غايەتۇل مەرام (‹ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام› ھەدىسلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەخرىج قىلىش / غَايَةُ المَرَامِ فِي تَخْرِيجِ أَحَادِيثِ الْحَلاَلِ وَالْحَرَامِ): مەرھۇم شەيخ مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئالبانىي تەرىپىدىن ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىينىڭ «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» ناملىق ئەسىرى (قولىڭىزدىكى ئەسەرنىڭ تۇنجى نەشرى) دە كەلتۈرۈلگەن ھەدىسلەرنىڭ (500 ئەتراپىدا) سەنەدلىرىگە باھا بېرىپ، 1980 – يىلى يازغان بىر توملۇق كىتابى بولۇپ، ئۇنى شامدىكى «ئەلمەكتەبۇل ئىسلامىي» نەشرىياتى قايتا – قايتا نەشر قىلغان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 643 – بەت.
فاسىد (الْفَاسِدُ): ئەرەب تىلىدا «بۇزۇق، ئىناۋەتسىز ۋە ناتوغرا» دېگەنلىك بولۇپ، فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا مەزھەبلەرگە قاراپ پەرقلىق ئىشلىتىلىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ئىبادەت ياكى توختاملاردىن ھېچبىر نەتىجىسى ۋۇجۇدقا چىقمايدىغان ئىناۋەتسىز بولغىنىدۇر. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بۇ ئاتالغۇ مەيلى مۇئامىلات مەسىلىلىرىدە بولسۇن، مەيلى ئىبادەت مەسىلىلىرىدە بولسۇن «ئىناۋەتسىز (الْبَاطِلُ)» بىلەن ئوخشاش. ھەنەفىي مەزھەبنىڭ قارىشىدا ئەسلى يوللۇق، ئەمما بىرەر سۈپىتى ناتوغرا بولغان ئىش بولۇپ، جازانە توختاملارمۇ ئۆسۈم سەۋەبلىك فاسىد توختاملار قاتارىدىندۇر. ئۆسۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، توختام توغرا بولۇپ كېتىدۇ. ھەنەفىي مەزھەبنىڭ قارىشىدا ھەجدىن باشقا ئىبادەت مەسىلىلىرىدە «فاسىد (الْفَاسِدُ)» بىلەن «ئىناۋەتسىز (الْبَاطِلُ)» ئوخشاش مەنىدە. ئۇلار «‹فاسىد (الْفَاسِدُ)›نى ‹ئىناۋەتسىز (الْبَاطِلُ)› بىلەن ‹سەھىھ (الصَّحِيْحُ)› ئوتتۇرىدا» دەپ قارايدۇ. لېكىن، ھەممەيلەن: «بۇ شەرىئەتتە چەكلەنگەن، ئۇنىڭغا تۇتۇش قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇنى بىكار قىلىۋېتىش كېرەك» دەپ قارايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 9/98؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1194 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
فالۇزەج (فَالُوْذَج): ئۇن بىلەن ھەسەلدىن يۇغۇرۇلۇپ پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل ئېسىل تاتلىق تۈرمە. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 2/700.
فەتھۇلبارىي (فَتْحُ الْبَارِي بِشَرْحِ صَحِيحِ الْبُخَارِيِّ): ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس ۋە شافىئىي فەقىھ شىھابۇددىن ئەبۇلفەزل ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھەجەر ئەلئەسقەلانىي (ھ. 773 – 852 / م. 1371 – 1449) تەرىپىدىن ئىمام بۇخارىينىڭ «جامىئۇسسەھىھ»ىگە يېزىلغان مۇكەممەل شەرھ بولۇپ، مۇئەللىف ئۇنى 25 يىلدا (ھ. 817 – 842 / م. 1414 – 1439) تاماملىغان. مۇئەللىف مەزكۇر شەرھنى يېزىشتا ئىلگىرىكى شەرھلەرنى خۇلاسىلىگەن ۋە ئۆزىدىن بۇرۇنقى 1200 ئەسەردىن پايدىلانغان. ئالدى بىلەن ئەسىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ۋە ئىلمىي پىلانىنى بايان قىلىپ «ھۇدەسسارىي» نامىدا بىر مۇقەددىمە يازغان. ئاندىن ھەربىر ھەدىسنى ئىزاھلاشقا باشلاپ، ئالىملار ئىتتىپاق قىلغان ياكى قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەرنى فىقھىي تەتقىقات ۋە تەرجىھلىرى بىلەن بايان قىلغان. «سەھىھۇل بۇخارىي»نىڭ قوليازما نۇسخىلىرىدىكى ۋە ئاغزاكى رىۋايەتلىرىدىكى پەرقلەرنى سېلىشتۇرغان. ئۆزى كەلتۈرگەن ھەدىسلەرگە سەھىھلىك جەھەتتىن باھا بەرگەن. ئەقىدە، تەفسىر، ھەدىس، فىقھ، تارىخ، تىل، قىرائەت، ئەدەبىيات، تېبابەت ۋە باشقا تۈرلۈك ئىلىملەرگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە چوڭقۇر ۋە قىممەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. ھەر بۆلۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇ بۆلۈمدىكى ھەدىسلەرنىڭ ئىمام مۇسلىمنىڭمۇ ھەم «جامىئۇسسەھىھ»ىدە رىۋايەت قىلغىنى، تەكرارلانغىنى ۋە ئومۇمىي سانىنى بايان قىلىپ خاتىمە يازغان. ئەسەرنىڭ ئىسمى ئىمام زەينۇددىن ئىبنى رەجەب ئەلباغدادىي (ھ. 736 – 795 / م. 1336 – 1393) نىڭ شۇ نامدا تاماملىيالمىغان بىر ئەسىرىگە ۋە مۇئەللىف ھافىز ئىبنى ھەجەرنىڭ ئۇستازى مەجدۇددىن فەيروزئابادىي (ھ. 729 – 817 / م. 1329 – 1415) نىڭ قەلىمىگە ئائىت شۇ ناملىق ئەسىرىگە ئىشارە سۈپىتىدە «فەتھۇلبارىي» دەپ ئاتالغان. ئەڭ سۈپەتلىك نەشرى 1958 – يىلى شەيخ مۇھىببۇددىن ئەلخەتىب (ھ. 1305 – 1389 / م. 1886 – 1969) تەرىپىدىن تەييارلىنىپ 1959 – يىلى قاھىرەدە «ئەلمەكتەبەتۇسسەلەفىييە» تەرىپىدىن 12 تومدا بېسىلغان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 642 – بەت.
فەرەق (الْفَرَقُ): سۆزلۈكتە «ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىش» مەنىسىدىكى فەرق / پەرق تومۇرىدىن كەلگەن ئەرەبچە بىر ئىسىم بولۇپ، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ھىجاز، يەمەن ۋە مىسسوپوتامىيەدە سۇ، ھەسەل، سۈت ۋە ئاشلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەجم / سىغىمىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بىرلىكىدۇر. ھەدىسلەردە كەلگەن، پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ دەۋرىدە مەدىنەدە قوللىنىلغان فەرەق «شەرئىي فەرەق» ياكى «مەدىنە فەرەقى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بەزى ھەدىسلەردە بېرىلگەن يىپ ئۇچلىرى ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئاساسەن، بىر فەرەق 3 ساﺋ ياكى 12 مۇد ۋەياكى 16 رىتلغا، يەنى تەخمىنەن 8.26 لىتىر سۇ، 6.5 كىلوگرام ئاشلىققا تەڭدۇر. قاراڭ: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 12/164، م. 2012؛ دوكتور ئەلى ﺟﯜﻣﯜئە: «المكاييل والموازين الشرعية (شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار)»، 45 – بەت، «دارۇلقۇدۇس نەشرىياتى»، قاھىرە. م. 2021.
فەرسەخ / فەرسەنگ (الْفَرْسَخُ / پرسنگ): ئەسلى «ئارام ئالماق، جىمىماق، ئارىلىق، بىر مۇددەت ۋاقىت ۋە مۇساپە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان فارسچە «پرسنگ» كەلىمەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۈچ مىلغا ياكى 1200 گەزگە يەنى 5565 مېتىرغا باراۋەر كېلىدىغان قەدىمكى ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمىدۇر. ئادەتتە يولۇچى شۇنچىلىك مۇساپىنى ماڭغاندىن كېيىن بىر ئارام ئالىدىغان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. قاراڭ: ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 3/44؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 38/321.
فەرﺋ، كۆپلۈكى فۇرۇﺋ ۋە فۇرۇئات (الْفَرْعُ، الفُرُوعُ): ئەرەب تىلىدا: «بىرنەرسىنىڭ يۇقىرى قىسمى، يەنى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىن (يىلتىزىدىن) ئۆرلەپ چىققان شاخ» دېمەكتۇر. فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «قىياس قىلىنىدىغان ھۆكۈم (ئورتاق جەملەيدىغان بىر سۈپەت بولغانلىقتىن) ئۆتىدىغان (قىياس قىلىنغۇچى) شەيئىنى؛ ئاتا – بوۋىغا نىسبەتەن پەرزەنتنى؛ تۈپ مەسىلىدىن شاخلاپ چىققان فىقھىي مەسىلە»نى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 32/98؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1205 – بەت، «ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﭼﯩﺴﻰ»، ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ، ﺭﯨﻴﺎﺩ، ﻡ. 2017.
فەمىي بىشەۋق (فمي بشوق): سەلەف سالىھلەرنىڭ «قۇرئان»نى تامام قىلىش ئادىتى بىر – بىرىدىن پەرقلىنەتتى. نۇرغۇنلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ھەر يەتتە كۈندە بىر قېتىم تاماملايتتى. «ئاغزىم ئىشتىياق بىلەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بۇ جۈملە ساھابە كىراملاردىن بەزىلىرىنىڭ «قۇرئان»نى يەتتە كۈنگە بۆلۈپ، ھەپتىدە بىر خەتم قىلىش ئۇسلۇبىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ھەربىر ھەرپ كۈندىلىك تىلاۋەت ۋەزىپىسى باشلىنىدىغان سۈرىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ تەرىقىدە «قۇرئان» مۇنداق يەتتە «مەنزىل»گە بۆلۈنىدۇ:
بىرىنچى كۈنى «ف» يەنى 1/«فاتىھە»دىن باشلاپ 4/«نىساﺋ»نىڭ ئاخىرىغىچە؛
ئىككىنچى كۈنى «مىم» يەنى 3/«مائىدە»دىن باشلاپ 9/«تەۋبە»نىڭ ئاخىرىغىچە؛
ئۈچىنچى كۈنى «يا» يەنى 10/«يۇنۇس»تىن باشلاپ 16/«نەھل»نىڭ ئاخىرىغىچە؛
تۆتىنچى كۈنى «بە» يەنى 17/«بەنى ئىسرائىل (ئىسراﺋ)»دىن باشلاپ 25/«فۇرقان»نىڭ ئاخىرىغىچە؛
بەشىنچى كۈنى «شىين» يەنى 26/«شۇئەراﺋ»دىن 36/«ياسىن»نىڭ ئاخىرىغىچە؛
ئالتىنچى كۈنى «ۋاۋ» يەنى «ۋەسساففات (37/«ساففات»)»تىن 49/«ھۇجۇرات»نىڭ ئاخىرىغىچە؛
يەتتىنچى كۈنى «قاف» يەنى 50/«قاف»تىن 114/«ناس»نىڭ ئاخىرىغىچە.
قاراڭ: مۇھەممەد ئەمىمۇل ئېھسان ئەلبەركەتىي: «قەۋائىدۇلفىقھ»، 218 – بەت، «سەدەف نەشرىياتى»، كاراچى، م. 1986؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 461 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996؛ ئەمر سۈبھى ئەششەرقاۋىي: «قۇرئانغا تەلپۈنگەن يۈرەك»، ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇرراززاق رەجەب، «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»، 74 – بەت.
فۇرۇئات ئىلمى (عِلْمُ الفُرُوْعُ): فۇرۇئات كەلىمەسى ئەرەب تىلىدا: «ئەسلى (يىلتىزى) دىن ئۆرلەپ چىققان شاخلار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: «ئەمەلگە ئالاقىدار شەرئىي ئەھكاملارنى تەپسىلىي دەلىللىرىدىن بىلىش كۆزلىنىدىغان، دىننىڭ ئەسلى (ئۇسۇلۇددىن) بولمىش تەۋھىد ۋە ئەقىدە ئۈستىگە قۇرۇلغان ‹فىقھ ئىلمى (عِلْمُ الْفِقْهِ)› دەپ تونۇلغان ئىلىم»نى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 32/98؛ سىددىق ھەسەنخان ئەلقىننەۋجىي: «أبجد العلوم (ئەبجەدۇل ئۇلۇم)»، 2/329، «دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە»، بېيرۇت.
فىتنە (الْفِتْنَةُ): ئەرەبچىدە: «ئېغىر سىناق، ئىمتىھان، مەپتۇن بولماق، تېڭىرقىماق، تاۋلىماق ۋە كۆيدۈرمەك» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: «ئىنساننىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان سىناق، جۈملىدىن ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنى تۈرلۈك نېئمەت ياكى بالا – مۇسىبەت، مال – دۇنيا ياكى پەرزەنتلەر بىلەن تاۋلىشى؛ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا ئىختىلاپلىشىشى، مالىمانچىلىقى، ئۇرۇشۇشلىرى، توغرا يولدىن توسۇلۇشى، ئازدۇرۇلۇشى، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيالماسلىقى؛ شىرك، كۇفۇر، نىفاق، گۇناھ – مەئسىيەت، شۇنداقلا ھايات – ماماتلىق سىنىقى، مەسىھ دەججال سىنىقى، قەبر سىنىقى قاتارلىق ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن سىناقلار»دىن ئىبارەت. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 2/673؛ ئەبۇلبەقاﺋ ئەلكەفەۋىي: «ئەلكۇللىييات»، 1097 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 1199 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
فىرئەۋن (فِرْعَوْنُ): قەدىمكى مىسىر پادىشاھلىرىنىڭ نامىدۇر. بۇ يەردە مۇسا ئەلەيھىسسالام زامانىدىكى فىرئەۋن كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 264 – بەت.
فىسق / فىسقۇفۇجۇر (الْفِسْقُ / الْفِسْقُ وَالْفُجُورُ): ئەرەب تىلىدا: «بىرنەرسىنىڭ بىرنەرسىدىن بۇزۇقلۇق بىلەن چىقىشى، ھەق يولدىن، دىندىن ۋە ئىتائەتتىن چىقىش» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، شەرىئەتتە: «تەئۋىل قىلماستىن قەستەن چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلىش ۋە كىچىك گۇناھلارنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت. شۇڭا، فىسق بەزىدە كۇپۇر ۋە شىركنى، بەزىدە باشقا گۇناھنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋەجدىن ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان مۇسۇلمان كىشىگە، شۇنداقلا كەڭرەك مەنىدە ئېيتقاندا كۇپۇرلۇق بىلەن ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان كافىرغىمۇ «فاسىق» دېيىلىدۇ. لېكىن، كۆپىنچە شەرىئەتنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن ئاندىن جىمى ياكى قىسمەن ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلمىغان ئاسىي مۇسۇلمان مەقسەت قىلىنىدۇ. قاراڭ: قازى ئەھمەدنەكرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ»، 3/22؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1209 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 32/140.
فىقھ / فىقھ ئىلمى (عِلْمُ الْفِقْهِ): ئەرەب تىلىدا: «چۈشەنمەك، چۈشىنىپ يەتمەك ۋە بىلمەك» دېگەنلىك بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: «ئەمەلگە ئالاقىدار شەرئىي ئەھكاملارنى تەپسىلىي دەلىللىرى بولمىش ‹قۇرئان كەرىم›، سۈننەت، ئىجماﺋ ۋە قىياس ئارقىلىق بىلىش كۆزلىنىدىغان ئىلىم»نى كۆرسىتىدۇ. «شەرئىي ئەھكاملار» شەرئىي ھۆكۈمنىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەردىن قىلىشنى ياكى تەرك ئېتىشنى تەلەپ قىلغان ياكى ئىختىيارلىقنى بەرگەن ۋاجىبلىق، ھاراملىق، مۇستەھەبلىك، مەكرۇھلۇق ۋە مۇباھلىقتىن ئىبارەت خىتابىدۇر. بۇ ۋەجدىن فىقھ مۇكەللەفنىڭ ھاياتنىڭ جىمى ساھەلىرىدىكى بارلىق قىلىم – ئېتىملىرىنى شەرئىي ھۆكۈم بىلەن ئەمەلىي ئەھۋالنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىش ئاساسىدا «بۇيرۇلغان ئىش / ۋاجىب، مۇستەھەب» ياكى «چەكلەنگەن ئىش / ھارام، مەكرۇھ» ياكى «ئىختىيارلىق بېرىلگەن ئىش / مۇباھ» دەپ سۈپەتلەيدۇ. فىقھ ئىلمى دىننىڭ ئەسلىسى بولمىش تەۋھىد ۋە ئەقىدە ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچقا، «فۇرۇئات ئىلمى (عِلْمُ الفُرُوْعِ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 32/193؛ سىددىق ھەسەنخان ئەلقىننەۋجىي: «أبجد العلوم (ئەبجەدۇل ئۇلۇم)»، 2/329، «دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە»، بېيرۇت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «موسوعة التشريع الإسلامي (ئىسلام قانۇنى چىقىرىش ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 258 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى»، قاهىرە، م. 2006.
قادىسىييە ئۇرۇشى (مَعْرَكَةُ الْقَادِسِيَّةِ): ھ. 15 – يىلى بارات ئاي / م. 636 – يىلى سېنتەبىردە ئىراقنىڭ كۇفە شەھرىگە 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قادىسىييەدە سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قوماندانلىقىدىكى 30 مىڭ كىشىلىك مۇسۇلمانلار قوشۇنى بىلەن رۇستەم قوماندانلىقىدىكى 120 مىڭ كىشىلىك فارس قوشۇنى ئوتتۇرىدا يۈز بەرگەن، مۇسۇلمانلارغا شىمالىي ئىراق ۋە ئىراننىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچقان 4 كۈنلۈك مەيدان ئۇرۇشىدۇر. بۇ ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلار غەلىبە قىلغان ۋە رۇستەم ئۆلتۈرۈلگەن. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 588 – بەت.
قازايى – قەدەر (الْقَضَاءُ وَالْقَدَرُ): ئەرەب تىلىدا: «‹قازا› كەلىمەسى ھۆكۈم قىلىپ ئايرىش، قەرزنى ئادا قىلىش، پۈتۈش ۋە پۇختىلاشنى، ‹قەدەر› كەلىمەسى ئۆلچەش ۋە پۇختا بېكىتىش»نى بىلدۈرىدۇ. مۇتەكەللىملەر ئىستىلاھىدا: «‹قازا› ئاللاھ تائالانىڭ يۈز بەرگەن ۋە يۈزبەرمەكچى بولغان ھەرقانداق ھادىسىلەرنى ئالدىنئالا بىلگەن ئەزەلىي ئىلمىنى ۋە ئۇ ئىلىمنى لەۋھۇلمەھفۇزغا يېزىشنى، ‹قەدەر› ئەزەلدىن بىلگەن ۋە يازغان (پۈتكەن) ئىشنى ئۆزى خاھلىغان ۋە ئىرادە قىلغان ۋاقىتتا ۋۇجۇدقا چىقىرىشى»نى كۆرسىتىدۇ. قازايى – قەدەر ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ 6 – ئاساسى بولۇپ، مۇسۇلماننىڭ ئىمانى ئۇنىڭسىز تولۇق بولمايدۇ. قازايى – قەدەر يارىتىشتىكى ئىلاھىي ھېكمەت ۋە ئادالەتكە چېتىشلىق بولغاچقا، ئىنسانىيەت ئەقلى ئۇنى چۈشىنىشتە تارىختىن بۇيان تېڭىرقىغان، بىر قىسىم ئالىملار بۇ ھەقتە دەتالاش قىلىشنى خاھلىمىغان ۋە ئاللاھنىڭ قازايى – قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن كۇپايىلەنگەن. يەنە بىر قىسىم ئالىملار ئۇنىڭدا كەڭ كۆلەمدە بەس – مۇنازىرە ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان ۋە بۇ سەۋەبتىن تۈرلۈك پىرقىلەر ئوتتۇرىغا چىققان. ھەدىسلەردە ئۇنىڭغا ئىشىنىش ۋە بۇ ھەقتە دەتالاش قىلماسلىق كېرەكلىكى جېكىلەنگەن. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ العَقِيدَةِ الْإِسْلَامِيَّةِ (ئىسلام ئەقىدىسى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 930 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2010؛ «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) ، 24/53 – 63، م. 2012.
قەدر كېچىسى/ شەبى قەدر (لَيْلَةُ الْقَدْرِ): «قەدر» كەلىمەسى ئەرەب تىلىدا: «قەدر – قىممەت، مىقدار، ئۇلۇغلىماق، كۈچى يەتمەك ۋە تارايتماق» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، شەرىئەتتە: «رامازاننىڭ ئاخىرقى ئونىدىكى تاق كېچىلەردە كېلىدىغان شەرەپ ۋە پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغان، يىلنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ پەزىلەتلىك، مۇبارەك كېچە»دۇر. چۈنكى، ئۇ كېچە ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا قەدر – قىممەتلىك ۋە مەرتىۋىلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا «قۇرئان كەرىم» نازىل بولغان ۋە 97 – سۈرە مۇشۇ ئىسىم بىلەن «قەدر» دەپ ئاتالغان. پەرىشتىلەر ۋە جىبرىل (ئەلەيھىسسالام) شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (زېمىنغا ئاللاھ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ. ئۇ كېچىدە شۇ بىر يىللىق ئىشلار ۋە رىزىقلار بېكىتىلىدۇ. ئۇ كېچىدە زېمىنغا پەرىشتىلەر پاتماي قالىدۇ. شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ – ئامانلىق بولىدۇ. ئۇنىڭدا بەرىكەت، رەھمەت ۋە مەغفىرەت ياغىدۇ. ئۇ كېچىنى تائەت بىلەن ئۆتكۈزگەنلەر قەدر – قىممەتلىك بولىدۇ. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/255؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1386 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
قەدىم (الْقَدِيْمُ): ئەرەبچىدە: «كونا، قەدىمكى، بۇرۇنقى ۋە پەيدا بولغىنىغا ئۇزۇن زامان بولغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مۇتەكەللىملەر ئىستىلاھىدا ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ: بىرى، «مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئىپتىداسى (باشلىنىشى) يوق، ئۇندىن بۇرۇن يوقلۇق بولمىغان، ئەزەلدىن مەۋجۇد نەرسە». يەنە بىرى، «مەۋجۇدلۇقى باشقا بىرنەرسىدىن بولمىغان ياكى مەۋجۇد بولۇشىدا باشقا بىرنەرسىگە موھتاج بولمىغان نەرسە» بولۇپ، بۇ «قَدِيْمٌ بِالذَّاتِ (ئۆزلۈكىدىن قەدىم)»دۇر. گەرچە «قەدىم» دېگەن سۈپەت ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىم – سۈپەتلىرىدىن بولمىسىمۇ، مۇتەكەللىملەر ﴿ئۇ ئىپتىداسى يوق، ئىنتىھاسىمۇ يوق زاتتۇر﴾(57/«ھەدىد»: 3) دېگەن ئايەت ۋە «ئاللاھ ئەزەلدە يالغۇز، يەككە – يېگانە ئىدى، ئاللاھتىن باشقا ھېچنەرسە ئۇنىڭ بىلەن مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. (يارىتىش باشلانغاندىن كېيىن) ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى. ئاندىن لەۋھۇلمەھپۇزغا كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنىڭ تەقدىرىنى يېزىپ، ئاسمان – زېمىننى ياراتقان»(«بۇخارىي»، 3191) دېگەنگە ئوخشىغان ھەدىس شەرىفلەر بىلەن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى قەدىم دەپ سۈپەتلىگەن. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 222 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1117 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
قەرمەتىيە (الْقَرَامِطَةُ): «قەرمەت» دەپ تونۇلغان ھەمدان ئىبنى ئەلئەشئەسكە نىسبەت بېرىلگەن تائىپە بولۇپ، ھ. 3 / م. 9 – ئەسىردە كۇفەدە پەيدا بولغان، پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىدىغان دەھرىي ئېتىقادتىكى زىندىقلاردۇر. ئۇلارنىڭ يىلتىزى شىئەلەرنىڭ باتىنىي پىرقىلىرىدىن بولغان ئىسمائىلىييە پىرقىسىگە تۇتىشىدۇ. بۇلار ئابباسىيلار دۆلىتىگە ئىسيان قىلىپ ئىسلام دۇنياسىدا نۇرغۇن مالىمانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
قەرزنى ئۇزارتىپ قايتا پىلانلاش (إِعَادَةُ جَدْوَلَةِ الدُّيُوْنِ / Debt Rescheduling): بۇ قەرزنى تۆلەش ئۇسۇلىنى قايتا بېكىتىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئادەتتە قەرزدار مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى قەرزىنى ۋاقتىدا تۆلىيەلمىگەن ئەھۋاللاردا مۇددەت ئۇزارتىلىپ تۆلەش قەرەللىرى قايتا بېكىتىلىدۇ ياكى يېڭىدىن قەرز بېرىلىدۇ. بۇ كۆپىنچە قەرزدارنىڭ تەلىپى بىلەن بولىدۇ. بۇ قەرزگە كېچىكىش سەۋەبلىك قېتىلغان تۆلەم بولغاچقا، مەيلى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ھۆكۈم قىلىنسۇن، مەيلى ئىككى تەرەپ رازىلىقى بىلەن بولسۇن، شەرىئەت ھارام قىلغان جازانىدۇر. قاراڭ: قرار «مجمع الفقه الإسلامي» التابع لرابطة العالم الإسلامي برقم : 104 (3/18)؛ «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، «شەرئىي ئۆلچەملەر ھەيئىتى (AAOIFI) »، المعيار الشرعي رقم 8. 216 – بەت.
قەرن / قەرنۇل مەنازىل (قَرْن / قَرْنُ الْمَنَازِلِ): بۇ جاي يەنە «قەرنۇل مۇبارەك»، «سەيلۇل كەبىر» دېگەن ناملاردىمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، يەمەن، تائىف ۋە نەجد تەرەپلەردىن مەككەگە كىرمەكچى بولغان ھاجىلارنىڭ مىيقاتىدۇر. مەككە بىلەن بولغان ئارىلىقى 80 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولغاچقا، بۇ ئىھرام باغلاش ئۈچۈن بېكىتىلگەن جايلارنىڭ ئىچىدە مەككەگە ئەڭ يېقىن كېلىدىغىنىدۇر. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 7/1371، «دارۇ مەككە نەشرىياتى»، مەككە، م. 2010؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 33/151.
قەۋلىي سۈننەت (السُّنَّةُ الْقَوْلِيَّةُ): پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزلىرىدىن ئىبارەتتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 25/266.
قۇباﺋ (قُبَاءٍ): مەككە – مەدىنە ئارىسىدىكى «ھىجرەت يولى» بويىغا جايلاشقان، مەدىنەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى باغۇ – بوستانلىق بىر مەھەللە بولۇپ، ئەنسارلاردىن ئەمر ئىبنى ئەۋف جەمەتىنىڭ تۇرالغۇسىدۇر. مەسجىدى نەبەۋىيدىن تۆت كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، ھازىر مەدىنە شەھەر ئىچىدەدۇر. ئىلگىرىرەك ھىجرەت قىلغان ساھابەلەر ئۇ يەردە ياشايدىغان ئەنسارلار بىلەن بىللە ئۇ يەردە بىر مەسجىد بىنا قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە ھىجرەت قىلىپ بارغىنىدا، ئۇ جايغا چۈشكەن ۋە ئۇ مەسجىدتە ناماز ئوقۇغان. ﺋﺎﻟﻼﮪ تائالا ئۇ مەسجىدنى: ﴿بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا تەقۋا ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد﴾(9/«تەۋبە»: 108) دەپ سۈپەتلىگەن بولۇپ، قۇباﺋ مەسجىدىنىڭ پەزىلىتى كۆپلىگەن ھەدىسلەردىمۇ بايان قىلىنغان. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 7/1347، «دارۇ مەككە نەشرىياتى»، مەككە، م. 2010؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 36/312.
قۇتبى مۇنار / ئىسلام كۈچى مەسجىدى (Qutb Minar / Quwwat-ul-Islam mosque): تۈرك سەركەردە ۋە دېھلى سۇلتانى قۇتبىددىن ئايبەگ تەرىپىدىن ھ. 589 / م. 1193 – يىلى ياسىلىشقا باشلىغان ۋە كېيىنكى سۇلتانلار تاماملىغان دېھلىدىكى ئېگىز مۇنارلىق، كاتتا بىر جامە. بۇ جامە ھېلىھەممۇ بار بولۇپ، بۇرۇن «دېھلى جامەسى» دەپ تونۇلغان بولسىمۇ، كېيىنچە «ئىسلام كۈچى مەسجىدى» دەپ ئاتالغان. كېيىن ئېگىزلىكى 250 قەدەم (80 مېتىر) كېلىدىغان مۇنارى بىلەن بىنا قىلغۇچىسىغا نىسبەت بېرىلىپ «قۇتبى مۇنار» دەپ مەشھۇر بولغان.
قۇنۇت (الْقُنُوْتُ): ئەرەبچىدە: «ئىتائەت قىلماق، ناماز ئوقۇماق، جىم تۇرماق، ئۆرە تۇرماق ۋە دۇئا قىلماق» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «پەرز، نەفلە ۋە ۋىتر نامازلىرىنىڭ ئاخىرقى رەكئەتىدە رۇكۇئدىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا»دۇر. ۋىتردا قۇنۇت ئوقۇش ئىمام ئەزەم نەزەرىدە ۋاجىبتۇر. شۇڭا تەرك قىلىنسا، سەجدە سەھۋى قىلىش كېرەك بولىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كېلىپ قالسا، بەش ۋاقىت نامازدا ئۈنلۈك قۇنۇت ئوقۇشقا بولىدۇ. قۇنۇتتا ھەدىستە كەلگەن دۇئالارنى ئوقۇش مۇستەھەب بولۇپ، ئۇنى بىلمەيدىغانلار خاھلىغانچە دۇئا قىلسا بولىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 34/57 – 68.
قىرات (الْقِيْرَاطُ): بىر خىل ئۆلچەم بىرلىكى بولغان قىرات مىسىر زېمىنىدا كۈنىمىزدىمۇ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بىر قىرات 200 مىللىگرامغا تەڭدۇر. قىرات ئەسلى قەدىمكى گرېكچىدىن مسىرلىقلارغا كىرگەن، مىسىر ئىسلام بىلەن شەرەپلەنگەندىن كېيىنمۇ بۇ ئۆلچەم بىرلىكى ئىزچىل قوللىنىلغان ۋە «القيراط» شەكلىدە ئەرەب تىلىغا يەرلەشكەن. كېيىن ئىتالىيانلار ئەرەبچىدىن «كاراتCarat / » شەكلىدە قوبۇل قىلغان، م. 15 – ئەسىردە ئىنگلىز تىلىغا كىرگەن. كۈنىمىزدە ئالماس ۋە باشقا قىممەتلىك تاش – جاۋاھىراتلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان «كارات» ئاتالغۇسى «القيراط»تىن كەلگەن. مىسىردا بولسا يەنىلا «قىرات» دەپ تەلەپپۇز قىلىنماقتا ۋە 24 لىك ئۆلچەم بويىچە ئالتۇننىڭ ساپلىقىنى ئۆلچەش (مەسىلەن، 24 قىراتلىق ئالتۇن 99.9% لىك ساپ ئالتۇننى، 18 قىرات 75% لىك ساپ ئالتۇننى كۆرسىتىدۇ. بۇ 24 گرام ئالتۇندا قانچە گرام ساپ ئالتۇن بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ)، زېمىن ۋە يەر كۆلىمىنى ئۆلچەش (بىر قىرات 175 كۋادرات مېتىرغا تەڭ) ۋە مىراس ياكى زېمىن تەقسىماتىدا (بىر قىرات، بىر پارچە زېمىننىڭ 24/1 ىنى كۆرسىتىدۇ) قوللىنىلىدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 401 – بەت.
قىسقا سۈرىلەر (الْمُفَصَّل): ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، بىرىنچىسى، «طِوَالُ الْمُفَصَّلِ» يەنى «قىسقا سۈرىلەرنىڭ ئۇزۇنراقلىرى» — 50/«قاف» سۈرىسىدىن 78/«نەبەﺋ» سۈرىسىگىچە بولغان سۈرىلەر. ئىككىنچىسى، «أَوْسَاطُ الْمُفَصَّل» يەنى «قىسقا سۈرىلەرنىڭ ئوتتۇراھاللىرى» — 78/«نەبەﺋ» سۈرىسىدىن 93/«زۇھا» سۈرىسىگىچە بولغان سۈرىلەر. ئۈچىنچىسى، «قِصَارُ الْمُفَصَّل» يەنى «قىسقا سۈرىلەرنىڭ قىسقىلىرى» — 93/«زۇھا» سۈرىسىدىن 114/«ناس» سۈرىسىگىچە بولغان سۈرىلەر. بۇلارنى بېكىتىشتە قىسمەن ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ھەنەفىي مەزھەب ئىماملىرى «49/‹ھۇجۇرات›تىن 85/‹بۇرۇج›غىچە بولغىنى ئۇزۇنراقلىرى، ئۇنىڭدىن باشلاپ ‹بەييىنە›گىچە بولغانلىرى ئوتتۇراھاللىرى، ئۇنىڭدىن باشلاپ 114/‹ناس›قىچە بولغانلىرى قىسقىلىرى» دەپ قارايدۇ. قاراڭ: سۇيۇتىي: «ئەلئىتقان فى ئۇلۇمىل قۇرئان»، 1/174؛ ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 3/368.
قىياس (الْقِيَاسُ): بىر مۇجتەھىدنىڭ نەزەرىدە ھۆكمى مەلۇم بولمىغان بىر مەسىلىگە ھۆكۈم سەۋەبى ئوخشاش بولغانلىقتىن باشقا بىر مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى تەتبىقلاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەرىقىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئىسلام شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ۋە ئىجمائدىن كېيىنكى تۆتىنچى ئاساسىدۇر. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 4 – بەت.
كاتولىك مەزھىبى (Catholicism): روما (رىم) دىكى ۋاتىكان پاپاسى روھانىي رەھبەرلىكىدىكى چېركاۋلارغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ مەزھىبى بولۇپ، خرىستىيان دىنىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ چوڭ مەزھىبىدۇر. مۇرتلىرى دۇنيا يۈزىدە تەخمىنەن 1 مىليارد 200 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدا ياشايدۇ. كاتولىكلەر ئىچىدە ۋاتىكان پاپاسىغا بىۋاسىتە قاراشلىق بولمىغان قىبتىي، مارۇنىي، سۈريانىي، ئەرمەنىي ۋە كەلدانىي قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق كاتولىك چېركاۋلىرىمۇ بار. كاتولىكلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىلاھلىق جەھەتتە ئاللاھ تائالا بىلەن تەڭ، روھۇلقۇددۇس ئۇ ئىككىسىدىن كېلىپ چىققان دەپ ئېتىقاد قىلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ دېگەنلىرىدىن پاكتۇر. ناسىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلقىفارىي: «الموجز في الأديان والمذاهب المعاصرة (ھازىرقى زامان دىن ۋە مەزھەبلىرى توغرىسىدا قىسقىچە بايان)»، 76 – بەت، «سۈمەيئىي نەشرىياتى». رىياد، م. 1992.
كارامەت (الكَرَامَةُ، الكَرَامَاتُ): ئەرەبچىدە «ئىززەتلەش، ھۆرمەتلەش، مەردلىك ۋە قولى ئوچۇقلۇق» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ئەقىدە ئىلمى ئىستىلاھىدا: «ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرگە ئەگىشىشنى چىڭ تۇتقان، ساغلام ئېتىقادلىق، سالىھلىقى ئوچۇق – ئاشكارا تەقۋادار بىر بەندىنىڭ قولىدا زاھىر قىلىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى ئىش»تىن ئىبارەت. مەيلى ئۇ بەندە (كىشىلەرگە) كارامەت بىلەن تونۇلسۇن ياكى تونۇلمىسۇن ئوخشاش بولۇپ، كارامەت ئۇ بەندىنى ياكى ھەقنى قوغداش ياكى ئۇ بەندىگە پايدا يەتكۈزۈش ۋەياكى ئۇنىڭدىن زىياننى دەﻓﺌ قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئىززەت – ئىكرامىدۇر. ئەھلىسۈننەت ئېتىقادىدا كارامەت مۇمكىن ۋە يۈز بەرگەن ئىش بولۇپ، «قۇرئان»دا بايان قىلىنغان ئەسھابۇلكەھفكە، ھەزرىتى مەريەمگە يۈز بەرگەن ئىشلارمۇ كارامەت جۈملىسىدىندۇر. كارامەت بىلەن مۇئجىزە پەرقلىق بولۇپ، كارامەت پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇئجىزىلىرىدىن تۆۋەن تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كافىرلارغا جەڭ ئېلان قىلىنمايدۇ. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 235 – بەت؛ باجۇرىي: «تۇھفەتۇلمۇرىد»، 321 – بەت، ئەھمەد مۇھەممەد خەتىب نەشرگە تەييارلىغان، «دارۇ تەھقىقىل كىتاب» نەشرىياتى، ئىستانبۇل، م. 2018؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1186 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1319 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
كەبائىر / چوڭ گۇناھلار (الْكَبَائِرُ): ئەرەب تىلىدا: «چوڭ، زور، ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك دېگەن مەنىلەردىكى كەبىر/ كەبىرە (الْكَبِيرُ / الْكَبِيرَةُ) كەلىمەسىنىڭ كۆپلۈكى» بولۇپ، شەرىئەتتە: «زىنا، ئوغرىلىق، ساختىپەزلىك ۋە ھاراقكەشلىكتەك دۇنيادا ئېنىق جازا بېكىتىلگەن ياكى جازانىخورلۇق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە ئاتا – ئانىنى قاقشىتىشتەك ئاخىرەتتە جازا ۋەدە قىلىنغان ئېغىر قىلمىشلار ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلەر»دۇر. بۇ قۇرئان – ھەدىسلەردە كەلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، ئادەتتە دوزاخ ياكى لەنەت، ياكى غەزەب، ياكى ئازاب ۋەدە قىلىنغان ئېغىر قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ. بۇ گۇناھلارنى سادىر قىلغانلار ئىمانى بارلىقى جەھەتتىن مۇئمىن، چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىق جەھەتتىن فاسىق بولىدۇ. يۇقىرىقى گۇناھلار دەرىجىسىگە يەتمىگەن قىلمىشلار «سەغائىر (الصَّغَائِرُ)» يەنى كىچىك گۇناھلار دائىرىسىگە كىرىدۇ. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 344 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1300 – ﺑﻪﺕ، «ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﭼﯩﺴﻰ»، ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ، ﺭﯨﻴﺎﺩ، ﻡ. 2017.
كەتەم (الْكَتَمُ): يەمەندىن چىقىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، قىزغۇچ قارا يىلىم چىقىرىدۇ. ئۇنى خېنە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بويىغاندا، قارا بىلەن قىزىل ئوتتۇرىدا بويايدۇ. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 10/355.
كەررامىيە (الْكَرَّامِيَّةُ): قۇرغۇچىسى مۇھەممەد ئىبنى كەررامغا نىسبەت بېرىلگەن بۇ تائىپە، ھ. 3 / م. 9 – ئەسىردە پەيدا بولغان بولۇپ، «كىشى دىلدا ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، تىلدا ئىقرار قىلىش بىلەن مۇئمىن بولىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش ئازغۇن قاراشلىرى، شۇنداقلا ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى زاھىرىي چۈشىنىش ۋە ئاللاھنى مەخلۇققا ئوخشىتىشلىرى بىلەن تونۇلغان.
كۇستە (كُسْتِ) ياكى قۇستە (قُسْطٍ): كۆيدۈرسە خۇشبۇي ئىس چىقىرىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، ھەيزدار غۇسۇل قىلغاندىن كېيىن غەيرىي پۇراقنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭدا ئىسرىقلىنىدۇ. قاراڭ: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 3/282؛ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 826 – بەتتە مۇنداق ئىزاھلايدۇ: قۇستە: ئى [ئە] <بوت> مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. بويى ئېگىز، ئوق يىلتىزى يوغان ۋە سىلىندىرسىمان، يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان، گۈلى نەيچىسىمان، رەڭگى تۇتۇق سۆسۈن ۋە باشسىمان گۈل رېتىدە، ئۇرۇق مېۋىسى يىپسىمان كېلىدۇ. تېبابەتچىلىكتە يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ. ئاغرىق پەسەيتىش، تولغاققا مەنپەئەت قىلىش رولىغا ئىگە.
كۇفە (الْكُوْفَةُ): بۈگۈنكى ئىراق ئەرەب جۇمھۇرىيىتى نەجەف ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىر شەھەر. فۇرات دەريا بويىغا جايلاشقان كۇفە ئىراق پايتەختى باغدادنىڭ 170 كىلومېتىر جەنۇبىغا، نەجەف شەھرىنىڭ 10 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب دەۋرىدە (656 – 661) ئىسلام دۆلىتىنىڭ پايتەختى ھالىغا كەلتۈرۈلگەن ۋە پايتەخت بولغان مۇددەت بويىچە ئىلىم – مەرىپەت يۇرتى سۈپىتىدە تونۇلغان. خەلىفە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ھ. 40 / م. 661 – يىلى رامازاننىڭ 19 ياكى 21 – كۈنى (26 / 28 – يانۋار) ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇلجەم تەرىپىدىن كۇفە مەسجىدىدە يارىلاندۇرۇلۇپ، بىر كۈندىن كېيىن ۋاپات تاپقان ۋە ئۇشبۇ شەھەرگە دەفن قىلىنغان. كۈنىمىزدە بۇ شەھەرنىڭ كۆپچىلىك ئاھالىسى شىئەلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.
كۇللىي، كۆپلۈكى كۇللىييات (الْكُلِّي، الْكُلِّيَات): ئەرەب تىلىدا: «پۈتۈن، ھەممە، جەمئىي» دېگەن مەنىدىكى كۇللۇ (الكل) كەلىمەسىگە نىسبەت بېرىلگەن بولۇپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بىر ماھىيەتتە ئورتاق بولۇشىنى يەنى ئۇنىڭ ئەقلىي سۈرىتىنىڭ ھەربىر جۈزئىيياتلىرىغا مۇتابىق بولۇشىنى ئىپادىلەيدۇ. مەنتىق (لوگىكا) ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلىملىرىدە: «تەسەۋۋۇر قىلىنغىنىدا كۆپ نەرسىگە ئورتاق بولۇشى چەكلەنمەيدىغان مەنە»دۇر. مەسىلەن، «ئىنسان» كەلىمەسىدە ئەر كىشىمۇ، ئايال كىشىمۇ، كىچىك بالىمۇ ئورتاق. دېمەك، «كۇللىي»دىن: ھۆكۈملەرنى شاخلىتىشقا ئاساس بولىدىغان ئۇل، قائىدە ۋە ئومۇمىي پرىنسىپ كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قاراڭ: قازى ئەھمەدنەكرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ»، 3/98؛ جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 239 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1336 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
كۇنيەت / كۇنيە (الْكُنْيَةُ): ئەرەب جەمئىيىتىدە «ئەبۇ»، «ئۇممۇ»، «ئىبنى» ياكى «بىنتى» دېگەندەك كەلىمەلەر بىلەن تۈزۈلىدىغان، شەخسلەرگە ئىسىم ياكى لەقەملىرى بىلەن قوشۇپ – قوشماي قوللىنىلىدىغان تونۇتقۇچى ئىبارە. ئادەتتە ئېسىل كىشىلەرگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئىسمىنى بىۋاسىتە ئاتاشنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئەبۇلقاسىم (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)، ئەبۇبەكرى، ئۇممۇ سەلەمە، ئىبنى ئۆمەر دېگەندەك. بوۋاققىمۇ خۇش پال ئېلىش جەھەتتىن كۇنيە ئىشلىتىلىدۇ. بەزى يىرتقۇچ ھايۋاناتلارغىمۇ، تىلغا ئېلىش ئەپسىز نەرسىلەرگىمۇ كىنايە تەرىقىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 2/802؛ «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 26/558، م. 2012.
كېچىكىش جەرىمانىسى (غَرَامَةُ التَّأخِيْرِ / Demurrage): قەرزنى قەرەلىدە قايتۇرمىغانلىقتىن ئەدەبلەش ياكى جازالاش ئۈچۈن بېكىتىلگەن ماددىي تۆلەم. بۇ جەرىمانە ئەسلىدە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن جازانى كۆرسىتەتتى. ئەمما، بۇ يەردە مەقسەت قىلىنغىنى ئىككى تەرەپ قەرزنى قەرەلىدە قايتۇرمىغانلىقتىن «ئىسلام بانكىلىرى» تارتقان زىيانغا ياكى قولىدىن كەتكۈزۈپ قويغان پايدىغا قارىتا شەرت قىلىشقان تۆلەمدۇر. بۇ خىل ماددىي تۆلەمنىڭ ماھىيىتى ئەسلىدىكى قەرزگە كېچىكىش سەۋەبلىك قېتىلغان تۆلەم بولغاچقا، مەيلى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ھۆكۈم قىلىنسۇن، مەيلى ئىككى تەرەپ شەرتلەشكەن بويىچە تۆلەنسۇن، شەرىئەت ھارام قىلغان جازانىگە تەۋەدۇر. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 2/651؛ دوكتور نەزىھ ھەمماد: «مُعْجَمُ المُصطَلَحَاتِ المَالِيَّة والاقتِصَادِيَّة في لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار تىلىدىكى مالىيە – ئىقتىساد ئاتالغۇلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 342 – بەت؛ قرار «مجمع الفقه الإسلامي» التابع لرابطة العالم الإسلامي في دورته الـ 11 المنعقدة في مكة المكرمة، في الفترة من يوم الأحد 13 رجب 1409هـ الموافق 19 شباط (فبراير) 1989 إلى يوم الأحد 20 رجب 1409هـ الموافق 26 شباط (فبراير) 1989م.
كېمىيىپ ماڭىدىغان شېرىكچىلىك توختامى (المشاركة المتناقصة / Musharakah Mutanaqisah): بۇ تۈردە مەلۇم خېرىدارنىڭ بىرەر تىجارىي ئىش قىلىشتا پۇلغا بولغان ھاجىتىنى قامداش ئۈچۈن «ئىسلام بانكىسى» شېرىكچىلىك ئاساسىدا مەبلەغ سالىدۇ. ئىككى تەرەپ پايدىنى پۈتۈشكەن بويىچە ئۈلۈشىدۇ. لېكىن، بۇنىڭدا بانكا پۈتۈن نېسىۋىسىنى ياكى بىر قىسمىنى شېرىكىگە خاھلىغان ۋاقىتتا سېتىپ بېرىشكە خاھلىغان چاغدا توختام قىلىشقا ۋەدە بېرىدۇ. نەتىجىدە مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن بانكىنىڭ شېرىكى مەزكۇر نەرسىنى بانكىدىن تەدرىجىي شەكىلدە سېتىۋېلىپ بولىدۇ. بۇ توختام ئىجارە توختىمىدىن پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ «ئىسلام بانكىلىرى» يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان شەكلى ئىجارىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ تۈر مەبلەغ سېلىش ۋە سودا قىلىش ئۇسۇلىنى ھازىرقى زامان فىقھىي كومىتېتلار ۋە كۆپچىلىك ئالىملار بىرقانچە شەرت ۋە ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىنغان تەقدىردە جائىز دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىنماي كەلمەكتە. قاراڭ: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، «شەرئىي ئۆلچەملەر ھەيئىتى (AAOIFI)»، المعيار الشرعي رقم 12. 345 – بەت؛ المجلس الشرعي في هيئة المحاسبة والمراجعة للمؤسسات المالية الإسلامية الشرعية في اجتماعه الثامن المنعقد في المدينة النبوية في 28 صفر – 4 ربيع الأول 1423هـ. المؤتمر الأول للمصرف الإسلامي بدبي المنعقد في جمادى الثاني 1399 هـ الموافق مايو 1979 م. مجمع الفقه الإسلامي الدولي المنعقد في دورته الخامسة عشرة بمسقط ( سلطنة عُمان ) 14 – 19 المحرم 1425هـ، الموافق 6 – 11 آذار (مارس 2004م)، قراره رقم 136 (2/15) بشأن المشاركة المتناقصة وضوابطها الشرعية.
لەفزىي تەفسىر (التَّفْسِيرُ اللَّفْظِيُّ): ئايەتلەر ئىچىدىكى كەلىمەلەرنىڭ مەنىسىنى ئەرەب لۇغىتىدە قوللىنىلغان مەنىدە تەفسىر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئەمر سۈبھى ئەششەرقاۋىي: «قۇرئانغا تەلپۈنگەن يۈرەك»، ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇرراززاق رەجەب، «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»، 99 – بەت.
لائىك (عَلْمَانِيّ / فرانسۇزچە: Laïc): دىن ئىشلىرىنى دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرمايدىغان، دۆلەت ئىشلىرىنى دىندىن خالىي تۇتىدىغان (كىشى ياكى ئورگان).
لەۋھۇلمەھفۇز (اللَّوْحُ الْمَحْفُوظُ): مەزكۇر ئاتالغۇ سۆزلۈك مەنىسى «خەت يازغىلى بولىدىغان يايپاڭ ۋە تۈز يۈز، شال، تاختاي ۋە ھاۋا» دېگەن مەنىلەردىكى «لەۋھ (لەۋھە)» بىلەن «ئۆزگەرتىلىشتىن قوغدالغان» مەنىسىدىكى «مەھفۇز (مۇھاپىزەت بىلەن تومۇرداش)» دېگەن سۆزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، «ئۈستىگە خەت / يازۇ يېزىلغان، ئۆچۈرۈلۈشتىن ۋە ئۆزگەرتىلىشتىن قوغدالغان تۈز لەۋھە» دېمەكتۇر. ئىسلام ئېتىقادىدا: «جىمى مەۋجۇدات ۋە ھادىسىلەرگە ئالاقىدار ئىلاھىي ئىلىم ۋە تەقدىر قەيت قىلىنغان كىتاب»تۇر. بەزى ئايەتلەردە «لەۋھۇلمەھفۇز»(85/«بۇرۇج»: 22) دەپ ئاتالغان بولسا، بەزىسىدە «ئانا كىتاب (أُمُّ الْكِتَابِ)»(13/«رەئد»: 39؛ 43/«زۇخرۇف»: 4)، يەنە بەزىسىدە «قوغدالغان بىر كىتاب (كِتَابٍ مَّكْنُونٍ)»(56/«ۋاقىئە»: 78)، يەنە بەزىسىدە «بىر كىتاب (كِتَابٍ)»(56/«ھەدىد»: 78) دەپمۇ كەلگەن. ئەھلىسۈننەت ئەقىدەشۇناسلىرىنىڭ نەزەرىدە لەۋھۇلمەھفۇز 7 – قەۋەت ئاسماندىكى بىر جىسىم بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جىمى مەخلۇقاتلارنى ياراتماستىلا كېيىنچە بولىدىغان ئۇلارغا ئالاقىدار چوڭ – كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى پۈتۈۋەتكەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىستە: «ئاللاھ ئەزەلدە يالغۇز، يەككە – يېگانە ئىدى، ئاللاھتىن باشقا ھېچنەرسە ئۇنىڭ بىلەن مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. (يارىتىش باشلانغاندىن كېيىن) ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى، ئاندىن زىكىر (لەۋھۇلمەھفۇز) غا كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنىڭ تەقدىرىنى يېزىپ، ئاسمان – زېمىننى ياراتقان»(«بۇخارىي»، 3191) دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «ئاللاھ مەخلۇقاتلارنىڭ تەقدىرىنى ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشتىن 50 مىڭ يىل بۇرۇن پۈتۈۋەتكەن. ئۇ چاغدا ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى»(«مۇسلىم»، 2653) دېگەن. ھەقىقىتىنى ئاللاھ ئۆزى بىلۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ العَقِيدَةِ الْإِسْلَامِيَّةِ (ئىسلام ئەقىدىسى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1013 – 1016 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2010؛ «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە)، 27/151، م. 2012.
لۇكا ئىنجىلى (Gospel of Luke): «يېڭى ئەھد»نىڭ تۆت كىتابىنىڭ ئۈچىنچىسى ۋە ئەڭ ئۇزۇنى بولۇپ، «پاۋلۇسنىڭ دوختۇرى، ھەزرىتى ئىيسانىڭ ھاۋارىيلىرىدىن بولمىغان لۇكا تەرىپىدىن يېزىلغان» دەپ قارىلىدۇ. ۋافتىزچى يۇھەننانىڭ تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىگە قەدەر بولغان 35 يىللىق ۋەقەلىكنى، بولۇپمۇ ھاياتىدىكى ئاخىرقى ھەپتىنى بايان قىلىدۇ. 24 بۆلۈم، 1151 جۈملىدىن تەركىب تاپقان. تەخمىنەن مىلادىيە 80 – 110 – يىللار ئارىسى يېزىلغان. لۇكا «ئوقۇمۇشلۇق، مەرىپەتلىك» دېمەكتۇر. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 285 – بەت.
ماركوس ئىنجىلى (Gospel of Mark): تەخمىنەن مىلادىيە 60 – 75 – يىللار ئارىسى يېزىلغان، «يېڭى ئەھد»نىڭ دەسلەپكى تۆت بۆلۈمىنى تەشكىل قىلغان مەشھۇر تۆت ئىنجىلنىڭ ئىككىنچىسىدۇر. «ئىنجىللارنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى بولغان ماركۇس ئىنجىلى ‹مەتتا›، ‹لۇكا› ئىنجىللىرىنىڭ مەنبەسى» دەپ قارىلىدۇ. مەزكۇر ئىنجىلنىڭ مۇئەللىفى ماركوس ھەزرىتى ئىيسانىڭ ھاۋارىيلىرىدىن بارنابانىڭ جىيەنى بولۇپ، ئۆزى ھاۋارىي ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، بۇ ئىنجىلنى تاغىسى ۋە ئۇستازى بولمىش كاتتا ھاۋارىي پاترۇسقا تايىنىپ، ۋافتىزچى (خرىستىيانلىققا كىرىش قائىدىسى بولغان سۇغا چۆكۈرۈش ياكى پېشانىسىگە سۇ تامدۇرۇش رەسمىيىتىنى ئورۇندىغۇچى) يۇھەننانىڭ تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىگە قەدەر بولغان 35 يىللىق ۋەقەلىكنى 24 بۆلۈم، 661 جۈملىدە بايان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 223 – بەت.
ﻣﺎﻗﺎﻣﻰ ئىبراھىم (مَقَامُ إِبْرَاهِيْمَ): «‹ھەزرىتى ئىبراھىم ۋە ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملار كەئبەنى سېلىش جەريانىدا ھەزرىتى ئىبراھىم ئۈستىگە دەسسەپ تۇرۇپ تام قوپۇرغان شۇنداقلا ئۈستىدە تۇرۇپ ئىنسانلارنى ھەجگە دەۋەت قىلغان› دەپ ئىشىنىلىدىغان تاش ياكى شۇ تاش قويۇلغان جاي»دۇر. ماقامى ئىبراھىم مۇبارەك ۋە ئۇلۇغ بىر تاشتۇر. ﴿ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا تۇنجى سېلىنغان ئۆي (يەنى بەيتۇللاھ) مەككەدىدۇر، مۇبارەكتۇر، جاھان ئەھلىگە ھىدايەتتۇر. ئۇنىڭدا ئوچۇق ئالامەتلەر باركى، «ماقامى ئىبراھىم» شۇلارنىڭ بىرىدۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 96 -، 97). تارىخ بويىچە مەككە خەلقى تەرىپىدىن قوغدىلىپ كەلگەن ماقامى ئىبراھىم شەرەپلىك ۋە ئۇلۇغ كەئبەنىڭ قوۋۇقىدىن 10 مېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، كۈنىمىزدە سەئۇدى ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھى فايسال (1964 – 1975) تەرىپىدىن قويۇلغان ئالتە بۇلۇڭلۇق ئەينەكلىك قەپەس ئىچىدە ساقلانماقتا. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى: ﴿«ﻣﺎﻗﺎﻣﻰ ئىبراھىم»دىن ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯﮔﺎﮪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ﴾(2/«بەقەرە»: 125) دەپ بۇيرۇغاچقا، تاۋاپتىن كېيىن مۇشۇ تاشنىڭ كەينىدىكى جايدا ئىككى رەكئەت تاۋاپ نامىزى ئوقۇلىدۇ. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 8/1638، «دارۇ مەككە نەشرىياتى»، مەككە، م. 2010؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 38/340.
مەتتا ئىنجىلى (Gospel of Matthew): ھەزرىتى ئىيسانىڭ 12 ھاۋارىيسىنىڭ بىرى بولغان رىملىق باجگىر مەتتا تەرىپىدىن يېزىلغان ئىنجىلدۇر. «يېڭى ئەھد»نىڭ 4 كىتابىنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ، 28 بۆلۈم، 1168 جۈملىدىن تەركىب تاپقان. تەخمىنەن مىلادىيە 52 – 68 – يىللار ئارىسى يېزىلغان. ئىيسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىل قەۋمى تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىنى ھەر تەرەپكە ئەۋەتكەنلىكى ھەققىدە توختىلىدۇ. مەتتا «تەڭرىنىڭ ھەدىيەسى» دېمەكتۇر. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 12 – بەت.
مەجمەئۇززەۋائىد (‹زەۋائىد ھەدىسلەر› جەمگاھى / مَجْمَعُ الزَّوَائِدِ وَمَنْبَعُ الْفَوَائِدِ): مۇھەددىس نۇرىددىن ئەبۇلھەسەن ئەلھەيسەمىي (ھ. 735 – 807 / م. 1335 – 1405) نىڭ ئۆزى يازغان بەش «زەۋائىد» — بەزى ھەدىس كىتابلىرىدا قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، مۆتىۋەر ھەدىس مەنبەلىرىدە بولمىغان رىۋايەتلەر جەملەنگەن ئەسەرلەر — كىتابىنى ئۇستازى ھافىز ئىراقىينىڭ تەكلىپ بېرىشى بىلەن بىرلەشتۈرگەن كىتابى بولۇپ، ئەسەردە «كۇتۇبۇ سىتتە (ئالتە كىتاب)»دە بولمىغان، ئەمما «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، تەبەرانىينىڭ ئۈچ «مۇئجەم»ى، «مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا» ۋە «مۇسنەدۇ بەززار»لاردا كەلتۈرۈلگەن ھەدىسلەر جەملەنگەندۇر. بۇ قىممەتلىك ئەسەر تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەدىسلەرنى ئەسل مەنبەلىرىدىن تېپىشىنى قولايلاشتۇرۇپلا قالماي، تەبەرانىينىڭ يوقىلىپ كەتكەن ئۈچ «مۇئجەم»ىنىڭ بىر قىسمىنىمۇ بىزگە ساقلاپ بەرگەن. بۇ جەھەتتىن ھەدىس تەتقىقاتىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. ھەدىسلەرنىڭ سەنەدلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلمىغان بولسىمۇ، فىقھ بابلىرى بويىچە تىزىپ كەلتۈرۈش ۋە سەنەدلەرگە باھا بېرىش ئارقىلىق ئورنىنى تولدۇرغان. كىتاب 10 توم، 44 بۆلۈم، 3642 باب ۋە 18 مىڭ 776 ھەدىستىن تەشكىل تاپماقتا. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 643 – بەت.
مەدەنىيەتنىڭ قىسسەسى (قِصَّةُ الْحَضَارَةِ / The Story of Civilization): مەزكۇر ئەسەر ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس ئەر – ئايال ۋىل ۋە ئارىيېل دىيۇرانت (Will & Ariel Durant) تەرىپىدىن 1935 – يىلىدىن 1975 – يىلىغىچە توپلام 11 توم قىلىپ يېزىلغان، جىمى ئىنسانىي مەدەنىيەتلەر تارىخىغا دائىر ئېنسىكلوپېدىك ئەسەردۇر.
مەديەن ئاھالىسى (أَهْلُ مَدْيَنَ): بىلەن ئەيكەلىكلەر (أَصْحَابُ الأَيْكَةِ) بىر قەۋممۇ؟ بۇنىڭدا تەپسىرشۇناسلارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس. ئىمام قەرەداۋىي بايان قىلغان «ئۇ ئىككىسى ئىككى قەۋم ئىدى» دېگەن قاراشنى ئىمام تەبەرىي، ئىبنى ئەتىييە، فەخرۇررازىي، ئالۇسىي ۋە تاھىر ئىبنى ئاشۇر قاتارلىق مۇفەسسىرلەر تەرجىھ قىلغان. ئىمام ئىبنى كەسىر ۋە شەۋكانىي قاتارلىق مۇفەسسىرلەر: «ئىككىسى بىر قەۋم، ئەيكەلىكلەر مەديەن ئاھالىسىنىڭ دەرەخزارلىقتا ياشايدىغانلىرى، شۇئەيب ئەلەيھىسسالام نەسەب جەھەتتىن ئۇلاردىن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دەرەخكە چوقۇنىدىغان قىلمىشى تۈپەيلى ‹قېرىندىشى› دېمىگەن» دەپ قارايدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 435 – بەت.
مەرفۇﺋ (الْمَرْفُوعُ): پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلگەن سۆز ۋە خەۋەر مەنىسىدىكى ھەدىس ئاتالغۇسى. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 4 – بەت.
مەزدەكىيلىك (المَزْدَكيّة / Mazdakism): ئىران ساسانىي ئىمپېراتورى قۇباد (م. 488 – 496، 498 – 531) دەۋرىدە ياشىغان ۋە بىر خىل كوممۇنا تۇرمۇشىنى تەرغىب قىلغان ئىرانلىق ئىسلاھاتچى مەزدەك بامدادان ئىسمىغا نىسبەت بېرىلگەن مەشھۇر ئىككى تەڭرىچى (دۇئالىست) ۋە سەزگۈ بىرلەمچى (گنوستىك) خاراكتېرلىك ئىسلاھاتچى دىنىي ھەرىكەت. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 4 – بەت.
مەزيى / مەزىي (الْمَذْيُ / المَذِيُّ): جىنسىي ئوي – خىيال سەۋەبىدىن ئەر ۋە ئاياللاردىن چىقىدىغان ئاق، شىلىمشىق، ئالاھىدە پۇراقلىق بىر خىل سۇيۇقلۇق. مەنىيدەك شەھۋەت بىلەن ئېتىلىپ چىقمايدۇ ھەم ئارقىدىنلا بوشىشىش بولمايدۇ. بۇ سۇيۇقلۇق ناپاك بولغاچقا، ئۇنى كىيىم – كېچەكتىن ۋە بەدەندىن تازىلىۋېتىش كېرەك. مەزىي ھەدىستە كەلگىنىدەك تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. لېكىن، مەنىيگە ئوخشاش غۇسۇل تاھارەتنى ۋاجىب قىلمايدۇ. قاراڭ: «لىسانۇلئەرەب»، 15/274؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 386 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996.
مەسلەك (الْمَسْلَكُ): قاراڭ: سۇلۇك (السُّلُوْكُ).
مەسلەھە، كۆپلۈكى مەسالىھ (الْمَصْلَحَةُ، الْمَصَالِحُ): ئەرەب تىلىدا: «مەنپەئەت، پايدا» دېمەكتۇر. ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى شارﯨﺌ (ئاللاھ تائالا) نىڭ بەندىلىرىگە دىنلىرىنى، جانلىرىنى، ئەقىللىرىنى، نەسىللىرىنى ۋە مال – مۈلكلىرىنى مەلۇم تەرتىپ بويىچە قوغداش ئارقىلىق ئىرادە قىلغان مەنپەئەت»تىن ئىبارەت. قاراڭ: ئەلغەززالىي: «ئەلمۇستەسفا فى ئىلمىل ئۇسۇل»، 1/417؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1304 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
مەششائىييە ئىسلام مەدرەسەسى (Islamic peripatetic school): «پىيادە يۈرۈپ ھېكمەت ئۆگىتىشنى كۆرسىتىدىغان ‹مەششائىييە ‹Peripatetic school ئاتالغۇسى ئەپلاتون Plato (م. ب. 427 – 347) ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئارىستوتېل Aristotle (م. ب. 384 – 322) قۇرغان ئەقلىي يەكۈنلەرنى ئاساس قىلغان پەلسەپەۋىي مەدرەسە»نىڭ نامى بولۇپ، بۇ مەدرەسەنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش، ئىزاھلاش ۋە پەلسەپەۋى ئاساسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش نەتىجىسىدە تۇنجى ئىسلام پەيلاسوپى ئەبۇ يۈسۈف ئەلكىندىي (ھ. 185 – 252 / م. 801 – 867)، «ئىككىنچى مۇئەللىم» دەپ ئاتالغان ئەبۇ نەسر ئەلفارابىي (ھ. 260 – 339 / م. 874 – 950)، «شەيخ رەئىس» دەپ ئاتالغان ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا (ھ. 370 – 428 / م. 980 – 1036) قاتارلىق ئىسلام ئالىملىرى مەششائىييە ئىسلام مەدرەسەسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇلار تالانتلىق مۇسۇلمان ئالىملار بولغاچقا، پەلسەپەۋى يەكۈنلەر بىلەن ئىسلام شەرىئىتى ئوتتۇرىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، پەلسەپەگە بەكرەك ئېغىپ كەتكەن ۋە ئۆزلىرى «مۇتلەق توغرا» دەپ قوبۇل قىلغان ئەقلىي يەكۈنلەر بىلەن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقان، لېكىن ئەقلىي يەكۈنلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىشىنى، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلۈشىنى رەت قىلىپ، ئۇنى بىردىنبىر توغرا ۋە ھەق دەپ قارىۋالغان. نەتىجىدە ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئەقلىي يەكۈنلىرىگە بويسۇندۇرۇپ تەئۋىل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى مۇسۇلمان مۇتەكەللىملەرنىڭ تەنقىدىگە ۋە قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. كېيىنچە ئەندەلۇسلۇق ئاتاقلىق پەيلاسوپلاردىن ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى باجە (ھ. 487 – 533 / م. 1080 – 1138)، ئەبۇلۋەلىد مۇھەممەد ئىبنى رۇشد (ھ. 520 – 595 / م. 1126 – 1198) لار ئارىستوتېلنىڭ پەلسەپەسىگە ئۆتكۈر نەزەر سېلىپ ئۇنى شەرھلىگەن ۋە چۈشىنىش قىيىن بولغان جايلارنى يېشىپ بەرگەن. بۇنىڭدىن مىلادىيە 15 -، 16 – ئەسىرلەردىكى ياۋروپالىق پەيلاسوپلار پايدىلانغان. قاراڭ: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1297 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
مەفسەدە (الْمَفْسَدَةُ): «مەسلەھە»نىڭ قارىمۇقارشىسى بولۇپ، ئەرەب تىلىدا: «زەرەر» دېمەكتۇر. ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «بەندىلەرنىڭ دىنلىرىنى، جانلىرىنى، ئەقىللىرىنى، نەسىللىرىنى ۋە مال – مۈلكلىرىنى قوغدايدىغان مەنپەئەتنى قولدىن كەتكۈزىدىغان ئىش»تىن ئىبارەت. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 2/688؛ ئەلغەززالىي: «ئەلمۇستەسفا فى ئىلمىل ئۇسۇل»، 1/417.
مەكرۇھ (الْمَكْرُوْهُ): ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەسكىن ھالدا چەكلەنمىگەن نەرسە. بۇ ھارامدىن بىر دەرىجە تۆۋەن بولۇپ، مەكرۇھنى قىلغانلارغا ھارامنى قىلغانلارنىڭ جازاسى بېرىلمەيدۇ. ئەمما، مەكرۇھنى داۋاملىق قىلىۋېرىش ياكى ئۇنىڭغا سەل قاراش كىشىنى ھارام ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەتلىك قىلىپ قويىدۇ. مەكرۇھ لۇغەتتە: «يامان كۆرۈلگەن» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىلگىرىكى ئالىملار ھارام بىلەن مەكرۇھ ئوتتۇرىدىكى (قىلماسلىق تەشەببۇس قىلىنغانلىقتىن ئىبارەت) ئورتاقلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، مەكرۇھ دېگەن سۆزدىن ھارامنى كۆزدە تۇتقان. ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى دەلىلى كەسكىن، لېكىن ئېھتىماللىق بولغان بىلەن دەلىلى كەسكىن بولمىغاننى ئايرىپ، دەلىلى كەسكىن، لېكىن ئېھتىماللىق بولغاننى «تەھرىمىي مەكرۇھ (الْمَكْرُوهُ تَحْرِيمًا)» يەنى ھارام دەرىجىسىدە يامان كۆرۈلگەن مەكرۇھ، دەلىلى كەسكىن بولمىغاننى «تەنزىھىي مەكرۇھ (الْمَكْرُوهُ تَنْزِيهًا)» يەنى ساقلىنىش ئەلا بولغان مەكرۇھ دەپ ئاتىغان. ھەنەفىي مەزھەبتە «مەكرۇھ»لا دېيىلىپ، ئۇنىڭ مەكرۇھنىڭ ئىككى تۈرىنىڭ قايسىسىغا تەۋەلىكى كۆرسىتىلمىسە، ئادەتتە، «تەھرىمىي مەكرۇھ» كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەششەيبانىي (ھ. 132 – 189 / م. 749 ياكى 750 – 805) نىڭ نەزەرىدە، «تەھرىمىي مەكرۇھ» ھارامنىڭ نەق ئۆزى شۇدۇر. پەقەتلا ئوچۇق ھالدا «ھارام» سۆزى بىلەن چەكلىگەن ئايەت – ھەدىس بولمىغاچقا، ھارام دېمەي «مەكرۇھ» دېيىلگەن. ئىككى شەيخ (ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن شاگىرتى ئىمام ئەبۇ يۈسۈف) نىڭ قارىشىچە، «تەھرىمىي مەكرۇھ» ھارامنىڭ كەينىدىلا تۇرىدىغان مەكرۇھ بولۇپ، قىلسا گۇناھ بولىدۇ. كېيىنكى باشقا كۆپچىلىك ئالىملار بولسا مەكرۇھ ئاتالغۇسىنى ھارام ئەمەس، لېكىن قىلماسلىق تەرىپى ئېغىر باسىدىغان ئىشلارغا خاس قىلىۋەتكەن. بۇ ھەنەفىي مەزھەبتىكى «تەنزىھىي مەكرۇھ» بىلەن دېيەرلىك ئوخشاشتۇر. ئىمام قەرەداۋىينىڭ بايان قىلغىنىمۇ مۇشۇ تەرىپتۇر. دېمەك، ھەنەفىي مەزھەبتىكى «تەنزىھىي مەكرۇھ» بىلەن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدىكى «مەكرۇھ» بىر گەپ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 1 – بەت.
مەككە فەتھى (فَتْحُ مَكَّةَ): ھىجرىيە 6 – يىلى زۇلقەئدە / م. 627 – يىلى مارتتا مەككەگە يېقىن ھۇدەيبىييە رايونىدا مۇسۇلمانلار بىلەن قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئوتتۇرىدا سۈلھ كېلىشىمى تۈزۈلۈپ، 10 يىللىق تىنچلىق ئورنىتىلدى. بۇ كېلىشىمدە خۇزائە قەبىلىسى مۇسۇلمانلار بىلەن، بەنى بەكر قەبىلىسى قۇرەيش مۇشرىكلىرى بىلەن ئىتتىپاقداش ئىدى. 2 يىل توشماستىنلا بەنى بەكر قەبىلىسى خۇزائەگە ھۇجۇم قىلدى. قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئىتتىپاقداشلىرى بەنى بەكرگە قورال ۋە ھەتتا ئەسكەر بەردى. بۇنىڭ بىلەن قۇرەيش مۇشرىكلىرى كېلىشىمنى بۇزغان بولدى. خۇزائە باشلىقلىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ قۇرەيشكە قارشى ئۇلارغا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۇلارنىڭ تەلىپىنى يەردە قويماي، ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھىجرىيە 8 – يىلى رامازاننىڭ 10 – كۈنى (م. 630 – يىلى 3 – يانۋار) ھەزرىتى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشچىلىقىدىكى 10 مىڭ كىشىلىك (2080 ئاتلىق) ئىسلام قوشۇنى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنى، ئۆز ئۇرۇقداشلىرى قۇرەيشنىڭ قولىدىكى مەككە مۇكەررەمەگە قارشى يولغا چىقىپ، رامازاننىڭ 17 – كۈنى (م. 630 – يىلى 10 – يانۋار) مەككەگە يېقىنلاشتى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بەشكە بۆلۈنۈپ، قارشلىق بولمىغۇچە ھېچكىم بىلەن ئۇرۇشماسلىقنى تاپىلىغان رەسۇلۇللاھنىڭ قوزغىلىش بۇيرۇقى بېرىشى بىلەن «فەتىھ» سۈرىسىنى ئوقۇغان ھالدا مەككە مۇكەررەمەگە كىردى. تۆت قىسىم ھېچقانداق توسالغۇسىز كىرگەن بولسىمۇ، خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ باشچىلىقىدىكى قىسىم ئىكرىمە ئىبنى ئەبى جەھىل باشچىلىقىدىكى كىچىك بىر گۇرۇپپىنىڭ ھۇجۇمىنى تارمار قىلىپ مەككە مۇكەررەمەگە كىردى ۋە مەككە فەتىھ قىلىندى. رەسۇلۇللاھ دەرھال ئومۇمىي كەچۈرۈم ئېلان قىلىپ، ھېچكىمگە ۋە ھېچبىر مال – مۈلككە چېقىلمىدى. كەئبەنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدىكى 360 بۇت – ھەيكەل 17/«ئىسراﺋ» سۈرىسى 81 – ئايەتى ئوقۇلغان ھالدا بىر – بىرلەپ چېقىپ تاشلاندى ۋە رەسۇلۇللاھ پۈتۈن مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلدى. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 8/7 – 13؛ سەفىييۇرراھمان مۇبارەكفۇرىي: «اَلرَّحِيْقُ الْمَخْتُوْمُ (شېرىن بۇلاق)»، 362 – 372 – بەتلەر. «دارۇ ئىھيائىتتۇراس ئەلئەرەبىي» بېيرۇت، م. 1976.
مەككىي ۋە مەدەنىي (الْمَكِّيُّ والمَدَنيُّ): مەشھۇر قاراشتا مەيلى مەككەدە ياكى مەدىنەدە، مەككەنىڭ فەتىھ جەريانىدا ياكى ۋىدالىشىش ھەجى يىلىدا، ياكى بىرەر سەپەر ئۈستىدە نازىل بولسۇن، دەۋر نۇقتىسىدىن ھىجرەتتىن ئىلگىرى نازىل بولغانلىرى مەككىي، ھىجرەتتىن كېيىن نازىل بولغانلىرى مەدەنىي ئايەتلەردۇر. يەنە بىر قاراشتا: ھىجرەتتىن كېيىن بولسىمۇ، مەككەدە نازىل بولغانلىرى مەككىي، مەدىنەدە نازىل بولغانلىرى مەدەنىي ئايەتلەردۇر. بۇ قاراشقا ئاساسەن، سەپەر جەريانىدا نازىل بولغان ئايەتلەرنى يا مەككىي ئايەتلەر قاتارىغا، يا مەدەنىي ئايەتلەر قاتارىغا كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. يەنە بىر قاراشتا: ئايەتتىكى خىتاب مەككە ئەھلىگە قارىتىلغان بولسا «مەككىي ئايەتلەر»، مەدىنە ئەھلىگە قارىتىلغان بولسا «مەدەنىي ئايەتلەر» دېيىلىدۇ. مەككىي ۋە مەدەنىي ئايەتلەرنى بىلىشنىڭ پايدىلىرىدىن بىرى كېيىن نازىل بولغان ئايەتلەرنى بىلىشتۇر. بۇ ئارقىلىق كېيىن نازىل بولغان ئايەتنىڭ «ناسىخ (بۇرۇنقى ئايەتنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى) ئايەت» ياكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئاساسەن «(بۇرۇنقى ئايەت مۇتلەق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈمنى) خاسلاشتۇرغۇچى ئايەت» ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىدۇ. قاراڭ: ئىمام سۇيۇتىي: «ئەلئىتقان فىي ئۇلۇمىل قۇرئان» 1/ 35.
مەنا تەفسىرى (التَّفْسِيرُ الْمَعْنَوِيُّ): ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى بايان قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئەمر سۈبھى ئەششەرقاۋىي: «قۇرئانغا تەلپۈنگەن يۈرەك»، ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇرراززاق رەجەب، «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»، 99 – بەت.
مەنىي (الْمَنِيُّ): ئىسپىرما. مەنىي ئۆزىگە خاس ئاقۇچ رەڭ، شىلىمشىقلىق ۋە پۇراققا ئىگە ئورگانىك سۇيۇقلۇق بولۇپ، شەھۋەت يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىگەندە ئېتىلىپ چىقىدۇ، ئارقىدىنلا شەھۋەت پەسىيىپ بوشىشىش بولىدۇ. مەنىينىڭ بەدەندىن چىقىشى تاھارەتنى سۇندۇرۇپلا قالماي جەنابەت ھاسىل قىلىدىغان بولغاچقا، غۇسۇل قىلماي ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ. ھەنەفىي فىقھىدا مەنىي ناپاك بولۇپ، بەدەندە ياكى كىيىمدە قالغان مەنىي قالدۇقى نامازغا توسالغۇدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 39/139 – 145؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 435 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996.
مەھرەم (الْمَحْرَمُ): ئەرەب تىلىدا: «ھۆرمەتلىك، چەكلەنگەن ۋە ھارام» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «بىر ئايالغا نەسەبتىن يا ئېمىلداشلىقتىن بولغان تۇغقاندارچىلىق جەھەتتىن بولسۇن ياكى قۇدا – باجىلىق جەھەتتىن بولسۇن، مەڭگۈلۈك ئۆيلىنەلمەيدىغان ئاقىل، بالىغ ئەر»دۇر. مەسىلەن، نەسەب ۋە ئېمىلداشلىق جەھەتتىن ئاتىسى، بوۋىسى، ئوغلى، ئاكىسى، تاغىسى، ئوغۇل نەۋرىسى ۋە جىيەنىگە ئوخشاش كىشى، قۇدا – باجىلىق جەھەتتىن ئۆگەي ئاتىسى، قېيىنئاتىسى ۋە كۈيئوغلىغا ئوخشاش كىشى ئۇ ئايالغا نىسبەتەن «مەھرەم» بولغاچقا، ھەر زامان ۋە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىشى مەڭگۈلۈك چەكلەنگەندۇر. «مەھرەم»لەردىن باشقا ئەرلەر ئۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئالمىغان تەقدىردە ئۇ ئايالغا نىسبەتەن «نامەھرەم» بولىدۇ. بۇ ئىزاھات بويىچە ئايالنىڭ ئېرى «مەھرەم» دائىرىسىگە كىرمىسىمۇ، مەھرەم شەرت قىلىنىدىغان سەپەر قىلىشتەك ئىشلاردا «مەھرەم» قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، مەھرەمنى شەرت قىلىشتىن مەقسەت ئايالنى قوغداش بولۇپ، بىللە ئارىلىشىپ خالىي ئولتۇرۇپ – قوپۇش، قاراش ۋە تۇتۇش قاتارلىق ئىشلاردا ئېرى مەھرەمنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. يەنە بەزىدە فەقىھ – فۇقەھائلار «ئېرى ياكى مەھرىمى» دەپ ھەدىسلەردە كەلگەندەك ئايرىپ ئاتايدۇ. قاراڭ: ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 12/119؛ ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/77؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 36/200 – 204.
مەۋالىي (الْمَوَالِي): ئەرەب تىلىدا: «يېقىن، تۇغقان، ئىگە، ئازادگەردە، خاجە، ساھىب، ئىتتىپاقداش… دېگەندەك تۈرلۈك مەنىدىكى مەۋلا (الْمَوْلَى) نىڭ كۆپلۈكى» بولۇپ، ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەجەملەر بىرەركىمنىڭ قولىدا قۇللۇقتىن ئازاد قىلىنسا ياكى مۇسۇلمان بولسا، ياكى ئەرەبلەردىن بىرەر قەبىلە يەنە بىر قەبىلە بىلەن ئىتتىپاقداش بولسا، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى «مەۋالىي» بولىدۇ. ئادەتتە ئۇمەۋىي ۋە ئابباسىيلار دەۋرىدىكى ئەرەبلەردىن بولمىغان مۇسۇلمانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قاراڭ: ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئەبۇ شۇھبە: «ئەلۋەسىت فى ئۇلۇمىلھەدىس (الْوَسِيْطُ فِيْ عُلُوْمِ وَمُصْطَلَحِ الْحَدِيْثِ)»، «سۈننەت كۇتۇبخانىسى نەشرىياتى»، 714 – بەت، قاھىرە، م. 2014؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 39/337؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1659 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م2017.
مەۋقۇف (الْمَوْقُوفُ): ساھابەنىڭ سۆزى ياكى ھەرىكىتى مەنىسىدىكى ھەدىس ئاتالغۇسى. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 4 – بەت.
مۇباھ (الْمُبَاحُ): ئاللاھ تائالا بەندىگە قىلىش – قىلماسلىق ئىختىيارلىقنى بەرگەن ئىش. ئادەتتە شەرىئەت قىلىش ياكى قىلماسلىقنى ئوخشاش دەپ قارىغان ئىش بولسۇن ياكى قىلىش – قىلماسلىق توغرىسىدا پەقەت ئىپادە بىلدۈرمىگەن ئىش بولسۇن، قىلسا گۇناھ بولمايدىغان، «ھالال»، «جائىز» ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 5 – بەت.
مۇتابەئەت (الْمُتَابَعَاتُ): لۇغەت مەنىسى «ئەگىشىش، مۇۋاپىق كېلىش» دېگەنلىك بولۇپ، ھەدىس ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: «مەلۇم بىر راۋىينىڭ بىر ھەدىسنى مەلۇم بىر ساھابەدىن رىۋايەت قىلىشتا باشقا بىر راۋىينىڭ رىۋايەتىگە ئوخشاش رىۋايەت قىلىشى» بولۇپ، بىر راۋىي ئۇ ھەدىسنى ئىككىنچى بىر راۋىينىڭ ئۇستازى ياكى ئۇنىڭمۇ ئۈستىدىكى راۋىيلەردىن رىۋايەت قىلىشى مۇمكىن. باشقا راۋىينىڭ ئۇستازىدىن ئوخشاش سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلسا، «تولۇق مۇتابەئات (الْمُتَابَعَةُ التَّامَّةُ)»، ئۇنىڭمۇ ئۈستىدىكى راۋىيلەردىن رىۋايەت قىلسا، «كەمتۈك مۇتابەئەت (الْمُتَابَعَةُ الْقَاصِرَةُ)» بولىدۇ. «مۇتابەئەت»تىن مەقسەت بىرەر ھەدىسنى كۈچلەندۈرۈش بولغاچقا، مۇھەددىسلەر ئۇنىڭ بىلەن بەزى ھەدىسلەرنى «سەھىھ لىغەيرىھى» ياكى «ھەسەن لىغەيرىھى» دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 621 -، 622 – بەتلەر، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى قامۇسى)»، 1408 -، 1409 – بەتلەر.
مۇتەۋاتىر ھەدىس (الْحَدِيْثُ الْمُتَوَاتِرُ): لۇغەت مەنىسى «ئارقىمۇئارقا ئۈزۈلمەي كېلىش» دېگەنلىك بولۇپ، ھەدىس ئىلمىدە: «سەنەدنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئارىلىرىدا يالغان ئېيتىشقا كېلىشىۋېلىش ئېھتىماللىقى يوق كۆپ ساندىكى راۋىيلەرنىڭ ئوخشاش ھالەتتىكى كۆپ سانلىق راۋىيلەردىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس»نى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، «لەفزى مۇتەۋاتىر»، «مەنىسى مۇتەۋاتىر» دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 5 – بەت.
مۇجتەھىد (المُجْتَهِدُ): قاراڭ: ئىجتىھاد قىلىش (الاِجْتِهَادُ).
مۇد (الْمُدُّ): قەدىمكى زامانلاردىكى بىر ئوچۇم مىقدار سىغىدىغان كەمچەن بولۇپ، ئالىملار ¼ سائغا باراۋەر كېلىدىغانلىقىدا بىردەك قاراشتا. لېكىن، ئۇنىڭغا قانچىلىك ئېغىرلىقتا ماددا سىغىدىغانلىقىدا ھەنەفىي مەزھەب «ئىككى ئىراق رىتلى (812.5 ﮔﺮﺍم) سىغىدۇ» دەپ قارىسا، كۆپچىلىك ئالىملار: «بىر پۈتۈن ئۈچتەن بىر ئىراق رىتلى (510 ﮔﺮﺍم) سىغىدۇ» دەپ قارايدۇ. قاراڭ: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 38/302؛ «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 31/457، ئىستانبۇل، م. 2012؛ دوكتور ئەلى ﺟﯜﻣﯜئە: «المكاييل والموازين الشرعية (شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار)»، 36 – بەت، «دارۇلقۇدۇس نەشرىياتى»، قاھىرە. م. 2021.
مۇدەللىس (الْمُدَلِّس): ئەرەب تىلىدا: «قاراڭغۇلاشتۇرغۇچى ياكى ئەيىبنى يوشۇرغۇچى» مەنىسىدەدۇر. ھەدىس ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: «بىر ھەدىسنى ئىسنادتىكى ئەيىبنى يوشۇرۇپ، ياخشى كۆرسىتىپ رىۋايەت قىلغۇچى»نى كۆرسىتىدۇ. مۇدەللىس ئادەتتە ئۆزى ئۇچراشقان ۋە تەلىم ئالغان ئۇستازىدىن ئاڭلىمىغان بىر ھەدىسنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىغاندەك قىلىپ رىۋايەت قىلىدۇ ياكى ئۇچراشمىغان ۋە تەلىم ئالمىغان ئۇستازىدىن بىر ھەدىسنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىغاندەك قىلىپ رىۋايەت قىلىدۇ. ھەر ئىككى ئەھۋالدا ئۇ ھەدىسنى كىمدىن ئاڭلىغانلىقىنى يوشۇرىدۇ. بۇ تۈرلۈك راۋىيلەر ئېنىق قىلىپ «ئاڭلىدىم» دېمىسە، كۈچلۈك قاراشتا رىۋايەتى قوبۇل قىلىنمايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 330 – 335 – بەتلەر، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
مۇرابەھە (پايدسىغا سېتىش) سودىسى (الْمُرَابَحَةُ): ئەرەب تىلىدا: «ئۆزئارا پايدا ئېلىشنى بىلدۈرىدىغان (رَابَحَ) كەلىمەسىنىڭ مەسدەرى»دۇر. كلاسسىك فىقھتا: «مالنىڭ سېتىۋېلىنغان ئەسل نەرخىنىڭ خېرىدارغا بىلدۈرۈلۈشى ۋە ئۈستىگە پايدا قوشۇپ سېتىلىشى»دۇر. يەنى خېرىدار سېتىۋالغان مېلىدا ساتقۇچىغا قانچىلىك پايدا بەرگەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى جائىز بولۇپ، كۈنىمىزدىكى «ئىسلام بانكىلىرى»دىكى «مۇرابەھە» بۇنىڭدىن پەرقلىق. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 9/49؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 389 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996.
مۇرەﻳﺴﯩﺌ غازىتى (غَزْوَةِ الْمُرَيْسِيْعِ): قاراڭ: بەنى مۇستالىق غازىتى (غَزْوَةُ بَنِي الْمُصْطَلِقِ).
مۇرجىئە (الْمُرْجِئَةِ): بۇ ئاتالغۇ ئەڭ دەسلەپتە ساھابە – كىراملار ئوتتۇرىسىدا بولغان «سىففىن» جېڭىدەك بەزى ئۇرۇش ۋە زىددىيەتلەرگە ئارىلاشماي، ئارىلاشقانلارغا قارىتا بىرىنى خاتا، بىرىنى توغرا دەپ ھۆكۈممۇ قىلماي بىتەرەپ تۇرغان، ئۇلارنىڭ ھۆكمىنى قىيامەتكە قويغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس ۋە ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردەك بىر قىسىم بىتەرەپ ساھابە كىراملارنى، شۇنداقلا چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان ۋە ئۇلارغا كېسىپ ھۆكۈم قىلمىغان ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەۋرىسى ھەسەن ئىبنى مۇھەممەد كەبى مۇجتەھىد ئالىملارنى كۆرسىتەتتى.
كېيىنچە، چوڭ گۇناھلار سەۋەبىدىن باشقىلارنى كافىرغا چىقىرىدىغان خاۋارىجلار ۋە ھەرقانداق چوڭ گۇناھنى كۇفۇر دېيىشتە، ئۇلارغا ئوخشاپ قالغان شىئەلەرگە قارىتا ئىنكاس سۈپىتىدە ئىمان بىلەن كۇفۇر ئاتالغۇلىرىنى ئىزاھلاش ۋە ئۇقۇمىنى بېكىتىش ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن «مۇرجىئە» دەپ ئاتالغانلارنىڭ كۆپ قىسمى خاۋارىجلارغا رەددىيە بېرىپ: ئىمان – ئاللاھنى تونۇش ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇنىڭغا ئاساسەن، «كىمكى ئاللاھتىن باشقا ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ تونۇسا، ئۇ مۇئمىن بولىدۇ» دەپ قارىغان. چۈنكى، خاۋارىجلار: «ئىمان دېگەن ئاللاھنى تونۇش ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش، شۇنداقلا پەرزلەرنى ئادا قىلىش ۋە چوڭ گۇناھلارنى تەرك قىلىشتىن ئىبارەت» دەپ تەرىپلىگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن كىمكى «ئاللاھتىن باشقا ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى» دەپ تونۇسا، لېكىن بىرەر پەرزنى قىلماي قالسا ياكى بىرەر چوڭ گۇناھنى قىلىپ سالسا، ئۇ خاۋارىجلار نەزەرىدە «كافىر»، مۇرجىئەلەر نەزەرىدە بولسا «مۇئمىن» دەپ قارىلاتتى. چۈنكى، بۇ تۈردىكى مۇرجىئەلەر «ئىمان بولسا، گۇناھنىڭ ئىمانغا زىيىنى يوق» دەپ قارايتتى. قاراڭ: «مَوْسُوْعَةُ الفِرَقِ وَالمَذَاهِبِ فِي العَالَمِ الْإِسْلَامِيِّ (ئىسلام دۇنياسىدىكى پىرقىلەر ۋە مەزھەبلەر ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 649 – 657 – بەتلەر. م. 2007. قاھىرە.
مۇرسەل ھەدىس (الْحَدِيْثُ الْمُرْسَلُ): ئەرەب تىلىدا: «ئەۋەتمەك، يوللىماق ۋە مەيلىگە قويۇۋەتمەك» دېگەن مەنىلەردىكى «إِرْسَالٌ» كەلىمەسىدىن «ئەۋەتىلگەن» مەنىسىدە تۈرلەنگەن بولۇپ، مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا بىرقانچە مەنىدە قوللىنىلغان. مەشھۇر ئىستىلاھتا: «تابىئىننىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىسبەت بەرگەن ھەدىسى»دۇر. بەزىلەر چوڭ تابىئىن بولۇشىنى شەرت قىلىشىدۇ. يەنە بىر ئىستىلاھتا: «ئىسنادىدا ساھابە ياكى باشقا راۋىيلىرىدىن بىرى زىكىر قىلىنمىغان ھەدىس». بۇنىڭغا ئاساسەن «مۇرسەل» بىلەن «مۇنقەﺗﯩﺌ» ئوخشاش. يەنە بىر ئىستىلاھتا: «ساھابە بولمىغان راۋىينىڭ ‹رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى› دەپ رىۋايەت قىلغان ھەدىسى»دۇر. ئالىملاردىن ئىمام مالىك، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام ئەھمەدلەر «مۇرسەل ھەدىس ھۆججەت» دەپ قارىسا، ئەھلى ھەدىسنىڭ خېلى كۆپ قىسمى مۇرسەلنى زەئىف ھەدىسلەر قاتارىغا تىزىدۇ. ئىمام شافىئىي «بىرقانچە شەرتلەر تېپىلسا ھۆججەت» دەپ قارايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 676 – 678 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003؛ دوكتور نۇرىددىن ئىتر: «مَنْهَجُ النَّقْدِ فِي عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ»، 369 – بەت. «دارۇلفىكر نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1979.
مۇرىد (الْمُرِيدُ): تەسەۋۋۇف ئاتالغۇلىرىدىن بولۇپ، ھەقنى تونۇشنى ئىرادە قىلغان ۋە تەسەۋۋۇف يولىدا مېڭىشنى قارار قىلىپ، ئۆزىنى تەرىقەت پىرىنىڭ تەربىيەسىگە تاپشۇرغان كىشىدۇر.
مۇزارەئە / تېرىقچىلىق كېلىشىمى (الْمُزَارَعَةُ): ئەرەب تىلىدا: «ئۇرۇق چېچىش، تېرىش، تىكىش ۋە ئۆستۈرۈش»نى بىلدۈرىدىغان «زَارَعَ» كەلىمەسىنىڭ مەسدەرىدۇر. فىقھتا: «چىققان ھوسۇلنىڭ بىر قىسمى بەدىلىگە زىرائەت تېرىش»تىن ئىبارەت بولۇپ، بىر تەرەپ تېرىلغۇ يەر چىقارسا، يەنە بىر تەرەپ كۈچىنى چىقىرىپ يەرنى تېرىيدۇ، سۇغىرىدۇ ۋە پەرۋىش قىلىدۇ. تېرىقچىلىققا كېتەرلىك ئۇرۇق، سايمان ۋە ھايۋان قاتارلىقلارنى قايسى تەرەپ چىقىرىدىغان بولۇپ كېلىشكەن بولسا، شۇ تەرەپ چىقىرىدۇ. يەردىن ھوسۇل ئالغاندا، ھەر ئىككى تەرەپ كېلىشىم بويىچە ھوسۇلنىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى ئالىدۇ. بۇ خىل كېلىشىم جائىز بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەر ئاھالىسى بىلەن خەيبەر زېمىنىدىن چىقىدىغان زىرائەت ياكى مېۋە ھوسۇلىنىڭ يېرىمىنى ئۇلارغا بېرىش شەرتى بىلەن مۇئامەلە كېلىشىمى تۈزگەن(«سەھىھەين»). قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 37/49؛ ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، ئۇيغۇرچە 2 – نەشرى، 300 – بەت.
مۇزدەلىفە (الْمُزْدَلِفَةَ): مەككە مۇكەررەمەنىڭ ھەرەم رايونىدىكى مۇقەددەس جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەرەفات بىلەن مىنا ئارىلىقىغا جايلاشقان. ھاجىلار قۇربان ھېيتنىڭ ھارپىسى ئەرەفاتتىن قايتىپ مۇزدەلىفەگە بارغاندا، شامنى خۇپتەن بىلەن جەملەپ ئوقۇيدۇ ۋە شۇ جايدا قونۇپ، ئەتىسى بامداتنى ئوقۇپ، كۈن چىقىشتىن بۇرۇن مىناغا يۈرۈپ كېتىدۇ. مۇزدەلىفە يەنە «ﺟﻪﻣﺌ (جَمْعٌ)»، «ئەلمەشئەرۇلھەرام (الْمَشْعَرُ الْحَرَامُ)» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ﴿… ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا ئەلمەشئەرۇلھەرامدا ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار…﴾(2/«بەقەرە»: 198) دېگەن ئايەتتە ۋە نۇرغۇن ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنغاندۇر. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 8/1580، «دارۇ مەككە نەشرىياتى»، مەككە، م. 2010؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 37/93 – 102.
مۇساقات / باغۋەنچىلىك كېلىشىمى (الْمُسَاقَاةُ): ئەرەب تىلىدا: «سۇغۇرۇشنى بىلدۈرىدىغان «سَاقَى» كەلىمەسىنىڭ مەسدەرى»دۇر. فىقھتا: «چىققان ھوسۇلنىڭ بىر قىسمى بەدىلىگە باغۋەنچىلىك قىلىش»تىن ئىبارەت بولۇپ، بىر تەرەپ باغ چىقارسا، يەنە بىر تەرەپ كۈچىنى چىقىرىپ باغۋەنچىلىك قىلىدۇ. باغدىن ھوسۇل ئالغاندا، ھەر ئىككى تەرەپ كېلىشىم بويىچە ھوسۇلنىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى ئالىدۇ. بۇ كېلىشىم ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە «مۇئامەلە (المُعَامَلَةُ)» دەپمۇ ئاتالغان. بۇ خىل كېلىشىم جائىز بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەر ئاھالىسى بىلەن خەيبەر زېمىنىدىن چىقىدىغان زىرائەت ياكى مېۋە ھوسۇلىنىڭ يېرىمىنى ئۇلارغا بېرىش شەرتى بىلەن مۇئامەلە كېلىشىمى تۈزگەن(«سەھىھەين»). قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 25/353؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 394 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996.
مۇسەننەفۇ ئابدۇرراززاق (ھەدىسلەر ۋە ساھابە – تابىئىنلار بايانلىرى توپلىمى / مُصَنَّفُ عَبْدِ الرَّزَّاقِ – المُصَنَّفُ فِي الأَحَادِيثِ وَالْآثَارِ): ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە يەھيا ئىبنى مەئىن قاتارلىقلار دەرس ئالغان، تونۇلغان يەمەنلىك مۇھەددىس ئەبۇبەكرى ئابدۇرراززاق ئىبنى ھەممام سەنئانىي (ھ. 126 – 211 / م. 744 – 827) تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى ھەدىس كىتابلىرى قاتارىدىندۇر. مۇئەللىف بۇ بۈيۈك ئەسىرىدە تۈرلۈك دەرىجىدىكى ھەدىس ۋە ساھابە – تابىئىنلەرنىڭ بايانلىرىنى راۋىيلەرىگە ئەڭ قىسقا سەنەدى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ فىقھىي تەرتىپ بويىچە رىۋايەت قىلىدۇ. مۇئەللىف بىلەن ساھابەنىڭ ئارىلىقىدا بەزىدە ئىككىلا كىشى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ سەنەدى ئىنتايىن «ئالىي سەنەد» ھېسابلىنىدۇ. شەيخ ھەبىبۇرراھمان ئەلئەئزەمىي تەرىپىدىن «ئەلمۇسەننەف» نامى بىلەن 12 تومدا (ئاخىرقى تومى مۇندەرىجە ۋە تىزىقلار) 31 بۆلۈم، 2133 بابقا بۆلۈنگەن ھالدا 1970 – يىلى بېيرۇتتا نەشر قىلىنغان بولۇپ، 21٫033 ھەدىس ۋە ساھابە – تابىئىنلەرنىڭ بايانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. لېكىن، ئەسەرنىڭ باش تەرىپىنىڭ ئازغىنە بىر قىسمى ئۆكسۈك بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىمام ئابدۇرراززاق ئۇستازى مەئمەر ئىبنى راشىد ئەلئەزدىي (ھ. 95 – 153 / م. 714 – 770) دىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەر توپلىمى «ئەلجاﻣﯩﺌ»مۇ 10 – تومنىڭ ئاز بىر قىسمى بىلەن 11 – تومدا ئورۇن ئالغان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 644 – بەت.
مۇسەننەفۇ ئىبنى ئەبى شەيبە (ھەدىسلەر ۋە ساھابە – تابىئىن بايانلىرىنىڭ توپلىمى / مُصَنَّفُ ابْنِ أَبِي شَيْبَةَ – المُصَنَّفُ فِي الأَحَادِيْثِ وَالْآثَارِ): مەشھۇر مۇھەددىس، مۇفەسسىر ۋە تارىخشۇناس ئەبۇبەكرى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەبي شەيبە (ھ. 159 – 235 / م. 776 – 850) نىڭ ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى. مۇئەللىف ئۆزىگە يېتىپ كەلگەن ھەدىسلەرنى ۋە ئۇلارنى ئىزاھلىغان ساھابە بايانلىرى بىلەن تابىئىن پەتۋالىرىنى سەنەدلىرى بىلەن بىرلىكتە توپلىغان ۋە كېيىن بۇلارنى بۆلۈم ۋە بابلارغا ئايرىپ تەسنىف قىلغان. مۇئەللىف بۇ ئەسىرى بىلەن ئۆزى ياشىغان دەۋردە، فىقھىي مەزھەبلەر تېخى شەكىللەنمىگەن چاغلاردا ھەدىسلەردە مەۋجۇد ئەھكاملارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە نامايان قىلىشقا تىرىشقان. كىتاب «كۇتۇبۇ سىتتە (ئالتە كىتاب)»دىن بۇرۇنقى دەۋردە تەئلىف قىلىنغان مۇھىم ئەسەرلەردىن بولۇپ، سەئىد ئەللەھھام تەرىپىدىن توققۇز تومدا چاپ ئېتىلگەن ئەڭ يېڭى نەشرىدە 41 بۆلۈم، 5435 بابتىن تەشكىل تاپماقتا. ئەسەردە 38 مىڭغا يېقىن ھەدىس بار بولۇپ، كامال يۈسۈف ئەلھۇت نەشرىدە 37٫943 ھەدىس مۇقىمدالغان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 644 – بەت.
مۇستەھەب (الْمُسْتَحَبُّ): «ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىش» دېگەن مەنىدە، «ئاللاھ تائالا چوقۇم ئادا قىلىشقا بۇيرۇمىغان، لېكىن تەرغىب قىلىنغان ئىبادەت»تۇر، ئادا قىلغۇچى ساۋابقا ئېرىشىدۇ، تەرك قىلغۇچى جازالانمايدۇ. بۇ ئاتالغۇ ئادەتتە سۈننەت، نەفلە قاتارلىق تەرغىب قىلىنغان تۈرلەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 5 – بەت.
مۇسنەد (الْمُسْنَدُ): ئەرەب تىلىدا: «يۆلەنمەك، ھاۋالە قىلماق، ۋەزىپە تاپشۇرماق ۋە نىسبەت بەرمەك مەنىسىدىكى ‹ئىسناد (الْإِسْنَادُ)› كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن»دۇر. «مۇسنەد ھەدىس» كۆپچىلىك مۇھەددىسلەر ئىستىلاھىدا: «ئىسنادى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تۇتاشقان ھەدىس»تۇر. بۇ قاراش بويىچە بۇ ئاتالغۇ پەقەت سەنەدى تۇتاشقان «مەرفۇﺋ» ھەدىسكىلا ئىشلىتىلىدۇ. «مەۋقۇف» ياكى «مۇرسەل» ياكى سەنەدى ئۈزۈك ۋە سەنەدىدە مۇدەللىس راۋىي بولغان ھەدىس «مۇسنەد» بولمايدۇ. باشقا قوبۇل قىلىش شەرتلىرىنىڭ تېپىلىشىغا قاراپ «مۇسنەد ھەدىس» سەھىھ ياكى ھەسەن، ياكى زەئىف بولىدۇ. يەنە «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، «مۇسنەدۇ بەززار» كەبى ساھابەلەرنىڭ رىۋايەتلىرىنى ئىسىملىرى ئېلىپبە ياكى باشقا مۇئەييەن بىر تەرتىپتە ئىسنادلىق جەملىگەن چوڭ ھەجىملىك ھەدىس توپلىمىمۇ «مۇسنەد» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما، ئىگە ئىسىم سۈپىتىدىكى «مۇسنىد (الْمُسْنِدُ)» ئاتالغۇسى بولسا مۇھەددىسلەرنىڭ نام – ئاتاقلىرىدىن بولۇپ، رىۋايەت قىلغان ھەدىسكە ئالاقىدار ئىلىمگە ئىگە بولسۇن، بولمىسۇن، نۇرغۇن ھەدىسنى چوڭ ئىماملاردىن سەنەدلىرى بىلەن رىۋايەت قىلىشتا تونۇلغان راۋىينى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 704 – 706 – بەتلەر، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1526 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
مۇسنەدۇ ئەھمەد (مُسْنَدُ الإمَامِ أَحْمَدِ بنِ حَنْبَلٍ): مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ بىرى بولغان ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ ئىمامى بۈيۈك مۇھەددىس ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەنبەل ئەششەيبانىي ئەلمەرۋەزىي (ھ. 164 – 241 / م. 780 – 855) تەرىپىدىن ئوغلى ئابدۇللاھقا سۆزلەپ بېرىلىپ، شۇ ئوغلى تەرىپىدىن يېزىلىپ رەتلەنگەن چوڭ ھەجىملىك ھەدىس توپلىمىدۇر. ھەربىر ساھابەنىڭ رىۋايەتلىرى جەملەنگەن «مۇسنەد» شەكلىدە تۈزۈلگەن بۇ ئەسەردىمۇ ساھابەلەرنىڭ ئىسىملىرى ئېلىپبەلىك تەرتىپتە ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن خۇلەفائى راشىدىن، ئاندىن «ئەشەرەئى مۇبەششەرە»، ئاندىن ئەھلى بەيتتىن باشلاپ مۇئەييەن تەرتىپتە يېزىلغان. ئىمام ئەھمەد ئەسەردە ھەدىس تەھسىل قىلىش بىلەن ئۆتكەن 61 يىللىق ئۆمرىدە 283 ئۇستازىدىن ئاڭلاپ توپلىغان، 904 ساھابەدىن رىۋايەت قىلىنغان «سەھىھ»، «ھەسەن» ۋە ئاز بىر قىسمى «زەئىف» دەرىجىدىكى 30 مىڭغا يېقىن (تەكرارلانغانلىرى بىلەن 40 مىڭ) ھەدىسنى تاللاپ كەلتۈرىدۇ. ئەسەرنى تەھقىقلەپ نەشرگە تەييارلىغان شەيخ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت باشچىلىقىدىكى ئىلمىي گۇرۇپپا تەرىپىدىن بېكىتىلىشىچە، ئۇنىڭدىكى ھەدىسلەرنىڭ سانى 27٫679 «مەرفۇﺋ» (ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى «مەۋقۇف» ۋە «مەقتۇﺋ») ھەدىس بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى قوشۇپ قويغىنى 642 ھەدىستۇر. ئەڭ بۈيۈك ھەدىس توپلىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزكۇر كاتتا خەزىنىنىڭ مۇكەممەل نەشرى شەيخ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت باشچىلىقىدىكى ئىلمىي گۇرۇپپا تەرىپىدىن 2001 – يىلى بېيرۇتتا 50 تومدا نەشر قىلىنغاندۇر. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 645 – بەت.
مۇسنەدۇ بەززار (مُسْنَدُ الْبَزَّارِ / الْبَحْرُ الزَّخَارُ): مۇھەددىس ئەبۇبەكرى ئەھمەد ئىبنى ئەمر ئەلبەسرىي ئەلبەززار (ھ. 210 – 292 / م. 826 – 905) تەرىپىدىن يېزىلغان «مۇسنەدۇ بەززار» دەپ تونۇلغان چوڭ ھەجىملىك ھەدىس توپلىمى «ئەلبەھرۇززەخخار»دۇر. ھەربىر ساھابەنىڭ رىۋايەتلىرىنى جەملىگەن «مۇسنەد» شەكلىدە تۈزۈلگەن بۇ ئەسەر ئەۋۋەلا خۇلەفائى راشىدىن، ئاندىن «ئەشەرەئى مۇبەششەرە (جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە)»دىن، ئاندىن ئەھلى بەيت (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى) تىن باشلاپ مۇئەييەن تەرتىپتە تەسنىف قىلىنغان بولۇپ، ساھابەلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلىپبەلىك تەرتىپتە كەلتۈرمىگەن. مۇئەللىف يەنە ساھابەلەردىن رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ ئىشەنچلىكلىك تەرىپى، ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ ياكى زەئىفلىكى، شۇنداقلا ھەدىس ئىلمىگە ئائىت قائىدىلەر ئۈستىدە توختالغان. 18 تومدا (1988 – 2009 – يىللار ئارىسى) نەشر قىلىنغان ئەسەردە «كۇتۇبۇ سىتتە»دە بولمىغان تۈرلۈك دەرىجىلەردىكى 3442 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10٫409 ھەدىس توپلانغان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 645 – بەت.
مۇفەسسىر (الْمُفَسِّرُ): «قۇرئان»نىڭ مەنىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىجتىھادى ياكى باشقا ئالىملارغا ئەگىشىش ئارقىلىق بايان قىلىش شەرتلىرىنى ھازىرلىغان ئالىم. قاراڭ: ئەمر سۈبھى ئەششەرقاۋىي: «قۇرئانغا تەلپۈنگەن يۈرەك»، ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇرراززاق رەجەب، «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»، 141 – بەت.
مۇكەللەف (المُكَلَّفُ): ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «ئىش – ھەرىكىتىگە ئاللاھ تائالانىڭ تەلەپ قىلىش ياكى ئىختىيارلىق بېرىش مەزمۇنىدىكى خىتابى چېتىلغان، تاللاش ئىختىيارلىقى بار بالىغ، ئاقىل مۇسۇلمان»دۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 36/231؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1608 – ﺑﻪﺕ، «ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﭼﯩﺴﻰ»، ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ، ﺭﯨﻴﺎﺩ، ﻡ. 2017.
مۇلتەزەم (الْمُلْتَزَمُ): ئەرەب تىلىدا: «چىڭ ئېسىلىپ، چاپلىشىپ دۇئا قىلىنىدىغان جاي» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەسجىدۇل ھەرەمدە: «ھەجەرۇل ئەسۋەد بىلەن كەئبىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئارىلىقىدىكى تۆت گەز كېلىدىغان دۇئاگاھ»تۇر. «دۇئاگاھ (الْمُدعَى)»، «پاناھگاھ (الْمُتَعَوَّذُ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ جايغا مەيدىسىنى، يۈزىنى، بىلەكلىرىنى ۋە ئالىقانلىرىنى يېيىپ چاپلاپ دۇئا قىلىش مۇستەھەبتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1612 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م2017. دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 428 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996.
مۇنكەر ۋە نەكىر (مُنْكَرٌ وَنَكِيرٌ): كۆرۈمسىز ئىككى مالائىكە بولۇپ، مېيىت دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن قەبرىسىگە كېلىپ، ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدىن رەببى، دىنى ۋە پەيغەمبىرى توغرۇلۇق سورايدۇ. جاۋاب بېرەلىگەنلەر قەبرىسىدە ھۇزۇرغا ئېرىشىدۇ. جاۋاب بېرەلمىگەنلەر قەبرىسىدە ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ھەدىستە: «مېيىت قەبرىگە قويۇلغاندىن كېيىن، مۇنكەر ۋە نەكىر ئىسىملىك، چېقىركۆزلۈك، قاپقارا ئىككى مالائىكە ئۇنىڭ يېنىغا كىرىدۇ»(«تىرمىزىي»، 1071) دەپ كەلگەن. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1636 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
مۇھال (المُحَال): «رېئاللىقتا مەۋجۇد بولۇشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش». مەسىلەن، ھەرىكەت بىلەن جىملىقنىڭ بىرنەرسىدە جەملىشىشى. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 262 – بەت؛ «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 619. م. 2016.
مۇئتە غازىتى (غَزْوَةُ مُؤْتَةَ): ھ. 8 / م. 629 – يىلى مۇسۇلمانلار بىلەن سۈرىيەلىك خرىستىيان ئەرەبلەر ۋە ۋىزانتىيە قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تۇنجى ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شامدىكى بۇسرا پادىشاھىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ ئەۋەتكەن ئەلچىسى ھارىس ئىبنى ئۇمەير ئەلئەزدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋىزانتىيەگە تەۋە ئەرەب خرىستىيانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى ئىدى. بۇ ئۇرۇش ھازىرقى ئىئوردانىيەگە تەۋە «مۇئتە» دېگەن جايدا بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. بۇ ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلارنىڭ 3000 كىشىلىك قوشۇنى ۋىزانتىيەنىڭ 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشقان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 586 – بەت.
مۇئتەزىلە (الْمُعْتَزِلَةُ): قۇرغۇچىسى ۋاسىل ئىبنى ئەتائنىڭ باشچىلىقىدا ھ. 2 / م. 8 – ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىققان كەلامىي پىرقە بولۇپ، ئەقىدىلەرنى بېكىتىشتە ئەقىلنى نەقىلنىڭ ئالدىغا قويغان ۋە «توغرا – خاتانى ئەقىل ئايرىيالايدۇ» دەپ قارىغان. يەنە تەۋھىد، ئادالەت، ئىككى مەنزىلە ئوتتۇرىدىكى مەنزىلە، قۇرئان مەخلۇق دېگەندەك قاراشلىرى بىلەن تونۇلغان. كېيىنچە بىرقانچە پىرقىگە بۆلۈنگەن. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 604 – بەت.
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى (أُمُّ الْمُؤْمِنِيْنَ): پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەمرىگە ئېلىپ بىللە بولغان (گەرچە كېيىن قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ) ئەزۋاجى مۇتاھھەرەلىرى (پاك ئاياللىرى) گە ئۇلارنى ئىززەتلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دەۋىتى يولىدىكى رولىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە (33/«ئەھزاب»، 6 – ئايەتتە) بەرگەن نام بولۇپ، ئۇ ئاياللارنى باشقا بىركىمنىڭ (گەرچە مەھرەم تۇغقان بولمىسىمۇ) نىكاھلاپ ئېلىشىنى (33/«ئەھزاب»، 53 – ئايەتتە) ھارام قىلىۋەتكەن. بۇ نام پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئەمرىگە ئالغان 11 ئايالغا (بىر ۋاقىتتا ئەمرىدە جەملەنگىنى توققۇزدۇر) بېرىلگەندۇر. ئۇلار تەرتىپ بويىچە: خەدىجە بىنتى خۇۋەيلىد، سەۋدە بىنتى زەمئە، ئائىشە بىنتى ئەبۇبەكرى سىددىق، ھەفسە بىنتى ئۆمەر، زەينەب بىنتى خۇزەيمە، ئۇممۇ سەلەمە ھىند بىنتى ئەبى ئۇمەييە، زەينەب بىنتى جەھش، جۇۋەيرىييە بىنتى ئەلھارىس، ئۇممۇ ھەبىبە رەملە بىنتى ئەبى سۇفيان، سەفىييە بىنتى ھۇيەي ۋە مەيمۇنە بىنتى ئەلھارىس. ئۇلاردىن ئالتىسى قۇرەيشتىن، تۆتى باشقا ئەرەب قەبىلىلىرىدىن، بىرى بەنى ئىسرائىلدىندۇر. ئۇلاردىن ئىككىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھايات ۋاقىتتا دۇنيادىن كەتكەن. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي! قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 223 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
مېيىتتىن مىراس ئالالمايدىغان چوڭ ئانا (الْجَدَّةُ الْفَاسِدَةُ): مىراس ئىلمى ئىستىلاھىدا: «مېيىت بىلەن ئارىسىدا مىراس ئالالمايدىغان چوڭ دادا بولغان چوڭ ئانا» ياكى «مېيىتكە تۇتاشقان نەسەبىدە ئىككى ئايال ئارىلىقىغا مىراسخور بولمىغان بىر ئەر كىرگەن كىشى»دۇر. بۇ چوڭ ئانا مېيىتكە يىراق تۇغقانلار (ذَوِي الْأَرْحَامِ) دىن بولغان ئوغلى بىلەن تۇتىشىدىغان بولغاچقا، مېيىتنىڭ نېسىۋىسى بېكىتىلگەن تۇغقىنى ياكى ئاسىب تۇغقىنى بولسا مىراس ئېلىش ھەققى بولمايدۇ. نەتىجىدە ئۇ چوڭ ئانىمۇ يىراق تۇغقانلار ھېسابلىنىدۇ. مېيىتنىڭ نېسىۋىسى بېكىتىلگەن تۇغقىنى ياكى ئاسىب تۇغقىنى بولمىسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە يىراق تۇغقانلاردىن بولغان ئۇ چوڭ ئانا مىراس ئالىدۇ. مەسىلەن، ئانا تەرەپ بوۋىسىنىڭ ئانىسى. دېمەك، بۇ چوڭ ئانىنىڭ بېكىتىلگەن مىراسى ياكى ئاسىبلىق جەھەتتىن مىراس ئېلىش ھەققى بولمايدۇ. يۇقىرىقى مىراسخورلار تېپىلمىغاندا يىراق تۇغقاندارچىلىق جەھەتتىن مىراس ئالالايدۇ. قاراڭ: ئەززەبىيدىي: «ئەلجەۋھەرەتۇننەييىرە»، 6/265؛ قازى ئەھمەدنەكرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ»، 1/264.
مىيقات (الْمِيقَاتُ، ج الْمَوَاقِيتُ): ئەرەب تىلىدا «ۋاقىت بېكىتىش»تىن تۈرلەنگەن بولۇپ، بېكىتىلگەن ۋاقىت، چەك – چېگرا مەنىسىدە. كېيىنچە ماكانغىمۇ قوللىنىلغان. فىقھ ئىستىلاھىدا: ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن ھەرەمگە ماڭغان كىشى ئىھرامسىز ئۆتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مەخسۇس زامان ۋە ماكاندىن ئىبارەت. ھەجگە ئىھرام باغلاشقا بېكىتىلگەن زامان «زامانىي مىيقات» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدۇر. بۇ «ھەجگە مۇشۇ ۋاقىتلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاتلىنىشقا ۋە تۇتۇش قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ۋاقىتلارنىڭ بەزىسى ئىھرام باغلاشقا باشلايدىغان ۋاقىت بولسا، بەزىسى ئىھرامدىن چىقىش ۋاقىتىدۇر. ئەمما، ئۆمرە ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت بېكىتىلمىگەن بولغاچقا، يىلنىڭ ھەممە ئايلىرى ئۆمرەنىڭ زامانىي مىيقاتىدۇر. شۇڭا، يىل بويى ئۆمرەگە ئىھرام باغلاشقا ۋە ئۇنى ئادا قىلىشقا بولىدۇ. ئىبادەتلەر ئۈچۈن بېكىتىلگەن ۋاقىتلارنى بىلىشنى تەتقىق قىلىدىغان ئايرىم ئىلىم بولۇپ، بۇ ئىلىم «مىيقات ئىلمى (عِلْمُ الْمِيْقَاتِ» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئالىمغا «مىيقاتىي (مِيْقَاتِيٌّ)» دېيىلىدۇ. ھەج – ئۆمرەگە مەككەگە كىرمەكچى بولغان ھاجىلارنىڭ ئىھرامسىز ئۆتۈشىگە بولمايدىغان جايلار «ماكانىي مىيقات» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلار بەش بولۇپ، زۇلھۇلەيفە، جۇھفە، قەرن، يەلەملەم ۋە زاتۇئىرقتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 2/141 – 147؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1368 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1649 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م2017