«ئەبجەد ھېسابى» دېگەن ئۇقۇم توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز! «‹ئەبجەد ھېسابى› دېگەن ئۇقۇم توغرىسىدا مەلۇمات ئالاي» دېگەن ئىدىم. مۇمكىن بولسا، مۇشۇ ئىلتىجايىمغا مەرھەمەت قىلغان بولسىلا، رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەبجەد ھېسابى / حِسابُ الجُمَّلِ (الأَبْجَدِيَّة)» بىر خىل ھەرپلەر بىلەن ھېسابلاش ئۇسۇلى بولۇپ، ئەرەب يېزىقىدىكى 28 ھەرپنىڭ ھەربىرى بىرلىك، ئونلۇق ياكى يۈزلۈك مەلۇم ساننى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭدا 28 ھەرپ مۇنداق تەرتىپ بىلەن تىزىلىدۇ:

أبْجَدْ، هوز، حطِّي، كَلَمُنْ، سَعْفَص، قَرَشَتْ، ثَخَذْ، ضَظَغٌ

بۇلاردىن توققۇز ھەرپ بىرلىك سانلارغا، يەنە توققۇزى ئونلۇق سانلارغا، يەنە توققۇزى يۈزلۈك سانلارغا، بىرى مىڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. باشقا تىللاردىكى يېزىق ھەرپلىرىنىمۇ مۇشۇ تەرىقىدە خاھلىغانچە بېكىتىپ ئىشلىتىدۇ.

مەسىلەن، أ = 1، ب = 2، ج = 3، د = 4… ي = 10، ك = 20… ق = 100، ر = 200… غ = 1000.

بۇ خۇددى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلىتىلىۋاتقان كاربون IV ئوكسىد، XXI ئەسىر دېگەندەك رىم رەقەملىرىگە ئوخشايدۇ. مەسىلەن، رىم رەقىمى بىلەن 2022 – يىلى MMXXII دەپ ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭدا M = 1000.

يەھۇدىيلەرنىڭ ئىبرانىي ئېلىپبەسىدىمۇ ئەبجەد بار.

ئەبجەد ئۇسۇلى ئاساسەن بەزى تارىخلارنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلىدىغان بولۇپ، ئالاقىدار تارىخنى سان – سېپىر بىلەن يازماي، گاھىدا بىر كەلىمە، گاھىدا بىر جۈملە ياكى بىر مىسرا بېيىت بىلەن يازىدۇ. مانا شۇ كەلىمە ياكى جۈملە ۋەياكى بېيىتنىڭ ھەربىر ھەرپىنى شۇ ھەرپ ۋەكىللىك قىلىدىغان سانغا ئالماشتۇرغاندا، ئەسلىدە دېمەكچى بولغان ۋاقىت (بەزىدە پەقەتلا يىل، بەزىدە كۈن \ ئاي \ يىل) چىقىدۇ. بۇنى شائىرلار، يازغۇچىلار كۆپ ئىشلىتىدۇ.

مەسىلەن، «ئەتتۇھفە» ناملىق نەزمىي ئەسەرنىڭ مۇئەللىفى ئەسەرىنىڭ ئاخىرىنى مۇنۇ بېيىت بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ:

أَبْيَاتُهُ نَدٌّ بَدَا لِذِي النُّهَى ** تَارِيخُهَا بُشْرَى لِمَنْ يُتْقِنُهَا

يەنى

بۇ ئەسەرنىڭ بېيىتلىرى ئەقىل ئىگىلىرىگە ئايان بولدى.

تارىخى ئۇنى پۇختا ئىگىلىگەنلەرگە خۇش بېشارەت بولدى.

بۇ بېيىتتىكى «أَبْيَاتُهُ»دىن كېيىنكى («نَدٌّ بَدَا …»دىكى) ھەرپلەرنى ئەبجەد ھېسابى بىلەن ھېسابلايدىغان بولساق، ن = 50، د = 4، ب = 2، … مەزكۇر نەزمنىڭ بېيىت سانى جەمئىي 61 بېيىت ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

«بُشْرَى = 712، لِمَنْ = 120، يُتْقِنُهَا = 566» دېگەن ئىبارىنىڭ ھەرپلىرىنى قوشۇپ ھېسابلىساق، ئۇ ئەسەرنى يازغان تارىخ ھىجرىيە 1398 – يىل ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

بۇ مۇشۇ تەرىقىدە ھېسابلاشتا ۋە شىفىرلاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇل بولۇپ، بۇ ئۆز ئالدىغا مېتودى بار بىر ئىلىم ئەمەس. بۇ ئۇسۇل بىزنىڭ دىنىمىزغا، شەرىئەتكە ھېچقانداق ئالاقىسىز. بۇ دائىرىدە ئىشلەتسە جائىز. لېكىن، تارىختىن بۇيان بۇنى سېھرىگەرلەر، تەسەۋۋۇف ئەھلى، شىئەلەر، باتىنىيلەر ۋە يەھۇدىي – خرىستىيانلار پال ئېچىش، سېھىر، غەيبنى بىلىشنى دەۋا قىلىش ۋە ئاجايىب – غارايىب ئىشلارنى ھەقىقەتتەك قىلىپ كۆرسىتىشكە ياكى بەزىبىر بۇزۇق ئەقىدىلىرىنى بازارغا سېلىشقا ئىشلەتكەن. مەسىلەن، يەھۇدىيلەر ۋە بەزىلەر سۈرە بېشىدىكى ھەرپلەرنى بىر خىل ئۇسۇللاردا ھېسابلاپ، قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بېكىتمەكچى بولغان. يەنە بەزىلىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى ئېتىقادىنى توغرا قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغان. بۇ ھەقتە ئىمام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىي – خرىستىيانلارنىڭ ئازغۇنلۇقلىرىدا، پەيلاسوپ ۋە مۇنەججىملەردىن چىققان سابىئىيلەر ۋە مۇشرىكلەرنىڭ ئازغۇنلۇقلىرىدا بار بولغان بۇ تۈرلۈك ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلار ئىسلام دىنىمىزنىڭ سىرتىدىكى ئىشلاردۇر. يەنى دىنىمىزدا ھارام قىلىنغان ئىشلاردۇر. شۇڭا، ھەربىر كۈچ ئىگىسى ئىلىم، تىل، قەلەم ۋە كۈچ بىلەن ئۇنى تەنقىد قىلىشى، ئۇنى چەكلىشى كېرەك. مانا بۇ ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان ئەڭ كاتتا ئەمرىمەرۇپ – نەھيىمۇنكەر جۈملىسىدىندۇر. ئۇنداق قىلمىشلارنى قىلغانلار پەيغەمبەرلەرنىڭ دۈشمەنلىرى، مىللەتلەرنىڭ ماڭقۇرتلىرىدۇر»(1).

شۇڭلاشقا، «قۇرئان» تەفسىرى ياكى كېلەچەكنى بىلىش قاتارلىق ئىشلاردا بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش، بۇنى ئىلاھىي مەنبەدىن كەلگەن ئىلىم دەپ قارىۋېلىش كۇفۇر ۋە ئازغۇنلۇققا ئېلىپ بارىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

ھ. 1443، 26 – رامازان / م. 2022، 27 – ئاپرېل


1. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 35 – ج، 190 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago