تار قىلغۇچى ۋە كەڭرى قىلغۇچى جەللە جەلالۇھۇ

تار قىلغۇچى ۋە كەڭرى قىلغۇچى جەللە جەلالۇھۇ

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، كىشىلەر:

— ئى رەسۇلۇللاھ! باھا ئۆرلەپ كەتتى، بىزگە باھا بېكىتىپ بەرگەن بولسىلا! — دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— شەك – شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا باھا بېكىتكۈچىدۇر، تار قىلغۇچىدۇر، كەڭرى قىلغۇچىدۇر ۋە رىزق بەرگۈچىدۇر، ھەقىقەتەن مەن سىلەردىن ھېچبىر كىشىنىڭ قان – قىساس ياكى مال – دۇنيا ھەققىدە مەندىن ھەق تەلەپ قىلمىغان ھالەتتە ئاللاھ تائالاغا مۇلاقات بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن، — دېگەن(1).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ بەندىلىرىدىن قايسى ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلماقچى بولىدىكەن) ئۇنى تار قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر﴾(29/«ئەنكەبۇت»: 62).

يەنى ئاللاھ تائالا ئىلمى، خاھىشى ۋە ھېكمىتىگە بىنائەن خاھلىغان بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خاھلىغان بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ خاھلىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، (خاھلىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، ھەقىقەتەن بۇنىڭدا (رىزق بەرگەن ئاللاھنىڭ ھېكمىتىگە) ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار﴾(30/«رۇم»: 37).

بەزىدە «پالانى ئەقىللىقتۇر، پالانى نۇرغۇن كۈچلۈك تەجرىبە – ساۋاقلارنىڭ ئىگىسىدۇر، پالانى ياخشى پىلان تۈزگۈچىدۇر… ۋەھاكازا» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ قالىمىز. ھەقىقەتتە بولسا ئاللاھ تائالا رىزقنى تار قىلىدۇ ۋە كەڭرى قىلىدۇ، بەزىلەرگە بېرىدۇ، بەزىلەرگە بەرمەيدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، ئاللاھ تائالا بىزگە رىزق بېرىشنى ئىرادە قىلسا، بىزگە ۋاسىتە – ئۇسلۇبلارنى، ئىقتىدار، كۈچ – قۇۋۋەت ۋە تەجرىبىلەرنى ئىلھام قىلىدۇ؛ ئەگەر بىزدىن رىزقنى توسۇپ قويۇشنى ئىرادە قىلسا، بىزگە بۇ ئىشلارنى ئىلھام قىلمايدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ (سىناش ئۈچۈن، بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، (بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) كەڭ قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر﴾(2/«بەقەرە»: 245).

دېمەك، رىزقنىڭ كەڭ – تار بولۇشى، ئىلىم، ئۆمۈر ۋە دۇنيا – ئاخىرەتكە ئالاقىدار ھەممە ئىشلار ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدىدۇر.

بۇ ئىسىمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىدىكى مەنىسى

القابض (تار قىلغۇچى) – ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇ بۇ ئىسىم – سۈپىتىگە بىنائەن، خاھلىغان ئادەمدىن ياخشىلىقىنى تۇتۇپ قالىدۇ، رىزقىنى تار قىلىدۇ ياكى مەھرۇم قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى پېقىر بولۇپ قالىدۇ.

يەنە ئاللاھ تائالا بىرنەرسىنى چەكلەپ قويسا، ھېچكىم ئۇنىڭغا يېتىشكە قادىر بولالمايدۇ.

ئاللاھ تائالا بەزى قەلبلەرنى تارايتىۋېتىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىش ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ بەكرەك قىيىن تۇيۇلىدۇ. رەب تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى، (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ، ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 125).

الباسط (كەڭرى قىلغۇچى) – ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇ بۇ ئىسىم – سۈپىتىگە بىنائەن، بەندىلىرىگە پەزل – مەرھەمىتىنى يايىدۇ، ئۇلارغا رىزق بېرىدۇ، مەرھەمەت قىلىدۇ، ئىمكانىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىدىنمۇ كۆپرەك بېرىدۇ(2).

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بىر بەندىگە بەزىدە بېرىدۇ، بەزىدە ئۇنىڭدىن تارتىۋالىدۇ ياكى بىر قەۋمدىن تارتىۋېلىپ، باشقا بىر قەۋمگە بېرىدۇ(3).

ئاللاھ تائالا بەندىسىگە بىرنەرسىنى بەرسە، ھېچكىم ئۇنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئەگەر ئاللاھ رىزقنىڭ (ياكى باشقا ھەممە نەرسىنىڭ) ئىشىكىنى تاقاپ قويسا، ھېچكىم ئۇنى ئاچالمايدۇ، ئەگەر ئىشىكنى ئاچسا، ھېچكىم ئۇنى تاقىيالمايدۇ. دېمەك، ئاللاھ كەڭرى قىلغان نەرسىنى تارايتقۇچى يوقتۇر، ئاللاھ تارايتقان نەرسىنى كېڭەيتكۈچى يوقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ رەھمىتىدىن كىشىلەرگە ئاچقان نەرسىنى ھەرگىزمۇ توسۇپ قالالىغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ رەھمىتىدىن توسقان نەرسىنى، ئاللاھ توسقاندىن كېيىن، ئۇنى ھېچ قويۇپ بەرگۈچى بولمايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(35/«فاتىر»: 2).

ئاللاھ تائالا خاھلىغان قەلبلەرنى شاد – خۇراملىققا چۆمدۈرىدۇ ۋە يامغۇر كەبى تۈرلۈك تۈمەن ياخشىلىقلارنى چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كەڭ قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى ئۈستىدە بولغان ئادەم (دىلى كور ئادەم بىلەن) ئوخشاشمۇ؟ ئاللاھنىڭ زىكرىنى تەرك ئەتكەنلىكتىن دىللىرى قېتىپ كەتكەنلەرگە ۋاي! ئەنە شۇلار روشەن گۇمراھلىقتىدۇر﴾(39/«زۇمەر»: 22). ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿(ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ كۆكسىڭنى (ھىدايەت، ھېكمەت ۋە قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن) كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟﴾(94/«شەرھ»: 1).

تار قىلغۇچى ۋە كەڭرى قىلغۇچى ئاللاھ يەنە خاھلىغان كىشىدىن ئىلىمنى تارتىۋالىدۇ، خاھلىغان كىشىگە ئىلىمنى كەڭرى بېرىدۇ. رەببىمىز ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دېگەن: ﴿پەيغەمبىرى ئۇلارغا:

— ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە تالۇتنى پادىشاھ قىلىپ ئەۋەتتى، — دېدى. ئۇلار (پەيغەمبىرىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ):

— ئۇ قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولىدۇ؟! (ئارىمىزدا پادىشاھ ئەۋلاتلىرى بولغانلىقتىن) پادىشاھلىققا بىز ئۇنىڭدىن ھەقلىقمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مال – مۈلكى كۆپ بولمىغان تۇرسا، — دېدى. پەيغەمبەر:

— ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە (پادىشاھ قىلىشقا) ئۇنى ئىختىيار قىلدى، ئۇنىڭ ئىلمىنى زىيادە ۋە بەدىنىنى قابىل قىلدى، ئاللاھ سەلتەنەتنى خاھلىغان ئادەمگە بېرىدۇ. ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (ئۇنىڭغا كىمنىڭ لايىق بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ، — دېدى﴾(2/«بەقەرە»: 247).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﯩﻼ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ، شۇنىڭ بىلەن ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺳﻮﺭﺍﻟﺴﺎ، ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﭘﻪﺗﯟﺍ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ – ﺩﻩ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ئازىدۇ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯨﺪﯗ»(4).

بۇ ئىككى ئىسىمنى (ئايرىم – ئايرىم ئەمەس) بىللە زىكىر قىلىشنىڭ ۋاجىب بولىدىغانلىقى

بۇ گۈزەل ئىسىملار بىرىنى يەنە بىرىدىن ئايرىم زىكىر قىلىش جائىز بولمايدىغان، ھەر ئىككىسىنى تەڭ تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا مەدھىيە ئوقۇلىدىغان قارىمۇ – قارشى مەنىدىكى ئىسىملاردۇر. مەسىلەن، «كەڭرى قىلغۇچى (البَاسِطُ)»نى تىلغا ئالماستىن، «تار قىلغۇچى (القَابِضُ)»نىلا ئايرىم زىكىر قىلىشىمىز، «يۇقىرى قىلغۇچى (الرَّافِعُ)»نى تىلغا ئالماستىن، «تۆۋەن قىلغۇچى (الخَافِضُ)»نىلا زىكىر قىلىشىمىز جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، مۇتلەق كامالەت ئىككى سۈپەتنىڭ يىغىندىسى بىلەن ھاسىل بولىدۇ(5).

مەسىلەن، ئاللاھ تائالانى «تار قىلغۇچى (القَابِضُ)» دېگەن سۈپىتى بىلەنلا زىكىر قىلساق، ئاللاھ تائالانى «چەكلىگۈچى، بېخىللىق قىلغۇچى» دەپ سۈپەتلەپ قالغان بولىمىز. ئاللاھ تائالا بۇنىڭدىن پاكتۇر. ئەگەر «كەڭرى قىلغۇچى (البَاسِطُ)» دېگەن سۈپىتى بىلەنلا زىكىر قىلساق، ئاللاھنى «ئىسراپخورلۇق قىلغۇچى» دەپ سۈپەتلەپ قالغان بولىمىز. ئاللاھ تائالا بۇنداق بولۇشتىنمۇ پاكتۇر. لېكىن، ئاللاھ تائالانى «تار ۋە كەڭرى قىلغۇچى (القَابِضُ البَاسِطُ)» دەپ ھەر ئىككى سۈپەت بىلەن زىكىر قىلساق، قۇدرەت ۋە ھېكمەت بىلەن سۈپەتلىگەن بولىمىز. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ (سىناش ئۈچۈن، بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، (بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) كەڭ قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر﴾(2/«بەقەرە»: 245). (يەنى بۇ ئايەتتە ئىككى سۈپەت بىللە زىكىر قىلىندى).

ئاللاھ تائالاغا بۇ ئىككى گۈزەل ئىسمى بىلەن قانداق ئىبادەت قىلىمىز؟

بىرىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ رىزقنى تار ۋە كەڭرى قىلىشىدا چوڭقۇر ھېكمەت بار دەپ ئىمان ئېيتىشىمىز كېرەك

يەنى ئاللاھنىڭ بەزىلەرنىڭ رىزقىنى تار، بەزىلەرنىڭ رىزقىنى كەڭرى قىلىشىدا چوڭقۇر ھېكمەت باردۇر. چۈنكى، بايلىق، مال – دۇنيا بىرقىسىم ئىنسانلارنى بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ۋە ھەددىدىن ئېشىشقا ئېلىپ بارسا، پېقىرلىق بەزى كىشىلەرنى ئوساللاشتۇرۇپ قويۇشى ۋە رەببىگە قارىتا يامان ئويلارغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

دېمەك، ئاللاھنىڭ بەزىلەرگە بېرىپ، بەزىلەرگە بەرمەسلىكى ئول ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ۋە ئۇلارغا نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغان (ئەزەلىي) ئىلمىگە ئەگەشكۈچىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپىنچە ۋاقىتتا «تار قىلىش، كەڭرى قىلىش» مەنىسىدىكى كەلىمەلەر «بىلىش، خەۋەردار بولۇش» مەنىسىدىكى كەلىمەلەر بىلەن بىللە كېلىدۇ: ﴿ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ خاھلىغان كىشىنىڭ رىزقىنى (سىناش يۈزىسىدىن) كەڭ قىلىدۇ، خاھلىغان كىشىنىڭ رىزقىنى (بالاغا مۇپتىلا قىلىپ سىناش يۈزىسىدىن) تار قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»(42/«شۇرا»: 12)، ﴿ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە زېمىندا پىتنە – پاسات تېرىيتتى. لېكىن، ئاللاھ خاھلىغان نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر، (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(42/«شۇرا»: 27).

بىلىشىمىز كېرەككى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ بىر كىشىگە دۇنيالىقتا مەلۇم بىر ساھەدە كەڭرى رىزق بەرگەنلىكى ئاللاھنىڭ ئۇ كىشىدىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. شۇنداقلا ئاللاھنىڭ بىر كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلغانلىقى ئاللاھنىڭ ئۇ كىشىگە غەزەپ قىلغانلىقىنى ھەم بىلدۈرمەيدۇ. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئىش ئۇنىڭ ئەكسىچىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ بەزى دوستلىرىغىمۇ رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. بەزى دۈشمەنلىرىگىمۇ مۆھلەت بېرىش، ئارغامچىسىنى ئۇزۇن قويۇۋېتىش يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ زۇۋۇلىسىنى چوڭ قىلىدۇ. بۇ نۇقتىنى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزلىرىدىن چۈشىنىۋالالايمىز: ﴿پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ ئەزىز قىلسا ۋە ئۇنىڭغا نېئمەت بەرسە، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى ئەزىز قىلدى» دەيدۇ. پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ رىزقىنى تار قىلسا، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر يېتىمنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر﴾(89/«فەجر»: 15 – 17)، ﴿(ئۇلار) بىزنىڭ ئۇلارغا مال – مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 55، 56).

ئاللاھ تائالانىڭ ئارغامچىسىنى ئۇزۇن قويۇۋېتىش يۈزىسىدىن كاپىرلارغا ۋە بەزى ئاسىي – گۇناھكارلارغا دۇنيالىقتىن كۆپ نېسىۋە بەرگەنلىكىمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر: ﴿ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا (سىناش ئۈچۈن) پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار تاكى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېئمەتلەردىن خۇشال – خۇرام تۇرغاندا (ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق)، ئۇلار ھەسرەتتە قالدى﴾(6/«ئەنئام»: 44)(6).

ئىككىنچى: ئاللاھنىڭ تەقسىم قىلىپ بەرگىنىگە رازى بولۇشىمىز كېرەك

تار ھالەتتە بولسۇن، كەڭرى ھالەتتە بولسۇن، رىزق ۋە باشقا ھەممىدە ئاللاھنىڭ تەقسىم قىلىپ بەرگىنىگە رازى بولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەخلۇقاتلىرىنى ۋە ئۇلارغا نىسبەتەن نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرغۇچى زاتتۇر. ھەر ۋاقىت ۋە ھەممە ھالەتلەردە ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.

ئۈچىنچى: ئۆزىمىزنى باشقىلارغا بېرىشكە، سەرپ قىلىپ تۇرۇشقا ئادەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك

ئاللاھ تائالا مېلىغا، ئىلمىگە بەرىكەت بەرگەن، جەمئىيەتتىكى ئورنىنى يۇقىرى قىلغان كىشىگە ئاللاھنىڭ بەرگىنىدىن سەرپ قىلىپ تۇرۇشى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغاندەك، ئۇمۇ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ياخشىلىق قىلىشى ۋاجىبتۇر. بەندە سەرپ قىلغىنىنى (مۇنچىلىك قىلدىم دەپ) ھېسابلاشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك، بولمىسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغىمۇ ھېسابلاپ بېرىدۇ؛ يەنە بېخىللىق قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك، بولمىسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ رىزقىنى تار قىلىپ قويىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‹ئى بەندەم! سەرپ قىلغىن، شۇندىلا ساڭىمۇ سەرپ قىلىنىدۇ». پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ قولى توشۇقتۇر. (ئاللاھنىڭ) كېچە – كۈندۈز (ھەممە ۋاقىتتا) سەرپ قىلىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ مۈلكىدىكى نەرسىنى قىلچىلىكمۇ كېمەيتمەيدۇ. ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقاندىن تارتىپ سەرپ قىلىۋاتقان نەرسىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟! ھەقىقەتەن بۇ ئاللاھنىڭ مۈلكىدىكى نەرسىنى كەملىتىپ قويمىدى… ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇنىڭ ئۈستىدىدۇر، ئاللاھنىڭ يەنە بىر قولىدا قەبزى قىلىش (ئۆلۈم) بار. ئاللاھ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، تۆۋەن قىلىدۇ»(7).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «كىمكى ھالال كەسىپ بىلەن تاپقان مېلىدىن خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلسا — ئاللاھ تائالا پەقەت ھالالنىلا قوبۇل قىلىدۇ — ئاللاھ تائالا ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. ئاندىن شۇ خورما چاغلىق نەرسىنى خۇددى سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆز تايچىقىنى ئوبدان بېقىپ ئۆستۈرگەندەك ئۆستۈرۈپ، سەدىقە قىلغۇچى ئۈچۈن ئۇنىڭ ساۋابىنى تاغدەك زورايتىپ بېرىدۇ»(8).

كىمكى رىزقى تار بولۇپ تۇرمۇشتا قىسىلچىلىق تارتقان بولسا، بىرلا ئاللاھقا رەببىنىڭ ياردىمى ۋە پەزلىنى تەلەپ قىلغان ھالدا ئىلتىجا قىلسۇن. بەندە شۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىشى كېرەككى، باشقىلارغا بەرگەن ئاللاھ ئۇنىڭغىمۇ بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر (ئاللاھنى ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ). بەندە يەنە بىلىشى كېرەككى، ئەڭ چوڭ مۈشكۈلات پېقىرلىقتا ئەمەس، بەلكى مال – دۇنيانىڭ پىتنىسىگە ئۇچراشتىدۇر.

ئەمر ئىبنى ئەۋف ئەلئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى بەھرەيننىڭ جىزيەسىنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇغانىدى، ئۇ بەھرەيندىن مال ئېلىپ كەلدى. ئەنسارلار بۇنى ئاڭلىدى. ئۇلار مەسجىدكە كېلىپ بامداتنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئوقۇدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدىن قايتقاندا، ئۇلار ئۇ زاتنىڭ ئالدىنى توسۇشتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرەپ:

— ئەبۇ ئۇبەيدەنىڭ بىرنەرسە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپسىلەر – دە، — دېگەنىدى، ئۇلار:

— شۇنداق، ئى رەسۇلۇللاھ، — دېيىشتى. (شۇنىڭ بىلەن) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— سىلەرنى خۇشال قىلىدىغان نەرسە بىلەن شادلىنىڭلار ۋە ئۇنى كۈتۈڭلار. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ يوقسۇل بولۇپ قېلىشىڭلاردىن قورقمايمەن. لېكىن، بۇرۇنقىلارنىڭ باي بولۇپ كەتكىنىدەك، سىلەرنىڭمۇ باي بولۇپ كېتىشىڭلاردىن، شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقىلارنىڭ بايلىققا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كېتىپ ھالاك بولغىنىدەك، سىلەرنىڭمۇ بايلىققا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كېتىپ، ھالاك بولۇپ كېتىشىڭلاردىن قورقىمەن، — دېدى(9).

تۆتىنچى: بىلىشىمىز كېرەككى، ئەڭ كاتتا نېئمەت (كەڭرىچىلىك) قەلبنىڭ ئىمان نۇرى بىلەن نۇرلىنىپ، گۇناھ – مەئسىيەتنىڭ كىرلىرىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئاتا قىلىنغان ھىدايەت ۋە رەھمەت نېئمىتىدۇر

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كەڭ قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى ئۈستىدە بولغان ئادەم (دىلى كور ئادەم بىلەن) ئوخشاشمۇ؟ ئاللاھنىڭ زىكرىنى تەرك ئەتكەنلىكتىن دىللىرى قېتىپ كەتكەنلەرگە ۋاي! ئەنە شۇلار روشەن گۇمراھلىقتىدۇر﴾(39/«زۇمەر»: 23).

بەشىنچى: ئاللاھنىڭ رىزقنى كەڭ قىلىشى ۋە تار قىلىشىنىڭ بەندىلىرىنى سىنايدىغان بىر تۈرلۈك سىناق ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز. سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر (ئەمەلىڭلارغا يارىشا جازالايمىز)﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 35).

بىرقىسىم ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەن، پەيغەمبەرلەرنى يالغانغا چىقارغان ئىنسانلار «رىزقىنىڭ كەڭرى قىلىنغانلىقىنى ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ھۆرمەتلىگەنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ تاللانغان بەندىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر» دەپ ئويلىغان چاغدا، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ، خاتا چۈشەنچىسىنى توغرىلاپ مۇنداق دېگەن: ﴿قايسى شەھەرگە بولمىسۇن، بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەكلا ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ئىنكار قىلىمىز» دېدى. ئۇلار يەنە: «بىزنىڭ ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز ئەڭ كۆپ، بىز ئازابلانمايمىز» دېدى. ئېيتقىنكى: «ھەقىقەتەن، پەرۋەردىگارىم كىمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خاھلىسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، (كىمنىڭ رىزقىنى تار قىلىشنى خاھلىسا ئۇنى) تار قىلىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ». ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى بىزگە يېقىنلاشتۇرالمايدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار (جەننەتنىڭ) ئېسىل ئۆيلىرىدە (ھەرقانداق كۆڭۈلسىزلىكتىن) ئەمىن بولغان ھالدا تۇرىدۇ﴾(34/«سەبەﺋ»: 34 – 37).

ئالتىنچى: ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان رىزق ۋە باشقا نېئمەتلەرنى ئاللاھقا ئاسىي بولىدىغان ئىشلارغا ئىشلىتىشتىن ھەزەر ئەيلىشىمىز كېرەك

چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ غەزىپىگە، نېئمەتلەرنىڭ تارتىۋېلىنىشىغا ۋە ھەر تۈرلۈك كېسەللىك، بالايى – ئاپەتلەرنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەن نېئمەتلىرىگە قارىتا قەلبىمىز، تىلىمىز ۋە ئەمەللىرىمىز بىلەن شۈكۈر قىلىشىمىز ۋاجىبتۇر. ئالايلۇق، ئەگەر ئاللاھ تېنىمىزنى سالامەت قىلغان بولسا، بۇ نېئمەتنى بەخت – سائادەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئىبادەتكە ئىشلىتىشىمىز، ئەگەر كۆپ ئىقتىساد بەرگەن بولسا، بۇ نېئمەتنى تېخىمۇ زىيادە قىلىدىغان ئەمەللەرگە ئىشلىتىشىمىز، ئەگەر ئىلمىمىزنى زىيادە قىلغان بولسا، بۇ نېئمەتنى تەلىم – تەربىيە ۋە دەئۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىشىمىز كېرەك. مانا بۇ مەڭگۈلۈك نېئمەتكە (جەننەتكە) ئېلىپ بارىدىغان ئەمەللەردۇر. ئەگەر يۇقىرىقى نېئمەتلەردىن ئۈلۈشىمىز بولمىسا، ھېچبولمىغاندا قېرىندىشىمىزغا ئىللىق چىراي، ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن ئۇچراشساقمۇ ھېسابتۇر.

يەتتىنچى: ئاللاھ بىزگە مال – دۇنيا ئاتا قىلغان بولسا، ئاللاھنىڭ بۇ پەزل – مەرھەمىتىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز ۋاجىبتۇر

ھەرگىزمۇ قارۇننىڭ: ﴿مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم﴾(28/«قەسەس»: 78) دېگىنىدەك سۆزلەرنى دېمەسلىكىمىز كېرەك. بەلكى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ: ﴿پەرۋەردىگارىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن﴾(12/«يۈسۈف»: 101) دېگىنىدەك ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ: ﴿بۇ پەرۋەردىگارىمنىڭ (ماڭا قىلغان) ئېھسانىدۇر، ئۇ زات شۈكۈر قىلامدىم، يا تۇزكورلۇق قىلامدىم بۇنىڭ بىلەن مېنى سىنىدى. كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىمكى تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، (بىلىش كېرەككى) ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم (ئۇنىڭ شۈكۈر قىلىشىدىن بىھاجەتتۇر)، (ئاللاھنىڭ) كەرىمى كەڭدۇر﴾(27/«نەمل»: 40) دېگىنىدەك سۆزلەرنى قىلىشىمىز كېرەك (يەنى نېئمەتنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك).

سەككىزىنچى: ئەگەر ئاللاھ تائالا بىزگە مال – دۇنيا ئاتا قىلغان بولسا، «رەببىم ماڭا ئارغامچىسىنى ئۇزۇن قويۇۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ قورقۇشىمىز ۋاجىب بولىدۇ

چۈنكى، تارىختىن بۇيان ئاللاھنىڭ كۆپىنچە فاسىقلار ۋە ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەنلەرگە قارىتا قانۇنىيىتى مۇشۇنداق بولۇپ كەلگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا (سىناش ئۈچۈن) پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار تاكى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېئمەتلەردىن خۇشال – خۇرام تۇرغاندا (ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق)، ئۇلار ھەسرەتتە قالدى﴾(6/«ئەنئام»: 44).

ئاللاھ تائالا ئىنئام بەرگەن ۋە كەڭرى مال – دۇنيا ئاتا قىلغان ئىلگىرىكى سالىھلەر ئۆزلىرىگە ئاخىرەتتە بېرىلىدىغان ياخشىلىقلارنىڭ بۇ دۇنيادىلا بېرىلگەن بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇشاتتى. بۇنىڭ مىسالى، (بىر قېتىم) ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا روزىدار ھالىتىدە تاماق كەلتۈرۈلگەندە، ئۇ: «مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئۆلتۈرۈلگەندە، ئۇ مەندىن ياخشى ئىدى. ئۇنىڭغا كېپەنلىك قىلىشقا ئۇنىڭ تونىدىن باشقا نەرسە تاپالمىغان ئىدۇق، ئۇنىڭ بېشىنى يۆگىسەك پۇتى ئېچىلىپ قالاتتى، پۇتىنى يۆگىسەك بېشى ئېچىلىپ قالاتتى. ھەمزە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇ ئۆلتۈرۈلدى، ئۇمۇ مەندىن ياخشى ئىدى. ھازىر باياشاتچىلىققا چۆمدۇق. بىزگە ئاخىرەتتە بېرىلىدىغان ياخشىلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنيادىلا بېرىلگەن بولۇشىدىن قورقىمىز» دەپ يىغلاپ كەتكەن، ھەتتا تاماقنىمۇ يېمەي قويغان ئىكەن(10).

توققۇزىنچى: مال – دۇنيا، بالا – چاقا ۋە باشقا دۇنيالىقتىن ئازغىنە نەرسىدىن مەھرۇم قالغان بولساقمۇ، «ئاللاھ تائالانىڭ تاللاپ بەرگىنى ئۆزىمىزنىڭ تاللىغىنىدىن ياخشىدۇر» دەپ ئىشىنىشىمىز كېرەك

ئاخىرى بېرىپ بەختسىزلىككە سەۋەب بولغان قانچىلىغان نېئمەتلەرنى كۆردۇق. بەلكىم ئاللاھ تائالا بىزنى تائەت – ئىبادەت بىلەن لەززەتلىنىشىمىز ئۈچۈن بەزى ماددىي نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلغان بولۇشى مۇمكىن. جەزم قىلىشىمىز كېرەككى، تەقدىر – قىسمەتلەردە نۇرغۇنلىغان سىرلار باردۇر. ئەگەر بۇ سىرلار ئېچىلسا، بەندە ئاللاھ پېشانىسىگە پۈتكەندىن باشقىنى تاللىمىغان بولاتتى. قارۇننى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭغا شۇنداق مال – مۈلۈك بېرىلگەن ئىدىكى، ئۇنىڭ خەزىنىلىرى تۈگۈل خەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرىنىمۇ خېلى كۈچلۈك ئەرلەر تەستە كۆتۈرەتتى. ھەتتا ئاددىي خەلقلەر بۇنىڭ چوڭ بىر ئىمتىھان ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەستىن، ئۆزلىرىدىمۇ شۇنداق بايلىقنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ قالغان ئىدى. ئاخىرىدا نەتىجە قانداق بولدى؟ قارۇن ئۆزىدىكى نېئمەتلەر بىلەن مەغرۇرلىنىپ، نېئمەت بەرگۈچى زاتنى ئۇنتۇپ قالدى، ھەتتا قاتتىق ھەددىدىن ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا قارۇننىڭ ئاخىرەتتىن ئىلگىرى بۇ دۇنيادىلا ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن مال – مۈلكىنىڭ ئاللاھتىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىشنى ئىرادە قىلىپ، ئۇنى يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتى. مانا مۇشۇ چاغدا ئۇنىڭ مال – دۇنياسىغا قاراپ كۆزى قىزىرىپ كەتكەنلەر ئۆزلىرىگە قارۇنغا بېرىلگەن مال – مۈلۈكنىڭ بېرىلمەسلىكىدىكى ئىلاھىي ھېكمەتنى چۈشىنىپ يەتتى. ئۇلار ئاللاھ تائالا قۇرئاندا بايان قىلغاندەك مۇنداق دېدى: ﴿تۈنۈگۈن تېخى قارۇننىڭ دەرىجىسىنى ئارزۇ قىلغانلار دېيىشتىكى: «پاھ كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ بەندىلىرىدىن خاھلىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدىكەن، (خاھلىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدىكەن، ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلمىغان (يەنى ئارزۇ قىلغىنىمىزنى بەرگەن) بولسا ئىدى، بىزنى ئەلۋەتتە يەر يۇتاتتى، ۋاي كۆردۈڭمۇ؟ كاپىرلار نىجات تاپمايدۇ»﴾(28/«قەسەس»: 82).

ئونىنچى: يەنە بىلىشىمىز كېرەككى، تار ۋە كەڭرى قىلغۇچى ئاللاھ بەندىلىرىنى ھەممە ئەھۋاللاردا نېئمەت بېرىلسە شۈكۈر قىلىدىغان، بېرىلمىسە سەبر قىلىدىغان دەرىجىدە ئۆزىگە ھەقىقىي قۇلچىلىق قىلىشى ئۈچۈن خۇشاللىقمۇ بېرىپ، خاپىلىقمۇ بېرىپ تەربىيەلەيدۇ

ئەمما، ئاللاھ تائالاغا شەك – شۈبھە بىلەن پەقەت خۇشاللىق يەتكەندىلا ئىبادەت قىلىدىغان بەندىگە كەلسەك، ئۇنىڭغا ياخشىلىق يەتسە دىنىدا چىڭ تۇرىدۇ، خاپىلىق يەتسە دىنىدىن يېنىۋالىدۇ. بۇنداق كىشى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە قۇلچىلىق قىلىشى ئۈچۈن تاللىغان بەندىلىرىدىن ئەمەستۇر.

ئون بىرىنچى: بۇ ئىككى گۈزەل ئىسىم بىلەن ئاللاھ تائالانى مەدھىيەلىشىمىز ۋە دۇئا قىلىشىمىز كېرەك

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەلەم تارتقان، جاراھەتلەنگەن ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىگە قاراپ باقايلى! ئوھۇد غازىتى بولغان كۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ئايدىڭلاشقان چاغدا، ئاللاھنىڭ رەسۇلى: «تۈز تۇرۇڭلار، مەن رەببىمگە ھەمدۇسانا ئېيتىمەن» دېگەنىدى، مۇسۇلمانلار بۇ زاتنىڭ كەينىدە سەپ تۈزۈپ تۇرۇشتى. ئاندىن ئۇ زات مۇنداق دېدى: «ئى ئاللاھ! جىمى ھەمدۇسانا ساڭا خاستۇر، ئى ئاللاھ! سەن (رەھمىتىڭدىن) يېيىپ بەرگەن نەرسىنى تارايتقۇچى يوقتۇر، سەن تارايتقان نەرسىنى كەڭرى قىلغۇچى يوقتۇر. سەن ئازدۇرغاننى ھىدايەت قىلغۇچى يوقتۇر، سەن ھىدايەت قىلغان كىشىنى ئازدۇرغۇچى يوقتۇر. سەن توسۇپ قالغان نەرسىنى بەرگۈچى يوقتۇر، سەن بەرگەن نەرسىنى توسۇپ قالغۇچى يوقتۇر. سەن يىراقلاشتۇرغاننى يېقىنلاشتۇرغۇچى يوقتۇر، سەن يېقىنلاشتۇرغاننى يىراقلاشتۇرغۇچى يوقتۇر. ئى ئاللاھ! بىزگە بەرىكەتلىرىڭ، رەھمىتىڭ، پەزلىڭ ۋە رىزقىڭدىن كەڭرى ھەم مول بەرگىن»(11).

ئۇلۇغ ئاللاھتىن ماڭا، ئاتا – ئانامغا، ئۇستازلىرىمغا ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا كەڭرى رەھمەت قىلىشىنى سورايمەن، ئامىن!

مەنبە: د. شريف فوزي سلطان/ القابض الباسط جل جلاله

https://www.alukah.net/sharia/1060/131745/

تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات

————————————————
1. «ئەبۇ داۋۇد»، (3451)؛ «تىرمىزىي»، (1314)؛ «ئىبنى ماجە»، (2200)؛ «ئەھمەد»، (14057). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
2. ئەلھەلىيمىي: «ئەلمىنھاج فىي شۇئەبىل ئىمان».
3. ئەرراغىبۇل ئەسبەھانىي: «ئەلمۇفرەدات».
4. «بۇخارىي»، (100).
5. «ئەھمەد»، (15492). ئالبانىي «ئەلئەدەبۇلمۇفرەد»تە: «سەھىھ» دېگەن.
6. ئابدۇلئەزىز ناسىر ئەلجەلىل: «ۋەلىللاھىل ئەسمائۇل ھۇسنا (ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى باردۇر)».
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4684)؛ «مۇسلىم»، (993).
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1410)؛ «مۇسلىم»، (1014).
9. «ئەھمەد»، (15492). ئالبانىي «ئەلئەدەبۇلمۇفرەد»تە: «سەھىھ» دېگەن.
10. «بۇخارىي»: (1275).
11. «ئەھمەد»، (15531). ئالبانىي «ئەلئەدەبۇلمۇفرەد»تە: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز