈچۈن جاسۇس بولۇپ ئۆز قېرىنداشلىرىنى سېتىشقا قاراپ قەدەم ئېلىش كەبى ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە مىللىتىمىزگە زىيانلىق تەرەپلىرىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، بۇ كەبائىر (ئېغىر دەرىجىدىكى ھارام قىلمىش) بولۇپ، ئاللاھقا، رەسۇلى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، جىمى مۇسۇلمانلارغا ۋە ۋەتەنگە خىيانەتتۇر.

ھەقتائالا مۇئمىنلەرنى: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار!﴾(8/«ئەنفال»: 27) دەپ بۇيرۇغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﺘﯘﺭ: ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ، ﯞﻩﺩﻩ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ، ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﺴﺎ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ» دېگەن(«سەھىھەين»).

خىيانەتنىڭ تۈرلىرى، شەكىللىرى نۇرغۇن بولۇپ، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە مايىل بولۇش، ئۇلارغا ئىشىنىش ۋە مۇسۇلمانلار جامائىتىنى مات قىلىش ئارقىلىق ۋەتەنگە، مىللەتكە خىيانەت قىلىشمۇ خىيانەتنىڭ ئەڭ قەبىھ شەكلى بولغىنىدەك، ئاللاھنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى بىلەن چەك ئايرىماسلىق مەئسىيىتىمۇ ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا خىيانەت بولىدۇ. ۋەتەندىن ئىبارەت ئامانەتكە خىيانەت قىلىشمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەدىس شەرىفتە بايان قىلىنغىنىدەك، نىفاقنىڭ بىر ئالامىتىدۇر. ئامانەتنى زايە قىلىپ، خىيانەتكە رازى بولغان كىشىدە دىيانەتتىن ئەسەر قالمايدۇ. شۇڭا، بۇ ئىشقا سەل قاراپ قەدەم ئالغانلار دەرھال ھوشىنى يىغىپ تەۋبە قىلىشى كېرەك.

بۇ خىيانەتكە ئاتا – ئانا ۋە بالىچاقىنى كۆرۈۋېلىش ۋە ئەكىلىۋېلىش ياكى مال – مۈلكنى ئەكىلىۋېلىشتەك تۈرلۈك سەۋەبلەر باھانە بولالمايدۇ. چۈنكى، خىتتاي ۋەتەنگە بارغان ئۇيغۇرنى قارشى ئېلىپ: «خۇش كەپسىز! مانا تۇغقانلىرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ، مال – مۈلكىڭىزنى ئېلىپ سالامەت قايتىپ كېتىڭ» دەپ چىرايلىق ئۇزۇتۇپ قويمايدۇ. ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. بۇ ئەھۋال ھەممىمىزنى ئىنتايىن ئېچىندۇرىدۇ ۋە خىتتايدىن مېھرىنى ئۈزەلمەسلىكتەك مەرەز زېھنىيەتنىڭ ھەرقانچە «ئەركىن دۇنيا» دەپ ئاتالغان دۆلەتلەرگە خاتىرجەم بېرىۋالغانلاردىمۇ ئاسانلىقچە يوقىمايدىغانلىقتەك ئاچچىق ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ئىگەم ھەممىمىزنى يامان نىيەتلىكلەرنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن، خىيانەتكارلارنىڭ زىيانكەشلىكلىرىدىن ساقلىغاي! ئۇ زات ھەممىگە قادىردۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

447 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاب ئېلىپ بارغان «نەجد» ھەرىكىتىنى بەزى قاراشتا ئوسمانىيلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئەرەب مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئىسلاملاشقان نۇسخىسى دېيىلىدىكەن. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرەلىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەرەب مىللەتچىلىكى دېگىنىمىزدە، «ئەرەبلەرنى بىرلەشتۈرىدىغان، ئەرەبلەردىن چىققان، ئەرەبلەرنى تۈرلۈك زۇلۇم ۋە ئىستىبداتتىن قۇتقۇزىدىغان ۋە ئازاد قىلىدىغان، ئەرەبلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئەرەبلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ئەرەبلەرنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەيدىغان ئەقىدە» كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

تارىخىي جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، ئەرەبلەر ئۇلاردا ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى دىننى قوغدىغۇچى سۈپىتىدە خەلقئارا ساھەدە پەيدا بولۇپ، ئىسلام خىلافەتىدىن ئىبارەت سىياسىي بىر گەۋدە ئاساسىدا يېڭى دىن – ئىسلامنى تارقىتىپ يېڭى بىر سىياسىي ۋە دىنىي پىلاننى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ئۆز ئۈستىلىرىگە ئالغان. موڭغۇللار ئابباسىيلار خىلافەتلىكىگە مىلادىيە 1258 – يىلى ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئەرەبلەرنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچى ئاجىزلاپ تۈرك، مەملۇكىيلار ۋە فارسلاردەك ئىرقلارغا ئورۇننى تاكى 1800 – يىللارغا قەدەر بوشىتىپ بەرگەن. نەتىجىدە ئوسمانىيلار، مەملۇكىيلار ۋە سەفەۋىيلەر بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئىسلام خىلافەتىنى قولىغا ئالغان. ئەرەب مىللەتچىلىكى ئاجىزلاپ ئوسمانىيلار قانىتى ئاستىدا پاناھلىنىپ تۇرغان.

مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھابنىڭ قولىدا ۋەھھابىيلار ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خەلقئارادا ئىسلامنىڭ تۇنجى بۇلىقى بولغان زېمىندىن چىققانلىقىدىن ئىبارەت روھىي ۋە مەنىۋىي كۈچكە تايىنىپ ئەرەبلەرنىڭ رەھبەرلىك رولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى بىر ئۇرۇنۇش بولغان. بۇ ئۇرۇنۇش ئىسلام دىنىغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ۋە شەرئىي جەھەتتىن ئۆزىنى ھەقلىق دەپ قارىغان ئوسمانىيلار دۆلىتىگە تەھدىت ھېسابلانغان ۋە مۇستەقىل بولۇۋېلىشى خەتەر دەپ قارىلىپ، 1805 – 1848 – يىللار ئارىسى مىسىر ھاكىمى مۇھەممەد ئەلى پاشا تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.

ئوسمانىيلارنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە ئەرەب، تۈرك مىللەتچىلىكى ئوتتۇرىدىكى پەرقنىڭ ئىسلام كىملىكى سايىۋىنى ئاستىدا تارىيىشى نەتىجىسىدە ئەرەب مىللەتچىلىكى جانلىنالمىغان. بولۇپمۇ ئوسمانىيلارنىڭ ئىرقىي ۋە كۇلتۇرەل پەرقلەرنى ئېرىتىپ، «ئوسمانىي ۋەتەن» نامى ئاستىدا بىر گەۋدىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن چىقارغان 1839 – يىلىدىكى فەرمان كەبى ئىسلاھاتلار ئەرەبلەرنىڭ قوزغىلاڭلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغان. ئىسلام دىنىغا ھامىي بولۇش بىلەن بىللە ئەرەب تىلىنى دۆلەتنىڭ ئاساسلىق تىلى سۈپىتىدە قوللىنىشى، گېزىت – ژۇرناللارنى شۇ تىلدا نەشر قىلىش ۋە ئۇنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇشىمۇ ئەرەب مىللەتچىلىكىنى بىر تەرەپتىن ئاجىزلاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان. چۈنكى، ئەرەب تىلى ئوسمانىيلار قولىدا كەڭ تارقالغان ۋە تۈركلەر تېخىمۇ ئەرەبلىشىشكە باشلىغان.

كېيىنچە ياۋروپالىقلار كۈچىيىپ، ئوسمانىيلارنى «باسقۇنچى ئەجنەبىي» سۈپىتىدە كۆرسىتىپ، ئەرەب مىللەتچىلىكىگە گاز بەرگەن ۋە ئەرەب دىيارلىرىنى ئارقىمۇئارقا بېسىۋالغان. ئەرەبلەرمۇ مۇستەقىل بولۇپ، ياۋروپالىقلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغان مۇستەقىل دۆلەت بولۇشقا تىرىشقان ۋە ئوسمانىيلارنىمۇ، ياۋروپالىقلارنىمۇ ئەرەب مىللەتچىلىكىگە خەتەر دەپ قارىغان.

448 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ خىزمەتلىرىنى قوبۇل قىلسۇن. مال ساتقاندا «بەك نوچى، بەك ئېسىل، سۈپەت كاپالەت، ئاجايىب سۈپەتلىك، رازى بولۇپ قالىسىز…»  دېگەندەك  ئاشۇرما دەرىجىدىكى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەپ سېتىش توغرىمۇ؟ «بۇ باھاغا ھېچ يەردە بەرمەيدۇ، باشقا يەردىن ئالالمايسىلەر…» دەپ سېتىشلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. خېرىدارنى گوللاش ياكى يالغانچىلىق بولسا ھارام، تاۋارنىڭ ھەقىقىي سۈپىتىنى بايان قىلىش بولسا جائىز، ئاشۇرۇپ ماختاش مەكرۇھ. شۇڭا مۇبالىغە قىلماسلىق ئەۋزەل.

449 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! قانداق ئەھۋاللىرى؟ يېقىندا بەزىلەر «تۈركىيەدە سوقۇلغان ماشىنىنى ئېلىپ، ئوڭشىتىپ سېتىش شەرىئەتتە دۇرۇس ئەمەس» دەپ تەبلىغ قىلغان ئوخشايدۇ، بەزىلىرىمىز ئاز – تولا ئىقتىساد قوشۇپ قويۇپ ئاشۇ ئىشلارنى مۇقىم قىلىۋاتقانلار بىلەن شېرىكمۇ بولغان. سىلىچە بۇ جائىزمۇ ياكى قانداق؟ شۇڭا سىلىدىن سورۇشۇم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئادەتتە شەرىئەتكە خىلاپ بىرەر ئەھۋال بولمىسا، زەخمىلەنگەن ماشىنىلارنى سۇغۇرتا شىركەتلىرى ياكى قاتناش ئىدارىسىدىن كىمئارتۇق قىلىپ سېتىۋېلىش جائىز. گاھىدا كىمئارتۇق سودىسىغا كىرگەن بىرقانچە كىشى تىل بىرىكتۈرۈۋالسا ياكى باشقىلارغا پۇل بېرىپ سودىدىن چېكىندۈرسە، ياكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىۋالغان ماشىنىنى تېخى كۆرمەي ۋە قولىغا تاپشۇرۇپ ئالمايلا، باشقىلارغا سېتىۋەتسە ھارام ۋە مەكرۇھلۇق كېلىپ چىقىدۇ. يەنە بىرى، بەزى نائىنسابلار سوقۇلغان ماشىنىلارنى ئېلىپ ئوڭشاپ، ئۇنىڭ بۇرۇن سوقۇلغانلىقىنى سېتىۋالغۇچىغا دېمەستىن، ئالداپ يۇقىرى باھادا سېتىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، شەرئىي ھۆكۈم بۇ سودىنىڭ تەپسىلىي جەريانىغا باغلىق.

450 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تۈركىيە ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر قانۇنىدا كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس، شۇنداق بولغاچ ئەر پەقەت بىر ئايالى بىلەنلا قانۇنىي توي خېتى ئالالايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەرنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئايالىنىڭ قايسىسى شۇ دۆلەتنىڭ توي خېتىنى ئىلىش ھەققى بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە شەرىئەتتە بىرەر ئۆلچەم بارمۇ؟ ھەر ئىككى ئايالنىڭ بالىلىرى بار ۋە ھەر ئىككى ئايال شۇ ئەر بىلەن قانۇنىي توي خېتى بولۇشنى تەلەپ قىلغان بولسا قايسىسى بۇنىڭغا ھەقلىق بولىدۇ؟ ئەر بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەر ئىككى نىكاھ شەرئى جەھەتتىن شەرتلىرىنى تولۇقلىغان بولسا، ھەر ئىككى ئايالنىڭ نەپىقە، مىراس قاتارلىق ھەقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن دۆلەتتىن توي خېتى ئېلىش ھەققى بولىدۇ. دۆلەت قانۇنلىرىدا ھەر ئىككىسىگە توي خېتى ئېلىش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا ئۈچ تەرەپ مۇزاكىرىلىشىش ياكى چەك تاشلاش ئارقىلىق بىرىگە ئالسا بولىدۇ.

451 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مېنىڭ بىر جىيەنىم بار يەنى ئاچامنىڭ ئوغلى، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا دادىسى شەھىد بولغان، ئالتە ياشقا كىرگەندە ئانىسىمۇ شەھىد بوپ كەتتى، ئانىسى مېنىڭ بىر تۇغقان ئاچام ئىدى. شۇڭا بۇ جىيەنىمنى بالام دەيمەن، ئۇمۇ مېنى ئانا دەيدۇ. ئۇ ھازىر ئون ياشقا كىردى. ئۇنى باغرىمغا بېسىپ چېكىسىگە يۈزىگە سۆيۈپ قۇچاقلاپ قويسام، شەرىئەتتە دۇرۇسمۇ؟ ئەگەر دۇرۇس بولسا، قانچە ياشقا كىرگىچە مەن ئۇنى باغرىمغا بېسىپ سۆيۈپ قويسام بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىز ھاممىسى بولغاندىن كېيىن، ئانىسىنىڭ ئورنىدا بولىسىز. شۇڭا پېشانىسىگە، بېشىغا ۋە قولىغا سۆيۈپ قويۇش، باغرىغا بېسىش جائىز. بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ھەم بېشىغا ۋە قولىغا سۆيۈپ قويۇش جائىز. باغرىغا بېسىشنى سەپەرگە چىقىش ۋە ۋىدالىشىشتەك زۆرۈر ئەھۋالدىلا قىلسا بولىدۇ.

452 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ تۈركىيەدىكى ماركىتلاردا سېتىلىۋاتقان، توركۇ ۋە ھارىبو قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىكى ھالاللىق ئىجازىتىگە ئىشەنسەك بولامدۇ؟ بۇ شىركەتلەرنىڭ تور بېتىگە كىرىپ، بۇ ئىجازەتلىرىنى كۆرۈپ باقتىم، «تۈركىيە دىيانەت مىنىستىرلىكىنىڭ نازارىتىدە» دەپ يېزىلغان ئىكەن. ھارىبونىڭ تور بېتىدە «بىز ئىشلىتىدىغان كالا جېلاتېنىنى ھالاللىق بەلگىسى بار ئورۇنلاردىن، ئىجازەت بەلگىسى بىلەن قوشۇپ تەمىن ئېتىمىز» دەپتۇ. لېكىن گىمدەسنىڭ ئېنجىنىرلىرىدىن ۋە ئەتراپىمىزدىكى بەزى قېرىنداشلاردىن «بۇ ئىجازەتنامىلەرگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ» دەپ ئاڭلاپ تۇرىمىز، شۇڭا ئىككىلىنىپ قالدىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ ئىجازەتنامىلەرگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ «مىنىستىرلىكىنىڭ نازارىتىدە»، «ھالاللىق بەلگىسى بار ئورۇن» دېگەن گەپلىرى بەكلا مۇجمەل. شۇڭا، گىمدەسنىڭ ئىجازەتنامىلىرىگە قاراش مۇناسىپ.

453 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ بىز ھىجابلىق ئاياللار سىرتتا يۈزىمىز يېپىق، تولۇق ئورانغان ھالدا يۈرۈيمىز. ئەمما، ئاياللار بار مىھماندارچىلىقتەك سورۇنلارغا ياغلىق ۋە ئۇزۇن كۆينەك كىيگەن ئاساستا (ھالاللىق ئىجازەتنامىسى بار) گىرىم بويۇملار بىلەن پەردازلىنىپ بارساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئايال كىشى ئېرى ۋە مەھرەملىرىدىن باشقا نامەھرەملەرگە كۆرۈنمەيدىغان، پەقەت ئاياللارلا بار سورۇنغا ياسىنىپ پەردازلىنىپ بارسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئاياللىرىدىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان كىچىك بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن﴾(24/«نۇر»: 31) دېگەن سۆزىمۇ ئايال كىشىنىڭ ئاياللارغا زىننەتلىرىنى كۆرسەتسە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئاياللارغا گىرىملىرى ۋە زىبۇزىننەتلىرى بىلەن  بېشى، چېچى، يۈزى، بويۇن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، قۇلاق، بىلەك ۋە پۇتلىرىنى ئاچسا بولىدۇ. ئەلبەتتە سورۇندىكى ئاياللار تەرىپىدىن رەسىمگە تارتىلىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش لازىم.

454 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ئۆزۈم بىر ھىجابلىق ئايال ياۋروپادا ياشايمەن. خىزمەت ئىزدەپ، بىر ئاشخانىنىڭ سەي ـ كۆكتاتلىرىنى تەييار قىلىپ بېرىدىغان خىزمەتنى مۇۋاپىق كۆرگەنىدىم، لېكىن بۇ ئاشخانىدا ھاراق سېتىلىدىكەن. بۇ خىزمەت ماڭا قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھاراق ياكى چوشقا گۆشىدەك ھارام يېمەك – ئىچمەك ساتىدىغان ئاشخانا ۋە دۇكانلاردا ئىشلەش گەرچە ھارام بىلەن چوشقىنى خېرىدارغا بىۋاسىتە سۇنماي قاچا يۇيۇش ۋە سەي – كۆكتات تەييارلاشتەك ئىشلار بولسىمۇ ئىشلەش ھارام بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ھاراق ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ھاراملاردىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇغان ھەمدە گۇناھ – مەئسىيەتكە ھەمكارلاشماڭلار دېگەن. مۇبادا باشقا شۈبھىسىز ھېچبىر ھالال ئىش تاپالماي تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالسا باشقا ھالال ئىش تاپقۇچە ئاشۇنداق جايلاردا ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرۇش جائىز.

455 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئەگەر ئۆيدە پۇتلاشماسلىق، چاققان بولۇش… ئۈچۈن چاچنى يىغىپ تۈرمەكلىۋالغان بولسا، ناماز ئوقۇيدىغان چاغدا چۇۋۇپ قويۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى تۈرمەكلىۋالغان پېتى ئوقۇۋەرسىمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاياللارنىڭ چېچى ئەۋرەت، ئەرلەرنىڭ ئەۋرەت ئەمەس بولۇپ، ھەدىستىكى نامازدا چاچنى تۈرمەكلىۋالماي قويۇۋېتىش ھەققىدىكى بۇيرۇق ئەرلەرگە قارىتىلغاندۇر. ئاياللار نامازدا مۇمكىنقەدەر ئۆزىنى يۆگەشكە بۇيرۇلغانلىقتىن مۇبادا چاچلىرىنى چۇۋۇپ قويۇۋېتىپ قالسا چاچنىڭ ئېچىلىشىغا سەۋەب بولۇشى ئېھتىماللىقى يۇقىرى.شۇڭا، چاچلىرىنىڭ ئېچىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇغاندا چاچلىرىنى چۇۋۇپ قويۇۋېتىشى تەلەپ قىلىنمىغان. مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=2779

456 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بەزىلەر: Lov Awakening دېگەن نەرسە بىلەن پۇل تاپىسىز، دەپ ئەزانى كۆپەيتىش ئۈچۈن بۇ ئويۇننى «ھالال» دەپ تەشۋىق قېلىۋېتىپتۇ. خىلى چوڭ ئادەملەرمۇ ھۈنەر – كەسىپلىرىنى تاشلاپ تېلېفۇن غا مەپتۇن بولۇپ ئويۇن ئويناپ ئولتۇرغۇدەك. بۇنى تەكشۈرۈپ ۋاقتىدا خەلقىمىزگە ئەسكەرتىش بەرسەك بولاتتىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تەكشۈرۈشىمىزچە بۇ بىر خىل ئويۇن شىفىرلىك پۇل ئويۇنىدىن ئىبارەت. ئويۇندا ئالدىمىزدىكى بىر قانچە يىل ئىچىدە مۇشۇ ئويۇنغا خاس لوك نامىدىكى بىر مىليارد كۇۋين تارقىتىش ۋە قوللىنىش پىلانلانغان بولۇپ، مەزكۇر ئويۇندىكى ئېلىم – سېتىمدا ياكى دەرىجە ئۆستۈرۈشتە ئاشۇ كۇۋين قوللىنىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىتكۇۋين قېزىشتا يۇقىرى ئىقتىدارلىق كومپۇتېرلار قوللىنىلاتتى، بۇ ئويۇندا ئوينىغۇچىلارنىڭ يانفۇنلىرى كۇۋين قېزىشقا ئىشلىتىلىدۇ. قىمار تۈسىنى ئالغان بۇ ئويۇننىڭ مەۋھۇملۇقى ئېغىر بولغاچقا، شەرئەن چەكلىنىشى ئېنىق. شۇڭا، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا بۇنداق ھارام ۋە شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

457 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىزنىڭ چوڭلار: «ئاخشىمى ئۆي سۈپۈرسە بەرىكەت قاچىدۇ، شۇ ئائىلە پېقىرلىققا قالىدۇ» دەيتتى. قايسى كۈنى توردا تۈركىيەلىك بىر موللامنىڭ پەيغەمبىرىمىز «ئاخشىمى ئۆينى سۈپۈرمەي، قاچا – قۇچىنى يۇماي ئۇخلىغان ئۆيدە بەرىكەت قاچىدۇ، پېقىرلىق كېلىدۇ» دېگەن دەپ قىلغان تەبلىغى يوللىنىپتۇ. بىزنىڭ چوڭلارنىڭ گېپىنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ شۇنداق ھەدىس بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ خىل گەپلەرنىڭ ھەدىس شەرىفلەردە ئاساسى يوق. ئۆي، ھويلا – ئاراملارنى شۇنداقلا دۇكان ۋە ئىشخانىلارنى كەچتە ياكى كېچىسى خاھلىغان ۋاقىتتا سۈپۈرسە، قاچا – قۇچىلارنى يۇسا بولىدۇ. چۈنكى، تازىلىق كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھويلا – ئاراملىرىڭلارنى پاكىز تۇتۇڭلار! يەھۇدىيلەر ھويلا – ئاراملىرىنى پاكىز تۇتمايدۇ» دەپ بۇيرۇغان(تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، 4057) ۋە بۇ تازىلىقنى كەچتە ياكى كېچىدە ياكى مەلۇم ۋاقىتتا چەكلىمىگەن. دىنىمىزدا پاكىزلىق ئىسلامنىڭ بىر بەلگىسى ھەمدە مۇسۇلمان كىشىنى مەينەتچىلىكنى ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالغان باشقا دىندىكىلەردىن ئالاھىدە ئايرىپ تۇرىدىغان بىر ئالامەتتۇر. ئەكسىچە، كەچتە ئۆي سۈپۈرمەسلىك، ئۆيلەرنى تازىلىماسلىق كېسەللىك ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئادەت بولۇپلا قالماي ساغلام ئەقىدىنى بۇلغايدىغان خۇراپات ۋە شۇم پال ئېلىشتەك خاتا ئېتىقادتۇر.

458 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! يېقىندا بىر ۋەزخاننىڭ تورغا چىقارغان ۋىدىيوسىدا: «قىيامەت كۈنى جەننەتكە كىرىدىغىنىمۇ بىزنىڭ روھىمىز، ماۋۇ بەدىنىمىز بۇ دۇنيادا قالىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بۇ خىل ئەقىدە توغرىمۇ؟ شۇنداقلا بۇ قاراش تارىختىكى قايسى پىرقىلارغا ئائىت. مۇشۇ ھەقتە كونكرېت چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىسلام ئەقىدىسىدە ئاخىرەتتە قايتا تىرىلدۈرۈلۈش تەن بىلەن روھقا بىللە بولىدۇ. ئەھلىسۈننەت «قايتا تىرىلدۈرۈلۈش روھ بىلەنلا بولىدۇ، تەن بىلەن بولمايدۇ» دېمەيدۇ. بەزىبىر ئازغۇن ئەقىدىلىكلەر شۇنداقلا بەزى پەيلاسوپلار «ئاخىرەتتە قايتا تىرىلدۈرۈلۈش روھ بىلەنلا بولىدۇ، تەن بىلەن بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇ ئازغۇن ئەقىدە ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسلەرگە تايانغان ئەھلىسۈننەت ئەقىدىسىگە زىت بولۇپ، بۇ ئەقىدىدىكى بەزى پەيلاسوپلارنى ئىمام غەززالىي «تەھافۇتۇل فەلاسىفە»(282 – بەت) ناملىق كىتابىدا كافىر دەپ قارىغان ۋە بۇ ئېتىقادنىڭ ئىسلامغا قەتئىي ئۇدۇل كەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پەيغەمبەرلەرنى يالغانچى دەپ ئېتىقاد قىلىشقا ئاپىرىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندۇر. چۈنكى، بۇ خاتا ئېتىقاد تەننىڭ ئوتتا كۆيۈشىنى، جەننەتنى ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇ – نېئمەت ھەمدە ۋەدە قىلىنغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىنكار قىلىشقا، ئاللاھ تائالانىڭ چىرىپ كەتكەن تەن پارچىلىرىنى يىغىپ جەملەپ قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، تىرىلدۈرۈشكە بولغان قۇدرىتىگە ئىمان كەلتۈرمەسلىككە، نەتىجىدە ئاتېئىزمغا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا، بۇ خاتا ئەقىدىنى تەشۋىق قىلغانلار تەۋبە قىلىپ ئىمانىنى يېڭىلىشى، بۇ بۇزۇق ئەقىدىنى تەشۋىق قىلىشتىن دەرھال توختىشى كېرەك.

بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، قايتا تىرىلدۈرۈلۈش، ھېساب – كىتاب، جازا – مۇكاپات قاتارلىقلار ئىمان ۋە ئەقىدەنىڭ ئاساس تۈۋرۈكلىرىدىندۇر. بۇ ئەقىدە بولمىغىنىدا، سالىھ ئەمەلگە ئىنتىلىش ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇش ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

ئاخىرەتتە قايتا تىرىلدۈرۈلۈشنىڭ تەن بىلەن روھقا بىللە بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر كۆپتۇر. مەسىلەن:

﴿ئۇ بىزگە ئىنساننىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلۈشنى يىراق ساناپ، (چىرىگەن سۆڭەكلەرنى) مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆزىنىڭ يارىتىلغانلىقىنى بولسا ئۇنتۇدى، ئۇ: «چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ؟» دېدى. ئېيتقىنكى: «ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەر بىر مەخلۇقنى بىلگۈچىدۇر»﴾(36/«ياسىن»: 78، 79). مۇبادا قايتا تىرىلدۈرۈلۈش روھ بىلەنلا بولىدىغان بولسا، سۆڭەكلەرنى تىرىلدۈرۈشتە مۇنازىرە قىلىشنىڭ نېمە پايدىسى؟!

﴿قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، (ئۇلارغا دۇنيادا تۇرغان مۇددىتى) كۈندۈزدە ئازغىنا ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا تونۇشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشىنى (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىنى) ئىنكار قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ، ئۇلار توغرا يول تاپمىدى﴾(10/«يۇنۇس»: 45). ئەلبەتتە، ئۆزئارا دۇنيادا بىلىدىغان چىراي شەكلى ئارقىلىق تونۇشىدۇ.

«سەھىھەين»دە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن سىلەر قىيامەت كۈنى يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ، خەتنە قىلىنمىغان ھالدا توپلانغۇچىسىلەر» دېدى، ئاندىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ﴿ئەڭ دەسلەپكى مەخلۇقنى ياراتقىنىمىزدەكلا، ئۇنى قايتۇرىمىز. (بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، بىز چوقۇم ئىشقا ئاشۇرغۇچىلارمىز﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 1104)، ئاندىن مۇنداق دېدى: «قىيامەت كۈنى خالايىق ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ كىيىم كىيدۈرۈلىدىغان كىشى ئىبراھىم (ئەلەيھىسسالام) بولىدۇ. مېنىڭ ساھابەلىرىمدىن بىر قىسىم كىشىلەر سول (دوزاخ) تەرەپكە ئېلىپ كېتىلىدۇ. بۇ چاغدا مەن:

— ساھابەلىرىم! ساھابەلىرىم! — دېسەم، رەببىم:

— ئۇلار سەندىن ئايرىلغاندىن بۇيان ئارقىلىرىغا يېنىپ مۇرتەد بولۇپ كەتكەن، — دەيدۇ. مەن ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىسى (ئىيسا ئەلەيھىسسالام) دېگەندەك دەيمەنكى: ﴿مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارغا كۆزەتچى ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارغا سەن كۈزەتچى ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن. ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر، ئەگەر ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىۋەتسەڭ، سەن ئەزىز، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن﴾(5/«مائىدە»: 117، 118)»(«بۇخارىي»، (3349)؛ «مۇسلىم»، (2860)).

يەنە ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «قىيامەت كۈنى بىر ئادەم ئېلىپ كېلىنىپ دوزاخقا تاشلىنىپ، ئۇنىڭدا ئۈچەيلىرى ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ. ئۇ يارغۇنچاققا قاتقان ئېشەكتەك چۆرگىلەيدۇ. ئەھلى دوزاخ ئۇنى چۆرىدەپ:

— ئى پالانى! (دۇنيادا) سەن بىزنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توساۋاتاتتىڭغۇ؟ ساڭا نېمە بولدى؟ — دەپ سورىسا، ئۇ:

— مەن سىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆزۈم قىلمايتتىم. سىلەرنى يامان ئىشتىن توساتتىم – يۇ، ئەمما ئۆزۈم قىلاتتىم، — دەيدۇ»(«بۇخارىي»، 3267).

ئىمام ئىبنۇلقەييىم 50/«قاف» سۈرەسى ھەققىدە دەيدۇكى: «بۇ سۈرەنىڭ خۇددى ئىمان ئېيتقان روھقا نېئمەت ئاتا قىلىپ، كافىر بولغىنىنى ئازابلىغىنىغا ئوخشاشلا ئىتائەت ۋە ئىسيان قىلغان مۇشۇ تەننىڭ ئۆزىنى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇنى نېئمەتكە ياكى ئازابقا دۇچار قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتكەنلىكىدە پىكىر يۈرگۈزگىن. بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ پەيغەمبەرلەر خەبەر بەرگەن قايتا تىرىلدۈرۈلۈشنى چۈشەنمىگەنلەر ئېيتقىنىدەك، ئاللاھ بۇ روھتىن باشقا بىر روھنى، بۇ تەندىن باشقا بىر تەننى يارىتىپ ئۇنى نېئمەتكە ياكى ئازابقا تاشلىمايدۇ… بۇ پۈتۈن پەيغەمبەرلەر بىردەك قارىغان، قۇرئان – سۈننەت ۋە ئاللاھنىڭ جىمى كىتابلىرى ئىسپاتلىغان ئەقىدىگە زىتتۇر. شۇنداقلا ماھىيەتتە قايتا تىرىلدۈرۈلۈشنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۇنى يالغانغا چىقارغانلارنىڭ سېپىدە تۇرۇشتىن ئىبارەت. چۈنكى، ئۇنى يالغانغا چىقارغانلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ تەنلەردىن باشقا تەنلەرنى يارىتىشقا قادىر ئىكەنلىكىگە تانمىغان. بۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن تانالمايدۇ. ئۇلار چىرىپ يوق بولغان تەنلەرنىڭ دەل ئۆزىنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىگە تانغان. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ھەيرانلىقتا: ‹بىز چىرىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلەمدىمىز؟› دەپ سوراشقان ۋە: ‹بىز ئۆلۈپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن (تىرىلىپ ئىلگىرىكى ھالىتىمىزگە قايتامدۇق)، بۇنداق قايتىش (ئەقىلدىن) يىراقتۇر› دېگەن… ئاللاھ تائالا باشقا ماددىغا ئايلىنىپ كەتكەن تەن پارچىلىرىنىمۇ بىلگۈچىدۇر ۋە ئۇنى قايتا جەملەپ قۇراشتۇرۇشقا قادىردۇر»(«ئەلفەۋائىد»، 6 – بەت). ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

459 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئابدۇلئەزىز دوكتور، قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ ئەزىز تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن. نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلىرىمىز كاناداغا كۆچۈش چاقىرىقى ۋە بۇ چاقىرىققا قانداق پوزىتسىيەدە بولۇش توغرىسىدا قارار ئېلىش ۋەزىيىتىدە تۇرماقتا. شۈبھىسىزكى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەقىقىي مائارىپ تەربىيەسىدىن مەھرۇم قالغان خەلقىمىز بۇنداق زور مەسىلە ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا توغرا قارار چىقىرالمايدىغىنى ئېنىق. ۋەزىيەت بۇنداق ئىكەن، پەيغەمبەر ۋارىسلىرى، ئۈممەتنىڭ يېتەكچىلىرى ۋە بۇرچ ئىگىلىرى بولغان دىنىي ئالىملىرىمىز خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ سىياسى ۋە ئىجتىمائى بوھران داۋامىدا نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك ۋە نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟ خەلقىمىز بۇ مەسىلە ئۈستىدە قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ بۇ كۆچۈش مەسىلىسىدە ئۆزلىرىنىڭ كۆزقارىشى قانداق؟ ۋە بۇ كۆچۈش خەلقىمىزگە قانداق نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ بۇ سوئاللىرىمغا تەپسىلىيرەك جاۋاب بىرىشلىرىنى سورايمەن. ئاللاھ ھەممەيلەننى ئەڭ توغرىسىغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئامىن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاۋام خەلقىمىز كانادا ۋە غەرب ئەللىرىگە كۆچۈش مەسىلىسىدە توغرا قارار ئېلىشتا گاڭگىرىشى ئېنىق. شۇڭا، ئۇلار ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ مەسلىھەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشى، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ ئۇلارغا توغرىنى سەمىمىيەتلىك بىلەن كۆرسىتىپ قويۇشى كېرەك. ئەپسۇس، بۇنداق مەسىلىلەردە ئاۋاممۇ ئەھلى ئىلىملەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالماي، ئۆزلىرى بىلگەننى قىلىۋاتىدۇ. ئەھلى ئىلىملەرمۇ يول كۆرسىتىشتىن باش تارتىۋاتىدۇ. پېقىر بۇ ھەقتە ئون نەچچە يىل ئاۋۋال غەرب ئەللىرىگە كۆچۈشنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ، مەسلىھەت بېرىپ پەتۋا ئېلان قىلغان (https://sajiya.biz/?p=2237&uls=uu ) ۋە ئۇنى يېقىنقى يىللاردىمۇ قايتا ئېلان قىلىپ باشقىچە قاراشتىكىلەر تەرىپىدىن مالامەتكە ھەتتا تىل – ھاقارەتكە ئۇچرىغانىدىم. بەلكىم سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان ئەھلى ئىلىملەر، «ئۆلىمالار بىرلىكى»، سىياسىي تەشكىلات رەھبەرلىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تىل – ھاقارەتتىن، تەنقىدتىن قورقۇپ ياكى مەقسەتلىك جىم تۇرۇۋالغان بولۇشى مۇمكىن. مەن بۇ ھەقتە «ئۆلىمالار بىرلىكى» ۋە چوڭ سىياسىي تەشكىلات مەسئۇللىرىنىمۇ يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ، خەلقكە بۇ ھەقتە يول كۆرسەتمىگەنلىكتىن باش تارتىش سەۋەبلىك تەنقىدلىگەن ئىدىم. مېنىڭچە، بۇ مەسىلىدە دىنىي ئىلىم ئەھلىلا ئەمەس، سىياسىي، ئىجتىمائىي… ساھەلەردىكى بىلىم ئىگىلىرىمۇ خەلقكە مەسلىھەت بېرىشى لازىم. بۇرۇن شۇ دۆلەتلەرگە بېرىپ يەرلىشىپ ئەمەلىيەتنى كۆرگەنلەرمۇ ھەقىقەتنى يوشۇرماي توغرا مەسلىھەت بېرىشى كېرەك. ھالبۇكى بۇرۇن بارغانلار ئۇ جەمئىيەتلەردىكى پۈتۈن سەلبىيلىكنى جان – جەھلى بىلەن يوشۇرۇشقا تىرىشىدۇ ھەم بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشتىن بەكلا قورقىدۇ. شۇڭا، مەسئۇلىيەتنىڭ خېلى كۆپ قىسمى شۇلارغا يۈكلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلار بېرىدىغان مەلۇماتلار ئۇ جايلارغا بېرىشنىڭ پايدا – زىيىنىنى بىلىشتە ھەل قىلغۇچ مەلۇمات. مېنىڭ شەخسىي قارىشىم: ئومۇميۈزلۈك بىر خىللا مەسلىھەت ھەممە كىشىگە ماس كەلمەيدۇ. غەربكە كۆچۈشنىڭ زىيانلىق تەرىپى بولغىنىدەك، پايدىلىق تەرىپىمۇ بولىدۇ. ئوقۇش، ئەندىشە، ئىقامەتسىزلىقتىن ياكى نوپۇسسىزلىقتىن پەيدا بولىدىغان خاتىرجەمسىزلىك ۋە سىياسىي سەۋەبلەر دېگەندەك مەجبۇر قىلىدىغان ئالاھىدە سەۋەب بولمىسا، بارماسلىق كېرەك. چۈنكى، بۇ كۆچۈش مۇسۇلمانلار كۆپچىلىك بولۇپ ياشاۋاتقان دىيارلارغا قارىغاندا، زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن خەلقىمىزنىڭ 2 -، 3 – ئەۋلادلىرىنى دىنىي ۋە مىللىي كىملىكتىن مەھرۇم قويۇش ئېھتىماللىقى نىسبەتەن يۇقىرى، ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

460 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ قول ياكى پۇت سۇنۇپ گىپىسقا ئالغان ھالەتتە، غۇسۇل قىلىش ۋاجىب بولسا، قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿شۇڭا، ئاللاھتىن تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە قورقۇڭلار ﴾(64/«تەغابۇن»: 16) دېگەن ئەمرى بويىچە تېڭىقتىكى قول ياكى پۇتتىن باشقا جايلىرىنى يۇيالىسا يۇيۇپ، تېڭىققا مەسھ قىلىدۇ. يۇيالمىسا يۇيالىغىنىنى يۇيۇپ، تېڭىققا مەسھ قىلىپ تەيەممۇم قىلىدۇ. كارىۋاتتىن تۇرالمايدىغان، ھەرىكەت قىلالمايدىغان ۋە تەيەممۇممۇ قىلالمايدىغان بولسا، ياتقان ھالىتىدە نامازنى ئوقۇۋېرىدۇ. بۇ ھالەتتە ئوقۇغان نامازلىرىنى كېيىن ساقايغاندا قايتا ئوقۇمايدۇ. سۇ تەگسە زىيان قىلىدىغان ياكى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىغان بىرەر يارا ياكى شۇنىڭدەك جايلار بولسا ھەم شۇنداق. زىيان قىلمايدىغان بولسا يۇيۇش لازىم. يارا ئۈستىگە چاپلاق چاپلاقلىق ھالەتتە يۇيسا ياكى يۇيۇنسا زىيان يەتمەيدىغان بولسا يۇيىدۇ.

461 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى ھەج قىلدۇرۇش ياكى ئايالىنىڭ ھەج چىقىملىرىنى قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. شەرئەن ئەر كىشىنىڭ ئايالىنىڭ يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە داۋالىنىش قاتارلىق چىقىملىرىنى قىلىپ بېرىش يەنى نەپىقە قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. ئەمما، ھەج چىقىملىرى بۇ دائىرەگە كىرمەيدۇ. شۇڭا، ئەرنىڭ ئايالىنى ھەج قىلدۇرۇش ياكى ئايالىنىڭ ھەج چىقىملىرىنى قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى يوق. ئەمما، ئۆزلۈكىدىن ئايالىنى ھەج قىلدۇرسا ياكى ھەج چىقىملىرىنى قىلىپ بەرسە، ئەجىر ئالىدۇ. بۇ ۋەجدىن ئايال كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى يار بەرسە، ئۆز ئىقتىسادىنى خەجلەپ ھەج قىلىشى پەرز بولىدۇ. ئىقتىسادى يار بەرمىسە، ھەج پەرز بولمايدۇ.

462 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! پۇتنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇش تەكەببۇرلۇقمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. پۇتنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇش ھەققىدە پەيغەمبىرىمىزدىن چەكلىمە كەلمىگەن. ئەكسىچە، «سەھىھەين»دە ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﮪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺯﻩﻳﺪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ سۆزلەپ بەردىكى: ئۇ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﻰ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﺗﻪ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ئالماپ ﺋﻮﯕﺪﯨﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎتقان ھالىتىدە ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ.(«بۇخارىي»، (416)؛ «مۇسلىم»، (2099) بۇ ھەقتە چەكلىمە كەلمىگەنلىكى ۋە يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ قىسمەن دالالىتىگە ئاساسەن، پۇتنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇش جائىز ۋە مۇباھ. ئەمما، ئولتۇرغۇچى بۇ ئولتۇرۇشتا كۆڭلىدە تەكەببۇرلۇق قىلسا ھۆكمى ھارام بولىدۇ. ئاتا – ئانا، ئۇستاز ۋە باشقا ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىكلەر ئالدىدا پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرسا، ئەدەبسىزلىك ۋە ھۆرمەتسىزلىك جەھەتتىن، مەكروھ بولىدۇ. بەلكىم ئوخشىمىغان جەمئىيەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ بۇ حىل ئولتۇرۇشقا قانداق قارىشىغا ۋە ئۆرپ – ئادىتىگە قاراپ ئۇنىڭ ھۆكمىمۇ پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

463 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سىزدىن بىر سوئالنى سوراشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم، توغرا چۈشەنگەيسىز. ھەيز كېلىشتىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن، ھەركۈنى بىرەر قېتىمدىن ناھايىتى سۇس ھالرەڭ سۇيۇقلۇق كېلىدۇ، قان ئارىلاش ئاق خۇن دېسەممۇ بولىدۇ. ئەمما، رەڭگى قاندىن سۇس، بۇ ئەھۋالدا ناماز ئوقۇۋېرەمدىم ياقمۇ؟ ھەيز تۈگەپ يەنە بىرنەچچە كۈن شۇنداق بولىمەن، پۈتۈنلەي ئاپپاق بولمىغۇچە نامازنى ئوقۇماي تۇرامدىم؟ يەنى ئۆزى ئاقمايدۇ، كىچىك تەرەتتىن كېيىن قەغەزدە سۈرتسە، بەزىدە بار، بەزىدە يوق.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەگەر سۇس ھالرەڭ سۈيۈقلۇق ئادەت كۈنلىرى ئىچىدە كەلسە، بۇ ھەيز ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا ئادەتتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن ئادەتكە ئۇلىشىپ ساقايماستىن ئىزچىل شۇنداق كەلسە بۇمۇ ھەيزگە تەۋەدۇر. مەسىلەن، ئادەتنى 5 كۈن دەپ ھېسابلىغان بولسىڭىز، ئۇندىن ئىلگىرىكى كۈندە ۋە 6 – كۈندە ئىزچىل شۇنداق كەلسە ئادىتىڭىز 7 كۈن دېگەن گەپ. ئىزچىل ئۇنداق بولماي، بەزى ئايلاردىلا كەلسە، بۇ ئىستىھازەدۇر. ئادەتتىن ئاپئاق خۇن كېلىش ياكى پۈتۈنلەي قۇرۇش بىلەن ساقىيىپ بولغاندا بۇ خىل خۇن كەلسە، بۇ ئىستىھازە ھۆكمىدە. ئىستىھازە خۇنىنىڭ ھۆكمى توختىماي بۇرۇن قاناش ياكى سۈيدۈك توختىماسلىق قاتارلىقلارغا ئوخشاش بولۇپ، شەرئىي ئەھكامدا ئىستىھازەدارلار ساغلام ئاياللاردىنمۇ، ھەيزدارلاردىنمۇ پەرقلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئىستىھازە ناماز، روزا، تاۋاپ، «قۇرئان» تىلاۋىتى ۋە جىماغا توسالغۇ بولمايدۇ. لېكىن، ھەربىر نامازغا ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ.

464 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مېنىڭ يولدىشىم ھەپتىدە ئىككى – ئۈچ كۈن بىر ئاغىنىسىنى بىزنىڭ ئۆيگە ئەكىرىپ قوندۇرىدۇ. مېنىڭ يۈزۈم يېپىق بولغانلىقتىن، ئۇ ئاغىنىسى مېنى بىر قېتىم ئۇخلاش كىيىمى بىلەن يالاڭ باش ھالەتتە ئېھتىياتسىزلىق تۈپەيلىدىن كۆرۈپ قالدى. ھاۋا ئىسسىق بولغانلىقتىن داۋاملىق ئۆيدە ئورۇنۇپ يۈرۈپ بولالمايدىكەنمەن، شۇڭا يولدىشىمنىڭ ماڭا نامەھرەم بولغان ئەر كىشىنى ئۆيگە ئەكىرىپ قوندۇرۇشى شەرىئەتتە توغرىمۇ؟ ئۇ ئاغىنىسىنىڭ ياتىمەن دېسە ئۆيى بار، ئەمما بويتاق. ئەر كىشى بولغاچقا، تاماق ئېتەلمەي، يېمەك – ئىچمەكتىن قىينالغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا يولدىشىم بىزنىڭ ئۆيگە ئەكىرىپ تاماق يېگۈزىدۇ.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىسلام شەرىئىتى ئائىلىدە ھۇزۇر ۋە ساغلام شارائىتنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە باشقىلارغا يار – يۆلەكتە بولۇشنىمۇ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەر ئۆيسىز قالغان ئاغىنە ۋە بۇرادەرلىرىنى شۇنداقلا ماكانسىز قالغان مۇھاجىر ۋە مۇساپىرلارنى ئۆينىڭ شارائىتى ۋە ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەملىكىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا ئۆيىدە ۋاقىتلىق قوندۇرۇپ ياردەم قىلسا، كۈتۈۋالسا بولىدۇ. بۇ زۆرۈرىيەت جەھەتتىن پاناھلاندۇرۇش بولىدۇ. ئەمما، تۇرالغۇسى بار ئاغىنە ۋە تونۇشلىرىنى زۆرۈرىيەت تېپىلمىغان ئەھۋالدا ئۆيىدە قوندۇرۇشى ئايالنىڭ ماقۇللۇقىغا ۋە رازىلىقىغا باغلىق. چۈنكى، زۆرۈرىيەت تېپىلمىغان ئەھۋالدا ئەر مېھماننىڭ قونۇشى ئايالنىڭ ئارامىنى بۇزۇپلا قالماي، فىتنە – پاساتقا، ئويلىمىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرگىمۇ سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، زۆرۈرىيەت تېپىلمىغاندا تۇرالغۇسى بار كىشىلەرنى ئۆيدە قوندۇرماي، تاماق يېگۈزۈپ ئۇزۇتۇش لازىم. بولمىسا ئايالىغا ۋە ئائىلىسىگە زىيان ئۇرغانلىق جەھەتتىن چەكلىنىدۇ. ھەتتا بۇنىڭ ئويلىمىغان يەردىن زىيىنى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغاچقا، ئايال رازى بولغان تەقدىردىمۇ قوندۇرمىغان تۈزۈك. ئەرمۇ بۇ ئىشلارغا سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق قىلماسلىقى لازىم. مېھمانمۇ ئۆزىنى سورىشى، ئېغىرچىلىق سالماسلىقى لازىم.

465 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ مەن ئەر – ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە پەتۋا سورىماقچى ئىدىم: ئەگەر ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدا كېلىشەلمەسلىك بولۇپ، بۇنىڭغا ئۆلىمالار شەرىئەت ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىشنى قارار قىلغان بولسا، ئەر كىشىنىڭ: «شەرىئەتكە كەلمەيمەن، ئۆزەم خاھلىغىنىم بويىچە قىلىمەن» دېيىشى دۇرۇسمۇ؟ ئەر كىشىنىڭ: «شەرىئەتكە كەلمەيمەن» دېيىشى ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھقا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. شەرىئەتكە كېلىش، ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇش، رازى بولۇش ئىماننىڭ تەقەززاسى بولۇپ، شۇ ئېتىقاد بويىچە شەرىئەتكە ئەمەل قىلىش ۋاجىبتۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر، ئايال مۇئمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ﴾(33/«ئەھزاب»: 36). ئاللاھ تائالا يەنە ئېيتىدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى مۇنافىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغۇچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 65). مەيلى ئەر – ئايال ئوتتۇرىدىكى كېلىشمەسلىكلەردە ياكى باشقا مۇئامىلىلەردىكى كېلىشمەسلىكلەردە ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدىغان بىر كىشىنىڭ «شەرىئەتكە كەلمەيمەن» دېيىشى ۋە شەرىئەت ھۆكمىنى رەت قىلىشى ئۆز خاھىشىنى ياكى باشقا بىر قانۇننى تېخىمۇ ياراملىق دەپ ئېتىقاد قىلىشتىن كېلىپ چىقسا، بۇ كىشى ئېنىق كافىر بولىدۇ ۋە بۇ ئېتىقادى شۇنداقلا ئىپادىسى بىلەن ئىسلامدىن چىقىدۇ. نەتىجىدە، بۇ سۆزى ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان ھىدايەت ۋە ھەقنى چۆرۈپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ياكى باشقا ئىنسانلارنىڭ نەپسى خاھىشى بويىچە ھۆكۈم قىلىشى ئېنىق ئېزىشتۇر، زۇلۇم سېلىشتۇر ۋە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىشتۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿ئاللاھ ۋەھيى قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ﴾(28/«قەسەس»: 50) دېگەن. ئىنسانلارنىڭ ئۆز نەپسى خاھىشى ياكى باشقىلارنىڭ خاھىشى بويىچە ھۆكۈم قىلىشى جاھىلىيەت ھۆكمىدۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلەر ۋە ناسارالار) نىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلغىن! ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن! ئۇلارنىڭ ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغاننىڭ بىر قىسمىدىن سېنى ۋاز كەچتۈرۈشىدىن ساقلانغىن! ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، بىلگىنكى، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالاشنى ئىرادە قىلىدۇ. شەك – شۈبھىسىزكى، كىشىلەردىن نۇرغۇنى پاسىقتۇر. ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ (ئاللاھقا) چىن ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ نەزەرىدە ھۆكۈمدە ئاللاھتىنمۇ ئادىل كىم بار؟!﴾(5/«مائىدە»: 49، 50)

ئەمما، «شەرىئەت ھۆكمى ھەق ۋە توغرا» دەپ ئېتىقاد قىلىپ تۇرۇپ، بىرەر دەۋادا ئۆز مەنپەئەتىنىڭ قولدىن كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، «شەرىئەتكە كەلمەيمەن» دېگەن بولسا، بۇ ئەھۋالدا ئەسلى ئېتىقادنى ئىنكار قىلمىغانلىقتىن، ئىمانى ناقىس، ئاسىي گۇناھكار بولۇشى ئېنىق بولسىمۇ، كېسىپ «كافىر بولدى، دىندىن چىقىپ كەتتى» دېيىلمەيدۇ. كافىر بولۇشىمۇ ۋە دىندىن چىقىپ كېتىشىمۇ ئېھتىمال. دىلى خەستە مۇنافىق بولۇشىمۇ يىراق ئەمەس. چۈنكى، بۇمۇ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلىرىنى تىڭشىماس بولۇۋېلىپ، تۇرمۇشىدا ئۆز خاھىشى ياكى ئىنسانلار پەيدا قىلغان قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى ھۆكۈمران قىلماقچى بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿(مۇناپىقلار) «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېيىشىدۇ، ئاندىن ئۇلاردىن بىر جامائە شۇنىڭدىن (يەنى ئىماننى دەۋا قىلغاندىن) كېيىن، (شەرىئەت ھۆكمىدىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار (ھەقىقەتتە) مۇئمىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (پەيغەمبەر) ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ (ھۆكمىگە) چاقىرىلسا، ئۇلاردىن بىر جامائە (پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇشتىن) باش تارتىدۇ. ئەگەر ھەقىقەت ئۇلارنىڭ تەرىپىدە بولىدىغان بولسا (رەسۇلۇللاھنىڭ ھەق ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقلىرى ئۈچۈن)، پەيغەمبەرگە بويسۇنغان ھالدا كېلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) ئىللىتى بارمۇ؟ يا) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن) گۇمانلىنامدۇ؟ يا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىدىن قورقامدۇ؟ ياق، ئۇلار (رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىدىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن) زالىمدۇر. (پەيغەمبەر) مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا، ئۇلار: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق دېيىشلىرى كېرەك، مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان، ئاللاھتىن قورققان ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾ (24/«نۇر»: 47 – 52).

يەنە بىر زەئىف ئېھتىمالدا «شەرىئەتكە كەلمەيمەن» دېگەن سۆزىدىكى «شەرىئەت» كەلىمەسىدە ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىستە بايان قىلغان ئېنىق ھۆكۈملىرىنى مەقسەت قىلماي، مەلۇم بىر دەۋادا ھۆكۈم پىچىشى كۆزدە تۇتۇلغان، پارا يېگەن، بىر تەرەپكە يان باسىدىغان، شەرىئەت ھۆكمىنى تولۇق بىلمەيدىغان ياكى شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم پىچمايدىغان مەلۇم «موللا»نىڭ ھۆكمىنى ياكى ياراشتۇرۇپ قويۇشىنى مەقسەت قىلىپ دېگەن بولسا، ئەلبەتتە كافىر بولمايدۇ.

يۇقىرىقىدەك ئېھتىماللىقلار بولغاچقا، بۇ سوئالغا مەلۇم بىر ۋەقەلىكتىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىق تەكشۈرگەن ئەھلى ئىلىملەر جاۋاب بېرىشى مۇناسىپ.

466 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! چەتئەلدىن مەككەگە ئۆمرەگە نىيەت قىلمىغان ئاساستا ئىھرامسىز كىرىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ھەرەم سىرتىدىن ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش نىيىتىدە بولماي، تىجارەت ياكى ناماز ئوقۇش، ياكى بىرەرسىنى يوقلاشتەك ھەرقانداق بىر سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەككەگە كىرمەكچى بولغان كىشى ھەرەمنى ئۇلۇغلاپ ئۆمرە ئۈچۈن مىيقاتتىن ئىھرام باغلاپ كىرىشى كېرەك. مىيقاتتىن ئىھرامسىز ئۆتۈپ كەتسە، ئۇنىڭغا بىر قوي ۋاجىب بولىدۇ. شافىئىي مەزھەب قارىشىدا ئۇنداق نىيەتتىكى كىشىنىڭ ئىھرام باغلاپ كىرىشى ۋاجىب ئەمەس.

467 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ئانا بار بولۇپ، بۇرۇنقى يولدىشى ۋەتەندە تۈرمىدە، يېنىدا بىرى توققۇز، يەنە بىرى يەتتە ياشقا كىرگەن ئىككى بالىسى بار. بۇ ئانا ھازىر باشقا بىرى بىلەن توي قىلغان. ئەمدى ئۇ بالىلارنى دوستلىرىغا ئامانەت قويۇپ، ھەرەمگە ئۆمرە قىلغىلى بارسا توغرا بولامدۇ؟ دىنىي جەھەتتىن گۇناھقا ئىشلىگەن بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەنەفىي مەزھەبنىڭ «ئۆمرە قىلىش ۋاجىب ئەمەس» دېگەن قارىشى بويىچە، كىچىك بالىلارنى باشقىلارغا ئامانەت قويۇپ ئۆمرەگە بارسا، نارەسىدە بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىز قالغانلىقتىن دۇچار بولىدىغان تۈرلۈك زىيانلار سەۋەبلىك، ئانا بالىلىرىغا ياخشى قاراپ خەۋەر ئېلىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى جايىدا ئادا قىلمىغانلىقتىن گۇناھكار بولىدۇ.

468 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن!

1. بانكا كارتىسى بېجىرمەكچى بولساق، قايسى بانكىنىڭكىنى بېجىرسەك، جازانە ئارىلىشىپ قېلىشتىن يىراق، شۈبھىدىن خالىي بولالايمىز؟

2. كارتا بېجىرەي دېسەم، ۋەتەنداشلىق ياكى پاسپورت بولمىسا بېجىرگىلى بولمايدىكەن. مېنىڭ بولسا ئۇزۇن دۆنەم ئىقامىتىم بار ئىدى. ئىقامەت بىلەن  توردىن (en para) دەيدىغان بىر بانكىدىن كارتا بېجىرگىلى بولىدىكەن. مۇشۇ بانكىدىن  كارتا بېجىرسەم بولامدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. 1. قاتىلىم بانكىلىرىدا جارى ياكى ئوچۇق ھېساب ئاچسا بولىدۇ. ۋەدىلىك (مۇددەتلىك) ياكى قاتىلىم ياكى ئالتۇن ھېسابى ئاچسا بولمايدۇ. كىرېدى كارتى بېجىرسىمۇ بولمايدۇ.

2. ئىقامەتكە كۇۋەيتتۈرك بېجىرەتتى. (en para) ۋە باشقا ھەرقانداق بانكىدىن پەقەت جارى ياكى ئوچۇق ھېسابلارنىلا ئاچسا بولىدۇ.

469 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ بىزنىڭ ئۆيىمىز 3 قەۋەتلىك بىر بىنادا، ئەڭ ئۈستىدىكى قەۋەت ئىككى قاتلىق بولۇپ، جەمئىي 5 ئائىلە بار. ئەڭ ئاستىدىكى باغچە قەۋەت، ئىشىكتىن كىرىشتىكى كىرىش قەۋەت، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قەۋەت بولۇپ، بىنادا لىفىت بار. لېفىتنى ئەڭ ئۈستىدىكى 2 ئائىلە ئىشلىتىدۇ، بىنانىڭ تازىلىق ۋە رېمونت چىقىملىرىنى ھەممىمىز تەڭ تاپشۇرىمىز، لېكىن لىفىت تولا بۇزۇلىدۇ ھەم ھەر ئايلىق لىفىت ئىشلەتكەن چىقىمنى كىرىش قەۋەت بىلەن ئەسلا لىفىت ئىشلەتمەيدىغان باغچە قەۋەتتىكىلەر بېرىشنى خاھلىمايدۇ، باشقىلار: «چوقۇم ھەممىمىز تەڭ تاپشۇرىمىز، بۇ دېگەن تۈركىيە، تۈركىيەدە مۇشۇنداق» دەپ تۇرىدۇ. ئەمدى مېنىڭ سورايدىغىنىم: باغچە قەۋەت بىلەن كىرىش قەۋەتتىكىلەر لىفىتنىڭ ئايلىق پۇلىنى ھەم رېمونت ھەققىنى چوقۇم بېرىشى لازىممۇ؟ بەرگەن ھالەتتىمۇ رازى بولماي بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ كىشىنىڭ ھەققى بولۇپ قالامدۇ؟ مۇشۇ مەسىلىنى توغرا ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى قايسى؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. بىر بىنادىكى قوشنىلار پەقەت شۇ بىنانىڭ ئورتاق پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ چىقىملىرىنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ. بىرەر قوشنا پەقەت پايدىلانمايدىغان (مەسىلەن زېمىن قەۋەتتىكى قوشنا لىفىتتىن پايدىلانمىغاندەك) نەرسىلەرنىڭ چىقىمىنى تۆلىمەيدۇ ھەم تۆلەشكە مەجبۇرلانمايدۇ. شەرىئەتتە مۇشۇنداق. ئەمما، قانۇندا مەجبۇر تۆلەيدىكەن. رازىلىقسز تۆلىگەن ئەھۋالدا بۇ قۇل ھەققى بولىدۇ ئەلبەتتە. شۇڭا، بۇنىڭ چىقىش يولى تۆلىمەيدىغانغا ئۆزئارا كېلىشىش. قانۇندىمۇ بىنا يۆنەتىمى زېمىن قەۋەتتىكى قوشنىنىڭ لىفىت چىقىمىنى تۆلىمەسلىكىگە قارار ئالسا، تۆلىمەيدۇ.

470 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ھازىر روسىيەدە مەلۇم بىر چېركاۋنىڭ پوپى مۇسۇلمان بوپتۇ. لېكىن، خەۋپ – خەتەردىن قورقۇپ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئاشكارىلىيالمايدىكەن. ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى مەخپىي قىلىدىكەن. شۇنداقتىمۇ چېركاۋدىكى ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ تۇرىدىكەن. بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئىگەم بۇ قېرىندىشىمىزنى ئىماننى كۆڭلىگە تولدۇرۇشقا، ھەقتە سەباتلىق تۇرۇشقا ۋە ھەرقانداق زىيانكەشلىكلەردىن ساقلىنىشقا نېسىپ ۋە مۇيەسسەر قىلغاي ئامىن! دىنىمىزدا مەيلى ئەقىدەدە، مەيلى تارماق ئەھكاملاردا بولسۇن مەجبۇرلىنىش ۋە زۆرۈرىيەت دائىرىسىگە ئالاھىدە كەڭ مۇئامىلە قىلىش بار. ئەگەر بۇ قېرىندىشىمىز مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلاپ پوپلۇق ئىشىنى تاشلىسا ئۆلتۈرۈلۈپ ياكى قاتتىق قىيىن – قىستاققا دۇچار بولۇش خەۋپى بولسا، ھازىرچە مۇسۇلمانلىقىنى يوشۇرۇپ پۇرسەت كۈتۈپ، چېركاۋدىكى خىزمىتىنى تاشلىشى كېرەك. چېركاۋدىكى خىزمىتىنى تاشلاپ بولغۇچە كۆڭلى ئىمان بىلەن تولغاندىن كېيىن مەجبۇرلۇقتىن تاشقى كۆرۈنۈشتە قىلغان كۇفۇر سۆز ۋە ئەمەللىرىگە، چېركاۋدىكى ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ تۇرۇشقا رۇخسەت. ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا مۇنۇ سۆزىدە رۇخسەت قىلغان: ﴿كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالسا، – قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا (ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا – كۇفرى بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا (يەنى ئىختىيارىي يوسۇندا مۇرتەد بولغان بولسا)، ئۇ ئاللاھ نىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ﴾(16/«نەھل»: 106)

مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلاپ پوپلۇق خىزمىتىنى تاشلىسا ئۆلتۈرۈلۈپ ياكى قاتتىق قىيىن – قىستاققا دۇچار بولۇش كېلىپ چىقمايدىغان بولسا، بەزىبىر ئاۋارىچىلىق، ئۇرۇق – تۇغقانلارنىڭ، ئەتراپتىكىلەرنىڭ مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى، تاشلىۋېتىشى، ياردەم قىلماسلىقى، قوپال مۇئامىلە قىلىشى، يەكلىشى… قاتارلىق چىداپ كېتەلەيدىغان قىيىنچىلىقلار ۋە ئەزىيەتلەر بولسىمۇ ئۇ كىشى چوقۇم مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىشى، يوشۇرماسلىقى كېرەك.

خىزمىتىنى تاشلىسىمۇ ئۇ شەھەردە مۇسۇلمانلىقىنى ئاشكارىلىيالمايدىغان بولسا ھىجرەت قىلغۇچە يوشۇرۇشقا رۇخسەت. 40/ غافىر سۈرىسى 28 – ۋە ئۇندىن كېيىنكى ئايەتلەردىمۇ ئاللاھ تائالا فىرئەۋن خانىدانىدا ئىمانىنى يوشۇرغان مۇئمىننىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغان ۋە ئۇنى مۇئمىن دەپ سۈپەتلىگەن. يەنە بىر ئايەتتە ﴿(مەككەدە) سىلەر بىلمەيدىغان ئەر – ئايال مۇئمىنلەر بولمايدىغان بولۇپ، سىلەر بىلمەستىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ قويۇش بىلەن گۇناھقا گىرىپتار بولۇشۇڭلارنىڭ خەۋپى بولمىسا ئىدى، (سىلەرنى كافىرلارغا مۇسەللەت قىلاتتى)، ئاللاھ خاھلىغان ئادەمنى رەھمىتى (دائىرىسىگە) كىرگۈزۈش ئۈچۈن (سىلەرنى مەككەنى پەتھى قىلىشتىن توستى)، ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا (يەنى مۇئمىنلەر كافىرلاردىن ئايرىلسا)، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كافىرلارنى قاتتىق ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق﴾(48/«فەتھ»: 25) دېگەن.

مۇسۇلمانلىقىنى ئاشكارىلىيالىسا، ئەمما مۇسۇلمانچە ئىبادەتلىرىنى قىلالمايدىغان بولسا، يەنىلا بۇ جايدىن مۇسۇلمانلىقىنى ئازادە ياشىيالايدىغان ئۆز دۆلىتىدىكى باشقا شەھەرگە ياكى باشقا دۆلەتگە ھىجرەت قىلىشى كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

471 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئىشلەپچىقارغان ئاچچىقسۇ ۋە تېتىمسۇلارنى ئىشلەتسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. بۈگۈنكى (يەنى 2023. سېنتەبىردىكى) ئەھۋالنى ئىگىلىشىمىزچە، ئىستانبۇلدا پەقەت بىرلا ئۇيغۇر ئاچچىقسۇ ۋە تېتىمسۇ ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ بايانى بويىچە، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئاچچىقسۇ ۋە تېتىمسۇلارغا ھارام ماددا قوشۇلمايدىكەن. پەقەتلا رەڭ بىلەن ئاچچىقسۇ ۋە تېتىمسۇنىڭ بۇزۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن مەلۇم مۇددەت ساقلايدىغان، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ھالال بىر ماددا قېتىلىدىكەن. ئاچچىقسۇ تەركىبىدىكى ئېتىل ئالكوھول (C2H5OH) ئاساسى جەھەتتىن قالمايدىكەن. قالغان تەقدىردىمۇ %0.1 كە يەتمەيدىكەن. سىركە كىسلاتاسى (acid Acetic) %4 ئىكەن. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، سىركە تەركىبىدىكى ئېتىل ئالكوھول بەزى دۆلەتلەردە %0.5 چەكلەنسە، كىسلاتا %5 بىلەن بىلەن چەكلىنىدۇ. دېمەك، ئىستانبۇلدىكى ئاچچىقسۇ خەلقئارا رۇخسەت قىلغان ئۆلچەم دائىرىسىدە ئىكەن. يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، ئىستانبۇلدىكى ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئىشلەپچىقارغان ئاچچىقسۇ ۋە تېتىمسۇنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما، ئىستانبۇلغا خىتتايدىن كەلتۈرۈلگەن ياكى مەنبەسى نامەلۇم ئاچچىقسۇ ۋە تېتىمسۇلارنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

472 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مېنىڭ ئوپېراتسىيە بولۇپ تۇغقان 13 ئايلىق بولغان بوۋىقىم بار ئىدى. مەندە دىئابېت بار بولغاچقا، دوختۇر: «سېنىڭ سالامەتلىكىڭ ياخشى ئەمەس، شۇڭا 3 – 4 يىل بالىلىق بولماڭلار» دېگەن ئىدى. شۇنىڭغا قارىتا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يەۋاتقان ئىدىم. لېكىن، يەنىلا ھامىلىدار بولۇپ قاپتىمەن. دوختۇر: «ئالدۇرۇۋەت، بالدۇر تۇغۇلۇپ قالىدۇ» دەيدۇ. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ مۇشۇنىڭغا بىر جاۋاب بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ ئىلىملىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىپ بەرسۇن، ئامىن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ھامىلىدارلىق ئانىنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئۇچرىتىش ئېنىق بولسا، قىرىق (بىر قاراشتا 120) كۈنگە يەتمىگەن تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە رۇخسەت. ھاياتىنى خەۋپكە ئۇچرىتىشى ئېھتىماللىق بولسا قەتئىي رۇخسەت يوق. بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشى ئانىنىڭ ھاياتىنى ۋە ھەتتا تۆرەلمىنىڭمۇ ھاياتىنى خەۋپكە ئۇچراتمايدىغان بولسا، چۈشۈرۈۋېتىشكە رۇخسەت يوق. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

473 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ يېقىندىن بۇيان «ياۋروپاغا بىر ئادەمگە مۇنچە پۇل» دەپ دېيىشىپ قاچاق يولدىن ئادەم ئەكىلىدىغان ئىش ئاۋۇپ قالدى. قاچاق يولدىن ياۋروپاغا ئادەم ئەكىلىشنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ياۋروپاغا ۋە غەرب دۆلەتلىرىگە ھىجرەت قىلىشنىڭ ھۆكمى ھىجرەت قىلغۇچىنىڭ نىيىتىگە ۋە شارائىتىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئايرىم پەتۋا يېزىلغان. ھىجرەت قىلسا بولىدىغان زۆرۈر ئەھۋالدىكىلەرنى دېيىشىپ قاچاق يۆتكىسە جائىز، لېكىن بىخەتەر يۆتكەپ بولغاندىن كېيىن پۇلنى بېرىدىغانغا دېيىشىش كېرەك، شۇندىلا توختام توغرا بولىدۇ. ئەمما، ئالدىن پۇل ئېلىپ، كېيىن يۆتكىيەلمىسە، پۈتۈشكەن خىزمەتنى سۇنالمىغانلىقتىن ئالغان ھەق ھالال بولمايدۇ ھەمدە يۆتكەش خىزمىتىنى سۇنالىشى ئېنىق ئەمەس بولغاچقا، بۇ مەۋھۇملۇق توختامنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاندىن ھىجرەت قىلسا دۇرۇس بولمايدىغانلارنى يۆتكەش توغرا بولمىغان ئىشقا ياردەم قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ ئىشتا يەنە «ھەربىر يولنىڭ غەرق بولۇش ۋە تۇتۇلۇپ تۈرمىگە سولىنىشتەك خەتىرى قانچىلىك؟ كۆپىنچە ئەھۋالدا سالامەت مەنزىلگە يېتىپ بارالامدۇ – بارالمامدۇ؟ يولۇچىلارنىڭ تۈرمىگە سولىنىش، ناچار مۇئامىلىگە ئۇچراشتىن قورقۇش ۋە ئۇ يەردىن قېچىشتەك زەئىف ھالىدىن ماددىي پايدىلىنىۋېلىش ۋە قاقتى – سوقتى قىلىش بارمۇ – يوق؟ بۇ ئىش ئادەم تىجارىتى دائىرىسىگە كىرەمدۇ – يوق؟ قاچاق يولۇچىلار خاتىرجەم تۇرىدىغان بىرەر دۆلەتنىڭ نوپۇسىنى ئالغانمۇ ياكى ھەرئاندا تۇتۇلۇپ يولغا سېلىنىش خەۋپىدە ياشاۋاتقانلارمۇ؟» دېگەندەك ئەھۋاللار ۋە ئامىللارمۇ كۆزدە تۇتۇلۇشى كېرەك. خەتىرى ئېغىر يول بولسا ۋە يولۇچىلارنى قاقتى – سوقتى قىلىش بولسا، قاچاق يۆتكەش توغرا بولمايدۇ. قولىمىزدا ھەربىر يولنىڭ ئەھۋالى، يولۇچىنىڭ مەقسىتى، شارائىتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ياكى ستاتىستىكا بولمىغانلىقتىن، بۇنىڭ ھۆكمىنى ھەربىر مۇسۇلمان ئەھۋالغا قاراپ ئۆزى دەڭسەپ باقسا بىلەلەيدۇ. ئادەتتە پەتۋامۇ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ ئەمەس، ھەربىر ئەھۋالغا قاراپ بولىدۇ.

474 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! باشقا دۆلەتلەرگە «مەن زۇلۇمغا ئۇچرىدىم، ئائىلەم زۇلۇمغا ئۇچرىدى» دەپ ئىلتىماس سۇنۇپ، ئارقىدىن ئىشى ھەل بولغاندا جىملا يوقاپ كېتىپ، ئۇ زۇلۇم توغۇرلۇق گەپ قىلماسلىق گۇۋاھلىقنى يوشۇرۇش بولامدۇ، بولمامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «مەن زۇلۇمغا ئۇچرىدىم، ئائىلەم زۇلۇمغا ئۇچرىدى» دەپ سىغىنىپ پاناھلىق بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇ زۇلۇم يوقتەكلا بولىۋېلىش كاززابلىق دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئۇ زۇلۇم ھەققىدە سورالسا زۇلۇم بارلىقىنى ئېيتمىسا، بۇ گۇۋاھلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ۋە يوشۇرۇش دائىرىسىگە كىرىدۇ.

475 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ئايالنىڭ قىزى ئاجرىشىپ كېتىپ بولغاندىن كېيىن، بۇرۇنقى كۈيئوغلى ئۇنىڭغا نامەھرەم بولامدۇ ياكى مەھرەم بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەلبەتتە سابىق كۈيئوغۇل سابىق قېيىنئانىسىغا مەھرەم بولالايدۇ. ھەتتا ئۇ قىزى تۈگەپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئانىسىغا مەھرەم بولالايدۇ. چۈنكى، قېيىنئانا نىكاھلىنىش مەڭگۈ ھارام قىلىنغان ئاياللار قاتارىدىندۇر.

476 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ئايال رامازان روزىسىدىن قېلىپ قالغان قازا روزىسىنى تۇتقان كۈندۈزدە يولدىشى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپتۇ، بۇ ئايالغا كەففارەت كېلەمدۇ ياكى شۇ كۈننىڭ قازاسىنى ئادا قىلسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كەففارەت كەلمەيدۇ. تەۋبە قىلىپ رامازاننىڭ قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ.

477 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر كىشى بىر قوينى ئەقىقە قىلماقچى بولۇپ، قاسساپ بىلەن شۇ قويدىن چىققان گۆشىنى كىلولاپ شۇنىڭغا پۇل بېرىدىغانلىقىنى دېيىشكەن. شۇنداق قىلىپ سويغاندىن كېيىن چىققان گۆشنى كىلولاپ، شۇنىڭغا پۇل بېرىپ گۆشنىلا ياندۇرۇپ ئەكەلگەن، بۇ ئەقىقە توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ئەقىقە توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، قوينى بوغۇزلىغاندا، ئۇ قوي ئۇ كىشىنىڭ ئەمەس. ئۇ كىشى قاسساپنىڭ قويى بوغۇزلىنىپ بولغاندىن كېيىن گۆشىنى سېتىۋالغان. شۇڭا، ئەقىقىگە ھېساب بولمايدۇ. شۇڭا، ئىمكانىيىتى بولسا قايتا بىر قوي ئېلىپ ئەقىقە قىلسۇن.

478 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن مەن تۈرك تېلېكوم (Türk Telekom) سۆزلىشىش كارتىسىنى ئىشلىتىمەن. بۇ سۆزلىشىش كارتىسىغا ھەپتىدە بىر قېتىم «ھەدىيە» دەپ تور ياكى سۆزلىشىش دەقىقە بېرىدۇ. مەن ئاساسەن ئۆيدە بولغاچقا، ئۆيدىكى سىمسىز تورنى ئىشلىتىمەن، ئەمما بەزەن سىرتقا چىققاندا بولسا، سۆزلىشىش كارتامغا پۇل سالماي ھەپتىدە بىر بېرىدىغان مۇشۇ تۈرك تېلېكومنىڭ ھەدىيەسى ئۇدۇل كېلىپ قالسا شۇنى ئىشلىتىمەن. بۇ ھەدىيەنى ئىشلىتىش جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. جائىز.

479 – سوئال: ئەگەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ 85 گرام ئالتۇن زىبۇزىننىتى بولۇپ، ئوقۇش ياردەم پۇلى (Burs) بېرىدىغان مەكتەپنى قازىنىپ قالسا، شۇ بۇرۇس پۇلىنى ئىشلىتىپ بالىسىنى يەسلىگە بېرىپ ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولۇپ قالسا، بۇ بۇرۇس شۇ ئوقۇغۇچىغا دۇرۇس بولامدۇ؟ يەنى شۇ ئارقىلىق ئوقۇشىنى داۋام قىلسا بولامدۇ؟ ياكى بۇ ئوقۇغۇچى باشقىلار ياردەم قىلغان پۇلنى كۇرسلارغا تۆلەپ ئوقۇسا دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئوقۇش ياردەم پۇلىغا تىزىملىتىش جەدۋىلىدە ئوقۇغۇچىنىڭ باي بولماسلىق شەرتى بولمىسا، باي ئوقۇغۇچىمۇ ئۇنى ئېلىپ ئېھتىياجىغا ئىشلەتسە بولىدۇ. كەمبەغەللەرگىلا بېرىش شەرتى بولسا ئالسا دۇرۇس بولمايدۇ. مەنچە دۆلەت ياكى بىرەر ۋەقف بەرگەن ئوقۇش ياردەم پۇلىنى باي ئوقۇغۇچىمۇ ئېلىپ ئىشلەتسە، ياردەمنىڭ زاكاتلىقىنى ئېنىق دېگەن ئەھۋالدا ئىشلەتمىسە بولىدۇ. يەنە ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئالمىسا ئۇزۇنغا بارماي قولىدىكى ئىقتىساد تۈگەيدىغان بولسا ئالغىنى تۈزۈك.

 480 – سوئال: ئەگەر يولدىشىغا زاكات دۇرۇس كېلىپ، ئۆزىگە زاكات دۇرۇس كەلمەيدىغان بولسا، ئۆزىگە بېرىلگەن ياردەم پۇلنى (زاكاتمۇ ياكى ھەدىيەمۇ ئېنىق بىلگىلى بولمايدىغان پۇل) بالىلىرىغا ئويۇنچۇق ياكى نەرسە – كېرەك ئېلىپ بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولىدۇ. چۈنكى بالىلارنىڭ نەپىقەسى ئېرىنىڭ بوينىدا.

481 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ھازىر تۈركىيەدە داۋاملىق مال باھاسى ئۆسۈپ تۇرۇۋاتقاچقا، بەزىدە ئېگىز – پەسلىك بولۇپ قالىدىكەن. مەسىلەن، 50 لىرالىق مالنىڭ باھاسى 70 لىراغا ئۆرلىگەن بولسا، دۇكان ئىگىلىرى شۇ مالنىڭ ھەممىسىگە يېڭى باھانى چاپلاپ، ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن، بىرەر ئىككىسىدە يېڭى باھا چاپلانماي ئەسلىدىكى باھادا قېلىپ قالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىزگە بەزىدە ئۇدۇل كېلىپ قېلىپ، كونا باھادا پۇل تۆلەپ چىقىپ كېتىدىكەنمىز. بۇنىڭدا باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېگەن بولۇپ قالامدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. دۇكان ئىگىلىرى قويغان باھادا سېتىۋالسا، ئۇلارنىڭ ھەققىنى يېگەن بولمايدۇ. لېكىن، ئېنىق بىر خاتالىق ياكى ئۇنتۇش بايقىغان ئەھۋالدا دۇكان ئىگىسىگە ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك. ئەمما، كونا باھا ئۈستىگە يېڭى باھانى چاپلىغان بولسا خېرىدار يېڭى باھانى سويۇپ ئېلىۋەتسە ئېنىقلا دۇكان ئىگىسىنىڭ ھەققىنى يېگەن بولىدۇ.

482 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! تاكسى ھەيدىگەندە ئۇنىڭغا مەيخانا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان جايلارغا بارىدىغانلار، مېھمانخانىدىن چىققان ناچار ئاياللارمۇ چىقىدۇ ۋە ئۇلارنى توشۇشقا مەجبۇر بولىمەن. شۇنداق ۋاقىتتا تاپقان پۇلۇم ھالال بولامدۇ؟ «سېنى توشىمايمەن» دېيىش ئىمكانىيىتىم يوق.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەيخانا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان گۇناھ – مەئسىيەت ئورۇنلىرىغا بارىدىغانلارنى توشۇش گۇناھ – مەئسىيەتكە ھەمكارلاشقانلىق بولۇپ، ئالغان پۇلى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ھارام بولىدۇ. ئۇ يەردىن ئۆيىگە قايتىدىغانلارنى توشۇش جائىز. «سېنى توشىمايمەن» دېيىش ئىمكانىيىتى يوق بولۇپ، مەجبۇر بولسا، گۇناھقا ھەمكارلاشقان بولمىغىنىدەك، تاپقان پۇلىمۇ ھالال بولىدۇ.

483 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! 6 ياش ۋە 11 ياش ئوغۇللىرىمىز بىلەن ئۆمرەگە بېرىشنى نىيەت قىلغان ئىدۇق. بۇ بالىلىرىمىز ئىھرام باغلىشى كېرەك بولامدىغاندۇ ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن «نورمال كىيىندۈرسەكمۇ بولارمۇ؟» دەپ ئويلىشىپ قالدۇق. شۇڭا، سىلىدىن سوراپ ئەڭ ياخشىسىنى قىلايلى دېگەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سەبىي بالىلارنى ھەج ۋە ئۆمرە قىلدۇرۇش پەرز ئەمەس، مۇستەھەب بولۇپ، بۇ بالا ئۈچۈن نەفلە بولغاچقا، بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن پەرز ھەج قىلىشى كېرەك بولىدۇ. ئۇنى ئېلىپ بارغان ئاتا – ئانا ئۈچۈنمۇ ئەجىر بېرىلىدۇ. بىر ئايال بىر سەبىي بالىنى كۆتۈرۈپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

ــ بۇنىڭ ئۈچۈن ھەج بارمۇ؟ ــ دەپ سورىغانىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ھەئە، سىزگىمۇ ئەجىر بولىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بەردى(مۇسلىم: 1336).

سەبىي بالىلارنىڭ ئاق – قارىنى پەرق ئېتىدىغان 7 ياشتىن يۇقىرىلار ئىھراملىق كىيىپ، چوڭلارغا ئوخشاش ئاغزىدا: «ھەج (ياكى ئۆمرە) گە لەببەي ئى ئاللاھ!» دەپ تەلبىيە ئېيتىپ ئىھرام ھالىتىگە كىرىدۇ. 7 ياشتىن كىچىك ياكى گەپنى قولاشتۇرۇپ قىلالمايدىغانلار ئۈچۈن، چوڭلار «بۇ بالام ئۈچۈن ھەج (ياكى ئۆمرە) گە لەببەي ئى ئاللاھ!» دەپ تەلبىيە ئېيتىپ نىيەت قىلىپ قويىدۇ. «5 ياشتىن كىچىك بوۋاقلارنى ئېلىپ بېرىش مۇستەھەب بولمايدۇ» دەپ قارىغان ئالىملارمۇ بار. بالىلار چوڭلار بىلەن تاۋاپ ۋە سەئيى قىلىپ، چېچىنى چۈشۈرۈپ ياكى قىسقارتىپ ئىھرامدىن چىقىدۇ. ئۆزى ماڭالمايدىغانلارنى چوڭلار كۆتۈرۈۋالسا بولىدۇ ۋە بۇ كۆتۈرۈۋېلىش بىلەن ھەر ئىككىيلەن تاۋاپ – سەئيىلىرىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. ھەجدە شەيتانغا تاش ئېتىشتا كىچىكلەر ئاتالمايدىغان بولسا، ئۇلار ئۈچۈن چوڭلار ئېتىپ قويىدۇ.

ئىھراملىق ھالەتتە چوڭلارغا چەكلەنگەن ئىشلار سەبىيلەرگىمۇ ئوخشاش چەكلىنىدۇ. زاكا تاقاشقا ئېھتىياجى بولغانلارغا زاكا تاقالسا بولىدۇ. سەبىي بالا بىلمىگەنلىكتىن بىرەر چەكلىمىگە رىئايە قىلالمىسا، مەسىلەن بېشىنى يۆگىۋېلىش، ئەتىر ئىشلىتىش، كىيىنىۋېلىش، ھەرەمدە كەپتەر ئوۋلاشتەك ئىشلارنى قىلسا فىديە كەلمەيدۇ. بىلىپ قەستەن قىلسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، فىديە كېلىدۇ، شۇنداقلا ھەج تەمەتتۇﺋ ۋە ھەج قىران ئۈچۈن قۇربانلىق كېلىدۇ. ئىمام ئەئزەمنىڭ قارىشىدا فىديە ياكى قۇربانلىق كەلمەيدۇ. بۇ نۇقتىدا ئىمام ئەئزەمنىڭ قارىشى كۈچلۈك. چۈنكى، سەبىي بالاغەتكە يەتمىگۈچە ئۇنىڭغا گۇناھ يېزىلمايدۇ.

484 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! مېنىڭ 3 پەرزەنتىم بار، مەن 2016 – يىلې بالىلىرىمنىڭ دادىسىدىن ئايرىلغان. بىز ئۇزۇن ئايرىلىش سەۋەبىدىنمۇ بىلمەيمەن مېنى تېلېفوندىمۇ ئىزدىمەس بولدې، شۇنىڭ بىلەن مەن: «نېمىشقا تېلېفوندا بولسىمۇ مېنې ئىزدىمەيسىز» دېدىم. ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن جاۋابې: «بالىلار بىلەن تۇرغۇڭ بولسا تۇر، توي قىلىۋالساڭمۇ بولىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت بولدى. شۇندىن تارتىپ 2 يىل تېلېفوندىمۇ كۆرۈشمىدۇق. بالىلار بىلەن تېلېفونلىشىدۇ، لېكىن مېنې بىر قېتىممۇ سوراپ قويمىدې. 2018 ـ يىلې خىتاي كافىرلار تەرىپىدىن تۈرمىگە سولىنىپ تۈرمىگە 15 يىللىق قاماق بېرىلىپتۇ. 3 بالىلىرىممۇ ئۆي – ئوچاقلىق بولۇپ بولدې. شۇڭا، «يالغۇزلۇق سەۋەبىدىن توي قىلسام بولامدۇ ياكې بولمامدۇ؟» دەپ سورىشىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئېرىڭىزنىڭ: «بالىلار بىلەن تۇرغۇڭ بولسا تۇر، توي قىلىۋالساڭمۇ بولىدۇ» دېگەن جاۋابې سىزگە ئاجرىشىش مەسىلىسىدە ئىختىيارلىقنى بەرگەنلىك بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا سىز خاھلىسىڭىز ئاجرىشىشنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاجرىشىشنى تاللىسىڭىز، تاللىغان چاغدا بىر رەجئىي تالاق بولغان بولىسىز ۋە ئىددەت توشقاندىن كېيىن باشقا ئەرگە ياتلىق بولالايسىز.

485 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! «ئۆيدە ئاياللار باشتاق يۈرسە، ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ» دەيدىغان گەپ بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئايال كىشى ئۆيىدە ئېرىگە ۋە مەھرىمىگە باشتاق كۆرۈنسە بولىدۇ. بۇنى چەكلەيدىغان ياكى بۇنىڭ پەرىشتىنىڭ كىرىشىگە توسالغۇ بولىدىغان بىرەر ھەدىس يوق. ئىش – ئەمەللەرنى يازىدىغان پەرىشتە باشتاق ئايال بىلەنمۇ بىللە بار.

486 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قەرزىنى قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق قەرزدارنىڭ قەرزىنى پۇلنى قولىغا تۇتقۇزماستىن، زاكات پۇلنى بىۋاسىتە قەرز ئىگىسىگە بېرىپ تۆلىۋەتسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولىدۇ. زاكات سەرپ قىلىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىرى قەرزدارلار. ئەگەر قەرزدارنىڭ ئىجازىتى بىلەن قەرزىنى زاكاتتىن تۆلىۋەتسە، ئالىملار بىردەك: «جائىز» دەپ قارايدۇ. ئىجازىتى بولمىسىمۇ تۆلىۋەتسە، بەزى ئالىملار: «جائىز» دەپ قارايدۇ.

487 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئورۇقلاش ئۈچۈن ئاشقازان كەستۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. يېمەك – ئىچمەكتىن پەرھىز تۇتۇش ۋە چېنىقىش ئۈنۈم بەرمەي، كۈندىلىك تۇرمۇشتا شەخسكە بىئارامچىلىق ۋە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىغان دەرىجىدە سېمىزلىك سەۋەبىدىن ئاشقازاننى كەستۈرۈش، بوغدۇرۇش، كەمەر تاقىتىش ۋە مىخلاش كەبى ئۇسۇللار بىلەن داۋالىنىش مەقسىتىدە ئورۇقلىتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش، دوختۇر بۇنىڭ شۇ كىشىگە ئېغىر زىيىنى بولمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلىسە، جائىزدۇر.

488 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مىنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئۈستىدىكى ئۆيدىن سۇ ئۆتۇپ كېتىپ ئۆيۈم بۇزۇلۇپ كەتكەنتى. بۇزۇلغان يەرنى ئوڭشاش كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ؟ مېنىڭمۇ ياكى ئۈستى قەۋەتتىكىلەرنىڭمۇ؟

ئۈستى قەۋەتتە ئىجارە ئولتۇرۇدىغان ئادەم بولۇپ، ئۆيدىن سۇ ئۆتۇپ بۇزۇلۇپ كەتسە، ئوڭشىتىش ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىشىمۇ ياكى «مەن ساق بەرگەندىكىن پۇلنى سەن تۆلەيسەن» دەپ ئىجارىدە ئولتۇرغان ئادەم تۆلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۈستى قەۋەتتىن ئاستى قەۋەتكە سۇ ئۆتۈپ كەتسە، ئالدى بىلەن تۇرۇبىچىنى ئەكىلىپ سەۋەبنى بىلىش لازىم. ئەگەر ئۆينىڭ تۇرۇبىلىرى كونىراپ كەتكەنلىكتىن يېرىلىپ سۇ ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئوڭشاش چىقىمىنى ۋە ئاستىدىكى ئۆينىڭ زىيىنىنى ئۈستى قەۋەت ئۆينىڭ ئىگىسى تۆلەيدۇ. ئەگەر سەۋەبى ئۈستىدىكى ئۆيدە ئولتۇرغانلارنىڭ خاتالىقلىرى بولسا، يۇقىرىقىلارنى ئۆيدە ئولتۇرغۇچى تۆلەيدۇ. ئېھتىماللىق بولۇپ قالسا، ئۆي ئىگىسى بىلەن ئولتۇرغۇچى مۇۋاپىق مىقدارغا كېلىشىپ ئىككىيلەن كۆتۈرىدۇ.

489 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن بىر ئايال، ئۈچ بالام بار يولدىشىم قەرزدار. ئائىلە قىينچىلىقىمىز بار. شۇڭا دەرنەكلەردىن ياردەم ئالىمەن. دەرنەكلەردىن نەق پۇل بەرمەيدۇ ئۇن، ياغ، گۈرۈچ دېگەندەك نەرسىلەرنى بېرىدۇ. بەزىدە ئارتۇق ئۇن، ياغ، گۈرۈچنى سېتىپ ئىشلەتتىم. لېكىن، بەرگەنلەر: «ساتماڭلار» دەيدىكەن. ھاجىتىمدىن ئارتۇقىنى سېتىپ ئىشلىتىشىم گۇناھمۇ؟ ھارام يېگەن بولىمەنمۇ؟ ھەقىقەتەن گۇناھ بولىدىغان ھارام بولۇپ قالسا، ساتقان نەرسىلەرنىڭ پۇلىسىنى ھېسابلاپ بېرىۋىتەي ھەم ئۇلۇغ رامازاندا قىلمىشىمغا تەۋبە قىلاي. ئەگەر ماڭا بېرىپ بولغان نەرسىنى ئەھۋالغا قارىتا قانداق تەسەررۇپ قىلىشىم ئۆزۈمنىڭ ھەققى بولسا، بۇنىڭغا قارىتا بىر چۈشەنچە بەرسىلە.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. دەرنەكلەر تارقاتقان ئۇن – ياغلار زاكات بولۇشىمۇ، سەدىقە بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر زاكات بولسا، سىز ئۇنى ئالغاندىن كېيىن قانداق تەسەررۇپ قىلىش ئىختىيارىڭىز بولاتتى. چۈنكى، ئۇ سىزنىڭ مۈلكىڭىزگە ئايلاندى. سەدىقە بولسا، بەرگۈچى بېكىتكەن شەرتكە رىئايە قىلىشىڭىز كېرەك بولاتتى. ئەمدى ئۇ ياردەمنىڭ زاكات ياكى سەدىقە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمىگەنلىكتىن، قىلغىنىڭىز ئېھتىماللىق دائىرەدە قېلىپ شۈبھىگە كىرگەن بولىسىز. شۇڭا، ئۆتۈپ كەتكىنىگە سالاۋات، بۇندىن كېيىن شۈبھىدىن يىراق تۇرۇشنىڭ ئامالىنى قىلىڭ.

490 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ قانداق ئەھۋاللىرى دوكتور! ياخشى تۇرۋاتاملا! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئۆيدە باشقا ھېچكىم يوق يالغۇز چاغدا ئەر – ئايال  خۇشى تۇتۇپ قېلىپ مۇنداق قول كۆتۇرۈپ ئەر – خوتۇن بىر – بىرى بىلەن ئۇسسۇل ئويناپ قالسا گۇناھكار بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ تىنچلىق. گۇناھ بولمايدۇ.

491 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ مەن بىر ھەپتە ئالدىدا دادام – ئاپاملار بىلەن ئۆمرە ھەج قىلىشنى نىيەت قىلىپ يولدىشىمدىن سورىغانتىم، (يولدىشىم ياۋروپادا) قايتا – قايتىلاپ سورىساممۇ «بېرىپ كېلىڭ» دەپ رۇخسەت قىلغان ئىدى. بېلەت ھەممىنى تەييار قىلىپ، ماڭىدىغانغا بىرنەچچە كۈن قالغاندا: «بارمايسەن» دەپ گېپىدىن يېنىۋالدى، شۇنداقتىمۇ بېرىۋەرسەم ئىتائەتسىزلىك قىلغان بولامدىم؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇرۇن پەقەت بارمىغان بولسڭىز، ئىتائەتسىزلىك بولمايدۇ. بۇرۇن بارغان بولسڭىز، بارماسلىق كېرەك.

492 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! مېنىڭ ئالدىمدا چوڭى 7 ياش، كىچىكى 5 ياش ئىككى بالام بار، ئۈچىنچىسى تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. يولدىشىم ياۋروپادا ياشايدۇ، كېتىپ – كېلىپ تۇرىدۇ. ئىككى ئاي بولدى، ئۆينىڭ ئىجارىسىنىمۇ دادام تۆلەپ بېرىۋاتىدۇ، بالىلىرىمنىڭ، مېنىڭ چىقىمىمنىمۇ ھەم دادام قىلىپ بېرىۋاتىدۇ. يولدىشىمغا پۇل توغرىسىدا ئېغىز ئاچسام: «مېنىڭ تاپقان پۇلۇمدا سېنىڭ ھەققىڭ يوق، داداڭنىڭ بالىسى بولغاندىكىن داداڭ باقسۇن» دەپ تاشلاپ قويدى. ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ بىرنەچچە قېتىم ئۆزىنىڭ ئىشلەپ تاپقان پۇلىسىدا ھەققىم يوقلۇقىنى ئېيتىپ، يېنىمدا ئۆزى بەرگەن پۇل بارتى شۇنىمۇ ئېلىۋالغان، ھازىر ئىقتىسادتىن پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتتى، دادامغا قاراشلىق ئۆتۈۋاتىمەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ سۆزۈمنى بېرىشىنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ؟ ئەر كىشىنىڭ مەندە (تاپقان پۇلۇمدا) ھەققىڭ يوق دېيىشى توغرا بولامدۇ؟ 

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق. بۇ ئەھۋالدا سۆزىڭىزنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.

493 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! يۈزۈمنى ياپاتتىم، ئېچىۋېتىشنى ئويلاپ يولدىشىمغا دېسەم: «ياق» دەپ تۇرۋالدى. ئەمما، يولدىشىم ئۆزى بەك تەقۋا ئەمەس، نامازنىمۇ ۋاقتىدا ئوقۇمايدۇ. «ئۆزۈڭ قوپمامسەن» دەپ مېنىمۇ بامدات نامازلىرىغا چاقىرمايدۇ. مۇشۇ ھالدا «يۈزۈڭنى ياپ» دېگىنى كاللامدىن ئۆتمەي، ئېچىشنى ئويلىغانتىم، «ياق» دەپ تۇرۋالدى. «پەتۋا سوراپ قىلىمەن» دەپ سىلىگە ئۇچۇر قىلىشىم. شەرىئەتتە ئەرنىڭ ئايالىنىڭ يۈزىنى يېپىشقا ئارىلىشىش ھوقۇقى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق. يۈزنى يېپىش ئالىملار ئوتتۇرىدا قاراش پەرقلىق بولغان مەسىلە. ئەگەر ئېرىڭىز «يۈزنى يېپىش پەرز» دەپ قارايدىغان بولسا، ئىتائەت قىلىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق قارىمىسا، ئىتائەت قىلىشىڭىز كېرەك ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئائىلە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ئىتائەت قىلىش ئەۋزەل.

494 – سوئال: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «پەرۋەردىگارىمىز  پاچىقىنى  ئاچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بارلىق مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئايال ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ. پەقەت دۇنيادىكى چاغدا كۆز – كۆز ۋە رىيا قىلىپ سەجدە قىلغانلار سەجدە قىلالماي قالىدۇ. ئۇلار سەجدە قىلىشقا ھەرقانچە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق دۈمبىلىرى تۈپتۈز تاياقتەك قېتىپ قالىدۇ». بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟

جاۋاب: سەھىھ.

495 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. تۈركىيە ئىچى تور سودا سۇپىسى بولغان Trendyol دا قېرىنداشلار مەھسۇلات ساتقاندا مەسىلەن، ساپا، ئورۇندۇق ياپقۇچ (Takım ürünleri ) دېگەندەك مەھسۇلاتنى ئاۋۋال توردىكى دۇكىنىدا مالنىڭ سۈرەتلىرىنى، قوللىنىش شەكلىنى چۈشەندۈرگەن مەلۇماتلارنى قويۇپ قويىدىكەن. خېرىدارلار كۆرۈپ مال بۇيرۇتىدىكەن. ساتقۇچىنىڭ ئۇ ۋاقىتتا قولىدا نەق مال يوق، لېكىن سېتىۋالىدىغان دۇكان ياكى زاۋۇتتا ئۇ مال بار. خېرىدارلار مال بۇيرۇتقاندىن كېيىن، ئۇ مالنى دۇكاندىن ئېلىپ، مال يەتكۈزۈش ئورنىدىن خېرىدارلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، قولىدا نەق بولمىغان مالنى يۇقىرىدا دېيىلگەن شەكىلدە سېتىش توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق. https://sajiya.biz/?p=13693&uls=uu بۇ پەتۋادىن پايدىلىنىڭ.

496 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھاجىمئاكا سالامەت تۇردىلىمۇ؟ سىلىدىن مۇھىم بىر مەسىلىنى سوراي دېگەن، مېنىڭ ھەمشىرەم توي قىلغىلى ئىككى يىلدىن ئاشقان، ئېرى ساق – سالامەت، تولۇق كىرىمى بار كىشى، سىڭلىمغا تاقىغان زىبۇزىننەت ئالتۇنلار زاكات نىسابىغا يېتىپتىكەن، قېيىنئانىسى ئۇنىڭ زاكىتىنى سىڭلىمنىڭ ئۆزىنىڭ بېرىشىنى ئېيتىپتۇ. سىڭلىم ئائىلە ئايالى، كىرىمى يوق، ئېرى بەرگىنى بار خالاس، ئەمما ئەتراپىدىكىلەر ئۆزىنىڭ زىبۇزىننەتلىرىدىن سېتىپ ئۆزىنىڭ بېرىشىنى ئېيتىپتۇ. بۇنداق گەپنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمىز، ئاياللار توي قىلغابدىن كېيىن چىقىملىرى ئېرىگە تەئەللۇق ئەمەسمۇ؟ ئايال كىشىنىڭ زىبۇزىننەتلىرىگە زاكات كەلسە. ئېرى بېرىش كىرەك ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ھەمشىرەم ئۆز زىبۇزىننەتلىرىدىن سېتىپ بېرىدىغان ئىش بولسا ھەر يىلى ئالتۇنلىرىدىن سېتىپ بېرەمدۇ؟ ئېرى پەقەت مەسئۇل بولمامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە پەتۋا بەرسىلىرى بوپتىكەن. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئايال كىشىنىڭ قولىدىكى زىبۇزىننەت 85 گرامغا يەتسە، ھەر يىلى 85 گرامغا ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقىنىغا ھەممىگە زاكات ئايرىش كېرەك. بۇ مۈلك ئايالنىڭ شەخسىي مۈلكى بولغاچقا، ئۇنىڭ زاكىتىنى ئىگىسى بولغان شۇ ئايالنىڭ ئۆزى بېرىشى كېرەك. ئېرى بېرىپ قويمايدۇ. ئاياللارنىڭ تۇرمۇش چىقىملىرىنى ئەرلىرى قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئەمما زاكاتنى ئېرى بېرىپ قويمايدۇ. ئايالنىڭ ئۆزى قولىدىكى ئىقتىسادتىن بېرىدۇ. خۇددى ئايالنىڭ نامىزىنى ئېرى ئوقۇپ قويمىغىنىغا ئوخشاش. بۇ نەپىقە دائىرىسىدىكى ئىش ئەمەس، بەلكى پەرز ئەين ئىبادەتتۇر. زاكات ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىگە پەرز ئەين. ئاياللارمۇ زاكات ئىبادىتىنى ئادا قىلغانلىقنى ھېس قىلىشى، ئىبادەت لەززىتىنى تېتىشى زۆرۈر. شۇڭا، قولىدىكىمال – مۈلۈكنىڭ زاكىتىنى ئىگىسى ئادا قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئاياللار قولىدىكى زىبۇزىننەت ئالتۇنغا نەق پۇللار بولسا قوشۇپ قىرىقتىن بىرىنى ھەر يىلى زاكات ئايرىيدۇ. بىلىڭكى، ھەر يىلى زاكات بېرىش بىلەن ئالتۇنلىرى ئاۋۇيدۇ. ھەرگىزمۇ كېمىيىپ كەتمەيدۇ. نەق پۇل بولماي ئالتۇنلا بولسا ئالتۇننىڭمۇ قىرىقتىن بىرىنى ئايرىپ بېرىدۇ. دەل ئۇدۇل كەلمىسە ئالتۇنىنىڭ بىر قىسمىنى سېتىپ پۇلىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. مۇبادا ئېرى پۇل ھەدىيە بەرسە ئۇ پۇل ئايالنىڭ مۈلكى بولغاندىن كېيىن ئايال شۇ پۇلنى زاكاتقا ھېسابلاپ بەرسىمۇ بولىدۇ. بۇ سىز ئاڭلاپ باقمىغان ياكى سىزگە خاتا چۈشەندۈرۈلگەن مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. توغرىسى يۇقىرىقىدەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

497 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! بەزى قېرىنداشلار «مەككەدە مۇقىم تۇرۇۋاتقانلار ئۆمرە قىلماقچى بولسا مەككىدىكى ئۆيىدىنلا ئىھرام باغلايدۇ» دەۋاتىدۇ. بۇ توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە پەتۋا بەرسىلىرى بوپتىكەن. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەيلى مەككەدە مۇقىم تۇرۇۋاتقان كىشى بولسۇن ياكى مەككەگە بېرىپ ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان كىشى بولسۇن، مەككەدە تۇرۇپ ئۆمرە قىلماقچى بولسا چوقۇم ھەرەم چېگرىسى سىرتى بولغان ھىل دائىرىسىگە چىقىپ ئۆمرەگە ئىھرام باغلىشى كېرەك. مەككەدىن ئىھرام باغلىسا جائىز بولمايدۇ. ئۇنداق قىلسا بىر قوي قان كېلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىھرام باغلاشقا بەلگىلەنگەن جايدىن ئىھرام باغلىمىدى. ھىل دېگەن مىيقاتتىن جايدىن ھەرەمنىڭ چېگرىسىغىچە بولغان ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. «سەھىھەين»دە كېلىشىچە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى ئاكام ئابدۇرراھمان بىلەن تەنئىمگە ئەۋەتتى. مەن ئۆمرە قىلدىم» دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئابدۇرراھمانغا: «ھەمشىرەڭنى ھەرەمدىن ئېلىپ چىق، ئۇ ئۆمرەگە تەلبىيە توۋلىسۇن» دېگەن. (قاراڭ: بۇخارىي: 1556، 1560؛ مۇسلىم 1211) دېمەك، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېرىندىشى ئابدۇراھماننى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ھەرەم دائىرىسىدىن چىقىپ ھىل دائىرىسىغا تەۋە تەنئىم (ھازىر ئائىشە مەسجىدى بار جاي) دېگەن جايدىن ئىھرام باغلاپ ئۆمرە قىلىشقا بۇيرىغان. شۇڭلاشقا، مەككەدە تۇرۇشلۇق كىشىنىڭ ئۆمرە قىلىشتا ئىھرام باغلايدىغان جايى ھىل. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆمرەنى ئادا قىلىدىغان جاي مەككە. شۇڭا، مەلۇم بىر تۈرلۈك سەپەر ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن ھىل دائىرىسىغا چىقىدۇ. ناۋادا ئۆمرەگە ھىل دائىرىسىدىكى جىئرانە ياكى ھۇدەيبىييەنىڭ ھىل دائىرىسىدىكى قىسمى ياكى تائىف دېگەندەك خاھلىغان بىر جايدىن ئىھرام باغلىغان بولسىمۇ دۇرۇس بولۇۋېرىدۇ. بىراق يۇقىرىدا بايان قىلغان ھەدىسكە ئاساسەن، تەنئىمدىن باغلىشى ئەۋزەل. بەزى ئالىملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىئرانە دېگەن جايدىن ئۆمرەگە ئىھرام باغلىغان، شۇڭغا جىئرانەدىن باغلاش ئەۋزەل، دەپمۇ قارىغان.

ئەمما ھەجدە مەككەدە تۇرۇشلۇق كىشىنىڭ ئۆمرە قىلىشتا ئىھرام باغلايدىغان جايى ھەرەم، چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلىرىنى ھەجگە مەككەدىلا ئىھرام باغلاشقا بۇيرىغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ھەجنى ئەرەفاتتا تۇرماي ئادا قىلغىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئەرەفات ھىل دائىرىسىدە. شۇڭلاشقا، مەككەدە تۇرۇشلۇق كىشى ھەجگە ھەرەمدىنلا ئىھرام باغلىسىمۇ مەلۇم بىر تۈرلۈك سەپەر ھاسىل بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

498 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! بەزىلەر «بىر قېتىملىق ئىھرام باغلاشتا بىرقانچە كىشىگە ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ» دەۋاتىدۇ. بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆزى ئۈچۈن بىر قېتىم ئۆمرە قىلىپ بولغان كىشى مەيلى ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ياكى ھايات بولسىمۇ كېسەللىك ياكى چەكلىمە كەبى سەۋەبلەردىن ئۆمرە قىلالمايدىغانلار ئۈچۈن ئورنىدا ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ. لېكىن، ھەر قېتىم ئىھرام باغلىغاندا پەقەت بىر شەخس ئۈچۈنلا ئۆمرە قىلالايدۇ، بىرقانچە كىشىگە ئۆمرە قىلالمايدۇ. ئەمما، مەككەگە بېرىپ بىر ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن تەنئىم (ھازىر ئائىشە مەسجىدى بار جاي) ياكى جىئرانە ياكى ھۇدەيبىييەنىڭ ھىل دائىرىسىدىكى قىسمى ياكى تائىف ياكى مەدىنە دېگەندەك خاھلىغان بىر جايغا چىقىپ ھەر قېتىم ئىھرام باغلاپ كىرىپ بىر كىشى ئۈچۈن ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ. دېمەك، بىر ئىھرام باغلاشتا پەقەت بىر شەخسكە ئۆمرە قىلىدۇ. ئەمما، ھەرەمگە قىلغان بىر سەپەردە قايتا – قايتا ئىھرام باغلاپ بىرقانچە شەخسكە ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ. ھەجنى بىر سەپەردە پەقەت بىر شەخس ئۈچۈنلا قىلالايدۇ، ئىمام نەۋەۋىي، ئىمام ئىبنى قۇدامەلەر ئېيتقاندەك: «ئەگەر ئىككى كىشى بىر كىشىنى ئورنىدا ھەج ياكى ئۆمرە قىلىپ قويۇشنى تاپىلىسا، ئىككى كىشى ئۈچۈن ئىھرام باغلىسا، ئۆزىگە ھېساب بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى، بىر ئىھرام ئۇ ئىككى كىشى ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن بولمايدۇ. ئۆزى ۋە باشقا بىرى ئۈچۈن بىراقلا ئىھرام باغلىسا، ئۆزىگە ھېساب بولىدۇ» دېگەن. (قاراڭ: «ئەلمەجمۇﺋ»: 7/138؛ «ئەلمۇغنىي»: 6/297) ۋەللاھۇ ئەئلەم.

499 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مېنىڭ بىرقانچە سوئاللىرىم بار ئىدى:

1) بىز ئۈچ، تۆت بۇرادەر بەش، ئون مىڭ دوللاردىن چىقىرىپ، پايدىسى چىققاندا سېتىپ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە شېرىكلىشىپ ماشىنا ئالغانىدۇق. ماشىنىنى ئالغاندىن كېيىن ماشىنىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىپ ساتالماي بىر يىلدەك تۇرۇپ كەتتى. ھازىر سورايدىغىنىم، ماشىنا سېتىلىپ قولىمىزغا پۇل چۈشكەندىن كېيىن زاكات ئايرىمدۇق ياكى بىر يىل توشقانلىقى ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدە زاكات ئايرىمدۇق؟

2) بەش، ئون مىڭ دوللاردىن پۇل چىقىرىپ ئاشخانا ئېچىۋاتقانلارغا مەبلەغ سالغان بۇرادەرلىرىمىز بار. ئاشخانىنىڭ ئىگىسى ئۈچ، تۆت ئايدا بىر قېتىم پايدا ئايرىپ بېرىپ، نورمال ئاشخانىسىنى ماڭدۇرۇۋېرىدىكەن. بۇ ئاشخانىدىن ئالغان پايدىنى يېنىدىكى پۇللارغا قوشۇپ نىسابقا يەتسە زاكىتىنى بېرەمدۇ ياكى ئاشخانىغا دەسمىي سالغان ئانا پۇلنىمۇ قوشۇپ زاكات ئايرىمدۇ؟

3) ياشلار بولسۇن ياكى چوڭلار بولسۇن، چېچى ئازلاپ كەتكەن، ساقال چىقمىغانلار چاچ – ساقال تىكتۈرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. 1) بىر يىل توشقانلىقى ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدە ماشىنىنى باھالاپ زاكات ئايرىش لازىم. چۈنكى، قولۇڭلاردا چوقۇم نەق پۇل بىر يىل تۇرۇشى شەرت ئەمەس. تىجارەت تاۋىرى (ماشىنا) قولدىكى پۇلغا ئوخشاش. 2) ئاشخانىدىن ئالغان پايدىنى يېنىدىكى پۇللارغا قوشۇپ، خەجلەپ ئاشقىنى نىسابقا يەتسە زاكىتىنى بېرىدۇ. دەسمىي سالغان ئانا پۇلغا زاكات ئايرىمايدۇ. 3) چاچ – ساقال بىنورمال بولسا داۋالىنىش مەقسىتىدە تىكتۈرسە بولىدۇ. چاچ – ساقال ئادەتتىكىدەك ياكى سەل شالاڭ بولسا تېخىمۇ ھۆسن تۈزەش ئۈچۈن تىكتۈرسە جائىز ئەمەس. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

500 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ قانداق ئەھۋاللىرى؟ دوكتور! ئاللاھ ئىلملىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن. بىرقانچە سوئاللىرىم بار ئىدى. 1) پۇلنى بۇلتۇر رامازاننىڭ ياقى ماشىنا ئېلىپ – سېتىشقا دەسمىي سېلىپ، بۇ يىلغا قەدەر لىراغا قارىسا پايدا چىققاندەك، دوللارغا سۇندۇرسام زىيان بار. بۇ پۇلغا زاكات كېلەمدۇ؟ 2) بەش، ئالتە يېتم بالسى بار ئايالغا شۇ ئايالنى ئېلىپ بالىلىرىنى بېقىشىپ بېرىشنى ئويلىغان ئاساستا (تېخى ئالماقلىق) زاكاتنى بەرسەك، ئەجىر كەملەپ كېتەمدۇ؟ ياكى ياخشى شۇمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. 1) بۇ تىجارەتكە سالغان مەبلەغ بولغاندىكىن، پايدا چىقسۇن ياكى زىيان چىقسۇن، سالغان مەبلەغگە 2.5 پىرسەنت زاكات كېلىدۇ. 2) تېخى نىكاھلاپ ئالمىغان بولسا دۇرۇس بولىدۇ. ھەتتا نىكاھلاپ ئالغاندىن كېيىنمۇ، ئۇ يېتىم بالىلار ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرى بولمىغاندىكىن، ئۇ بالىلارغا زاكاتلىرى دۇرۇس كېلىشى مۇمكىن.

501 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مېنىڭ ئىككى يىللىق 30 گرامغا توشقان ئالتۇنلىرىم بار ئىدى، ئۈچ ئاي بولدى مىقدارى كۆپىيىپ 52 گرام بولدى ھەم 4 مىڭ دوللار پۇلۇم بار. بۇ پۇلغىمۇ بىرنەچچە ئاي بولدى. «زاكاتنى يىلغا توشقۇزۇپ بېرىش كېرەك» دەپ ئوقۇغانىدىم. مەن بۇ يىل زاكات بېرىمەنمۇ ياكى كېلەر يىلى بەرسەم بولامدۇ؟ «ئايالى زاكاتنى ئېرىگە بەرسە بولىدۇ» دەپ ئاڭلىدىم. بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. 85 گرام مىقداردىكى ئىقتىساد مەيلى دوللار بولسۇن، مەيلى ئالتۇن بولسۇن، قولغا كىرىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن زاكات ئايرىش كېرەك بولىدۇ. ئەگەر 30 گرام ياكى 50 گرام ئالتۇن بولسىمۇ بىر يىل ئۆتسە زاكات كەلمەيدۇ. ئەمما، 4 مىڭ دوللار بىلەن قوشۇپ بىللە شۇ ھالەتتە بىر يىل ئۆتكەن بولسا زاكات كېلىدۇ. زاكاتنى ئەرگە (ئەر زاكاتقا لايىق بولغان تەقدىردە) بەرسە بولىدۇ.

502 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ئەھۋاللىرى ياخشىمۇ؟ ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى، بەرىكىتى سىلىگە ۋە ئائىلىلىرىگە بولسۇن. بۇ ئۇلۇغ ئايدا قىلغان ئەمەل – ئىبادەتلىرىنى ئاللاھ فىردەۋس جەننەتلىك ياخشى ئەمەللەردىن قىلىپ بەرسۇن، ئامىن. ئۇستاز! دوللارنى لىرا ھېسابلاپ زاكات ئايرىمدۇق؟ ئازراق دوللار، ئالتۇن بىلەيزۈك زىننەتلىرىمنى لىراغا ھېسابلاپ، قولۇمدا 563587 لىرا پۇل بارتى. قانچە پۇل زاكات بەرسەم بولىدۇ؟ مۇشۇنى ئايرىپ بەرگەن بولسىلىرى ئۇستاز! ئاۋارە قىلىپ قالدىم، ھېساب چىقىرىشنى بىلەلمەي قالدىم. ئاللاھ ھەسسىلەپ ئەجىرلىرىنى بەرسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. سىلىگە قايسىسى قولايلىق بولسا شۇنى قىلسىلا بولىدۇ. ئالتۇننى، دوللارنى ھەممىنى لىراغا سۇندۇرۇپ، لىرا بويىچە بەرسىلە بولىدۇ. مۇشۇ 500 نەچچە مىڭ لىراغا قىرىقتىن بىر (2.5%) زاكات ئايرىيلا. بۇ ساننى قىرىققا بۆلسىلە، قىرىقتىن بىرى زاكات ئايرىيدىغان مىقدار شۇ بولىدۇ.

503 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مېنىڭ ئىككى بالام بار. ئەر – ئايال ئىككمىز مەسلىھەتلىشىپ ئىككى بالا بىلەن توختىساق، شەرىئەتتە گۇناھ بولامدۇ؟ شەرئىي جاۋاپ ئالاي دېگەنىدىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قورساق كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ۋاقىتلىق ئېلىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ. تۇغماس قىلىۋېتىش ھارام.

504 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ئاياللارنىڭ ئالماس مۇجەۋھىراتلىرىغا نەچچىلىك بولسا، قانچە پىرسەنت زاكات بېرىمىز؟ مەسىلەن قىممىتى 8000 دوللار ئەتراپىدىكى مۇجەۋھەرات ئالماسقا نەچچىلىك زاكات كېلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاياللارنىڭ ئالماس مۇجەۋھىراتلىرىغا زاكات كەلمەيدۇ، ئالتۇنلىرىغا 85 گرامغا يەتسە زاكات كېلىدۇ.

505 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ئايچە بولدى ئايالىم قورساق كۆتۈرگەنىدى. ئون نەچچە كۈننىڭ ياقى مەن بىلەن روزا تۇتۇۋاتقانىدى. نەچچە كۈن بولدى كۆڭلى ئېلىشىپ، ياندۇرۇپ بەك ئاۋارە بولۇپ كەتتى. بۇ ئەھۋالدا روزا تۇتۇۋېرەمدۇ ياكى بەك بولالمىسا قازا قىلىۋېتىپ، كېيىن قازاسىنى تولۇقلاپ تۇتۇۋالسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھامىلىدار ئۆزى بىئارام بولسا ياكى بالىغا روزىنىڭ تەسىرى بولۇپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرىسە، روزا تۇتماي، كېيىن بالىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ.

506 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، سالامەت تۇردىلىمۇ؟ يولدىشىم بىلەن بىز تۇرمۇشتا كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ كەتتۇق. بىرسى 2 يېرىم ياش، يەنە بىرسى بىر ياش ئىككى بالام بار. سۆزۈمنى بەرگەندىن كېيىن گەپ – سۆز يوق يوقاپ كەتتى. مەن ھازىر ئاپامنىڭ قېشىدا تۇرۇۋاتىمەن. مۇشۇنىڭغا قارىتا بىر پەتۋا بەرگەن بولسىلا. ھازىرقى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىددەت ھەققىم، بالىلارنىڭ نەپىقىسى قانچە پۇلدىن ھېسابلىنىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاللاھ سالامەت، خاتىرجەم قىلسۇن. تالاق قىلغاندىن كېيىن گەپ – سۆز قىلمايلا يوقاپ كەتسە بولمايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋالدىمۇ بىر ئەھلى ئىلىم ئارىلىشىپ، بىر سورۇندا جەم بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەممە ھەق – مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەتلىرىنى بايان قىلىپ بېرىشى كېرەك. بۇ ئەھۋالدا ئەر ئايال كىشىگە ئىددىتى توشقۇچە پۈتۈن تۇرمۇش چىقىمىنى قىلىپ بېرىدۇ. ئاندىن ئايالنىڭ ئىددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ بالىلارغا ئۇلار چوڭ بولۇپ توي قىلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى يولغا سالغۇدەك بولغۇچە، تۇرمۇش چىقىمى بولسۇن، مەكتەپ چىقىمى بولسۇن، داۋالىنىش چىقىمى بولسۇن ھەممىسىنى ھەل قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. بۇنى ھازىرلا مۇنچە پۇل دەپ بېكىتكىلى بولمايدۇ، بەلكى ئەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، تۇرمۇش شارائىتىغا قاراپ، بالىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ بەلگىلەش لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنى بىر ئەھلى ئىلىم بىر تەرەپ قىلىپ قويۇشى كېرەك. ئەرمۇ «ياق، ئەھۋال بۇنداق ئەمەستى» دەپ تۇرۇۋالماسلىقى ئۈچۈن، شۇ سورۇنغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى ئېيتىپ، ئاخىرقى ھۆكۈمنى ئاڭلىشى كېرەك.

ئەر يوقاپ كەتكەن بولسا، سىلى ئەرنىڭ ئۇ كىشىنى تونۇيدىغان ئاغىنە – بۇرادەرلىرى ياكى يۇرت چوڭلىرى، ئەھلى ئىلىملەر ئارقىلىق شىكايەت قىلىپ، ئۇنى چاقىرتىپ ئەكىلىپ، بۇ ئىشنى چىرايلىق بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسىلا بولىدۇ.

507 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. كاناي ۋە ئۆپكە شاخچىلىرىدا تۇرۇپ قالغان بەلغەمنى بوشىتىدىغان بۇخار (ھور) نى ئىشلەتسە روزا بۇزۇلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ نەپەسلىنىش جىھازىنى ئىشلەتكەندە، بەزى دورا سۇيۇقلۇقىنى پارغا ئايلاندۇرۇپ نەپەس يولىغا كىرگۈزىدىغان ئىش بار. بۇ ھەقتە بەزى ئالىملار: «روزىنى سۇندۇرىدۇ» دەپ قارىسا، لېكىن كۈچلۈك قاراشتا روزىنى سۇندۇرمايدۇ. چۈنكى، بۇ دورا نەپەس يولىغا كىرىدۇ، يېمەك – ئىچمەك يولىغا كىرمەيدۇ. شۇڭا: «روزىنى سۇندۇرمايدۇ» دەيمىز.

508 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مېنىڭ بىرقانچە سوئاللىرىم بار ئىدى:

1) مەن تېۋىپلىق بىلەن شۇغۇللىنىمەن. بەزىدە ئالدىمغا كەلگەن بىمارلار ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، مەن يېزىپ بەرگەن دورىنى سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەي قالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىدىن سوراپ، زاكات دۇرۇس كېلىدىغان بولسا، ئۇ دورىنى زاكاتقا ھېسابلىۋېتىمەن. سورايدىدىغىنىم: دورىنى زاكاتقا ھېسابلىغاندا، دورا پۈتۈپ چىققان باھادا ھېسابلايمەنمۇ ياكى مەن ساتىدىغان باھادا ھېسابلىشىم كېرەكمۇ؟

2) بىر قېتىم بىر بىمار بىلەن تېلېفوندا پاراڭلىشىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا 700 دوللارلىق دورا يېزىپ بەردىم. دورىنى ئالغىلى كەلگەن چاغدا، يېنىدا پەقەت 300 دوللار پۇل بارلىقىنى ئېيتتى. سوراپ زاكات دۇرۇس كېلىدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، كەملىگەن 400 دوللارنى زاكاتقا ھېسابلىۋەتتىم. بۇ ئىشتا دەسلەپتە مەن دورىنى سېتىپ بولۇپ، كېيىن ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن زاكاتقا ھېسابلىغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ دۇرۇس بولامدۇ؟

3) ئوغۇل 20 ياشتىن ئېشىپ، ئۆزى پۇل تاپالايدىغان بولغان چاغدا، دىنىي ئوقۇشقا ئاتلانغان بولسا، دادىسى ئۆزىنىڭ زاكىتىدىن ۋە باشقىلار ئەكىلىپ بەرگەن زاكاتتىن بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. 1) مۇسۇلمان بىمار دورىسىنى سېتىۋالالمايدىغان بولسا، دورىسىنى زاكاتقا ھېسابلاپ بەرسە بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دورا ئادەتتىكى كىشى خاھلاپ ئىستېمال قىلىپ تۇرىدىغان ئىختىيارىي دورا بولماي، داۋالىنىش ئېھتىياجىغا زۆرۈر بولغان دورا بولۇشى، زاكات بەرگۈچىنىڭمۇ ساتالماي قالغان دورىنى زاكاتقا ھېسابلاپ قولدىن چىقىرىۋېتىش ياكى كۆپ ئوبوروت قىلىش ياكى كۆپ دورا يېزىپ بېرىشتەك بىرەر غەرىزى ئارىلاشمىغان بولۇشى شەرت. دورىنىڭ باھاسى پۈتۈپ چىققان باھاسىدىمۇ، پارچە سېتىش باھاسىدىمۇ ئەمەس، توپ سېتىش باھاسىدا ھېسابلانسا مۇناسىپ. 2) بىر قىسىم ئالىملارنىڭ نەزەرىدە زاكاتقا ھېساب بولىدۇ. 3) دادىسى ئوقۇۋاتقان ئوغلىغا ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ زاكىتىدىن بەرسە بولمايدۇ. بەزىبىر ئەھۋاللاردا باشقىلارنىڭكىنى بەرسە بولىدۇ. تەپسىلاتىنى مۇنۇ پەتۋادىن كۆرۈڭ: https://sajiya.biz/?p=2787&uls=uu

509 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ھازىر تۈركىيەنىڭ «گاز»، «ماي» دېگەندەك ئايروپىلان ياسايدىغان يەرگە مەبلەغ سالساق شەرىئەتتە بولامدۇ ياكى جازانىگە كىرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. بۇ تۈرلۈك گاز ۋە ئايروپىلان شىركەتلىرىگە ياتىرىم ئېلانلىرى قويمىچىلىقتىن ئىبارەت. سوراپ ئېنىقلاش نەتىجىسىدە تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ ئۇنداق ياتىرىم ئىشى يوقلۇقى مەلۇم بولدى. بۇ ئىنتايىن پۇختا قۇرۇلغان تۇزاق. شۇڭا، جىمى قېرىنداشلارنىڭ قويۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك.

510 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئايالىمنىڭ ئاغزى بەك يامان. ماڭا گەپ – سۆزلەردە بەك ئازار بېرىدۇ، ئاغزىدىن پەقەت ياخشى گەپ چىقمايدۇ. توي قىلغاندىن بېرى ئوخشاش ئوڭشالمىدى. مەن سەبىر قىلىپ بولالماي، پەتىۋا سورىماقچى سىلىدىن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. تالاق قىلىشقا ئالدىرىماي، ئالدى بىلەن نەسىھەت قىلىپ بۇ يامان ئىشتىن ئاگاھلاندۇرش، بۇ قىلىقنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش لازىم. بۇمۇ كار قىلمىسا، ياتاقنى ئايرىپ بىر مۇددەت تۇرۇش. بۇمۇ كار قىلمىسا، ئىككى ئائىلەنىڭ چوڭلىرىنى ئارىغا سېلىش لازىم. ئوڭشالسا ئوڭشالدى، ئوڭشالمىسا ئايالنى تالاق قىلىۋەتسە بولىدۇ.

511 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! دىنىمىزگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا بەرگەن قايىل قىلارلىق پەتىۋالىرىدىن ھەممىمىز مەنپەئەتلىنىپ كېلىۋاتىمىز، سىلىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت. ھازىر سورىماقچى بولغىنىم: «بىدئەت ئەمەل قىلغان كىشى كاپىر، مۇشرىك بولۇپ كېتەمدۇ؟» دېگەن تېمىدا بولماقچى. ئۆزلىرىگە مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىيەدە دىيانەت باش بولۇپ ۋە ھەر قايسى جامائەتلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياكى ئۆز ئىچىدىكى ئۆلىمالار بەرگەن پەتىۋا بىلەن مەۋلۇد كېچىسى (Mevlid Kandili)، بارات كېچىسى (Berat Kandili) قاتارلىق دىنىي بايراملارنى تەبرىكلەپ كېلىۋېتىغلىق. مەسىلەن، ئىستانبۇلدا بىزنىڭ ئۆينىڭ يېنىدىكى جامەگە نورمال كۈنلەردە ئاتمىش، يەتمىش جامائەت يىغىلىپ ناماز ئوقۇغان بولسا، مەۋلۇد كاندىلى، بارات كاندىلى قاتارلىق ئالاھىدە كۈنلەردە تۆت، بەش مىڭ جامائەت يىغىلىدۇ، نامازشام بىلەن خۇپتەن ناماز ئارىلىقىدا ئىمام تەسىرلىك ۋەز – نەسىھەت، خۇتبىلەر بىلەن جامائەتكە خىتاب قىلىشقا ئوبدان پۇرسەت بولىدۇ. تۈرك ئۆلىمالار شەئبان ئېيىنىڭ 15 – كۈنى كېچىسى توغرۇلۇق «كۇتۇبى سىتتە»دە تىلغا ئېلىنغان ئىبنى ماجە «ئىقامە» 191 – نومۇرلۇق ھەدىسنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ، بۇ ئىبادەتنىڭ مۇستەھەب ئەمەل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئەرەبىستان تەرەپتىكىلەر بۇ ئەمەلنى بىدئەت دەپ چەكلەيدىغان بولغاچقا، تۈركىيەدە ئوقۇغانلار بىلەن مەدىنەدە ئوقۇغانلار ئارىسىدا مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك مۇنازىرە، جېدەل ۋە تالاش – تارتىشنىڭ پىلتىسىغا ئوت يېقىلىدۇ – دە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مۇنچە گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ، بىر – بىرىنى تەكفىر قىلىشىدۇ. ئەرەبىستاننىڭ پەتىۋاسىغا تۈركىيە تەرەپتىكىلەر قايىل ئەمەس، تۈركىيە تەرەپتىكىلەرنى بولسا ئەرەبىستاندا مەدىنەدە ئىلىم تەھسىل قىلغانلار ئازغۇنغا چىقىرىشىۋاتقان بىر ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدە ياۋروپادا ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلارمۇ تۈركلەرنىڭ جامەسىگە بارسا، تۈركلەر كۆزىگە «ئازغۇن مۇشرىك» كۆرۈنۈۋاتقان، باشقا جامە تېخى تاپالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئىبادەتتىن يىراقلىشىپ تەنھا ياشايدىغان ئەھۋالمۇ يوق ئەمەس. ۋەتەندە خەلقىمىز دىنسىزلاشتۇرۇش دولقۇنىدا غەرق بولاي دەپ قېلىۋاتقان خەتەرلىك پەيتتە، چەتئەلدىكىلەر «بىدئەت تازىلايتتۇق» دەپ خەلقنى ئىبادەتتىن توسۇۋاتقان ئەھۋالغا سىلە قانداق قارايلا؟ مەۋلۇد تەبرىكلىگەن، بارات تەبرىكلىگەنلەر ئازغۇن مۇشرىك بولۇپ، دىندىن چىقامدۇ؟ بىز بۇ ئىشقا قانداق پوزىتسىيە تۇتساق، لىللا ئىش قىلغان بولىمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەۋلۇد تەبرىكلەشكە ئوخشىغان پەزىلەتلىك ئەمەللەر قاتارىغا كىرگۈزۈشتە ئالىملار ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان ئىشلار بولسا «كافىرغا چىقىرىۋېتىدىغان بىدئەت» دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. شۇڭا، ئۆزىمىز ئەمەل قىلىشتا «بىدئەت» دېيىلگەن ئىشلاردىن يىراق تۇرۇپ، «توغرا» دەپ قارالغاننى قولدىن بەرمەي، بۇ تۈرلۈك ئىشلاردا كۆپ دەتالاش قىلماي، كافىرغىمۇ چىقارماي، ئاللاھ تائالادىن توغرىغا تەۋفىق تىلەش لازىم. چۈنكى، بۇ تۈرلۈك دەتالاش قىلىنىدىغان ئەمەللەرنىڭ كۆپىنچىسى ئېنىق پەرز ۋە سۈننەت ئەمەللەردىن ئاشقان ئىشلار بولغاچقا، ئېنىق پەرز بىلەن ئېنىق سۈننەتنى چىڭ تۇتساق يېتەرلىك.

 

Please follow and like us:
Exit mobile version