«دۈمبەڭگە ئۇرۇپ، مېلىڭنى تارتىۋالسىمۇ، يەنىلا گېپىنى ئاڭلاپ، ئىتائەت قىلغىن!» دېگەن ھەدىسنىڭ سەنەدى

«دۈمبەڭگە ئۇرۇپ، مېلىڭنى تارتىۋالسىمۇ، يەنىلا گېپىنى ئاڭلاپ، ئىتائەت قىلغىن!» دېگەن ھەدىسنىڭ سەنەدى

ھۆكۈمدار ۋە رەئىييەت مۇناسىۋەتلىرىدە

 «دۈمبەڭگە ئۇرۇپ، مېلىڭنى تارتىۋالسىمۇ، يەنىلا گېپىنى ئاڭلاپ، ئىتائەت قىلغىن!» دېگەن ھەدىسنىڭ سەنەدى ئۈزۈكتۇر

ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي

 

كىشىلەر زالىم ھاكىملارغا بويسۇنۇشتا ئاساسلىق تايانچ قىلىۋالغان ھەدىس بولسا، «سەھىھۇ مۇسلىم»دە ئەبۇ سەللامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھۇزەيفە ئىبنى يەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن:

 — ئى رەسۇلۇللاھ! بىز (جاھىلىيەت دەۋرىدە) يامان ھالەتتە ئىدۇق. كېيىن ئاللاھ بىزگە بۇ ياخشى دىننى ئاتا قىلدى. مانا بىز ئۇنىڭدا. بۇ ياخشىلىقتىن كېيىن يامانلىق كېلەمدۇ؟ — دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

 — ھەئە، كېلىدۇ، — دېدى.

 — ئۇ يامانلىقتىن كېيىن يەنە ياخشىلىق كېلەمدۇ؟ — دەپ سورىغانىدىم:

 — ھەئە، كېلىدۇ، — دېدى.

 — ئۇ ياخشىلىقتىن كېيىن يەنە يامانلىق كېلەمدۇ؟— دەپ سورىغانىدىم:

 — ھەئە، كېلىدۇ، — دېدى. مەن:

 — قانداق؟ — دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

 — مەندىن كېيىن مېنىڭ يولۇمدا ماڭمايدىغان، سۈننىتىمنى تۇتمايدىغان بىرقىسىم باشلىقلار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سىياقى ئىنسان، ئەمما قەلبلىرى شەيتان بولغان بىر تۈركۈم ئىنسانلار چىقىدۇ، — دېدى.

 — ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ زامانغىچە ياشاپ قالسام، قانداق قىلىمەن؟ — دەپ سورىغانىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— باشلىقنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغىن ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغىن! دۈمبەڭگە ئۇرۇپ، مېلىڭنى ئالسىمۇ، يەنە قۇلاق سېلىپ، ئىتائەت قىلغىن! — دېدى»(1).

مۇھەددىسلەرنىڭ نەزەرىدە ئايان بولغىنىدەك، «سەھىھۇ مۇسلىم» ئىككى تۈرلۈك ھەدىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

بىرى، «ئاساسلىق ھەدىسلەر» دەپ ئاتالغان ھەدىسلەر بولۇپ، بۇ ھەدىسلەرنى ئىمام مۇسلىم قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ سەنەدلىرىدە مەسىلە بولسا ھەرگىز «مەيلى» دەۋەتمەيدۇ ۋە ئۇ ھەدىسلەرنى تەقۋادارلىقى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئەڭ يۇقىرى دەپ باھا بېرىلگەن راۋىيلەرنىڭ ھەدىسلىرىدىن تاللايدۇ.

يەنە بىرى، «مۇتەبەئات»(2) بولۇپ، بۇ تۈرلۈك ھەدىسلەردە بىرىنچى تۈردىكىدەك قاتتىق ئۆلچەملەر شەرت قىلىنمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئۇ ھەدىسلەرنىڭ سەنەدىدە بەزىبىر زەئىفلىك تېپىلىپ قېلىشى مۇمكىن. بىز توختالماقچى بولغان ھەدىسمۇ دەل مۇشۇ تۈردىندۇر. شۇڭا، ئىمام دارەقۇتنىي «ئەلئىلزامات ۋەتتەتەببۇﺋ» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام مۇسلىم مۇئاۋىيە ئىبنى سەللامنىڭ ھەدىسىنى زەيد ئارقىلىق ئەبۇ سەللامدىن رىۋايەت قىلغان. ئەبۇ سەللام مۇنداق دېگەن: ‹ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدى: بىز يامان ھالەتتە ئىدۇق، كېيىن ئاللاھ بىزگە بۇ ياخشى دىننى ئاتا قىلدى … ›» ئىمام دارەقۇتنىي داۋام قىلىپ: «بۇ مېنىڭ نەزەرىمدە ‹مۇرسەل› ھەدىستۇر. ئەبۇ سەللام ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ياكى ئىراققا يەرلەشكەن ئۇنىڭ تەڭ دېمەتلىكلىرىدىن ھەدىس ئاڭلاپ باقمىغان. چۈنكى، ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلۈپ بىرقانچە كۈندىن كېيىنلا ۋاپات تاپقان. ئىمام مۇسلىممۇ بۇ ھەدىستە: ‹ھۇزەيفە دېدى› دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەن (ھۇزەيفەدىن ئاڭلىدىم ياكى ماڭا سۆزلەپ بەردى، دېمىگەن). مانا بۇ ئۇ ھەدىسنىڭ ‹مۇرسەل› ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ»(3) دەيدۇ.

ئىمام مىززىي ئەبۇ سەللامنىڭ تەرجىمىھالىدا: «ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان. ئۇ ھەدىسلەر ‹مۇرسەل› دېيىلىدۇ» دېگەن(4).

ھافىز ئىبنى ھەجەر: «ئەبۇ سەللام ھۇزەيفە، ئەبۇ زەر ۋە باشقا ساھابەلەردىن ‹مۇرسەل› ھەدىس رىۋايەت قىلغان» دېگەن. بۇنى ئىمام ئەلائىي «جامىئۇتتەھسىل» دېگەن كىتابىدا(5) رىۋايەتلىرىگە مۇرسەللىك بىلەن ھۆكۈم پىچىلغان راۋىيلەر ھەققىدە توختالغاندا قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن.

ئىمام نەۋەۋىي «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»دە مۇنداق دېگەن: «ئىمام دارەقۇتنىي: ‹بۇ مېنىڭ نەزەرىمدە مۇرسەل ھەدىستۇر. ئەبۇ سەللام ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس ئاڭلاپ باقمىغان› دېگەن. دەرۋەقە مەسىلە ئىمام دارەقۇتنىي دېگەندەك. لېكىن، ھەدىسنىڭ مەتنى بىرىنچى يول بىلەن سەھىھ ۋە سەنەدى تۇتاشقاندۇر. كۆرگىنىڭىزدەك، ئىمام مۇسلىم بۇ ھەدىسنى پەقەتلا مۇتەبەئات (باشقا ساھابىدىن ئوخشاش مەزمۇندا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەر) سۈپىتىدە كەلتۈرگەن. بىز ‹ئەلفۇسۇل›(6) ۋە باشقا ئورۇنلاردا بايان قىلدۇقكى، مۇرسەل ھەدىس باشقا بىر يولدىن سەنەدى تۇتاشقان ھالەتتە رىۋايەت قىلىنسا، بىز ئۇنىڭدىن مۇرسەل ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىنى بىلىۋالالايمىز. بۇ ئەھۋالدا ئۇنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. نەتىجىدە شۇ بىر مەسىلىدە ئىككى سەھىھ ھەدىس بولغان بولىدۇ»(7).

ئەھۋال ئەنە شۇنداق، ئىمام مۇسلىمنىڭ دېگەنلىرىمۇ ئەگەردە سەنەدى تۇتاش بولغان ئەسلى ھەدىس ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقىچە ۋە يېڭى ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان تەقدىردە ئورۇنلۇق. ئۇنداق بولمىسا، سەنەدى تۇتاشمىغان رىۋايەت بىلەن سەنەدى تۇتاشقان ھەدىستە كەلمىگەن ئارتۇق مەزمۇن (ئىنتايىن نازۇك بولۇشىمۇ مۇمكىن) نى «سەھىھ» دېمەيمىز(8).

ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىكى بۇ ئارتۇق ئىبارە «سەھىھ» دېيىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ئومۇملۇقى يوق خاس خىتابتۇر. چۈنكى، ئۇ ئادەتتىكى ئومۇملۇق ئىبارىلىرى بىلەن كەلمىگەن. بەلكى ئۇ ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ساھابە كىراملاردىن بولغان خەلىپىلەر توغرۇلۇق خاس بىر ۋەسىيەت بولسا كېرەك. ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

شۇنداقتىمۇ، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ مال – مۈلكىنى قوراللىق ئۇرۇشۇش دەرىجىسىگە قەدەر قوغدىسا بولىدىغانلىقى، ھەتتا بۇ يولدا ئۆلتۈرۈلسىمۇ شەھىد بولىدىغانلىقى ھەققىدە سەھىھ ھەدىسلەر بار. مەسىلەن، «سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە: «كىمكى مال – مۈلكىنى قوغداش يولىدا ئۆلتۈرۈلسە شەھىدتۇر» دەپ كەلگەن(9). يەنە ئۆيىدىكى كىشىگە ھۇجۇم قىلغان كىشىدىن ئۆزىنى قوغداش ھەققىدىكى بىر ھەدىستە، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! بىرسى كېلىپ مال – مۈلكۈمنى تارتىۋالىمەن دېسە، قانداق قىلىمەن؟ — دەپ سورىدى.

— ئۇنىڭغا مال – مۈلكۈڭنى بەرمە، — دېدى. ئۇ كىشى:

— مەن بىلەن ئۇرۇشسىچۇ؟ — دېۋىدى.

— سەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشقىن، — دېدى.

— ئەگەر ئۇ مېنى ئۆلتۈرۈۋەتسىچۇ؟ — دېۋىدى.

— ئۇنداقتا سەن شەھىدسەن، — دېدى.

— ئەگەر مەن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتسەمچۇ؟ — دېۋىدى.

— ئۇ دوزاختا، — دېدى»(10).

 

«ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

——————————
1. «مۇسلىم»، 1847 – ھەدىس.
2. «مۇتەبەئات (المتابعات)»: مەلۇم بىر راۋىينىڭ بىر ھەدىسنى مەلۇم بىر ساھابەدىن رىۋايەت قىلىشتا باشقا بىر راۋىينىڭ رىۋايىتىگە ئوخشاش رىۋايەت قىلىشى بولۇپ، بىر راۋىي ئۇ ھەدىسنى ئىككىنچى بىر راۋىينىڭ ئۇستازى ياكى ئۇنىڭمۇ ئۈستىدىكى راۋىيلەردىن رىۋايەت قىلىشى مۇمكىن. باشقا راۋىينىڭ ئۇستازىدىن ئوخشاش سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلسا، «تولۇق مۇتابەئات (الْمُتَابَعَةُ التَّامَّةُ)»، ئۇنىڭدىنمۇ ئۈستىدىكى راۋىيلەردىن رىۋايەت قىلسا، «كەمتۈك مۇتابەئات (الْمُتَابَعَةُ الْقَاصِرَةُ)» بولىدۇ. «مۇتەبائات»تىن مەقسەت بىرەر ھەدىسنى كۈچلەندۈرۈش بولغاچقا، مۇھەددىسلەر ئۇنىڭ بىلەن بەزى ھەدىسلەرنى «سەھىھ لىغەيرىھى» ياكى «ھەسەن لىغەيرىھى» دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. قاراڭ: «موسوعة علوم الحديث الشريف (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 621 – 622 – بەتلەر؛ «معجم مصطلحات العلوم الشرعية (شەرئىي ئىلىملەر ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى قامۇسى)»، 1408 – 1409 – بەتلەر. — ت.
3. ئىمام دارەقۇتنىي: «ئەلئىلزامات ۋەتتەتەببۇﺋ»، 182 – بەت، 53 – نومۇر.
4. ئىمام مىززىي: «تەھزىبۇل كەمال»، 28 – توم، 484 – بەت، 6172 – تەرجىمىھال. — ت.
5. ئىمام ئەلائىي: «جامىئۇتتەھسىل»، 286 – بەت.
6. ئىمام نەۋەۋىينىڭ ئىمام مۇسلىمنىڭ «ئەلمۇسنەدۇسسەھىھ (سەھىھۇ مۇسلىم)» كە يازغان «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم» نامى بىلەن تونۇلغان «ئەلمىنھاج»نىڭ مۇقەددىمەسىدىكى پاراگرافلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. — ت.
7. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 6 – توم، 321 – بەت. — ت.
8. بۇ يەردە ئىمام قەرەداۋىينىڭ سەھىھ ئەمەس دېگىنى «سەھىھەين»دە بىرلىككە كېلىنگەن رىۋايەت ئەمەس. بەلكى، «مۇسلىم»دىكى «مۇتەبەئات»تا زىيادە كەلگەن «دۈمبەڭگە ئۇرۇپ، مېلىڭنى ئالسىمۇ، يەنە قۇلاق سېلىپ، ئىتائەت قىلغىن» دېگەن جۈملىدۇر. بىر قىسىم مۇھەددىسلەر بۇ جۈملىنى سەنەد جەھەتتىن زەئىف دەپ قارىغان. يەنە بىر قىسىم مۇھەددىسلەر، بۇ ئىبارە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە زۇلۇمنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان ئىسلام شەرىئىتىنىڭ روھىغا زىت بولغاچقا، ئۇنى مۇنكەر دەپ قارىغان. ئەمما، بۇ جۈملىنى ھاكىم، زەھەبىي («ئەلمۇستەدرەك»، 8533 – ھەدىس) ۋە ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2739 – ھەدىس) قاتارلىقلار: «سەھىھ» دەپ قارىغان ۋە: «ئەبۇ سەللام ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس ئاڭلىغان. مۇرسەل دېيىلگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ رىۋايىتى باشقا مۇتەبائاتلار بىلەن كۈچلىنىپ سەھىھ بولىدۇ» دېگەن. ئۇ جۈملىنى «سەھىھ» دېگەن قاراش بويىچە مەزكۇر ھەدىسنىڭ مەنىسى: مۇسۇلمانلاردىن بولغان رەئىس گەرچە زۇلۇم سالسىمۇ بىرلىكنى بۇزۇپ بۆلۈنۈش ۋە دۈشمەننىڭ بېسىۋېلىشىدەك چوڭ زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش ئاچماسلىق كېرەك، زۇلۇم ۋە مەئسىيەتلىرىگە قارىتا نەسىھەت قىلىش لازىم دېگەن بولىدۇ. — ت.
9. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 2480 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 141 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
10. «مۇسلىم»، 140 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 8299 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ