«ئوقۇتقۇچىلار كۈنى»دە ھەدىيە تەقدىم قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىممەتلىك ئۇستاز، قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز مۇشۇ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ ياكى ئاتا – ئانىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا تېلېفوندىن تەبرىك ئۇچۇرلىرىنى يوللىشى، ھەدىيە بېرىشى ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى توغرىمۇ، خاتامۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بۇ كۈننىڭ بېكىتىلىشىنىڭ دىنىي ۋە ئېتىقادىي بىر ئارقا كۆرۈنۈشى يوق. ئوقۇتقۇچىلارغا تەشەككۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن  «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO)» نىڭ 1994 – يىلى 5 – ئۆكتەبىر كۈنىدىكى تەۋسىيىسى بىلەن دۇنيادا نۇرغۇن ئەللەردە شۇ يىلىدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولىنى قەدىرلەش، ئۇلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى، مەجبۇرىيەتلىرىنى، لاياقىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە تەلىم – تەربىيە ئىشلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە تېخىمۇ ئەھمىيەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن «دۇنيا ئوقۇتقۇچىلار كۈنى» نامىدا سىمۋول خاراكتېرلىك بىر كۈن خاتىرلەنمەكتە. بۇ كۈن مەكتەپ تەتىل كۈنلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشىمىغان ئەللەردە ئوخشىمىغان كۈنلەردە بەلگىلەنگەن.

ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىرىغا مىننەتدارلىقىنى ۋە رەھمىتىنى ئىپادىلەپ ھەرقانداق چاغدا ھەدىيە تەقدىم قىلسا بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار كۈنى مەيلى ئۇنى بەزى دۆلەتلەردە بايرام دەپ ئاتىۋالسۇن ياكى ئاتىمىسۇن، ھەقىقەتتە ھېيت ياكى بايرام بولماستىن، ئوقۇتقۇچىلارنى ئىززەتلەش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرى بېكىتكەن كۈندۇر. ئىبادەت بولمىغاچقا، مۇباھلار قاتارىغا كىرىدۇ. يەنى دىنىي جەھەتتىن يا بىدئەت ياكى ھارام ئىش ئەمەس. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلار ياكى ئۇلارنىڭ ۋەلىيلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىغا مىننەتدارلىقىنى ۋە رەھمىتىنى ئىپادىلەپ ھەدىيە تەقدىم قىلسا ياكى تەبرىك يوللىسا، ياكى پائالىيەتلەرگە قاتناشسا چەكلىنىدىغان يېرى يوق. ئەلۋەتتە بۇ ئۇلارنىڭ ماددىي ئىمكانىيىتى دائىرىسىدە ئاتا – ئانا، ۋەلىيلەرگە ئېغىرچىلىق سېلىپ قويمايدىغان بولسا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەدىيە تەقدىم قىلىش ئومۇميۈزلۈك بىر ئۆرپ – ئادەتكە ئايلانغان ئىكەن، بۇنىڭدىن ئايرىلىپ تۇرۇۋېلىشنىڭ ئۆزى ياخشى ئەمەس.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1444. 4/ رەبىيئۇلئاخىر. 30 / م. 2022. 11. 24

admin@sajiye

Share
Published by
admin@sajiye

Recent Posts

«ساجىيە»دىن چۈشۈرۈۋېلىڭ! «ئىسلام خىتابنامىسى»pdf سۈزۈك نۇسخىسى

دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! Download now بۇ يەردىن: «ئىسلام خىتابنامىسى» pdf نەشر ئۇچۇرى (CIP) ئىسلام خىتابنامىسى /…

20 سائەت ago

ئىككىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» خەلقىمىز ئۈچۈن رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش…

بىرلىك: 1 ھەپتە ago

20 – ئەسىرنىڭ ئەڭ يارقىن مۇسۇلمان سىياسىئونلىرىدىن بىرى، دۆلەت ئەربابى، مۇجاھىد ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ

ئىلىک بەگ مۇستافا ئوغلى ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ ھىجرىيە 1344 - يىلى 18 - مۇھەررەم، مىلادىيە 1925…

بىرلىك: 1 ھەپتە ago

يەر تەۋرەش «ئاللاھنىڭ غەزىپى»مۇ؟

شەكسىزكى، يەر تەۋرەش، چاقماق چېقىش، كۈن / ئاي تۇتۇلۇش ۋە كەلكۈن كېلىش قاتارلىق ئاپەتلەر ئاللاھنىڭ…

كۆپلۈك: 2 ئايلار ago

«رەغائىب نامىزى»نىڭ دىنىمىزدا ئاساسى بارمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تۈركىيەدىكى بەزى مۇسۇلمانلار رەجەب ئېيىدا «رەغائىب نامىزى» دەپ بىر خىل ناماز ئوقۇيدىكەن. بۇ…

كۆپلۈك: 2 ئايلار ago

توخۇنىڭ پۇتىنى ۋە پەنجىسىنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئىستانبۇلدا توخۇنىڭ پۇتىنى ۋە پەنجىسىنى پىشۇرۇپ ساتىدىغان ئىشلار پەيدا بولۇپتۇ،…

كۆپلۈك: 3 ئايلار ago