Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

تېزەر / يۇ ئىس دى تى (Tether/(USDT نې پۇل يۆتكەشكە ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى

TETHER USDT

تېزەر شىفىرلىك پۇل بلوكچىين زەنجىرىغا تەۋە

https://youtu.be/tK31mqUsvcA

 

513 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! تېزەر / يۇ ئىس دى تى (Tether/(USDT نې پايدا ئېلىش نىيىتىدە ئېلىپ – سېتىپ ئەمەس، پۇل يۆتكەشكە ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تىيزر ياكى تىتەر ياكى يو ئىس دى تى ئىسمى بىلەن تونۇلغان شىفىرلىك پۇل بلوكچىين زەنجىرىغا تەۋە بولۇپ، بۇ تۈرلۈك شىفىرلىك پۇللارنى پايدا ئېلىش نىيىتىدە ئېلىپ – سېتىش ھازىرغا قەدەر ئالىملار تەرىپىدىن جائىز ئەمەس دەپ قارالماقتا.

مەزكۇر شىفىرلىك پۇلنىڭ قىممىتى بىر قەدەر مۇقىم (Stabile coin) بولغاچقا، مۇبادا بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە پۇل يۆتكەش ئىشلىرىدا بانكا ياكى باشقا ۋاسىتە ياكى يۇقىرى چىقىم ياكى ۋاقىتنى تېجەش شۇنداقلا نازارەت قىلىنماسلىقتەك ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ پۇل يۆتكەش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن دوللەرنى تىتەرگە ياكى باشقا قەغەز ۋە شىفىرلىك پۇللارغا ئايلاندۇرۇپ ۋاقىتلىق تېز ئىشلىتىۋالسا، 1. پۇلنىڭ قىممىتىنى تۆلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان بىرەر ئىشەنچلىك ئورۇن بولۇش شەرتى بىلەن، 2. ئېھتىياج بولغىنىدا، پۇلنى ئېلىپ – سېتىپ پايدا ئېلىشنى كۆزلىمەي، پۇل يۆتكەش زۆرۈرىيىتى بولسا. جائىز بولىدۇ. دېمەك، زۆرۈرىيەت جەھەتتىن يۇقىرىقى 2 شەرت بىلەن بۇ پۇلنى ئېلىپ – سېتىش جائىز. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

Please follow and like us:
Exit mobile version