ھاجىلار قۇربانلىق قىلىشى كېرەكمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ھاجىلار ھەج ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغان تەقدىردە، ئادەتتىكى قۇربانلىقنى ھەم قىلىشى كېرەكمۇ؟ ياكى ھەجنىڭ قۇربانلىقى ئادەتتىكى قۇربانلىققىمۇ ھېساب بولامدۇ؟ ئەگەر ئەر ھەجگە كېتىپ، ئايال – بالىۋاقىلىرى يۇرتىدا قالغان بولسا، ئۇلار ئۈچۈن ئايرىم قۇربانلىق قىلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئىسلامدا ھەج ئۈچ تۈرلۈكتۇر:

1) «ھەج تەمەتتۇﺋ / التَّمَتُّعُ»: ھەج ئايلىرىدا ئالدى بىلەن ئۆمرەگە ئىھرام باغلاپ كېلىپ، ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىھرامدىن چىقىپ كۈتۈپ تۇرۇپ، ھەج كۈنلىرى كەلگەندە شۇ يىلقى ھەجگە قايتا ئىھرام باغلاپ ھەج قىلىشتۇر؛

2) «ھەج قىران / الْقِرَانُ»: ھەج ئايلىرىدا ئۆمرەگە ئىھرام باغلاپ، ھەجنى شۇ بىر ئىھرام بىلەن بىللە قىلىشتۇر. شۇنىڭغا ھەم دىققەت قىلىش كېرەككى، بىر قىسىم ھەدىس ۋە سەلەفلەرنىڭ بايانلىرىدا «ھەج قىران» يەنە «ھەج تەمەتتۇﺋ» دەپمۇ ئىپادىلەنگەن. چۈنكى، «ھەج قىران» ۋە «ھەج تەمەتتۇﺋ» شەكلەن ئازراق ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىككىلىسى بىر قېتىمدا ئۆمرە بىلەن ھەجنى بىراقلا ئادا قىلىشتىن بەھرىمەن بولۇشتۇر؛

3) «ھەج ئىفراد / الإِفْرَادُ»: يەككە ھەج يەنى ھەج ئايلىرىدا پەقەت ھەجگىلا ئىھرام باغلاپ ئۆمرە قىلماي يالغۇز ھەجلا قىلىشتۇر.

«ھەج تەمەتتۇﺋ» ياكى «ھەج قىران» نى نىيەت قىلىپ ھەرەمگە سەپەر قىلغان ئەر ياكى ئايال ھەربىر كىشى ھەرەمدە قۇربان ھېيت كۈنى ئۆزىگە ئايرىم «ھەدىيە قۇربانلىق» قان قىلىشى ۋاجىبتۇر. «ھەدىيە قۇربانلىق» دېگىنىمىز — ھەرەمگە ھەدىيە قىلىنىپ قۇربانلىق قىلىنىدىغان چارۋىنىڭ ئىسمى بولۇپ، تۆۋىنى بىر قويدۇر. ناۋادا ئىقتىسادى يار بەرمىگەنلىكتىن ياكى باشقا سەۋەبتىن قۇربانلىق قىلىدىغان چارۋا مال تاپالماي قالسا، ئۈچ كۈن روزا تۇتىدۇ. بۇ ئۈچ كۈن روزىنى زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى 10 كۈنى ئىچىدە تۇتۇۋالسا دۇرۇس بولىدۇ. تۇتۇپ بولۇش بەلگىلەنگەن ۋاقتىنىڭ ئەڭ ئاخىرى ئەرافات كۈنىدۇر. قالغان يەتتە كۈننى ھەج پائالىيەتلىرىدىن بىكار بولۇپ، مىنادىن مەككەگە (يەنە بىر قاراشتا يۇرتىغا) قايتقاندىن كېيىن تۇتىدۇ.

ئاللا تائالا دېگەنكى: ﴿… ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، (پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرە قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم) مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە (يەنى ھەرەمدە) مۇقىم ئولتۇرمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر﴾(2/«بەقەرە»: 196).

يۇقىرىقىسى بۇ خىل ھەج قىلىدىغانلار ئۈچۈن ۋاجىب بولغان «ھەدىيە قۇربانلىق»ى بولۇپ، ھاجى خاھلىسا، بۇنىڭغا قوشۇپ نەپلە «ھەدىيە قۇربانلىق» قىلىشى مۇستەھەب بولىدۇ. نەپلە ھەدىيە قۇربانلىقى دېگەن «تەمەتتۇﺋ» ياكى «قىران ھەج» قىلغان كىشىنىڭ ۋاجىب بولغان قۇربانلىقىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئارتۇق قىلغان قۇربانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىقى «ھەج تەمەتتۇﺋ» ياكى «ھەج قىران»نى نىيەت قىلىپ ھەرەمگە سەپەر قىلغان كىشى ھەدىيە قۇربانلىق قىلىدىغان، ھېيت نامىزى ئوقۇمايدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئادەتتىكى قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىب ئەمەس، چۈنكى رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ۋىدالىششى ھەجى(1)دە ھەدىيە قۇربانلىقتىن باشقا ئادەتتىكى قۇربانلىق قىلمىغان. يەنە كېلىپ، مۇساپىرغا قۇربانلىق ۋاجىب ئەمەس. ئائىلىسى بىلەن بىللە ھەجگە بارغۇچىنىڭ ھەدىيە قۇربانلىقتىن باشقا ئادەتتىكى قۇربانلىق قىلىشىغا قارىتا ئوخشىمىغان قاراشلار بار. «جائىز» دېگەنلەرمۇ، «مۇستەھەب» دېگەنلەرمۇ، «سۈننەت» دېگەنلەرمۇ، ھەتتا ئەكسىچە، «سۈننەتكە خىلاپ» دېگۈچىلەرمۇ بار. ئەمما، ئائىلىسىنى ئېلىپ بارمىغان بولسا، ئائىلىسىنىڭ يۇرتتا قۇربانلىق قىلىدىغانلىقىدا ئىختىلاپ يوقتۇر(2).

نېمە ئۈچۈن دېگەندە، ئادەتتىكى قۇربانلىقتا كىشىگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بىر قوي يېتەرلىك بولاتتى. مەزكۇر ئىككى خىل ھەجدىكى ۋاجىب بولغان «ھەدىيە قۇربانلىق» ھەربىر ھاجىغا ئايرىم – ئايرىم ۋاجىب بولغان قان قىلىش بولغاچقا، ھەر ھاجى ئۆزىگە ئايرىم، ھەجدىكى ئايالىغا ئايرىم، ئانىسىغا ئايرىم… قان قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ. ھەجگە بارغان ئەر ھەدىيە قۇربانلىقنى قىلغىنىدا، ئۇنى ئادەتتىكى قۇربانلىققا ھېسابلىۋەتكىلى بولمىغاچقا، يۇرتتىكى ئايال – بالىۋاقىلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغان بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئۈچۈن ئايرىم قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ.

بۇنىڭ ئەكسىچە، مەككەدە مۇقىم تۇرىدىغان كىشىگە ياكى ھەج ئىفراد قىلىشنى نىيەت قىلغانلارغا ھەج ئۈچۈن قىلىنىدىغان بۇ «ھەدىيە قۇربانلىق» ۋاجىب ئەمەس. لېكىن، ھەجگە بارمىغانلار يۇرتلىرىدا قىلىدىغان ئادەتتىكى قۇربانلىق ئۇلارغىمۇ ۋاجىبتۇر.

يىغىپ ئېيتقاندا، «ھەج تەمەتتۇﺋ» ياكى «ھەج قىران»غا بارغانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن (ئادەتتىكى) قۇربانلىق قىلمايدۇ. يۇرتىدا قالغان بالىۋاقىلىرى ئايرىم قۇربانلىق قىلىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1443، 2 – زۇلھەججە / م. 2022، 1 – ئىيۇل


1. ۋىدالىشش ھەجى / ھەججەتۇلۋەداﺋ (حَجَّةُ الْوَدَاعِ): ھىجرەتنىڭ 6 – يىلى ھەج پەرز قىلىنىپ، تۆت يىلدىن كېيىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن ئۈچ ئاي مۇقەددەم ئادا قىلغان، پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى ۋە ئاخىرقى ھەج ئىبادىتىدۇر. بۇ ھ. 10 / م. 632 – يىلى ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنداپ، نۇرغۇن مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە قىلغان بۇ ھەجىدە مۇسۇلمانلار بىلەن ۋىدالاشقانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەج «ۋىدالىشىش ھەجى»، ئاللاھنىڭ شەرىئەتىنى سۆزىدە ۋە ئەمەلىيىتىدە تولۇق يەتكۈزۈپ بولغانلىقى ئۈچۈن «يەتكۈزۈش ھەجى (حَجَّةُ الْبَلَاغِ)» دەپ ئاتالغان. بۇ ھەجدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىسلام شەرىئەتى ھەققىدە توختىلىپ نۇتۇق سۆزلىگەن ۋە مۇسۇلمانلارغا دىن ئىشلىرىدىن تەلىم بەرگەن. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ دىننى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلغانلىقىغا ئاۋۋال ئاللاھنى، ئاندىن مۇسۇلمانلارنى گۇۋاھ قىلغان. شۇ جۈمە كۈنى ئەرافاتتىكى چاغدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مۇنۇ ئايەت نازىل بولغان: ﴿ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺩﯨﻨﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯧﺌﻤﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺪﯨﻢ، ئىسلامنى ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﯖﻼﺭ قىلىشقا ﺭﺍﺯﻯ بولدۇم﴾(5/«مائىدە»: 3). ھەجدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈچ ئاي ياشىغان ۋە ئۇ ئايلاردا ھالال – ھارامغا ئالاقىدار ھۆكۈم ۋەھيى قىلىنمىغان. قاراڭ: «ﺋﻮ. ﺋﯩ. ﺋﯧ»، 498 – بەت.
2. ئىبنۇلقاسىم: «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 1 – ج، 550 – بەت؛ شافىئىي: «ئەلئۇم»، 2 – ج، 225 – بەت؛ سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 12 – ج، 13 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8 – ج، 383 – بەت؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 7 – ج، 272 – بەت؛ نەفراۋىي: «ئەلفەۋاكىھۇددەۋەنىي»، 2 – ج، 843 – بەت؛ زەبىيدىي: «ئەلجەۋھەرەتۇننەييىرە»، 2 – ج، 220 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3 – ج، 220 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago