Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئىسلامىي ئاتالغۇلار(4)

ئىسلامىي ئاتالغۇلار

ئېلىپبە تەرتىبى بىلەن ئىسلامىي ئاتالغۇلار

قادىسىييە ئۇرۇشى (مَعْرَكَةُ الْقَادِسِيَّةِ): ھ. 15 – يىلى بارات ئاي/م. 636 – يىلى سېنتەبىردە ئىراقنىڭ كۇفە شەھرىگە 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قادىسىييەدە سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قوماندانلىقىدىكى 30 مىڭ كىشىلىك مۇسۇلمانلار قوشۇنى بىلەن رۇستەم قوماندانلىقىدىكى 120 مىڭ كىشىلىك فارس قوشۇنى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن، مۇسۇلمانلارغا شىمالىي ئىراق ۋە ئىراننىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچقان 4 كۈنلۈك مەيدان ئۇرۇشىدۇر. بۇ ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلار غەلىبە قىلغان ۋە رۇستەم ئۆلتۈرۈلگەن. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 588 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

قازايىقەدەر (الْقَضَاءُ وَالْقَدَرُ): ئەرەبچىدە «‹قازا› كەلىمەسى ھۆكۈم قىلىپ ئايرىش، قەرزنى ئادا قىلىش، پۈتۈش ۋە پۇختىلاشنى؛ ‹قەدەر› كەلىمەسى ئۆلچەش ۋە پۇختا بېكىتىش»نى بىلدۈرىدۇ. مۇتەكەللىملەر ئىستىلاھىدا: «‹قازا› ئاللاھ تائالانىڭ يۈز بەرگەن ۋە يۈز بەرمەكچى بولغان ھەرقانداق ھادىسىلەرنى ئالدىنئالا بىلگەن ئەزەلىي ئىلمىنى ۋە ئۇ ئىلىمنى لەۋھۇلمەھفۇزغا يېزىشىنى؛ ‹قەدەر› ئەزەلدىن بىلگەن ۋە يازغان (پۈتكەن) ئىشنى ئۆزى خاھلىغان ۋە ئىرادە قىلغان ۋاقىتتا ۋۇجۇدقا چىقىرىشى»نى كۆرسىتىدۇ. قازايىقەدەر ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ 6 – ئاساسى بولۇپ، مۇسۇلماننىڭ ئىمانى ئۇنىڭسىز تولۇق بولمايدۇ. قازايىقەدەر يارىتىشتىكى ئىلاھىي ھېكمەت ۋە ئادالەتكە چېتىشلىق بولغاچقا، ئىنسانىيەت ئەقلى ئۇنى چۈشىنىشتە تارىختىن بۇيان تېڭىرقىغان، بىر قىسىم ئالىملار بۇ ھەقتە دەتالاش قىلىشنى خاھلىمىغان ۋە ئاللاھنىڭ قازايىقەدەرىگە ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن كۇپايىلەنگەن. يەنە بىر قىسىم ئالىملار بۇ بارىدا كەڭ كۆلەمدە بەس – مۇنازىرە ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان ۋە بۇ سەۋەبتىن تۈرلۈك پىرقەلەر ئوتتۇرىغا چىققان. ھەدىسلەردە ئۇنىڭغا ئىشىنىش ۋە بۇ ھەقتە دەتالاش قىلماسلىق كېرەكلىكى جېكىلەنگەن. قاراڭ: باجۇرىي، ئىبراھىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد: «تۇھفەتۇلمۇرىد (تحفة المريد على جوهرة التوحيد)»، 252 – بەت، نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئەھمەد مۇھەممەد خەتىب، دارۇ تەھقىقىل كىتاب نەشرىياتى، ئىستانبۇل، م. 2018؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ العَقِيدَةِ الْإِسْلَامِيَّةِ (ئىسلام ئەقىدىسى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 930 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، م. 2010؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) ، 24/53 – 63، ئىستانبۇل، م. 2012.

قەدر كېچىسى/ شەبى قەدر (لَيْلَةُ الْقَدْرِ): «قەدر» كەلىمەسى ئەرەبچىدە «قەدر – قىممەت، مىقدار، ئۇلۇغلىماق، كۈچى يەتمەك ۋە تارايتماق» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، شەرىئەتتە: «رامازاننىڭ ئاخىرقى ئونىدىكى تاق كېچىلەردە كېلىدىغان شەرەپ ۋە پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغان، يىلنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ پەزىلەتلىك، مۇبارەك كېچە»دۇر. چۈنكى، ئۇ كېچە ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا قەدر – قىممەتلىك ۋە مەرتىۋىلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا «قۇرئان كەرىم» نازىل بولغان ۋە 97 – سۈرە مۇشۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. پەرىشتەلەر ۋە جىبرىل (ئەلەيھىسسالام) شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (زېمىنغا ئاللاھ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ. ئۇ كېچىدە شۇ بىر يىللىق ئىشلار ۋە رىزىقلار بېكىتىلىدۇ. ئۇ كېچىدە زېمىنغا پەرىشتەلەر پاتماي قالىدۇ. شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ – ئامانلىق بولىدۇ. ئۇنىڭدا بەرىكەت، رەھمەت ۋە مەغفىرەت ياغىدۇ. ئۇ كېچىنى تائەت بىلەن ئۆتكۈزگەنلەر قەدر – قىممەتلىك بولىدۇ. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/255؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1386 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

قەدىم (الْقَدِيْمُ): ئەرەبچىدە: «كونا، قەدىمكى، بۇرۇنقى ۋە پەيدا بولغىنىغا ئۇزۇن زامان بولغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مۇتەكەللىملەر ئىستىلاھىدا ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ: بىرى، «مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئىپتىداسى (باشلىنىشى) يوق، ئەزەلدىن مەۋجۇد نەرسە». يەنە بىرى، «مەۋجۇدلۇقى باشقا بىرنەرسىدىن بولمىغان ياكى مەۋجۇد بولۇشىدا باشقا بىرنەرسىگە موھتاج بولمىغان نەرسە» بولۇپ، بۇ «قَدِيْمٌ بِالذَّاتِ (ئۆزلۈكىدىن قەدىم)»دۇر. گەرچە «قەدىم» دېگەن سۈپەت ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىم – سۈپەتلىرىدىن بولمىسىمۇ، مۇتەكەللىملەر ﴿ئۇ ئىپتىداسى يوق، ئىنتىھاسىمۇ يوق زاتتۇر﴾(57/«ھەدىد»: 3) دېگەن ئايەت ۋە «ئاللاھ ئەزەلدە يالغۇز، يەككە – يېگانە ئىدى، ئاللاھتىن باشقا ھېچنەرسە ئۇنىڭ بىلەن مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. (يارىتىش باشلانغاندىن كېيىن) ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى. ئاندىن لەۋھۇلمەھپۇزغا كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنىڭ تەقدىرىنى يېزىپ، ئاسمان – زېمىننى ياراتقان»(«بۇخارىي»، 3191) دېگەنگە ئوخشىغان ھەدىس شەرىفلەر بىلەن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى قەدىم دەپ سۈپەتلىگەن. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 222 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1405؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1117 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

«قەدىم ئەھد» (العهد القديم/The Old Testament): خىرىستىئانلاردىكى «مۇقەددەس كىتاب» (The Bible) نىڭ بىرىنچى قىسمى بولۇپ، خىرىستىئانلار يەھۇدىيلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابىغا ئىشارە قىلىپ قوللىنىدىغان ئاتالغۇدۇر. «قەدىم ئەھد» مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ «تەكۋىن»، «چىقىش»، «لەۋىيلەر»، «سان» ۋە «تەسنىيە» قاتارلىق بەش كىتابى بولمىش «تەۋرات» بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى ۋەقەلىكلەر بايان قىلىنغان پەيغەمبەرلەرنىڭ رىسالەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (ئادەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسىگە «تەۋرات» دېيىش ئومۇملىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، «تەۋرات» بۇنىڭ پەقەت ئۈچتىن بىرىنىلا تەشكىل قىلىدۇ. «قەدىم ئەھد»نىڭ جىمى قىسمى ئىبرانىيچە بولماستىن، بەزى سەھىپىلىرى ئارامىيچەدۇر) قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1164 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

قەرمەتىييە (الْقَرَامِطَةُ): «قەرمەت» دەپ تونۇلغان ھەمدان ئىبنى ئەلئەشئەسكە نىسبەت بېرىلگەن تائىپە بولۇپ، ھ. 3/م. 9 – ئەسىردە كۇفەدە پەيدا بولغان، پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىدىغان دەھرىي ئېتىقادتىكى زىندىقلاردۇر. ئۇلارنىڭ يىلتىزى شىئەلەرنىڭ باتىنىي پىرقەلىرىدىن بولغان ئىسمائىلىييە پىرقەسىگە تۇتىشىدۇ. بۇلار ئابباسىيلار دۆلىتىگە ئىسيان قىلىپ ئىسلام دۇنياسىدا نۇرغۇن مالىمانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

قەرز (الْقَرْضُ): ئەرەبچىدە «كەسمەك، ئۈزمەك ۋە ئۆتنە بېرىپ تۇرغان پۇل – مال» دېگەن مەنىدە، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: كېيىن ئوخشىشىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ۋە ياخشىلىق قىلىش مەقسىتىدە باشقىلارغا ئۆتنە بەرگەن پۇل – مال قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئېھتىياج كۆرۈلگەندە (ئۆسۈمسىز) قەرز ئېلىش جائىز، قەرز بېرىپ تۇرۇش پەزىلەتلىك مۇستەھەب ئەمەلدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1133 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

قەرزنى ئۇزارتىپ قايتا پىلانلاش (إِعَادَةُ جَدْوَلَةِ الدُّيُوْنِ/Debt Rescheduling): بۇ قەرزنى تۆلەش ئۇسۇلىنى قايتا بېكىتىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئادەتتە قەرزدار مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى قەرزىنى ۋاقتىدا تۆلىيەلمىگەن ئەھۋاللاردا مۇددەت ئۇزارتىلىپ تۆلەش قەرەللىرى قايتا بېكىتىلىدۇ ياكى يېڭىدىن قەرز بېرىلىدۇ. بۇ كۆپىنچە قەرزدارنىڭ تەلىپى بىلەن بولىدۇ. بۇ قەرزگە كېچىكىش سەۋەبلىك قېتىلغان تۆلەم بولغاچقا، مەيلى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ھۆكۈم قىلىنسۇن، مەيلى ئىككى تەرەپ رازىلىقى بىلەن بولسۇن، شەرىئەت ھارام قىلغان جازانەدۇر. قاراڭ: قرار «مجمع الفقه الإسلامي» التابع لرابطة العالم الإسلامي برقم: 104 (3/18)؛ «ئىسلام مالىيە مۇئەسسەسەلىرى ھېسابات ۋە تەپتىش ھەيئىتى (AAOIFI)»: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، 8 – شەرئىي ئۆلچەم. 216 – بەت.

قەرن/قەرنۇل مەنازىل (قَرْن/قَرْنُ الْمَنَازِلِ): بۇ جاي يەنە «قەرنۇل مۇبارەك»، «سەيلۇل كەبىر» دېگەن ناملاردىمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، يەمەن، تائىف ۋە نەجد تەرەپلەردىن مەككەگە كىرمەكچى بولغان ھاجىلارنىڭ مىيقاتىدۇر. مەككە بىلەن بولغان ئارىلىقى 80 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولغاچقا، بۇ ئىھرام باغلاش ئۈچۈن بېكىتىلگەن جايلارنىڭ ئىچىدە مەككەگە ئەڭ يېقىن كېلىدىغىنىدۇر. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 7/1371، دارۇ مەككە، مەككە، م. 2010؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 33/151، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

قەۋلىي سۈننەت (السُّنَّةُ الْقَوْلِيَّةُ): پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزلىرىدىن ئىبارەتتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 25/266، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

قۇباﺋ (قُبَاءٍ): مەككە – مەدىنە ئارىسىدىكى «ھىجرەت يولى» بويىغا جايلاشقان، مەدىنەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى باغۇ – بوستانلىق بىر مەھەللە بولۇپ، ئەنسارلاردىن ئەمر ئىبنى ئەۋف جەمەتىنىڭ تۇرالغۇسىدۇر. مەسجىدى نەبەۋىيدىن تۆت كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، ھازىر مەدىنە شەھەر ئىچىدەدۇر. ئىلگىرىرەك ھىجرەت قىلغان ساھابەلەر ئۇ يەردە ياشايدىغان ئەنسارلار بىلەن بىللە ئۇ يەردە بىر مەسجىد بىنا قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە ھىجرەت قىلىپ بارغىنىدا، ئۇ جايغا چۈشكەن ۋە ئۇ مەسجىدتە ناماز ئوقۇغان. ﺋﺎﻟﻼﮪ تائالا ئۇ مەسجىدنى: ﴿بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا تەقۋا ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد﴾(9/«تەۋبە»: 108) دەپ سۈپەتلىگەن بولۇپ، قۇباﺋ مەسجىدىنىڭ پەزىلىتى كۆپلىگەن ھەدىسلەردىمۇ بايان قىلىنغان. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 7/1347، دارۇ مەككە، مەككە، م. 2010؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 36/312، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

قۇتبى مۇنار/ئىسلام كۈچى مەسجىدى (Qutb Minar/Quwwat-ul-Islam mosque): تۈرك سەركەردە ۋە دېھلى سۇلتانى قۇتبىددىن ئايبەگ تەرىپىدىن ھ. 589/م. 1193 – يىلى ياسىلىشقا باشلىغان ۋە كېيىنكى سۇلتانلار تاماملىغان دېھلىدىكى ئېگىز مۇنارلىق، كاتتا بىر جامە. بۇ جامە ھېلىھەممۇ بار بولۇپ، بۇرۇن «دېھلى جامەسى» دەپ تونۇلغان بولسىمۇ، كېيىنچە «ئىسلام كۈچى مەسجىدى» دەپ ئاتالغان. كېيىن ئېگىزلىكى 250 قەدەم (80 مېتىر) كېلىدىغان مۇنارى بىلەن بىنا قىلغۇچىسىغا نىسبەت بېرىلىپ «قۇتبى مۇنار» دەپ مەشھۇر بولغان.

قۇدەيد (قُدَيْدٌ): بۈگۈنكى ئەرەبىستاننىڭ قىزىل دېڭىز بويىغا جايلاشقان تار ساھىل ۋادىسى بولمىش تىھامەگە تەۋە سۈيى مول چوڭ بىر كەنت بولۇپ، مەككەدىن مەدىنەگە بېرىش يولىنىڭ 120 كىلومېترى بۇ دىياردىن كېسىپ ئۆتىدۇ. قاراڭ: مۇھەممەد مۇھەممەد ھەسەن شۇرراب: «المعالم الأثيرة في السنة النبوية (پەيغەمبەر سۈننىتىدىكى ئېسىل جايلار)»، 222 – بەت، دارۇلقەلەم، دەمەشق، م. 1991.

قۇنۇت (الْقُنُوْتُ): ئەرەبچىدە: «ئىتائەت قىلماق، ناماز ئوقۇماق، جىم تۇرماق، ئۆرە تۇرماق ۋە دۇئا قىلماق» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «پەرز، نەفلە ۋە ۋىتىر نامازلىرىنىڭ ئاخىرقى رەكئەتىدە رۇكۇئدىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا»دۇر. ۋىتىردا قۇنۇت ئوقۇش ئىمام ئەئزەم نەزەرىدە ۋاجىبتۇر. شۇڭا، تەرك قىلىنسا، سەجدە سەھۋى قىلىش كېرەك بولىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كېلىپ قالسا، بەش ۋاقىت نامازدا ئۈنلۈك قۇنۇت ئوقۇشقا بولىدۇ. قۇنۇتتا ھەدىستە كەلگەن دۇئالارنى ئوقۇش مۇستەھەب بولۇپ، ئۇنى بىلمەيدىغانلار خاھلىغانچە دۇئا قىلسا بولىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 34/57 – 68، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

قولقا (الْمَاعُونَ): باشقىلار ئېھتىياجلىق بولۇپ سوراپ كىرىدىغان ئۇششاق – چۈششەك تۇرمۇش بۇيۇملىرى. قاراڭ: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، (ق – ل)، 288 – بەت.

قىرات (الْقِيْرَاطُ): بىر خىل ئۆلچەم بىرلىكى بولغان قىرات مىسىر زېمىنىدا كۈنىمىزدىمۇ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بىر قىرات 200 مىللىگرامغا تەڭدۇر. قىرات ئەسلى قەدىمكى گرېكچىدىن مسىرلىقلارغا كىرگەن، مىسىر ئىسلام بىلەن شەرەپلەنگەندىن كېيىنمۇ بۇ ئۆلچەم بىرلىكى ئىزچىل قوللىنىلغان ۋە «القيراط» شەكلىدە ئەرەب تىلىغا يەرلەشكەن. كېيىن ئىتالىيانلار ئەرەبچىدىن «كاراتCarat/» شەكلىدە قوبۇل قىلغان، م. 15 – ئەسىردە ئىنگلىز تىلىغا كىرگەن. كۈنىمىزدە ئالماس ۋە باشقا قىممەتلىك تاش – جاۋاھىراتلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان «كارات» ئاتالغۇسى «القيراط»تىن كەلگەن. مىسىردا بولسا يەنىلا «قىرات» دەپ تەلەپپۇز قىلىنماقتا ۋە 24 لىك ئۆلچەم بويىچە ئالتۇننىڭ ساپلىقىنى ئۆلچەش (مەسىلەن، 24 قىراتلىق ئالتۇن %99.9 لىك ساپ ئالتۇننى، 18 قىرات %75 لىك ساپ ئالتۇننى كۆرسىتىدۇ. بۇ 24 گرام ئالتۇندا قانچە گرام ساپ ئالتۇن بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ)، زېمىن ۋە يەر كۆلىمىنى ئۆلچەش (بىر قىرات 175 كۋادرات مېتىرغا تەڭ) ۋە مىراس ياكى زېمىن تەقسىماتىدا (بىر قىرات، بىر پارچە زېمىننىڭ 24/1 ىنى كۆرسىتىدۇ) قوللىنىلىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 401 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

قىياس (الْقِيَاسُ): بىر مۇجتەھىدنىڭ نەزەرىدە ھۆكمى مەلۇم بولمىغان بىر مەسىلىگە ھۆكۈم سەۋەبى ئوخشاش بولغانلىقتىن باشقا بىر مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى تەتبىقلاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەرىقىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئىسلام شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم»، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى ۋە ئىجمائدىن كېيىنكى تۆتىنچى ئاساسىدۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 4 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

كاتولىك مەزھەبى (Catholicism): روما (رىم) دىكى ۋاتىكان پاپاسى روھانىي رەھبەرلىكىدىكى چېركاۋلارغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ مەزھەبى بولۇپ، خرىستىيان دىنىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ چوڭ مەزھەبىدۇر. مۇرتلىرى دۇنيا يۈزىدە تەخمىنەن 1 مىليارد 200 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدا ياشايدۇ. كاتولىكلەر ئىچىدە ۋاتىكان پاپاسىغا بىۋاسىتە قاراشلىق بولمىغان قىبتىي، مارۇنىي، سۈريانىي، ئەرمەنىي ۋە كەلدانىي قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق كاتولىك چېركاۋلىرىمۇ بار. كاتولىكلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىلاھلىق جەھەتتە ئاللاھ تائالا بىلەن تەڭ، روھۇلقۇددۇس ئۇ ئىككىسىدىن كېلىپ چىققان دەپ ئېتىقاد قىلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ دېگەنلىرىدىن پاكتۇر. ناسىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلقىفارىي: «الموجز في الأديان والمذاهب المعاصرة (ھازىرقى زامان دىن ۋە مەزھەبلىرى توغرىسىدا قىسقىچە بايان)»، 76 – بەت، دارۇسسۈمەيئىي، رىياد، ھ. 1413/م. 1992.

كارامەت (الكَرَامَةُ، الكَرَامَاتُ): ئەرەبچىدە «ئىززەتلەش، ھۆرمەتلەش، مەردلىك ۋە قولى ئوچۇقلۇق» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ئەقىدە ئىلمى ئىستىلاھىدا: «ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرگە ئەگىشىشنى چىڭ تۇتقان، ساغلام ئېتىقادلىق، سالىھلىقى ئوچۇق – ئاشكارا تەقۋادار بىر بەندىنىڭ قولىدا زاھىر قىلىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى ئىش»تۇر. مەيلى ئۇ بەندە (كىشىلەرگە) كارامەت بىلەن تونۇلسۇن ياكى تونۇلمىسۇن ئوخشاش بولۇپ، كارامەت ئۇ بەندىنى ياكى ھەقنى قوغداش ياكى ئۇ بەندىگە پايدا يەتكۈزۈش ۋەياكى ئۇنىڭدىن زىياننى دەﻓﺌ قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئىززەت – ئىكرامىدۇر. ئەھلىسۈننەت ئېتىقادىدا كارامەت مۇمكىن ۋە يۈز بەرگەن ئىش بولۇپ، «قۇرئان»دا بايان قىلىنغان ئەسھابۇلكەھف، ھەزرىتى مەريەملەر باشتىن كەچۈرگەن ئىشلارمۇ كارامەت جۈملىسىدىندۇر. كارامەت بىلەن مۇئجىزە پەرقلىق بولۇپ، كارامەت پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇئجىزىلىرىدىن تۆۋەن تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كافىرلارغا رىقابەت ئېلان قىلىنمايدۇ. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 235 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1405؛ باجۇرىي، ئىبراھىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد: «تۇھفەتۇلمۇرىد (تحفة المريد على جوهرة التوحيد)»، 321 – بەت، نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئەھمەد مۇھەممەد خەتىب، دارۇ تەھقىقىل كىتاب نەشرىياتى، ئىستانبۇل، م. 2018؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1186 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1319 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

كافۇر (كَافُورٌ/ Camphora): بىر خىل دەرەخ ياغىچىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان شارسىمان كىرىستال خۇشبۇي ماددا. پۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، مەلۇم ئىسسىقلىقتا ئاسانلا پارغا ئايلىنىدۇ. تۈرلۈك تېببىي پايدىلىرىدىن باشقا غەيرى پۇراقنى يوقىتىش، پاكىزلاش ۋە قۇرتتىن ساقلاش رولى بار. ئادەتتە، سەكسەن خالتا دۇكانلىرىدا تېپىلىدۇ. تا بۈگۈنگە قەدەر مېيىتكە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. كافۇر «قۇرئان كەرىم»دە (76/«ئىنسان»: 5) تىلغا ئېلىنغان.

كالتە سۈرىلەر (الْمُفَصَّل): ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ: 1) «طِوَالُ الْمُفَصَّلِ»، يەنى «ئۇزۇنراق كالتە سۈرىلەر» 50/«قاف»تىن 78/«نەبەﺋ»غىچە ؛ 2) «أَوْسَاطُ الْمُفَصَّل» يەنى «ئوتتۇراھال كالتە سۈرىلەر» 78/«نەبەﺋ»دىن 93/«زۇھا»غىچە؛ 3) «قِصَارُ الْمُفَصَّل» يەنى «قىسقا كالتە سۈرىلەر» 93/«زۇھا»دىن 114/«ناس»قىچە بولغان سۈرىلەردۇر. بۇلارنى بېكىتىشتە قىسمەن ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇد بولسىمۇ، ھەنەفىي مەزھەب ئىماملىرى 49/«ھۇجۇرات» تىن 85/«بۇرۇج»غىچە بولغىنى ئۇزۇنراقلىرى، ئاندىن /98«بەييىنە»گىچە بولغانلىرى ئوتتۇراھاللىرى، ئاندىن 114/«ناس»قىچە بولغانلىرى قىسقىلىرى دەپ قارايدۇ. قاراڭ: سۇيۇتىي: «ئەلئىتقان فى ئۇلۇمىل قۇرئان»، 1/174؛ ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 3/368.

كەئبە (الْكَعْبَةُ): ئىسلام ئېتىقادىدا يەر يۈزىدە سېلىنغان تۇنجى ئىبادەت ئۆيى، مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلەسى. ھەجگاھى ۋە تاۋاپگاھىدۇر. سۆزلۈك مەنىسى «تۆتبۇرجەك ياكى كۇب شەكىللىك» بولغان كەئب (كعب) يىلتىزىدىن كەلگەن كەئبە كەلىمەسى «كۇب شەكىللىك نەرسە» دېگەن مەنىدە بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە ئىككى يەردە «كەئبە» شەكلىدە، ئون بەش يەردە «بەيت» شەكلىدە تىلغا ئېلىنغاندۇر. يەنە ئايەت ۋە ھەدىسلەردە ئۇنىڭغا «بەيتۇللاھ»، «بەيتۇلئەتىق»، «بەيتۇلھەرەم»، «بەيتۇلمۇھەررەم»، «مەسجىدى ھەرەم»، «بەيتۇلمەئمۇر»، «مەشئەرۇلھەرەم»، «بەنىييە»، «دەۋۋار»، «قادىس»، «نازىر»، «قىبلە»، «ھەمسە» ۋە «مەزبەھ»كە ئوخشاش تۈرلۈك ئىسىملار بېرىلگەن. خەلق ئارىسىدا كۆپرەك «كەئبەئى مۇئەززەمە» دەپ ئاتىلىدۇ.

مەككەئى مۇكەررەمە شەھرىدىكى مەسجىدى ھەرەمنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان كەئبە تەخمىنەن 1.5 مېتر كەڭلىكتىكى ئۇل ئۈستىگە 15 مېتىر ئېگىزلىكتە، 1.25 مېتىر قېلىنلىقتا قۇپۇرۇلغان بولۇپ، تېشىدىن تېشىغا 12 × 10.79 مېتىر چوڭلۇقتا سېلىنغان. تۆت تامنىڭ تاشقى يۈزى مەككەنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلاردىن توشۇپ كېلىنگەن ئوخشىمىغان چوڭلۇقتىكى 1614 پارچە بازالت تاشلاردىن تەشكىل تاپقاندۇر.

كەئبەنىڭ تۆت بۇرجىكى (رۇكن) تۆت ئاساسىي جوغراپىيەلىك تەرەپنى كۆرسىتىدۇ. بۇلاردىن كۈن چىقىش تەرەپنى كۆرسەتكەن بۇرجەككە «رۇكنى ھەجەرۇلئەسۋەد»، جەنۇب تەرەپنى كۆرسەتكەن بۇرجەككە «رۇكنى يەمانىي»، كۈن پېتىش تەرەپنى كۆرسەتكەن بۇرجەككە «رۇكنى غەربىي» ۋە شىمال تەرەپنى كۆرسەتكەن بۇرجەككە بولسا «رۇكنى ئىراقىي» دېيىلىدۇ. كەئبە تاملىرىنىڭ ئوتتۇرىسى تەخمىنەن شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال، شەرقىي جەنۇب ۋە غەربىي جەنۇب تەرەپلەرنى كۆرسىتىدۇ. بەزى مەنبەلەردە شىمالىي بۇرجەككە، بەزىلىرىدە كۈن پېتىش بۇرجەككە «رۇكنى شامىي» دېيىلگەن.

كەئبەنىڭ شەرقىي بۇرجىكىدە يەردىن 1.5 مېتر ئېگىزلىكتە، كۈمۈشتىن ياسالغان بىر قاپلىما ئىچىدە، تاۋاپنىڭ باشلانغۇچ ۋە تۈگەش نۇقتىسىنى كۆرسىتىدىغان ھەجەرۇلئەسۋەد (قاراتاش) باردۇر. شەرقىي شىمال تېمىدا، ھەجەرۇلئەسۋەدكە 2 مېتىر يىراقلىقتا، يەردىن 1.92 مېتىر ئېگىزلىكتە كەئبە ئىشىكى، غەربىي شىمال تېمىدا بولسا ئىككى ئۇچى رۇكنى شامىي بىلەن رۇكنى ئىراقىيدىن 2 مېتىر قەدەر يىراقلىقتا ۋە «ھەتىم» دەپ ئاتالغان يېرىم چەمبەر شەكلىدە، 1.31 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تام بىلەن ئورالغان «ھىجر» يەر ئالماقتا. ھەجەرۇلئەسۋەد بىلەن كەئبە ئىشىكى ئارىسىدىكى 2 مېتىرلىك قىسىمغا «مۇلتەزەم»، رۇكنى يەمانىي بىلەن غەربىي تام ئۈستىدىكى ھەججاج تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن ئىشىك ئارىسىدىكى قىسىمغا «مۇستەجار» دېيىلىدۇ. قاراڭ: قۇرئان كەرىم؛ ئىلمىي گۇرۇپپا/سائادەتتىن ئۈنال: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «Kâbe» ماددىسى، 24/14 – 21. (قىسقارتىلدى)، ئىستانبۇل، م. 2001.

كەبائىر/چوڭ گۇناھلار (الْكَبَائِرُ): ئەرەبچىدە «چوڭ، زور، ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك دېگەن مەنىلەردىكى كەبىر/ كەبىرە (الْكَبِيرُ/الْكَبِيرَةُ) كەلىمەسىنىڭ كۆپلۈكى» بولۇپ، شەرىئەتتە: «زىنا، ئوغرىلىق، ساختىپەزلىك ۋە ھاراقكەشلىكتەك دۇنيادا ئېنىق جازا بېكىتىلگەن ياكى جازانەخورلۇق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە ئاتا – ئانىنى قاقشىتىشتەك ئاخىرەتتە جازا ۋەدە قىلىنغان ئېغىر قىلمىشلار ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلەر»دۇر. بۇ «قۇرئان» – ھەدىسلەردە كەلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، ئادەتتە جەھەننەم، لەنەت، غەزەب ياكى ئازاب ۋەئىد قىلىنغان ئېغىر قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ. بۇ گۇناھلارنى سادىر قىلغانلار ئىمانى بارلىقى جەھەتتىن مۇئمىن، چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىق جەھەتتىن فاسىق بولىدۇ. يۇقىرىقى گۇناھلار دەرىجىسىگە يەتمىگەن قىلمىشلار «سەغائىر (الصَّغَائِرُ)» يەنى كىچىك گۇناھلار دائىرىسىگە كىرىدۇ. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 344 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1300 – ﺑﻪﺕ، «ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﭼﯩﺴﻰ»، ﺭﯨﻴﺎﺩ، ﻡ. 2017.

كەتەم (الْكَتَمُ): يەمەندىن چىقىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، قىزغۇچ قارا يىلىم چىقىرىدۇ. ئۇنى خېنە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بويىغاندا، قارا بىلەن قىزىل ئوتتۇرىسىدا بويايدۇ. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 10/355.

كەررامىييە (الْكَرَّامِيَّةُ): قۇرغۇچىسى مۇھەممەد ئىبنى كەررامغا نىسبەت بېرىلگەن بۇ تائىپە، ھ. 3/م. 9 – ئەسىردە پەيدا بولغان بولۇپ، «كىشى دىلدا ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، تىلدا ئىقرار قىلىش بىلەن مۇئمىن بولىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش ئازغۇن قاراشلىرى، شۇنداقلا ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى زاھىرىي چۈشىنىش ۋە ئاللاھنى مەخلۇققا ئوخشىتىشلىرى بىلەن تونۇلغان.

كەرمان/كىرمان (كَرْمَانَ‏/كِرْمَانَ): ئىراننىڭ ئوتتۇرىدىكى دەشتىلۇت چۆلىنىڭ غەربىي جەنۇبىنى ئوراپ تۇرغان تاغلىق رايوندا، مىلادى 240 – يىلى شەرقىي ساسانىي كىسراسى ئەردەشىر I نىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئالدىنقى سەپ مۇداپىئە مەركىزى سۈپىتىدە قۇرۇلغان يۇرت بولۇپ، كىرمان ۋە ئەتراپىنىڭ فەتھى ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرى ھ. 17/م. 638 – يىلى باشلانغان بولسىمۇ، تولۇق ئىسلاملىشىش ئۇمەۋىي خەلىفەسى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز دەۋرىدە ھ. 102/م. 720 – يىلى تاماملانغان. كۈنىمىزدە ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 10 ناھىيە (شەھرىستان) دىن تەشكىل تاپقان كىرمان (فارسچە كېرمان) ۋىلايىتى (ئوستان) نىڭ مەمۇرىي مەركىزى بولغان كىرمان شەھىرى ئوتتۇرا چوڭلۇقتىكى بىر شەھەر بولۇپ، گىلەم توقۇمىچىلىقى بىلەن مەشھۇر تىجارەت مەركەزلىرىدىن بىرىدۇر. «(مُعْجَمُ البُلْدانِ) مۇئجەمۇل بۇلدان»، 4/454؛ تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، 26/62، 63.

كەففارەت (الْكَفَّارَةُ): ئەرەبچە «يۆگىگۈچ، ياپقۇچ ۋە ئۆچۈرگۈچ» دېگەن مەنىدە. شەرىئەت ئىستىلاھىدا: قەسەمنى بۇزۇش، روزىنى بۇزۇش، قەستەن ۋە سەھۋەنلىكتىن ئادەم ئۆلتۈرۈش، ھەج يولىدا توسۇلۇپ قېلىش ۋە زىھار كەبى گۇناھنى يۇيۇش ياكى گۇناھ بولمىسىمۇ خاتالىقنى تۈزىتىش ئۈچۈن شەرىئەت بەلگىلىگەن قۇل ئازاد قىلىش، سەدىقە، روزا تۇتۇش ياكى غىزالاندۇرۇشتەك پەزىلەتلىك ئىش ياكى جازا بولۇپ، قولدىن كەتكەننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئايەت ۋە ھەدىسلەردە يولغا قويۇلغان يەڭگىللىتىشتۇر. قاراڭ: جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 5/144، دارۇ سادەر، بېيرۇت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 35/37 – 38، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1196 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

كەلدانىيلەر (الكَلْدانِيُّون/Chaldea): ئوتتۇرا شەرق خەلقلىرى ئىچىدىكى غەربىي سامىي قەۋملىرىدىن ئارامىيلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئىسمىنى يۇرتلىرى كەلدۇ (Kaldu) ياكى كەلدائىيە (Chaldaia) دىيارىدىن ئالغان قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدۇر. مىلادىدىن بۇرۇنقى ئىككىنچى مىڭيىلنىڭ ئاخىرلىرى جەنۇبىي مىسسوپوتامىيەگە كەلگەن كەلدانىيلەر يېڭى بابىلونىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمدارى بولغان. م. ب. 597 ۋە 586 – يىللىرى ئىككى قېتىم قۇدۇسنى قورشاپ، يەھۇدىيلەرنى يۇرت – ماكانىدىن سۈرگۈن قىلغان مەشھۇر بۇختەنەسسەر (نەبۇكاتنەزەر/بختنصر، م. ب. 605 – 562) كەلدانىي پادىشاھلاردىن بىرىدۇر. نەبۇكاتنەزەر ۋە ئۇندىن كېيىن تەختكە چىققان نابونىدۇس (م. ب. 556 – 539) قاتارلىق جاھانگىر پادىشاھلار سەۋەبلىك كەلدانىي ئىسمى بىلەن بابىل ئىسمى بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن. م. ب. 539 – يىلى ئىران ئاخامەنىش ئىمپېرىيەسى بابىل ئىمپېرىيەسىنى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىن، كەلدانىي سەلتەنىتى تەلتۆكۈس ئاياغلاشقان. رايون ئاخامەنىش (م. ب. 539 – 332)، ئالېكساندىر ماكدونېسكىي (م. ب. 332 – 323)، سەلەۋكى (م. ب. 317 – 171)، پارت (م. ب. 171 – م. 226) ۋە ساسانىي (م. 226 – م. 641) ھاكىمىيەتلىرىگە بويسۇنغان، ئەڭ ئاخىرىدا مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن فەتىھ قىلىنغان. خەلق بولسا ئوخشىمىغان رايونلاردا ياشىغانلىقى سەۋەبلىك «ئاسۇرىي»، «ئارامىي» ۋە «كەلدانىي» دېگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتالغان ۋە مىلاددىن كېيىن، يەنى خرىستىيانلىق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ھەم تەڭرى، ھەم بەندە دەيدىغان مونوفىزمنى قوبۇل قىلغانلار «سۇريانىي» دېيىلگەن بولسا، ھەزرىتى ئىسانىڭ ئىلاھىي سالاھىيىتىنى باشقىچە تونۇيدىغان ۋە ھەزرىتى مەريەمنى ئىلاھنىڭ ئانىسى ئەمەس بەلكى بىغۇبار، ئېسىل ئىنسان دەپ ئىلگىرى سۈرگەن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى كونستانتنوپول پاترىكى (پاپا) نېستورىئوس (م. 386 – 450) نىڭ تەلىماتىنى قوبۇل قىلغانلار «نەستۇرىي» ياكى «ئاسۇرىي» دېيىلگەن. نەستۇرىي تۇرۇپ روماغا بەيئەت قىلىپ، كاتولىك بولۇپ كەتكەنلەرگە رىم پاپالىقى تەرىپىدىن كەلدانىي ئىسمى بېرىلگەن. كۈنىمىزدە دۇنيا مىقياسىدا بىرەر يېرىم مىليوندەك كەلدانىي كاتولىك خرىستىيانلار ياشىماقتا. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا/قادىر ئالبايراق: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «Keldânîler» ماددىسى، 25/207 – 210. (قىسقارتىلدى)، ئىستانبۇل، م. 2012.

كۇرراسە (الكُرَّاسَةُ): كىتابنىڭ 20 بەت ئەتراپىدىكى بىر بۆلۈكى، خەت يېزىشقا تۈپلەنگەن 10 ۋاراق (20 سەھىپە) ئەتراپىدىكى دەپتەر. قاراڭ: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 2/783، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425/م. 2004.

كۇستە (كُسْتِ) ياكى قۇستە (قُسْطٍ): كۆيدۈرسە خۇشبۇي ئىس چىقىرىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، ھەيزدار غۇسۇل قىلغاندىن كېيىن غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭدا ئىسرىقلىنىدۇ. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 3/282، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز؛ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 826 – بەتتە مۇنداق ئىزاھلايدۇ: قۇستە: ئى [ئە] <بوت> مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. بويى ئېگىز، ئوق يىلتىزى يوغان ۋە سىلىندىرسىمان، يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان، گۈلى نەيچىسىمان، رەڭگى تۇتۇق سۆسۈن ۋە باشسىمان گۈل رېتىدە، ئۇرۇق مېۋىسى يىپسىمان كېلىدۇ. تېبابەتچىلىكتە يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ. ئاغرىق پەسەيتىش، تولغاققا مەنپەئەت قىلىش رولىغا ئىگە.

كۇفە (الْكُوْفَةُ): بۈگۈنكى ئىراق ئەرەب جۇمھۇرىيىتى نەجەف ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىر شەھەر. فۇرات دەريا بويىغا جايلاشقان كۇفە ئىراق پايتەختى باغدادنىڭ 170 كىلومېتىر جەنۇبىغا، نەجەف شەھرىنىڭ 10 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب دەۋرىدە (656 – 661) ئىسلام دۆلىتىنىڭ پايتەختى ھالىغا كەلتۈرۈلگەن ۋە پايتەخت بولغان مۇددەت بويىچە ئىلىم – مەرىپەت يۇرتى سۈپىتىدە تونۇلغان. خەلىفە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ھ. 40/م. 661 – يىلى رامازاننىڭ 19 ياكى 21 – كۈنى (26/28 – يانۋار) ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇلجەم تەرىپىدىن كۇفە مەسجىدىدە يارىلاندۇرۇلۇپ، بىر كۈندىن كېيىن ۋاپات تاپقان ۋە ئۇشبۇ شەھەرگە دەفن قىلىنغان. كۈنىمىزدە بۇ شەھەرنىڭ كۆپچىلىك ئاھالىسى شىئەلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.

كۇللىي (الْكُلِّي): ئەرەبچىدە «پۈتۈن، ھەممە، جەمئىي» دېگەن مەنىدىكى كۇللۇ (الكل) كەلىمەسىگە نىسبەت بېرىلگەن بولۇپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بىر ماھىيەتتە ئورتاق بولۇشىنى يەنى ئۇنىڭ ئەقلىي سۈرىتىنىڭ ھەربىر جۈزئىيياتلىرىغا مۇتابىق بولۇشىنى ئىپادىلەيدۇ. مەنتىق (لوگىكا) ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلىملىرىدە: «تەسەۋۋۇر قىلىنغىنىدا كۆپ نەرسىگە ئورتاق بولۇشى چەكلەنمەيدىغان مەنە»دۇر. مەسىلەن، «ئىنسان» كەلىمەسىدە ئەر كىشىمۇ، ئايال كىشىمۇ، كىچىك بالىمۇ ئورتاق. دېمەك، «كۇللىي»دىن: ھۆكۈملەرنى شاخلىتىشقا ئاساس بولىدىغان ئۇل، قائىدە ۋە ئومۇمىي پرىنسىپ كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ، كۆپلۈكى كۇللىييات (الْكُلِّيَات). قاراڭ: قازى ئابدۇرەبىننەبىي ئەھمەدنەگەرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ (دستور العلماء/جامع العلوم في اصطلاحات الفنون)»، 3/98، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، ھ. 1421/ م. 2000؛ جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 239 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1405؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1336 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

كۇنيەت/كۇنيە (الْكُنْيَةُ): ئەرەب جەمئىيىتىدە «ئەبۇ»، «ئۇممۇ»، «ئىبنى» ياكى «بىنتى» دېگەندەك كەلىمەلەر بىلەن تۈزۈلىدىغان، شەخسلەرگە ئىسىم ياكى لەقەملىرى بىلەن قوشۇپ – قوشماي قوللىنىلىدىغان تونۇتقۇچى ئىبارە. ئادەتتە ئېسىل كىشىلەرگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئىسمىنى بىۋاسىتە ئاتاشنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئەبۇلقاسىم (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)، ئەبۇبەكرى، ئۇممۇ سەلەمە، ئىبنى ئۆمەر دېگەندەك. بوۋاققىمۇ خۇش پال ئېلىش جەھەتتىن كۇنيە ئىشلىتىلىدۇ. بەزى يىرتقۇچ ھايۋاناتلارغىمۇ، تىلغا ئېلىش ئەپسىز نەرسىلەرگىمۇ كىنايە تەرىقىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 2/802، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425/م. 2004؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 26/558 – 559، ئىستانبۇل، م. 2002.

كېچىكىش جەرىمانىسى (غَرَامَةُ التَّأخِيْرِ/Demurrage): قەرزنى قەرەلىدە قايتۇرمىغانلىقتىن ئەدەبلەش ياكى جازالاش ئۈچۈن بېكىتىلگەن ماددىي تۆلەم. بۇ جەرىمانە ئەسلىدە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن جازانى كۆرسىتەتتى. ئەمما، بۇ يەردە مەقسەت قىلىنغىنى ئىككى تەرەپ قەرزنى قەرەلىدە قايتۇرمىغانلىقتىن «ئىسلام بانكىلىرى» تارتقان زىيانغا ياكى قولىدىن كەتكۈزۈپ قويغان پايدىغا قارىتا شەرت قىلىشقان تۆلەمدۇر. بۇ خىل ماددىي تۆلەمنىڭ ماھىيىتى ئەسلىدىكى قەرزگە كېچىكىش سەۋەبلىك قېتىلغان تۆلەم بولغاچقا، مەيلى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ھۆكۈم قىلىنسۇن، مەيلى ئىككى تەرەپ شەرتلەشكەن بويىچە تۆلەنسۇن، شەرىئەت ھارام قىلغان جازانەگە تەۋەدۇر. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 2/651، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425/م. 2004؛ دوكتور نەزىھ ھەمماد: «مُعْجَمُ المُصطَلَحَاتِ المَالِيَّة والاقتِصَادِيَّة في لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ تىلىدىكى مالىيە – ئىقتىساد ئاتالغۇلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 342 – بەت؛ قرار «مجمع الفقه الإسلامي» التابع لرابطة العالم الإسلامي في دورته الـ 11 المنعقدة في مكة المكرمة، في الفترة من يوم الأحد 13 رجب 1409هـ الموافق 19 شباط (فبراير) 1989 إلى يوم الأحد 20 رجب 1409هـ الموافق 26 شباط (فبراير) 1989م.

كېمىيىپ ماڭىدىغان شېرىكچىلىك توختامى (المشاركة المتناقصة/Musharakah Mutanaqisah): بۇ تۈردە مەلۇم خېرىدارنىڭ بىرەر تىجارىي ئىش قىلىشتا پۇلغا بولغان ھاجىتىنى قامداش ئۈچۈن «ئىسلام بانكىسى» شېرىكچىلىك ئاساسىدا مەبلەغ سالىدۇ. ئىككى تەرەپ پايدىنى پۈتۈشكەن بويىچە ئۈلۈشىدۇ. لېكىن، بۇنىڭدا بانكا پۈتۈن نېسىۋىسىنى ياكى بىر قىسمىنى شېرىكىگە خاھلىغان ۋاقىتتا سېتىپ بېرىشكە خاھلىغان چاغدا توختام قىلىشقا ۋەدە بېرىدۇ. نەتىجىدە مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن بانكىنىڭ شېرىكى مەزكۇر نەرسىنى بانكىدىن تەدرىجىي شەكىلدە سېتىۋېلىپ بولىدۇ. بۇ توختام ئىجارە توختىمىدىن پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ «ئىسلام بانكىلىرى» يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان شەكلى ئىجارىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ تۈر مەبلەغ سېلىش ۋە سودا قىلىش ئۇسۇلىنى ھازىرقى زامان فىقھىي كومىتېتلار ۋە كۆپچىلىك ئالىملار بىرقانچە شەرت ۋە ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىنغان تەقدىردە جائىز دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىنماي كەلمەكتە. قاراڭ: «ئىسلام مالىيە مۇئەسسەسەلىرى ھېسابات ۋە تەپتىش ھەيئىتى (AAOIFI)»: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، 12 – شەرئىي ئۆلچەم. 345 – بەت؛ المجلس الشرعي في هيئة المحاسبة والمراجعة للمؤسسات المالية الإسلامية الشرعية في اجتماعه الثامن المنعقد في المدينة النبوية في 28 صفر – 4 ربيع الأول 1423هـ. المؤتمر الأول للمصرف الإسلامي بدبي المنعقد في جمادى الثاني 1399 هـ الموافق مايو 1979 م. مجمع الفقه الإسلامي الدولي المنعقد في دورته الخامسة عشرة بمسقط ( سلطنة عُمان ) 14 – 19 المحرم 1425هـ، الموافق 6 – 11 آذار (مارس 2004م)، قراره رقم 136 (2/15) بشأن المشاركة المتناقصة وضوابطها الشرعية.

لائىك (عَلْمَانِيّ/Secular فرانسۇزچە: Laïc): دىن ئىشلىرىنى دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرمايدىغان، دۆلەت ئىشلىرىنى دىندىن خالىي تۇتىدىغان (كىشى ياكى ئورگان). بۇنىڭغا ئالاقىدار ئاتالغۇ: سېكۇلارىزم/لائىكلىك (Secularism/Laïcité)

لەفزىي تەفسىر (التَّفْسِيرُ اللَّفْظِيُّ): ئايەتلەر ئىچىدىكى كەلىمەلەرنىڭ مەنىسىنى ئەرەب لۇغىتىدە قوللىنىلغان مەنىدە تەفسىر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئەمر سۈبھى ئەششەرقاۋىي: «قۇرئانغا تەلپۈنگەن يۈرەك»، ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇرراززاق رەجەب، «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»، 99 – بەت.

لەھەد (اللَّحْدُ/ اللَّحَدُ): ئەرەبچىدە «توغرىدىن چەتنىمەك، قايرىلماق ۋە بۇرۇلماق» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھەقتىن چەتنىگەن كىشىگە «مۇلھىد (المُلْحِدُ)» دېيىلىدۇ. فىقھ ئىستىلاھىدا: چوڭقۇر ئورا كولاپ، قىبلە تەرەپتىكى تامنىڭ ئاستىغا جەسەت سىغقۇدەك تەكچە ياكى يېرىق شەكلىدە كولانغان ئىچ گۆردۇر. قەبرىنىڭ ئوتتۇرىدىن بىر چەتكە كولانغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان. قاراڭ: مۇرتەزا ئەززەبىيدىي: «تاجۇلئەرۇس»، 9/134، 135؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 359 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

لەۋھۇلمەھفۇز (اللَّوْحُ الْمَحْفُوظُ): مەزكۇر ئاتالغۇ سۆزلۈك مەنىسى «خەت يازغىلى بولىدىغان يايپاڭ ۋە تۈز يۈز، شال، تاختاي ۋە ھاۋا» دېگەن مەنىلەردىكى «لەۋھ (لەۋھە)» بىلەن «ئۆزگەرتىلىشتىن قوغدالغان» مەنىسىدىكى «مەھفۇز (مۇھاپىزەت بىلەن تومۇرداش)» دېگەن سۆزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، «ئۈستىگە خەت/يازۇ يېزىلغان، ئۆچۈرۈلۈشتىن ۋە ئۆزگەرتىلىشتىن قوغدالغان تۈز لەۋھە» دېمەكتۇر. ئىسلام ئېتىقادىدا: «جىمى مەۋجۇدات ۋە ھادىسىلەرگە ئالاقىدار ئىلاھىي ئىلىم ۋە تەقدىر قەيت قىلىنغان كىتاب»تۇر. بەزى ئايەتلەردە «لەۋھۇلمەھفۇز»(85/«بۇرۇج»: 22) دەپ ئاتالغان بولسا، بەزىسىدە «ئانا كىتاب (أُمُّ الْكِتَابِ)»(13/«رەئد»: 39؛ 43/«زۇخرۇف»: 4)، يەنە بەزىسىدە «قوغدالغان بىر كىتاب (كِتَابٍ مَّكْنُونٍ)»(56/«ۋاقىئە»: 78)، يەنە بەزىسىدە «بىر كىتاب (كِتَابٍ)»(56/«ھەدىد»: 78) دەپمۇ كەلگەن. ئەھلىسۈننەت ئەقىدەشۇناسلىرىنىڭ نەزەرىدە لەۋھۇلمەھفۇز 7 – قەۋەت ئاسماندىكى بىر جىسىم بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جىمى مەخلۇقاتلارنى ياراتماستىلا كېيىنچە بولىدىغان ئۇلارغا ئالاقىدار چوڭ – كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى پۈتۈۋەتكەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىستە: «ئاللاھ ئەزەلدە يالغۇز، يەككە – يېگانە ئىدى، ئاللاھتىن باشقا ھېچنەرسە ئۇنىڭ بىلەن مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. (يارىتىش باشلانغاندىن كېيىن) ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى، ئاندىن زىكىر (لەۋھۇلمەھفۇز) غا كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنىڭ تەقدىرىنى يېزىپ، ئاسمان – زېمىننى ياراتقان»(«بۇخارىي»، 3191) دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «ئاللاھ مەخلۇقاتلارنىڭ تەقدىرىنى ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشتىن 50 مىڭ يىل بۇرۇن پۈتۈۋەتكەن. ئۇ چاغدا ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى»(«مۇسلىم»، 2653) دېگەن. ھەقىقىتىنى ئاللاھ ئۆزى بىلۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ العَقِيدَةِ الْإِسْلَامِيَّةِ (ئىسلام ئەقىدىسى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1013 – 1016 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، م. 2010؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە)، 27/151، ئىستانبۇل، م. 2012.

لۇكا ئىنجىلى (Gospel of Luke): «يېڭى ئەھد»نىڭ تۆت كىتابىنىڭ ئۈچىنچىسى ۋە ئەڭ ئۇزۇنى بولۇپ، «پاۋلۇسنىڭ دوختۇرى، ھەزرىتى ئىيسانىڭ ھاۋارىيلىرىدىن بولمىغان لۇكا تەرىپىدىن يېزىلغان» دەپ قارىلىدۇ. ۋافتىزچى يۇھەننانىڭ تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىگە قەدەر بولغان 35 يىللىق ۋەقەلىكنى، بولۇپمۇ ھاياتىدىكى ئاخىرقى ھەپتىنى بايان قىلىدۇ. 24 بۆلۈم، 1151 جۈملىدىن تەركىب تاپقان. تەخمىنەن مىلادىيە 80 – 110 – يىللار ئارىسى يېزىلغان. لۇكا «ئوقۇمۇشلۇق، مەرىپەتلىك» دېمەكتۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 285 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ماركوس ئىنجىلى (Gospel of Mark): تەخمىنەن مىلادىيە 60 – 75 – يىللار ئارىسى يېزىلغان، «يېڭى ئەھد»نىڭ دەسلەپكى تۆت بۆلۈمىنى تەشكىل قىلغان مەشھۇر تۆت ئىنجىلنىڭ ئىككىنچىسىدۇر. «ئىنجىللارنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى بولغان ماركۇس ئىنجىلى ‹مەتتا›، ‹لۇكا› ئىنجىللىرىنىڭ مەنبەسى» دەپ قارىلىدۇ. مەزكۇر ئىنجىلنىڭ مۇئەللىفى ماركوس ھەزرىتى ئىيسانىڭ ھاۋارىيلىرىدىن بارنابانىڭ جىيەنى بولۇپ، ئۆزى ھاۋارىي ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، بۇ ئىنجىلنى تاغىسى ۋە ئۇستازى بولمىش كاتتا ھاۋارىي پاترۇسقا تايىنىپ، ۋافتىزچى (خرىستىيانلىققا كىرىش قائىدىسى بولغان سۇغا چۆكۈرۈش ياكى پېشانىسىگە سۇ تامدۇرۇش رەسمىيىتىنى ئورۇندىغۇچى) يۇھەننانىڭ تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىگە قەدەر بولغان 35 يىللىق ۋەقەلىكنى 24 بۆلۈم، 661 جۈملىدە بايان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 223 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

ﻣﺎﻗﺎﻣﻰ ئىبراھىم (مَقَامُ إِبْرَاهِيْمَ): ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملار كەئبەنى سېلىش جەريانىدا ھەزرىتى ئىبراھىم ئۈستىگە دەسسەپ تۇرۇپ تام قوپۇرغان شۇنداقلا ئۈستىدە تۇرۇپ ئىنسانلارنى ھەجگە دەۋەت قىلغان تاش ياكى شۇ تاش قويۇلغان جايدۇر. ماقامى ئىبراھىم مۇبارەك ۋە ئۇلۇغ بىر تاشتۇر. ﴿ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا تۇنجى سېلىنغان ئۆي (يەنى بەيتۇللاھ) مەككەدىدۇر، مۇبارەكتۇر، جاھان ئەھلىگە ھىدايەتتۇر. ئۇنىڭدا ئوچۇق ئالامەتلەر باركى، «ماقامى ئىبراھىم» شۇلارنىڭ بىرىدۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 96، 97). تارىخ بويىچە مەككە خەلقى تەرىپىدىن قوغدىلىپ كەلگەن ماقامى ئىبراھىم شەرەپلىك ۋە ئۇلۇغ كەئبەنىڭ قوۋۇقىدىن 10 مېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، كۈنىمىزدە سەئۇدى ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھى فايسال (1964 – 1975) تەرىپىدىن قويۇلغان ئالتە بۇلۇڭلۇق ئەينەكلىك قەپەس ئىچىدە ساقلانماقتا. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى: ﴿«ﻣﺎﻗﺎﻣﻰ ئىبراھىم»دىن ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯﮔﺎﮪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ﴾(2/«بەقەرە»: 125) دەپ بۇيرۇغاچقا، تاۋاپتىن كېيىن مۇشۇ تاشنىڭ كەينىدىكى جايدا ئىككى رەكئەت تاۋاپ نامىزى ئوقۇلىدۇ. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 8/1638، دارۇ مەككە، مەككە، م. 2010؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 38/340، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

مەتتا ئىنجىلى (Gospel of Matthew): ھەزرىتى ئىيسانىڭ 12 ھاۋارىيسىنىڭ بىرى بولغان رۇملۇق باجگىر مەتتا تەرىپىدىن يېزىلغان ئىنجىلدۇر. «يېڭى ئەھد»نىڭ 4 كىتابىنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ، 28 بۆلۈم، 1168 جۈملىدىن تەركىب تاپقان. تەخمىنەن مىلادىيە 52 – 68 – يىللار ئارىسى يېزىلغان. ئىيسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىل قەۋمى تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىنى ھەر تەرەپكە ئەۋەتكەنلىكى ھەققىدە توختىلىدۇ. مەتتا «تەڭرىنىڭ ھەدىيەسى» دېمەكتۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 12 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

مەجمەئۇززەۋائىد (‹زەۋائىد ھەدىسلەر› جەمگاھى/مَجْمَعُ الزَّوَائِدِ وَمَنْبَعُ الْفَوَائِدِ): مۇھەددىس نۇرىددىن ئەبۇلھەسەن ئەلھەيسەمىي (ھ. 735 – 807/م. 1335 – 1405) نىڭ ئۆزى يازغان بەش «زەۋائىد» — بەزى ھەدىس كىتابلىرىدا قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، مۆتىۋەر ھەدىس مەنبەلىرىدە بولمىغان رىۋايەتلەر جەملەنگەن ئەسەرلەر — كىتابىنى ئۇستازى ھافىز ئىراقىينىڭ تەكلىپ بېرىشى بىلەن بىرلەشتۈرگەن كىتابى بولۇپ، ئەسەردە «كۇتۇبۇ سىتتە (ئالتە كىتاب)»دە بولمىغان، ئەمما «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، تەبەرانىينىڭ ئۈچ «مۇئجەم»ى، «مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا» ۋە «مۇسنەدۇ بەززار»لاردا كەلتۈرۈلگەن ھەدىسلەر جەملەنگەندۇر. بۇ قىممەتلىك ئەسەر تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەدىسلەرنى ئەسل مەنبەلىرىدىن تېپىشىنى قولايلاشتۇرۇپلا قالماي، تەبەرانىينىڭ يوقىلىپ كەتكەن ئۈچ «مۇئجەم»ىنىڭ بىر قىسمىنىمۇ بىزگە ساقلاپ بەرگەن. بۇ جەھەتتىن ھەدىس تەتقىقاتىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. ھەدىسلەرنىڭ سەنەدلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلمىغان بولسىمۇ، فىقھ بابلىرى بويىچە تىزىپ كەلتۈرۈش ۋە سەنەدلەرگە باھا بېرىش ئارقىلىق ئورنىنى تولدۇرغان. كىتاب 10 توم، 44 بۆلۈم، 3642 باب ۋە 18 مىڭ 776 ھەدىستىن تەشكىل تاپماقتا. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 643 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

مەدەنىيەتنىڭ قىسسەسى (قِصَّةُ الْحَضَارَةِ/The Story of Civilization): مەزكۇر ئەسەر ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس ئەر – ئايال ۋىل ۋە ئارىيېل دىيۇرانت (Will & Ariel Durant) تەرىپىدىن 1935 – يىلىدىن 1975 – يىلىغىچە توپلام 11 توم قىلىپ يېزىلغان، جىمى ئىنسانىي مەدەنىيەتلەر تارىخىغا دائىر ئېنسىكلوپېدىك ئەسەردۇر.

مەدھىيەلىنىدىغان ماقام (الْمَقَامُ الْمَحْمُودٌ): قىيامەت كۈنىدىكى ئەڭ بۈيۈك شاپائەت قىلىش ماقامى بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەخسۇس ئاتا قىلىنغان، مەھشارگاھ ئەھلىنى ھېساب ئېلىنىش ۋە ھۆكۈم قىلىنىش دەھشەتلىرىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان كاتتا مەرتىۋەدۇر. جىمى پەيغەمبەرلەر ئۆزرە ئېيتقاندىن كېيىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەھشەرگاھ ئەھلىگە شاپائەت قىلىدۇ. بۇ پەزىلەتلىك ۋە شاراپەتلىك كاتتا مەرتىۋە ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ساڭا نەفلە (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسىمىدا (ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا) ئويغانغىن، (ئى مۇھممەد‍!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيەلىنىدىغان ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا) تۇرغۇزۇشى ھەقىقەتتۇر﴾(17/«ئىسراﺋ»: 79) دېگەن ئايەتىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئەزاننى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن بۇ مەرتىۋەنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تىلىگەن كىشىنىڭ ئۇ زاتنىڭ شاپائىتىگە نائىل بولىدىغانلىقى ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3/339؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1594 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

مەدىنە (الْمَدِينَةُ): ياكى مەدىنەئى مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەسجىدى ۋە مەقبەرىسى ئورۇن ئالغان ھىجرەت يۇرتى، ئىسلامنىڭ ئىككى ھەرەم دىيارىدىن بىرى، رەسۇلۇللاھ ۋە تۆت خەلىفەنىڭ پايتەختى بولمىش قەدىم ۋە ئەزىز شەھەر. ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدە، ھىجار رايونىدا، قىزىل دېڭىز قىرغىقىغا تەخمىنەن 130 كىلومېتىر يىراقلىققا، مەككەئى مۇكەررەمەنىڭ 350 كىلومېتىردەك شىمالىدا كەڭ بىر تۈزلەڭلىككە جايلاشقان. مەدىنە شەھىرىنىڭ بىلىنگەن ئەڭ قەدىمىي ئىسمى يەسرىب بولۇپ، مەدىنە تارىخىغا ئالاقىدار ئەسەرلىرى بىلەن مەشھۇر مۇھەددىس ۋە فەقىھ ئىمام نۇرىددىن سەمھۇدىي (ھ. 844 – 911/م. 1440 – 1506) بۇ ئىسىمنىڭ بۇ دىيارغا تۇنجى ئولتۇراقلاشقان «يەسرىب ئىبنى ۋالىي ئىبنى قاينە ئىبنى مەھلابىل» دېگەن كىشىنىڭ ئىسمىدىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. غەرب جۇغرافىيەچىلىرىدىن پېتولمى ۋە ستېفانۇسلار «ئىئاسرىپپا» دەپ قەيت قىلغان. «زىيان سېلىش، قالايمىقان قىلىش، يامانلاش، يۈزىگە سېلىش، بۇزغۇنچىلىق» دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە سەرب تومۇرىدىن تۈرلەنگەن يەسرىب ئىسمى «قۇرئان كەرىم»دە مەدىنە شەھرىنىڭ ئېتى سۈپىتىدە بىر قېتىم تىلغا ئېلىنغان(33/«ئەھزاب»: 13). ھىجرەتتىن كېيىن رەسۇلۇللاھ بۇ شەھەرگە «تابە»، «تايبە (يېقىملىق ۋە گۈزەل)» دېگەندەك ئېزگۈ مەنىلىك ئىسىملار بېرىلىشىنى خاھلىغان. ئىسلام مەنبەلىرىدە مەدىنە شەھىرىگە «تاييىبە»، «مىسكىنە»، «ئەزراﺋ»، «جابىرە»، «مەجبۇرە»، «مەھبۇبە»، «مەھجۇبە»؛ قۇرئان كەرىمدە «دار» دەپ ئىما قىلىنغانلىقى (59/«ھەشر»: 9) ئۈچۈن «دارۇلھىجرە»، «دارۇلئىمان»، «دارۇسسۇننە»؛ رەسۇلى ئەكرەمگە باغلاپ «مەدىنەتۇررەسۇل (مەدىنەتۇننەبىي)» ۋە «مەدىنەتۇلمۇنەۋۋەرە» دېگەندەك ئىسىملار بىلەن قەيت قىلىنغانلىقى مەلۇم. مەككە بىلەن بىرلىكتە ئىككى ھەرەم (ھەرەمەين) دىن بىرى بولغان مەدىنە ھىجرەت يۇرتى بولۇشى ۋە خەلقنىڭ ھېچقانداق قارشىلىقسىز ئىسلامىيەتنى ئۆزلەشتۈرگەنلىكى جەھەتىدىن «قۇرئان بىلەن فەتھ قىلىنغان» دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ھىجرەتتىن كېيىن رەسۇلى ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەزرىتى ئىبراھىم مەككەنى ھەرەم قىلغاندەك مەنمۇ مەدىنەنى ھەرەم قىلدىم» دېيىش ئارقىلىق بۇ شەھەر «ھەرەم» دەپ ئېلان قىلىنغان. (بۇخارىي «سېھىر» 53، «جىھاد» 71، 74؛ مۇسلىم «ھەج»، 454) مەدىنە ۋەسىقەسىدە رويخەتكە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ھۆكۈم خەندەك غازىتى بىلەن خەيبەر يۈرۈشىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن غالىبىيەت بىلەن پۈتۈن ئەرەب قەبىلىلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان. مەدىنە ھەرەمى جەنۇبتا ئائىر تېغى ۋە شىمالدا كىچىك سەۋر بىلەن، شەرقتە ۋاقىم ۋە غەربتە ۋەبەرە ھەررەلىرى (ۋولقانىك لاۋ ئېقىنى) ئارىسىدىكى تەخمىنەن دىيامېترى 22 كىلومېتىرلىق بىر دائىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ چېگرالار مەلۇم بەلگىلەر بىلەن ئىشارەتلەنگەن. قاراڭ: «قۇرئان كەرىم»؛ ئىمام سەمھۇدىي: «ۋەفائۇلۋەفاﺋ بىئەخبارى دارىلمۇستافا»، 1/156؛ بەلازۇرىي: «فۇتۇھۇل بۇلدان»، 8 – بەت؛ ئىبنۇنەججار بەغدادىي: «ئەددۇررەتۇشسەمسىنە فىي تارىخۇلمەدىينە»، 45 – بەت؛ نەبى بوزكۇرت، مۇستافا سارىكۈچۈكئاشچى: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «مەدىنە» ماددىسى، 28/305 – 311، (قىسقارتىلدى)، ئىستانبۇل، م. 2003.

مەديەن ئاھالىسى (أَهْلُ مَدْيَنَ): مەديەن ئاھالىسى بىلەن ئەيكەلىكلەر (أَصْحَابُ الأَيْكَةِ) بىر قەۋممۇ؟ بۇنىڭدا تەفسىرشۇناسلارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس. ئىمام قەرەداۋىي بايان قىلغان «ئۇ ئىككىسى ئىككى قەۋم ئىدى» دېگەن قاراشنى ئىمام تەبەرىي، ئىبنى ئەتىييە، فەخرۇررازىي، ئالۇسىي ۋە تاھىر ئىبنى ئاشۇر قاتارلىق مۇفەسسىرلەر تەرجىھ قىلغان. ئىمام ئىبنى كەسىر ۋە شەۋكانىي قاتارلىق مۇفەسسىرلەر: «ئىككىسى بىر قەۋم، ئەيكەلىكلەر مەديەن ئاھالىسىنىڭ دەرەخزارلىقتا ياشايدىغانلىرى، شۇئەيب ئەلەيھىسسالام نەسەب جەھەتتىن ئۇلاردىن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دەرەخكە چوقۇنىدىغان قىلمىشى تۈپەيلى ‹قېرىندىشى› دېمىگەن» دەپ قارايدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 435 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

مەسىھ دەججال (الْمَسِيحُ الدَّجَّالُ): ئەرەبچە سۆزلۈك مەنىسى «بىرنەرسىنى ياپماق، بېزىمەك ياكى بويىماق ۋە كۆپ يالغان ئېيتماق» دېگەن مەنىلەردىكى «دەجل» تومۇرىدىن تۈرلەنگەن بىر سۈپەت بولۇپ، قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرى قاتارىدىن سانىلىدىغان، پەرۋەردىگارلىق دەۋاسى قىلىدىغان، زامانى ئاخىردا كىشىلەرنى ئازدۇرۇشقا تىرىشىدىغان، ئىككى كۆزى ئارىسىدا ‹كافىر› دېگەن خەت پۈتۈكلۈك، مەككە بىلەن مەدىنەگە كىرەلمەيدىغان ۋە پەۋقۇلئاددە كۈچكە ئىگە ئىنسان. ئۇنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆلتۈرىدۇ. دەججال كەلىمەسى «قۇرئان كەرىم»دە تىلغا ئېلىنمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدە «قارشى تەرەپنى ئالداش ئۈچۈن چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىدىغان كىشى؛ بىر قېشى ۋە بىر كۆزى يوق يامان ئادەم» مەنىسىدىكى «مەسىھ» كەلىمەسى بىلەن بىرلىكتە «مەسىھۇددەججال» ۋە «مەسىھۇ زالالە» شەكلىدە كېلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 775، 776 – بەتلەر، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017؛ كۇرشاد دېمىرجى، ئىلياس چەلەبىي: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «دەججال» ماددىسى، 28/69 – 72، (قىسقارتىلدى)، ئىستانبۇل، م. 2019.

مەربەدۇننەئەم (مَرْبَدُ النَّعَمِ): «تۆگە قوتىنى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ ئىككى مىل سىرتىدىكى جاينىڭ نامى. خەلىفە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدە تۆگىلەر شۇ يەرگە سولانغاچقا شۇنداق ئاتالغان. قاراڭ: مۇھەممەد مۇھەممەد ھەسەن شۇرراب: «المعالم الأثيرة في السنة النبوية (پەيغەمبەر سۈننىتىدىكى ئېسىل جايلار)»، 215 – بەت، دارۇلقەلەم، دەمەشق، م. 1991.

مەزدەكىيلىك (المَزْدَكيّة/Mazdakism): ئىران ساسانىي ئىمپېراتورى قۇباد (م. 488 – 496، 498 – 531) دەۋرىدە ياشىغان ۋە بىر خىل كوممۇنا تۇرمۇشىنى تەرغىب قىلغان ئىرانلىق ئىسلاھاتچى مەزدەك بامدادان ئىسمىغا نىسبەت بېرىلگەن مەشھۇر ئىككى تەڭرىچى (دۇئالىست) ۋە سەزگۈ بىرلەمچى (گنوستىك) خاراكتېرلىك ئىسلاھاتچى دىنىي ھەرىكەت. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 4 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

مەرفۇﺋ (الْمَرْفُوعُ): پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بېرىلگەن سۆز ۋە خەۋەر مەنىسىدىكى ھەدىس ئاتالغۇسى. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 4 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

مەرھەلە (مَرْحَلَةٌ): ئۇلاغلىق يولۇچى يۈك – تاقلىرى بىلەن نورمال يۈرۈپ، يولدا ئارام ئېلىپ بىر كۈندە ياكى بىر كېچىدە باسىدىغان مۇساپە. بىر مەرھەلە 44.5 كىلومېتىرغا توغرا كېلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 346/36، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ دوكتور ئەلى جۇمۇئە: «الْمَكَايِيْلُ وَالْمَوَازِيْنُ الشَّرْعِيَّةُ (شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار)»، 56 – بەت.

مەزيى/مەزىي (الْمَذْيُ/المَذِيُّ): جىنسىي ئوي – خىيال سەۋەبىدىن ئەر ۋە ئاياللاردىن چىقىدىغان ئاق، شىلىمشىق، ئالاھىدە پۇراقلىق بىر خىل سۇيۇقلۇق. مەنىيدەك شەھۋەت بىلەن ئېتىلىپ چىقمايدۇ ھەم ئارقىدىنلا بوشىشىش بولمايدۇ. بۇ سۇيۇقلۇق ناپاك بولغاچقا، ئۇنى كىيىم – كېچەكتىن ۋە بەدەندىن تازىلىۋېتىش كېرەك. مەزىي ھەدىستە كەلگىنىدەك تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. لېكىن، مەنىيگە ئوخشاش غۇسۇل تاھارەتنى ۋاجىب قىلمايدۇ. قاراڭ: جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 15/274، دارۇ سادەر، بېيرۇت؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 386 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

«مەسجىدى ئەقسا» (الْمَسْجِدُ الأَقْصَى): ئەرەبچىدە «ئەڭ يىراق مەسجىد» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا مەككەگە يىراق بولغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان. بۇ «قۇرئان» ئوتتۇرىغا قويغان ئىسىمدۇر. شەرىئەت ئىستىلاھىدا: پەلەستىننىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان قۇدۇس شەھىرىدىكى «بەيتۇلمەقدىس (مۇقەددەس ئۆي) مەسجىدى»دۇر. كېيىنچە قۇدۇس شەھىرىمۇ «بەيتۇلمەقدىس» نامى بىلەن ئاتالغان. جىمى ئالىملار «قۇرئان»دا 17/«ئىسراﺋ»: 1 – ئايەتتىكى «ئەلمەسجىدۇل ئەقسا (الْمَسْجِدِ الْأَقْصَى)»نىڭ «بەيتۇلمەقدىس» ئىكەنلىكىدە، ئىسرائنىڭ مەككەدىن شۇ يەرگە بولغانلىقىدا، مىئراجنىڭمۇ شۇ جايدىن بولغانلىقىدا بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، ئۇ دائىرىدە كۈلرەڭ قۇببەلىك «قىبلە جامەسى (الجامع القِبْلِي)»، ئىسراﺋ كېچىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «بۇراق»نى باغلىغان «بۇراق تېمى» ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ ئۈستىدىن مىئراجغا چىققان قورام تاش قۇببەسى (قبة الصخرة) قاتارلىقلارمۇ بار. بۇ مەسجىد يەر يۈزىدىكى ئەڭ قەدىم مەسجىدلەرنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ، ئۇ «مەسجىدى ھەرەم»دىن قىرىق يىل كېيىن بىنا قىلىنغان(«بۇخارىي»، (3366)؛ «مۇسلىم»، (520)). مۇسۇلمانلار مەككەدە ۋە ھىجرەتتىن كېيىن ھەم بەيتۇلمەقدىسكە قاراپ 16 ياكى 17 ئاي ناماز ئوقۇغاندىن كېيىن قىبلە بەيتۇلمەقدىستىن كەئبەگە يۆتكەلگەن(«بۇخارىي»، (40)؛ «مۇسلىم»، (525)). بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا «ئىككى قىبلەنىڭ دەسلەپكىسى» دېيىلگەن. ئۇ يەنە ئىككى ھەرەمدىن قالسا ئالاھىدە سەپەر قىلىنىدىغان «ئۈچىنچى مەسجىد»تۇر(«بۇخارىي»، 1189؛ «مۇسلىم»، 1397). بۇ ئۇلۇغ مەسجىدتە ئوقۇلغان نامازنىڭ ئەجرى 250 (ياكى 500 ياكى 1000) ھەسسىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھەدىسلەر كەلگەن. بۇنىڭدىن بۇ مەسجىدنىڭ دىنىمىزدىكى ئورنى ۋە پەزىلىتى مەلۇم بولىدۇ. قۇدۇس شەھىرىنىڭ ئىسمى قەدىم كەنئان ئەرەبچىسىدە «ئورسەلىم» بولۇپ، يەھۇدىيلار ئۇنى «ئورشەلىم» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ يەنە ھەدىس شەرىفلەردە «ئىيلىياﺋ» دەپمۇ ئاتالغان. قۇدۇسقا ھۆرمەت جەھەتتىن «ئۈچىنچى ھەرەم» دېيىلسىمۇ، ھۆكۈم جەھەتتىن ئۇنىڭغا مەككەگە ئوخشاش «ھەرەم» ھۆكمى بېرىلمەيدۇ. كۈنىمىزدە يەھۇدىيلارنىڭ قولىدا ئاسارەتتە تۇرماقتا. قاراڭ: مۇھەممەد مۇھەممەد ھەسەن شۇرراب: «المعالم الأثيرة في السنة النبوية (پەيغەمبەر سۈننىتىدىكى ئېسىل جايلار)»، 270 – بەت، دارۇلقەلەم، دەمەشق، م. 1991؛ ئىلمىي گۇرۇپپا/نەبىي بوزكۇرت: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «MESCİD-i AKS» ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ، 29/268 – 271، ئەنقەرە، م. 2004.

مەسلەك (الْمَسْلَكُ): قاراڭ: سۇلۇك (السُّلُوْكُ).

مەسلەھە (الْمَصْلَحَةُ): ئەرەبچىدە «مەنپەئەت، پايدا» دېمەكتۇر. ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى شارﯨﺌ (ئاللاھ تائالا) ئۆز بەندىلىرى ئۈچۈن كۆزلىگەن مەنپەئەت بولۇپ، بۇ مەنپەئەت مۇئەييەن تەرتىپ بويىچە بەندىلەرنىڭ دىنىنى، جانلىرىنى، ئەقىللىرىنى، نەسىللىرىنى ۋە مال – مۈلۈكلىرىنى قوغداشتىن ئىبارەتتۇر. كۆپلۈكى مەسالىھ (الْمَصَالِحُ). قاراڭ: ئەلغەززالىي: «ئەلمۇستەسفا فى ئىلمىل ئۇسۇل»، 1/478، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 2011؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1304 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

مەششائىييە ئىسلام مەدرەسەسى (Islamic peripatetic school): «پىيادە يۈرۈپ ھېكمەت ئۆگىتىشنى كۆرسىتىدىغان ‹مەششائىييە ‹Peripatetic school ئاتالغۇسى ئەپلاتون Plato (م. ب. 427 – 347) ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئارىستوتېل Aristotle (م. ب. 384 – 322) قۇرغان ئەقلىي يەكۈنلەرنى ئاساس قىلغان پەلسەپەۋى مەدرەسە»نىڭ نامى بولۇپ، بۇ مەدرەسەنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش، ئىزاھلاش ۋە پەلسەپەۋى ئاساسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش نەتىجىسىدە تۇنجى ئىسلام پەيلاسوپى ئەبۇ يۈسۈف ئەلكىندىي (ھ. 185 – 252/م. 801 – 867)، «ئىككىنچى مۇئەللىم» دەپ ئاتالغان ئەبۇ نەسر ئەلفارابىي (ھ. 260 – 339/م. 874 – 950)، «شەيخ رەئىس» دەپ ئاتالغان ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا (ھ. 370 – 428/م. 980 – 1036) قاتارلىق ئىسلام ئالىملىرى مەششائىييە ئىسلام مەدرەسەسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇلار تالانتلىق مۇسۇلمان ئالىملار بولغاچقا، پەلسەپەۋى يەكۈنلەر بىلەن ئىسلام شەرىئىتى ئوتتۇرىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، پەلسەپەگە بەكرەك ئېغىپ كەتكەن ۋە ئۆزلىرى «مۇتلەق توغرا» دەپ قوبۇل قىلغان ئەقلىي يەكۈنلەر بىلەن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقان، لېكىن ئەقلىي يەكۈنلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىشىنى، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلۈشىنى رەت قىلىپ، ئۇنى بىردىنبىر توغرا ۋە ھەق دەپ قارىۋالغان. نەتىجىدە ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئەقلىي يەكۈنلىرىگە بويسۇندۇرۇپ تەئۋىل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى مۇسۇلمان مۇتەكەللىملەرنىڭ تەنقىدىگە ۋە قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. كېيىنچە ئەندەلۇسلۇق ئاتاقلىق پەيلاسوپلاردىن ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى باجە (ھ. 487 – 533/م. 1080 – 1138)، ئەبۇلۋەلىد مۇھەممەد ئىبنى رۇشد (ھ. 520 – 595/م. 1126 – 1198) لار ئارىستوتېلنىڭ پەلسەپەسىگە ئۆتكۈر نەزەر سېلىپ ئۇنى شەرھلىگەن ۋە چۈشىنىش قىيىن بولغان جايلارنى يېشىپ بەرگەن. بۇنىڭدىن مىلادىيە 15 -، 16 – ئەسىرلەردىكى ياۋروپالىق پەيلاسوپلار پايدىلانغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1297 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

مەشھۇر ھەدىس (الْحَدِيْثُ الْمَشْهُورُ): لۇغەت مەنىسى «سۆھرەت قازانغان، خەلقىئالەمگە تونۇلغان» ھەدىس بولۇپ، ھەدىس ئىلمىدە: مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يەتمىگەن، لېكىن راۋىيلار تەبىقىسىنىڭ ھەربىر تەبىقىسىدە ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچتىن راۋىي رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ھەدىس يەنە ئوخشاش مەنىدە «مۇستەفىز ھەدىس (الْحَدِيثُ الْمُسْتَفِيضُ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «مەشھۇر ھەدىس» ئىسنادىغا قاراپ «سەھىھ»، «ھەسەن»، «زەئىف» ۋە ھەتتا «مەۋزۇﺋ» ياكى ئىسنادسىز بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇلاردىن قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان شەرتلەرنى ھازىرلىغانلىرىلا شەرىئەتتە دەلىل بولىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 716 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

مەفسەدە (الْمَفْسَدَةُ): «مەسلەھە»نىڭ قارىمۇقارشىسى بولۇپ، ئەرەبچىدە «زەرەر» دېمەكتۇر. ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «بەندىلەرنىڭ دىنلىرىنى، جانلىرىنى، ئەقىللىرىنى، نەسىللىرىنى ۋە مال – مۈلكلىرىنى قوغداشتىن ئىبارەت مەنپەئەتنى قولدىن كەتكۈزىدىغان ئىش»تىن ئىبارەت. قاراڭ: ئەلغەززالىي: «ئەلمۇستەسفا فى ئىلمىل ئۇسۇل»، 1/478، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 2011؛ «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 2/688، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425/م. 2004.

مەكرۇھ (الْمَكْرُوْهُ): ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەسكىن ھالدا چەكلەنمىگەن نەرسە. بۇ ھارامدىن بىر دەرىجە تۆۋەن بولۇپ، مەكرۇھنى قىلغانلارغا ھارامنى قىلغانلارنىڭ جازاسى بېرىلمەيدۇ. ئەمما، مەكرۇھنى داۋاملىق قىلىۋېرىش ياكى ئۇنىڭغا سەل قاراش كىشىنى ھارام ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەتلىك قىلىپ قويىدۇ. مەكرۇھ لۇغەتتە: «يامان كۆرۈلگەن» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىلگىرىكى ئالىملار ھارام بىلەن مەكرۇھ ئوتتۇرىدىكى (قىلماسلىق تەشەببۇس قىلىنغانلىقتىن ئىبارەت) ئورتاقلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، مەكرۇھ دېگەن سۆزدىن ھارامنى كۆزدە تۇتقان. ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى دەلىلى كەسكىن، لېكىن ئېھتىماللىق بولغان بىلەن دەلىلى كەسكىن بولمىغاننى ئايرىپ، دەلىلى كەسكىن، لېكىن ئېھتىماللىق بولغاننى «تەھرىمىي مەكرۇھ (الْمَكْرُوهُ تَحْرِيمًا)» يەنى ھارام دەرىجىسىدە يامان كۆرۈلگەن مەكرۇھ، دەلىلى كەسكىن بولمىغاننى «تەنزىھىي مەكرۇھ (الْمَكْرُوهُ تَنْزِيهًا)» يەنى ساقلىنىش ئەلا بولغان مەكرۇھ دەپ ئاتىغان. ھەنەفىي مەزھەبتە «مەكرۇھ»لا دېيىلىپ، ئۇنىڭ مەكرۇھنىڭ ئىككى تۈرىنىڭ قايسىسىغا تەۋەلىكى كۆرسىتىلمىسە، ئادەتتە، «تەھرىمىي مەكرۇھ» كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەششەيبانىي (ھ. 132 – 189/م. 749 ياكى 750 – 805) نىڭ نەزەرىدە، «تەھرىمىي مەكرۇھ» ھارامنىڭ نەق ئۆزى شۇدۇر. پەقەتلا ئوچۇق ھالدا «ھارام» سۆزى بىلەن چەكلىگەن ئايەت – ھەدىس بولمىغاچقا، ھارام دېمەي «مەكرۇھ» دېيىلگەن. ئىككى شەيخ (ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن شاگىرتى ئىمام ئەبۇ يۈسۈف) نىڭ قارىشىچە، «تەھرىمىي مەكرۇھ» ھارامنىڭ كەينىدىلا تۇرىدىغان مەكرۇھ بولۇپ، قىلسا گۇناھ بولىدۇ. كېيىنكى باشقا كۆپچىلىك ئالىملار بولسا مەكرۇھ ئاتالغۇسىنى ھارام ئەمەس، لېكىن قىلماسلىق تەرىپى ئېغىر باسىدىغان ئىشلارغا خاس قىلىۋەتكەن. بۇ ھەنەفىي مەزھەبتىكى «تەنزىھىي مەكرۇھ» بىلەن دېيەرلىك ئوخشاشتۇر. دېمەك، ھەنەفىي مەزھەبتىكى «تەنزىھىي مەكرۇھ» بىلەن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدىكى «مەكرۇھ» بىر گەپ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 1 بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

مەككە فەتھى (فَتْحُ مَكَّةَ): ھىجرىيە 6 – يىلى زۇلقەئدە/م. 627 – يىلى مارتتا مەككەگە يېقىن ھۇدەيبىيە رايونىدا مۇسۇلمانلار بىلەن قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئوتتۇرىسىدا سۈلھ كېلىشىمى تۈزۈلۈپ، 10 يىللىق تىنچلىق ئورنىتىلدى. بۇ كېلىشىمدە خۇزائە قەبىلىسى مۇسۇلمانلار بىلەن، بەنى بەكر قەبىلىسى قۇرەيش مۇشرىكلىرى بىلەن ئىتتىپاقداش ئىدى. 2 يىل توشماستىنلا بەنى بەكر قەبىلىسى خۇزائەگە ھۇجۇم قىلدى. قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئىتتىپاقداشلىرى بەنى بەكرگە قورال ۋە ھەتتا ئەسكەر بەردى. بۇنىڭ بىلەن قۇرەيش مۇشرىكلىرى كېلىشىمنى بۇزغان بولدى. خۇزائە باشلىقلىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ قۇرەيشكە قارشى ئۇلارغا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۇلارنىڭ تەلىپىنى يەردە قويماي، ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھىجرىيە 8 – يىلى رامازاننىڭ 10 – كۈنى (م. 630 – يىلى 3 – يانۋار) ھەزرىتى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشچىلىقىدىكى 10 مىڭ كىشىلىك (2080 ئاتلىق) ئىسلام قوشۇنى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنى، ئۆز ئۇرۇقداشلىرى بولمىش قۇرەيشلكلەرنىڭ قولىدىكى مەككە مۇكەررەمەگە قاراپ يولغا چىقىپ، رامازاننىڭ 17 – كۈنى (م. 630 – يىلى 10 – يانۋار) مەككەگە يېقىنلاشتى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بەشكە بۆلۈنۈپ، ئۇ زاتنىڭ قارشىلىق بولمىغۇچە ھېچكىم بىلەن ئۇرۇشماسلىق يوليورۇقى ئاستىدا قوزغىلىش بۇيرۇقى بېرىشى بىلەن «فەتىھ» سۈرىسىنى ئوقۇغان ھالدا مەككە مۇكەررەمەگە كىردى. تۆت قىسىم ھېچقانداق توسالغۇسىز كىرگەن بولسىمۇ، خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ باشچىلىقىدىكى قىسىم ئىكرىمە ئىبنى ئەبى جەھىل باشچىلىقىدىكى كىچىك بىر گۇرۇپپىنىڭ ھۇجۇمىنى تارمار قىلىپ مەككە مۇكەررەمەگە كىردى ۋە مەككە فەتىھ قىلىندى. رەسۇلۇللاھ دەرھال ئومۇمىي كەچۈرۈم ئېلان قىلىپ، ھېچكىمگە ۋە ھېچبىر مال – مۈلككە چېقىلمىدى. كەئبەنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدىكى 360 بۇت – ھەيكەل 17/«ئىسراﺋ» سۈرىسى 81 – ئايەتى ئوقۇلغان ھالدا بىر – بىرلەپ چېقىپ تاشلاندى ۋە رەسۇلۇللاھ پۈتۈن مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلدى. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 8/7 – 13؛ سەفىييۇرراھمان مۇبارەكفۇرىي: «اَلرَّحِيْقُ الْمَخْتُوْمُ (شېرىن بۇلاق)»، 362 – 372 – بەتلەر، دارۇ ئىھيائىتتۇراس ئەلئەرەبىي بېيرۇت، م. 1976.

مەككىي ۋە مەدەنىي (الْمَكِّيُّ والمَدَنيُّ): مەشھۇر قاراشتا مەيلى مەككەدە ياكى مەدىنەدە، مەككەنىڭ فەتىھ جەريانىدا ياكى ۋىدالىشىش ھەجى يىلىدا، ياكى بىرەر سەپەر ئۈستىدە نازىل بولسۇن، دەۋر نۇقتىسىدىن ھىجرەتتىن ئىلگىرى نازىل بولغانلىرى مەككىي، ھىجرەتتىن كېيىن نازىل بولغانلىرى مەدەنىي ئايەتلەردۇر. يەنە بىر قاراشتا: ھىجرەتتىن كېيىن بولسىمۇ، مەككەدە نازىل بولغانلىرى مەككىي، مەدىنەدە نازىل بولغانلىرى مەدەنىي ئايەتلەردۇر. بۇ قاراشقا ئاساسەن، سەپەر جەريانىدا نازىل بولغان ئايەتلەرنى يا مەككىي ئايەتلەر قاتارىغا، يا مەدەنىي ئايەتلەر قاتارىغا كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. يەنە بىر قاراشتا: ئايەتتىكى خىتاب مەككە ئەھلىگە قارىتىلغان بولسا «مەككىي ئايەتلەر»، مەدىنە ئەھلىگە قارىتىلغان بولسا «مەدەنىي ئايەتلەر» دېيىلىدۇ. مەككىي ۋە مەدەنىي ئايەتلەرنى بىلىشنىڭ پايدىلىرىدىن بىرى كېيىن نازىل بولغان ئايەتلەرنى بىلىشتۇر. بۇ ئارقىلىق كېيىن نازىل بولغان ئايەتنىڭ «ناسىخ (بۇرۇنقى ئايەتنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى) ئايەت» ياكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئاساسەن «(بۇرۇنقى ئايەت مۇتلەق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈمنى) خاسلاشتۇرغۇچى ئايەت» ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىدۇ. قاراڭ: ئىمام سۇيۇتىي: «ئەلئىتقان فىي ئۇلۇمىل قۇرئان» 1/35.

مەنا تەفسىرى (التَّفْسِيرُ الْمَعْنَوِيُّ): ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى بايان قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئەمر سۈبھى ئەششەرقاۋىي: «قۇرئانغا تەلپۈنگەن يۈرەك»، ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇرراززاق رەجەب، «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»، 99 – بەت.

مەنىي (الْمَنِيُّ): ئىسپىرما. مەنىي ئۆزىگە خاس ئاقۇچ رەڭ، شىلىمشىقلىق ۋە پۇراققا ئىگە ئورگانىك سۇيۇقلۇق بولۇپ، شەھۋەت يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە ئېتىلىپ چىقىدۇ، ئارقىدىنلا شەھۋەت پەسىيىپ بوشىشىش بولىدۇ. مەنىينىڭ بەدەندىن چىقىشى تاھارەتنى سۇندۇرۇپلا قالماي جەنابەت ھاسىل قىلىدىغان بولغاچقا، غۇسۇل قىلماي ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ. ھەنەفىي فىقھىدا مەنىي ناپاك بولۇپ، بەدەندە ياكى كىيىمدە قالغان مەنىي قالدۇقى نامازغا توسالغۇدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 39/139 – 145، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 435 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

مەھرەم (الْمَحْرَمُ): ئەرەبچىدە «ھۆرمەتلىك، چەكلەنگەن ۋە ھارام» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «بىر ئايالغا نەسەبتىن يا ئېمىلداشلىقتىن بولغان تۇغقاندارچىلىق جەھەتتىن بولسۇن ياكى قۇدا – باجىلىق جەھەتتىن بولسۇن، مەڭگۈلۈك ئۆيلىنەلمەيدىغان ئاقىل، بالىغ ئەر»دۇر. مەسىلەن، بىر ئايالغا نىسبەتەن نەسەب ۋە ئېمىلداشلىق جەھەتتىن ئاتىسى، بوۋىسى، ئوغلى، ئاكىسى، تاغىسى، ئوغۇل نەۋرىسى ۋە جىيەنىگە ئوخشاش كىشى، قۇدا – باجىلىق جەھەتتىن ئۆگەي ئاتىسى، قېيىنئاتىسى ۋە كۈيئوغلىغا ئوخشاش كىشىلەر «مەھرەم» بولغاچقا، ھەر زامان ۋە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىشى مەڭگۈلۈك چەكلەنگەندۇر. «مەھرەم»لەردىن باشقا ئەرلەر ئۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئالمىغان تەقدىردە ئۇ ئايالغا نىسبەتەن «نامەھرەم» بولىدۇ. بۇ ئىزاھات بويىچە ئايالنىڭ ئېرى «مەھرەم» دائىرىسىگە كىرمىسىمۇ، مەھرەم شەرت قىلىنىدىغان سەپەر قىلىشتەك ئىشلاردا «مەھرەم» قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، مەھرەمنى شەرت قىلىشتىن مەقسەت ئايالنى قوغداش بولۇپ، بىللە ئارىلىشىپ خالىي ئولتۇرۇپ – قوپۇش، قاراش ۋە تۇتۇش قاتارلىق ئىشلاردا ئېرى مەھرەمنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. يەنە بەزىدە فۇقەھائلار ھەدىسلەردە كەلگەندەك «ئېرى ياكى مەھرەمى» دەپ ئايرىپ ئاتايدۇ. قاراڭ: جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 12/119، دارۇ سادەر، بېيرۇت؛ ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/77؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 36/200 – 204، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

مەۋالىي (الْمَوَالِي): ئەرەبچىدە «يېقىن، تۇغقان، ئىگە، ئازادگەردە، خاجە، ساھىب، ئىتتىپاقداش… دېگەندەك تۈرلۈك مەنىدىكى مەۋلا (الْمَوْلَى) نىڭ كۆپلۈكى» بولۇپ، ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەجەملەر بىرەركىمنىڭ قولىدا قۇللۇقتىن ئازاد قىلىنسا ياكى مۇسۇلمان بولسا، ياكى ئەرەبلەردىن بىرەر قەبىلە يەنە بىر قەبىلە بىلەن ئىتتىپاقداش بولسا، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى «مەۋالىي» بولىدۇ. ئادەتتە ئۇمەۋىي ۋە ئابباسىيلار دەۋرىدىكى ئەرەبلەردىن بولمىغان مۇسۇلمانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قاراڭ: ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئەبۇ شەھبە: «الْوَسِيْطُ فِيْ عُلُوْمِ وَمُصْطَلَحِ الْحَدِيْثِ (ئەلۋەسىت فى ئۇلۇمى ۋە مۇستەلەھىلھەدىس)»، سۈننەت كۇتۇبخانىسى، 714 – بەت، قاھىرە، م. 2014؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 39/337، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1659 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

مەۋقۇف (الْمَوْقُوفُ): ساھابەنىڭ سۆزى ياكى ھەرىكىتى مەنىسىدىكى ھەدىس ئاتالغۇسى. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 4 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

مۇئاتات (الْمُعَاطَاةِ): ساتقۇچى مالنى، سېتىۋالغۇچى پۇلىنى ئىجاب ۋە قوبۇلنى ئىپادىلەيدىغان لەۋزىسىز تاپشۇرۇش/ تاپشۇرۋېلىشتەك ئەمەلىي ئىش – ھەرىكەت. قاراڭ: ئەبۇ داۋۇد ، (5119)؛ جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 1/602، دارۇ سادەر، بېيرۇت؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 407 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

مۇئەررەس يولى (طَرِيقُ الْمُعَرَّسِ): زۇلھۇلەيفە مەسجىدى يېنىدىكى مەدىنەگە بارىدىغان يول. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 9/147، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز؛ مۇھەممەد مۇھەممەد ھەسەن شۇرراب: «المعالم الأثيرة في السنة النبوية (پەيغەمبەر سۈننىتىدىكى ئېسىل جايلار)»، 276 – بەت، دارۇلقەلەم، دەمەشق، م. 1991.

مۇباھ (الْمُبَاحُ): ئاللاھ تائالا بەندىگە قىلىش – قىلماسلىق ئىختىيارلىقنى بەرگەن ئىش. ئادەتتە شەرىئەت قىلىش ياكى قىلماسلىقنى ئوخشاش دەپ قارىغان ئىش بولسۇن ياكى قىلىش – قىلماسلىق توغرىسىدا پەقەت ئىپادە بىلدۈرمىگەن ئىش بولسۇن، قىلسا گۇناھ بولمايدىغان، «ھالال»، «جائىز» ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 5 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

مۇتابەئەت (الْمُتَابَعَةُ): لۇغەت مەنىسى «ئەگىشىش، مۇۋاپىق كېلىش» دېگەنلىك بولۇپ، ھەدىس ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: «مەلۇم بىر راۋىينىڭ بىر ھەدىسنى مەلۇم بىر ساھابەدىن رىۋايەت قىلىشتا باشقا بىر راۋىينىڭ رىۋايەتىگە ئوخشاش رىۋايەت قىلىشى» بولۇپ، بىر راۋىي ئۇ ھەدىسنى ئىككىنچى بىر راۋىينىڭ ئۇستازى ياكى ئۇنىڭمۇ ئۈستىدىكى راۋىيلەردىن رىۋايەت قىلىشى مۇمكىن. باشقا راۋىينىڭ ئۇستازىدىن ئوخشاش سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلسا، «تولۇق مۇتابەئەت (الْمُتَابَعَةُ التَّامَّةُ)»، ئۇنىڭمۇ ئۈستىدىكى راۋىيلەردىن رىۋايەت قىلسا، «كەمتۈك مۇتابەئات (الْمُتَابَعَةُ الْقَاصِرَةُ)» بولىدۇ. «مۇتابەئەت»تىن مەقسەت بىرەر ھەدىسنى كۈچلەندۈرۈش بولغاچقا، مۇھەددىسلەر ئۇنىڭ بىلەن بەزى ھەدىسلەرنى «سەھىھ لىغەيرىھى» ياكى «ھەسەن لىغەيرىھى» دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 621، 622 – بەتلەر، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى قامۇسى)»، 1408، 1409 – بەتلەر، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

مۇتەۋاتىر ھەدىس (الْحَدِيْثُ الْمُتَوَاتِرُ): لۇغەت مەنىسى «ئارقا – ئارقىدىن ئۈزۈلمەي كېلىش» دېگەنلىك بولۇپ، ھەدىس ئىلمىدە: «سەنەدنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئارىلىرىدا يالغان ئېيتىشقا كېلىشىۋېلىش ئېھتىماللىقى يوق كۆپ ساندىكى راۋىيلەرنىڭ ئوخشاش ھالەتتىكى كۆپ سانلىق راۋىيلەردىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس»نى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، «لەفزى مۇتەۋاتىر»، «مەنىسى مۇتەۋاتىر» دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 5 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

مۇجتەھىد (المُجْتَهِدُ): قاراڭ: ئىجتىھاد قىلىش (الاِجْتِهَادُ).

مۇد (الْمُدُّ): قەدىمكى زامانلاردىكى بىر ئوچۇم مىقدارى سىغىدىغان كەمچەن بولۇپ، ئالىملار ¼ سائغا باراۋەر كېلىدىغانلىقىدا بىردەك قاراشتا. لېكىن، ئۇنىڭغا قانچىلىك ئېغىرلىقتا ماددا سىغىدىغانلىقىدا ھەنەفىي مەزھەب «ئىككى ئىراق رىتلى (812.5 ﮔﺮﺍم) سىغىدۇ» دەپ قارىسا، كۆپچىلىك ئالىملار: «بىر پۈتۈن ئۈچتىن بىر (€1) ئىراق رىتلى (510 ﮔﺮﺍم) سىغىدۇ» دەپ قارايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 38/302، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 31/455 – 457، ئىستانبۇل، م. 2020؛ دوكتور ئەلى جۇمۇئە: «المكاييل والموازين الشرعية (شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار)»، 36 – بەت، دارۇلقۇدۇس، قاھىرە، م. 2021.

مۇدەللىس (الْمُدَلِّس): ئەرەبچىدە «قاراڭغۇلاشتۇرغۇچى ياكى ئەيىبنى يوشۇرغۇچى» مەنىسىدەدۇر. ھەدىس ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: «بىر ھەدىسنى ئىسنادتىكى ئەيىبنى يوشۇرۇپ، ياخشى كۆرسىتىپ رىۋايەت قىلغۇچى»نى كۆرسىتىدۇ. مۇدەللىس ئادەتتە ئۆزى ئۇچراشقان ۋە تەلىم ئالغان ئۇستازىدىن ئاڭلىمىغان بىر ھەدىسنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىغاندەك قىلىپ رىۋايەت قىلىدۇ ياكى ئۇچراشمىغان ۋە تەلىم ئالمىغان ئۇستازىدىن بىر ھەدىسنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىغاندەك قىلىپ رىۋايەت قىلىدۇ. ھەر ئىككى ئەھۋالدا ئۇ ھەدىسنى كىمدىن ئاڭلىغانلىقىنى يوشۇرىدۇ. بۇ تۈرلۈك راۋىيلەر ئېنىق قىلىپ «ئاڭلىدىم» دېمىسە، كۈچلۈك قاراشتا رىۋايەتى قوبۇل قىلىنمايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 330 – 335 – بەتلەر، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

مۇرابەھە (پايدسىغا سېتىش) سودىسى (الْمُرَابَحَةُ): ئەرەبچىدە «ئۆزئارا پايدا ئېلىش»نى بىلدۈرىدىغان «رَابَحَ» كەلىمەسىنىڭ مەسدەرىدۇر. كلاسسىك فىقھتا: «مالنىڭ سېتىۋېلىنغان ئەسل نەرخىنىڭ خېرىدارغا بىلدۈرۈلۈشى ۋە ئۈستىگە پايدا قوشۇپ سېتىلىشى»دۇر. يەنى خېرىدار سېتىۋالغان مېلىدا ساتقۇچىغا قانچىلىك پايدا بەرگەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى جائىز بولۇپ، كۈنىمىزدىكى «ئىسلام بانكىلىرى»دىكى «مۇرابەھە» بۇنىڭدىن پەرقلىق. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 9/49، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 389 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

مۇرەﻳﺴﯩﺌ غازىتى (غَزْوَةِ الْمُرَيْسِيْعِ): قاراڭ: بەنى مۇستالىق غازىتى (غَزْوَةُ بَنِي الْمُصْطَلِقِ).

مۇرتەد (الْمُرْتَدُّ): ئەرەب تىلىدىكى: «يانماق، چېكىنمەك ۋە ئارقىغا قايتماق» دېگەن مەنىدىكى «رىددەت (الرِّدَّةُ)» كەلىمەسىدىن «ئارقىغا يانغۇچى» دېگەن مەنىدە تۈرلەنگەن ئاتالغۇ بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: ئەقلى – ھوشى جايىدا بالىغ بىر مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرلانماستىن، نىيىتى ياكى ئېنىق سۆز ئىپادىسى ياكى ئىش – ھەرىكىتى بىلەن ئىسلام دىنىدىن كۇفۇرغا قايتىشىدىن ئىبارەت. كۇفۇر سۆزى ياكى ئىش – ھەرىكىتى مەسخىرە قىلغان ئاساستا بولسۇن ياكى كاجلىق قىلىپ بولسۇن ياكى ئېتىقاد قىلىپ بولسۇن ئوخشاش. مەسىلەن، ئاللاھنىڭ بارلىقىغا، بىرەر سۈپىتىگە ياكى بىرەر پەيغەمبەرگە ياكى «قۇرئان»نىڭ بىرەر ئايەتىگە ياكى بىرەر كەلىمەسىگە تېنىش، ياكى ھاراملىقىغا ئىجماﺋ قىلىنغان زىناغا ئوخشاش بىرەر ھارامنى ھالال دېيىش ياكى پەرزلىكىگە ئىجماﺋ قىلىنغان بىرەر پەرزنى ئىنكار قىلىش، ياكى بۇتقا سەجدە قىلىش، ياكى «قۇرئان»نى ھاقارەتلەشتەك قىلمىشلار بىلەن مۇرتەد بولۇپ كېتىدۇ. قاراڭ: نەۋەۋىي: «مىنھاجۇتتالىبىن»، 427 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 22/180، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

مۇرجىئە (الْمُرْجِئَةِ): بۇ ئاتالغۇ ئەڭ دەسلەپتە ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئاياغلاشقان فىتنەلەرگە، ساھابە – كىراملار ئوتتۇرىسىدا بولغان «سىففىن» جېڭىدەك بەزى ئۇرۇش ۋە زىددىيەتلەرگە ئارىلاشماي، ئارىلاشقانلارغا قارىتا بۇنىڭ خاتا، بۇنىڭ توغرا دەپ ھۆكۈممۇ قىلماي بىتەرەپ تۇرغان، ھۆكۈمىنى قىيامەتكە كېچىكتۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا تاپشۇرغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس، ئەبۇبەكرە، ئىمران ئىبنى ھۈساين ۋە ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردەك بىر قىسىم بىتەرەپ ساھابە كىراملارنى، شۇنداقلا چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان ۋە ئۇلارغا كېسىپ ھۆكۈم قىلمىغان ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەۋرىسى ھەسەن ئىبنى مۇھەممەد كەبى مۇجتەھىد ئالىملارنى كۆرسىتەتتى. بۇ، يەنى ئىختىلاپقا ئارىلاشماسلىق ۋە چوڭ گۇناھ قىلغۇچىنىڭ ئىشىنى قىيامەت كۈنىگىچە ئاللاھقا كېچىكتۈرۈش شەكسىز توغرا يولدۇر. چۈنكى، گۇناھكار كېيىنچە گۇناھلىرىنى يۇيۇپ، يامانلىقلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشى مۇمكىن.

كېيىنچە، چوڭ گۇناھلار سەۋەبىدىن باشقىلارنى كافىرغا چىقىرىدىغان خاۋارىجلار ۋە ھەرقانداق چوڭ گۇناھنى كۇفۇر دېيىشتە، ئۇلارغا ئوخشاپ قالغان شىئەلەرگە قارىتا ئىنكاس سۈپىتىدە ئىمان بىلەن كۇفۇر ئاتالغۇلىرىنى ئىزاھلاش ۋە ئۇقۇمىنى بېكىتىش ئوتتۇرىغا چىققاندا «مۇرجىئە» دەپ ئاتالغانلارنىڭ كۆپ قىسمى «ئىمان دېگەن ئاللاھنى تونۇش ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش، شۇنداقلا پەرزلەرنى ئادا قىلىش ۋە چوڭ گۇناھلارنى تەرك قىلىشتىن ئىبارەت» دەپ تەرىپلىگەن خاۋارىجلارغا رەددىيە بېرىپ: «ئىمان – ئاللاھنى تونۇش ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت» دەپ قارىغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، «كىمكى ئاللاھتىن باشقا ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى» دەپ تونۇسا، لېكىن بىرەر پەرزنى قىلماي قالسا ياكى بىرەر چوڭ گۇناھنى قىلىپ سالسا، ئۇ خاۋارىجلار نەزەرىدە «كافىر»، مۇئتەزىلەلەر نەزەرىدە «مۇئمىن بىلەن كافىر ئوتتۇرىدا»، مۇرجىئەلەر نەزەرىدە بولسا «ئاسىي مۇئمىن» دەپ قارىلاتتى. لېكىن، كېيىن بىر پىرقە پەيدا بولۇپ، چوڭ گۇناھ قىلغۇچىغا قارىتا «ئىمان بار ھالدا ھېچبىر گۇناھنىڭ زەرەرى يوق»لۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە: «ئىمان دېمەك ئىقرار، تەستىق، ئېتىقاد ۋە تونۇماقتۇر، مۇشۇ ھەقىقەتلەر بار ھالدا ھېچبىر گۇناھ زىيان قىلمايدۇ» دېدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ناھايىتى چەكتىن ئېشىپ «ئىمان دېگەن قەلب بىلەن ئېتىقاد قىلىشتۇر. ئىنسان تىلى بىلەن كۇفۇرنى ئاشكارىلاپ، بۇتقا، كىرىستقا ئىبادەت قىلسىمۇ ۋە شۇنىڭ ئۈستىدە ئۆلسىمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئىمانى كامىل مۇئمىندۇر ۋە جەننەت ئەھلىدىندۇر» دەپ دەۋا قىلدى. مانا بۇ كېيىنكى مۇرجىئەلەر پىرقەسىنىڭ قاراشلىرى ئەمەلنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن ۋە «ئاسىي مۇسۇلماننى ئاللاھ خاھلىسا جازالايدۇ، خاھلىسا مەغفىرەت قىلىۋېتىدۇ» دېگەن ئەھلىسۈننەت قارىشىغا تامامەن زىتتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ الفِرَقِ وَالمَذَاهِبِ فِي العَالَمِ الْإِسْلَامِيِّ (ئىسلام دۇنياسىدىكى پىرقەلەر ۋە مەزھەبلەر ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 649 – 657 – بەتلەر، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، م. 2007؛ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە: «ئىسلامىي مەزھەبلەر تارىخى»، 113 – 117 – بەتلەر.

مۇرسەل ھەدىس (الْحَدِيْثُ الْمُرْسَلُ): ئەرەبچىدە «ئەۋەتمەك، يوللىماق ۋە مەيلىگە قويۇۋەتمەك» دېگەن مەنىلەردىكى «إِرْسَالٌ» كەلىمەسىدىن «قويۇۋېتىلگەن» مەنىسىدە تۈرلەنگەن بولۇپ، مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا بىرقانچە مەنىدە قوللىنىلغان. مەشھۇر ئىستىلاھتا: «تابىئىننىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بەرگەن ھەدىسى»دۇر. بەزىلەر چوڭ تابىئىن بولۇشىنى شەرت قىلىشىدۇ. يەنە بىر ئىستىلاھتا: «ئىسنادىدا ساھابە ياكى باشقا راۋىيلىرىدىن بىرى زىكىر قىلىنمىغان ھەدىس». بۇنىڭغا ئاساسەن «مۇرسەل» بىلەن «مۇنقەﺗﯩﺌ» ئوخشاش. يەنە بىر ئىستىلاھتا: «ساھابە بولمىغان راۋىينىڭ ‹رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى› دەپ رىۋايەت قىلغان ھەدىسى»دۇر. ئالىملاردىن ئىمام مالىك، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام ئەھمەدلەر «مۇرسەل ھەدىس ھۆججەت» دەپ قارىسا، ئەھلى ھەدىسنىڭ خېلى كۆپ قىسمى مۇرسەلنى زەئىف ھەدىسلەر قاتارىغا تىزىدۇ. ئىمام شافىئىي «بىرقانچە شەرتلەر تېپىلسا ھۆججەت» دەپ قارايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 676 – 678 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003؛ دوكتور نۇرىددىن ئىتر: «مَنْهَجُ النَّقْدِ فِي عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ (مەنھەجۇننەقد)»، 369 – بەت، دارۇلفىكر، بېيرۇت، م. 1979.

مۇرىد (الْمُرِيدُ): تەسەۋۋۇف ئاتالغۇلىرىدىن بولۇپ، ھەقنى تونۇشنى ئىرادە قىلغان ۋە تەسەۋۋۇف يولىدا مېڭىشنى قارار قىلىپ، ئۆزىنى تەرىقەت پىرىنىڭ تەربىيەسىگە تاپشۇرغان كىشىدۇر.

مۇزارەئە/تېرىقچىلىق كېلىشىمى (الْمُزَارَعَةُ): ئەرەبچىدە «ئۇرۇق چېچىش، تېرىش، تىكىش ۋە ئۆستۈرۈش»نى بىلدۈرىدىغان «زَارَعَ» كەلىمەسىنىڭ مەسدەرىدۇر. فىقھتا: «چىققان ھوسۇلنىڭ بىر قىسمى بەدىلىگە زىرائەت تېرىش»تىن ئىبارەت بولۇپ، بىر تەرەپ تېرىلغۇ يەر چىقارسا، يەنە بىر تەرەپ كۈچىنى چىقىرىپ يەرنى تېرىيدۇ، سۇغىرىدۇ ۋە پەرۋىش قىلىدۇ. تېرىقچىلىققا كېتەرلىك ئۇرۇق، سايمان ۋە ھايۋان قاتارلىقلارنى قايسى تەرەپ چىقىرىدىغان بولۇپ كېلىشكەن بولسا، شۇ تەرەپ چىقىرىدۇ. يەردىن ھوسۇل ئالغاندا، ھەر ئىككى تەرەپ كېلىشىم بويىچە ھوسۇلنىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى ئالىدۇ. بۇ خىل كېلىشىم جائىز بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر ئاھالىسى بىلەن خەيبەر زېمىنىدىن چىقىدىغان زىرائەت ياكى مېۋە ھوسۇلىنىڭ يېرىمىنى ئۇلارغا بېرىش شەرتى بىلەن مۇئامەلە كېلىشىمى تۈزگەن («سەھىھەين»). قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 37/4، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 300 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

مۇزدەلىفە (الْمُزْدَلِفَةَ): مەككە مۇكەررەمەنىڭ ھەرەم رايونىدىكى مۇقەددەس جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەرافات بىلەن مىنا ئارىلىقىغا جايلاشقان. ھاجىلار قۇربان ھېيتنىڭ ھارپىسى ئەرافاتتىن قايتىپ مۇزدەلىفەگە بارغاندا، شامنى خۇپتەن بىلەن جەملەپ ئوقۇيدۇ ۋە شۇ جايدا قونۇپ، ئەتىسى بامداتنى ئوقۇپ، كۈن چىقىشتىن بۇرۇن مىناغا يۈرۈپ كېتىدۇ. مۇزدەلىفە يەنە «ﺟﻪﻣﺌ (جَمْعٌ)»، «ئەلمەشئەرۇلھەرام (الْمَشْعَرُ الْحَرَامُ)» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ﴿… ئەرافاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا ئەلمەشئەرۇلھەرامدا ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار…﴾(2/«بەقەرە»: 198) دېگەن ئايەتتە ۋە نۇرغۇن ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنغاندۇر. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 8/1580، دارۇ مەككە، مەككە، م. 2010؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 37/93 – 102، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

مۇساقات/باغۋەنچىلىك كېلىشىمى (الْمُسَاقَاةُ): ئەرەبچىدە «سۇغۇرۇشنى بىلدۈرىدىغان «سَاقَى» كەلىمەسىنىڭ مەسدەرى»دۇر. فىقھتا: «چىققان ھوسۇلنىڭ بىر قىسمى بەدىلىگە باغۋەنچىلىك قىلىش»تىن ئىبارەت بولۇپ، بىر تەرەپ باغ چىقارسا، يەنە بىر تەرەپ كۈچىنى چىقىرىپ باغۋەنچىلىك قىلىدۇ. باغدىن ھوسۇل ئالغاندا، ھەر ئىككى تەرەپ كېلىشىم بويىچە ھوسۇلنىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى ئالىدۇ. بۇ كېلىشىم ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە «مۇئامەلە (المُعَامَلَةُ)» دەپمۇ ئاتالغان. بۇ خىل كېلىشىم جائىز بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر ئاھالىسى بىلەن خەيبەر زېمىنىدىن چىقىدىغان زىرائەت ياكى مېۋە ھوسۇلىنىڭ يېرىمىنى ئۇلارغا بېرىش شەرتى بىلەن مۇئامەلە كېلىشىمى تۈزگەن («سەھىھەين»). قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 25/353، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 394 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

مۇسەننەفۇ ئابدۇرراززاق (ھەدىسلەر ۋە ساھابە – تابىئىن بايانلىرى توپلىمى/مُصَنَّفُ عَبْدِ الرَّزَّاقِ – المُصَنَّفُ فِي الأَحَادِيثِ وَالْآثَارِ): ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە يەھيا ئىبنى مەئىن قاتارلىقلار دەرس ئالغان، تونۇلغان يەمەنلىك مۇھەددىس ئەبۇبەكرى ئابدۇرراززاق ئىبنى ھەممام سەنئانىي (ھ. 126 – 211/م. 744 – 827) تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى ھەدىس كىتابلىرى قاتارىدىندۇر. مۇئەللىف بۇ بۈيۈك ئەسەرىدە تۈرلۈك دەرىجىدىكى ھەدىس ۋە ساھابە – تابىئىنلەرنىڭ بايانلىرىنى راۋىيلەرىگە ئەڭ قىسقا سەنەدى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ فىقھىي تەرتىپ بويىچە رىۋايەت قىلىدۇ. مۇئەللىف بىلەن ساھابەنىڭ ئارىلىقىدا بەزىدە ئىككىلا كىشى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ سەنەدى ئىنتايىن «ئالىي سەنەد» ھېسابلىنىدۇ. شەيخ ھەبىبۇرراھمان ئەلئەئزەمىي تەرىپىدىن «ئەلمۇسەننەف» نامى بىلەن 12 تومدا (ئاخىرقى تومى مۇندەرىجە ۋە تىزىقلار) 31 بۆلۈم، 2133 بابقا بۆلۈنگەن ھالدا 1970 – يىلى بېيرۇتتا نەشر قىلىنغان بولۇپ، 21٫033 ھەدىس ۋە ساھابە – تابىئىنلەرنىڭ بايانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. لېكىن، ئەسەرنىڭ باش تەرىپىنىڭ ئازغىنە بىر قىسمى ئۆكسۈك بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىمام ئابدۇرراززاق ئۇستازى مەئمەر ئىبنى راشىد ئەلئەزدىي (ھ. 95 – 153/م. 714 – 770) دىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەر توپلىمى «ئەلجاﻣﯩﺌ»مۇ 10 – تومنىڭ ئاز بىر قىسمى بىلەن 11 – تومدا ئورۇن ئالغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 644 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

مۇسەننەفۇ ئىبنى ئەبى شەيبە (ھەدىسلەر ۋە ساھابە – تابىئىن بايانلىرىنىڭ توپلىمى/مُصَنَّفُ ابْنِ أَبِي شَيْبَةَ – المُصَنَّفُ فِي الأَحَادِيْثِ وَالْآثَارِ): مەشھۇر مۇھەددىس، مۇفەسسىر ۋە تارىخشۇناس ئەبۇبەكرى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەبي شەيبە (ھ. 159 – 235/م. 776 – 850) نىڭ ئەڭ مەشھۇر ئەسەرى. مۇئەللىف ئۆزىگە يېتىپ كەلگەن ھەدىسلەرنى ۋە ئۇلارنى ئىزاھلىغان ساھابە بايانلىرى بىلەن تابىئىن پەتۋالىرىنى سەنەدلىرى بىلەن بىرلىكتە توپلىغان ۋە كېيىن بۇلارنى بۆلۈم ۋە بابلارغا ئايرىپ تەسنىف قىلغان. مۇئەللىف بۇ ئەسەرى بىلەن ئۆزى ياشىغان دەۋردە، فىقھىي مەزھەبلەر تېخى شەكىللەنمىگەن چاغلاردا ھەدىسلەردە مەۋجۇد ئەھكاملارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە نامايان قىلىشقا تىرىشقان. كىتاب «كۇتۇبۇ سىتتە (ئالتە كىتاب)»دىن بۇرۇنقى دەۋردە تەئلىف قىلىنغان مۇھىم ئەسەرلەردىن بولۇپ، سەئىد ئەللەھھام تەرىپىدىن توققۇز تومدا چاپ ئېتىلگەن ئەڭ يېڭى نەشرىدە 41 بۆلۈم، 5435 بابتىن تەشكىل تاپماقتا. ئەسەردە 38 مىڭغا يېقىن ھەدىس بار بولۇپ، كامال يۈسۈف ئەلھۇت نەشرىدە 37٫943 ھەدىس مۇقىمدالغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 644 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

مۇستەھەب (الْمُسْتَحَبُّ): «ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىش» دېگەن مەنىدە، «ئاللاھ تائالا چوقۇم ئادا قىلىشقا بۇيرۇمىغان، لېكىن تەرغىب قىلىنغان ئىبادەت»تۇر، ئادا قىلغۇچى ساۋابقا ئېرىشىدۇ، تەرك قىلغۇچى جازالانمايدۇ. بۇ ئاتالغۇ ئادەتتە سۈننەت، نەفلە قاتارلىق تەرغىب قىلىنغان تۈرلەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 5 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

مۇستەھەب قىلىش: تەرەت قىلغاندىن كېيىن ئالدى – ئارقا ئىككى تەرەت ئېغىزىدىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەينەتلىك قالدۇقىنى چالما ۋە شۇنىڭدەك بىرنەرسە بىلەن سۈرتۈپ ياكى سۇ بىلەن يۇيۇپ تازىلاش «ئىستىنجاﺋ» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئىستىنجائنىڭ ھۆكمى ۋاجىبتۇر. «مۇستەھەب» بولسا قەغەز ياكى چالمىدا سۈرتۈپ تازىلىغاندىن كېيىن سۇ بىلەن تېخىمۇ پاكىزلاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى ئىسمىغا ئوخشاش مۇستەھەبتۇر. كونا ھاجەتخانىلاردا تەرەت قىلغان ئورۇندا سۇ ئىشلىتىش مۇناسىپ ئەمەستى، بەزىدە سۇ ئىشلەتسە نىجاسەت ئۈستىگە چۈشۈپ چاچرايدىغان ئىدى. شۇڭا، سۇ ئىشلىتىشكە ئايرىم مۇستەھەبخانىلار ياسالغان.

مۇسنەد (الْمُسْنَدُ): ئەرەبچىدە «يۆلەنمەك، ھاۋالە قىلماق، ۋەزىپە تاپشۇرماق ۋە نىسبەت بەرمەك مەنىسىدىكى ‹ئىسناد (الْإِسْنَادُ)› كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن»دۇر. «مۇسنەد ھەدىس» كۆپچىلىك مۇھەددىسلەر ئىستىلاھىدا: «ئىسنادى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تۇتاشقان ھەدىس»تۇر. بۇ قاراش بويىچە بۇ ئاتالغۇ پەقەت سەنەدى تۇتاشقان «مەرفۇﺋ» ھەدىسكىلا ئىشلىتىلىدۇ. «مەۋقۇف» ياكى «مۇرسەل» ياكى سەنەدى ئۈزۈك ۋە سەنەدىدە مۇدەللىس راۋىي بولغان ھەدىس «مۇسنەد» بولمايدۇ. باشقا قوبۇل قىلىش شەرتلىرىنىڭ تېپىلىشىغا قاراپ «مۇسنەد ھەدىس» سەھىھ ياكى ھەسەن، ياكى زەئىف بولىدۇ. يەنە «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، «مۇسنەدۇ بەززار» كەبى ساھابەلەرنىڭ رىۋايەتلىرىنى ئىسىملىرى ئېلىپبە ياكى باشقا مۇئەييەن بىر تەرتىپتە ئىسنادلىق جەملىگەن چوڭ ھەجىملىك ھەدىس توپلىمىمۇ «مۇسنەد» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما، ئىگە ئىسىم سۈپىتىدىكى «مۇسنىد (الْمُسْنِدُ)» ئاتالغۇسى بولسا مۇھەددىسلەرنىڭ نام – ئاتاقلىرىدىن بولۇپ، رىۋايەت قىلغان ھەدىسكە ئالاقىدار ئىلىمگە ئىگە بولسۇن، بولمىسۇن، نۇرغۇن ھەدىسنى چوڭ ئىماملاردىن سەنەدلىرى بىلەن رىۋايەت قىلىشتا تونۇلغان راۋىينى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 704 – 706 – بەتلەر، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1526 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

مۇسنەدۇ ئەھمەد (مُسْنَدُ الإمَامِ أَحْمَدِ بنِ حَنْبَلٍ): مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ بىرى بولغان ھەنبەلىي مەزھەبىنىڭ ئىمامى بۈيۈك مۇھەددىس ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەنبەل ئەششەيبانىي ئەلمەرۋەزىي (ھ. 164 – 241/م. 780 – 855) تەرىپىدىن ئوغلى ئابدۇللاھقا سۆزلەپ بېرىلىپ، شۇ ئوغلى تەرىپىدىن يېزىلىپ رەتلەنگەن چوڭ ھەجىملىك ھەدىس توپلىمىدۇر. ھەربىر ساھابەنىڭ رىۋايەتلىرى جەملەنگەن «مۇسنەد» شەكلىدە تۈزۈلگەن بۇ ئەسەردىمۇ ساھابەلەرنىڭ ئىسىملىرى ئېلىپبەلىك تەرتىپتە ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن خۇلەفائى راشىدىن، ئاندىن «ئەشەرەئى مۇبەششەرە»، ئاندىن ئەھلى بەيتتىن باشلاپ مۇئەييەن تەرتىپتە يېزىلغان. ئىمام ئەھمەد ئەسەردە ھەدىس تەھسىل قىلىش بىلەن ئۆتكەن 61 يىللىق ئۆمرىدە 283 ئۇستازىدىن ئاڭلاپ توپلىغان، 904 ساھابەدىن رىۋايەت قىلىنغان «سەھىھ»، «ھەسەن» ۋە ئاز بىر قىسمى «زەئىف» دەرىجىدىكى 30 مىڭغا يېقىن (تەكرارلانغانلىرى بىلەن 40 مىڭ) ھەدىسنى تاللاپ كەلتۈرىدۇ. ئەسەرنى تەھقىقلەپ نەشرگە تەييارلىغان شەيخ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت باشچىلىقىدىكى ئىلمىي گۇرۇپپا تەرىپىدىن بېكىتىلىشىچە، ئۇنىڭدىكى ھەدىسلەرنىڭ سانى 27٫679 «مەرفۇﺋ» (ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى «مەۋقۇف» ۋە «مەقتۇﺋ») ھەدىس بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى قوشۇپ قويغىنى 642 ھەدىستۇر. ئەڭ بۈيۈك ھەدىس توپلىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزكۇر كاتتا خەزىنىنىڭ مۇكەممەل نەشرى شەيخ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت باشچىلىقىدىكى ئىلمىي گۇرۇپپا تەرىپىدىن 2001 – يىلى بېيرۇتتا 50 تومدا نەشر قىلىنغاندۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 645 بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

مۇسنەدۇ بەززار (مُسْنَدُ الْبَزَّارِ/الْبَحْرُ الزَّخَارُ): مۇھەددىس ئەبۇبەكرى ئەھمەد ئىبنى ئەمر ئەلبەسرىي ئەلبەززار (ھ. 210 – 292/م. 826 – 905) تەرىپىدىن يېزىلغان «مۇسنەدۇ بەززار» دەپ تونۇلغان چوڭ ھەجىملىك ھەدىس توپلىمى «ئەلبەھرۇززەخخار»دۇر. ھەربىر ساھابەنىڭ رىۋايەتلىرىنى جەملىگەن «مۇسنەد» شەكلىدە تۈزۈلگەن بۇ ئەسەر ئەۋۋەلا خۇلەفائى راشىدىن، ئاندىن «ئەشەرەئى مۇبەششەرە (جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە)»دىن، ئاندىن ئەھلى بەيت (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى) تىن باشلاپ مۇئەييەن تەرتىپتە تەسنىف قىلىنغان بولۇپ، ساھابەلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلىپبەلىك تەرتىپتە كەلتۈرمىگەن. مۇئەللىف يەنە ساھابەلەردىن رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ ئىشەنچلىكلىك تەرىپى، ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ ياكى زەئىفلىكى، شۇنداقلا ھەدىس ئىلمىگە ئائىت قائىدىلەر ئۈستىدە توختالغان. 18 تومدا (1988 – 2009 – يىللار ئارىسى) نەشر قىلىنغان ئەسەردە «كۇتۇبۇ سىتتە»دە بولمىغان تۈرلۈك دەرىجىلەردىكى 3442 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10٫409 ھەدىس توپلانغان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 645 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

مۇسھەف (الْمُصْحَفُ): ئەرەبچىدە «سەھىپىلەرنىڭ جۇغلانمىسى» دېگەن مەنىدە. قىرائەت ۋە قۇرئان ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: بىر تاشلىق ياكى ئىككى مۇقاۋا ئارىسىغا جەملەنگەن، پەقەت ئاللاھنىڭ جىمى ئايەتلىرىلا يېزىلغان سەھىپىلەرنىڭ ئىسمىدۇر. «قۇرئان» بولسا ئاشۇ كىتابتا يېزىلغان ئاللاھنىڭ كالامىدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 38/5، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1306 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

مۇشاھەدە (المُشَاهَدَةُ): ئەرەبچىدە كۆز ۋە باشقا تۇيغۇ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈش مەنىسىدە. تەسەۋۋۇف ئىستىلاھىدا: شەيئىلەرنى تەۋھىد دەلىللىرى بىلەن كۆرۈشتىن، ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتىكى ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرىنىڭ زاهىر ئەسەرلىرىنى كۆرۈشتىن ھاسىل بولىدىغان شەكتىن خالىي يەقىن ۋە جەزمىيەت كۆزى بىلەن كۆرۈش ماقامى بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە قەلب نۇرلىنىدۇ ۋە رەبكە باغلىنىدۇ. بۇ ماقام «سەھىھەين»دىكى «ﺋﯧﮭﺴﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭۇۋﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯔ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺴﻪﯕﻤﯘ، ﺋﯘ ﺳﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ» دېگەن ھەدىس شەرىف بويىچە، قەلبلەرنىڭ كۆرۈشى بىلەن كۆزلەرنىڭ كۆرۈشى ئوتتۇرىسىنى ئايرىيدىغان ياكى تۇتاشتۇرىدىغان رىشتە بولۇپ، مۇشاھەدە ماقامىدىكى بەندە تەنھا ھالىتىدىمۇ، جاراستاندىكى ھالىتىدىمۇ ھەقتائالانى قەلبى بىلەن كۆرىدۇ. بۇ يەقىننىڭ بىر ھالىتى بولۇپ، مۇشاھەدە ئەينۇليەقىندۇر. ئۇ پەقەتلا ھەقتائالانىڭ بەندىنىڭ قەلبىگە تەجەللى قىلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. قەلبتە ھەقتىن باشقىسى بولۇپ تۇرسىلا مۇشاھەدە بولمايدۇ. مۇشاھەدە ئۈچ تۈرلۈكتۇر: 1) ئاۋام مۇشاھەدەسى «ھەق بىلەن مۇشاھەدە» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ شەيئىلەرنى دەلىللىرى بىلەن كۆرۈشتۇر؛ 2) خاۋاس مۇشاھەدەسى «ھەق ئۈچۈن مۇشاھەدە» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ شەيئىلەردە ھەقنى كۆرۈشتۇر؛ 3) ھەق مۇشاھەدسى. ھەقنى شەيئىلەرسىز كۆرۈشتۇر. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 274 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1405؛ مۇھەممەد ئابدۇررەئەف ئەلمۇناۋىي: «ئەتتەۋقىف (التوقيف على مهمات التعاريف)»، 656 – بەت، دوكتور مۇھەممەد رىزۋان ئەددايە نەشرگە تەييارلىغان، دارۇلفىكر، بېيرۇت، ھ. 1410؛ دوكتور رەفىق ئەلئەجەم: «مَوْسُوْعَةُ مُصْطَلَحَاتِ التَّصَوُّفِ الْإِسْلَامِيِّ (ئىسلامىي تەسەۋۋۇف ئاتالغۇلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 892 – 895 – بەت، لۇبنان ناشىرۇن. بېيرۇت، م. 1999.

مۇفەسسىر (الْمُفَسِّرُ): «قۇرئان»نىڭ مەنىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىجتىھادى ياكى باشقا ئالىملارغا ئەگىشىش ئارقىلىق بايان قىلىش شەرتلىرىنى ھازىرلىغان ئالىم. قاراڭ: ئەمر سۈبھى ئەششەرقاۋىي: «قۇرئانغا تەلپۈنگەن يۈرەك»، ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇرراززاق رەجەب، «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»، 141 – بەت.

مۇكەللەف (المُكَلَّفُ): ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: ئىش – ھەرىكىتىگە ئاللاھ تائالانىڭ تەلەپ قىلىش ياكى ئىختىيارلىق بېرىش مەزمۇنىدىكى خىتابى چېتىلغان، تاللاش ئىختىيارلىقى بار بالىغ، ئاقىل مۇسۇلماندۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 36/231، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1608 – ﺑﻪﺕ، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﭼﯩﺴﻰ، ﺭﯨﻴﺎﺩ، ﻡ. 2017.

مۇلتەزەم (الْمُلْتَزَمُ): ئەرەبچىدە «چىڭ ئېسىلىپ، چاپلىشىپ دۇئا قىلىنىدىغان جاي» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەسجىدۇل ھەرەمدە: «ھەجەرۇلئەسۋەد بىلەن كەئبەنىڭ ئىشىكىنىڭ ئارىلىقىدىكى تۆت گەز كېلىدىغان دۇئاگاھ»تۇر. «دۇئاگاھ (الْمُدعَى)»، «پاناھگاھ (الْمُتَعَوَّذُ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ جايغا مەيدىسىنى، يۈزىنى، بىلەكلىرىنى ۋە ئالىقانلىرىنى يېيىپ چاپلاپ دۇئا قىلىش مۇستەھەبتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1612 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 428 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

مۇنكەر ۋە نەكىر (مُنْكَرٌ وَنَكِيرٌ): كۆرۈمسىز ئىككى مالائىكە بولۇپ، مېيىت دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن قەبرىسىگە كېلىپ، ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدىن رەببى، دىنى ۋە پەيغەمبىرى توغرۇلۇق سورايدۇ. جاۋاب بېرەلىگەنلەر قەبرىسىدە ھۇزۇرغا ئېرىشىدۇ. جاۋاب بېرەلمىگەنلەر قەبرىسىدە ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ھەدىستە: «مېيىت قەبرگە قويۇلغاندىن كېيىن، مۇنكەر ۋە نەكىر ئىسىملىك، چېقىركۆزلۈك، قاپقارا ئىككى مالائىكە ئۇنىڭ يېنىغا كىرىدۇ»(«تىرمىزىي»، 1071) دەپ كەلگەن. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1636 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

مۇھال (المحاَلُ): «رېئاللىقتا مەۋجۇد بولۇشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش». مەسىلەن، ھەرىكەت بىلەن جىملىقنىڭ بىرنەرسىدە جەملىشىشى. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 262 – بەت، دارۇل كىتابىل ئەرەبىي، بېيرۇت، ھ. 1405؛ خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 619 – بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، م. 2016.

مۇھەققىق (المُحَقِّقُ): ئەرەبچىدە «دەلىلگە تايىنىپ ھەقىقىي ماھىيەتنى تونۇپ يەتكۈچى، مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىنى ئايدىڭلىققا چىقارغۇچى» دېگەن مەنىدە، ئىستىلاھتا: بىرەر مەسىلە ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇنىڭدىكى مەۋجۇد قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلەرنى ئايرىپ، ئىنچىكە نۇقتىلىرىغا ئىشارە قىلغان ئاساستا مەسىلىنى دەلىللىرى بىلەن چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىپ، ئاخىرىدا بىرسىنى تاللىيالىغۇدەك دەرىجىدە ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەتقىق قىلىدىغان، ئىلىمدە ھەق ۋە توغرا قاراشنى يەكۈنلەپ بېرىش بىلەن تونۇلغان — ئىمام غەززالىي، نەۋەۋىي، فەخرۇررازىي، ئىبنۇلقەييىم، ئىبنۇلھۇمام ۋە تەفتازانىي كەبى — يېتۈك ئالىمنى كۆرسىتىدۇ. يەنە قەدىمكى قوليازمىلارنى مۇئەللىفنىڭ يازغىنىغا ئەڭ يېقىن شەكىلدە نەشرگە تەييارلىغۇچىغىمۇ قوللىنىلىدۇ. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 1/188، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425/م. 2004؛ قازى ئەھمەد نەكرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ»، 3/161؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 400، 401 – بەتلەر، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

مۇئتە غازىتى (غَزْوَةُ مُؤْتَةَ): ھ. 8/م. 629 – يىلى مۇسۇلمانلار بىلەن سۇرىيەلىك خرىستىيان ئەرەبلەر ۋە ۋىزانتىيە قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تۇنجى ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شامدىكى بۇسرا پادىشاھىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ ئەۋەتكەن ئەلچىسى ھارىس ئىبنى ئۇمەير ئەلئەزدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋىزانتىيەگە تەۋە ئەرەب خرىستىيانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى ئىدى. بۇ ئۇرۇش ھازىرقى ئىئوردانىيەگە تەۋە «مۇئتە» دېگەن جايدا بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. بۇ ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلارنىڭ 3000 كىشىلىك قوشۇنى ۋىزانتىيەنىڭ 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشقان. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 586 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

مۇئتەزىلە (الْمُعْتَزِلَةُ): قۇرغۇچىسى ۋاسىل ئىبنى ئەتائنىڭ باشچىلىقىدا ھ. 2/م. 8 – ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىققان كەلامىي پىرقە بولۇپ، ئەقىدىلەرنى بېكىتىشتە ئەقىلنى نەقىلنىڭ ئالدىغا قويغان ۋە «توغرا – خاتانى ئەقىل ئايرىيالايدۇ» دەپ قارىغان. يەنە تەۋھىد، ئادالەت، ئىككى مەنزىلە ئوتتۇرىدىكى مەنزىلە، «قۇرئان» مەخلۇق دېگەندەك قاراشلىرى بىلەن تونۇلغان. كېيىنچە بىرقانچە پىرقەگە بۆلۈنگەن. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 604 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى (أُمُّ الْمُؤْمِنِيْنَ): پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەمرىگە ئېلىپ بىللە بولغان (گەرچە كېيىن قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ) ئەزۋاجى مۇتاھھەرەلىرى (پاك ئاياللىرى) گە ئۇلارنى ئىززەتلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دەۋىتى يولىدىكى رولىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە (33/«ئەھزاب»، 6 – ئايەتتە) بەرگەن نام بولۇپ، ئۇ ئاياللارنى باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ (گەرچە مەھرەم تۇغقان بولمىسىمۇ) نىكاھلاپ ئېلىشىنى (33/«ئەھزاب»، 53 – ئايەتتە) ھارام قىلىۋەتكەن. بۇ نام پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئەمرىگە ئالغان 11 ئايالغا (بىر ۋاقىتتا ئەمرىدە جەملەنگىنى توققۇزدۇر) بېرىلگەندۇر. ئۇلار تەرتىپ بويىچە: خەدىجە بىنتى خۇۋەيلىد، سەۋدە بىنتى زەمئە، ئائىشە بىنتى ئەبۇبەكرى سىددىق، ھەفسە بىنتى ئۆمەر، زەينەب بىنتى خۇزەيمە، ئۇممۇ سەلەمە ھىند بىنتى ئەبى ئۇمەييە، زەينەب بىنتى جەھش، جۇۋەيرىييە بىنتى ئەلھارىس قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇممۇ ھەبىبە رەملە بىنتى ﺋﻪبى ﺳﯘﻓﻴﺎﻥ، سەفىييە بىنتى ھۇيەي ۋە مەيمۇنە بىنتى ئەلھارىس. ئۇلاردىن ئالتىسى قۇرەيشتىن، تۆتى باشقا ئەرەب قەبىلىلىرىدىن، بىرى بەنى ئىسرائىلدىندۇر. ئۇلاردىن ئىككىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھايات ۋاقىتتا دۇنيادىن كەتكەن. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي! قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 223 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

مېيىتتىن مىراس ئالالمايدىغان چوڭ ئانا (الْجَدَّةُ الْفَاسِدَةُ): مىراس ئىلمى ئىستىلاھىدا: «مېيىت بىلەن ئارىسىدا مىراس ئالالمايدىغان چوڭ دادا بولغان چوڭ ئانا» ياكى «مېيىتكە تۇتاشقان نەسەبىدە ئىككى ئايال ئارىلىقىغا مىراسخور بولمىغان بىر ئەر كىرگەن كىشى»دۇر. بۇ چوڭ ئانا مېيىتكە يىراق تۇغقانلار (ذَوِي الْأَرْحَامِ) دىن بولغان ئوغلى بىلەن تۇتىشىدىغان بولغاچقا، مېيىتنىڭ نېسىۋىسى بېكىتىلگەن تۇغقىنى ياكى ئاسىب تۇغقىنى بولسا مىراس ئېلىش ھەققى بولمايدۇ. نەتىجىدە ئۇ چوڭ ئانىمۇ يىراق تۇغقانلار ھېسابلىنىدۇ. مېيىتنىڭ نېسىۋىسى بېكىتىلگەن تۇغقىنى ياكى ئاسىب تۇغقىنى بولمىسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە يىراق تۇغقانلاردىن بولغان ئۇ چوڭ ئانا مىراس ئالىدۇ. مەسىلەن، ئانا تەرەپ بوۋىسىنىڭ ئانىسى. دېمەك، بۇ چوڭ ئانىنىڭ بېكىتىلگەن مىراسى ياكى ئاسىبلىق جەھەتتىن مىراس ئېلىش ھەققى بولمايدۇ. يۇقىرىقى مىراسخورلار تېپىلمىغاندا يىراق تۇغقاندارچىلىق جەھەتتىن مىراس ئالالايدۇ. قاراڭ: ئەززەبىيدىي: «ئەلجەۋھەرەتۇننەييىرە»، 6/265؛ قازى ئابدۇرەبىننەبىي ئەھمەدنەگەرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ (دستور العلماء/جامع العلوم في اصطلاحات الفنون)»، 1/264، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت، ھ. 1421/ م. 2000.

مىسۋاك (الْمِسْوَاكُ/السِّوَاكُ): ئەرەبچىدە «بىرنەرسىنى ئۇۋۇلىماق» مەنىسىدىكى «سەۋك (السَّوْكُ)» كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، «ئاراك (Saladora persica)» دەرىخىدىن ئېلىنغان، چىش تازىلاشتا قوللىنىلىدىغان، بىر ئۇچى چوتكا شەكلىدىكى بىر پارچە تاياقچەدۇر. بۇ تاياقچەنىڭ ئۆزىمۇ «سىۋاك (السِّوَاكُ)» دەپ ئاتىلىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولىدۇ دېمىسەم، ئۇلارنى ھەر نامازدا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇغان بولاتتىم» دېگەن سۆزىگە ئاساسەن ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى سۈننەت ۋە مۇستەھەبتۇر. قاراڭ: ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 3/183، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 32/185، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

مىيقات (الْمِيقَاتُ، ج الْمَوَاقِيتُ): ئەرەبچىدە «ۋاقىت بېكىتىش»تىن تۈرلەنگەن بولۇپ، بېكىتىلگەن ۋاقىت، چەك – چېگرا مەنىسىدە. كېيىنچە ماكانغىمۇ قوللىنىلغان. فىقھ ئىستىلاھىدا: ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن ھەرەمگە ماڭغان كىشى ئىھرامسىز ئۆتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مەخسۇس زامان ۋە ماكاندىن ئىبارەت. ھەجگە ئىھرام باغلاشقا بېكىتىلگەن زامان «زامانىي مىيقات» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدۇر. بۇ «ھەجگە مۇشۇ ۋاقىتلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاتلىنىشقا ۋە تۇتۇش قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ۋاقىتلارنىڭ بەزىسى ئىھرام باغلاشقا باشلايدىغان ۋاقىت بولسا، بەزىسى ئىھرامدىن چىقىش ۋاقىتىدۇر. ئەمما، ئۆمرە ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت بېكىتىلمىگەن بولغاچقا، يىلنىڭ ھەممە ئايلىرى ئۆمرەنىڭ زامانىي مىيقاتىدۇر. شۇڭا، يىل بويى ئۆمرەگە ئىھرام باغلاشقا ۋە ئۇنى ئادا قىلىشقا بولىدۇ. ئىبادەتلەر ئۈچۈن بېكىتىلگەن ۋاقىتلارنى بىلىشنى تەتقىق قىلىدىغان ئايرىم ئىلىم بولۇپ، بۇ ئىلىم «مىيقات ئىلمى (عِلْمُ الْمِيْقَاتِ» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئالىمغا «مىيقاتىي (مِيْقَاتِيٌّ)» دېيىلىدۇ. ھەج – ئۆمرەگە مەككەگە كىرمەكچى بولغان ھاجىلارنىڭ ئىھرامسىز ئۆتۈشىگە بولمايدىغان جايلار «ماكانىي مىيقات» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلار بەش بولۇپ، زۇلھۇلەيفە، جۇھفە، قەرن، يەلەملەم ۋە زاتۇئىرقتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 2/141 – 147، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1368 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1649 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

نامازنى قەسىر قىلىش (قَصْرُ الصَّلاَةِ): «نامازنى كېمەيتىش ۋە قىسقارتىش» دېگەنلىك بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «سەپەردە تۆت رەكئەتلىك نامازنى ئىككى رەكئەتكە قىسقارتىش»تىن ئىبارەت. بۇنىڭدا ئەنسىز پەيتلەر بىلەن خاتىرجەم چاغلارمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئالىملار سەپەردىكى كىشىنىڭ پېشىن، ئەسىر ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى قىسقارتىپ ئوقۇيدىغانلىقى ئەكسىچە، بامدات بىلەن شام نامازلىرىنىڭ قىسقارتىلمايدىغانلىقىدا ھەممىسى بىردەك قاراشتا. سۈننەت نامازلارمۇ قەسىر قىلىنمايدۇ. ھەنەفىي مەزھەب «سەپەردىكى كىشىگە ھەر تۆت رەكئەتلىك نامازنىڭ ئىككى رەكئەتى پەرز، قەسىر ئوقۇشى ۋاجىب» دەيدۇ. بۇ قاراش ئىمام مالىكتىنمۇ نەقىل قىلىنغان. ئىمام شافىئىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىملار: «قەسىر قىلىش مۇستەھەب، ئەمما ۋاجىب ئەمەس» دەيدۇ. ئىمام مالىكقا ئوخشاش «مۇستەھەب» دېگەن قاراشتىكى بەزى ئالىملار يەنە: «تەكىتلەنگەن سۈننەت» دېگەن. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 2/738، مەكتەبەتۇششۇرۇق ئەددۇۋەلىييە، قاھىرە، ھ. 1425/م. 2004؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 27/273 – 280، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

نامەئى ئەئمال/ئەمەل دەپتەرلىرى (صَحَائِفُ الْأَعْمَالِ): ئاللاھ تائالا ھەربىر بەندىگە ئىككى پەرىشتەنى مۇئەككەل قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى – يامان پۈتۈن ئىشلىرىنى نامەئى ئەئمالىغا خاتىرىلەيدۇ ۋە ئۇ ۋاپات بولغاندا دەپتەرنى پېچەتلەيدۇ. قىيامەت كۈنى ھەربىر ئىنسان نامەئى ئەئمالى بويىچە ھېساب بېرىدۇ. ئۇنىڭغا: ﴿نامەئى ئەئمالىڭنى ئوقۇغىن!﴾(17/«ئىسراﺋ»: 14) دېيىلىدۇ. ﴿نامەئى ئەئمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ. ئۇ (جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال – خۇرام قايتىدۇ. نامەئى ئەئمالى ئارقا تەرىپىدىن (سول قولىغا) بېرىلگەن ئادەم ‹ۋايداد!› دەپ توۋلايدۇ، دوزاخقا كىرىدۇ﴾(84/«ئىنشىقاق»: 7 – 12). قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 992 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

نەبىز (النَّبِيْذُ): ئەرەبچىدە «تاشلىماق، سالماق ۋە چۆرىمەك» مەنىسىدىكى نەبز (النَّبْذُ) كەلىمەسىدىن «تاشلانغان» مەنىسىدە تۈرلەنگەن بولۇپ، «تاشلانغان نەرسە، چۈلە، شەربەت» دېگەن بولىدۇ. فىقھ ئىستىلاھىدا: «سۇغا خورما ياكى قۇرۇق ئۈزۈم، ياكى گۈلە – قاق، ياكى ھەسەل، ياكى بۇغداي، ياكى ئارپا، ياكى شۇنىڭدەك نەرسىلەر تاشلىنىپ ياسىلىدىغان چۈلە» بولۇپ، بۇ سۇ بىر ياكى ئىككى كۈن ئۆتسە تاشلانغان نەرسىنىڭ تەمى چىقىپ ھالال شېرىن شەربەت بولىدۇ. ئۈچ كۈندىن ئۆتۈپ كەتسە ئېچىپ ھاراققا ئايلىنىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 19/260، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 444 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996.

نەجد (النَّجْدُ): ئەرەبچىدە «ئېگىزلىك، تۆپىلىك» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى تىھامە ئويمانلىقىنىڭ ئۈستىدىكى تاكى ئىراققا قەدەر ئېگىز ئىقلىمىدۇر. قەدىمدە مەدىنەگە شەرقتىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايلار «نەجد» دېيىلەتتى. كۈنىمىزدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان رايون بولۇپ، رىياد، قەسىيم، سۇدەير ۋە ھائىل رايونلىرى، شۇنداقلا مەككە مۇكەررەمە رايونىنىڭ شەرقىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 13/47؛ مۇھەممەد مۇھەممەد ھەسەن شۇرراب: «الْمَعَالِمُ الْأَثِيْرَةُ فِي السُّنَّةِ النَّبَوِيَّةِ (پەيغەمبەر سۈننىتىدىكى ئېسىل جايلار)»، 286 – بەت، دارۇلقەلەم، دەمەشق، م. 1991.

نەردەشىر/نەرد (النَّرْدَشِيرُ/النَّرْدُ): ئوتتۇرا فارسچە سۆز بولۇپ، تاختە نەرد دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كىتابنىڭ ئەرەبچە تېكىستىدە «نەرد» ۋە «تاۋلە» دەپ يېزىلغان بولۇپ، ئىككىلىسى بىر ئويۇننىڭ ئىسمىدۇر (تۈركىيەدە ئومۇملاشقان «Tavla» ئويۇنى. بۇ ئويۇندا بىر ياكى ئىككى شىشىخال (زار) تاشلىنىپ چۈشكەن شەكلىگە قاراپ تاشلار ئورنىدىن يۆتكىلىدۇ، ئۇتۇش – ئۇتتۇرۇش تەلەيگە باغلىق. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 322 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

نەزر (النَّذْرُ): ئەرەبچىدە: «ئۈستىگە ئېلىۋېلىش ۋە ۋاجىب قىلىۋېلىش» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «كىشىنىڭ شەرىئەت ئۇنىڭغا ۋاجىب قىلمىغان بىر ئىشنى ئۆز ئىختىيارى ۋە ئېغىزى بىلەن ئۆزىگە ۋاجىب قىلىۋېلىشى»دىن ئىبارەت. مەسىلەن: «مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن 3 كۈن روزا تۇتىمەن»، «مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن مېڭىپ بېرىپ ھەج قىلىمەن» دېگەندەك. نەزر قىلىش بىر قىسىم ئۆلىمالارنىڭ نەزەرىدە «مۇستەھەب»، يەنە بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە «مەكرۇھ»تۇر. ئەمما، نەزر قىلغان ئەمەلنى ئادا قىلىش مۇمكىن بولسا، ئۇنى ئادا قىلىشى ھەقتائالانىڭ: ﴿ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن﴾(22/«ھەج»: 29) دېگەن ئەمرى بويىچە ھەممە ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا «ۋاجىب». ئادا قىلىشى مۇمكىن بولمىسا ياكى گۇناھ – مەئسىيەت قىلىشنى نەزر قىلغان بولسا، ئۇنى ئادا قىلماي ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگىنىدەك قەسەم كەففارىتى بېرىشى كېرەك. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 40/136 – 152، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1388 – 1389 – بەتلەر، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003.

نەزىر (النَّظِيْرُ/Nadir): ئەرەبچە نظير (naẓīr) دىن كەلگەن خەلقئارالىق ئاسترونومىك ئاتالغۇ بولۇپ، مەلۇم بىر يەردە، گورىزونتال (ياتاي) يۈزگە تىك ھالدا تۇرغاندا، شۇ يەرنىڭ دەل ئاست تەرىپىنى كۆرسىتىدىغان، يەنى يەرنىڭ تارتىش كۈچىگە قارىتا تىك يۆنىلىشتۇر. قاراڭ: «ئوكسفورت ئىنگىلىز تىلى لۇغىتى»، 2003 نەشرى، Nadir ماددىسى.

نەس/نەسس (النَصُّ): ئەرەبچىدە «يۇقىرى كۆتۈرۈش، يۇقىرى چەك، ئىنتايىن ئوچۇق بايان ۋە ئىبارە» دېمەكتۇر. فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «باشقا مەنىگە ئاپارغىلى بولمايدىغان ئوچۇق كالام» بولۇپ، چۈشىنىلگەن ئاشۇ مەنىنى سۆزلىگۈچى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. يەنە «قۇرئان» ۋە «سۈننەت»تىن بولغان نەقلىي دەلىلگە، ھەتتا ئىجمائغىمۇ قوللىنىلىدۇ. كۆپلۈكى نۇسۇس (النُّصُوصُ). قاراڭ: جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 7/97، دارۇ سادەر، بېيرۇت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1695 – بەت؛ مۇھەممەد ئۇبەيدۇللاھ ئەلئەسئەدىي: «الْمُوْجَزُ فِيْ أُصُوْلِ الْفِقْهِ مَعَ مُعْجَمِ أُصُوْلِ الْفِقْهِ»، 137 – بەت، دارۇسسالام، 3 – باسمىسى، قاهىرە، ھ. 1442/ م. 2021.

نەفسى خاھىش (الْهَوَى): دېگىنىمىز «ئىنسان نەفسى خاھلايدىغان ۋە مايىل بولىدىغان نەرسىلەر» بولۇپ، بۇ ئىنساننىڭ ھاۋايى – ھەۋىسىگە ۋە پەس ئىچكى ئىنتىلىشلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردۇر. بۇلار ئىنساننىڭ ئۆزىنى، ئەبەدىيلىكنى ۋە نام – ئاتاقنى ياخشى كۆرۈشىگە ئالاقىدار بولغان ئارزۇ – ئىستەكلىرى دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدىغان ئىشلاردۇر. «قۇرئان»دا بۇنى «نەفسى خاھىش» دەپ ئاتىغاندۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 482 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

نەفلە (النَّفْلُ): «ئارتۇق، زىيادە، ھەدىيە» دېگەندەك مەنىلەردە بولۇپ، «پەرز ۋە ۋاجىبتىن باشقا مۇستەھەب، سۈننەت قاتارلىق تەرغىب قىلىنغان ئىبادەتلەر»نى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: بۇ سۆز نامازغا قارىتا ئېيتىلغاندا: «پەرز ۋە ۋاجىب نامازلاردىن ئارتۇق ناماز» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. زاكاتقا قارىتا ئېيتىلغاندا: «پەرز زاكاتتىن سىرتقى سەدىقەلەر»نى كۆرسىتىدۇ. روزىغا قارىتا ئېيتىلسا: «پەرز ۋە ۋاجىب روزىدىن سىرت تۇتقان روزىلار»نى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 5 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

نەقىيبۇلئەشراف (نَقِيْبُ الأَشْرَافِ): ئەرەبچىدە «شەرىفلەرنىڭ بېشى، ۋەكىلى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، «شەرىفلەر (الأَشْرَافُ)» ئاتالغۇسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نەۋرىسى ھەزرىتى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئارقىلىق نەسەبى تۇتىشىدىغان ئۇرۇق – ئەۋلادىنى كۆرسىتىدۇ. «نەقىيبۇلئەشراف (شەرىفلەرنىڭ بېشى)» ئاتالغۇسى بولسا ھىجرىيە 3 – ئەسىردىن باشلاپ رەسمىي ئۇيۇشما تۈسىنى ئېلىشقا باشلىغان ۋە كېيىنكى مەملۇكىيلار، ئوسمانىيلار دەۋرلىرىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرىدە تېخىمۇ مۇئەسسەسەلەشكەن «شەرىفلەر ئۇيۇشمىسى (نِقَابَةُ الأَشْرَافِ)»نىڭ رەئىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئوسمانىيلار دەۋرىدە مىسىردىكى «شەرىفلەر ئۇيۇشمىسى» ئىستانبۇلدىكى ئۇيۇشمىغا تەۋە ئىدى. خىلافەت ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئىستانبۇلدا ئەمەلدىن قالغان بولسىمۇ، مىسىر ۋە بەزى ئەرەب ئەللەردە كۈنىمىزگە قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەزكۇر ئۇيۇشما ئىسلام دەۋىتىگە خىزمەت قىلىش، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇرۇق – ئەۋلادى بولمىش جىمى ئەھلى بەيتنىڭ ھەقلىرىنى، نەسەبىنى قوغداش، تىزىملاش ۋە تەتقىق قىلىشنى، ئەھلى بەيتنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇشىنى، شۇنداقلا ئېسىل ئەخلاق پەزىلەتتە ئۈلگە بولۇشنى نىشان قىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 155 – بەت، مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مەجلىسى، قاهىرە، ھ. 1424/ م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «نەقىيبۇلئەشراف» ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ، 32/322 – 324، ئىستانبۇل، م. 2006.

نەمىرە (النَّمِرَةُ): ھەرەمنىڭ بىر تەرىپى بىلەن ئەرافاتنىڭ بىر تەرىپىگە جايلاشقان ھەرەمنىڭ سىرتىدىكى بىر جاي. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 9/301، ئەتتىبائەتۇل مۇنىيرىييە، قاھىرە/ دارۇلفىكر، بېيرۇت، نەشر يىلىسىز. ۋادى ئۇرانەگە جايلاشقان نەمىرەدە ھىجرىيە 2 – ئەسىردە، ئابباسىيلار دەۋرىدە بىر مەسجىد قۇرۇلغان بولۇپ، زۇلھەججەنىڭ 9 – كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە مۇناسىپ ھالدا پېشىن ۋە ئەسىر نامازلىرى ئوقۇلىدىغان «مەسجىدى نەمىرە» نىڭ قىبلە تەرىپىدىكى بىر قىسمى ئەرافات سىرتىدادۇر.

نەۋﺋ (النَوْءُ): ئەرەبچىدە «تۇرماق، چىقماق ۋە چۈشمەك» مەنىسىدە بولۇپ، جاھىلىيەتتىكى ئەرەبلەر ئېتىقادىدا 28 يۇلتۇزدىن بىرەرسى تاڭ ئاتقاندا كۈن پېتىش تەرەپكە پېتىشى بىلەنلا يەنە بىر يۇلتۇزنىڭ كۈنچىقىشتىن چىقىشى «نەۋﺋ» دەپ ئاتىلاتتى. ھەربىر يۇلتۇز 13 كۈن ئەتراپىدا چىقىپ، يىل ئاخىرىغىچە ھەممىسى چىقىپ بولاتتى. يۇلتۇزغا ياندىشىپ كۆپىنچە شامال، جۇدۇن ۋە يامغۇرلار بىللە كېلەتتى. بۇلارنى بەزى ئەرەبلەر پاتقان يۇلتۇزغا نىسبەت بەرسە، يەنە بەزىلىرى چىققان يۇلتۇزغا نىسبەت بېرىشەتتى ۋە: «پالانى يۇلتۇز چىققانلىقتىن يامغۇر ياغدى» دېيىشەتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىس شەرىفتە ئۇلارنى بۇنداق خاتا ئېتىقادتىن توسۇشىنىڭ بائىسى شۇدۇر. دەرۋەقە، يامغۇرنىڭ ياغدۇرغۇچىسى بىرەر يۇلتۇز دەپ ئېتىقاد قىلسا كافىر بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن، يامغۇرنى تەبىئەت ئىلمى ۋە تەجرىبىگە ئاساسەن چۈشەنسە كافىر بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ نوقۇل تەبىئەت ھادىسىسىگە باغلىۋېلىش نېئمەتكە تانغانلىق مەنىسىدىكى كۇفۇر بولۇپ، شۇ بويىچە چۈشەندۈرۈش مەكرۇھتۇر. چۈنكى، ھەدىستىكى كۇفۇر شىرككىمۇ، نېئمەتكە تېنىشقىمۇ ئومۇم كەلگەندۇر. قاراڭ: قازى ئىياز: «مەشارىقۇل ئەنۋار»، 2/31؛ ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 2/524.

نۇسەيرىيلەر (النُّصَيْرِيَّة): «ئاللاھ تائالا ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ سۈرىتىدە كۆرۈنگەن» دەپ قارايدىغان (ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر)، مەھرەم تۇغقانلار بىلەن نىكاھلىنىشنى مۇباھ سانايدىغان، قىيامەتتە قايتا تىرىلىش ۋە ھېساب بېرىشنى ئىنكار قىلىدىغان، ناماز، روزا ۋە ھەج قاتارلىق پەرزلەرنى باشقىچە بۇرمىلاپ چۈشىنىدىغان بۇزۇق ئەقىدىلىك بىر شىئە تائىپىسى. ئەگەشكۈچىلىرى ھازىر شامدا ياشايدۇ. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 195 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443/م. 2022.

نىساب (النِّصَابُ): ئەرەبچىدە «ئەسل، يىلتىز؛ قايتىدىغان جاي؛ دەستە» دېگەن مەنىلەردە. فىقھ ئىستىلاھىدا: زاكات نىسابى (نِصَابُ الزَّكَاةِ): «زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن مال – مۈلك»تىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ مىقدار (يەنى نىساب) غا يەتمىگەن مالغا زاكات كەلمەيدۇ.. بۇ زاكىتىنى ئايرىيدىغان مالنىڭ تۈرىگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. يەنە «ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىشتىكى مال – مۈلك ئۆلچىمى (نِصَابُ الْقَطْعِ فِي السَّرِقَةِ)»نىمۇ كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 40/318، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 451 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1696 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

نىكاھى مۇتئە (نِكَاحُ الْمُتْعَةِ): ئەرەبچىدە «بەھرىمەن بولماق، مەنپەئەتلەنمەك ۋە ھۇزۇرلانماق» دېگەن مەنىلەردىكى «مۇتئە» كەلىمەسىگە ئىزافەت قىلىنغان ۋاقىتلىق نىكاھ بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: «بىر ئەرنىڭ بىر ئايالغا مەلۇم ھەق بەدىلىگە بىر كۈن ياكى بىر ھەپتە، ياكى بىر ئاي دېگەندەك ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشنى ئىپادىلەپ نىكاھلىنىشى»دىن ئىبارەت. بۇ خىل نىكاھ ئىناۋەتسىز بولۇپ، ماھىيەت جەھەتتىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىپادىلىمىگەن «ۋاقىتلىق نىكاھ (النِّكَاحُ الْمُؤَقَّتُ)»دىن پەرقى يوقتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر غازىتى كۈنى ئاياللارغا مۇتئە نىكاھلىنىشنى چەكلىۋەتكەن. قاراڭ: جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مەنزۇر ئەلئىفرىيقىي: «لىسانۇلئەرەب»، 8/328، دارۇ سادەر، بېيرۇت؛ «سەھىھۇلبۇخارىي»، (4216)؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 458 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1722 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017.

Please follow and like us:
Exit mobile version