بۇ سەھىپىدە ئىسلامىي ئەدەبىياتتا كۆپ ئۇچرايدىغان مۇھىم ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» ئىنچىكە ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ ئۆلچەملىك تەبىرلەر كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ئېلىپبە تەرتىبى بويىچە سۇنۇلدى. يېڭى ئاتالغۇلار ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇپ، مەزمۇنلار تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. كىتاب ياكى ماقالىلەردە مەنبە كۆرسەتكەن ھالدا قوللىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. (2022. 9. 30 نەشرى. ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقتى: 2023. 2. 20)
* * *
ئارىف (العارف): ئەرەب تىلىدا: «تونۇغۇچى، تونۇپ يەتكۈچى» دېگەن مەنىدە، ئەھلىسۈننەت ئىستىلاھىدا: «ئاللاھنى تونۇغۇچى، ئاللاھنى ياخشى كۆرگۈچى، ئاللاھنىڭ شەرىئەتى بىلەن ئەمەل قىلغۇچى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكۈچى» دېگەنلىكتۇر. ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ: «ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇ زاتنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىدىكى، شەرىئەتىدىكى ۋە يارىتىشىدىكى ھېكمەتنى تونۇپ يەتكۈچى، ئۇ زاتقا ئىبادەت قىلىشتا ۋە ئۇ ئىبادەتتىن ئاللاھنىڭ نېمىنى ئىرادە قىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن بەسىرەت ئەھلى» دەپ تەرىپلەيدۇ. قاراڭ: ئىبنۇلقەييىم: «مەدارىجۇسسالىكىن»، 1/97؛ مۇھەممەد سالىھ: «ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت» 2/196.
ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ئىگىدارچىلىقى (الْوَلاَءُ / وَلَاءُ الْعَتَاقَةِ): قۇلنى ئازاد قىلغانلىق سەۋەبىدىن قولغا كېلىدىغان مەنىۋى تۇغقاندارچىلىق رىشتىسىدۇر. شۇڭا، ئازاد قىلغۇچى بىلەن ئازادگەردە (ئازاد قىلىنغان قۇل) ئوتتۇرىدا مىراس، دىيەت قاتارلىق ئىشلاردا تۇغقاندارچىلىقتەك رىشتە بولىدۇ. مەسىلەن، ئازادگەردە ۋاپات تاپقاندا ئۇنىڭ مىراسىنى ئالىدىغان، نېسىۋىسى بېكىتىلگەن ھېچقانداق ھۆر مىراسخورى ياكى ئاسىب تۇغقىنى بولمىسا، ئۇنىڭ مىراسىنىڭ ھەممىسىگە ئازاد قىلغۇچى (ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن) ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئەگەر ئۇمۇ بولمىسا، ئازاد قىلغۇچىنىڭ ئاسىب تۇغقانلىرى ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئەگەر ھۆر، نېسىۋىسى بېكىتىلگەن مىراسخورى بولسا، نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلەر نېسىۋىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مىراسنى ئازاد قىلغۇچى ئالىدۇ. خاتالىق بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ سالسا، ئازاد قىلغۇچى ئۇنىڭ ئۈچۈن دىيەتىنى تۆلەيدۇ، ئازادگەردىنىڭ نىكاھىغا ۋەلىي بولالايدۇ. ئازادگەردە بولسا ئۆزىنى ئازاد قىلغان خوجايىنىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرەلەيدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 45/121.
ئاسىب، كۆپلۈكى ئاسىبلار (عَاصِب ج الْعَصَبَةُ): ئەرەب تىلىدا: «كىشىنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دادا تەرەپ تۇغقانلىرى» دېمەكتۇر. مىراس ئىلمىدە: «نېسىۋىسى بېكىتىلگەن مىراسخورلار نېسىۋىلىرىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مىراسنى ئالىدىغان، ئەگەر مىراس ئاشمىسا ھېچنېمە ئالمايدىغان، ئەگەر نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلەر بولمىسا مىراسنىڭ ھەممىنى ئالىدىغان، مۇئەييەن بىر ئۈلۈشى بولمىغان مىراسخورلار»دۇر. بۇلار «نەسەبلىك ئاسىبلار» بولۇپ، قۇل ئازاد قىلىش جەھەتتىن ئاسىب بولغانلار «سەۋەبلىك ئاسىبلار» بولىدۇ. نەسەبلىك ئاسىبلار: «تەبىئىي ئاسىب»، «ۋاسىتىلىك ئاسىب» ۋە «قىز بىلەن ئاسىب بولىدىغانلار» دەپ ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 30/132؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1116 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇش/ 1967 ئىيۇن مەغلۇبىيىتى (حرب الأيام الستة / نكسة 67): «1967 – يىلى 6 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن 10 – كۈنىگىچە ئالتە كۈن داۋاملاشقان 3 – قېتىملىق ئەرەب – ئىسرائىل ئۇرۇشى» كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، «1967 ئىيۇن ئۇرۇشى» ياكى «1967 ئىيۇن مەغلۇبىيىتى»، ياكى «ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قېتىملىق ئۇرۇش ئىسرائىلىيە بىلەن قوشنا مىسىر، سۈرىيە ۋە ئىئوردانىيە ئارىسىدا پارتىلىغان بولۇپ، ئەرەب ئىتتىپاقىغا ئىراق، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇدان، تۇنىس، ماراكەش ۋە ئالجىرىيەمۇ ئەسكەر ۋە قورال – ياراق ياردىمىدە بولغان. ئالتە كۈن داۋاملاشقان ئۇرۇش ئىسرائىلىيەنىڭ مۇتلەق غەلبىسى بىلەن نەتىجىلەنگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلى، سۈرىيەنىڭ گولان تۆپىلىكلىرى ۋە پەلەستىننىڭ غەززە رايونى بىلەن غەربىي قىرغاق تۇپراقلىرىنى ئىشغال قىلغان ئىسرائىلىيە زېمىنىنى تۆت ھەسسە كېڭەيتىۋالغان. تۈركىيەنىڭ ب د ت دا ئېتىراز بىلدۈرۈشى بىلەن ئىسرائىلىيە سىناي يېرىم ئارىلىنى مىسىرغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ باشقا جايلارنى ئىزچىل قايتۇرمىغان.
ئالتە كىشىلىك شۇرا ھەيئىتى (أَهْلُ الشُّورَى السِّتَّةُ): ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، سەكراتتىكى ۋاقتىدا، ھ. 23 / م. 644 – يىلى ئۆزىدىن كېيىنكى خەلىفە سايلىمى ئۈچۈن تاللىغان ئالتە كىشىلىك ھەيئەتتۇر. ئالتە كىشى ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب، ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف، سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس، زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ قاتارلىقلار بولۇپ، ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففان ئۈچىنچى خەلىفە بولۇپ سايلانغان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 585 – بەت.
ئالدانغۇچى (الْمَغْرُورُ): ھىدايەتكە باشلىغۇدەك ئەقىل كۆزى ئېچىلمىغان، نادان ھالەتتە قېلىپ، ھاۋايى – ھەۋىسىگە ۋە شەيتانغا ئەگەشكەن كىشىدۇر. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 471 – بەت.
ئالىي ئىسناد / سەنەد (الْإِسْنَادُ الْعَالِي / العَالِي مِن الأَسَانِيدِ): ھەدىس ئىلمىدە: «مەلۇم بىر ھەدىس سەنەدلىرى ئىچىدە راۋىيلىرى باشقا سەنەدلەرگە قارىغاندا ئاز بولغىنىدۇر». ئىسنادنىڭ ئۈستۈن بولۇشى مۇھەددىسلەر نەزەرىدە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولۇپ، ئۇلار رىۋايەتنىڭ سەھىھلىكى ئۈچۈن ئالىي ئىسنادنى كۆزلەپ سەپەر قىلىشنىڭ مۇستەھەبلىكىدە ئىتتىپاق. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 507 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
ئاي / كۈن تۇتۇلۇش نامىزى (صَلَاةُ الْكُسُوفِ / الْخُسُوفِ): ئاي ياكى كۈن تولۇق ياكى قىسمەن تۇتۇلۇش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ئوقۇلىدىغان نەفلە ناماز بولۇپ، كۈن تۇتۇلۇش نامىزىنىڭ ھۆكمى سۈننەتتۇر. بىر قىسىم ئالىملار «ۋاجىب» دەپ قارىغان. ئاي تۇتۇلۇش نامىزىنىڭ ھۆكمىمۇ سۈننەتتۇر. بىر قىسىم ئالىملار «مۇستەھەب» دەپ قارىغان. ئوقۇش ۋاقتى ۋە شەكلى قاتارلىقلاردا مەزھەبلەردە پەرقلىق قاراشلار مەۋجۇد. ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا، كۈن تۇتۇلۇش نامىزى كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندىن باشلاپ تا ئەسىرنى ئوقۇپ بولغۇچە ئارىلىقتا ئادەتتىكى نەفلە نامازلارغا ئوخشاش ئىككى رەكئەت ئوقۇلىدىغان بولۇپ، پەرقى ئۇنىڭغا ئەزان توۋلانمايدۇ، تەكبىر چۈشۈرۈلمەيدۇ، خۇتبە سۆزلەنمەيدۇ، «ناماز جامائەت بولۇپ ئوقۇلىدۇ!» دەپ جاكارلىنىدۇ ۋە جامائەت بولۇپ تاكى كۈن ئېچىلغانغا قەدەر ئۇزۇن قىرائەت بىلەن ئوقۇلىدۇ. ئاي تۇتۇلۇش نامىزى بولسا ئاي تۇتۇلغاندىن باشلاپ تاكى ئېچىلغانغا قەدەر ئىككى رەكئەت ئوقۇلىدۇ. تۇتۇلغاندا يىغىلىپ جامائەت بولۇش (ھەنەفىي مەزھەبتە) سۈننەت ئەمەس، جائىز. ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا پات – پات مۇشۇ خىل ھادىسىلەرنى كۆرسىتىشىدە ئۇلارنى ئۆزلىرى، كائىنات، ئالەم، ھاياتلىق ۋە ئاخىرەت ھەققىدە تەپەككۇر قىلسۇن؛ بۇ ئارقىلىق ھايات يولىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى تاللىۋالسۇن؛ ياخشى ئەمەللەرنى تېخىمۇ ئىشتىياق بىلەن قىلسۇن؛ خاتالىقلاردىن، گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن يانسۇن… دېگەندەك ھېكمەتلەر باردۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 27/252 – 258.
ئەبيۇرد / ئەبىۋەرد (أبيورد / أَبِيوَرْدُ / Abiwert / Abiward): بۈگۈنكى تۈركمەنىستاندىكى قاراقۇرۇم چۆلىگە جايلاشقان، ساسانىيلار زامانىدا خۇراساندىكى سەرەخس بىلەن نەسا ئارىسىغا بىنا قىلىنغان، ھاۋاسى ۋە سۈيى ناچار تارىخىي شەھەر. ياقۇت ئەلھەمەۋىينىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەبيۇردنى ساھابە قوماندان ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر ئىبنى كۇرەيز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھ. 31 / م. 652 – يىلى فەتھ قىلغان. قاراڭ: ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «(مُعْجَمُالبُلْدانِ) مۇئجەمۇل بۇلدان»، 1/86.
ئەتتەرغىبۇ ۋەتتەرھىب (ھەدىسلەر بىلەن قىزىقتۇرۇش ۋە قورقۇتۇش / التَّرْغِيبُ وَالتَّرْهِيبُ مِنَ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ): مۇھەددىس زەكىييۇددىن ئابدۇلئەزىم ئىبنى ئابدۇلقەۋىي ئەلمۇنزىرىي (ھ. 581 – 656 / م. 1185 – 1258) تەرىپىدىن يېزىلغان، ئىخلاس، ئىلىم، ناماز، ئالدى – ساتتى، ئەدەب، زۇھد، جەننەت ۋە جەھەننەم قاتارلىق تېمىلاردا دىنىي جەھەتتىن قىلىنىشى ياكى قىلىنماسلىقى تەلەپ قىلىنغان ھەدىسلەر ئاساسەن «كۇتۇبى سىتتە»، ئىمام مالىكنىڭ «مۇۋەتتا»سى، ئىبنى ھىببان ۋە ئىبنى خۇزەيمەنىڭ «ئەسسەھىھ»لىرى، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە ئەبۇ يەئلا مەۋسىلىنىڭ «مۇسنەد»لىرى، تەبەرانىينىڭ ئۈچ «مۇئجەم»ى ۋە ھاكىمنىڭ «ئەلمۇستەدرەك»ى قاتارلىق ھەدىس مەنبەلىرىدىن تاللىنىپ خۇسۇسلار بويىچە 25 بۆلۈم شەكلىدە تەرتىپكە تىزىلىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن ئەسەر بولۇپ، جەمئىي 6000 ئەتراپىدا ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەردە، مۇئەللىف ھەدىسلەرنىڭ سەنەدلىرىدە ساھابەدىن باشقا راۋىيلىرىنى زىكىر قىلمىغان ھەم ھەدىسلەرگە ئېنىق باھا بەرمىگەن. ئۆتكەن ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق مۇھەددىس شەيخ ناسىرۇددىن ئالبانىي (ھ. 1333 – 1420 / م. 1914 – 1999) مەزكۇر كىتابتىكى ھەدىسلەرنى «سەھىھۇتتەرغىبۇ ۋەتتەرھىب» (ئۈچ تومدا 3775 ھەدىس) ۋە «زەئىفۇتتەرغىبۇ ۋەتتەرھىب» (ئىككى تومدا 2248 ھەدىس) دەپ ئىككىگە ئايرىپ، ئۇنىڭدىكى ھەدىسلەرنىڭ سەنەدلىرىگە باھا بەرگەن، ھەتتا ئۇنىڭ باھالىرى ئىمام مۇنزىرىينىڭ باھالىرىدىن بەزىدە پەرقلىق چىققان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 629 – بەت.
ئەجەم (الْعَجَمُ): ئەرەبلەردىن باشقا مىللەتلەر، خۇسۇسەن پارسلارنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 110 – بەت.
ئەرەب ئېلىپبەسى (الْحُرُوْفُ الْعَرَبِيَّةُ): مىلادى 2 – 4 – ئەسىرلەر ئارىسىدا ئەسلىدە فېنىكە يېزىقىدىن ئېلىنغان نەباتى يېزىقىنىڭ تەرەققىي قىلغان شەكلى بولۇش بىلەن بىرگە كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمىي يازما يادىكارلىقلار مىلادى 6 – ئەسىرگە (سۈرىيە زەبەدان يازمىسى م. 512، تۈركىيە ھارران يازمىسى م. 568) ئائىتتۇر. ئەڭ دەسلەپكى ئەرەب ئېلىپبەسى 15 پەرقلىق ئىشارەت بىلەن 22 ھەرپنى ئىپادىلەيتتى. 28 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان ھالى خېلى كېيىنكى دەۋرلەردە مۇكەممەللەشكەن. ئەرەب ئېلىپبەسىدە مەۋجۇد 28 ھەرپنىڭ 22 سى نەباتى ئېلىپبەسىدىن ئۆتۈشتە شەكلى ئۆزگەرگەن ھەرپلەر بولۇپ، قالغان 6 ھەرپ ئەرەبچىگە خاستۇر.
ئەرەفە / ئەرەفات (عَرَفَةَ / عَرَفَات): «تونۇش» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەرىپەت ۋە ئىرفان كەلىمەلىرى بىلەن بىر يىلتىزدىن تۈرلىنىدۇ. ئەرەفات مەككەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بىر تۈزلەڭلىكنىڭ نامىدۇر. مەسجىدى ھەرەمدىن 22 كىلومېتىر، مىنادىن 10 كىلومېتىر، مۇزدەلىفەدىن 6 كىلومېتىر يىراقلىقتا، ھەرەم سىرتىدىكى بۇ تۈزلەڭلىكتە «رەھمەت تېغى» دەپ ئاتالغان بىر تاغ بار. ھاجىلار قۇربان ھېيتنىڭ ھارپىسى بولمىش زۇلھەججەنىڭ 9 – كۈنى پېشىندىن كۈن پاتقانغا قەدەر مۇشۇ تۈزلەڭلىك (ئەرەفات) تە تۇرمىسا، ئىسلامنىڭ بەش تۈۋرۈكىنىڭ بىرى بولغان «ھەج»نى ئادا قىلغان بولمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەج دېگەن ئەرەفات (تا تۇرۇش) تۇر» دېگەن. ھاجىلار ئەرەفاتتا تۇرىدىغان بۇ كۈن شۇ سەۋەبتىن «ئەرەفات كۈنى» دەپ ئاتالغان. تىلىمىزدىكى «ھارپا كۈنى»مۇ ئەرەفات كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كۈن يەنە «ئازاد قىلىش كۈنى»، «پەخىرلىنىش كۈنى»، «دىننى كامالەتكە يەتكۈزۈش كۈنى» ۋە «مەشھۇد كۈن» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەرەفات كۈنىنىڭ پەزىلىتى ئايەت، ھەدىسلەردە تەكىتلەنگەن.
ئەرتەبۇن (Tribune): م. 634 – يىل 7 – ياكى 8 – ئايلاردا ئىسلام قوشۇنلىرى بىلەن شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى ئارىسىدا يۈز بەرگەن «ئەجنادىن جېڭى»گە قاتناشقان رىم قوشۇنلىرى قوماندانى. ھېراكلىيۇسنىڭ ئىنىسى تېئودوروس (Theodorus). ئىسلام تارىخىدا «ئەرتەبۇن» ياكى «ۋاردار» دەپ تونۇلغان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 596 – بەت.
ئەرﺭﻩﺑﻪﺯﻩ (الرَّبَذَةُ): مەدىنەنىڭ 170 كىلومېتىر شەرقىدىكى ئىراق يولى بويىدىكى مەشھۇر بىر ئوتلاق. خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ جاينى ھ. 16 / م. 638 – يىلى مۇسۇلمانلارنىڭ ئات – ئۇلاغ ۋە زاكات چارۋىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن مەخسۇس قوغدالغان رايون قىلغان. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھ. 30 / م. 652 – يىلى خەلىفە ئوسماننىڭ ئىجازىتى بىلەن ئۇ جايغا يەرلەشكەن ۋە شۇ جايدا ۋاپات بولغان.
ئەركىن تەسەررۇپ ھەققى (حقُّ التصرّفِ المُطْلَقُ Ius abutendi ياكى abusus): ھەق – تەلەپ قانۇنى ۋە روما قانۇنىغا ئائىت بىر ئاتالغۇ بولۇپ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى (dominium) نى تەشكىل قىلغۇچى ھوقۇقلار توپىدىكى ئۈچ چوڭ تارماقنىڭ بىرىدۇر. ئېنىقلىمىسى: ئىگىدارلىق يەنى ياتلىشىش، مىراس ياكى باشقا شەكىلدە بىر ياقلىق قىلىش ھەققى ياكى ھېچكىم سورىقىنى ئالالمايدىغان، قانۇنىي «تامامەن يوقىتىش ياكى قوللىنىش ھەققى» دېگەنلىكتۇر.
ئەزفار (أَظْفَارٌ): يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئەدەن ساھىلىغا جايلاشقان بىر شەھەر. زافار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قۇستە ئۇ يەرگە ھىندىستاندىن كەلتۈرۈلەتتى. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 3/282.
ئەزلام (الأَزْلاَمُ): «پەيسىز ئوقلار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، سۆزنىڭ بىرلىك ھالىتى ئەززۇلەم (الزُّلَمُ) دۇر. جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەرەبلەر پال ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۈچ تال ئوق بولاتتى. بىرىگە: «رەببىم مېنى بۇيرۇدى»، يەنە بىرىگە: «رەببىم مېنى توستى» دەپ يېزىلىپ، ئۈچىنچىسى ئاق قالاتتى. خەت يېزىلغانلىرىدىن قايسىبىرى چىقسا، شۇ بويىچە ئىش تۇتاتتى. بىرنەرسە يېزىلمىغىنى چىقسا، پالنى قايتا سالاتتى. ئەزلام پالى 5/«مائىدە»: 3 -، 90 – ئايەتلەردە ئېنىق چەكلەنگەن قىلمىشتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 126 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
ئەزل قىلىش (الْعَزْلُ): ئايالىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەنىينى سىرتقا تۆكۈۋېتىش. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 10 – بەت.
ئەسەبىيلىك (العَصَبِيَّةُ): ئەرەب تىلىدا: «قوغداش، ھىمايە قىلىش ۋە ياردەم بېرىش» قاتارلىق مەنىلەرنى جەملىگەن كەلىمە بولۇپ، ھەق – ناھەقنى ئايرىماستىن ئۆز قوۋم – قېرىنداشلىرىغا، گۇرۇھىغا ۋە توپىغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىش ۋە باشقىلارغا قارشى ئۇلارغا ھەمدەم بولۇشتىن ئىبارەت. ھەدىستە: «ئەسەبىيلىك دېگەن نېمە؟» دەپ سورىغۇچىغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قەۋمىڭنىڭ زۇلۇم سېلىشىغا ھەمكارلىشىشىڭ» دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇنداق قىلىدىغان كىشىگە «ئەسەبىي» دېيىلىدۇ. «تەئەسسۇبلۇق قىلىش»مۇ ئەسەبىيلىكتىن تۈرلەنگەن بولۇپ، ئەسەبىيلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: «ئەبۇ داۋۇد»، (5119)؛ ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 1/602؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 313 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996.
ئەسەر (الْأَثَرُ): ئەرەب تىلىدا: «ئىز، خەبەر، ئىلگىرىكىلەردىن قالغان سۆز ۋە قالدۇق» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، كۆپچىلىك مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ياكى ساھابەگە، ياكى تابىئىنغا نىسبەت بېرىلگەن سۆز ياكى پېئىل، ياكى تەقرىر، ياكى جىسمانىي ۋە ئەخلاقىي سۈپەت قاتارلىقلار»دىن ئىبارەت. بۇ قاراشقا ئاساسەن بۇ ئاتالغۇ ھەدىسنىڭ «مەرفۇﺋ»، «مەۋقۇف» ۋە «مەقتۇﺋ» ئۈچ تۈرىگە قوللىنىلىدۇ. خۇراسان فەقىھلىرىنىڭ ئىستىلاھىدا «ئەسەر» پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشقىلاردىن رىۋايەت قىلىنغاننى يەنى ساھابەگە ياكى تابىئىنغا نىسبەت بېرىلگەن «مەۋقۇف» بىلەن «مەقتۇﺋ»نى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنغاننى يەنى «مەرفۇﺋ»نى ئۇلار «خەبەر» دەپ ئاتايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 18 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003؛ دوكتور نۇرىددىن ئىتر: «مَنْهَجُ النَّقْدِ فِيْ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ»، 28 – بەت. «دارۇلفىكر نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1979.
ئەسسۇنەنۇل كۇبرا (بۈيۈك سۈنەن/ اَلسُّنَنُ الْكُبْرَى): مەشھۇر مۇھەددىس ۋە شافىئىي فەقىھ ئەھمەد ئىبنى ھۈسەين ئەلبەيھەقىي (ھ. 384 – 458 / م. 994 – 1066) نىڭ ئەھكام ھەدىسلىرىنى ۋە ساھابە – تابىئىنلەردىن كەلگەن بايانلارنى جەملىگەن 10 توملۇق بۈيۈك ئەسىرى بولۇپ، 70 بۆلۈم ۋە يۈزلەرچە بابلاردا 30 مىڭغا يېقىن ئىسناد ۋە 26 مىڭ 490 مۇسنەد رىۋايەت بىلەن ئەڭ كۆپ ھەدىسنى، ساھابە – تابىئىنلەرنىڭ بايانلىرىنى ۋە شەرئىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈنەن ئېنسىكلوپېدىيەسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن، ھەدىس، ساھابە ۋە تابىئىن بايانلىرىنى تەخرىج قىلىشتىكى مۇھىم ۋە ئەسل مەنبەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىمام بەيھەقىي بۇ ئەسىرىگە «‹سۇنەنۇل كۇبرا› كىتابىغا كىرىش (الْمَدْخَلُ إِلَى كِتَابِ السُّنَنِ الْكُبْرَى)» نامىدا بىر توم مۇقەددىمە يازغان. ئىمام بەيھەقىي يەنە بۇ ئەسىرىدە ھەدىس ئىلمى بىلەن فىقھ ئىلمىنى جەملەش بىلەن بىرگە ھەدىسلەردىكى ئىللەتلەرنى، مۇھەددىسلەرنىڭ باھالىرىنى بايان قىلغان ۋە بىر – بىرى بىلەن زىتتەك كۆرۈنگەن ھەدىسلەرنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلغان. ئەسەر ھ. 432 – يىلى 12 – جامادىيەلئاخىر / م. 1041 – يىلى 17 – فېۋرال تاماملانغاندۇر. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 633 – بەت.
ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە (سەھىھ ھەدىسلەر يۈرۈشلۈك توپلاملىرى / سِلْسِلَةُ الأَحَادِيْثِ الصَّحِيْحَةِ وَشَيْءٌ مِنْ فِقْهِهَا وَفَوَائِدِهَا): 20 – ئەسىردە ياشىغان ئەڭ مۆتىۋەر ھەدىس ئالىملىرىدىن شەيخ ناسىرۇددىن ئالبانىي تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان توققۇز جىلدلىق ئەسەر بولۇپ، مەلۇم بىر تەسنىف مېتودىغا قارىماي، سەھىھ ھەدىسلەر كەڭ ئىزاھلار بىلەن باھالانغان ئەسەردۇر. شەيخ ئالبانىي بۇ ئەسىرىدە تۈرلۈك مەنبەلەردىن ئېلىنغان «سەھىھ» دەپ قارالغان (جەمئىي 4035) ھەدىسلەرنى جەملەپلا قويماي، ھەربىر ھەدىسنىڭ سەنەدى، رىۋايەت يوللىرى ۋە راۋىيلىرى ھەققىدە ھەدىسشۇناسلىق ئۇسۇلى بويىچە ئىخچامراق توختالغان ۋە ئۇ ھەدىسلەردىن ئېلىنىدىغان فىقھىي ۋە ئىلمىي مەزمۇنلارنىمۇ بايان قىلغان. ئايرىم مەسىلىلەردە ئۇزۇنراق توختالغان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 630 – بەت.
ئەسسىمۇت (السَّمْت / اَلسُّمُوت/ Azimuth): ئەرەبچە «يول، يۆن، سالاپەت ۋە تەقى – تۇرق» مەنىسىدىكى «السَّمْتُ (as-samt) »نىڭ كۆپلۈكى «اَلسُّمُوت(as-sumūt) »تىن كەلگەن خەلقئارالىق ئاسترونومىك ئاتالغۇ بولۇپ، بىر ئاسمان جىسمىنىڭ كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن يۆنىلىشىنىڭ ئۇپۇقتىكى شىمال ياكى جەنۇب نۇقتىسىدىن بۇلۇڭ مۇساپىسىنى ئىپادىلەيدۇ. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 1/447؛ «ئوكسفورت ئىنگىلىز تىلى لۇغىتى»، 2003 نەشرى، azimuth ماددىسى.
ئەسل كۆپلۈكى ئۇسۇل (الْأَصْلُ، الْأُصُوْلُ): ئەرەب تىلىدا: «بىرنەرسىنىڭ تۆۋەن قىسمى»، فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «راجىھ (ئېغىر باسقۇچى)، قانۇنىيەت، قائىدە، دەلىل، ئۇل – ئاساس، قەدىمكى ھالەت، بالىغا نىسبەتەن ئاتا – بوۋا ۋە باشقا نەرسىلەر قىياس قىلىنىدىغان ئاساس» قاتارلىق مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ. كۆپلۈك ھالىتىدە «ئۇسۇل» دېيىلسە، ئىسلام دىنىدىكى ئاساسلىق پرىنسىپ ۋە قائىدە – قانۇنىيەتلەرنى؛ «ئۇسۇلۇددىن ئىلمى» دېيىلسە، تەۋھىد ئىلمى، ئىلمى كەلام ۋە ئەقىدە ئىلمىنى؛ «ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمى» دېيىلسە، شەرئىي دەلىللەردىن قانداق ئەھكام يەكۈنلەپ چىقىرىشنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئەبۇلبەقاﺋ ئەلكەفەۋىي: «ئەلكۇللىييات» 171 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 5/55؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 158 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
ئەسھابى سۇففە / ئەھلى سۇففە (أَصْحَابُ الصُّفَّةِ/أَهْلُ الصُّفَّةِ): «لەمپە ئاستىدا تۇرىدىغانلار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، «ئۆزىگە تەۋە تۇرالغۇسى ياكى ئائىلىسى يوق، غېرىب – غۇرەبا، يوقسۇل مۇھاجىر ساھابەلەر ئۈچۈن مەسجىدى نەبەۋىينىڭ ئارقا تەرىپىدىكى لەمپە (سۇففە) لىك قىلىپ سېلىنغان، بارا – بارا بىر مەدرەسە ھالىغا كەلگەن ئورۇندا ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە تۇرغان بىر توپ ساھابەلەر»نى كۆرسىتىدۇ. ئەھلى سۇففە ئىسلامىي ئىلىملەرنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، تارىخشۇناسلاردىن ئەبۇ نۇئەيم «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ» ناملىق ئەسەرىدە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىدىن 100 نى تىزىملىغان. مەدىنەگە ھىجرەت قىلىش، ئۆيلىنىش ياكى ۋاپات بولۇش ياكى سەپەر قىلىش سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ سانى ئېشىپ – كېمىيىپ تۇراتتى. جۈملىدىن ئالتە مىڭدىن زىيادە ھەدىس رىۋايەت قىلغان مەشھۇر ساھابە ئەبۇ ھۇرەيرە ئەھلى سۇففەدىن ئىدى. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 6/595؛ قازى ئەھمەدنەكرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ»، 1/86.
ئەشەرەئى مۇبەششەرە / جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە (الْعَشَرَةُ المُبَشَّرُوْنَ بِالْجَنَّةِ): جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئەر ۋە ئايال ساھابەلەرنىڭ سانى كۆپ بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە ئون ساھابەسىنىڭ ئىسىملىرىنى بىرمۇبىر ئاتاپ، ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىرى ۋە ئىسلامىيەت ئۈچۈن قىلغان پىداكارلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارغا جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بەرگەن. بۇلار «ئەشەرەئى مۇبەششەرە» دەپ ئاتالغان. ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئەبۇبەكرى جەننەتتە، ئۆمەر جەننەتتە، ئوسمان جەننەتتە، ئەلى جەننەتتە، تەلھە جەننەتتە، زۇبەير جەننەتتە، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف جەننەتتە، سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس جەننەتتە، سەئىد ئىبنى زەيد جەننەتتە، ئەبۇ ئۇبەيدە جەننەتتە»(تىرمىزىي 3747). ئالبانىي «سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»دا: (50) «سەھىھ» دېگەن. سەئىد ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 585 – بەت.
ئەقەبە بەيئەتى / بەيئەتۇلئەقەبە (بَيْعَةُ الْعَقَبَةِ): مەككەدە مەسجىدى ھەرەمگە تەخمىنەن 3 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مىنا رايونى ئىچىدىكى «ئەقەبە» دېگەن جايدا ئاللاھنىڭ رەسۇلى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشنىڭ 12 – 13 – / م. 621 – 622 – يىللىرى ھەج مەۋسۈمىدە مەدىنەلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىتائەت قىلىش ۋە ياردەم بېرىش بارىسىدا بەرگەن ئىككى قېتىملىق ئەھدىسى. بىرىنچى قېتىمقى ئەقەبە بەيئەتىدە مەدىنەلىك ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرىدىن 12 كىشى بەيئەت قىلغان ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىسلام تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئەۋەتكەندىن كېيىن مەدىنەدە ئىسلام دىنى كەڭ تارقاپ، كېيىنكى يىلى ئۇنىڭ بىلەن 75 كىشى ئەقەبەدىكى مەخپىي ئۇچرىشىشتا ئىككىنچى قېتىمقى بەيئەتكە قاتناشقان. ئىككىنچى قېتىمقىسى چوڭ بەيئەتۇلئەقەبە (بَيْعَةُ الْعَقَبَةِ الْكُبْرَى) دەپمۇ ئاتالغان. بۇ ئىككى بەيئەتنىڭ مەدىنە ئاھالىسى ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش، ئىسلامىيەتنى يېيىش، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھىجرىتىگە ۋە ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇشقا ئۇل ھازىرلاشتا ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد ئەبۇ شۇھبە: «السِّيْرَةُ النَّبَوِيَّةُ عَلَى ضُوْءِ الْقُرْآنِ وَالسُّنَّةِ (قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا پەيغەمبەر سىيرەتى)»، 436 – 450 – بەتلەر، «دارۇلقەلەم نەشرىياتى»، دىمەشق، م. 1992؛ «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 316 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
ئەقىقە (الْعَقِيْقَةُ): ئائىلە ئىگىسى پەرزەنت يۈزى كۆرگەندە، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن قىلىدىغان سۈننەت قۇربانلىقتىن ئىبارەت. بۇ قۇربانلىقنى بوۋاققا ئىسىم قويۇش، چېچىنى چۈشۈرۈش ۋە سەدىقە بېرىش بىلەن بىرگە يەتتىنچى كۈنى قىلىش مۇستەھەبتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يېڭى تۇغۇلغان ھەرقانداق ئوغۇل بالا (قىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش) ئۆز ئەقىقىسى ئۈچۈن گۆرۈگە قويۇلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن يەتتىنچى كۈنى مال سويۇلۇپ، چېچى چۈشۈرۈلۈپ، ئىسمى قويۇلىدۇ»(«ئىبنى ماجە»، 3165). قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ الْعُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 1130 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
ئەلئام (الْعَامُّ): ئەرەبچىدە: «ئومۇمىي، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچى» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «ئىپادىلىگەن شەخس ۋە نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چەكسىز سۆز»دۇر. مىسالى: ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿مۆمىنلەر شەك – شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ﴾(82/«ئىنفىتار»: 13) دېگەن ئايەتىدە ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان «مۇئمىن»نىڭ چېكى يوقتۇر. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 188 – بەت؛ شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى»، 34 – بەت، «ئىبنۇلجەۋزىي نەشرىياتى»، رىياد. ھ. 1426.
ئەلئەدەبۇل مۇفرەد (ئەدەبكە ئالاقىدار ھەدىسلەر توپلىمى / جُزْءٌ فِي الأَدَبِ – الْأَدَبُ الْمُفْرَدُ): مۇھەددىسلەر سەردارى ئىمام بۇخارىي (ھ. 194 – 256 / م. 810 – 870) نىڭ ئىسلامىي ئەدەب – قائىدىلەر توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنى، شۇنداقلا ساھابە – تابىئىنلارنىڭ سۆزلىرىنى جەملىگەن ھەدىس توپلىمىدۇر. ھافىز ئىبنى ھەجەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىمام بۇخارىي «جامىئۇسسەھىھ»ىدە ئاتايىن «ئەدەب بۆلۈمى» نامىدا بىر باب كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن كۇپايىلەنمەي، مەزكۇر ئەسەرنى ئايرىم تۈزگەن ۋە ئۇنىڭدا «سەھىھۇلبۇخارىي»دا بولمىغان بەزى سەھىھ ھەدىسلەرنىمۇ كەلتۈرگەن. «سەھىھۇلبۇخارىي»دا «مۇئەللەق» كەلتۈرگەن بىر قىسىم ھەدىسلەرنى بۇ ئەسىرىدە سەنەدلىك كەلتۈرگەن. «سەھىھۇلبۇخارىي»دا ئىسمى ئېنىق كەلتۈرۈلمىگەن راۋىيلەرنىڭ ئىسمىنى بۇ ئەسىرىدە ئېنىق كەلتۈرگەن. ئەسەردە 644 بابقا بۆلۈنگەن 1322 «مەرفۇﺋ» ۋە «مەۋقۇف» ھەدىسنىڭ كۆپ قىسمى «سەھىھ» بولۇپ، ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئەدەب – قائىدە توغرىسىدا بولغاچقا، ئۇنىڭدا «سەھىھۇلبۇخارىي»دىكىدەك قاتتىق شەرت قويمىغان. شەيخ ناسىرۇددىن ئالبانىي مەزكۇر ئەسەردىكى ھەدىسلەر ئۈستىدە تەھقىق ئېلىپ بېرىپ، ئۆز قانائىتى بويىچە «سەھىھ»لىرىنى (994 ھەدىس) «سەھىھۇل ئەدەبىل مۇفرەد»كە، «زەئىف»لىرىنى (219 ھەدىس) «زەئىفۇل ئەدەبىل مۇفرەد»كە ئايرىپ باھالىغان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 629 – بەت.
ﺋﻪﻟﺌﻪﺯﮪﻪﺭ ﺷﻪﻳﺨﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ (مَشِيْخَةُ الْأَزْهَرِ): «ﺋﻪلئەﺯﮪﻪﺭ ﺟﺎﻣﻪﺳﻰ» ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﺋﻪلئەﺯﮪﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ»، «ﺋﻪلئەﺯﮪﻪﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﻪﺳﻰ»، «ﺋﻪلئەﺯﮪﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘتلار بۆلىكى»، «ﺋﻪلئەﺯﮪﻪﺭ چوڭ ئۆلىمالار ﮪﻪﻳﺌﯩﺘﻰ»، «ﺋﻪلئەﺯﮪﻪﺭ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﺴﻰ»، «ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺷﻪﮪﻪﺭﭼﯩﺴﻰ»، «ﺋﻪلئەﺯﮪﻪﺭ ﺭﻩﺳﻪﺗﺨﺎﻧﯩﺴﻰ» ﯞﻩ «ئەلئەزھەر ﭘﻪﺗﯟﺍ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ»… ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ دىنىي ﻣﯘﺋﻪﺳﺴﻪﺳﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ «ﺋﻪﻟﺌﻪﺯﮪﻪﺭ ﺷﻪﻳﺨﻰ» ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯗ.
ئەلبەدرۇل مۇنىر (نۇرلاندۇرغۇچى تولۇن ئاي / الْبَدْرُ المُنِيْرُ فِي تَخْرِيْجِ الْأَحَادِيْثِ وَالْآثَارِ الْوَاقِعَةِ فِي الشَّرْحِ الْكَبِيْرِ): ئىران قەزۋىنلىك شافىئىي فەقىھ، مۇھەددىس ۋە تەرجىمىھال يازغۇچى، ئىبنۇلمۇلەققىن نامى بىلەن تونۇلغان ئەبۇ ھەفس سىراجۇددىن ئۆمەر ئىبنى ئەلى ئەششافىئىي (ھ. 723 – 804 / م. 1323 – 1401) تەرىپىدىن ئابدۇلكەرىم ئىبنى مۇھەممەد رافىئىي (ھ. 557 – 623 / م. 1162 – 1226) نىڭ ئىمام غەززالىي (ھ. 450 – 505 / م. 1058 – 1111) قەلىمىدىن شافىئىي فىقھىدىكى «ئەلۋەجىز»ىگە يازغان «ئەلئەزىز (ئەششەرھۇل كەبىر / العزيز في شرح الوجيز)» ناملىق شەرھىدىكى ھەدىسلەرنىڭ تەخرىجىگە دائىر يېزىلغان ئەسەردۇر. 2004 – يىلى توققۇز تومدا، 2008 – يىلى 28 تومدا تولۇق نەشر قىلىنغان بولۇپ، شافىئىي فىقھىدا دەلىل قىلىنىدىغان 2574 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇئەللىف بۇ ئەسىرىدە ھەدىسلەرنىڭ سەنەدىنى كۆزدىن كەچۈرۈش، باھا بېرىش ۋە مۇھەددىسلەردىن نەقىل ئېلىشتا كەڭ ئىزدەنگەنلىكى ئۈچۈن، كېيىن ئۇنى ئىخچاملاپ «خۇلاسەتۇل بەدرىل مۇنىر» دەپ ئاتىغان. كېيىن ئۇنى تېخىمۇ ئىخچاملاپ «مۇنتەقا خۇلاسەتىل بەدرىل مۇنىر» دەپ ئاتىغان. ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس شىھابۇددىن ئىبنى ھەجەر ئەلئەسقەلانىي (ھ. 773 – 852 / م. 1371 – 1449) ھەم بۇ ئەسەرنى 4/1 ىگە ئىخچاملاپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ۋە باشقا مۇھەددىسلەرنىڭ بايانلىرىنىمۇ قوشۇپ تولۇقلاپ «ئەتتەلخىسۇل ھەبىر» دەپ ئاتىغان. ئىبنى ھەجەرنىڭ «ئەتتەلخىسۇل ھەبىر»ى تۇنجى بولۇپ 1886 – يىلى دېھلىدا تاش مەتبەئەدە، كېيىن 1964 – يىلى قاھىرەدە بېسىلغان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 631 – بەت.
ئەلبەقاﺋ (الْبَقَاءُ): ئەرەب تىلىدا: «دائىملىق، ئەبەدىيلىك، مەڭگۈلۈك بولۇش ۋە باقىمەندە» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، تەسەۋۋۇف ئىستىلاھىدا: «پەرۋەردىگارىدىن باشقىنى كۆرمەيدىغان بولغان (ئەلفەناﺋ) دىن كېيىن، ئۇنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئەسەرى بولمىش مەخلۇقاتلارنى كۆرۈش ۋە ھېس قىلىشقا قايتىش»تىن ئىبارەت. دېمەك، ئىككى زىت نەرسىنىڭ بىرىنى كۆرەلمەسلىك «ئەلفەناﺋ» بولسا، ھەر ئىككىسىنى بىرلىكتە كۆرۈش «ئەلبەقاﺋ» دۇر. يەنە «ئەلفەناﺋ» رەزىل ئىللەتلەرنى تاشلاش، «ئەلبەقاﺋ» گۈزەل ئەخلاق يېتىلدۈرۈش دەپمۇ ئىزاھلىنىدۇ. قاراڭ: ئىبنى ئەجىبە: «مِعْرَاجُ التَّشَوُّفِ إِلَى حَقَائِقِ التَّصَوُّفِ (تەسەۋۋۇف ھەقىقەتلىرىگە نەزەر مىئراجى)»، 59 -، 60 – بەتلەر.
ئەلبىقاﺋ (الْبِقَاعُ): دىمەشق، ھىمس ۋە بەئلەبەك ئارىسىدىكى كەڭ بىر زېمىننىڭ ئىسمى. قاراڭ: ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «(مُعْجَمُالبُلْدانِ) مۇئجەمۇل بۇلدان»، 1/470.
ئەلجامىئۇسسەغىر (ئىخچام ھەدىسلەر توپلىمى / الجَامِعُ الصَّغِيْرُ مِنَ حَدِيْثِ الْبَشِيْرِ النَّذِيْرِ): تەفسىرشۇناس، مۇھەددىس، فەقىھ، ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئالىمى جەلالۇددىن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبۇبەكرى ئىبنى مۇھەممەد سۇيۇتىي (ھ. 849 – 911 / م. 1445 – 1505) تەرىپىدىن توپلانغان قىسقا ھەدىسلەردىن تەشكىل تاپقان ئۇشبۇ ئەسەر ھ. 907 / م. 1501 – يىلى تاماملانغان. ئەسەر ھەدىسلەرنىڭ دەسلەپكى ئىككى ھەرپىگە كۆرە ئېلىپبەلىك تەرتىپتە تىزىلغان ۋە بۇ مەنتىق سەۋەبىدىن سەنەدلەر يېزىلمىغان. ئەمما، ھەربىر ھەدىستىن كېيىن شۇ ھەدىسنىڭ راۋىيسى بولغان ساھابەنىڭ ئىسمى، مەزكۇر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ھەدىس توپلاملىرى ياكى مۇھەددىسلەر (ئېنىق ئىسمى ياكى ھەرپ بىلەن) بايان قىلىنغان. شۇنداقلا ھەدىسنىڭ سەھىھ ياكى زەئىفلىكىگىمۇ باھا بېرىلگەن. ئىككى جىلدتا چاپ ئېتىلگەن ئۇشبۇ ئەسەر 10 مىڭ 31 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىمام سۇيۇتىي مەزكۇر ئەسىرىگە قوشۇمچە (زەيىل) تەرىقىسىدە «زەيلۇل جامىئىسسەغىر (ذيل الجامع الصغير من حديث البشير النذير)»نى تۈزگەن ۋە ئۇنىڭغا مىڭ ئەتراپىدا ھەدىسنى كىرگۈزگەن بولۇپ، ئايرىم بىر جىلدتا نەشر قىلىنغان. مەرھۇم شەيخ ناسىرۇددىن ئالبانىي ئۇنىڭدىكى ھەدىسلەرنىمۇ «سەھىھۇلجامىئىسسەغىر» ۋە «زەئىفۇلجامىئىسسەغىر» دەپ ئىككىگە ئايرىپ، ھەدىسلەرنىڭ سەنەدلىرىگە باھا بەرگەن ۋە ئۇنىڭ بەزى باھالىرى ئىمام سۇيۇتىينىڭ باھالىرىدىن بەزىدە پەرقلىق چىققان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 630 – بەت.
ئەلجەمئۇ بەينەسسەھىھەين (بۇخارىي بىلەن مۇسلىمدىن ئىبارەت سەھىھەيننى جەملەش / الْجَمْعُ بَيْنَ الصَّحِيْحَيْنِ الْبُخَارِيِّ وَمُسْلِمٍ): ئەندەلۇسلۇق ئاتاقلىق ھەدىس ئالىمى ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى فەتۇھ ئەلھۇمەيدىي ئەلئەزدىي (ھ. 420 – 488 / م. 1029 – 1095) «سەھىھەين» نامى بىلەن مەشھۇر ئەڭ ئىشەنچلىك سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى «سەھىھۇلبۇخارىي» بىلەن «سەھىھۇمۇسلىم»دىكى ھەربىر ساھابەنىڭ رىۋايەتلىرىنى «مۇسنەد» شەكلىدە جەملىگەن ئەسەردۇر. مۇئەللىف مۇقەددىمەسىدە سۈننەتنىڭ ئورنى، ئالىملارنىڭ سۈننەتنى يېزىپ قالدۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقلىرى، ئىمام بۇخارىي بىلەن ئىمام مۇسلىملەرنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان. ئاندىن «سەھىھەين»دىكى بابلارغا چېچىلىپ كەتكەن ھەدىس مەتنىلىرىنى بىر يەرگە جەملەپ، بىر كىتاب قىلىشنى كۆزلىگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئاندىن ئېھتىياج كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا ئىسنادنى ئېلىۋېتىشتىن ئىبارەت كىتابىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلغان، كىتابنى بەش قىسىمغا بۆلگەن بولۇپ، «ئەشەرەئى مۇبەششەرە (جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە)»دىن باشلىغان. ئارقىدىن باشقا 64 ساھابەنىڭ رىۋايەتلىرىنى، ئاندىن كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان 6 ساھابەنىڭ رىۋايەتلىرىنى (بۇ قىسىم كىتابنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ)، ئاندىن ئاز ھەدىس رىۋايەت قىلغان 41 ساھابەنىڭ رىۋايەتلىرىنى، بۇ قىسىمنىڭ ئاخىرىدا ئىمام بۇخارىي ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلغان، ئەمما ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلمىغان 35 ساھابەنىڭ رىۋايەتىنى، ئاندىن ئىمام مۇسلىم ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلغان، ئەمما ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلمىغان 55 ساھابەنىڭ رىۋايەتىنى، ئاخىرقى قىسىمدا بولسا، 37 ئايال ساھابەنىڭ رىۋايەتلىرىنى كەلتۈرگەن. ھەربىر ساھابەنىڭ رىۋايەتىنى كەلتۈرگەندە، ئالدى بىلەن «مۇتتەفەقۇن ئەلەيھى»نى ئاندىن ئىمام بۇخارىيلا رىۋايەت قىلغاننى، ئاندىن ئىمام مۇسلىملا رىۋايەت قىلغاننى تىزغان. ھەربىر ساھابەنىڭ رىۋايەتىنى كەلتۈرگەن قىسىمدىكى ھەدىسلەرگە ئايرىم نومۇر قويغان. ھەدىسلەرنى رەتلەپ، جەملەش بىلەنلا توختاپ قالماي رىۋايەتلەرنى ھەر جەھەتتىن سېلىشتۇرغان. ئەڭ مۇھىمى «سەھىھەين»دە ئىخچاملىنىپ كەلگەن ياكى ئىلگىرى ئۆتكەن ھەدىسلەرگە ئىشارە قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ئەسلىدىكى تولۇق رىۋايەتىنى سەنەدى بىلەن كەلتۈرگەن ۋە بۇنىڭدا ئىسمائىيلىينىڭ، بەرقانىينىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تۈرلۈك «مۇستەخرەج» ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغان. ھەدىسلەرنىڭ «مۇسنەد»، «مۇرسەل»، «مۇئەللەق» ياكى «مەۋقۇف» دېگەندەك ھۆكۈملىرىنى بەرگەن. كېيىنچە مەزكۇر كىتابنىڭ ھەدىس توپلاملىرى ئىچىدە ئالاھىدە ئورنى بولغان. كىتابنىڭ قىممىتىنى كۆزدە تۇتۇپ دوكتور ئەلى ھۈسەين ئەلبەۋۋاب ھ. 1444 / م. 1994 -يىلى ئۇنى 4 توم قىلىپ بېيرۇتتا نەشر قىلغان.
ئەلجۇھفە / مەھيەئە (الْجُحْفَةُ / مَهْيَعَةُ): قەدىمدىن «مەھيەئە (مَهْيَعَةُ)» دەپمۇ ئاتىلاتتى. ھەج ياكى ئۆمرە مەقسىتى بىلەن مىسىر ياكى سۈرىيە تەرەپتىن كېلىپ مەدىنەگە كىرمەي ئۇدۇل مەككەگە كەلگۈچىلەر ئىھرام باغلايدىغان مىيقات نۇقتىسى بولۇپ، قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىن 9 كىلومېتىر يىراقتا، مەككە مۇكەررەمەنىڭ 187 كىلومېتىر شىمالىغا كېلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز زامانىدا مەدىنەدە تارقالغان ۋابا كېسىلىنى جۇھفەگە يۆتكىۋېتىشنى تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر بۇ جايغا ئاياغ بېسىشتىن قاچقان ۋە جۇھفەنىڭ ئورنىغا بۇ جايغا ئۇدۇل كېلىدىغان 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى، مەككەگە 204 كىلومېتىر كېلىدىغان «رابىغ» دېگەن جايدىن ئىھرام باغلايدىغان بولغان. ياقۇت ئەلھەمەۋىينىڭ قەيت قىلىشىچە، جۇھفە م. 13 – ئەسىردە ئاللىبۇرۇن خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن، تا ھازىرغىچە خاراب ھالدا بولغان جۇھفەنىڭ كىرىشىدە ئەسرى سائادەتتىن قالغان «مەسجىدى ئەزۋەر / مَسْجِدُ عَزوَر»، چىقىشىدا «مەسجىدى ئەئىممە» ساقلىنىپ قالغان. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 2/339، «دارۇ مەككە نەشرىياتى»، مەككە، م. 2010؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 15/112.
ئەلخاس (الْخَاصُّ): ئەرەبچىدە: «ئومۇم بولمىغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «بىرەر شەخس ياكى سان بىلەن چەكلىنىدىغان سۆز»دۇر. خاسلاشتۇرۇش (التَّخْصِيْصُ) بولسا «ئەلئام ئىپادىلىگەن شەخس ۋە نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمىنى چىقىرىۋېتىش»تىن ئىبارەت. خاسلاشتۇرغۇچى (الْمُخَصِّصُ) بولسا شارىئتۇر. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 128 – بەت؛ شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى»، 38 – بەت، «ئىبنۇلجەۋزىي نەشرىياتى»، رىياد. ھ. 1426.
ئەلفەناﺋ (الْفَنَاءُ): «يوقىماق، پانىي بولماق» دېگەن مەنىدىكى تەسەۋۋۇف ئاتالغۇلىرىدىن بولۇپ، ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچىسى، قەلبنىڭ تەۋەككۇل قىلىش، ئىبادەت قىلىش ۋە بۇلارغا ئالاقىدار ئىشلاردا پەرۋەردىگارىدىن باشقىنى كۆزلىمەسلىكى، قەلبنىڭ پەرۋەردىگارىدىن باشقىغا ئىبادەت قىلىشتىن يوقىلىشى (الْفَنَاءُ عَنْ عِبَادَةِ السِّوَى) دۇر. بۇ ھەق ۋە توغرا بولۇپ، ساپ تەۋھىد ۋە ئىخلاستىن ئىبارەتتۇر. ئىككىنچىسى، قەلبنىڭ پەرۋەردىگارىدىن باشقىنى كۆرۈشتىن يوقىلىشى (الْفَنَاءُ عَنْ شُهُودِ السِّوَى) دۇر. بۇ تۈردە ناقىسلىق باردۇر. بۇ كۆپلىگەن سالىكلار ئۇچرايدىغان ھالەت بولۇپ، ئەڭ كۆپ مەقسەت قىلىدىغىنىمۇ مۇشۇ تۈردۇر. بۇ تۈر تەسەۋۋۇف ئەھلىنىڭ ئىزاھلىشىچە: «ئاللاھتىن باشقا ھەممە نەرسىنىڭ ھەتتا ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۇلارنىڭ كۆرۈشى ۋە ھېس قىلىشىدىن يوقىلىشى»دۇر. بۇ ئەھۋال بىر خىل ئۆزىنى يوقىتىش بولۇپ، «مەستلىك»، «قومۇرۇش»، «ئۆچۈرۈش» ۋە «جەملەش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەھبۇبنى كۆرۈش غالىب كەلسە ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشى، نەتىجىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرىكىپ، «بىرلەشتىم»، ھەتتا «مەن ئۇنىڭ ئۆزى شۇ» دەپ ئويلاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، ئەقلىگە كەلگىنىدە ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى بىلىدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار پەرۋەردىگاردۇر، بەندە بەندەدۇر. خالىق باشقا، مەخلۇقات باشقىدۇر. مەخلۇقاتلاردا خالىقنىڭ زاتىدىن، خالىقنىڭ زاتىدا مەخلۇقاتلاردىن ھېچبىر نەرسە يوقتۇر. لېكىن، فەناﺋ ۋە مەستلىك ھالىتىدە ھوشىنى يوقىتىپ ئالىجوقا جۆيلۈپ سېلىشى ئېتىماللىق ئىش. مۇبادا ئەقىل – ھوشى جايىدا چاغدا بۇ تۈرلۈك ئالىجوقا گەپلەرنى قىلسا، بۇ ئەلبەتتە ئازغۇنلۇق بولاتتى. بۇ ۋەجدىن ھوشىنى يوقىتىش سەۋەبلىك گۇناھ يېزىلمايدۇ. بۇ تۈرلۈك ئۆزىنى يوقىتىش كامالەت ياكى ياخشى سۈپەت ئەمەس، تەرغىبمۇ قىلىنمايدۇ. بۇنىڭ ئىگىسى ئەقلى جايىدا بولمىغانلىقتىن قەدىم بىلەن ھادىسنى ئايرىيالماسلىقتا ئۆزرىلىك سانىلىدۇ. ئۈچىنچىسى، قەلبنىڭ پەرۋەردىگارىدىن باشقىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى تونۇشىدىن يوقىلىشى (فَنَاءٌ عَنْ وُجُودِ السِّوَى) بولۇپ، بۇ تۈر تەسەۋۋۇف ئەھلىنىڭ ئىزاھلىشىچە: «مەۋجۇدلۇقنىڭ بىرگەۋدىلىشىش نەزەرىيەسىنى ياقىلىغانلارنىڭ فەنائسى بولۇپ، ئۇلار مۇتلەق بىرلىكتە يوقىلىشنى نىشان قىلىدىغان، مەۋجۇدىيەتتىن كۆپلۈك ۋە ساننى نەفيى قىلىدىغان، نەتىجىدە ئۆزگە دېگەن نەرسىنى ئەسلا كۆرمەيدىغان، بەلكى بەندىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى پەرۋەردىگارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئۆزى دەپ قارايدىغانلاردۇر». مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە پەرۋەردىگار ۋە بەندە يوق بولۇپ، بۇ خىل يوقىلىشتا تائەت ياكى مەئسىيەت دېگەن نەرسە ھەم بولمايدۇ. چۈنكى، تائەت ۋە مەئسىيەت دېگەن ئىتائەت قىلغۇچى ۋە ئىتائەت قىلىنغۇچىدىن ئىبارەت ئىككىلىكنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ئىككىلىك بولسا ئۇلارنىڭ نەزەرىدە شىركتۇر. ئەمما، ئىمام ئىبنى تەيمىييەدەك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە بولسا، بۇ ئۈچىنچى تۈر ئېغىر دەرىجىدە زىندىقلىق ۋە ئازغۇنلۇق بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى: «پۈتۈن مەۋجۇدلۇق پەقەت ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا مەۋجۇدلۇق يوق» دېگەنلىك بولغاچقا، بۇ تۈر كېيىنكى زامانلاردىكى خالىق بىلەن مەخلۇقنىڭ بىرگەۋدىلىشىش (الْحُلُولُ وَالِاتِّحَادُ) ئەقىدىسىگە ئېتىقاد قىلىدىغان زىندىقلارنىڭ قارىشىدۇر. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 217 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: «پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2/313 – 222، «دارۇلۋەفاﺋ نەشرىياتى»، مىسىر، م. 2005؛ دوكتور رەفىق ئەلئەجەم: «مَوْسُوْعَةُ مُصْطَلَحَاتِ التَّصَوُّفِ الْإِسْلَامِيِّ (ئىسلامىي تەسەۋۋۇف ئاتالغۇلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 737 – 738 – بەت، «لۇبنان ناشىرۇن نەشرىياتى». بېيرۇت، م. 1999؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ الْعُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 1219 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
ئەلمۇئەتتىلە (الْمُعَطِّلَةُ): ئەرەب تىلىدا: «بىكار قىلماق، ئىشتىن قالدۇرماق، بوشاتماق، بىكارلىماق ۋە زىننەتتىن، ئىشتىن خالىي بولماق» دېگەن مەنىلەردىكى تەئتىل (التَّعْطِيلُ) كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، ئەقىدە ئىستىلاھىدا: «ئالەمنى پۇختا ياراتقان، زىننەتلىگەن ياراتقۇچىسىدىن بوش دەپ قارايدىغان ياكى ياراتقۇچى زاتنى ۋە ئۇ زاتنىڭ ئەزەلىي ئىسىم – سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ئازغۇن پىرقە»دۇر. بۇ پىرقەدىكى تەئتىل ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىنكار قىلىدىغان يۈزلىنىش بولۇپ، تەۋھىدتىن چەتنىگەن خاھىشتۇر. بۇ پىرقە دەھرىيلىك بىلەن جاھىلىيەتتىن قالغان پەلسەپەۋىي ئېقىملىرىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ، ھەممىسى بىرىكىپ زاتى ئىلاھىييەنى ئىنكار قىلىشقا بېرىپ توختايدۇ. دېمەك، بۇ كۇپۇر ۋە شىرك بىلەن زىچ باغلانغان، نىفاق، مۇرتەدلىك ۋە زىندىقلىق بىلەن ئورتاق، مۇشەببىھەلەر بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن پىرقىدۇر. تەئتىل ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى، جىمى ئىسىم – سۈپەتلەرنى بىكار قىلىدىغان «كۇللىي تەئتىل»، يەنە بىرى، بەزى سۈپەتلەرنىلا بىكار قىلىدىغان «جۈزئىي تەئتىل»دۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ العَقِيدَةِ الْإِسْلَامِيَّةِ (ئىسلام ئەقىدىسى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 304 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2010؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 1576 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
ئەلمۇبەييەن (الْمُبَيَّنُ): ئەرەبچىدە: «ئىزاھلانغان، بايان قىلىنغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «تىلنىڭ ئۆزىدىن ياكى بايان قىلىنغاندىن كېيىن چۈشەنگىلى بولىدىغان سۆز»دۇر. تىلنىڭ ئۆزىدىن چۈشەنگىلى بولىدىغاننىڭ مىسالى: «تاغ، ئاسمان، ئادالەت» دېگەندەك سۆزلەر. بايان قىلىنغاندىن كېيىن چۈشەنگىلى بولىدىغاننىڭ مىسالى: ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار﴾(2/«بەقەرە» 43) دېگەن سۆزى بولۇپ، ئادا قىلىش بىلەن بېرىش ئەسلىدە مۇجمەل ئىدى. لېكىن، قانداق ئادا قىلىش بىلەن بېرىلىدىغان مىقدار بايان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ مۇجمەل مۇبەييەن بولۇپ كەتتى. قاراڭ: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى»، 46 – بەت، «ئىبنۇلجەۋزىي نەشرىياتى»، رىياد. ھ. 1426.
ئەلمۇتلەق (الْمُطْلَقُ): ئەرەبچىدە: «مۇتلەق، بىرەر قەيت ياكى شەرت بىلەن چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان، ئورتاق» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «بىرنەرسىنىڭ ھەقىقىتىنى قەيتسىز ئىپادىلىگەن سۆز»دۇر. مىسالى: ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم﴾(58/«مۇجادىلە»: 3) دېگەن ئايەتى بولۇپ، بۇ ئايەت ئازاد قىلىشنى بۇيرۇغان «قۇل»غا مۇسۇلمان ياكى كافىر، ئەر ياكى ئايال دەپ چەك قويمىغان. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 280 – بەت؛ شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى»، 44 – بەت، «ئىبنۇلجەۋزىي نەشرىياتى»، رىياد. ھ. 1426.
ئەلمۇجەسسىمە (الْمُجَسِّمَةُ): ئەرەب تىلىدا: «جىسىملەشتۈرگۈچىلەر» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەقىدە ئىستىلاھىدا: «ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى جىسىم (جىسىملارغا ئوخشىمايدىغان جىسىم دېيىشىمۇ مۇمكىن) دەپ مەخلۇقاتلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن سۈپەتلەيدىغان بىر تائىپە»دۇر. ئەلمۇجەسسىمە بىلەن ئەلمۇشەببىھە ئاتالغۇلىرىنىڭ ئۇقۇملىرى بىر – بىرىدىن پەرقلىق بولسىمۇ، بىرى يەنە بىرىگە كىرىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، بىرى تىلغا ئېلىنغىنىدا، يەنە بىرىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەلمۇشەببىھە جىىسملەشتۈرمەي ئوخشاتسا، ئەلمۇجەسسىمە جىسىملەشتۈرىدۇ. بۇ ئەقىدىنىڭ ئەسلى يەھۇدىيلار بولۇپ، مۇسۇلمانلاردىن ئەڭ دەسلەپ گرېك پەلسەپەسى تەسىرىگە ئۇچرىغان «كەررامىيلەر» بۇ ئەقىدىنى ياقىلىغان. شىئەلەر مۇئتەزىلىلەر بىلەن بولغان مۇنازىرىلەر نەتىجىسىدە بۇ ئېتىقادنى تاشلىغان. لېكىن، بىر قىسىم ئەھلى ھەدىسلەر ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنى يۈزەكى چۈشىنىشى بىلەن بۇ ئېتىقادنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. قاراڭ: «مَوْسُوْعَةُ الْفِرَقِ وَالْمَذَاهِبِ فِي الْعَالَمِ الْإِسْلَامِيِّ (ئىسلام دۇنياسىدىكى پىرقىلەر ۋە مەزھەبلەر ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 639 – 659 – بەتلەر. م. 2007. قاھىرە.
ئەلمۇجمەل (الْمُجْمَلُ): ئەرەبچىدە: «مۇبھەم، يىغىنچاقلانغان ۋە ئومۇم» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «ئۇنىڭدىن مەقسەت قىلىنغان مەزمۇننى تەيىنلەشتە ياكى سۈپىتىنى بايان قىلىشتا، ياكى مىقدارىنى بايان قىلىشتا باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىق بولغان سۆز»دۇر. تەيىنلەشتە باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىق بولغىنىنىڭ مىسالى: ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ قۇرئى كۈتۈپ تۇرىدۇ﴾(2/«بەقەرە» 228) دېگەن ئايەتى بولۇپ، «قۇرئى» كەلىمەسى پاكلىققىمۇ، ھەيزگىمۇ ئورتاقتۇر. شۇڭا، ئىككىسىنىڭ بىرىنى بېكىتىشتە باشقا بىر دەلىلگە قاراشلىق. سۈپىتىنى بايان قىلىشتا باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىق بولغىنىنىڭ مىسالى: ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿نامازنى ئادا قىلىڭلار﴾(2/«بەقەرە» 43) دېگەن سۆزى بولۇپ، نامازنى قانداق تەرىقىدە ئوقۇش باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىقتۇر. مىقدارىنى بايان قىلىشتا باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىق بولغىنىنىڭ مىسالى: ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿زاكاتنى بېرىڭلار﴾(2/«بەقەرە» 43) دېگەن سۆزى بولۇپ، بېرىش پەرز بولغان زاكاتنىڭ مىقدارى باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىقتۇر. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 261 – بەت؛ شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى»، 46 – بەت، «ئىبنۇلجەۋزىي نەشرىياتى»، رىياد. ھ. 1426.
ئەلمۇزارەبە / پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى (الْمُضَارَبَةُ / Mudarabah): بۇ پۇلى بار كىشى بىلەن كۈچى بار كىشىنىڭ پايدىنى مەلۇم پىرسەنت بويىچە بۆلۈشۈش مەقسىتىدە، پۇل ئىگىسى چىقارغان پۇلنى كۈچ ئىگىسى چىقارغان كۈچ بىلەن ئايلاندۇرۇشقا كېلىشىشىدىن ئىبارەتتۇر. پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدە پايدا چىقسا، ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن مەلۇم ئۈلۈش بويىچە تەقسىم قىلىپ ئالىدۇ. زىيان چىقسا، ماددىي زىياننىڭ ھەممىسىنى پۇل چىقارغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ، كۈچ چىقارغۇچى ماددىي زىيان تارتمايدۇ، بەلكى پەقەتلا سەرپ قىلغان كۈچىنىڭلا زىيىنىنى تارتىدۇ. «مۇزارەبە» ياكى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ «مۇرابەھە»، «ئىينە سودىسى» ۋە «پۈتۈشۈۋېلىنغان تەۋەررۇق» قاتارلىق جازانىلىك كېلىشىملەردىن پەرقى ئۆسۈمسىز سەرمايە – ئەمگەك شېرىكچىلىكىدۇر. جازانە — باشقىلارنىڭ قان – تەرىنى سۈمۈرۈش ۋە پۇرسەتپەرەستلىك قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى، جازانە كېلىشىمىدە تەر ئاققۇزماستىن پايدىغا ئېرىشىلىدۇ. ۋەھالەنكى، پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە پايدا چىقسا ھەربىر تەرەپ پايدىدىن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ، زىيان چىقسىمۇ ھەربىر تەرەپ زىياندىن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ. پۇل ئىگىسى پۇلىنى ياكى كۆزلىگەن پايدىنى، كۈچ ئىگىسى كۈچىنى ياكى كۆزلىگەن پايدىنى زىيان تارتىدۇ. پۇلنى باشقىلارغا بېرىپ، پەقەتلا زىيان تارتماي، مۇقىم، خەتىرى يوق پايدىغا ئېرىشىش بولسا كىشىنى ھۇرۇنلاشتۇرۇپ، قول سېلىپ ئىشلەش روھىنى يوق قىلىدۇ. دىلنى قارايتىپ، پۇرسەتپەرەست، تەييارتاپ قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق ئىللەتلەردىن جانابىي ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھلىق تىلەش كېرەك. قاراڭ: «الْھِدَايَةُ»، 3/202؛ «الْمُغْنِيْ»، 5/15؛ «الْفِقْهُ عَلَى الْمَذَاهِبِ الْأَرْبَعَةِ»، 3/34؛ «الْفِقْهُ الْإِسْلَامِيُّ وَأَدِلَّتُهُ»، 4/874.
ئەلمۇستەدرەك (سەھىھەينگە تولۇقلىما / الْمُسْتَدْرَكُ عَلَى الصَّحِيْحَيْنِ): ئاتاقلىق ھەدىس ئالىمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ھاكىم نىشاپۇرىي (ھ. 321 – 405 / م. 933 – 1014) «سەھىھەين» نامى بىلەن مەشھۇر ئەڭ ئىشەنچلىك سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى «سەھىھۇلبۇخارىي» بىلەن «سەھىھۇمۇسلىم»گە تولۇقلىما قىلىپ، ئۇ ئىككى كىتابتا كەلتۈرۈلمىگەن ھەدىسلەرنى توپلاپ «سەھىھەين»نىڭ ئىككىلىسىنىڭ ياكى كەمىدە بىرىنىڭ ئۆلچىمىگە توشىدىغان، ئۆزى «سەھىھ» دەپ قارىغان ياكى ئۆزى «سەھىھ» دەپ قارىمىسىمۇ، ئىسنادلىرى سەھىھ بولۇش ئۆلچىمى بويىچە 30 يىلدىن زىيادە مۇددەتتە (ھ. 373 – 405 / م. 983 – 1014) يازغان ئەسەر. ئەپسۇس مۇئەللىف تېخى كىتابىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ پىششىقلاپ بولماستىنلا ئۆمرى يار بەرمەي ئالەمدىن ئۆتكەن. شۇڭا، ئەسەردە سەھىھ بولمىغان بەزى ھەدىسلەرمۇ ساقلىنىپ قالغان. لېكىن، بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى كېيىنكى ئالىملار تولۇقلىۋەتكەن. ھەدىس ئىلمىدە ناھايىتى قىممەتلىك بولغان بۇ كىتابتىكى 8803 ھەدىس تۆت جىلدقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھاكىم بۇ ھەدىسلەرنى «سەھىھەين»دىكىدەك فىقھىي ئەھكاملار تەرتىپى بويىچە رەتلىگەن. ھاكىمنىڭ بۇ كىتابى ئۆز ۋاقتىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر پەقەت «سەھىھەين»دىلا بار دەپ قارايدىغان بەزى ساغلام بولمىغان قاراشلارغا خاتىمە بەرگەن. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 631 – بەت.
ئەلمۇشەببىھە (الْمُشَبِّهَةُ): ئەرەب تىلىدا: «ئوخشاتقۇچىلار» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەقىدە ئىستىلاھىدا: «ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى مەخلۇقاتلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن سۈپەتلەيدىغان يەنى ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنى مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشاش قىلىۋالىدىغان بىر تائىپە»دۇر. بۇ ئەقىدىنىڭ ئەسلى يەھۇدىي – خرىستىيانلار بولۇپ، زەردوشتلار، مانەۋىيلەر، مەزدەكىيلەر ۋە ئاتەشپەرەسلەرگىمۇ تۇتىشىدۇ. مۇسۇلمانلاردىن ئەڭ دەسلەپ شىئەلەر بۇ ئېتىقادنى پەيدا قىلغان بولۇپ، كەررامىيلەر، قەدەرىيلەر ۋە مۇئتەزىلىلەر ھەتتا خاۋارىجلارمۇ بۇ خىل ئوخشىتىش خاھىشىدىن ساقلىنالمىغان. قاراڭ: «موسوعة الفرق والمذاهب في العالم الإسلامي (ئىسلام دۇنياسىدىكى پىرقىلەر ۋە مەزھەبلەر ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 659 – بەت. م. 2007. قاھىرە.
ئەلمۇغنىي (الْمُغْنِيْ): ھەنبەلىي فەقىھ، ئىمام مۇۋەففەقۇددىن ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىي (ھ. 541 – 620 / م. 1146 – 1223) تەرىپىدىن ھەنبەلىي فەقىھ ئەبۇلقاسىم ئۆمەر ئىبنى ھۈسەين ئەلخۇرەقىي (ھ. ؟ – 334 / م. ؟ – 945) نىڭ ھەنبەلىي مەزھەب فىقھىنى ئىخچاملىغان قىممەتلىك ئەسىرى «ئەلمۇختەسەر»گە يېزىلغان شەرھتۇر. مۇئەللىف بۇ بۈيۈك ئەسىرىدە ھەنبەلىي مەزھەب فىقھىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مەزھەبلەر ۋە مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ قاراشلىرى بويىچە ئىسلام فىقھىنى باشتىن -ئاخىر سېلىشتۇرما فىقھ ئاساسىدا بۆلۈم، باب، پەسل ۋە مەسىلىلەرگە ئايرىپ ئىنتايىن گۈزەل ئۇسلۇبتا قەلەمگە ئالغان بولۇپ، ئەھكاملارنى، مەزھەب ۋە قاراشلارنى، ئىجماﺋ ۋە ئىختىلاپلارنى، دەلىل ۋە ئاساسلارنى تولۇق ۋە ئىلمىي ئۇسۇلدا كەلتۈرۈشتە «ھەنبەلىي مەزھەب فىقھ ئېنسىكلوپېدىيەسى» بولۇپلا قالماي، بەلكى مۇكەممەل بىر «ئىسلام سېلىشتۇرما فىقھ ئېنسىكلوپېدىيەسى» ھېسابلىنىدۇ. ئەسەر 10 تومدا بېسىلغاندۇر. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 634 – بەت.
ئەلمۇغنىي ئەن ھەملىل ئەسفار (‹ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن› ھەدىسلىرىنىڭ تەخرىجى / المُغْنِيْ عَنْ حَمْلِ الأَسْفَارِ فِي الأَسْفَارِ فِي تَخْرِيْجِ مَا فِي الْإِحْيَاءِ مِنْ الأَخْبَارِ): تونۇلغان ئىراقلىق مۇھەددىس زەينۇددىن ئەبۇلفەزل ئابدۇررەھىم ئىبنى ئەلھۈسەين ئەلئىراقىي (ھ. 725 – 806 / م. 1325 – 1403) تەرىپىدىن ئىمام غەززالىي (ھ. 450 – 505 / م. 1058 – 1111) نىڭ «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»دىكى ھەدىسلەرنىڭ تەخرىجىگە دائىر يازغان ئەسىرىدۇر. ساقلاش ۋە سەپەرلەردە كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن، بۇ ئەسىرىنى مۇشۇ ھەقتە يازغان چوڭ («ئىخبارۇل ئەھياﺋ») ۋە ئوتتۇرا ھەجىملىك («ئەلكەشفۇل مۇبىن») ئىككى ئەسىرىدىن ئىخچاملىغان بولۇپ، ھەدىسلەرنىڭ باش تەرىپىنى، راۋىيسى بولغان ساھابەنى ۋە ئۇ ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس توپلاملىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە سەنەدلەرنىڭ سەھىھ ياكى زەئىفلىكىگە باھا بېرىپ ماڭىدۇ. ھ. 790 / م. 1388 – يىلى رەبىيئۇلئەۋۋەلنىڭ 12 – كۈنى تاماملانغان بۇ ئەسەر 4613 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 633 – بەت.
ئەلمۇقەييەد (الْمُقَيَّدُ): ئەرەبچىدە: «ئارغامچا ياكى شۇنىڭدەك بىرنەرسە بىلەن باغلانغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «بىرنەرسىنىڭ ھەقىقىتىنى بىرەر سۈپەتكە باغلاپ ئىپادىلىگەن سۆز»دۇر. مىسالى: ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿بىر نەپەر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم﴾(4/«نىساﺋ»: 92) دېگەن ئايەتى بولۇپ، بۇ ئايەت ئازاد قىلىشنى بۇيرۇغان قۇل «مۇئمىن»لىك سۈپىتى بىلەن باغلانغان. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 292 – بەت؛ شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى»، 44 – بەت، «ئىبنۇلجەۋزىي نەشرىياتى»، رىياد. ھ. 1426.
ئەلمۇۋەتتا (قولايلاشتۇرۇلغان ھەدىسلەر توپلىمى / الْمُوَطَّأ): بۈيۈك مۇھەددىس، مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ بىرى بولغان مالىكىي مەزھىبىنىڭ ئىمامى ئەبۇ ئابدۇللاھ مالىك ئىبنى ئەنەس ئىبنى مالىك ئەلئەسبەھىي ئەلمەدەنىي (ھ. 93 – 179 / م. 712 – 795) تەرىپىدىن خەلىفە ئەبۇ جەئفەر ئەلمەنسۇر (ھ. 136 – 158 / م. 754 – 775 ئارىلىقى ئۇمەۋىيلەر خەلىفىسى) نىڭ تەكلىپى بىلەن تۇنجى بولۇپ فىقھىي تەرتىپ بويىچە توپلانغان ئەڭ مەشھۇر ھەدىس كىتابىدۇر. «قولايلاشتۇرۇلغان» ياكى «ئىتتىپاقلاشقان» دېگەن مەنىدىكى «ئەلمۇۋەتتا» كەلىمەسى ئۆز ۋاقتىدىكى مەدىنە ئالىملىرىنىڭ بۇ كىتابنىڭ سەھىھلىكى ۋە توغرىلىقىغا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ئۇ «سەھىھەين»دىن كېيىنكى مەرتىۋىدە كەلسىمۇ، بەزى ھەدىسشۇناسلار ئۇنى «سەھىھەين»نىڭ ئالدىغا قويىدۇ. بۇ ئەسەر «مەرفۇﺋ» ھەدىسلەردىن باشقا «مەۋقۇف»، «مەقتۇﺋ»، «مۇرسەل» ۋە «بەلاغەت» تۈرىدىكى ھەدىسلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. چۈنكى، ئىمام مالىك ۋە كۆپچىلىك ئالىملار «مۇرسەل» ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلىدۇ. يەنە ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر ئەلئەندەلۇسىي (ھ. 368 – 463 / م. 978 – 1071) ئۇنىڭدىكى «مۇرسەل» ۋە «بەلاغەت» ھەدىسلەرنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى 61 ھەدىستىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردىن تۆت ھەدىستىن باشقىسىنى باشقا ئالىملار سەنەدلىك رىۋايەت قىلغانلىقىنى يەكۈنلەپ «تەنۋىرۇل ھەۋالىك» ناملىق ئەسەر يازغان. شۇنداقتىمۇ ئۇ تۆت ھەدىسنى باشقا ئالىملار سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان. ئىمام مالىك بۇ كىتابىنى 40 يىلدا تۈزگەن بولۇپ، ئەسەرنى ئىمام مالىكتىن رىۋايەت قىلغان نۇرغۇن شاگىرتلىرى ئىچىدىن يەھيا ئەللەيسىي (ھ. 152 – 234 / م. 769 – 848)، (71 بۆلۈم، 703 باب ۋە 1823 ھەدىس. ئادەتتە ‹مۇۋەتتا› دېيىلسە مۇشۇ رىۋايەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ۋە مۇھەممەد ھەسەن شەيبانىي (ھ. 131 – 189 / م. 749 – 805) (1008 ھەدىس) لەرنىڭ رىۋايەتلىرى ئەڭ مەشھۇردۇر. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 634 – بەت.
ئەلمۇئجەم (الْمُعْجَمُ): ھەرپكە چېكىت قويۇش ئارقىلىق تۇتۇقلۇقىنى، چۈشىنىكسىزلىكىنى يوقاتماق» مەنىسىدىكى «الْإِعْجَامُ» كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، «مۇئجەم ھەرپلىرى (حُرُوْفُ الْمُعْجَمِ)» چېكىت بىلەن ئېنىقسىزلىقى يوقايدىغان ھەرپلەرنى كۆرسەتسىمۇ، لېكىن چېكىت قويۇلغانلىرى چۈشىنىشلىك بولغاندىن كېيىن چېكىت قويۇلمىغانلىرىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، جىمى ئېلىپبە ھەرپلىرى «مۇئجەم ھەرپلىرى» دەپ ئاتالغان. شۇڭا، ئەرەب تىلشۇناسلىرى ئىستىلاھىدا: «سۆزلۈكلەر ئېلىپبەلىك ياكى باشقا مۇئەييەن بىر تەرتىب بويىچە جەملىنىپ ئىزاهلانغان لۇغەت»تۇر. مەسىلەن، «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت». ئەمما، مۇھەددىسلەر ئىستىلاھىدا: «ھەدىس شەرىفلەر كۆپىنچە ساھابەلەرنىڭ ياكى مۇئەللىفنىڭ ئۇستازلىرىنىڭ، ياكى يۇرت – شەھەرلەرنىڭ ئىسىملىرى بويىچە ئېلىپبەلىك ياكى باشقا مۇئەييەن بىر تەرتىب بويىچە توپلانغان ئەسەر»دىن ئىبارەت. مەسىلەن، ئىمام تەبەرانىي (ھ. 260 – 360 / م. 873 – 971) «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر» ناملىق ئەسەرىدىكى ھەدىس شەرىفلەرنى ساھابەلەرنىڭ ئىسىملىرى بويىچە، «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»نى ئۇستازلىرىنىڭ ئىسىملىرى بويىچە ئېلىپبەلىك تەرتىب بويىچە تىزغان بولسا، ئىمام سەمئانىي (ھ. 426 – 489 / م. 1036 – 1096) «مۇئجەمۇلبۇلدان» ناملىق ئەسەرىدىكى ھەدىس شەرىفلەرنى يۇرت – شەھەرلەرنىڭ ئىسىملىرى بويىچە تىزغاندۇر. يەنە ھەربىر ئىلىمگە خاس ئىستىلاھلارنى ياكى جاي ناملىرىنى ئېلىپبەلىك تەرتىب بويىچە تىزىپ ئىزاهلىغان قامۇسقىمۇ «مۇئجەم» دېيىلىدۇ. لېكىن، قامۇس تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە كەڭ ئىزاهلانغان بولىدۇ. مەسىلەن، «فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى»، «مۇئجەمۇلبۇلدان» ۋە «ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى» قاتارلىقلار. قاراڭ: ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 12/385؛ «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 2/586؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1557 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت (ئېلىپبە تەرتىبلىك ئوتتۇرا ھەجىملىك ھەدىس توپلىمى / الْمُعْجَمُ الْأَوْسَطُ): مۇئجەم — راۋىيلەرنىڭ ئىسىملىرى بويىچە ئېلىپبەلىك ھالدا تۈزۈلگەن ئەسەرلەر — لىرى بىلەن مەشھۇر مۇھەددىس مۇسنىدۇددۇنيا شىھابۇددىن سۇلايمان ئىبنى ئەھمەد تەبەرانىي (ھ. 260 – 360 / م. 873 – 971) نىڭ ئۇستازلىرىدىن ئاڭلىغان ھەدىسلەرنى ئۇستازلىرىنىڭ ئىسىملىرى بويىچە ئېلىپبەلىك شەكىلدە تىزغان ۋە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ: «بۇ كىتاب مېنىڭ روھىمدۇر» دېگەن ئەسىرىدۇر. كۆپىنچە «غەرىب» ۋە «فەرد» (يەككە) رىۋايەتلەر ئېلىنغانلىقى جەھەتتىن ئىمام دارەقۇتنىينىڭ «ئەلئەفراد»ىغا ئوخشىتىلىدۇ. تۈرلۈك دەرىجىلەردىكى 9489 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كاتتا ئەسەر 10 تومدا نەشر قىلىنغان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 635 – بەت.
ئەلمۇئجەمۇل كەبىر (ئېلىپبە تەرتىبلىك بۈيۈك ھەجىملىك ھەدىس توپلىمى / الْمُعْجَمُ الْكَبِيْرُ): مۇئجەم ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان ھەدىس قارىيسى ئەبۇلقاسىم مۇسنىدۇددۇنيا شىھابۇددىن سۇلايمان ئىبنى ئەھمەد تەبەرانىي (ھ. 260 – 360 / م. 873 – 971) نىڭ ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى بولۇپ، ئۆز تۈرىنىڭ ئەڭ كەڭ ھەجىملىك ئۆرنىكى بولغان ئەسەردە باشتا خۇلەفائى راشىدىن، «ئەشەرەئى مۇبەششەرە (جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە)»دىن باشلاپ ساھەبە كىراملارنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرى ئىسىملىرى بويىچە ئېلىپبەلىك شەكىلدە تىزىلغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسلىرىنى ئايرىم بىر جىلدتا توپلىغان. ھەر ساھابەنىڭ ھەدىسلىرىدىن بۇرۇن ئۇ ساھابەنىڭ تەرجىمىھالى بېرىلگەن. بىرنەچچە ھەدىس ئوتتۇرىدا مەزمۇن ئورتاقلىقى بولسا شۇنداقلا ئىسمى ئوخشاش بولغان ساھابەلەر بولسا ئۇنى ئايرىم بابتا بايان قىلغان. بىر ساھابەدىن بىرقانچە تابىئىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان بولسا، ھەربىر تابىئىننىڭ رىۋايەتىنى كەلتۈرگەن. ئەسەرنى ئابدۇلمەجىد سەلەفىي (ئىراق، ھ. 1404 / م. 1983) بەش توم فىھرىست (مۇندەرىجە) بىلەن 25 توم قىلىپ نەشر قىلغان. لېكىن، 13 – 16 ۋە 21 – توملىرى كەمتۈك نەشر قىلىنغان. كېيىن 13 – تومنى (931 ھەدىس)، 14 – تومنى (474 ھەدىس) ۋە 21 – تومدىن بىر پارچىنى (216 ھەدىس) تېپىپ نەشر قىلغان. نەتىجىدە 15 – 16 – توملىرى، شۇنداقلا 21 – تومنىڭ كەم قىسمىلا (2000 ھەدىس ئەتراپىدا) نەشر قىلىنمىغان. نەشر قىلىنغان قىسمىدا تىلغا ئېلىنغان ساھابەلەر 1600 ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلاردىن جەمئىي 22 مىڭ 21 ھەدىس كەلتۈرۈلگەندۇر. تېپىلمىغان قىسمى بىلەن ھېسابلىغاندا، جەمئىي 25 مىڭ ئەتراپىدا ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تېپىلمىغان قىسمىدىكى ھەدىسلەر مۇئەللىفنىڭ باشقا ئەسەرلىرىدە، شۇنداقلا باشقا ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدە تېپىلىدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 635 – بەت.
ئەلئۇم (ئانا / الْأُمُّ): كۆپ قىسمىنى مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ بىرى بولغان شافىئىي مەزھىبىنىڭ ئىمامى بۈيۈك مۇجتەھىد ئىمام شافىئىي (ھ. 150 / م. 767، غەززە – ھ. 204 / م. 820، مىسىر) رەھىمەھۇللاھ ئۆزى يازغان ۋە بىر قىسمىنى شاگىرتلىرىغا سۆزلەپ بېرىپ يازدۇرغان چوڭ ھەجىملىك ئەسەر بولۇپ، ئىسلام فىقھىدا ئەڭ مۇھىم ئىلمىي مىراسلارنىڭ بىرىدۇر. ئىمام شافىئىي كىتابتا 4000 غا يېقىن ھەدىسنى سەنەدى بىلەن كەلتۈرىدۇ ۋە سېلىشتۇرما فىقھ تەتقىقاتىنى ئۇسۇلۇلفىقھ بىلەن باغلاپ سۇنىدۇ. ئىمام شافىئىي بۇ كىتابنى مىسىردا ئۆتكۈزگەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى تۆت يىلىدا يازغان بولغاچقا، ئەسەر ئۇنىڭ «يېڭى فىقھ قاراشلىرى»غا، پىكرىنىڭ سۈزمىسىگە، ئەڭ ئاخىرقى ئىجتىھادىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەزكۇر كىتاب يەنە ئىلگىرىكىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئىمام شافىئىي بىلەن دەۋرداش بولغان ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم مەنبە بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭدىكى ئىلمىي مۇنازىرىلەر ئوقۇرمەنلەردە ئاكادېمىك ئىقتىدار يېتىلدۈرىدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 631 – بەت.
ئەمىرۇلمۇئمىنىن / مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى، مۇئمىنلەرنىڭ خەلىفەسى (أَمِيْرُ الْمُؤْمِنِيْنَ): پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ راشىد خەلىفىلىرىدىن ئىككىنچى خەلىفە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زامانىدىن تارتىپ ئىسلام دۆلىتىنىڭ رەئىسىگە بېرىلگەن سىياسىي ئۇنۋان / ئاتاق. كېيىن بۇ ئاتاق ئوسمانىيلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگىچە «خەلىفە» دېگەن نام بىلەن بىرلىكتە قوللىنىلىپ كەلگەندۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 229 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
ئەنئەنە (الْعَنْعَنَة): ئەرەبچە پالانىدىن، ئۇ پوكۇنىدىن دېگەندىكى شەخستىن شەخسكە يېتىپ كەلگەنلىكنى بىلدۈرىدىغان «- دىن/ – تىن» مەنىسىدىكى «ئەن» ھەرپىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن كەلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئەنئەنە» كەلىمەسىمۇ مۇشۇنىڭدىن كەلگەندۇر. ھەدىس ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: «ھەدىسنى پالانى پالانىدىن، ئۇ پوكۇنىدىن دەپ سۆزلەپ بېرىشنى ياكى ئاڭلىغانلىقنى، ياكى خەۋەر بەرگەنلىكنى بايان قىلماستىن رىۋايەت قىلىش»نى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەرزدە رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس «مۇئەنئەن» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەنئەنە ھەدىسنىڭ سەنەدىنىڭ تۇتىشىشىنى ئېنىق بىلدۈرىدىغان ئىبارىلەردىن بولماستىن، بىر خىل ئېھتىماللىقى بار بولغاچقا، مۇھەددىسلەر بۇ خىل مۇئەنئەن ھەدىسلەرنى راۋىيلەرنىڭ بىر – بىرى بىلەن ئۇچراشقان بولۇشى، مۇدەللىس بولماسلىقى شەرتى بىلەن سەنەدى تۇتاشقان دەپ قوبۇل قىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مَوْسُوْعَةُ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ الشَّرِيْفِ (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 556 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
ئەنبەر (Ambergris): بىر خىل مۇمسىمان ئۆتكۈر خۇشپۇراقلىق ماددا بولۇپ، كۈل رەڭ، قارا، ئاق ياكى سېرىق رەڭلىكلىرى ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن ئەڭ قىممەت ھەم ئەڭ ئېسىل ئەتىر ۋە خۇشپۇراقلار ياسىلىدۇ. ئەنبەر ئىلمىي ساھەدە (Bilaenopetra musculus) دەپ ئاتىلىدىغان ئىپار كىتىنىڭ ئۈچىيىدىن ئېلىنىدۇ، بەزىدە ئىپار كىتى دېڭىزغا چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن دېڭىزدىن ياكى قىرغاقتىن سۈزۈۋېلىنىدۇ.
ئەنبىجانچە تون (أَنْبِجَانِيَّةُ): بۈگۈنكى سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، تەخمىنەن بۈگۈنكى «مۇنبىج» تەرەپلەردىن چىقىدىغان بىر تۈرلۈك ﺳﯩﺪﺍﻡ يۇڭ ئېگىن. بۇ رايوندا توقۇلغان ئېگىن – لىباسلار رەسۇلۇللاھ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئەرەب يېرىم ئارىلىغا كۆپلەپ يۆتكەپ كېلىنەتتى. «‹ئەنبىجان› دېگەن جايدىن كەلتۈرۈلىدىغان يۇڭ تون» دېگەنلەرمۇ بار. قاراڭ: نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 2/320؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 4/93.
ئەنسارلار (الأَنْصَارُ): «ياردەمچىلەر» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەدىنە خەلقى بولغان ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىنكى ئورتاق نامىدۇر. ئۇلار پەيغەمبەرگە ياردەم بېرىپ، مەككەدىن مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارنى پاناھلاندۇرغانلىقى ۋە ئىسلامىيەت ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا «قۇرئان كەرىم» (9/«تەۋبە»: 100 -، 117 -؛ 8/«ئەنفال»: 72 – 74 ۋە 59/«ھەشر»: 9 – ئايەتلەر) دە ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ، بۇ نامنى ئۆزى بەرگەن. نىسبەت بېرىلسە «ئەنسارىي» دېيىلىدۇ. قاراڭ: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 234 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
ئەھلى بەيت (أَهْلُ الْبَيْتِ): ئادەتتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جەمەتىنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىنىڭ بىر قارىشىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى فاتىمە، كۈيئوغلى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ شىئەلەرنىڭمۇ قارىشى. يەنە بىر قاراشتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىنىلا كۆرسىتىدۇ. يەنە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنە بىر قاراشتا زاكات ئېلىش ھارام بولغان رەسۇلۇللاھنىڭ دادا تەرەپ تاغىسى ئابباس، رەسۇلۇللاھنىڭ نەۋرە ئۇكىسى ۋە كۈيئوغلى ئەلى، ئەقىيل، رەسۇلۇللاھنىڭ نەۋرە ئۇكىسى، شۇنداقلا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاكىسى جەئفەر ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ھارىس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 18 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
ئەھلى زاھىر (أَهْلُ الظَّاهِرِ / الظَّاهِرِيَّةُ): ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ زاھىرىي مەناسىغا ئېسىلىپ قىياسنى ئىنكار قىلىدىغان فىقھىي مەزھەب بولغان «زاھىرىي مەزھەب» ئالىملىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسچىسى داۋۇد ئىبنى ئەلى ئەززاھىرىي (ھ. 200 ياكى 202 – 270 / م. 815 ياكى 817 – 884)، مەزھەبنىڭ ئەڭ يارقىن ۋەكىلى ئىمام ئىبنى ھەزم ئەلئەندەلۇسىي (ھ. 384 – 456 / م. 994 – 1064) دۇر. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 51 – بەت.
ئەھلىسەلىب (الصَّلِيْبِيُّوْنَ / Crusaders): ياۋروپادىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ مۇقەددەس شەھەر ئېرۇسالىم (قۇددۇس) نى ئىگىلەش ھەمدە مۇسۇلمانلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى بەزى رايونلارنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن شەرققە 1094 – 1272 – يىللار ئارىسى بىرقانچە قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشكە قاتناشقان ياۋروپا خرىستىيانلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار كىيىملىرىگە ۋە قوراللىرىغا سەلىب (كرېست) بەلگىسىنى قادىۋالغان، شۇڭا، ئەھلىسەلىب دەپ ئاتالغان.
ئەۋالىي (الْعَوَالِي): «ئۈستۈن مەھەللىلەر» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەدىنەنىڭ نەجد تەرەپىدىكى (يەنى شەرقىدىكى) 2 مىلدىن 8 مىلغىچە يىراقلىققا جايلاشقان كەنتلەر «ئۈستۈن مەھەللىلەر» دەپ ئاتىلىدۇ. تىھامە تەرىپىدىكى (يەنى غەربىدىكى) كەنتلەر بولسا «ئاستىن مەھەللىلەر (السَّافِلَةُ)» دەپ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 5/37.
ﺋﻪﺋﺮﺍبىيلەﺭ (الْأَعْرَابُ): مەلۇم شەھەر – يېزىغا يەرلەشمەي قىردا ياشايدىغان كۆچمەن ئەرەبلەر.
ئەينۇتتەمر (عَيْنُ التَّمْرِ): ئىراقتىكى كۇفەنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەنبارغا يېقىن بىر كەنت. ھىجرىيە 12 – يىلى خەلىفە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدە خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ قوماندانلىقىدا فەتىھ قىلىنغان. خورما ۋە شېكەر قومۇشى كۆپ چىقىدۇ. كۈنىمىزدە كەربالا شەھرىنىڭ 40 كىلومېتىر غەربىگە توغرا كېلىدۇ. قاراڭ: ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «(مُعْجَمُالبُلْدانِ) مۇئجەمۇل بۇلدان»، 4/176؛ ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 2/576.
ئەيكەلىكلەر (أَصْحَابُ الأَيْكَةِ): قاراڭ: مەديەن ئاھالىسى (أَهْلُ مَدْيَنَ).
ئەيلە (أَيْلَةَ): قۇلزۇم (قىزىل) دېڭىزىنىڭ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﺷﺎﻡ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ جايلاشقان قەدىمىي شەھەر بولۇپ، ھىجازنىڭ ئاخىرى، شامنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﺗﻪﻓﺴﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ 7/«ئەئراف»: 163 – ئايەتىدە تىلغا ئېلىنغان «شەنبە كۈنى بېلىق تۇتماسلىق چەكلىمىسىگە رىئايە قىلمىغان يەھۇدىيلەر ئولتۇراقلاشقان شەھەر شۇ» ﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ھازىر ئىئوردانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئەقەبە شەھرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى خارابىلىككە توغرا كېلىدۇ. قاراڭ: تەبەرىي: «تەفسىرۇ تەبەرىي»، 10/507؛ ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «(مُعْجَمُالبُلْدانِ) مۇئجەمۇل بۇلدان»، 1/292؛ ﻣﯘﺳﺘﺎﻓﺎ ﻝ. ﺑﯩﻠﮕﻪ: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «ﺋﻪﻗﻪﺑﻪ» ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ، 2/209 – 210، (قىسقارتىلدى) ئىستانبۇل، م. 2012.
ئەين جالۇت ئۇرۇشى (مَعْرَكَةُ عَيْنِ جَالُوْتَ / Battle of Ain Jalut): ھ. 658 – يىلى 25 – رامازان/ م. 1260 – يىلى 3 – سېنتەبىر كۈنى بەھرىيە مەملۇك سۇلتانى سەيفۇددىن قوتۇز ۋە ئىلغار قىسىمنىڭ قوماندانى بايبارس رەھبەرلىكىدىكى مەملۇك قوشۇنلىرى بىلەن تېگى تۈرك بولغان كەتبۇغا نويان باشچىلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن، ئىلخانىي خانى ھىلاكۇ قوشۇنلىرى ناھايىتى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان، باش قوماندان كەتبۇغا ئۆلتۈرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن مىسىر ۋە سۈرىيە قاتارلىق ئىسلام ئالەمى شۇنداقلا پۈتۈن ياۋروپا موڭغۇل ئىستىلاسىدىن ساقلىنىپ قالغان بىر مەيدان تارىخىي ئۇرۇشتۇر.
ﺑﺎبىل (بَابِلُ / Babylon): قەدىمكى مىسسوپوتامىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مەشھۇر شەھىرى. ئەرەبلەر قەدىمكى زامانلاردىن بېرى كۈنىمىزدىكى باغداتنىڭ 88 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى ھىللە بازىرى يېقىنلىرىدىكى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان بابىل، قەسر، ئامران ئىبن ئەلى، ئىسنۇل ئەسۋەد، جۇمجۇمە، ھۇمەيرا ۋە مەركەز قاتارلىق يەتتە تۆپە ئۈستىگە يېيىلغان قالدۇقلارنى «ئەتلالۇ بابىل (قەدىمىي بابىل شەھىرىنىڭ خارابەلىرى)» دەپ ئاتايتتى.
باتىل / ئىناۋەتسىز (الْبَاطِلُ): قاراڭ: فاسىد (الْفَاسِدُ).
باغىيلار (الْبُغَاةُ): ئەرەب تىلىدا: «زۇلۇم قىلغۇچىلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلار»، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: «بىرەر تەئۋىل بىلەن ھەق خەلىفە / دۆلەت رەئىسىنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان، مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى قورال كۈچى بار ئىسيانكار تائىپە»دۇر. ئاللاھ تائالا بۇلارنىڭ ھۆكمىنى (49/«ھۇجۇرات»: 9) ئايەتتە بايان قىلغان. خەلىفە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى چىققانلارمۇ، خەلىفە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى چىقىپ، كېيىنچە ئەھلىسۈننەت ئەقىدىسىدىن باشقىچە ئەقىدە شەكىللەندۈرگەن بىدئەتچى «خاۋارىجلار»مۇ باغىيلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدا بەزى ئورتاقلىقلار بولسىمۇ خاۋارىجلاردا گۇناھ – مەئسىيەت بىلەن كافىرغا چىقىرىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مال – مۈلكى ۋە قانلىرىنى ھالال ساناش قاتارلىق بۇزۇق ئەقىدە بولىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 8/130؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ الْعُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 341 -، 763 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 89 -، 179 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996.
بانكا مۇرابەھەسى (الْمُرَابَحَةُ المَصْرَفِيَّةُ / Banking Murabaha): كلاسسىك فىقھتا: «مالنىڭ سېتىۋېلىنغان ئەسل نەرخىنىڭ خېرىدارغا بىلدۈرۈلۈشى ۋە ئۈستىگە پايدا قوشۇپ سېتىلىشى»دۇر. يەنى خېرىدار سېتىۋالغان مېلىدا ساتقۇچىغا قانچىلىك پايدا بەرگەنلىكىنى بىلىدۇ. ۋەھالەنكى، كۈنىمىزدە «ئىسلام بانكىسى» ئارقىلىق ئۆي ياكى ماشىنا دېگەندەك بىرنەرسە سېتىۋالماقچى بولغان بىر خېرىدار مەلۇم بىر «ئىسلام بانكىسى»غا ئەگەر مەزكۇر بانكا خېرىدار ئۆزى سېتىۋالماقچى بولغان نەرسىنى ئۇنىڭغا ۋاكالەتەن سېتىۋالسا، مەلۇم پايدا بېرىپ مەزكۇر «ئىسلام بانكىسى»دىن نېسى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ ئىلتىماس سۇنىدۇ. «ئىسلام بانكىسى» بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىدۇ. دېمەك، خېرىدار سېتىۋېلىشقا ۋەدە بېرىدۇ، بانكا شۇ مۈلكنى ئۆزى ئېلىپ تەلەپتە بولغان خېرىدارغا يۇقىرىراق باھادا نېسى سېتىپ بېرىشكە ۋەدە بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ باھادا كېلىشىدۇ. دېمەك، بۇ ئۈچ تەرەپلىمىلىك سودا بولۇپ، بىرىنچىسى تاۋار سېتىۋالماقچى بولغان خېرىدار؛ ئىككىنچىسى «ئىسلام بانكىسى»؛ ئۈچىنچىسى تاۋارنى ساتقۇچى. بۇ خىل پايدىسىغا سېتىشنى كۆرسىتىدىغان پەقەتلا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدا بولىدىغان سودا كلاسسىك مۇرابەھەدىن پەرقلىنىشى ئۈچۈن «ئىسلام بانكىلىرىدىكى مۇرابەھە سودىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئېنىقلا مەبلەغكە ئېھتىياجى بارلارنىڭ مۇرابەھە نامىدا تۇتىدىغان يولىدۇر. نەتىجىدە بۇ سودا تۈرىدە شەرئىي ئۆلچەملەر تېپىلمايدىغان بولغاچقا، ئۆسۈملۈك قەرزدىن پەرقسىز بولۇپ قالغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 1486 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017؛ «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، «شەرئىي ئۆلچەملەر ھەيئىتى (AAOIFI)»، المعيار الشرعي رقم 8. ملحق (هـ) 234 – بەت.
بەتھاﺋ / مەككە بەتھائسى (الْبَطْحَاءُ / بَطْحَاءُ مَكَّةَ): «ئەبتاھ»، «ئەلمۇھەسسەب»، «ئەلمۇھەسسەب ۋادىسى» ۋە «بەنى كىنانەنىڭ تاغ باغرى» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى مەككەدىكى ئىبراھىم ۋادىسىدىكى ساي بولۇپ، مىنا بىلەن مەسجىدى ھەرەم ئوتتۇرىدىكى ھەجۇن مەھەللىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستۈن تەرىپىگە «ئەبتاھ»، ئاستىن تەرىپىگە «مەسفەلە» دېيىلىدۇ. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 3/288؛ ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 1/212، «دارۇ مەككە نەشرىياتى»، مەككە، م. 2010.
بەدر غازىتى (غَزْوَةُ بَدْرٍ): بەدر مەككە بىلەن مەدىنە ئارىلىقىدىكى كارۋان يولىغا جايلاشقان بىر كەنت بولۇپ، مەككەگە 310، مەدىنەگە 155، دېڭىز قىرغىقىغا 45 كىلومېتىر كېلىدۇ. بەدر غازىتى بولسا ھ. 2 – يىلى رامازان / م. 624 – يىلى مارت ئېيىدا رەسۇلۇللاھ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ باشچىلىقىدىكى مۇھاجىر ۋە ئەنسارلاردىن بولۇپ 313 ساھابەدىن تەشكىل تاپقان ئىسلام قوشۇنى بىلەن 1000 كىشىلىك قۇرەيش مۇشرىكلىرى قوشۇنى ئوتتۇرىدا يۈز بەرگەن تۇنجى ئۇرۇش بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرى قوماندانلىقىدىكى مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا كاتتا نۇسرەت ئاتا قىلغان بۇ ئۇرۇش كۇپۇر بىلەن ئىسلام كۈرىشى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇرۇشلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۇرۇش قىلغان تۇنجى غازات ھېسابلىنىدۇ. بۇ غازاتقا قاتناشقانلار ساھابە كىراملارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بولۇپ، ئۇلار «بەدرىي (الْبَدْرِيُّ)» دېيىلىدۇ. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 7/291؛ «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 265 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
بەدرىي (الْبَدْرِيُّ): قاراڭ: بەدر غازىتى (غَزْوَةُ بَدْرٍ).
بەدىيھىي، كۆپلۈكى بەدىيھىييات (بَدِيهِيٌّ، بَدِيهِيَّاتٌ): ئەرەب تىلىدا: «ئىشنىڭ ئەۋۋىلى، دەرھال ۋە ئۇزۇن ئويلانماستىنلا روشەن بولۇش» دېگەن مەنىسىدىكى بەدىيھە (البَدِيهَةُ) گە نىسبەت قىلىنغان ئاتالغۇ بولۇپ، ھازىر جاۋاب كىشىگە «بەدىيھە ئىگىسى (صاحبُ بَدِيهَةٍ)» دېيىلىدۇ. مەنتىق (لوگىكا) ئىلمىدە يېڭىدىن قولغا كەلتۈرۈلىدىغان ئىلىم «بەدىيھىي»، «زۆرۈرىي» ۋە «ئىستىدلالىي» دەپ ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، بەدىيھىي: «ئۇنى بىلىش ئويلىنىش ۋە تەپەككۇرغا ياكى مۇقەددىمەگە قاراشلىق بولمىغان، ئىسپاتلاش ھاجەتسىز بولغان ھۆكۈم»دۇر. هازىرقى ئۇيغۇر تىلىدا «ئاكسىئوما» دېيىلىدۇ. بۇ ئاتالغۇ پەقەت تەسەۋۋۇر قىلىش شەك قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە جەزم قىلىنىدىغان، ئەقىل ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتالمايدىغان ھۆكۈملەرگىلا، جىمى ئىنسانلار رەت قىلمايدىغان ۋە پاكىت تەلەپ قىلمايدىغان قائىدە – پرىنسىپلارغىلا قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى بىلىش، ئىسسىقلىق بىلەن سوغۇقلۇقنى تەسەۋۋۇر قىلىش، پۈتۈننىڭ پارچىدىن چوڭلۇقى، شۇنداقلا بارلىق ۋە يوقلۇقنىڭ بىرنەرسىدە تەڭلا جەملەشمەيدىغانلىقى ھەم بىرنەرسىدىن تەڭلا كۆتۈرۈلۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى تەستىقلاش قاتارلىقلار. يۇقىرىقى مىساللاردا بەدىيھىي زۆرۈرىي بىلەن مەنىداش ياكى زۆرۈرىيدىنمۇ خاسراق دېيىلىشى مۇمكىن. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 1/44؛ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 40 – بەت؛ جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 200 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 268 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 325 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
بەرىد (الْبَرِيدُ): ئەسلىدە «بەرىيدە دەم» دېگەن پارسچە سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، «قۇيرۇقى كېسىۋېتىلىپ بەلگە قىلىنغان پوچتا، ئۇچۇر – ئالاقە ئۈچۈن تەق قىلىنغان قېچىر» دېگەن مەنىدە. ئەرەب تىلىدا ئاشۇ قېچىرغا مىنىپ خەت توشۇيدىغان كىشى ياكى ئەلچى «بەرىد» دەپ ئاتالغان، يەنە ئىككى پوچتا نۇقتىسى ئارىلىقىدىكى مۇساپىمۇ «بەرىد» دەپ ئاتالغان. فىقھ ئىستىلاھىدا: «نامازنى قەسر قىلىپ، روزىدار ئېغىز ئېچىش قاتارلىق ئىشلاردا سەپەر مۇساپىسىنى بەلگىلەشتە ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇ» بولۇپ، فۇقەھائلار بىر بەرىد تۆت فەرسەخ ئىكەنلىكىدە بىردەك قاراشتا. بۇ 22 كىلومېتىر 260 مېتىرگە باراۋەر. دېمەك، ناماز قەسر قىلىنىدىغان تۆت بەرىد 89 كىلومېتىرغا باراۋەر كېلىدۇ. ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 3/82؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 8/80؛ دوكتور ئەلى ﺟﯜﻣﯜئە: «الْمَكَايِيْلُ وَالْمَوَازِيْنُ الشَّرْعِيَّةُ (شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار)»، 55 – بەت.
بەرىكەت (الْبَرَكَةُ): ئەرەب تىلىدا: «ئاۋۇماق، زىيادە بولماق، بەخت – سائادەت ۋە پاراۋانلىق»نى كۆرسىتىدۇ. «تەبرىكلەش (التَّبْرِيكُ)»، تەبەررۈك / تەۋەررۈك (التَّبَرُّكُ): بەرىكەت تىلەش دېمەكتۇر. بەرىكەت بار بولغان نەرسە «مۇبارەك» بولىدۇ. «بارەكەللاھ»: ئاللاھ ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن دېگەنلىك بولىدۇ. شەرىئەت ئىستىلاھىدا: «ئىلاھىي خەيرلىكنىڭ بىرنەرسىدە ئىسپاتلىنىشى»دىن ئىبارەت. بەرىكەت رىزق ۋە ھىدايەت قاتارلىقلارغا ئوخشاشلا ئاللاھتىن كېلىدۇ. بۇ ئايەتلەر بىلەن ئىسپاتلانغان ئەقىدەدۇر. ھەدىس شەرىفتىمۇ «بەرىكەت ئاللاھتىن» دېيىلگەن. قاراڭ: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 10/69.
بەھائىيلەر (الْبَهَائِيَّةُ): 19 – ئەسردە ئىراندا ئوتتۇرىغا چىققان ئازغۇن بابىييە تائىپىسىنىڭ داۋامى بولغان بىر تائىپە. پەلسەپەسى ئىسمائىلىييە تائىپىسىنىڭ ۋە ئاشقۇن سوپىلارنىڭ بەزى قاراشلىرىغا تايىنىدۇ. ئەخلاقتا خرىستىيانلىق تۈسى ئالىدۇ، دۇنياۋىيلىككە ئىنتىلىدۇ. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئەگەشكۈچىلىرى بار. «بەھائۇللاھ» دەپ نام ئالغان قۇرغۇچىسى مىرزا ھۈسەين ئەلى نۇرىي مازەندارانىي (ھ. 1233 – 1309 / م. 1817 – 1892) غا نىسبەت بېرىلىپ «بەھائىييە» دەپ ئاتالغان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 195 – بەت.
بەنى مۇستالىق غازىتى / مۇرەﻳﺴﯩﺌ غازىتى (غَزْوَةُ بَنِي الْمُصْطَلِقِ / غَزْوَةُ الْمُرَيْسِيْعِ): بەنى مۇستالىق قەھتانىيلەرگە مەنسۇب خۇزائە قەبىلىسىنىڭ بىر ئايمىقى بولۇپ، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىدى. قۇرەيشلىكلەر پۈتۈن ئىتتىپاقداشلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ خەندەك ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغاندا، بەنى مۇستالىق رەئىسى ھارىس ئىبنى ئەبۇ دىرار مۇرەﻳﺴﯩﺌ سۈيىنىڭ بېشىدا بارىگاھ قۇرۇپ، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئەتراپتىكى قەبىلە – ئۇرۇقلارنىمۇ كۈشكۈرتۈپ چېرىك توپلاشقا باشلايدۇ. بۇنىڭدىن ۋاقىف بولغان ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھ. 5 – يىلى شەئباننىڭ 2 سى (626 – يىلى 27 – دېكابر) 30ى ئاتلىق 700 كىشىلىك بىر قوشۇن بىلەن مۇرەيسىئگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان بەزى مۇشرىكلەر قاچىدۇ. قالغانلار ئىسلام قوشۇنى يېتىپ كەلگەندە مۇسۇلمان بولۇشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇش باشلايدۇ ۋە مۇسۇلمانلار غالىپ كېلىدۇ. دۈشمەندىن 10 كىشى ئۆلتۈرۈلۈپ، 600 ياكى 700 كىشى ئەسىر، 2000 تۆگە ۋە 5000 قوي قاتارلىق نۇرغۇن ئولجا قولغا چۈشىدۇ. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى قوماندانلىقىدىكى ئىسلام قوشۇنى زەپەر بىلەن قايتىۋاتقاندا مۇناپىقلار بۇنىڭغا چىدىماي پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بوھتان چاپلاش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋە مۇئمىنلەرگە ئازار بەرمەكچى بولغاندۇر. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 4/4؛ «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «بەنى مۇستالىق» ماددىسى، 31/360 – 361. ئىستانبۇل، (قىسقارتىلدى)، م. 2020.
بەنى ئىسرائىل (بَنِي إِسْرَائِيْلَ): ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامدىن بولغان نەۋرىسى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ لەقەبى ئىسرائىلدۇر. ئىسرائىلنىڭ مەنىسى «ئاللاھنىڭ بەندىسى» دېمەكتۇر. بەنى ئىسرائىل: «يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادىنى، كېيىنچە ئومۇمەن ئۇلاردىن تاكى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغىچە ۋە ھەتتا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىچە داۋاملاشقان مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولغان يەھۇدىيلەر»نى كۆرسىتىدۇ. ئۇلاردىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقانلىرى «ناسارا»، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىمان ئېيتقانلىرى بولسا «ئەھلى كىتاب مۇسۇلمانلىرى» دەپ ئاتالغان. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد ئەبۇ شۇھبە: «الْإِسْرَائِيْلِيَّاتُ وَالْمَوْضُوْعَاتُ فِيْ كُتُبِ التَّفِسِيْرِ (تەفسىر كىتابلىرىدىكى ئىسرائىلىييات ۋە توقۇلما رىۋايەتلەر)»، «سۈننەت كۇتۇبخانىسى نەشرىياتى»، 13 -، 14 – بەتلەر. قاھىرە، ھ. 1408.
براخمانىزم (Brahmanism): ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ۋە ﻧﯧﭙﺎﻟﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺩﯨﻦ. ﮪﯩﻨﺪۇلاﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﺑﺮﺍﺧﻤﺎ»ﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮪﯩﻨﺪۇلار ﺑﺮﺍﺧﻤﺎﻧﻼﺭنى ئاتالمىش ﺗﻪﯕﺮﻯ «ﺑﺮﺍﺧﻤﺎ» ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻏﺰﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎن بولۇپ، ﺑﺮﺍﺧﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﺭﺧﯩﻠﻠﯩﺮﯨ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ﺷﯘڭا، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯘﻟﻼﺭ ﺗﻪﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﭼﻮﺩﯨﺮ»ﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ – ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺧﺎﮪﻠﯩﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻻﻻﻳﺪﯗ. ﺑﺮﺍﺧﻤﺎﻧﻼﺭ ﮔﯚش ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﯩﻴﻨﺎﺵ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ئاتالمىش ﺗﻪﯕﺮﻯ «ﺑﺮﺍﺧﻤﺎ» ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺑﺮﺍﺧﻤﺎﻧﯩﺰﻡ مىلادىدىن ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 15 – ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﺎ ﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰﮔﯩﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﯞﻩ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، براخمانىزمنىڭ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ. ﻗﺎﺭﺍﯓ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 330 – ﺑﻪﺕ، «ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﭼﯩﺴﻰ»، ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ، ﺭﯨﻴﺎﺩ، ﻡ. 2017.
ﺑﯘﺋﺎﺱ (بُعَاث): بۇ مەدىنەلىك ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرى ئارىسىدا 120 يىل داۋام قىلغان ئۇرۇشلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى يۈز بەرگەن بۇئاس دېگەن يەر. ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن «يەسرىب» دەپ ئاتالغان مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ئىككى فەرسەخ (11 كىلومېتىر) يىراقلىقتا بولغان بەنى قۇرەيزەگە تەۋە رايون ئىچىدە ئىدى. ھىجرەتتىن بەش ياكى ئالتە يىل بۇرۇن (م. 617 – يىلى) يۈز بەرگەن ۋە «يەۋمى بۇئاس» دەپ تونۇلغان بۇ ئۇرۇش ئەۋس قەبىلىسىدىن بىر كىشىنىڭ خەزرەج قەبىلىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن بىر يات كىشىنى ئۆلتۈرۈشى بىلەن باشلانغان. ھەر ئىككى قەبىلىنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن نۇرغۇن كىشى ئۆلگەن بۇ توقۇنۇش خەزرەج رەھبىرى ئەمر ئىبنى نۇئماننىڭ بىر ئوق بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئەۋسلىكلەرنىڭ غەلبىسى بىلەن نەتىجىلەنگەن. (ئەينى چاغدا) «بۇئاس ئۇرۇشى»نى خاتىرىلەيدىغان نۇرغۇن شېئىرلار يېزىلغان. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 6/269؛ «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 6/340، م. 2012.
ﺑﯘﺳﺮﺍ (بُصْرَى): ئۆز ۋاقتىدىكى رىم ئمپېرىيەسىگە بېقىنداش بولغان خرىستىيان ئەرەب غەسسانىيلەر ئەمىرلىكىنىڭ پايتەختى. يەنى تارىخىي يىپەك يولىغا جايلاشقان شامدىكى قەدىمىي بىر شەھەر بولۇپ، دىمەشققە 140 كىلومېتىر كېلىدۇ. هازىر سۈرىيەنىڭ ئىئوردانىيە چېگراسىغا يېقىن ۋىلايەتى «دەرئا»غا تەۋەدۇر.
بەرك ئەلغىماد (بَرْكُ الْغِمَادِ): ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان، مەككە مۇكەررەمەگە تەخمىنەن 475 كىلومېتر، مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە تەخمىنەن 899 كىلومېتىر يىراقلىقتا. بۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەسىر رايونىغا تەۋە بەرك ۋىلايەتىنىڭ مەركىزىدۇر.
بەھىرە (الْبَحِيرَةُ): جاھىلىيەت دەۋرىدە بىر تۆگە بەش قېتىم بوتىلىسا ۋە ئاخىرقى بوتىلىقى ئەركەك بولسا، ئۇ تۆگىنىڭ قۇلاقلىرىنى پىچىشەتتى ۋە ئۇنىڭغا مىنىشنى ھارام دەپ قارىشاتتى. ئۇ تۆگە بوغۇزلانمايتتى، ئۈستىگە يۈك ئارتىلمايتتى، ئوت ۋە سۇلاردىن قوغلانمايتتى، ئاتالمىش خۇدالىرى ئۈچۈن ئەركىن قويۇپ بېرىلەتتى، بۇنىڭغا «بـەھىـرە (قۇلىقى پىچىلغان)» دېگەن نام بېرىلەتتى. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 15 – بەت.
بۇرھان (الْبُرْهَانُ ج الْبَرَاهِينُ): ئەرەب تىلىدا: «روشەن، كەسكىن ھۆججەت ۋە پاكىت» مەنىسىدىكى سۆز بولۇپ، مەنتىق (لوگىكا) ئىلمىدە: «زېھىن ئېنىق ھۆكۈملۈك جۈملىدىن نائېنىق ھۆكۈملۈك جۈملىگە يۆتكىلىدىغان دەلىللەش»تىن ئىبارەت؛ «زېھىن قارشى تەرەپ ئىنكار قىلمايدىغان ھۆكۈملۈك جۈملىدىن ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىشىدىن قاچقىلى بولمايدىغان يەنە بىر ھۆكۈملۈك جۈملىگە يۆتكىلىدىغان دەلىللەش»تىن ئىبارەت دەپمۇ تەرىپلەنگەن. دېمەك، بۇرھان يەقىينىييات (چىنپۈتۈلىدىغان شەكسىز ھەقىقەتلەر) تىن تۈزۈلگەن قىياس بولۇپ، بۇرھان قارشى تەرەپنىڭ ھۆججەت، پاكىتلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان كەسكىن ھۆججەتتۇر. ئۇ ئىننىي بۇرھان (بُرْهَانٌ إِنِّي)؛ لىممىي بۇرھان (بُرْهَانٌ لِمِّيٌّ) … قاتارلىق بىرقانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 1/ 53؛ جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 64 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 280 – بەت.
بېخىللىق (الْبُخْلُ): ئىچكى بېخىللىقنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئۇ ئىنساننى مال – دۇنيانى ئۆزىنىڭلا قىلىۋېلىپ، باشقىلارنى مەھرۇم قويىدىغان، بولۇپمۇ ئاجىزلار، كەمبەغەللەر ۋە مۇساپىرلارنى ئۆز ھەقلىرىدىن مەھرۇم قىلىدىغان دەرىجىدە مال – دۇنيانى قاتتىق ياخشى كۆرۈشكە ئېلىپ بارىدىغان بىر تۈرلۈك ئېغىر شەخسىيەتچىلىكتۇر. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 449 – بەت.
بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس / مۇتتەفەقۇن ئەلەيھى ھەدىس (مُتَّفَقٌ عَلَيْهِ): مەلۇم بىر ھەدىسنىڭ ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىملارنىڭ «سەھىھەين» دەپ ئاتالغان «ئەلجامىئۇسسەھىھ» ۋە «ئەلمۇسنەدۇسسەھىھ»لىرىنىڭ ئىككىلىسىدە ئورۇن ئالغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئاتالغۇدۇر. «سەھىھەين» بارلىق ئالىملار تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكى بارلىق ھەدىسشۇناسلارنىڭ بىرلىككە كەلگىنىگە ئوخشاش دەپ قارىلىپ، مەزكۇر ئاتالغۇ بىر ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 2 – بەت.
ﺑﯩﺰﮔﻪ ﮪﻪﺩﯨﺲ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ / حَدَّثَنَا، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﻪﺭﺩﻯ / أَخْبَرَنَا، (ﺑﯩﺰﮔﻪ مەلۇمات ﺑﻪﺭﺩﻯ / أَنْبَأَنَا، ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ / سَمِعْتُ: بۇ ئىبارىلەر ئادەتتە ھەدىس رىۋايەتىدە ئىشلىتىلىدىغان تۆت خىل ئىبارە بولۇپ، ئىمام بۇخارىي ۋە ئۇستازى ھۇمەيدىي قاتارلىق مۇھەددىسلەر «بۇ ئىبارىلەر ئوتتۇرىدا پەرق يوق» دەپ قارىسا، ئىمام تاھاۋىي، قازى ئىياز قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھەددىسلەر قارىشىدا ئۇستازىدىن ھەدىس ئاڭلىغان كىشى يۇقىرىقى تۆت ئىبارىنىڭ قايسىبىرىنى قوللانسا ياكى «پالانىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم» ياكى «پالانى بىزگە مۇنداق دېدى»، «پالانى بىزگە مۇنداق بايان قىلدى» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ھەدىس رىۋايەت قىلسا جائىز بولىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملار «ئوقۇغۇچى ئۇستازىنىڭ ھۇزۇرىدا ھەدىس ئوقۇغان ئەھۋالدا يۇقىرىقى ئىبارىلەرگە ‹پالانى ﺑﯩﺰﮔﻪ ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ئوقۇغىنىمىزدا ﮪﻪﺩﯨﺲ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ (حَدَّثَنَا فُلاَنٌ قِرَاءَةً عَلَيْهِ)› دەپ قەيت قىلىپ رىۋايەت قىلمىسا بولمايدۇ» دەپ قارىغان. بۇ كالامشۇناسلارنىڭ قارىشىدۇر. ئىمام شافىئىي، ئىمام مۇسلىم ۋە نەسائىي قاتارلىق كۆپچىلىك مۇھەددىسلەر «ئوقۇغۇچى ئۇستازىنىڭ ھۇزۇرىدا ھەدىس ئوقۇغان ئەھۋالدا ‹ﺑﯩﺰﮔﻪ ﮪﻪﺩﯨﺲ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ / حَدَّثَنَا› دېسە بولمايدۇ، ‹ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﻪﺭﺩﻯ / أَخْبَرَنَا› دېسە بولىدۇ» دەپ قارىغان. بۇ ھەدىس رىۋايەتىدىكى ئىستىلاھ مەسىلىسى بولۇپ، مۇھەددىسلەر «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﮪﻪﺩﯨﺲ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ / حَدَّثَنَا» دېگەن ئىبارىنى پەقەتلا ئۇستازىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغانغا خاس قىلىپ ئىشلىتىشنى ئىككى ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ رىۋايەت قىلىش ئۈچۈن ئايرىپ قارىغان. كېيىنكىلەر تېخىمۇ ئىنچىكىلىگەن ھالدا ئەگەر ئۇستازىنىڭ ئاغزىدىن يالغۇز ئولتۇرۇپ ئاڭلىغان بولسا، «ماڭا سۆزلەپ بەردى / حَدَّثَنِي» ياكى «ماڭا خەۋەر بەردى / أَخْبَرَنِي» ياكى «ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ / سَمِعْتُ» دەپ ئىپادىلەپ، باشقىلار بىلەن بىللە ئاڭلىغان تەقدىردە، يۇقىرىقىدەك كۆپلۈك ھالىتىدە ئىپادىلەشنى توغرا تاپقان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاجىب ئىش بولماستىن، ئىنچىكىلىك كۆزلەنگەن گۈزەل ئىستىلاھلاردۇر. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 2/11.
ﺑﯩﺌﺮۇ ﺟﻪﻣﻪﻝ (بِئْرُ جَمَلٍ): ئۆز ۋاقتىدىكى مەدىنەنىڭ سىرتىدىكى تۆگە بېقىلىدىغان بىر جاينىڭ نامى. ئۇ جايدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۈيىنى ئىچكەن ۋە سۈيىدە تاھارەت ئالغان مەدىنەنىڭ مەشھۇر يەتتە قۇدۇقىنىڭ بىرى بولغان بىئرى جەمەل (تۆگە قۇدۇقى) بار ئىدى. كۈنىمىزدە ئورنى ئېنىق بىلىنمەيدۇ. نەسائىي: «بىئرى جەمەل تەرەپتىن كەلدى. ئۇ ئەقىقكە تەۋە جاي» دەپ رىۋايەت قىلغان. فەيرۇزئابادىي ئۇنى: «جۇرۇف تەرەپتە ئەقىقنىڭ ئايىغىدىكى تونۇلغان قۇدۇق» دېگەن. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 1/443؛ ئەھمەد ياسىن ئەلخىيارىي: «تَارِيْخُ مَعَالِمِ الْمَدِيْنَةِ الْمُنَوَّرَةِ قَدِيْماً وَحَدِيْثاً (مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ قەدىمكى ۋە ھازىرقى مەشھۇر جايلىرىنىڭ تارىخى)»، 278 – بەت، «دارۇلئىلىم نەشرىياتى»، م. 1990.
پانچاسىلا ( المبادئ الخمسة / Pancasila): ھىندونېزىيە مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئەھمەد سوكارنو تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ھىندونېزىيەنىڭ مىللىي ئىدېئولوگىيەسى بولۇپ، سانسىكرىتچە «بەش پرىنسىپ» دېگەن مەنىدىكى پانچاسىلانىڭ بىر – بىرىدىن ئايرىلماس بەش مەزمۇنى: تەڭرى بىر، ئادىل ۋە زامانىۋى جەمئىيەت، بىر ھىندونېزىيە، دېموكراتىيە ۋە ئىجتىمائىي ئادالەت پرىنسىپلىرىدۇر.
پەرز (الْفَرْضُ): ئەرەب تىلىدا: «كەسمەك، بېكىتمەك ۋە ۋاجىب قىلماق» مەنىسىدە بولۇپ، فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىدا: «ئاللاھ تائالا بەندىدىن چوقۇم ئورۇندىشىنى تەلەپ قىلغان ئىش – ھەرىكەت»تۇر. بەندە ئۇنى ئادا قىلسا، ساۋاب تاپىدۇ. ئادا قىلمىسا، جازاغا ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇش ۋە زاكاتنى ئادا قىلىش. كۆپچىلىك فۇقەھائلارنىڭ نەزەرىدە پەرز بىلەن ۋاجىب مەنىداش. ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا پەرز قىلچە ئېھتىماللىقى يوق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغان ئىشقا خاس بولۇپ، ئۇنىڭغا تانغۇچى كافىر بولىدۇ. ۋاجىب ئازراق بولسىمۇ ئېھتىماللىقى بار دەلىل بىلەن ئىسپاتلانغان ئىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭغا تانغۇچى كافىر بولمايدۇ. ئەمما، ھەممەيلەننىڭ قارىشىدا ئەمەل قىلىش كېرەكلىكتە بۇ ئىككى ئاتالغۇ ئوتتۇرىدا پەرق يوق. فۇقەھائلار يەنە پەرز ئاتالغۇسىنى بىر ئىشنىڭ ئاساسلىق قىسمى (رۇكن) غىمۇ قوللىنىدۇ. مەسىلەن، تاھارەتنىڭ پەزرلىرى، نامازنىڭ پەزرلىرى. پەرز بەلگىلەنگەن ئىشنىڭ تەبىئىتىگە قاراپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ: پەرز ئەين ۋە پەرز كۇپايە. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 23/110؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1074 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
پەرز ئەين (فَرْضُ عَيْنٍ): ناماز ۋە زاكاتقا ئوخشاش ھەربىر كىشى ئۆزى چوقۇم ئورۇندىشى كېرەك بولغان، ئۆزى ئادا قىلغاندىلا گەدىنىدىن ساقىت بولىدىغان، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرى ئادا قىلىپ قويسا بولمايدىغان پەرز.
پەرز كۇپايە (فَرْضُ كِفَايَةٍ): چوقۇم ئادا قىلىنىشى كېرەك بولغان، بىر قىسىم كىشىلەر ئادا قىلسا، باشقىلاردىن ساقىت بولىدىغان، ھېچكىم تەرىپىدىن ئادا قىلىنمىسا، ھەممە گۇناھكار بولىدىغان پەرزلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: مېيىتنى يۇيۇپ – تاراپ، نامىزىنى چۈشۈرۈش، ئەمرىمەرۇپ ۋە نەھيىمۇنكەر مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، تۈرلۈك ئىلىملەرنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش قاتارلىقلار. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 2 – بەت.
پروتېستانت مەزھىبى (Protestantism ): 16 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن گېرمانىيەلىك پوپ مارتېن لۇتېر Martin Luther (م. 1483 – 1546) باشچىلىقىدا بەرپا قىلىنغان چېركاۋغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ مەزھىبى بولۇپ، خرىستىيان دىنىنىڭ ئىككىنچى چوڭ مەزھىبىدۇر. بۇلار كاتولىك پاپالىرىنىڭ كۆڭۈلنى ئېلىشتۈرىدىغان قىلىقلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كاتولىك چېركاۋلىرىدىن ئايرىلىپ چىققان. ئەگەشكۈچىلىرى دۇنيادا 360 مىليون ئەتراپىدىدۇر. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپا ۋە شىمالى ئامېرىكىدا ياشايدىغان بولۇپ، ئۆز ئىچىدە يەتتە ئېقىمغا بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىدا، خرىستىيانلىقنىڭ مەنبەسى (پاپالىق كېڭىشى ئەمەس) پەقەت مۇقەددەس كىتابتۇر، ‹مەغپىرەت چېكى› ئالدامچىلىقتۇر، پوپلارنىڭ ئۆيلىنىشى ۋاجىبتۇر. خرىستىيانلارنىڭ «بىر ئىلاھقا مەركەزلەشكەن ئۈچ ئىلاھ» ئەقىدىسىنى ئىزاھلاشتا شىرك ئېتىقادى كاتولىكلارغا قارىغاندا پروتېستانتلاردا سەل يەڭگىل. بۇلار ئەسلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تەۋھىدكە مايىل ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، كېيىنچە خرىستىيانلارنىڭ بېسىمى ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالماي، شىرك بىلەن كۇفۇرغا پاتقان. قاراڭ: ناسىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلقىفارىي، «الْمُوْجَزُ فِي الْأَدْيَانِ وَالْمَذَاهِبِ الْمُعَاصِرَةِ (ھازىرقى زامان دىن ۋە مەزھەبلىرى توغرىسىدا قىسقىچە بايان)»، 76 -، 77 – بەتلەر. «سۈمەيئىي نەشرىياتى». رىياد، م. 1992.
پۈتكۈل ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى ياكى مۇسۇلمان لىگى (اتحادیه مسلمانان تمامی هند / رابطة مسلمي عموم الهند /All-India Muslim League): 1906 – يىلى بېرىتانىيە ھىندىستانىدا قۇرۇلغان بىر سىياسىي پارتىيە بولۇپ، بۇ پارتىيەنىڭ پاكىستان نامىدا ئايرىم ئىسلام مىللىي ھۆكۈمىتى قۇرۇشىنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىشى نەتىجىسىدە 1947 – يىلى بېرىتانىيە ھىندىستانىنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
پۈتۈشۈۋېلىنغان تەۋەررۇق (التَّوَرُّقُ الْمَصْرَفِيُّ / Monetization/ Tawarruq): بۇ بولسا نەقد پۇلغا ئېھتىياجى بار كىشى بانكىدىن بىرەر تاۋارنى مۇرابەھە ياكى نورمال سودا كېلىشىمى بىلەن نېسى سېتىۋېلىپ، ئۇ تاۋارنى باشقا بىرىگە نەقد سېتىشتا بانكىنى ۋەكىل قىلىپ نەقد پۇلغا ئېرىشىشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ خىل تەۋەررۇقنىڭ ماھىيىتى ھىيلە قىلىنغان جازانىلىك سودا شەكلىنى پەيدا قىلىپ ئۆسۈملۈك قەرز بېرىشتىن ئىبارەت بولغاچقا، بۇ ئىينە سودىسىغا يېقىن، ھەتتا ئىينە سودىسىنىڭ مۇرەككەپ ۋارىيانتى ياكى ئارىغا ئۈچىنچى بىر شەخس كىرگۈزۈلگەن شەكلىدۇر. شۇڭا، ئالىملار ۋە فىقھىي كومىتېتلار بۇ خىل تەۋەررۇق سودىسىنى ھارام دەپ كېسىۋەتكەن. چۈنكى بۇمۇ ئېنىقلا مەبلەغكە ئېھتىياجى بارلارنىڭ مۇرابەھە نامىدا تۇتىدىغان يولىدۇر. قاراڭ: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، «شەرئىي ئۆلچەملەر ھەيئىتى (AAOIFI)»، المعيار الشرعي رقم 30. 767 – بەت؛ دكتور عبد الله محمد السعيدي: «التورق كما تجريه المصارف في الوقت الحاضر»، 2 /522: أعمال وبحوث الدورة السابعة عشرة للمجمع الفقهي، رابطة العالم الإسلامي – مكة المكرمة، في الفترة من 19-23/10/ 1424هـ الموافقة لـ 13-17/12/2003م. دكتور علي السالوس: «العينة والتورق والتورق المصرفي»، 2/488.
پېئىلىي سۈننەت (السُّنَّةُ الْفِعْلِيَّةُ): پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىدىن ئىبارەتتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 25/266.
تابىئىي، كۆپلۈكى تابىئىن (التَّابِعِيُّ، التَّابِعُوْنَ): ئەرەبچىدە: «ئەگەشكۈچى ۋە ئىزىدىن ماڭغۇچى» دېگەنلىكتۇر. مۇھەددىسلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ نەزەرىدە: «ھەدىس ئاڭلىمىغان بولسىمۇ، ئاق – قارىنى پەرق ئېتىدىغان ياشتا ساھابە بىلەن ئۇچراشقان ۋە مۇسۇلمان ھالەتتە دۇنيادىن كەتكەن كىشى»نى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا «قۇرئان كەرىم»(9/«تەۋبە»: 100)دە ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ، بۇ نامنى ئۆزى بەرگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئۇلار ھەققىدە: «كىشىلەرنىڭ ياخشىسى مېنىڭ دەۋرىمدىكىلەردۇر، ئۇندىن قالسا ئۇلاردىن كېيىن كېلىدىغانلار، ئۇندىن قالسا ئۇلاردىن كېيىن كېلىدىغانلاردۇر» دېگەن(«سەھىھەين»). ساھابە كىراملار بىلەن ئاز ياكى كۆپ ھەمراھ بولۇشى ۋە ئۇلاردىن قىلغان ھەدىس رىۋايەتلىرىنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە قاراپ، بەزى ئالىملار ئۇلارنى ئۈچ تەبىقىگە ئايرىيدۇ. تابىئىنلاردىن ئەڭ دەسلەپ دۇنيادىن كەتكىنى مەئمەر ئىبنى زەيد ھ. 30 – يىلى خۇراساندا ۋاپات بولغان بولسا، ئەڭ ئاخىرقىسى ھ. 181 – يىلى يۈز ياشتىن ئېشىپ ۋاپات بولغان خەلەف ئىبنى خەلىفەدۇر. قاراڭ: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 321 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
تارسۇس (طَرْسُوْس / Tarsus): ئاق دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان، بۈگۈنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان مەرسىن ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەردۇر.
تاغۇت (الطَّاغُوتُ): ئەرەب تىلىدا: «ئىسياتكارلىقتا ھەددىدىن ئاشماق، چوڭچىلىق قىلماق مەنىسىدىكى ‹الطّغْيانُ› كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن» بولۇپ، ئەقىدە ۋە قۇرئان ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: «ئاللاھقا چوڭچىلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئورنىدا ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي ئىبادەت ۋە ئىتائەت قىلىنغان ئىنسان، شەيتان، بۇت قاتارلىق ھەرقانداق نەرسە». تاغۇتلۇق سۈپەت ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرىدىغان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدىغان ۋە ھۆكمىنى رەت قىلىپ شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىگە قارشىلىق، توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسىدە تېپىلىدۇ. دېمەك، ئاللاھ ۋە رەسۇلىدىن باشقا ھۆكمى قوبۇل قىلىنىدىغان ياكى قارىغۇلارچە ئەگىشىپ، ئىتائەت قىلىدىغان، بەندىچىلىك ھەددىدىن ئېشىپ، ئۆزىگە ئىلاھلىق ۋە پەرۋەردىگارلىق سۈپەتلەرنى دەۋا قىلىدىغان، توغرا يولدىن بۇرۇۋەتكۈچى رەھبەر، داھىي، گۇرۇھ، كاھىن، پالچى، سېھرىگەر، شەيتان، ئىنس – جىنلار ۋە تۈزۈملەر تاغۇت دائىرىسىگە كىرىدۇ. بۇ ۋەجدىن تاغۇتنى ئېتىراپ قىلماسلىق، ئۇنىڭدىن ئادا – جۇدا بولۇش ۋە ئۇنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى ئېتىقاد قىلىش ئىماننىڭ مەھكەم تۇتقۇلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي يىراق تۇرۇش ساغلام ئىماننىڭ تەقەززاسىدۇر. ھەقتائالا: ﴿كىمكى تاغۇتنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 256) دېگەن. قاراڭ: تەبەرىي: «تەفسىرۇ تەبەرىي»، 4/558؛ ئەرراغىبۇل ئەسبەھانىي: «ئەلمۇفرەدات»، 520 – بەت؛ مەۋدۇدىي: «الْمُصْطَلَحَاتُ الْأَرْبَعَةُ فِي الْقُرْآنِ (قۇرئاندىكى تۆت ئىستىلاھ / تېرمىن)»، 50 -، 63 – بەتلەر؛ شەيخ مۇھەممەد غەززالىي: «نَحْوَ تَفْسِيْرٍ مَوْضُوْعِيٍّ (مەۋزۇئىي / تېماتىكىلىق تەپسىرگە يۈزلىنىش)»، 4/558.
تاۋلە (الطَّاوِلَة / Tavla): قاراڭ: نەردەشىر ياكى نەرد (النَّرْدَشِيرُ / النَّرْدُ).
تائىف (الطَّائِفُ): «ھىجازدىكى مەشھۇر شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ، مەككە مۇكەررەمەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 75 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان، ھاۋاسى ياخشى، باغ – بوستانلىق، ئەتراپى تاغلار بىلەن قورشالغان، دېڭىز يۈزىدىن 1630 _ 2500 مېتىر ئېگىز بولغان بىر شەھەر»دۇر.
تائىف غازىتى (غَزْوَةُ الطَّائِفِ): ھ. 8 – يىلى شەۋۋال / م. 630 – يىلى فېۋرالدا رەسۇلۇللاھ ۋە مۇسۇلمانلار ھۇنەين غازىتىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، قاچقان مەغلۇب ھەۋازىنلىكلەرنى قوغلاپ تائىفقا بېرىپ بىر ئايغا يېقىن قورشاۋغا ئېلىپ ساقلاپ بېقىپ كېيىن قايتىپ كەتكەن. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 591 – بەت.
تەبەررۈك / تەۋەررۈك (التَّبَرُّكُ): ئەرەب تىلىدا: «بەرىكەت تىلەش» دېگەنلىكتۇر. ئەقىدە ۋە فىقھ ئىستىلاھىدا: «خەيرلىكنىڭ ۋە ئەجىرنىڭ زىيادە بولۇشىنى يەنى بەرىكەتنى تىلەش»تۇر. بۇ بەرىكەت رىزق ۋە ھىدايەت قاتارلىقلارغا ئوخشاشلا ئاللاھتىن كېلىدۇ. بۇ ئايەتلەر بىلەن ئىسپاتلانغان ئەقىدەدۇر. ھەدىس شەرىفتىمۇ: «بەرىكەت ئاللاھتىن» دېيىلگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزى مۇبارەك زات بولغاچقا، ئالىملار بىردەك «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ۋە ئۇ زاتقا تەۋە نەرسىلەرنى تەبەررۇك قىلىشقا بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. تارىخ ۋە سىيرەت كىتابلىرىدا ساھابە كىراملارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ۋە ئۇ زاتقا تەۋە نەرسىلەرنى تەبەررۇك قىلغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر نۇرغۇندۇر. قاراڭ: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 10/69 – 70.
تەبۇك غازىتى (غَزْوَةُ تَبُوكَ): ھ. 9 – يىلى رەجەب / م. 630 – يىلى ئۆكتەبىردە ھەزرىتى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋىزانتىيەلىكلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان غازىتى. بۇ غازاتنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ۋىزانتىيەلىكلەر «مۇئتە» غازىتىدىن كېيىن ئۆزلىرىگە تەۋە خرىستىيان ئەرەبلەرنىڭ مۇستەقىللىققا بولغان ئىنتىلىشىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭى كۈچىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ جەڭگە تەييارلىنىپ زور قوشۇن تەييارلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ رەسۇلۇللاھقا يېتىپ كېلىشىدۇر. ھەزرىتى رەسۇلۇللاھ ۋىزانتىيەلىكلەر تەۋەلىكىدىكى ئىئوردانىيەگە يېقىن «تەبۇك» (ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا) دېگەن جايغا 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن بېرىپ 20 كۈن دۈشمەننى كۈتۈپ قايتقان. بۇ غازاتقا شۇ چاغدىكى ئىنتايىن قىيىن ئىقتىسادىي شارائىتتا ئاتلانغان بولغاچقا، بۇ غازات «قىيىنچىلىق پەيتى(9/«تەۋبە»: 117) غازىتى» دەپمۇ ئاتالغان. مۇسۇلمانلار قوشۇنى تەبۇكقا بارغاندا رىم ۋە خرىستىيان ئەرەبلەرنىڭ قوشۇنلىرىنى ئۇچراتمىغاچقا، ئۇرۇش بولمىغان. خرىستىيان ئەرەب ھاكىملار بولسا جىزيە تۆلەپ سۈلھنى تاللىغان. دەۋمەتۇل جەندەل پادىشاھى ئۇكەيدىر ئەسىر ئېلىنىپ جىزيە تۆلەشكە سۈلھ تۈزگەن. ئەيلە پادىشاھى رەسۇلۇللاھقا بىر ئاق قېچىرنى ھەدىيە قىلغان. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا بىر تون كىيگۈزۈپ، ئۇنىڭ زېمىنىغا چېقىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئەھدىنامە يېزىپ بەرگەن. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 337 – بەت.
تەخرىج (التَّخْرِيْجُ): ئەرەب تىلىدا: «چىقارماق» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھەدىس ئىلمىدە: «ھەدىسلەرنىڭ ئەسل مەنبەسىنى ۋە ئىسنادلىرىنى ئېنىق بايان قىلىش، سەھىھ – زەئىف دەرىجىلىرىنى ئايرىشنى، شۇنداقلا مۇھەددىسنىڭ ھەدىسنى بىرەر كىتابىدا سەنەدلىك رىۋايەت قىلىشى»نى كۆرسەتسە؛ فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «مەزھەب ئىمامىنىڭ بىرەر بايانى بولمىغان مەسىلىلەرگە مەزھەب ئىمامىنىڭ ئوخشاپ قالىدىغان بىر مەسىلىدىكى بايانىنى ياكى مەزھەبنىڭ ئومۇم ئۇسۇل – قائىدىلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىش»نى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 4/111؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 407 -، 408 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
تەخرىجۇل مەنات (تَخْرِيجُ الْمَنَاطِ): ئەرەب تىلىدا: «چىقارماق دېگەن مەنىدىكى تەخرىج (تَخْرِيجُ) كەلىمەسىنىڭ ئاسقۇ مەنىسىدىكى مەنات (الْمَنَاطُ) كەلىمەسىگە ئىزافەت قىلىنىشى» بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «نەس ياكى ئىجماﺋ بىر ھۆكۈمگە دالالەت قىلىپ، ئۇ ھۆكۈمنىڭ ئىللىتىگە دالالەت قىلمىغان بولسا، شۇ ھۆكۈمنىڭ ئىللىتىنى چىقىرىش ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىجتىھاد قىلىش»نى كۆرسىتىدۇ. ھۆكۈمنىڭ ئاسقۇسى (مَنَاطُ الْحُكْمِ) ئۇنىڭ ئىللىتىدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 11/40؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 407 -، 408 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
تەرجىھ (التَّرْجِيْحُ): ئەرەب تىلىدا: «ئېغىر بېسىش، مايىل بولۇش، ئەلا بىلىش ۋە كۈچلەندۈرۈش» دېگەندەك مەنىلەردە بولۇپ، «دەلىللەرنى سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا ئىككى ياكى بىرنەچچە قاراش ئىچىدىن مەلۇم بىر قاراشنى كۈچلۈك» دەپ تاللاشتۇر. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 2 – بەت.
تەسەررىي (التَّسَرِّى): ئەرەب تىلىدا: «نىكاھ ۋە جىما مەنىسىدىكى ‹سىر (السِّرُّ)› كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن» بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «خوجايىننىڭ ئۆزىنىڭ قول – ئىلكىدىكى چۆرىسىنى خوتۇن ئورنىدا قوللىنىشى»دۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 11/294؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 109 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996.
تەسەۋۋۇف (التَّصَوُّفُ): بۇ ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەبىرى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار بار بولۇپ، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىخلاس، سەبر، تەۋەككۇل ۋە دۇنياغا بېرىلمەسلىك قاتارلىق ھالەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىمانىي ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، شۇنداقلا نەفسنى پاكلاپ، تەربىيەلەپ، ئۇنى پەزىلەتلەر بىلەن زىننەتلەش ۋە ئۇنى رەزىل نەفسى خاھىشتىن تازىلاشنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە بۇنى «قۇرئان كەرىم»دە كەلگىنى بويىچە «تەزكىيە (التَّزْكِيَةُ)»، ھەدىستە كەلگىنى بويىچە «ئېھسان (الإِحْسَانُ)» دەپ ئاتىساق ۋە شۇنى توغرا رەۋىشتە چۈشەندۈرۈپ، كامىل ئىمانغا، ئېھسان مەرتىۋىسىگە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سۈپەتلىرىگە، ئەخلاقىغا چاقىرساق تەسەۋۋۇفتىكى دەتالاش تۈگەيتتى. «تەسەۋۋۇف» ئاتالغۇسى نەفسنى پاكلاش مەنىسىدىكى «تەزكىيە» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلگەچكە، يەنە كېلىپ تەسەۋۋۇف مەنسۇبلىرى ئىسلامغا يات بولغان ئىبادەت، ئەخلاق ۋە ھەتتا ئەقىدىلەرنى پەيدا قىلىۋالغان بولغاچقا، بۇ ئاتالغۇ ئىسلام (قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە) تەشەببۇس قىلغان «تەزكىيە»، «ئېھسان» ۋە «گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەر»نىڭ يۈزىنى قاپلىۋالغان. قاراڭ: شەيخ ئابدۇلبارىي نەدۋىينىڭ «تەسەۋۋۇف ۋە ھايات» ناملىق ئەسىرىگە شەيخ ئەبۇلھەسەن نەدۋىينىڭ يازغان كىرىش سۆزى، 3 – 15 – بەتلەر.
تەسبىھ نامىزى (صَلاَةُ التَّسْبِيْحِ): 300 تەسبىھنى ئۆزئىچىگە ئالغان تۆت رەكئەتلىك نەپلە ناماز بولۇپ، ھەربىر رەكئەتتە قىرائەتتىن كېيىن 15 قېتىم، رۇكۇدا تەسبىھتىن كېيىن 10 قېتىم «سۇبھانەللاھ»، «ئەلھەمدۇلىللاھ»، «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» ۋە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەسبىھ ئوقۇلىدۇ. بۇ ھەقتە ھەدىس بولسىمۇ، سەھىھلىكىدە قاراش ئوخشاش بولمىغاچقا، بەزىلەر «بۇنداق ناماز يوق» دەپ قارىغان.
تەسنىيە (سفر التثنية أو سفر تثنية الاشتراع / Book of Deuteronomy): ئەرەبچە: «ئىككى پارچىدىن تەشكىل تاپقان» دېمەكتۇر. ئىبرانىيچە ئىسمى «دەۋارىم (سۆزلەر)» بولۇپ، ئاساسلىق «ئون پەرھىز»نىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تەكرار ئۇرغۇلانغان ۋە يەھۇدىي قانۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، «تاناھ» ۋە «كونا ئەھد»نىڭ دەسلەپكى بەش كىتابى بولغان «تەۋرات»نىڭ 34 بابتىن تەشكىل تاپقان 5 – كىتابىدۇر. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 33 – بەت.
تەشەھھۇد (التَّشَهُّدُ): ئەرەب تىلىدا: «ئىككى شاھادەتنى ئېيتىش»، فىقھ ئىستىلاھىدا: «نامازدا ئىككى ياكى ئۈچ، ياكى تۆت رەكئەتتىن كېيىن ئولتۇرغاندا ‹ئەتتەھىيياتۇ› بىلەن باشلانغان تەۋھىد ۋە سالام مەزمۇنىدىكى دۇئانى ئوقۇش»تىن ئىبارەت. مەزكۇر دۇئا ئىككى شاھادەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان. ئۇنى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى ۋاجىب بولغاچقا، تەرك قىلىنسا سەجدە سەھۋى (سەھۋەنلىك سەجدىسى) ۋاجىب بولىدۇ. ئۈچ ياكى تۆت رەكئەتلىك نامازدا ئىككى رەكئەتتىن كېيىنكى تەشەھھۇد «دەسلەپكى تەشەھھۇد (التَّشَهُّدُ الْأَوَّلُ)» دەپ ئاتالسا، ھەممە نامازلاردا سالام بېرىشتىن بۇرۇنقى تەشەھھۇد «ئاخىرقى تەشەھھۇد (التَّشَهُّدُ الْأَخِيرُ)» دەپ ئاتىلىدۇ. دۇئانىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق: «التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ، وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ، السَّلاَمُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللَّهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلاَمُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللَّهِ الصَّالِحِينَ. أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺵ (ﻳﻪﻧﻰ ﺗﯩﻞ، ﺑﻪﺩﻩﻥ، ﻣﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ)، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﻪﺩھىيەلەﺭ ۋە ﮔﯜﺯﻩللىكلەر ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ. ﺳﺎﻻﻡ ﺳﺎﯕﺎ، ﺋﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ! ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺭﻩﮪﻤﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺑﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ! ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﻟﯩﮭ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ! ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮪﯧﭻ ﺋﯩﻼﮪﻨﯩﯔ يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن ﯞﻩ يەنە ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩنىڭ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪنلىكىگىمۇ ﮔﯘﯞﺍﮪﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ». قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 4/168؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 12/34 – 35.
ﺗﻪﺷﺮﯨﻖ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ (أَيَّامُ التَّشْرِيْقِ): «تەشرىق» كەلىمەسى: «ئاپتاپقا سېلىش، قاقلاش ۋە ئاپتاپلىق جايغا چىقىش» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. فىقھتا: مەشھۇر قاراشتا قۇربان ھېيتنىڭ 2 -، 3 – ۋە 4 – كۈنلىرى. ئۇ كۈنلەردە قۇربانلىق گۆشى پارچىلىنىپ ئاپتاپقا قاقلىنىدىغان بولغاچقا ياكى قۇربان ھېيت نامىزى كۈن چىققاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. ئالىملاردىن قۇربان ھېيتنىڭ 2 -، 3 – كۈنلىرى دەپ قارايدىغانلارمۇ، ھېيىت كۈنىنىمۇ قوشۇپ ھېسابلايدىغانلارمۇ بار. بۇ ئۇلۇغ كۈنلەر ﴿ﺳﺎﻧﺎﻗﻠﯩﻖ كۈنلەرﺩﻩ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﻰ ياد ئېتىڭلار!﴾(2/«بەقەرە»: 203) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ «ﺳﺎﻧﺎﻗﻠﯩﻖ كۈنلەر»دۇر. بۇ كۈنلەردە ھاجىلار مىنادا قونىدۇ ۋە شەيتانغا تاش ئېتىش، تەكبىر ئېيتىش، ئاللاھنى ياد ئېتىش قاتارلىق ئەمەللەرنى ئادا قىلىدۇ. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 2/457؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 7/325.
تەفسىر قىلىش (التَّفْسِيْرُ): ئەرەبچىدە: «ئاچماق، ئىزاھلىماق، بايان قىلماق، يورۇتۇپ بەرمەك ۋە چۈشەندۈرمەك» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، تەفسىرشۇناسلار ئىستىلاھىدا: «قۇرئان كەرىمنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان، ئۇنىڭدىكى ئاللاھ تائالا دېمەكچى بولغان مەنالارنى ئىنساننىڭ تاقىتى يېتىشىچە بايان قىلىشنى كۆزلەيدىغان ئىلىم»دۇر. ئەۋۋەلىگە يەنى ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئېھتىماللىقى بار بولغان مەناغا قايتۇرۇش مەنىسىدىكى «تەئۋىل» ئاتالغۇسىمۇ بەزىدە تەفسىر مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئىككى ئاتالغۇ بىر مەنىدە بولىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْقُرْآنِيَّةُ الْمُتَخَصِّصَةُ (قۇرئان ئالاهىدە ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 241 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2002.
تەفسىرۇ قۇرتۇبىي (تَفْسِيْرُ الْقُرْطُبِي): ئاتاقلىق مۇفەسسىر ۋە ھەدىسشۇناس ئىمام قۇرتۇبىي (ھ. 600 – 671 / م. 1204 – 1273) نىڭ «ئەلجامىئۇ لىئەھكامىل قۇرئان (الجامع لأحكام القرآن والمبين لما تضمنه من السنة وآي الفرقان)» ناملىق مەشھۇر تەفسىرى. بۇ ئەسەر «قۇرئان كەرىم» تەفسىرىدە بىر ئېنسىكلوپېدىيە ھېسابلىنىدۇ. ئەسەر تەفسىر كىتابلىرى ئىچىدە «ئەھكام»غا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن تەفسىرلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولۇپ، ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبلىرى، تىل ۋە قىرائەتتىكى ئوخشىماسلىقلار، ھەدىسلەرنى تەخرىج قىلىش، ناتونۇش سۆزلەرنى ئىزاھلاش، فۇقەھائلارنىڭ قاراشلىرىنى بېكىتىش ۋە يەكۈنلەش، سەلەف سالىھلەر ۋە ئۇندىن كېيىنكىلەرنىڭ قاراشلىرىنى جەملەش، ئىلگىرىكى مۇفەسسىرلەردىن نەقىل ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ تەفسىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، مەدداھلارنىڭ ۋە يەھۇدىي – ناسارالارنىڭ ئاساسسىز رىۋايەتلىرىنى يېقىن يولاتماسلىق، تۈرلۈك ئازغۇن پىرقىلەرگە رەددىيە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. باشقا ئەھكامغا ئالاقىدار تەفسىرلەردىن پەرقلىنىدىغان تەرىپى، مەزكۇر تەفسىر ئەھكام ئايەتلىرى ياكى ئۇنىڭ فىقھىي تەرىپى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، تەفسىرگە ئالاقىدار ھەممە مەزمۇندا توختىلىدۇ. ئىمام قۇرتۇبىي بۇ تەفسىرىنى يېزىشتا سەلەف سالىھلەردىن كەلگەن تەفسىر بىلەن ئىجتىھادنى بىرلەشتۈرۈش، ئەرەب تىلىغا مۇراجىئەت قىلىش، فىقھىي ئەھكاملارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە تار مەزھەبچىلىكتىن يىراق تۇرۇپ دەلىل – پاكىتنى ئاساس قىلىشتەك ئېسىل ئىلمىي مېتودقا تايانغان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 632 – بەت.
تەقرىر، كۆپلۈكى تەقرىرات (التَّقْرِيرُ ج التَّقْرِيرَاتُ): ئەرەبچىدە: «روشەن بايان قىلىش، مۇقىمداش، ئېتىراپ قىلىش، تەتقىق قىلىش، ماقۇللاش ۋە ئىزاھلاش» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ھەدىس ئىلمى ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەقرىرى دېگىنىمىز: پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىدا ياكى ئۇ زاتنىڭ خەۋىرى بار ھالەتتە بىر ئادەم بىر ئىشنى ياكى بىر سۆزنى قىلسا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇ ئىشقا سۈكۈت قىلىشى بىلەن ياكى پەيغەمبىرىمىزدىن ئۇ ئىشقا قارىتا رازىلىق ئالامىتى كۆرۈلۈشى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇ ئىشنى ماقۇللىشى»دۇر. بۇ خىل ماقۇللىشى مەرفۇﺋ ھەدىسنىڭ ھۆكمىدە بولۇپ، «ئېنىق تەقرىر» ۋە «ھۆكمىي تەقرىر» دەپ ئىككى قىسىم بولىدۇ. يەنە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ساھابە كىراملارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا قىلغان ئىشلىرىنى ئەيىبلەپ ۋەھيى نازىل بولماسلىقى «ئىلاھىي تەقرىر (التَّقْرِيْرُ الْإِلهِيُّ)» بولىدۇ. فىقھىي ئىستىلاھتا بولسا: «مەسىلىنى ئىزاھلاش، رايىنى بايان قىلىش ۋە ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەتقىق قىلىش»قا ئىشلىتىلگەندەك، «مەۋجۇد ئىشنىڭ داۋاملىشىشى ۋە شۇ ھالدا قالدۇرۇشقا، يەنە قارىلانغۇچىدىن ئىقرار تەلەپ قىلىش ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش»قا ئىشلىتىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 518 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 13/140 – 143.
تەقرىرىي سۈننەت (السُّنَّةُ التَّقْرِيْرِيَّةُ): پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدا ياكى ئۇ زاتنىڭ خەۋىرى بار ھالەتتە، ساھابەلەر بىر ئىشنى قىلسا، ئۇ زاتنىڭ ئۇ ئىشقا سۈكۈت قىلىشى ۋە ئىپادە بىلدۈرمەسلىكىدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 25/266؛ «تەقرىر» ئاتالغۇسىغا قاراڭ.
تەقلىد قىلىش (التَّقْلِيْدُ): ئەرەبچىدە: «بوينىغا ئېسىۋېلىش ۋە دوراش» مەنىسىدە بولۇپ، ئىسلام فىقھىي ئىستىلاھىدا: «بىرەر ئالىمنىڭ ھۆكمىگە دەلىلىنى بىلمەستىن ئەگىشىش»تىن ئىبارەت. يەنە دەلىلسىز سۆزنى قوبۇل قىلىشنىمۇ كۆرسىتىدۇ. دەلىلگە تايانماستىن، باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئەگەشكۈچى بولسا «مۇقەللىد (الْمُقَلِّدُ)» دەپ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 90 – بەت. «دارۇل كىتابىل ئەرەبىي» نەشرىياتى، بېيرۇت، ھ. 1405؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 521 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م2017.
تەقۋالىق (التَّقْوَى): «ساقلىنىش، قورقۇش، ھەزەر ئەيلەش ۋە نېرى تۇرۇش» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ جازاسىدىن ۋە ئازابىدىن ساقلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 412 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
تەكلىف، كۆپلۈكى تەكلىفات (التَّكْلِيْفُ، التَّكْلِيْفُاتُ): ئەرەب تىلىدا مۇشەققەت مەنىسىدىكى «كۇلفەت» سۆزىنىڭ يىلتىزى بولۇپ، «كىشىنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭغا مۇشەققەت بولىدىغان نەرسىنى يۈكلەش» دېمەكتۇر. ئىستىلاھتا: «شارىئنىڭ (مۇكەللەفتىن) قىلىش ياكى تەرك ئېتىشتىن ئىبارەت مۇشەققەت بار ئىشنى تەلەپ قىلىشى»دۇر. شارىئنىڭ بۇ تەلىپى ھۆكۈم ئارقىلىق بولىدۇ (مۇشۇ ھۆكۈم «تەكلىفىي ھۆكۈم» دەپ ئاتىلىدۇ). ئۇ ھۆكۈم بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ تەلەپ قىلىش ياكى ئىختىيارلىق بېرىش مەزمۇنىدىكى مۇكەللەفلەرنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار خىتابىدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 13/248.
تەلبىسۇ ئىبلىس (شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى / تَلبِيسُ إِبْلِيسَ): ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىدىن ئاتاقلىق مۇھەددىس جامالۇددىن ئابدۇرراھمان ئىبنۇل جەۋزىي (ھ. 510 – 597 / م. 1116 – 1201) يازغان قىممەتلىك ئەسەر. ئاپتور كىتابىنى 13 بابقا بۆلۈپ، شەيتاننىڭ فىتنەلىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە شەيتاننىڭ ئويۇنلىرىدىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرغان. شەيتاننىڭ بەندىلەرنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇشتىكى تاكتىكىلىرىنى، ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئادەمزاتلارنىڭ ئۆزىنى قانداق ئالدايدىغانلىقىنى پاش قىلغان. شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى كىشىلەردىكى جاھالەتكە قاراپ كۈچىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇ ئىللەتنىڭ جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك تەبىقىلىرىدە شەكىللەنگەن ئالامەتلىرى ئۈستىدە توختالغان. بولۇپمۇ دەۋرداش مۇتەسەۋۋىفلەردىكى ھەق ۋە ساپ يولدىن بۇرۇلۇشنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئەسەرنىڭ ئىسمىنى ۋە مەزمۇنىنى ئەبۇ ھامىد ئەلغەززالىينىڭ «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش)»دىن ئالغان ھەم بېيىتقان بولسىمۇ، ئىمام غەززالىي ئۇنىڭ تەنقىدىدىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئالغان. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 633 – بەت.
تەلخسۇل مۇستەدرەك (تلخيص المستدرك): ئاتاقلىق ھەدىس ئالىمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ھاكىم نىشاپۇرىي (ھ. 321 – 405 / م. 933 – 1014) نىڭ «ئەلمۇستەدرەك» ناملىق بۈيۈك ھەدىس كىتابى ھەققىدە ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس تارىخچى ئىمام زەھەبىي (ھ. 673 – 748 / م. 1274 – 1348) تەرىپىدىن يېزىلغان ئەڭ مۇھىم ئەسەرلەردىن بولۇپ، ھاكىم نىشاپۇرىينىڭ ھەدىسلەرگە «سەھىھ» دەپ باھا بېرىشتىكى بەزى خاتا ھۆكۈملىرى تۈزىتىلگەن ئەسەردۇر. «ئەلمۇستەدرەك» بىلەن بىرلىكتە كۆپ قېتىم نەشر قىلىنغان. ئىمام قەرەداۋىينىڭ «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» ئاتلىق ئەسىرىدىمۇ ھەدىس تەخرىجلىرىدە «ئەلمۇستەدرەك» بىلەن بىرلىكتە ئىمام زەھەبىينىڭ باھالىرىمۇ بېرىلگەن.
تەلقىن قىلىش (التَّلْقِينُ): بىر كىشىنىڭ ئەگىشىپ تەلەپپۇز قىلىشى ئۈچۈن ئالدىدا ئوقۇش ۋە ئاغزىغا سېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. سەكراتتىكى كىشىلەرگە ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ (ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق)› دېگەن كەلىمەئى شاھادەتنى تەلقىن قىلىش مۇستەھەبتۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 542 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
تەنزىھىي مەكرۇھ (الْمَكْرُوهُ تَنْزِيهًا): قاراڭ: مەكرۇھ (الْمَكْرُوهُ).
تەنقىھۇل مەنات (تَنْقِيحُ الْمَنَاطِ): ئەرەب تىلىدا: «ئېرىغدىماق، كېرەكسىز قىسمىنى چىقىرىۋەتمەك، ئىخچاملىماق ۋە تازىلىماق» دېگەن مەنىدىكى تەنقىھ (تَنْقِيحُ) كەلىمەسىنىڭ ئاسقۇ مەنىسىدىكى مەنات (الْمَنَاط) كەلىمەسىگە ئىزافەت قىلىنىشى بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «نەستە بىرىنى تەيىنلىمەستىن ‹ئىللەت› دەپ بايان قىلىنغان سۈپەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئارىسىدىن قىياس قىلىشتا ئىللەتلىككە ئالاقىسىز بولغانلىرىنى شاللىۋېتىش»تىن ئىبارەت. مەسىلەن، «رامازان كۈندۈزىدە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىپ قويدۇم» دېگەن بىر ئەئرابىيغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر قۇل ئازاد قىلىۋەت» دېگەن(«سەھىھەين»). ئۇ كىشىنىڭ ئەئرابىي بولۇشى ئىللەتلىككە ئالاقىسىز بولغاچقا، بۇ سۈپەت شاللىنىدۇ ۋە قۇل ئازاد قىلىشنىڭ ئىللىتى روزىدار ھالەتتە يېقىنچىلىق قىلىشلا بولىدۇ. بۇ قىياس ۋە ئىستىنبات قاتارلىق «ئىللەتنى بىلىش يوللىرى (مَسَالِكُ الْعِلَّةِ)»نىڭ بىرى بولۇپ، ھۆكۈمنىڭ ئاسقۇسى (مَنَاطُ الْحُكْمِ) ئۇنىڭ ئىللىتىدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 14/77؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 556 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
تەنئىم (التَّنْعِيمُ): قەدىمكى مەككە مۇكەررەمەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بىر جاينىڭ نامى بولۇپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە قاراپ ماڭغاندا مەسجىدى ھەرەمدىن 7 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. ھەرەم يەنى چەكلەنگەن رايوننىڭ ئەڭ يېقىن چېكى شۇ يەر بولۇپ، ھەدىستە كەلگىنىدەك ھ. 9 – يىلى زۇلھەججە (م. 631 – يىلى مارت) ئېيىدا ھەججەتۇلۋەداﺋ ئاخىرلىشىشىغا يېقىن رەسۇلۇللاھنىڭ يوليورۇقى بىلەن ھەزرىتى ئائىشە ۋە ئاكىسى ئابدۇرراھمان (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي) شۇ يەردە ئىھرام باغلاپ كېلىپ، ئۆمرە قىلغان. مەككەدە ياشىغۇچىلار ياكى ۋاقىتلىق تۇرغۇچىلار ئۆمرە قىلماقچى بولسا، كۆپىنچە تەنئىمدە ئىھرام باغلاپ ھەرەمگە كىرىدۇ. بۇ جايغا ھ. 240 / م. 854 – 855 – يىلى خەلىفە ئەلمۇتەۋەككىل دەۋرىدە 6000 كۋادرات مېترلىق بىر مەسجىد بىنا قىلىنغان بولۇپ، ھ. 310 / م. 922 ۋە ھ. 619 / م. 1222 – يىللىرى قايتا قولدىن ئۆتكۈزۈلگەن. 1847 – يىلى ئوسمانلى سۇلتانى ئابدۇلمەجىدخان ۋە 1984 – يىلى سەئۇدى ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھى فەھد بىن ئابدۇلئەزىز تەرىپىدىن يېڭىدىن سېلىنغان بۇ مەسجىد «مەسجىدى ئائىشە»، «مەسجىدى ئۇمرە» ياكى «مەسجىدى تەنئىم» دەپ ئاتالماقتا. «تەنئىم» كۈنىمىزدە مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر. قاراڭ: سەييىد ئابدۇلمەجىد بەكر: «ئىسلامىيەتتىكى ئەڭ مەشھۇر مەسجىدلەر (أَشْهَرُ الْمَسَاجِدِ فِي الْإِسْلَامِ)»، 1/176، «سەھەر مەتبەسى نەشرىياتى»، جىددە، ﻡ. 1980؛ «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 40/452 – 453، ئىستانبۇل، م. 2012.
تەھقىقۇل مەنات (تَحْقِيقُ الْمَنَاطِ): ئەرەب تىلىدا: «‹ئەمەلگە ئاشۇرماق، ئايدىڭلاشتۇرماق، تەكشۈرمەك، دەلىل بىلەن ئىسپاتلىماق ۋە ئېنىقلىماق› دېگەن مەنىدىكى تەھقىق (تَحْقِيقُ) كەلىمەسىنىڭ ئاسقۇ مەنىسىدىكى مەنات (الْمَنَاط) كەلىمەسىگە ئىزافەت قىلىنىشى» بولۇپ، ئۇسۇلۇلفىقھ ئىستىلاھىدا: «نەس ياكى ئىجماﺋ، ياكى ئىستىنبات ئارقىلىق بىر ھۆكۈمنىڭ ئىللىتىنى بىلگەندىن كېيىن باشقا بىر مەسىلە (فەرﺋ) دە ئىللەتنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلاشتا تىرىشىش»تىن ئىبارەت. مەسىلەن، ئايەت قىبلىگە يۈزلىنىشكە بۇيرۇغان. قىبلە تەرەپ يۈزلىنىش ئىللىتى بولۇپ، مەلۇم بىر تەرەپنىڭ قىبلە ئىكەنلىكىدە شەكلىنىپ قالغاندا ئۇ تەپەككۇر قىلىپ تىرىشىش ئارقىلىق ئايدىڭلىشىدۇ. بۇ قىياس ۋە ئىستىنبات قاتارلىق «ئىللەتنى بىلىش يوللىرى (مَسَالِكُ الْعِلَّةِ)»نىڭ بىرى بولۇپ، ھۆكۈمنىڭ ئاسقۇسى (مَنَاطُ الْحُكْمِ) ئۇنىڭ ئىللىتىدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 10/232؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 401 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
تەھرىمىي مەكرۇھ (الْمَكْرُوْهُ تَحْرِيمًا): قاراڭ: مەكرۇھ (الْمَكْرُوْهُ).
تەھەججۇد (التَّهَجُّدُ): «تەھەججۇد» سۆزلۈكتە «ئۇخلاش ۋە تۈنەش» مەنىسىدە بولۇپ، فىقھتا «كېچىسى ئۇيقۇدىن قوپۇپ تاڭ ئاتقانغا قەدەر ئوقۇلىدىغان نەفلە ناماز»دۇر. ئالدىدا ئۇخلىغان بولسۇن، بولمىسۇن كېچىدىكى نەفلە نامازغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئىككى رەكئەتتىن ياكى تۆت رەكئەتتىن خاھلىغانچە ئوقۇلىدۇ. پەزىلىتى كاتتا بولغان بۇ نامازنىڭ ھۆكمى سۈننەت بولۇپ، «تەراۋىھ نامىزى» ۋە «قىيامۇل لەيل (كېچىلىك ناماز)»لەرمۇ تەھەججۇد نامىزىدۇر. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 1/507؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 14/86.
تەۋەسسۇل (التَّوَسُّلُ): ئەرەب تىلىدا: «يېقىنلىق ئىزدىمەك، ۋەسىلە قىلماق» مەنىسىدە بولۇپ، ۋەسىلە دېمەك «مەقسەتنى ھاسىل قىلىشقا ياردەمچى بولىدىغان ۋاسىتە» دېگەنلىك بولىدۇ. ئەقىدە ۋە فىقھ ئىستىلاھىدا: «تەۋەسسۇل تائەت – ئىبادەت قىلىش ۋە گۇناھتىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەش»كە قوللىنىلىدۇ، شۇنداقلا باشقىلاردىن دۇئا تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەشكىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بىرەر ئىسمى ياكى سۈپىتى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەشكىمۇ، ياكى بىرەر پەيغەمبەر، ياكى بىرەر سالىھ كىشى، ياكى ئەرش، ياكى ئۇندىن باشقىغا ئوخشاش ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەپ قىلىنغان دۇئاغىمۇ قوللىنىلىدۇ. تەۋەسسۇلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ تۈرىدە ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق، ئىختىلاپ پەقەت تۆتىنچى تۈر (يەنى بىرەر پەيغەمبەر ياكى بىرەر سالىھ كىشى ياكى ئەرشكە ئوخشاش ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقى بىلەن تەۋەسسۇل قىلىش) نىڭ بەزى جەھەتلىرىدە بار. مەسىلەن، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز بىلەن تەۋەسسۇل قىلىش ھەققىدە ئۈچ خىل قاراش مەۋجۇت. بىرىنچىسى، كۆپچىلىك فۇقەھائلار (يەنى مالىكىيلار، شافىئىيلار، مۇتەئەخخىر ھەنەفىيلەر، كۆپچىلىك ھەنبەلىيلەر): «پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىدا بولسۇن ياكى ۋاپاتىدىن كېيىن بولسۇن پەيغەمبىرىمىز بىلەن تەۋەسسۇل قىلىش جائىز» دەپ قارىغان. ئىككىنچىسى، ئىمام ئەبۇ يۈسۈف ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ: «ھەرقانداق كىشى ئاللاھقا پەقەت ئاللاھ بىلەنلا (يەنى ئاللاھنىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرى بىلەنلا) دۇئا قىلىشى لازىم» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. لېكىن، ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ ئۆزىنىڭ «ئەرش بىلەن تەۋەسسۇل قىلسا چاتاق يوق» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. ئۈچىنچىسى، ئىبنى تەيمىييە ۋە بەزى مۇتەئەخخىر ھەنبەلىيلەر: «پەيغەمبىرىمىزنىڭ زاتى بىلەن تەۋەسسۇل قىلىشنى جائىز ئەمەس» دەپ قارىغان. سالىھلار بىلەن تەۋەسسۇل قىلىشتىمۇ مۇشۇنداق ئىختىلاپ بار. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 14/149 – 164. ھەنەفىي مەزھەبنىڭ تۈۋرۈكلىرىدىن مۇھەققىق ئالىم ئىمام كەۋسەرىي مۇتلەق ھالەتتە پەيغەمبىرىمىز ۋە سالىھ كىشىلەر بىلەن تەۋەسسۇل قىلىش ھەققىدە ھەنەفىي مەزھەبتە، بەلكى ھەشۋىيلەرنى چىقىرىۋەتكەندە ئومۇمىي ئۈممەت ئارىسىدا ئىختىلاپ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ھەشۋىيلەرنىڭ بۇ مەسىلە سەۋەبلىك مۇسۇلمانلارنى مۇشرىك، بىدئەتچى دەپ قارىلاشلىرىنى قاتتىق سۆككەن. قاراڭ: ئىمام كەۋسەرىي: «كەۋسەرىي ماقالەلىرى (مقالات الكوثري)»، 339 – بەت، «تەۋفىقىييە كۇتۇبخانىسى نەشرىياتى»، قاھىرە.
تەۋلىيە / ئىزىغا سېتىش سودىسى (التَّوْلِيَةُ / بَيْعُ التَّوْلِيَةِ): ئەرەب تىلىدا: «ئىگە قىلىشنى بىلدۈرىدىغان ‹وَلَّى› كەلىمەسىنىڭ مەسدەرى»دۇر. فىقھتا: «مالنىڭ سېتىۋېلىنغان ئەسل نەرخىنىڭ خېرىدارغا بىلدۈرۈلۈشى ۋە ئۈستىگە پايدا قوشماستىن ياكى زىيان تارتماستىن ئىزىغا سېتىلىشى»دۇر. يەنى خېرىدار سېتىۋالغان مېلىدا ساتقۇچىغا پايدا بەرمىگەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى جائىزدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 14/195؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 132 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996.
تەئزىر (التَّعْزِيرُ): ئەرەب تىلىدا: «ياندۇرماق، توسماق، ئەدەبلىمەك، ياردەم بەرمەك، ھۆرمەتلىمەك» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھىي ئىستىلاھتا: «شەرىئەتتە جازا ياكى كەففارەت بەلگىلەنمىگەن جىنايەت ۋە قىلمىشلارغا قارىتا ئەدەبلەش يۈزىسىدىن بېرىلىدىغان بەش – ئون دەررە ئۇرۇشتەك ياكى جەرىمانە ئېلىشتەك ئاللاھنىڭ ياكى بەندىنىڭ ھەققى سۈپىتىدە ۋاجىب بولغان يەڭگىلرەك جازا»دىن ئىبارەت. بۇ جازانى ھاكىم ياكى قازى ئۆزى جەمئىيەت ۋە شەخس ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق بەلگىلەيدۇ. بەزى مەزھەبلەردە بەزى جىنايەتلەرگە قارىتا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىمۇ تەئزىر دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. تەئزىر جىنايەتچىنى جىنايەتنى قايتا سادىر قىلىشتىن توسۇش، ئۇنى ئىسلاھ قىلىش ۋە باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 12/254؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 395 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
تەئۋىل (التَّأْوِيلُ): ئەرەب تىلىدا: «ئەۋۋەلىگە قايتۇرماق، ئاقىۋىتى ۋە بارىدىغان جايى» مەنىسىدە بولۇپ، ئىستىلاھتا ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ: بىرى، «تەفسىر» مەنىسىدە. يەنە بىرى، «سۆزنىڭ ئېھتىماللىق مەنىسى كىتاب ۋە سۈننەتكە مۇۋاپىق دەپ قارالسا، سۆزنى ئۆزىنىڭ زاھىر مەنىسىدىن ئېھتىماللىق مەنىسىگە قايتۇرۇش» دېمەكتۇر. مەسىلەن، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ (ئاللاھ ئۆلۈكتىن تىرىكنى چىقىرىدۇ)﴾(30/«رۇم»: 19) دېگەن سۆزىگە ئوخشاش بولۇپ، ئەگەر بۇنىڭدىن تۇخۇمدىن قۇشنىڭ چىقىرىلىدىغانلىقى ئىرادە قىلىنسا، بۇ تەپسىر بولىدۇ، ئەگەر كافىردىن مۇئمىننىڭ چىقىرىلىدىغانلىقى ياكى جاھىلدىن ئالىمنىڭ چىقىرىلىدىغانلىقى ئىرادە قىلىنسا، بۇ تەئۋىل بولىدۇ. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 72 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 327 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
تەيەممۇم قىلىش (التَّيَمُّمُ): ئەرەب تىلىدا: «مەقسەت قىلىش، كۆزلەش، نىيەت قىلىش»، فىقھ ئىستىلاھىدا: «سۇ تېپىلمىغاندا ياكى سۇ ئىشلىتەلمەيدىغان ئەھۋاللاردا نامازغا ئالىدىغان تاھارەتنىڭ ۋە غۇسۇلنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان سىمۋول خاراكتېرلىك تاھارەت» بولۇپ، يۈز بىلەن ئىككى قولنى تاھارەت نىيىتى بىلەن پاكىز تۇپراق ياكى تۇپراق تۈرىدىن بولغان نەرسە بىلەن سىلاشتىن ئىبارەت. تەيەممۇم ئارقىلىق تاھارەت ئېلىش ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە ئاتا قىلغان، بۇرۇنقى ئۈممەتلەرگە بېرىلمىگەن كاتتا نېئمەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. قاراڭ: ئەلمۇۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/23؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 1/209؛ «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 438 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
تۇرۇنج (الأُتْرُجَّة): ئاپلىسىن. «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 201 – بەت؛ سۇزاپ ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ ياكى چاتقال بولۇپ، قىسقا تىكەنلىرى بولىدۇ، مېۋىسى سوقۇچاق ۋە سېرىق، شۆپۈكى يىرىك ھەم قېلىن كېلىدۇ. قاراڭ: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 330 – بەت.
تۇستەر (فارسچە: شۇشتەر / Shushtar): ئىراننىڭ خوزىستان ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئەھۋاز شەھرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان قەدىمىي شەھەر بولۇپ، خەلىفە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب دەۋرىدە ئىككى يىلدىن كۆپرەك قورشاۋغا ئېلىنىپ، تەخمىنەن ھ. 17 / م. 638 – يىلى ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قوماندانلىقىدا فەتھ قىلىنغان. م. 13 – ئەسىردە تۇستەرنى زىيارەت قىلغان ئىبنى بەتتۇتا ئۆز دەۋرىدە جامە – مەدرەسە، گۈزەر – رەستىلىرى بىلەن گۈللەنگەن چوڭ بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان. 16 – ئەسىردە شاھ ئىسمائىل سەفەۋىي تەرىپىدىن ئېلىنىپ، شىئە ھاكىمىيىتى دائىرىسىگە كىرگەن. 1722 – 1729 – يىللىرى ياۋنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان تۇستەر ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. 1832 – يىلىدىكى كولېرا ۋە 1876 – يىلىدىكى ۋابا قاتارلىق يۇقۇملاردا ئاھالە ئىنتايىن كۆپ قىرىلىپ كەتكەن. 1885 – يىلى قارۇن دەرياسىنىڭ تېشىپ كېتىشى بىلەن ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان. شۇ سەۋەبلەردىن خەلق ئاستا – ئاستا ئەھۋازغا كۆچۈپ كېتىپ، مەركەزلىك ئورنىدىن قالغان. 1973 – يىلىدىن كېيىن ئاساسىي جەھەتتىن تەرك قىلىنغان. «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 39/267، م. 2012.
تۆگە ئۇرۇشى (مَعْرَكَةُ الْجَمَلِ): ھ. 36 / م. 656 – يىلى نويابىردا خەلىفە ھەزرىتى ئەلى قوشۇنى بىلەن خەلىفە ئوسماننىڭ قاتىللىرىدىن قىساس ئېلىشنى تەلەپ قىلغان ھەزرىتى تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام ۋە ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم باشچىلىقىدىكى قوشۇن ئارىسىدا بەسرەدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتۇر. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 600 – بەت.
تىكلەنگەن تاشلار (الأَنْصَابُ): ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىنىدىغان تاش ياكى ھەيكەل قاتارلىق باتىل نەرسىلەردۇر. جاھىلىيەت دەۋرىدە كەئبىنىڭ ئەتراپىدا بۇنداق تىكلەنگەن تاشلار بار بولۇپ، مۇشرىكلار خۇدالىرىغا ۋە بۇتلىرىغا يېقىنلىشىش نىيىتى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدا قۇربانلىق قىلىشاتتى. بۇ 5/«مائىدە»: 3 -، 90 – ئايەتلەردە ئېنىق چەكلەنگەن قىلمىشتۇر. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 48 – بەت.
تىلاۋەت ۋە قىرائەت (التِّلاَوَةُ وَالْقِرَاءَةُ): ئىككىسى لۇغەتتە بىر مەنىدە. ئىككىسىنىڭ فىقھىي ئىستىلاھتىكى پەرقى شۇكى، تىلاۋەت ئىككى ۋە ئۇندىن كۆپ كەلىمەلەرنى ئوقۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئازنى ئوقۇشقا ئىشلىتىلمەيدۇ. قىرائەت بىر كەلىمەنى ئوقۇشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، «پالانى ئىسمىنى ئوقۇدى (قَرَأَ فُلاَنٌ اِسْمَهُ)» دېگىلى بولىدۇ، ئەمما «پالانى ئىسمىنى تىلاۋەت قىلدى (تَلَا فُلَانٌ اِسْمَهُ)» دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، تىلاۋەت (التِّلاَوَةُ) نىڭ ئەسلى مەنىسى بىر نەرسىنىڭ يەنە بىر نەرسىگە ئەگىشىشى دېمەكتۇر. بىرسى بىرسىگە ئەگەشسە، «تَلَاهُ» دېيىلىدۇ. شۇڭا، تىلاۋەت (تەلەپپۇزدا) بىر – بىرسىگە ئەگىشىپ چىققان كۆپ كەلىمەلەردە بولىدۇ، بىر كەلىمەدە بولمايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 33/47.
تىلاۋەت سەجدىسى (سَجْدَةُ / سُجُودُ التِّلاَوَةِ): «قۇرئان كەرىم»دىكى «سەجدە ئايەتلىرى»دىن بىرەرىنى تىلاۋەت قىلىش ياكى تىلاۋەتنى ئاڭلاش سەۋەبىدىن قىلىنىدىغان سەجدەدۇر. نامازدا ياكى نامازنىڭ سىرتىدا ئوقۇغاندا ياكى ئاڭلىغاندا سەجدە قىلىشنىڭ ھۆكمى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە سۈننەت، ھەنەفىي ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ۋاجىبتۇر. سەجدە ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندا سەجدە قىلىش تولۇق خۇشۇئنى قولغا كەلتۈرۈش، ئاللاھقا موھتاجلىقنى ئىزھار قىلىش، شەيتاننىڭ دەككىسىنى بېرىش ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغاندۇر. تىلاۋەت سەجدىسى بىر سەجدە بىلەن ئادا تاپىدۇ. ئالدى – كەينىدە تەكبىر ئېيتىش مۇستەھەب. سەجدىنىڭ ئورنىنى باشقا بىر ئىش ياكى سۆز باسالمايدۇ. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە تىلاۋەت سەجدىسى ئۈچۈن تاھارەت، نىجاسەتلەردىن پاكلىنىش، قىبلىگە يۈزلىنىش، ئەۋرەتنى يېپىش قاتارلىقلار شەرت قىلىنىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 24/212 – 233.
تىھامە (تِهَامَةُ): ئەرەب تىلىدا: «پۇراپ قالماق، سېسىماق ۋە تىنچىقماق» دېگەنلىك. ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدىكى جەنۇبتا يەمەننىڭ ئەدەندىن باشلىنىپ شىمالدا ئىئوردانىيەگە قەدەر سوزۇلغان سەرات تاغ تىزمىسى بىلەن قىزىل دېڭىز ئارىسىغا جايلاشقان ئويمانلىقنىڭ نامى بولۇپ، ھاۋاسى يازدا ئۇپ – تىنچىق بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. مەككە مۇكەررەمە، جىددە ۋە ئەدەن قاتارلىقلار ئەڭ مەشھۇر شەھەرلىرىدۇر. مەككە مۇكەررەمەگىمۇ تىھامە دېيىلىدۇ. قاراڭ: ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمِ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 2/283، «دارۇ مەككە نەشرىياتى»، مەككە، م. 2010.
جازانە / ئۆسۈم (الرِّبَا / Riba / Usury): ئارتۇق دېگەن مەنىدە بولۇپ، باشقىلارنىڭ مېلىنى بەدەلسىز ئېلىۋېلىشتۇر. جازانە بارلىق ساماۋى شەرىئەتلەردە ھارام قىلىنغان بولۇپ، شەرىئەتىمىزدىمۇ ھالاك قىلغۇچى چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن سانالغان. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان ئايەتلىرى ئىچىدە مۇنۇ ئايەتلەر بار ئىدى: ﴿ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىڭلار، قالغان جازانىنى تاشلاڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سىلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار، سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر﴾(بەقەرە: 278 – 279). ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «ئاللاھ تائالا ئۆسۈم يېگۈچىگە، يېگۈزگۈچىگە، ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغۇچىغا ۋە ئۇنى يازغۇچىغا لەنەت قىلغان». قاراڭ: مۇسلىم (1598).
جاھىلىيەت (الْجَاهِلِيَّةُ): ئەرەب تىلىدا: «نادانلىق، بىلمەسلىك ۋە مەرىپەتسىزلىك» مەنىسىدىكى «جەھل» كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»دە مەدىنەدە نازىل بولغان سۈرىلەردە كەلگەن بۇ ئاتالغۇ مىللەتلەرنىڭ ئىسلامىيەتتىن ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇنقى (ياكى پەيغەمبەرلەر زامانلىرى ئارىلىقىدىكى) دىنىي جەھەتتىن بىلىمسىزلىكتە ئۆتكۈزگەن دەۋر ۋە ھالەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. جاھىلىيەت دەۋرىدە خەلقلەر ئەقىدە، ئىبادەت، مۇئامىلە ۋە ئەخلاقتا ئېغىر دەرىجىدە نادان ۋە كرىزىسكە پاتقان ھالەتتە ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەۋەتىلىشى بىلەن بۇ دەۋر ئاياغلاشقان بولسىمۇ، بەزى شەخس ۋە جەمئىيەتلەردە جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ناچار قالدۇقلىرى تېپىلىشى مۇمكىن. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 453 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
جائىز (الْجَائِزُ): شەرىئەتتە: «توغرا ۋە قىلىش چەكلەنمىگەن، ئاللاھ تائالا بەندىگە قىلىش – قىلماسلىق ئىختىيارلىقىنى بەرگەن، قىلسا گۇناھ بولمايدىغان ھالال، مۇباھ ئىشلار»نى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، ئەقىدە ئىلمىدە: «يۈز بېرىشى ئەقلىي جەھەتتىن مۇمكىن بولغان ئىش»نى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 3 – بەت.
جەزب / جەزبە (الجَذَبُ): تەسەۋۋۇف ئاتالغۇسى بولۇپ، ئىلاھىي ئىنايەتنىڭ بەندىنى ئۆز ھۇزۇرىغا يېقىن تارتىشىدۇر. تارتىلغۇچىنىڭ جىمى مەنزىل ۋە ماقاملارنى جاپا – مۇشەققەتسىز بېسىپ ئۆتۈشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا پۈتۈن ئېھتىياجىنى تەييارلاپ بېرىدۇ. بۇ جەھەتتىن تارتىلغۇچى «مەجزۇب» يولنى رىيازەت ۋە چېنىقىش بىلەن باسىدىغان «سالىك»تىن پەرقلىنىدۇ. مەجزۇب ــ «مۇراد (ئىرادە قىلىنغۇچى)» دەپ ئاتالسا، سالىك ــ «مۇرىد (ئىرادە قىلغۇچى)» دەپ ئاتىلىدۇ. تەسەۋۋۇف شەيخلىرىنىڭ قارىشىچە، تارتىلغۇچى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يېقىن تارتىلغان «مەجزۇب» بۇ يولدا داۋاملىشىپ ئىلگىرىكى ھالىتىگە قايتمىسا، «ئاشىق» دەپ ئاتىلىدۇ. قايتىپ يولىنى داۋاملاشتۇرسا «مەجزۇب سالىك» دەپ ئاتىلىدۇ. يولىنىڭ ئاخىرىدا جەزب قىلىنغان سالىك «سالىك بولغان مەجزۇب» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىككىلىسى شەيخلىك ۋە مۇرىدلەرنى تەربىيەلەش مەرتىۋىسىگە لايىق بولىدۇ. مۇتەسەۋۋىفلەرنىڭ جەزب ھەققىدىكى بايانلىرىدا ئەقىلنىڭ يوقىلىپ شەرئىي تەكلىفاتلارنى بوينىدىن ساقىت قىلىدىغان ساراڭلىق دەرىجىسىگە يېتىش توغرۇلۇق سۆز بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىزاھاتلىرى مەجزۇبنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن مەشغۇل بولۇشىغا، خۇدىنى يوقىتىشىغا ئىشارە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، جەزبە تۇتقان «مەجزۇب» كىشى ئەقلى – ھوشى جايىدا بولسىمۇ، كىشىلەرگە ئوي – پىكرى قالايمىقان، گەپ – سۆزى ئېلىشاڭغۇ كۆرۈنىدۇ. ئەللامە ئىبنى خەلدۇن «مەجزۇب»نىڭ تەكلىف شەرتى بولغان ئەقىلنى يوقاتقان كالۋا، ساراڭلار قاتارىغا قوشۇۋېتىشكە مايىل بولغان ۋە ئۇنى مۇقەررەب ئەۋلىيا دېيىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاۋامنىڭ دەرىجىسىدىنمۇ تۆۋەن دەپ قارىغان، قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 458 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 140 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996.
جەھمىيە (الْجَهْمِيَّةُ): قۇرغۇچىسى جەھم ئىبنى سەفۋان ئەتتىرمىزىيغا نىسبەت بېرىلگەن بۇ تائىپە، ھ. 2 / م. 8 – ئەسىردە تىرمىزدا پەيدا بولغان بولۇپ، «كىشى تىلدا ئېتىراپ قىلمىسىمۇ دىلدا ئىقرار قىلىش بىلەن مۇئمىن بولىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش ئازغۇن قاراشلىرى، شۇنداقلا ئاللاھنى مەخلۇققا ئوخشاتماسلىق ئۈچۈن قول ۋە يۈز دېگەندەك سۆزلەرنى تەئۋىل قىلىش، ئەزەلىي سۈپەتلەرنى ئىنكار قىلىش ۋە ئىنساندا ئىختىيارلىق يوق دېيىشتەك قاراشلىرى بىلەن تونۇلغان.
جەنابەت (الْجَنَابَةُ): قاراڭ: جۇنۇب (الْجُنُبُ).
جەۋھەر ۋە ئەرەز (الجوهَرُ وَالعَرَضُ): ئەرەب تىلىدا جەۋھەر (الجوهَرُ) كەلىمەسى «بىرنەرسىنىڭ ھەقىقىتى، ماھىيىتى ۋە ئېسىل تاش (گۆھەر)» نى، ئەرەز (العَرَضُ) كەلىمەسى «ئىنسان ۋاقىتلىق دۇچار بولىدىغان ئەھۋال ۋە مال – دۇنيا»نى كۆرسىتىدۇ. مۇتەكەللىملەر ئىستىلاھىدا بۇ ئىككى كەلىمە بىر – بىرى بىلەن باغلىنىپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار «جەۋھەر ۋە ئەرەز» دەلىلىنى ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىسپاتلاشتا ئىشلەتكەن. ئۇلار ئالەم (يەنى ئاللاھ تائالادىن باشقا پۈتۈن مەۋجۇدات) نى ئەرەزلەردىن ئايرىلمايدىغان جەۋھەر ۋە جەۋھەردىن ئايرىلمايدىغان ئۆزگىرىشچان ئەرەز دەپ ئىككىگە بۆلۈشىدۇ. جەۋھەر: «ئۆزى بىلەن قائىم بولغان، بوشلۇق بولمىسىمۇ مەۋجۇد بولالايدىغان، بوشلۇق ئىگىلىشى ئۆز زاتى بىلەن بولىدىغان، بوشلۇق ئىگىلىشى ئىككىنچى بىرنەرسىنىڭ بوشلۇق ئىگىلىشىگە تاﺑﯩﺌ بولمايدىغان مەۋجۇد نەرسە». ئەرەز: «ئۆز زاتى بىلەن تۇرالمايدىغان نەرسە». ئەرەزنىڭ بوشلۇق ئىگىلىشى جەۋھەرنىڭ بوشلۇق ئىگىلىشىگە تابىئتۇر. مەسىلەن، جىسىم جەۋھەر، رەڭ ئەرەزدۇر. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 1/149، 2/594؛ تەفتازانىي: «شرح العقائد النسفية»، 40 – بەت، «دارۇ ئىھيائىتتۇراس ئەلئەرەبىي» بېيرۇت، م. 2014؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 638 -، 1105 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
جۇرۇف (الْجُرُفُ): مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ غەربىي شىمالىغا، شامغا قاراپ ماڭغاندا ئالتە كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان قۇدۇقلىرى بىلەن مەشھۇر باغۇ – بوستانلىق جاي. جۇشەم ۋە جەمەل قۇدۇقلىرى، شۇنداقلا ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋەقف قىلغان رۇۋمە قۇدۇقىمۇ شۇ جايدا ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شەرقىي رۇم (بىزانس) غا قارشى ھەزرىتى ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قوماندان قىلىپ تەيىنلىگەن قوشۇنمۇ شۇ جايدا بارگاھ قۇرغان ئىدى. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «بُحُوْثٌ وَدِرَاسَاتٌ فِي اللَّهَجَاتِ الْعَرَبِيَّةِ (ئەرەب تىلى دىئالېكتلىرى ھەققىدە تەتقىقاتلار)»، 16/4، «ئەرەب تىلى كومىتېتى»، قاھىرە، م. 2014؛ ئاتىق ئىبنى غەيس ئەلبىلادىي: «مُعْجَمُ مَعَالِمِ الْحِجَازِ (ھىجازدىكى مەشھۇر جايلار قامۇسى)»، 2/353، «دارۇ مەككە نەشرىياتى»، مەككە، م. 2010.
جۇنۇب (الْجُنُبُ): ئەرەب تىلىدا: «ساقلانغۇچى، يىراق تۇرغۇچى» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «ئېھتىلام بىلەن ياكى باشقا يول بىلەن مەنىي چىقارغان ياكى جىما قىلغان كىشى»نى كۆرسىتىدۇ. جۇنۇب كىشى ناماز ئوقۇش، مەسجىدكە كىرىش، تاۋاپ قىلىش ۋە قۇرئاننى تۇتۇش قاتارلىق ئىبادەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇلغاچقا شۇنداق ئاتالغان. بويىنى سۇغا سېلىش پەرز بولغان ئاشۇنداق ھالەت «جەنابەت (الْجَنَابَةُ)» دېيىلىدۇ. قاراڭ: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 16/47 – 54؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 146 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996.
جۇزئىي، كۆپلۈكى جۇزئىييات (الْجُزْئِيِّ، الْجُزْئِيَّاتُ): ئەرەب تىلىدا: «پارچە ۋە ئۈلۈش» دېگەن مەنىدىكى جۇزﺋ (الْجُزْءُ) كەلىمەسىگە نىسبەت بېرىلگەن بولۇپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بىر ماھىيەتتە ئورتاق بولماسلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىدا: «تەسەۋۋۇر قىلىنغىنىدا كۆپ نەرسىگە ئورتاق بولۇشى چەكلىنىدىغان مەنە». مەسىلەن، «زەيد» كەلىمەسى پەقەت مۇئەييەن بىر شەخسنىلا بىلدۈرىدۇ. زەيدتىن باشقىلار ئۇ ئىسىمدا ئورتاق بولمايدۇ. دېمەك، «جۇزئىي»لىك ئورتاقلىقتىن توسىغۇچى ھەقىقىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ «ھەقىقىي جۇزئىي» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ قارشىسىدا «ھەقىقىي كۇللىي» بولىدۇ. «جۇزئىي» يەنە ھايۋانغا نىسبەتەن ئىنساندەك، بىرنەرسىدىن خاسراق نەرسىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بۇ «ئىزافىي جۇزئىي» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ قارشىسىدا «ئىزافىي كۇللىي» بولىدۇ. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 1/120؛ قازى ئەھمەدنەكرىي: «دەستۇرۇل ئۆلەماﺋ»، 1/271؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 613 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
جىزيە (الْجِزْيَة): ئىسلام دۆلىتىدىكى كافىر گىراژدانلارنىڭ ساغلام ئەرلىرىدىن ئېلىنىدىغان باج. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 66 – بەت.
ﺟﯩﮭﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ (الْجِهَادُ): ئەرەب تىلىدا: «تاقىتىنىڭ يېتىشىچە كۈچ چىقىرىش» مەنىسىدە بولۇپ، ئىسلام فىقھىدا: «مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ كەلىمەسىنى ئۈستۈن قىلىش نىيىتىدە ئەھدىنامە تۈزۈشمىگەن كافىرلارنى (ياكى مۇرتەدلەرنى ۋەياكى توپىلاڭچىلارنى) ئىسلامغا (ياكى تائەتكە) دەۋەت قىلسا، قوبۇل قىلىشتىن باش تارتسا، سۆز ۋە ئىش – ھەرىكىتىدە پۈتۈن كۈچ – تاقىتىنى سەرپ قىلىپ تۇرۇپ قوراللىق ئۇرۇشۇشى»نى كۆرسىتىدۇ. جىھاد ھىجرەتنىڭ 2 – يىلى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىر﴾(22/«ھەج»: 39) دېگەن ئىجازىتى بىلەن يولغا قويۇلغان بولۇپ، جىھادنىڭ مەقسىتى مۇسۇلمانلار دىيارىنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىش، كافىرلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن توسالغۇلارنى يوقىتىش ۋە ئۇلارنى ئىسلام ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگۈزۈش قاتارلىقلاردۇر. جىھادنىڭ يەنە قورالسىز باشقا تۈرلۈكىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار «مۇناپىقلار بىلەن جىھاد قىلىش» ۋە «نەفس بىلەن جىھاد قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 489 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى قامۇسى)»، 630 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
چاشگاھ (الضُّحَى): تاڭ ئېتىپ، قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەن، ئاپتاپنىڭ تەپتى سېزىلىشكە باشلىغان ﭼﺎﻍ. قاراڭ: «ئەرەب تىلى كومىتېتى»: «ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت»، 1/535؛ مۇھەممەد سالىھ، «ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت»، 2/129؛ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، ت – خ، 642 – بەت.
چاشگاھ نامىزى (صَلاَةُ الضُّحَى): قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ تىكلەشكەنگە قەدەر ئوقۇلىدىغان كۈندۈزگە تەۋە نەفلە نامازدۇر. ئىككى رەكئەتتىن سەككىز رەكئەتكىچە ئوقۇلىدۇ. پەزىلىتى كاتتا بولغان بۇ نامازنىڭ ھۆكمى مۇستەھەب ۋە سۈننەت بولۇپ، چاشگاھ نامىزى يەنە «سەلاتۇل ئەۋۋابىن (ئىتائەتمەنلەر نامىزى / صَلَاةُ الْأَوَّابِينَ)»، «سەلاتۇل ئىشراق (كۈن يورۇش نامىزى / صَلَاةُ الْإِشْرَاقِ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 479 – بەت.