شەيخ ئۇلۇغ ئاخۇن قۇدۇس خەلپىتىم

شەيخ ئۇلۇغ ئاخۇن قۇدۇس خەلپىتىم

(ھ. 1303– 1369/ م. 1885 – 1949)

مەرھۇم شەيخنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ قۇدۇس ئىبنى ئىسھاقخان بولۇپ، ھىجرىيە 1303 – يىلى  قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى «مىڭخال» دېيلىدىغان كوچىدا دۇنياغا كەلگەن. دىنىي بىلىملەرنى قەشقەردىكى «خانلىق»، «قازان»، «ساقىيە» قاتارلىق مەدرىسەلەردە ھۆرمەتكە سازاۋەر، مۆھتەرەم ئالىملاردا ئوقۇغان. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى، بۇ مەدرىسەلەرنىڭ ئارىلىقى ئانچە يىراق ئەمەس ھەم شۇ ۋاقىتتىكى چوڭ ئالىملار مەزكۇر مەدرىسەلەرنىڭ ھەممىسىگە تارقالغان، ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ مەدرىسەىلەرنىڭ ئارىسىدا قاتناپ ئوقۇيتتى. ئۇلۇغ قۇدۇس مەكتەپ پۈتتۈرۈپ «ئىجازەت»كە نائىل بولغاندىن كېيىن، «ساقىيە مەدرىسەسى»گە ئوقۇتقۇچىلىققا، قوشۇمچە چوڭ جامەنىڭ خاتىبلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلەنگەندىن كېيىن ئوقۇ – ئوقۇتۇشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن ۋە بىر ئۆمۈر شۇ خىزمەتنى داۋاملاشتۇرغان.

شەيخ ئۇلۇغ قۇدۇس ئاخۇن خەلپىتىم ھىجرىيە 1369 – يىلى ۋاپات بولغان.

ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا مۆھتەرەم شەيخكە رەھمەت قىلغاي ۋە قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە ھەسسىلەپ ئەجىر بەرگەي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ