Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

روژدېستۋو بايرىمى ۋە مىلادىيە يېڭى يىلنى تەبرىكلەشكە بولامدۇ؟

روژدېستۋو بايرىمى ۋە مىلادىيە يېڭى يىلنى تەبرىكلەشكە بولامدۇ؟

ئېيتقىنكى، ئۇ – ئاللاھ بىردۇر. ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار ھەتتا ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرى خرىستىيانلارنىڭ روژدېستۋو ۋە مىلادىيە يېڭى يىل بايراملىرىنى قۇتلاش ۋە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغان، ھەتتا ئۆزلىرىمۇ ئالاھىدە قۇتلايدىغان، پائالىيەت ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ بايراملاردا ھەدىيە تەقدىم قىلىش، دەرەخ بىلەن ئۆيلەرنى زىننەتلەش ۋە خرىستىيانلارنى تەبرىكلەشچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەپسۇسكى، نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار پەقەت خرىستىيانلارنىڭلا ئەمەس، بۇتپەرەسلەرنىڭ، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ، ھەتتا قان دۈشمەنلىرىنىڭ بايراملىرىنى چوڭ بىلىدىغان، ئالاھىدە تەبرىكلەيدىغان بولۇپ كەتتى. تېمىمىزغا ئالاقىدار ھالدا روژدېستۋونى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىشتىن ئاۋۋال ئالدى بىلەن بۇ كىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى؟ بىز نېمىنى تەبرىكلەيمىز بىر قاراپ ئۆتەيلى.

روژدېستۋو (خرىستوس / Christmas) خرىستىيانلارنىڭ بىرقىسمىنىڭ ئېتىقادىدا «رەبنىڭ تەۋەللۇدى»، يەنە بىرقىسمىنىڭ ئېتىقادىدا «رەبنىڭ ئوغلىنىڭ يەنى ھەزرىتى ئىيسا مەسىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇدى»نى خاتىرىلەش بايرىمى ھازىرقى خرىستىيانلارنىڭ ئادىتى بويىچە، كاتولىكلار 24 – دېكابىر كۈنى كېچىسىدىن باشلاپ 25 – كۈندۈزى بايرام قىلسا، بەزى ئورتودوكسلار 6 – يانۋار كۈنى كېچىسىدىن باشلاپ 7 – كۈندۈزى تەبرىكلىشىدۇ.

روژدېستۋو بايرىمى يا «كونا ئەھد»تە، يا «يېڭى ئەھد»تە تىلغا ئېلىنمىغىنىدەك، ھەزرىتى ئىيسا مەسىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇد كۈنىمۇ تىلغا ئېلىنمىغان. خرىستىيانلار ئۇ كۈننى ئېنىق بېكىتەلمەيلا قالماي، بەلكى ئاي ۋە يىلنىمۇ ئېنىق بېكىتەلمىگەن. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىنجىللىرىدا ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قاچان تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە بىر – بىرىگە زىت مەزمۇنلار باردۇر. يەنى، «مەتتا ئىنجىلى (Gospel of Matthew) »غا قاراپ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 4 – يىلى يەنى ھىرودىس ۋاپات بولغان يىلى دېيىشى مۇمكىن، ئەمما «لۇكا ئىنجىلى (Gospel of Luke) »غا ئاساسلىنىپ مىلادىيە 14 – يىلى دەپ يەكۈن چىقىرىشمۇ مۇمكىن.

ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھاۋارىيلىرىنى بۇ كۈننى ياكى باشقا بىر كۈننى تەبرىكلەشكە بۇيرۇمىغان، ھاۋارىيلىرىنىڭ تەبرىكلىگەنلىكى ھەم نەقىل قىلىنمىغان. پەقەتلا مىلادىيە 325 – يىلى نىكېئا / ئىزنىك (بۈگۈنكى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدا) قۇرۇلتىيىدا 25 – دېكابىر تەۋەللۇد كۈنى بېكىتىلگەن. تەتقىقاتلاردىن ئايان بولۇشىچە(1)، 25 – دېكابىر ئەسلىدە خرىستىيانلىقتىن ئىلگىرى بۇتپەرەسلەرنىڭ بايرىمى بولۇپ، قەدىمىي رۇملۇقلاردا مەخسۇس قۇياش تەڭرىسى سول ئىنۋىكتوس (Sol Invictus / پاتماس قۇياش) قا چوقۇنۇش بايرىمى ئىدى. خرىستىيانلار ھەزرىتى ئىيسا مەسىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇد كۈنىنى ئېنىق بىلەلمىگەچكە، يەنە ئىيسا مەسىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا «يېڭى ئەھدنىڭ قۇياشى»، «جاھاننىڭ نۇرى» دەپ قارالغاچقا، ئۇلار سول ئىنۋىكتوس بايرىمىنى ئىيسا مەسىھ ئەلەيھىسسالام تەۋەللۇدىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بېكىتكەن ۋە بۇ بايرامدا ئۇلار مەخسۇس دۇئا – تىلاۋەت ۋە ئىبادەت بىلەن بىرگە توپلىشىپ خاتىرىلەش، كەچلىك تاماق، روژدېستۋو ئارچىسى(2)، روژدېستۋو بوۋاي (سانتا كلوز) ۋە ھەدىيە قاتارلىقلار بىلەن تەبرىكلىشىدۇ.

بۇ تەۋەللۇدنىڭ خرىستىيانلىقتا ئاساسى بولمىغىنىدەك، تەبرىكلەشكە دائىر باشقا پائالىيەتلىرىنىڭمۇ بىرەر ئاساسى يوقتۇر. مەسىلەن، روژدېستۋو ئارچىسى ئادىتى خرىستىيانلىقتىن ئىلگىرىكى دەل – دەرەخلەرگە چوقۇنۇش بۇتپەرەسلىكىدىن قالغان بولۇپ، قەدىمدە گېرمانىيەدە كەڭ تارقالغان ئادەت ئىدى. گېرمانلار خرىستىيانلىقنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بۇ ئادەت خرىستىيانچە سىمۋولغا ئايلاندۇرۇلغان. بۇ ۋەجدىن ئوتتۇرا ئەسىرلەردە كاتولىك چېركاۋلىرى بۇ ئادەتنى قارشى ئالمىغان. 15 – ئەسىرلەردە ئاندىن فرانسىيەدە ئومۇملاشقان ۋە ئۇ يەردىن ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا ئەللىرىگە تارقىغان. نەتىجىدە بۇ ئارچا ئىنجىلدا تىلغا ئېلىنغان «ھايات ئارچىسى»گە، «جاھاننىڭ نۇرى» دەپ قارالغان ھەزرىتى ئىيسا مەسىھ ئەلەيھىسسالامغا سىمۋول قىلىنغان. بۇ بايرامدىكى ھەدىيە تەقدىم قىلىشمۇ ئوخشاشلا بۇتپەرەسلىكنىڭ قالدۇقىدۇر(3).

بۇ ئادەتنى بۇتپەرەسلىكتىن ئەڭ دەسلەپتە قوبۇل قىلغانلار كاتولىك چېركاۋلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بۇ بايرامنىڭ دەسلەپتە يوقلۇقىنى، مىسىر ۋە رۇم بۇتپەرەسلىرىدىن كەلگەنلىكىنى، كېيىنچە روژدېستۋو بايرىمىغا ئايلانغانلىقىنى، ئىنجىلدا بىرەرسىنىڭ بۇنى تەبرىكلىگەنلىكى ياكى بۇ كۈن ئۈچۈن زىياپەت بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى، فىرئەۋن ۋە ھىرودىسقا ئوخشىغان گۇناھكار مۇستەبىتلەرلا بۇ دۇنياغا كەلگەن كۈننى كاتتا تەنتەنە كۈنى قىلىۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ(4).

دېمەك، ئەسل – ۋەسلى بۇتپەرەسلىك قالدۇقى بولمىش مەزكۇر بايرام خرىستىيانلىقنىڭ دەسلەپكى ئەسىرلىرىدە يوق بولسىمۇ، كېيىنكى ئەسىرلەردە بىر تۈركۈم خرىستىيانلار ئۆز ئېتىقادلىرىغا ماسلاشتۇرۇپ ئومۇملاشتۇرۇۋالغان بايرام بولۇپ، بۇ بايرام بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قانائىتىدە خرىستىيان ئېتىقادىغا تېڭىلغان شىرك ۋە كۇفۇر ئەمەلدۇر. ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا ئاتالمىش «قۇتقۇزغۇچى پەرۋەردىگار مەسىھنىڭ تەۋەللۇد كۈنى» بولۇپ، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مەريەمنىڭ قورسىقىدا تەنگە ئايلىنىپ، يەپ – ئىچىدىغان ۋە ئۇخلايدىغان بىر ئىنسان سۈپىتىدە دەل مۇشۇ كۈندە تۇغۇلغانمىش. مانا بۇ ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ تۈپ ئاساسى بولغان تەۋھىدكە تامامەن زىتتۇر: ﴿ئېيتقىنكى، ئۇ – ئاللاھ بىردۇر. ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ﴾(112/«ئىخلاس»: 1 – 4).

ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇكى: «ئادەم بالىسى مېنى تىللىدى. ۋەھالەنكى ئۇنىڭ مېنى تىللاش ھەققى يوق ئىدى. ‹مېنى يالغانچى› دەۋالدى. ۋەھالەنكى ئۇنىڭ بۇنداق دېيىش ھەققى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ‹بالىسى بار› دېگىنى مېنى تىللىغىندۇر. ئاللاھ مېنى بۇرۇنقى ھالىمغا ئوخشاش قايتا تىرىلدۈرەلمەيدۇ دېگىنى بولسا ئۇنىڭ مېنى ‹مېنى يالغانچى› دېگەنلىكىدۇر»(5).

﴿ئۇلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى. سىلەر شەك – شۈبھىسىز قەبىھ بىر سۆزنى قىلدىڭلار. بۇ سۆزنىڭ (يامانلىقىدىن) ئاسمانلار پارچىلىنىپ كەتكىلى، يەر يېرىلىپ كەتكىلى، تاغلار گۇمران بولۇپ كەتكىلى تاس قالدى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەپ دەۋا قىلدى. بالىسى بولۇش ئاللاھقا لايىق ئەمەستۇر. ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا بەندە بولۇپ بويسۇنمايدىغان ھېچ مەخلۇق يوقتۇر﴾(19/«مەريەم»: 88 – 93)

﴿ئاللاھنى مەسىھ ئىبنى مەريەم شۇ دەۋالغان كىشىلەر ھەقىقەتەن كافىر بولدى…﴾(5/«مائىدە»: 17).

﴿يەھۇدىيلەر: «ئۈزەير ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، ناسارالار: «مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، بۇ ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى (دەلىلسىز) سۆزىدۇر، (ئۇلارنىڭ سۆزلىرى) ئىلگىرىكى كافىرلارنىڭ سۆزلىرىگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇنكى، ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ) ئاللاھقا يالغان چاپلايدۇ؟﴾(9/«تەۋبە»: 30)

بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەر كۆپ. دېمەك، «قۇرئان كەرىم» ئەھلى كىتاب بولغان ناسارالارنىڭ مەريەم ئوغلى مەسىھنى «ئاللاھنىڭ بالىسى» دەپ دەۋا قىلىشىنى ناھايىتى قاتتىق تەنقىدلىگەن ۋە ئۇنداق دېگۈچىلەرنىڭ كافىر ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېيتقان.

غەرب كالېندارى بويىچە ھەزرىتى ئىيسانىڭ تەۋەللۇدىدىن 570 يىل كېيىن تۇغۇلۇپ، 632 – يىلى باقىي ئالەمگە سەپەر قىلغان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خرىستىيانلارنى كۆرگەن، ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئۇلارنى ئىسلامىيەتكە چاقىرغان. لېكىن، ئاتالمىش روژدېستۋو بايرىمىنى بىر قېتىممۇ تەبرىكلەپ باقمىغان. ئەكسىچە، مەدىنەگە بارغاندا مەدىنەلىكلەرنىڭ بۇرۇن تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان بايراملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتنى رەسمىي بايرام قىلىپ يولغا قويغان.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە كەلگەندە، مەدىنە ئەھلىنىڭ ئويۇن – تاماشا قىلىپ تەبرىكلەيدىغان ئىككى كۈنى بار ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— بۇ ئىككىسى نېمە كۈن؟ — دەپ سورىغانىدى، ئۇلار:

— بىز جاھىلىيەت دەۋرىدە مۇشۇ ئىككى كۈندە ئويۇن – تاماشا قىلاتتۇق، — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئاللاھ تائالا سىلەرگە بۇ ئىككى كۈننىڭ ئورنىغا بۇلاردىن ياخشى ئىككى ھېيت كۈنىنى ئالماشتۇرۇپ بەردى، — دېدى»(6).

شۇڭا، بۇ خىل جاھىلىيەتكە خاس بايراملار ھېلىغۇ شىرك ئېتىقاد ۋە بۇتپەرەسلىكنى ئاساس قىلىدىكەن، دىنىي ئېتىقادقا چېتىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئىككى ھېيت ۋە جۈمەدىن باشقا بايراملارنى قۇتلاش ۋە تەبرىكلەش ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ. بۇنداق قۇتلاش ۋە تەبرىكلەشكە قاتناشقان مۇسۇلمانلار بۇنى دەرھال تاشلىشى، بۇ بايراملارغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىيە بېرىش، ئارچا بىلەن زىننەتلەش ۋە روژدېستۋو بوۋاي قىلىقلىرىنى دوراش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەت ۋە تەييارلىقلاردىن نېرى تۇرۇشى لازىم.

شۇنداقلا، بۇ خىل شىرك ۋە خۇراپاتقا رازى بولغاندەك كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈن خرىستىيان خىزمەتداش، ساۋاقداش ياكى قوشنىلارنىڭ روژدېستۋو كۈنى ئاغزاكى ياكى ئۇچۇر شەكلىدىكى بايرام تەبرىكلىرىگە جاۋابەن خرستوس / كرىسمىس ئىبارىسىنى ئىشلەتمەي «كۈنلىرىڭىز خەيرلىك بولغاي» دېگەندەك باشقىچە ئىبارە بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك. بۇ بىزگە دۈشمەنلىك قىلمىغان ياكى بىز بىلەن ئۇرۇشمىغانلارغا چىرايلىق ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىشقا ھەرگىزمۇ زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئەقىدە – ئېتىقاد ۋە دىنىي مەۋقەدۇر. بىرەرسىگە يۈز – خاتىرە ئۈچۈن ئەقىدىگە زىت ئىش قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئىسلاممۇ، خرىستىيانلىقمۇ قارشى. تەبرىكىگە تەبرىك بىلەن جاۋاب بەرمىگەنلىكتىن ئاغرىنغانلارغا بۇنى چۈشەندۈرۈپ جاۋاب بېرىش مۇناسىپ. بۇ ھەقتە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش پايدىلىق:

خرىستىيانلىقمۇ ئۆز مۇرىدلىرىنى باشقا دىندىكىلەرنىڭ ھېيت – بايراملىرىغا قاتنىشىشىنى قاتتىق چەكلەيدۇ. مەسىلەن، «دىداسكالىيا (ئەلچىلەر) تەلىماتلىرى (Didascalia Apostolorum)»دا: «مۇسۇلمان، يەھۇدىي، بۇتپەرەس، مۇناپىق ۋە باشقا جىمى مۇخالىفلارنىڭ ھېيت – بايراملىرىنى قۇتلاش، تەبرىكلەش، تەنتەنىلىرىگە قاتنىشىش، ھەتتا ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا لازىملىق يېمەك – ئىچمەك سېتىۋېلىش زۆرۈرىيىتى بولمىغىنىدا ئۇلارنىڭ پائالىيەت سورۇنلىرىدىن ئۆتۈپ قېلىشمۇ ‹ھالاكەت، ئازغۇنلۇق ۋە شىرك›، ‹لەنەتكە لايىق ئىشتۇر›» دېيىلگەن(7). مىلادى 4 – ئەسىردە ئاناتولىيەدىكى لازكىيە فىرىگيا (Lazkiye Frigya)(8) قۇرۇلتىيىدا: «خرىستىيان كىشىنىڭ تەنتەنە سورۇنلىرىدا ئۇسسۇل ئوينىشى جائىز ئەمەس. شەنبە كۈنىنى يەھۇدىيلەردەك دەم ئېلىش كۈنى قىلىۋېلىش جائىز ئەمەس، خرىستىيان كىشى ئۇلار بىلەن بىللە ھېيت – بايرام ئۆتكۈزمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھېيت – بايراملىرىدىكى يېمەك – ئىچمەكلىرىدىنمۇ ھېچنەرسە ئالمايدۇ» دەپ قارار ئېلىنغان(9).

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب/ ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1444 – جەمادىيەلئەۋۋەل 27 / م. 2022. 12. 21


1. روژدېستۋو بايرىمىنىڭ خرىستىيانلىقتىن ئىلگىرى بۇتپەرەسلىكتىن كەلگەنلىكى تۆۋەندىكىلەردە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن:

ھېربېرت ۋ. ئامستروڭ (Herbert W Armstrong): روژدېستۋو بايرىمى ھەققىدە ئوبيېكتىپ ھەقىقەت (The plain truth about Christmas)، 1974 – يىلى 1 – يانۋار؛ ۋىل ۋە ئارىيېل دىيۇرانت Ariel Durant & Will) ) »مەدەنىيەتنىڭ ھېكايىسى (The Story of Civilization)» 3910 – بەت؛ برىتانىيە ئېسىكلوپىدىيەسى: كرىسمىس (Christmas) ماددىسى.
2. ئادەتتە دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان قارىغاي كەبى دەل – دەرەخلەردىن (ياكى سۈنئىي دەل – دەرەخلەردىن) بولىدۇ.
3. پوپ پات روبېرتسون (Pat Robertson) نىڭ مۇنۇ ۋىديوسىغا قارالسۇن: https://www.youtube.com/watch?v=xJqJqyru3no
4. كاتولىك ئېنسىكلوپىدىيەسى (Catholic Encyclopedia): كىرىسمىس (Christmas) ماددىسى.
5. «بۇخارىي»، 3193.
6. «ئەبۇ داۋۇد»، 1134؛ «نەسائىي»، 1556؛ «ئەھمەد»، 12025. ھاكىم، شۇئەيب ئەلئەرنائۇت، ئالبانىيلەر: «سەھىھ» دېگەن.
7. «دىداسكالىيا (ئەلچىلەر) تەلىماتلىرى (Didascalia Apostolorum)»، 103 -، 104 – بەتلەر، ئەرەبچە، تەرجىمەدە: ماركوس داۋۇد، مۇھەببەت كۇتۇبخانىسى نەشرى، 3 – باسمىسى، قاھىرە، م. 1979.
8. بۇ سۈرىيەدىكى لازكىييە بولماستىن تۈركىيەدىكى لازكىييەدۇر.
9. كىرىللوس ئانتۇنى: «قۇرۇلتايلار ئەسرى ئېسىكلوپىدىيەسى (موسوعة عصر المجامع)»، 10 – بەت، ئەرەبچە، مۇھەببەت كۇتۇبخانىسى نەشرى، قاھىرە، م. 2002.

Please follow and like us:
Exit mobile version